中华人民共和国全国人民代表大会

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

常务委员会议事规则

دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش قائىدىسى

(1987年11月24日第六届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过 根据2009年4月24日第十一届全国人民代表大会常务委员会第八次会议《关于修改<中华人民共和国全国人民代表大会常务委员会议事规则>的决定》修正)

( 1987 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى 6 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 24-كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى > گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 会议的召开

2-باب يىغىننىڭ ئېچىلىشى

第三章 议案的提出和审议

3-باب تەكلىپ بېرىش ۋە قاراپ چىقىش

第四章 听取和审议工作报告

4-باب خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش

第五章 询问和质询

5-باب سوراش ۋە سوئال قويۇش

第六章 发言和表决

6-باب سۆز قىلىش ۋە ئاۋاز بېرىش

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 根据宪法、全国人民代表大会组织法和全国人民代表大会常务委员会工作的实践经验,制定本规则。

بۇ قائىدە ئاساسىي قانۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن چىقىرىلدى.

第二条 全国人民代表大会常务委员会审议议案、决定问题,应当充分发扬民主,实行民主集中制的原则。

2-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش، مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىشتا، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

第二章 会议的召开

2-باب يىغىننىڭ ئېچىلىشى

第三条 全国人民代表大会常务委员会会议一般每两个月举行一次;有特殊需要的时候,可以临时召集会议。

3-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئادەتتە 2 ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئالاھىدە ئېھتىياج كۆرۈلگەندە، ۋاقىتلىق يىغىن چاقىرسا بولىدۇ.

常务委员会会议由委员长召集并主持。委员长可以委托副委员长主持会议。

دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى كومىتېت باشلىقى چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. كومىتېت باشلىقى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقىغا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

第四条 常务委员会会议必须有常务委员会全体组成人员的过半数出席,才能举行。

4-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىن كېيىن ئاندىن ئاچقىلى بولىدۇ.

第五条 委员长会议拟订常务委员会会议议程草案,提请常务委员会全体会议决定。

5-ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى تۈزۈپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

常务委员会举行会议期间,需要调整议程的,由委员长会议提出,经常务委员会全体会议同意。

دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە قارالمىلارنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى قوشۇلىدۇ.

第六条 常务委员会举行会议,应当在会议举行七日以前,将开会日期、建议会议讨论的主要事项,通知常务委员会组成人员和列席会议的人员;临时召集的会议,可以临时通知。

6-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزۈشتە، يىغىن يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، يىغىن ۋاقتى، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپى بېرىلىدىغان ئاساسلىق ئىشلارنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ ۋاقىتلىق چاقىرىلغان يىغىنغا ۋاقىتلىق ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ.

第七条 常务委员会举行会议的时候,国务院、中央军事委员会、最高人民法院、最高人民检察院的负责人列席会议。

7-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزگەندە، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

不是常务委员会组成人员的全国人民代表大会专门委员会主任委员、副主任委员、委员,常务委员会副秘书长、工作委员会主任、副主任,有关部门负责人,列席会议。

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر بولمىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

第八条 常务委员会举行会议的时候,各省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会主任或者副主任一人列席会议,并可以邀请有关的全国人民代表大会代表列席会议。

8-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن بىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

第九条 常务委员会举行会议的时候,召开全体会议,并召开分组会议和联组会议。

9-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ئومۇمىي يىغىن ئاچىدۇ ھەمدە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئاچىدۇ.

常务委员会分组会议由委员长会议确定若干名召集人,轮流主持会议。分组名单由常务委员会办事机构拟订,报秘书长审定,并定期调整。

دائىمىي كومىتېتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بىرقانچە چاقىرغۇچىنى بېكىتىپ، نۆۋەت بىلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسىملىكىنى دائىمىي كومىتېت ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تۈزۈپ، باش كاتىپنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشەيدۇ.

常务委员会举行联组会议,由委员长主持。委员长可以委托副委员长主持会议。

دائىمىي كومىتېت بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، يىغىنغا كومىتېت باشلىقى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. كومىتېت باشلىقى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقىغا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

第十条 常务委员会举行会议的时候,常务委员会组成人员除因病或者其他特殊原因请假的以外,应当出席会议。

10-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئۆتكۈزگەندە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن كېسەل ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رۇخسەت سورىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەك.

第三章 议案的提出和审议

3-باب تەكلىپ بېرىش ۋە قاراپ چىقىش

第十一条 委员长会议可以向常务委员会提出属于常务委员会职权范围内的议案,由常务委员会会议审议。

11-ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.

国务院,中央军事委员会,最高人民法院,最高人民检察院,全国人民代表大会各专门委员会,可以向常务委员会提出属于常务委员会职权范围内的议案,由委员长会议决定提请常务委员会会议审议,或者先交有关的专门委员会审议、提出报告,再决定提请常务委员会会议审议。

گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، دوكلات بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

常务委员会组成人员十人以上联名,可以向常务委员会提出属于常务委员会职权范围内的议案,由委员长会议决定提请常务委员会会议审议,或者先交有关的专门委员会审议、提出报告,再决定是否提请常务委员会会议审议;不提请常务委员会会议审议的,应当向常务委员会会议报告或者向提案人说明。

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 10 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى تەكلىپلەرنى بەرسە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسا ياكى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، دوكلات بېرىشىگە تاپشۇرسا، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇش-سۇنماسلىقنى قارار قىلسا بولىدۇ؛ دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنمايدىغانلار دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىشى ياكى تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

第十二条 委员长会议根据工作需要,可以委托常务委员会的工作委员会、办公厅起草议案草案,并向常务委员会会议作说明。

12-ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت كومىتېتى ۋە بەنگۇڭتىڭىغا تەكلىپ لايىھەسىنى تەييارلاشنى ھاۋالە قىلسا ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ئىزاھات بەرسە بولىدۇ.

第十三条 对列入常务委员会会议议程的议案,提议案的机关、有关的专门委员会、常务委员会有关工作部门应当提供有关的资料。

13-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپلەردە تەكلىپ بەرگەن ئورگان، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

任免案应当附有拟任免人员的基本情况和任免理由;必要的时候,有关负责人应当到会回答询问。

تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش لايىھەسىدە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇلىدىغان خادىملارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش سەۋەبى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

第十四条 常务委员会全体会议听取关于议案的说明。

14-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ.

常务委员会全体会议听取议案说明后,由分组会议进行审议,并由有关的专门委员会进行审议。

دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا يىغىنى قاراپ چىقىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدۇ.

第十五条 列入会议议程的法律草案,常务委员会听取说明并初步审议后,交有关专门委员会审议和法律委员会统一审议,由法律委员会向下次或者以后的常务委员会会议提出审议结果的报告,并将其他有关专门委员会的审议意见印发常务委员会会议。

15-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدۇ، قانۇن كومىتېتى كېيىنكى قېتىملىق ياكى كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بېرىدۇ ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنى قاراپ چىقىش پىكرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىدۇ.

有关法律问题的决定的议案和修改法律的议案,法律委员会审议后,可以向本次常务委员会会议提出审议结果的报告,也可以向下次或者以后的常务委员会会议提出审议结果的报告。

قانۇن مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى قانۇن كومىتېتى قاراپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەرسە بولىدۇ، كېيىنكى قېتىملىق ياكى كېيىنكى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بەرسىمۇ بولىدۇ.

第十六条 提请批准决算和预算调整方案的议案,交财政经济委员会审议,也可以同时交其他有关专门委员会审议,由财政经济委员会向常务委员会会议提出审查结果的报告。

16-ماددا نەق چوت ۋە خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاشقا سۇنۇلغان تەكلىپلەر مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا باشقا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلسىمۇ بولىدۇ، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بېرىدۇ.

提请批准条约和协定的议案,交外事委员会审议,也可以同时交其他有关专门委员会审议,由外事委员会向常务委员会会议提出审核结果的报告。

شەرتنامە ۋە كېلىشىمنى تەستىقلاشقا سۇنۇلغان تەكلىپلەر تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ، باشقا ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلسىمۇ بولىدۇ، تاشقى ئىشلار كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بېرىدۇ.

第十七条 常务委员会联组会议可以听取和审议专门委员会对议案审议意见的汇报,对会议议题进行讨论。

17-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىسا ۋە قاراپ چىقسا، يىغىن قارالمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.

第十八条 提议案的机关的负责人可以在常务委员会全体会议、联组会议上对议案作补充说明。

18-ماددا تەكلىپ بەرگەن ئورگاننىڭ مەسئۇلى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا تەكلىپكە قوشۇمچە ئىزاھات بەرسە بولىدۇ.

第十九条 列入常务委员会会议议程的议案,在交付表决前,提案人要求撤回的,经委员长会议同意,对该议案的审议即行终止。

19-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپلەر ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىش ئاخىرلىشىدۇ.

第二十条 拟提请常务委员会全体会议表决的议案,在审议中有重大问题需要进一步研究的,经委员长或者委员长会议提出,联组会议或者全体会议同意,可以暂不付表决,交有关专门委员会进一步审议,提出审议报告。

20-ماددا دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپلەردىن قاراپ چىقىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر بولسا، كومىتېت باشلىقلىرى ياكى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماي، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇپ، دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلسا بولىدۇ.

第二十一条 常务委员会认为必要的时候,可以组织关于特定问题的调查委员会,并且根据调查委员会的报告,作出相应的决议。

21-ماددا دائىمىي كومىتېت زۆرۈر تاپقاندا، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.

第四章 听取和审议工作报告

4-باب خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش

第二十二条 常务委员会全体会议听取国务院、最高人民法院、最高人民检察院的专项工作报告,听取国民经济和社会发展计划、预算执行情况报告,听取决算报告和审计工作报告,听取常务委员会执法检查组提出的执法检查报告,听取其他报告。

22-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، نەق چوت دوكلاتى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، دائىمىي كومىتېت قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى، باشقا دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ.

第二十三条 常务委员会全体会议听取工作报告后,可以由分组会议和联组会议进行审议。

23-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى قاراپ چىقسا بولىدۇ.

委员长会议可以决定将工作报告交有关的专门委员会审议,提出意见。

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى خىزمەت دوكلاتىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش، پىكىر بېرىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

第二十四条 常务委员会认为必要的时候,可以对工作报告作出决议。

24-ماددا دائىمىي كومىتېت زۆرۈر تاپقاندا، خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدا قارار چىقارسا بولىدۇ.

第五章 询问和质询

5-باب سوراش ۋە سوئال قويۇش

第二十五条 常务委员会分组会议对议案或者有关的工作报告进行审议的时候,应当通知有关部门派人到会,听取意见,回答询问。

25-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى تەكلىپلەر ياكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىققاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يىغىنغا ئادەم ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

常务委员会联组会议对议案或者有关的工作报告进行审议的时候,应当通知有关负责人到会,听取意见,回答询问。

دائىمىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى تەكلىپلەر ياكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەت دوكلاتلىرىنى قاراپ چىققاندا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا يىغىنغا كېلىشنى ئۇقتۇرۇشى، پىكىر ئاڭلىشى، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

第二十六条 在常务委员会会议期间,常务委员会组成人员十人以上联名,可以向常务委员会书面提出对国务院及国务院各部门和最高人民法院、最高人民检察院的质询案。

26-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 10 دىن ئارتۇقى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەققىدە يازما سۈرۈشتۈرمە قويسا بولىدۇ.

第二十七条 质询案必须写明质询对象、质询的问题和内容。

27-ماددا سوئال قويۇش دېلوسىغا سوئال قويۇش ئوبيېكتى، سوئال قويۇشنىڭ مەسىلىسى ۋە مەزمۇنى ئېنىق يېزىلىشى شەرت.

第二十八条 质询案由委员长会议决定交由有关的专门委员会审议或者提请常务委员会会议审议。

28-ماددا سوئال قويۇش تەكلىپىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدۇ ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

第二十九条 质询案由委员长会议决定,由受质询机关的负责人在常务委员会会议上或者有关的专门委员会会议上口头答复,或者由受质询机关书面答复。在专门委员会会议上答复的,专门委员会应当向常务委员会或者委员长会议提出报告。

29-ماددا سوئال قويۇش تەكلىپىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ، سوئال قويغۇچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېت يىغىنلىرىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىدۇ ياكى سوئال قويغۇچى ئورگان يازما جاۋاب بېرىدۇ. مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بەرگەندە، مەخسۇس كومىتېت دائىمىي كومىتېت ياكى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا دوكلات بېرىشى كېرەك.

质询案以书面答复的,应当由被质询机关负责人签署,并印发常务委员会组成人员和有关的专门委员会。

سۈرۈشتۈرمە لايىھەسىگە يازما جاۋاب بېرىشتە، سۈرۈشتۈرگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى ھەمدە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا بېسىپ تارقىتىشى كېرەك.

专门委员会审议质询案的时候,提质询案的常务委员会组成人员可以出席会议,发表意见。

مەخسۇس كومىتېتلار سۈرۈشتۈرمىگە قاراپ چىققاندا، سۈرۈشتۈرمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.

第六章 发言和表决

6-باب سۆز قىلىش ۋە ئاۋاز بېرىش

第三十条 常务委员会组成人员在全体会议、联组会议和分组会议上发言,应当围绕会议确定的议题进行。

30-ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىن، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ، يىغىندا بېكىتىلگەن قارالمىلارنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

常务委员会全体会议或者联组会议安排对有关议题进行审议的时候,常务委员会组成人员要求发言的,应当在会前由本人向常务委员会办事机构提出,由会议主持人安排,按顺序发言。在全体会议和联组会议上临时要求发言的,经会议主持人同意,始得发言。在分组会议上要求发言的,经会议主持人同意,即可发言。

دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ياكى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى مۇناسىۋەتلىك قارالمىلارنى قاراپ چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلسا، يىغىندىن بۇرۇن ئۆزى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىغا كۆرسىتىشى، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەرتىپ بويىچە سۆز قىلىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىن ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا ۋاقىتلىق سۆز قىلىش تەلەپ قىلىنسا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلىنىدۇ. گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىش تەلەپ قىلىنسا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلغىلى بولىدۇ.

列席会议的人员的发言,适用本章有关规定。

يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان خادىملارنىڭ سۆز قىلىشىغا مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第三十一条 在全体会议上的发言,不超过十分钟;在联组会议和分组会议上,第一次发言不超过十五分钟,第二次对同一问题的发言不超过十分钟。事先提出要求,经会议主持人同意的,可以延长发言时间。

31-ماددا ئومۇمىي يىغىندا قىلىنىدىغان سۆز 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ۋە گۇرۇپپا يىغىنىدا، بىرىنچى قېتىم سۆز قىلىش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئىككىنچى قېتىم ئوخشاش بىر مەسىلىگە قارىتا سۆز قىلىش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئالدىن تەلەپ قويۇپ، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

在常务委员会会议上的发言,由常务委员会办事机构工作人员记录,经发言人核对签字后,编印会议简报和存档。

دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قىلىنغان سۆزنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خاتىرىلەيدۇ، باياناتچى سېلىشتۇرۇپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن، يىغىن قىسقا خەۋەرلىرى ۋە ئارخىپقا سېلىپ ساقلايدۇ.

第三十二条 表决议案由常务委员会全体组成人员的过半数通过。

32-ماددا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ.

表决结果由会议主持人当场宣布。

ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىدۇ.

第三十三条 交付表决的议案,有修正案的,先表决修正案。

33-ماددا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەردىن تۈزىتىلمىسى بولسا، ئالدى بىلەن تۈزىتىلمىسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

第三十四条 任免案逐人表决,根据情况也可以合并表决。

34-ماددا ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تەكلىپىدە ئادەممۇئادەم ئاۋاز بېرىلىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ بىرلىكتە ئاۋاز بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

第三十五条 常务委员会表决议案,采用无记名方式、举手方式或者其他方式。

35-ماددا دائىمىي كومىتېت تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويۇشتا، نامسىز ئۇسۇل، قول كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十六条 本规则自公布之日起施行。

36-ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.