(2015年12月27日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十八次会议通过)
( 2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2015年12月27日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十八次会议通过)
( 2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 家庭暴力的预防
2-باب ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
第三章 家庭暴力的处置
3-باب ئائىلە زوراۋانلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش
第四章 人身安全保护令
4-باب جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了预防和制止家庭暴力,保护家庭成员的合法权益,维护平等、和睦、文明的家庭关系,促进家庭和谐、社会稳定,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قوغداش، ئائىلە ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 本法所称家庭暴力,是指家庭成员之间以殴打、捆绑、残害、限制人身自由以及经常性谩骂、恐吓等方式实施的身体、精神等侵害行为。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئائىلە زۇلۇمى ئائىلە ئەزالىرى ئارا ئۇرۇش، باغلاش، زەخىملەندۈرۈش، جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش شۇنىڭدەك دائىملىق تىللاش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
第三条 家庭成员之间应当互相帮助,互相关爱,和睦相处,履行家庭义务。
3-ماددا ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشى، ئىناق ئۆتۈشى، ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
反家庭暴力是国家、社会和每个家庭的共同责任。
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش − دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
国家禁止任何形式的家庭暴力。
دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى ئائىلە زۇلۇمىنى مەنئى قىلىدۇ.
第四条 县级以上人民政府负责妇女儿童工作的机构,负责组织、协调、指导、督促有关部门做好反家庭暴力工作。
4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
县级以上人民政府有关部门、司法机关、人民团体、社会组织、居民委员会、村民委员会、企业事业单位,应当依照本法和有关法律规定,做好反家庭暴力工作。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
各级人民政府应当对反家庭暴力工作给予必要的经费保障。
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە زۆرۈر خىراجەت كاپالىتى بېرىشى كېرەك.
第五条 反家庭暴力工作遵循预防为主,教育、矫治与惩处相结合原则。
5-ماددا ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، تەربىيە بېرىش، تۈزەش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.
反家庭暴力工作应当尊重受害人真实意愿,保护当事人隐私。
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى خىزمەتتە زىيانلانغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداش كېرەك.
未成年人、老年人、残疾人、孕期和哺乳期的妇女、重病患者遭受家庭暴力的,应当给予特殊保护。
قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ئېغىر كېسەللەر ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىسا، ئالاھىدە قوغداش كېرەك.
第二章 家庭暴力的预防
2-باب ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
第六条 国家开展家庭美德宣传教育,普及反家庭暴力知识,增强公民反家庭暴力意识。
6-ماددا دۆلەت ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئائىلە زۇلۇمىگە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ.
工会、共产主义青年团、妇女联合会、残疾人联合会应当在各自工作范围内,组织开展家庭美德和反家庭暴力宣传教育。
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۆز خىزمىتى دائىرىسىدە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
广播、电视、报刊、网络等应当开展家庭美德和反家庭暴力宣传。
رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىقلاردا ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
学校、幼儿园应当开展家庭美德和反家庭暴力教育。
مەكتەپلەر، يەسلىلەر ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
第七条 县级以上人民政府有关部门、司法机关、妇女联合会应当将预防和制止家庭暴力纳入业务培训和统计工作。
7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئىستاتىستىكا خىزمىتىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
医疗机构应当做好家庭暴力受害人的诊疗记录。
داۋالاش ئاپپاراتى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىنى داۋالاش خاتىرىسىنى ياخشى قالدۇرۇشى كېرەك.
第八条 乡镇人民政府、街道办事处应当组织开展家庭暴力预防工作,居民委员会、村民委员会、社会工作服务机构应当予以配合协助。
8-ماددا يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت ئاپپاراتى ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك.
第九条 各级人民政府应当支持社会工作服务机构等社会组织开展心理健康咨询、家庭关系指导、家庭暴力预防知识教育等服务。
9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى بويىچە مەسلىھەت بېرىش، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەربىيەسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.
第十条 人民调解组织应当依法调解家庭纠纷,预防和减少家庭暴力的发生。
10-ماددا خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى ئائىلە ماجىرالىرىنى قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىپ، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئازايتىشى كېرەك.
第十一条 用人单位发现本单位人员有家庭暴力情况的,应当给予批评教育,并做好家庭矛盾的调解、化解工作。
11-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى كىشىلەردە ئائىلە زۇلۇمى پەيدا قىلىش ئەھۋالىنى بايقىسا، تەنقىد-تەربىيە بېرىشى ھەمدە ئائىلىدىكى زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىش، تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
第十二条 未成年人的监护人应当以文明的方式进行家庭教育,依法履行监护和教育职责,不得实施家庭暴力。
12-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى مەدەنىي ئۇسۇلدا ئائىلە تەربىيەسى بېرىشى، ۋەسىيلىك ۋە تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئائىلە زۇلۇمى سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
第三章 家庭暴力的处置
3-باب ئائىلە زوراۋانلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش
第十三条 家庭暴力受害人及其法定代理人、近亲属可以向加害人或者受害人所在单位、居民委员会、村民委员会、妇女联合会等单位投诉、反映或者求助。有关单位接到家庭暴力投诉、反映或者求助后,应当给予帮助、处理。
13-ماددا ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى زىيانلانغۇچى ياكى زىيانلانغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇن، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەرز قىلسا، ئىنكاس قىلسا ياكى ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئائىلە زۇلۇمى بىلەن قىلىنغان ئەرز-شىكايەت، ئىنكاس ياكى ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ياردەم بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
家庭暴力受害人及其法定代理人、近亲属也可以向公安机关报案或者依法向人民法院起诉。
ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلسىمۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
单位、个人发现正在发生的家庭暴力行为,有权及时劝阻。
ئورۇن، شەخسلەر يۈز بېرىۋاتقان ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشىنى بايقىسا، ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا ھوقۇقلۇق.
第十四条 学校、幼儿园、医疗机构、居民委员会、村民委员会、社会工作服务机构、救助管理机构、福利机构及其工作人员在工作中发现无民事行为能力人、限制民事行为能力人遭受或者疑似遭受家庭暴力的,应当及时向公安机关报案。公安机关应当对报案人的信息予以保密。
14-ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، داۋالاش ئاپپاراتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت جەريانىدا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ياكى گۇمانىي ئۇچرىغانلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
第十五条 公安机关接到家庭暴力报案后应当及时出警,制止家庭暴力,按照有关规定调查取证,协助受害人就医、鉴定伤情。
15-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئائىلە زۇلۇمىغا دائىر دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ساقچى چىقىپ، ئائىلە زۇلۇمىنى توسۇشى، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشى، زىيانلانغۇچىنىڭ داۋالىنىشىغا، يارىلىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىشىگە ياردەملىشىشى كېرەك.
无民事行为能力人、限制民事行为能力人因家庭暴力身体受到严重伤害、面临人身安全威胁或者处于无人照料等危险状态的,公安机关应当通知并协助民政部门将其安置到临时庇护场所、救助管理机构或者福利机构。
ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدار چەكلەنگەنلەر ئائىلە زۇلۇمى سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، جىسمانىي بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرىغان ياكى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم چىقماسلىق قاتارلىق خەتەرلىك ھالەتتە قالغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئۇنى ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش ئورنى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى پاراۋانلىق ئاپپاراتىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
第十六条 家庭暴力情节较轻,依法不给予治安管理处罚的,由公安机关对加害人给予批评教育或者出具告诫书。
16-ماددا ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇشنامە بېرىدۇ.
告诫书应当包括加害人的身份信息、家庭暴力的事实陈述、禁止加害人实施家庭暴力等内容。
ئاگاھلاندۇرۇشنامە باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، ئائىلە زۇلۇمى قىلىش پاكىتىنى بايان قىلىش، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئائىلە زۇلىمى سېلىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
第十七条 公安机关应当将告诫书送交加害人、受害人,并通知居民委员会、村民委员会。
17-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى زىيانلانغۇچىغا، زىيانلانغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ھەمدە شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
居民委员会、村民委员会、公安派出所应当对收到告诫书的加害人、受害人进行查访,监督加害人不再实施家庭暴力。
ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى ئاگاھلاندۇرۇشنامىنى تاپشۇرۇۋالغان زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زىيانلانغۇچىنى تەكشۈرۈشى، زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ ئائىلە زۇلۇمى قىلماسلىقىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
第十八条 县级或者设区的市级人民政府可以单独或者依托救助管理机构设立临时庇护场所,为家庭暴力受害人提供临时生活帮助。
18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا ياكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تايىنىپ ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنى قۇرۇپ، ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىغا ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردىمى بەرسە بولىدۇ.
第十九条 法律援助机构应当依法为家庭暴力受害人提供法律援助。
19-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچىغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.
人民法院应当依法对家庭暴力受害人缓收、减收或者免收诉讼费用。
خەلق سوت مەھكىمىسى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىدىن قانۇن بويىچە كېچىكتۈرۈپ ئېلىشى، كېمەيتىپ ئېلىشى ياكى دەۋا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
第二十条 人民法院审理涉及家庭暴力的案件,可以根据公安机关出警记录、告诫书、伤情鉴定意见等证据,认定家庭暴力事实。
20-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئائىلە زۇلۇمىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى قاراپ چىقىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ساقچى چىقىش خاتىرىسى، ئاگاھلاندۇرۇشنامىسى، يارلىنىشنى باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، ئائىلە زۇلۇمى پاكىتىنى بېكىتسە بولىدۇ.
第二十一条 监护人实施家庭暴力严重侵害被监护人合法权益的,人民法院可以根据被监护人的近亲属、居民委员会、村民委员会、县级人民政府民政部门等有关人员或者单位的申请,依法撤销其监护人资格,另行指定监护人。
21-ماددا ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار ياكى ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىپ، باشقا ۋەسىي بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.
被撤销监护人资格的加害人,应当继续负担相应的赡养、扶养、抚养费用。
ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان زىيانلانغۇچى مۇناسىپ قاراش، بېقىش، بېقىش خىراجىتىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
第二十二条 工会、共产主义青年团、妇女联合会、残疾人联合会、居民委员会、村民委员会等应当对实施家庭暴力的加害人进行法治教育,必要时可以对加害人、受害人进行心理辅导。
22-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلار ئائىلە زۇلۇمى سالغان زىيانلانغۇچىغا قانۇنچىللىق تەربىيەسى بېرىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا زىيانلانغۇچىغا ۋە زىيانلانغۇچىغا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.
第四章 人身安全保护令
4-باب جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى
第二十三条 当事人因遭受家庭暴力或者面临家庭暴力的现实危险,向人民法院申请人身安全保护令的,人民法院应当受理。
23-ماددا ئالاقىدارلار ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراش ياكى ئائىلە زۇلۇمىگە ئۇچراشتەك رېئال خەۋپكە ئۇچراش سەۋەبىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
当事人是无民事行为能力人、限制民事行为能力人,或者因受到强制、威吓等原因无法申请人身安全保护令的,其近亲属、公安机关、妇女联合会、居民委员会、村民委员会、救助管理机构可以代为申请。
ئالاقىدارلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدار چەكلەنگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىش ياكى مەجبۇرلاش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلالمىسا، ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئاياللار بىرلەشمىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
第二十四条 申请人身安全保护令应当以书面方式提出;书面申请确有困难的,可以口头申请,由人民法院记入笔录。
24-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى يازما شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ يازما ئىلتىماستا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى خاتىرىگە خاتىرىلەيدۇ.
第二十五条 人身安全保护令案件由申请人或者被申请人居住地、家庭暴力发生地的基层人民法院管辖。
25-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىش دېلوسى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئىلتىماس قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جاي، ئائىلە زوراۋانلىقى يۈز بەرگەن جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
第二十六条 人身安全保护令由人民法院以裁定形式作出。
26-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم شەكلىدە چىقىرىدۇ.
第二十七条 作出人身安全保护令,应当具备下列条件:
27-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك :
(一)有明确的被申请人;
( 1 ) ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئېنىق بولسا؛
(二)有具体的请求;
( 2 ) كونكرېت تەلىپى بولۇش؛
(三)有遭受家庭暴力或者面临家庭暴力现实危险的情形。
( 3 ) ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراش ياكى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ رېئال خەۋپىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى بولۇش.
第二十八条 人民法院受理申请后,应当在七十二小时内作出人身安全保护令或者驳回申请;情况紧急的,应当在二十四小时内作出。
28-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 72 سائەت ئىچىدە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىشى ياكى ئىلتىماسنى رەت قىلىشى كېرەك؛ ئەھۋال جىددىي بولسا، 24 سائەت ئىچىدە چىقىرىش كېرەك.
第二十九条 人身安全保护令可以包括下列措施:
29-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ :
(一)禁止被申请人实施家庭暴力;
( 1 ) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە زۇلۇمى سېلىشىنى مەنئى قىلىش؛
(二)禁止被申请人骚扰、跟踪、接触申请人及其相关近亲属;
( 2 ) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىشى، ئىز قوغلىشى، ئۇچرىشىشىنى چەكلەش؛
(三)责令被申请人迁出申请人住所;
( 3 ) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىن كۆچۈپ چىقىشقا بۇيرۇش؛
(四)保护申请人人身安全的其他措施。
( 4 ) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر باشقا تەدبىرلەر.
第三十条 人身安全保护令的有效期不超过六个月,自作出之日起生效。人身安全保护令失效前,人民法院可以根据申请人的申请撤销、变更或者延长。
30-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمىسە، چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى كۈچتىن قېلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن بىكار قىلسا، ئۆزگەرتسە ياكى ئۇزارتسا بولىدۇ.
第三十一条 申请人对驳回申请不服或者被申请人对人身安全保护令不服的,可以自裁定生效之日起五日内向作出裁定的人民法院申请复议一次。人民法院依法作出人身安全保护令的,复议期间不停止人身安全保护令的执行。
31-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى رەت قىلىشقا قايىل بولمىسا ياكى ئىلتىماس قىلىنغۇچى جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىغا قايىل بولمىسا، كېسىم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە كېسىم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقارغان بولسا، قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ ئىجراسى توختىمايدۇ.
第三十二条 人民法院作出人身安全保护令后,应当送达申请人、被申请人、公安机关以及居民委员会、村民委员会等有关组织。人身安全保护令由人民法院执行,公安机关以及居民委员会、村民委员会等应当协助执行。
32-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلىنغۇچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، شۇنىڭدەك شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، شۇنىڭدەك شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلار ئىجرا قىلىشقا ياردەملىشىشى كېرەك.
第五章 法律责任
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第三十三条 加害人实施家庭暴力,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
33-ماددا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئائىلە زۇلۇمى سېلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第三十四条 被申请人违反人身安全保护令,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,人民法院应当给予训诫,可以根据情节轻重处以一千元以下罚款、十五日以下拘留。
34-ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تەنبىھ بېرىشى كېرەك، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ.
第三十五条 学校、幼儿园、医疗机构、居民委员会、村民委员会、社会工作服务机构、救助管理机构、福利机构及其工作人员未依照本法第十四条规定向公安机关报案,造成严重后果的,由上级主管部门或者本单位对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。
35-ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، داۋالاش ئاپپاراتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق ياكى شۇ ئورۇن بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
第三十六条 负有反家庭暴力职责的国家工作人员玩忽职守、滥用职权、徇私舞弊的,依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
36-ماددا ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار دۆلەت خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第六章 附则
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第三十七条 家庭成员以外共同生活的人之间实施的暴力行为,参照本法规定执行。
37-ماددا ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار ئارىسىدا قىلىنغان زوراۋانلىق قىلمىشى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
第三十八条 本法自2016年3月1日起施行。
38-ماددا بۇ قانۇن 2016-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.