中华人民共和国国防动员法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى

(2010年2月26日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十三次会议通过)

( 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 组织领导机构及其职权

2-باب تەشكىلىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى

第三章 国防动员计划、实施预案与潜力统计调查

3-باب دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى، يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يوشۇرۇن كۈچنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش

第四章 与国防密切相关的建设项目和重要产品

4-باب دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلار

第五章 预备役人员的储备与征召

5-باب زاپاس خادىملارنى زاپاس ساقلاش ۋە چاقىرىش

第六章 战略物资储备与调用

6-باب ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش

第七章 军品科研、生产与维修保障

7-باب ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېمونت قىلىش كاپالىتى

第八章 战争灾害的预防与救助

8-باب ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش

第九章 国防勤务

9-باب دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسى

第十章 民用资源征用与补偿

10-باب پۇقراۋى بايلىقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە تولۇقلاش

第十一章 宣传教育

11-باب تەشۋىق-تەربىيە

第十二章 特别措施

12-باب ئالاھىدە تەدبىر

第十三章 法律责任

13-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第十四章 附则

14-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了加强国防建设,完善国防动员制度,保障国防动员工作的顺利进行,维护国家的主权、统一、领土完整和安全,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 国防动员的准备、实施以及相关活动,适用本法。

2-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ تەييارلىقى، يولغا قويۇلۇشى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 国家加强国防动员建设,建立健全与国防安全需要相适应、与经济社会发展相协调、与突发事件应急机制相衔接的国防动员体系,增强国防动员能力。

3-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشقان، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى بىلەن جىپسىلاشقان دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

第四条 国防动员坚持平战结合、军民结合、寓军于民的方针,遵循统一领导、全民参与、长期准备、重点建设、统筹兼顾、有序高效的原则。

4-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى تىنچلىق مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيەنى خەلققە سىڭدۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرۈش، نۇقتىلىق قۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ.

第五条 公民和组织在和平时期应当依法完成国防动员准备工作;国家决定实施国防动员后,应当完成规定的国防动员任务。

5-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار تىنچلىق مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەييارلىق خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئورۇندىشى كېرەك؛ دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك.

第六条 国家保障国防动员所需经费。国防动员经费按照事权划分的原则,分别列入中央和地方财政预算。

6-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىگە كېرەكلىك خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىراجىتى ئىش ھوقۇقىغا ئايرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ خامچوتىغا ئايرىم-ئايرىم كىرگۈزۈلىدۇ.

第七条 国家对在国防动员工作中作出突出贡献的公民和组织,给予表彰和奖励。

7-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

第二章 组织领导机构及其职权

2-باب تەشكىلىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى

第八条 国家的主权、统一、领土完整和安全遭受威胁时,全国人民代表大会常务委员会依照宪法和有关法律的规定,决定全国总动员或者局部动员。国家主席根据全国人民代表大会常务委员会的决定,发布动员令。

8-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىدۇ. دۆلەت رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ.

第九条 国务院、中央军事委员会共同领导全国的国防动员工作,制定国防动员工作的方针、政策和法规,向全国人民代表大会常务委员会提出实施全国总动员或者局部动员的议案,根据全国人民代表大会常务委员会的决定和国家主席发布的动员令,组织国防动员的实施。

9-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە دۆلەت رەئىسى چىقارغان سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە ئورتاق رەھبەرلىك قىلىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا دائىر فاڭجېن، سىياسەت ۋە نىزاملارنى چىقىرىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەپسىلىي كومىتېتىغا مەملىكەتلىك ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىكنى يولغا قويۇش تەكلىپى بېرىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەشكىللەش.

国家的主权、统一、领土完整和安全遭受直接威胁必须立即采取应对措施时,国务院、中央军事委员会可以根据应急处置的需要,采取本法规定的必要的国防动员措施,同时向全国人民代表大会常务委员会报告。

دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچراپ دەرھال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش شەرت بولغاندا، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن زۆرۈر دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەدبىرىنى قوللانسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ.

第十条 地方人民政府应当贯彻和执行国防动员工作的方针、政策和法律、法规;国家决定实施国防动员后,应当根据上级下达的国防动员任务,组织本行政区域国防动员的实施。

10-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن-سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى چۈشۈرگەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوندا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەزلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەشكىللىشى كېرەك.

县级以上地方人民政府依照法律规定的权限管理本行政区域的国防动员工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە باشقۇرىدۇ.

第十一条 县级以上人民政府有关部门和军队有关部门在各自的职责范围内,负责有关的国防动员工作。

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第十二条 国家国防动员委员会在国务院、中央军事委员会的领导下负责组织、指导、协调全国的国防动员工作;按照规定的权限和程序议定的事项,由国务院和中央军事委员会的有关部门按照各自职责分工组织实施。军区国防动员委员会、县级以上地方各级国防动员委员会负责组织、指导、协调本区域的国防动员工作。

12-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە كېلىشكەن ئىشلارنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ھەربىي رايون دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتلىرى ئۆز رايونىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

第十三条 国防动员委员会的办事机构承担本级国防动员委员会的日常工作,依法履行有关的国防动员职责。

13-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

第十四条 国家的主权、统一、领土完整和安全遭受的威胁消除后,应当按照决定实施国防动员的权限和程序解除国防动员的实施措施。

14-ماددا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى تەھدىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەلىكىنىڭ يولغا قويۇش تەدبىرىنى بىكار قىلىش كېرەك.

第三章 国防动员计划、实施预案与潜力统计调查

3-باب دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى، يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يوشۇرۇن كۈچنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش

第十五条 国家实行国防动员计划、国防动员实施预案和国防动员潜力统计调查制度。

15-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەنچىلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第十六条 国防动员计划和国防动员实施预案,根据国防动员的方针和原则、国防动员潜力状况和军事需求编制。军事需求由军队有关部门按照规定的权限和程序提出。

16-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەلىكىنىڭ فاڭجېنى ۋە پىرىنسىپى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچى ئەھۋالى ۋە ھەربىي ئېھتىياجغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ. ھەربىي ئېھتىياجنى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

国防动员实施预案与突发事件应急处置预案应当在指挥、力量使用、信息和保障等方面相互衔接。

دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسى بىلەن تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى قوماندانلىق قىلىش، كۈچ ئىشلىتىش، ئۇچۇر ۋە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

第十七条 各级国防动员计划和国防动员实施预案的编制和审批,按照国家有关规定执行。

17-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلاش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

第十八条 县级以上人民政府应当将国防动员的相关内容纳入国民经济和社会发展计划。军队有关部门应当将国防动员实施预案纳入战备计划。

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئۇرۇش تەييارلىقى پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

县级以上人民政府及其有关部门和军队有关部门应当按照职责落实国防动员计划和国防动员实施预案。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

第十九条 县级以上人民政府统计机构和有关部门应当根据国防动员的需要,准确及时地向本级国防动员委员会的办事机构提供有关统计资料。提供的统计资料不能满足需要时,国防动员委员会办事机构可以依据《中华人民共和国统计法》和国家有关规定组织开展国防动员潜力专项统计调查。

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاپپاراتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچى ئاپپاراتىنى مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى بىلەن توغرا، ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك. تەمىنلىگەن ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنى»ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى مەخسۇس ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第二十条 国家建立国防动员计划和国防动员实施预案执行情况的评估检查制度。

20-ماددا دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

第四章 与国防密切相关的建设项目和重要产品

4-باب دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلار

第二十一条 根据国防动员的需要,与国防密切相关的建设项目和重要产品应当贯彻国防要求,具备国防功能。

21-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلاردا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك.

第二十二条 与国防密切相关的建设项目和重要产品目录,由国务院经济发展综合管理部门会同国务院其他有关部门以及军队有关部门拟定,报国务院、中央军事委员会批准。

22-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، شۇنىڭدەك ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەستىقلىتىدۇ.

列入目录的建设项目和重要产品,其军事需求由军队有关部门提出;建设项目审批、核准和重要产品设计定型时,县级以上人民政府有关主管部门应当按照规定征求军队有关部门的意见。

مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارغا بولغان ھەربىي ئېھتىياجنى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش، تەستىقلاش ۋە مۇھىم مەھسۇلات لايىھەسىنى بېكىتىشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

第二十三条 列入目录的建设项目和重要产品,应当依照有关法律、行政法规和贯彻国防要求的技术规范和标准进行设计、生产、施工、监理和验收,保证建设项目和重要产品的质量。

23-ماددا مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

第二十四条 企业事业单位投资或者参与投资列入目录的建设项目建设或者重要产品研究、开发、制造的,依照有关法律、行政法规和国家有关规定,享受补贴或者其他政策优惠。

24-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن مەبلەغ سالغان ياكى مەبلەغ سېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش تۈرى قۇرۇلۇشىغا ياكى مۇھىم مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش، ياساشقا قاتناشقانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل ياكى باشقا سىياسەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第二十五条 县级以上人民政府应当对列入目录的建设项目和重要产品贯彻国防要求工作给予指导和政策扶持,有关部门应当按照职责做好有关的管理工作。

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە سىياسەت مەدىتى بېرىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第五章 预备役人员的储备与征召

5-باب زاپاس خادىملارنى زاپاس ساقلاش ۋە چاقىرىش

第二十六条 国家实行预备役人员储备制度。

26-ماددا دۆلەت زاپاس خادىملارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

国家根据国防动员的需要,按照规模适度、结构科学、布局合理的原则,储备所需的预备役人员。

دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، كۆلىمى مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسى ئىلمىي، جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، زاپاس خادىملارنى زاپاس تەييارلايدۇ.

国务院、中央军事委员会根据国防动员的需要,决定预备役人员储备的规模、种类和方式。

گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زاپاس خادىملار زاپىسىنىڭ كۆلىمى، تۈرى ۋە ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.

第二十七条 预备役人员按照专业对口、便于动员的原则,采取预编到现役部队、编入预备役部队、编入民兵组织或者其他形式进行储备。

27-ماددا زاپاس خادىملار كەسىپكە توغرا كېلىش، سەپەرۋەر قىلىشقا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئالدىن ھەربىي سەپكە تەشكىللەش، زاپاس قىسىمغا كىرگۈزۈش، خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق زاپاس تەييارلايدۇ.

国家根据国防动员的需要,建立预备役专业技术兵员储备区。

دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زاپاس كەسپىي تېخنىكىلىق ئەسكەرلەر زاپاس رايونى قۇرىدۇ.

国家为预备役人员训练、储备提供条件和保障。预备役人员应当依法参加训练。

دۆلەت زاپاس خادىملارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە زاپاس تەييارلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. زاپاس خادىملار قانۇن بويىچە مەشىققە قاتنىشىشى كېرەك.

第二十八条 县级以上地方人民政府兵役机关负责组织实施本行政区域预备役人员的储备工作。县级以上地方人民政府有关部门、预备役人员所在乡(镇)人民政府、街道办事处或者企业事业单位,应当协助兵役机关做好预备役人员储备的有关工作。

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ زاپاس خادىملىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، زاپاس خادىملىرى تۇرۇشلۇق يېزىلىق ( بازارلىق ) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ زاپاس خادىملارنى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第二十九条 预编到现役部队和编入预备役部队的预备役人员、预定征召的其他预备役人员,离开预备役登记地一个月以上的,应当向其预备役登记的兵役机关报告。

29-ماددا رەسمىي ھەربىي قىسىمغا ۋە زاپاس قىسىمغا ئالدىن تەشكىللەنگەن زاپاس خادىملار، چاقىرىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن باشقا زاپاس خادىملاردىن زاپاس ھەربىيلەر تىزىملانغان جايدىن ئايرىلغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان بولسا، ئۇلارنىڭ زاپاس ھەربىيلىكىنى تىزىملاتقان ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

第三十条 国家决定实施国防动员后,县级人民政府兵役机关应当根据上级的命令,迅速向被征召的预备役人员下达征召通知。

30-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، چاقىرىلغان زاپاس ھەربىيلەرگە تېزدىن چاقىرىق ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈشى كېرەك.

接到征召通知的预备役人员应当按照通知要求,到指定地点报到。

چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان زاپاس خادىملار ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

第三十一条 被征召的预备役人员所在单位应当协助兵役机关做好预备役人员的征召工作。

31-ماددا چاقىرىلغان زاپاس خادىملار تۇرۇشلۇق ئورۇن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ زاپاس خادىملارنى چاقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

从事交通运输的单位和个人,应当优先运送被征召的预备役人员。

قاتناش-تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر چاقىرىلغان زاپاس خادىملارنى ئاۋۋال توشۇشى كېرەك.

第三十二条 国家决定实施国防动员后,预定征召的预备役人员,未经其预备役登记地的县级人民政府兵役机关批准,不得离开预备役登记地;已经离开预备役登记地的,接到兵役机关通知后,应当立即返回或者到指定地点报到。

32-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، چاقىرىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن زاپاس خادىملار زاپاس ھەربىيلىكنى تىزىملاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، زاپاس ھەربىيلەر تىزىملاتقان جايدىن ئايرىلسا بولمايدۇ؛ زاپاس ھەربىيلەر تىزىملىتىلغان جايدىن ئايرىلغان بولسا، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال قايتىشى ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

第六章 战略物资储备与调用

6-باب ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش

第三十三条 国家实行适应国防动员需要的战略物资储备和调用制度。

33-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

战略物资储备由国务院有关主管部门组织实施。

ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيا زاپىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第三十四条 承担战略物资储备任务的单位,应当按照国家有关规定和标准对储备物资进行保管和维护,定期调整更换,保证储备物资的使用效能和安全。

34-ماددا ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار زاپاس ماددىي ئەشيالارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ساقلىشى ۋە ئاسرىشى، قەرەللىك تەڭشەپ ئالماشتۇرۇشى، زاپاس ماددىي ئەشيالارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

国家按照有关规定对承担战略物资储备任务的单位给予补贴。

دۆلەت ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ.

第三十五条 战略物资按照国家有关规定调用。国家决定实施国防动员后,战略物资的调用由国务院和中央军事委员会批准。

35-ماددا ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە يۆتكەپ ئىشلىتىش كېرەك. دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەستىقلىغان.

第三十六条 国防动员所需的其他物资的储备和调用,依照有关法律、行政法规的规定执行。

36-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىگە كېرەكلىك باشقا ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第七章 军品科研、生产与维修保障

7-باب ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېمونت قىلىش كاپالىتى

第三十七条 国家建立军品科研、生产和维修保障动员体系,根据战时军队订货和装备保障的需要,储备军品科研、生产和维修保障能力。

37-ماددا دۆلەت ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېمونت قىلىش كاپالىتى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئارمىيەنىڭ مال زاكاز قىلىش ۋە قورال-جابدۇق كاپالىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، ھەربىي بۇيۇملارنى پەن-تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش-رېمونت قىلىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى زاپاس ساقلايدۇ.

本法所称军品,是指用于军事目的的装备、物资以及专用生产设备、器材等。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھەربىي بۇيۇم ھەربىي مەقسەتكە ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق، ماددىي ئەشيا، شۇنىڭدەك مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئۈسكۈنە، جابدۇق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

第三十八条 军品科研、生产和维修保障能力储备的种类、布局和规模,由国务院有关主管部门会同军队有关部门提出方案,报国务院、中央军事委员会批准后组织实施。

38-ماددا ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېمونت قىلىش كاپالىتى ئىقتىدار زاپىسىنىڭ تۈرى، جايلىشىشى ۋە كۆلىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第三十九条 承担转产、扩大生产军品和维修保障任务的单位,应当根据所担负的国防动员任务,储备所需的设备、材料、配套产品、技术,建立所需的专业技术队伍,制定和完善预案与措施。

39-ماددا ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، كېڭەيتىش ۋە رېمونت كاپالىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ئۈستىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، كېرەكلىك ئۈسكۈنە، ماتېرىيال، يانداش مەھسۇلات، تېخنىكىنى زاپاس ساقلىشى، ئېھتىياجلىق كەسپىي تېخنىكا قوشۇنى قۇرۇشى، لايىھە ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

第四十条 各级人民政府应当支持和帮助承担转产、扩大生产军品任务的单位开发和应用先进的军民两用技术,推广军民通用的技术标准,提高转产、扩大生产军品的综合保障能力。

40-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەربىي بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ ئارمىيە ۋە خەلق تەڭ ئىشلىتىدىغان ئىلغار تېخنىكىنى يارىتىشى ۋە قوللىنىشىغا مەدەت بېرىشى، ياردەم بېرىشى، ئارمىيە ۋە خەلق ئورتاق قوللىنىدىغان تېخنىكا ئۆلچىمىنى كېڭەيتىشى، ھەربىي بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

国务院有关主管部门应当对重大的跨地区、跨行业的转产、扩大生产军品任务的实施进行协调,并给予支持。

گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى رايون ھالقىغان، كەسىپ ھالقىغان مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىش، ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشنى ماسلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

第四十一条 国家决定实施国防动员后,承担转产、扩大生产军品任务的单位,应当按照国家军事订货合同和转产、扩大生产的要求,组织军品科研、生产,保证军品质量,按时交付订货,协助军队完成维修保障任务。为转产、扩大生产军品提供能源、材料、设备和配套产品的单位,应当优先满足转产、扩大生产军品的需要。

41-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ھەربىي مال زاكاز قىلىش توختامى ۋە مەھسۇلاتنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش تەلىپى بويىچە، ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ، ھەربىي بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، زاكاز قىلىنغان مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ رېمونت كاپالىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك. ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە، ماتېرىيال، ئۈسكۈنە ۋە يانداش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلار ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى ئاۋۋال قاندۇرۇشى كېرەك.

国家对因承担转产、扩大生产军品任务造成直接经济损失的单位给予补偿。

دۆلەت ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان سالغان ئورۇنلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ.

第八章 战争灾害的预防与救助

8-باب ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش

第四十二条 国家实行战争灾害的预防与救助制度,保护人民生命和财产安全,保障国防动员潜力和持续动员能力。

42-ماددا دۆلەت ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچى ۋە سىجىل سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第四十三条 国家建立军事、经济、社会目标和首脑机关分级防护制度。分级防护标准由国务院、中央军事委员会规定。

43-ماددا دۆلەت ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي نىشان ۋە باش ئورگان دەرىجىگە ئايرىپ مۇداپىئەلىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. دەرىجىگە ئايرىپ مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

军事、经济、社会目标和首脑机关的防护工作,由县级以上人民政府会同有关军事机关共同组织实施。

ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي نىشان ۋە باش ئورگاننى قوغداش خىزمىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第四十四条 承担军事、经济、社会目标和首脑机关防护任务的单位,应当制定防护计划和抢险抢修预案,组织防护演练,落实防护措施,提高综合防护效能。

44-ماددا ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي نىشان ۋە باش ئورگاننىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار مۇداپىئەلىنىش پىلانى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرىغا تەشكىللىشى، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第四十五条 国家建立平战结合的医疗卫生救护体系。国家决定实施国防动员后,动员医疗卫生人员、调用药品器材和设备设施,保障战时医疗救护和卫生防疫。

45-ماددا دۆلەت ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش-قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دورا، ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى داۋالاش-قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第四十六条 国家决定实施国防动员后,人员、物资的疏散和隐蔽,在本行政区域进行的,由本级人民政府决定并组织实施;跨行政区域进行的,由相关行政区域共同的上一级人民政府决定并组织实施。

46-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە يوشۇرۇشنى شۇ مەمۇرىي رايوندا ئېلىپ بېرىشنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛ مەمۇرىي رايون ھالقىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايونلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

承担人员、物资疏散和隐蔽任务的单位,应当按照有关人民政府的决定,在规定时间内完成疏散和隐蔽任务。

خادىملارنى، ماددىي ئەشيالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە يوشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بويىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تارقاقلاشتۇرۇش ۋە يېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك.

第四十七条 战争灾害发生时,当地人民政府应当迅速启动应急救助机制,组织力量抢救伤员、安置灾民、保护财产,尽快消除战争灾害后果,恢复正常生产生活秩序。

47-ماددا ئۇرۇش ئاپىتى يۈزبەرگەندە، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى تېزدىن قوزغىتىپ، كۈچ تەشكىللەپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مال-مۈلكىنى قوغداپ، ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى تېزدىن تۈگىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

遭受战争灾害的人员和组织应当及时采取自救、互救措施,减少战争灾害造成的损失。

ئۇرۇش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ۋە تەشكىلاتلار ۋاقتىدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇرۇش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئازايتىشى كېرەك.

第九章 国防勤务

9-باب دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسى

第四十八条 国家决定实施国防动员后,县级以上人民政府根据国防动员实施的需要,可以动员符合本法规定条件的公民和组织担负国防勤务。

48-ماددا دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەلىكىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلسا بولىدۇ.

本法所称国防勤务,是指支援保障军队作战、承担预防与救助战争灾害以及协助维护社会秩序的任务。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، شۇنىڭدەك جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

第四十九条 十八周岁至六十周岁的男性公民和十八周岁至五十五周岁的女性公民,应当担负国防勤务;但有下列情形之一的,免予担负国防勤务:

49-ماددا 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەر پۇقرالار ۋە 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئايال پۇقرالار دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ :

(一)在托儿所、幼儿园和孤儿院、养老院、残疾人康复机构、救助站等社会福利机构从事管理和服务工作的公民;

( 1 ) يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە يېتىم بالىلار دوختۇرخانىسى، ساناتورىيە، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پونكىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالار؛

(二)从事义务教育阶段学校教学、管理和服务工作的公民;

( 2 ) مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالار؛

(三)怀孕和在哺乳期内的女性公民;

( 3 ) ھامىلىدار بولغان ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال پۇقرالار؛

(四)患病无法担负国防勤务的公民;

( 4 ) كېسەل بولۇپ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان پۇقرالار؛

(五)丧失劳动能力的公民;

( 5 ) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان پۇقرالار؛

(六)在联合国等政府间国际组织任职的公民;

( 6 ) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پۇقرالار؛

(七)其他经县级以上人民政府决定免予担负国防勤务的公民。

( 7 ) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلغان باشقا پۇقرالار.

有特殊专长的专业技术人员担负特定的国防勤务,不受前款规定的年龄限制。

ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى مۇئەييەن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

第五十条 被确定担负国防勤务的人员,应当服从指挥、履行职责、遵守纪律、保守秘密。担负国防勤务的人员所在单位应当给予支持和协助。

50-ماددا دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى بېكىتىلگەن خادىملار قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خادىملار تۇرۇشلۇق ئورۇن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

第五十一条 交通运输、邮政、电信、医药卫生、食品和粮食供应、工程建筑、能源化工、大型水利设施、民用核设施、新闻媒体、国防科研生产和市政设施保障等单位,应当依法担负国防勤务。

51-ماددا قاتناش-تىرانسپورت، پوچتا، تېلېگراف، تېببىي دورا-ساقلىق ساقلاش، يېمەكلىك ۋە ئاشلىق تەمىناتى، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى، چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق ئەسلىھەسى، پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسى، ئاخبارات تاراتقۇسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

前款规定的单位平时应当按照专业对口、人员精干、应急有效的原则组建专业保障队伍,组织训练、演练,提高完成国防勤务的能力。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئورۇنلار ئادەتتە كەسپى توغرا بولۇش، خادىملىرى قابىل بولۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە كەسپىي كاپالەت قوشۇنى قۇرۇپ، مەشىق ۋە مانېۋىرغا تەشكىللەپ، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第五十二条 公民和组织担负国防勤务,由县级以上人民政府负责组织。

52-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەيدۇ.

担负预防与救助战争灾害、协助维护社会秩序勤务的公民和专业保障队伍,由当地人民政府指挥,并提供勤务和生活保障;跨行政区域执行勤务的,由相关行政区域的县级以上地方人民政府组织落实相关保障。

ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پۇقرالار ۋە كەسپىي كاپالەت قوشۇنىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قوماندانلىق قىلىدۇ ھەمدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ۋە تۇرمۇش كاپالىتى بېرىدۇ؛ مەمۇرىي رايون ھالقىغان ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك كاپالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.

担负支援保障军队作战勤务的公民和专业保障队伍,由军事机关指挥,伴随部队行动的由所在部队提供勤务和生活保障;其他的由当地人民政府提供勤务和生活保障。

ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش لاۋازىمىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان پۇقرالار ۋە كەسپىي كاپالەت قوشۇنىغا ھەربىي ئورگان قوماندانلىق قىلىدۇ، قىسىمنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ماڭغانلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىم لاۋازىملىق قىلىدۇ ۋە تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ باشقىلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ۋە تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第五十三条 担负国防勤务的人员在执行勤务期间,继续享有原工作单位的工资、津贴和其他福利待遇;没有工作单位的,由当地县级人民政府参照民兵执行战备勤务的补贴标准给予补贴;因执行国防勤务伤亡的,由当地县级人民政府依照《军人抚恤优待条例》等有关规定给予抚恤优待。

53-ماددا دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خادىملار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىنىڭ مائاش، قوشۇمچە پۇلى ۋە باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ؛ خىزمەت ئورنى بولمىسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ ياردەم پۇلى بېرىدۇ؛ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبىدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى «ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش نىزامى»قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە نەپىقە بېرىش، ئېتىبار بېرىش كېرەك.

第十章 民用资源征用与补偿

10-باب پۇقراۋى بايلىقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە تولۇقلاش

第五十四条 国家决定实施国防动员后,储备物资无法及时满足动员需要的,县级以上人民政府可以依法对民用资源进行征用。

54-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، زاپاس ماددىي ئەشيا سەپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇرالمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پۇقراۋى بايلىقنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

本法所称民用资源,是指组织和个人所有或者使用的用于社会生产、服务和生活的设施、设备、场所和其他物资。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقراۋى بايلىق تەشكىلات ۋە شەخس ئىگىدارلىق قىلىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، سورۇن ۋە باشقا ماددىي ئەشيالارنى كۆرسىتىدۇ.

第五十五条 任何组织和个人都有接受依法征用民用资源的义务。

55-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقراۋى بايلىقنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

需要使用民用资源的中国人民解放军现役部队和预备役部队、中国人民武装警察部队、民兵组织,应当提出征用需求,由县级以上地方人民政府统一组织征用。县级以上地方人民政府应当对被征用的民用资源予以登记,向被征用人出具凭证。

پۇقراۋى بايلىقنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسمى ۋە زاپاس قىسمى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتى ئېلىپ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئېلىپ ئىشلىتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن پۇقراۋى بايلىقنى تىزىملاپ، ئېلىپ ئىشلىتىلگۈچىگە ئىسپات بېرىشى كېرەك.

第五十六条 下列民用资源免予征用:

56-ماددا تۆۋەندىكى پۇقراۋى بايلىقلارنى ئېلىپ ئىشلىتىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ :

(一)个人和家庭生活必需的物品和居住场所;

( 1 ) شەخس ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بۇيۇملار ۋە تۇرالغۇ سورۇنى؛

(二)托儿所、幼儿园和孤儿院、养老院、残疾人康复机构、救助站等社会福利机构保障儿童、老人、残疾人和救助对象生活必需的物品和居住场所;

( 2 ) يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە يېتىم بالىلار دوختۇرخانىسى، ساناتورىيە، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پونكىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بۇيۇملار ۋە تۇرالغۇ سورۇنلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بولۇش؛

(三)法律、行政法规规定免予征用的其他民用资源。

( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلىپ ئىشلىتىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن باشقا پۇقراۋى بايلىقلار.

第五十七条 被征用的民用资源根据军事要求需要进行改造的,由县级以上地方人民政府会同有关军事机关组织实施。

57-ماددا ئېلىپ ئىشلىتىلگەن پۇقراۋى بايلىقنى ھەربىي تەلەپ بويىچە ئۆزگەرتىشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

承担改造任务的单位应当按照使用单位提出的军事要求和改造方案进行改造,并保证按期交付使用。改造所需经费由国家负担。

ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغان ھەربىي تەلەپ ۋە ئۆزگەرتىش لايىھەسى بويىچە ئۆزگەرتىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆزگەرتىشكە كېرەكلىك خىراجەتنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五十八条 被征用的民用资源使用完毕,县级以上地方人民政府应当及时组织返还;经过改造的,应当恢复原使用功能后返还;不能修复或者灭失的,以及因征用造成直接经济损失的,按照国家有关规定给予补偿。

58-ماددا ئېلىپ ئىشلىتىلگەن پۇقراۋى بايلىقنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك؛ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىي ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛ رېمونت قىلغىلى بولمىسا ياكى يوقاپ كەتسە، شۇنىڭدەك ئېلىپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

第五十九条 中国人民解放军现役部队和预备役部队、中国人民武装警察部队、民兵组织进行军事演习、训练,需要征用民用资源或者采取临时性管制措施的,按照国务院、中央军事委员会的有关规定执行。

59-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان قىسمى ۋە زاپاس قىسمى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى، خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىر ۋە مەشىق قىلغاندا پۇقراۋى بايلىقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ياكى ۋاقىتلىق ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第十一章 宣传教育

11-باب تەشۋىق-تەربىيە

第六十条 各级人民政府应当组织开展国防动员的宣传教育,增强公民的国防观念和依法履行国防义务的意识。有关军事机关应当协助做好国防动员的宣传教育工作。

60-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第六十一条 国家机关、社会团体、企业事业单位和基层群众性自治组织,应当组织所属人员学习和掌握必要的国防知识与技能。

61-ماددا دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتى قارىمىقىدىكى خادىملارنى زۆرۈر دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

第六十二条 各级人民政府应当运用各种宣传媒体和宣传手段,对公民进行爱国主义、革命英雄主义宣传教育,激发公民的爱国热情,鼓励公民踊跃参战支前,采取多种形式开展拥军优属和慰问活动,按照国家有关规定做好抚恤优待工作。

62-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر خىل تەشۋىقات تاراتقۇلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق تەشۋىق-تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشى، پۇقرالارنى ئۇرۇشقا بەس-بەستە قاتنىشىشقا ۋە ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش ۋە ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ قانات يايدۇرۇشى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

新闻出版、广播影视和网络传媒等单位,应当按照国防动员的要求做好宣传教育和相关工作。

ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ۋە تور تاراتقۇ قاتارلىق ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە تەشۋىق-تەربىيەنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第十二章 特别措施

12-باب ئالاھىدە تەدبىر

第六十三条 国家决定实施国防动员后,根据需要,可以依法在实施国防动员的区域采取下列特别措施:

63-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئېھتىياجغا قاراپ، قانۇن بويىچە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەلىكى قىلىنغان رايوندا تۆۋەندىكى ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ :

(一)对金融、交通运输、邮政、电信、新闻出版、广播影视、信息网络、能源水源供应、医药卫生、食品和粮食供应、商业贸易等行业实行管制;

( 1 ) پۇل مۇئامىلە، قاتناش-تىرانسپورت، پوچتا، تېلېگراف، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئۇچۇر تورى، ئېنېرگىيە مەنبەسى تەمىناتى، تېببىي دورا-سەھىيە، يېمەكلىك ۋە ئاشلىق تەمىناتى، سودا-سودا قاتارلىق ساھەلەرنى باشقۇرۇش؛

(二)对人员活动的区域、时间、方式以及物资、运载工具进出的区域进行必要的限制;

( 2 ) خادىملارنىڭ پائالىيەت رايونى، ۋاقتى، ئۇسۇلى، شۇنىڭدەك ماددىي ئەشيا، توشۇش قوراللىرى كىرىپ چىقىدىغان رايونغا زۆرۈر چەكلىمە قويۇش؛

(三)在国家机关、社会团体和企业事业单位实行特殊工作制度;

( 3 ) دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئالاھىدە خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛

(四)为武装力量优先提供各种交通保障;

( 4 ) قوراللىق كۈچلەرنى ئالدى بىلەن تۈرلۈك قاتناش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش؛

(五)需要采取的其他特别措施。

( 5 ) قوللىنىشقا تېگىشلىك باشقا ئالاھىدە تەدبىرلەر.

第六十四条 在全国或者部分省、自治区、直辖市实行特别措施,由国务院、中央军事委员会决定并组织实施;在省、自治区、直辖市范围内的部分地区实行特别措施,由国务院、中央军事委员会决定,由特别措施实施区域所在省、自治区、直辖市人民政府和同级军事机关组织实施。

64-ماددا پۈتۈن مەملىكەت ياكى قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىشنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قارار قىلىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىشنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قارار قىلىدۇ، ئالاھىدە تەدبىرنى يولغا قويىدىغان رايون جايلاشقان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تەڭ دەرىجىلىك ھەربىي ئورگان تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

第六十五条 组织实施特别措施的机关应当在规定的权限、区域和时限内实施特别措施。特别措施实施区域内的公民和组织,应当服从组织实施特别措施的机关的管理。

65-ماددا ئالاھىدە تەدبىرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان ئورگان بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، رايون ۋە ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئالاھىدە تەدبىرنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئالاھىدە تەدبىر يولغا قويۇلغان رايوندىكى پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار ئالاھىدە تەدبىرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان ئورگاننىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

第六十六条 采取特别措施不再必要时,应当及时终止。

66-ماددا ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ زۆرۈرىيىتى قالمىغاندا، ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.

第六十七条 因国家发布动员令,诉讼、行政复议、仲裁活动不能正常进行的,适用有关时效中止和程序中止的规定,但法律另有规定的除外。

67-ماددا دۆلەت سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن دەۋا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلمىسا، ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە تەرتىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第十三章 法律责任

13-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六十八条 公民有下列行为之一的,由县级人民政府责令限期改正;逾期不改的,强制其履行义务:

68-ماددا پۇقرالاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەر مەجبۇرىيىتىنى مەجبۇرىي ئادا قىلدۇرىدۇ :

(一)预编到现役部队和编入预备役部队的预备役人员、预定征召的其他预备役人员离开预备役登记地一个月以上未向预备役登记的兵役机关报告的;

( 1 ) رەسمىي ھەربىي قىسىمغا ۋە زاپاس قىسىمغا ئالدىن تەشكىللەنگەن زاپاس خادىملار، چاقىرىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن باشقا زاپاس خادىملار زاپاس ھەربىيلەر تىزىملانغان جايدىن ئايرىلغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ زاپاس ھەربىيگە تىزىملاتمىغان ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا مەلۇم قىلغان بولسا؛

(二)国家决定实施国防动员后,预定征召的预备役人员未经预备役登记的兵役机关批准离开预备役登记地,或者未按照兵役机关要求及时返回,或者未到指定地点报到的;

( 2 ) دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، چاقىرىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن زاپاس خادىملار زاپاس ئەسكەرلىكنى تىزىملاتقان ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ زاپاس ھەربىيلەر تىزىملانغان جايدىن ئايرىلغان بولسا ياكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا قايتمىغان بولسا ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ تىزىملاتمىغان بولسا؛

(三)拒绝、逃避征召或者拒绝、逃避担负国防勤务的;

( 3 ) چاقىرىقنى رەت قىلغان، قاچقان ياكى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن قاچقانلار؛

(四)拒绝、拖延民用资源征用或者阻碍对被征用的民用资源进行改造的;

( 4 ) پۇقراۋى بايلىقنى ئېلىپ ئىشلىتىشنى رەت قىلغان، سۆرەلمىلىك قىلغان ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن پۇقراۋى بايلىقنى ئۆزگەرتىشكە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(五)干扰、破坏国防动员工作秩序或者阻碍从事国防动员工作的人员依法履行职责的。

( 5 ) دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنىڭ تەرتىپىگە كاشىلا سالغان، بۇزغۇنچىلىق قىلغان ياكى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

第六十九条 企业事业单位有下列行为之一的,由有关人民政府责令限期改正;逾期不改的,强制其履行义务,并可以处以罚款:

69-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەرنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ھەمدە جەرىمانە قويسا بولىدۇ :

(一)在承建的贯彻国防要求的建设项目中未按照国防要求和技术规范、标准进行设计或者施工、生产的;

( 1 ) قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپى ۋە تېخنىكا قائىدىسى، ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنمىگەن ياكى قۇرۇلۇش قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەنلەر؛

(二)因管理不善导致战略储备物资丢失、损坏或者不服从战略物资调用的;

( 2 ) باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق سەۋەبىدىن ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ماددىي ئەشيا يوقاپ كەتكەن، بۇزۇلغان ياكى ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيانى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بويسۇنمىغانلار؛

(三)未按照转产、扩大生产军品和维修保障任务的要求进行军品科研、生产和维修保障能力储备,或者未按照规定组建专业技术队伍的;

( 3 ) ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ۋە رېمونت قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تەلەپ بويىچە ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېمونت قىلىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى زاپاس ساقلىمىغانلار ياكى كەسپىي تېخنىكا قوشۇنى قۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(四)拒绝、拖延执行专业保障任务的;

( 4 ) كەسپىي كاپالەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، كېچىكتۈرگەنلەر؛

(五)拒绝或者故意延误军事订货的;

( 5 ) ھەربىي مال زاكاز قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛

(六)拒绝、拖延民用资源征用或者阻碍对被征用的民用资源进行改造的;

( 6 ) پۇقراۋى بايلىقنى ئېلىپ ئىشلىتىشنى رەت قىلغان، سۆرەلمىلىك قىلغان ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن پۇقراۋى بايلىقنى ئۆزگەرتىشكە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(七)阻挠公民履行征召、担负国防勤务义务的。

( 7 ) پۇقرالارنىڭ چاقىرىق قىلىش، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىپىسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

第七十条 有下列行为之一的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分:

70-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)拒不执行上级下达的国防动员命令的;

( 1 ) يۇقىرى چۈشۈرگەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغانلار؛

(二)滥用职权或者玩忽职守,给国防动员工作造成严重损失的;

( 2 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلار؛

(三)对征用的民用资源,拒不登记、出具凭证,或者违反规定使用造成严重损坏,以及不按照规定予以返还或者补偿的;

( 3 ) ئېلىپ ئىشلىتىلگەن پۇقراۋى بايلىقنى تىزىملىتىشنى رەت قىلغان، ئىسپات بەرگەن ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىپ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار، شۇنىڭدەك بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرمىغانلار ياكى تولۇقلىما بەرمىگەنلەر؛

(四)泄露国防动员秘密的;

( 4 ) دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(五)贪污、挪用国防动员经费、物资的;

( 5 ) دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىراجىتى، ماددىي ئەشيالىرىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛

(六)滥用职权,侵犯和损害公民或者组织合法权益的。

( 6 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلغانلار ۋە زىيان يەتكۈزگەنلەر.

第七十一条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第十四章 附则

14-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第七十二条 本法自2010年7月1日起施行。

72-ماددا بۇ قانۇن 2010-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.