( 1996-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى
3-باب خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى
4-باب خەۋەرلىشىش ۋە سىگنال
5-باب تارقاقلاشتۇرۇش
6-باب ئاممىۋى ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتلىرى
7-باب خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسى
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى − دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى.
دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاممىنى مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ، ھاۋا ھۇجۇمى خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ.
خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرۈش، نۇقتىلىق قۇرۇش، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ.
3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
4-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتىنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەركەز ئۈستىگە ئالىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتى مەركەز خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
5-ماددا دۆلەت خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېتىبار بېرىدۇ.
دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛
خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئادەتتە مەبلەغ سالغۇچى ئىشلىتىپ باشقۇرىدۇ، پايدىسى مەبلەغ سالغۇچىغا تەۋە بولىدۇ.
6-ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
چوڭ ھەربىي رايون گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بەرگەن ھوقۇقىغا ئاساسەن ئۆز رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە تەڭ دەرىجىلىك ھەربىي ئورگانلار شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
7-ماددا دۆلەتنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
چوڭ ھەربىي رايوننىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى مەسئۇل تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلان، يىرىك پىلان، قۇرۇلۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
8-ماددا بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە قوغداش ھوقۇقى بار، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى شەرت.
9-ماددا دۆلەت خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتمايدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىشى، ئىگىلىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي ئورگان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ياكى شەخسنى مۇكاپاتلايدۇ.
2-باب مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى
11-ماددا شەھەر خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.
دۆلەت شەھەرلەردە تۈر بويىچە مۇداپىئەلىنىشنى يولغا قويىدۇ.
شەھەر مۇداپىئەسىنىڭ تۈرى، مۇداپىئە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.
12-ماددا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈشى، زۆرۈر تاپقاندا مانېۋىر تەشكىللىسە بولىدۇ.
13-ماددا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى شەھەرنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
14-ماددا شەھەرنىڭ يەر ئاستى قاتناش غول لىنىيەلىرى، شۇنىڭدەك باشقا يەر ئاستى قۇرۇلۇشلىرىدا خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.
15-ماددا ئۇرۇش ۋاقتى ئۈچۈن ئاشلىق، تېببىي دورا، ياغلىق دان ۋە باشقا زۆرۈر ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش قۇرۇلۇشىنى يەر ئاستىغا ياكى باشقا يوشۇرۇنىدىغان جايلارغا سېلىش كېرەك.
16-ماددا مۇھىم ئىقتىسادىي نىشانغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش لايىھەسى تۈزۈشى شەرت.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مۇھىم ئىقتىسادىي نىشان مۇھىم سانائەت-كان-كارخانا، پەن تەتقىقات بازىسى، قاتناش تۈگۈنى، خەۋەرلىشىش تۈگۈنى، كۆۋرۈك، سۇ ئامبىرى، ئامبار، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
17-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ۋە ئىقتىسادىي نىشاندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.
تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ۋە زۆرۈر ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.
3-باب خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى
18-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئۇرۇش خادىملىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى يوشۇرۇش، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىگە قوماندانلىق قىلىش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئايرىم سېلىنغان يەر ئاستى مۇداپىئە قۇرۇلۇشلىرى، شۇنداقلا يەر يۈزى قۇرۇلۇشلىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ سېلىنغان ئۇرۇش مەزگىلىدە ھاۋا مۇداپىئەسىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەر ئاستى ئۆيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
19-ماددا دۆلەت خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش بولمىغان مۇداپىئە تەلىپى بويىچە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ.
20-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ئۇرۇش مەزگىلىدە پايدىلىنىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئادەتتىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ۋە قۇرۇلۇشىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.
21-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىق قۇرۇلۇشى، ئومۇم ئىشلىتىدىغان خادىملارنى يوشۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە غول يولنى تارقاقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ياساشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
داۋالاش-قۇتقۇزۇش، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق مەخسۇس قۇرۇلۇشلارنى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياساشقا مەسئۇل بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇن شۇ ئورۇننىڭ خادىم ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى يوشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياساشقا مەسئۇل بولىدۇ.
22-ماددا شەھەرلەردە يېڭىدىن پۇقراۋى ئىمارەت سېلىنىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھاۋا مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەر ئاستى ئۆيى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە سېلىنىدۇ.
23-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھەسى، قۇرۇلۇشى، سۈپىتى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى ۋە سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك قۇرۇلۇش يېرىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك؛
خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى شەھەرنىڭ يول، توك بېرىش، ئىسسقلىق بېرىش، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىش، خەۋەرلىشىش سىستېمىلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
25-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئاسراش-باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ.
ئاممىۋى ئىشلىتىلىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياسالغان ياكى ئىشلىتىلگەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاسراپ، باشقۇرۇپ، ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىتىش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك.
26-ماددا دۆلەت ئادەتتە خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
ئادەتتە خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىشتا، ئۇنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
27-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان مەشغۇلاتلاردا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشىگە ۋە تاشلاندۇق تۆكۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، خەلقنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدا پارتلاتقۇچ، ئۆتكۈر زەھەرلىك، ئاسان يانىدىغان، رادىيوئاكتىپلىق ۋە چىرىتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا، ساقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
28-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېقىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛
ھەقىقەتەن چېقىشقا توغرا كەلسە، خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت ھەمدە چېقىۋەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ سېلىش ياكى تولۇقلىما بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
4-باب خەۋەرلىشىش ۋە سىگنال
29-ماددا دۆلەت خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى، سىگنالىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى سىگنالىنى تېز، توغرا يەتكۈزىدۇ ۋە تارقىتىدۇ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىدۇ.
30-ماددا دۆلەتنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى، سىگنال قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە خەۋەرلىشىشى، سىگنال تورىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى، سىگنال قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلقنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى ۋە سىگنال تورىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ.
31-ماددا پوچتا-ئېلېكتىر تارمىقى، ئارمىيەنىڭ خەۋەرلىشىش تارمىقى ۋە خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ۋە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئالاقىسى، سىگنال قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئە خەۋەرلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
32-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىنىڭ خەۋەرلىشىش، سىگنال تورى قۇرۇشقا كېرەكلىك ئېلېكتىر يولى، چاستوتىسىنى پوچتا-ئېلېكتىر تارمىقى، ئارمىيەنىڭ خەۋەرلىشىش تارمىقى، رادىيو باشقۇرۇش ئاپپاراتى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك؛
خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى، ئاگاھ سىگنالى ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشتا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياكى شەخسلەر قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.
دۆلەت خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسىگە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس چاستوتا ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنىڭ ياڭراق سىگنالىنى ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، ئارىلاشتۇرۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
33-ماددا خەۋەرلىشىش، رادىيو، تېلېۋىزىيە سىستېمىسىدا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى ئالدىن يەتكۈزۈش، تارقىتىش شەرت.
34-ماددا ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا ھاۋا ئاخباراتىنى يوللىشى، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنى مەشىقلەندۈرۈشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
35-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى، ئاگاھ ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىتىلىش ھالىتىنى ساقلاش شەرت.
ئالاقىدار ئورۇنلاردا تەسىس قىلىنغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئورنى ئاسرايدۇ، باشقۇرىدۇ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىشكە تەشكىللىسە بولىدۇ؛
ھەمدە سىناق تەرىقىسىدە سىگنال بېرىلىدىغان بەش كۈندىن بۇرۇن ئېلان چىقىرىدۇ.
36-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە خەۋەرلىشىش، ئاگاھ ئەسلىھەلىرى ئادەتتە خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
5-باب تارقاقلاشتۇرۇش
37-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تارقاقلاشتۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ.
خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تارقاقلاشتۇرۇشتا دۆلەت چىقارغان بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرۈش شەرت، ھەر قانداق تەشكىلات ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلسا بولمايدۇ.
38-ماددا شەھەر خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ تۈزىدۇ.
ئالدىن بەلگىلەنگەن تارقاقلاشتۇرۇلغان رايونلارنى شۇ مەمۇرىي رايوندا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ؛
شۇ مەمۇرىي رايوندىن ھالقىپ ئۆتىدىغانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.
39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، شەھەرلەردىكى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئاھالىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ماددىي ئەشيالارنى ساقلاش، توشۇش، تەمىنلەش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
40-ماددا يېزا ئاھالىسىنى زۆرۈر تارقاقلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى يېقىن ئەتراپ پىرىنسىپى بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
6-باب ئاممىۋى ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتلىرى
41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ئاممىۋى ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتى قۇرۇشى كېرەك.
ئاممىۋى ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە خەتەردىن، جىددىي رېمونت قىلىش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئوت ئۆچۈرۈش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-مىكروب يوقىتىش، دېزىنفېكسىيەلەش ۋە يۇقۇملىنىشنى تۈگىتىش، خەۋەرلىشىش ئالاقىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى جىددىي توشۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئادەتتە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تارماقلارغا ياردەملىشىپ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
42-ماددا ئاممىۋى ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتىنى تۆۋەندىكى تارماقلار مەسئۇل بولۇپ قۇرىدۇ :
( 1 ) شەھەر قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ئىشلار، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تارماقلار خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى قۇرۇش؛
( 2 ) سەھىيە، تېببىي دورا تارمىقى داۋالاش قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇرىدۇ؛
( 3 ) جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى تەشكىللەيدۇ؛
( 4 ) سەھىيە، خىمىيە سانائىتى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار خىمىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتى قۇرۇش؛
( 5 ) پوچتا-تېلېگراف تارماقلىرى خەۋەرلىشىش ئەترىتى قۇرۇش؛
( 6 ) قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى تىرانسپورت ئەترىتى قۇرىدۇ.
قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
43-ماددا ئاممىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتلىرىغا كېرەكلىك جابدۇق، سايمان ۋە خىراجەتنى خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ۋە تەشكىل قىلغۇچى ئورۇن تەمىنلەيدۇ.
44-ماددا ئاممىۋى ھاۋا مۇداپىئە تەشكىلاتلىرى خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن مەشىق پىروگراممىسى ۋە مەشىق پىلانىغا ئاساسەن كەسپىي مەشىق قىلىشى كېرەك.
7-باب خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسى
45-ماددا دۆلەت خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنى دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
46-ماددا دۆلەتنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسى پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ، تەربىيە مەزمۇنىنى بەلگىلەيدۇ.
مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسىنى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى ۋە خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلاردىكى خادىملارغا قارىتىلغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسىنى ئۆز ئورنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛
باشقا خادىملارغا قارىتىلغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسىنى شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
47-ماددا ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىشى كېرەك.
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
48-ماددا شەھەرلەردە يېڭىدىن پۇقراۋى ئىمارەت سېلىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھاۋا مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەر ئاستى ئۆيىنى سالمىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى توختاملاشقۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
49-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى توختاملاشقۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، ئورۇنغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك :
( 1 ) خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىۋالغانلار؛
( 2 ) خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇداپىئە ئۆلچىمى ۋە سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە قىلمىغانلار؛
( 3 ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەن، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇۋەتكەن ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر؛
( 4 ) خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن تولۇقلاپ سېلىشنى رەت قىلغانلار؛
( 5 ) خەلق ھاۋا مۇداپىئە خەۋەرلىشىشىنىڭ مەخسۇس چاستوتىسىنى ئىگىلىۋالغان، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىغا ئوخشاش ئاۋاز سىگنالىنى ئىشلەتكەن ياكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئالاقىسى، سىگنال ئۈسكۈنىلىرى-ئەسلىھەلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەنلەر؛
( 6 ) خەلق ھاۋا مۇداپىئە خەۋەرلىشىشى، ئاگاھ ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار؛
( 7 ) خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز قويۇپ بەرگەنلەر ياكى تاشلاندۇق تاشلىغانلار.
50-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن ياكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدا پارتلاتقۇچ، ئۆتكۈر زەھەر، يېنىشچان، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغانلار جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
51-ماددا خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
52-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.
53-ماددا بۇ قانۇن 1997-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.