(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2021年8月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第三十次会议通过)
( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 个人信息处理规则
ئىككىنچى باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第二节 敏感个人信息的处理规则
2-پاراگراف سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى
第三节 国家机关处理个人信息的特别规定
3-پاراگراف دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى
第三章 个人信息跨境提供的规则
3-باب شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرا ھالقىپ تەمىنلەش قائىدىسى
第四章 个人在个人信息处理活动中的权利
4-باب شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدىكى ھوقۇقى
第五章 个人信息处理者的义务
5-باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى
第六章 履行个人信息保护职责的部门
6-باب شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار
第七章 法律责任
7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第八章 附 则
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了保护个人信息权益,规范个人信息处理活动,促进个人信息合理利用,根据宪法,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شەخسىي ئۇچۇردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
第二条 自然人的个人信息受法律保护,任何组织、个人不得侵害自然人的个人信息权益。
2-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات، شەخسنىڭ تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第三条 在中华人民共和国境内处理自然人个人信息的活动,适用本法。
3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
在中华人民共和国境外处理中华人民共和国境内自然人个人信息的活动,有下列情形之一的,也适用本法:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسىمۇ، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ :
(一)以向境内自然人提供产品或者服务为目的;
( 1 ) چېگرا ئىچىدىكى تەبىئىي ئىگىلەرگە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە؛
(二)分析、评估境内自然人的行为;
( 2 ) چېگرا ئىچىدىكى تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلىش، باھالاش؛
(三)法律、行政法规规定的其他情形。
( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
第四条 个人信息是以电子或者其他方式记录的与已识别或者可识别的自然人有关的各种信息,不包括匿名化处理后的信息。
4-ماددا شەخسىي ئۇچۇر ‐ ‐ ئېلېكترونلۇق ئۇسۇل ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىنىدىغان، تونۇغان ياكى تونۇغىلى بولىدىغان تەبىئىي ئىگىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، نامسىز بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
个人信息的处理包括个人信息的收集、存储、使用、加工、传输、提供、公开、删除等。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىش شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش، ساقلاش، ئىشلىتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يوللاش، تەمىنلەش، ئاشكارىلاش، ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
第五条 处理个人信息应当遵循合法、正当、必要和诚信原则,不得通过误导、欺诈、胁迫等方式处理个人信息。
5-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنلۇق بولۇش، يوللۇق بولۇش، زۆرۈر بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، شەخسىي ئۇچۇرنى ئازدۇرۇش، ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第六条 处理个人信息应当具有明确、合理的目的,并应当与处理目的直接相关,采取对个人权益影响最小的方式。
6-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېنىق، مۇۋاپىق مەقسەت بولۇشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئەڭ ئاز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك.
收集个人信息,应当限于实现处理目的的最小范围,不得过度收集个人信息。
شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك، شەخسىي ئۇچۇرنى زىيادە توپلاشقا بولمايدۇ.
第七条 处理个人信息应当遵循公开、透明原则,公开个人信息处理规则,明示处理的目的、方式和范围。
7-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاشكارا، ئوچۇق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىش قائىدىسىنى ئاشكارىلاش، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك.
第八条 处理个人信息应当保证个人信息的质量,避免因个人信息不准确、不完整对个人权益造成不利影响。
8-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسىي ئۇچۇرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ توغرا بولماسلىقى، مۇكەممەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
第九条 个人信息处理者应当对其个人信息处理活动负责,并采取必要措施保障所处理的个人信息的安全。
9-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第十条 任何组织、个人不得非法收集、使用、加工、传输他人个人信息,不得非法买卖、提供或者公开他人个人信息;不得从事危害国家安全、公共利益的个人信息处理活动。
10-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات، شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلىشىغا، ئىشلىتىشىگە، پىششىقلىشىغا، يەتكۈزۈشىگە، قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىشىغا، تەمىنلىشىگە ياكى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى مەنپەئەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第十一条 国家建立健全个人信息保护制度,预防和惩治侵害个人信息权益的行为,加强个人信息保护宣传教育,推动形成政府、企业、相关社会组织、公众共同参与个人信息保护的良好环境。
11-ماددا دۆلەت شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى جازالايدۇ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئامما شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئورتاق قاتنىشىدىغان ياخشى مۇھىتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
第十二条 国家积极参与个人信息保护国际规则的制定,促进个人信息保护方面的国际交流与合作,推动与其他国家、地区、国际组织之间的个人信息保护规则、标准等互认。
12-ماددا دۆلەت شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قائىدىسى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
第二章 个人信息处理规则
ئىككىنچى باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第十三条 符合下列情形之一的,个人信息处理者方可处理个人信息:
13-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ :
(一)取得个人的同意;
( 1 ) شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش؛
(二)为订立、履行个人作为一方当事人的合同所必需,或者按照依法制定的劳动规章制度和依法签订的集体合同实施人力资源管理所必需;
( 2 ) شەخسنىڭ توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن توختام تۈزۈش، ئادا قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى ياكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئورنىنى قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ئەمگەك قائىدە-تۈزۈمى ۋە قانۇن بويىچە ئىمزالانغان كوللېكتىپ توختام بويىچە يولغا قويۇشنىڭ ئېھتىياجى؛
(三)为履行法定职责或者法定义务所必需;
( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بولسا؛
(四)为应对突发公共卫生事件,或者紧急情况下为保护自然人的生命健康和财产安全所必需;
( 4 ) تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ياكى جىددىي ئەھۋالدا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بولسا؛
(五)为公共利益实施新闻报道、舆论监督等行为,在合理的范围内处理个人信息;
( 5 ) ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئاخبارات، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى مۇۋاپىق دائىرىدە بىر تەرەپ قىلىش؛
(六)依照本法规定在合理的范围内处理个人自行公开或者其他已经合法公开的个人信息;
( 6 ) شەخسلەر ئۆزى ئاشكارىلىغان ياكى قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق دائىرىدە بىر تەرەپ قىلىش؛
(七)法律、行政法规规定的其他情形。
( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
依照本法其他有关规定,处理个人信息应当取得个人同意,但是有前款第二项至第七项规定情形的,不需取得个人同意。
مۇشۇ قانۇندىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدىن ( 7 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھاجەتسىز.
第十四条 基于个人同意处理个人信息的,该同意应当由个人在充分知情的前提下自愿、明确作出。法律、行政法规规定处理个人信息应当取得个人单独同意或者书面同意的,从其规定。
14-ماددا شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاساس قىلىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قوشۇلۇشنى شەخس ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئىختىيارىي، ئېنىق چىقىرىشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ياكى يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
个人信息的处理目的、处理方式和处理的个人信息种类发生变更的,应当重新取得个人同意。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرىدە ئۆزگىرىش بولسا، شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتا ئېلىش كېرەك.
第十五条 基于个人同意处理个人信息的,个人有权撤回其同意。个人信息处理者应当提供便捷的撤回同意的方式。
15-ماددا شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلسا، شەخس ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار قولاي بولغان قوشۇلۇشنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
个人撤回同意,不影响撤回前基于个人同意已进行的个人信息处理活动的效力。
شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشى، قايتۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
第十六条 个人信息处理者不得以个人不同意处理其个人信息或者撤回同意为由,拒绝提供产品或者服务;处理个人信息属于提供产品或者服务所必需的除外。
16-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلمىغانلىقى ياكى قوشۇلۇشنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ؛ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىش زۆرۈر بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第十七条 个人信息处理者在处理个人信息前,应当以显著方式、清晰易懂的语言真实、准确、完整地向个人告知下列事项:
17-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن، شەخسكە تۆۋەندىكى ئىشلارنى روشەن، ئېنىق، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەقىقىي، توغرا، تولۇق ئۇقتۇرۇشى كېرەك :
(一)个人信息处理者的名称或者姓名和联系方式;
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى؛
(二)个人信息的处理目的、处理方式,处理的个人信息种类、保存期限;
( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، ساقلىنىش مۇددىتى؛
(三)个人行使本法规定权利的方式和程序;
( 3 ) شەخسنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى؛
(四)法律、行政法规规定应当告知的其他事项。
( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
前款规定事项发生变更的,应当将变更部分告知个人。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگەرتىلگەن قىسمىنى شەخسكە ئۇقتۇرۇش كېرەك.
个人信息处理者通过制定个人信息处理规则的方式告知第一款规定事项的,处理规则应当公开,并且便于查阅和保存。
شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئۇقتۇرغان بولسا، بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى ئاشكارىلىنىشى ھەمدە كۆرۈش ۋە ساقلاشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك.
第十八条 个人信息处理者处理个人信息,有法律、行政法规规定应当保密或者不需要告知的情形的,可以不向个人告知前条第一款规定的事项。
18-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەخپىي تۇتۇش ياكى ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا، ئالدىنقى ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى شەخسكە ئۇقتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
紧急情况下为保护自然人的生命健康和财产安全无法及时向个人告知的,个人信息处理者应当在紧急情况消除后及时告知。
جىددىي ئەھۋالدا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن شەخسكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرغىلى بولمىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى جىددىي ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
第十九条 除法律、行政法规另有规定外,个人信息的保存期限应当为实现处理目的所必要的最短时间。
19-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى ساقلاش مۇددىتى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت بولۇشى كېرەك.
第二十条 两个以上的个人信息处理者共同决定个人信息的处理目的和处理方式的,应当约定各自的权利和义务。但是,该约定不影响个人向其中任何一个个人信息处理者要求行使本法规定的权利。
20-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە قارار قىلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈشى كېرەك. لېكىن، بۇ پۈتۈم شەخسنىڭ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
个人信息处理者共同处理个人信息,侵害个人信息权益造成损害的,应当依法承担连带责任。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第二十一条 个人信息处理者委托处理个人信息的,应当与受托人约定委托处理的目的、期限、处理方式、个人信息的种类、保护措施以及双方的权利和义务等,并对受托人的个人信息处理活动进行监督。
21-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەقسىتى، مۇددىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، قوغداش تەدبىرى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارنى پۈتۈشۈشى ھەمدە ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر ياقلىق قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
受托人应当按照约定处理个人信息,不得超出约定的处理目的、处理方式等处理个人信息;委托合同不生效、无效、被撤销或者终止的,受托人应当将个人信息返还个人信息处理者或者予以删除,不得保留。
ھاۋالە قىلىنغۇچى شەخسىي ئۇچۇرىنى پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، پۈتۈشكەن بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ھالقىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ ھاۋالە توختامى كۈچكە ئىگە بولمىسا، ئىناۋەتسىز بولسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى شەخسىي ئۇچۇرىنى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى ياكى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك، ساقلاپ قېلىشقا بولمايدۇ.
未经个人信息处理者同意,受托人不得转委托他人处理个人信息。
ھاۋالە قىلىنغۇچى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.
第二十二条 个人信息处理者因合并、分立、解散、被宣告破产等原因需要转移个人信息的,应当向个人告知接收方的名称或者姓名和联系方式。接收方应当继续履行个人信息处理者的义务。接收方变更原先的处理目的、处理方式的,应当依照本法规定重新取得个人同意。
22-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىرلىشىش، بۆلۈنۈش، تارقىلىش، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەخسىي ئۇچۇرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلسە، شەخسكە قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتا ئېلىشى كېرەك.
第二十三条 个人信息处理者向其他个人信息处理者提供其处理的个人信息的,应当向个人告知接收方的名称或者姓名、联系方式、处理目的、处理方式和个人信息的种类,并取得个人的单独同意。接收方应当在上述处理目的、处理方式和个人信息的种类等范围内处理个人信息。接收方变更原先的处理目的、处理方式的,应当依照本法规定重新取得个人同意。
23-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىر تەرەپ قىلغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارغا تەمىنلىگەندە، شەخسكە قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ تۈرىنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ يۇقىرىقى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى قاتارلىق دائىرىدە شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتا ئېلىشى كېرەك.
第二十四条 个人信息处理者利用个人信息进行自动化决策,应当保证决策的透明度和结果公平、公正,不得对个人在交易价格等交易条件上实行不合理的差别待遇。
24-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەشتە، تەدبىرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە نەتىجىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شەخسكە سودا باھاسى قاتارلىق سودا شارائىتىدا نامۇۋاپىق پەرقلىق مۇئامىلە قىلسا بولمايدۇ.
通过自动化决策方式向个人进行信息推送、商业营销,应当同时提供不针对其个人特征的选项,或者向个人提供便捷的拒绝方式。
ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەخسكە ئۇچۇر يوللاش، سودا تىجارىتى قىلىشتا، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان بولمىغان تاللاش تۈرى بىلەن بىر ۋاقىتتا تەمىنلەش ياكى شەخسكە قولاي رەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
通过自动化决策方式作出对个人权益有重大影响的决定,个人有权要求个人信息处理者予以说明,并有权拒绝个人信息处理者仅通过自动化决策的方式作出决定。
ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش شەكلى ئارقىلىق شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدىغان قارار چىقىرىشتا، شەخس شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلىلا قارار چىقىرىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第二十五条 个人信息处理者不得公开其处理的个人信息,取得个人单独同意的除外。
25-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزى بىر تەرەپ قىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ، شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第二十六条 在公共场所安装图像采集、个人身份识别设备,应当为维护公共安全所必需,遵守国家有关规定,并设置显著的提示标识。所收集的个人图像、身份识别信息只能用于维护公共安全的目的,不得用于其他目的;取得个人单独同意的除外。
26-ماددا ئاممىۋى سورۇندا سۈرەت ئېلىش، شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشتا، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە ئېنىق ئەسكەرتىش بەلگىسى سېلىش كېرەك. توپلانغان شەخسىي سۈرەت، سالاھىيەت تونۇش ئۇچۇرىنى پەقەت ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش مەقسىتىگىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باشقا مەقسەتكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ شەخسلەر ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第二十七条 个人信息处理者可以在合理的范围内处理个人自行公开或者其他已经合法公开的个人信息;个人明确拒绝的除外。个人信息处理者处理已公开的个人信息,对个人权益有重大影响的,应当依照本法规定取得个人同意。
27-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزى ئاشكارىلىغان شەخسىي ئۇچۇر ياكى قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق دائىرىدە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ شەخسلەر ئېنىق رەت قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئاشكارىلانغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىپ، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زور تەسىر يەتكۈزسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
第二节 敏感个人信息的处理规则
2-پاراگراف سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى
第二十八条 敏感个人信息是一旦泄露或者非法使用,容易导致自然人的人格尊严受到侵害或者人身、财产安全受到危害的个人信息,包括生物识别、宗教信仰、特定身份、医疗健康、金融账户、行踪轨迹等信息,以及不满十四周岁未成年人的个人信息。
28-ماددا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ قالسا ياكى قانۇنسىز ئىشلىتىلسە، تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدىغان ياكى جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرايدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش، دىنىي ئېتىقاد، مۇئەييەن سالاھىيەت، داۋالىنىش-ساغلاملىق، پۇل مۇئامىلە ھېساباتى، يۈرۈش-تۇرۇش ئىزى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى.
只有在具有特定的目的和充分的必要性,并采取严格保护措施的情形下,个人信息处理者方可处理敏感个人信息。
پەقەت مۇئەييەن مەقسەت ۋە تولۇق زۆرۈرلۈككە ئىگە بولغان ھەمدە قاتتىق قوغداش تەدبىرى قوللانغان ئەھۋالدىلا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاندىن سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلالايدۇ.
第二十九条 处理敏感个人信息应当取得个人的单独同意;法律、行政法规规定处理敏感个人信息应当取得书面同意的,从其规定。
29-ماددا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第三十条 个人信息处理者处理敏感个人信息的,除本法第十七条第一款规定的事项外,还应当向个人告知处理敏感个人信息的必要性以及对个人权益的影响;依照本法规定可以不向个人告知的除外。
30-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن باشقا، يەنە شەخسكە سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە بولغان تەسىرىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسكە ئۇقتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第三十一条 个人信息处理者处理不满十四周岁未成年人个人信息的,应当取得未成年人的父母或者其他监护人的同意。
31-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
个人信息处理者处理不满十四周岁未成年人个人信息的,应当制定专门的个人信息处理规则。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەخسۇس شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى تۈزۈشى كېرەك.
第三十二条 法律、行政法规对处理敏感个人信息规定应当取得相关行政许可或者作出其他限制的,从其规定。
32-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشىش ياكى باشقا چەكلىمە قويۇش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第三节 国家机关处理个人信息的特别规定
3-پاراگراف دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى
第三十三条 国家机关处理个人信息的活动,适用本法;本节有特别规定的,适用本节规定。
33-ماددا دۆلەت ئورگىنى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ بۇ پاراگرافتا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
第三十四条 国家机关为履行法定职责处理个人信息,应当依照法律、行政法规规定的权限、程序进行,不得超出履行法定职责所必需的范围和限度。
34-ماددا دۆلەت ئورگىنى شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زۆرۈر بولغان دائىرە ۋە چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
第三十五条 国家机关为履行法定职责处理个人信息,应当依照本法规定履行告知义务;有本法第十八条第一款规定的情形,或者告知将妨碍国家机关履行法定职责的除外。
35-ماددا دۆلەت ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى ئۇقتۇرۇش دۆلەت ئورگىنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第三十六条 国家机关处理的个人信息应当在中华人民共和国境内存储;确需向境外提供的,应当进行安全评估。安全评估可以要求有关部门提供支持与协助。
36-ماددا دۆلەت ئورگىنى بىر تەرەپ قىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ساقلىشى كېرەك؛ چېگرا سىرتىغا ھەقىقەتەن تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، بىخەتەرلىكنى باھالاش كېرەك. بىخەتەرلىكنى باھالاشتا ئالاقىدار تارماقلاردىن مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
第三十七条 法律、法规授权的具有管理公共事务职能的组织为履行法定职责处理个人信息,适用本法关于国家机关处理个人信息的规定。
37-ماددا قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار تەشكىلات قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第三章 个人信息跨境提供的规则
3-باب شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرا ھالقىپ تەمىنلەش قائىدىسى
第三十八条 个人信息处理者因业务等需要,确需向中华人民共和国境外提供个人信息的,应当具备下列条件之一:
38-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار كەسىپ قاتارلىق ئېھتىياجلار بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىشكە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولسا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىشى كېرەك :
(一)依照本法第四十条的规定通过国家网信部门组织的安全评估;
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى تەشكىللىگەن بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتۈش؛
(二)按照国家网信部门的规定经专业机构进行个人信息保护认证;
( 2 ) دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي ئاپپاراتنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئىسپاتى بېرىش؛
(三)按照国家网信部门制定的标准合同与境外接收方订立合同,约定双方的权利和义务;
( 3 ) دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇر تارمىقى تۈزگەن ئۆلچەملىك توختام بويىچە چېگرا سىرتىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ بىلەن توختام تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈش؛
(四)法律、行政法规或者国家网信部门规定的其他条件。
( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.
中华人民共和国缔结或者参加的国际条约、协定对向中华人民共和国境外提供个人信息的条件等有规定的,可以按照其规定执行。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىش شەرتى قاتارلىقلارغا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.
个人信息处理者应当采取必要措施,保障境外接收方处理个人信息的活动达到本法规定的个人信息保护标准。
شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئۆلچىمىگە يېتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
第三十九条 个人信息处理者向中华人民共和国境外提供个人信息的,应当向个人告知境外接收方的名称或者姓名、联系方式、处理目的、处理方式、个人信息的种类以及个人向境外接收方行使本法规定权利的方式和程序等事项,并取得个人的单独同意。
39-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولسا، شەخسكە چېگرا سىرتىدىكى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ تۈرى شۇنىڭدەك شەخسنىڭ چېگرا سىرتىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى قاتارلىق ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
第四十条 关键信息基础设施运营者和处理个人信息达到国家网信部门规定数量的个人信息处理者,应当将在中华人民共和国境内收集和产生的个人信息存储在境内。确需向境外提供的,应当通过国家网信部门组织的安全评估;法律、行政法规和国家网信部门规定可以不进行安全评估的,从其规定。
40-ماددا ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارىتى قىلغۇچىلار ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى بەلگىلىگەن سانغا يەتكۈزگەن شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە توپلىغان ۋە ھاسىل قىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرا ئىچىدە ساقلىشى كېرەك. چېگرا سىرتىغا ھەقىقەتەن تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى تەشكىللىگەن بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىدا بىخەتەرلىكنى باھالاتمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第四十一条 中华人民共和国主管机关根据有关法律和中华人民共和国缔结或者参加的国际条约、协定,或者按照平等互惠原则,处理外国司法或者执法机构关于提供存储于境内个人信息的请求。非经中华人民共和国主管机关批准,个人信息处理者不得向外国司法或者执法机构提供存储于中华人民共和国境内的个人信息。
41-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەرگە ئاساسەن ياكى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، چەت ئەل قانۇن يۈرگۈزۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەسئۇل ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار چەت ئەلنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئاپپاراتى ياكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇرنى بەرسە بولمايدۇ.
第四十二条 境外的组织、个人从事侵害中华人民共和国公民的个人信息权益,或者危害中华人民共和国国家安全、公共利益的个人信息处理活动的,国家网信部门可以将其列入限制或者禁止个人信息提供清单,予以公告,并采取限制或者禁止向其提供个人信息等措施。
42-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرىنى دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى ئۇنى چەكلەنگەن ياكى مەنئى قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ئېلان چىقارسا بولىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىشنى چەكلەش ياكى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.
第四十三条 任何国家或者地区在个人信息保护方面对中华人民共和国采取歧视性的禁止、限制或者其他类似措施的,中华人民共和国可以根据实际情况对该国家或者地区对等采取措施。
43-ماددا ھەرقانداق دۆلەت ياكى رايون شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەنئى قىلىش، چەكلەش ياكى باشقا ئوخشاپ كېتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ شۇ دۆلەت ياكى رايونغا باراۋەر تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.
第四章 个人在个人信息处理活动中的权利
4-باب شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدىكى ھوقۇقى
第四十四条 个人对其个人信息的处理享有知情权、决定权,有权限制或者拒绝他人对其个人信息进行处理;法律、行政法规另有规定的除外。
44-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى چەكلەش ياكى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第四十五条 个人有权向个人信息处理者查阅、复制其个人信息;有本法第十八条第一款、第三十五条规定情形的除外。
45-ماددا شەخس شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.
个人请求查阅、复制其个人信息的,个人信息处理者应当及时提供。
ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشنى شەخسىي تەلەپ قىلغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.
个人请求将个人信息转移至其指定的个人信息处理者,符合国家网信部门规定条件的,个人信息处理者应当提供转移的途径。
شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆزى بېكىتكەن شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا يۆتكەشنى تەلەپ قىلغاندا، دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى يۆتكەش يولى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
第四十六条 个人发现其个人信息不准确或者不完整的,有权请求个人信息处理者更正、补充。
46-ماددا شەخس ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بايقىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن تۈزىتىش، تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
个人请求更正、补充其个人信息的,个人信息处理者应当对其个人信息予以核实,并及时更正、补充。
شەخسىي ئۇچۇرىنى تۈزىتىش، تولۇقلاشنى تەلەپ قىلغاندا، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچى شەخسىي ئۇچۇرىنى ئېنىقلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىشى، تولۇقلىشى كېرەك.
第四十七条 有下列情形之一的,个人信息处理者应当主动删除个人信息;个人信息处理者未删除的,个人有权请求删除:
47-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈشى كېرەك؛ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئۆچۈرۈۋەتمىگەن بولسا، شەخس ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :
(一)处理目的已实现、无法实现或者为实现处理目的不再必要;
( 1 ) بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى يوق بولسا؛
(二)个人信息处理者停止提供产品或者服务,或者保存期限已届满;
( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتسا ياكى ساقلاش مۇددىتى توشسا؛
(三)个人撤回同意;
( 3 ) شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش؛
(四)个人信息处理者违反法律、行政法规或者违反约定处理个人信息;
( 4 ) شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ياكى پۈتۈمگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلسا؛
(五)法律、行政法规规定的其他情形。
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
法律、行政法规规定的保存期限未届满,或者删除个人信息从技术上难以实现的,个人信息处理者应当停止除存储和采取必要的安全保护措施之外的处理。
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ساقلاش مۇددىتى توشمىسا ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈپ تېخنىكا جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ساقلاش ۋە زۆرۈر بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللانغاندىن باشقا بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.
第四十八条 个人有权要求个人信息处理者对其个人信息处理规则进行解释说明。
48-ماددا شەخس شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第四十九条 自然人死亡的,其近亲属为了自身的合法、正当利益,可以对死者的相关个人信息行使本章规定的查阅、复制、更正、删除等权利;死者生前另有安排的除外。
49-ماددا تەبىئىي ئىگە ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئۆلگۈچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ؛ ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第五十条 个人信息处理者应当建立便捷的个人行使权利的申请受理和处理机制。拒绝个人行使权利的请求的,应当说明理由。
50-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە قولاي بولغان ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. شەخسنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلىشتا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
个人信息处理者拒绝个人行使权利的请求的,个人可以依法向人民法院提起诉讼。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلسا، شەخس خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
第五章 个人信息处理者的义务
5-باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى
第五十一条 个人信息处理者应当根据个人信息的处理目的、处理方式、个人信息的种类以及对个人权益的影响、可能存在的安全风险等,采取下列措施确保个人信息处理活动符合法律、行政法规的规定,并防止未经授权的访问以及个人信息泄露、篡改、丢失:
51-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، شۇنىڭدەك شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ساقلىنىش ئېھتىمالى بولغان بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ھەمدە ھوقۇق بېرىلمىگەن زىيارەت قىلىش ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىۋېتىلىشى، يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ :
(一)制定内部管理制度和操作规程;
( 1 ) ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈش؛
(二)对个人信息实行分类管理;
( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش؛
(三)采取相应的加密、去标识化等安全技术措施;
( 3 ) مۇناسىپ شىفىرلاشتۇرۇش، بەلگىسىزلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛
(四)合理确定个人信息处理的操作权限,并定期对从业人员进行安全教育和培训;
( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلات ھوقۇق چېكىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەمدە كەسىپكارلارغا قەرەللىك بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش؛
(五)制定并组织实施个人信息安全事件应急预案;
( 5 ) شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛
(六)法律、行政法规规定的其他措施。
( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.
第五十二条 处理个人信息达到国家网信部门规定数量的个人信息处理者应当指定个人信息保护负责人,负责对个人信息处理活动以及采取的保护措施等进行监督。
52-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى دۆلەت تور ئۇچۇر ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن سانغا يەتكۈزگەن شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مەسئۇل كىشىنى بېكىتىشى، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىش پائالىيىتى ھەمدە قوللانغان قوغداش تەدبىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
个人信息处理者应当公开个人信息保护负责人的联系方式,并将个人信息保护负责人的姓名、联系方式等报送履行个人信息保护职责的部门。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىشى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مۇدىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماققا يوللىشى كېرەك.
第五十三条 本法第三条第二款规定的中华人民共和国境外的个人信息处理者,应当在中华人民共和国境内设立专门机构或者指定代表,负责处理个人信息保护相关事务,并将有关机构的名称或者代表的姓名、联系方式等报送履行个人信息保护职责的部门。
53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىشى ياكى ۋەكىل بەلگىلىشى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتنىڭ نامى ياكى ۋەكىلنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماققا يوللىشى كېرەك.
第五十四条 个人信息处理者应当定期对其处理个人信息遵守法律、行政法规的情况进行合规审计。
54-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا قەرەللىك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى كېرەك.
第五十五条 有下列情形之一的,个人信息处理者应当事前进行个人信息保护影响评估,并对处理情况进行记录:
55-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئىشتىن بۇرۇن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ تەسىرىنى باھالىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك :
(一)处理敏感个人信息;
( 1 ) سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛
(二)利用个人信息进行自动化决策;
( 2 ) شەخسىي ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش؛
(三)委托处理个人信息、向其他个人信息处理者提供个人信息、公开个人信息;
( 3 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھاۋالە قىلىش، باشقا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلارغا شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش؛
(四)向境外提供个人信息;
( 4 ) چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىش؛
(五)其他对个人权益有重大影响的个人信息处理活动。
( 5 ) شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرى.
第五十六条 个人信息保护影响评估应当包括下列内容:
56-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەسىرىنى باھالاش تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :
(一)个人信息的处理目的、处理方式等是否合法、正当、必要;
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق، زۆرۈر بولغان-بولمىغانلىقى؛
(二)对个人权益的影响及安全风险;
( 2 ) شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە بولغان تەسىرى ۋە بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى؛
(三)所采取的保护措施是否合法、有效并与风险程度相适应。
( 3 ) قوللانغان قوغداش تەدبىرىنىڭ قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكى ھەمدە خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى.
个人信息保护影响评估报告和处理情况记录应当至少保存三年。
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى خاتىرىسىنى ئاز دېگەندە ئۈچ يىل ساقلاش كېرەك.
第五十七条 发生或者可能发生个人信息泄露、篡改、丢失的,个人信息处理者应当立即采取补救措施,并通知履行个人信息保护职责的部门和个人。通知应当包括下列事项:
57-ماددا شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىلىش، يوقاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ياكى شۇنداق ئېھتىماللىق بولسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق ۋە شەخسكە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :
(一)发生或者可能发生个人信息泄露、篡改、丢失的信息种类、原因和可能造成的危害;
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىلىش، يوقاپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ئۇچۇر تۈرى، سەۋەبى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ؛
(二)个人信息处理者采取的补救措施和个人可以采取的减轻危害的措施;
( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى قوللانغان قۇتقۇزۇش تەدبىرى ۋە شەخس قوللىنىشقا بولىدىغان خەۋپ يېنىكلىتىش تەدبىرى؛
(三)个人信息处理者的联系方式。
( 3 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى.
个人信息处理者采取措施能够有效避免信息泄露、篡改、丢失造成危害的,个人信息处理者可以不通知个人;履行个人信息保护职责的部门认为可能造成危害的,有权要求个人信息处理者通知个人。
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىۋېتىلىشى، يوقاپ كېتىشى سەۋەبىدىن خەۋپ كېلىپ چىقىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر يالىغۇچىلار شەخسكە ئۇقتۇرمىسىمۇ بولىدۇ؛ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق خەۋپ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن شەخسكە ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第五十八条 提供重要互联网平台服务、用户数量巨大、业务类型复杂的个人信息处理者,应当履行下列义务:
58-ماددا مۇھىم ئالاقە تورى سۇپىسى مۇلازىمىتى قىلغان، ئابۇنىچى سانى زور، كەسىپ تۈرى مۇرەككەپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :
(一)按照国家规定建立健全个人信息保护合规制度体系,成立主要由外部成员组成的独立机构对个人信息保护情况进行监督;
( 1 ) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى تاشقى ئەزالاردىن تەركىب تاپقان مۇستەقىل ئاپپارات قۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش؛
(二)遵循公开、公平、公正的原则,制定平台规则,明确平台内产品或者服务提供者处理个人信息的规范和保护个人信息的义务;
( 2 ) ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، سۇپا قائىدىسى تۈزۈش، سۇپا مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛
(三)对严重违反法律、行政法规处理个人信息的平台内的产品或者服务提供者,停止提供服务;
( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئېغىر خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىدىكى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلغۇچىلار مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىدۇ؛
(四)定期发布个人信息保护社会责任报告,接受社会监督。
( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت دوكلاتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش.
第五十九条 接受委托处理个人信息的受托人,应当依照本法和有关法律、行政法规的规定,采取必要措施保障所处理的个人信息的安全,并协助个人信息处理者履行本法规定的义务。
59-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.
第六章 履行个人信息保护职责的部门
6-باب شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار
第六十条 国家网信部门负责统筹协调个人信息保护工作和相关监督管理工作。国务院有关部门依照本法和有关法律、行政法规的规定,在各自职责范围内负责个人信息保护和监督管理工作。
60-ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش خىزمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上地方人民政府有关部门的个人信息保护和监督管理职责,按照国家有关规定确定。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
前两款规定的部门统称为履行个人信息保护职责的部门。
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن تارماقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار دەپ ئاتىلىدۇ.
第六十一条 履行个人信息保护职责的部门履行下列个人信息保护职责:
61-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار تۆۋەندىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ :
(一)开展个人信息保护宣传教育,指导、监督个人信息处理者开展个人信息保护工作;
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش؛
(二)接受、处理与个人信息保护有关的投诉、举报;
( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئەرز، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش؛
(三)组织对应用程序等个人信息保护情况进行测评,并公布测评结果;
( 3 ) قوللىنىشچان پىروگرامما قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئەھۋالىنى باھالاشقا تەشكىللەش ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش؛
(四)调查、处理违法个人信息处理活动;
( 4 ) قانۇنغا خىلاپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش؛
(五)法律、行政法规规定的其他职责。
( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.
第六十二条 国家网信部门统筹协调有关部门依据本法推进下列个人信息保护工作:
62-ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۆۋەندىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ :
(一)制定个人信息保护具体规则、标准;
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ كونكرېت قائىدىسى، ئۆلچىمىنى تۈزۈش؛
(二)针对小型个人信息处理者、处理敏感个人信息以及人脸识别、人工智能等新技术、新应用,制定专门的个人信息保护规则、标准;
( 2 ) كىچىك تىپتىكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار، سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، شۇنىڭدەك چىراي تونۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوللىنىشلارغا قارىتا مەخسۇس شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قائىدىسى، ئۆلچىمى تۈزۈش؛
(三)支持研究开发和推广应用安全、方便的电子身份认证技术,推进网络身份认证公共服务建设;
( 3 ) بىخەتەر، قولايلىق ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەتنى دەلىللەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشقا مەدەت بېرىپ، تور سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئاممىۋى مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛
(四)推进个人信息保护社会化服务体系建设,支持有关机构开展个人信息保护评估、认证服务;
( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، باھالاش، ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش؛
(五)完善个人信息保护投诉、举报工作机制。
( 5 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.
第六十三条 履行个人信息保护职责的部门履行个人信息保护职责,可以采取下列措施:
63-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ :
(一)询问有关当事人,调查与个人信息处理活动有关的情况;
( 1 ) ئالاقىدار ئالاقىدارلاردىن سوئال سوراش، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛
(二)查阅、复制当事人与个人信息处理活动有关的合同、记录、账簿以及其他有关资料;
( 2 ) توختاملاشقۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك توختام، خاتىرە، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، كۆپەيتىش؛
(三)实施现场检查,对涉嫌违法的个人信息处理活动进行调查;
( 3 ) نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش؛
(四)检查与个人信息处理活动有关的设备、物品;对有证据证明是用于违法个人信息处理活动的设备、物品,向本部门主要负责人书面报告并经批准,可以查封或者扣押。
( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە، بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش؛ قانۇنغا خىلاپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار ئۈسكۈنە، بۇيۇملارنى شۇ تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا يازما مەلۇم قىلىدۇ ھەمدە تەستىقلاتقاندىن كېيىن پېچەتلەشكە ياكى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
履行个人信息保护职责的部门依法履行职责,当事人应当予以协助、配合,不得拒绝、阻挠。
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، توختاملاشقۇچىلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第六十四条 履行个人信息保护职责的部门在履行职责中,发现个人信息处理活动存在较大风险或者发生个人信息安全事件的,可以按照规定的权限和程序对该个人信息处理者的法定代表人或者主要负责人进行约谈,或者要求个人信息处理者委托专业机构对其个人信息处理活动进行合规审计。个人信息处理者应当按照要求采取措施,进行整改,消除隐患。
64-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە بىرقەدەر زور خەۋپ-خەتەر بارلىقىنى ياكى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكىنى بايقىسا، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە شۇ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشسە بولىدۇ، ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن كەسپىي ئاپپاراتقا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تەلەپ بويىچە تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك.
履行个人信息保护职责的部门在履行职责中,发现违法处理个人信息涉嫌犯罪的,应当及时移送公安机关依法处理。
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第六十五条 任何组织、个人有权对违法个人信息处理活动向履行个人信息保护职责的部门进行投诉、举报。收到投诉、举报的部门应当依法及时处理,并将处理结果告知投诉、举报人。
65-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات، شەخس قانۇنغا خىلاپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماققا ئەرز قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرز، پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
履行个人信息保护职责的部门应当公布接受投诉、举报的联系方式。
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار ئەرز، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
第七章 法律责任
7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六十六条 违反本法规定处理个人信息,或者处理个人信息未履行本法规定的个人信息保护义务的,由履行个人信息保护职责的部门责令改正,给予警告,没收违法所得,对违法处理个人信息的应用程序,责令暂停或者终止提供服务;拒不改正的,并处一百万元以下罚款;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员处一万元以上十万元以下罚款。
66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغان ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىشتا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىش قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا قوشۇمچە 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
有前款规定的违法行为,情节严重的,由省级以上履行个人信息保护职责的部门责令改正,没收违法所得,并处五千万元以下或者上一年度营业额百分之五以下罚款,并可以责令暂停相关业务或者停业整顿、通报有关主管部门吊销相关业务许可或者吊销营业执照;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员处十万元以上一百万元以下罚款,并可以决定禁止其在一定期限内担任相关企业的董事、监事、高级管理人员和个人信息保护负责人。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 50 مىليون يۈەندىن تۆۋەن ياكى ئالدىنقى يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ % 5 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا ياكى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارغا ئالاقىدار كەسىپ ئىجازىتىنى بىكار قىلىش ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئالاقىدار كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلى بولۇشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
第六十七条 有本法规定的违法行为的,依照有关法律、行政法规的规定记入信用档案,并予以公示。
67-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.
第六十八条 国家机关不履行本法规定的个人信息保护义务的,由其上级机关或者履行个人信息保护职责的部门责令改正;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
68-ماددا دۆلەت ئورگىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
履行个人信息保护职责的部门的工作人员玩忽职守、滥用职权、徇私舞弊,尚不构成犯罪的,依法给予处分。
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
第六十九条 处理个人信息侵害个人信息权益造成损害,个人信息处理者不能证明自己没有过错的,应当承担损害赔偿等侵权责任。
69-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ زىيان سالغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلغۇچى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
前款规定的损害赔偿责任按照个人因此受到的损失或者个人信息处理者因此获得的利益确定;个人因此受到的损失和个人信息处理者因此获得的利益难以确定的,根据实际情况确定赔偿数额。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقى شەخسنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىيىنى ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئېرىشكەن مەنپەئىتىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ شەخسلەر شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىيان ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئېرىشكەن پايدىسىنى بېكىتكىلى بولمىسا، تۆلەم سوممىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
第七十条 个人信息处理者违反本法规定处理个人信息,侵害众多个人的权益的,人民检察院、法律规定的消费者组织和由国家网信部门确定的组织可以依法向人民法院提起诉讼。
70-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپلىگەن شەخسنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى ۋە دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى بېكىتكەن تەشكىلات خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
第七十一条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第八章 附 则
8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第七十二条 自然人因个人或者家庭事务处理个人信息的,不适用本法。
72-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ياكى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
法律对各级人民政府及其有关部门组织实施的统计、档案管理活动中的个人信息处理有规定的,适用其规定。
قانۇنلاردا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان ئىستاتىستىكا، ئارخىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第七十三条 本法下列用语的含义:
73-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :
(一)个人信息处理者,是指在个人信息处理活动中自主决定处理目的、处理方式的组织、个人。
( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدىغان تەشكىلات، شەخسنى كۆرسىتىدۇ.
(二)自动化决策,是指通过计算机程序自动分析、评估个人的行为习惯、兴趣爱好或者经济、健康、信用状况等,并进行决策的活动。
( 2 ) ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش كومپيۇتېر پىروگراممىسى ئارقىلىق شەخسنىڭ ھەرىكەت ئادىتى، قىزىقىشى ياكى ئىقتىسادى، ساغلاملىقى، ئىناۋەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك تەھلىل قىلىدىغان، باھالايدىغان ھەمدە تەدبىر بەلگىلەش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
(三)去标识化,是指个人信息经过处理,使其在不借助额外信息的情况下无法识别特定自然人的过程。
( 3 ) پەرقلەندۈرۈۋېتىش شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئارتۇق ئۇچۇردىن پايدىلانمىغان ئەھۋالدا مۇئەييەن تەبىئىي ئىگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولماسلىق جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
(四)匿名化,是指个人信息经过处理无法识别特定自然人且不能复原的过程。
( 4 ) نامسىز قىلىش شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق مۇئەييەن تەبىئىي ئىگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان جەرياننى كۆرسىتىدۇ.
第七十四条 本法自2021年11月1日起施行。
74-ماددا بۇ قانۇن 2021-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.