中华人民共和国妇女权益保障法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

(1992年4月3日第七届全国人民代表大会第五次会议通过 根据2005年8月28日第十届全国人民代表大会常务委员会第十七次会议《关于修改<中华人民共和国妇女权益保障法>的决定》修正)

( 1992 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2005 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 政治权利

2-باب سىياسىي ھوقۇق

第三章 文化教育权益

3-باب مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇق-مەنپەئىتى

第四章 劳动和社会保障权益

4-باب ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى

第五章 财产权益

5-باب مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتى

第六章 人身权利

6-باب جىسمانىي ھوقۇق

第七章 婚姻家庭权益

7-باب ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇق-مەنپەئىتى

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了保障妇女的合法权益,促进男女平等,充分发挥妇女在社会主义现代化建设中的作用,根据宪法和我国的实际情况,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 妇女在政治的、经济的、文化的、社会的和家庭的生活等各方面享有同男子平等的权利。

2-ماددا ئاياللار سىياسىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

实行男女平等是国家的基本国策。国家采取必要措施,逐步完善保障妇女权益的各项制度,消除对妇女一切形式的歧视。

ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى. دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى يوقىتىدۇ.

国家保护妇女依法享有的特殊权益。

دۆلەت ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

禁止歧视、虐待、遗弃、残害妇女。

ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش، تاشلىۋېتىش، زەخىملەندۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

第三条 国务院制定中国妇女发展纲要,并将其纳入国民经济和社会发展规划。

3-ماددا گوۋۇيۈەن جۇڭگو ئاياللار تەرەققىياتى پىروگراممىسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

县级以上地方各级人民政府根据中国妇女发展纲要,制定本行政区域的妇女发展规划,并将其纳入国民经济和社会发展计划。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو ئاياللار تەرەققىياتى پىروگراممىسىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاياللار تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

第四条 保障妇女的合法权益是全社会的共同责任。国家机关、社会团体、企业事业单位、城乡基层群众性自治组织,应当依照本法和有关法律的规定,保障妇女的权益。

4-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

国家采取有效措施,为妇女依法行使权利提供必要的条件。

دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

第五条 国家鼓励妇女自尊、自信、自立、自强,运用法律维护自身合法权益。

5-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇندىن پايدىلىنىپ قوغدايدۇ.

妇女应当遵守国家法律,尊重社会公德,履行法律所规定的义务。

ئاياللار دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第六条 各级人民政府应当重视和加强妇女权益的保障工作。

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى كېرەك.

县级以上人民政府负责妇女儿童工作的机构,负责组织、协调、指导、督促有关部门做好妇女权益的保障工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上人民政府有关部门在各自的职责范围内做好妇女权益的保障工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

第七条 中华全国妇女联合会和地方各级妇女联合会依照法律和中华全国妇女联合会章程,代表和维护各族各界妇女的利益,做好维护妇女权益的工作。

7-ماددا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى قانۇن ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

工会、共产主义青年团,应当在各自的工作范围内,做好维护妇女权益的工作。

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第八条 对保障妇女合法权益成绩显著的组织和个人,各级人民政府和有关部门给予表彰和奖励。

8-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

第二章 政治权利

2-باب سىياسىي ھوقۇق

第九条 国家保障妇女享有与男子平等的政治权利。

9-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第十条 妇女有权通过各种途径和形式,管理国家事务,管理经济和文化事业,管理社会事务。

10-ماددا ئاياللار دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

制定法律、法规、规章和公共政策,对涉及妇女权益的重大问题,应当听取妇女联合会的意见。

قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك.

妇女和妇女组织有权向各级国家机关提出妇女权益保障方面的意见和建议。

ئاياللار ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

第十一条 妇女享有与男子平等的选举权和被选举权。

11-ماددا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

全国人民代表大会和地方各级人民代表大会的代表中,应当有适当数量的妇女代表。国家采取措施,逐步提高全国人民代表大会和地方各级人民代表大会的妇女代表的比例。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە لايىقىدا ئايال ۋەكىل بولۇشى كېرەك. دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئايال ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.

居民委员会、村民委员会成员中,妇女应当有适当的名额。

ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە ئاياللار مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك.

第十二条 国家积极培养和选拔女干部。

12-ماددا دۆلەت ئايال كادىرلارنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.

国家机关、社会团体、企业事业单位培养、选拔和任用干部,必须坚持男女平等的原则,并有适当数量的妇女担任领导成员。

دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەيىنلەشتە، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق ساندا ئايال رەھبەرلىك ئەزاسى بولۇشى شەرت.

国家重视培养和选拔少数民族女干部。

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

第十三条 中华全国妇女联合会和地方各级妇女联合会代表妇女积极参与国家和社会事务的民主决策、民主管理和民主监督。

13-ماددا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئاياللارغا ۋاكالىتەن دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا پائال قاتنىشىدۇ.

各级妇女联合会及其团体会员,可以向国家机关、社会团体、企业事业单位推荐女干部。

ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارغا ئايال كادىرلارنى كۆرسەتسە بولىدۇ.

第十四条 对于有关保障妇女权益的批评或者合理建议,有关部门应当听取和采纳;对于有关侵害妇女权益的申诉、控告和检举,有关部门必须查清事实,负责处理,任何组织或者个人不得压制或者打击报复。

14-ماددا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەنقىد ياكى مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاڭلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر ئەرز-شىكايەت ۋە پاش قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاكىتنى ئېنىقلاپ، مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى شەرت، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第三章 文化教育权益

3-باب مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇق-مەنپەئىتى

第十五条 国家保障妇女享有与男子平等的文化教育权利。

15-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第十六条 学校和有关部门应当执行国家有关规定,保障妇女在入学、升学、毕业分配、授予学位、派出留学等方面享有与男子平等的权利。

16-ماددا مەكتەپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئاياللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش تەقسىماتى، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش، چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

学校在录取学生时,除特殊专业外,不得以性别为由拒绝录取女性或者提高对女性的录取标准。

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئالاھىدە كەسىپلەردىن باشقا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ.

第十七条 学校应当根据女性青少年的特点,在教育、管理、设施等方面采取措施,保障女性青少年身心健康发展。

17-ماددا مەكتەپلەر ئاياللار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第十八条 父母或者其他监护人必须履行保障适龄女性儿童少年接受义务教育的义务。

18-ماددا ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.

除因疾病或者其他特殊情况经当地人民政府批准的以外,对不送适龄女性儿童少年入学的父母或者其他监护人,由当地人民政府予以批评教育,并采取有效措施,责令送适龄女性儿童少年入学。

كېسەل ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرگۈزمەيدىغان ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىئىچىدىكى قىزلار، بالىلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ.

政府、社会、学校应当采取有效措施,解决适龄女性儿童少年就学存在的实际困难,并创造条件,保证贫困、残疾和流动人口中的适龄女性儿童少年完成义务教育。

ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ھەمدە شارائىت يارىتىپ، نامرات، مېيىپلەر ۋە كۆچمە نوپۇسلار ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئاياللار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第十九条 各级人民政府应当依照规定把扫除妇女中的文盲、半文盲工作,纳入扫盲和扫盲后继续教育规划,采取符合妇女特点的组织形式和工作方法,组织、监督有关部门具体实施。

19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللار ئىچىدىكى ساۋاتسىزلىق، يېرىم ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ساۋاتسىزلىقنى تۈگەتكەن ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىنكى داۋاملىق تەربىيە يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي شەكىل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى كونكرېت يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى، نازارەت قىلىشى كېرەك.

第二十条 各级人民政府和有关部门应当采取措施,根据城镇和农村妇女的需要,组织妇女接受职业教育和实用技术培训。

20-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-بازار ۋە يېزا ئاياللىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاياللارنى كەسپىي مائارىپ ۋە ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

第二十一条 国家机关、社会团体和企业事业单位应当执行国家有关规定,保障妇女从事科学、技术、文学、艺术和其他文化活动,享有与男子平等的权利。

21-ماددا دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئاياللارنىڭ پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

第四章 劳动和社会保障权益

4-باب ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى

第二十二条 国家保障妇女享有与男子平等的劳动权利和社会保障权利。

22-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第二十三条 各单位在录用职工时,除不适合妇女的工种或者岗位外,不得以性别为由拒绝录用妇女或者提高对妇女的录用标准。

23-ماددا ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورنىدىن باشقا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ.

各单位在录用女职工时,应当依法与其签订劳动(聘用)合同或者服务协议,劳动(聘用)合同或者服务协议中不得规定限制女职工结婚、生育的内容。

ئورۇنلار ئايال ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، قانۇن بويىچە ئۇلار بىلەن ئەمگەك ( تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك، ئەمگەك ( تەكلىپلىق ئىشلىتىش ) توختامى ۋە مۇلازىمەت كېلىشىمىدە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ توي قىلىشى، تۇغۇشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

禁止录用未满十六周岁的女性未成年人,国家另有规定的除外。

قۇرامىغا يەتمىگەن ئاياللارنى 16 ياشقا توشمىغان قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەت ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十四条 实行男女同工同酬。妇女在享受福利待遇方面享有与男子平等的权利。

24-ماددا ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويۇلىدۇ. ئاياللار پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第二十五条 在晋职、晋级、评定专业技术职务等方面,应当坚持男女平等的原则,不得歧视妇女。

25-ماددا ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسى ئۆستۈرۈش، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

第二十六条 任何单位均应根据妇女的特点,依法保护妇女在工作和劳动时的安全和健康,不得安排不适合妇女从事的工作和劳动。

26-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاياللارنىڭ ئىشلىگەن ۋە ئەمگەك قىلغان چاغدىكى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشىغا ماس كەلمەيدىغان خىزمەت ۋە ئەمگەكنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

妇女在经期、孕期、产期、哺乳期受特殊保护。

ئاياللار ھەيز مەزگىلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.

第二十七条 任何单位不得因结婚、怀孕、产假、哺乳等情形,降低女职工的工资,辞退女职工,单方解除劳动(聘用)合同或者服务协议。但是,女职工要求终止劳动(聘用)合同或者服务协议的除外。

27-ماددا ھەرقانداق ئورۇننىڭ توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، ئېمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشىگە، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشتىن قالدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەمگەك ( تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىدۇ. لېكىن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمگەك ( تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

各单位在执行国家退休制度时,不得以性别为由歧视妇女。

ھەرقايسى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتسە بولمايدۇ.

第二十八条 国家发展社会保险、社会救助、社会福利和医疗卫生事业,保障妇女享有社会保险、社会救助、社会福利和卫生保健等权益。

28-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئاممىۋى قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي تەمىنات ۋە ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

国家提倡和鼓励为帮助妇女开展的社会公益活动。

دۆلەت ئاياللارنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

第二十九条 国家推行生育保险制度,建立健全与生育相关的其他保障制度。

29-ماددا دۆلەت تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۇغۇتقا ئالاقىدار باشقا كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

地方各级人民政府和有关部门应当按照有关规定为贫困妇女提供必要的生育救助。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە نامرات ئاياللارنى زۆرۈر تۇغۇت ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第五章 财产权益

5-باب مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتى

第三十条 国家保障妇女享有与男子平等的财产权利。

30-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مال-مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第三十一条 在婚姻、家庭共有财产关系中,不得侵害妇女依法享有的权益。

31-ماددا ئۆيلىنىش، ئائىلىنىڭ ئورتاق مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە، ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.

第三十二条 妇女在农村土地承包经营、集体经济组织收益分配、土地征收或者征用补偿费使用以及宅基地使用等方面,享有与男子平等的权利。

32-ماددا ئاياللار يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدا تەقسىماتى، يەر ئېلىش ياكى تۆلەم پۇلى ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

第三十三条 任何组织和个人不得以妇女未婚、结婚、离婚、丧偶等为由,侵害妇女在农村集体经济组织中的各项权益。

33-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلماسلىق، توي قىلىش، ئاجرىشىش، جورىسى ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىدىكى تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

因结婚男方到女方住所落户的,男方和子女享有与所在地农村集体经济组织成员平等的权益。

توي قىلغان ئەر ئايالنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا بېرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغان بولسا، ئەر ۋە پەرزەنت شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第三十四条 妇女享有的与男子平等的财产继承权受法律保护。在同一顺序法定继承人中,不得歧视妇女。

34-ماددا ئاياللار بەھرىمەن بولىدىغان، ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان مال-مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ. بىر رەتتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلار ئىچىدە ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

丧偶妇女有权处分继承的财产,任何人不得干涉。

جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار ۋارىسلىق قىلغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第三十五条 丧偶妇女对公、婆尽了主要赡养义务的,作为公、婆的第一顺序法定继承人,其继承权不受子女代位继承的影响。

35-ماددا جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار قېيىنئاتا، قېيىنئانا ئالدىدا ئاساسلىق قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۇ قېيىنئاتا ۋە قېيىنئانىنىڭ 1-تەرتىپىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

第六章 人身权利

6-باب جىسمانىي ھوقۇق

第三十六条 国家保障妇女享有与男子平等的人身权利。

36-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第三十七条 妇女的人身自由不受侵犯。禁止非法拘禁和以其他非法手段剥夺或者限制妇女的人身自由;禁止非法搜查妇女的身体。

37-ماددا ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللارنى قانۇنسىز سولاپ قويۇش ۋە باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاياللارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

第三十八条 妇女的生命健康权不受侵犯。禁止溺、弃、残害女婴;禁止歧视、虐待生育女婴的妇女和不育的妇女;禁止用迷信、暴力等手段残害妇女;禁止虐待、遗弃病、残妇女和老年妇女。

38-ماددا ئاياللارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. قىز بوۋاقلارنى ئەركىلىتىش، تاشلىۋېتىش، زەخىملەندۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛ قىز بوۋاق تۇغقان ئاياللارنى ۋە تۇغمايدىغان ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ خۇراپاتلىق، زوراۋانلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ كېسەل بولغان، مېيىپ ئاياللار ۋە ياشانغان ئاياللارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第三十九条 禁止拐卖、绑架妇女;禁止收买被拐卖、绑架的妇女;禁止阻碍解救被拐卖、绑架的妇女。

39-ماددا ئاياللارنى ئالداپ سېتىش، تۇتقۇن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللارنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

各级人民政府和公安、民政、劳动和社会保障、卫生等部门按照其职责及时采取措施解救被拐卖、绑架的妇女,做好善后工作,妇女联合会协助和配合做好有关工作。任何人不得歧视被拐卖、绑架的妇女。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللارنى قۇتقۇزىدۇ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ، ئاياللار بىرلەشمىسى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

第四十条 禁止对妇女实施性骚扰。受害妇女有权向单位和有关机关投诉。

40-ماددا ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللار ئورۇن ۋە ئالاقىدار ئورگانغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第四十一条 禁止卖淫、嫖娼。

41-ماددا ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

禁止组织、强迫、引诱、容留、介绍妇女卖淫或者对妇女进行猥亵活动。

ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، يول قويۇش، تونۇشتۇرۇش ياكى ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

禁止组织、强迫、引诱妇女进行淫秽表演活动。

ئاياللارنى شەھۋانىي ئويۇن ئويناشقا تەشكىللەش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

第四十二条 妇女的名誉权、荣誉权、隐私权、肖像权等人格权受法律保护。

42-ماددا ئاياللارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى قاتارلىق ئادىمىيلىك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

禁止用侮辱、诽谤等方式损害妇女的人格尊严。禁止通过大众传播媒介或者其他方式贬低损害妇女人格。未经本人同意,不得以营利为目的,通过广告、商标、展览橱窗、报纸、期刊、图书、音像制品、电子出版物、网络等形式使用妇女肖像。

ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاممىۋى تاراتقۇلار ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۈش ۋە زىيانغا ئۇچرىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، ئېلان، تاۋار ماركىسى، كۆرگەزمە كۆزنىكى، گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

第七章 婚姻家庭权益

7-باب ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇق-مەنپەئىتى

第四十三条 国家保障妇女享有与男子平等的婚姻家庭权利。

43-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第四十四条 国家保护妇女的婚姻自主权。禁止干涉妇女的结婚、离婚自由。

44-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئۆيلىنىشكە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئاياللارنىڭ ئۆيلىنىش، ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第四十五条 女方在怀孕期间、分娩后一年内或者终止妊娠后六个月内,男方不得提出离婚。女方提出离婚的,或者人民法院认为确有必要受理男方离婚请求的,不在此限。

45-ماددا ئەر ھامىلىدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىنكى 1 يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە، ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. خوتۇن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

第四十六条 禁止对妇女实施家庭暴力。

46-ماددا ئاياللارغا ئائىلە زۇلۇمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

国家采取措施,预防和制止家庭暴力。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ.

公安、民政、司法行政等部门以及城乡基层群众性自治组织、社会团体,应当在各自的职责范围内预防和制止家庭暴力,依法为受害妇女提供救助。

جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار، شۇنىڭدەك شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنى قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

第四十七条 妇女对依照法律规定的夫妻共同财产享有与其配偶平等的占有、使用、收益和处分的权利,不受双方收入状况的影响。

47-ماددا ئاياللار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى جورىسى بىلەن باراۋەر ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ كىرىم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

夫妻书面约定婚姻关系存续期间所得的财产归各自所有,女方因抚育子女、照料老人、协助男方工作等承担较多义务的,有权在离婚时要求男方予以补偿。

ئەر-خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن مال-مۈلكىنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم-ئايرىم تەۋە ئىكەنلىكىنى يازما پۈتۈشكەن، ئايال بالىنى تەربىيەلەش، ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئەرنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كۆپرەك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئاجراشقاندا ئەردىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第四十八条 夫妻共有的房屋,离婚时,分割住房由双方协议解决;协议不成的,由人民法院根据双方的具体情况,按照照顾子女和女方权益的原则判决。夫妻双方另有约定的除外。

48-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي ئاجراشقاندا، بۆلمەكچى بولغان ئۆينى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەر-خوتۇن ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

夫妻共同租用的房屋,离婚时,女方的住房应当按照照顾子女和女方权益的原则解决。

ئەر-خوتۇن ئورتاق ئىجارە ئالغان ئۆي ئاجراشقاندا، ئايالنىڭ ئۆيى بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.

第四十九条 父母双方对未成年子女享有平等的监护权。

49-ماددا ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىگە باراۋەر ۋەسىيلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

父亲死亡、丧失行为能力或者有其他情形不能担任未成年子女的监护人的,母亲的监护权任何人不得干涉。

ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنىڭ ۋەسىيسىنى بولالمىغان بولسا، ئانىسىنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىغا ھەرقانداق كىشى ئارىلاشسا بولمايدۇ.

第五十条 离婚时,女方因实施绝育手术或者其他原因丧失生育能力的,处理子女抚养问题,应在有利子女权益的条件下,照顾女方的合理要求。

50-ماددا ئاجراشقاندا، خوتۇن تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، پەرزەنتىنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، پەرزەنتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە پايدىلىق شارائىتتا، ئايالنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

第五十一条 妇女有按照国家有关规定生育子女的权利,也有不生育的自由。

51-ماددا ئاياللار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پەرزەنت كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق، تۇغماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بار.

育龄夫妻双方按照国家有关规定计划生育,有关部门应当提供安全、有效的避孕药具和技术,保障实施节育手术的妇女的健康和安全。

تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇتنى پىلانلىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورا-سايمانلىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، تۇغۇت تىزگىنلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان ئايالنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

国家实行婚前保健、孕产期保健制度,发展母婴保健事业。各级人民政府应当采取措施,保障妇女享有计划生育技术服务,提高妇女的生殖健康水平。

دۆلەت تويدىن بۇرۇنقى ساقلىقنى ساقلاش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第八章 法律责任

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十二条 妇女的合法权益受到侵害的,有权要求有关部门依法处理,或者依法向仲裁机构申请仲裁,或者向人民法院起诉。

52-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

对有经济困难需要法律援助或者司法救助的妇女,当地法律援助机构或者人民法院应当给予帮助,依法为其提供法律援助或者司法救助。

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار تۇرۇپ قانۇن ياردىمى ياكى ئەدلىيە ياردىمىگە موھتاج ئاياللارغا شۇ جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەم بېرىشى، قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى بېرىشى كېرەك.

第五十三条 妇女的合法权益受到侵害的,可以向妇女组织投诉,妇女组织应当维护被侵害妇女的合法权益,有权要求并协助有关部门或者单位查处。有关部门或者单位应当依法查处,并予以答复。

53-ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، ئاياللار تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.ئاياللار تەشكىلاتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىشكە ھوقۇقلۇق. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى ئورۇنلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

第五十四条 妇女组织对于受害妇女进行诉讼需要帮助的,应当给予支持。

54-ماددا ئاياللار تەشكىلاتلىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ دەۋا قىلىشىغا ياردەم كېرەك بولغانلىرىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

妇女联合会或者相关妇女组织对侵害特定妇女群体利益的行为,可以通过大众传播媒介揭露、批评,并有权要求有关部门依法查处。

ئاياللار بىرلەشمىسى ياكى ئالاقىدار ئاياللار تەشكىلاتلىرى مۇئەييەن ئاياللار توپىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق پاش قىلسا، تەنقىد قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五十五条 违反本法规定,以妇女未婚、结婚、离婚、丧偶等为由,侵害妇女在农村集体经济组织中的各项权益的,或者因结婚男方到女方住所落户,侵害男方和子女享有与所在地农村集体经济组织成员平等权益的,由乡镇人民政府依法调解;受害人也可以依法向农村土地承包仲裁机构申请仲裁,或者向人民法院起诉,人民法院应当依法受理。

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ توي قىلماسلىق، توي قىلىش، ئاجرىشىش، جورىسى ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىدىكى تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ياكى توي قىلغان ئەر ئايالنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ نوپۇسقا ئالدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەر ۋە پەرزەنتنىڭ شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا زىيان يەتكۈزگەنلەرنى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىدۇ؛ زىيانلانغۇچى قانۇن بويىچە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第五十六条 违反本法规定,侵害妇女的合法权益,其他法律、法规规定行政处罚的,从其规定;造成财产损失或者其他损害的,依法承担民事责任;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە باشقا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第五十七条 违反本法规定,对侵害妇女权益的申诉、控告、检举,推诿、拖延、压制不予查处,或者对提出申诉、控告、检举的人进行打击报复的,由其所在单位、主管部门或者上级机关责令改正,并依法对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予行政处分。

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئەرز قىلغان، ئەرز-شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان، بىر-بىرىگە ئىتتىرگەن، كەينىگە سۈرگەن، باسقان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان، مەلۇم قىلغان كىشىدىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەۋاتقان ئورنى، مەسئۇل تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

国家机关及其工作人员未依法履行职责,对侵害妇女权益的行为未及时制止或者未给予受害妇女必要帮助,造成严重后果的,由其所在单位或者上级机关依法对直接负责的主管人员和其他直接责任人员给予行政处分。

دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ۋاقتىدا توسماي ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايالغا زۆرۈر ياردەم بەرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، شۇ ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

违反本法规定,侵害妇女文化教育权益、劳动和社会保障权益、人身和财产权益以及婚姻家庭权益的,由其所在单位、主管部门或者上级机关责令改正,直接负责的主管人员和其他直接责任人员属于国家工作人员的,由其所在单位或者上级机关依法给予行政处分。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ھوقۇق-مەنپەئىتى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى-مەنپەئىتى، جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتى شۇنىڭدەك ئۆيلىنىش-ئائىلە ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئىشلەۋاتقان ئورنى، مەسئۇل تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار دۆلەت خادىمىغا تەۋە بولسا، ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

第五十八条 违反本法规定,对妇女实施性骚扰或者家庭暴力,构成违反治安管理行为的,受害人可以提请公安机关对违法行为人依法给予行政处罚,也可以依法向人民法院提起民事诉讼。

58-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىپ ياكى ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان زىيانلانغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشچىلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ.

第五十九条 违反本法规定,通过大众传播媒介或者其他方式贬低损害妇女人格的,由文化、广播电影电视、新闻出版或者其他有关部门依据各自的职权责令改正,并依法给予行政处罚。

59-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەنلەرنى مەدەنىيەت، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

第九章 附则

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第六十条 省、自治区、直辖市人民代表大会常务委员会可以根据本法制定实施办法。

60-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

民族自治地方的人民代表大会,可以依据本法规定的原则,结合当地民族妇女的具体情况,制定变通的或者补充的规定。自治区的规定,报全国人民代表大会常务委员会批准后生效;自治州、自治县的规定,报省、自治区、直辖市人民代表大会常务委员会批准后生效,并报全国人民代表大会常务委员会备案。

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلارغا بىنائەن، شۇ جايدىكى مىللىي ئاياللارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى چىقارسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىنىدۇ.

第六十一条 本法自1992年10月1日起施行。

61-ماددا بۇ قانۇن 1992-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.