(1982年12月4日第五届全国人民代表大会第五次会议通过)
( 1982-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
(1982年12月4日第五届全国人民代表大会第五次会议通过)
( 1982-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
目 录
مۇندەرىجە
序 言
كىرىش سۆز
第一章 总纲
1-باب ئومۇمىي پىروگرامما
第二章 公民的基本权利和义务
2-باب پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى
第三章 国家机构
3-باب دۆلەت ئاپپاراتلىرى
第一节 全国人民代表大会
1-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
第二节 中华人民共和国主席
2-پاراگراف جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى
第三节 国务院
3-پاراگراف گوۋۇيۈەن
第四节 中央军事委员会
4-پاراگراف مەركىزىي ھەربىي كومىتېت
第五节 地方各级人民代表大会和地方各级人民政府
5-پاراگراف يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى
第六节 民族自治地方的自治机关
6-پاراگراف مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى
第七节 人民法院和人民检察院
7-پاراگراف خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
第四章 国旗、国徽、首都
4-باب دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، پايتەخت
序 言
كىرىش سۆز
中国是世界上历史最悠久的国家之一。中国各族人民共同创造了光辉灿烂的文化,具有光荣的革命传统。
جۇڭگو دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە شانلىق، پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە.
一八四〇年以后,封建的中国逐渐变成半殖民地、半封建的国家。中国人民为国家独立、民族解放和民主自由进行了前仆后继的英勇奋斗。
1840-يىلىدىن كېيىن، فېئودال جۇڭگو پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئودال دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە-ئەركىنلىك ئۈچۈن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ باتۇرانە كۈرەش قىلدى.
二十世纪,中国发生了翻天覆地的伟大历史变革。
20-ئەسىردە، جۇڭگودا يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى.
一九一一年孙中山先生领导的辛亥革命,废除了封建帝制,创立了中华民国。但是,中国人民反对帝国主义和封建主义的历史任务还没有完成。
1911-يىلى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگونى بەرپا قىلدى. لېكىن، جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش تارىخىي ۋەزىپىسى تېخى ئورۇنلانمىدى.
一九四九年,以毛泽东主席为领袖的中国共产党领导中国各族人民,在经历了长期的艰难曲折的武装斗争和其他形式的斗争以后,终于推翻了帝国主义、封建主义和官僚资本主义的统治,取得了新民主主义革命的伟大胜利,建立了中华人民共和国。从此,中国人民掌握了国家的权力,成为国家的主人。
1949-يىلى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ داھىي بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق، ئەگرى-توقاي قوراللىق كۈرەش ۋە باشقا شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.
中华人民共和国成立以后,我国社会逐步实现了由新民主主义到社会主义的过渡。生产资料私有制的社会主义改造已经完成,人剥削人的制度已经消灭,社会主义制度已经确立。工人阶级领导的、以工农联盟为基础的人民民主专政,实质上即无产阶级专政,得到巩固和发展。中国人民和中国人民解放军战胜了帝国主义、霸权主义的侵略、破坏和武装挑衅,维护了国家的独立和安全,增强了国防。经济建设取得了重大的成就,独立的、比较完整的社会主义工业体系已经基本形成,农业生产显著提高。教育、科学、文化等事业有了很大的发展,社会主义思想教育取得了明显的成效。广大人民的生活有了较大的改善。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇنلاندى، كىشىنى كىشى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسى، ماھىيەتتە پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جاھانگىرلىك، زومىگەرلىكنىڭ تاجاۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك يۈكسەلدى. مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت قاتارلىق ئىشلاردا زور تەرەققىيات بولدى، سوتسىيالىستىك ئىدىيەۋى تەربىيەدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
中国新民主主义革命的胜利和社会主义事业的成就,都是中国共产党领导中国各族人民,在马克思列宁主义、毛泽东思想的指引下,坚持真理,修正错误,战胜许多艰难险阻而取得的。今后国家的根本任务是集中力量进行社会主义现代化建设。中国各族人民将继续在中国共产党领导下,在马克思列宁主义、毛泽东思想指引下,坚持人民民主专政,坚持社会主义道路,不断完善社会主义的各项制度,发展社会主义民主,健全社会主义法制,自力更生,艰苦奋斗,逐步实现工业、农业、国防和科学技术的现代化,把我国建设成为高度文明、高度民主的社会主义国家。
جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈپ ۋەزىپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن-تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرىدۇ، دۆلىتىمىزنى يۈكسەك مەدەنىي، يۈكسەك دېموكراتىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى.
在我国,剥削阶级作为阶级已经消灭,但是阶级斗争还将在一定范围内长期存在。中国人民对敌视和破坏我国社会主义制度的国内外的敌对势力和敌对分子,必须进行斗争。
دۆلىتىمىزدە ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلدى، لېكىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىچكى-تاشقى دۈشمەن كۈچلەرگە ۋە دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشى شەرت.
台湾是中华人民共和国的神圣领土的一部分。完成统一祖国的大业是包括台湾同胞在内的全中国人民的神圣职责。
تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى. ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورۇنداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
社会主义的建设事业必须依靠工人、农民和知识分子,团结一切可以团结的力量。在长期的革命和建设过程中,已经结成由中国共产党领导的,有各民主党派和各人民团体参加的,包括全体社会主义劳动者、拥护社会主义的爱国者和拥护祖国统一的爱国者的广泛的爱国统一战线,这个统一战线将继续巩固和发展。中国人民政治协商会议是有广泛代表性的统一战线组织,过去发挥了重要的历史作用,今后在国家政治生活、社会生活和对外友好活动中,在进行社会主义现代化建设、维护国家的统一和团结的斗争中,将进一步发挥它的重要作用。
سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلارغا تايىنىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش شەرت. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇلدى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، ئۇ ئىلگىرى مۇھىم تارىخىي رول ئوينىغانىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە تاشقى دوستلۇق پائالىيەتلىرىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ.
中华人民共和国是全国各族人民共同缔造的统一的多民族国家。平等、团结、互助的社会主义民族关系已经确立,并将继续加强。在维护民族团结的斗争中,要反对大民族主义,主要是大汉族主义,也要反对地方民族主义。国家尽一切努力,促进全国各民族的共同繁荣。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى ھەمدە داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە، چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم. دۆلەت بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
中国革命和建设的成就是同世界人民的支持分不开的。中国的前途是同世界的前途紧密地联系在一起的。中国坚持独立自主的对外政策,坚持互相尊重主权和领土完整、互不侵犯、互不干涉内政、平等互利、和平共处的五项原则,发展同各国的外交关系和经济、文化的交流;坚持反对帝国主义、霸权主义、殖民主义,加强同世界各国人民的团结,支持被压迫民族和发展中国家争取和维护民族独立、发展民族经济的正义斗争,为维护世界和平和促进人类进步事业而努力。
جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى دۇنيانىڭ ئىستىقبالى بىلەن زىچ باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرلەپ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
本宪法以法律的形式确认了中国各族人民奋斗的成果,规定了国家的根本制度和根本任务,是国家的根本法,具有最高的法律效力。全国各族人民、一切国家机关和武装力量、各政党和各社会团体、各企业事业组织,都必须以宪法为根本的活动准则,并且负有维护宪法尊严、保证宪法实施的职责。
بۇ ئاساسىي قانۇندا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرەش نەتىجىلىرى قانۇن شەكلىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلەندى، بۇ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولۇپ، ئەڭ ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى شەرت ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.
第一章 总纲
1-باب ئومۇمىي پىروگرامما
第一条 中华人民共和国是工人阶级领导的、以工农联盟为基础的人民民主专政的社会主义国家。
1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت.
社会主义制度是中华人民共和国的根本制度。禁止任何组织或者个人破坏社会主义制度。
سوتسىيالىستىك تۈزۈم ‐ ‐ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈپ تۈزۈمىدۇر. سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
第二条 中华人民共和国的一切权力属于人民。
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ.
人民行使国家权力的机关是全国人民代表大会和地方各级人民代表大会。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرىدۇر.
人民依照法律规定,通过各种途径和形式,管理国家事务,管理经济和文化事业,管理社会事务。
خەلق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن باشقۇرىدۇ.
第三条 中华人民共和国的国家机构实行民主集中制的原则。
3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.
全国人民代表大会和地方各级人民代表大会都由民主选举产生,对人民负责,受人民监督。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىمۇ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
国家行政机关、审判机关、检察机关都由人民代表大会产生,对它负责,受它监督。
دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
中央和地方的国家机构职权的划分,遵循在中央的统一领导下,充分发挥地方的主动性、积极性的原则。
مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مەركەزنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە يەرلىكنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئايرىلىدۇ.
第四条 中华人民共和国各民族一律平等。国家保障各少数民族的合法的权利和利益,维护和发展各民族的平等、团结、互助关系。禁止对任何民族的歧视和压迫,禁止破坏民族团结和制造民族分裂的行为。
4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەممە مىللەت باپباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەرقانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىش مەنئى قىلىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.
国家根据各少数民族的特点和需要,帮助各少数民族地区加速经济和文化的发展。
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
各少数民族聚居的地方实行区域自治,设立自治机关,行使自治权。各民族自治地方都是中华人民共和国不可分离的部分。
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا رايون ئاپتونومىيەسى يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈلىدۇ. مىللىي ئاپتونوم جايلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر.
各民族都有使用和发展自己的语言文字的自由,都有保持或者改革自己的风俗习惯的自由。
مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
第五条 国家维护社会主义法制的统一和尊严。
5-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.
一切法律、行政法规和地方性法规都不得同宪法相抵触。
ھەرقانداق قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزام ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلسە بولمايدۇ.
一切国家机关和武装力量、各政党和各社会团体、各企业事业组织都必须遵守宪法和法律。一切违反宪法和法律的行为,必须予以追究。
بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى شەرت. ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش شەرت.
任何组织或者个人都不得有超越宪法和法律的特权。
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第六条 中华人民共和国的社会主义经济制度的基础是生产资料的社会主义公有制,即全民所有制和劳动群众集体所有制。
6-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدۇر.
社会主义公有制消灭人剥削人的制度,实行各尽所能,按劳分配的原则。
سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە كىشىنى كىشى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلىدۇ، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
第七条 国营经济是社会主义全民所有制经济,是国民经济中的主导力量。国家保障国营经济的巩固和发展。
7-ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىك ‐ ‐ سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك، شۇنداقلا خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى كۈچ. دۆلەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
第八条 农村人民公社、农业生产合作社和其他生产、供销、信用、消费等各种形式的合作经济,是社会主义劳动群众集体所有制经济。参加农村集体经济组织的劳动者,有权在法律规定的范围内经营自留地、自留山、家庭副业和饲养自留畜。
8-ماددا يېزا خەلق گۇڭشېسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات-سودا، ئامانەت-قەرز، ئىستېمال قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكلىرى سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر. يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغنى باشقۇرۇش، ئائىلە قوشۇمچە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىشقا ھوقۇقلۇق.
城镇中的手工业、工业、建筑业、运输业、商业、服务业等行业的各种形式的合作经济,都是社会主义劳动群众集体所有制经济。
شەھەر-بازارلاردىكى قول سانائەت، سانائەت، بىناكارلىق، تىرانسپورت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكىنىڭ ھەممىسى سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر.
国家保护城乡集体经济组织的合法的权利和利益,鼓励、指导和帮助集体经济的发展。
دۆلەت شەھەر-يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، كوللېكتىپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
第九条 矿藏、水流、森林、山岭、草原、荒地、滩涂等自然资源,都属于国家所有,即全民所有;由法律规定属于集体所有的森林和山岭、草原、荒地、滩涂除外。
9-ماددا قېزىلما بايلىق، سۇ، ئورمان، تاغ، يايلاق، قاقاسلىق، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار دۆلەت ئىگىدارلىقىدا، يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئورمان ۋە تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىللار بۇنىڭ سىرتىدا.
国家保障自然资源的合理利用,保护珍贵的动物和植物。禁止任何组织或者个人用任何手段侵占或者破坏自然资源。
دۆلەت تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئەتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تەبىئىي بايلىقنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.
第十条 城市的土地属于国家所有。
10-ماددا شەھەردىكى يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
农村和城市郊区的土地,除由法律规定属于国家所有的以外,属于集体所有;宅基地和自留地、自留山,也属于集体所有。
يېزىدىكى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يەرنىڭ قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ ئۆيلۈك يەر ۋە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغمۇ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
国家为了公共利益的需要,可以依照法律规定对土地实行征用。
دۆلەت جامائەت مەنپەئەتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرنى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
任何组织或者个人不得侵占、买卖、出租或者以其他形式非法转让土地。
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش-سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
一切使用土地的组织和个人必须合理地利用土地。
يەر ئىشلەتكۈچى بارلىق تەشكىلات ۋە شەخس يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى شەرت.
第十一条 在法律规定范围内的城乡劳动者个体经济,是社会主义公有制经济的补充。国家保护个体经济的合法的权利和利益。
11-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەھەر-يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ يەككە ئىگىلىكى سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر. دۆلەت يەككە ئىگىلىكنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
国家通过行政管理,指导、帮助和监督个体经济。
دۆلەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئارقىلىق يەككە ئىگىلىككە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنى نازارەت قىلىدۇ.
第十二条 社会主义的公共财产神圣不可侵犯。
12-ماددا سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر.
国家保护社会主义的公共财产。禁止任何组织或者个人用任何手段侵占或者破坏国家的和集体的财产。
دۆلەت سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكىنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مۈلكىنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.
第十三条 国家保护公民的合法的收入、储蓄、房屋和其他合法财产的所有权。
13-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق كىرىمى، ئامانىتى، ئۆيى ۋە باشقا قانۇنلۇق مال-مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
国家依照法律规定保护公民的私有财产的继承权。
دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكىگە بولغان ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قوغدايدۇ.
第十四条 国家通过提高劳动者的积极性和技术水平,推广先进的科学技术,完善经济管理体制和企业经营管理制度,实行各种形式的社会主义责任制,改进劳动组织,以不断提高劳动生产率和经济效益,发展社会生产力。
14-ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
国家厉行节约,反对浪费。
دۆلەت ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ.
国家合理安排积累和消费,兼顾国家、集体和个人的利益,在发展生产的基础上,逐步改善人民的物质生活和文化生活。
دۆلەت جۇغلانما بىلەن ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلايدۇ.
第十五条 国家在社会主义公有制基础上实行计划经济。国家通过经济计划的综合平衡和市场调节的辅助作用,保证国民经济按比例地协调发展。
15-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىدا پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي پىلاننىڭ ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلۇقى ۋە بازار تەڭشەشنىڭ قوشۇمچە رولى ئارقىلىق، خەلق ئىگىلىكىنىڭ نىسبەت بويىچە ماس تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
禁止任何组织或者个人扰乱社会经济秩序,破坏国家经济计划。
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
第十六条 国营企业在服从国家的统一领导和全面完成国家计划的前提下,在法律规定的范围内,有经营管理的自主权。
16-ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش ۋە دۆلەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.
国营企业依照法律规定,通过职工代表大会和其他形式,实行民主管理。
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
第十七条 集体经济组织在接受国家计划指导和遵守有关法律的前提下,有独立进行经济活动的自主权。
17-ماددا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۇستەقىل ئىقتىسادىي پائالىيەت قىلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.
集体经济组织依照法律规定实行民主管理,由它的全体劳动者选举和罢免管理人员,决定经营管理的重大问题。
كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئەمگەكچىلىرى باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.
第十八条 中华人民共和国允许外国的企业和其他经济组织或者个人依照中华人民共和国法律的规定在中国投资,同中国的企业或者其他经济组织进行各种形式的经济合作。
18-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەلنىڭ كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ياكى چەت ئەللىك شەخسلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشىغا، جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەر خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
在中国境内的外国企业和其他外国经济组织以及中外合资经营的企业,都必须遵守中华人民共和国的法律。它们的合法的权利和利益受中华人民共和国法律的保护。
جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە چەت ئەلنىڭ باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشى شەرت. ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى قوغدايدۇ.
第十九条 国家发展社会主义的教育事业,提高全国人民的科学文化水平。
19-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
国家举办各种学校,普及初等义务教育,发展中等教育、职业教育和高等教育,并且发展学前教育。
دۆلەت ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئېچىپ، باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرا مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ ھەمدە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
国家发展各种教育设施,扫除文盲,对工人、农民、国家工作人员和其他劳动者进行政治、文化、科学、技术、业务的教育,鼓励自学成才。
دۆلەت مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ئىشچىلار، دېھقانلار، دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنى سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
国家鼓励集体经济组织、国家企业事业组织和其他社会力量依照法律规定举办各种教育事业。
دۆلەت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، دۆلەتنىڭ كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
国家推广全国通用的普通话。
دۆلەت مەملىكەت بويىچە قوللىنىدىغان پۇتۇڭخۇانى كېڭەيتىدۇ.
第二十条 国家发展自然科学和社会科学事业,普及科学和技术知识,奖励科学研究成果和技术发明创造。
20-ماددا دۆلەت تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پەن ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، پەن تەتقىقات نەتىجىسى ۋە تېخنىكا ئىجادىيەت-كەشپىياتىنى مۇكاپاتلايدۇ.
第二十一条 国家发展医疗卫生事业,发展现代医药和我国传统医药,鼓励和支持农村集体经济组织、国家企业事业组织和街道组织举办各种医疗卫生设施,开展群众性的卫生活动,保护人民健康。
21-ماددا دۆلەت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى، زامانىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە كوچا تەشكىلاتلىرىنىڭ داۋالاش، ساقلىق تۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاممىۋى تازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ.
国家发展体育事业,开展群众性的体育活动,增强人民体质。
دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
第二十二条 国家发展为人民服务、为社会主义服务的文学艺术事业、新闻广播电视事业、出版发行事业、图书馆博物馆文化馆和其他文化事业,开展群众性的文化活动。
22-ماددا دۆلەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى، ئاخبارات، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى، نەشر قىلىش-تارقىتىش ئىشلىرىنى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
国家保护名胜古迹、珍贵文物和其他重要历史文化遗产。
دۆلەت مەشھۇر يادىكارلىقلارنى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدايدۇ.
第二十三条 国家培养为社会主义服务的各种专业人才,扩大知识分子的队伍,创造条件,充分发挥他们在社会主义现代化建设中的作用。
23-ماددا دۆلەت سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرىدۇ، زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
第二十四条 国家通过普及理想教育、道德教育、文化教育、纪律和法制教育,通过在城乡不同范围的群众中制定和执行各种守则、公约,加强社会主义精神文明的建设。
24-ماددا دۆلەت غايە تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت تەربىيەسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر-يېزىلاردا ئوخشاش بولمىغان دائىرىدىكى ئامما ئارىسىدا ھەر خىل قائىدە، ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
国家提倡爱祖国、爱人民、爱劳动、爱科学、爱社会主义的公德,在人民中进行爱国主义、集体主义和国际主义、共产主义的教育,进行辩证唯物主义和历史唯物主义的教育,反对资本主义的、封建主义的和其他的腐朽思想。
دۆلەت ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم-پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلققە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسىيونالىزم، كوممۇنىزم تەربىيەسى، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم تەربىيەسى بېرىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئودال چىرىك ئىدىيەگە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرىدۇ.
第二十五条 国家推行计划生育,使人口的增长同经济和社会发展计划相适应。
25-ماددا دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.
第二十六条 国家保护和改善生活环境和生态环境,防治污染和其他公害。
26-ماددا دۆلەت تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تىزگىنلەيدۇ.
国家组织和鼓励植树造林,保护林木。
دۆلەت كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، دەل-دەرەخنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
第二十七条 一切国家机关实行精简的原则,实行工作责任制,实行工作人员的培训和考核制度,不断提高工作质量和工作效率,反对官僚主义。
27-ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ئىخچام بولۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.خىزمەت سۈپىتىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرىدۇ.
一切国家机关和国家工作人员必须依靠人民的支持,经常保持同人民的密切联系,倾听人民的意见和建议,接受人民的监督,努力为人民服务。
بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى شەرت.
第二十八条 国家维护社会秩序,镇压叛国和其他反革命的活动,制裁危害社会治安、破坏社会主义经济和其他犯罪的活动,惩办和改造犯罪分子。
28-ماددا دۆلەت جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋە باشقا ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى جازالايدۇ، جىنايەتچىلەرنى جازالايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.
第二十九条 中华人民共和国的武装力量属于人民。它的任务是巩固国防,抵抗侵略,保卫祖国,保卫人民的和平劳动,参加国家建设事业,努力为人民服务。
29-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچى خەلققە مەنسۇپ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش.
国家加强武装力量的革命化、现代化、正规化的建设,增强国防力量。
دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
第三十条 中华人民共和国的行政区域划分如下:
30-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەمۇرىي رايونلار مۇنداق ئايرىلىدۇ :
(一)全国分为省、自治区、直辖市;
( 1 ) پۈتۈن مەملىكەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئايرىلىدۇ؛
(二)省、自治区分为自治州、县、自治县、市;
( 2 ) ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە ئايرىلىدۇ؛
(三)县、自治县分为乡、民族乡、镇。
( 3 ) ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيەلەر يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارغا ئايرىلىدۇ.
直辖市和较大的市分为区、县。自治州分为县、自治县、市。
بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر رايون-ناھىيەلەرگە ئايرىلىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە ئايرىلىدۇ.
自治区、自治州、自治县都是民族自治地方。
ئاپتونوم رايونلار، ئاپتونوم ئوبلاستلار، ئاپتونوم ناھىيەلەر مىللىي ئاپتونوم جايلاردۇر.
第三十一条 国家在必要时得设立特别行政区。在特别行政区内实行的制度按照具体情况由全国人民代表大会以法律规定。
31-ماددا دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا يولغا قويۇلىدىغان تۈزۈمنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانۇندا بەلگىلەيدۇ.
第三十二条 中华人民共和国保护在中国境内的外国人的合法权利和利益,在中国境内的外国人必须遵守中华人民共和国的法律。
32-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشى شەرت.
中华人民共和国对于因为政治原因要求避难的外国人,可以给予受庇护的权利。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي سەۋەب بىلەن پاناھ تىلىگەن چەت ئەللىكلەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.
第二章 公民的基本权利和义务
2-باب پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى
第三十三条 凡具有中华人民共和国国籍的人都是中华人民共和国公民。
33-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلىكى كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىدۇر.
中华人民共和国公民在法律面前一律平等。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر.
任何公民享有宪法和法律规定的权利,同时必须履行宪法和法律规定的义务。
ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت.
第三十四条 中华人民共和国年满十八周岁的公民,不分民族、种族、性别、职业、家庭出身、宗教信仰、教育程度、财产状况、居住期限,都有选举权和被选举权;但是依照法律被剥夺政治权利的人除外。
34-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 18 ياشقا توشقان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
第三十五条 中华人民共和国公民有言论、出版、集会、结社、游行、示威的自由。
35-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
第三十六条 中华人民共和国公民有宗教信仰自由。
36-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
任何国家机关、社会团体和个人不得强制公民信仰宗教或者不信仰宗教,不得歧视信仰宗教的公民和不信仰宗教的公民。
ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
国家保护正常的宗教活动。任何人不得利用宗教进行破坏社会秩序、损害公民身体健康、妨碍国家教育制度的活动。
دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
宗教团体和宗教事务不受外国势力的支配。
دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.
第三十七条 中华人民共和国公民的人身自由不受侵犯。
37-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ.
任何公民,非经人民检察院批准或者决定或者人民法院决定,并由公安机关执行,不受逮捕。
ھەرقانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋەياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ.
禁止非法拘禁和以其他方法非法剥夺或者限制公民的人身自由,禁止非法搜查公民的身体。
پۇقرالارنى قانۇنسىز سولاپ قويۇش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
第三十八条 中华人民共和国公民的人格尊严不受侵犯。禁止用任何方法对公民进行侮辱、诽谤和诬告陷害。
38-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارا چاپلاش، زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
第三十九条 中华人民共和国公民的住宅不受侵犯。禁止非法搜查或者非法侵入公民的住宅。
39-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنڭ تۇرالغۇسىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
第四十条 中华人民共和国公民的通信自由和通信秘密受法律的保护。除因国家安全或者追查刑事犯罪的需要,由公安机关或者检察机关依照法律规定的程序对通信进行检查外,任何组织或者个人不得以任何理由侵犯公民的通信自由和通信秘密。
40-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第四十一条 中华人民共和国公民对于任何国家机关和国家工作人员,有提出批评和建议的权利;对于任何国家机关和国家工作人员的违法失职行为,有向有关国家机关提出申诉、控告或者检举的权利,但是不得捏造或者歪曲事实进行诬告陷害。
41-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىغا تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشى ئۈستىدىن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن پاكىت ئويدۇرۇش ياكى پاكىتنى بۇرمىلاش يولى بىلەن قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
对于公民的申诉、控告或者检举,有关国家机关必须查清事实,负责处理。任何人不得压制和打击报复。
مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى پۇقرالار ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان ياكى پاش قىلغان ئىشلارنى ئېنىقلاپ، مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى شەرت. ھەرقانداق كىشىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ۋە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
由于国家机关和国家工作人员侵犯公民权利而受到损失的人,有依照法律规定取得赔偿的权利。
پۇقرالىق ھوقۇقى دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ چېقىلىشى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغانلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
第四十二条 中华人民共和国公民有劳动的权利和义务。
42-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
国家通过各种途径,创造劳动就业条件,加强劳动保护,改善劳动条件,并在发展生产的基础上,提高劳动报酬和福利待遇。
دۆلەت تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، ئەمگەك ھەققى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ.
劳动是一切有劳动能力的公民的光荣职责。国营企业和城乡集体经济组织的劳动者都应当以国家主人翁的态度对待自己的劳动。国家提倡社会主义劳动竞赛,奖励劳动模范和先进工作者。国家提倡公民从事义务劳动。
ئەمگەك قىلىش ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەممە پۇقرانىڭ شەرەپلىك بۇرچى. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ، شەھەر-يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىسانە ئەمگەككە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
国家对就业前的公民进行必要的劳动就业训练。
دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مۇۋاپىق تەربىيەلەيدۇ.
第四十三条 中华人民共和国劳动者有休息的权利。
43-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەكچىلىرى دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
国家发展劳动者休息和休养的设施,规定职工的工作时间和休假制度。
دۆلەت ئەمگەكچىلەر دەم ئالىدىغان ۋە كۈتۈنىدىغان ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ۋە دەم ئېلىش تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ.
第四十四条 国家依照法律规定实行企业事业组织的职工和国家机关工作人员的退休制度。退休人员的生活受到国家和社会的保障。
44-ماددا دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى پېنسىيەگە چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ تۇرمۇشىنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت كاپالەتلەندۈرىدۇ.
第四十五条 中华人民共和国公民在年老、疾病或者丧失劳动能力的情况下,有从国家和社会获得物质帮助的权利。国家发展为公民享受这些权利所需要的社会保险、社会救济和医疗卫生事业。
45-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ياشانغاندا، كېسەل بولغاندا ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندا، دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
国家和社会保障残废军人的生活,抚恤烈士家属,优待军人家属。
دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە نەپىقە بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىدۇ.
国家和社会帮助安排盲、聋、哑和其他有残疾的公民的劳动、生活和教育。
دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەما، گاس، گاچا ۋە باشقا مېيىپ پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
第四十六条 中华人民共和国公民有受教育的权利和义务。
46-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
国家培养青年、少年、儿童在品德、智力、体质等方面全面发展。
دۆلەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ.
第四十七条 中华人民共和国公民有进行科学研究、文学艺术创作和其他文化活动的自由。国家对于从事教育、科学、技术、文学、艺术和其他文化事业的公民的有益于人民的创造性工作,给以鼓励和帮助。
47-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى پەن تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دۆلەت مائارىپ، پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پۇقرالارنىڭ خەلققە پايدىلىق ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىدۇ.
第四十八条 中华人民共和国妇女在政治的、经济的、文化的、社会的和家庭的生活等各方面享有同男子平等的权利。
48-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئاياللار سىياسىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
国家保护妇女的权利和利益,实行男女同工同酬,培养和选拔妇女干部。
دۆلەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشنى يولغا قويىدۇ، ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.
第四十九条 婚姻、家庭、母亲和儿童受国家的保护。
49-ماددا ئۆيلىنىش، ئائىلە، ئانا ۋە بالىنى دۆلەت قوغدايدۇ.
夫妻双方有实行计划生育的义务。
ئەر بىلەن خوتۇننىڭ پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش مەجبۇرىيىتى بار.
父母有抚养教育未成年子女的义务,成年子女有赡养扶助父母的义务。
ئاتا-ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بار، قۇرامىغا يەتكەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
禁止破坏婚姻自由,禁止虐待老人、妇女和儿童。
ئۆيلىنىش ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ.
第五十条 中华人民共和国保护华侨的正当的权利和利益,保护归侨和侨眷的合法的权利和利益。
第五十条 中华人民共和国保护华侨的正当的权利和利益,保护归侨和侨眷的合法的权利和利益。
第五十一条 中华人民共和国公民在行使自由和权利的时候,不得损害国家的、社会的、集体的利益和其他公民的合法的自由和权利。
51-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ئەركىنلىكىگە ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.
第五十二条 中华人民共和国公民有维护国家统一和全国各民族团结的义务。
52-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
第五十三条 中华人民共和国公民必须遵守宪法和法律,保守国家秘密,爱护公共财产,遵守劳动纪律,遵守公共秩序,尊重社会公德。
53-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىشى، جامائەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئاسرىشى، ئەمگەك ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى شەرت.
第五十四条 中华人民共和国公民有维护祖国的安全、荣誉和利益的义务,不得有危害祖国的安全、荣誉和利益的行为。
54-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى، شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى، پەخرىي شۆھرىتى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
第五十五条 保卫祖国、抵抗侵略是中华人民共和国每一个公民的神圣职责。
55-ماددا ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
依照法律服兵役和参加民兵组织是中华人民共和国公民的光荣义务。
قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
第五十六条 中华人民共和国公民有依照法律纳税的义务。
56-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
第三章 国家机构
3-باب دۆلەت ئاپپاراتلىرى
第一节 全国人民代表大会
1-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
第五十七条 中华人民共和国全国人民代表大会是最高国家权力机关。它的常设机关是全国人民代表大会常务委员会。
57-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭ دائىمىي ئورگىنىدۇر.
第五十八条 全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会行使国家立法权。
58-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
第五十九条 全国人民代表大会由省、自治区、直辖市和军队选出的代表组成。各少数民族都应当有适当名额的代表。
59-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئارمىيە سايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ. ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى لازىم.
全国人民代表大会代表的选举由全国人民代表大会常务委员会主持。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
全国人民代表大会代表名额和代表产生办法由法律规定。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第六十条 全国人民代表大会每届任期五年。
60-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.
全国人民代表大会任期届满的两个月以前,全国人民代表大会常务委员会必须完成下届全国人民代表大会代表的选举。如果遇到不能进行选举的非常情况,由全国人民代表大会常务委员会以全体组成人员的三分之二以上的多数通过,可以推迟选举,延长本届全国人民代表大会的任期。在非常情况结束后一年内,必须完成下届全国人民代表大会代表的选举。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ بولۇشى شەرت. سايلام ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولۇپ قالسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، سايلامنى كېچىكتۈرۈپ، شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ بولۇش شەرت.
第六十一条 全国人民代表大会会议每年举行一次,由全国人民代表大会常务委员会召集。如果全国人民代表大会常务委员会认为必要,或者有五分之一以上的全国人民代表大会代表提议,可以临时召集全国人民代表大会会议。
61-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپسا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرسە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قەرەلسىز چاقىرىلسا بولىدۇ.
全国人民代表大会举行会议的时候,选举主席团主持会议。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ھەيئەت رىياسىتىنى سايلايدۇ.
第六十二条 全国人民代表大会行使下列职权:
62-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :
(一)修改宪法;
( 1 ) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛
(二)监督宪法的实施;
( 2 ) ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛
(三)制定和修改刑事、民事、国家机构的和其他的基本法律;
( 3 ) جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، دۆلەت ئاپپاراتى ۋە باشقا ئاساسىي قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛
(四)选举中华人民共和国主席、副主席;
( 4 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلاش؛
(五)根据中华人民共和国主席的提名,决定国务院总理的人选;根据国务院总理的提名,决定国务院副总理、国务委员、各部部长、各委员会主任、审计长、秘书长的人选;
( 5 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى قارار قىلىدۇ؛
(六)选举中央军事委员会主席;根据中央军事委员会主席的提名,决定中央军事委员会其他组成人员的人选;
( 6 ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىنى سايلاش؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتىنى قارار قىلىدۇ؛
(七)选举最高人民法院院长;
( 7 ) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلاش؛
(八)选举最高人民检察院检察长;
( 8 ) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاش؛
(九)审查和批准国民经济和社会发展计划和计划执行情况的报告;
( 9 ) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ۋە پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛
(十)审查和批准国家的预算和预算执行情况的报告;
( 10 ) دۆلەت خامچوتى ۋە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛
(十一)改变或者撤销全国人民代表大会常务委员会不适当的决定;
( 11 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛
(十二)批准省、自治区和直辖市的建置;
( 12 ) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەستىقلاش؛
(十三)决定特别行政区的设立及其制度;
( 13 ) ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈمىنى قارار قىلىش؛
(十四)决定战争和和平的问题;
( 14 ) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى قارار قىلىش؛
(十五)应当由最高国家权力机关行使的其他职权。
( 15 ) ئالىي دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.
第六十三条 全国人民代表大会有权罢免下列人员:
63-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خادىملارنى قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق :
(一)中华人民共和国主席、副主席;
( 1 ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى؛
(二)国务院总理、副总理、国务委员、各部部长、各委员会主任、审计长、秘书长;
( 2 ) گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ؛
(三)中央军事委员会主席和中央军事委员会其他组成人员;
( 3 ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى باشقا خادىملار؛
(四)最高人民法院院长;
( 4 ) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى؛
(五)最高人民检察院检察长。
( 5 ) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى.
第六十四条 宪法的修改,由全国人民代表大会常务委员会或者五分之一以上的全国人民代表大会代表提议,并由全国人民代表大会以全体代表的三分之二以上的多数通过。
64-ماددا ئاساسىي قانۇنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ تەكلىپى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىسىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.
法律和其他议案由全国人民代表大会以全体代表的过半数通过。
قانۇنلار ۋە باشقا تەكلىپلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
第六十五条 全国人民代表大会常务委员会由下列人员组成:
65-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ :
委员长,
كومىتېت باشلىقى،
副委员长若干人,
مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى،
秘书长,
باش كاتىپ،
委员若干人。
ئەزالار بىر قانچە ئادەم.
全国人民代表大会常务委员会组成人员中,应当有适当名额的少数民族代表。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.
全国人民代表大会选举并有权罢免全国人民代表大会常务委员会的组成人员。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.
全国人民代表大会常务委员会的组成人员不得担任国家行政机关、审判机关和检察机关的职务。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
第六十六条 全国人民代表大会常务委员会每届任期同全国人民代表大会每届任期相同,它行使职权到下届全国人民代表大会选出新的常务委员会为止。
66-ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتىنى سايلاپ چىققۇچە يۈرگۈزىدۇ.
委员长、副委员长连续任职不得超过两届。
كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
第六十七条 全国人民代表大会常务委员会行使下列职权:
67-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :
(一)解释宪法,监督宪法的实施;
( 1 ) ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛
(二)制定和修改除应当由全国人民代表大会制定的法律以外的其他法律;
( 2 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقىرىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش؛
(三)在全国人民代表大会闭会期间,对全国人民代表大会制定的法律进行部分补充和修改,但是不得同该法律的基本原则相抵触;
( 3 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، لېكىن شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا زىت كەلسە بولمايدۇ؛
(四)解释法律;
( 4 ) قانۇننى ئىزاھلاش؛
(五)在全国人民代表大会闭会期间,审查和批准国民经济和社会发展计划、国家预算在执行过程中所必须作的部分调整方案;
( 5 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ، دۆلەت خامچوتىنىڭ ئىجراسى جەريانىدا زۆرۈر بولغان قىسمەن تەڭشەش لايىھەلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛
(六)监督国务院、中央军事委员会、最高人民法院和最高人民检察院的工作;
( 6 ) گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛
(七)撤销国务院制定的同宪法、法律相抵触的行政法规、决定和命令;
( 7 ) گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىش؛
(八)撤销省、自治区、直辖市国家权力机关制定的同宪法、法律和行政法规相抵触的地方性法规和决议;
( 8 ) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزام ۋە قارارلىرىنى بىكار قىلىش؛
(九)在全国人民代表大会闭会期间,根据国务院总理的提名,决定部长、委员会主任、审计长、秘书长的人选;
( 9 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى قارار قىلىش؛
(十)在全国人民代表大会闭会期间,根据中央军事委员会主席的提名,决定中央军事委员会其他组成人员的人选;
( 10 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتىنى قارار قىلىش؛
(十一)根据最高人民法院院长的提请,任免最高人民法院副院长、审判员、审判委员会委员和军事法院院长;
( 11 ) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛
(十二)根据最高人民检察院检察长的提请,任免最高人民检察院副检察长、检察员、检察委员会委员和军事检察院检察长,并且批准省、自治区、直辖市的人民检察院检察长的任免;
( 12 ) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىشلىرى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى تەستىقلاش؛
(十三)决定驻外全权代表的任免;
( 13 ) چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى قارار قىلىش؛
(十四)决定同外国缔结的条约和重要协定的批准和废除;
( 14 ) چەت ئەل بىلەن تۈزگەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىشنى قارار قىلىش؛
(十五)规定军人和外交人员的衔级制度和其他专门衔级制度;
( 15 ) ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛
(十六)规定和决定授予国家的勋章和荣誉称号;
( 16 ) دۆلەتنىڭ ئوردېنىنى ۋە پەخرىي نامىنى بەلگىلەش ۋە بېرىشنى قارار قىلىش؛
(十七)决定特赦;
( 17 ) ئالاھىدە كەچۈرۈم قارارى چىقىرىش؛
(十八)在全国人民代表大会闭会期间,如果遇到国家遭受武装侵犯或者必须履行国际间共同防止侵略的条约的情况,决定战争状态的宣布;
( 18 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، دۆلەت قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالسا ياكى تاجاۋۇزدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارا شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئۇرۇش ھالىتى توغرىسىدىكى جاكارلاش؛
(十九)决定全国总动员或者局部动员;
( 19 ) پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىش؛
(二十)决定全国或者个别省、自治区、直辖市的戒严;
( 20 ) پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش؛
(二十一)全国人民代表大会授予的其他职权。
( 21 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.
第六十八条 全国人民代表大会常务委员会委员长主持全国人民代表大会常务委员会的工作,召集全国人民代表大会常务委员会会议。副委员长、秘书长协助委员长工作。
68-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نەق كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىدۇ. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ كومىتېت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.
委员长、副委员长、秘书长组成委员长会议,处理全国人民代表大会常务委员会的重要日常工作。
كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپتىن تەركىب تاپقان كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
第六十九条 全国人民代表大会常务委员会对全国人民代表大会负责并报告工作。
69-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
第七十条 全国人民代表大会设立民族委员会、法律委员会、财政经济委员会、教育科学文化卫生委员会、外事委员会、华侨委员会和其他需要设立的专门委员会。在全国人民代表大会闭会期间,各专门委员会受全国人民代表大会常务委员会的领导。
70-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە تەسىس قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.
各专门委员会在全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会领导下,研究、审议和拟订有关议案。
مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تەييارلايدۇ.
第七十一条 全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会认为必要的时候,可以组织关于特定问题的调查委员会,并且根据调查委员会的报告,作出相应的决议。
71-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپقاندا، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.
调查委员会进行调查的时候,一切有关的国家机关、社会团体和公民都有义务向它提供必要的材料。
تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈشتە، ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭغا زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
第七十二条 全国人民代表大会代表和全国人民代表大会常务委员会组成人员,有权依照法律规定的程序分别提出属于全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会职权范围内的议案。
72-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى ئايرىم-ئايرىم بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
第七十三条 全国人民代表大会代表在全国人民代表大会开会期间,全国人民代表大会常务委员会组成人员在常务委员会开会期间,有权依照法律规定的程序提出对国务院或者国务院各部、各委员会的质询案。受质询的机关必须负责答复。
73-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋېتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرىغا سۈرۈشتۈرمە قويۇشقا ھوقۇقلۇق. سۈرۈشتۈرمىنى قوبۇل قىلغان ئورگان جاۋابكار بولۇشى شەرت.
第七十四条 全国人民代表大会代表,非经全国人民代表大会会议主席团许可,在全国人民代表大会闭会期间非经全国人民代表大会常务委员会许可,不受逮捕或者刑事审判。
74-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلانمايدۇ.
第七十五条 全国人民代表大会代表在全国人民代表大会各种会议上的发言和表决,不受法律追究。
75-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرخىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
第七十六条 全国人民代表大会代表必须模范地遵守宪法和法律,保守国家秘密,并且在自己参加的生产、工作和社会活动中,协助宪法和法律的实施。
76-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشى، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى شەرت.
全国人民代表大会代表应当同原选举单位和人民保持密切的联系,听取和反映人民的意见和要求,努力为人民服务。
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، خەلقنىڭ پىكرى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك.
第七十七条 全国人民代表大会代表受原选举单位的监督。原选举单位有权依照法律规定的程序罢免本单位选出的代表。
77-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. ئەسلىي سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.
第七十八条 全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会的组织和工作程序由法律规定。
78-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت تەرتىپى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第二节 中华人民共和国主席
2-پاراگراف جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى
第七十九条 中华人民共和国主席、副主席由全国人民代表大会选举。
79-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ.
有选举权和被选举权的年满四十五周岁的中华人民共和国公民可以被选为中华人民共和国主席、副主席。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە 45 ياشقا تولغان پۇقراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانسا بولىدۇ.
中华人民共和国主席、副主席每届任期同全国人民代表大会每届任期相同,连续任职不得超过两届。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
第八十条 中华人民共和国主席根据全国人民代表大会的决定和全国人民代表大会常务委员会的决定,公布法律,任免国务院总理、副总理、国务委员、各部部长、各委员会主任、审计长、秘书长,授予国家的勋章和荣誉称号,发布特赦令,发布戒严令,宣布战争状态,发布动员令。
80-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپنى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، دۆلەت ئوردېنى ۋە پەخرىي ناملىرىنى بېرىدۇ، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىدۇ، قاتتىق پەرمان چىقىرىدۇ، ئۇرۇش ھالىتى جاكارلىنىپ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
第八十一条 中华人民共和国主席代表中华人民共和国,接受外国使节;根据全国人民代表大会常务委员会的决定,派遣和召回驻外全权代表,批准和废除同外国缔结的条约和重要协定。
81-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە، چەت ئەلدە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە قايتۇرۇپ كېلىدۇ، چەت ئەل بىلەن تۈزگەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلايدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ.
第八十二条 中华人民共和国副主席协助主席工作。
82-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.
中华人民共和国副主席受主席的委托,可以代行主席的部分职权。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، رەئىسنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.
第八十三条 中华人民共和国主席、副主席行使职权到下届全国人民代表大会选出的主席、副主席就职为止。
83-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغۇچە يۈرگۈزىدۇ.
第八十四条 中华人民共和国主席缺位的时候,由副主席继任主席的职位。
84-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مۇئاۋىن رەئىس رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
中华人民共和国副主席缺位的时候,由全国人民代表大会补选。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ.
中华人民共和国主席、副主席都缺位的时候,由全国人民代表大会补选;在补选以前,由全国人民代表大会常务委员会委员长暂时代理主席职位。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنىسىمۇ بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ؛ تولۇقلاپ سايلىغۇچە مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاقتىنچە ئۆتەپ تۇرىدۇ.
第三节 国务院
3-پاراگراف گوۋۇيۈەن
第八十五条 中华人民共和国国务院,即中央人民政府,是最高国家权力机关的执行机关,是最高国家行政机关。
85-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوۋۇيۈەنى، يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىي ئورگىنى، دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر.
第八十六条 国务院由下列人员组成:
86-ماددا گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ :
总理,
زۇڭلى،
副总理若干人,
مۇئاۋىن زۇڭلىلار بىر قانچە كىشى،
国务委员若干人,
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى،
各部部长,
ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ باشلىقلىرى،
各委员会主任,
ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى،
审计长,
باش مۇپەتتىش،
秘书长。
باش كاتىپ.
国务院实行总理负责制。各部、各委员会实行部长、主任负责制。
گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردا مىنىستىر، مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
国务院的组织由法律规定。
گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第八十七条 国务院每届任期同全国人民代表大会每届任期相同。
87-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە يۈرگۈزۈش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
总理、副总理、国务委员连续任职不得超过两届。
زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
第八十八条 总理领导国务院的工作。副总理、国务委员协助总理工作。
88-ماددا زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.
总理、副总理、国务委员、秘书长组成国务院常务会议。
زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى ۋە باش كاتىپتىن گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ.
总理召集和主持国务院常务会议和国务院全体会议。
زۇڭلى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
第八十九条 国务院行使下列职权:
89-ماددا گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ :
(一)根据宪法和法律,规定行政措施,制定行政法规,发布决定和命令;
( 1 ) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي نىزام چىقىرىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىش؛
(二)向全国人民代表大会或者全国人民代表大会常务委员会提出议案;
( 2 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىش؛
(三)规定各部和各委员会的任务和职责,统一领导各部和各委员会的工作,并且领导不属于各部和各委员会的全国性的行政工作;
( 3 ) مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەش، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەمۇرىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش؛
(四)统一领导全国地方各级国家行政机关的工作,规定中央和省、自治区、直辖市的国家行政机关的职权的具体划分;
( 4 ) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، مەركەزدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى كونكرېت ئايرىش؛
(五)编制和执行国民经济和社会发展计划和国家预算;
( 5 ) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خامچوتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛
(六)领导和管理经济工作和城乡建设;
( 6 ) ئىقتىسادىي خىزمەت ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛
(七)领导和管理教育、科学、文化、卫生、体育和计划生育工作;
( 7 ) مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛
(八)领导和管理民政、公安、司法行政和监察等工作;
( 8 ) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە رېۋىزىيە قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛
(九)管理对外事务,同外国缔结条约和协定;
( 9 ) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش، چەت ئەل بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈش؛
(十)领导和管理国防建设事业;
( 10 ) دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛
(十一)领导和管理民族事务,保障少数民族的平等权利和民族自治地方的自治权利;
( 11 ) مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛
(十二)保护华侨的正当的权利和利益,保护归侨和侨眷的合法的权利和利益;
(十二)保护华侨的正当的权利和利益,保护归侨和侨眷的合法的权利和利益;
(十三)改变或者撤销各部、各委员会发布的不适当的命令、指示和规章;
( 13 ) مىنىستىرلىق، كومىتېتلار چىقارغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛
(十四)改变或者撤销地方各级国家行政机关的不适当的决定和命令;
( 14 ) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛
(十五)批准省、自治区、直辖市的区域划分,批准自治州、县、自治县、市的建置和区域划分;
( 15 ) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رايونلارغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە رايونلارغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش؛
(十六)决定省、自治区、直辖市的范围内部分地区的戒严;
( 16 ) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش؛
(十七)审定行政机构的编制,依照法律规定任免、培训、考核和奖惩行政人员;
( 17 ) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىشتاتىنى بېكىتىش، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، تەربىيەلەش، سىناش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛
(十八)全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会授予的其他职权。
( 18 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.
第九十条 国务院各部部长、各委员会主任负责本部门的工作;召集和主持部务会议或者委员会会议、委务会议,讨论决定本部门工作的重大问题。
90-ماددا گوۋۇيۈەندىكى مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنى ياكى كومىتېت يىغىنى، كومىتېت ئىشلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە دائىر مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ.
各部、各委员会根据法律和国务院的行政法规、决定、命令,在本部门的权限内,发布命令、指示和规章。
مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار قانۇنلارغا، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە قائىدىلەرنى چىقىرىدۇ.
第九十一条 国务院设立审计机关,对国务院各部门和地方各级政府的财政收支,对国家的财政金融机构和企业事业组织的财务收支,进行审计监督。
91-ماددا گوۋۇيۈەندە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىمىنى، دۆلەتنىڭ مالىيە-پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ مالىيە كىرىم-كىرىمىنى تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىدۇ.
审计机关在国务院总理领导下,依照法律规定独立行使审计监督权,不受其他行政机关、社会团体和个人的干涉。
ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىشلىك، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.
第九十二条 国务院对全国人民代表大会负责并报告工作;在全国人民代表大会闭会期间,对全国人民代表大会常务委员会负责并报告工作。
92-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
第四节 中央军事委员会
4-پاراگراف مەركىزىي ھەربىي كومىتېت
第九十三条 中华人民共和国中央军事委员会领导全国武装力量。
93-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
中央军事委员会由下列人员组成:
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ :
主席,
رەئىس،
副主席若干人,
مۇئاۋىن رەئىسلەر،
委员若干人。
ئەزالار بىر قانچە ئادەم.
中央军事委员会实行主席负责制。
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
中央军事委员会每届任期同全国人民代表大会每届任期相同。
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە يۈرگۈزۈش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
第九十四条 中央军事委员会主席对全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会负责。
94-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
第五节 地方各级人民代表大会和地方各级人民政府
5-پاراگراف يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى
第九十五条 省、直辖市、县、市、市辖区、乡、民族乡、镇设立人民代表大会和人民政府。
95-ماددا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىدۇ.
地方各级人民代表大会和地方各级人民政府的组织由法律规定。
يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
自治区、自治州、自治县设立自治机关。自治机关的组织和工作根据宪法第三章第五节、第六节规定的基本原则由法律规定。
ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەردە ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ 3-بابىنىڭ 5-، 6-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پىرىنسىپلار بويىچە قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第九十六条 地方各级人民代表大会是地方国家权力机关。
96-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر.
县级以上的地方各级人民代表大会设立常务委员会。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ.
第九十七条 省、直辖市、设区的市的人民代表大会代表由下一级的人民代表大会选举;县、不设区的市、市辖区、乡、民族乡、镇的人民代表大会代表由选民直接选举。
97-ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ؛ ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدۇ.
地方各级人民代表大会代表名额和代表产生办法由法律规定。
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第九十八条 省、直辖市、设区的市的人民代表大会每届任期五年。县、不设区的市、市辖区、乡、民族乡、镇的人民代表大会每届任期三年。
98-ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.
第九十九条 地方各级人民代表大会在本行政区域内,保证宪法、法律、行政法规的遵守和执行;依照法律规定的权限,通过和发布决议,审查和决定地方的经济建设、文化建设和公共事业建设的计划。
99-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار ماقۇللايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەكشۈرىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ.
县级以上的地方各级人民代表大会审查和批准本行政区域内的国民经济和社会发展计划、预算以及它们的执行情况的报告;有权改变或者撤销本级人民代表大会常务委员会不适当的决定。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خامچوتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
民族乡的人民代表大会可以依照法律规定的权限采取适合民族特点的具体措施。
مىللىي يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە مىللىي ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.
第一百条 省、直辖市的人民代表大会和它们的常务委员会,在不同宪法、法律、行政法规相抵触的前提下,可以制定地方性法规,报全国人民代表大会常务委员会备案。
100-ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت بولماسلىق شەرتى بىلەن يەرلىك نىزاملارنى چىقارسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
第一百零一条 地方各级人民代表大会分别选举并且有权罢免本级人民政府的省长和副省长、市长和副市长、县长和副县长、区长和副区长、乡长和副乡长、镇长和副镇长。
101-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە ئۆلكىنىڭ باشلىقى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، ناھىيەنىڭ ھاكىمى ۋە مۇئاۋىن ھاكىملىرىنى، رايوننىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازارلارنىڭ باشلىقلىرىنى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازارنىڭ باشلىقلىرىنى ئايرىم-ئايرىم سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.
县级以上的地方各级人民代表大会选举并且有权罢免本级人民法院院长和本级人民检察院检察长。选出或者罢免人民检察院检察长,须报上级人民检察院检察长提请该级人民代表大会常务委员会批准。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاپ چىقىش ياكى قالدۇرۇۋېتىشتە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىش شەرت.
第一百零二条 省、直辖市、设区的市的人民代表大会代表受原选举单位的监督;县、不设区的市、市辖区、乡、民族乡、镇的人民代表大会代表受选民的监督。
102-ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
地方各级人民代表大会代表的选举单位和选民有权依照法律规定的程序罢免由他们选出的代表。
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچى ئورۇن ۋە سايلىغۇچىلار ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.
第一百零三条 县级以上的地方各级人民代表大会常务委员会由主任、副主任若干人和委员若干人组成,对本级人民代表大会负责并报告工作。
103-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
县级以上的地方各级人民代表大会选举并有权罢免本级人民代表大会常务委员会的组成人员。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.
县级以上的地方各级人民代表大会常务委员会的组成人员不得担任国家行政机关、审判机关和检察机关的职务。
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
第一百零四条 县级以上的地方各级人民代表大会常务委员会讨论、决定本行政区域内各方面工作的重大事项;监督本级人民政府、人民法院和人民检察院的工作;撤销本级人民政府的不适当的决定和命令;撤销下一级人民代表大会的不适当的决议;依照法律规定的权限决定国家机关工作人员的任免;在本级人民代表大会闭会期间,罢免和补选上一级人民代表大会的个别代表。
104-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خىزمەتلىرىدىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارى ۋە بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش؛ بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى بىكار قىلىش؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى قارار قىلىش؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىلىدۇ ۋە تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.
第一百零五条 地方各级人民政府是地方各级国家权力机关的执行机关,是地方各级国家行政机关。
105-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرائىي ئورگانلىرى، دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىدە مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر.
地方各级人民政府实行省长、市长、县长、区长、乡长、镇长负责制。
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئۆلكە باشلىقى، شەھەر باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى، يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
第一百零六条 地方各级人民政府每届任期同本级人民代表大会每届任期相同。
106-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە يۈرگۈزۈش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
第一百零七条 县级以上地方各级人民政府依照法律规定的权限,管理本行政区域内的经济、教育、科学、文化、卫生、体育事业,城乡建设事业和财政、民政、公安、民族事务、司法行政、监察、计划生育等行政工作,发布决定和命令,任免、培训、考核和奖惩行政工作人员。
107-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، رېۋىزىيە، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ، مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، تەربىيەلەش، سىناش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش.
乡、民族乡、镇的人民政府执行本级人民代表大会的决议和上级国家行政机关的决定和命令,管理本行政区域内的行政工作。
يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ قارارى ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ.
省、直辖市的人民政府决定乡、民族乡、镇的建置和区域划分。
ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە رايونلارغا ئايرىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
第一百零八条 县级以上的地方各级人民政府领导所属各工作部门和下级人民政府的工作,有权改变或者撤销所属各工作部门和下级人民政府的不适当的决定。
108-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
第一百零九条 县级以上的地方各级人民政府设立审计机关。地方各级审计机关依照法律规定独立行使审计监督权,对本级人民政府和上一级审计机关负责。
109-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
第一百一十条 地方各级人民政府对本级人民代表大会负责并报告工作。县级以上的地方各级人民政府在本级人民代表大会闭会期间,对本级人民代表大会常务委员会负责并报告工作。
110-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
地方各级人民政府对上一级国家行政机关负责并报告工作。全国地方各级人民政府都是国务院统一领导下的国家行政机关,都服从国务院。
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر، گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ.
第一百一十一条 城市和农村按居民居住地区设立的居民委员会或者村民委员会是基层群众性自治组织。居民委员会、村民委员会的主任、副主任和委员由居民选举。居民委员会、村民委员会同基层政权的相互关系由法律规定。
111-ماددا شەھەر ۋە يېزىلاردا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايون بويىچە قۇرۇلغان شەھەر ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتىدۇر. ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئاھالە سايلايدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
居民委员会、村民委员会设人民调解、治安保卫、公共卫生等委员会,办理本居住地区的公共事务和公益事业,调解民间纠纷,协助维护社会治安,并且向人民政府反映群众的意见、要求和提出建议。
شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە كومىتېتى، ئامانلىق ساقلاش كومىتېتى، ئاممىۋى تازىلىق كومىتېتى قاتارلىق كومىتېتلار تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز رايونىدىكى جامائەت ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ ھەمدە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.
第六节 民族自治地方的自治机关
6-پاراگراف مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى
第一百一十二条 民族自治地方的自治机关是自治区、自治州、自治县的人民代表大会和人民政府。
112-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر.
第一百一十三条 自治区、自治州、自治县的人民代表大会中,除实行区域自治的民族的代表外,其他居住在本行政区域内的民族也应当有适当名额的代表。
113-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.
自治区、自治州、自治县的人民代表大会常务委员会中应当有实行区域自治的民族的公民担任主任或者副主任。
ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگۈچىلەر ئىچىدە رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇشى كېرەك.
第一百一十四条 自治区主席、自治州州长、自治县县长由实行区域自治的民族的公民担任。
114-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسىدىن بولىدۇ.
第一百一十五条 自治区、自治州、自治县的自治机关行使宪法第三章第五节规定的地方国家机关的职权,同时依照宪法、民族区域自治法和其他法律规定的权限行使自治权,根据本地方实际情况贯彻执行国家的法律、政策。
115-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيەلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ 3-بابىنىڭ 5-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قانۇن، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ.
第一百一十六条 民族自治地方的人民代表大会有权依照当地民族的政治、经济和文化的特点,制定自治条例和单行条例。自治区的自治条例和单行条例,报全国人民代表大会常务委员会批准后生效。自治州、自治县的自治条例和单行条例,报省或者自治区的人民代表大会常务委员会批准后生效,并报全国人民代表大会常务委员会备案。
116-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامىنى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
第一百一十七条 民族自治地方的自治机关有管理地方财政的自治权。凡是依照国家财政体制属于民族自治地方的财政收入,都应当由民族自治地方的自治机关自主地安排使用。
117-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيەنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونوم جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.
第一百一十八条 民族自治地方的自治机关在国家计划的指导下,自主地安排和管理地方性的经济建设事业。
118-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
国家在民族自治地方开发资源、建设企业的时候,应当照顾民族自治地方的利益。
دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئېچىش ۋە كارخانا قۇرۇشتا، مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
第一百一十九条 民族自治地方的自治机关自主地管理本地方的教育、科学、文化、卫生、体育事业,保护和整理民族的文化遗产,发展和繁荣民族文化。
119-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاسرايدۇ ۋە رەتلەيدۇ، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە گۈللەندۈرىدۇ.
第一百二十条 民族自治地方的自治机关依照国家的军事制度和当地的实际需要,经国务院批准,可以组织本地方维护社会治安的公安部队。
120-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى بويىچە ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، شۇ جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسمىنى تەشكىللىسە بولىدۇ.
第一百二十一条 民族自治地方的自治机关在执行职务的时候,依照本民族自治地方自治条例的规定,使用当地通用的一种或者几种语言文字。
121-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىدۇ.
第一百二十二条 国家从财政、物资、技术等方面帮助各少数民族加速发展经济建设和文化建设事业。
122-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ.
国家帮助民族自治地方从当地民族中大量培养各级干部、各种专业人才和技术工人。
دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
第七节 人民法院和人民检察院
7-پاراگراف خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
第一百二十三条 中华人民共和国人民法院是国家的审判机关。
123-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ سوت ئورگانلىرىدۇر.
第一百二十四条 中华人民共和国设立最高人民法院、地方各级人民法院和军事法院等专门人民法院。
124-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.
最高人民法院院长每届任期同全国人民代表大会每届任期相同,连续任职不得超过两届。
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە يۈرگۈزۈش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
人民法院的组织由法律规定。
خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第一百二十五条 人民法院审理案件,除法律规定的特别情况外,一律公开进行。被告人有权获得辩护。
125-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونى بىردەك ئوچۇق قاراپ چىقىدۇ. جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
第一百二十六条 人民法院依照法律规定独立行使审判权,不受行政机关、社会团体和个人的干涉。
126-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.
第一百二十七条 最高人民法院是最高审判机关。
127-ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي سوت ئورگىنىدۇر.
最高人民法院监督地方各级人民法院和专门人民法院的审判工作,上级人民法院监督下级人民法院的审判工作。
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت بولىدۇ.
第一百二十八条 最高人民法院对全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会负责。地方各级人民法院对产生它的国家权力机关负责。
128-ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
第一百二十九条 中华人民共和国人民检察院是国家的法律监督机关。
129-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ئورگانلىرىدۇر.
第一百三十条 中华人民共和国设立最高人民检察院、地方各级人民检察院和军事检察院等专门人民检察院。
130-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلىدۇ.
最高人民检察院检察长每届任期同全国人民代表大会每届任期相同,连续任职不得超过两届。
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە يۈرگۈزۈش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
人民检察院的组织由法律规定。
خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
第一百三十一条 人民检察院依照法律规定独立行使检察权,不受行政机关、社会团体和个人的干涉。
131-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.
第一百三十二条 最高人民检察院是最高检察机关。
132-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي تەپتىش ئورگىنىدۇر.
最高人民检察院领导地方各级人民检察院和专门人民检察院的工作,上级人民检察院领导下级人民检察院的工作。
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
第一百三十三条 最高人民检察院对全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会负责。地方各级人民检察院对产生它的国家权力机关和上级人民检察院负责。
133-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
第一百三十四条 各民族公民都有用本民族语言文字进行诉讼的权利。人民法院和人民检察院对于不通晓当地通用的语言文字的诉讼参与人,应当为他们翻译。
134-ماددا ھەر مىللەت پۇقرالار دەۋانى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى بىلەن قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا قاتناشقۇچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
在少数民族聚居或者多民族共同居住的地区,应当用当地通用的语言进行审理;起诉书、判决书、布告和其他文书应当根据实际需要使用当地通用的一种或者几种文字。
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى كۆپ مىللەت ئورتاق ئولتۇراقلاشقان جايلاردا قاراپ چىقىش ئىشلىرى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئەيىبنامە، ھۆكۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەردە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل يېزىقنى ئىشلىتىش كېرەك.
第一百三十五条 人民法院、人民检察院和公安机关办理刑事案件,应当分工负责,互相配合,互相制约,以保证准确有效地执行法律。
135-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، بىر-بىرىنى چەكلەپ، قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
第四章 国旗、国徽、首都
4-باب دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، پايتەخت
第一百三十六条 中华人民共和国国旗是五星红旗。
136-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى − بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق.
第一百三十七条 中华人民共和国国徽,中间是五星照耀下的天安门,周围是谷穗和齿轮。
137-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەش يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى تيەنئەنمېننىڭ سۈرىتى، چۆرىسىگە باشاقلار ۋە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
第一百三十八条 中华人民共和国首都是北京。
138-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ‐ ‐ بېيجىڭ.