中华人民共和国注册会计师法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق قانۇنى

(1993年10月31日第八届全国人民代表大会常务委员会第四次会议通过 根据2014年8月31日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改<中华人民共和国保险法>等五部法律的决定》修正)

( 1993 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2014 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 31-كۈنى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دۆلەت قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى > قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 考试和注册

2-باب ئىمتىھان ئېلىش ۋە تىزىملىتىش

第三章 业务范围和规则

ئۈچىنچى باب كەسىپ دائىرىسى ۋە قائىدىسى

第四章 会计师事务所

4-باب بوغالتىرلىق ئورنى

第五章 注册会计师协会

5-باب رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了发挥注册会计师在社会经济活动中的鉴证和服务作用,加强对注册会计师的管理,维护社会公共利益和投资者的合法权益,促进社会主义市场经济的健康发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتتىكى دەلىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 注册会计师是依法取得注册会计师证书并接受委托从事审计和会计咨询、会计服务业务的执业人员。

2-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر قانۇن بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە بوغالتىرلىق مەسلىھەتچىلىكى، بوغالتىرلىق مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان كەسىپكارلاردۇر.

第三条 会计师事务所是依法设立并承办注册会计师业务的机构。

3-ماددا بوغالتىرلىق ئورنى قانۇن بويىچە بوغالتىرلىق كەسپىنى تەسىس قىلىدىغان ھەمدە رويخەتكە ئالدۇرغان ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.

注册会计师执行业务,应当加入会计师事务所。

رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار كەسىپنى ئىجرا قىلغاندا، بوغالتىرلىق ئورنىغا كىرىشى كېرەك.

第四条 注册会计师协会是由注册会计师组成的社会团体。中国注册会计师协会是注册会计师的全国组织,省、自治区、直辖市注册会计师协会是注册会计师的地方组织。

4-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ تەشكىلاتى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق قىلىدىغان يەرلىك تەشكىلاتتۇر.

第五条 国务院财政部门和省、自治区、直辖市人民政府财政部门,依法对注册会计师、会计师事务所和注册会计师协会进行监督、指导。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر، بوغالتىرلىق ئورنى ۋە رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق جەمئىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

第六条 注册会计师和会计师事务所执行业务,必须遵守法律、行政法规。

6-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق ۋە بوغالتىرلىق ئورنى كەسىپ ئىجرا قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى شەرت.

注册会计师和会计师事务所依法独立、公正执行业务,受法律保护。

رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق ۋە بوغالتىرلىق ئورنى كەسىپلەرنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل ئىجرا قىلىدۇ، ئۇنى قانۇن قوغدايدۇ.

第二章 考试和注册

2-باب ئىمتىھان ئېلىش ۋە تىزىملىتىش

第七条 国家实行注册会计师全国统一考试制度。注册会计师全国统一考试办法,由国务院财政部门制定,由中国注册会计师协会组织实施。

7-ماددا دۆلەت رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىقتىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىقتىن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى تۈزىدۇ، جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第八条 具有高等专科以上学校毕业的学历、或者具有会计或者相关专业中级以上技术职称的中国公民,可以申请参加注册会计师全国统一考试;具有会计或者相关专业高级技术职称的人员,可以免予部分科目的考试。

8-ماددا ئالىي مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياكى بوغالتىرلىق ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە جۇڭگو پۇقرالىرى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىقنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ بوغالتىرلىق ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە خادىملار قىسمەن پەنلەر ئىمتىھانىدىن كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

第九条 参加注册会计师全国统一考试成绩合格,并从事审计业务工作二年以上的,可以向省、自治区、直辖市注册会计师协会申请注册。

9-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىقنىڭ مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق جەمئىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

除有本法第十条所列情形外,受理申请的注册会计师协会应当准予注册。

مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان رويخەتكە ئالدۇرغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

第十条 有下列情形之一的,受理申请的注册会计师协会不予注册:

10-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىنمايدۇ :

(一)不具有完全民事行为能力的;

( 1 ) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغانلار؛

(二)因受刑事处罚,自刑罚执行完毕之日起至申请注册之日止不满五年的;

( 2 ) جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچراپ، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە 5 يىلغا توشمىغان بولسا؛

(三)因在财务、会计、审计、企业管理或者其他经济管理工作中犯有严重错误受行政处罚、撤职以上处分,自处罚、处分决定之日起至申请注册之日止不满二年的;

( 3 ) مالىيە، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىش، كارخانا باشقۇرۇش ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي جازا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن يۇقىرى جازا بېرىلگەن، جازا، جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە 2 يىلغا توشمىغانلار؛

(四)受吊销注册会计师证书的处罚,自处罚决定之日起至申请注册之日止不满五年的;

( 4 ) رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسىغا ئۇچراپ، جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە 5 يىلغا توشمىغانلار؛

(五)国务院财政部门规定的其他不予注册的情形的。

( 5 ) گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بەلگىلىگەن رويخەتكە ئالدۇرمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

第十一条 注册会计师协会应当将准予注册的人员名单报国务院财政部门备案。国务院财政部门发现注册会计师协会的注册不符合本法规定的,应当通知有关的注册会计师协会撤销注册。

11-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا يوللىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، رويخەتكە ئېلىنغان مۇناسىۋەتلىك بوغالتىرلار جەمئىيىتىگە رويخەتكە ئېلىشنى بىكار قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

注册会计师协会依照本法第十条的规定不予注册的,应当自决定之日起十五日内书面通知申请人。申请人有异议的,可以自收到通知之日起十五日内向国务院财政部门或者省、自治区、直辖市人民政府财政部门申请复议。

رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتكە ئېلىنمىسا، قارار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第十二条 准予注册的申请人,由注册会计师协会发给国务院财政部门统一制定的注册会计师证书。

12-ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىرتۇتاش چىقارغان رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسىنى بېرىدۇ.

第十三条 已取得注册会计师证书的人员,除本法第十一条第一款规定的情形外,注册后有下列情形之一的,由准予注册的注册会计师协会撤销注册,收回注册会计师证书:

13-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان خادىملاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى رويخەتكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىشنى بىكار قىلىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ :

(一)完全丧失民事行为能力的;

( 1 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلار؛

(二)受刑事处罚的;

( 2 ) جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار؛

(三)因在财务、会计、审计、企业管理或者其他经济管理工作中犯有严重错误受行政处罚、撤职以上处分的;

( 3 ) مالىيە، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىش، كارخانا باشقۇرۇش ياكى باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي جازا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن يۇقىرى جازا بېرىلگەنلەر؛

(四)自行停止执行注册会计师业务满一年的。

( 4 ) رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق كەسپىنى ئىجرا قىلىشنى ئۆزلۈكىدىن توختاتقىنىغا بىر يىل توشقان بولسا.

被撤销注册的当事人有异议的,可以自接到撤销注册、收回注册会计师证书的通知之日起十五日内向国务院财政部门或者省、自治区、直辖市人民政府财政部门申请复议。

رويخەتكە ئالدۇرۇش بىكار قىلىنغان توختاملاشقۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، رويخەتكە ئېلىشنى بىكار قىلىش، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

依照第一款规定被撤销注册的人员可以重新申请注册,但必须符合本法第九条、第十条的规定。

1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش بىكار قىلىنغان خادىملار رويخەتكە ئېلىشنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 9-، 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت.

第三章 业务范围和规则

ئۈچىنچى باب كەسىپ دائىرىسى ۋە قائىدىسى

第十四条 注册会计师承办下列审计业务:

14-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر تۆۋەندىكى ئىقتىسادىي تەپتىش كەسىپلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ :

(一)审查企业会计报表,出具审计报告;

( 1 ) كارخانىنىڭ بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى يېزىش؛

(二)验证企业资本,出具验资报告;

( 2 ) كارخانا كاپىتالىنى دەلىللەپ، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىش؛

(三)办理企业合并、分立、清算事宜中的审计业务,出具有关的报告;

( 3 ) كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئايرىش، ھېسابات ئېنىقلاش ئىشلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىنى بېجىرىپ، مۇناسىۋەتلىك دوكلات بېرىش؛

(四)法律、行政法规规定的其他审计业务。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسىپلىرى.

注册会计师依法执行审计业务出具的报告,具有证明效力。

رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش داۋامىدا بەرگەن دوكلات ئىسپات كۈچىگە ئىگە.

第十五条 注册会计师可以承办会计咨询、会计服务业务。

15-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر بوغالتىرلىق مەسلىھەتچىلىكى، بوغالتىرلىق مۇلازىمىتى كەسپىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

第十六条 注册会计师承办业务,由其所在的会计师事务所统一受理并与委托人签订委托合同。

16-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر كەسىپلەرنى بېجىرىشنى ئۆزىنىڭ بوغالتىرلىق ئورنى بىرتۇتاش قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە توختامى ئىمزالايدۇ.

会计师事务所对本所注册会计师依照前款规定承办的业务,承担民事责任。

بوغالتىرخانا شۇ رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان كەسىپتە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第十七条 注册会计师执行业务,可以根据需要查阅委托人的有关会计资料和文件,查看委托人的业务现场和设施,要求委托人提供其他必要的协助。

17-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق كەسىپ ئىجرا قىلىشتا، ئېھتىياجغا قاراپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ۋە ھۆججەتلىرىنى كۆرۈپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كەسىپ نەق مەيدانى ۋە ئەسلىھەلىرىنى كۆرۈپ، ھاۋالە قىلغۇچىدىن باشقا زۆرۈر ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第十八条 注册会计师与委托人有利害关系的,应当回避;委托人有权要求其回避。

18-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك؛ ھاۋالە قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第十九条 注册会计师对在执行业务中知悉的商业秘密,负有保密义务。

19-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ كەسىپ ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

第二十条 注册会计师执行审计业务,遇有下列情形之一的,应当拒绝出具有关报告:

20-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىنى ئىجرا قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇقسا، مۇناسىۋەتلىك دوكلات بېرىشنى رەت قىلىشى كېرەك :

(一)委托人示意其作不实或者不当证明的;

( 1 ) ھاۋالە قىلغۇچى ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى نامۇۋاپىق ئىسپات بېرىشكە ئىشارەت قىلغان بولسا؛

(二)委托人故意不提供有关会计资料和文件的;

( 2 ) ھاۋالە قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ۋە ھۆججەتلىرىنى قەستەن تەمىنلەپ بەرمىسە؛

(三)因委托人有其他不合理要求,致使注册会计师出具的报告不能对财务会计的重要事项作出正确表述的。

( 3 ) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ باشقا نامۇۋاپىق تەلەپلىرى تۈپەيلىدىن، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر چىقارغان دوكلاتتا مالىيە-بوغالتىرلىق ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئىشلارنى توغرا بايان قىلغىلى بولمىسا.

第二十一条 注册会计师执行审计业务,必须按照执业准则、规则确定的工作程序出具报告。

21-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى ئىجرا قىلىشتا، كەسىپكارلىق مىزانى، قائىدىسىدە بېكىتىلگەن خىزمەت تەرتىپى بويىچە دوكلات بېرىشى شەرت.

注册会计师执行审计业务出具报告时,不得有下列行为:

رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىنى ئىجرا قىلىپ دوكلات بەرگەندە، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ :

(一)明知委托人对重要事项的财务会计处理与国家有关规定相抵触,而不予指明;

( 1 ) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مۇھىم ئىشلارنى مالىيە-بوغالتىرلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىسە؛

(二)明知委托人的财务会计处理会直接损害报告使用人或者其他利害关系人的利益,而予以隐瞒或者作不实的报告;

( 2 ) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مالىيە-بوغالتىرلىق باشقارمىسىنىڭ دوكلات قىلغۇچى ياكى باشقا مەنپەئەتدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان ياكى يالغان دوكلات قىلغان بولسا؛

(三)明知委托人的财务会计处理会导致报告使用人或者其他利害关系人产生重大误解,而不予指明;

( 3 ) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مالىيە-بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دوكلاتنى ئىشلەتكۈچى ياكى باشقا مەنپەئەتدارلاردا زور ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەسلىك؛

(四)明知委托人的会计报表的重要事项有其他不实的内容,而不予指明。

( 4 ) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىدىكى مۇھىم ئىشلاردا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان باشقا مەزمۇنلار بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەسلىك.

对委托人有前款所列行为,注册会计师按照执业准则、规则应当知道的,适用前款规定。

ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھەرىكىتىنى كەسىپكارلىق مىزانى، قائىدىسى بويىچە بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二十二条 注册会计师不得有下列行为:

22-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ :

(一)在执行审计业务期间,在法律、行政法规规定不得买卖被审计单位的股票、债券或者不得购买被审计单位或者个人的其他财产的期限内,买卖被审计单位的股票、债券或者购买被审计单位或者个人所拥有的其他财产;

( 1 ) ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىنى ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ پاي چېكى، زايومىنى ئېلىپ-سېتىشقا بولمايدىغانلىقى ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ياكى شەخسنىڭ باشقا مال-مۈلكىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇندىكى پاي چېكى، زايومنى ئېلىپ-سېتىش ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچىنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئىگە بولغان باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىش؛

(二)索取、收受委托合同约定以外的酬金或者其他财物,或者利用执行业务之便,谋取其他不正当的利益;

( 2 ) ھاۋالە توختامىدا پۈتۈشكەندىن باشقا ئىش ھەققى ياكى باشقا پۇل-مال ئېلىش، ئېلىش ياكى كەسىپ ئىجرا قىلىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛

(三)接受委托催收债款;

( 3 ) قەرز پۇلىنى سۈيلەپ يىغىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش؛

(四)允许他人以本人名义执行业务;

( 4 ) باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا كەسىپ ئىجرا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش؛

(五)同时在两个或者两个以上的会计师事务所执行业务;

( 5 ) ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بوغالتىرلىق ئورنىدا بىرلا ۋاقىتتا كەسىپ ئىجرا قىلىش؛

(六)对其能力进行广告宣传以招揽业务;

( 6 ) ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا قارىتا ئېلان تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ خېرىدار چاقىرىش كەسپى؛

(七)违反法律、行政法规的其他行为。

( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

第四章 会计师事务所

4-باب بوغالتىرلىق ئورنى

第二十三条 会计师事务所可以由注册会计师合伙设立。

23-ماددا بوغالتىرلىق ئورنىنى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر شېرىكلىشىپ قۇرسا بولىدۇ.

合伙设立的会计师事务所的债务,由合伙人按照出资比例或者协议的约定,以各自的财产承担责任。合伙人对会计师事务所的债务承担连带责任。

شېرىكلىشىپ قۇرۇلغان بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ قەرزىگە شېرىكلەر مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى ياكى كېلىشىمدىكى پۈتۈم بويىچە ئۆز مال-مۈلكى ئارقىلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شېرىكلەر بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ قەرزىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十四条 会计师事务所符合下列条件的,可以是负有限责任的法人:

24-ماددا بوغالتىرلىق ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشىدىغانلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەتچان قانۇنىي ئىگە بولسا بولىدۇ :

(一)不少于三十万元的注册资本;

( 1 ) رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال 300 مىڭ يۈەندىن كەم بولماسلىق؛

(二)有一定数量的专职从业人员,其中至少有五名注册会计师;

( 2 ) بەلگىلىك ساندا مەخسۇس كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە بەش نەپەر رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر بولۇش؛

(三)国务院财政部门规定的业务范围和其他条件。

( 3 ) گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى بەلگىلىگەن كەسىپ دائىرىسى ۋە باشقا شەرتلەر.

负有限责任的会计师事务所以其全部资产对其债务承担责任。

چەكلىك مەسئۇلىيەتچان بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق مۈلكى ئۇنىڭ قەرزىگە جاۋابكار بولىدۇ.

第二十五条 设立会计师事务所,由省、自治区、直辖市人民政府财政部门批准。

25-ماددا بوغالتىرلىق ئورنى قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلايدۇ.

申请设立会计师事务所,申请者应当向审批机关报送下列文件:

بوغالتىرلىق ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللىشى كېرەك :

(一)申请书;

( 1 ) ئىلتىماسنامە؛

(二)会计师事务所的名称、组织机构和业务场所;

( 2 ) بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە كەسپىي سورۇنى؛

(三)会计师事务所章程,有合伙协议的并应报送合伙协议;

( 3 ) بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسىدە شېرىكلىك كېلىشىمى بولسا ھەمدە شېرىكلىك كېلىشىمىنى يوللىشى كېرەك؛

(四)注册会计师名单、简历及有关证明文件;

( 4 ) رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ ئىسىملىكى، قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججەتلىرى؛

(五)会计师事务所主要负责人、合伙人的姓名、简历及有关证明文件;

( 5 ) بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، شېرىكلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججەتلىرى؛

(六)负有限责任的会计师事务所的出资证明;

( 6 ) چەكلىك مەسئۇلىيەتچان بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتى؛

(七)审批机关要求的其他文件。

( 7 ) تەستىقلىغۇچى ئورگان تەلەپ قىلغان باشقا ھۆججەتلەر.

第二十六条 审批机关应当自收到申请文件之日起三十日内决定批准或者不批准。

26-ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماس ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاشنى قارار قىلىشى ياكى تەستىقلىماسلىقى كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府财政部门批准的会计师事务所,应当报国务院财政部门备案。国务院财政部门发现批准不当的,应当自收到备案报告之日起三十日内通知原审批机关重新审查。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلىغان بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى تەستىقلاشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بايقىسا، ئەنگە ئېلىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئەسلىي تەستىقلىغۇچى ئورگانغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第二十七条 会计师事务所设立分支机构,须经分支机构所在地的省、自治区、直辖市人民政府财政部门批准。

27-ماددا بوغالتىرلىق ئورنى تارماق ئاپپارات قۇرۇشتا، تارماق ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت.

第二十八条 会计师事务所依法纳税。

28-ماددا بوغالتىرلىق ئورنى قانۇن بويىچە باج تاپشۇرىدۇ.

会计师事务所按照国务院财政部门的规定建立职业风险基金,办理职业保险。

بوغالتىرلىق ئورنى گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي خەۋپ-خەتەر فوندى تەسىس قىلىدۇ، كەسپىي سۇغۇرتا بېجىرىدۇ.

第二十九条 会计师事务所受理业务,不受行政区域、行业的限制;但是,法律、行政法规另有规定的除外。

29-ماددا بوغالتىرلىق ئورنى كەسىپ قوبۇل قىلىدۇ، مەمۇرىي رايون، ساھەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三十条 委托人委托会计师事务所办理业务,任何单位和个人不得干预。

30-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى بوغالتىرلىق ئورنىغا كەسىپ بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第三十一条 本法第十八条至第二十一条的规定,适用于会计师事务所。

31-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىن 21-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەر بوغالتىرلىق ئورۇنلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

第三十二条 会计师事务所不得有本法第二十二条第(一)项至第(四)项、第(六)项、第(七)项所列的行为。

32-ماددا بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىن ( 4 ) تارماقچىسىگىچە، ( 6 ) تارماقچىسى ۋە ( 7 ) تارماقچىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولمايدۇ.

第五章 注册会计师协会

5-باب رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى

第三十三条 注册会计师应当加入注册会计师协会。

33-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك.

第三十四条 中国注册会计师协会的章程由全国会员代表大会制定,并报国务院财政部门备案;省、自治区、直辖市注册会计师协会的章程由省、自治区、直辖市会员代表大会制定,并报省、自治区、直辖市人民政府财政部门备案。

34-ماددا جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى تۈزىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوننىڭ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئەزالار قۇرۇلتىيى تۈزىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

第三十五条 中国注册会计师协会依法拟订注册会计师执业准则、规则,报国务院财政部门批准后施行。

35-ماددا جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مىزانى، قائىدىسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

第三十六条 注册会计师协会应当支持注册会计师依法执行业务,维护其合法权益,向有关方面反映其意见和建议。

36-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ ئىجرا قىلىشىنى قوللىشى، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئالاقىدار تەرەپلەرگە پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

第三十七条 注册会计师协会应当对注册会计师的任职资格和执业情况进行年度检查。

37-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى يىللىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

第三十八条 注册会计师协会依法取得社会团体法人资格。

38-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار جەمئىيىتى قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第三十九条 会计师事务所违反本法第二十条、第二十一条规定的,由省级以上人民政府财政部门给予警告,没收违法所得,可以并处违法所得一倍以上五倍以下的罚款;情节严重的,并可以由省级以上人民政府财政部门暂停其经营业务或者予以撤销。

39-ماددا بوغالتىرلىق ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20-، 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كەسپىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ۋاقتىنچە توختاتسا ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ.

注册会计师违反本法第二十条、第二十一条规定的,由省级以上人民政府财政部门给予警告;情节严重的,可以由省级以上人民政府财政部门暂停其执行业务或者吊销注册会计师证书。

رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20-، 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجرا كەسپىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ۋاقتىنچە توختاتسا ياكى رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

会计师事务所、注册会计师违反本法第二十条、第二十一条的规定,故意出具虚假的审计报告、验资报告,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

بوغالتىرلار ئورنى، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20-، 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قەستەن ساختا ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第四十条 对未经批准承办本法第十四条规定的注册会计师业务的单位,由省级以上人民政府财政部门责令其停止违法活动,没收违法所得,可以并处违法所得一倍以上五倍以下的罚款。

40-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق كەسپىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

第四十一条 当事人对行政处罚决定不服的,可以在接到处罚通知之日起十五日内向作出处罚决定的机关的上一级机关申请复议;当事人也可以在接到处罚决定通知之日起十五日内直接向人民法院起诉。

41-ماددا ئالاقىدارلار مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىكى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار جازا قارارى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

复议机关应当在接到复议申请之日起六十日内作出复议决定。当事人对复议决定不服的,可以在接到复议决定之日起十五日内向人民法院起诉。复议机关逾期不作出复议决定的,当事人可以在复议期满之日起十五日内向人民法院起诉。

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىسا، توختاملاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

当事人逾期不申请复议,也不向人民法院起诉,又不履行处罚决定的,作出处罚决定的机关可以申请人民法院强制执行。

دەۋالاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىقىشنى سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئىلتىماس قىلمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ دەۋا قىلمىغان ھەمدە جازا قارارىنى ئادا قىلمىغان بولسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第四十二条 会计师事务所违反本法规定,给委托人、其他利害关系人造成损失的,应当依法承担赔偿责任。

42-ماددا بوغالتىرلىق ئورنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچى ۋە باشقا مەنپەئەتدارلارغا زىيان سالسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第四十三条 在审计事务所工作的注册审计师,经认定为具有注册会计师资格的,可以执行本法规定的业务,其资格认定和对其监督、指导、管理的办法由国务院另行规定。

43-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىشخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رويخەتكە ئېلىنغان ئىقتىسادىي مۇپەتتىش رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ بېكىتىلسە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپلەرنى ئىجرا قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

第四十四条 外国人申请参加中国注册会计师全国统一考试和注册,按照互惠原则办理。

44-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھانى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە بولىدۇ.

外国会计师事务所需要在中国境内临时办理有关业务的,须经有关的省、自治区、直辖市人民政府财政部门批准。

چەت ئەل بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ۋاقىتلىق بېجىرمەكچى بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت.

第四十五条 国务院可以根据本法制定实施条例。

45-ماددا يولغا قويۇش نىزامىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقارسا بولىدۇ.

第四十六条 本法自1994年1月1日起施行。1986年7月3日国务院发布的《中华人民共和国注册会计师条例》同时废止。

46-ماددا بۇ قانۇن 1994-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1986-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.