中华人民共和国刑法修正案九

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 9 )

(2015年8月29日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十六次会议通过)

( 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

一、在刑法第三十七条后增加一条,作为第三十七条之一:“因利用职业便利实施犯罪,或者实施违背职业要求的特定义务的犯罪被判处刑罚的,人民法院可以根据犯罪情况和预防再犯罪的需要,禁止其自刑罚执行完毕之日或者假释之日起从事相关职业,期限为三年至五年。

1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 37-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 37-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«كەسىپ قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى كەسىپ تەلىپىگە خىلاپ مۇئەييەن مەجبۇرىيەتنى ھازىرلىغان جىنايەتكە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەت ئەھۋالى ۋە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن ياكى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالاقىدار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ.

“被禁止从事相关职业的人违反人民法院依照前款规定作出的决定的,由公安机关依法给予处罚;情节严重的,依照本法第三百一十三条的规定定罪处罚。

«ئالاقىدار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنغان كىشىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقارغان قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 313-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

“其他法律、行政法规对其从事相关职业另有禁止或者限制性规定的,从其规定。”

«باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى توغرىسىدا ئايرىم مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. »

二、将刑法第五十条第一款修改为:“判处死刑缓期执行的,在死刑缓期执行期间,如果没有故意犯罪,二年期满以后,减为无期徒刑;如果确有重大立功表现,二年期满以后,减为二十五年有期徒刑;如果故意犯罪,情节恶劣的,报请最高人民法院核准后执行死刑;对于故意犯罪未执行死刑的,死刑缓期执行的期间重新计算,并报最高人民法院备案。”

2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 50-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزمىسە، ئىككى يىل مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلىدۇ؛ ھەقىقەتەن چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولسا، ئىككى يىل مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېمەيتىلىدۇ؛ قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغاندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلمىغانلارغا قارىتا، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى قايتا ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. »

三、将刑法第五十三条修改为:“罚金在判决指定的期限内一次或者分期缴纳。期满不缴纳的,强制缴纳。对于不能全部缴纳罚金的,人民法院在任何时候发现被执行人有可以执行的财产,应当随时追缴。

3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 53-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«جەرىمانە ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بىر قېتىم ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇلىدۇ.» مۇددىتى توشۇپ تاپشۇرمىغانلار مەجبۇرىي تاپشۇرىدۇ. جەرىمانىنى تولۇق تاپشۇرالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان مال-مۈلكى بارلىقىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا سەزسە، خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

“由于遭遇不能抗拒的灾祸等原因缴纳确实有困难的,经人民法院裁定,可以延期缴纳、酌情减少或者免除。”

«قارشىلىق كۆرسەتكىلى بولمايدىغان ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاپشۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى ئارقىلىق، تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا، ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىشكە ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.» »

四、在刑法第六十九条中增加一款作为第二款:“数罪中有判处有期徒刑和拘役的,执行有期徒刑。数罪中有判处有期徒刑和管制,或者拘役和管制的,有期徒刑、拘役执行完毕后,管制仍须执行。”

4.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 69-ماددىسىغا 2-تارماق قىلىپ بىر خىلى كۆپەيتىلدى:«بىر نەچچە جىنايەت ئىچىدە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەنلىرىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ. بىرنەچچە جىنايەت ئىچىدە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە رېجى جازاسى بېرىلگەنلىرىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە ئېلىش جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، رېجىمنى ئىجرا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. »

原第二款作为第三款。

ئەسلىدىكى ئىككىنچى تارمىقى ئۈچىنچى تارمىقى قىلىنىدۇ.

五、将刑法第一百二十条修改为:“组织、领导恐怖活动组织的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处没收财产;积极参加的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金;其他参加的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,可以并处罚金。

5.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 120-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقا قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

“犯前款罪并实施杀人、爆炸、绑架等犯罪的,依照数罪并罚的规定处罚。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئادەم ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

六、将刑法第一百二十条之一修改为:“资助恐怖活动组织、实施恐怖活动的个人的,或者资助恐怖活动培训的,处五年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处罚金;情节严重的,处五年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产。

6.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 120-ماددىسىنىڭ بىرىگە مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىللىگەن، تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلغان شەخسلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلەرگە ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىرىگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“为恐怖活动组织、实施恐怖活动或者恐怖活动培训招募、运送人员的,依照前款的规定处罚。

«تېررورلۇق پائالىيىتى ئۈچۈن تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىللىگەن، ئېلىپ بارغان ياكى تېررورلۇق پائالىيىتى ئۈچۈن خادىم قوبۇل قىلغان، توشۇغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“单位犯前两款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照第一款的规定处罚。”

«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »

七、在刑法第一百二十条之一后增加五条,作为第一百二十条之二、第一百二十条之三、第一百二十条之四、第一百二十条之五、第一百二十条之六:

7.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 120-ماددىسىنىڭ بىرىدىن كېيىن 5 ماددا كۆپەيتىلىپ، 120-ماددىنىڭ 2-، 120-ماددىسىنىڭ 3-، 120 – ماددىسىنىڭ 4-، 120 ـ ماددىسىنىڭ 5 ـ، 120-ماددىسىنىڭ 6-ماددىسى قىلىنىدۇ :

“第一百二十条之二 有下列情形之一的,处五年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处罚金;情节严重的,处五年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产:

«120-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ :

“(一)为实施恐怖活动准备凶器、危险物品或者其他工具的;

«( 1 ) تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ئۈچۈن قاتىللىق قورالى، خەتەرلىك بۇيۇم ياكى باشقا قورال تەييارلىغانلار؛

“(二)组织恐怖活动培训或者积极参加恐怖活动培训的;

«( 2 ) تېررورلۇق پائالىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىگەن ياكى تېررورلۇق پائالىيىتى بويىچە تەربىيەلەشكە ئاكتىپ قاتناشقانلار؛

“(三)为实施恐怖活动与境外恐怖活动组织或者人员联络的;

«( 3 ) تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ئۈچۈن چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى ياكى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلەر؛

“(四)为实施恐怖活动进行策划或者其他准备的。

«( 4 ) تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىشنى پىلانلاش ياكى باشقا تەييارلىق كۆرگەنلەر.

“有前款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

“第一百二十条之三 以制作、散发宣扬恐怖主义、极端主义的图书、音频视频资料或者其他物品,或者通过讲授、发布信息等方式宣扬恐怖主义、极端主义的,或者煽动实施恐怖活动的,处五年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处罚金;情节严重的,处五年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产。

«120-ماددا 3-تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىتاب، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ياكى باشقا بۇيۇملارنى ئىشلىگەن، تارقاتقان ياكى لېكسىيە سۆزلەش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېررورىزىم، ئەسەبىزمىنى تەرغىب قىلغانلار ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“第一百二十条之四 利用极端主义煽动、胁迫群众破坏国家法律确立的婚姻、司法、教育、社会管理等制度实施的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金;情节特别严重的,处七年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产。

«120-ماددا 4-ماددا ئەسەبىزمدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى دۆلەت قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئۆيلىنىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، مائارىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قۇتراتقان، تەھدىت سالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“第一百二十条之五 以暴力、胁迫等方式强制他人在公共场所穿着、佩戴宣扬恐怖主义、极端主义服饰、标志的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处罚金。

«120-ماددا 5-ماددا زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى ئاممىۋى سورۇنلاردا تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم-كېچەك، بەلگە كىيىشكە مەجبۇرلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“第一百二十条之六 明知是宣扬恐怖主义、极端主义的图书、音频视频资料或者其他物品而非法持有,情节严重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金。”

«120-ماددا 6-ماددا تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىتاب، ئۈن-سىن ماتېرىيالى ياكى باشقا بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

八、将刑法第一百三十三条之一修改为:“在道路上驾驶机动车,有下列情形之一的,处拘役,并处罚金:

8.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرىگە مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)追逐竞驶,情节恶劣的;

«( 1 ) قوغلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قىلمىشى قەبىھ بولغانلار؛

“(二)醉酒驾驶机动车的;

«( 2 ) مەست بولۇپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن بولسا؛

“(三)从事校车业务或者旅客运输,严重超过额定乘员载客,或者严重超过规定时速行驶的;

«( 3 ) مەكتەپ ئاپتوموبىلى كەسپى ياكى يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەلگىلەنگەن يولۇچىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرۇپ يولۇچى سالغان ياكى بەلگىلەنگەن سائەتلىك سۈرئەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلەر؛

“(四)违反危险化学品安全管理规定运输危险化学品,危及公共安全的。

«( 4 ) خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر.

“机动车所有人、管理人对前款第三项、第四项行为负有直接责任的,依照前款的规定处罚。

«موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 3 ) تارماقچىسى، ( 4 ) تارماقچىسىدىكى قىلمىشقا بىۋاسىتە جاۋابكار بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

“有前两款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。”

«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىش بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »

九、将刑法第一百五十一条第一款修改为:“走私武器、弹药、核材料或者伪造的货币的,处七年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产;情节特别严重的,处无期徒刑,并处没收财产;情节较轻的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”

9.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 151-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«قورال-ياراغ، ئوق-دورا، يادرو ماتېرىيالى ياكى ساختا پۇل ئەتكەسچىلىرىگە يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

十、将刑法第一百六十四条第一款修改为:“为谋取不正当利益,给予公司、企业或者其他单位的工作人员以财物,数额较大的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;数额巨大的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。”

10.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 164-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ، شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىغا پۇل-مال بەرگەن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

十一、将刑法第一百七十条修改为:“伪造货币的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金;有下列情形之一的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产:

11.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 170-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«ساختا پۇل ياسىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ :

“(一)伪造货币集团的首要分子;

«( 1 ) ساختا پۇل گۇرۇھىنىڭ باش ئۇنسۇرلىرى؛

“(二)伪造货币数额特别巨大的;

«( 2 ) ساختا پۇل سوممىسى ئالاھىدە زور بولغانلار؛

“(三)有其他特别严重情节的。”

«( 3 ) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلار.» »

十二、删去刑法第一百九十九条。

12.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 199-ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى.

十三、将刑法第二百三十七条修改为:“以暴力、胁迫或者其他方法强制猥亵他人或者侮辱妇女的,处五年以下有期徒刑或者拘役。

13.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 237-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارغا مەجبۇرىي پەسكەشلىك قىلغانلارغا ياكى ئاياللارغا ھاقارەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

“聚众或者在公共场所当众犯前款罪的,或者有其他恶劣情节的,处五年以上有期徒刑。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى توپلىشىپ ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سادىر قىلغانلارغا ياكى باشقا قەبىھ قىلمىشى بارلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

“猥亵儿童的,依照前两款的规定从重处罚。”

«بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

十四、将刑法第二百三十九条第二款修改为:“犯前款罪,杀害被绑架人的,或者故意伤害被绑架人,致人重伤、死亡的,处无期徒刑或者死刑,并处没收财产。”

14.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 239-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىنى ئۆلتۈرگەنلەر ياكى تۇتقۇن قىلىنغۇچىغا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. »

十五、将刑法第二百四十一条第六款修改为:“收买被拐卖的妇女、儿童,对被买儿童没有虐待行为,不阻碍对其进行解救的,可以从轻处罚;按照被买妇女的意愿,不阻碍其返回原居住地的,可以从轻或者减轻处罚。”

15.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 241-ماددىسىنىڭ 6-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان، سېتىۋېلىنغان بالىنى خورلاش قىلمىشى يوق، قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلمىغانلارغا يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ؛ سېتىۋېلىنغان ئايالنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلارغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. »

十六、在刑法第二百四十六条中增加一款作为第三款:“通过信息网络实施第一款规定的行为,被害人向人民法院告诉,但提供证据确有困难的,人民法院可以要求公安机关提供协助。”

16.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 246-ماددىسىدا 3-تارمىقى قىلىپ بىر تارمىقى كۆپەيتىلدى:«ئۇچۇر تورى ئارقىلىق 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى قىلغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېيتىدۇ، لېكىن دەلىل-ئىسپات بېرىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. »

十七、将刑法第二百五十三条之一修改为:“违反国家有关规定,向他人出售或者提供公民个人信息,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。

17.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 253-ماددىسىنىڭ بىرىگە مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن ياكى تەمىنلىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“违反国家有关规定,将在履行职责或者提供服务过程中获得的公民个人信息,出售或者提供给他人的,依照前款的规定从重处罚。

«دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن ياكى بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

“窃取或者以其他方法非法获取公民个人信息的,依照第一款的规定处罚。

«پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز ئېرىشكەنلەرگە 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“单位犯前三款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照各该款的规定处罚。”

«ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »

十八、将刑法第二百六十条第三款修改为:“第一款罪,告诉的才处理,但被害人没有能力告诉,或者因受到强制、威吓无法告诉的除外。”

18.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 260-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«1-تارماقتىكى جىنايەتنى ئەرز قىلغاندىلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېيتقۇدەك ئىقتىدارى يوقلىرى ياكى مەجبۇرىي، تەھدىت سېلىپ ئېيتالمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. »

十九、在刑法第二百六十条后增加一条,作为第二百六十条之一:“对未成年人、老年人、患病的人、残疾人等负有监护、看护职责的人虐待被监护、看护的人,情节恶劣的,处三年以下有期徒刑或者拘役。

19.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 260-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 260-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، كېسەللەر، مېيىپلەر قاتارلىق ۋەسىيلىك، قاراش مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەر ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى، قارىغۇچىنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“有第一款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。”

«1-تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.» »

二十、将刑法第二百六十七条第一款修改为:“抢夺公私财物,数额较大的,或者多次抢夺的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金;数额巨大或者有其他严重情节的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金;数额特别巨大或者有其他特别严重情节的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产。”

20.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 267-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى بۇلىغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ياكى كۆپ قېتىم بۇلىۋالغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. »

二十一、在刑法第二百七十七条中增加一款作为第五款:“暴力袭击正在依法执行职务的人民警察的,依照第一款的规定从重处罚。”

21.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 277-ماددىسىدا بىر تارمىقى 5-تارماق قىلىندى:«قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلار 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

二十二、将刑法第二百八十条修改为:“伪造、变造、买卖或者盗窃、抢夺、毁灭国家机关的公文、证件、印章的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处罚金;情节严重的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。

22.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت، كىنىشكا، تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ-ساتقان ياكى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغان، بۇزۇۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“伪造公司、企业、事业单位、人民团体的印章的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处罚金。

«شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“伪造、变造、买卖居民身份证、护照、社会保障卡、驾驶证等依法可以用于证明身份的证件的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”

«كىملىك، پاسپورت، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلەتسە بولىدىغان كىنىشكىلارنى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن، ئېلىپ-ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

二十三、在刑法第二百八十条后增加一条作为第二百八十条之一:“在依照国家规定应当提供身份证明的活动中,使用伪造、变造的或者盗用他人的居民身份证、护照、社会保障卡、驾驶证等依法可以用于证明身份的证件,情节严重的,处拘役或者管制,并处或者单处罚金。

23.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ 280-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سالاھىيەت ئىسپاتى بېرىش پائالىيىتىدە، باشقىلارنىڭ كىملىكى، پاسپورتى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، پراۋىسى قاتارلىقلارنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋالغان بولساق بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“有前款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

二十四、将刑法第二百八十三条修改为:“非法生产、销售专用间谍器材或者窃听、窃照专用器材的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。

24.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 283-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«مەخسۇس جاسۇسلۇق سايمانلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارغا ياكى مەخسۇس سايمانلارنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلارغا، ئوغرىلىقچە تارتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

二十五、在刑法第二百八十四条后增加一条,作为第二百八十四条之一:“在法律规定的国家考试中,组织作弊的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。

25.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 284-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 284-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا تەشكىللەنگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“为他人实施前款犯罪提供作弊器材或者其他帮助的,依照前款的规定处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى باشقىلارغا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋابى ياكى باشقا ياردەم بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“为实施考试作弊行为,向他人非法出售或者提供第一款规定的考试的试题、答案的,依照第一款的规定处罚。

«ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىش ئۈچۈن، 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىمتىھان سوئالى، جاۋابىنى باشقىلارغا قانۇنسىز سېتىپ بەرگەن ياكى تەمىنلىگەنلەر 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“代替他人或者让他人代替自己参加第一款规定的考试的,处拘役或者管制,并处或者单处罚金。”

«باشقىلارنىڭ ئورنىدا ياكى باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىدا 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلارغا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

二十六、在刑法第二百八十五条中增加一款作为第四款:“单位犯前三款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照各该款的规定处罚。”

26، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 285-ماددىسىدا بىر تارماق كۆپەيتىلىپ 4-تارماق قىلىندى:«ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئورۇنلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »

二十七、在刑法第二百八十六条中增加一款作为第四款:“单位犯前三款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照第一款的规定处罚。”

27.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 286-ماددىسىغا 4-تارماق قىلىپ بىر تارماق كۆپەيتىلدى:«ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئورۇنلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »

二十八、在刑法第二百八十六条后增加一条,作为第二百八十六条之一:“网络服务提供者不履行法律、行政法规规定的信息网络安全管理义务,经监管部门责令采取改正措施而拒不改正,有下列情形之一的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金:

28.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 286-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 286-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئۇچۇر تورى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى بىلەن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)致使违法信息大量传播的;

«( 1 ) قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

“(二)致使用户信息泄露,造成严重后果的;

«( 2 ) ئابۇنىچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

“(三)致使刑事案件证据灭失,情节严重的;

«( 3 ) جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتىنى يوقىتىپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛

“(四)有其他严重情节的。

«( 4 ) باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلار.»

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“有前两款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。”

«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىش بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »

二十九、在刑法第二百八十七条后增加二条,作为第二百八十七条之一、第二百八十七条之二:

29.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 287-ماددىسىدىن كېيىن 2-ماددىسى كۆپەيتىلىپ، 287-ماددىسىنىڭ بىرى، 287-ماددىسىنىڭ 2-ماددىسى قىلىندى :

“第二百八十七条之一 利用信息网络实施下列行为之一,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金:

«287-ماددىلارنىڭ بىرى، ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)设立用于实施诈骗、传授犯罪方法、制作或者销售违禁物品、管制物品等违法犯罪活动的网站、通讯群组的;

«( 1 ) ئالدامچىلىق قىلىش، جىنايەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇم قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلىش تور بېكىتى، خەۋەرلىشىش توپى گۇرۇپپىسى قۇرۇش ياكى سېتىشقا ئىشلىتىلگەنلەر؛

“(二)发布有关制作或者销售毒品、枪支、淫秽物品等违禁物品、管制物品或者其他违法犯罪信息的;

«( 2 ) زەھەر، قورال-ياراغ، شەھۋانىي بۇيۇم قاتارلىق مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، چەكلەنگەن بۇيۇم ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت ئۇچۇرلىرىنى ياسىغان ياكى ساتقانلار؛

“(三)为实施诈骗等违法犯罪活动发布信息的。

«( 3 ) ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئېلان قىلغانلار.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照第一款的规定处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.»

“有前两款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。

«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىش بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

“第二百八十七条之二 明知他人利用信息网络实施犯罪,为其犯罪提供互联网接入、服务器托管、网络存储、通讯传输等技术支持,或者提供广告推广、支付结算等帮助,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处或者单处罚金。

«287-ماددا 2-ماددا باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ جىنايىتىگە ئالاقە تورىغا ئۇلاش، مۇلازىمېتىرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، تور ساقلاش، خەۋەرلىشىش-يەتكۈزۈش قاتارلىق تېخنىكا مەدىتى بەرگەن ياكى ئېلان كېڭەيتىش، چىقىم راسچوتى قىلىش قاتارلىق ياردەملەرنى بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照第一款的规定处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.»

“有前两款行为,同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪处罚。”

«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىش بىرلا ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىلىدۇ»دېگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »

三十、将刑法第二百八十八条第一款修改为:“违反国家规定,擅自设置、使用无线电台(站),或者擅自使用无线电频率,干扰无线电通讯秩序,情节严重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。”

30.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 288-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىمسىز رادىيو ئىستانسىسى ( پونكىتى ) نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان، ئىشلەتكەن ياكى رادىيو چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىپ، رادىيو-خەۋەرلىشىش تەرتىپىگە كاشىلا سالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

三十一、将刑法第二百九十条第一款修改为:“聚众扰乱社会秩序,情节严重,致使工作、生产、营业和教学、科研、医疗无法进行,造成严重损失的,对首要分子,处三年以上七年以下有期徒刑;对其他积极参加的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利。”

31، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 290-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«جەمئىيەت تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، داۋالاشنى ئېلىپ بارالماي، ئېغىر زىيان سالغانلارغا باش ئۇنسۇرلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. »

增加二款作为第三款、第四款:“多次扰乱国家机关工作秩序,经行政处罚后仍不改正,造成严重后果的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制。

2-تارمىقى 3-، 4-تارمىقى قىلىندى:«دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى كۆپ قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي جازا بېرىلسىمۇ تۈزەتمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

“多次组织、资助他人非法聚集,扰乱社会秩序,情节严重的,依照前款的规定处罚。”

«باشقىلارنى قانۇنسىز توپلىشىشقا كۆپ قېتىم تەشكىللىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەردىن جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

三十二、在刑法第二百九十一条之一中增加一款作为第二款:“编造虚假的险情、疫情、灾情、警情,在信息网络或者其他媒体上传播,或者明知是上述虚假信息,故意在信息网络或者其他媒体上传播,严重扰乱社会秩序的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制;造成严重后果的,处三年以上七年以下有期徒刑。”

32، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 291-ماددىسىنىڭ بىرىگە 2-تارماق قوشۇلدى:«ساختا خەۋپ-خەتەر، يۇقۇم، ئاپەت، ئاگاھ ئەھۋالىنى ئۇچۇر تورىدا ياكى باشقا تاراتقۇلاردا تارقىتىپ ياكى يۇقىرىقى ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ئۇچۇر تورى ياكى باشقا تاراتقۇلىرىدا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

三十三、将刑法第三百条修改为:“组织、利用会道门、邪教组织或者利用迷信破坏国家法律、行政法规实施的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金;情节特别严重的,处七年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产;情节较轻的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者剥夺政治权利,并处或者单处罚金。

33، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 300-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەت تەشكىلاتنى تەشكىللىگەن، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ياكى خۇراپىيلىقتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“组织、利用会道门、邪教组织或者利用迷信蒙骗他人,致人重伤、死亡的,依照前款的规定处罚。

“组织、利用会道门、邪教组织或者利用迷信蒙骗他人,致人重伤、死亡的,依照前款的规定处罚。

“犯第一款罪又有奸淫妇女、诈骗财物等犯罪行为的,依照数罪并罚的规定处罚。”

«1-تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە يەنە ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارمۇ بولسا، بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.» »

三十四、将刑法第三百零二条修改为:“盗窃、侮辱、故意毁坏尸体、尸骨、骨灰的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制。”

34، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 302-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«جەسەت، جەسەت سۆڭىكى، جەسەت كۈلىنى ئوغرىلىغان، ھاقارەت قىلغان، قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. »

三十五、在刑法第三百零七条后增加一条,作为第三百零七条之一:“以捏造的事实提起民事诉讼,妨害司法秩序或者严重侵害他人合法权益的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。

35.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 307-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 307-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پاكىت بىلەن ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزگەن ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“有第一款行为,非法占有他人财产或者逃避合法债务,又构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪从重处罚。

«1-تارماقتىكى قىلمىش سادىر قىلىپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ ياكى قانۇنلۇق قەرزىدىن قېچىپ يەنە باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىش بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

“司法工作人员利用职权,与他人共同实施前三款行为的,从重处罚;同时构成其他犯罪的,依照处罚较重的规定定罪从重处罚。”

«ئەدلىيە خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى ھەرىكەتنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سادىر قىلغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ئېغىرراق جازا بېرىش بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

三十六、在刑法第三百零八条后增加一条,作为第三百零八条之一:“司法工作人员、辩护人、诉讼代理人或者其他诉讼参与人,泄露依法不公开审理的案件中不应当公开的信息,造成信息公开传播或者其他严重后果的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处或者单处罚金。

36.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 308-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 308-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«ئەدلىيە خادىملىرى، ئاقلىغۇچىلار، دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ياكى باشقا دەۋا قاتناشقۇچىلىرى قانۇن بويىچە ئاشكارا قاراپ چىقىلمايدىغان دېلولاردىكى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئۇچۇرنى ئاشكارا تارقىتىش ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“有前款行为,泄露国家秘密的,依照本法第三百九十八条的规定定罪处罚。

«ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىش سادىر قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 398-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

“公开披露、报道第一款规定的案件信息,情节严重的,依照第一款的规定处罚。

«1-تارماقتا بەلگىلەنگەن دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئاشكارىلىغان، خەۋەر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照第一款的规定处罚”。

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ».

三十七、将刑法第三百零九条修改为:“有下列扰乱法庭秩序情形之一的,处三年以下有期徒刑、拘役、管制或者罚金:

37، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 309-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«سوت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ :

“(一)聚众哄闹、冲击法庭的;

«( 1 ) ئادەم توپلاپ جېدەل قىلغان، سوتقا بېسىپ كىرگەن بولسا؛

“(二)殴打司法工作人员或者诉讼参与人的;

«( 2 ) قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى ياكى دەۋا قاتناشقۇچىلىرىنى ئۇرغانلار؛

“(三)侮辱、诽谤、威胁司法工作人员或者诉讼参与人,不听法庭制止,严重扰乱法庭秩序的;

«( 3 ) قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىغا ياكى دەۋا قاتناشقۇچىلىرىغا ھاقارەت كەلتۈرگەن، تۆھمەت قىلغان، تەھدىت سالغان، سوتنىڭ توسۇشىغا قۇلاق سالمىغان، سوت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛

“(四)有毁坏法庭设施,抢夺、损毁诉讼文书、证据等扰乱法庭秩序行为,情节严重的。”

«( 4 ) سوت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىش، دەۋا ھۆججەتلىرى، دەلىل-ئىسپاتلارنى تارتىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش قاتارلىق سوت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار. »

三十八、将刑法第三百一十一条修改为:“明知他人有间谍犯罪或者恐怖主义、极端主义犯罪行为,在司法机关向其调查有关情况、收集有关证据时,拒绝提供,情节严重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制。”

38، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 311-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى ياكى تېررورىزم، ئەسەبىزم جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەندە، مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغاندا، بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. »

三十九、将刑法第三百一十三条修改为:“对人民法院的判决、裁定有能力执行而拒不执行,情节严重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者罚金;情节特别严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金。

39، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依照前款的规定处罚。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ئورۇنغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. »

四十、将刑法第三百二十二条修改为:“违反国(边)境管理法规,偷越国(边)境,情节严重的,处一年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处罚金;为参加恐怖活动组织、接受恐怖活动培训或者实施恐怖活动,偷越国(边)境的,处一年以上三年以下有期徒刑,并处罚金。”

40، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 322-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«دۆلەت ( چېگرا ) چېگراسىنى باشقۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ( چېگرا»چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تېررورلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، تېررورلۇق ھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەنگەن ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلەت ( چېگرا ) چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

四十一、将刑法第三百五十条第一款、第二款修改为:“违反国家规定,非法生产、买卖、运输醋酸酐、乙醚、三氯甲烷或者其他用于制造毒品的原料、配剂,或者携带上述物品进出境,情节较重的,处三年以下有期徒刑、拘役或者管制,并处罚金;情节严重的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金;情节特别严重的,处七年以上有期徒刑,并处罚金或者没收财产。

41، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 350-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاتسېتىلېن، ئېفىر، خلورومېتان ياكى زەھەر ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا خام ئەشيا، دورىلارنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ-ساتقان، توشۇغان ياكى يۇقىرىقى بۇيۇملارنى ئېلىپ چېگرادىن چىققان، قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“明知他人制造毒品而为其生产、买卖、运输前款规定的物品的,以制造毒品罪的共犯论处。”

«باشقىلارنىڭ زەھەر ياسىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن نەرسىنى ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ-ساتقان، توشۇغانلار زەھەر ياساش جىنايىتىنىڭ ئورتاق جىنايەتچىسى دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. »

四十二、将刑法第三百五十八条修改为:“组织、强迫他人卖淫的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处罚金;情节严重的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产。

42، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 358-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«باشقىلارنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللىگەن، مەجبۇرلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“组织、强迫未成年人卖淫的,依照前款的规定从重处罚。

«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللىگەن، مەجبۇرلىغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

“犯前两款罪,并有杀害、伤害、强奸、绑架等犯罪行为的,依照数罪并罚的规定处罚。

«ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۆلتۈرۈش، زىيانكەشلىك قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا بىرنەچچە جىنايەتنى تەڭ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“为组织卖淫的人招募、运送人员或者有其他协助组织他人卖淫行为的,处五年以下有期徒刑,并处罚金;情节严重的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。”

«ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشنى تەشكىللىگەنلەرگە، توشۇغانلارنى قوبۇل قىلغان ياكى باشقىلارنىڭ نومۇسىنى سېتىش قىلمىشىنى تەشكىللەشكە ياردەملەشكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

四十三、删去刑法第三百六十条第二款。

43، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 360-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنى چىقىرىۋېتىش.

四十四、将刑法第三百八十三条修改为:“对犯贪污罪的,根据情节轻重,分别依照下列规定处罚:

44، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 383-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە قىلمىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :

“(一)贪污数额较大或者有其他较重情节的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金。

«( 1 ) خىيانەتچىلىك سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“(二)贪污数额巨大或者有其他严重情节的,处三年以上十年以下有期徒刑,并处罚金或者没收财产。

«( 2 ) خىيانەتچىلىك سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“(三)贪污数额特别巨大或者有其他特别严重情节的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产;数额特别巨大,并使国家和人民利益遭受特别重大损失的,处无期徒刑或者死刑,并处没收财产。

«( 3 ) خىيانەتچىلىك سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان ھەمدە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“对多次贪污未经处理的,按照累计贪污数额处罚。

«كۆپ قېتىملىق خىيانەتچىلىكنى بىر تەرەپ قىلمىغانلارغا جەمئىي خىيانەتچىلىك سوممىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

“犯第一款罪,在提起公诉前如实供述自己罪行、真诚悔罪、积极退赃,避免、减少损害结果的发生,有第一项规定情形的,可以从轻、减轻或者免除处罚;有第二项、第三项规定情形的,可以从轻处罚。

«1-تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەر ئەيىبلەشتىن بۇرۇن ئۆز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە سەمىمىيلىك بىلەن پۇشايمان قىلىپ، زاڭ پۇلنى پائال قايتۇرۇپ، زىيان ئاقىۋىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغان ۋە ئۇنى ئازايتقان بولسا، 1-تارماقچىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولسا، جازانى يېنىك، يېنىكلىتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ؛ ( 2 )، ( 3 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ.

“犯第一款罪,有第三项规定情形被判处死刑缓期执行的,人民法院根据犯罪情节等情况可以同时决定在其死刑缓期执行二年期满依法减为无期徒刑后,终身监禁,不得减刑、假释。”

«1-تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، 3-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكتىن ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەت قىلمىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، مۇددىتى توشقاندا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتكەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، جازا كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. »

四十五、将刑法第三百九十条修改为:“对犯行贿罪的,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;因行贿谋取不正当利益,情节严重的,或者使国家利益遭受重大损失的,处五年以上十年以下有期徒刑,并处罚金;情节特别严重的,或者使国家利益遭受特别重大损失的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑,并处罚金或者没收财产。

45.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 390-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پارا بېرىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

“行贿人在被追诉前主动交待行贿行为的,可以从轻或者减轻处罚。其中,犯罪较轻的,对侦破重大案件起关键作用的,或者有重大立功表现的,可以减轻或者免除处罚。”

«پارا بەرگۈچىلەردىن پارا بېرىش قىلمىشى سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ». بۇنىڭ ئىچىدە، جىنايىتى يېنىكرەك بولۇپ، ئېغىر، زور دېلو پاش قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ياكى مۇھىم، زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا قارىتا جازانى يېنىكلىتىشكە ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. »

四十六、在刑法第三百九十条后增加一条,作为第三百九十条之一:“为谋取不正当利益,向国家工作人员的近亲属或者其他与该国家工作人员关系密切的人,或者向离职的国家工作人员或者其近亲属以及其他与其关系密切的人行贿的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金;情节严重的,或者使国家利益遭受重大损失的,处三年以上七年以下有期徒刑,并处罚金;情节特别严重的,或者使国家利益遭受特别重大损失的,处七年以上十年以下有期徒刑,并处罚金。

46.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 390-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 390-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ:«ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى شۇ دۆلەت خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق باشقا كىشىلەر، ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلغان دۆلەت خادىملىرىغا ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق باشقا كىشىلەرگە پارا بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

“单位犯前款罪的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金。”

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ئورۇنغا ئورۇنغا ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

四十七、将刑法第三百九十一条第一款修改为:“为谋取不正当利益,给予国家机关、国有公司、企业、事业单位、人民团体以财物的,或者在经济往来中,违反国家规定,给予各种名义的回扣、手续费的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金。”

47-، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 391-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل-مال بەرگەنلەرگە ياكى ئىقتىسادىي ئالاقىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل ناملاردا شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

四十八、将刑法第三百九十二条第一款修改为:“向国家工作人员介绍贿赂,情节严重的,处三年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金。”

48.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 392-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«دۆلەت خادىملىرىغا پارا بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. »

四十九、将刑法第三百九十三条修改为:“单位为谋取不正当利益而行贿,或者违反国家规定,给予国家工作人员以回扣、手续费,情节严重的,对单位判处罚金,并对其直接负责的主管人员和其他直接责任人员,处五年以下有期徒刑或者拘役,并处罚金。因行贿取得的违法所得归个人所有的,依照本法第三百八十九条、第三百九十条的规定定罪处罚。”

49، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 393-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«ئورۇنلار ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت شەخسلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 389-، 390-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. »

五十、将刑法第四百二十六条修改为:“以暴力、威胁方法,阻碍指挥人员或者值班、值勤人员执行职务的,处五年以下有期徒刑或者拘役;情节严重的,处五年以上十年以下有期徒刑;情节特别严重的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑。战时从重处罚。”

50، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 426-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قوماندانلارنىڭ ياكى دىجورنى، دىجورنى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. »

五十一、将刑法第四百三十三条修改为:“战时造谣惑众,动摇军心的,处三年以下有期徒刑;情节严重的,处三年以上十年以下有期徒刑;情节特别严重的,处十年以上有期徒刑或者无期徒刑。”

51، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 433-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزىمىز:«ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە-ئىغۋا توقۇپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. »

五十二、本修正案自2015年11月1日起施行。

52.بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.