中华人民共和国循环经济促进法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

(2008年8月29日第十一届全国人民代表大会常务委员会第四次会议通过)

( 2008-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 基本管理制度

2-باب ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى

第三章 减量化

3-باب مىقدارىنى ئازايتىش

第四章 再利用和资源化

4-باب قايتا پايدىلىنىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش

第五章 激励措施

5-باب رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了促进循环经济发展,提高资源利用效率,保护和改善环境,实现可持续发展,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称循环经济,是指在生产、流通和消费等过程中进行的减量化、再利用、资源化活动的总称。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئايلانما ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال قاتارلىقلار جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان مىقدارىنى ئازايتىش، قايتا پايدىلىنىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称减量化,是指在生产、流通和消费等过程中减少资源消耗和废物产生。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مىقدارنى ئازايتىش ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال قاتارلىق جەرياندا بايلىق سەرپىياتى ۋە تاشلاندۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称再利用,是指将废物直接作为产品或者经修复、翻新、再制造后继续作为产品使用,或者将废物的全部或者部分作为其他产品的部件予以使用。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قايتا پايدىلىنىش تاشلاندۇقنى بىۋاسىتە مەھسۇلات سۈپىتىدە ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، يېڭىلىغان، قايتا ياسىغاندىن كېيىن داۋاملىق مەھسۇلات سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى ياكى تاشلاندۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى باشقا مەھسۇلاتنىڭ بۆلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

本法所称资源化,是指将废物直接作为原料进行利用或者对废物进行再生利用。

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بايلىققا ئايلاندۇرۇش تاشلاندۇقنى بىۋاسىتە خام ئەشيا سۈپىتىدە ئىشلىتىش ياكى تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 发展循环经济是国家经济社会发展的一项重大战略,应当遵循统筹规划、合理布局,因地制宜、注重实效,政府推动、市场引导,企业实施、公众参与的方针。

3-ماددا ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، ئۇنىڭدا بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكلەش، كارخانىلار يولغا قويۇش، ئامما قاتنىشىش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

第四条 发展循环经济应当在技术可行、经济合理和有利于节约资源、保护环境的前提下,按照减量化优先的原则实施。

4-ماددا ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخنىكىنى يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق قىلغان ۋە بايلىق تېجەش، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مىقدارنى ئازايتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە يولغا قويۇش كېرەك.

在废物再利用和资源化过程中,应当保障生产安全,保证产品质量符合国家规定的标准,并防止产生再次污染。

تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قايتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

第五条 国务院循环经济发展综合管理部门负责组织协调、监督管理全国循环经济发展工作;国务院环境保护等有关主管部门按照各自的职责负责有关循环经济的监督管理工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتى خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئايلانما ئىقتىسادنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方人民政府循环经济发展综合管理部门负责组织协调、监督管理本行政区域的循环经济发展工作;县级以上地方人民政府环境保护等有关主管部门按照各自的职责负责有关循环经济的监督管理工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتى خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئايلانما ئىقتىسادنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第六条 国家制定产业政策,应当符合发展循环经济的要求。

6-ماددا دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىنى تۈزۈشى ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

县级以上人民政府编制国民经济和社会发展规划及年度计划,县级以上人民政府有关部门编制环境保护、科学技术等规划,应当包括发展循环经济的内容。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلقنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇھىت ئاسراش، پەن-تېخنىكا يىرىك پىلانى قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇ ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

第七条 国家鼓励和支持开展循环经济科学技术的研究、开发和推广,鼓励开展循环经济宣传、教育、科学知识普及和国际合作。

7-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىقتىساد پەن-تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئايلانما ئىقتىساد تەشۋىقاتى، تەربىيەسى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第八条 县级以上人民政府应当建立发展循环经济的目标责任制,采取规划、财政、投资、政府采购等措施,促进循环经济发展。

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يىرىك پىلان، مالىيە، مەبلەغ سېلىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第九条 企业事业单位应当建立健全管理制度,采取措施,降低资源消耗,减少废物的产生量和排放量,提高废物的再利用和资源化水平。

9-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، بايلىق سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، تاشلاندۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ۋە چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第十条 公民应当增强节约资源和保护环境意识,合理消费,节约资源。

10-ماددا پۇقرالار بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى، بايلىق تېجىشى كېرەك.

国家鼓励和引导公民使用节能、节水、节材和有利于保护环境的产品及再生产品,减少废物的产生量和排放量。

دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلاتلار ھەم ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تاشلاندۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ۋە چىقىرىلىش مىقدارىنى ئازايتىدۇ.

公民有权举报浪费资源、破坏环境的行为,有权了解政府发展循环经济的信息并提出意见和建议。

پۇقرالار بايلىقنى ئىسراپ قىلىش، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇچۇرىنى ئىگىلەشكە ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

第十一条 国家鼓励和支持行业协会在循环经济发展中发挥技术指导和服务作用。县级以上人民政府可以委托有条件的行业协会等社会组织开展促进循环经济发展的公共服务。

11-ماددا دۆلەت ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئايلانما ئىگىلىك تەرەققىياتىدا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شارائىتى بار ساھە جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

国家鼓励和支持中介机构、学会和其他社会组织开展循环经济宣传、技术推广和咨询服务,促进循环经济发展。

دۆلەت ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار، ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەشۋىقاتى، تېخنىكا كېڭەيتىش ۋە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第二章 基本管理制度

2-باب ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى

第十二条 国务院循环经济发展综合管理部门会同国务院环境保护等有关主管部门编制全国循环经济发展规划,报国务院批准后公布施行。设区的市级以上地方人民政府循环经济发展综合管理部门会同本级人民政府环境保护等有关主管部门编制本行政区域循环经济发展规划,报本级人民政府批准后公布施行。

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ. رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

循环经济发展规划应当包括规划目标、适用范围、主要内容、重点任务和保障措施等,并规定资源产出率、废物再利用和资源化率等指标。

ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى يىرىك پىلاندىكى نىشان، تەتبىقلاش دائىرىسى، ئاساسلىق مەزمۇن، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ھەمدە بايلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى، تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى بەلگىلىشى كېرەك.

第十三条 县级以上地方人民政府应当依据上级人民政府下达的本行政区域主要污染物排放、建设用地和用水总量控制指标,规划和调整本行政区域的产业结构,促进循环经济发展。

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى، قۇرۇلۇش يېرى ۋە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پىلانلاپ ۋە تەڭشەپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

新建、改建、扩建建设项目,必须符合本行政区域主要污染物排放、建设用地和用水总量控制指标的要求。

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش، قۇرۇلۇش يېرى ۋە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

第十四条 国务院循环经济发展综合管理部门会同国务院统计、环境保护等有关主管部门建立和完善循环经济评价指标体系。

14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىستاتىستىكا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايلانما ئىقتىسادنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

上级人民政府根据前款规定的循环经济主要评价指标,对下级人民政府发展循环经济的状况定期进行考核,并将主要评价指标完成情况作为对地方人民政府及其负责人考核评价的内容。

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئايلانما ئىقتىسادنى ئاساسلىق باھالاش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالايدۇ ھەمدە ئاساسلىق باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنى سىناش-باھالاشنىڭ مەزمۇنى قىلىدۇ.

第十五条 生产列入强制回收名录的产品或者包装物的企业,必须对废弃的产品或者包装物负责回收;对其中可以利用的,由各该生产企业负责利用;对因不具备技术经济条件而不适合利用的,由各该生产企业负责无害化处置。

15-ماددا مەجبۇرىي يىغىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ياكى ئورۇ بۇيۇمنى ئىشلەپچىقارغان كارخانىلار تاشلاندۇق مەھسۇلات ياكى ئورولمىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇشى شەرت؛ بۇنىڭ ئىچىدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرىدىن شۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى پايدىلىنىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنى ھازىرلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن پايدىلىنىشقا ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى شۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

对前款规定的废弃产品或者包装物,生产者委托销售者或者其他组织进行回收的,或者委托废物利用或者处置企业进行利用或者处置的,受托方应当依照有关法律、行政法规的规定和合同的约定负责回收或者利用、处置。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تاشلاندۇق مەھسۇلات ياكى ئورۇ بۇيۇمنى ئىشلەپچىقارغۇچى ساتقۇچى ياكى باشقا تەشكىلاتقا يىغىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا ياكى كېرەكسىز نەرسىدىن پايدىلىنىش ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنى كارخانىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى تەرەپ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە يىغىۋېلىش ياكى پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

对列入强制回收名录的产品和包装物,消费者应当将废弃的产品或者包装物交给生产者或者其委托回收的销售者或者其他组织。

مەجبۇرىي يىغىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ۋە ئورۇ بۇيۇمغا قارىتا، ئىستېمالچىلار تاشلاندۇق مەھسۇلات ياكى ئورۇ بۇيۇمنى ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ئۇ يىغىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان ساتقۇچى ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

强制回收的产品和包装物的名录及管理办法,由国务院循环经济发展综合管理部门规定。

مەجبۇرىي يىغىۋېلىنغان مەھسۇلات ۋە ئورۇ بۇيۇمنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第十六条 国家对钢铁、有色金属、煤炭、电力、石油加工、化工、建材、建筑、造纸、印染等行业年综合能源消费量、用水量超过国家规定总量的重点企业、实行能耗、水耗的重点监督管理制度。

16-ماددا دۆلەت پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، بىناكارلىق، قەغەز ياساش، گۈل بېسىش-بوياش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يىللىق ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن ئومۇمىي مىقداردىن ئاشقان نۇقتىلىق كارخانىلارغا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ سەرپىياتىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

重点能源消费单位的节能监督管理,依照《中华人民共和国节约能源法》的规定执行。

نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىستېمال ئورۇنلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

重点用水单位的监督管理办法,由国务院循环经济发展综合管理部门会同国务院有关部门规定。

سۇ ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

第十七条 国家建立健全循环经济统计制度,加强资源消耗、综合利用和废物产生的统计管理,并将主要统计指标定期向社会公布。

17-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىگىلىك ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق سەرپىياتى، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە تاشلاندۇق پەيدا بولۇشنى ئىستاتىستىكا قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئاساسلىق ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچلىرىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

国务院标准化主管部门会同国务院循环经济发展综合管理和环境保护等有关主管部门建立健全循环经济标准体系,制定和完善节能、节水、节材和废物再利用、资源化等标准。

گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايلانما ئىقتىساد ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، ماتېرىيال تېجەش ۋە تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئۆلچەملەرنى تۈزىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

国家建立健全能源效率标识等产品资源消耗标识制度。

دۆلەت ئېنېرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بايلىق سەرپىياتى بەلگىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

第三章 减量化

3-باب مىقدارىنى ئازايتىش

第十八条 国务院循环经济发展综合管理部门会同国务院环境保护等有关主管部门,定期发布鼓励、限制和淘汰的技术、工艺、设备、材料和产品名录。

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىلھام بېرىدىغان، چەكلەيدىغان ۋە شاللايدىغان تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلات تىزىملىكىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

禁止生产、进口、销售列入淘汰名录的设备、材料和产品,禁止使用列入淘汰名录的技术、工艺、设备和材料。

شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، شاللاش تىزىملىكىگە كەلتۈرۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第十九条 从事工艺、设备、产品及包装物设计,应当按照减少资源消耗和废物产生的要求,优先选择采用易回收、易拆解、易降解、无毒无害或者低毒低害的材料和设计方案,并应当符合有关国家标准的强制性要求。

19-ماددا ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە، مەھسۇلات ۋە ئورۇ لايىھەسى تۈزۈشتە، بايلىق سەرپىياتىنى ۋە تاشلاندۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىش تەلىپى بويىچە، يىغىۋېلىش ئاسان، پارچىلاش ئاسان، پارچىلىنىش ئاسان، زەھەرسىز، زىيانسىز ياكى زەھىرى تۆۋەن، زىيانسىز ماتېرىياللارنى ۋە لايىھە لايىھەسىنى ئاۋۋال تاللاش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك.

对在拆解和处置过程中可能造成环境污染的电器电子等产品,不得设计使用国家禁止使用的有毒有害物质。禁止在电器电子等产品中使用的有毒有害物质名录,由国务院循环经济发展综合管理部门会同国务院环境保护等有关主管部门制定。

چۇۋۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مۇھىتنى بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرون قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى لايىھەلەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

设计产品包装物应当执行产品包装标准,防止过度包装造成资源浪费和环境污染。

مەھسۇلات ئورالمىسىنى لايىھەلەشتە مەھسۇلات ئورۇسى ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش، زىيادە ئوراپ قاچىلاشتىن بايلىقنى ئىسراپ قىلىش ۋە مۇھىتنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

第二十条 工业企业应当采用先进或者适用的节水技术、工艺和设备,制定并实施节水计划,加强节水管理,对生产用水进行全过程控制。

20-ماددا سانائەت كارخانىلىرى ئىلغار ياكى قوللىنىشچان سۇ تېجەش تېخنىكىسى، ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىنىپ، سۇ تېجەش پىلانى تۈزۈشى ھەمدە يولغا قويۇشى، سۇ تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى پۈتۈن جەريانلىق تىزگىنلىشى كېرەك.

工业企业应当加强用水计量管理,配备和使用合格的用水计量器具,建立水耗统计和用水状况分析制度。

سانائەت كارخانىلىرى سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۆلچەش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، لاياقەتلىك سۇ ئىشلىتىش مىقدارى سايمانلىرىنى سەپلەپ ۋە ئىشلىتىپ، سۇ سەرپىياتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

新建、改建、扩建建设项目,应当配套建设节水设施。节水设施应当与主体工程同时设计、同时施工、同时投产使用。

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك. سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك.

国家鼓励和支持沿海地区进行海水淡化和海水直接利用,节约淡水资源。

دۆلەت دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇشى ۋە دېڭىز سۈيىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىشىغا، تاتلىق سۇ بايلىقىنى تېجىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第二十一条 国家鼓励和支持企业使用高效节油产品。

第二十一条 国家鼓励和支持企业使用高效节油产品。

电力、石油加工、化工、钢铁、有色金属和建材等企业,必须在国家规定的范围和期限内,以洁净煤、石油焦、天然气等清洁能源替代燃料油,停止使用不符合国家规定的燃油发电机组和燃油锅炉。

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى جەزمەن دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرە ۋە مۇددەت ئىچىدە، ساپ كۆمۈر، نېفىت كوكسى، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى يېقىلغۇ ماينىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېقىلغۇ ماي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە يېقىلغۇ ماي پار قازىنىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.

内燃机和机动车制造企业应当按照国家规定的内燃机和机动车燃油经济性标准,采用节油技术,减少石油产品消耗量。

ئىچىدىن يانىدىغان موتور ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ياساش كارخانىلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىلغۇ مېيىنى تېجەشچان قىلىش ئۆلچىمى بويىچە، نېفىت تېجەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەرپىياتىنى ئازايتىشى كېرەك.

第二十二条 开采矿产资源,应当统筹规划,制定合理的开发利用方案,采用合理的开采顺序、方法和选矿工艺。采矿许可证颁发机关应当对申请人提交的开发利用方案中的开采回采率、采矿贫化率、选矿回收率、矿山水循环利用率和土地复垦率等指标依法进行审查;审查不合格的,不予颁发采矿许可证。采矿许可证颁发机关应当依法加强对开采矿产资源的监督管理。

22-ماددا قېزىلما بايلىقنى قېزىشتا، بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش لايىھەسى تۈزۈش، مۇۋاپىق قېزىش تەرتىپى، ئۇسۇلى ۋە رۇدا تاللاش ھۈنەر-سەنئىتىنى قوللىنىش كېرەك. كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرگەن ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئېچىپ پايدىلىنىش لايىھەسىدىكى ئېچىپ قايتا قېزىش نىسبىتى، كان قېزىشنىڭ نامراتلىشىش نىسبىتى، رۇدا يىغىۋېلىش نىسبىتى، كان سۈيىدىن ئايلانما پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارغا كان قېزىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلمەيدۇ. كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرگەن ئورگان قېزىلما بايلىقنى قېزىشقا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

矿山企业在开采主要矿种的同时,应当对具有工业价值的共生和伴生矿实行综合开采、合理利用;对必须同时采出而暂时不能利用的矿产以及含有有用组分的尾矿,应当采取保护措施,防止资源损失和生态破坏。

كانچىلىق كارخانىلىرى ئاساسلىق كان تۈرلىرىنى قېزىش بىلەن بىللە، سانائەت قىممىتىگە ئىگە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە ھەمراھ رۇدىنى ئۇنىۋېرسال قېزىشى، مۇۋاپىق پايدىلىنىشى كېرەك؛ بىرلا ۋاقىتتا قېزىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ۋاقتىنچە پايدىلانغىلى بولمايدىغان قېزىلما بايلىق، شۇنىڭدەك پايدىلىق تەركىبلەر بار قالدۇق رۇدا قاتارلىقلارغا قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، بايلىق زىيىنىنىڭ ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

第二十三条 建筑设计、建设、施工等单位应当按照国家有关规定和标准,对其设计、建设、施工的建筑物及构筑物采用节能、节水、节地、节材的技术工艺和小型、轻型、再生产品。有条件的地区,应当充分利用太阳能、地热能、风能等可再生能源。

23-ماددا قۇرۇلۇش لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە، ئۆزى لايىھەلەيدىغان، قۇرۇلۇش قىلىدىغان، قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارغا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، يەر تېجەيدىغان، ماتېرىيال تېجەيدىغان تېخنىكىلىق ھۈنەر-سەنئەت ۋە كىچىك، يېنىك، قايتا ھاسىل بولىدىغان مەھسۇلات ئىشلىتىشى كېرەك. شارائىتى بار رايونلار قۇياش ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەلەردىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەك.

国家鼓励利用无毒无害的固体废物生产建筑材料,鼓励使用散装水泥,推广使用预拌混凝土和预拌砂浆。

دۆلەت زەھەرسىز، زىيانسىز قاتتىق تاشلاندۇقتىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام بېرىدۇ، پارچە سېمونت ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، ئالدىن ئارىلاشتۇرۇلغان بېتون ۋە ئالدىن ئارىلاشتۇرۇلغان لاي ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

禁止损毁耕地烧砖。在国务院或者省、自治区、直辖市人民政府规定的期限和区域内,禁止生产、销售和使用粘土砖。

تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇزۇۋېتىپ خىش كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مۇددەت ۋە رايوندا سېغىز خىش ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第二十四条 县级以上人民政府及其农业等主管部门应当推进土地集约利用,鼓励和支持农业生产者采用节水、节肥、节药的先进种植、养殖和灌溉技术,推动农业机械节能,优先发展生态农业。

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى يەردىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئالغا سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ سۇ تېجەيدىغان، ئوغۇت تېجەيدىغان، دورا تېجەيدىغان ئىلغار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىگە، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

在缺水地区,应当调整种植结构,优先发展节水型农业,推进雨水集蓄利用,建设和管护节水灌溉设施,提高用水效率,减少水的蒸发和漏失。

سۇ قىستاڭ رايونلاردا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يامغۇر سۈيىنى يىغىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سۈرۈپ، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ۋە باشقۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇنىڭ پارلىنىشى ۋە ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىش كېرەك.

第二十五条 国家机关及使用财政性资金的其他组织应当厉行节约、杜绝浪费,带头使用节能、节水、节地、节材和有利于保护环境的产品、设备和设施,节约使用办公用品。国务院和县级以上地方人民政府管理机关事务工作的机构会同本级人民政府有关部门制定本级国家机关等机构的用能、用水定额指标,财政部门根据该定额指标制定支出标准。

25-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ئىشلىتىدىغان باشقا تەشكىلاتلار تېجەشنى، ئىسراپچىلىقنى توسۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، يەر تېجەش، ماتېرىيال تېجەش ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلىتىشى، ئىشخانا بۇيۇملىرىنى تېجەپ ئىشلىتىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرغۇچى ئورگان ئىشلىرى خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىش نورما كۆرسەتكۈچىنى تۈزىدۇ، مالىيە تارمىقى شۇ نورما كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن چىقىم ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

城市人民政府和建筑物的所有者或者使用者,应当采取措施,加强建筑物维护管理,延长建筑物使用寿命。对符合城市规划和工程建设标准,在合理使用寿命内的建筑物,除为了公共利益的需要外,城市人民政府不得决定拆除。

شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئىمارەتنىڭ ئىگىدارى ياكى ئىشلەتكۈچىلەر تەدبىر قوللىنىپ، ئىمارەت ئاسراش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمارەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتىشى كېرەك. شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئىچىدىكى ئىمارەتلەرنى چېقىشنى ئاممىۋى مەنپەئەتنىڭ ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلمىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى چېقىشنى قارار قىلسا بولمايدۇ.

第二十六条 餐饮、娱乐、宾馆等服务性企业,应当采用节能、节水、节材和有利于保护环境的产品,减少使用或者不使用浪费资源、污染环境的产品。

26-ماددا يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مېھمانخانا قاتارلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ، بايلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان، مۇھىتنى بۇلغايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئاز ئىشلىتىشى ياكى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

本法施行后新建的餐饮、娱乐、宾馆等服务性企业,应当采用节能、节水、节材和有利于保护环境的技术、设备和设施。

بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مېھمانخانا قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كارخانىلار ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ماتېرىيال تېجەيدىغان كارخانىلار ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك.

第二十七条 国家鼓励和支持使用再生水。在有条件使用再生水的地区,限制或者禁止将自来水作为城市道路清扫、城市绿化和景观用水使用。

27-ماددا دۆلەت ھاسىلىي سۇ ئىشلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ھاسىلىي سۇ ئىشلىتىش شارائىتى بار رايونلاردا تۇرۇبا سۈيىنى شەھەر يوللىرىنى سۈپۈرۈش، شەھەرنى كۆكەرتىش ۋە مەنزىرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ قىلىپ ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدۇ ياكى مەنئى قىلىنىدۇ.

第二十八条 国家在保障产品安全和卫生的前提下,限制一次性消费品的生产和销售。具体名录由国务院循环经济发展综合管理部门会同国务院财政、环境保护等有关主管部门制定。

28-ماددا دۆلەت مەھسۇلات بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بىر قېتىملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا چەك قويىدۇ. كونكرېت تىزىملىكنى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

对列入前款规定名录中的一次性消费品的生产和销售,由国务院财政、税务和对外贸易等主管部门制定限制性的税收和出口等措施。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج ۋە تاشقى سودا قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى چەك خاراكتېرلىك باج ۋە ئېكسپورت قاتارلىق تەدبىرلەرنى تۈزىدۇ.

第四章 再利用和资源化

4-باب قايتا پايدىلىنىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش

第二十九条 县级以上人民政府应当统筹规划区域经济布局,合理调整产业结构,促进企业在资源综合利用等领域进行合作,实现资源的高效利用和循环使用。

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كارخانىلارنىڭ بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

各类产业园区应当组织区内企业进行资源综合利用,促进循环经济发展。

تۈرلۈك كەسىپلەر باغچە رايونى رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنى بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تەشكىللەپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

国家鼓励各类产业园区的企业进行废物交换利用、能量梯级利用、土地集约利用、水的分类利用和循环使用,共同使用基础设施和其他有关设施。

دۆلەت تۈرلۈك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ تاشلاندۇقتىن ئالماشتۇرۇپ پايدىلىنىش، ئېنېرگىيەدىن پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش، يەردىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش، سۇدىن تۈرگە ئايرىپ پايدىلىنىش ۋە ئايلانما پايدىلىنىشىغا، ئۇل ئەسلىھە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى ئورتاق ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

新建和改造各类产业园区应当依法进行环境影响评价,并采取生态保护和污染控制措施,确保本区域的环境质量达到规定的标准。

تۈرلۈك كەسىپلەر باغچە رايونىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشتە، قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھەمدە ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىش، شۇ رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

第三十条 企业应当按照国家规定,对生产过程中产生的粉煤灰、煤矸石、尾矿、废石、废料、废气等工业废物进行综合利用。

30-ماددا كارخانا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان كۆمۈر كۈلى، كۆمۈر تېشى، قالدۇق رۇدا، كېرەكسىز تاش، كېرەكسىز ماتېرىيال، كېرەكسىز گاز قاتارلىق سانائەت تاشلاندۇقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشى كېرەك.

第三十一条 企业应当发展串联用水系统和循环用水系统,提高水的重复利用率。

31-ماددا كارخانىلار چاتما سۇ ئىشلىتىش سىستېمىسى ۋە ئايلانما سۇ ئىشلىتىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

企业应当采用先进技术、工艺和设备,对生产过程中产生的废水进行再生利用。

كارخانىلار ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئۈسكۈنە قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان كېرەكسىز سۇدىن قايتا پايدىلىنىشى كېرەك.

第三十二条 企业应当采用先进或者适用的回收技术、工艺和设备,对生产过程中产生的余热、余压等进行综合利用。

32-ماددا كارخانىلار ئىلغار ياكى قوللىنىشچان يىغىۋېلىش تېخنىكىسى، ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم قاتارلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشى كېرەك.

建设利用余热、余压、煤层气以及煤矸石、煤泥、垃圾等低热值燃料的并网发电项目,应当依照法律和国务院的规定取得行政许可或者报送备案。电网企业应当按照国家规定,与综合利用资源发电的企业签订并网协议,提供上网服务,并全额收购并网发电项目的上网电量。

قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، كۆمۈر قاتلىمى گازى، شۇنىڭدەك كۆمۈر تېشى، لاي-لاتقا، ئەخلەت قاتارلىق تۆۋەن ئىسسىقلىق قىممىتىدىكى يېقىلغۇلاردىن پايدىلىنىپ تورلاشتۇرۇپ توك چىقىرىش تۈرىدە قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللاش كېرەك. ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان كارخانىلار بىلەن تورلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تورغا چىقىش مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە تورلاشتۇرۇپ توك چىقىرىش تۈرىدىكى تورغا چىقىدىغان توك مىقدارىنى تولۇق سېتىۋېلىشى كېرەك.

第三十三条 建设单位应当对工程施工中产生的建筑废物进行综合利用;不具备综合利用条件的,应当委托具备条件的生产经营者进行综合利用或者无害化处置。

33-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان قۇرۇلۇش تاشلاندۇقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشى كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلار شارائىتى ھازىرلانغان ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ياكى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

第三十四条 国家鼓励和支持农业生产者和相关企业采用先进或者适用技术,对农作物秸秆、畜禽粪便、农产品加工业副产品、废农用薄膜等进行综合利用,开发利用沼气等生物质能源。

34-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ئىلغار ياكى ياراملىق تېخنىكا قوللىنىپ، زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرى، چارۋا-قۇش قىغى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز سولياۋ يوپۇق قاتارلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پاتقاق گازى قاتارلىق بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىنى ئېچىشى ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

第三十五条 县级以上人民政府及其林业主管部门应当积极发展生态林业,鼓励和支持林业生产者和相关企业采用木材节约和代用技术,开展林业废弃物和次小薪材、沙生灌木等综合利用,提高木材综合利用率。

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېكولوگىيەلىك ئورمانچىلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئورمان ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى تېجەش ۋە ۋاكالىتەن ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئورمانچىلىق تاشلاندۇقلىرى ۋە ئىككىلەمچى ئىش ھەققى، قۇملۇق-چاتقال قاتارلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第三十六条 国家支持生产经营者建立产业废物交换信息系统,促进企业交流产业废物信息。

36-ماددا دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتچىلەرنىڭ كەسىپ تاشلاندۇقلىرى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ تاشلاندۇقلىرى ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

企业对生产过程中产生的废物不具备综合利用条件的,应当提供给具备条件的生产经营者进行综合利用。

كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان تاشلاندۇقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، شارائىتى ھازىرلانغان ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشىغا بېرىشى كېرەك.

第三十七条 国家鼓励和推进废物回收体系建设。

37-ماددا دۆلەت تاشلاندۇق يىغىۋېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئالغا سۈرىدۇ.

地方人民政府应当按照城乡规划,合理布局废物回收网点和交易市场,支持废物回收企业和其他组织开展废物的收集、储存、运输及信息交流。

يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى بويىچە، تاشلاندۇق يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرى ۋە سودا بازارلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاشلاندۇق يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاشلاندۇق يىغىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

废物回收交易市场应当符合国家环境保护、安全和消防等规定。

تاشلاندۇق يىغىۋېلىش سودا بازىرى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش، بىخەتەرلىك ۋە ئوت مۇداپىئە قاتارلىق بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第三十八条 对废电器电子产品、报废机动车船、废轮胎、废铅酸电池等特定产品进行拆解或者再利用,应当符合有关法律、行政法规的规定。

38-ماددا كېرەكسىز ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، بىراك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېرەكسىز چاق، كېرەكسىز قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىق مۇئەييەن مەھسۇلاتلارنى پارچىلاش ياكى قايتا پايدىلىنىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك.

第三十九条 回收的电器电子产品,经过修复后销售的,必须符合再利用产品标准,并在显著位置标识为再利用产品。

39-ماددا يىغىۋېلىنغان ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن سېتىلىدىغانلىرى قايتا پايدىلىنىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىشى ھەمدە قايتا پايدىلىنىش مەھسۇلاتى دەپ ئېنىق ئورۇنغا بەلگە قويۇلۇشى شەرت.

回收的电器电子产品,需要拆解和再生利用的,应当交售给具备条件的拆解企业。

يىغىۋېلىنغان ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدىن پارچىلاپ قايتا پايدىلىنىشقا ۋە قايتا پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، شارائىتى ھازىرلانغان پارچىلاش كارخانىلىرىغا سېتىپ بېرىش كېرەك.

第四十条 国家支持企业开展机动车零部件、工程机械、机床等产品的再制造和轮胎翻新。

40-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ زاپچاسلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، ئىستانوك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى قايتا ياسىشى ۋە بالوننى يېڭىلىشىنى قوللايدۇ.

销售的再制造产品和翻新产品的质量必须符合国家规定的标准,并在显著位置标识为再制造产品或者翻新产品。

سېتىلغان قايتا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ۋە يېڭىلانغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قايتا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ياكى يېڭىلانغان مەھسۇلات دەپ بەلگە قويۇلۇشى شەرت.

第四十一条 县级以上人民政府应当统筹规划建设城乡生活垃圾分类收集和资源化利用设施,建立和完善分类收集和资源化利用体系,提高生活垃圾资源化率。

41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر-يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ توپلاش ۋە بايلىققا لاشتۇرۇپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

县级以上人民政府应当支持企业建设污泥资源化利用和处置设施,提高污泥综合利用水平,防止产生再次污染。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ پاتقاقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، پاتقاقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قايتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第五章 激励措施

5-باب رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第四十二条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府设立发展循环经济的有关专项资金,支持循环经济的科技研究开发、循环经济技术和产品的示范与推广、重大循环经济项目的实施、发展循环经济的信息服务等。具体办法由国务院财政部门会同国务院循环经济发展综合管理等有关主管部门制定。

42-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ئايلانما ئىقتىسادقا دائىر پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، يارىتىش، ئايلانما ئىقتىساد تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى ۋە كېڭەيتىلىشى، زور ئايلانما ئىقتىساد تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىدۇ. كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

第四十三条 国务院和省、自治区、直辖市人民政府及其有关部门应当将循环经济重大科技攻关项目的自主创新研究、应用示范和产业化发展列入国家或者省级科技发展规划和高技术产业发展规划,并安排财政性资金予以支持。

43-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەتقىق قىلىش، قوللىنىش-ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ قوللىشى كېرەك.

利用财政性资金引进循环经济重大技术、装备的,应当制定消化、吸收和创新方案,报有关主管部门审批并由其监督实施;有关主管部门应当根据实际需要建立协调机制,对重大技术、装备的引进和消化、吸收、创新实行统筹协调,并给予资金支持。

مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ ئايلانما ئىگىلىكنىڭ مۇھىم، زور تېخنىكا، جابدۇقلىرىنى كىرگۈزۈشتە، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ھەمدە ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىپ يولغا قويۇشىغا سۇنۇش كېرەك؛ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مۇھىم، زور تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى ھەمدە مەبلەغ مەدىتى بېرىشى كېرەك.

第四十四条 国家对促进循环经济发展的产业活动给予税收优惠,并运用税收等措施鼓励进口先进的节能、节水、节材等技术、设备和产品,限制在生产过程中耗能高、污染重的产品的出口。具体办法由国务院财政、税务主管部门制定。

44-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەسىپ پائالىيىتىگە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە باج قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ماتېرىيال تېجەيدىغان ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.

企业使用或者生产列入国家清洁生产、资源综合利用等鼓励名录的技术、工艺、设备或者产品的,按照国家有关规定享受税收优惠。

كارخانىلار دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق ئىلھام بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ياكى مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەپچىقارغانلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

第四十五条 县级以上人民政府循环经济发展综合管理部门在制定和实施投资计划时,应当将节能、节水、节地、节材、资源综合利用等项目列为重点投资领域。

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، يەر تېجەش، ماتېرىيال تېجەش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش ساھەسى قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

对符合国家产业政策的节能、节水、节地、节材、资源综合利用等项目,金融机构应当给予优先贷款等信贷支持,并积极提供配套金融服务。

دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، يەر تېجەش، ماتېرىيال تېجەش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاۋۋال قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق كىرېدىت مەدىتى بىلەن قوللىشى ھەمدە پائال تۈردە يانداش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

对生产、进口、销售或者使用列入淘汰名录的技术、工艺、设备、材料或者产品的企业,金融机构不得提供任何形式的授信支持。

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ياكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان، ساتقان ياكى ئىشلەتكەن كارخانىلارغا ھەرقانداق شەكىلدە ئىناۋەت مەدىتى بەرسە بولمايدۇ.

第四十六条 国家实行有利于资源节约和合理利用的价格政策,引导单位和个人节约和合理使用水、电、气等资源性产品。

46-ماددا دۆلەت بايلىقنى تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى سۇ، توك، گاز قاتارلىق بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنى تېجەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلەيدۇ.

国务院和省、自治区、直辖市人民政府的价格主管部门应当按照国家产业政策,对资源高消耗行业中的限制类项目,实行限制性的价格政策。

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئاساسەن، بايلىق سەرپىياتى يۇقىرى ساھەلەردىكى چەكلەش تۈرىگە قارىتا چەكلەش خاراكتېرلىك باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

对利用余热、余压、煤层气以及煤矸石、煤泥、垃圾等低热值燃料的并网发电项目,价格主管部门按照有利于资源综合利用的原则确定其上网电价。

قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، كۆمۈر قاتلىمى گازى ۋە كۆمۈر تېشى، كۆمۈر لېيى، ئەخلەت قاتارلىق تۆۋەن ئىسسىقلىق قىممىتىدىكى يېقىلغۇلاردىن پايدىلىنىپ تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش تۈرىگە قارىتا، باھا مەسئۇل تارمىقى بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۇلارنىڭ توردىكى توك باھاسىنى بېكىتىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府可以根据本行政区域经济社会发展状况,实行垃圾排放收费制度。收取的费用专项用于垃圾分类、收集、运输、贮存、利用和处置,不得挪作他用。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەخلەت چىقىرىش ھەققى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ. ئېلىنغان ھەق ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، يىغىش، توشۇش، ساقلاش، پايدىلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

国家鼓励通过以旧换新、押金等方式回收废物。

دۆلەت كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاشلاندۇق يىغىۋېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第四十七条 国家实行有利于循环经济发展的政府采购政策。使用财政性资金进行采购的,应当优先采购节能、节水、节材和有利于保护环境的产品及再生产品。

47-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ئىشلىتىپ سېتىۋېلىشتا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ماتېرىيال تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلاتلارنى ۋە قايتا مەھسۇلاتلارنى ئاۋۋال سېتىۋېلىش كېرەك.

第四十八条 县级以上人民政府及其有关部门应当对在循环经济管理、科学技术研究、产品开发、示范和推广工作中做出显著成绩的单位和个人给予表彰和奖励。

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئايلانما ئىگىلىكنى باشقۇرۇش، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، مەھسۇلات يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

企业事业单位应当对在循环经济发展中做出突出贡献的集体和个人给予表彰和奖励。

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第四十九条 县级以上人民政府循环经济发展综合管理部门或者其他有关主管部门发现违反本法的行为或者接到对违法行为的举报后不予查处,或者有其他不依法履行监督管理职责行为的,由本级人民政府或者上一级人民政府有关主管部门责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش پاش قىلىنغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمايدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第五十条 生产、销售列入淘汰名录的产品、设备的,依照《中华人民共和国产品质量法》的规定处罚。

50-ماددا شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات، ئۈسكۈنىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

使用列入淘汰名录的技术、工艺、设备、材料的,由县级以上地方人民政府循环经济发展综合管理部门责令停止使用,没收违法使用的设备、材料,并处五万元以上二十万元以下的罚款;情节严重的,由县级以上人民政府循环经济发展综合管理部门提出意见,报请本级人民政府按照国务院规定的权限责令停业或者关闭。

شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە، ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە-ماتېرىياللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى پىكىر بېرىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىش ياكى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇشىغا يوللايدۇ.

违反本法规定,进口列入淘汰名录的设备、材料或者产品的,由海关责令退运,可以处十万元以上一百万元以下的罚款。进口者不明的,由承运人承担退运责任,或者承担有关处置费用。

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ياكى مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلغانلارنى تاموژنا قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. ئىمپورت قىلغۇچى ئېنىق بولمىسا، توشۇغۇچى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五十一条 违反本法规定,对在拆解或者处置过程中可能造成环境污染的电器电子等产品,设计使用列入国家禁止使用名录的有毒有害物质的,由县级以上地方人民政府产品质量监督部门责令限期改正;逾期不改正的,处二万元以上二十万元以下的罚款;情节严重的,由县级以上地方人民政府产品质量监督部门向本级工商行政管理部门通报有关情况,由工商行政管理部门依法吊销营业执照。

51-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چۇۋۇش ياكى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مۇھىتنى بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى دۆلەتنىڭ ئىشلىتىش مەنئى قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى لايىھەلەپ ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى شۇ دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىيەت باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

第五十二条 违反本法规定,电力、石油加工、化工、钢铁、有色金属和建材等企业未在规定的范围或者期限内停止使用不符合国家规定的燃油发电机组或者燃油锅炉的,由县级以上地方人民政府循环经济发展综合管理部门责令限期改正;逾期不改正的,责令拆除该燃油发电机组或者燃油锅炉,并处五万元以上五十万元以下的罚款。

52-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، نېفىت پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق كارخانىلار بەلگىلەنگەن دائىرىدە ياكى مۇددەت ئىچىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماي يېقىلغۇلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياكى ماي يېقىلغۇلۇق پار قازىنىنى ئىشلىتىشنى توختاتمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر شۇ ماي يېقىلغۇلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياكى ماي يېقىلغۇلۇق پار قازىنىنى چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

第五十三条 违反本法规定,矿山企业未达到经依法审查确定的开采回采率、采矿贫化率、选矿回收率、矿山水循环利用率和土地复垦率等指标的,由县级以上人民政府地质矿产主管部门责令限期改正,处五万元以上五十万元以下的罚款;逾期不改正的,由采矿许可证颁发机关依法吊销采矿许可证。

53-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كانچىلىق كارخانىلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن قېزىش-قايتا قېزىش نىسبىتى، كان قېزىشنىڭ نامراتلىشىش نىسبىتى، رۇدا يىغىۋېلىش نىسبىتى، كان سۈيىدىن ئايلانما پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە يەرنى قايتا ئېچىش نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە يەتمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گېئو قېزىلما بايلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ كان قېزىش ئىجازەتنامىسى بەرگەن ئورگان كان قېزىش ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

第五十四条 违反本法规定,在国务院或者省、自治区、直辖市人民政府规定禁止生产、销售、使用粘土砖的期限或者区域内生产、销售或者使用粘土砖的,由县级以上地方人民政府指定的部门责令限期改正;有违法所得的,没收违法所得;逾期继续生产、销售的,由地方人民政府工商行政管理部门依法吊销营业执照。

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سېغىز خىش ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش مۇددىتى ياكى رايون ئىچىدە سېغىز خىش ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ مۇددەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ داۋاملىق ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

第五十五条 违反本法规定,电网企业拒不收购企业利用余热、余压、煤层气以及煤矸石、煤泥、垃圾等低热值燃料生产的电力的,由国家电力监管机构责令限期改正;造成企业损失的,依法承担赔偿责任。

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى كارخانىلارنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، كۆمۈر قاتلىمى گازى ھەمدە كۆمۈر تېشى، كۆمۈر لېيى، ئەخلەت قاتارلىق تۆۋەن ئىسسىقلىق قىممىتىدىكى يېقىلغۇدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلسا، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ كارخانىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五十六条 违反本法规定,有下列行为之一的,由地方人民政府工商行政管理部门责令限期改正,可以处五千元以上五万元以下的罚款;逾期不改正的,依法吊销营业执照;造成损失的,依法承担赔偿责任:

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ :

(一)销售没有再利用产品标识的再利用电器电子产品的;

( 1 ) مەھسۇلات بەلگىسىدىن قايتا پايدىلانمايدىغان ئېلېكتىر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ساتقانلار؛

(二)销售没有再制造或者翻新产品标识的再制造或者翻新产品的。

( 2 ) قايتا ياسالمىغان ياكى يېڭىلانمىغان قايتا ياسالغان ياكى يېڭىلانغان مەھسۇلاتنى ساتقانلار.

第五十七条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第五十八条 本法自2009年1月1日起施行。

58-ماددا بۇ قانۇن 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.