第三十二条 村应当建立村务监督委员会或者其他形式的村务监督机构,负责村民民主理财,监督村务公开等制度的落实,其成员由村民会议或者村民代表会议在村民中推选产生,其中应有具备财会、管理知识的人员。村民委员会成员及其近亲属不得担任村务监督机构成员。村务监督机构成员向村民会议和村民代表会议负责,可以列席村民委员会会议。
32-ماددا كەنت كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ياكى باشقا شەكىلدىكى كەنت ئىشلىرى نازارەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ مالىيەسىنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ياكى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنى كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مالىيە-بوغالتىرلىق، باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ھازىرلىغان خادىملار بولۇشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئەزاسى بولسا بولمايدۇ.
كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالە يىغىنى ۋە كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنىغا مەسئۇل بولىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.