(2020年6月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第十九次会议通过)
( 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2020年6月20日第十三届全国人民代表大会常务委员会第十九次会议通过)
( 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 政务处分的种类和适用
2-باب مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى ۋە تەتبىقلىنىشى
第三章 违法行为及其适用的政务处分
3-باب قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ئۇنىڭغا تەتبىقلىنىدىغان مەمۇرىي جازا
第四章 政务处分的程序
4-باب مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپى
第五章 复审、复核
5-باب قايتا تەكشۈرۈش، قايتا ئېنىقلاش
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附 则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总 则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了规范政务处分,加强对所有行使公权力的公职人员的监督,促进公职人员依法履职、秉公用权、廉洁从政从业、坚持道德操守,根据《中华人民共和国监察法》,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي جازانى قېلىپلاشتۇرۇش، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشى، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشى، ئەخلاق-پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلدى.
第二条 本法适用于监察机关对违法的公职人员给予政务处分的活动。
2-ماددا بۇ قانۇن رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.
本法第二章、第三章适用于公职人员任免机关、单位对违法的公职人员给予处分。处分的程序、申诉等适用其他法律、行政法规、国务院部门规章和国家有关规定。
مۇشۇ قانۇننىڭ 2-باب، 3-بابى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگان، ئورۇنلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا چارە كۆرۈشىگە تەتبىقلىنىدۇ. چارە كۆرۈش تەرتىپى، ئەرز قىلىش قاتارلىقلارغا باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار، گوۋۇيۈەننىڭ تارماق قائىدىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
本法所称公职人员,是指《中华人民共和国监察法》第十五条规定的人员。
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
第三条 监察机关应当按照管理权限,加强对公职人员的监督,依法给予违法的公职人员政务处分。
3-ماددا رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە قانۇنغا خىلاپ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك.
公职人员任免机关、单位应当按照管理权限,加强对公职人员的教育、管理、监督,依法给予违法的公职人员处分。
ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگان، ئورۇنلار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان تەربىيە، باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشى كېرەك.
监察机关发现公职人员任免机关、单位应当给予处分而未给予,或者给予的处分违法、不当的,应当及时提出监察建议。
رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگان، ئورۇنلارنىڭ چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولسىمۇ بەرمىگەنلىكى ياكى بەرگەن جازانىڭ قانۇنغا خىلاپ، نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا رېۋىزىيە تەكلىپى بېرىشى كېرەك.
第四条 给予公职人员政务处分,坚持党管干部原则,集体讨论决定;坚持法律面前一律平等,以事实为根据,以法律为准绳,给予的政务处分与违法行为的性质、情节、危害程度相当;坚持惩戒与教育相结合,宽严相济。
4-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش؛ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، بېرىلگەن مەمۇرىي جازا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ خاراكتېرى، قىلمىشى، خەۋپ دەرىجىسىگە باراۋەر كېلىدۇ؛ جازالاش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
第五条 给予公职人员政务处分,应当事实清楚、证据确凿、定性准确、处理恰当、程序合法、手续完备。
5-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىشتە، پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق، سۈپەت بېكىتىش توغرا، بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق، تەرتىپ قانۇنلۇق، رەسمىيەت مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.
第六条 公职人员依法履行职责受法律保护,非因法定事由、非经法定程序,不受政务处分。
6-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇندا قوغدىلىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبتىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن، مەمۇرىي جەھەتتىن چارە كۆرۈلمەيدۇ.
第二章 政务处分的种类和适用
2-باب مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى ۋە تەتبىقلىنىشى
第七条 政务处分的种类为:
7-ماددا مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى :
(一)警告;
( 1 ) ئاگاھلاندۇرۇش؛
(二)记过;
( 2 ) گۇناھ يېزىش؛
(三)记大过;
( 3 ) چوڭ گۇناھ يېزىش؛
(四)降级;
( 4 ) دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش؛
(五)撤职;
( 5 ) ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش؛
(六)开除。
( 6 ) خىزمەتتىن قوغلاش.
第八条 政务处分的期间为:
8-ماددا مەمۇرىي جازا مۇددىتى :
(一)警告,六个月;
( 1 ) ئاگاھلاندۇرۇش، ئالتە ئاي بولۇش؛
(二)记过,十二个月;
( 2 ) گۇناھ يېزىش، 12 ئاي بولۇش؛
(三)记大过,十八个月;
( 3 ) چوڭ گۇناھ يېزىش، 18 ئاي؛
(四)降级、撤职,二十四个月。
( 4 ) دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، 24 ئاي.
政务处分决定自作出之日起生效,政务处分期自政务处分决定生效之日起计算。
مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، مەمۇرىي جازانى مۇددەتكە بۆلۈش مەمۇرىي جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
第九条 公职人员二人以上共同违法,根据各自在违法行为中所起的作用和应当承担的法律责任,分别给予政务处分。
9-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمىدىن بىرلىكتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتا ئوينىغان رولى ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇن جاۋابكارلىقىغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
第十条 有关机关、单位、组织集体作出的决定违法或者实施违法行为的,对负有责任的领导人员和直接责任人员中的公职人员依法给予政务处分。
10-ماددا ئالاقىدار ئورگان، ئورۇن، تەشكىلات كوللېكتىپى چىقارغان قارار قانۇنغا خىلاپ ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان بولسا، جاۋابكار رەھبەرلەر ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلار ئىچىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
第十一条 公职人员有下列情形之一的,可以从轻或者减轻给予政务处分:
11-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ مەمۇرىي جازا بېرىلسە بولىدۇ :
(一)主动交代本人应当受到政务处分的违法行为的;
( 1 ) ئۆزىگە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلار؛
(二)配合调查,如实说明本人违法事实的;
( 2 ) تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ پاكىتىنى ئەينەن چۈشەندۈرگەنلەر؛
(三)检举他人违纪违法行为,经查证属实的;
( 3 ) باشقىلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانغانلار؛
(四)主动采取措施,有效避免、挽回损失或者消除不良影响的;
( 4 ) تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا زىياندىن ساقلانغان، زىياننى تولدۇرۇۋالغان ياكى ناچار تەسىرنى تۈگەتكەنلەر؛
(五)在共同违法行为中起次要或者辅助作用的;
( 5 ) بىرلىكتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى قوشۇمچە رول ئوينىغانلار؛
(六)主动上交或者退赔违法所得的;
( 6 ) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا تاپشۇرغان ياكى قايتۇرغانلار؛
(七)法律、法规规定的其他从轻或者减轻情节。
( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن يېنىك ياكى يېنىكلىتىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.
第十二条 公职人员违法行为情节轻微,且具有本法第十一条规定的情形之一的,可以对其进行谈话提醒、批评教育、责令检查或者予以诫勉,免予或者不予政务处分。
12-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىدىن قىلمىشى يېنىك، ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا سۆھبەتلىشىپ سەمىگە سېلىش، تەنقىد-تەربىيە بېرىش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە، مەمۇرىي جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.
公职人员因不明真相被裹挟或者被胁迫参与违法活动,经批评教育后确有悔改表现的,可以减轻、免予或者不予政务处分。
ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان ياكى مەجبۇرلانغانلىرى تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا يېنىكلىتىپ بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش ياكى مەمۇرىي جازا بەرمەسلىك كېرەك.
第十三条 公职人员有下列情形之一的,应当从重给予政务处分:
13-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ئېغىر مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ :
(一)在政务处分期内再次故意违法,应当受到政务处分的;
( 1 ) مەمۇرىي جازا مۇددىتى ئىچىدە قانۇنغا يەنە بىر قېتىم قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلار؛
(二)阻止他人检举、提供证据的;
( 2 ) باشقىلارنىڭ پاش قىلىشى، دەلىل-ئىسپات بېرىشىنى توسقانلار؛
(三)串供或者伪造、隐匿、毁灭证据的;
( 3 ) دەلىل-ئىسپاتلارنى تىل بىرىكتۈرۈپ ئىقرار قىلغان ياكى ياسىۋالغان، تىقىۋالغان، يوقىتىۋەتكەنلەر؛
(四)包庇同案人员的;
( 4 ) بىر دېلودىكى خادىملارنى قانات ئاستىغا ئالغانلار؛
(五)胁迫、唆使他人实施违法行为的;
( 5 ) باشقىلارنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىشقا مەجبۇرلىغان، كۈشكۈرتكەنلەر؛
(六)拒不上交或者退赔违法所得的;
( 6 ) يۇقىرىغا تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرغانلار ۋە تۆلىگەنلەر؛
(七)法律、法规规定的其他从重情节。
( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئېغىر قىلمىشلار.
第十四条 公职人员犯罪,有下列情形之一的,予以开除:
14-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قوغلىنىدۇ :
(一)因故意犯罪被判处管制、拘役或者有期徒刑以上刑罚(含宣告缓刑)的;
( 1 ) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن رېجىمغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا ( جازا كېچىكتۈرۈشنى جاكارلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) غا ھۆكۈم قىلىنغانلار؛
(二)因过失犯罪被判处有期徒刑,刑期超过三年的;
( 2 ) سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتكەنلەر؛
(三)因犯罪被单处或者并处剥夺政治权利的。
( 3 ) جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئايرىم ياكى قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار.
因过失犯罪被判处管制、拘役或者三年以下有期徒刑的,一般应当予以开除;案件情况特殊,予以撤职更为适当的,可以不予开除,但是应当报请上一级机关批准。
سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ رېجىمغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئادەتتە خىزمەتتىن ھەيدەش كېرەك؛ دېلو ئەھۋالى ئالاھىدە بولسا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلسا، قوغلىمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.
公职人员因犯罪被单处罚金,或者犯罪情节轻微,人民检察院依法作出不起诉决定或者人民法院依法免予刑事处罚的,予以撤职;造成不良影响的,予以开除。
ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئايرىم جەرىمانە قويۇلغان ياكى جىنايەت قىلمىشى يېنىك بولۇپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغانلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى؛ ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第十五条 公职人员有两个以上违法行为的,应当分别确定政务处分。应当给予两种以上政务处分的,执行其中最重的政务处分;应当给予撤职以下多个相同政务处分的,可以在一个政务处分期以上、多个政务处分期之和以下确定政务处分期,但是最长不得超过四十八个月。
15-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدا قانۇنغا خىلاپ ئىككىدىن ئارتۇق قىلمىش بولسا، مەمۇرىي جازانى ئايرىم-ئايرىم بېكىتىش كېرەك. ئىككى خىلدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مەمۇرىي جازا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن تۆۋەن ئوخشاش مەمۇرىي جازادىن بىرنەچچىسى بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە بىر مەمۇرىي جازانى مۇددەتكە بۆلۈشتىن يۇقىرى، بىر نەچچە مەمۇرىي تەدبىرنى مۇددەتكە بۆلۈپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەمۇرىي جازانى مۇددەتكە بۆلۈپ بېكىتىشكە بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 48 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
第十六条 对公职人员的同一违法行为,监察机关和公职人员任免机关、单位不得重复给予政务处分和处分。
16-ماددا رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگانلار، ئورۇنلار ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تەكرار مەمۇرىي جازا بەرسە ۋە جازا بەرسە بولمايدۇ.
第十七条 公职人员有违法行为,有关机关依照规定给予组织处理的,监察机关可以同时给予政务处分。
17-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە، ئالاقىدار ئورگان بەلگىلىمە بويىچە تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلسا، رېۋىزىيە ئورگىنى بىرلا ۋاقىتتا مەمۇرىي جازا بەرسە بولىدۇ.
第十八条 担任领导职务的公职人员有违法行为,被罢免、撤销、免去或者辞去领导职务的,监察机关可以同时给予政务处分。
18-ماددا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى كۆرۈلۈپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، ئېلىپ تاشلانغان ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىرىغا رېۋىزىيە ئورگىنى بىرلا ۋاقىتتا مەمۇرىي جازا بەرسە بولىدۇ.
第十九条 公务员以及参照《中华人民共和国公务员法》管理的人员在政务处分期内,不得晋升职务、职级、衔级和级别;其中,被记过、记大过、降级、撤职的,不得晋升工资档次。被撤职的,按照规定降低职务、职级、衔级和级别,同时降低工资和待遇。
19-ماددا مەمۇرلار، شۇنىڭدەك «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ مەمۇرىي جازا مۇددىتى ئىچىدە ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، گۇناھ يېزىلغان، چوڭ گۇناھ يېزىلغان، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ مائاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ. ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى ۋە دەرىجىسى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مائاشى ۋە تەمىناتى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
第二十条 法律、法规授权或者受国家机关依法委托管理公共事务的组织中从事公务的人员,以及公办的教育、科研、文化、医疗卫生、体育等单位中从事管理的人员,在政务处分期内,不得晋升职务、岗位和职员等级、职称;其中,被记过、记大过、降级、撤职的,不得晋升薪酬待遇等级。被撤职的,降低职务、岗位或者职员等级,同时降低薪酬待遇。
20-ماددا قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ياكى دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلىشىغا ئېرىشكەن تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ، پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، تەنتەربىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەمۇرىي جازا مۇددىتى ئىچىدە ۋەزىپىسى، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى، ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، گۇناھ خاتىرىلەنگەن، چوڭ گۇناھ خاتىرىلەنگەن، دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىنات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ ۋەزىپىسى، ئىش ئورنى ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىش ھەققى تەمىناتى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
第二十一条 国有企业管理人员在政务处分期内,不得晋升职务、岗位等级和职称;其中,被记过、记大过、降级、撤职的,不得晋升薪酬待遇等级。被撤职的,降低职务或者岗位等级,同时降低薪酬待遇。
21-ماددا دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەمۇرىي جازا مۇددىتى ئىچىدە ۋەزىپىسى، ئىش ئورنى دەرىجىسى ۋە ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، گۇناھ خاتىرىلەنگەن، چوڭ گۇناھ خاتىرىلەنگەن، دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىنات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ. ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسى ياكى ئىش ئورنى دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىش ھەققى تەمىناتى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
第二十二条 基层群众性自治组织中从事管理的人员有违法行为的,监察机关可以予以警告、记过、记大过。
22-ماددا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىدا باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرىغا رېۋىزىيە ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ، چوڭ گۇناھ يازسا بولىدۇ.
基层群众性自治组织中从事管理的人员受到政务处分的,应当由县级或者乡镇人民政府根据具体情况减发或者扣发补贴、奖金。
ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىك ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلىنى كېمەيتىپ تارقىتىشى ياكى تۇتۇپ قېلىشى كېرەك.
第二十三条 《中华人民共和国监察法》第十五条第六项规定的人员有违法行为的,监察机关可以予以警告、记过、记大过。情节严重的,由所在单位直接给予或者监察机关建议有关机关、单位给予降低薪酬待遇、调离岗位、解除人事关系或者劳动关系等处理。
23-ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ 6-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن خادىملاردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرىغا رېۋىزىيە ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ خاتىرىلەشكە بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئالاقىدار ئورگان، ئورۇنلارغا ئىش ھەققى تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىش، كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ.
《中华人民共和国监察法》第十五条第二项规定的人员,未担任公务员、参照《中华人民共和国公务员法》管理的人员、事业单位工作人员或者国有企业人员职务的,对其违法行为依照前款规定处理。
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن خادىملار، مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ باشقۇرىدىغان خادىملار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى ياكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
第二十四条 公职人员被开除,或者依照本法第二十三条规定,受到解除人事关系或者劳动关系处理的,不得录用为公务员以及参照《中华人民共和国公务员法》管理的人员。
24-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىرى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىر تەرەپ قىلىنغانلىرىنى مەمۇرلۇققا، شۇنىڭدەك «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ باشقۇرىدىغان خادىملارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
第二十五条 公职人员违法取得的财物和用于违法行为的本人财物,除依法应当由其他机关没收、追缴或者责令退赔的,由监察机关没收、追缴或者责令退赔;应当退还原所有人或者原持有人的,依法予以退还;属于国家财产或者不应当退还以及无法退还的,上缴国库。
25-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن پۇل-مالنى ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئىشلەتكەن ئۆزىنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇن بويىچە باشقا ئورگانلار مۇسادىرە قىلىدىغان، قايتۇرۇۋېلىشقا ياكى قايتۇرۇشقا، تۆلەشكە بۇيرۇيدىغانلىرىنى رېۋىزىيە ئورگانلىرى مۇسادىرە قىلىدۇ، قايتۇرۇۋالىدۇ ياكى قايتۇرۇشقا، تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەسلىدىكى ئىگىدار ياكى ئەسلىي ئىلكىدە تۇتقۇچىغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا، قانۇن بويىچە قايتۇرىدۇ؛ دۆلەت مال-مۈلكىگە تەۋە بولسا ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىسا، شۇنىڭدەك قايتۇرغىلى بولمىسا، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
公职人员因违法行为获得的职务、职级、衔级、级别、岗位和职员等级、职称、待遇、资格、学历、学位、荣誉、奖励等其他利益,监察机关应当建议有关机关、单位、组织按规定予以纠正。
ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بىلەن ئېرىشكەن ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، دەرىجە، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى، ئۇنۋان، تەمىنات، سالاھىيەت، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان، شەرەپ، مۇكاپات قاتارلىق باشقا مەنپەئەتلىرىنى رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئالاقىدار ئورگان، ئورۇن، تەشكىلاتلارغا بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.
第二十六条 公职人员被开除的,自政务处分决定生效之日起,应当解除其与所在机关、单位的人事关系或者劳动关系。
26-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قوغلانغانلىرى مەمۇرىي جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورگىنى، ئورنى بىلەن بولغان كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشى كېرەك.
公职人员受到开除以外的政务处分,在政务处分期内有悔改表现,并且没有再发生应当给予政务处分的违法行为的,政务处分期满后自动解除,晋升职务、职级、衔级、级别、岗位和职员等级、职称、薪酬待遇不再受原政务处分影响。但是,解除降级、撤职的,不恢复原职务、职级、衔级、级别、岗位和职员等级、职称、薪酬待遇。
ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن خىزمەتتىن ھەيدەشتىن باشقا مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىرىدە مەمۇرىي جازا مۇددەتكە بۆلۈش ئىچىدە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بولسا ھەمدە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قايتا سادىر بولمىسا، مەمۇرىي جازا مۇددەتكە بۆلۈپ توشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن بىكار قىلىنىدۇ، ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، دەرىجە، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى، ئۇنۋان، ئىش ھەققى تەمىناتى ئەسلىدىكى مەمۇرىي جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش بىكار قىلىنغانلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، دەرىجە، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى، ئۇنۋانى، ئىش ھەققى تەمىناتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدۇ.
第二十七条 已经退休的公职人员退休前或者退休后有违法行为的,不再给予政务处分,但是可以对其立案调查;依法应当予以降级、撤职、开除的,应当按照规定相应调整其享受的待遇,对其违法取得的财物和用于违法行为的本人财物依照本法第二十五条的规定处理。
27-ماددا پېنسىيەگە چىققان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ياكى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرسە بولىدۇ؛ قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، قوغلاشقا توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى مۇناسىپ تەڭشەش كېرەك، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن پۇل-مېلى ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئىشلەتكەن ئۆزىنىڭ پۇل-مېلىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
已经离职或者死亡的公职人员在履职期间有违法行为的,依照前款规定处理。
خىزمەتتىن ئايرىلغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
第三章 违法行为及其适用的政务处分
3-باب قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ئۇنىڭغا تەتبىقلىنىدىغان مەمۇرىي جازا
第二十八条 有下列行为之一的,予以记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除:
28-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا گۇناھ يېزىلىدۇ ياكى چوڭ گۇناھ يېزىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ :
(一)散布有损宪法权威、中国共产党领导和国家声誉的言论的;
( 1 ) ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆزلەرنى تارقاتقانلار؛
(二)参加旨在反对宪法、中国共产党领导和国家的集会、游行、示威等活动的;
( 2 ) ئاساسىي قانۇنغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار؛
(三)拒不执行或者变相不执行中国共产党和国家的路线方针政策、重大决策部署的;
( 3 ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلمىغانلار؛
(四)参加非法组织、非法活动的;
( 4 ) قانۇنسىز تەشكىلات، قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار؛
(五)挑拨、破坏民族关系,或者参加民族分裂活动的;
( 5 ) مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالغان، بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار؛
(六)利用宗教活动破坏民族团结和社会稳定的;
( 6 ) دىنىي پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛
(七)在对外交往中损害国家荣誉和利益的。
( 7 ) تاشقى ئالاقىدە دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر.
有前款第二项、第四项、第五项和第六项行为之一的,对策划者、组织者和骨干分子,予以开除。
ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 2 )، ( 4 )، ( 5 ) تارماقچىسى ۋە ( 6 ) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا پىلانلىغۇچى، تەشكىللىگۈچى ۋە تايانچلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
公开发表反对宪法确立的国家指导思想,反对中国共产党领导,反对社会主义制度,反对改革开放的文章、演说、宣言、声明等的,予以开除。
ئاساسىي قانۇندا ئورنىتىشقا قارشى تۇرىدىغان دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى تۇرغان، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغان ماقالە، نۇتۇق، خىتابنامە، بايانات قاتارلىقلارنى قوغلىغانلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第二十九条 不按照规定请示、报告重大事项,情节较重的,予以警告、记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职。
29-ماددا مۇھىم، زور ئىشلاردا بەلگىلىمە بويىچە يوليورۇق سورىمىغان، دوكلات قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
违反个人有关事项报告规定,隐瞒不报,情节较重的,予以警告、记过或者记大过。
شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش.
篡改、伪造本人档案资料的,予以记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职。
ئۆزىنىڭ ئارخىپ ماتېرىيالىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ياسىۋالغانلارغا گۇناھ يېزىلىدۇ ياكى چوڭ گۇناھ يېزىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
第三十条 有下列行为之一的,予以警告、记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职:
30-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ :
(一)违反民主集中制原则,个人或者少数人决定重大事项,或者拒不执行、擅自改变集体作出的重大决定的;
( 1 ) دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، شەخس ياكى ئاز سانلىق كىشى مۇھىم، زور ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقارغان ياكى كوللېكتىپ چىقارغان مۇھىم، زور قارارلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛
(二)拒不执行或者变相不执行、拖延执行上级依法作出的决定、命令的。
( 2 ) يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن بويىچە چىقارغان قارار، بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلمىغان، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلغانلار.
第三十一条 违反规定出境或者办理因私出境证件的,予以记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职。
31-ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چېگرادىن چىققان ياكى چېگرادىن شەخسىي چىقىش كىنىشكىسىنى بېجىرگەنلەرگە گۇناھ يېزىلىدۇ ياكى چوڭ گۇناھ يېزىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
违反规定取得外国国籍或者获取境外永久居留资格、长期居留许可的,予以撤职或者开除。
بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئېرىشكەنلەر ياكى چېگرا سىرتىدا مەڭگۈ تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر، ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلەر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ ياكى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第三十二条 有下列行为之一的,予以警告、记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除:
32-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ :
(一)在选拔任用、录用、聘用、考核、晋升、评选等干部人事工作中违反有关规定的;
( 1 ) كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، باھالاش، ئۆستۈرۈش، باھالاش قاتارلىق كادىرلار ۋە كادىرلار خىزمىتىدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار؛
(二)弄虚作假,骗取职务、职级、衔级、级别、岗位和职员等级、职称、待遇、资格、学历、学位、荣誉、奖励或者其他利益的;
( 2 ) ساختىپەزلىك قىلىپ، ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، دەرىجە، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى، ئۇنۋانى، سالاھىيىتى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى، پەخرىي نامى، مۇكاپاتى ياكى باشقا مەنپەئىتىگە ئېرىشىۋالغانلار؛
(三)对依法行使批评、申诉、控告、检举等权利的行为进行压制或者打击报复的;
( 3 ) تەنقىد، ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قىلمىشلىرىنى باستۇرغانلار ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلار؛
(四)诬告陷害,意图使他人受到名誉损害或者责任追究等不良影响的;
( 4 ) قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ، باشقىلارنى نام-شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ناچار تەسىرگە ئۇچرىتىش غەرىزىدە بولغانلار؛
(五)以暴力、威胁、贿赂、欺骗等手段破坏选举的。
( 5 ) زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار.
第三十三条 有下列行为之一的,予以警告、记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除:
33-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ :
(一)贪污贿赂的;
( 1 ) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلغانلار؛
(二)利用职权或者职务上的影响为本人或者他人谋取私利的;
( 2 ) خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەنلەر؛
(三)纵容、默许特定关系人利用本人职权或者职务上的影响谋取私利的。
( 3 ) مۇئەييەن مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشىغا يول قويغان، يول قويغانلار.
拒不按照规定纠正特定关系人违规任职、兼职或者从事经营活动,且不服从职务调整的,予以撤职。
مۇئەييەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ۋەزىپە ئۆتەش، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ياكى تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تۈزىتىشنى رەت قىلغان ھەمدە ۋەزىپىسىنى تەڭشەشكە بويسۇنمىغانلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
第三十四条 收受可能影响公正行使公权力的礼品、礼金、有价证券等财物的,予以警告、记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除。
34-ماددا ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، باھالىق ئاكسىيە قاتارلىق پۇل-ماللارنى ئالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
向公职人员及其特定关系人赠送可能影响公正行使公权力的礼品、礼金、有价证券等财物,或者接受、提供可能影响公正行使公权力的宴请、旅游、健身、娱乐等活动安排,情节较重的,予以警告、记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职。
ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، باھالىق ئاكسىيە قاتارلىق پۇل-ماللارنى ھەدىيە قىلغان ياكى ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى باراۋەر يۈرگۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت، ساياھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان، تەمىنلىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
第三十五条 有下列行为之一,情节较重的,予以警告、记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职:
35-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ :
(一)违反规定设定、发放薪酬或者津贴、补贴、奖金的;
( 1 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىش ھەققى ياكى قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى بېكىتكەنلەر، تارقاتقانلار؛
(二)违反规定,在公务接待、公务交通、会议活动、办公用房以及其他工作生活保障等方面超标准、超范围的;
( 2 ) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ئىشى قاتنىشى، يىغىن پائالىيىتى، ئىشخانا، شۇنىڭدەك باشقا خىزمەت، تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆلچەمدىن، دائىرىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛
(三)违反规定公款消费的。
( 3 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلغانلار.
第三十六条 违反规定从事或者参与营利性活动,或者违反规定兼任职务、领取报酬的,予以警告、记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除。
36-ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى قاتناشقان ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن، ھەق ئالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第三十七条 利用宗族或者黑恶势力等欺压群众,或者纵容、包庇黑恶势力活动的,予以撤职;情节严重的,予以开除。
37-ماددا ئۇرۇقداشلىق ياكى قارا، رەزىل كۈچ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئاممىنى بوزەك قىلغان ياكى قارا، يامان كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىگە يول قويغان، قانات ئاستىغا ئالغانلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第三十八条 有下列行为之一,情节较重的,予以警告、记过或者记大过;情节严重的,予以降级或者撤职:
38-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ :
(一)违反规定向管理服务对象收取、摊派财物的;
( 1 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن پۇل-مال ئالغان، سېلىق سالغانلار؛
(二)在管理服务活动中故意刁难、吃拿卡要的;
( 2 ) باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىدە قەستەن قىينىغان، ئېلىۋالغان، قىسىۋالغان، تەلەپ قىلغانلار؛
(三)在管理服务活动中态度恶劣粗暴,造成不良后果或者影响的;
( 3 ) باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىدە پوزىتسىيەسى ناچار، قوپال بولۇپ، يامان ئاقىۋەت ياكى تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(四)不按照规定公开工作信息,侵犯管理服务对象知情权,造成不良后果或者影响的;
( 4 ) خىزمەت ئۇچۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلىماي، باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ناچار ئاقىۋەت ياكى تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(五)其他侵犯管理服务对象利益的行为,造成不良后果或者影响的。
( 5 ) باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.
有前款第一项、第二项和第五项行为,情节特别严重的,予以开除。
ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 2 ) تارماقچىسى ۋە ( 5 ) تارماقچىسىدا قىلمىش سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第三十九条 有下列行为之一,造成不良后果或者影响的,予以警告、记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除:
39-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ناچار ئاقىۋەت ياكى تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ :
(一)滥用职权,危害国家利益、社会公共利益或者侵害公民、法人、其他组织合法权益的;
( 1 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەتكە خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار؛
(二)不履行或者不正确履行职责,玩忽职守,贻误工作的;
( 2 ) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛
(三)工作中有形式主义、官僚主义行为的;
( 3 ) خىزمەتتە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلمىشلىرى بولسا؛
(四)工作中有弄虚作假,误导、欺骗行为的;
( 4 ) خىزمەتتە ساختىپەزلىك قىلغان، خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلىگەن، ئالدامچىلىق قىلغانلار؛
(五)泄露国家秘密、工作秘密,或者泄露因履行职责掌握的商业秘密、个人隐私的。
( 5 ) دۆلەت مەخپىيىتى، خىزمەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار ياكى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش جەريانىدا ئىگىلىگەن سودا مەخپىيىتى، شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.
第四十条 有下列行为之一的,予以警告、记过或者记大过;情节较重的,予以降级或者撤职;情节严重的,予以开除:
40-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ :
(一)违背社会公序良俗,在公共场所有不当行为,造成不良影响的;
( 1 ) جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى سورۇندا نامۇۋاپىق قىلمىش سادىر قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(二)参与或者支持迷信活动,造成不良影响的;
( 2 ) خۇراپاتلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ ياكى مەدەت بېرىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(三)参与赌博的;
( 3 ) قىمارغا قاتناشقانلار؛
(四)拒不承担赡养、抚养、扶养义务的;
( 4 ) بېقىش، بېقىش، بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغانلار؛
(五)实施家庭暴力,虐待、遗弃家庭成员的;
( 5 ) ئائىلە زۇلۇمى سېلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغان، تاشلىۋەتكەنلەر؛
(六)其他严重违反家庭美德、社会公德的行为。
( 6 ) ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېغىر خىلاپ باشقا قىلمىشلار.
吸食、注射毒品,组织赌博,组织、支持、参与卖淫、嫖娼、色情淫乱活动的,予以撤职或者开除。
زەھەر چەككەن، زەھەر سالغان، قىمار ئويناشقا تەشكىللىگەن، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق، ئىشقىۋازلىق-بۇزۇقچىلىق ھەرىكەتلىرىگە تەشكىللىگەن، ئۇنى قوللىغان، ئۇنىڭغا قاتناشقانلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ ياكى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.
第四十一条 公职人员有其他违法行为,影响公职人员形象,损害国家和人民利益的,可以根据情节轻重给予相应政务处分。
41-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەن، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىلسە بولىدۇ.
第四章 政务处分的程序
4-باب مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپى
第四十二条 监察机关对涉嫌违法的公职人员进行调查,应当由二名以上工作人员进行。监察机关进行调查时,有权依法向有关单位和个人了解情况,收集、调取证据。有关单位和个人应当如实提供情况。
42-ماددا رېۋىزىيە ئورگانلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەكشۈرۈشى، ئىككىدىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم تەكشۈرۈشى كېرەك. رېۋىزىيە ئورگىنى تەكشۈرۈشتە، قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخستىن ئەھۋال ئىگىلەش، دەلىل-ئىسپات ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
严禁以威胁、引诱、欺骗及其他非法方式收集证据。以非法方式收集的证据不得作为给予政务处分的依据。
دەلىل-ئىسپات توپلاش تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالدامچىلىق قىلىش شۇنىڭدەك باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنسىز ئۇسۇلدا توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلارنى مەمۇرىي جازا بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
第四十三条 作出政务处分决定前,监察机关应当将调查认定的违法事实及拟给予政务处分的依据告知被调查人,听取被调查人的陈述和申辩,并对其陈述的事实、理由和证据进行核实,记录在案。被调查人提出的事实、理由和证据成立的,应予采纳。不得因被调查人的申辩而加重政务处分。
43-ماددا مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ پاكىتلار ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان ئاساسلارنى تەكشۈرۈلگۈچىگە ئۇقتۇرۇشى، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئاڭلىشى ھەمدە ئۇلار بايان قىلغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، دېلوغا خاتىرىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈلگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئورۇنلۇق بولسا، قوبۇل قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى سەۋەبلىك مەمۇرىي جازانى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
第四十四条 调查终结后,监察机关应当根据下列不同情况,分别作出处理:
44-ماددا تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رېۋىزىيە ئورگىنى تۆۋەندىكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك :
(一)确有应受政务处分的违法行为的,根据情节轻重,按照政务处分决定权限,履行规定的审批手续后,作出政务处分决定;
( 1 ) مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ھەقىقەتەن بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، مەمۇرىي جازا قارارىنىڭ ھوقۇق چېكى بويىچە، بەلگىلەنگەن تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىش؛
(二)违法事实不能成立的,撤销案件;
( 2 ) قانۇنغا خىلاپ پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، دېلو بىكار قىلىنىدۇ؛
(三)符合免予、不予政务处分条件的,作出免予、不予政务处分决定;
( 3 ) مەمۇرىي جازانى كەچۈرۈم قىلىش، مەمۇرىي جازا بەرمەسلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە كەچۈرۈم قىلىش، سىياسىي جازا بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىش؛
(四)被调查人涉嫌其他违法或者犯罪行为的,依法移送主管机关处理。
( 4 ) تەكشۈرۈلگۈچى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىش گۇمانى بولسا، قانۇن بويىچە مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
第四十五条 决定给予政务处分的,应当制作政务处分决定书。
第四十五条 决定给予政务处分的,应当制作政务处分决定书。
政务处分决定书应当载明下列事项:
مەمۇرىي جازا قارارنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك :
(一)被处分人的姓名、工作单位和职务;
( 1 ) جازالانغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى ۋە ۋەزىپىسى؛
(二)违法事实和证据;
( 2 ) قانۇنغا خىلاپ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلار؛
(三)政务处分的种类和依据;
( 3 ) مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى ۋە ئاساسى؛
(四)不服政务处分决定,申请复审、复核的途径和期限;
( 4 ) مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولماي، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلىش يولى ۋە مۇددىتى؛
(五)作出政务处分决定的机关名称和日期。
( 5 ) مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان ئورگاننىڭ نامى ۋە ۋاقتى.
政务处分决定书应当盖有作出决定的监察机关的印章。
مەمۇرىي جازا قارارنامىسىگە قارار چىقارغان رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك.
第四十六条 政务处分决定书应当及时送达被处分人和被处分人所在机关、单位,并在一定范围内宣布。
46-ماددا مەمۇرىي جازا قارارنامىسى جازالانغۇچى ۋە جازالانغۇچى تۇرۇشلۇق ئورگان، ئورۇنغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشى ھەمدە مەلۇم دائىرىدە جاكارلىنىشى كېرەك.
作出政务处分决定后,监察机关应当根据被处分人的具体身份书面告知相关的机关、单位。
مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، رېۋىزىيە ئورگىنى جازالانغۇچىنىڭ كونكرېت سالاھىيىتىگە ئاساسەن ئالاقىدار ئورگان، ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
第四十七条 参与公职人员违法案件调查、处理的人员有下列情形之一的,应当自行回避,被调查人、检举人及其他有关人员也有权要求其回避:
47-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان خادىملاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆزى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك، تەكشۈرۈلگۈچى، پاش قىلغۇچى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :
(一)是被调查人或者检举人的近亲属的;
( 1 ) تەكشۈرۈلگۈچى ياكى پاش قىلىنغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولسا؛
(二)担任过本案的证人的;
( 2 ) شۇ دېلودا گۇۋاھچى بولغان بولسا؛
(三)本人或者其近亲属与调查的案件有利害关系的;
( 3 ) ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى تەكشۈرگەن دېلو بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا؛
(四)可能影响案件公正调查、处理的其他情形。
( 4 ) دېلونى ئادىل تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.
第四十八条 监察机关负责人的回避,由上级监察机关决定;其他参与违法案件调查、处理人员的回避,由监察机关负责人决定。
48-ماددا رېۋىزىيە ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگىنى قارار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ دېلونى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان باشقا خادىملارنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى قارار قىلىدۇ.
监察机关或者上级监察机关发现参与违法案件调查、处理人员有应当回避情形的,可以直接决定该人员回避。
رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ دېلونى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان خادىملاردا ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ئەھۋال بارلىقىنى بايقىسا، شۇ خادىمنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى بىۋاسىتە قارار قىلسا بولىدۇ.
第四十九条 公职人员依法受到刑事责任追究的,监察机关应当根据司法机关的生效判决、裁定、决定及其认定的事实和情节,依照本法规定给予政务处分。
49-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىرىغا رېۋىزىيە ئورگىنى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى، قارارى ۋە ئۇنىڭدا بېكىتىلگەن پاكىت ۋە قىلمىشقا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك.
公职人员依法受到行政处罚,应当给予政务处分的,监察机关可以根据行政处罚决定认定的事实和情节,经立案调查核实后,依照本法给予政务处分。
ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىرىگە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە رېۋىزىيە ئورگىنى مەمۇرىي جازا قارارىدا بېكىتىلگەن پاكىت ۋە قىلمىشقا ئاساسەن، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ.
监察机关根据本条第一款、第二款的规定作出政务处分后,司法机关、行政机关依法改变原生效判决、裁定、决定等,对原政务处分决定产生影响的,监察机关应当根据改变后的判决、裁定、决定等重新作出相应处理。
رېۋىزىيە ئورگىنى مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بەرگەندىن كېيىن، ئەدلىيە ئورگىنى، مەمۇرىي ئورگان ئەسلىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم، قارار قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى مەمۇرىي جازا قارارىغا تەسىر يەتكۈزسە، رېۋىزىيە ئورگىنى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھۆكۈم ۋە كېسىم، قارار قاتارلىقلارغا ئاساسەن قايتىدىن مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
第五十条 监察机关对经各级人民代表大会、县级以上各级人民代表大会常务委员会选举或者决定任命的公职人员予以撤职、开除的,应当先依法罢免、撤销或者免去其职务,再依法作出政务处分决定。
50-ماددا رېۋىزىيە ئورگىنى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى سايلىغان ياكى تەيىنلەشنى قارار قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىسا، قوغلىسا، ئاۋۋال قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىشى، ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياكى قالدۇرۇشى، ئاندىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.
监察机关对经中国人民政治协商会议各级委员会全体会议或者其常务委员会选举或者决定任命的公职人员予以撤职、开除的,应当先依章程免去其职务,再依法作出政务处分决定。
رېۋىزىيە ئورگانلىرى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى سايلىغان ياكى تەيىنلەشنى قارار قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، قوغلىغانلارنى ئالدى بىلەن قائىدە بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى، ئاندىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.
监察机关对各级人民代表大会代表、中国人民政治协商会议各级委员会委员给予政务处分的,应当向有关的人民代表大会常务委员会,乡、民族乡、镇的人民代表大会主席团或者中国人民政治协商会议委员会常务委员会通报。
رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېت ئەزالىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىشتە، مۇناسىۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭەش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
第五十一条 下级监察机关根据上级监察机关的指定管辖决定进行调查的案件,调查终结后,对不属于本监察机关管辖范围内的监察对象,应当交有管理权限的监察机关依法作出政务处分决定。
51-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگانلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگىنى بەلگىلەپ بەرگەن باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەكشۈرىدىغان دېلولارنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان رېۋىزىيە ئوبيېكتلىرىغا باشقۇرۇش ھوقۇقى بار رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
第五十二条 公职人员涉嫌违法,已经被立案调查,不宜继续履行职责的,公职人员任免机关、单位可以决定暂停其履行职务。
52-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىرىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەنلىرى، مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىغا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئورگان، ئورۇنلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىسە ۋە قالدۇرسا، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
公职人员在被立案调查期间,未经监察机关同意,不得出境、辞去公职;被调查公职人员所在机关、单位及上级机关、单位不得对其交流、晋升、奖励、处分或者办理退休手续。
ھۆكۈمەت خادىملىرى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرادىن چىقسا، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرسە بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈلگۈچى ھۆكۈمەت خادىملىرى تۇرۇشلۇق ئورگان، ئورۇن ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇنلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش، جازا بېرىشىگە ياكى پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
第五十三条 监察机关在调查中发现公职人员受到不实检举、控告或者诬告陷害,造成不良影响的,应当按照规定及时澄清事实,恢复名誉,消除不良影响。
53-ماددا رېۋىزىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈش داۋامىدا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ راست بولمىغان پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىش ياكى قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇچراپ ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىسا، بەلگىلىمە بويىچە پاكىتنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ناچار تەسىرنى تۈگىتىشى كېرەك.
第五十四条 公职人员受到政务处分的,应当将政务处分决定书存入其本人档案。对于受到降级以上政务处分的,应当由人事部门按照管理权限在作出政务处分决定后一个月内办理职务、工资及其他有关待遇等的变更手续;特殊情况下,经批准可以适当延长办理期限,但是最长不得超过六个月。
54-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىرى مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى ئۆزىنىڭ ئارخىپىغا ساقلىشى كېرەك. دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتىن يۇقىرى مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلەرنىڭ كادىرلار تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ۋەزىپىسى، مائاشى ۋە باشقا ئالاقىدار تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، تەستىقلىتىش ئارقىلىق بېجىرىش مۆھلىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
第五章 复审、复核
5-باب قايتا تەكشۈرۈش، قايتا ئېنىقلاش
第五十五条 公职人员对监察机关作出的涉及本人的政务处分决定不服的,可以依法向作出决定的监察机关申请复审;公职人员对复审决定仍不服的,可以向上一级监察机关申请复核。
55-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن رېۋىزىيە ئورگىنى چىقارغان ئۆزىگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە قارار چىقارغان رېۋىزىيە ئورگىنىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قايتا تەكشۈرۈش قارارىغا يەنىلا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى رېۋىزىيە ئورگىنىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
监察机关发现本机关或者下级监察机关作出的政务处分决定确有错误的,应当及时予以纠正或者责令下级监察机关及时予以纠正。
رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆز ئورگىنى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگىنى چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك رىۋىزىيە ئورگىنىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.
第五十六条 复审、复核期间,不停止原政务处分决定的执行。
56-ماددا قايتا قاراپ چىقىش، قايتا ئېنىقلاش مەزگىلىدە، ئەسلىدىكى مەمۇرىي جازا قارارىنىڭ ئىجراسى توختىمايدۇ.
公职人员不因提出复审、复核而被加重政务处分。
ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قايتا تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن مەمۇرىي جازا ئېغىرلىتىۋېتىلمەيدۇ.
第五十七条 有下列情形之一的,复审、复核机关应当撤销原政务处分决定,重新作出决定或者责令原作出决定的监察机关重新作出决定:
57-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قايتا قاراپ چىققۇچى، قايتا ئېنىقلىغۇچى ئورگان ئەسلىدىكى مەمۇرىي جازا قارارىنى بىكار قىلىشى، قايتا قارار چىقىرىشى ياكى ئەسلىي قارار چىقىرىشقا بۇيرۇغان رېۋىزىيە ئورگىنى قايتا قارار چىقىرىشى كېرەك :
(一)政务处分所依据的违法事实不清或者证据不足的;
( 1 ) مەمۇرىي جازا بېرىشتە ئاساسلانغان قانۇنغا خىلاپ پاكىتلار ئېنىق بولمىسا ياكى دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك بولمىسا؛
(二)违反法定程序,影响案件公正处理的;
( 2 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
(三)超越职权或者滥用职权作出政务处分决定的。
( 3 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغانلار.
第五十八条 有下列情形之一的,复审、复核机关应当变更原政务处分决定,或者责令原作出决定的监察机关予以变更:
58-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قايتا قاراپ چىققۇچى، قايتا ئېنىقلىغۇچى ئورگان ئەسلىدىكى مەمۇرىي جازا قارارىنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئەسلىي قارار چىقارغان رېۋىزىيە ئورگىنىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇشى كېرەك :
(一)适用法律、法规确有错误的;
( 1 ) قانۇن-نىزاملارنى تەتبىقلاشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛
(二)对违法行为的情节认定确有错误的;
( 2 ) قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قىلمىشىنى بېكىتىشتە ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛
(三)政务处分不当的。
( 3 ) مەمۇرىي جازا مۇۋاپىق بولمىغانلار.
第五十九条 复审、复核机关认为政务处分决定认定事实清楚,适用法律正确的,应当予以维持。
59-ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى، قايتا ئېنىقلىغۇچى ئورگان مەمۇرىي جازا قارارىدا پاكىت ئېنىق، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا دەپ قارىسا، داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
第六十条 公职人员的政务处分决定被变更,需要调整该公职人员的职务、职级、衔级、级别、岗位和职员等级或者薪酬待遇等的,应当按照规定予以调整。政务处分决定被撤销的,应当恢复该公职人员的级别、薪酬待遇,按照原职务、职级、衔级、岗位和职员等级安排相应的职务、职级、衔级、岗位和职员等级,并在原政务处分决定公布范围内为其恢复名誉。没收、追缴财物错误的,应当依法予以返还、赔偿。
60-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارى ئۆزگەرتىلىپ، شۇ ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، دەرىجىسى، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى ياكى ئىش ھەققى تەمىناتى قاتارلىقلارنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە تەڭشەش كېرەك. مەمۇرىي جازا قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، شۇ ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ دەرىجىسى، ئىش ھەققى تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجىسى مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش، قايتۇرۇۋېلىشتا خاتالىق بولسا، قانۇن بويىچە قايتۇرۇش، تۆلەم بېرىش كېرەك.
公职人员因有本法第五十七条、第五十八条规定的情形被撤销政务处分或者减轻政务处分的,应当对其薪酬待遇受到的损失予以补偿。
ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 57-، 58-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال تۈپەيلىدىن مەمۇرىي جازا بىكار قىلىنغان ياكى مەمۇرىي جازا يېنىكلىتىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىدا ئۇچرىغان زىيىنىغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六十一条 有关机关、单位无正当理由拒不采纳监察建议的,由其上级机关、主管部门责令改正,对该机关、单位给予通报批评,对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处理。
61-ماددا ئالاقىدار ئورگان، ئورۇنلاردىن يولسىز سەۋەبلەر بىلەن رېۋىزىيە تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇ ئورگان، ئورۇننى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
第六十二条 有关机关、单位、组织或者人员有下列情形之一的,由其上级机关,主管部门,任免机关、单位或者监察机关责令改正,依法给予处理:
62-ماددا ئالاقىدار ئورگان، ئورۇن، تەشكىلات ياكى خادىملاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، مەسئۇل تارمىقى، تەيىنلىگەن ۋە قالدۇرغان ئورگان، ئورۇن ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ :
(一)拒不执行政务处分决定的;
( 1 ) مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛
(二)拒不配合或者阻碍调查的;
( 2 ) تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغانلار ياكى توسقۇنلۇق قىلغانلار؛
(三)对检举人、证人或者调查人员进行打击报复的;
( 3 ) پاش قىلغۇچى، گۇۋاھچى ياكى تەكشۈرگۈچىلەردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلار؛
(四)诬告陷害公职人员的;
( 4 ) ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلار؛
(五)其他违反本法规定的情形。
( 5 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.
第六十三条 监察机关及其工作人员有下列情形之一的,对负有责任的领导人员和直接责任人员依法给予处理:
63-ماددا رېۋىزىيە ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جاۋابكار رەھبىرىي خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :
(一)违反规定处置问题线索的;
( 1 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغانلار؛
(二)窃取、泄露调查工作信息,或者泄露检举事项、检举受理情况以及检举人信息的;
( 2 ) تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇچۇرىنى ئوغرىلىغان، ئاشكارىلاپ قويغانلار ياكى پاش قىلغان ئىشنى، پاش قىلغان-قوبۇل قىلغان ئەھۋالنى ۋە پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
(三)对被调查人或者涉案人员逼供、诱供,或者侮辱、打骂、虐待、体罚或者变相体罚的;
( 3 ) تەكشۈرۈلگۈچى ياكى دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئالداپ ئىقرار قىلدۇرغان ياكى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان، خورلىغان، تەن جازاسى بەرگەن ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەر؛
(四)收受被调查人或者涉案人员的财物以及其他利益的;
( 4 ) تەكشۈرۈلگۈچى ياكى دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ پۇل-مېلىنى، شۇنىڭدەك باشقا مەنپەئىتىنى ئالغانلار؛
(五)违反规定处置涉案财物的;
( 5 ) دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغانلار؛
(六)违反规定采取调查措施的;
( 6 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللانغانلار؛
(七)利用职权或者职务上的影响干预调查工作、以案谋私的;
( 7 ) خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئارىلىشىۋالغان، دېلو ئارقىلىق كۆمىچىگە چوغ تارتقانلار؛
(八)违反规定发生办案安全事故,或者发生安全事故后隐瞒不报、报告失实、处置不当的;
( 8 ) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېلو بېجىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبەرگەن ياكى بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبەرگەندىن كېيىن يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(九)违反回避等程序规定,造成不良影响的;
( 9 ) ئۆزىنى چەتكە ئېلىش قاتارلىق تەرتىپ، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(十)不依法受理和处理公职人员复审、复核的;
( 10 ) ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشى، قايتا ئېنىقلىشىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلمىغان ۋە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(十一)其他滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的行为。
( 11 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىدىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىدىغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.
第六十四条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附 则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第六十五条 国务院及其相关主管部门根据本法的原则和精神,结合事业单位、国有企业等的实际情况,对事业单位、国有企业等的违法的公职人员处分事宜作出具体规定。
65-ماددا گوۋۇيۈەن ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ پىرىنسىپى ۋە روھىغا ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇن، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىقلاردىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا چارە كۆرۈش ئىشلىرى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى.
第六十六条 中央军事委员会可以根据本法制定相关具体规定。
66-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى چىقارسا بولىدۇ.
第六十七条 本法施行前,已结案的案件如果需要复审、复核,适用当时的规定。尚未结案的案件,如果行为发生时的规定不认为是违法的,适用当时的规定;如果行为发生时的规定认为是违法的,依照当时的规定处理,但是如果本法不认为是违法或者根据本法处理较轻的,适用本法。
67-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئاخىرلىشىپ بولغان دېلولارنى قايتا تەكشۈرۈش، قايتا ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، شۇ چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. دېلو تېخى ئاياغلاشتۇرۇلمىغان بولسا، قىلمىش سادىر بولغان چاغدىكى بەلگىلىمە قانۇنغا خىلاپ دەپ قارالمىسا، شۇ چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ ئەگەر، قىلمىش سادىر بولغان چاغدىكى بەلگىلىمە قانۇنغا خىلاپ دەپ قارالغان بولسا، شۇ چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، لېكىن، بۇ قانۇندا قانۇنغا خىلاپ دەپ قارالمىغان ياكى مۇشۇ قانۇن بويىچە يېنىكرەك بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
第六十八条 本法自2020年7月1日起施行。
68-ماددا بۇ قانۇن 2020-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.