中华人民共和国宪法修正案_2

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى

1988年4月12日第七届全国人民代表大会

1988-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

第一次会议通过

1-قېتىملىق يىغىندا ماقۇللاندى

第一条 宪法第十一条增加规定:“国家允许私营经济在法律规定的范围内存在和发展。私营经济是社会主义公有制经济的补充。国家保护私营经济的合法的权利和利益,对私营经济实行引导、监督和管理。”

1-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا:«دۆلەت خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا يول قويىدۇ»دەپ كۆپەيتىپ بەلگىلەنگەن. خۇسۇسىي ئىگىلىك سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر. دۆلەت خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى يېتەكلەيدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. »

第二条 宪法第十条第四款“任何组织或者个人不得侵占、买卖、出租或者以其他形式非法转让土地。”修改为:“任何组织或者个人不得侵占、买卖或者以其他形式非法转让土地。土地的使用权可以依照法律的规定转让。”

2-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 10-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش-سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ». «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىپ-سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.» يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. »