中华人民共和国国旗法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قانۇنى

(1990年6月28日第七届全国人民代表大会常务委员会第十四次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》修正)

( 1990-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

第一条 为了维护国旗的尊严,增强公民的国家观念,发扬爱国主义精神,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىززىتىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ دۆلەت قارىشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 中华人民共和国国旗是五星红旗。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ‐ ‐ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق.

中华人民共和国国旗按照中国人民政治协商会议第一届全体会议主席团公布的国旗制法说明制作。

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ئېلان قىلغان دۆلەت بايرىقىنى ياساش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئىزاھات بويىچە ياسىلىدۇ.

第三条 中华人民共和国国旗是中华人民共和国的象征和标志。

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسىدۇر.

每个公民和组织,都应当尊重和爱护国旗。

ھەربىر پۇقرا ۋە تەشكىلات دۆلەت بايرىقىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئاسرىشى كېرەك.

第四条 地方各级人民政府对本行政区域内国旗的升挂和使用,实施监督管理。

第四条 地方各级人民政府对本行政区域内国旗的升挂和使用,实施监督管理。

外交部、国务院交通主管部门、中国人民解放军总政治部对各自管辖范围内国旗的升挂和使用,实施监督管理。

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلۈمى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىدۇ-باشقۇرىدۇ.

国旗由省、自治区、直辖市的人民政府指定的企业制作。

دۆلەت بايرىقىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن كارخانىلار ياسايدۇ.

第五条 下列场所或者机构所在地,应当每日升挂国旗:

5-ماددا تۆۋەندىكى سورۇنلاردا ياكى ئاپپاراتلار تۇرۇشلۇق جايلاردا ھەر كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش كېرەك :

(一)北京天安门广场、新华门;

( 1 ) بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى، شىنخۇامېن؛

(二)全国人民代表大会常务委员会,国务院,中央军事委员会,最高人民法院,最高人民检察院;

( 2 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى؛

中国人民政治协商会议全国委员会;

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى؛

(三)外交部;

( 3 ) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى؛

(四)出境入境的机场、港口、火车站和其他边境口岸,边防海防哨所。

( 4 ) چېگرادىن چىقىش-كىرىش ئايرودۇرۇمى، پورتى، ۋوگزالى ۋە باشقا چېگرا پورتلىرى، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى قاراۋۇلخانىلىرى.

第六条 国务院各部门,地方各级人民代表大会常务委员会、人民政府、人民法院、人民检察院,中国人民政治协商会议地方各级委员会,应当在工作日升挂国旗。

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ئىش كۈنلىرىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىشى كېرەك.

全日制学校,除寒假、暑假和星期日外,应当每日升挂国旗。

پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل، يازلىق تەتىل ۋە يەكشەنبىدىن باشقا كۈندە دۆلەت بايرىقى چىقىرىشى كېرەك.

第七条 国庆节、国际劳动节、元旦和春节,各级国家机关和各人民团体应当升挂国旗;企业事业组织,村民委员会、居民委员会,城镇居民院(楼)以及广场、公园等公共活动场所,有条件的可以升挂国旗。

7-ماددا دۆلەت بايرىمى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمىدا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىشى كېرەك؛ كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر-بازار ئاھالە قورۇسى ( بىناسى ) شۇنىڭدەك مەيدان، باغچە قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدىن شارائىتى بارلىرى دۆلەت بايرىقى چىقارسا بولىدۇ.

不以春节为传统节日的少数民族地区,春节是否升挂国旗,由民族自治地方的自治机关规定。

باھار بايرىمى ئەنئەنىۋى بايرام قىلىنمىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا، باھار بايرىمىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش-چىقارماسلىقنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى بەلگىلەيدۇ.

民族自治地方在民族自治地方成立纪念日和主要传统民族节日,可以升挂国旗。

مىللىي ئاپتونوم جايلار مىللىي ئاپتونوم جاي قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنلىرىدە ۋە ئاساسلىق ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام كۈنلىرىدە دۆلەت بايرىقى چىقارسا بولىدۇ.

第八条 举行重大庆祝、纪念活动,大型文化、体育活动,大型展览会,可以升挂国旗。

8-ماددا مۇھىم، زور تەبرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە، چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە، كىچىك تىپتىكى كۆرگەزمىلەردە دۆلەت بايرىقى چىقىرىلسا بولىدۇ.

第九条 外交活动以及国家驻外使馆领馆和其他外交代表机构升挂、使用国旗的办法,由外交部规定。

9-ماددا دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە، شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا ۋە باشقا دىپلوماتىيە ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش ۋە ئىشلىتىش چارىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.

第十条 军事机关、军队营区、军用舰船,按照中央军事委员会的有关规定升挂国旗。

10-ماددا ھەربىي ئورگان، ئارمىيەنىڭ گازارما رايونى، ھەربىي پاراخوت-پاراخوتلار مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت بايرىقى چىقىرىدۇ.

第十一条 民用船舶和进入中国领水的外国船舶升挂国旗的办法,由国务院交通主管部门规定。

11-ماددا پۇقراۋى كېمە-پاراخوتلار ۋە جۇڭگونىڭ سۇ تەۋەلىكىگە كىرگەن چەت ئەل كېمە-پاراخوتلىرىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

公安部门执行边防、治安、消防任务的船舶升挂国旗的办法,由国务院公安部门规定。

جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، ئامانلىق ساقلاش، ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان كېمە-پاراخوتلاردا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第十二条 依照本法第五条、第六条、第七条的规定升挂国旗的,应当早晨升起,傍晚降下。

12-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 5-، 6-، 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغانلار سەھەردە چىقىرىپ، كەچقۇرۇن چۈشۈرۈشى كېرەك.

依照本法规定应当升挂国旗的,遇有恶劣天气,可以不升挂。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش كېرەك بولسا، ھاۋا بەك ناچار كۈنلىرى دۆلەت بايرىقى چىقارمىسىمۇ بولىدۇ.

第十三条 升挂国旗时,可以举行升旗仪式。

13-ماددا دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

举行升旗仪式时,在国旗升起的过程中,参加者应当面向国旗肃立致敬,并可以奏国歌或者唱国歌。

بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش جەريانىدا، قاتناشقۇچىلار دۆلەت بايرىقىغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ھەمدە دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىسا ياكى دۆلەت شېئىرى ئوقۇسا بولىدۇ.

全日制中学小学,除假期外,每周举行一次升旗仪式。

پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەتىلدىن باشقا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

第十四条 下列人士逝世,下半旗志哀:

14-ماددا تۆۋەندىكى زاتلار ۋاپات بولغاندا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ :

(一)中华人民共和国主席、全国人民代表大会常务委员会委员长、国务院总理、中央军事委员会主席;

( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى؛

(二)中国人民政治协商会议全国委员会主席;

( 2 ) جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى؛

(三)对中华人民共和国作出杰出贡献的人;

( 3 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار؛

(四)对世界和平或者人类进步事业作出杰出贡献的人。

( 4 ) دۇنيا تىنچلىقىغا ياكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار.

发生特别重大伤亡的不幸事件或者严重自然灾害造成重大伤亡时,可以下半旗志哀。

پەۋقۇلئاددە زور تالاپەت بەختسىزلىك ۋەقەسى ياكى ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلغاندا، بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلسە بولىدۇ.

依照本条第一款(三)、(四)项和第二款的规定下半旗,由国务院决定。

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقى ( 3 )، ( 4 ) تارماقچىسى ۋە 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈشنى گوۋۇيۈەن قارار قىلىدۇ.

依照本条规定下半旗的日期和场所,由国家成立的治丧机构或者国务院决定。

مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلىدىغان كۈن ۋە ئورۇننى دۆلەت قۇرغان دەپنە ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第十五条 升挂国旗,应当将国旗置于显著的位置。

15-ماددا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا، دۆلەت بايرىقىنى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

列队举持国旗和其他旗帜行进时,国旗应当在其他旗帜之前。

سەپ بولۇپ دۆلەت بايرىقى ۋە باشقا بايراقلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، دۆلەت بايرىقى باشقا بايراقلارنىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك.

国旗与其他旗帜同时升挂时,应当将国旗置于中心、较高或者突出的位置。

دۆلەت بايرىقىنى باشقا بايراقلار بىلەن تەڭ چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرىدا، ئېگىزرەك ياكى گەۋدىلىك ئورۇندا بولۇشى كېرەك.

在外事活动中同时升挂两个以上国家的国旗时,应当按照外交部的规定或者国际惯例升挂。

تاشقى ئىشلار پائالىيىتىدە ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ بايرىقىنى تەڭ چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى خەلقئارا ئادەت بويىچە چىقىرىش كېرەك.

第十六条 在直立的旗杆上升降国旗,应当徐徐升降。升起时,必须将国旗升至杆顶;降下时,不得使国旗落地。

16-ماددا دۆلەت بايرىقىنى تىك بايراق خادىسىغا ئاستا-ئاستا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا چۈشۈرۈش كېرەك. بايراق چىقارغاندا، جەزمەن دۆلەت بايرىقىنى خادىنىڭ ئۇچىغىچە چىقىرىش كېرەك؛ چۈشۈرگەندە دۆلەت بايرىقىنى يەرگە تەگكۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

下半旗时,应当先将国旗升至杆顶,然后降至旗顶与杆顶之间的距离为旗杆全长的三分之一处;降下时,应当先将国旗升至杆顶,然后再降下。

بايراقنى يېرىم چۈشۈرگەندە، ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى خادىنىڭ ئۇچىغىچە چىقىرىپ، ئاندىن بايراقنىڭ ئۈستى تەرىپى بىلەن خادا ئۇچىنىڭ ئارىلىقى بايراق خادىسى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان يېرىگىچە چۈشۈرۈش كېرەك؛ چۈشۈرگەندە، ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى خادىنىڭ ئۇچىغىچە چىقىرىپ، ئاندىن چۈشۈرۈش كېرەك.

第十七条 不得升挂破损、污损、褪色或者不合规格的国旗。

17-ماددا يىرتىلىپ كەتكەن، كىرلىشىپ كەتكەن، ئۆڭۈپ كەتكەن ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第十八条 国旗及其图案不得用作商标和广告,不得用于私人丧事活动。

18-ماددا دۆلەت بايرىقىنى ۋە ئۇنىڭ نۇسخىسىنى تاۋار ماركىسى ۋە ئېلاندا ئىشلىتىشكە، شەخسىي دەپنە ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

第十九条 在公共场合故意以焚烧、毁损、涂划、玷污、践踏等方式侮辱中华人民共和国国旗的,依法追究刑事责任;情节较轻的,由公安机关处以十五日以下拘留。

19-ماددا ئاممىۋى سورۇنلاردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا قەستەن كۆيدۈرۈش، بۇزۇۋېتىش، جىجىۋېتىش، بۇلغىۋېتىش، دەسسەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھاقارەت كەلتۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.

第二十条 本法自1990年10月1日起施行。

بۇ قانۇن 1990-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

附:国旗制法说明

قوشۇمچە:دۆلەت بايرىقىنى ياساش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزاھات

(1949年9月28日中国人民政治协商会议第一届全体会议主席团公布)

( 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ئېلان قىلغان )

国旗的形状、颜色两面相同,旗上五星两面相对。为便利计,本件仅以旗杆在左之一面为说明之标准。对于旗杆在右之一面,凡本件所称左均应改右,所称右均应改左。

دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ، بايراقنىڭ ئىككى يۈزىدىكى بەش يۇلتۇز بىر-بىرىگە ئۇدۇل كېلىدۇ. ھېسابلاشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ھۆججەتتە پەقەت بايراق خادىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى تەرىپىلا چۈشەندۈرۈش ئۆلچىمى قىلىندى. بايراق خادىسى ئوڭ تەرەپتە تۇرغان مەزگىلدە، بۇ ھۆججەتتە سول دېيىلگەن بولسا ئوڭغا، ئوڭ دېيىلگەن بولسا سولغا ئۆزگەرتىش كېرەك.

(一)旗面为红色,长方形,其长与高为三与二之比,旗面左上方缀黄色五角星五颗。一星较大,其外接圆直径为旗高十分之三,居左;四星较小,其外接圆直径为旗高十分之一,环拱于大星之右。旗杆套为白色。

( 1 ) بايراق يۈزى قىزىل، تىك تۆت تەرەپلىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئېگىزلىكى 3:2 نىسبەت بويىچە بولىدۇ، بايراق يۈزىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا سېرىق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزدىن بەشى تىكىلىدۇ. بىر يۇلتۇز چوڭراق بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتتىن ئۇلانغان چەمبىرىنىڭ دىيامېتىرى بايراق ئېگىزلىكىنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇ سول تەرەپتە تۇرىدۇ؛ تۆت يۇلتۇزنىڭ دىيامېتىرى كىچىكرەك بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتتىن ئۇلانغان چەمبىرىنىڭ دىيامېتىرى بايراق ئېگىزلىكىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇلار چوڭ يۇلتۇزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ياي شەكلىدە جايلاشتۇرۇلىدۇ. بايراق خادىسىنىڭ قېپى ئاق.

(二)五星之位置与画法如下:

( 2 ) بەش يۇلتۇزنىڭ ئورنى ۋە سىزىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :

甲、为便于确定五星之位置,先将旗面对分为四个相等的长方形,将左上方之长方形上下划为十等分,左右划为十五等分。

A.بەش يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بايراق يۈزى ئۆزئارا تەڭ تۆت تىك تۆت بۇلۇڭ قىلىپ بۆلۈنىدۇ، سول تەرەپنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ ئۈستى-ئاستىغا 10 تەڭ دەرىجە، ئوڭ-سولغا 15 تەڭ دەرىجە قىلىپ ئايرىلىدۇ.

乙、大五角星的中心点,在该长方形上五下五、左五右十之处。其画法为:以此点为圆心,以三等分为半径作一圆。在此圆周上,定出五个等距离的点,其一点须位于圆之正上方。然后将此五点中各相隔的两点相联,使各成一直线。此五直线所构成之外轮廓线,即为所需之大五角星。五角星之一个角尖正向上方。

B.چوڭ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى شۇ تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ يۇقىرىدىن 5-، تۆۋەندىن 5-، سولدىن 5-، ئوڭدىن 10-يەرلىرىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ سىزىش ئۇسۇلى:بۇ نۇقتا چەمبەر مەركىزى قىلىنىپ، ئۈچ تەڭ بۆلەك رادىئۇسى قىلىنىپ بىر چەمبەر سىزىلىدۇ. بۇ چەمبەر ئەتراپىغا تەڭ ئارىلىقتا بەش نۇقتا بېكىتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىر نۇقتىسى چوقۇم چەمبەرنىڭ دەل ئۈستى تەرىپىدە بولۇشى كېرەك. ئاندىن مۇشۇ بەش نۇقتا ئىچىدىكى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەربىرىنى بىر تۈز سىزىق ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بەش تۈز سىزىقتىن ھاسىل بولغان تاشقى دائىرە سىزىقى دەل ئېھتىياجلىق بولغان چوڭ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ بىر بۇرجىكى ئۈستى تەرەپكە قارىتىلغان.

丙、四颗小五角星的中心点,第一点在该长方形上二下八、左十右五之处,第二点在上四下六、左十二右三之处,第三点在上七下三、左十二右三之处,第四点在上九下一、左十右五之处。其画法为:以以上四点为圆心,各以一等分为半径,分别作四个圆。在每个圆上各定出五个等距离的点,其中均须各有一点位于大五角星中心点与以上四个圆心的各联结线上。然后用构成大五角星的同样方法,构成小五角星。此四颗小五角星均各有一个角尖正对大五角星的中心点。

C.تۆت كىچىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى، 1-نۇقتىسى شۇ تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ يۇقىرىدىن 2-بۆلەك 8-بۆلىكى، سولدىن 10-بۆلىكى، ئوڭدىن 5-بۆلىكىنىڭ كېسىشكەن يېرى، 2-نۇقتىسى يۇقىرىدىن 4-بۆلەك، تۆۋەندىن 6-بۆلەك، سولدىن 12-بۆلەك، ئوڭدىن 3-بۆلىكىنىڭ يېرىملەشكەن يېرى، 3-نۇقتىسى يۇقىرىدىن 7-بۆلەك، تۆۋەندىن 3-بۆلەك، زودىن 12-قىسىم، سولدىن 3-بۆلەكنىڭ كېسىشكەن يېرى بولىدۇ. 4-نۇقتا ئالدىنقى توققۇز نۇقتىنىڭ بىرى، سولدىن 10 ى، ئوڭدىن 5 ى بار. ئۇنىڭ سىزىلىش ئۇسۇلى:يۇقىرىقى تۆت نۇقتا چەمبەر مەركىزى قىلىنىپ، ھەربىرى بىرىنچى دەرىجىدىن رادىئۇسقا ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت چەمبەر سىزىلىدۇ. ھەربىر چەمبەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن تەڭ ئارىلىقتا بەشتىن نۇقتا بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەرقايسىسىدىن بىر نۇقتا چوڭ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بىلەن يۇقىرىقى تۆت چەمبەر مەركىزىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ تۇتاشقان سىزىقىغا جايلاشقان بولۇشى كېرەك. ئاندىن چوڭ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنى ھاسىل قىلىشتەك ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق، كىچىك بەش بۇرجەكلۈك يۇلتۇزنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ تۆت كىچىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ بىردىن مۈڭگۈزى چوڭ بەش بۇرجەكلۈك يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئۇدۇل كېلىدۇ.

(三)国旗之通用尺度定为如下五种,各界酌情选用:

( 3 ) دۆلەت بايرىقىنىڭ ھەممىباب ئۆلچىمى مۇنداق بەش خىل بولىدۇ، ھەر ساھەدىكىلەر ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ :

甲、长288公分,高192公分。

ئا.ئۇزۇنلۇقى 288 cm، ئېگىزلىكى 192 cm.

乙、长240公分,高160公分。

B.ئۇزۇنلۇقى 240 cm، ئېگىزلىكى 160 cm.

丙、长192公分,高128公分。

س.ئۇزۇنلۇقى 192 cm، ئېگىزلىكى 128 cm.

丁、长144公分,高96公分。

دىڭ.ئۇزۇنلۇقى 144 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 96 سانتىمېتىر.

戊、长96公分,高64公分。

E.ئۇزۇنلۇقى 96 cm، ئېگىزلىكى 64 cm.

国旗制法图案

دۆلەت بايرىقىنى ياساش نۇسخىسى