(2006年10月31日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十四次会议通过)
( 2006-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(2006年10月31日第十届全国人民代表大会常务委员会第二十四次会议通过)
( 2006-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第二章 反洗钱监督管理
2-باب پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
第三章 金融机构反洗钱义务
3-باب پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى
第四章 反洗钱调查
4-باب پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى تەكشۈرۈش
第五章 反洗钱国际合作
5-باب پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第一章 总则
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
第一条 为了预防洗钱活动,维护金融秩序,遏制洗钱犯罪及相关犯罪,制定本法。
1-ماددا بۇ قانۇن پۇل يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قوغداش، پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى ۋە ئالاقىدار جىنايەتلەرنى چەكلەش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
第二条 本法所称反洗钱,是指为了预防通过各种方式掩饰、隐瞒毒品犯罪、黑社会性质的组织犯罪、恐怖活动犯罪、走私犯罪、贪污贿赂犯罪、破坏金融管理秩序犯罪、金融诈骗犯罪等犯罪所得及其收益的来源和性质的洗钱活动,依照本法规定采取相关措施的行为。
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق زەھەر جىنايىتى، قارا جەمئىيەت خاراكتېرىنى يوشۇرۇش، يوشۇرۇشقا دائىر تەشكىلىي جىنايەت، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى جىنايىتى قاتارلىق جىنايى تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرىدىكى پۇل يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللىنىدىغان قىلمىشلار.
第三条 在中华人民共和国境内设立的金融机构和按照规定应当履行反洗钱义务的特定非金融机构,应当依法采取预防、监控措施,建立健全客户身份识别制度、客户身份资料和交易记录保存制度、大额交易和可疑交易报告制度,履行反洗钱义务。
3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە بەلگىلىمە بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تۈزۈمى، مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا خاتىرىسىنى ساقلاش تۈزۈمى، كۆپ سوممىلىق سودا ۋە گۇمانلىق سودىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
第四条 国务院反洗钱行政主管部门负责全国的反洗钱监督管理工作。国务院有关部门、机构在各自的职责范围内履行反洗钱监督管理职责。
4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
国务院反洗钱行政主管部门、国务院有关部门、机构和司法机关在反洗钱工作中应当相互配合。
گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ئاپپاراتى ۋە ئەدلىيە ئورگىنى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئۆزئارا ماسلىشىشى كېرەك.
第五条 对依法履行反洗钱职责或者义务获得的客户身份资料和交易信息,应当予以保密;非依法律规定,不得向任何单位和个人提供。
5-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ ئېرىشكەن خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇش كېرەك؛ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە بېرىشكە بولمايدۇ.
反洗钱行政主管部门和其他依法负有反洗钱监督管理职责的部门、机构履行反洗钱职责获得的客户身份资料和交易信息,只能用于反洗钱行政调查。
پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە قانۇن بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار، ئاپپاراتلار پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ئېرىشكەن مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا ئۇچۇرى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا دائىر مەمۇرىي تەكشۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ.
司法机关依照本法获得的客户身份资料和交易信息,只能用于反洗钱刑事诉讼。
ئەدلىيە ئورگانلىرى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا ئۇچۇرىنى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش جىنايى دەۋاسىغىلا ئىشلەتسە بولىدۇ.
第六条 履行反洗钱义务的机构及其工作人员依法提交大额交易和可疑交易报告,受法律保护。
6-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى كۆپ سوممىلىق سودا ۋە گۇمانلىق سودا دوكلاتىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
第七条 任何单位和个人发现洗钱活动,有权向反洗钱行政主管部门或者公安机关举报。接受举报的机关应当对举报人和举报内容保密。
7-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس پۇل يۇيۇش ھەرىكىتىنى سەزگەندە، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان پاش قىلغۇچى ۋە پاش قىلىش مەزمۇنىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
第二章 反洗钱监督管理
2-باب پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
第八条 国务院反洗钱行政主管部门组织、协调全国的反洗钱工作,负责反洗钱的资金监测,制定或者会同国务院有关金融监督管理机构制定金融机构反洗钱规章,监督、检查金融机构履行反洗钱义务的情况,在职责范围内调查可疑交易活动,履行法律和国务院规定的有关反洗钱的其他职责。
8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا دائىر مەبلەغنى كۆزىتىپ ئۆلچەشكە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشىغا دائىر قائىدىسىنى چىقىرىدۇ ياكى تەكشۈرىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇلنى يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە گۇمانلىق سودا ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا دائىر باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش.
国务院反洗钱行政主管部门的派出机构在国务院反洗钱行政主管部门的授权范围内,对金融机构履行反洗钱义务的情况进行监督、检查。
گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا ئالدىنى ئېلىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ.
第九条 国务院有关金融监督管理机构参与制定所监督管理的金融机构反洗钱规章,对所监督管理的金融机构提出按照规定建立健全反洗钱内部控制制度的要求,履行法律和国务院规定的有关反洗钱的其他职责。
9-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا بەلگىلىمە بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇندا ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
第十条 国务院反洗钱行政主管部门设立反洗钱信息中心,负责大额交易和可疑交易报告的接收、分析,并按照规定向国务院反洗钱行政主管部门报告分析结果,履行国务院反洗钱行政主管部门规定的其他职责。
10-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇچۇر مەركىزى تەسىس قىلىدۇ، ئۇ كۆپ سوممىلىق سودا ۋە گۇمانلىق سودا دوكلاتىنى قوبۇل قىلىش، تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەھلىل نەتىجىسىنى دوكلات قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا ئالدىنى ئېلىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
第十一条 国务院反洗钱行政主管部门为履行反洗钱资金监测职责,可以从国务院有关部门、机构获取所必需的信息,国务院有关部门、机构应当提供。
11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەبلىغىنى كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ئاپپاراتىدىن زۆرۈر ئۇچۇرلارغا ئېرىشسە بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرى تەمىنلىشى كېرەك.
国务院反洗钱行政主管部门应当向国务院有关部门、机构定期通报反洗钱工作情况。
گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ئاپپاراتىغا پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
第十二条 海关发现个人出入境携带的现金、无记名有价证券超过规定金额的,应当及时向反洗钱行政主管部门通报。
12-ماددا تاموژنا شەخسلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشتا ئېلىۋالغان نەق پۇل، نامسىز ئاكسىيەسىنىڭ بەلگىلەنگەن سوممىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
前款应当通报的金额标准由国务院反洗钱行政主管部门会同海关总署规定。
ئالدىنقى تارماقتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشقا تېگىشلىك سومما ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
第十三条 反洗钱行政主管部门和其他依法负有反洗钱监督管理职责的部门、机构发现涉嫌洗钱犯罪的交易活动,应当及时向侦查机关报告。
13-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە قانۇن بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار، ئاپپاراتلار پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق سودا ھەرىكىتىنى سەزگەندە، تەھقىقلەش ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第十四条 国务院有关金融监督管理机构审批新设金融机构或者金融机构增设分支机构时,应当审查新机构反洗钱内部控制制度的方案;对于不符合本法规定的设立申请,不予批准。
14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى يېڭىدىن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تارماق ئاپپارات قۇرۇشىنى تەستىقلىغاندا، يېڭى ئاپپاراتنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمى لايىھەسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەسىس قىلىش ئىلتىماسى تەستىقلانمايدۇ.
第三章 金融机构反洗钱义务
3-باب پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى
第十五条 金融机构应当依照本法规定建立健全反洗钱内部控制制度,金融机构的负责人应当对反洗钱内部控制制度的有效实施负责。
15-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
金融机构应当设立反洗钱专门机构或者指定内设机构负责反洗钱工作。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەخسۇس ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى ئىچكى ئاپپاراتنى پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ بەلگىلىشى كېرەك.
第十六条 金融机构应当按照规定建立客户身份识别制度。
16-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
金融机构在与客户建立业务关系或者为客户提供规定金额以上的现金汇款、现钞兑换、票据兑付等一次性金融服务时,应当要求客户出示真实有效的身份证件或者其他身份证明文件,进行核对并登记。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مۇئامىلىدار بىلەن كەسپىي مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ياكى مۇئامىلىدارغا بەلگىلەنگەن سوممىدىن يۇقىرى نەق پۇل پېرېۋوت قىلىش، نەق پۇل تېگىشىش، ۋېكسېل نەقلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قېتىملىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلغاندا، مۇئامىلىداردىن ھەقىقىي ۋە كۈچكە ئىگە كىملىك كىنىشكىسى ياكى باشقا سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ سېلىشتۇرۇشى ھەمدە تىزىملىتىشى كېرەك.
客户由他人代理办理业务的,金融机构应当同时对代理人和被代理人的身份证件或者其他身份证明文件进行核对并登记。
مۇئامىلىدارنى كەسىپكە باشقىلار ۋاكالىتەن بېجىرگەن بولسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋاكالەتچى ۋە ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ كىملىك كىنىشكىسى ياكى باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى ھۆججىتىنى بىرلا ۋاقىتتا سېلىشتۇرۇشى ھەمدە تىزىملىتىشى كېرەك.
与客户建立人身保险、信托等业务关系,合同的受益人不是客户本人的,金融机构还应当对受益人的身份证件或者其他身份证明文件进行核对并登记。
خېرىدار بىلەن جىسمانىي سۇغۇرتا، ھاۋالە قاتارلىق كەسىپ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، توختامدىكى مەنپەئەتدار خېرىدارنىڭ ئۆزى بولمىسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مەنپەئەتدارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا سالاھىيەت ئىسپات ھۆججەتلىرىنى سېلىشتۇرۇشى ھەمدە تىزىملىتىشى كېرەك.
金融机构不得为身份不明的客户提供服务或者与其进行交易,不得为客户开立匿名账户或者假名账户。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلسا ياكى ئۇلار بىلەن سودا قىلسا، خېرىدارلارغا نامسىز ھېسابات ياكى ساختا ھېسابات ئېچىپ بەرسە بولمايدۇ.
金融机构对先前获得的客户身份资料的真实性、有效性或者完整性有疑问的,应当重新识别客户身份。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئىلگىرى ئېرىشكەن مۇئامىلىدارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى ياكى مۇكەممەللىكىدە گۇمانى بولسا، مۇئامىلىدارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتىدىن پەرقلەندۈرۈشى كېرەك.
任何单位和个人在与金融机构建立业务关系或者要求金融机构为其提供一次性金融服务时,都应当提供真实有效的身份证件或者其他身份证明文件。
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن كەسپىي مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئۆزىنى بىر قېتىملىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ھەقىقىي ۋە ئۈنۈملۈك كىملىك گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
第十七条 金融机构通过第三方识别客户身份的,应当确保第三方已经采取符合本法要求的客户身份识别措施;第三方未采取符合本法要求的客户身份识别措施的,由该金融机构承担未履行客户身份识别义务的责任。
17-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى 3-تەرەپ ئارقىلىق مۇئامىلىدارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگەن بولسا، 3-تەرەپنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تەدبىرى قوللانغانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ 3-تەرەپ مۇشۇ قانۇندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇئامىلىدارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تەدبىرى قوللانمىسا، شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
第十八条 金融机构进行客户身份识别,认为必要时,可以向公安、工商行政管理等部门核实客户的有关身份信息。
18-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈپ، زۆرۈر تاپقاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلاردىن مۇئامىلىدارلارنىڭ ئالاقىدار سالاھىيەت ئۇچۇرىنى دەلىللىسە بولىدۇ.
第十九条 金融机构应当按照规定建立客户身份资料和交易记录保存制度。
19-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا خاتىرىسىنى ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
在业务关系存续期间,客户身份资料发生变更的,应当及时更新客户身份资料。
كەسپىي مۇناسىۋەت داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالىدا ئۆزگىرىش بولسا، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالىنى ۋاقتىدا يېڭىلاش كېرەك.
客户身份资料在业务关系结束后、客户交易信息在交易结束后,应当至少保存五年。
مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالىنى كەسپىي مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا ئۇچۇرى سودا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاز دېگەندە بەش يىل ساقلاش كېرەك.
金融机构破产和解散时,应当将客户身份资料和客户交易信息移交国务院有关部门指定的机构。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋەيران بولغاندا ۋە تارقىغاندا، مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا ئۇچۇرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بېكىتكەن ئاپپاراتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
第二十条 金融机构应当按照规定执行大额交易和可疑交易报告制度。
20-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە كۆپ سوممىلىق سودا ۋە گۇمانلىق سودىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.
金融机构办理的单笔交易或者在规定期限内的累计交易超过规定金额或者发现可疑交易的,应当及时向反洗钱信息中心报告。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بېجىرگەن يەككە سودىدا ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدىكى جەمئىي سودىدا بەلگىلەنگەن سوممىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى گۇمانلىق سودا بايقالغان بولسا، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇچۇر مەركىزىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
第二十一条 金融机构建立客户身份识别制度、客户身份资料和交易记录保存制度的具体办法,由国务院反洗钱行政主管部门会同国务院有关金融监督管理机构制定。金融机构大额交易和可疑交易报告的具体办法,由国务院反洗钱行政主管部门制定。
21-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تۈزۈمى، مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا خاتىرىسىنى ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىشىنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ سوممىلىق سودىسى ۋە گۇمانلىق سودا دوكلاتىنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.
第二十二条 金融机构应当按照反洗钱预防、监控制度的要求,开展反洗钱培训和宣传工作。
22-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە، پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
第四章 反洗钱调查
4-باب پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى تەكشۈرۈش
第二十三条 国务院反洗钱行政主管部门或者其省一级派出机构发现可疑交易活动,需要调查核实的,可以向金融机构进行调查,金融机构应当予以配合,如实提供有关文件和资料。
23-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ۋاكالەت ئاپپاراتى گۇمانلىق سودا ھەرىكىتىنى بايقاپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ماسلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.
调查可疑交易活动时,调查人员不得少于二人,并出示合法证件和国务院反洗钱行政主管部门或者其省一级派出机构出具的调查通知书。调查人员少于二人或者未出示合法证件和调查通知书的,金融机构有权拒绝调查。
گۇمانلىق سودا ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، تەكشۈرگۈچى خادىم ئىككىدىن كەم بولسا بولمايدۇ ھەمدە قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ۋاكالەت ئاپپاراتى چىقارغان تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى كەم بولسا ياكى قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى ۋە تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسەتمىسە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第二十四条 调查可疑交易活动,可以询问金融机构有关人员,要求其说明情况。
24-ماددا گۇمانلىق سودا پائالىيىتىنى تەكشۈرۈشتە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن ئەھۋال چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
询问应当制作询问笔录。询问笔录应当交被询问人核对。记载有遗漏或者差错的,被询问人可以要求补充或者更正。被询问人确认笔录无误后,应当签名或者盖章;调查人员也应当在笔录上签名。
سوراشتا سوراق خاتىرىسى ئىشلەش كېرەك. سوئال خاتىرىسىنى سورالغۇچىنىڭ سېلىشتۇرۇشىغا تاپشۇرۇش كېرەك. خاتىرىدە چۈشۈپ قالغان ياكى خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا، سورالغۇچى تولۇقلاشنى ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. سورالغۇچى خاتىرىدە خاتالىق يوقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك؛ تەكشۈرگۈچىلەرمۇ خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
第二十五条 调查中需要进一步核查的,经国务院反洗钱行政主管部门或者其省一级派出机构的负责人批准,可以查阅、复制被调查对象的账户信息、交易记录和其他有关资料;对可能被转移、隐藏、篡改或者毁损的文件、资料,可以予以封存。
25-ماددا تەكشۈرۈش داۋامىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ۋاكالەت ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتنىڭ ھېسابات ئۇچۇرى، سودا خاتىرىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە، كۆپەيتىۋېلىشقا بولىدۇ؛ يۆتكەش، يوشۇرۇۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت-ماتېرىياللارنى پېچەتلەپ ساقلاشقا بولىدۇ.
调查人员封存文件、资料,应当会同在场的金融机构工作人员查点清楚,当场开列清单一式二份,由调查人员和在场的金融机构工作人员签名或者盖章,一份交金融机构,一份附卷备查。
تەكشۈرگۈچى خادىملار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى پېچەتلەشتە، نەق مەيداندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، نەق مەيداندا تىزىملىك قەغىزىنى بىر نۇسخا ئىككى نۇسخا چىقىرىپ، تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە شۇ مەيداندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى، بىرىنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشى، يەنە بىرىنى قوشۇمچە ئارخىپ قىلىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.
第二十六条 经调查仍不能排除洗钱嫌疑的,应当立即向有管辖权的侦查机关报案。客户要求将调查所涉及的账户资金转往境外的,经国务院反洗钱行政主管部门负责人批准,可以采取临时冻结措施。
26-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ پۇل يۇيۇش گۇمانىنى تۈگەتكىلى بولمىسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە تەھقىقلەش ئورگىنىغا دەرھال دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك. مۇئامىلىدار تەكشۈرۈشكە چېتىشلىق ھېسابات مەبلىغىنى چېگرا سىرتىغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلسا، گوۋۇيۈەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ۋاقىتلىق توڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدۇ.
侦查机关接到报案后,对已依照前款规定临时冻结的资金,应当及时决定是否继续冻结。侦查机关认为需要继续冻结的,依照刑事诉讼法的规定采取冻结措施;认为不需要继续冻结的,应当立即通知国务院反洗钱行政主管部门,国务院反洗钱行政主管部门应当立即通知金融机构解除冻结。
تەھقىقلەش ئورگىنى دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقىتلىق توڭلىتىلغان مەبلەغنى داۋاملىق توڭلىتىش-توڭلىتىۋەتمەسلىكنى ۋاقتىدا قارار قىلىشى كېرەك. تەھقىقلىگۈچى ئورگان داۋاملىق توڭلىتىش كېرەك دەپ قارىسا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىدۇ؛ داۋاملىق توڭلىتىش ھاجەتسىز دەپ قارىسا، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا توڭلىتىشنى بىكار قىلىشنى دەرھال ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
临时冻结不得超过四十八小时。金融机构在按照国务院反洗钱行政主管部门的要求采取临时冻结措施后四十八小时内,未接到侦查机关继续冻结通知的,应当立即解除冻结。
ۋاقىتلىق توڭلىتىش 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقىتلىق توڭلىتىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىنكى 48 سائەت ئىچىدە، تەھقىقلەش ئورگىنىنىڭ داۋاملىق توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىسا، توڭلىتىشنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك.
第五章 反洗钱国际合作
5-باب پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى
第二十七条 中华人民共和国根据缔结或者参加的国际条约,或者按照平等互惠原则,开展反洗钱国际合作。
27-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ياكى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ.
第二十八条 国务院反洗钱行政主管部门根据国务院授权,代表中国政府与外国政府和有关国际组织开展反洗钱合作,依法与境外反洗钱机构交换与反洗钱有关的信息和资料。
28-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن پۇل يۇيۇشقا قارشى بولۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇپ ئاپپاراتلىرى بىلەن قانۇن بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى ئالماشتۇرىدۇ.
第二十九条 涉及追究洗钱犯罪的司法协助,由司法机关依照有关法律的规定办理。
29-ماددا پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چېتىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئەدلىيە ئورگىنى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ.
第六章 法律责任
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
第三十条 反洗钱行政主管部门和其他依法负有反洗钱监督管理职责的部门、机构从事反洗钱工作的人员有下列行为之一的,依法给予行政处分:
30-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە قانۇن بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار، ئاپپاراتلاردىن پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ :
(一)违反规定进行检查、调查或者采取临时冻结措施的;
( 1 ) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ياكى ۋاقىتلىق توڭلىتىش تەدبىرى قوللانغانلار؛
(二)泄露因反洗钱知悉的国家秘密、商业秘密或者个人隐私的;
( 2 ) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
(三)违反规定对有关机构和人员实施行政处罚的;
( 3 ) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئاپپارات ۋە خادىملارغا مەمۇرىي جازا بەرگەنلەر؛
(四)其他不依法履行职责的行为。
( 4 ) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىشلار.
第三十一条 金融机构有下列行为之一的,由国务院反洗钱行政主管部门或者其授权的设区的市一级以上派出机构责令限期改正;情节严重的,建议有关金融监督管理机构依法责令金融机构对直接负责的董事、高级管理人员和其他直接责任人员给予纪律处分:
31-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋاكالەت ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشكە قانۇن بويىچە بۇيرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ :
(一)未按照规定建立反洗钱内部控制制度的;
( 1 ) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە ئىچكى كونترول تۈزۈمىنى ئورنىتىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(二)未按照规定设立反洗钱专门机构或者指定内设机构负责反洗钱工作的;
( 2 ) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەخسۇس ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى ئىچكى ئاپپاراتنى پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشقا بەلگىلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(三)未按照规定对职工进行反洗钱培训的。
( 3 ) ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
第三十二条 金融机构有下列行为之一的,由国务院反洗钱行政主管部门或者其授权的设区的市一级以上派出机构责令限期改正;情节严重的,处二十万元以上五十万元以下罚款,并对直接负责的董事、高级管理人员和其他直接责任人员,处一万元以上五万元以下罚款:
32-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋاكالەت ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى
(一)未按照规定履行客户身份识别义务的;
( 1 ) خېرىدارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغان بولسا؛
(二)未按照规定保存客户身份资料和交易记录的;
( 2 ) مۇئامىلىدارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا خاتىرىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىمىغان بولسا؛
(三)未按照规定报送大额交易报告或者可疑交易报告的;
( 3 ) كۆپ سوممىلىق سودا دوكلاتى ياكى گۇمانلىق سودا دوكلاتىنى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي يوللىغانلار؛
(四)与身份不明的客户进行交易或者为客户开立匿名账户、假名账户的;
( 4 ) سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان خېرىدار بىلەن سودىلاشقان ياكى خېرىدار ئۈچۈن نامسىز ھېسابات، ساختا ھېسابات ئاچقانلار؛
(五)违反保密规定,泄露有关信息的;
( 5 ) مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
(六)拒绝、阻碍反洗钱检查、调查的;
( 6 ) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛
(七)拒绝提供调查材料或者故意提供虚假材料的。
( 7 ) تەكشۈرۈش ماتېرىيالى بېرىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن ساختا ماتېرىيال بەرگەنلەر.
金融机构有前款行为,致使洗钱后果发生的,处五十万元以上五百万元以下罚款,并对直接负责的董事、高级管理人员和其他直接责任人员处五万元以上五十万元以下罚款;情节特别严重的,反洗钱行政主管部门可以建议有关金融监督管理机构责令停业整顿或者吊销其经营许可证。
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلىپ پۇل يۇيۇش ئاقىۋىتى كېلىپ چىققانلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىنى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.
对有前两款规定情形的金融机构直接负责的董事、高级管理人员和其他直接责任人员,反洗钱行政主管部门可以建议有关金融监督管理机构依法责令金融机构给予纪律处分,或者建议依法取消其任职资格、禁止其从事有关金融行业工作。
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قارىتا، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئىنتىزام جازاسى بېرىشكە قانۇن بويىچە بۇيرۇش تەكلىپى بەرسە ياكى ئۇنىڭ ۋەزىپە سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ تاشلاش، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە كەسپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.
第三十三条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。
33-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
第七章 附则
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
第三十四条 本法所称金融机构,是指依法设立的从事金融业务的政策性银行、商业银行、信用合作社、邮政储汇机构、信托投资公司、证券公司、期货经纪公司、保险公司以及国务院反洗钱行政主管部门确定并公布的从事金融业务的其他机构。
34-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا، سودا بانكىسى، ئىناۋەت كوپىراتىپى، پوچتا ئامانەت-پېرېۋوت ئاپپاراتى، ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچىلىك شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەمدە ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.
第三十五条 应当履行反洗钱义务的特定非金融机构的范围、其履行反洗钱义务和对其监督管理的具体办法,由国务院反洗钱行政主管部门会同国务院有关部门制定。
35-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن باشقا مۇئەييەن ئاپپاراتنىڭ دائىرىسى، ئۇنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇپ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
第三十六条 对涉嫌恐怖活动资金的监控适用本法;其他法律另有规定的,适用其规定。
36-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە چېتىشلىق مەبلەغنى نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشكە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ باشقا قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
第三十七条 本法自2007年1月1日起施行。
37-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.