(2006年8月27日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过)
( 2006-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2006年8月27日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过)
( 2006-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 申请和受理
2-باب ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش
第一节 申请
1-پاراگراف ئىلتىماس قىلىش
第二节 受理
2-پاراگراف قوبۇل قىلىش
第三章 管理人
3-باب باشقۇرغۇچى
第四章 债务人财产
4-باب قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى
第五章 破产费用和共益债务
5-باب ۋەيران بولۇش خىراجىتى ۋە ئورتاق پايدا قەرزى
第六章 债权申报
6-باب ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش
第七章 债权人会议
7-باب ھەقدارلار يىغىنى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第二节 债权人委员会
2-پاراگراف ھەقدارلار كومىتېتى
第八章 重整
8-باب قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش
第一节 重整申请和重整期间
1-پاراگراف قايتا تەرتىپكە سېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قايتا تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە
第二节 重整计划的制定和批准
2-پاراگراف قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلاش
第三节 重整计划的执行
3-پاراگراف قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى
第九章 和解
9-باب يارىشىۋېلىش
第十章 破产清算
10-باب ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش
第一节 破产宣告
1-پاراگراف ۋەيران بولۇشنى جاكارلاش
第二节 变价和分配
2-پاراگراف باھاغا سۇندۇرۇش ۋە تەقسىملەش
第三节 破产程序的终结
3-پاراگراف ۋەيران بولۇش تەرتىپىنىڭ ئاخىرلىشىشى
第十一章 法律责任
11-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第十二章 附则
12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为规范企业破产程序,公平清理债权债务,保护债权人和债务人的合法权益,维护社会主义市场经济秩序,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى ئادىل ئېنىقلاش، ھەقدار ۋە قەرزدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 企业法人不能清偿到期债务,并且资产不足以清偿全部债务或者明显缺乏清偿能力的,依照本法规定清理债务。
2-ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە قەرەلى توشقان قەرزىنى تۆلىيەلمىسە ھەمدە مۈلكى ھەممە قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە ياكى تۆلەش ئىقتىدارى روشەن كەمچىل بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى ئېنىقلاش كېرەك.
企业法人有前款规定情形,或者有明显丧失清偿能力可能的,可以依照本法规定进行重整。
كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ياكى قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى روشەن يوقىتىش ئېھتىمالى بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەرتىپكە سېلىنسا بولىدۇ.
第三条 破产案件由债务人住所地人民法院管辖。
3-ماددا ۋەيرانچىلىق دېلوسى قەرزدار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
第四条 破产案件审理程序,本法没有规定的,适用民事诉讼法的有关规定。
4-ماددا ۋەيرانچىلىق دېلوسىغا قاراپ چىقىش تەرتىپى بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
第五条 依照本法开始的破产程序,对债务人在中华人民共和国领域外的财产发生效力。
5-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە باشلانغان ۋەيران بولۇش تەرتىپى قەرزدارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسى سىرتىدىكى مال-مۈلكى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.
对外国法院作出的发生法律效力的破产案件的判决、裁定,涉及债务人在中华人民共和国领域内的财产,申请或者请求人民法院承认和执行的,人民法院依照中华人民共和国缔结或者参加的国际条约,或者按照互惠原则进行审查,认为不违反中华人民共和国法律的基本原则,不损害国家主权、安全和社会公共利益,不损害中华人民共和国领域内债权人的合法权益的,裁定承认和执行。
چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى چىقارغان قانۇن كۈچىگە ئىگە ۋەيرانچىلىق دېلوسى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە كېسىم قەرزدارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى مال-مۈلكىگە چېتىلىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە بويىچە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە تەكشۈرىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ بولمىغان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىدى دەپ قارىسا، كېسىم ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ.
第六条 人民法院审理破产案件,应当依法保障企业职工的合法权益,依法追究破产企业经营管理人员的法律责任。
6-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى، ۋەيران بولغان كارخانىدىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
第二章 申请和受理
2-باب ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش
第一节 申请
1-پاراگراف ئىلتىماس قىلىش
第七条 债务人有本法第二条规定的情形,可以向人民法院提出重整、和解或者破产清算申请。
7-ماددا قەرزداردا مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا تەرتىپكە سېلىش، كېلىشىۋېلىش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
债务人不能清偿到期债务,债权人可以向人民法院提出对债务人进行重整或者破产清算的申请。
قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرزىنى تۆلىيەلمىسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە قەرزدارنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
企业法人已解散但未清算或者未清算完毕,资产不足以清偿债务的,依法负有清算责任的人应当向人民法院申请破产清算。
كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېساباتى ئېنىقلانمىغان ياكى ھېساباتى ئېنىقلىنىپ بولالمىغاندا، مۈلكى قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلاش جاۋابكارلىقى بار كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
第八条 向人民法院提出破产申请,应当提交破产申请书和有关证据。
8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى سۇنغاندا، ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى ۋە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇش كېرەك.
破产申请书应当载明下列事项:
ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىغا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)申请人、被申请人的基本情况;
( 1 ) ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛
(二)申请目的;
( 2 ) ئىلتىماس قىلىش مەقسىتى؛
(三)申请的事实和理由;
( 3 ) ئىلتىماس قىلغان پاكىت ۋە ئاساس؛
(四)人民法院认为应当载明的其他事项。
( 4 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ئېنىق يېزىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.
债务人提出申请的,还应当向人民法院提交财产状况说明、债务清册、债权清册、有关财务会计报告、职工安置预案以及职工工资的支付和社会保险费用的缴纳情况。
قەرزدار ئىلتىماس قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال-مۈلۈك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىزاھات، قەرزدارلىق تىزىملىك دەپتىرى، ھەقدارلىق تىزىملىك نۇسخىسى، ئالاقىدار مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى يەنە تاپشۇرۇشى كېرەك.
第九条 人民法院受理破产申请前,申请人可以请求撤回申请。
9-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
第二节 受理
2-پاراگراف قوبۇل قىلىش
第十条 债权人提出破产申请的,人民法院应当自收到申请之日起五日内通知债务人。债务人对申请有异议的,应当自收到人民法院的通知之日起七日内向人民法院提出。人民法院应当自异议期满之日起十日内裁定是否受理。
10-ماددا ھەقدار ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە قەرزدارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قەرزدارنىڭ ئىلتىماسقا باشقىچە پىكرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە باشقىچە پىكىر مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
除前款规定的情形外,人民法院应当自收到破产申请之日起十五日内裁定是否受理。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە كېسىمنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
有特殊情况需要延长前两款规定的裁定受理期限的,经上一级人民法院批准,可以延长十五日。
ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسىم قوبۇل قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، 15 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
第十一条 人民法院受理破产申请的,应当自裁定作出之日起五日内送达申请人。
11-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، كېسىم چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
债权人提出申请的,人民法院应当自裁定作出之日起五日内送达债务人。债务人应当自裁定送达之日起十五日内,向人民法院提交财产状况说明、债务清册、债权清册、有关财务会计报告以及职工工资的支付和社会保险费用的缴纳情况。
ھەقدار ئىلتىماس سۇنسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە قەرزدارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. قەرزدار كېسىم يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال-مۈلۈك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىزاھات، قەرز ھېسابات دەپتىرى، ھەقدارلىق ھېسابات دەپتىرى، ئالاقىدار مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاشىنى بېرىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
第十二条 人民法院裁定不受理破产申请的,应当自裁定作出之日起五日内送达申请人并说明理由。申请人对裁定不服的,可以自裁定送达之日起十日内向上一级人民法院提起上诉。
12-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقارغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى كېسىمگە قايىل بولمىسا، كېسىم يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
人民法院受理破产申请后至破产宣告前,经审查发现债务人不符合本法第二条规定情形的,可以裁定驳回申请。申请人对裁定不服的,可以自裁定送达之日起十日内向上一级人民法院提起上诉。
خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ ۋەيرانچىلىق جاكارى ئېلان قىلىنغۇچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەرزدارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بايقالسا، كېسىم چىقىرىپ ئىلتىماسنى رەت قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى كېسىمگە قايىل بولمىسا، كېسىم يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
第十三条 人民法院裁定受理破产申请的,应当同时指定管理人。
13-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشتا، باشقۇرغۇچىنى بىرلا ۋاقىتتا بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك.
第十四条 人民法院应当自裁定受理破产申请之日起二十五日内通知已知债权人,并予以公告。
14-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقارغان كۈندىن باشلاپ 25 كۈن ئىچىدە مەلۇم بولغان ھەقدارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
通知和公告应当载明下列事项:
ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇقتۇرۇشقا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)申请人、被申请人的名称或者姓名;
( 1 ) ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى؛
(二)人民法院受理破产申请的时间;
( 2 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىت؛
(三)申报债权的期限、地点和注意事项;
( 3 ) ھەقدارلىقنى ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى، ئورنى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛
(四)管理人的名称或者姓名及其处理事务的地址;
( 4 ) باشقۇرغۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلار ئادرېسى؛
(五)债务人的债务人或者财产持有人应当向管理人清偿债务或者交付财产的要求;
( 5 ) قەرزدارنىڭ قەرزدارى ياكى مال-مۈلۈك ئىگىسى باشقۇرغۇچىغا تۆلەيدىغان قەرزىنى ئۈزۈشى ياكى مال-مۈلكىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛
(六)第一次债权人会议召开的时间和地点;
( 6 ) 1-قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنى ئېچىلغان ۋاقىت ۋە ئورۇن؛
(七)人民法院认为应当通知和公告的其他事项。
( 7 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلارنى ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ دەپ قارىغان.
第十五条 自人民法院受理破产申请的裁定送达债务人之日起至破产程序终结之日,债务人的有关人员承担下列义务:
15-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش كېسىمى قەرزدارغا يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ۋەيرانچىلىق تەرتىپى ئاخىرلاشقان كۈنگىچە، قەرزدارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ :
(一)妥善保管其占有和管理的财产、印章和账簿、文书等资料;
( 1 ) ئۆزى ئىگىلىگەن ۋە باشقۇرۇۋاتقان مال-مۈلۈك، تامغا ۋە ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلاش؛
(二)根据人民法院、管理人的要求进行工作,并如实回答询问;
( 2 ) خەلق سوت مەھكىمىسى، باشقۇرغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەش ھەمدە سوئالغا ئەينەن جاۋاب بېرىش؛
(三)列席债权人会议并如实回答债权人的询问;
( 3 ) ھەقدارلار يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش ھەمدە ھەقدارنىڭ سوئالىغا ئەينەن جاۋاب بېرىش؛
(四)未经人民法院许可,不得离开住所地;
( 4 ) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، تۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلماسلىق؛
(五)不得新任其他企业的董事、监事、高级管理人员。
( 5 ) باشقا كارخانىلارنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى يېڭىدىن تەيىنلەشكە بولمايدۇ.
前款所称有关人员,是指企业的法定代表人;经人民法院决定,可以包括企业的财务管理人员和其他经营管理人员。
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئالاقىدار خادىملار كارخانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنى كۆرسىتىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ.
第十六条 人民法院受理破产申请后,债务人对个别债权人的债务清偿无效。
16-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ ئايرىم ھەقدارلارغا تۆلەيدىغان قەرزى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
第十七条 人民法院受理破产申请后,债务人的债务人或者财产持有人应当向管理人清偿债务或者交付财产。
17-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ قەرزدارى ياكى مال-مۈلكىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى باشقۇرغۇچىلاردىن قەرزىنى ئۈزۈشى ياكى مال-مۈلۈك تاپشۇرۇشى كېرەك.
债务人的债务人或者财产持有人故意违反前款规定向债务人清偿债务或者交付财产,使债权人受到损失的,不免除其清偿债务或者交付财产的义务。
قەرزدارنىڭ قەرزدارى ياكى مال-مۈلكىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، قەرزدارغا قەرزى ئۈزۈپ ياكى مال-مۈلكى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ھەقدارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئۇنىڭ قەرز ئۈزۈش ياكى مال-مۈلۈك تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.
第十八条 人民法院受理破产申请后,管理人对破产申请受理前成立而债务人和对方当事人均未履行完毕的合同有权决定解除或者继续履行,并通知对方当事人。管理人自破产申请受理之日起二个月内未通知对方当事人,或者自收到对方当事人催告之日起三十日内未答复的,视为解除合同。
18-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ، قەرزدار بىلەن قارشى تەرەپ توختاملاشقۇچى ھەممىسى تولۇق ئادا قىلمىغان توختامنى بىكار قىلىش ياكى داۋاملىق ئادا قىلىشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە توختاملاشقۇچىغا قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. باشقۇرغۇچى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 2 ئاي ئىچىدە قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرمىسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ سۈيلىشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بەرمىسە، توختامنى بىكار قىلدى دەپ قارىلىدۇ.
管理人决定继续履行合同的,对方当事人应当履行;但是,对方当事人有权要求管理人提供担保。管理人不提供担保的,视为解除合同。
باشقۇرغۇچى توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى قارار قىلسا، قارشى تەرەپ توختامنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ لېكىن، توختاملاشقۇچى قارشى تەرەپ باشقۇرغۇچىدىن كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقۇرغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، توختامنى بىكار قىلدى دەپ قارىلىدۇ.
第十九条 人民法院受理破产申请后,有关债务人财产的保全措施应当解除,执行程序应当中止。
19-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى، ئىجرا تەرتىپىنى توختىتىپ تۇرۇشى كېرەك.
第二十条 人民法院受理破产申请后,已经开始而尚未终结的有关债务人的民事诉讼或者仲裁应当中止;在管理人接管债务人的财产后,该诉讼或者仲裁继续进行。
20-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشلانغان بولسىمۇ تېخى ئاخىرلاشمىغان ئالاقىدار قەرزدارنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ياكى كېسىمىنى توختىتىپ تۇرۇش كېرەك؛ باشقۇرغۇچى قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، دەۋا ياكى كېسىم داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
第二十一条 人民法院受理破产申请后,有关债务人的民事诉讼,只能向受理破产申请的人民法院提起。
21-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگىلا سوزۇلىدۇ.
第三章 管理人
3-باب باشقۇرغۇچى
第二十二条 管理人由人民法院指定。
22-ماددا باشقۇرغۇچىنى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىدۇ.
债权人会议认为管理人不能依法、公正执行职务或者有其他不能胜任职务情形的,可以申请人民法院予以更换。
ھەقدارلار يىغىنى باشقۇرغۇچىنى ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە، ئادىل ئىجرا قىلالمايدىغان ياكى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
指定管理人和确定管理人报酬的办法,由最高人民法院规定。
باشقۇرغۇچى بەلگىلەپ بېرىش ۋە باشقۇرغۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى بېكىتىش چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.
第二十三条 管理人依照本法规定执行职务,向人民法院报告工作,并接受债权人会议和债权人委员会的监督。
23-ماددا باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ ھەمدە ھەقدارلار يىغىنى ۋە ھەقدارلار كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
管理人应当列席债权人会议,向债权人会议报告职务执行情况,并回答询问。
باشقۇرغۇچى ھەقدارلار يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھەقدارلار يىغىنىغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى ھەمدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.
第二十四条 管理人可以由有关部门、机构的人员组成的清算组或者依法设立的律师事务所、会计师事务所、破产清算事务所等社会中介机构担任。
24-ماددا باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماق، ئاپپاراتنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئادۋوكاتلىق ئورنى، بوغالتىرلىق ئورنى، ۋەيرانچىلىق ھېسابات ئېنىقلاش ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
人民法院根据债务人的实际情况,可以在征询有关社会中介机构的意见后,指定该机构具备相关专业知识并取得执业资格的人员担任管理人。
خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى ئاپپاراتتىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، شۇ ئاپپاراتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىمگە ئىگە ھەمدە كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملىرىنى باشقۇرغۇچىلىققا بەلگىلەپ قويسا بولىدۇ.
有下列情形之一的,不得担任管理人:
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ :
(一)因故意犯罪受过刑事处罚;
( 1 ) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛
(二)曾被吊销相关专业执业证书;
( 2 ) ئالاقىدار كەسپىي كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان بولسا؛
(三)与本案有利害关系;
( 3 ) شۇ دېلو بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولۇش؛
(四)人民法院认为不宜担任管理人的其他情形。
( 4 ) خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرغۇچى بولۇشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.
个人担任管理人的,应当参加执业责任保险。
شەخسلەر باشقۇرغۇچى بولسا، كەسىپكارلىق جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
第二十五条 管理人履行下列职责:
25-ماددا باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ :
(一)接管债务人的财产、印章和账簿、文书等资料;
( 1 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى، تامغىسى ۋە ھېساب دەپتىرى، ھۆججەت-ماتېرىيال قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش؛
(二)调查债务人财产状况,制作财产状况报告;
( 2 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، مال-مۈلۈك ئەھۋالىدىن دوكلات تەييارلاش؛
(三)决定债务人的内部管理事务;
( 3 ) قەرزدارنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قارار قىلىش؛
(四)决定债务人的日常开支和其他必要开支;
( 4 ) قەرزدارنىڭ كۈندىلىك چىقىمى ۋە باشقا زۆرۈر چىقىملىرىنى بەلگىلەش؛
(五)在第一次债权人会议召开之前,决定继续或者停止债务人的营业;
( 5 ) 1-قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، قەرزدارنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىشنى قارار قىلىش؛
(六)管理和处分债务人的财产;
( 6 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛
(七)代表债务人参加诉讼、仲裁或者其他法律程序;
( 7 ) قەرزدارغا ۋاكالىتەن دەۋا، كېسىم ياكى باشقا قانۇن تەرتىپلىرىگە قاتنىشىش؛
(八)提议召开债权人会议;
( 8 ) ھەقدارلار يىغىنى ئېچىش تەكلىپى بېرىش؛
(九)人民法院认为管理人应当履行的其他职责。
( 9 ) خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرغۇچى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا مەسئۇلىيەتلەر.
本法对管理人的职责另有规定的,适用其规定。
بۇ قانۇندا باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
第二十六条 在第一次债权人会议召开之前,管理人决定继续或者停止债务人的营业或者有本法第六十九条规定行为之一的,应当经人民法院许可。
26-ماددا 1-قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، باشقۇرغۇچى قەرزدارنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىشنى قارار قىلسا ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 69-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك.
第二十七条 管理人应当勤勉尽责,忠实执行职务。
27-ماددا باشقۇرغۇچىلار مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىشى، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى كېرەك.
第二十八条 管理人经人民法院许可,可以聘用必要的工作人员。
28-ماددا باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن زۆرۈر خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
管理人的报酬由人民法院确定。债权人会议对管理人的报酬有异议的,有权向人民法院提出。
باشقۇرغۇچىنىڭ ھەققىنى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىدۇ. ھەقدارلار يىغىنى باشقۇرغۇچىنىڭ ھەققىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
第二十九条 管理人没有正当理由不得辞去职务。管理人辞去职务应当经人民法院许可。
29-ماددا باشقۇرغۇچى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە بولمايدۇ. باشقۇرغۇچى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك.
第四章 债务人财产
4-باب قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى
第三十条 破产申请受理时属于债务人的全部财产,以及破产申请受理后至破产程序终结前债务人取得的财产,为债务人财产。
30-ماددا ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا قەرزدارنىڭ بارلىق مال-مۈلكى، شۇنىڭدەك ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ ۋەيرانچىلىق تەرتىپى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن قەرزدار ئىگە بولغان مال-مۈلۈك قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى بولىدۇ.
第三十一条 人民法院受理破产申请前一年内,涉及债务人财产的下列行为,管理人有权请求人民法院予以撤销:
31-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتىن بىر يىل بۇرۇن، قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىگە چېتىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :
(一)无偿转让财产的;
( 1 ) مال-مۈلۈكنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر؛
(二)以明显不合理的价格进行交易的;
( 2 ) روشەن نامۇۋاپىق باھادا سودىلاشقان بولسا؛
(三)对没有财产担保的债务提供财产担保的;
( 3 ) مال-مۈلۈك كېپىللىكى بولمىغان قەرز پۇلىغا مال-مۈلۈك كېپىلى بەرگەنلەر؛
(四)对未到期的债务提前清偿的;
( 4 ) مۇددىتى توشمىغان قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزگەنلەر؛
(五)放弃债权的。
( 5 ) ھەقدارلىقتىن ۋاز كەچكەنلەر.
第三十二条 人民法院受理破产申请前六个月内,债务人有本法第二条第一款规定的情形,仍对个别债权人进行清偿的,管理人有权请求人民法院予以撤销。但是,个别清偿使债务人财产受益的除外。
32-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئاي ئىچىدە، قەرزداردا مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئايرىم ھەقدارلاردا قەرزنى ئۈزۈۋەرسە، باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى ئايرىم ئۈزۈش مەنپەئەتلەندۈرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第三十三条 涉及债务人财产的下列行为无效:
33-ماددا قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىگە چېتىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار ئىناۋەتسىز :
(一)为逃避债务而隐匿、转移财产的;
( 1 ) قەرزدىن قېچىش ئۈچۈن مال-مۈلۈكنى تىقىۋالغان، يۆتكىۋەتكەنلەر؛
(二)虚构债务或者承认不真实的债务的。
( 2 ) قەرزنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ياكى ھەقىقىي بولمىغان قەرزنى ئېتىراپ قىلغانلار.
第三十四条 因本法第三十一条、第三十二条或者第三十三条规定的行为而取得的债务人的财产,管理人有权追回。
34-ماددا باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 31-، 32-ياكى 33-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئېرىشكەن قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
第三十五条 人民法院受理破产申请后,债务人的出资人尚未完全履行出资义务的,管理人应当要求该出资人缴纳所认缴的出资,而不受出资期限的限制。
35-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى مەبلەغ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىسا، باشقۇرغۇچى شۇ مەبلەغ چىقارغۇچىدىن مەبلەغ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
第三十六条 债务人的董事、监事和高级管理人员利用职权从企业获取的非正常收入和侵占的企业财产,管理人应当追回。
36-ماددا قەرزدارنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كارخانىدىن ئېرىشكەن نورمالسىز كىرىمى ۋە ئىگىلىۋالغان كارخانا مال-مۈلكىنى باشقۇرغۇچى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.
第三十七条 人民法院受理破产申请后,管理人可以通过清偿债务或者提供为债权人接受的担保,取回质物、留置物。
37-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى قەرز ئۈزۈش ياكى ھەقدار ئۈچۈن قوبۇل قىلىدىغان كېپىللىك بېرىش ئارقىلىق گۆرۈ نەرسە، قالدۇرمىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.
前款规定的债务清偿或者替代担保,在质物或者留置物的价值低于被担保的债权额时,以该质物或者留置物当时的市场价值为限。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرز ئۈزۈش ياكى كېپىللىكنىڭ ئورنىنى ئېلىشتا، گۆرۈ ياكى قالدۇرمىنىڭ قىممىتى كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىق سوممىسىدىن تۆۋەن بولغاندا، شۇ گۆرۈ نەرسە ياكى قالدۇرمىنىڭ شۇ چاغدىكى بازار قىممىتى بىلەن چەكلىنىدۇ.
第三十八条 人民法院受理破产申请后,债务人占有的不属于债务人的财产,该财产的权利人可以通过管理人取回。但是,本法另有规定的除外。
38-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدار ئىگىلىگەن قەرزدارغا تەۋە بولمىغان مال-مۈلۈكنى شۇ مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى باشقۇرغۇچى ئارقىلىق قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第三十九条 人民法院受理破产申请时,出卖人已将买卖标的物向作为买受人的债务人发运,债务人尚未收到且未付清全部价款的,出卖人可以取回在运途中的标的物。但是,管理人可以支付全部价款,请求出卖人交付标的物。
39-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى سېتىۋالغۇچى سۈپىتىدە سودىلىشىدىغان قەرزدارغا ماڭدۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، قەرزدار تېخى تاپشۇرۇۋالمىغان ھەمدە ھەممە پۇلنى تۆلەپ بولالمىغان بولسا، ساتقۇچى توشۇش يولىدىكى نىشان نەرسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. لېكىن، باشقۇرغۇچى بارلىق مال پۇلىنى تۆلەپ، ساتقۇچىدىن نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
第四十条 债权人在破产申请受理前对债务人负有债务的,可以向管理人主张抵销。但是,有下列情形之一的,不得抵销:
40-ماددا ھەقدارنىڭ ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن قەرزدارغا قەرزى بولسا، باشقۇرغۇچىغا خالاس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خالاس قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ :
(一)债务人的债务人在破产申请受理后取得他人对债务人的债权的;
( 1 ) قەرزدارنىڭ قەرزدارى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ قەرزداردىكى ھەقدارلىقىغا ئېرىشكەن بولسا؛
(二)债权人已知债务人有不能清偿到期债务或者破产申请的事实,对债务人负担债务的;但是,债权人因为法律规定或者有破产申请一年前所发生的原因而负担债务的除外;
( 2 ) ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرەلى توشقان قەرزىنى قايتۇرالمايدىغانلىقى ياكى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان بولسا، قەرزدارغا قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا؛ لېكىن، ھەقدار قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى بىر يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن قەرزنى ئۈستىگە ئالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(三)债务人的债务人已知债务人有不能清偿到期债务或者破产申请的事实,对债务人取得债权的;但是,债务人的债务人因为法律规定或者有破产申请一年前所发生的原因而取得债权的除外。
( 3 ) قەرزدارنىڭ قەرزدارى قەرزدارنىڭ قەرەلى توشقان قەرزىنى قايتۇرالمايدىغانلىقى ياكى ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەرزدار ئالدىدا ھەقدارلىققا ئېرىشكەن بولسا؛ لېكىن، قەرزدارنىڭ قەرزدارى قانۇندا ياكى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى بىر يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ھەقدارلىققا ئېرىشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第五章 破产费用和共益债务
5-باب ۋەيران بولۇش خىراجىتى ۋە ئورتاق پايدا قەرزى
第四十一条 人民法院受理破产申请后发生的下列费用,为破产费用:
41-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن چىقىم قىلغان تۆۋەندىكى خىراجەتلەر ۋەيرانچىلىق خىراجىتى بولىدۇ :
(一)破产案件的诉讼费用;
( 1 ) ۋەيرانچىلىق دېلولىرىنىڭ دەۋا ھەققى؛
(二)管理、变价和分配债务人财产的费用;
( 2 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش، باھاغا ئۆزگەرتىش ۋە تەقسىملەش خىراجىتى؛
(三)管理人执行职务的费用、报酬和聘用工作人员的费用。
( 3 ) باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىراجىتى، ئىش ھەققى ۋە تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن خادىملارنىڭ خىراجىتى.
第四十二条 人民法院受理破产申请后发生的下列债务,为共益债务:
42-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن تۆۋەندىكى قەرزلەر ئورتاق پايدا ئالىدىغان قەرزدارلىق ھېسابلىنىدۇ :
(一)因管理人或者债务人请求对方当事人履行双方均未履行完毕的合同所产生的债务;
( 1 ) باشقۇرغۇچى ياكى قەرزدار قارشى تەرەپتىن ئىككى تەرەپ تولۇق ئادا قىلمىغان توختامنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قەرز؛
(二)债务人财产受无因管理所产生的债务;
( 2 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى باشقۇرۇش ئورنى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قەرزگە بوغۇلۇش؛
(三)因债务人不当得利所产生的债务;
( 3 ) قەرزدارنىڭ نامۇۋاپىق پايدا ئېلىشىدىن كېلىپ چىققان قەرز مەجبۇرىيىتى؛
(四)为债务人继续营业而应支付的劳动报酬和社会保险费用以及由此产生的其他债务;
( 4 ) قەرزدارنىڭ داۋاملىق تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك ئەمگەك ھەققى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان باشقا قەرزدارلىق؛
(五)管理人或者相关人员执行职务致人损害所产生的债务;
( 5 ) باشقۇرغۇچىلار ياكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ باشقىلارغا زىيان سېلىشىدىن كېلىپ چىققان قەرزى؛
(六)债务人财产致人损害所产生的债务。
( 6 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ كىشىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن كېلىپ چىققان قەرز.
第四十三条 破产费用和共益债务由债务人财产随时清偿。
43-ماددا ۋەيران بولۇش خىراجىتى ۋە ئورتاق پايدا ئالىدىغان قەرزنى قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى خالىغان ۋاقىتتا ئۈزۈشى كېرەك.
债务人财产不足以清偿所有破产费用和共益债务的,先行清偿破产费用。
قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى بارلىق ۋەيران بولۇش خىراجىتى ۋە ئورتاق پايدا قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، ۋەيران بولۇش خىراجىتىنى ئاۋۋال ئۈزىدۇ.
债务人财产不足以清偿所有破产费用或者共益债务的,按照比例清偿。
قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى بارلىق ۋەيران بولۇش خىراجىتى ياكى ئورتاق پايدا قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، نىسبەت بويىچە ئۈزۈلىدۇ.
债务人财产不足以清偿破产费用的,管理人应当提请人民法院终结破产程序。人民法院应当自收到请求之日起十五日内裁定终结破产程序,并予以公告。
قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى ۋەيران بولۇش خىراجىتىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
第六章 债权申报
6-باب ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش
第四十四条 人民法院受理破产申请时对债务人享有债权的债权人,依照本法规定的程序行使权利。
44-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، قەرزداردا ھەقدارلىقى بولغان ھەقدار مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ.
第四十五条 人民法院受理破产申请后,应当确定债权人申报债权的期限。债权申报期限自人民法院发布受理破产申请公告之日起计算,最短不得少于三十日,最长不得超过三个月。
45-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىش مۇددىتىنى بېكىتىشى كېرەك. ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش مۇددىتى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ قىسقا بولغاندا 30 كۈندىن كەم بولماسلىقى، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
第四十六条 未到期的债权,在破产申请受理时视为到期。
46-ماددا قەرەلى توشمىغان ھەقدارلىق ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا مۇددىتى توشتى دەپ قارىلىدۇ.
附利息的债权自破产申请受理时起停止计息。
ئۆسۈم قوشۇمچە قىلىنغان ھەقدارلىققا ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆسۈم ھېسابلاش توختىتىلىدۇ.
第四十七条 附条件、附期限的债权和诉讼、仲裁未决的债权,债权人可以申报。
47-ماددا قوشۇمچە شەرت قويۇلغان، قوشۇمچە مۆھلەت شەرت قويۇلغان ھەقدارلىق ۋە دەۋا، كېسىم ئارقىلىق ھەل قىلىنمىغان ھەقدارلىقنى ھەقدار مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
第四十八条 债权人应当在人民法院确定的债权申报期限内向管理人申报债权。
48-ماددا ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش مۇددىتى ئىچىدە باشقۇرغۇچىغا ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
债务人所欠职工的工资和医疗、伤残补助、抚恤费用,所欠的应当划入职工个人账户的基本养老保险、基本医疗保险费用,以及法律、行政法规规定应当支付给职工的补偿金,不必申报,由管理人调查后列出清单并予以公示。职工对清单记载有异议的,可以要求管理人更正;管理人不予更正的,职工可以向人民法院提起诉讼。
قەرزدارنىڭ قەرز قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە داۋالىنىش، مېيىپلىك ياردەم پۇلى، نەپىقە پۇلى، قەرز بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتى، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىشكە تېگىشلىك تولۇقلىما پۇلىنى مەلۇم قىلىش ھاجەتسىز، باشقۇرغۇچى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تىزىملىك تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تىزىملىككە باشقىچە پىكرى بولسا، باشقۇرغۇچىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ باشقۇرغۇچى تۈزەتمىسە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
第四十九条 债权人申报债权时,应当书面说明债权的数额和有无财产担保,并提交有关证据。申报的债权是连带债权的,应当说明。
49-ماددا ھەقدار ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلغاندا، ھەقدارلىق سوممىسى ۋە مال-مۈلۈك كېپىللىكى بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى يازما چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. مەلۇم قىلىنغان ھەقدارلىق چاتما ھەقدارلىق بولسا، ئىزاھات بېرىش كېرەك.
第五十条 连带债权人可以由其中一人代表全体连带债权人申报债权,也可以共同申报债权。
50-ماددا چاتما ھەقدارلاردىن بىرى بارلىق چاتما ھەقدارلارغا ۋاكالىتەن ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلسا بولىدۇ، ھەقدارلىقنى بىرلىكتە مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.
第五十一条 债务人的保证人或者其他连带债务人已经代替债务人清偿债务的,以其对债务人的求偿权申报债权。
51-ماددا قەرزدارنىڭ كاپالەتلىگۈچىسى ياكى باشقا چاتما قەرزدارلار قەرزدارنىڭ ئورنىدا قەرز ئۈزگەن بولسا، قەرزدارنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بويىچە ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ.
债务人的保证人或者其他连带债务人尚未代替债务人清偿债务的,以其对债务人的将来求偿权申报债权。但是,债权人已经向管理人申报全部债权的除外。
قەرزدارنىڭ كاپالەتلىگۈچىسى ياكى باشقا چاتما قەرزدارلار قەرزدارنىڭ ئورنىدا قەرز ئۈزمىسە، قەرزدارنىڭ كەلگۈسى تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بويىچە ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. لېكىن ھەقدار باشقۇرغۇچىغا بارلىق ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第五十二条 连带债务人数人被裁定适用本法规定的程序的,其债权人有权就全部债权分别在各破产案件中申报债权。
52-ماددا چاتما قەرزدار سانىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى تەتبىقلاش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھەقدارى بارلىق ھەقدارلىقىنىڭ بارلىق ۋەيرانچىلىق دېلولىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第五十三条 管理人或者债务人依照本法规定解除合同的,对方当事人以因合同解除所产生的损害赔偿请求权申报债权。
53-ماددا باشقۇرغۇچى ياكى قەرزدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامنى بىكار قىلغان بولسا، قارشى تەرەپ توختاملاشقۇچى توختامنىڭ بىكار قىلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بىلەن ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ.
第五十四条 债务人是委托合同的委托人,被裁定适用本法规定的程序,受托人不知该事实,继续处理委托事务的,受托人以由此产生的请求权申报债权。
54-ماددا قەرزدار ھاۋالە توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى بولۇپ، كېسىم چىقىرىشتا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ تەتبىقلىنىدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ پاكىتنى بىلمەي، ھاۋالە ئىشنى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بىلەن ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ.
第五十五条 债务人是票据的出票人,被裁定适用本法规定的程序,该票据的付款人继续付款或者承兑的,付款人以由此产生的请求权申报债权。
55-ماددا قەرزدار چەك چىقارغۇچى، ئۇنىڭ كېسىمىدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ تەتبىقلىنىدۇ، شۇ چەكنى بەرگۈچى داۋاملىق پۇل تۆلىگەن ياكى ئېتىراپلىق قىلغان بولسا، پۇل تۆلىگۈچى شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بىلەن ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ.
第五十六条 在人民法院确定的债权申报期限内,债权人未申报债权的,可以在破产财产最后分配前补充申报;但是,此前已进行的分配,不再对其补充分配。为审查和确认补充申报债权的费用,由补充申报人承担。
56-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش مۇددىتى ئىچىدە، ھەقدار ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلمىغان بولسا، ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى ئاخىرقى تەقسىملەشتىن بۇرۇن تولۇقلاپ مەلۇم قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان تەقسىمات ئەمدى ئۇنىڭغا تولۇقلاپ تەقسىم قىلىنمايدۇ. ھەقدارلىقنى تەكشۈرۈش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن تولۇقلانغان ھەقدارلىقنى تولۇقلىغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
债权人未依照本法规定申报债权的,不得依照本法规定的程序行使权利。
ھەقدار ھەقدارلىقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىسا، ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزسە بولمايدۇ.
第五十七条 管理人收到债权申报材料后,应当登记造册,对申报的债权进行审查,并编制债权表。
57-ماددا باشقۇرغۇچى ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىشى، مەلۇم قىلىنغان ھەقدارلىقنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ھەقدارلىق جەدۋىلى تۈزۈشى كېرەك.
债权表和债权申报材料由管理人保存,供利害关系人查阅。
ھەقدارلىق جەدۋىلى ۋە ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنى باشقۇرغۇچى ساقلايدۇ، مەنپەئەتدارلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن بېرىلىدۇ.
第五十八条 依照本法第五十七条规定编制的债权表,应当提交第一次债权人会议核查。
58-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 57-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزۈلگەن ھەقدارلىق جەدۋىلى 1-قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلۇشى كېرەك.
债务人、债权人对债权表记载的债权无异议的,由人民法院裁定确认。
قەرزدار ۋە ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق جەدۋىلىدە خاتىرىلەنگەن ھەقدارلىققا باشقىچە پىكرى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
债务人、债权人对债权表记载的债权有异议的,可以向受理破产申请的人民法院提起诉讼。
قەرزدار ۋە ھەقدار ھەقدارلىق جەدۋىلىدە خاتىرىلەنگەن ھەقدارلىققا باشقىچە پىكىردە بولسا، ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
第七章 债权人会议
7-باب ھەقدارلار يىغىنى
第一节 一般规定
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
第五十九条 依法申报债权的债权人为债权人会议的成员,有权参加债权人会议,享有表决权。
59-ماددا قانۇن بويىچە ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلغان ھەقدار ھەقدارلار يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، ئۇلار ھەقدارلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
债权尚未确定的债权人,除人民法院能够为其行使表决权而临时确定债权额的外,不得行使表决权。
ھەقدارلىق تېخى بېكىتىلمىگەن ھەقدارلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى يۈرگۈزەلەيدىغان، ھەقدارلىق سوممىسىنى ۋاقىتلىق بېكىتەلەيدىغان ھەقدارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
对债务人的特定财产享有担保权的债权人,未放弃优先受偿权利的,对于本法第六十一条第一款第七项、第十项规定的事项不享有表决权。
قەرزدارنىڭ مۇئەييەن مال-مۈلكىدە كېپىللىك ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدار ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمىسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ 7-تارمىقى، 10-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدۇ.
债权人可以委托代理人出席债权人会议,行使表决权。代理人出席债权人会议,应当向人民法院或者债权人会议主席提交债权人的授权委托书。
ھەقدار ھەقدارلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىپ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. ۋاكالەتچى ھەقدارلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ھەقدارلار يىغىنىنىڭ رەئىسىگە ھەقدارنىڭ ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
债权人会议应当有债务人的职工和工会的代表参加,对有关事项发表意见。
ھەقدارلار يىغىنىغا قەرزدارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى قاتنىشىشى، ئالاقىدار ئىشلارغا پىكىر بېرىشى كېرەك.
第六十条 债权人会议设主席一人,由人民法院从有表决权的债权人中指定。
60-ماددا ھەقدارلار يىغىنىغا بىر رەئىس تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدارلار ئىچىدىن بېكىتىدۇ.
债权人会议主席主持债权人会议。
ھەقدارلار يىغىنىنىڭ رەئىسى ھەقدارلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
第六十一条 债权人会议行使下列职权:
61-ماددا ھەقدارلار يىغىنى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :
(一)核查债权;
( 1 ) ھەقدارلىقنى تەكشۈرۈش؛
(二)申请人民法院更换管理人,审查管理人的费用和报酬;
( 2 ) خەلق سوت مەھكىمىسىگە باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، باشقۇرغۇچىنىڭ خىراجىتى ۋە ئىش ھەققىنى تەكشۈرۈش؛
(三)监督管理人;
( 3 ) نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى؛
(四)选任和更换债权人委员会成员;
( 4 ) ھەقدارلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى تاللاپ تەيىنلەش ۋە ئالماشتۇرۇش؛
(五)决定继续或者停止债务人的营业;
( 5 ) قەرزدارنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ياكى توختىتىشنى قارار قىلىش؛
(六)通过重整计划;
( 6 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى ماقۇللاش؛
(七)通过和解协议;
( 7 ) يارىشىش كېلىشىمى ماقۇللاش؛
(八)通过债务人财产的管理方案;
( 8 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش لايىھەسىنى ماقۇللاش؛
(九)通过破产财产的变价方案;
( 9 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈككە باھا ئۆزگەرتىش لايىھەسى ئارقىلىق؛
(十)通过破产财产的分配方案;
( 10 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ماقۇللاش؛
(十一)人民法院认为应当由债权人会议行使的其他职权。
( 11 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقدارلار يىغىنى يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.
债权人会议应当对所议事项的决议作成会议记录。
ھەقدارلار يىغىنى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىشلارنىڭ قارارىنى يىغىن خاتىرىسىگە قالدۇرۇشى كېرەك.
第六十二条 第一次债权人会议由人民法院召集,自债权申报期限届满之日起十五日内召开。
62-ماددا 1-قېتىملىق ھەقدارلار يىغىنىنى خەلق سوت مەھكىمىسى چاقىرىدۇ، ھەقدارلىقنى مەلۇم قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئېچىلىدۇ.
以后的债权人会议,在人民法院认为必要时,或者管理人、债权人委员会、占债权总额四分之一以上的债权人向债权人会议主席提议时召开。
كېيىنكى ھەقدارلار يىغىنى خەلق سوت مەھكىمىسى زۆرۈر تاپسا ياكى باشقۇرغۇچى، ھەقدارلار كومىتېتى، ھەقدارلىق ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان ھەقدارلار ھەقدارلار يىغىنىنىڭ رەئىسىگە تەكلىپ بەرگەندە ئېچىلىدۇ.
第六十三条 召开债权人会议,管理人应当提前十五日通知已知的债权人。
63-ماددا ھەقدارلار يىغىنى ئېچىشتا، باشقۇرغۇچى بىلگەن ھەقدارغا 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
第六十四条 债权人会议的决议,由出席会议的有表决权的债权人过半数通过,并且其所代表的债权额占无财产担保债权总额的二分之一以上。但是,本法另有规定的除外。
64-ماددا ھەقدارلار يىغىنىنىڭ قارارى يىغىنغا قاتناشقان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدارلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ ھەمدە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ھەقدارلىق سوممىسى مال-مۈلۈك كېپىللىكى يوق ھەقدارلىق ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئىككىدىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
债权人认为债权人会议的决议违反法律规定,损害其利益的,可以自债权人会议作出决议之日起十五日内,请求人民法院裁定撤销该决议,责令债权人会议依法重新作出决议。
ھەقدار ھەقدارلار يىغىنىنىڭ قارارى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىسا، ھەقدارلار يىغىنى قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بۇ قارارنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەقدارلار يىغىنىنى قانۇن بويىچە قايتا قارار چىقىرىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.
债权人会议的决议,对于全体债权人均有约束力。
ھەقدارلار يىغىنىنىڭ قارارى بارلىق ھەقدارلارغا نىسبەتەن چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
第六十五条 本法第六十一条第一款第八项、第九项所列事项,经债权人会议表决未通过的,由人民法院裁定。
65-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 8 ) تارماقچىسى، ( 9 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن ھەقدارلار يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانمىغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ.
本法第六十一条第一款第十项所列事项,经债权人会议二次表决仍未通过的,由人民法院裁定。
مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ 10-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن ھەقدارلار يىغىنىدا 2-قېتىم ئاۋاز بېرىلسىمۇ ماقۇللانمىغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ.
对前两款规定的裁定,人民法院可以在债权人会议上宣布或者另行通知债权人。
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسىمنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقدارلار يىغىنىدا جاكارلىسا ياكى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.
第六十六条 债权人对人民法院依照本法第六十五条第一款作出的裁定不服的,债权额占无财产担保债权总额二分之一以上的债权人对人民法院依照本法第六十五条第二款作出的裁定不服的,可以自裁定宣布之日或者收到通知之日起十五日内向该人民法院申请复议。复议期间不停止裁定的执行。
66-ماددا ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 65-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى بويىچە چىقارغان كېسىمىگە قايىل بولمىسا، مال-مۈلۈك كېپىللىكى يوق ھەقدارلىق ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئىككىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان ھەقدار خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 66-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى بويىچە قىلغان كېسىمىگە قايىل كەلمىسە، كېسىم چىقىرىلغان كۈن ياكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە شۇ خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە كېسىمنىڭ ئىجراسى توختىمايدۇ.
第二节 债权人委员会
2-پاراگراف ھەقدارلار كومىتېتى
第六十七条 债权人会议可以决定设立债权人委员会。债权人委员会由债权人会议选任的债权人代表和一名债务人的职工代表或者工会代表组成。债权人委员会成员不得超过九人。
67-ماددا ھەقدارلار يىغىنى ھەقدارلار كومىتېتى تەسىس قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. ھەقدارلار كومىتېتى ھەقدارلار يىغىنى سايلاپ تەيىنلىگەن ھەقدارلار ۋەكىلى ۋە قەرزدارنىڭ بىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەقدارلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى توققۇز كىشىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
债权人委员会成员应当经人民法院书面决定认可。
ھەقدارلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يازما قارارىنى چىقىرىپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
第六十八条 债权人委员会行使下列职权:
68-ماددا ھەقدارلار كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :
(一)监督债务人财产的管理和处分;
( 1 ) قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىش؛
(二)监督破产财产分配;
( 2 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش؛
(三)提议召开债权人会议;
( 3 ) ھەقدارلار يىغىنى ئېچىش تەكلىپى بېرىش؛
(四)债权人会议委托的其他职权。
( 4 ) ھەقدارلار يىغىنى ھاۋالە قىلغان باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.
债权人委员会执行职务时,有权要求管理人、债务人的有关人员对其职权范围内的事务作出说明或者提供有关文件。
ھەقدارلار كومىتېتى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، باشقۇرغۇچى ۋە قەرزدارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىدىن ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلارغا ئىزاھات بېرىش ياكى ئالاقىدار ھۆججەت بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
管理人、债务人的有关人员违反本法规定拒绝接受监督的,债权人委员会有权就监督事项请求人民法院作出决定;人民法院应当在五日内作出决定。
باشقۇرغۇچى ۋە قەرزدارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، ھەقدارلار كومىتېتى نازارەت قىلىنىدىغان ئىشلار توغرىسىدا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ خەلق سوت مەھكىمىسى بەش كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.
第六十九条 管理人实施下列行为,应当及时报告债权人委员会:
69-ماددا باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، ھەقدارلار كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك :
(一)涉及土地、房屋等不动产权益的转让;
( 1 ) يەر، ئۆي قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئۆتۈنۈپ بېرىش؛
(二)探矿权、采矿权、知识产权等财产权的转让;
( 2 ) كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش؛
(三)全部库存或者营业的转让;
( 3 ) ئىسكىلاتتىكى بارلىق ئىسكىلات ياكى تىجارەتنى ئۆتۈنۈپ بېرىش؛
(四)借款;
( 4 ) قەرز پۇل بېرىش؛
(五)设定财产担保;
( 5 ) مال-مۈلۈك كېپىللىكى بېرىش؛
(六)债权和有价证券的转让;
( 6 ) ھەقدارلىق ۋە باھالىق ئاكسىيەنى ئۆتۈنۈپ بېرىش؛
(七)履行债务人和对方当事人均未履行完毕的合同;
( 7 ) قەرزدار بىلەن توختاملاشقۇچى قارشى تەرەپ ئوخشاشلا ئادا قىلىپ بولالمىغان توختاملارنى ئادا قىلىش؛
(八)放弃权利;
( 8 ) ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش؛
(九)担保物的取回;
( 9 ) كېپىللىك بۇيۇمنى ئېلىپ كېتىش؛
(十)对债权人利益有重大影响的其他财产处分行为。
( 10 ) ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا مال-مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش قىلمىشى.
未设立债权人委员会的,管理人实施前款规定的行为应当及时报告人民法院。
ھەقدارلار كومىتېتى تەسىس قىلىنمىغان بولسا، باشقۇرغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第八章 重整
8-باب قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش
第一节 重整申请和重整期间
1-پاراگراف قايتا تەرتىپكە سېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قايتا تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە
第七十条 债务人或者债权人可以依照本法规定,直接向人民法院申请对债务人进行重整。
70-ماددا قەرزدار ياكى ھەقدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قەرزدارنى قايتا تەرتىپكە سېلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
债权人申请对债务人进行破产清算的,在人民法院受理破产申请后、宣告债务人破产前,债务人或者出资额占债务人注册资本十分之一以上的出资人,可以向人民法院申请重整。
ھەقدار قەرزدارنىڭ ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى، قەرزدار ياكى چىقارغان مەبلىغى قەرزدارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئوندىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان مەبلەغ چىقارغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا تەرتىپكە سېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
第七十一条 人民法院经审查认为重整申请符合本法规定的,应当裁定债务人重整,并予以公告。
71-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قايتا تەرتىپكە سېلىش ئىلتىماسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، قەرزدارنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
第七十二条 自人民法院裁定债务人重整之日起至重整程序终止,为重整期间。
72-ماددا قەرزدار قايتا تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقارغان كۈندىن باشلاپ قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپى ئاخىرلاشقىچە، قايتا تەرتىپكە سېلىش مەزگىلى بولىدۇ.
第七十三条 在重整期间,经债务人申请,人民法院批准,债务人可以在管理人的监督下自行管理财产和营业事务。
73-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىنىۋاتقان مەزگىلدە، قەرزدار ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، قەرزدار مال-مۈلۈك ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىنىڭ نازارىتىدە ئۆز ئالدىغا باشقۇرسا بولىدۇ.
有前款规定情形的,依照本法规定已接管债务人财产和营业事务的管理人应当向债务人移交财产和营业事务,本法规定的管理人的职权由债务人行使。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان باشقۇرغۇچى قەرزدارغا مال-مۈلكى ياكى تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قەرزدار يۈرگۈزىدۇ.
第七十四条 管理人负责管理财产和营业事务的,可以聘任债务人的经营管理人员负责营业事务。
74-ماددا باشقۇرغۇچى مال-مۈلۈك ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولسا، قەرزدارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچى خادىمىنى تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
第七十五条 在重整期间,对债务人的特定财产享有的担保权暂停行使。但是,担保物有损坏或者价值明显减少的可能,足以危害担保权人权利的,担保权人可以向人民法院请求恢复行使担保权。
75-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىنىۋاتقاندا، قەرزدارنىڭ مۇئەييەن مال-مۈلكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كېپىللىك ھوقۇقى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. لېكىن، كېپىللىك بۇيۇمنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىش ياكى قىممىتى كۆرۈنەرلىك چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولۇپ، كېپىللىك ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا خەۋپ يەتسە، كېپىللىك ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن كېپىللىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
在重整期间,债务人或者管理人为继续营业而借款的,可以为该借款设定担保。
قايتا تەرتىپكە سېلىنىش مەزگىلىدە، قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى داۋاملىق تىجارەت قىلىش ئۈچۈن قەرز پۇل ئالغان بولسا، شۇ قەرز پۇل ئۈچۈن كېپىللىك بەرسە بولىدۇ.
第七十六条 债务人合法占有的他人财产,该财产的权利人在重整期间要求取回的,应当符合事先约定的条件。
76-ماددا شۇ مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى قەرزدار باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلەپ تۇرغان مال-مۈلكىنى قايتا تەرتىپكە سېلىنىش مەزگىلىدە قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئالدىن پۈتۈشكەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
第七十七条 在重整期间,债务人的出资人不得请求投资收益分配。
77-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىنغان مەزگىلدە، قەرزدارنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى مەبلەغ پايدىسىنى تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
在重整期间,债务人的董事、监事、高级管理人员不得向第三人转让其持有的债务人的股权。但是,经人民法院同意的除外。
قايتا تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە، قەرزدارنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى قەرزدارنىڭ ئىلكىدىكى پاي ھوقۇقىنى 3-كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ. لېكىن خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第七十八条 在重整期间,有下列情形之一的,经管理人或者利害关系人请求,人民法院应当裁定终止重整程序,并宣告债务人破产:
78-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، باشقۇرغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە قەرزدار ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك :
(一)债务人的经营状况和财产状况继续恶化,缺乏挽救的可能性;
( 1 ) قەرزدارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىپ، قۇتقۇزۇۋېلىش ئىمكانىيىتى كەمچىل بولغان بولسا؛
(二)债务人有欺诈、恶意减少债务人财产或者其他显著不利于债权人的行为;
( 2 ) قەرزداردا قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى ھىيلە ئىشلىتىپ، يامان غەرەزدە ئازايتىۋېتىش ياكى ھەقدارغا روشەن پايدىسىز باشقا قىلمىشلار بولسا؛
(三)由于债务人的行为致使管理人无法执行职务。
( 3 ) قەرزدارنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن باشقۇرغۇچى ۋەزىپە ئىجرا قىلالماي قالسا.
第二节 重整计划的制定和批准
2-پاراگراف قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلاش
第七十九条 债务人或者管理人应当自人民法院裁定债务人重整之日起六个月内,同时向人民法院和债权人会议提交重整计划草案。
79-ماددا قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى قەرزدار قايتا تەرتىپكە سېلىنغان كۈندىن باشلاپ 6 ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ھەقدارلار يىغىنىغا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
前款规定的期限届满,经债务人或者管理人请求,有正当理由的,人民法院可以裁定延期三个月。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك توشۇپ، قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن يوللۇق سەۋەب بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇددەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى كېسىم قىلسا بولىدۇ.
债务人或者管理人未按期提出重整计划草案的,人民法院应当裁定终止重整程序,并宣告债务人破产。
قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك.
第八十条 债务人自行管理财产和营业事务的,由债务人制作重整计划草案。
80-ماددا قەرزدار مال-مۈلكى ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرسا، قەرزدار قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى تۈزىدۇ.
管理人负责管理财产和营业事务的,由管理人制作重整计划草案。
باشقۇرغۇچى مال-مۈلۈك ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولسا، باشقۇرغۇچى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى تۈزىدۇ.
第八十一条 重整计划草案应当包括下列内容:
81-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :
(一)债务人的经营方案;
( 1 ) قەرزدارنىڭ تىجارەت لايىھەسى؛
(二)债权分类;
( 2 ) ھەقدارلىقنى تۈرگە ئايرىش؛
(三)债权调整方案;
( 3 ) ھەقدارلىقنى تەڭشەش لايىھەسى؛
(四)债权受偿方案;
( 4 ) ھەقدارلىقتىن تۆلىتىۋېلىش لايىھەسى؛
(五)重整计划的执行期限;
( 5 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى؛
(六)重整计划执行的监督期限;
( 6 ) پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىپ قايتا تەرتىپكە سېلىش مۇددىتى؛
(七)有利于债务人重整的其他方案。
( 7 ) قەرزدارنى قايتا تەرتىپكە سېلىشقا پايدىلىق باشقا لايىھەلەر.
第八十二条 下列各类债权的债权人参加讨论重整计划草案的债权人会议,依照下列债权分类,分组对重整计划草案进行表决:
82-ماددا تۆۋەندىكى ھەر خىل ھەقدارلىقتىكى ھەقدارلار قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ھەقدارلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۆۋەندىكى ھەقدارلىق تۈرى بويىچە، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدۇ :
(一)对债务人的特定财产享有担保权的债权;
( 1 ) قەرزدارنىڭ مۇئەييەن مال-مۈلكىگە كېپىللىك ھوقۇقى بار ھەقدارلىق؛
(二)债务人所欠职工的工资和医疗、伤残补助、抚恤费用,所欠的应当划入职工个人账户的基本养老保险、基本医疗保险费用,以及法律、行政法规规定应当支付给职工的补偿金;
( 2 ) قەرزدارنىڭ قەرز قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ۋە داۋالىنىش، مېيىپلىك ياردەم پۇلى، نەپىقە پۇلى، قەرز بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىشكە تېگىشلىك تولۇقلىما پۇلى بېرىش بەلگىلەنگەن بولسا؛
(三)债务人所欠税款;
( 3 ) قەرزدارنىڭ قەرز قالغان باج پۇلى؛
(四)普通债权。
( 4 ) ئادەتتىكى ھەقدارلىق.
人民法院在必要时可以决定在普通债权组中设小额债权组对重整计划草案进行表决。
خەلق سوت مەھكىمىسى زۆرۈر تېپىلغاندا ئادەتتىكى ھەقدارلىق گۇرۇپپىسىدا ئاز سوممىلىق ھەقدارلىق گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
第八十三条 重整计划不得规定减免债务人欠缴的本法第八十二条第一款第二项规定以外的社会保险费用;该项费用的债权人不参加重整计划草案的表决。
83-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىدا قەرزدار قەرز بولۇپ قالغان مۇشۇ قانۇننىڭ 82-ماددا 1-تارمىقىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولمايدۇ؛ بۇ خىراجەتنىڭ ھەقدارى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا قاتناشمايدۇ.
第八十四条 人民法院应当自收到重整计划草案之日起三十日内召开债权人会议,对重整计划草案进行表决。
84-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ھەقدارلار يىغىنى ئېچىپ، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشى كېرەك.
出席会议的同一表决组的债权人过半数同意重整计划草案,并且其所代表的债权额占该组债权总额的三分之二以上的,即为该组通过重整计划草案。
يىغىنغا قاتناشقان بىر ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى ھەقدارلارنىڭ تەڭدىن تولىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىگە قوشۇلغان ھەمدە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ھەقدارلىق سوممىسى بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەقدارلىق ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىسە، يەنى بۇ گۇرۇپپا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولىدۇ.
债务人或者管理人应当向债权人会议就重整计划草案作出说明,并回答询问。
قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى ھەقدارلار يىغىنىغا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشى ھەمدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.
第八十五条 债务人的出资人代表可以列席讨论重整计划草案的债权人会议。
85-ماددا قەرزدارنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچى ۋەكىلى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ھەقدارلار يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.
重整计划草案涉及出资人权益调整事项的,应当设出资人组,对该事项进行表决。
قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەڭشەش ئىشلىرىغا چېتىلسا، مەبلەغ چىقارغۇچى گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، بۇ ئىشنى ئاۋازغا قويۇش كېرەك.
第八十六条 各表决组均通过重整计划草案时,重整计划即为通过。
86-ماددا ھەرقايسى ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىلىرى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى ماقۇللىغاندا، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى ماقۇللىنىدۇ.
自重整计划通过之日起十日内,债务人或者管理人应当向人民法院提出批准重整计划的申请。人民法院经审查认为符合本法规定的,应当自收到申请之日起三十日内裁定批准,终止重整程序,并予以公告。
قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى تەستىقلاش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، دەپ قارىسا، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىپ تەستىقلىتىشى، قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
第八十七条 部分表决组未通过重整计划草案的,债务人或者管理人可以同未通过重整计划草案的表决组协商。该表决组可以在协商后再表决一次。双方协商的结果不得损害其他表决组的利益。
87-ماددا قىسمەن ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىلىرى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىنى ماقۇللىمىغان بولسا، قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى ماقۇللىمىغان ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى بىلەن كېڭەشسە بولىدۇ. بۇ ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى كېڭىشىشتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاۋازغا قويسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىش نەتىجىسى باشقا ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.
未通过重整计划草案的表决组拒绝再次表决或者再次表决仍未通过重整计划草案,但重整计划草案符合下列条件的,债务人或者管理人可以申请人民法院批准重整计划草案:
قايتا بىر تەرەپ قىلىش پىلان لايىھەسىنى ماقۇللىمىغان ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى قايتا ئاۋازغا قويۇشنى رەت قىلغان ياكى قايتا بىر قېتىم ئاۋازغا قويغان بولسىمۇ، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى يەنىلا ماقۇللانمىغان، لېكىن قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، قەرزدار ياكى باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا بىر تەرەپ بېرىش پىلان لايىھەسىنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :
(一)按照重整计划草案,本法第八十二条第一款第一项所列债权就该特定财产将获得全额清偿,其因延期清偿所受的损失将得到公平补偿,并且其担保权未受到实质性损害,或者该表决组已经通过重整计划草案;
( 1 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى بويىچە، مۇشۇ قانۇننىڭ 82-ماددا 1-تارمىقىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەقدارلىق ئۈچۈن شۇ مۇئەييەن مال-مۈلۈك تولۇق تۆلىنىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تۆلىتىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ئادىل تۆلەمگە ئېرىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ كېپىللىك ھوقۇقى ماھىيەتلىك زىيانغا ئۇچرىمىغان بولسا ياكى شۇ ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسا؛
(二)按照重整计划草案,本法第八十二条第一款第二项、第三项所列债权将获得全额清偿,或者相应表决组已经通过重整计划草案;
( 2 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى بويىچە، مۇشۇ قانۇننىڭ 82-ماددا 1-تارمىقىنىڭ ( 2 )، ( 3 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەقدارلىق تولۇق تۆلىنىدۇ ياكى مۇناسىپ ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسا؛
(三)按照重整计划草案,普通债权所获得的清偿比例,不低于其在重整计划草案被提请批准时依照破产清算程序所能获得的清偿比例,或者该表决组已经通过重整计划草案;
( 3 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى بويىچە، ئادەتتىكى ھەقدارلىقتىن ئېرىشكەن قەرز نىسبىتى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسى تەستىقلىنىشقا سۇنۇلغاندا ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش تەرتىپى بويىچە ئېرىشكەن قەرز نىسبىتىدىن تۆۋەن بولمايدۇ ياكى ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش يىرىك پىلانى لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسا؛
(四)重整计划草案对出资人权益的调整公平、公正,或者出资人组已经通过重整计划草案;
( 4 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىدە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ئادىل، ھەققانىي تەڭشەلگەن بولسا ياكى مەبلەغ چىقارغۇچى گۇرۇپپا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسا؛
(五)重整计划草案公平对待同一表决组的成员,并且所规定的债权清偿顺序不违反本法第一百一十三条的规定;
( 5 ) قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسىدە ئوخشاش بىر ئاۋاز بېرىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ھەمدە بەلگىلەنگەن ھەقدارلىق ئۈزۈش تەرتىپى مۇشۇ قانۇننىڭ 113-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولماسلىق؛
(六)债务人的经营方案具有可行性。
( 6 ) قەرزدارنىڭ تىجارەت لايىھەسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.
人民法院经审查认为重整计划草案符合前款规定的,应当自收到申请之日起三十日内裁定批准,终止重整程序,并予以公告。
خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، دەپ قارىسا، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىپ تەستىقلىتىشى، قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
第八十八条 重整计划草案未获得通过且未依照本法第八十七条的规定获得批准,或者已通过的重整计划未获得批准的,人民法院应当裁定终止重整程序,并宣告债务人破产。
88-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلان لايىھەسى ماقۇللانمىغان ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانمىغان ياكى ماقۇللانغان قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى تەستىقلانمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك.
第三节 重整计划的执行
3-پاراگراف قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى
第八十九条 重整计划由债务人负责执行。
89-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى قەرزدار ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
人民法院裁定批准重整计划后,已接管财产和营业事务的管理人应当向债务人移交财产和营业事务。
خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى كېسىم چىقىرىپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈۋالغان مال-مۈلۈك ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى قەرزدارغا مال-مۈلكى ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第九十条 自人民法院裁定批准重整计划之日起,在重整计划规定的监督期内,由管理人监督重整计划的执行。
90-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى كېسىم چىقىرىپ تەستىقلىغان كۈندىن باشلاپ، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىدا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك مەزگىلىدە، باشقۇرغۇچى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
在监督期内,债务人应当向管理人报告重整计划执行情况和债务人财务状况。
نازارەتچىلىك مەزگىلىدە، قەرزدار باشقۇرغۇچىغا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە قەرزدارنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.
第九十一条 监督期届满时,管理人应当向人民法院提交监督报告。自监督报告提交之日起,管理人的监督职责终止。
91-ماددا نازارەتچىلىك مۇددىتى توشقاندا، باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نازارەتچىلىك دوكلاتى تاپشۇرۇشى كېرەك. نازارەتچىلىك دوكلاتى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، باشقۇرغۇچىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى ئاخىرلىشىدۇ.
管理人向人民法院提交的监督报告,重整计划的利害关系人有权查阅。
باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان نازارەتچىلىك دوكلاتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىدىكى مەنپەئەتدارلار كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.
经管理人申请,人民法院可以裁定延长重整计划执行的监督期限。
باشقۇرغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ.
第九十二条 经人民法院裁定批准的重整计划,对债务人和全体债权人均有约束力。
92-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى ئارقىلىق تەستىقلانغان قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى قەرزدار ۋە بارلىق ھەقدارلارغا نىسبەتەن چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
债权人未依照本法规定申报债权的,在重整计划执行期间不得行使权利;在重整计划执行完毕后,可以按照重整计划规定的同类债权的清偿条件行使权利。
ھەقدار ھەقدارلىقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىسا، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ھوقۇق يۈرگۈزسە بولمايدۇ؛ قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىدا بەلگىلەنگەن ئوخشاش تۈردىكى ھەقدارلىقنى ئۈزۈش شەرتى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈلسە بولىدۇ.
债权人对债务人的保证人和其他连带债务人所享有的权利,不受重整计划的影响。
ھەقدارنىڭ قەرزدارنىڭ كاپالەتلىگۈچىسى بىلەن باشقا چاتما قەرزدارلاردا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
第九十三条 债务人不能执行或者不执行重整计划的,人民法院经管理人或者利害关系人请求,应当裁定终止重整计划的执行,并宣告债务人破产。
93-ماددا قەرزدار قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى ئىجرا قىلالمىسا ياكى ئىجرا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجراسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك.
人民法院裁定终止重整计划执行的,债权人在重整计划中作出的债权调整的承诺失去效力。债权人因执行重整计划所受的清偿仍然有效,债权未受清偿的部分作为破产债权。
خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى ئىجراسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقارغان بولسا، ھەقدارنىڭ قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىدا بەرگەن ھەقدارلىقنى تەڭشەش ۋەدىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ھەقدارنىڭ قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبىدىن ئۈزگەن قەرزى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولسا، ھەقدارلىقنىڭ ئۈزۈلمىگەن قىسمى ۋەيران بولغان ھەقدارلىق ھېسابلىنىدۇ.
前款规定的债权人,只有在其他同顺位债权人同自己所受的清偿达到同一比例时,才能继续接受分配。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدار ئوخشاش بىر رەتتىكى باشقا ھەقدارلار بىلەن ئۆزى ئالغان تۆلىمى ئوخشاش نىسبەتكە يەتكەندىلا، ئاندىن تەقسىماتنى داۋاملىق قوبۇل قىلالايدۇ.
有本条第一款规定情形的,为重整计划的执行提供的担保继续有效。
مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بېرىلىدىغان كېپىللىك داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
第九十四条 按照重整计划减免的债务,自重整计划执行完毕时起,债务人不再承担清偿责任。
94-ماددا قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى بويىچە كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان قەرز قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش پىلانى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، قەرزدار قەرز تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
第九章 和解
9-باب يارىشىۋېلىش
第九十五条 债务人可以依照本法规定,直接向人民法院申请和解;也可以在人民法院受理破产申请后、宣告债务人破产前,向人民法院申请和解。
95-ماددا قەرزدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە يارىشىۋېلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ ۋەيرانچىلىق كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە يارىشىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.
债务人申请和解,应当提出和解协议草案。
قەرزدار يارىشىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، يارىشىش كېلىشىمى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
第九十六条 人民法院经审查认为和解申请符合本法规定的,应当裁定和解,予以公告,并召集债权人会议讨论和解协议草案。
96-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يارىشىش ئىلتىماسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارىسا، يارىشىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىپ، ئېلان چىقىرىشى ھەمدە ھەقدارلار يىغىنىنى چاقىرىپ يارىشىش كېلىشىمى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك.
对债务人的特定财产享有担保权的权利人,自人民法院裁定和解之日起可以行使权利。
قەرزدارنىڭ مۇئەييەن مال-مۈلكىگە كېپىللىك ھوقۇقى بېرىدىغان ھوقۇقدار خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ ياراشقان كۈندىن باشلاپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.
第九十七条 债权人会议通过和解协议的决议,由出席会议的有表决权的债权人过半数同意,并且其所代表的债权额占无财产担保债权总额的三分之二以上。
97-ماددا ھەقدارلار يىغىنى ياراشتۇرۇش كېلىشىمى قارارى ماقۇللىغاندا، يىغىنغا قاتناشقان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدارلارنىڭ تەڭدىن تولىسى قوشۇلغان ھەمدە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ھەقدارلىق سوممىسى مال-مۈلۈك كېپىللىكى يوق ھەقدارلىق ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ.
第九十八条 债权人会议通过和解协议的,由人民法院裁定认可,终止和解程序,并予以公告。管理人应当向债务人移交财产和营业事务,并向人民法院提交执行职务的报告。
98-ماددا ھەقدارلار يىغىنى يارىشىش كېلىشىمى ماقۇللىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ ئېتىراپ قىلىدۇ، يارىشىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ. باشقۇرغۇچى قەرزدارغا مال-مۈلكى ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
第九十九条 和解协议草案经债权人会议表决未获得通过,或者已经债权人会议通过的和解协议未获得人民法院认可的,人民法院应当裁定终止和解程序,并宣告债务人破产。
99-ماددا ھەقدارلار يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يارىشىۋېلىنغان ياكى ھەقدارلار يىغىنى ماقۇللىغان يارىشىش كېلىشىمى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى يارىشىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك.
第一百条 经人民法院裁定认可的和解协议,对债务人和全体和解债权人均有约束力。
100-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىدە ئېتىراپ قىلىنغان يارىشىش كېلىشىمى قەرزدار ۋە بارلىق يارىشىۋېلىش ھەقدارلىرى ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
和解债权人是指人民法院受理破产申请时对债务人享有无财产担保债权的人。
كېلىشىۋالغۇچى ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، قەرزدارغا مال-مۈلۈك كېپىللىكى بېرىلمىگەن ھەقدارلىقنى كۆرسىتىدۇ.
和解债权人未依照本法规定申报债权的,在和解协议执行期间不得行使权利;在和解协议执行完毕后,可以按照和解协议规定的清偿条件行使权利。
يارىشىۋالغان ھەقدار ھەقدارلىقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىسا، يارىشىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىش مەزگىلىدە ھوقۇق يۈرگۈزسە بولمايدۇ؛ يارىشىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يارىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن تۆلەش شەرتى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈلسە بولىدۇ.
第一百零一条 和解债权人对债务人的保证人和其他连带债务人所享有的权利,不受和解协议的影响。
101-ماددا يارىشىۋېلىش ھەقدارىنىڭ قەرزدارنىڭ كاپالەتلىگۈچىسى ۋە باشقا چاتما قەرزدارلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى يارىشىش كېلىشىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
第一百零二条 债务人应当按照和解协议规定的条件清偿债务。
102-ماددا قەرزدار قەرزدارلىقنى ياراشتۇرۇش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە ئۈزۈشى كېرەك.
第一百零三条 因债务人的欺诈或者其他违法行为而成立的和解协议,人民法院应当裁定无效,并宣告债务人破产。
103-ماددا قەرزدارنىڭ ئالدامچىلىقى ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى تۈپەيلىدىن تۈزۈلگەن يارىشىش كېلىشىمىدە خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئىناۋەتسىز بولىدۇ ھەمدە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
有前款规定情形的,和解债权人因执行和解协议所受的清偿,在其他债权人所受清偿同等比例的范围内,不予返还。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، كېلىشىۋالغان ھەقدار ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن ئۈزگەن قەرزنى باشقا ھەقدارلار تۆلەيدىغان ئوخشاش نىسبەتتە قايتۇرمايدۇ.
第一百零四条 债务人不能执行或者不执行和解协议的,人民法院经和解债权人请求,应当裁定终止和解协议的执行,并宣告债务人破产。
104-ماددا قەرزدار يارىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلالمىسا ياكى ئىجرا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقدارنىڭ يارىشىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن، يارىشىش كېلىشىمىنىڭ ئىجراسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك.
人民法院裁定终止和解协议执行的,和解债权人在和解协议中作出的债权调整的承诺失去效力。和解债权人因执行和解协议所受的清偿仍然有效,和解债权未受清偿的部分作为破产债权。
خەلق سوت مەھكىمىسى ياراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىجراسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقارغان بولسا، ياراشتۇرۇش ھەقدارىنىڭ يارىشىش كېلىشىمىدە بەرگەن ھەقدارلىقىنى تەڭشەش ۋەدىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يارىشىۋېلىش ھەقدارىنىڭ ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش بەدىلىگە ئۈزدۈرۈشى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولسا، يارىشىش ھەقدارلىقىنىڭ تۆلەنمىگەن قىسمى ۋەيران بولۇش ھەقدارلىقى ھېسابلىنىدۇ.
前款规定的债权人,只有在其他债权人同自己所受的清偿达到同一比例时,才能继续接受分配。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدار باشقا ھەقدارلار بىلەن ئۆزى ئالغان قەرز ئوخشاش نىسبەتكە يەتكەندىلا، ئاندىن تەقسىماتنى داۋاملىق قوبۇل قىلالايدۇ.
有本条第一款规定情形的,为和解协议的执行提供的担保继续有效。
مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، يارىشىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بېرىلگەن كېپىللىك داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
第一百零五条 人民法院受理破产申请后,债务人与全体债权人就债权债务的处理自行达成协议的,可以请求人民法院裁定认可,并终结破产程序。
105-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدار بارلىق ھەقدارلار بىلەن ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئۆزلۈكىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن كېسىم چىقىرىپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە ۋەيرانچىلىق تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.
第一百零六条 按照和解协议减免的债务,自和解协议执行完毕时起,债务人不再承担清偿责任。
106-ماددا قەرزدار ياراشتۇرۇش كېلىشىمى بويىچە كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان قەرزدارلىقتىن كېلىشىم ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن باشلاپ قەرز تۆلەش جاۋابكارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.
第十章 破产清算
10-باب ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش
第一节 破产宣告
1-پاراگراف ۋەيران بولۇشنى جاكارلاش
第一百零七条 人民法院依照本法规定宣告债务人破产的,应当自裁定作出之日起五日内送达债务人和管理人,自裁定作出之日起十日内通知已知债权人,并予以公告。
107-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشتا، كېسىم چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە قەرزدار ۋە باشقۇرغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، كېسىم چىقىرىلغان كۈنىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە بىلگەن ھەقدارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
债务人被宣告破产后,债务人称为破产人,债务人财产称为破产财产,人民法院受理破产申请时对债务人享有的债权称为破产债权。
قەرزدار ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، قەرزدار ۋەيران بولغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك دەپ ئاتىلىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، قەرزداردا بار بولغان ھەقدارلىق ۋەيران بولغان ھەقدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
第一百零八条 破产宣告前,有下列情形之一的,人民法院应当裁定终结破产程序,并予以公告:
108-ماددا ۋەيران بولغانلىق جاكارلىنىشىدىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك :
(一)第三人为债务人提供足额担保或者为债务人清偿全部到期债务的;
( 1 ) 3-كىشى قەرزدار ئۈچۈن تولۇق كېپىللىك بەرگەن ياكى قەرزدارنىڭ مۇددىتى توشقان بارلىق قەرزىنى ئۈزۈپ بەرگەن بولسا؛
(二)债务人已清偿全部到期债务的。
( 2 ) قەرزدار قەرەلى توشقان بارلىق قەرزىنى ئۈزۈپ بولغان بولسا.
第一百零九条 对破产人的特定财产享有担保权的权利人,对该特定财产享有优先受偿的权利。
109-ماددا ۋەيران بولغۇچىنىڭ مۇئەييەن مال-مۈلكىگە كېپىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ھوقۇقدار شۇ مۇئەييەن مال-مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
第一百一十条 享有本法第一百零九条规定权利的债权人行使优先受偿权利未能完全受偿的,其未受偿的债权作为普通债权;放弃优先受偿权利的,其债权作为普通债权。
110-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 109-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەقدار ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن تولۇق تۆلىتىۋالالمىسا، ئۇنىڭ تۆلىتىۋالالمىغان ھەقدارلىقى ئادەتتىكى ھەقدارلىق ھېسابلىنىدۇ؛ ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەقدارلىقى ئادەتتىكى ھەقدارلىق ھېسابلىنىدۇ.
第二节 变价和分配
2-پاراگراف باھاغا سۇندۇرۇش ۋە تەقسىملەش
第一百一十一条 管理人应当及时拟订破产财产变价方案,提交债权人会议讨论。
111-ماددا باشقۇرغۇچى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى باھاغا ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ھەقدارلار يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.
管理人应当按照债权人会议通过的或者人民法院依照本法第六十五条第一款规定裁定的破产财产变价方案,适时变价出售破产财产。
باشقۇرغۇچى ھەقدارلار يىغىنى ماقۇللىغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 65-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كېسىم چىقارغان ۋەيران بولغان مال-مۈلۈككە باھا ئۆزگەرتىش لايىھەسى بويىچە، ۋەيران بولغان مال – مۈلۈكنى مۇۋاپىق پەيتتە پۇلغا ئۆزگەرتىپ سېتىشى كېرەك.
第一百一十二条 变价出售破产财产应当通过拍卖进行。但是,债权人会议另有决议的除外。
112-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ سېتىشتا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق سېتىش كېرەك. لېكىن، ھەقدارلار يىغىنى ئايرىم قارار قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
破产企业可以全部或者部分变价出售。企业变价出售时,可以将其中的无形资产和其他财产单独变价出售。
ۋەيران بولغان كارخانىلار ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى باھاغا سۇندۇرۇپ ساتسا بولىدۇ. كارخانا باھاغا سۇندۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شەكىلسىز مۈلۈك ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى ئايرىم باھاغا سۇندۇرۇپ ساتسا بولىدۇ.
按照国家规定不能拍卖或者限制转让的财产,应当按照国家规定的方式处理。
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا چەك قويۇش بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
第一百一十三条 破产财产在优先清偿破产费用和共益债务后,依照下列顺序清偿:
113-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك ۋەيران بولۇش خىراجىتى ۋە ئورتاق پايدا قەرزىنى ئاۋۋال ئۈزگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تۆلىنىدۇ :
(一)破产人所欠职工的工资和医疗、伤残补助、抚恤费用,所欠的应当划入职工个人账户的基本养老保险、基本医疗保险费用,以及法律、行政法规规定应当支付给职工的补偿金;
( 1 ) ۋەيران بولغۇچىنىڭ قەرز قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە داۋالىنىش، مېيىپلىك ياردەم پۇلى، نەپىقە پۇلى، قەرز بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىشكە تېگىشلىك تولۇقلىما پۇلى بېرىش بەلگىلەنگەن بولسا؛
(二)破产人欠缴的除前项规定以外的社会保险费用和破产人所欠税款;
( 2 ) ۋەيران بولغۇچى نېسى قالدۇرغان ئالدىنقى تارماقچىدا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە ۋەيران بولغۇچى قەرز قالغان باج پۇلى؛
(三)普通破产债权。
( 3 ) ئادەتتىكى ۋەيران بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەقدارلىق.
破产财产不足以清偿同一顺序的清偿要求的,按照比例分配。
ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك ئوخشاش تەرتىپ بويىچە ئۈزۈش تەلىپىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
破产企业的董事、监事和高级管理人员的工资按照该企业职工的平均工资计算。
ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ مائاشى شۇ كارخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
第一百一十四条 破产财产的分配应当以货币分配方式进行。但是,债权人会议另有决议的除外。
114-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى پۇل تەقسىماتى ئۇسۇلى بويىچە تەقسىملەش كېرەك. لېكىن، ھەقدارلار يىغىنى ئايرىم قارار قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
第一百一十五条 管理人应当及时拟订破产财产分配方案,提交债权人会议讨论。
115-ماددا باشقۇرغۇچى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ھەقدارلار يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.
破产财产分配方案应当载明下列事项:
ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك تەقسىمات لايىھەسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)参加破产财产分配的债权人名称或者姓名、住所;
( 1 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك تەقسىماتىغا قاتناشقان ھەقدارنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى؛
(二)参加破产财产分配的债权额;
( 2 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك تەقسىماتىغا قاتناشقان ھەقدارلىق سوممىسى؛
(三)可供分配的破产财产数额;
( 3 ) تەقسىم قىلىشقا بولىدىغان ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك سوممىسى؛
(四)破产财产分配的顺序、比例及数额;
( 4 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىم قىلىش تەرتىپى، نىسبىتى ۋە سوممىسى؛
(五)实施破产财产分配的方法。
( 5 ) ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك تەقسىماتىنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى.
债权人会议通过破产财产分配方案后,由管理人将该方案提请人民法院裁定认可。
ھەقدارلار يىغىنى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى بۇ لايىھەنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىپ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنىدۇ.
第一百一十六条 破产财产分配方案经人民法院裁定认可后,由管理人执行。
116-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش لايىھەسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى ئىجرا قىلىدۇ.
管理人按照破产财产分配方案实施多次分配的,应当公告本次分配的财产额和债权额。管理人实施最后分配的,应当在公告中指明,并载明本法第一百一十七条第二款规定的事项。
باشقۇرغۇچى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش لايىھەسى بويىچە كۆپ قېتىم تەقسىم قىلغان بولسا، بۇ قېتىم تەقسىم قىلىنغان مال-مۈلۈك سوممىسى ۋە ھەقدارلىق سوممىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. باشقۇرغۇچى ئاخىرقى تەقسىماتنى يولغا قويۇشتا، ئېلان چىقىرىپ ئېنىق كۆرسىتىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 117-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.
第一百一十七条 对于附生效条件或者解除条件的债权,管理人应当将其分配额提存。
117-ماددا كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى ياكى بىكار قىلىش شەرتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەقدارلىقنى باشقۇرغۇچى ئۇنىڭ ئۈلۈش نورمىسىنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.
管理人依照前款规定提存的分配额,在最后分配公告日,生效条件未成就或者解除条件成就的,应当分配给其他债权人;在最后分配公告日,生效条件成就或者解除条件未成就的,应当交付给债权人。
باشقۇرغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ساقلاشقا بەرگەن ئۈلۈش نورمىسىنى ئاخىرقى تەقسىمات كۈنىدە، كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى ئورۇندالمىغان ياكى بىكار قىلىش شەرتى ئورۇندالمىغان بولسا، باشقا ھەقدارلارغا تەقسىملەپ بېرىشى كېرەك؛ ئاخىرقى تەقسىمات ئېلان كۈنىدە، كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى ئورۇندالغان ياكى بىكار قىلىش شەرتى ئورۇندالمىغان بولسا، ھەقدارغا تاپشۇرۇش كېرەك.
第一百一十八条 债权人未受领的破产财产分配额,管理人应当提存。债权人自最后分配公告之日起满二个月仍不领取的,视为放弃受领分配的权利,管理人或者人民法院应当将提存的分配额分配给其他债权人。
118-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك تەقسىمات نورمىسىنى ھەقدار تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، باشقۇرغۇچى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك. ھەقدار ئاخىرقى تەقسىمات ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 2 ئاي توشسىمۇ ئالمىسا، ئېلىش تەقسىمات ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ، باشقۇرغۇچى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ساقلاشقا بەرگەن تەقسىمات نورمىسىنى باشقا ھەقدارلارغا تەقسىملەپ بېرىشى كېرەك.
第一百一十九条 破产财产分配时,对于诉讼或者仲裁未决的债权,管理人应当将其分配额提存。自破产程序终结之日起满二年仍不能受领分配的,人民法院应当将提存的分配额分配给其他债权人。
119-ماددا ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىم قىلغاندا، دەۋا ياكى كېسىم قارار قىلىنمىغان ھەقدارلىقنى باشقۇرغۇچى ئۇنىڭ ئۈلۈش نورمىسىنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك. ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل توشسىمۇ تەقسىماتنى قوبۇل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ساقلىتىشقا بەرگەن تەقسىمات نورمىسىنى باشقا ھەقدارلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىشى كېرەك.
第三节 破产程序的终结
3-پاراگراف ۋەيران بولۇش تەرتىپىنىڭ ئاخىرلىشىشى
第一百二十条 破产人无财产可供分配的,管理人应当请求人民法院裁定终结破产程序。
120-ماددا ۋەيران بولغۇچىنىڭ تەقسىم قىلغۇدەك مال-مۈلكى بولمىسا، باشقۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
管理人在最后分配完结后,应当及时向人民法院提交破产财产分配报告,并提请人民法院裁定终结破产程序。
باشقۇرغۇچى ئاخىرقى تەقسىمات تاماملانغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولغان مال-مۈلۈك تەقسىمات دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيرانچىلىق تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېسىمى سۇنۇشى كېرەك.
人民法院应当自收到管理人终结破产程序的请求之日起十五日内作出是否终结破产程序的裁定。裁定终结的,应当予以公告。
خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەيرانچىلىق تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش-ئاخىرلاشتۇرماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشى كېرەك. كېسىم ئاخىرلاشسا، ئېلان چىقىرىش كېرەك.
第一百二十一条 管理人应当自破产程序终结之日起十日内,持人民法院终结破产程序的裁定,向破产人的原登记机关办理注销登记。
121-ماددا باشقۇرغۇچى ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېسىمىنى ئېلىپ، ۋەيران بولغۇچىنىڭ ئەسلىدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.
第一百二十二条 管理人于办理注销登记完毕的次日终止执行职务。但是,存在诉讼或者仲裁未决情况的除外。
122-ماددا باشقۇرغۇچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان كۈننىڭ ئەتىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى توختىتىدۇ. لېكىن، دەۋا ياكى كېسىم قارار قىلىنمىغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.
第一百二十三条 自破产程序依照本法第四十三条第四款或者第一百二十条的规定终结之日起二年内,有下列情形之一的,债权人可以请求人民法院按照破产财产分配方案进行追加分配:
123-ماددا ۋەيران بولۇش تەرتىپى مۇشۇ قانۇننىڭ 43-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقى ياكى 120-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكنى تەقسىملەش لايىھەسى بويىچە كۆپەيتىپ تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ :
(一)发现有依照本法第三十一条、第三十二条、第三十三条、第三十六条规定应当追回的财产的;
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 31-، 32-، 33-، 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مال-مۈلۈك بايقالسا؛
(二)发现破产人有应当供分配的其他财产的。
( 2 ) ۋەيران بولغۇچىنىڭ تەقسىم قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مال-مۈلكى بارلىقى بايقالسا.
有前款规定情形,但财产数量不足以支付分配费用的,不再进行追加分配,由人民法院将其上交国库。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مال-مۈلۈك مىقدارى تەقسىمات ھەققىنى تۆلەشكە يەتمىسە، ئارتۇق تەقسىم قىلىنمايدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ.
第一百二十四条 破产人的保证人和其他连带债务人,在破产程序终结后,对债权人依照破产清算程序未受清偿的债权,依法继续承担清偿责任。
124-ماددا ۋەيران بولغۇچىنىڭ كاپالەتلىگۈچىسى بىلەن باشقا چاتما قەرزدارلار ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەقدارنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش تەرتىپى بويىچە تۆلىمىگەن ھەقدارلىقىدا قەرز تۆلەش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدۇ.
第十一章 法律责任
11-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第一百二十五条 企业董事、监事或者高级管理人员违反忠实义务、勤勉义务,致使所在企业破产的,依法承担民事责任。
125-ماددا كارخانا مۇدىرى، نازارەتچىسى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملاردىن سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتى، تىرىشىش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەۋاتقان كارخانىنى ۋەيران قىلغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
有前款规定情形的人员,自破产程序终结之日起三年内不得担任任何企业的董事、监事、高级管理人员。
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن خادىملار ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ھەرقانداق كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ.
第一百二十六条 有义务列席债权人会议的债务人的有关人员,经人民法院传唤,无正当理由拒不列席债权人会议的,人民法院可以拘传,并依法处以罚款。债务人的有关人员违反本法规定,拒不陈述、回答,或者作虚假陈述、回答的,人民法院可以依法处以罚款。
126-ماددا ھەقدارلار يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار قەرزدارلارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چاقىرىلسىمۇ، ھەقدارلار يىغىنىغا يولسىز سەۋەبلەر بىلەن سىرتتىن قاتناشماسلىقنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى توختىتىپ چاقىرسا ھەمدە قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قەرزدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بايان قىلىشنى، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىرىغا ياكى ساختا بايان قىلغان، جاۋاب بەرگەنلىرىگە خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第一百二十七条 债务人违反本法规定,拒不向人民法院提交或者提交不真实的财产状况说明、债务清册、债权清册、有关财务会计报告以及职工工资的支付情况和社会保险费用的缴纳情况的,人民法院可以对直接责任人员依法处以罚款。
127-ماددا قەرزدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەقىقىي بولمىغان مال-مۈلۈك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىزاھات، قەرز تىزىملىك دەپتىرى، ھەقدارلىق تىزىملىك دەپتىرى، ئالاقىدار مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى، شۇنىڭدەك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
债务人违反本法规定,拒不向管理人移交财产、印章和账簿、文书等资料的,或者伪造、销毁有关财产证据材料而使财产状况不明的,人民法院可以对直接责任人员依法处以罚款。
قەرزدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مال-مۈلۈك، تامغا ۋە ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى باشقۇرغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلسا ياكى مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈك دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىپ، مال-مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى ئېنىقلىمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第一百二十八条 债务人有本法第三十一条、第三十二条、第三十三条规定的行为,损害债权人利益的,债务人的法定代表人和其他直接责任人员依法承担赔偿责任。
128-ماددا قەرزداردا مۇشۇ قانۇننىڭ 31-، 32-، 33-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن قىلمىش سادىر قىلىنىپ ھەقدارنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، قەرزدارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第一百二十九条 债务人的有关人员违反本法规定,擅自离开住所地的,人民法院可以予以训诫、拘留,可以依法并处罚款。
129-ماددا قەرزدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلغانلىرىغا خەلق سوت مەھكىمىسى تەنبىھ بەرسە، توختىتىپ قويسا، قانۇن بويىچە قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
第一百三十条 管理人未依照本法规定勤勉尽责,忠实执行职务的,人民法院可以依法处以罚款;给债权人、债务人或者第三人造成损失的,依法承担赔偿责任。
130-ماددا باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلمىغان، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ھەقدار، قەرزدار ياكى 3-كىشىگە زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第一百三十一条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
131-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第十二章 附则
12-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一百三十二条 本法施行后,破产人在本法公布之日前所欠职工的工资和医疗、伤残补助、抚恤费用,所欠的应当划入职工个人账户的基本养老保险、基本医疗保险费用,以及法律、行政法规规定应当支付给职工的补偿金,依照本法第一百一十三条的规定清偿后不足以清偿的部分,以本法第一百零九条规定的特定财产优先于对该特定财产享有担保权的权利人受偿。
132-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ۋەيران بولغۇچى مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قەرز قالغان ئىش ھەققى، داۋالىنىش، مېيىپلىك ياردەم پۇلى، نەپىقە خىراجىتىدىن قەرز بولۇپ قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىش تولۇقلىما پۇلى بېرىش بەلگىلىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 113-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەپ بولغاندىن كېيىن تۆلەشكە يەتمىگەن قىسمىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 109-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۇئەييەن مال-مۈلۈك شۇ مۇئەييەن مال-مۈلۈككە كېپىللىك ھوقۇقى بار ھوقۇقداردىن ئاۋۋال تۆلىتىۋالىدۇ.
第一百三十三条 在本法施行前国务院规定的期限和范围内的国有企业实施破产的特殊事宜,按照国务院有关规定办理。
133-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مۇددەت ۋە دائىرىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋەيران بولۇشقا دائىر ئالاھىدە ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
第一百三十四条 商业银行、证券公司、保险公司等金融机构有本法第二条规定情形的,国务院金融监督管理机构可以向人民法院提出对该金融机构进行重整或者破产清算的申请。国务院金融监督管理机构依法对出现重大经营风险的金融机构采取接管、托管等措施的,可以向人民法院申请中止以该金融机构为被告或者被执行人的民事诉讼程序或者执行程序。
134-ماددا سودا بانكىسى، ئاكسىيە شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارەتتە زور خەۋپ-خەتەر كۆرۈلگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈۋېلىش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى جاۋابكار ياكى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بولغان ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپى ياكى ئىجرا تەرتىپىنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
金融机构实施破产的,国务院可以依据本法和其他有关法律的规定制定实施办法。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋەيران بولغاندا، گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.
第一百三十五条 其他法律规定企业法人以外的组织的清算,属于破产清算的,参照适用本法规定的程序。
135-ماددا باشقا قانۇنلاردا كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىدىن باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلىشى ۋەيرانچىلىق ھېساباتى ھېسابلاشقا تەۋە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.
第一百三十六条 本法自2007年6月1日起施行,《中华人民共和国企业破产法(试行)》同时废止。
136-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى ( سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ )»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.