第五十条 招标代理机构违反本法规定,泄露应当保密的与招标投标活动有关的情况和资料的,或者与招标人、投标人串通损害国家利益、社会公共利益或者他人合法权益的,处五万元以上二十五万元以下的罚款;对单位直接负责的主管人员和其他直接责任人员处单位罚款数额百分之五以上百分之十以下的罚款;有违法所得的,并处没收违法所得;情节严重的,禁止其一年至二年内代理依法必须进行招标的项目并予以公告,直至由工商行政管理机关吊销营业执照;构成犯罪的,依法追究刑事责任。给他人造成损失的,依法承担赔偿责任。
50-ماددا خېرىدار چاقىرىش ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەخپىي تۇتۇشقا تېگىشلىك خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاپ قويسا ياكى خېرىدار چاقىرغۇچى، خېرىدار چىققۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئورۇنغا بېرىلىدىغان جەرىمانە سوممىسى % 5 تىن يۇقىرى، % 10 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرگە بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە ۋاكالەتچىلىك قىلىشى ۋە ئېلان قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، تاكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلغانغا قەدەر؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.