第二十条 经营者违反本法第八条规定对其商品作虚假或者引人误解的商业宣传,或者通过组织虚假交易等方式帮助其他经营者进行虚假或者引人误解的商业宣传的,由监督检查部门责令停止违法行为,处二十万元以上一百万元以下的罚款;情节严重的,处一百万元以上二百万元以下的罚款,可以吊销营业执照。
20-ماددا تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىغا قارىتا ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى ئېلىپ بارسا ياكى ساختا سودا تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ ساختا ياكى خاتا چۈشىنىش كەلتۈرىدىغان سودا تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەرسە، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ،
200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.