中华人民共和国无障碍环境建设法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنى

(2023年6月28日第十四届全国人民代表大会常务委员会第三次会议通过)

( 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 无障碍设施建设

2-باب توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى

第三章 无障碍信息交流

3-باب توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

第四章 无障碍社会服务

4-باب توسالغۇسىز ئىجتىمائىي مۇلازىمەت

第五章 保障措施

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第六章 监督管理

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第八章 附  则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了加强无障碍环境建设,保障残疾人、老年人平等、充分、便捷地参与和融入社会生活,促进社会全体人员共享经济社会发展成果,弘扬社会主义核心价值观,根据宪法和有关法律,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق، قولاي قاتنىشىشى ۋە سىڭىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 国家采取措施推进无障碍环境建设,为残疾人、老年人自主安全地通行道路、出入建筑物以及使用其附属设施、搭乘公共交通运输工具,获取、使用和交流信息,获得社会服务等提供便利。

2-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشى، ئىمارەتكە كىرىپ-چىقىشى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشى، ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قورالىغا ئولتۇرۇۋېلىشى، ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى، ئىشلىتىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

残疾人、老年人之外的其他人有无障碍需求的,可以享受无障碍环境便利。

مېيىپلەر، ياشانغانلاردىن باشقا باشقىلارنىڭ توسالغۇسىز ئېھتىياجى بولسا، توسالغۇسىز مۇھىت قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

第三条 无障碍环境建设应当坚持中国共产党的领导,发挥政府主导作用,调动市场主体积极性,引导社会组织和公众广泛参与,推动全社会共建共治共享。

3-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئاممىنى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىشى، ئورتاق ئىدارە قىلىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

第四条 无障碍环境建设应当与适老化改造相结合,遵循安全便利、实用易行、广泛受益的原则。

4-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىخەتەر، قولايلىق، قوللىنىشچان، ئاسان، كەڭ دائىرىدە نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

第五条 无障碍环境建设应当与经济社会发展水平相适应,统筹城镇和农村发展,逐步缩小城乡无障碍环境建设的差距。

5-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە لايىقلىشىپ، شەھەر-بازار ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلاردىكى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك.

第六条 县级以上人民政府应当将无障碍环境建设纳入国民经济和社会发展规划,将所需经费纳入本级预算,建立稳定的经费保障机制。

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

第七条 县级以上人民政府应当统筹协调和督促指导有关部门在各自职责范围内做好无障碍环境建设工作。

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

县级以上人民政府住房和城乡建设、民政、工业和信息化、交通运输、自然资源、文化和旅游、教育、卫生健康等部门应当在各自职责范围内,开展无障碍环境建设工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلىرى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش-تىرانسپورت، تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

乡镇人民政府、街道办事处应当协助有关部门做好无障碍环境建设工作。

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第八条 残疾人联合会、老龄协会等组织依照法律、法规以及各自章程,协助各级人民政府及其有关部门做好无障碍环境建设工作。

8-ماددا مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قانۇن-نىزاملار شۇنىڭدەك نىزامنامىسى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىدۇ.

第九条 制定或者修改涉及无障碍环境建设的法律、法规、规章、规划和其他规范性文件,应当征求残疾人、老年人代表以及残疾人联合会、老龄协会等组织的意见。

9-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان قانۇن-نىزام، قائىدە، يىرىك پىلان ۋە باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى چىقىرىش ياكى تۈزىتىشتە، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

第十条 国家鼓励和支持企业事业单位、社会组织、个人等社会力量,通过捐赠、志愿服务等方式参与无障碍环境建设。

10-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخس قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئىئانە قىلىش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

国家支持开展无障碍环境建设工作的国际交流与合作。

دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قوللايدۇ.

第十一条 对在无障碍环境建设工作中做出显著成绩的单位和个人,按照国家有关规定给予表彰和奖励。

11-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

第二章 无障碍设施建设

2-باب توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى

第十二条 新建、改建、扩建的居住建筑、居住区、公共建筑、公共场所、交通运输设施、城乡道路等,应当符合无障碍设施工程建设标准。

12-ماددا يېڭىدىن سېلىنغان، ئۆزگەرتىپ سېلىنغان، كېڭەيتىپ سېلىنغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ رايونى، ئاممىۋى ئىمارەت، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەسى، شەھەر-يېزا يولى قاتارلىقلار توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

无障碍设施应当与主体工程同步规划、同步设计、同步施工、同步验收、同步交付使用,并与周边的无障碍设施有效衔接、实现贯通。

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە پىلانلاش، ماس قەدەمدە لايىھەلەش، ماس قەدەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ماس قەدەمدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش ھەمدە ئەتراپتىكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

无障碍设施应当设置符合标准的无障碍标识,并纳入周边环境或者建筑物内部的引导标识系统。

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرگە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن توسالغۇسىز بەلگە ئورنىتىش ھەمدە ئۇنى ئەتراپتىكى مۇھىت ياكى ئىمارەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېتەكلەش، بەلگە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

第十三条 国家鼓励工程建设、设计、施工等单位采用先进的理念和技术,建设人性化、系统化、智能化并与周边环境相协调的无障碍设施。

13-ماددا دۆلەت قۇرۇلۇش قىلىش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئادىمىيلەشكەن، سىستېمىلاشقان، ئەقلىيلەشكەن ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشىدىغان توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第十四条 工程建设单位应当将无障碍设施建设经费纳入工程建设项目概预算。

14-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىراجىتىنى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تەخمىنىي خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

工程建设单位不得明示或者暗示设计、施工单位违反无障碍设施工程建设标准;不得擅自将未经验收或者验收不合格的无障碍设施交付使用。

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن لايىھە، قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتسە ياكى شەپە بەرسە بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشكە ئۆز مەيلىچە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

第十五条 工程设计单位应当按照无障碍设施工程建设标准进行设计。

15-ماددا قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇن توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلىشى كېرەك.

依法需要进行施工图设计文件审查的,施工图审查机构应当按照法律、法规和无障碍设施工程建设标准,对无障碍设施设计内容进行审查;不符合有关规定的,不予审查通过。

قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنى لايىھەلەش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلىش چېرتىيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات قانۇن-نىزاملار ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ لايىھە مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدۇ.

第十六条 工程施工、监理单位应当按照施工图设计文件以及相关标准进行无障碍设施施工和监理。

16-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنىڭ لايىھە ھۆججىتى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

住房和城乡建设等主管部门对未按照法律、法规和无障碍设施工程建设标准开展无障碍设施验收或者验收不合格的,不予办理竣工验收备案手续。

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قانۇن-نىزاملار ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلماي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىغا پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرمەيدۇ.

第十七条 国家鼓励工程建设单位在新建、改建、扩建建设项目的规划、设计和竣工验收等环节,邀请残疾人、老年人代表以及残疾人联合会、老龄协会等组织,参加意见征询和体验试用等活动。

17-ماددا دۆلەت قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش يىرىك پىلانى، لايىھەسى ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ھالقىلاردا، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى پىكىر ئېلىش ۋە سىناپ بېقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第十八条 对既有的不符合无障碍设施工程建设标准的居住建筑、居住区、公共建筑、公共场所、交通运输设施、城乡道路等,县级以上人民政府应当根据实际情况,制定有针对性的无障碍设施改造计划并组织实施。

18-ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەم بار تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ رايونى، ئاممىۋى ئىمارەت، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەسى، شەھەر-يېزا يولى قاتارلىقلارغا قارىتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، قاراتمىلىققا ئىگە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

无障碍设施改造由所有权人或者管理人负责。所有权人、管理人和使用人之间约定改造责任的,由约定的责任人负责。

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىگىدار ياكى باشقۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئۆزگەرتىش جاۋابكارلىقىنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن جاۋابكار مەسئۇل بولىدۇ.

不具备无障碍设施改造条件的,责任人应当采取必要的替代性措施。

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، جاۋابكار زۆرۈر بولغان سەپلىمە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

第十九条 县级以上人民政府应当支持、指导家庭无障碍设施改造。对符合条件的残疾人、老年人家庭应当给予适当补贴。

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئائىلىلەرنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپلار، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

居民委员会、村民委员会、居住区管理服务单位以及业主委员会应当支持并配合家庭无障碍设施改造。

ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، تۇرالغۇ رايونىنى باشقۇرۇش-مۇلازىمەت قىلىش ئورنى، شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئائىلىنى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

第二十条 残疾人集中就业单位应当按照有关标准和要求,建设和改造无障碍设施。

20-ماددا مېيىپلەر مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى ۋە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

国家鼓励和支持用人单位开展就业场所无障碍设施建设和改造,为残疾人职工提供必要的劳动条件和便利。

دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرىدا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى ۋە ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە زۆرۈر ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

第二十一条 新建、改建、扩建公共建筑、公共场所、交通运输设施以及居住区的公共服务设施,应当按照无障碍设施工程建设标准,配套建设无障碍设施;既有的上述建筑、场所和设施不符合无障碍设施工程建设标准的,应当进行必要的改造。

21-ماددا ئاممىۋى ئىمارەت، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەسى، شۇنىڭدەك تۇرالغۇ رايونىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشتا، توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك؛ ھازىر بار بولغان يۇقىرىقى ئىمارەت، سورۇن ۋە ئەسلىھەلەردىن توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى زۆرۈر ئۆزگەرتىش كېرەك.

第二十二条 国家支持城镇老旧小区既有多层住宅加装电梯或者其他无障碍设施,为残疾人、老年人提供便利。

22-ماددا دۆلەت شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلاردا كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇلارغا لىفىت ياكى باشقا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى قوللايدۇ.

县级以上人民政府及其有关部门应当采取措施、创造条件,并发挥社区基层组织作用,推动既有多层住宅加装电梯或者其他无障碍设施。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، شارائىت يارىتىپ بېرىشى ھەمدە مەھەللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بار بولغان كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇغا لىفىت ياكى باشقا توسالغۇسىز ئەسلىھە ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

房屋所有权人应当弘扬中华民族与邻为善、守望相助等传统美德,加强沟通协商,依法配合既有多层住宅加装电梯或者其他无障碍设施。

ئۆي ئىگىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇغا لىفىت ياكى باشقا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشقا قانۇن بويىچە ماسلىشىشى كېرەك.

第二十三条 新建、改建、扩建和具备改造条件的城市主干路、主要商业区和大型居住区的人行天桥和人行地下通道,应当按照无障碍设施工程建设标准,建设或者改造无障碍设施。

23-ماددا شەھەر ئاساسىي غول يولى، ئاساسلىق سودا رايونى ۋە چوڭ تىپتىكى تۇرالغۇ رايونىدىكى يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىش شارائىتى ھازىرلانغان پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكى ۋە پىيادىلەر يەر ئاستى يولىدا توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى سېلىش ياكى ئۆزگەرتىش كېرەك.

城市主干路、主要商业区等无障碍需求比较集中的区域的人行道,应当按照标准设置盲道;城市中心区、残疾人集中就业单位和集中就读学校周边的人行横道的交通信号设施,应当按照标准安装过街音响提示装置。

شەھەر ئاساسىي غول يولى، ئاساسلىق سودا رايونى قاتارلىق توسالغۇسىز، ئېھتىياجى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلاردىكى پىيادىلەر يولىدا ئۆلچەم بويىچە ئەمالار يولى قۇرۇش كېرەك؛ شەھەر مەركىزىي رايونى، مېيىپلەر مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى ئورۇن ۋە مەركەزلىك ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئەتراپىدىكى پىيادىلەر توغرا يولىدىكى قاتناش سىگنال ئەسلىھەلىرىگە ئۆلچەم بويىچە كوچىدىن ئۆتىدىغان ئاۋاز ئەسكەرتمە قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك.

第二十四条 停车场应当按照无障碍设施工程建设标准,设置无障碍停车位,并设置显著标志标识。

24-ماددا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئېنىق بەلگە-بەلگە ئورنىتىشى كېرەك.

无障碍停车位优先供肢体残疾人驾驶或者乘坐的机动车使用。优先使用无障碍停车位的,应当在显著位置放置残疾人车辆专用标志或者提供残疾人证。

توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى پۇت-قول مېيىپ كىشىلىرى ھەيدىگەن ياكى ئولتۇرغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئاۋۋال ئىشلىتىدۇ. توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئالدىن ئىشلىتىشتە، مېيىپلەر ئاپتوموبىلىنىڭ مەخسۇس بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇش ياكى مېيىپلىك كىنىشكىسى بېرىش كېرەك.

在无障碍停车位充足的情况下,其他行动不便的残疾人、老年人、孕妇、婴幼儿等驾驶或者乘坐的机动车也可以使用。

توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ھەرىكىتى قولايسىز باشقا مېيىپلەر، ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىقلار ھەيدەيدىغان ياكى ئولتۇرىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

第二十五条 新投入运营的民用航空器、客运列车、客运船舶、公共汽电车、城市轨道交通车辆等公共交通运输工具,应当确保一定比例符合无障碍标准。

25-ماددا يېڭىدىن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى، يولۇچى پويىزى، يولۇچى توشۇش كېمە-پاراخوتلىرى، ئاممىۋى تىراللىبۇس، شەھەر رېلىسلىق قاتناش ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى توسالغۇسىز بولۇش ئۆلچىمىگە بەلگىلىك نىسبەتتە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

既有公共交通运输工具具备改造条件的,应当进行无障碍改造,逐步符合无障碍标准的要求;不具备改造条件的,公共交通运输工具的运营单位应当采取必要的替代性措施。

ھەم ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگەرتىش شارائىتىنى ھازىرلىغانلارنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش، توسالغۇسىز ئۆلچەم تەلىپىگە تەدرىجىي ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئۆزگەرتىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قورالىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن زۆرۈر سەپلىمە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

县级以上地方人民政府根据当地情况,逐步建立城市无障碍公交导乘系统,规划配置适量的无障碍出租汽车。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەھەرلەردە توسالغۇسىز ئاممىۋى قاتناش يول باشلاش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى توسالغۇسىز تاكسىلارنى پىلانلاپ سەپلەيدۇ.

第二十六条 无障碍设施所有权人或者管理人应当对无障碍设施履行以下维护和管理责任,保障无障碍设施功能正常和使用安全:

26-ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھە ئىگىدارلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى تۆۋەندىكى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، توسالغۇسىز ئەسلىھە ئىقتىدارىنىڭ نورمال ۋە ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك :

(一)对损坏的无障碍设施和标识进行维修或者替换;

( 1 ) بۇزۇلغان توسالغۇسىز ئەسلىھە ۋە بەلگىلەرنى رېمونت قىلىش ياكى ئالماشتۇرۇش؛

(二)对需改造的无障碍设施进行改造;

( 2 ) ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش؛

(三)纠正占用无障碍设施的行为;

( 3 ) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى تۈزىتىش؛

(四)进行其他必要的维护和保养。

( 4 ) باشقا زۆرۈر ئاسراش ۋە ئاسراش.

所有权人、管理人和使用人之间有约定的,由约定的责任人负责维护和管理。

ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدا پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن جاۋابكار ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

第二十七条 因特殊情况设置的临时无障碍设施,应当符合无障碍设施工程建设标准。

27-ماددا ئالاھىدە ئەھۋال بىلەن ئورنىتىلغان ۋاقىتلىق توسالغۇسىز ئەسلىھە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

第二十八条 任何单位和个人不得擅自改变无障碍设施的用途或者非法占用、损坏无障碍设施。

28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

因特殊情况临时占用无障碍设施的,应当公告并设置护栏、警示标志或者信号设施,同时采取必要的替代性措施。临时占用期满,应当及时恢复原状。

ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن توسالغۇسىز ئەسلىھەنى ۋاقىتلىق ئىگىلىۋالغاندا، رېشاتكا، ئاگاھ بەلگىسى ياكى سىگنال ئەسلىھەسىنى ئېلان قىلىش ھەمدە ئورنىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زۆرۈر سەپلىمە تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى توشقاندا، ۋاقتىدا ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

第三章 无障碍信息交流

3-باب توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

第二十九条 各级人民政府及其有关部门应当为残疾人、老年人获取公共信息提供便利;发布涉及自然灾害、事故灾难、公共卫生事件、社会安全事件等突发事件信息时,条件具备的同步采取语音、大字、盲文、手语等无障碍信息交流方式。

29-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛ تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندا، شارائىتنى ھازىرلىغانلىرىغا ئاۋازلىق ئۇچۇر، چوڭ خەتلىك ئۇچۇر، ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى قاتارلىق توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكلى ماس قەدەمدە قوللىنىلىدۇ.

第三十条 利用财政资金设立的电视台应当在播出电视节目时配备同步字幕,条件具备的每天至少播放一次配播手语的新闻节目,并逐步扩大配播手语的节目范围。

30-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى كۆرسەتكەندە ماس قەدەملىك ئېكران خېتىنى قويۇشى، شارائىتى ھازىرلانغان پىروگراممىلاردا كۈندە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بارماق تىلى كىرىشتۈرۈلگەن خەۋەر پىروگراممىسىنى قويۇشى ھەمدە بارماق تىلى پىروگرامما دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشى كېرەك.

国家鼓励公开出版发行的影视类录像制品、网络视频节目加配字幕、手语或者口述音轨。

دۆلەت ئاشكارا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرىدىكى سىن بۇيۇملىرى، تور سىن پىروگراممىلىرىغا ئېكران خېتى، بارماق تىلى ياكى ئاغزاكى بايان ئاۋاز يوللىرىنى قوشۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

第三十一条 国家鼓励公开出版发行的图书、报刊配备有声、大字、盲文、电子等无障碍格式版本,方便残疾人、老年人阅读。

31-ماددا دۆلەت ئاشكارا نەشر قىلىپ تارقىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان كىتاب-ژۇرناللارغا ئاۋازلىق، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى، ئېلېكتىرون يېزىقى قاتارلىق توسالغۇسىز ئەندىزىلىك نەشر نۇسخىلىرى قويۇلۇپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

国家鼓励教材编写、出版单位根据不同教育阶段实际,编写、出版盲文版、低视力版教学用书,满足盲人和其他有视力障碍的学生的学习需求。

دۆلەت دەرسلىك تۈزۈش، نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مائارىپ باسقۇچىدىكى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئەمالار يېزىقىدىكى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن نۇسخىدىكى ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلارنى تۈزۈپ، نەشر قىلىپ، ئەمالارنىڭ ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第三十二条 利用财政资金建立的互联网网站、服务平台、移动互联网应用程序,应当逐步符合无障碍网站设计标准和国家信息无障碍标准。

32-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان ئالاقە تورى تور بېكىتى، مۇلازىمەت سۇپىسى، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرى توسالغۇسىز تور بېكىتىنىڭ لايىھە ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر توسالغۇسىز ئۆلچىمىگە تەدرىجىي ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

国家鼓励新闻资讯、社交通讯、生活购物、医疗健康、金融服务、学习教育、交通出行等领域的互联网网站、移动互联网应用程序,逐步符合无障碍网站设计标准和国家信息无障碍标准。

دۆلەت ئاخبارات ئۇچۇرى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئالاقىسى، تۇرمۇشتا مال سېتىۋېلىش، داۋالاش-ساغلاملىق، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئۆگىنىش-تەربىيە، قاتناش-سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە تورى تور بېكىتى، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرىغا ئىلھام بېرىپ، توسالغۇسىز تور بېكىتىنى لايىھەلەش ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر توسالغۇسىز ئۆلچىمىگە پەيدىنپەي ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.

国家鼓励地图导航定位产品逐步完善无障碍设施的标识和无障碍出行路线导航功能。

دۆلەت خەرىتە يول باشلاش ئورۇن بەلگىلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلەردىكى بەلگە ۋە توسالغۇسىز سەپەرگە چىقىش لىنىيەسىدىكى يول باشلاش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第三十三条 音视频以及多媒体设备、移动智能终端设备、电信终端设备制造者提供的产品,应当逐步具备语音、大字等无障碍功能。

33-ماددا ئۈن-سىن، شۇنىڭدەك كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنە، كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىسى، تېلېگراف تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى ياسىغۇچى تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلار ئاۋاز، چوڭ خەتلىك بولۇش قاتارلىق توسالغۇسىز ئىقتىدارلارنى تەدرىجىي ھازىرلىشى كېرەك.

银行、医院、城市轨道交通车站、民用运输机场航站区、客运站、客运码头、大型景区等的自助公共服务终端设备,应当具备语音、大字、盲文等无障碍功能。

بانكا، دوختۇرخانا، شەھەر رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ بېكەت رايونى، يولۇچى توشۇش بېكىتى، يولۇچى توشۇش پىرىستانى، چوڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ ئاپتوماتىك ئاممىۋى مۇلازىمەت تېرمىنال ئۈسكۈنىسى ئاۋاز، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى قاتارلىق توسالغۇسىز ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

第三十四条 电信业务经营者提供基础电信服务时,应当为残疾人、老年人提供必要的语音、大字信息服务或者人工服务。

34-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ئاساسىي تېلېگراف مۇلازىمىتى قىلغاندا، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا زۆرۈر ئاۋاز، چوڭ خەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتى ياكى ئادەم كۈچى مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

第三十五条 政务服务便民热线和报警求助、消防应急、交通事故、医疗急救等紧急呼叫系统,应当逐步具备语音、大字、盲文、一键呼叫等无障碍功能。

35-ماددا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە ۋە دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قاتناش ھادىسىسى، داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي چاقىرىش سىستېمىسى ئاۋازلىق چاقىرىش، چوڭ خەتلىك چاقىرىش، ئەمالار يېزىقى يېزىش، بىر كۇنۇپكا بىلەن چاقىرىش قاتارلىق توسالغۇسىز ئىقتىدارلارنى تەدرىجىي ھازىرلىشى كېرەك.

第三十六条 提供公共文化服务的图书馆、博物馆、文化馆、科技馆等应当考虑残疾人、老年人的特点,积极创造条件,提供适合其需要的文献信息、无障碍设施设备和服务等。

36-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىدىغان كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلار مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىپ، پائال شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك.

第三十七条 国务院有关部门应当完善药品标签、说明书的管理规范,要求药品生产经营者提供语音、大字、盲文、电子等无障碍格式版本的标签、说明书。

37-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى دورا بەلگىسى، چۈشەندۈرمىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىدىن ئاۋازلىق، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى قاتارلىق توسالغۇسىز شەكىل نۇسخىسى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

国家鼓励其他商品的生产经营者提供语音、大字、盲文、电子等无障碍格式版本的标签、说明书,方便残疾人、老年人识别和使用。

دۆلەت باشقا تاۋارلارنى ئىشلىگۈچى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋاز، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى، ئېلېكتىرون يېزىقى قاتارلىق توسالغۇسىز شەكىل نۇسخىسىدىكى بەلگە، چۈشەندۈرمىلەرنى بېرىشىگە ئىلھام بېرىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

第三十八条 国家推广和使用国家通用手语、国家通用盲文。

38-ماددا دۆلەت دۆلەت ئورتاق بارماق تىلىنى، دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان ئەمالار يېزىقىنى كېڭەيتىدۇ ۋە قوللىنىدۇ.

基本公共服务使用手语、盲文以及各类学校开展手语、盲文教育教学时,应当采用国家通用手语、国家通用盲文。

ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتە بارماق تىلى، ئەمالار يېزىقى، شۇنىڭدەك ھەر خىل مەكتەپلەر بارماق تىلى، ئەپمالار يېزىقى تەربىيەسى ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرغاندا، دۆلەت ئورتاق بارماق تىلى، دۆلەت ئورتاق ئەمالار يېزىقىنى قوللىنىشى كېرەك.

第四章 无障碍社会服务

4-باب توسالغۇسىز ئىجتىمائىي مۇلازىمەت

第三十九条 公共服务场所应当配备必要的无障碍设备和辅助器具,标注指引无障碍设施,为残疾人、老年人提供无障碍服务。

39-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى زۆرۈر توسالغۇسىز ئۈسكۈنە ۋە قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئەسكەرتىپ، يېتەكلەپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

公共服务场所涉及医疗健康、社会保障、金融业务、生活缴费等服务事项的,应当保留现场指导、人工办理等传统服务方式。

ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرىدىن داۋالاش-ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، پۇل مۇئامىلە كەسپى، تۇرمۇش ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىشلىرىغا چېتىلىدىغانلىرىدا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش، ئادەم كۈچى ئارقىلىق بېجىرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

第四十条 行政服务机构、社区服务机构以及供水、供电、供气、供热等公共服务机构,应当设置低位服务台或者无障碍服务窗口,配备电子信息显示屏、手写板、语音提示等设备,为残疾人、老年人提供无障碍服务。

40-ماددا مەمۇرىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى، مەھەللە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك سۇ، توك، گاز، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تۆۋەن ئورۇندىكى مۇلازىمەت سۇپىسى ياكى توسالغۇسىز مۇلازىمەت كۆزنىكى قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئېكرانى، يازما تاختا، ئاۋازلىق ئەسكەرتىش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

第四十一条 司法机关、仲裁机构、法律援助机构应当依法为残疾人、老年人参加诉讼、仲裁活动和获得法律援助提供无障碍服务。

41-ماددا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى، كېسىم ئاپپاراتلىرى، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ دەۋا، كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ۋە قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىنى قانۇن بويىچە توسالغۇسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

国家鼓励律师事务所、公证机构、司法鉴定机构、基层法律服务所等法律服务机构,结合所提供的服务内容提供无障碍服务。

دۆلەت ئادۋوكاتلىق ئورنى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第四十二条 交通运输设施和公共交通运输工具的运营单位应当根据各类运输方式的服务特点,结合设施设备条件和所提供的服务内容,为残疾人、老年人设置无障碍服务窗口、专用等候区域、绿色通道和优先坐席,提供辅助器具、咨询引导、字幕报站、语音提示、预约定制等无障碍服务。

42-ماددا قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن تۈرلۈك تىرانسپورت ئۇسۇلىنىڭ مۇلازىمەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە شارائىتى ۋە تەمىنلىگەن مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت كۆزنىكى، مەخسۇس ساقلاش رايونى، يېشىل يول ۋە ئالدىن ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك، ياردەمچى ئۈسكۈنە، مەسلىھەت بېرىش-يېتەكلەش، ئېكران خېتى مەلۇم قىلىش پونكىتى، ئاۋازلىق ئەسكەرتىش، ئالدىن كېلىشىپ زاكاز قىلىش قاتارلىق توسالغۇسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

第四十三条 教育行政部门和教育机构应当加强教育场所的无障碍环境建设,为有残疾的师生、员工提供无障碍服务。

43-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە مائارىپ ئاپپاراتى مائارىپ سورۇنلىرىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مېيىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

国家举办的教育考试、职业资格考试、技术技能考试、招录招聘考试以及各类学校组织的统一考试,应当为有残疾的考生提供便利服务。

دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان مائارىپ ئىمتىھانى، كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى، تېخنىكا ماھارەت ئىمتىھانى، قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، شۇنىڭدەك ھەر خىل مەكتەپلەر تەشكىللىگەن بىرتۇتاش ئىمتىھان مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قولاي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

第四十四条 医疗卫生机构应当结合所提供的服务内容,为残疾人、老年人就医提供便利。

44-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۆزى قىلغان مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

与残疾人、老年人相关的服务机构应当配备无障碍设备,在生活照料、康复护理等方面提供无障碍服务。

مېيىپلەر، ياشانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى توسالغۇسىز ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، تۇرمۇشتىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

第四十五条 国家鼓励文化、旅游、体育、金融、邮政、电信、交通、商业、餐饮、住宿、物业管理等服务场所结合所提供的服务内容,为残疾人、老年人提供辅助器具、咨询引导等无障碍服务。

45-ماددا دۆلەت مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، پۇل مۇئامىلە، پوچتا، تېلېگراف، قاتناش، سودا، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، خوجىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت سورۇنلىرى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا قوشۇمچە سايمانلارنى بېرىش، مەسلىھەت بېرىش-يېتەكلەش قاتارلىق توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

国家鼓励邮政、快递企业为行动不便的残疾人、老年人提供上门收寄服务。

دۆلەت پوچتا، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز مېيىپلەر، ياشانغانلارنى ئۆيىگە بېرىپ قوبۇل قىلىش-ئەۋەتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第四十六条 公共场所经营管理单位、交通运输设施和公共交通运输工具的运营单位应当为残疾人携带导盲犬、导听犬、辅助犬等服务犬提供便利。

46-ماددا ئاممىۋى سورۇننى باشقۇرغۇچى ئورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن مېيىپلەرنىڭ ئەمالارغا يول باشلاش ئىتى، ئاڭلاش ئىتى، ياردەمچى ئىت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىتلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

残疾人携带服务犬出入公共场所、使用交通运输设施和公共交通运输工具的,应当遵守国家有关规定,为服务犬佩戴明显识别装备,并采取必要的防护措施。

مېيىپلەر مۇلازىمەت ئىتىنى ئېلىپ ئاممىۋى سورۇنغا كىرگەن-چىققاندا، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى ئىشلەتكەندە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، مۇلازىمەت ئىتىغا ئېنىق پەرقلەندۈرۈش جابدۇقى تاقىشى ھەمدە زۆرۈر مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

第四十七条 应急避难场所的管理人在制定以及实施工作预案时,应当考虑残疾人、老年人的无障碍需求,视情况设置语音、大字、闪光等提示装置,完善无障碍服务功能。

47-ماددا جىددىي پاناھلىنىش سورۇنىنى باشقۇرغۇچى خىزمەت لايىھەسى تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا، مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ توسالغۇسىز ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئاۋاز، چوڭ خەتلىك، نۇر قاتارلىق ئەسكەرتمە قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىپ، توسالغۇسىز مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

第四十八条 组织选举的部门和单位应当采取措施,为残疾人、老年人选民参加投票提供便利和必要协助。

48-ماددا سايلامنى تەشكىللىگەن تارماقلار ۋە ئورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلار سايلىغۇچىلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە زۆرۈر ياردەم بېرىشى كېرەك.

第四十九条 国家鼓励和支持无障碍信息服务平台建设,为残疾人、老年人提供远程实时无障碍信息服务。

49-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارغا يىراق مۇساپىلىك، ھەر ۋاقىت توسالغۇسىز ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

第五章 保障措施

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

第五十条 国家开展无障碍环境理念的宣传教育,普及无障碍环境知识,传播无障碍环境文化,提升全社会的无障碍环境意识。

50-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت ئىدىيەسى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، توسالغۇسىز مۇھىت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، توسالغۇسىز مۇھىتى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.

新闻媒体应当积极开展无障碍环境建设方面的公益宣传。

ئاخبارات تاراتقۇلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第五十一条 国家推广通用设计理念,建立健全国家标准、行业标准、地方标准,鼓励发展具有引领性的团体标准、企业标准,加强标准之间的衔接配合,构建无障碍环境建设标准体系。

51-ماددا دۆلەت ھەممىباب لايىھە ئىدىيەسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى، يەرلىك ئۆلچەمنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە كوللېكتىپ ئۆلچەم، كارخانا ئۆلچىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئۆلچەملەر ئارىسىدىكى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

地方结合本地实际制定的地方标准不得低于国家标准的相关技术要求。

يەرلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزگەن يەرلىك ئۆلچەم دۆلەت ئۆلچىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەلىپىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

第五十二条 制定或者修改涉及无障碍环境建设的标准,应当征求残疾人、老年人代表以及残疾人联合会、老龄协会等组织的意见。残疾人联合会、老龄协会等组织可以依法提出制定或者修改无障碍环境建设标准的建议。

52-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ئۆلچەمنى بېكىتىش ياكى تۈزىتىشتە، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن پىكىر ئېلىش كېرەك. مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى تۈزۈش ياكى تۈزىتىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

第五十三条 国家建立健全无障碍设计、设施、产品、服务的认证和无障碍信息的评测制度,并推动结果采信应用。

53-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز لايىھە، ئەسلىھە، مەھسۇلات، مۇلازىمەتنى ئېتىراپ قىلىش ۋە توسالغۇسىز ئۇچۇرلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەمدە نەتىجىنى ئىشەنچلىك قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

第五十四条 国家通过经费支持、政府采购、税收优惠等方式,促进新科技成果在无障碍环境建设中的运用,鼓励无障碍技术、产品和服务的研发、生产、应用和推广,支持无障碍设施、信息和服务的融合发展。

54-ماددا دۆلەت خىراجەت جەھەتتىن قوللاش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توسالغۇسىز تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، قوللىنىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

第五十五条 国家建立无障碍环境建设相关领域人才培养机制。

55-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

国家鼓励高等学校、中等职业学校等开设无障碍环境建设相关专业和课程,开展无障碍环境建设理论研究、国际交流和实践活动。

دۆلەت ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى نەزەرىيە تەتقىقاتى، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

建筑、交通运输、计算机科学与技术等相关学科专业应当增加无障碍环境建设的教学和实践内容,相关领域职业资格、继续教育以及其他培训的考试内容应当包括无障碍环境建设知识。

بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەن-كەسىپلەردە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا دائىر ئوقۇتۇش ۋە ئەمەلىيەت مەزمۇنىنى كۆپەيتىش كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كەسپىي سالاھىيەت، داۋاملىق تەربىيە، شۇنىڭدەك باشقا تەربىيەلەشنىڭ ئىمتىھان مەزمۇنى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

第五十六条 国家鼓励机关、企业事业单位、社会团体以及其他社会组织,对工作人员进行无障碍服务知识与技能培训。

56-ماددا دۆلەت ئورگانلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىملارنى توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىش بىلىملىرى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

第五十七条 文明城市、文明村镇、文明单位、文明社区、文明校园等创建活动,应当将无障碍环境建设情况作为重要内容。

57-ماددا مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەھەللە، مەدەنىي مەكتەپ قاتارلىق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك.

第六章 监督管理

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

第五十八条 县级以上人民政府及其有关主管部门依法对无障碍环境建设进行监督检查,根据工作需要开展联合监督检查。

58-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ، خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ بىرلەشمە نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

第五十九条 国家实施无障碍环境建设目标责任制和考核评价制度。县级以上地方人民政府根据本地区实际,制定具体考核办法。

59-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن كونكرېت سىناش چارىسىنى تۈزىدۇ.

第六十条 县级以上地方人民政府有关主管部门定期委托第三方机构开展无障碍环境建设评估,并将评估结果向社会公布,接受社会监督。

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى 3-تەرەپ ئاپپاراتىغا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى باھالاشنى قەرەللىك ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

第六十一条 县级以上人民政府建立无障碍环境建设信息公示制度,定期发布无障碍环境建设情况。

61-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

第六十二条 任何组织和个人有权向政府有关主管部门提出加强和改进无障碍环境建设的意见和建议,对违反本法规定的行为进行投诉、举报。县级以上人民政府有关主管部门接到涉及无障碍环境建设的投诉和举报,应当及时处理并予以答复。

62-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقىغا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئەرز قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ئەرز ۋە پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

残疾人联合会、老龄协会等组织根据需要,可以聘请残疾人、老年人代表以及具有相关专业知识的人员,对无障碍环境建设情况进行监督。

مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئېھتىياجغا قاراپ، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىمگە ئىگە خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.

新闻媒体可以对无障碍环境建设情况开展舆论监督。

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى جامائەت پىكرى بويىچە نازارەت قىلسا بولىدۇ.

第六十三条 对违反本法规定损害社会公共利益的行为,人民检察院可以提出检察建议或者提起公益诉讼。

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش تەكلىپى بەرسە ياكى ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

第七章 法律责任

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六十四条 工程建设、设计、施工、监理单位未按照本法规定进行建设、设计、施工、监理的,由住房和城乡建设、民政、交通运输等相关主管部门责令限期改正;逾期未改正的,依照相关法律法规的规定进行处罚。

64-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغان، لايىھەلىمىگەن، قۇرۇلۇش قىلغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرمىغان بولسا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلىرى، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

第六十五条 违反本法规定,有下列情形之一的,由住房和城乡建设、民政、交通运输等相关主管部门责令限期改正;逾期未改正的,对单位处一万元以上三万元以下罚款,对个人处一百元以上五百元以下罚款:

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلىرى، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 100 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :

(一)无障碍设施责任人不履行维护和管理职责,无法保障无障碍设施功能正常和使用安全;

( 1 ) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر مەسئۇلى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال ۋە ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا؛

(二)设置临时无障碍设施不符合相关规定;

( 2 ) ۋاقىتلىق توسالغۇسىز ئەسلىھە ئورنىتىش ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك؛

(三)擅自改变无障碍设施的用途或者非法占用、损坏无障碍设施。

( 3 ) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش.

第六十六条 违反本法规定,不依法履行无障碍信息交流义务的,由网信、工业和信息化、电信、广播电视、新闻出版等相关主管部门责令限期改正;逾期未改正的,予以通报批评。

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلارنى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېلېگراف، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ.

第六十七条 电信业务经营者不依法提供无障碍信息服务的,由电信主管部门责令限期改正;逾期未改正的,处一万元以上十万元以下罚款。

67-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرىدىن توسالغۇسىز ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانۇن بويىچە قىلمىغانلىرىنى تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第六十八条 负有公共服务职责的部门和单位未依法提供无障碍社会服务的,由本级人民政府或者上级主管部门责令限期改正;逾期未改正的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

68-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئورۇنلاردىن قانۇن بويىچە توسالغۇسىز ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第六十九条 考试举办者、组织者未依法向有残疾的考生提供便利服务的,由本级人民政府或者上级主管部门予以批评并责令改正;拒不改正的,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

69-ماددا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، تەشكىللىگۈچىلەر مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قانۇن بويىچە قولايلىق مۇلازىمەت قىلمىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەنقىد قىلىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十条 无障碍环境建设相关主管部门、有关组织的工作人员滥用职权、玩忽职守、徇私舞弊的,依法给予处分。

70-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十一条 违反本法规定,造成人身损害、财产损失的,依法承担民事责任;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي زىيان، مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第八章 附  则

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第七十二条 本法自2023年9月1日起施行。

72-ماددا بۇ قانۇن 2023-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.