第三十四条 网络运营者应当加强对其用户发布的信息的管理,配合监察机关、保密行政管理部门、公安机关、国家安全机关对涉嫌泄露国家秘密案件进行调查处理;发现利用互联网及其他公共信息网络发布的信息涉嫌泄露国家秘密的,应当立即停止传输该信息,保存有关记录,向保密行政管理部门或者公安机关、国家安全机关报告;应当根据保密行政管理部门或者公安机关、国家安全机关的要求,删除涉及泄露国家秘密的信息,并对有关设备进行技术处理。
34-ماددا تور تىجارىتى قىلغۇچىلار ئابۇنىچىلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رېۋىزىيە ئورگىنى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ماسلىشىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا چېتىشلىق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛
ئالاقە تورى ۋە باشقا ئاممىۋى ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش گۇمانى بارلىقىنى بايقىغاندا، شۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى دەرھال توختىتىپ، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ساقلاپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دوكلات قىلىش كېرەك؛
مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.