中华人民共和国农村土地承包法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى

(2002年8月29日第九届全国人民代表大会常务委员会第二十九次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》修正)

( 2002-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8 – ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 家庭承包

2-باب ئائىلە ھۆددەرلىكى

第一节 发包方和承包方的权利和义务

1-پاراگراف ھۆددە بەرگۈچى ۋە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

第二节 承包的原则和程序

2-پاراگراف ھۆددە ئېلىش پىرىنسىپى ۋە تەرتىپى

第三节 承包期限和承包合同

3-پاراگراف ھۆددە مۇددىتى ۋە ھۆددە توختامى

第四节 土地承包经营权的保护

4-پاراگراف يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش

第五节 土地承包经营权的流转

5-پاراگراف يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش

第三章 其他方式的承包

3-باب باشقا شەكىلدىكى ھۆددە ئېلىش

第四章 争议的解决和法律责任

4-باب تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为稳定和完善以家庭承包经营为基础、统分结合的双层经营体制,赋予农民长期而有保障的土地使用权,维护农村土地承包当事人的合法权益,促进农业、农村经济发展和农村社会稳定,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئائىلىلەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم كاپالەتلىك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش، يېزا يەر ھۆددىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 本法所称农村土地,是指农民集体所有和国家所有依法由农民集体使用的耕地、林地、草地,以及其他依法用于农业的土地。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا يېرى دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ، دېھقانلار كوللېكتىپ قانۇن بويىچە ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرىنى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 国家实行农村土地承包经营制度。

3-ماددا دۆلەت يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

农村土地承包采取农村集体经济组织内部的家庭承包方式,不宜采取家庭承包方式的荒山、荒沟、荒丘、荒滩等农村土地,可以采取招标、拍卖、公开协商等方式承包。

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى قوللىنىلمىغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساھىل قاتارلىق يېزا يەرلىرىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھۆددە ئېلىشقا بولىدۇ.

第四条 国家依法保护农村土地承包关系的长期稳定。

4-ماددا دۆلەت يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

农村土地承包后,土地的所有权性质不变。承包地不得买卖。

يېزا يېرى ھۆددە بېرىلگەندىن كېيىن، يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرمەيدۇ. ھۆددە يەرنى ئېلىپ-سېتىشقا بولمايدۇ.

第五条 农村集体经济组织成员有权依法承包由本集体经济组织发包的农村土地。

5-ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ھۆددە بەرگەن يېزا يېرىنى قانۇن بويىچە ھۆددە بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

任何组织和个人不得剥夺和非法限制农村集体经济组织成员承包土地的权利。

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ يەر ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشىغا ۋە قانۇنسىز چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

第六条 农村土地承包,妇女与男子享有平等的权利。承包中应当保护妇女的合法权益,任何组织和个人不得剥夺、侵害妇女应当享有的土地承包经营权。

6-ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە، ئاياللار بىلەن ئەرلەر باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. ھۆددە جەريانىدا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنى بەھرىمەن قىلىدىغان يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشىغا، دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第七条 农村土地承包应当坚持公开、公平、公正的原则,正确处理国家、集体、个人三者的利益关系。

7-ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخستىن ئىبارەت ئۈچىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

第八条 农村土地承包应当遵守法律、法规,保护土地资源的合理开发和可持续利用。未经依法批准不得将承包地用于非农建设。

8-ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى قوغدىشى كېرەك. ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

国家鼓励农民和农村集体经济组织增加对土地的投入,培肥地力,提高农业生产能力。

دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ يەر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

第九条 国家保护集体土地所有者的合法权益,保护承包方的土地承包经营权,任何组织和个人不得侵犯。

9-ماددا دۆلەت كوللېكتىپ يېرى ئىگىدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第十条 国家保护承包方依法、自愿、有偿地进行土地承包经营权流转。

10-ماددا دۆلەت ھۆددە ئالغۇچىنى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە، ئىختىيارىي، ھەقلىق ئوبوروت قىلىپ قوغدايدۇ.

第十一条 国务院农业、林业行政主管部门分别依照国务院规定的职责负责全国农村土地承包及承包合同管理的指导。县级以上地方人民政府农业、林业等行政主管部门分别依照各自职责,负责本行政区域内农村土地承包及承包合同管理。乡(镇)人民政府负责本行政区域内农村土地承包及承包合同管理。

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا يەر ھۆددەرلىكى ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا يەر ھۆددەرلىكى ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. يېزىلىق ( بازارلىق ) خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىش ۋە ھۆددە توختامىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

第二章 家庭承包

2-باب ئائىلە ھۆددەرلىكى

第一节 发包方和承包方的权利和义务

1-پاراگراف ھۆددە بەرگۈچى ۋە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

第十二条 农民集体所有的土地依法属于村农民集体所有的,由村集体经济组织或者村民委员会发包;已经分别属于村内两个以上农村集体经济组织的农民集体所有的,由村内各该农村集体经济组织或者村民小组发包。村集体经济组织或者村民委员会发包的,不得改变村内各集体经济组织农民集体所有的土地的所有权。

12-ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر قانۇن بويىچە كەنت دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسا، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھۆددە بېرىدۇ؛ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ كەنتتىكى ئىككىدىن ئارتۇق كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىغا ئايرىم-ئايرىم تەۋە بولغان دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنى كەنتتىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ھۆددە بېرىدۇ. كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ھۆددە بەرگەن بولسا، كەنتتىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

国家所有依法由农民集体使用的农村土地,由使用该土地的农村集体经济组织、村民委员会或者村民小组发包。

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى قانۇن بويىچە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان يېزا يېرىنى شۇ يەرنى ئىشلىتىدىغان يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ھۆددە بېرىدۇ.

第十三条 发包方享有下列权利:

13-ماددا ھۆددە بەرگۈچى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

(一)发包本集体所有的或者国家所有依法由本集体使用的农村土地;

( 1 ) شۇ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى شۇ كوللېكتىپ قانۇن بويىچە ئىشلىتىدىغان يېزا يېرىنى ھۆددە بېرىش؛

(二)监督承包方依照承包合同约定的用途合理利用和保护土地;

( 2 ) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھۆددە توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى ۋە ئۇنى قوغدىشىنى نازارەت قىلىش؛

(三)制止承包方损害承包地和农业资源的行为;

( 3 ) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھۆددە يەر ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توسۇش؛

(四)法律、行政法规规定的其他权利。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

第十四条 发包方承担下列义务:

14-ماددا ھۆددە بەرگۈچى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ :

(一)维护承包方的土地承包经营权,不得非法变更、解除承包合同;

( 1 ) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداشتا، ھۆددە توختامىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ؛

(二)尊重承包方的生产经营自主权,不得干涉承包方依法进行正常的生产经营活动;

( 2 ) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى قىلىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىق؛

(三)依照承包合同约定为承包方提供生产、技术、信息等服务;

( 3 ) ھۆددە توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ھۆددە ئالغۇچىغا ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىش؛

(四)执行县、乡(镇)土地利用总体规划,组织本集体经济组织内的农业基础设施建设;

( 4 ) ناھىيە، يېزا ( بازار ) نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى ئىجرا قىلىش، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەش؛

(五)法律、行政法规规定的其他义务。

( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

第十五条 家庭承包的承包方是本集体经济组织的农户。

15-ماددا ئائىلە ھۆددەرسىدىكى ھۆددە ئالغۇچى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىدۇر.

第十六条 承包方享有下列权利:

16-ماددا ھۆددە ئالغۇچى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

(一)依法享有承包地使用、收益和土地承包经营权流转的权利,有权自主组织生产经营和处置产品;

( 1 ) ھۆددە يەرنى ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا قانۇن بويىچە ئىگە، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆز ئالدىغا تەشكىللەشكە ھوقۇقلۇق؛

(二)承包地被依法征收、征用、占用的,有权依法获得相应的补偿;

( 2 ) ھۆددە يەر قانۇن بويىچە ئېلىنغان، ئېلىپ ئىشلىتىلگەن، ئىگىلىۋېلىنغان بولسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(三)法律、行政法规规定的其他权利。

( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

第十七条 承包方承担下列义务:

17-ماددا ھۆددە ئالغۇچى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ :

(一)维持土地的农业用途,不得用于非农建设;

( 1 ) يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ساقلاش، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلەتمەسلىك؛

(二)依法保护和合理利用土地,不得给土地造成永久性损害;

( 2 ) يەرنى قانۇن بويىچە قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، يەرگە مەڭگۈلۈك زىيان سالماسلىق؛

(三)法律、行政法规规定的其他义务。

( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

第二节 承包的原则和程序

2-پاراگراف ھۆددە ئېلىش پىرىنسىپى ۋە تەرتىپى

第十八条 土地承包应当遵循以下原则:

18-ماددا يەر ھۆددىگەرلىكىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك :

(一)按照规定统一组织承包时,本集体经济组织成员依法平等地行使承包土地的权利,也可以自愿放弃承包土地的权利;

( 1 ) ھۆددە بېرىشكە بەلگىلىمە بويىچە بىرتۇتاش تەشكىللىگەندە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ھۆددە يەر ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر يۈرگۈزىدۇ، ھۆددە يەر ھوقۇقىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ؛

(二)民主协商,公平合理;

( 2 ) دېموكراتىك كېڭىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش؛

(三)承包方案应当按照本法第十二条的规定,依法经本集体经济组织成员的村民会议三分之二以上成员或者三分之二以上村民代表的同意;

( 3 ) ھۆددە لايىھەسى مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇن بويىچە شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ كەنت ئاھالە يىغىنى ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق ئەزاسى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ۋەكىلىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛

(四)承包程序合法。

( 4 ) ھۆددە ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق بولۇش.

第十九条 土地承包应当按照以下程序进行:

19-ماددا يەر ھۆددىگەرلىكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك :

(一)本集体经济组织成员的村民会议选举产生承包工作小组;

( 1 ) شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنىڭ كەنت ئاھالە يىغىنى ھۆددە خىزمىتى گۇرۇپپىسىنى سايلاپ چىقىدۇ؛

(二)承包工作小组依照法律、法规的规定拟订并公布承包方案;

( 2 ) ھۆددە خىزمىتى گۇرۇپپىسى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆددە لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛

(三)依法召开本集体经济组织成员的村民会议,讨论通过承包方案;

( 3 ) شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى قانۇن بويىچە ئاچقان كەنت ئاھالىسى يىغىنى ئېچىپ، ھۆددە لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش؛

(四)公开组织实施承包方案;

( 4 ) ھۆددە بېرىش لايىھەسىنى ئاشكارا تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

(五)签订承包合同。

( 5 ) ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالاش.

第三节 承包期限和承包合同

3-پاراگراف ھۆددە مۇددىتى ۋە ھۆددە توختامى

第二十条 耕地的承包期为三十年。草地的承包期为三十年至五十年。林地的承包期为三十年至七十年;特殊林木的林地承包期,经国务院林业行政主管部门批准可以延长。

20-ماددا تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ئوتلاق يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى ئوتتۇز يىلدىن ئەللىك يىلغىچە بولىدۇ. ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىلدىن 70 يىلغىچە بولىدۇ؛ ئالاھىدە دەل-دەرەخنىڭ ئورمان يېرى ھۆددە مۇددىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

第二十一条 发包方应当与承包方签订书面承包合同。

21-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچى بىلەن يازما ھۆددە توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

承包合同一般包括以下条款:

ھۆددە توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)发包方、承包方的名称,发包方负责人和承包方代表的姓名、住所;

( 1 ) ھۆددە بەرگۈچى، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ نامى، ھۆددە بەرگۈچى مەسئۇلى ۋە ھۆددە ئالغۇچى ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)承包土地的名称、坐落、面积、质量等级;

( 2 ) ھۆددە يەرنىڭ نامى، ئورنى، كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى؛

(三)承包期限和起止日期;

( 3 ) ھۆددە مۇددىتى ۋە باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

(四)承包土地的用途;

( 4 ) ھۆددە يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛

(五)发包方和承包方的权利和义务;

( 5 ) ھۆددە بەرگۈچى ۋە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(六)违约责任。

( 6 ) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى.

第二十二条 承包合同自成立之日起生效。承包方自承包合同生效时取得土地承包经营权。

22-ماددا ھۆددە توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

第二十三条 县级以上地方人民政府应当向承包方颁发土地承包经营权证或者林权证等证书,并登记造册,确认土地承包经营权。

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆددە ئالغۇچىغا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشى ھەمدە ئۇنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

颁发土地承包经营权证或者林权证等证书,除按规定收取证书工本费外,不得收取其他费用。

يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشتە، بەلگىلىمە بويىچە گۇۋاھنامە تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن باشقا ھەقلەرنى ئېلىشقا بولمايدۇ.

第二十四条 承包合同生效后,发包方不得因承办人或者负责人的变动而变更或者解除,也不得因集体经济组织的分立或者合并而变更或者解除。

24-ماددا ھۆددە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھۆددە بەرگۈچى ئۈستىگە ئالغۇچى ياكى مەسئۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇنى ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولمايدۇ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئايرىلىشى ياكى قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن ئۆزگەرتسىمۇ ياكى بىكار قىلسىمۇ بولمايدۇ.

第二十五条 国家机关及其工作人员不得利用职权干涉农村土地承包或者变更、解除承包合同。

25-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يېزا يېرىنى ھۆددە بېرىش ياكى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىشقا ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ.

第四节 土地承包经营权的保护

4-پاراگراف يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش

第二十六条 承包期内,发包方不得收回承包地。

26-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ.

承包期内,承包方全家迁入小城镇落户的,应当按照承包方的意愿,保留其土地承包经营权或者允许其依法进行土地承包经营权流转。

ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى كىچىك شەھەر-بازارغا كۆچۈپ كىرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغان بولسا، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۇنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ياكى ئۇنىڭ يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئوبوروت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.

承包期内,承包方全家迁入设区的市,转为非农业户口的,应当将承包的耕地和草地交回发包方。承包方不交回的,发包方可以收回承包的耕地和草地。

ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە ئالغۇچىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى رايون بار شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسىغا يۆتكىگەن بولسا، ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاق يېرىنى ھۆددە بەرگۈچىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ھۆددە ئالغۇچى قايتۇرۇپ بەرمىسە، ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاق يېرىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

承包期内,承包方交回承包地或者发包方依法收回承包地时,承包方对其在承包地上投入而提高土地生产能力的,有权获得相应的补偿。

ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى تاپشۇرغاندا ياكى ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋالغاندا، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرگە مەبلەغ سېلىپ يەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندە، مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第二十七条 承包期内,发包方不得调整承包地。

27-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى تەڭشىسە بولمايدۇ.

承包期内,因自然灾害严重毁损承包地等特殊情形对个别农户之间承包的耕地和草地需要适当调整的,必须经本集体经济组织成员的村民会议三分之二以上成员或者三分之二以上村民代表的同意,并报乡(镇)人民政府和县级人民政府农业等行政主管部门批准。承包合同中约定不得调整的,按照其约定。

ھۆددە مۇددىتىدە، تەبىئىي ئاپەت ھۆددە يەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئايرىم دېھقان ئائىلىلىرى ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاق يېرىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كەنت ئاھالە يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ۋەكىلىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت، ھەمدە يېزىلىق ( بازارلىق ) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىغا تەستىقلىتىدۇ. ھۆددە توختامىدا تەڭشەشكە بولمايدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第二十八条 下列土地应当用于调整承包土地或者承包给新增人口:

28-ماددا تۆۋەندىكى يەرلەرنى ھۆددە يەرنى تەڭشەشكە ئىشلىتىش ياكى يېڭىدىن كۆپەيگەن نوپۇسقا ھۆددە بېرىش كېرەك :

(一)集体经济组织依法预留的机动地;

( 1 ) كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ئالدىن قالدۇرغان ھەرىكەتچان يەر؛

(二)通过依法开垦等方式增加的;

( 2 ) قانۇن بويىچە بوز يەر ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپەيگەنلەر؛

(三)承包方依法、自愿交回的。

( 3 ) ھۆددە ئالغۇچى قانۇن بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرغان بولسا.

第二十九条 承包期内,承包方可以自愿将承包地交回发包方。承包方自愿交回承包地的,应当提前半年以书面形式通知发包方。承包方在承包期内交回承包地的,在承包期内不得再要求承包土地。

29-ماددا ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى ھۆددە بەرگۈچىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرماقچى بولسا، ھۆددە بەرگۈچىگە يېرىم يىل بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى تاپشۇرغاندا، ھۆددە مۇددىتىدە يەردىن قايتا تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

第三十条 承包期内,妇女结婚,在新居住地未取得承包地的,发包方不得收回其原承包地;妇女离婚或者丧偶,仍在原居住地生活或者不在原居住地生活但在新居住地未取得承包地的,发包方不得收回其原承包地。

30-ماددا ھۆددە مۇددىتىدە ئاياللار توي قىلىدۇ، يېڭى تۇرۇشلۇق جايىدا ھۆددە يەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسا، ھۆددە بەرگۈچى ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ؛ ئاياللار ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق جايىدا ياشاۋەرسە ياكى ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايىدا ياشىمىسا، لېكىن يېڭى تۇرۇشلۇق جايىدا ھۆددە يەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسا، ھۆددە بەرگۈچى ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ.

第三十一条 承包人应得的承包收益,依照继承法的规定继承。

31-ماددا ھۆددە ئالغۇچىغا تېگىشلىك ھۆددە پايدىسى ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

林地承包的承包人死亡,其继承人可以在承包期内继续承包。

ئورمان يېرى ھۆددەرلىكىنى ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ۋارىسى ھۆددە مۇددىتى ئىچىدە داۋاملىق ھۆددە ئالسا بولىدۇ.

第五节 土地承包经营权的流转

5-پاراگراف يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش

第三十二条 通过家庭承包取得的土地承包经营权可以依法采取转包、出租、互换、转让或者其他方式流转。

32-ماددا ئائىلە ھۆددەرلىكى ئارقىلىق ئېرىشكەن يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قايتا ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبوروت قىلىشقا بولىدۇ.

第三十三条 土地承包经营权流转应当遵循以下原则:

33-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك :

(一)平等协商、自愿、有偿,任何组织和个人不得强迫或者阻碍承包方进行土地承包经营权流转;

( 1 ) باراۋەر كېڭىشىش، ئىختىيارىي بولۇش، ھەقلىق بولۇش، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا مەجبۇرلىشىغا ياكى توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛

(二)不得改变土地所有权的性质和土地的农业用途;

( 2 ) يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولماسلىق؛

(三)流转的期限不得超过承包期的剩余期限;

( 3 ) ئوبوروت مۇددىتى ھۆددە مۇددىتىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛

(四)受让方须有农业经营能力;

( 4 ) ئۆتۈنۈلگۈچى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئىقتىدارى بولۇشى شەرت؛

(五)在同等条件下,本集体经济组织成员享有优先权。

( 5 ) ئوخشاش شەرت ئاستىدا، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئۈستۈن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第三十四条 土地承包经营权流转的主体是承包方。承包方有权依法自主决定土地承包经营权是否流转和流转的方式。

34-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش سۇبيېكتى ھۆددە ئالغۇچىدۇر. ھۆددە ئالغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت قىلىنىش-قىلىنماسلىقىنى ۋە ئوبوروت قىلىنىش ئۇسۇلىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三十五条 承包期内,发包方不得单方面解除承包合同,不得假借少数服从多数强迫承包方放弃或者变更土地承包经营权,不得以划分“口粮田”和“责任田”等为由收回承包地搞招标承包,不得将承包地收回抵顶欠款。

35-ماددا ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلسا بولمايدۇ، ئاز سانلىقنى كۆپ سانلىققا بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق، ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىسا بولمايدۇ، «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى»ۋە «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»ئايرىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋېلىپ خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە ئالسا بولمايدۇ، ھۆددە يەرنى قەرزدىن خالاس قىلىۋالسا بولمايدۇ.

第三十六条 土地承包经营权流转的转包费、租金、转让费等,应当由当事人双方协商确定。流转的收益归承包方所有,任何组织和个人不得擅自截留、扣缴。

36-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، ئىجارە ھەققى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى قاتارلىقلارنى توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك. ئوبوروت پايدىسى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第三十七条 土地承包经营权采取转包、出租、互换、转让或者其他方式流转,当事人双方应当签订书面合同。采取转让方式流转的,应当经发包方同意;采取转包、出租、互换或者其他方式流转的,应当报发包方备案。

37-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدا قايتا ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبوروت قىلىشتا، توختاملاشقۇچىلار ئىككى تەرەپ يازما توختام ئىمزالىشى كېرەك. ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوبوروت قىلىشتا، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛ قايتا ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبوروت قىلىشتا، ھۆددە بەرگۈچىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

土地承包经营权流转合同一般包括以下条款:

يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)双方当事人的姓名、住所;

( 1 ) دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)流转土地的名称、坐落、面积、质量等级;

( 2 ) ئوبوروت يەرنىڭ نامى، ئورنى، كۆلىمى، سۈپەت دەرىجىسى؛

(三)流转的期限和起止日期;

( 3 ) ئوبوروت مۇددىتى ۋە باشلىنىش-ئاخىرلىشىش كۈنى؛

(四)流转土地的用途;

( 4 ) ئوبوروت يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛

(五)双方当事人的权利和义务;

( 5 ) توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(六)流转价款及支付方式;

( 6 ) ئوبوروت پۇلى ۋە تۆلەش ئۇسۇلى؛

(七)违约责任。

( 7 ) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى.

第三十八条 土地承包经营权采取互换、转让方式流转,当事人要求登记的,应当向县级以上地方人民政府申请登记。未经登记,不得对抗善意第三人。

38-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوبوروت قىلىنىدۇ، ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第三十九条 承包方可以在一定期限内将部分或者全部土地承包经营权转包或者出租给第三方,承包方与发包方的承包关系不变。

39-ماددا ھۆددە ئالغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە بىر قىسىم ياكى بارلىق ھۆددە بېرىۋەتسە ياكى 3-تەرەپكە ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ، ھۆددە ئالغۇچى بىلەن ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

承包方将土地交由他人代耕不超过一年的,可以不签订书面合同。

ھۆددە ئالغۇچى يەرنى باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن تېرىشىغا تاپشۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمىسە، يازما توختام ئىمزالىمىسىمۇ بولىدۇ.

第四十条 承包方之间为方便耕种或者各自需要,可以对属于同一集体经济组织的土地的土地承包经营权进行互换。

40-ماددا ھۆددە ئالغۇچىلار تېرىقچىلىققا قولايلىق بولۇش ياكى ئۆز ئېھتىياجى بىلەن، بىر كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىغا تەۋە يەرنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

第四十一条 承包方有稳定的非农职业或者有稳定的收入来源的,经发包方同意,可以将全部或者部分土地承包经营权转让给其他从事农业生产经营的农户,由该农户同发包方确立新的承包关系,原承包方与发包方在该土地上的承包关系即行终止。

41-ماددا ھۆددە ئالغۇچىلاردا مۇقىم يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپ ياكى مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولسا، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا دېھقان ئائىلىسىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، شۇ دېھقان ئائىلىسى ھۆددە بەرگۈچى بىلەن يېڭى ھۆددە مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، ئەسلىي ھۆددە ئالغۇچى بىلەن ھۆددە بەرگۈچىنىڭ شۇ يەردىكى ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى دەرھال ئاخىرلىشىدۇ.

第四十二条 承包方之间为发展农业经济,可以自愿联合将土地承包经营权入股,从事农业合作生产。

42-ماددا ھۆددە ئالغۇچىلار يېزا ئىگىلىك ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلىشىپ پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

第四十三条 承包方对其在承包地上投入而提高土地生产能力的,土地承包经营权依法流转时有权获得相应的补偿。

43-ماددا ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرگە مەبلەغ سېلىپ يەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن بولسا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئوبوروت قىلىنغاندا مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三章 其他方式的承包

3-باب باشقا شەكىلدىكى ھۆددە ئېلىش

第四十四条 不宜采取家庭承包方式的荒山、荒沟、荒丘、荒滩等农村土地,通过招标、拍卖、公开协商等方式承包的,适用本章规定。

44-ماددا ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى قوللىنىشقا بولمايدىغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساھىل قاتارلىق يېزا يەرلىرىدىن خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە ئالغانلىرى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四十五条 以其他方式承包农村土地的,应当签订承包合同。当事人的权利和义务、承包期限等,由双方协商确定。以招标、拍卖方式承包的,承包费通过公开竞标、竞价确定;以公开协商等方式承包的,承包费由双方议定。

45-ماددا يېزا يېرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىشتە، ھۆددە توختامى ئىمزالاش كېرەك. توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى، ھۆددە مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىدۇ. خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇلىدا ھۆددە بېرىلگەن بولسا، ھۆددە ھەققى ئاشكارا خېرىدار بولۇش، رىقابەتلىك باھا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ؛ ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىلگەن بولسا، ھۆددە ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىدۇ.

第四十六条 荒山、荒沟、荒丘、荒滩等可以直接通过招标、拍卖、公开协商等方式实行承包经营,也可以将土地承包经营权折股分给本集体经济组织成员后,再实行承包经营或者股份合作经营。

46-ماددا قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساھىل قاتارلىقلار خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىۋاسىتە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرسا بولىدۇ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا پايغا سۇندۇرۇپ بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ھۆددە ئېلىپ باشقۇرسىمۇ ياكى پاي ھەمكارلىقى ئارقىلىق باشقۇرسىمۇ بولىدۇ.

承包荒山、荒沟、荒丘、荒滩的,应当遵守有关法律、行政法规的规定,防止水土流失,保护生态环境。

قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساھىلنى ھۆددە بېرىشتە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش كېرەك.

第四十七条 以其他方式承包农村土地,在同等条件下,本集体经济组织成员享有优先承包权。

47-ماددا يېزا يېرىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ھۆددىگە ئالغاندا، ئوخشاش شەرت ئاستىدا، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئالدىن ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第四十八条 发包方将农村土地发包给本集体经济组织以外的单位或者个人承包,应当事先经本集体经济组织成员的村民会议三分之二以上成员或者三分之二以上村民代表的同意,并报乡(镇)人民政府批准。

48-ماددا ھۆددە بەرگۈچى يېزا يېرىنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە بېرىشتە، شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىغا ئەزا كەنت ئاھالە يىغىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق ئەزاسى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالە ۋەكىلىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالدىن ئېلىشى ھەمدە يېزىلىق ( بازارلىق ) خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

由本集体经济组织以外的单位或者个人承包的,应当对承包方的资信情况和经营能力进行审查后,再签订承包合同。

شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر ھۆددە ئالغاندا، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ مەبلەغ-ئىناۋەت ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ھۆددە توختامى ئىمزالاش كېرەك.

第四十九条 通过招标、拍卖、公开协商等方式承包农村土地,经依法登记取得土地承包经营权证或者林权证等证书的,其土地承包经营权可以依法采取转让、出租、入股、抵押或者其他方式流转。

49-ماددا خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن ھۆددە ئالغان، قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشكەن يېزا يېرىنىڭ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، پاي قىلىپ قوشۇش، رەنىگە قويۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبوروت قىلىنسا بولىدۇ.

第五十条 土地承包经营权通过招标、拍卖、公开协商等方式取得的,该承包人死亡,其应得的承包收益,依照继承法的规定继承;在承包期内,其继承人可以继续承包。

50-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېرىشكەن بولسا، شۇ ھۆددە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ تېگىشلىك ھۆددە پايدىسىغا ۋارىسلىق قىلىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋارىسى ھۆددە مۇددىتىدە داۋاملىق ھۆددە ئالسا بولىدۇ.

第四章 争议的解决和法律责任

4-باب تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十一条 因土地承包经营发生纠纷的,双方当事人可以通过协商解决,也可以请求村民委员会、乡(镇)人民政府等调解解决。

51-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش سەۋەبىدىن ماجىرا كۆرۈلسە، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزىلىق ( بازارلىق ) خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلاردىن مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

当事人不愿协商、调解或者协商、调解不成的,可以向农村土地承包仲裁机构申请仲裁,也可以直接向人民法院起诉。

ئالاقىدارلار كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش ياكى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىسا، يېزا يەر ھۆددەرلىكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

第五十二条 当事人对农村土地承包仲裁机构的仲裁裁决不服的,可以在收到裁决书之日起三十日内向人民法院起诉。逾期不起诉的,裁决书即发生法律效力。

52-ماددا ئالاقىدارلار يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قارارىغا قايىل بولمىسا، كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئەيىبلىمىسە، كېسىمنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

第五十三条 任何组织和个人侵害承包方的土地承包经营权的,应当承担民事责任。

53-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا زىيان سالسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第五十四条 发包方有下列行为之一的,应当承担停止侵害、返还原物、恢复原状、排除妨害、消除危险、赔偿损失等民事责任:

54-ماددا ھۆددە بەرگۈچىلەردە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زىيان سېلىشنى توختىتىش، ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ كېلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش، دەخلىنى تۈگىتىش، خەۋپنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك :

(一)干涉承包方依法享有的生产经营自主权;

( 1 ) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئارىلىشىۋېلىش؛

(二)违反本法规定收回、调整承包地;

( 2 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆددە يەرنى يىغىۋېلىش، تەڭشەش؛

(三)强迫或者阻碍承包方进行土地承包经营权流转;

( 3 ) ھۆددە ئالغۇچىنى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا مەجبۇرلاش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(四)假借少数服从多数强迫承包方放弃或者变更土地承包经营权而进行土地承包经营权流转;

( 4 ) ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش؛

(五)以划分“口粮田”和“责任田”等为由收回承包地搞招标承包;

( 5 ) «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى»ۋە «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»قاتارلىقلارنى ئايرىشنى باھانە قىلىپ، ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋېلىپ خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىش؛

(六)将承包地收回抵顶欠款;

( 6 ) ھۆددە يەرنى قەرز پۇلنىڭ ئورنىغا قايتۇرۇۋېلىش؛

(七)剥夺、侵害妇女依法享有的土地承包经营权;

( 7 ) ئاياللارنى قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، زىيانغا ئۇچرىتىش؛

(八)其他侵害土地承包经营权的行为。

( 8 ) يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

第五十五条 承包合同中违背承包方意愿或者违反法律、行政法规有关不得收回、调整承包地等强制性规定的约定无效。

55-ماددا ھۆددە توختامىدىكى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ بولغان ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا، تەڭشەشكە بولمايدۇ قاتارلىق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەر ئىناۋەتسىز.

第五十六条 当事人一方不履行合同义务或者履行义务不符合约定的,应当依照《中华人民共和国合同法》的规定承担违约责任。

56-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五十七条 任何组织和个人强迫承包方进行土地承包经营权流转的,该流转无效。

57-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، ئوبوروت ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

第五十八条 任何组织和个人擅自截留、扣缴土地承包经营权流转收益的,应当退还。

58-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت پايدىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتۇپ قالغان، تۇتۇپ قالغان بولسا، قايتۇرۇشى كېرەك.

第五十九条 违反土地管理法规,非法征收、征用、占用土地或者贪污、挪用土地征收、征用补偿费用,构成犯罪的,依法追究刑事责任;造成他人损害的,应当承担损害赔偿等责任。

59-ماددا يەر باشقۇرۇش نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، يەرنى قانۇنسىز ئالغان، ئېلىپ ئىشلەتكەن، ئىگىلىۋالغان ياكى يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئىشلىتىۋېلىش تولۇقلىما ھەققىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەش قاتارلىق جاۋابكارلىقلارنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六十条 承包方违法将承包地用于非农建设的,由县级以上地方人民政府有关行政主管部门依法予以处罚。

60-ماددا ھۆددە ئالغۇچىلاردىن ھۆددە يېرىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

承包方给承包地造成永久性损害的,发包方有权制止,并有权要求承包方赔偿由此造成的损失。

ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرگە مەڭگۈلۈك زىيان سالسا، ھۆددە بەرگۈچى ئۇنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ھۆددە ئالغۇچىدىن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第六十一条 国家机关及其工作人员有利用职权干涉农村土地承包,变更、解除承包合同,干涉承包方依法享有的生产经营自主权,或者强迫、阻碍承包方进行土地承包经营权流转等侵害土地承包经营权的行为,给承包方造成损失的,应当承担损害赔偿等责任;情节严重的,由上级机关或者所在单位给予直接责任人员行政处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

61-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېزا يېرى ھۆددىگەرلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش، ھۆددە توختامىنى ئۆزگەرتىش ۋە بىكار قىلىش، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئارىلىشىۋېلىش ياكى ھۆددە ئالغۇچىنى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا مەجبۇرلاش، توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ، ھۆددە ئالغۇچىغا زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش قاتارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى ئىشلەۋاتقان ئورۇن بىۋاسىتە جاۋابكارغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第五章 附则

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十二条 本法实施前已经按照国家有关农村土地承包的规定承包,包括承包期限长于本法规定的,本法实施后继续有效,不得重新承包土地。未向承包方颁发土地承包经营权证或者林权证等证书的,应当补发证书。

62-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ يېزا يېرى ھۆددەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆددە بېرىلگەن، جۈملىدىن ھۆددە مۇددىتى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بولسا، بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈچكە ئىگە، يەرنى قايتا ھۆددە ئېلىشقا بولمايدۇ. ھۆددە ئالغۇچىغا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بەرمىسە، گۇۋاھنامىنى تولۇقلاپ تارقىتىش كېرەك.

第六十三条 本法实施前已经预留机动地的,机动地面积不得超过本集体经济组织耕地总面积的百分之五。不足百分之五的,不得再增加机动地。

63-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى زاپاس يەر قالدۇرۇلغان بولسا، زاپاس يەرنىڭ كۆلىمى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 5 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 5 پىرسەنتكە يەتمىسە، ھەرىكەتچان يەرنى يەنە ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ.

本法实施前未留机动地的,本法实施后不得再留机动地。

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ماتورلۇق يەر قالدۇرۇلمىغان بولسا، بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ماتورلۇق يەرنى داۋاملىق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

第六十四条 各省、自治区、直辖市人民代表大会常务委员会可以根据本法,结合本行政区域的实际情况,制定实施办法。

64-ماددا ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

第六十五条 本法自2003年3月1日起施行。

65-ماددا بۇ قانۇن 2003-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.