中华人民共和国人民检察院组织法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

(1979年7月1日第五届全国人民代表大会第二次会议通过 根据1983年9月2日第六届全国人民代表大会常务委员会第二次会议《关于修改〈中华人民共和国人民检察院组织法〉的决定》第一次修正 根据1986年12月2日第六届全国人民代表大会常务委员会第十八次会议《关于修改〈中华人民共和国地方各级人民代表大会和地方各级人民政府组织法〉的决定》第二次修正 2018年10月26日第十三届全国人民代表大会常务委员会第六次会议修订)

( 1979-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1983-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 1986-يىل 12-ئاينىڭ 2 – كۈنى 6-قارارلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ «ئالاقىدار قارارى»غا بىنائەن تۈزىتىلگەن < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلقنىڭ تەشكىلىي قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى»غا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 人民检察院的设置和职权

2-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خىزمەت ھوقۇقى

第三章 人民检察院的办案组织

3-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو بېجىرىشكە تەشكىللىشى

第四章 人民检察院的人员组成

4-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ تەركىبى

第五章 人民检察院行使职权的保障

5-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范人民检察院的设置、组织和职权,保障人民检察院依法履行职责,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، تەشكىلى ۋە خىزمەت ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 人民检察院是国家的法律监督机关。

2-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ئورگانلىرىدۇر.

人民检察院通过行使检察权,追诉犯罪,维护国家安全和社会秩序,维护个人和组织的合法权益,维护国家利益和社会公共利益,保障法律正确实施,维护社会公平正义,维护国家法制统一、尊严和权威,保障中国特色社会主义建设的顺利进行。

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، جىنايەت ئۈستىدىن سۈرۈشتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第三条 人民检察院依照宪法、法律和全国人民代表大会常务委员会的决定设置。

3-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە تەسىس قىلىنىدۇ.

第四条 人民检察院依照法律规定独立行使检察权,不受行政机关、社会团体和个人的干涉。

4-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

第五条 人民检察院行使检察权在适用法律上一律平等,不允许任何组织和个人有超越法律的特权,禁止任何形式的歧视。

5-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە قانۇننى تەتبىقلاش جەھەتتە بىردەك باراۋەر، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى مەنئى قىلىدۇ.

第六条 人民检察院坚持司法公正,以事实为根据,以法律为准绳,遵守法定程序,尊重和保障人权。

6-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第七条 人民检察院实行司法公开,法律另有规定的除外。

7-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئاشكارا بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八条 人民检察院实行司法责任制,建立健全权责统一的司法权力运行机制。

8-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىرلىككە كەلگەن قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

第九条 最高人民检察院对全国人民代表大会及其常务委员会负责并报告工作。地方各级人民检察院对本级人民代表大会及其常务委员会负责并报告工作。

9-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

各级人民代表大会及其常务委员会对本级人民检察院的工作实施监督。

ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

第十条 最高人民检察院是最高检察机关。

10-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي تەپتىش ئورگىنىدۇر.

最高人民检察院领导地方各级人民检察院和专门人民检察院的工作,上级人民检察院领导下级人民检察院的工作。

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

第十一条 人民检察院应当接受人民群众监督,保障人民群众对人民检察院工作依法享有知情权、参与权和监督权。

11-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدە قانۇن بويىچە ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第二章 人民检察院的设置和职权

2-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خىزمەت ھوقۇقى

第十二条 人民检察院分为:

12-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى :

(一)最高人民检察院;

( 1 ) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى؛

(二)地方各级人民检察院;

( 2 ) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى؛

(三)军事检察院等专门人民检察院。

( 3 ) ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى.

第十三条 地方各级人民检察院分为:

13-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى :

(一)省级人民检察院,包括省、自治区、直辖市人民检察院;

( 1 ) ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

(二)设区的市级人民检察院,包括省、自治区辖市人民检察院,自治州人民检察院,省、自治区、直辖市人民检察院分院;

( 2 ) رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شۆبە مەھكىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

(三)基层人民检察院,包括县、自治县、不设区的市、市辖区人民检察院。

( 3 ) ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جۈملىدىن ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى.

第十四条 在新疆生产建设兵团设立的人民检察院的组织、案件管辖范围和检察官任免,依照全国人民代表大会常务委员会的有关规定。

14-ماددا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە قۇرۇلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلاتى، دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ دائىرىسى ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第十五条 专门人民检察院的设置、组织、职权和检察官任免,由全国人民代表大会常务委员会规定。

15-ماددا مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، تەشكىلاتى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

第十六条 省级人民检察院和设区的市级人民检察院根据检察工作需要,经最高人民检察院和省级有关部门同意,并提请本级人民代表大会常务委员会批准,可以在辖区内特定区域设立人民检察院,作为派出机构。

16-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەپتىش خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ، تەۋەلىكىدىكى مۇئەييەن رايوندا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرۇپ، ۋاكالەت ئاپپاراتى قىلسا بولىدۇ.

第十七条 人民检察院根据检察工作需要,可以在监狱、看守所等场所设立检察室,行使派出它的人民检察院的部分职权,也可以对上述场所进行巡回检察。

17-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈرمە، قاماقخانا قاتارلىق سورۇنلاردا تەپتىش ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئۆزىنى ئەۋەتكەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسىمۇ، يۇقىرىقى سورۇنلارنى سەييارە تەپتىش قىلسىمۇ بولىدۇ.

省级人民检察院设立检察室,应当经最高人民检察院和省级有关部门同意。设区的市级人民检察院、基层人民检察院设立检察室,应当经省级人民检察院和省级有关部门同意。

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەپتىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىشى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىشتا، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

第十八条 人民检察院根据检察工作需要,设必要的业务机构。检察官员额较少的设区的市级人民检察院和基层人民检察院,可以设综合业务机构。

18-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زۆرۈر كەسپىي ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ. تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتاتى بىرقەدەر ئاز بولغان رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئاپپارات تەسىس قىلسا بولىدۇ.

第十九条 人民检察院根据工作需要,可以设必要的检察辅助机构和行政管理机构。

19-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زۆرۈر تەپتىش قوشۇمچە ئاپپاراتى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

第二十条 人民检察院行使下列职权:

20-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :

(一)依照法律规定对有关刑事案件行使侦查权;

( 1 ) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى رازۋېدكا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛

(二)对刑事案件进行审查,批准或者决定是否逮捕犯罪嫌疑人;

( 2 ) جىنايى ئىشلار دېلوسىنى تەكشۈرۈش، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش-ئالماسلىقنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش؛

(三)对刑事案件进行审查,决定是否提起公诉,对决定提起公诉的案件支持公诉;

( 3 ) جىنايى ئىشلار دېلوسىنى تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش-ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىش، ئەيىبلەشنى قارار قىلغان دېلونى قوللاش؛

(四)依照法律规定提起公益诉讼;

( 4 ) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى قىلىش؛

(五)对诉讼活动实行法律监督;

( 5 ) دەۋا پائالىيىتىگە قارىتا قانۇن نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇش؛

(六)对判决、裁定等生效法律文书的执行工作实行法律监督;

( 6 ) ھۆكۈم، كېسىم قاتارلىق كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىش؛

(七)对监狱、看守所的执法活动实行法律监督;

( 7 ) تۈرمە، قاماقخانىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىش؛

(八)法律规定的其他职权。

( 8 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

第二十一条 人民检察院行使本法第二十条规定的法律监督职权,可以进行调查核实,并依法提出抗诉、纠正意见、检察建议。有关单位应当予以配合,并及时将采纳纠正意见、检察建议的情况书面回复人民检察院。

21-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسا ھەمدە قانۇن بويىچە ئېتىراز بىلدۈرۈش، تۈزىتىش پىكرى، تەپتىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ماسلىشىشى ھەمدە تۈزىتىش پىكرى، تەپتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا يازما جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

抗诉、纠正意见、检察建议的适用范围及其程序,依照法律有关规定。

ئېتىراز بىلدۈرۈش، تۈزىتىش پىكرى، تەپتىش تەكلىپىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ۋە تەرتىپى قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二十二条 最高人民检察院对最高人民法院的死刑复核活动实行监督;对报请核准追诉的案件进行审查,决定是否追诉。

22-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قايتا ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ؛ تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يوللىغان سۈرۈشتۈرۈش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈش-سۈرۈشتۈرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

第二十三条 最高人民检察院可以对属于检察工作中具体应用法律的问题进行解释。

23-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش خىزمىتىدە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلايدىغان مەسىلىلەرنى ئىزاھلىسا بولىدۇ.

最高人民检察院可以发布指导性案例。

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېتەكچى دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ.

第二十四条 上级人民检察院对下级人民检察院行使下列职权:

24-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :

(一)认为下级人民检察院的决定错误的,指令下级人民检察院纠正,或者依法撤销、变更;

( 1 ) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قارارى خاتا بولۇپ قالدى دەپ قارىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىشكە بۇيرۇق قىلىدۇ ياكى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ؛

(二)可以对下级人民检察院管辖的案件指定管辖;

( 2 ) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارغا قارىتا باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ؛

(三)可以办理下级人民检察院管辖的案件;

( 3 ) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارنى بېجىرىشكە بولىدۇ؛

(四)可以统一调用辖区的检察人员办理案件。

( 4 ) تەۋەلىكىدىكى تەپتىش خادىملىرىنى دېلو بېجىرىشكە بىرتۇتاش يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

上级人民检察院的决定,应当以书面形式作出。

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى يازما شەكىلدە چىقىرىلىشى كېرەك.

第二十五条 下级人民检察院应当执行上级人民检察院的决定;有不同意见的,可以在执行的同时向上级人民检察院报告。

25-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ باشقىچە پىكرى بولسا، ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

第二十六条 人民检察院检察长或者检察长委托的副检察长,可以列席同级人民法院审判委员会会议。

26-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ياكى باش تەپتىش ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

第二十七条 人民监督员依照规定对人民检察院的办案活动实行监督。

27-ماددا خەلق نازارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

第三章 人民检察院的办案组织

3-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو بېجىرىشكە تەشكىللىشى

第二十八条 人民检察院办理案件,根据案件情况可以由一名检察官独任办理,也可以由两名以上检察官组成办案组办理。

28-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو بېجىرىشتە، دېلو ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەپتىش ئەمەلدارى ئۆز ئالدىغا بېجىرسىمۇ، ئىككىدىن ئارتۇق تەپتىش دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

由检察官办案组办理的,检察长应当指定一名检察官担任主办检察官,组织、指挥办案组办理案件。

تەپتىش ئەمەلدارى دېلو گۇرۇپپىسى بېجىرىدىغان بولسا، باش تەپتىش بىر تەپتىش ئەمەلدارىنى ئاساسلىق تەپتىش تەپتىشلىكىگە تەيىنلەپ، دېلو گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تەشكىللىشى، قوماندانلىق قىلىشى كېرەك.

第二十九条 检察官在检察长领导下开展工作,重大办案事项由检察长决定。检察长可以将部分职权委托检察官行使,可以授权检察官签发法律文书。

29-ماددا تەپتىش ئەمەلدارى باش تەپتىشنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، مۇھىم، زور دېلو بېجىرىش ئىشلىرىنى باش تەپتىش قارار قىلىدۇ. باش تەپتىش خىزمەت ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىنى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، تەپتىش ئەمەلدارىغا قانۇن ھۆججىتىنى ئىمزا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

第三十条 各级人民检察院设检察委员会。检察委员会由检察长、副检察长和若干资深检察官组成,成员应当为单数。

30-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدە تەپتىش كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ. تەپتىش كومىتېتى باش تەپتىش، مۇئاۋىن باش تەپتىش ۋە بىرقانچە نوپۇزلۇق تەپتىشتىن تەركىب تاپىدۇ، ئەزالىرى تاق سان بولۇشى كېرەك.

第三十一条 检察委员会履行下列职能:

31-ماددا تەپتىش كومىتېتى تۆۋەندىكى فۇنكسىيەلەرنى ئادا قىلىدۇ :

(一)总结检察工作经验;

( 1 ) تەپتىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش؛

(二)讨论决定重大、疑难、复杂案件;

( 2 ) مۇھىم، زور، چىگىش، مۇرەككەپ دېلولارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش؛

(三)讨论决定其他有关检察工作的重大问题。

( 3 ) تەپتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار باشقا مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش.

最高人民检察院对属于检察工作中具体应用法律的问题进行解释、发布指导性案例,应当由检察委员会讨论通过。

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش خىزمىتىدە قانۇننى كونكرېت قوللىنىش مەسىلىسىنى ئىزاھلايدۇ، يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىدۇ، تەپتىش كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللايدۇ.

第三十二条 检察委员会召开会议,应当有其组成人员的过半数出席。

32-ماددا تەپتىش كومىتېتى يىغىن ئېچىشتا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتنىشىشى كېرەك.

检察委员会会议由检察长或者检察长委托的副检察长主持。检察委员会实行民主集中制。

تەپتىش كومىتېتى يىغىنىغا باش تەپتىش ياكى باش تەپتىش ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. تەپتىش كومىتېتى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

地方各级人民检察院的检察长不同意本院检察委员会多数人的意见,属于办理案件的,可以报请上一级人民检察院决定;属于重大事项的,可以报请上一级人民检察院或者本级人民代表大会常务委员会决定。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى شۇ مەھكىمە تەپتىش كومىتېتىدىكى كۆپ سانلىقنىڭ پىكرىگە قوشۇلماي، دېلو بېجىرىشكە تەۋە بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنسا بولىدۇ؛ مۇھىم، زور ئىشلارغا تەۋە بولغانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىسا بولىدۇ.

第三十三条 检察官可以就重大案件和其他重大问题,提请检察长决定。检察长可以根据案件情况,提交检察委员会讨论决定。

33-ماددا تەپتىش ئەمەلدارى مۇھىم، زور دېلو ۋە باشقا مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا باش تەپتىشنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنسا بولىدۇ. باش تەپتىش دېلو ئەھۋالىغا قاراپ، تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنسا بولىدۇ.

检察委员会讨论案件,检察官对其汇报的事实负责,检察委员会委员对本人发表的意见和表决负责。检察委员会的决定,检察官应当执行。

تەپتىش كومىتېتى دېلونى مۇزاكىرە قىلغاندا، تەپتىش ئەمەلدارى ئۆزى دوكلات قىلغان پاكىتقا مەسئۇل بولىدۇ، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى ئېلان قىلغان پىكىر ۋە ئاۋاز بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. تەپتىش كومىتېتىنىڭ قارارىنى تەپتىش ئەمەلدارى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

第三十四条 人民检察院实行检察官办案责任制。检察官对其职权范围内就案件作出的决定负责。检察长、检察委员会对案件作出决定的,承担相应责任。

34-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ئەمەلدارلىرى دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تەپتىش ئەمەلدارى ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدە دېلو توغرىسىدا چىقارغان قارارىغا مەسئۇل بولىدۇ. باش تەپتىش، تەپتىش كومىتېتلىرى دېلو توغرىسىدا قارار چىقارغان بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第四章 人民检察院的人员组成

4-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ تەركىبى

第三十五条 人民检察院的检察人员由检察长、副检察长、检察委员会委员和检察员等人员组成。

35-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش خادىملىرى باش تەپتىش، مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىش خادىملىرى قاتارلىق خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ.

第三十六条 人民检察院检察长领导本院检察工作,管理本院行政事务。人民检察院副检察长协助检察长工作。

36-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى مەزكۇر مەھكىمىنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەزكۇر مەھكىمىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى باش تەپتىش خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

第三十七条 最高人民检察院检察长由全国人民代表大会选举和罢免,副检察长、检察委员会委员和检察员由检察长提请全国人民代表大会常务委员会任免。

37-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر، تەپتىش كومىتېتى ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەرنى باش تەپتىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى ۋە قالدۇرۇشىغا سۇنىدۇ.

第三十八条 地方各级人民检察院检察长由本级人民代表大会选举和罢免,副检察长、检察委员会委员和检察员由检察长提请本级人民代表大会常务委员会任免。

38-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى باش تەپتىش شۇ دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى ۋە قالدۇرۇشىغا سۇنىدۇ.

地方各级人民检察院检察长的任免,须报上一级人民检察院检察长提请本级人民代表大会常务委员会批准。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشتا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە يوللاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىش شەرت.

省、自治区、直辖市人民检察院分院检察长、副检察长、检察委员会委员和检察员,由省、自治区、直辖市人民检察院检察长提请本级人民代表大会常务委员会任免。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىش شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى ۋە قالدۇرۇشىغا سۇنىدۇ.

第三十九条 人民检察院检察长任期与产生它的人民代表大会每届任期相同。

39-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

全国人民代表大会常务委员会和省、自治区、直辖市人民代表大会常务委员会根据本级人民检察院检察长的建议,可以撤换下级人民检察院检察长、副检察长和检察委员会委员。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى ۋە تەپتىش كومىتېتى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

第四十条 人民检察院的检察官、检察辅助人员和司法行政人员实行分类管理。

40-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى، تەپتىش ياردەمچىلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي خادىملىرى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ.

第四十一条 检察官实行员额制。检察官员额根据案件数量、经济社会发展情况、人口数量和人民检察院层级等因素确定。

41-ماددا تەپتىش ئەمەلدارلىرىدا ئىشتات تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئىشتاتى دېلو سانى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى، نوپۇس سانى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاتلام، دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

最高人民检察院检察官员额由最高人民检察院商有关部门确定。地方各级人民检察院检察官员额,在省、自治区、直辖市内实行总量控制、动态管理。

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتاتىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەپتىش ئىشتاتى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

第四十二条 检察官从取得法律职业资格并且具备法律规定的其他条件的人员中选任。初任检察官应当由检察官遴选委员会进行专业能力审核。上级人民检察院的检察官一般从下级人民检察院的检察官中择优遴选。

42-ماددا تەپتىش ئەمەلدارى قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغان خادىملار ئارىسىدىن تاللاپ تەيىنلىنىدۇ. تۇنجى تەپتىش ئەمەلدارىنى تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى تاللاش كومىتېتى كەسپىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەپتىشلىرى ئادەتتە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ تاللىنىدۇ.

检察长应当具有法学专业知识和法律职业经历。副检察长、检察委员会委员应当从检察官、法官或者其他具备检察官、法官条件的人员中产生。

باش تەپتىش قانۇنشۇناسلىق كەسپىي بىلىملىرىگە ۋە قانۇن كەسپىي كەچۈرمىشىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر، تەپتىش كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى تەپتىش ئەمەلدارى، سودىيە ياكى تەپتىش ئەمەلدارى، سوتچى شەرتىنى ھازىرلىغان باشقا خادىملار ئارىسىدىن بارلىققا كېلىشى كېرەك.

检察官的职责、管理和保障,依照《中华人民共和国检察官法》的规定。

تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四十三条 人民检察院的检察官助理在检察官指导下负责审查案件材料、草拟法律文书等检察辅助事务。

43-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ياردەمچىسى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش، قانۇن ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش قاتارلىق تەپتىش قوشۇمچە ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

符合检察官任职条件的检察官助理,经遴选后可以按照检察官任免程序任命为检察官。

تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەپتىش ياردەمچىسى تاللانغاندىن كېيىن، تەپتىش ئەمەلدارلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش تەرتىپى بويىچە تەپتىش ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنسە بولىدۇ.

第四十四条 人民检察院的书记员负责案件记录等检察辅助事务。

44-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈكچىسى دېلو خاتىرىسى قاتارلىق تەپتىش قوشۇمچە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

第四十五条 人民检察院的司法警察负责办案场所警戒、人员押解和看管等警务事项。

45-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ساقچىلىرى دېلو بېجىرىش سورۇنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، خادىملارنى يالاپ ئېلىپ مېڭىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ساقچى ئىشلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

司法警察依照《中华人民共和国人民警察法》管理。

قانۇن يۈرگۈزۈش ساقچىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى»بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

第四十六条 人民检察院根据检察工作需要,可以设检察技术人员,负责与检察工作有关的事项。

46-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەپتىش تېخنىكا خادىملىرىنى تەسىس قىلىپ، تەپتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارغا مەسئۇل قىلسا بولىدۇ.

第五章 人民检察院行使职权的保障

5-باب خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش

第四十七条 任何单位或者个人不得要求检察官从事超出法定职责范围的事务。

47-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ تەپتىش ئەمەلدارىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

对于领导干部等干预司法活动、插手具体案件处理,或者人民检察院内部人员过问案件情况的,办案人员应当全面如实记录并报告;有违法违纪情形的,由有关机关根据情节轻重追究行为人的责任。

رەھبىرىي كادىرلار قاتارلىقلار قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە ئارىلاشقان، كونكرېت دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىققان ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار دېلو ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسا، دېلو بېجىرگۈچى خادىملار ئومۇميۈزلۈك ئەينەن خاتىرىلىشى ھەم دوكلات قىلىشى كېرەك؛ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورگان قىلمىشچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ سۈرۈشتۈرىدۇ.

第四十八条 人民检察院采取必要措施,维护办案安全。对妨碍人民检察院依法行使职权的违法犯罪行为,依法追究法律责任。

48-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، دېلو بېجىرىش بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

第四十九条 人民检察院实行培训制度,检察官、检察辅助人员和司法行政人员应当接受理论和业务培训。

49-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، تەپتىش ئەمەلدارلىرى، تەپتىش ياردەمچىلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي خادىملىرى نەزەرىيە ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى كېرەك.

第五十条 人民检察院人员编制实行专项管理。

50-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ ئىشتاتىنى مەخسۇس باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

第五十一条 人民检察院的经费按照事权划分的原则列入财政预算,保障检察工作需要。

51-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىراجىتى ئىش ھوقۇقىنى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

第五十二条 人民检察院应当加强信息化建设,运用现代信息技术,促进司法公开,提高工作效率。

52-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىشى، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第五十三条 本法自2019年1月1日起施行。

53-ماددا بۇ قانۇن 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.