中华人民共和国农业机械化促进法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(2004年6月25日第十届全国人民代表大会常务委员会第十次会议通过)

( 2004-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 科研开发

2-باب پەن تەتقىقات بويىچە يارىتىش

第三章 质量保障

3-باب سۈپەت كاپالىتى

第四章 推广使用

4-باب كېڭەيتىپ ئىشلىتىش

第五章 社会化服务

5-باب ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت

第六章 扶持措施

6-باب يۆلەش تەدبىرى

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第八章 附则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了鼓励、扶持农民和农业生产经营组织使用先进适用的农业机械,促进农业机械化,建设现代农业,制定本法。

بۇ قانۇن دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ئەسقاتىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称农业机械化,是指运用先进适用的农业机械装备农业,改善农业生产经营条件,不断提高农业的生产技术水平和经济效益、生态效益的过程。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت شارائىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称农业机械,是指用于农业生产及其产品初加工等相关农事活动的机械、设备。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 县级以上人民政府应当把推进农业机械化纳入国民经济和社会发展计划,采取财政支持和实施国家规定的税收优惠政策以及金融扶持等措施,逐步提高对农业机械化的资金投入,充分发挥市场机制的作用,按照因地制宜、经济有效、保障安全、保护环境的原则,促进农业机械化的发展。

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت بەلگىلىگەن باج ئېلىش ئېتىبار سىياسىتى، شۇنىڭدەك پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى قەدەممۇقەدەم ئاشۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك قىلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىتنى ئاسراش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第四条 国家引导、支持农民和农业生产经营组织自主选择先进适用的农业机械。任何单位和个人不得强迫农民和农业生产经营组织购买其指定的农业机械产品。

4-ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا يېتەكلەيدۇ ۋە قوللايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئۆزى بېكىتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第五条 国家采取措施,开展农业机械化科技知识的宣传和教育,培养农业机械化专业人才,推进农业机械化信息服务,提高农业机械化水平。

5-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش پەن-تېخنىكا بىلىملىرى تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىدا ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنا بويىچە ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئالغا سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第六条 国务院农业行政主管部门和其他负责农业机械化有关工作的部门,按照各自的职责分工,密切配合,共同做好农业机械化促进工作。

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەتلەرگە مەسئۇل تارماقلار مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە زىچ ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

县级以上地方人民政府主管农业机械化工作的部门和其他有关部门,按照各自的职责分工,密切配合,共同做好本行政区域的农业机械化促进工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە زىچ ماسلىشىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

第二章 科研开发

2-باب پەن تەتقىقات بويىچە يارىتىش

第七条 省级以上人民政府及其有关部门应当组织有关单位采取技术攻关、试验、示范等措施,促进基础性、关键性、公益性农业机械科学研究和先进适用的农业机械的推广应用。

7-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشكىللەپ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كېڭەيتىش-قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第八条 国家支持有关科研机构和院校加强农业机械化科学技术研究,根据不同的农业生产条件和农民需求,研究开发先进适用的农业机械;支持农业机械科研、教学与生产、推广相结合,促进农业机械与农业生产技术的发展要求相适应。

8-ماددا دۆلەت مۇناسىۋەتلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىشى ۋە يارىتىشىنى قوللايدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، كېڭەيتىشنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىگە مەدەت بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

第九条 国家支持农业机械生产者开发先进适用的农业机械,采用先进技术、先进工艺和先进材料,提高农业机械产品的质量和技术水平,降低生产成本,提供系列化、标准化、多功能和质量优良、节约能源、价格合理的农业机械产品。

9-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يارىتىشى، ئىلغار تېخنىكا، ئىلغار ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئىلغار ماتېرىيال ئىشلىتىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشى، سىستېمىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، كۆپ ئىقتىدارلىق، سۈپىتى ئەلا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، باھاسى مۇۋاپىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدۇ.

第十条 国家支持引进、利用先进的农业机械、关键零配件和技术,鼓励引进外资从事农业机械的研究、开发、生产和经营。

10-ماددا دۆلەت ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ھالقىلىق زاپچاسلىرى ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش، ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىدۇ، چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第三章 质量保障

3-باب سۈپەت كاپالىتى

第十一条 国家加强农业机械化标准体系建设,制定和完善农业机械产品质量、维修质量和作业质量等标准。对农业机械产品涉及人身安全、农产品质量安全和环境保护的技术要求,应当按照有关法律、行政法规的规定制定强制执行的技术规范。

11-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، رېمونت سۈپىتى ۋە مەشغۇلات سۈپىتى قاتارلىق ئۆلچەملەرنى تۈزىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت قوغداشقا چېتىلىدىغان تېخنىكا تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدىغان تېخنىكا قائىدىسى تۈزۈش كېرەك.

第十二条 产品质量监督部门应当依法组织对农业机械产品质量的监督抽查。

12-ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى كېرەك.

工商行政管理部门应当依法加强对农业机械产品市场的监督管理工作。

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

国务院农业行政主管部门和省级人民政府主管农业机械化工作的部门根据农业机械使用者的投诉情况和农业生产的实际需要,可以组织对在用的特定种类农业机械产品的适用性、安全性、可靠性和售后服务状况进行调查,并公布调查结果。

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەرز ئەھۋالى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشلىتىۋاتقان مۇئەييەن تۈردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتىنىڭ قوللىنىشچانلىقى، بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىسە ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ.

第十三条 农业机械生产者、销售者应当对其生产、销售的农业机械产品质量负责,并按照国家有关规定承担零配件供应和培训等售后服务责任。

13-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە زاپچاس بىلەن تەمىنلەش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

农业机械生产者应当按照国家标准、行业标准和保障人身安全的要求,在其生产的农业机械产品上设置必要的安全防护装置、警示标志和中文警示说明。

يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلار دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە، ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى مەھسۇلاتلىرىغا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك مۇداپىئە قۇرۇلمىسى، ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ ئىزاھاتى ئورنىتىشى كېرەك.

第十四条 农业机械产品不符合质量要求的,农业机械生产者、销售者应当负责修理、更换、退货;给农业机械使用者造成农业生产损失或者其他损失的,应当依法赔偿损失。农业机械使用者有权要求农业机械销售者先予赔偿。农业机械销售者赔偿后,属于农业机械生产者的责任的,农业机械销售者有权向农业机械生产者追偿。

14-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى مەھسۇلاتى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلار رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، مالنى قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچىلاردىن ئاۋۋال تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىغا تەۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ساتقۇچىلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

因农业机械存在缺陷造成人身伤害、财产损失的,农业机械生产者、销售者应当依法赔偿损失。

يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىكى نۇقسان سەۋەبىدىن جىسمانىي زىيان، مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەن بولسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلار قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第十五条 列入依法必须经过认证的产品目录的农业机械产品,未经认证并标注认证标志,禁止出厂、销售和进口。

15-ماددا قانۇن بويىچە ئىسپات بېرىش شەرت بولغان مەھسۇلاتلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىسپات بېرىلمىگەن ھەمدە ئىسپات بەلگىسى ئەسكەرتىلمىگەن بولسا، زاۋۇتتىن چىقىشى، سېتىلىشى ۋە ئىمپورت قىلىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

禁止生产、销售不符合国家技术规范强制性要求的农业机械产品。

دۆلەت تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

禁止利用残次零配件和报废机具的部件拼装农业机械产品。

قالدۇق زاپچاسلار ۋە براك ماشىنا-سايمانلارنىڭ زاپچاسلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

第四章 推广使用

4-باب كېڭەيتىپ ئىشلىتىش

第十六条 国家支持向农民和农业生产经营组织推广先进适用的农业机械产品。推广农业机械产品,应当适应当地农业发展的需要,并依照农业技术推广法的规定,在推广地区经过试验证明具有先进性和适用性。

16-ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشنى قوللايدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشتە، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش ھەمدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئومۇملاشتۇرۇش رايونىدا تەجرىبە ئارقىلىق ئىلغارلىقى ۋە تەتبىقلىنىشچانلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك.

农业机械生产者或者销售者,可以委托农业机械试验鉴定机构,对其定型生产或者销售的农业机械产品进行适用性、安全性和可靠性检测,作出技术评价。农业机械试验鉴定机构应当公布具有适用性、安全性和可靠性的农业机械产品的检测结果,为农民和农业生产经营组织选购先进适用的农业机械提供信息。

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناش-باھالاش ئاپپاراتىغا ئۆزى تۇراقلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىدامچانلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى ھاۋالە قىلىپ، تېخنىكىلىق باھالىسا بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناش-باھالاش ئاپپاراتى قوللىنىشچانلىققا، بىخەتەرلىككە ۋە ئىشەنچلىكلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا ئۇچۇر بېرىشى كېرەك.

第十七条 县级以上人民政府可以根据实际情况,在不同的农业区域建立农业机械化示范基地,并鼓励农业机械生产者、经营者等建立农业机械示范点,引导农民和农业生产经营组织使用先进适用的农业机械。

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۈلگە بازىسى قۇرسا ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈلگە نۇقتىسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلىسە بولىدۇ.

第十八条 国务院农业行政主管部门会同国务院财政部门、经济综合宏观调控部门,根据促进农业结构调整、保护自然资源与生态环境、推广农业新技术与加快农机具更新的原则,确定、公布国家支持推广的先进适用的农业机械产品目录,并定期调整。省级人民政府主管农业机械化工作的部门会同同级财政部门、经济综合宏观调控部门根据上述原则,确定、公布省级人民政府支持推广的先进适用的农业机械产品目录,并定期调整。

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت قوللاپ ئومۇملاشتۇرىدىغان ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسىنى بېكىتىدۇ، ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە قەرەللىك تەڭشەيدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرىقى پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىدىغان ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسىنى بېكىتىدۇ، ئېلان قىلىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشەيدۇ.

列入前款目录的产品,应当由农业机械生产者自愿提出申请,并通过农业机械试验鉴定机构进行的先进性、适用性、安全性和可靠性鉴定。

ئالدىنقى تارماقنىڭ مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناش-باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىلغارلىقى، مۇۋاپىقلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

第十九条 国家鼓励和支持农民合作使用农业机械,提高农业机械利用率和作业效率,降低作业成本。

19-ماددا دۆلەت دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەشغۇلات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

国家支持和保护农民在坚持家庭承包经营的基础上,自愿组织区域化、标准化种植,提高农业机械的作业水平。任何单位和个人不得以区域化、标准化种植为借口,侵犯农民的土地承包经营权。

دۆلەت دېھقانلارنىڭ ئائىلە ھۆددەرلىكى ئاساسىدا، رايونلاشقان، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىقنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىشىنى ۋە قوغدىشىنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ رايونلاشقان، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىقنى باھانە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第二十条 国务院农业行政主管部门和县级以上地方人民政府主管农业机械化工作的部门,应当按照安全生产、预防为主的方针,加强对农业机械安全使用的宣传、教育和管理。

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەشۋىق-تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

农业机械使用者作业时,应当按照安全操作规程操作农业机械,在有危险的部位和作业现场设置防护装置或者警示标志。

يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەتكۈچىلەر مەشغۇلات قىلغاندا، بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشى، خەتەرلىك ئورۇن ۋە مەشغۇلات نەق مەيدانىغا مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى ياكى ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

第五章 社会化服务

5-باب ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت

第二十一条 农民、农业机械作业组织可以按照双方自愿、平等协商的原则,为本地或者外地的农民和农业生产经营组织提供各项有偿农业机械作业服务。有偿农业机械作业应当符合国家或者地方规定的农业机械作业质量标准。

21-ماددا دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات تەشكىلاتلىرى ئىككى تەرەپ ئىختىيار قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ياكى باشقا جايدىكى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى تۈرلۈك ھەقلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. ھەقلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى دۆلەت ياكى يەرلىك بەلگىلىگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

国家鼓励跨行政区域开展农业机械作业服务。各级人民政府及其有关部门应当支持农业机械跨行政区域作业,维护作业秩序,提供便利和服务,并依法实施安全监督管理。

دۆلەت مەمۇرىي رايون ھالقىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەمۇرىي رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشىنى، مەشغۇلات تەرتىپىنى ساقلىشىنى قوللىشى، قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

第二十二条 各级人民政府应当采取措施,鼓励和扶持发展多种形式的农业机械服务组织,推进农业机械化信息网络建设,完善农业机械化服务体系。农业机械服务组织应当根据农民、农业生产经营组织的需求,提供农业机械示范推广、实用技术培训、维修、信息、中介等社会化服务。

22-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرىغا ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىش-كېڭەيتىش، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، رېمونت قىلىش، ئۇچۇر، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.

第二十三条 国家设立的基层农业机械技术推广机构应当以试验示范基地为依托,为农民和农业生产经营组织无偿提供公益性农业机械技术的推广、培训等服务。

23-ماددا دۆلەت قۇرغان ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى سىناق ئۈلگە بازىسىنى تايانچ قىلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، تەربىيەلىنىشى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك.

第二十四条 从事农业机械维修,应当具备与维修业务相适应的仪器、设备和具有农业机械维修职业技能的技术人员,保证维修质量。维修质量不合格的,维修者应当免费重新修理;造成人身伤害或者财产损失的,维修者应当依法承担赔偿责任。

24-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى رېمونت قىلىشتا، رېمونت كەسپىگە ماس كېلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش كەسپىي ماھارىتىگە ئىگە تېخنىك خادىملارنى ھازىرلاپ، رېمونت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رېمونت سۈپىتى لاياقەتسىز بولسا، رېمونت قىلغۇچىلار ھەقسىز قايتىدىن رېمونت قىلىپ بېرىشى كېرەك؛ جىسمانىي زىيان ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققاندا، رېمونت قىلغۇچى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第二十五条 农业机械生产者、经营者、维修者可以依照法律、行政法规的规定,自愿成立行业协会,实行行业自律,为会员提供服务,维护会员的合法权益。

25-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار، رېمونت قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ساھە جەمئىيىتى قۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى يولغا قويۇپ، ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

第六章 扶持措施

6-باب يۆلەش تەدبىرى

第二十六条 国家采取措施,鼓励和支持农业机械生产者增加新产品、新技术、新工艺的研究开发投入,并对农业机械的科研开发和制造实施税收优惠政策。

26-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەتنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى پەن تەتقىقات بويىچە يارىتىش ۋە ياساشقا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

中央和地方财政预算安排的科技开发资金应当对农业机械工业的技术创新给予支持。

مەركەز ۋە يەرلىك مالىيە خامچوتى ئورۇنلاشتۇرغان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مەبلىغى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

第二十七条 中央财政、省级财政应当分别安排专项资金,对农民和农业生产经营组织购买国家支持推广的先进适用的农业机械给予补贴。补贴资金的使用应当遵循公开、公正、及时、有效的原则,可以向农民和农业生产经营组织发放,也可以采用贴息方式支持金融机构向农民和农业生产经营组织购买先进适用的农业机械提供贷款。具体办法由国务院规定。

27-ماددا مەركەز مالىيەسى، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت قوللاش، ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللىغان ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى ئىشلىتىشتە ئاشكارا، ئادىل، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، دېھقانلارغا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا تارقاتسىمۇ، ئۆسۈم ياردىمى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا مەدەت بەرسىمۇ بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十八条 从事农业机械生产作业服务的收入,按照国家规定给予税收优惠。

28-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىرىمگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

国家根据农业和农村经济发展的需要,对农业机械的农业生产作业用燃油安排财政补贴。燃油补贴应当向直接从事农业机械作业的农民和农业生产经营组织发放。具体办法由国务院规定。

دۆلەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىغا ئىشلىتىدىغان يېقىلغۇ مايغا مالىيە تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ. يېقىلغۇ ماي تولۇقلىمىسىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بېرىش كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十九条 地方各级人民政府应当采取措施加强农村机耕道路等农业机械化基础设施的建设和维护,为农业机械化创造条件。

29-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ماشىنىدا تېرىقچىلىق قىلىش يولى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىشى كېرەك.

县级以上地方人民政府主管农业机械化工作的部门应当建立农业机械化信息搜集、整理、发布制度,为农民和农业生产经营组织免费提供信息服务。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلەشتۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ھەقسىز ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第三十条 违反本法第十五条规定的,依照产品质量法的有关规定予以处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

30-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十一条 农业机械驾驶、操作人员违反国家规定的安全操作规程,违章作业的,责令改正,依照有关法律、行政法规的规定予以处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

31-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر، مەشغۇلاتچىلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第三十二条 农业机械试验鉴定机构在鉴定工作中不按照规定为农业机械生产者、销售者进行鉴定,或者伪造鉴定结果、出具虚假证明,给农业机械使用者造成损失的,依法承担赔偿责任。

32-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناپ باھالاش ئاپپاراتى باھالاش خىزمىتىدە بەلگىلىمە بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلارغا باھالاپ بەرمەي ياكى باھالاش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختا ئىسپات چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第三十三条 国务院农业行政主管部门和县级以上地方人民政府主管农业机械化工作的部门违反本法规定,强制或者变相强制农业机械生产者、销售者对其生产、销售的农业机械产品进行鉴定的,由上级主管机关或者监察机关责令限期改正,并对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予行政处分。

33-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى باھالاشقا مەجبۇرلىغان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مەجبۇرلىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

第三十四条 违反本法第二十七条、第二十八条规定,截留、挪用有关补贴资金的,由上级主管机关责令限期归还被截留、挪用的资金,没收非法所得,并由上级主管机关、监察机关或者所在单位对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

34-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27-، 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تولۇقلىما مەبلەغنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىپ قالغان مەبلەغنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان، رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى تۇرۇشلۇق ئورۇن بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第八章 附则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第三十五条 本法自2004年11月1日起施行。

35-ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.