中华人民共和国教育法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى

(1995年3月18日第八届全国人民代表大会第三次会议通过 根据2009年8月27日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十次会议《关于修改部分法律的决定》第一次修正 根据2015年12月27日第十二届全国人民代表大会常务委员会第十八次会议《关于修改〈中华人民共和国教育法〉的决定》第二次修正)

( 1995 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1 ـ قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 27-كۈنى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 ـ يىغىنىنىڭ «‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا»ىگە ئاساسەن 1 ـ قېتىملىق تۈزىتىلگەن نىڭ قارارى»غا 2-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 教育基本制度

2-باب ئاساسىي مائارىپ تۈزۈمى

第三章 学校及其他教育机构

3-باب مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى

第四章 教师和其他教育工作者

4-باب ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى

第五章 受教育者

5-باب تەربىيەلەنگۈچىلەر

第六章 教育与社会

6-باب مائارىپ ۋە جەمئىيەت

第七章 教育投入与条件保障

7-باب مائارىپ سېلىنمىسى ۋە شارائىت كاپالىتى

第八章 教育对外交流与合作

8-باب مائارىپ، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق

第九章 法律责任

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第十章 附则

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了发展教育事业,提高全民族的素质,促进社会主义物质文明和精神文明建设,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 在中华人民共和国境内的各级各类教育,适用本法。

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مائارىپقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 国家坚持以马克思列宁主义、毛泽东思想和建设有中国特色社会主义理论为指导,遵循宪法确定的基本原则,发展社会主义的教育事业。

3-ماددا دۆلەت ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

第四条 教育是社会主义现代化建设的基础,国家保障教育事业优先发展。

4-ماددا مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

全社会应当关心和支持教育事业的发展。

پۈتۈن جەمئىيەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.

全社会应当尊重教师。

پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

第五条 教育必须为社会主义现代化建设服务、为人民服务,必须与生产劳动和社会实践相结合,培养德、智、体、美等方面全面发展的社会主义建设者和接班人。

5-ماددا مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى شەرت.

第六条 教育应当坚持立德树人,对受教育者加强社会主义核心价值观教育,增强受教育者的社会责任感、创新精神和实践能力。

6-ماددا تەربىيەلەشتە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، تەربىيەلەنگۈچىگە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

国家在受教育者中进行爱国主义、集体主义、中国特色社会主义的教育,进行理想、道德、纪律、法治、国防和民族团结的教育。

دۆلەت تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەربىيەسى، غايە، ئەخلاق، ئىنتىزام، قانۇنچىللىق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىدۇ.

第七条 教育应当继承和弘扬中华民族优秀的历史文化传统,吸收人类文明发展的一切优秀成果。

7-ماددا مائارىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第八条 教育活动必须符合国家和社会公共利益。

8-ماددا تەربىيە پائالىيىتى دۆلەت ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتكە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

国家实行教育与宗教相分离。任何组织和个人不得利用宗教进行妨碍国家教育制度的活动。

دۆلەت مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第九条 中华人民共和国公民有受教育的权利和义务。

9-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

公民不分民族、种族、性别、职业、财产状况、宗教信仰等,依法享有平等的受教育机会。

پۇقرالار مىللەت، ئىرق، جىنس، كەسىپ، مال-مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىقلارغا قارىماي، قانۇن بويىچە باراۋەر تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第十条 国家根据各少数民族的特点和需要,帮助各少数民族地区发展教育事业。

10-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

国家扶持边远贫困地区发展教育事业。

دۆلەت چەت-ياقا نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

国家扶持和发展残疾人教育事业。

دۆلەت مېيىپلار مائارىپى ئىشلىرىنى يۆلەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.

第十一条 国家适应社会主义市场经济发展和社会进步的需要,推进教育改革,推动各级各类教育协调发展、衔接融通,完善现代国民教育体系,健全终身教育体系,提高教育现代化水平。

11-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشى، جىپسىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

国家采取措施促进教育公平,推动教育均衡发展。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

国家支持、鼓励和组织教育科学研究,推广教育科学研究成果,促进教育质量提高。

دۆلەت مائارىپ پەن تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى تەشكىللەيدۇ، مائارىپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىدۇ، مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

第十二条 国家通用语言文字为学校及其他教育机构的基本教育教学语言文字,学校及其他教育机构应当使用国家通用语言文字进行教育教学。

12-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتۇشى تىل-يېزىقى بولىدۇ، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى قوللىنىپ مائارىپ ئوقۇتۇشى كېرەك.

民族自治地方以少数民族学生为主的学校及其他教育机构,从实际出发,使用国家通用语言文字和本民族或者当地民族通用的语言文字实施双语教育。

مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ۋە ئۆز مىللىتى ياكى شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقنى قوللىنىپ، قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.

国家采取措施,为少数民族学生为主的学校及其他教育机构实施双语教育提供条件和支持。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر، شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第十三条 国家对发展教育事业做出突出贡献的组织和个人,给予奖励。

13-ماددا دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

第十四条 国务院和地方各级人民政府根据分级管理、分工负责的原则,领导和管理教育工作。

14-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.

中等及中等以下教育在国务院领导下,由地方人民政府管理。

ئوتتۇراھال ۋە ئوتتۇراھال، تۆۋەن دەرىجىلىك مائارىپنى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ.

高等教育由国务院和省、自治区、直辖市人民政府管理。

ئالىي مائارىپنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ.

第十五条 国务院教育行政部门主管全国教育工作,统筹规划、协调管理全国的教育事业。

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، باشقۇرىدۇ.

县级以上地方各级人民政府教育行政部门主管本行政区域内的教育工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上各级人民政府其他有关部门在各自的职责范围内,负责有关的教育工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第十六条 国务院和县级以上地方各级人民政府应当向本级人民代表大会或者其常务委员会报告教育工作和教育经费预算、决算情况,接受监督。

16-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەربىيە خىزمىتى ۋە تەربىيە خىراجىتى خامچوتى، نەق چوتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第二章 教育基本制度

2-باب ئاساسىي مائارىپ تۈزۈمى

第十七条 国家实行学前教育、初等教育、中等教育、高等教育的学校教育制度。

17-ماددا دۆلەت ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، باشلانغۇچ مائارىپ، ئوتتۇرا مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ مەكتەپ مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

国家建立科学的学制系统。学制系统内的学校和其他教育机构的设置、教育形式、修业年限、招生对象、培养目标等,由国务院或者由国务院授权教育行政部门规定。

دۆلەت ئىلمىي ئوقۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئوقۇش تۈزۈمى سىستېمىسىدىكى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مائارىپ شەكلى، ئوقۇش مۇددىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى، تەربىيەلەش نىشانى قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ھوقۇق بېرىپ بەلگىلەيدۇ.

第十八条 国家制定学前教育标准,加快普及学前教育,构建覆盖城乡,特别是农村的学前教育公共服务体系。

18-ماددا دۆلەت يەسلى مائارىپى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، بولۇپمۇ يېزىلارنى قاپلىغان يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

各级人民政府应当采取措施,为适龄儿童接受学前教育提供条件和支持。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

第十九条 国家实行九年制义务教育制度。

19-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

各级人民政府采取各种措施保障适龄儿童、少年就学。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

适龄儿童、少年的父母或者其他监护人以及有关社会组织和个人有义务使适龄儿童、少年接受并完成规定年限的义务教育。

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ، ئۆسمۈرلەرنىڭ بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە تاماملىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.

第二十条 国家实行职业教育制度和继续教育制度。

20-ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپ تۈزۈمى ۋە داۋاملىق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

各级人民政府、有关行政部门和行业组织以及企业事业组织应当采取措施,发展并保障公民接受职业学校教育或者各种形式的职业培训。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار ۋە ساھە تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ كەسپىي مەكتەپ تەربىيەسى ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەلىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

国家鼓励发展多种形式的继续教育,使公民接受适当形式的政治、经济、文化、科学、技术、业务等方面的教育,促进不同类型学习成果的互认和衔接,推动全民终身学习。

دۆلەت كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋاملىق تەربىيەنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، پۇقرالارغا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋاپىق تەربىيەنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

第二十一条 国家实行国家教育考试制度。

21-ماددا دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

国家教育考试由国务院教育行政部门确定种类,并由国家批准的实施教育考试的机构承办。

دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە دۆلەت تەستىقلىغان مائارىپ ئىمتىھانىنى يولغا قويىدىغان ئاپپارات ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十二条 国家实行学业证书制度。

22-ماددا دۆلەت ئوقۇش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

经国家批准设立或者认可的学校及其他教育机构按照国家有关规定,颁发学历证书或者其他学业证书。

دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ياكى ئېتىراپ قىلىنغان مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.

第二十三条 国家实行学位制度。

23-ماددا دۆلەت ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

学位授予单位依法对达到一定学术水平或者专业技术水平的人员授予相应的学位,颁发学位证书。

ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە بەلگىلىك ئىلمىي سەۋىيە ياكى كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىگە يەتكەن خادىملارغا مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدۇ، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

第二十四条 各级人民政府、基层群众性自治组织和企业事业组织应当采取各种措施,开展扫除文盲的教育工作。

24-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

按照国家规定具有接受扫除文盲教育能力的公民,应当接受扫除文盲的教育。

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەربىيەسى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالار ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىش تەربىيەسى ئېلىشى كېرەك.

第二十五条 国家实行教育督导制度和学校及其他教育机构教育评估制度。

25-ماددا دۆلەت مائارىپ نازارەتچىلىكى-يېتەكچىلىكى تۈزۈمى ۋە مەكتەپ، شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مائارىپ باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第三章 学校及其他教育机构

3-باب مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى

第二十六条 国家制定教育发展规划,并举办学校及其他教育机构。

26-ماددا دۆلەت مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزىدۇ ھەمدە مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرىدۇ.

国家鼓励企业事业组织、社会团体、其他社会组织及公民个人依法举办学校及其他教育机构。

دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

国家举办学校及其他教育机构,应当坚持勤俭节约的原则。

دۆلەت قۇرغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

以财政性经费、捐赠资产举办或者参与举办的学校及其他教育机构不得设立为营利性组织。

مالىيە خاراكتېرلىك خىراجەت، ئىئانە قىلىنغان مۈلۈك بىلەن قۇرۇلغان ياكى قۇرۇشقا قاتناشقان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى پايدا ئالىدىغان تەشكىلات قىلىپ تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ.

第二十七条 设立学校及其他教育机构,必须具备下列基本条件:

27-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلاش شەرت :

(一)有组织机构和章程;

( 1 ) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

(二)有合格的教师;

( 2 ) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇش؛

(三)有符合规定标准的教学场所及设施、设备等;

( 3 ) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇتۇش سورۇنى ۋە ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بولۇش؛

(四)有必备的办学资金和稳定的经费来源。

( 4 ) زۆرۈر مەكتەپ باشقۇرۇش مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش.

第二十八条 学校及其他教育机构的设立、变更和终止,应当按照国家有关规定办理审核、批准、注册或者备案手续。

28-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تاقىۋېتىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈش، تەستىقلاش، رويخەتكە ئېلىش ياكى ئەنگە ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك.

第二十九条 学校及其他教育机构行使下列权利:

29-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ :

(一)按照章程自主管理;

( 1 ) نىزامنامە بويىچە ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش؛

(二)组织实施教育教学活动;

( 2 ) مائارىپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

(三)招收学生或者其他受教育者;

( 3 ) ئوقۇغۇچى ياكى باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىش؛

(四)对受教育者进行学籍管理,实施奖励或者处分;

( 4 ) تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، مۇكاپاتلاش ياكى جازا بېرىش؛

(五)对受教育者颁发相应的学业证书;

( 5 ) تەربىيەلەنگۈچىگە مۇناسىپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىش؛

(六)聘任教师及其他职工,实施奖励或者处分;

( 6 ) ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۇكاپاتلاش ياكى جازا بېرىش؛

(七)管理、使用本单位的设施和经费;

( 7 ) شۇ ئورۇننىڭ ئەسلىھە ۋە خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش؛

(八)拒绝任何组织和个人对教育教学活动的非法干涉;

( 8 ) ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مائارىپ-ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قانۇنسىز ئارىلىشىشىنى رەت قىلىش؛

(九)法律、法规规定的其他权利。

( 9 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

国家保护学校及其他教育机构的合法权益不受侵犯。

دۆلەت مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

第三十条 学校及其他教育机构应当履行下列义务:

30-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)遵守法律、法规;

( 1 ) قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش؛

(二)贯彻国家的教育方针,执行国家教育教学标准,保证教育教学质量;

( 2 ) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

(三)维护受教育者、教师及其他职工的合法权益;

( 3 ) تەربىيەلەنگۈچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(四)以适当方式为受教育者及其监护人了解受教育者的学业成绩及其他有关情况提供便利;

( 4 ) تەربىيەلەنگۈچى ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشىنىشىگە مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛

(五)遵照国家有关规定收取费用并公开收费项目;

( 5 ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق ئېلىش ھەمدە ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئاشكارىلاش؛

(六)依法接受监督。

( 6 ) قانۇن بويىچە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش.

第三十一条 学校及其他教育机构的举办者按照国家有关规定,确定其所举办的学校或者其他教育机构的管理体制。

31-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆزى قۇرغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بېكىتىدۇ.

学校及其他教育机构的校长或者主要行政负责人必须由具有中华人民共和国国籍、在中国境内定居、并具备国家规定任职条件的公民担任,其任免按照国家有关规定办理。学校的教学及其他行政管理,由校长负责。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرى ياكى ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇللىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان پۇقرالار ئۈستىگە ئېلىشى، تەيىنلەش-قالدۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇشىغا مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولىدۇ.

学校及其他教育机构应当按照国家有关规定,通过以教师为主体的教职工代表大会等组织形式,保障教职工参与民主管理和监督。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلىي شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第三十二条 学校及其他教育机构具备法人条件的,自批准设立或者登记注册之日起取得法人资格。

32-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن قانۇنىي ئىگە شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى قۇرۇش ياكى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىشنى تەستىقلىغان كۈندىن باشلاپ قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

学校及其他教育机构在民事活动中依法享有民事权利,承担民事责任。

مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

学校及其他教育机构中的国有资产属于国家所有。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

学校及其他教育机构兴办的校办产业独立承担民事责任。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى قۇرغان مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى كەسىپلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ.

第四章 教师和其他教育工作者

4-باب ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى

第三十三条 教师享有法律规定的权利,履行法律规定的义务,忠诚于人民的教育事业。

33-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولىدۇ.

第三十四条 国家保护教师的合法权益,改善教师的工作条件和生活条件,提高教师的社会地位。

34-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ.

教师的工资报酬、福利待遇,依照法律、法规的规定办理。

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش ھەققى، پاراۋانلىق تەمىناتى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第三十五条 国家实行教师资格、职务、聘任制度,通过考核、奖励、培养和培训,提高教师素质,加强教师队伍建设。

35-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى، ۋەزىپىسى، تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باھالاش، مۇكاپاتلاش، يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

第三十六条 学校及其他教育机构中的管理人员,实行教育职员制度。

36-ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار مائارىپ خىزمەتچىلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

学校及其他教育机构中的教学辅助人员和其他专业技术人员,实行专业技术职务聘任制度。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇتۇش ياردەمچىسى خادىملىرى ۋە باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

第五章 受教育者

5-باب تەربىيەلەنگۈچىلەر

第三十七条 受教育者在入学、升学、就业等方面依法享有平等权利。

37-ماددا تەربىيەلەنگۈچى مەكتەپكە كىرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە قانۇن بويىچە باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

学校和有关行政部门应当按照国家有关规定,保障女子在入学、升学、就业、授予学位、派出留学等方面享有同男子平等的权利。

مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاياللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش، چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第三十八条 国家、社会对符合入学条件、家庭经济困难的儿童、少年、青年,提供各种形式的资助。

38-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مەكتەپكە كىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارغا ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

第三十九条 国家、社会、学校及其他教育机构应当根据残疾人身心特性和需要实施教育,并为其提供帮助和便利。

39-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى مېيىپلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تەربىيە بېرىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第四十条 国家、社会、家庭、学校及其他教育机构应当为有违法犯罪行为的未成年人接受教育创造条件。

40-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيەلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第四十一条 从业人员有依法接受职业培训和继续教育的权利和义务。

41-ماددا كەسىپكارلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي تەربىيەلىنىش ۋە داۋاملىق تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

国家机关、企业事业组织和其他社会组织,应当为本单位职工的学习和培训提供条件和便利。

دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第四十二条 国家鼓励学校及其他教育机构、社会组织采取措施,为公民接受终身教育创造条件。

42-ماددا دۆلەت مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆمۈرلۈك مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

第四十三条 受教育者享有下列权利:

43-ماددا تەربىيەلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

(一)参加教育教学计划安排的各种活动,使用教育教学设施、设备、图书资料;

( 1 ) ئوقۇش-ئوقۇتۇش پىلانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، كىتاب ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش؛

(二)按照国家有关规定获得奖学金、贷学金、助学金;

( 2 ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىش؛

(三)在学业成绩和品行上获得公正评价,完成规定的学业后获得相应的学业证书、学位证书;

( 3 ) ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئەخلاقى جەھەتتە ئادىل باھالاشقا ئېرىشىش، بەلگىلەنگەن ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن مۇناسىپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئېلىش؛

(四)对学校给予的处分不服向有关部门提出申诉,对学校、教师侵犯其人身权、财产权等合法权益,提出申诉或者依法提起诉讼;

( 4 ) مەكتەپ بەرگەن جازاغا قايىل بولماي، ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلغان، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەرز قىلغان ياكى قانۇن بويىچە دەۋا قىلغان بولۇش؛

(五)法律、法规规定的其他权利。

( 5 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

第四十四条 受教育者应当履行下列义务:

44-ماددا تەربىيەلەنگۈچى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)遵守法律、法规;

( 1 ) قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش؛

(二)遵守学生行为规范,尊敬师长,养成良好的思想品德和行为习惯;

( 2 ) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ياخشى ئىدىيەۋى ئەخلاق ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈش؛

(三)努力学习,完成规定的学习任务;

( 3 ) تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛

(四)遵守所在学校或者其他教育机构的管理制度。

( 4 ) ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش.

第四十五条 教育、体育、卫生行政部门和学校及其他教育机构应当完善体育、卫生保健设施,保护学生的身心健康。

45-ماددا مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە مەكتەپ، شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتى تەنتەربىيە، سەھىيە-ساقلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

第六章 教育与社会

6-باب مائارىپ ۋە جەمئىيەت

第四十六条 国家机关、军队、企业事业组织、社会团体及其他社会组织和个人,应当依法为儿童、少年、青年学生的身心健康成长创造良好的社会环境。

46-ماددا دۆلەت ئورگىنى، ئارمىيە، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

第四十七条 国家鼓励企业事业组织、社会团体及其他社会组织同高等学校、中等职业学校在教学、科研、技术开发和推广等方面进行多种形式的合作。

47-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، تېخنىكا يارىتىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

企业事业组织、社会团体及其他社会组织和个人,可以通过适当形式,支持学校的建设,参与学校管理。

كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مۇۋاپىق شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتناشسا بولىدۇ.

第四十八条 国家机关、军队、企业事业组织及其他社会组织应当为学校组织的学生实习、社会实践活动提供帮助和便利。

48-ماددا دۆلەت ئورگىنى، ئارمىيە، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەكتەپ تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ياردەم بېرىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第四十九条 学校及其他教育机构在不影响正常教育教学活动的前提下,应当积极参加当地的社会公益活动。

49-ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى نورمال مائارىپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك.

第五十条 未成年人的父母或者其他监护人应当为其未成年子女或者其他被监护人受教育提供必要条件。

50-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى ياكى باشقا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە زۆرۈر شەرت قويۇشى كېرەك.

未成年人的父母或者其他监护人应当配合学校及其他教育机构,对其未成年子女或者其他被监护人进行教育。

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپ ۋە باشقا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى ياكى باشقا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىسىنى تەربىيەلىشى كېرەك.

学校、教师可以对学生家长提供家庭教育指导。

مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

第五十一条 图书馆、博物馆、科技馆、文化馆、美术馆、体育馆(场)等社会公共文化体育设施,以及历史文化古迹和革命纪念馆(地),应当对教师、学生实行优待,为受教育者接受教育提供便利。

51-ماددا كۇتۇپخانا، مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، تەنتەربىيە سارىيى ( مەيدانى ) قاتارلىق جەمئىيەت ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت ئاسار-ئەتىقىلەر ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە ساراي ( جاي ) ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

广播、电视台(站)应当开设教育节目,促进受教育者思想品德、文化和科学技术素质的提高。

رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ( پونكىتى ) تەربىيە پىروگراممىسى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئىدىيەۋى پەزىلىتى، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第五十二条 国家、社会建立和发展对未成年人进行校外教育的设施。

52-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيە بېرىدىغان ئەسلىھەلەرنى دۆلەت، جەمئىيەت قۇرغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان.

学校及其他教育机构应当同基层群众性自治组织、企业事业组织、社会团体相互配合,加强对未成年人的校外教育工作。

مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第五十三条 国家鼓励社会团体、社会文化机构及其他社会组织和个人开展有益于受教育者身心健康的社会文化教育活动。

53-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第七章 教育投入与条件保障

7-باب مائارىپ سېلىنمىسى ۋە شارائىت كاپالىتى

第五十四条 国家建立以财政拨款为主、其他多种渠道筹措教育经费为辅的体制,逐步增加对教育的投入,保证国家举办的学校教育经费的稳定来源。

54-ماددا دۆلەت مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىشنى ئاساس، مائارىپ خىراجىتىنى باشقا كۆپ خىل يوللار بىلەن غەملەشنى قوشۇمچە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، مائارىپقا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇپ، دۆلەت قۇرغان مەكتەپ مائارىپ خىراجىتىنىڭ مۇقىم مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

企业事业组织、社会团体及其他社会组织和个人依法举办的学校及其他教育机构,办学经费由举办者负责筹措,各级人民政府可以给予适当支持。

كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە قۇرغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مەسئۇل بولۇپ غەملەيدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇۋاپىق مەدەت بەرسە بولىدۇ.

第五十五条 国家财政性教育经费支出占国民生产总值的比例应当随着国民经济的发展和财政收入的增长逐步提高。具体比例和实施步骤由国务院规定。

55-ماددا دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ خەلق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆسۈشى كېرەك. كونكرېت نىسبەت ۋە يولغا قويۇش قەدەم-باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

全国各级财政支出总额中教育经费所占比例应当随着国民经济的发展逐步提高。

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىم ئومۇمىي سوممىسىدا مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆسۈشى كېرەك.

第五十六条 各级人民政府的教育经费支出,按照事权和财权相统一的原则,在财政预算中单独列项。

56-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، مالىيە خامچوتىدا ئايرىم تۈرگە كىرگۈزۈلىدۇ.

各级人民政府教育财政拨款的增长应当高于财政经常性收入的增长,并使按在校学生人数平均的教育费用逐步增长,保证教师工资和学生人均公用经费逐步增长。

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ مالىيەسىدىن ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ ئېشىشىنى مالىيەنىڭ دائىملىق كىرىمىدىن يۇقىرى قىلىشى ھەمدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بويىچە ئوتتۇرىچە مائارىپ خىراجىتىنى قەدەممۇقەدەم ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاممىۋى خىراجىتىنىڭ قەدەممۇقەدەم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

第五十七条 国务院及县级以上地方各级人民政府应当设立教育专项资金,重点扶持边远贫困地区、少数民族地区实施义务教育。

57-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، چەت-ياقا نامرات رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.

第五十八条 税务机关依法足额征收教育费附加,由教育行政部门统筹管理,主要用于实施义务教育。

58-ماددا باج ئورگىنى مائارىپ ھەققىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئالىدۇ، قوشۇمچە ھەقنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ، ئاساسلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府根据国务院的有关规定,可以决定开征用于教育的地方附加费,专款专用。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرلىك قوشۇمچە ھەق ئېلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك.

第五十九条 国家采取优惠措施,鼓励和扶持学校在不影响正常教育教学的前提下开展勤工俭学和社会服务,兴办校办产业。

59-ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش تەدبىرى قوللىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال مائارىپ ئوقۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ ئاچقان كەسىپلەرنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第六十条 国家鼓励境内、境外社会组织和个人捐资助学。

60-ماددا دۆلەت چېگرا ئىچىدىكى، چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第六十一条 国家财政性教育经费、社会组织和个人对教育的捐赠,必须用于教育,不得挪用、克扣。

61-ماددا دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ مائارىپقا قىلغان ئىئانىسىنى مائارىپقا ئىشلىتىش شەرت، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە، تۇتۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

第六十二条 国家鼓励运用金融、信贷手段,支持教育事业的发展。

62-ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە، كىرېدىت ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.

第六十三条 各级人民政府及其教育行政部门应当加强对学校及其他教育机构教育经费的监督管理,提高教育投资效益。

63-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第六十四条 地方各级人民政府及其有关行政部门必须把学校的基本建设纳入城乡建设规划,统筹安排学校的基本建设用地及所需物资,按照国家有关规定实行优先、优惠政策。

64-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش يېرى ۋە كېرەكلىك ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىن بېرىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى شەرت.

第六十五条 各级人民政府对教科书及教学用图书资料的出版发行,对教学仪器、设备的生产和供应,对用于学校教育教学和科学研究的图书资料、教学仪器、设备的进口,按照国家有关规定实行优先、优惠政策。

65-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كىتاب-ماتېرىياللارنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ، ئوقۇتۇش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە تەمىنلەيدۇ، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە پەن تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىغان كىتاب ماتېرىياللىرى، ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

第六十六条 国家推进教育信息化,加快教育信息基础设施建设,利用信息技术促进优质教育资源普及共享,提高教育教学水平和教育管理水平。

66-ماددا دۆلەت مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈپ، مائارىپ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

县级以上人民政府及其有关部门应当发展教育信息技术和其他现代化教学方式,有关行政部门应当优先安排,给予扶持。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مائارىپ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە باشقا زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى، يۆلەش كېرەك.

国家鼓励学校及其他教育机构推广运用现代化教学方式。

دۆلەت مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشىگە ۋە قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第八章 教育对外交流与合作

8-باب مائارىپ، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق

第六十七条 国家鼓励开展教育对外交流与合作,支持学校及其他教育机构引进优质教育资源,依法开展中外合作办学,发展国际教育服务,培养国际化人才。

67-ماددا دۆلەت مائارىپ جەھەتتىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرىدۇ، خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدۇ.

教育对外交流与合作坚持独立自主、平等互利、相互尊重的原则,不得违反中国法律,不得损害国家主权、安全和社会公共利益。

تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلماسلىق، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىدۇ.

第六十八条 中国境内公民出国留学、研究、进行学术交流或者任教,依照国家有关规定办理。

68-ماددا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پۇقرالار چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇسا، تەتقىق قىلسا، ئىلىم ئالماشتۇرسا ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

第六十九条 中国境外个人符合国家规定的条件并办理有关手续后,可以进入中国境内学校及其他教育机构学习、研究、进行学术交流或者任教,其合法权益受国家保护。

69-ماددا جۇڭگو چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەر دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا كىرىپ ئوقۇسا، تەتقىق قىلسا، ئىلىم ئالماشتۇرسا ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى دۆلەت قوغدايدۇ.

第七十条 中国对境外教育机构颁发的学位证书、学历证书及其他学业证书的承认,依照中华人民共和国缔结或者加入的国际条约办理,或者按照国家有关规定办理。

70-ماددا جۇڭگو چېگرا سىرتىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى بەرگەن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەر بويىچە بېجىرىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىدۇ.

第九章 法律责任

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七十一条 违反国家有关规定,不按照预算核拨教育经费的,由同级人民政府限期核拨;情节严重的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

71-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ خىراجىتىنى خامچوت بويىچە تەكشۈرۈپ تارقاتمىغانلارنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تەكشۈرۈپ تارقىتىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

违反国家财政制度、财务制度,挪用、克扣教育经费的,由上级机关责令限期归还被挪用、克扣的经费,并对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى، مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ خىراجىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىنغان، تۇتۇپ قېلىنغان خىراجەتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十二条 结伙斗殴、寻衅滋事,扰乱学校及其他教育机构教育教学秩序或者破坏校舍、场地及其他财产的,由公安机关给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

72-ماددا توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ تەلىم-تەربىيە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپ بىناسى، مەيدان ۋە باشقا مال-مۈلكىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

侵占学校及其他教育机构的校舍、场地及其他财产的,依法承担民事责任。

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ بىناسى، ئورنى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第七十三条 明知校舍或者教育教学设施有危险,而不采取措施,造成人员伤亡或者重大财产损失的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法追究刑事责任。

73-ماددا مەكتەپ ياتىقى ياكى ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي، تالاپەت ياكى زور مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十四条 违反国家有关规定,向学校或者其他教育机构收取费用的,由政府责令退还所收费用;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

74-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن ھەق ئالغانلارنى ھۆكۈمەت ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十五条 违反国家有关规定,举办学校或者其他教育机构的,由教育行政部门或者其他有关行政部门予以撤销;有违法所得的,没收违法所得;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

75-ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قۇرغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق بىكار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十六条 学校或者其他教育机构违反国家有关规定招收学生的,由教育行政部门或者其他有关行政部门责令退回招收的学生,退还所收费用;对学校、其他教育机构给予警告,可以处违法所得五倍以下罚款;情节严重的,责令停止相关招生资格一年以上三年以下,直至撤销招生资格、吊销办学许可证;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

76-ماددا مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇشقا، ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ مەكتەپ، باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلسە، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن توختىتىشقا، ھەتتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十七条 在招收学生工作中徇私舞弊的,由教育行政部门或者其他有关行政部门责令退回招收的人员;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

77-ماددا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق قوبۇل قىلغان خادىملارنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第七十八条 学校及其他教育机构违反国家有关规定向受教育者收取费用的,由教育行政部门或者其他有关行政部门责令退还所收费用;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

78-ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىدىن ھەق ئالغانلىرىغا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十九条 考生在国家教育考试中有下列行为之一的,由组织考试的教育考试机构工作人员在考试现场采取必要措施予以制止并终止其继续参加考试;组织考试的教育考试机构可以取消其相关考试资格或者考试成绩;情节严重的,由教育行政部门责令停止参加相关国家教育考试一年以上三年以下;构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任:

79-ماددا ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىمتىھاننى تەشكىللىگەن مائارىپ ئىمتىھانى ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ئىمتىھان نەق مەيدانىدا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ توسىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىمتىھانغا داۋاملىق قاتنىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ؛ ئىمتىھاننى تەشكىللىگەن مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتى ئۇنىڭ ئالاقىدار ئىمتىھان سالاھىيىتى ياكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ :

(一)非法获取考试试题或者答案的;

( 1 ) ئىمتىھان سوئالى ياكى جاۋابىغا قانۇنسىز ئېرىشكەنلەر؛

(二)携带或者使用考试作弊器材、资料的;

( 2 ) ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سايمانلىرى، ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ يۈرگەن ياكى ئىشلەتكەنلەر؛

(三)抄袭他人答案的;

( 3 ) باشقىلارنىڭ جاۋابىنى كۆچۈرگەنلەر؛

(四)让他人代替自己参加考试的;

( 4 ) باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلار؛

(五)其他以不正当手段获得考试成绩的作弊行为。

( 5 ) ئىمتىھان نەتىجىسىگە ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېرىشكەن باشقا كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرى.

第八十条 任何组织或者个人在国家教育考试中有下列行为之一,有违法所得的,由公安机关没收违法所得,并处违法所得一倍以上五倍以下罚款;情节严重的,处五日以上十五日以下拘留;构成犯罪的,依法追究刑事责任;属于国家机关工作人员的,还应当依法给予处分:

80-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخستىن دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىغا تەۋە بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە يەنە چارە كۆرۈش كېرەك :

(一)组织作弊的;

( 1 ) تەشكىل كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلار؛

(二)通过提供考试作弊器材等方式为作弊提供帮助或者便利的;

( 2 ) ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سايمانلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا ياردەم بەرگەن ياكى قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلەر؛

(三)代替他人参加考试的;

( 3 ) باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھانغا قاتناشقانلار؛

(四)在考试结束前泄露、传播考试试题或者答案的;

( 4 ) ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئىمتىھان سوئالى ياكى جاۋابىنى ئاشكارىلاپ قويغان، تارقاتقانلار؛

(五)其他扰乱考试秩序的行为。

( 5 ) ئىمتىھان تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قىلمىشلار.

第八十一条 举办国家教育考试,教育行政部门、教育考试机构疏于管理,造成考场秩序混乱、作弊情况严重的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

81-ماددا دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى ئۆتكۈزۈشتە، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى باشقۇرۇشقا سەل قاراپ، ئىمتىھان مەيدانى تەرتىپىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第八十二条 学校或者其他教育机构违反本法规定,颁发学位证书、学历证书或者其他学业证书的,由教育行政部门或者其他有关行政部门宣布证书无效,责令收回或者予以没收;有违法所得的,没收违法所得;情节严重的,责令停止相关招生资格一年以上三年以下,直至撤销招生资格、颁发证书资格;对直接负责的主管人员和其他直接责任人员,依法给予处分。

82-ماددا مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرگەنلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىپ، قايتۇرۇۋېلىشقا ياكى مۇسادىرە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن توختىتىشقا، ھەتتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، گۇۋاھنامە بېرىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

前款规定以外的任何组织或者个人制造、销售、颁发假冒学位证书、学历证书或者其他学业证书,构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ساختا ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسىنى ياساپ، سېتىپ، تارقىتىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

以作弊、剽窃、抄袭等欺诈行为或者其他不正当手段获得学位证书、学历证书或者其他学业证书的,由颁发机构撤销相关证书。购买、使用假冒学位证书、学历证书或者其他学业证书,构成违反治安管理行为的,由公安机关依法给予治安管理处罚。

كۆچۈرمىچىلىك قىلىش، كۆچۈرۈۋېلىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئېلان قىلغۇچى ئاپپارات بىكار قىلىدۇ. ساختا ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسىنى سېتىۋېلىپ، ئىشلىتىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

第八十三条 违反本法规定,侵犯教师、受教育者、学校或者其他教育机构的合法权益,造成损失、损害的,应当依法承担民事责任。

83-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار، تەربىيەلەنگۈچىلەر، مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىپ، زىيان، زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第十章 附则

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第八十四条 军事学校教育由中央军事委员会根据本法的原则规定。

84-ماددا ھەربىي مەكتەپ مائارىپىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇندىكى پىرىنسىپقا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

宗教学校教育由国务院另行规定。

دىنىي مەكتەپ تەربىيەسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

第八十五条 境外的组织和个人在中国境内办学和合作办学的办法,由国务院规定。

85-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第八十六条 本法自1995年9月1日起施行。

86-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.