中华人民共和国民法典

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى

(2020年5月28日第十三届全国人民代表大会第三次

( 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى

会议通过)

يىغىندا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一编 总则

1-قىسىمنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى

第一章 基本规定

1-باب ئاساسىي بەلگىلىمىلەر

第二章 自然人

2-باب تەبىئىي شەخسلەر

第一节 民事权利能力和民事行为能力

1-پاراگراف ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى

第二节 监护

2-پاراگراف ۋەسىيلىك قىلىش

第三节 宣告失踪和宣告死亡

3-پاراگراف يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاش ۋە ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش

第四节 个体工商户和农村承包经营户

4-پاراگراف يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە يېزىلاردىكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار

第三章 法人

3-باب قانۇنىي ئىگە

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 营利法人

2-پاراگراف پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە

第三节 非营利法人

3-پاراگراف پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە

第四节 特别法人

4-پاراگراف ئالاھىدە قانۇنىي ئىگە

第四章 非法人组织

4-باب قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار

第五章 民事权利

5-باب ھەق تەلەپ ھوقۇقى

第六章 民事法律行为

6-باب ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 意思表示

2-پاراگراف مەقسەت ئىپادىلەش

第三节 民事法律行为的效力

3-پاراگراف ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ كۈچى

第四节 民事法律行为的附条件和附期限

4-پاراگراف ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ قوشۇمچە شەرتى ۋە قوشۇمچە مۇددىتى

第七章 代理

7-باب ۋاكالەتچىلىك قىلىش

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 委托代理

2-پاراگراف ۋاكالەتچىلىكنى ھاۋالە قىلىش

第三节 代理终止

3-پاراگراف ۋاكالەتچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى

第八章 民事责任

8-باب ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى

第九章 诉讼时效

9-باب دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى

第十章 期间计算

10-باب سۈرۈك ھېسابلاش

第二编 物权

2-قىسىم نەرسە ھوقۇقى

第一分编 通则

بىرىنچى شۆبە قىسىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二章 物权的设立、变更、转让和消灭

2-باب نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش

第一节 不动产登记

1-پاراگراف كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش

第二节 动产交付

2-پاراگراف كۆچمە مۈلۈكنى تاپشۇرۇش

第三节 其他规定

3-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر

第三章 物权的保护

3-باب نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش

第二分编 所有权

ئىككىنچى شۆبە قىسىمنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى

第四章 一般规定

4-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第五章 国家所有权和集体所有权、私人所有权

5-باب دۆلەت ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، شەخسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى

第六章 业主的建筑物区分所有权

6-باب ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىمارەتنى پەرقلەندۈرۈش ئىگىدارلىق ھوقۇقى

第七章 相邻关系

7-باب قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى

第八章 共有

8-باب ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش

第九章 所有权取得的特别规定

9-باب ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە

第三分编 用益物权

3-بۆلۈپ پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى

第十章 一般规定

10-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第十一章 土地承包经营权

11-باب يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى

第十二章 建设用地使用权

12-باب قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى

第十三章 宅基地使用权

13-باب ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى

第十四章 居住权

14-باب ئولتۇرۇش ھوقۇقى

第十五章 地役权

15-باب يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى

第四分编 担保物权

تۆتىنچى ئۈلۈش كېپىل نەرسە ھوقۇقى

第十六章 一般规定

16-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第十七章 抵押权

17-باب رەنە ھوقۇقى

第一节 一般抵押权

1-پاراگراف ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقى

第二节 最高额抵押权

2-پاراگراف ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى

第十八章 质权

18-باب گۆرۈ ھوقۇقى

第一节 动产质权

1-پاراگراف كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقى

第二节 权利质权

2-پاراگراف ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقى

第十九章 留置权

19-باب قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقى

第五分编 占有

بەشىنچى قىسىمنى بۆلۈپ ئىگىلەش

第二十章 占有

20-باب ئىگىلىۋېلىش

第三编 合同

ئۈچىنچى قىسىم توختام

第一分编 通则

بىرىنچى شۆبە قىسىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二章 合同的订立

2-باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى

第三章 合同的效力

3-باب توختامنىڭ كۈچى

第四章 合同的履行

4-باب توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى

第五章 合同的保全

5-باب توختامنى ئامان ساقلاش

第六章 合同的变更和转让

6-باب توختامنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش

第七章 合同的权利义务终止

7-باب توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى

第八章 违约责任

8-باب خىلاپلىق جاۋابكارلىقى

第二分编 典型合同

2-تىپىك توختام ئايرىش

第九章 买卖合同

توققۇزىنچى باب سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى

第十章 供用电、水、气、热力合同

10-باب توك، سۇ، گاز، ئىسسىقلىق توختامى

第十一章 赠与合同

11-باب ھەدىيە توختامى

第十二章 借款合同

12-باب قەرز پۇل توختامى

第十三章 保证合同

13-باب كاپالەت توختامى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 保证责任

2-پاراگراف كاپالەت جاۋابكارلىقى

第十四章 租赁合同

14-باب ئىجارە توختامى

第十五章 融资租赁合同

15-باب مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى

第十六章 保理合同

16-باب كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامى

第十七章 承揽合同

17-باب كاسىنا ئىش توختامى

第十八章 建设工程合同

18-باب قۇرۇلۇش توختامى

第十九章 运输合同

19-باب تىرانسپورت توختامى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 客运合同

2-پاراگراف يولۇچى توشۇش توختامى

第三节 货运合同

3 §.يۈك توشۇش توختامى

第四节 多式联运合同

4-پاراگراف كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش توختامى

第二十章 技术合同

20-باب تېخنىكا توختامى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二节 技术开发合同

2-پاراگراف تېخنىكا يارىتىش توختامى

第三节 技术转让合同和技术许可合同

3-پاراگراف تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامى

第四节 技术咨询合同和技术服务合同

4-پاراگراف تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى توختامى

第二十一章 保管合同

21-باب ساقلاش توختامى

第二十二章 仓储合同

22-باب ئامباردا ساقلاش توختامى

第二十三章 委托合同

23-باب ھاۋالە توختامى

第二十四章 物业服务合同

24-باب خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى

第二十五章 行纪合同

25-باب بېدىكلىك توختامى

第二十六章 中介合同

26-باب ۋاسىتىچىلىك توختامى

第二十七章 合伙合同

27-باب شېرىكلىك توختامى

第三分编 准合同

ئۈچىنچى ئۈلۈش توختامنى توغرىلاش

第二十八章 无因管理

28-باب سەۋەبسىز باشقۇرۇش

第二十九章 不当得利

29-باب نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش

第四编 人格权

4-قىسىم ئادىمىيلىك ھوقۇقى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二章 生命权、身体权和健康权

2-باب ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقى

第三章 姓名权和名称权

3-باب ئىسىم-فامىلە ۋە نام ھوقۇقى

第四章 肖像权

4-باب سۈرەت ھوقۇقى

第五章 名誉权和荣誉权

5-باب نام-شۆھرەت ھوقۇقى ۋە پەخرىي نام ھوقۇقى

第六章 隐私权和个人信息保护

6-باب شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش

第五编 婚姻家庭

5-قىسىم ئۆيلىنىش-ئائىلە

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二章 结婚

2-باب توي قىلىش

第三章 家庭关系

3-باب ئائىلە مۇناسىۋىتى

第一节 夫妻关系

1-پاراگراف ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت

第二节 父母子女关系和其他近亲属关系

2-پاراگراف ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلار مۇناسىۋىتى

第四章 离婚

4-باب ئاجرىشىش

第五章 收养

5-باب بېقىۋېلىش

第一节 收养关系的成立

1-پاراگراف بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى

第二节 收养的效力

2-پاراگراف بېقىۋېلىشنىڭ كۈچى

第三节 收养关系的解除

3-پاراگراف بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش

第六编 继承

6-قىسىم ۋارىسلىق قىلىش

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二章 法定继承

2-باب قانۇنىي ۋارىسلىق قىلىش

第三章 遗嘱继承和遗赠

3-باب ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلىش ۋە ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىش

第四章 遗产的处理

4-باب مىراسنى بىر تەرەپ قىلىش

第七编 侵权责任

7-قىسىم ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二章 损害赔偿

2-باب زىياننى تۆلەش

第三章 责任主体的特殊规定

3-باب مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمىسى

第四章 产品责任

4-باب مەھسۇلات جاۋابكارلىقى

第五章 机动车交通事故责任

5-باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى

第六章 医疗损害责任

6-باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى

第七章 环境污染和生态破坏责任

7-باب مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزۇش جاۋابكارلىقى

第八章 高度危险责任

سەككىزىنچى باب يۇقىرى خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقى

第九章 饲养动物损害责任

9-باب باققان ھايۋانات زىيىنىنىڭ جاۋابكارلىقى

第十章 建筑物和物件损害责任

10-باب ئىمارەت ۋە نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى

附  则

قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一编 总则

1-قىسىمنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى

第一章 基本规定

1-باب ئاساسىي بەلگىلىمىلەر

第一条 为了保护民事主体的合法权益,调整民事关系,维护社会和经济秩序,适应中国特色社会主义发展要求,弘扬社会主义核心价值观,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپنى قوغداش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلىشىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

第二条 民法调整平等主体的自然人、法人和非法人组织之间的人身关系和财产关系。

2-ماددا ھەق تەلەپ قانۇنى باراۋەر سۇبيېكت بولغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي مۇناسىۋەت ۋە مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第三条 民事主体的人身权利、财产权利以及其他合法权益受法律保护,任何组织或者个人不得侵犯。

3-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第四条 民事主体在民事活动中的法律地位一律平等。

4-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدىكى قانۇنىي ئورنى باپباراۋەر.

第五条 民事主体从事民事活动,应当遵循自愿原则,按照自己的意思设立、变更、终止民事法律关系。

5-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئىختىيارلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورنىتىشى، ئۆزگەرتىشى ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

第六条 民事主体从事民事活动,应当遵循公平原则,合理确定各方的权利和义务。

6-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.

第七条 民事主体从事民事活动,应当遵循诚信原则,秉持诚实,恪守承诺。

7-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

第八条 民事主体从事民事活动,不得违反法律,不得违背公序良俗。

8-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا قانۇنلارغا، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم.

第九条 民事主体从事民事活动,应当有利于节约资源、保护生态环境。

9-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بايلىق تېجەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

第十条 处理民事纠纷,应当依照法律;法律没有规定的,可以适用习惯,但是不得违背公序良俗。

10-ماددا ھەق تەلەپ ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنلارنى ئاساس قىلىش كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ئادەت بويىچە قوللىنىشقا بولىدۇ، لېكىن ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

第十一条 其他法律对民事关系有特别规定的,依照其规定。

11-ماددا باشقا قانۇنلاردا ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第十二条 中华人民共和国领域内的民事活动,适用中华人民共和国法律。法律另有规定的,依照其规定。

12-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى ھەق تەلەپ ھەرىكىتىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二章 自然人

2-باب تەبىئىي شەخسلەر

第一节 民事权利能力和民事行为能力

1-پاراگراف ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى

第十三条 自然人从出生时起到死亡时止,具有民事权利能力,依法享有民事权利,承担民事义务。

13-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگىچە ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第十四条 自然人的民事权利能力一律平等。

14-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى باپباراۋەر.

第十五条 自然人的出生时间和死亡时间,以出生证明、死亡证明记载的时间为准;没有出生证明、死亡证明的,以户籍登记或者其他有效身份登记记载的时间为准。有其他证据足以推翻以上记载时间的,以该证据证明的时间为准。

15-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ئۆلگەن ۋاقتى تۇغۇلۇش ئىسپاتى ۋە ئۆلۈم ئىسپاتىدا خاتىرىلەنگىنى بويىچە بولىدۇ؛ تۇغۇلۇش ئىسپاتى، ئۆلۈم ئىسپاتى بولمىسا، نوپۇسى تىزىمغا ئېلىنغان ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيىتى تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقىتنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان باشقا دەلىل-ئىسپات بولسا، شۇ دەلىل-ئىسپاتتا ئىسپاتلانغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

第十六条 涉及遗产继承、接受赠与等胎儿利益保护的,胎儿视为具有民事权利能力。但是,胎儿娩出时为死体的,其民事权利能力自始不存在。

16-ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، ھەدىيەنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھامىلىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشلىرىدا، ھامىلە ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ھامىلە ئۆلۈك تۇغۇلسا، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى باشتىنلا مەۋجۇت ئەمەس.

第十七条 十八周岁以上的自然人为成年人。不满十八周岁的自然人为未成年人。

17-ماددا 18 ياشتىن ئاشقان تەبىئىي ئىگىلەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردۇر. 18 ياشقا توشمىغان تەبىئىي ئىگىلەر قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىلەردۇر.

第十八条 成年人为完全民事行为能力人,可以独立实施民事法律行为。

18-ماددا قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر بولۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلسا بولىدۇ.

十六周岁以上的未成年人,以自己的劳动收入为主要生活来源的,视为完全民事行为能力人。

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشتىن ئاشقانلىرى ئۆزىنىڭ ئەمگەك كىرىمىنى ئاساسلىق تىرىكچىلىك مەنبەسى قىلغان بولسا، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.

第十九条 八周岁以上的未成年人为限制民事行为能力人,实施民事法律行为由其法定代理人代理或者经其法定代理人同意、追认;但是,可以独立实施纯获利益的民事法律行为或者与其年龄、智力相适应的民事法律行为。

19-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سەككىز ياشتىن ئاشقانلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزىدۇ؛ لېكىن، نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ياكى يېشى ۋە ئەقلىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلسا بولىدۇ.

第二十条 不满八周岁的未成年人为无民事行为能力人,由其法定代理人代理实施民事法律行为。

20-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سەككىز ياشقا توشمىغانلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ.

第二十一条 不能辨认自己行为的成年人为无民事行为能力人,由其法定代理人代理实施民事法律行为。

21-ماددا قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغانلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ.

八周岁以上的未成年人不能辨认自己行为的,适用前款规定。

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سەككىز ياشتىن ئاشقانلىرى ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمىسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二十二条 不能完全辨认自己行为的成年人为限制民事行为能力人,实施民事法律行为由其法定代理人代理或者经其法定代理人同意、追认;但是,可以独立实施纯获利益的民事法律行为或者与其智力、精神健康状况相适应的民事法律行为。

22-ماددا قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى تولۇق ئاڭقىرالمايدىغانلىرى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىش كېرەك؛ لېكىن، نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ياكى ئەقلى ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلسا بولىدۇ.

第二十三条 无民事行为能力人、限制民事行为能力人的监护人是其法定代理人。

23-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ئۇلارنىڭ ۋەسىيسىدۇر.

第二十四条 不能辨认或者不能完全辨认自己行为的成年人,其利害关系人或者有关组织,可以向人民法院申请认定该成年人为无民事行为能力人或者限制民事行为能力人。

24-ماددا قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغانلىرى ياكى تولۇق پەرق ئېتەلمەيدىغانلىرىنىڭ مەنپەئەتدارلىرى ياكى ئالاقىدار تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگۈچى دەپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

被人民法院认定为无民事行为能力人或者限制民事行为能力人的,经本人、利害关系人或者有关组织申请,人民法院可以根据其智力、精神健康恢复的状况,认定该成年人恢复为限制民事行为能力人或者完全民事行为能力人。

خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدار چەكلەنگەن دەپ بېكىتىلگەن كىشىنى خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كىشىنىڭ، ئۇنىڭ مەنپەئەتدارىنىڭ ياكى ئالاقىدار تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئەقلى ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگۈچى ياكى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى بولۇپ ئەسلىگە كەلدى دەپ بېكىتسە بولىدۇ.

本条规定的有关组织包括:居民委员会、村民委员会、学校、医疗机构、妇女联合会、残疾人联合会、依法设立的老年人组织、民政部门等。

بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەشكىلات ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەكتەپ، داۋالاش ئاپپاراتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتى ۋە خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第二十五条 自然人以户籍登记或者其他有效身份登记记载的居所为住所;经常居所与住所不一致的,经常居所视为住所。

25-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ نوپۇسى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيىتى تىزىمغا ئېلىنغاندا خاتىرىلەنگەن تۇرالغۇسى ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولىدۇ؛ دائىم تۇرىدىغان جاي بىلەن تۇرۇشلۇق جاي بىردەك بولمىسا، دائىم تۇرىدىغان جاي تۇرۇشلۇق جاي دەپ قارىلىدۇ.

第二节 监护

2-پاراگراف ۋەسىيلىك قىلىش

第二十六条 父母对未成年子女负有抚养、教育和保护的义务。

26-ماددا ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

成年子女对父母负有赡养、扶助和保护的义务。

قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بېقىش، بېقىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

第二十七条 父母是未成年子女的监护人。

27-ماددا ئاتا-ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيسىدۇر.

未成年人的父母已经死亡或者没有监护能力的,由下列有监护能力的人按顺序担任监护人:

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك قىلىدۇ :

(一)祖父母、外祖父母;

( 1 ) بوۋا-موما، بوۋا-موما؛

(二)兄、姐;

( 2 ) ئاكىسى، ئاچىسى؛

(三)其他愿意担任监护人的个人或者组织,但是须经未成年人住所地的居民委员会、村民委员会或者民政部门同意。

( 3 ) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن شۇ قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

第二十八条 无民事行为能力或者限制民事行为能力的成年人,由下列有监护能力的人按顺序担任监护人:

28-ماددا قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلىرىغا ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلىرىگە ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك قىلىدۇ :

(一)配偶;

( 1 ) جورىسى؛

(二)父母、子女;

( 2 ) ئاتا-ئانا، پەرزەنت؛

(三)其他近亲属;

( 3 ) باشقا يېقىن تۇغقانلىرى؛

(四)其他愿意担任监护人的个人或者组织,但是须经被监护人住所地的居民委员会、村民委员会或者民政部门同意。

( 4 ) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن شۇ ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

第二十九条 被监护人的父母担任监护人的,可以通过遗嘱指定监护人。

29-ماددا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئاتا-ئانىسى ۋەسىيلىك قىلىۋاتقان بولسا، ۋەسىيەت ئارقىلىق ۋەسىي بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.

第三十条 依法具有监护资格的人之间可以协议确定监护人。协议确定监护人应当尊重被监护人的真实意愿。

30-ماددا قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر كېلىشىم ئارقىلىق ۋەسىي بېكىتسە بولىدۇ. ۋەسىينى كېلىشىمدە بەلگىلەشتە، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

第三十一条 对监护人的确定有争议的,由被监护人住所地的居民委员会、村民委员会或者民政部门指定监护人,有关当事人对指定不服的,可以向人民法院申请指定监护人;有关当事人也可以直接向人民法院申请指定监护人。

31-ماددا ۋەسىي بەلگىلەشتە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئالاقىدار دەۋالاشقۇچىلار بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋەسىيگە قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

居民委员会、村民委员会、民政部门或者人民法院应当尊重被监护人的真实意愿,按照最有利于被监护人的原则在依法具有监护资格的人中指定监护人。

ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشى لازىم.

依据本条第一款规定指定监护人前,被监护人的人身权利、财产权利以及其他合法权益处于无人保护状态的,由被监护人住所地的居民委员会、村民委员会、法律规定的有关组织或者民政部门担任临时监护人。

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشتىن ئىلگىرى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئادەم بولمىسا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەشكىلات ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋاقىتلىق ۋەسىي بولىدۇ.

监护人被指定后,不得擅自变更;擅自变更的,不免除被指定的监护人的责任。

ۋەسىي بەلگىلەنگەندىن كېيىن، خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىلسە، بەلگىلەنگەن ۋەسىينىڭ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

第三十二条 没有依法具有监护资格的人的,监护人由民政部门担任,也可以由具备履行监护职责条件的被监护人住所地的居民委员会、村民委员会担任。

32-ماددا قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىي بولىدۇ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋەسىي بولسىمۇ بولىدۇ.

第三十三条 具有完全民事行为能力的成年人,可以与其近亲属、其他愿意担任监护人的个人或者组织事先协商,以书面形式确定自己的监护人,在自己丧失或者部分丧失民事行为能力时,由该监护人履行监护职责。

33-ماددا قۇرامىغا يەتكەنلەردىن تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىرى ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخس ياكى تەشكىلات بىلەن ئالدىن كېڭىشىپ، ئۆزىنىڭ ۋەسىيسىنى يازما شەكىلدە بەلگىلەپ، ئۆزى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىسمەن قالغاندا، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

第三十四条 监护人的职责是代理被监护人实施民事法律行为,保护被监护人的人身权利、财产权利以及其他合法权益等。

34-ماددا ۋەسىينىڭ مەسئۇلىيىتى ‐ ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلىپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ۋەھاكازالار.

监护人依法履行监护职责产生的权利,受法律保护。

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىدىن شەكىللەنگەن ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

监护人不履行监护职责或者侵害被监护人合法权益的,应当承担法律责任。

ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

因发生突发事件等紧急情况,监护人暂时无法履行监护职责,被监护人的生活处于无人照料状态的,被监护人住所地的居民委员会、村民委员会或者民政部门应当为被监护人安排必要的临时生活照料措施。

تاسادىپىي ۋەقە قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەنلىكىدىن ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ۋاقتىنچە ئادا قىلالماي، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا تۇرمۇشتىن ۋاقىتلىق خەۋەر ئالىدىغان زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

第三十五条 监护人应当按照最有利于被监护人的原则履行监护职责。监护人除为维护被监护人利益外,不得处分被监护人的财产。

35-ماددا ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ.

未成年人的监护人履行监护职责,在作出与被监护人利益有关的决定时,应当根据被监护人的年龄和智力状况,尊重被监护人的真实意愿。

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان قارار چىقىرىشتا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ يېشى ۋە ئەقلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋەسىيلىك قىلغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

成年人的监护人履行监护职责,应当最大程度地尊重被监护人的真实意愿,保障并协助被监护人实施与其智力、精神健康状况相适应的民事法律行为。对被监护人有能力独立处理的事务,监护人不得干涉。

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئەقلى ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ياردەم بېرىشى لازىم. ۋەسىي ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىشلارغا ئارىلاشسا بولمايدۇ.

第三十六条 监护人有下列情形之一的,人民法院根据有关个人或者组织的申请,撤销其监护人资格,安排必要的临时监护措施,并按照最有利于被监护人的原则依法指定监护人:

36-ماددا ۋەسىيلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن بىكار قىلىدۇ، زۆرۈر ۋاقىتلىق ۋەسىيلىك تەدبىرى قوللىنىدۇ ھەمدە ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە باشقا ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ :

(一)实施严重损害被监护人身心健康的行为;

( 1 ) ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدىغان قىلمىش سادىر قىلغانلار؛

(二)怠于履行监护职责,或者无法履行监护职责且拒绝将监护职责部分或者全部委托给他人,导致被监护人处于危困状态;

( 2 ) ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئېرىنىپ ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلالماي ھەمدە ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا قىسمەن ياكى تولۇق ھاۋالە قىلىشنى رەت قىلىپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنى خەتەرلىك ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلار؛

(三)实施严重侵害被监护人合法权益的其他行为。

( 3 ) ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

本条规定的有关个人、组织包括:其他依法具有监护资格的人,居民委员会、村民委员会、学校、医疗机构、妇女联合会、残疾人联合会、未成年人保护组织、依法设立的老年人组织、民政部门等。

بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە باشقا كىشىلەر، ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەكتەپ، داۋالاش ئاپپاراتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

前款规定的个人和民政部门以外的组织未及时向人民法院申请撤销监护人资格的,民政部门应当向人民法院申请。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەخسلەر ۋە خەلق ئىشلىرى تارمىقىدىن باشقا تەشكىلاتلار ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىشى لازىم.

第三十七条 依法负担被监护人抚养费、赡养费、扶养费的父母、子女、配偶等,被人民法院撤销监护人资格后,应当继续履行负担的义务。

37-ماددا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى، كۈتۈش ھەققى، بېقىش خىراجىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتى، جورىسى قاتارلىقلار خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك.

第三十八条 被监护人的父母或者子女被人民法院撤销监护人资格后,除对被监护人实施故意犯罪的外,确有悔改表现的,经其申请,人民法院可以在尊重被监护人真实意愿的前提下,视情况恢复其监护人资格,人民法院指定的监护人与被监护人的监护关系同时终止。

38-ماددا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى پەرزەنتىنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا قارىتا قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلىپ ئىلتىماس سۇنسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەپ بەرگەن ۋەسىي بىلەن ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ۋەسىيلىك مۇناسىۋىتى بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ.

第三十九条 有下列情形之一的,监护关系终止:

39-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋەسىيلىك مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ :

(一)被监护人取得或者恢复完全民事行为能力;

( 1 ) ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئېرىشسە ياكى تولۇق ھەق تەلەپ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە؛

(二)监护人丧失监护能力;

( 2 ) ۋەسىي ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالسا؛

(三)被监护人或者监护人死亡;

( 3 ) ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەسىي ئۆلۈپ كەتسە؛

(四)人民法院认定监护关系终止的其他情形。

( 4 ) خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەسىيلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بېكىتكەن باشقا ئەھۋاللار.

监护关系终止后,被监护人仍然需要监护的,应当依法另行确定监护人。

ۋەسىيلىك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى داۋاملىق ۋەسىيلىككە موھتاج بولسا، قانۇن بويىچە باشقا ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىش كېرەك.

第三节 宣告失踪和宣告死亡

3-پاراگراف يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاش ۋە ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش

第四十条 自然人下落不明满二年的,利害关系人可以向人民法院申请宣告该自然人为失踪人。

40-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ ئىز-دېرىكى ئىككى يىلغىچە مەلۇم بولمىسا، مەنپەئەتدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ تەبىئىي ئىگىنى يوقاپ كەتكەن كىشى دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第四十一条 自然人下落不明的时间自其失去音讯之日起计算。战争期间下落不明的,下落不明的时间自战争结束之日或者有关机关确定的下落不明之日起计算。

41-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋاقتى ئىز-دېرىكى بولمىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان كۈندىن ياكى ئالاقىدار ئورگان مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىز-دېلەكسىز بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第四十二条 失踪人的财产由其配偶、成年子女、父母或者其他愿意担任财产代管人的人代管。

42-ماددا يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇنىڭ جورىسى، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسى ياكى مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى خالايدىغان باشقا كىشى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.

代管有争议,没有前款规定的人,或者前款规定的人无代管能力的,由人民法院指定的人代管。

ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئۈستىدە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كىشى بولمىسا ياكى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كىشىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەپ بەرگەن كىشى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.

第四十三条 财产代管人应当妥善管理失踪人的财产,维护其财产权益。

43-ماددا مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوبدان باشقۇرۇشى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

失踪人所欠税款、债务和应付的其他费用,由财产代管人从失踪人的财产中支付。

يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ قەرز قالغان باج پۇلى، قەرزى ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك باشقا خىراجەتلىرىنى مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ئۇنىڭ مال-مۈلكىدىن تۆلەيدۇ.

财产代管人因故意或者重大过失造成失踪人财产损失的,应当承担赔偿责任。

مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ مال-مۈلكىنى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第四十四条 财产代管人不履行代管职责、侵害失踪人财产权益或者丧失代管能力的,失踪人的利害关系人可以向人民法院申请变更财产代管人。

44-ماددا مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالسا ياكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، يوقاپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ مەنپەئەتدارى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال-مۈلۈكنى بىرلىشىپ باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

财产代管人有正当理由的,可以向人民法院申请变更财产代管人。

مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنىڭ يوللۇق سەۋەبى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال-مۈلۈكنى بىرلىشىپ باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

人民法院变更财产代管人的,变更后的财产代管人有权请求原财产代管人及时移交有关财产并报告财产代管情况。

خەلق سوت مەھكىمىسى مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرغان بولسا، ئالماشتۇرۇلغان مال-مۈلۈكنى بىرلىشىپ باشقۇرغۇچى ئەسلىدىكى مال-مۈلۈكنى داۋاملىق باشقۇرغۇچىدىن ئالاقىدار مال-مۈلۈكنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە مال-مۈلۈكنى يېڭىدىن باشقۇرۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第四十五条 失踪人重新出现,经本人或者利害关系人申请,人民法院应当撤销失踪宣告。

45-ماددا يوقاپ كەتكەن كىشى پەيدا بولۇپ قېلىپ، ئۆزى ياكى مەنپەئەتدارى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى يوقاپ كەتكەنلىك جاكارىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

失踪人重新出现,有权请求财产代管人及时移交有关财产并报告财产代管情况。

يوقاپ كەتكەن كىشى پەيدا بولۇپ قالسا، مال-مۈلۈكنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىدىن ئالاقىدار مال-مۈلكىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە مال-مۈلۈكنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第四十六条 自然人有下列情形之一的,利害关系人可以向人民法院申请宣告该自然人死亡:

46-ماددا تەبىئىي ئىگىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەنپەئەتدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ تەبىئىي ئىگىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ :

(一)下落不明满四年;

( 1 ) ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە تۆت يىل توشقان بولسا؛

(二)因意外事件,下落不明满二年。

( 2 ) تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە ئىككى يىل توشقان بولسا.

因意外事件下落不明,经有关机关证明该自然人不可能生存的,申请宣告死亡不受二年时间的限制。

تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورگان شۇ تەبىئىي ئىگىنىڭ ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسا، ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش ئىلتىماسى ئىككى يىللىق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

第四十七条 对同一自然人,有的利害关系人申请宣告死亡,有的利害关系人申请宣告失踪,符合本法规定的宣告死亡条件的,人民法院应当宣告死亡。

47-ماددا بىر تەبىئىي ئىگىگە قارىتا، بەزى مەنپەئەتدارلار ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاشنى، يەنە بەزى مەنپەئەتدارلار يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش شەرتىگە توشىدىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىشى كېرەك.

第四十八条 被宣告死亡的人,人民法院宣告死亡的判决作出之日视为其死亡的日期;因意外事件下落不明宣告死亡的,意外事件发生之日视为其死亡的日期。

48-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش ھۆكۈمى چىقارغان كۈن ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ؛ تاسادىپىي ۋەقەدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكتىن ئۆلگەنلىكى جاكارلانسا، تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەن كۈن ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.

第四十九条 自然人被宣告死亡但是并未死亡的,不影响该自然人在被宣告死亡期间实施的民事法律行为的效力。

49-ماددا تەبىئىي ئىگە ئۆلدى دەپ جاكارلانغان بولسىمۇ، ئۆلمىگەن بولسا، شۇ تەبىئىي ئىگە ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان مەزگىلدە قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第五十条 被宣告死亡的人重新出现,经本人或者利害关系人申请,人民法院应当撤销死亡宣告。

50-ماددا ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان كىشى پەيدا بولۇپ قالسا، ئۆزى ياكى مەنپەئەتدارىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلگەنلىك جاكارىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

第五十一条 被宣告死亡的人的婚姻关系,自死亡宣告之日起消除。死亡宣告被撤销的,婚姻关系自撤销死亡宣告之日起自行恢复。但是,其配偶再婚或者向婚姻登记机关书面声明不愿意恢复的除外。

51-ماددا ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان كىشىنىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ. ئۆلگەنلىك جاكارى بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىمۇ ئۆلگەنلىك جاكارى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ جورىسى قايتا توي قىلغان ياكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى يازما بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

第五十二条 被宣告死亡的人在被宣告死亡期间,其子女被他人依法收养的,在死亡宣告被撤销后,不得以未经本人同意为由主张收养行为无效。

52-ماددا ئۆلدى دەپ جاكارلانغان مەزگىلدە، ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان كىشىنىڭ پەرزەنتىنى باشقىلار قانۇن بويىچە بېقىۋالغان بولسا، ئۆلگەنلىك جاكارى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىدىن رازىلىق ئالمىغانلىقىنى ئاساس قىلىپ بېقىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئىناۋەتسىز دەپ تەشەببۇس قىلسا بولمايدۇ.

第五十三条 被撤销死亡宣告的人有权请求依照本法第六编取得其财产的民事主体返还财产;无法返还的,应当给予适当补偿。

53-ماددا ئۆلگەنلىك جاكارى بىكار قىلىنغان كىشى ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 6-قىسمى بويىچە ئېرىشكەن ھەق تەلەپ سۇبيېكتىدىن مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قايتۇرغىلى بولمىسا، مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك.

利害关系人隐瞒真实情况,致使他人被宣告死亡而取得其财产的,除应当返还财产外,还应当对由此造成的损失承担赔偿责任。

مەنپەئەتدارلار ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆلدى دەپ جاكارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە ئېرىشىۋالغان بولسا، مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن سىرت، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第四节 个体工商户和农村承包经营户

4-پاراگراف يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە يېزىلاردىكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار

第五十四条 自然人从事工商业经营,经依法登记,为个体工商户。个体工商户可以起字号。

54-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر سودا-سانائەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قانۇن بويىچە تىزىملاتسا يەككە سودا-سانائەتچى بولىدۇ. يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئۆز دۇكىنىغا ئىسىم قويسا بولىدۇ.

第五十五条 农村集体经济组织的成员,依法取得农村土地承包经营权,从事家庭承包经营的,为农村承包经营户。

55-ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىدىن قانۇن بويىچە يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئائىلە ھۆددەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىرى، يېزا يېرىنى ھۆددە لاپ باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

第五十六条 个体工商户的债务,个人经营的,以个人财产承担;家庭经营的,以家庭财产承担;无法区分的,以家庭财产承担。

56-ماددا يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قەرزى شەخسىي ئىگىلىككە تەئەللۇق بولسا، شەخسىي مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ؛ ئائىلە ئىگىلىكىدە، ئائىلە مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ؛ پەرقلەندۈرگىلى بولمىسا، ئائىلە مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ.

农村承包经营户的债务,以从事农村土地承包经营的农户财产承担;事实上由农户部分成员经营的,以该部分成员的财产承担。

يېزىلاردىكى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ قەرزى يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى دېھقان ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە دېھقان ئائىلىسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى باشقۇرۇۋاتقان بولسا، شۇ ئەزالارنىڭ مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ.

第三章 法人

3-باب قانۇنىي ئىگە

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第五十七条 法人是具有民事权利能力和民事行为能力,依法独立享有民事权利和承担民事义务的组织。

57-ماددا قانۇنىي ئىگە ‐ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

第五十八条 法人应当依法成立。

58-ماددا قانۇنىي ئىگە قانۇن بويىچە قۇرۇلۇشى كېرەك.

法人应当有自己的名称、组织机构、住所、财产或者经费。法人成立的具体条件和程序,依照法律、行政法规的规定。

قانۇنىي ئىگىنىڭ نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئورنى، مال-مۈلكى ياكى خىراجىتى بولۇشى كېرەك. قانۇنىي ئىگە قۇرۇشنىڭ كونكرېت شەرتى ۋە تەرتىپى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

设立法人,法律、行政法规规定须经有关机关批准的,依照其规定。

قانۇنىي ئىگە تەسىس قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第五十九条 法人的民事权利能力和民事行为能力,从法人成立时产生,到法人终止时消灭。

59-ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى قانۇنىي ئىگە قۇرۇلغاندا بارلىققا كېلىدۇ، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلاشقاندا يوقىلىدۇ.

第六十条 法人以其全部财产独立承担民事责任。

60-ماددا قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى بىلەن مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六十一条 依照法律或者法人章程的规定,代表法人从事民事活动的负责人,为法人的法定代表人。

61-ماددا قانۇن ياكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇنىي ئىگىگە ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەسئۇل كىشى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولىدۇ.

法定代表人以法人名义从事的民事活动,其法律后果由法人承受。

قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل قانۇنىي ئىگە نامىدا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئالىدۇ.

法人章程或者法人权力机构对法定代表人代表权的限制,不得对抗善意相对人。

قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسى ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىغا چەك قويغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

第六十二条 法定代表人因执行职务造成他人损害的,由法人承担民事责任。

62-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئالىدۇ.

法人承担民事责任后,依照法律或者法人章程的规定,可以向有过错的法定代表人追偿。

قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قانۇن ياكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第六十三条 法人以其主要办事机构所在地为住所。依法需要办理法人登记的,应当将主要办事机构所在地登记为住所。

63-ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ ئاساسلىق ئىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق ئورنى ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولىدۇ. قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىشقا توغرا كەلسە، ئاساسلىق ئىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينى تۇرۇشلۇق جايى قىلىپ تىزىملىتىش كېرەك.

第六十四条 法人存续期间登记事项发生变化的,应当依法向登记机关申请变更登记。

64-ماددا قانۇنىي ئىگە داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، تىزىملىتىلغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، قانۇن بويىچە تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

第六十五条 法人的实际情况与登记的事项不一致的,不得对抗善意相对人。

65-ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن تىزىملاتقان ئىشلىرى بىردەك بولمىسا، ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第六十六条 登记机关应当依法及时公示法人登记的有关信息。

66-ماددا تىزىملىغۇچى ئورگان قانۇنىي ئىگىلەر تىزىملاتقان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

第六十七条 法人合并的,其权利和义务由合并后的法人享有和承担。

67-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر بىرلەشكەن بولسا، بىرلەشكەندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگە ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

法人分立的,其权利和义务由分立后的法人享有连带债权,承担连带债务,但是债权人和债务人另有约定的除外。

قانۇنىي ئىگە بۆلۈنگەن بولسا، بۆلۈنگەندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگە ئۇنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە دائىر چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، چاتما قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ھەقدار بىلەن قەرزدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六十八条 有下列原因之一并依法完成清算、注销登记的,法人终止:

68-ماددا تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ھەمدە قانۇن بويىچە ھېساباتى ئېنىقلانغان، تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ :

(一)法人解散;

( 1 ) قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلسە؛

(二)法人被宣告破产;

( 2 ) قانۇنىي ئىگىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانسا؛

(三)法律规定的其他原因。

( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا سەۋەبلەر.

法人终止,法律、行政法规规定须经有关机关批准的,依照其规定。

قانۇنىي ئىگىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第六十九条 有下列情形之一的,法人解散:

69-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلىدۇ :

(一)法人章程规定的存续期间届满或者法人章程规定的其他解散事由出现;

( 1 ) قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن داۋاملىشىش ۋاقتى توشقان ياكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا؛

(二)法人的权力机构决议解散;

( 2 ) قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلسا؛

(三)因法人合并或者分立需要解散;

( 3 ) قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ بىرلىشىشى ياكى بۆلۈنۈشى سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولسا؛

(四)法人依法被吊销营业执照、登记证书,被责令关闭或者被撤销;

( 4 ) قانۇنىي ئىگىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، تىزىملاش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، تاقىۋېتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇلغان بولسا؛

(五)法律规定的其他情形。

( 5 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第七十条 法人解散的,除合并或者分立的情形外,清算义务人应当及时组成清算组进行清算。

70-ماددا قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلگەن بولسا، بىرلەشكەن ياكى بۆلۈنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېسابات ئېنىقلىغۇچى ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھېسابات ئېنىقلىشى لازىم.

法人的董事、理事等执行机构或者决策机构的成员为清算义务人。法律、行政法规另有规定的,依照其规定。

قانۇنىي ئىگىنىڭ مۇدىرى، كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق ئىجرا ئاپپاراتى ياكى تەدبىر ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى ھېسابات ئېنىقلىغۇچى بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

清算义务人未及时履行清算义务,造成损害的,应当承担民事责任;主管机关或者利害关系人可以申请人民法院指定有关人员组成清算组进行清算。

ھېسابات ئېنىقلىغۇچى ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەسئۇل ئورگان ياكى مەنپەئەتدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار خادىملارنى بەلگىلەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第七十一条 法人的清算程序和清算组职权,依照有关法律的规定;没有规定的,参照适用公司法律的有关规定。

71-ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش تەرتىپى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، شىركەت قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第七十二条 清算期间法人存续,但是不得从事与清算无关的活动。

72-ماددا ھېسابات ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە قانۇنىي ئىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ھېسابات ئېنىقلاشقا مۇناسىۋەتسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

法人清算后的剩余财产,按照法人章程的规定或者法人权力机构的决议处理。法律另有规定的,依照其规定。

قانۇنىي ئىگىنىڭ ھېساباتى ئېنىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مال-مۈلكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتىنىڭ قارارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

清算结束并完成法人注销登记时,法人终止;依法不需要办理法人登记的,清算结束时,法人终止。

ھېسابات ئېنىقلاش ئاياغلاشقان ھەم قانۇنىي ئىگە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەندە، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغانلىرىدا، ھېسابات ئېنىقلاش ئاخىرلاشقاندا، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ.

第七十三条 法人被宣告破产的,依法进行破产清算并完成法人注销登记时,法人终止。

73-ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، قانۇن بويىچە ۋەيرانچىلىق ھېساباتى ئېنىقلىنىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەندە، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ.

第七十四条 法人可以依法设立分支机构。法律、行政法规规定分支机构应当登记的,依照其规定。

74-ماددا قانۇنىي ئىگە قانۇن بويىچە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلسا بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تارماق ئاپپاراتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

分支机构以自己的名义从事民事活动,产生的民事责任由法人承担;也可以先以该分支机构管理的财产承担,不足以承担的,由法人承担。

تارماق ئاپپاراتنىڭ ئۆز نامىدا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئاۋۋال شۇ تارماق ئاپپارات باشقۇرۇۋاتقان مال-مۈلۈك بىلەن تۆلەپ تۇرسىمۇ بولىدۇ، تۆلەپ بولالمىغان مال-مۈلۈكنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئالىدۇ.

第七十五条 设立人为设立法人从事的民事活动,其法律后果由法人承受;法人未成立的,其法律后果由设立人承受,设立人为二人以上的,享有连带债权,承担连带债务。

75-ماددا تەسىس قىلغۇچى قانۇنىي ئىگىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قانۇنىي ئىگە تەسىس قىلىنمىغان بولسا، قانۇنىي ئاقىۋەتكە تەسىس قىلغۇچى ئىگە بولىدۇ، تەسىس قىلغۇچى ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، چاتما قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

设立人为设立法人以自己的名义从事民事活动产生的民事责任,第三人有权选择请求法人或者设立人承担。

تەسىس قىلغۇچى قانۇنىي ئىگىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن ئۆز نامىدا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىغا قارىتا، 3-كىشى قانۇنىي ئىگە ياكى تەسىس قىلغۇچىنىڭ خالىغان بىرىدىن ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第二节 营利法人

2-پاراگراف پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە

第七十六条 以取得利润并分配给股东等出资人为目的成立的法人,为营利法人。

76-ماددا پايدىغا ئېرىشىش ھەمدە پايچىك قاتارلىق مەبلەغ چىقارغۇچىلارغا تەقسىملەپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان قانۇنىي ئىگە پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە بولىدۇ.

营利法人包括有限责任公司、股份有限公司和其他企业法人等。

پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتى ۋە باشقا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七十七条 营利法人经依法登记成立。

77-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلىدۇ.

第七十八条 依法设立的营利法人,由登记机关发给营利法人营业执照。营业执照签发日期为营利法人的成立日期。

78-ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىلەرگە تىزىملىغۇچى ئورگان پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسى ئىمزالاپ تارقىتىلغان كۈن پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولىدۇ.

第七十九条 设立营利法人应当依法制定法人章程。

79-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە قۇرۇشتا، قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسى تۈزۈش كېرەك.

第八十条 营利法人应当设权力机构。

80-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە ھوقۇقلۇق ئاپپارات تەسىس قىلىشى كېرەك.

权力机构行使修改法人章程,选举或者更换执行机构、监督机构成员,以及法人章程规定的其他职权。

ھوقۇقلۇق ئاپپارات قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئىجرا ئاپپاراتى ۋە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش ياكى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقلىرىنى ھەمدە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

第八十一条 营利法人应当设执行机构。

81-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە ئىجرا ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى كېرەك.

执行机构行使召集权力机构会议,决定法人的经营计划和投资方案,决定法人内部管理机构的设置,以及法人章程规定的其他职权。

ئىجرا ئاپپاراتى ھوقۇقلۇق ئاپپارات يىغىنىنى چاقىرىدۇ، قانۇنىي ئىگىنىڭ تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھەسىنى بېكىتىدۇ، قانۇنىي ئىگىنى ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنىڭدەك قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

执行机构为董事会或者执行董事的,董事长、执行董事或者经理按照法人章程的规定担任法定代表人;未设董事会或者执行董事的,法人章程规定的主要负责人为其执行机构和法定代表人。

مۇدىرىيەت ياكى ئىجرا مۇدىرى ئىجرا ئاپپاراتى قىلىنغان بولسا، باش مۇدىر، ئىجرا مۇدىرى ياكى دىرېكتور قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل بولىدۇ؛ مۇدىرىيەت ياكى ئىجرا مۇدىرى تەسىس قىلىنمىغان بولسا، قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ئۇنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولىدۇ.

第八十二条 营利法人设监事会或者监事等监督机构的,监督机构依法行使检查法人财务,监督执行机构成员、高级管理人员执行法人职务的行为,以及法人章程规定的其他职权。

82-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە نازارەتچىلىك كومىتېتى ياكى نازارەتچى قاتارلىق نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەسىس قىلغان بولسا، نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنىڭ مالىيەسىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى، ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قانۇنىي ئىگە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى ھەمدە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

第八十三条 营利法人的出资人不得滥用出资人权利损害法人或者其他出资人的利益;滥用出资人权利造成法人或者其他出资人损失的,应当依法承担民事责任。

83-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى مەبلەغ چىقارغۇچى ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ؛ مەبلەغ چىقارغۇچى ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا مەبلەغ چىقارغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

营利法人的出资人不得滥用法人独立地位和出资人有限责任损害法人债权人的利益;滥用法人独立地位和出资人有限责任,逃避债务,严重损害法人债权人的利益的,应当对法人债务承担连带责任。

پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى قانۇنىي ئىگىنىڭ مۇستەقىل ئورنى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيىتىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇنىي ئىگىنىڭ ھەقدارلىق مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ؛ قانۇنىي ئىگىنىڭ مۇستەقىل ئورنى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيىتىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ قەرزدىن قېچىپ، قانۇنىي ئىگىنىڭ ھەقدارلىق مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلار قانۇنىي ئىگىنىڭ قەرزىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八十四条 营利法人的控股出资人、实际控制人、董事、监事、高级管理人员不得利用其关联关系损害法人的利益;利用关联关系造成法人损失的,应当承担赔偿责任。

84-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىنىڭ پاي كونترول قىلغان مەبلەغ چىقارغۇچىسى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى، مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى ئۆزىنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇنىي ئىگىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ؛ باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنىي ئىگىگە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八十五条 营利法人的权力机构、执行机构作出决议的会议召集程序、表决方式违反法律、行政法规、法人章程,或者决议内容违反法人章程的,营利法人的出资人可以请求人民法院撤销该决议。但是,营利法人依据该决议与善意相对人形成的民事法律关系不受影响。

85-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى، ئىجرا ئاپپاراتى قارار چىقارغان يىغىننىڭ چاقىرىش تەرتىپى، ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا ياكى قارار مەزمۇنى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىغا خىلاپ بولسا، پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە مەبلەغ چىقارغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ قارارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە شۇ قارارغا ئاساسەن ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن شەكىللەندۈرگەن ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

第八十六条 营利法人从事经营活动,应当遵守商业道德,维护交易安全,接受政府和社会的监督,承担社会责任。

86-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سودا بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第三节 非营利法人

3-پاراگراف پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە

第八十七条 为公益目的或者其他非营利目的成立,不向出资人、设立人或者会员分配所取得利润的法人,为非营利法人。

87-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىدە ياكى پايدا ئالمايدىغان باشقا مەقسەتتە قۇرۇلغان، ئالغان پايدىسىنى مەبلەغ چىقارغۇچى، تەسىس قىلغۇچى ياكى ئەزالىرىغا تەقسىم قىلمايدىغان قانۇنىي ئىگىلەر پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە بولىدۇ.

非营利法人包括事业单位、社会团体、基金会、社会服务机构等。

پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، فوند جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第八十八条 具备法人条件,为适应经济社会发展需要,提供公益服务设立的事业单位,经依法登记成立,取得事业单位法人资格;依法不需要办理法人登记的,从成立之日起,具有事业单位法人资格。

88-ماددا قانۇنىي ئىگە شەرتىنى ھازىرلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمىتى قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كەسپىي ئورۇنلار قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغانلىرى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

第八十九条 事业单位法人设理事会的,除法律另有规定外,理事会为其决策机构。事业单位法人的法定代表人依照法律、行政法规或者法人章程的规定产生。

89-ماددا كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە كېڭەش تەسىس قىلغان بولسا، قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېڭەش ئۇنىڭ تەدبىر ئاپپاراتى بولىدۇ. كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

第九十条 具备法人条件,基于会员共同意愿,为公益目的或者会员共同利益等非营利目的设立的社会团体,经依法登记成立,取得社会团体法人资格;依法不需要办理法人登记的,从成立之日起,具有社会团体法人资格。

90-ماددا قانۇنىي ئىگە شەرتىنى ھازىرلىغان، ئەزالارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئاساس قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىدە ياكى ئەزالارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى قاتارلىق پايدا ئالمايدىغان مەقسەتلەردە قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغانلىرى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

第九十一条 设立社会团体法人应当依法制定法人章程。

91-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تەسىس قىلىشتا، قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسى تۈزۈش كېرەك.

社会团体法人应当设会员大会或者会员代表大会等权力机构。

ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئەزالار يىغىنى ياكى ئەزالار قۇرۇلتىيى قاتارلىق ھوقۇقلۇق ئاپپارات تەسىس قىلىشى كېرەك.

社会团体法人应当设理事会等执行机构。理事长或者会长等负责人按照法人章程的规定担任法定代表人。

ئىجىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە كېڭەش قاتارلىق ئىجرا ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى كېرەك. كېڭەش باشلىقى ياكى جەمئىيەت باشلىقى قاتارلىق مەسئۇل كىشىلەر قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل بولىدۇ.

第九十二条 具备法人条件,为公益目的以捐助财产设立的基金会、社会服务机构等,经依法登记成立,取得捐助法人资格。

92-ماددا قانۇنىي ئىگە شەرتىنى ھازىرلاپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىدە ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈك بىلەن قۇرۇلغان فوند جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلار قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

依法设立的宗教活动场所,具备法人条件的,可以申请法人登记,取得捐助法人资格。法律、行政法规对宗教活动场所有规定的,依照其规定。

قانۇن بويىچە قۇرۇلغان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن قانۇنىي ئىگە شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第九十三条 设立捐助法人应当依法制定法人章程。

93-ماددا ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تەسىس قىلىشتا، قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسى تۈزۈش كېرەك.

捐助法人应当设理事会、民主管理组织等决策机构,并设执行机构。理事长等负责人按照法人章程的规定担任法定代表人。

ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە كېڭەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش تەشكىلاتى قاتارلىق تەدبىر ئاپپاراتى ھەمدە ئىجرا ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى كېرەك. كېڭەش باشلىقى قاتارلىق مەسئۇل كىشىلەر قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل بولىدۇ.

捐助法人应当设监事会等监督机构。

ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى كېرەك.

第九十四条 捐助人有权向捐助法人查询捐助财产的使用、管理情况,并提出意见和建议,捐助法人应当及时、如实答复。

94-ماددا ئىئانە قىلغۇچى ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدىن ئىئانە قىلغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋاقتىدا ئەينەن جاۋاب بېرىشى كېرەك.

捐助法人的决策机构、执行机构或者法定代表人作出决定的程序违反法律、行政法规、法人章程,或者决定内容违反法人章程的,捐助人等利害关系人或者主管机关可以请求人民法院撤销该决定。但是,捐助法人依据该决定与善意相对人形成的民事法律关系不受影响。

ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تەدبىر ئاپپاراتى، ئىجرا ئاپپاراتى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ قارار چىقىرىش تەرتىپى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا ياكى قارارنىڭ مەزمۇنى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىغا خىلاپ بولسا، ئىئانە قىلغۇچى قاتارلىق مەنپەئەتدارلار ياكى مەسئۇل ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ قارارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە شۇ قارارغا ئاساسەن ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن شەكىللەندۈرگەن ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

第九十五条 为公益目的成立的非营利法人终止时,不得向出资人、设立人或者会员分配剩余财产。剩余财产应当按照法人章程的规定或者权力机构的决议用于公益目的;无法按照法人章程的规定或者权力机构的决议处理的,由主管机关主持转给宗旨相同或者相近的法人,并向社会公告。

95-ماددا ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىدە قۇرۇلغان پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە ئاخىرلاشقاندا، ئاشقان مال-مۈلكىنى مەبلەغ چىقارغۇچى، تەسىس قىلغۇچى ياكى ئەزالىرىغا تەقسىم قىلىپ بەرسە بولمايدۇ. قالدۇق مال-مۈلۈكنى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە ياكى ھوقۇقلۇق ئاپپاراتنىڭ قارارى بويىچە ئاممىۋى پاراۋانلىققا ئىشلىتىش كېرەك؛ قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە ياكى ھوقۇقلۇق ئاپپاراتنىڭ قارارى بويىچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولمىسا، مەسئۇل ئورگاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاساسىي مەقسىتى ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان قانۇنىي ئىگىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

第四节 特别法人

4-پاراگراف ئالاھىدە قانۇنىي ئىگە

第九十六条 本节规定的机关法人、农村集体经济组织法人、城镇农村的合作经济组织法人、基层群众性自治组织法人,为特别法人。

96-ماددا بۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى تۈرىدىكى قانۇنىي ئىگە، شەھەر-بازار يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىك تەشكىلاتى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتى ساھەسىدىكى قانۇنىي ئىگە قاتارلىقلار ئالاھىدە قانۇنىي ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

第九十七条 有独立经费的机关和承担行政职能的法定机构从成立之日起,具有机关法人资格,可以从事为履行职能所需要的民事活动。

97-ماددا خىراجىتىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان ئورگانلار ۋە مەمۇرىي فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلار قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، فۇنكسىيە ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

第九十八条 机关法人被撤销的,法人终止,其民事权利和义务由继任的机关法人享有和承担;没有继任的机关法人的,由作出撤销决定的机关法人享有和承担。

98-ماددا ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بولمىسا، بىكار قىلىش قارارىنى چىقارغان ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۈستىگە ئالىدۇ.

第九十九条 农村集体经济组织依法取得法人资格。

99-ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

法律、行政法规对农村集体经济组织有规定的,依照其规定。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百条 城镇农村的合作经济组织依法取得法人资格。

100-ماددا شەھەر-بازار يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

法律、行政法规对城镇农村的合作经济组织有规定的,依照其规定。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا شەھەر-بازار يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىغا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百零一条 居民委员会、村民委员会具有基层群众性自治组织法人资格,可以从事为履行职能所需要的民事活动。

101-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

未设立村集体经济组织的,村民委员会可以依法代行村集体经济组织的职能。

كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى تەسىس قىلىنمىغان بولسا، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.

第四章 非法人组织

4-باب قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار

第一百零二条 非法人组织是不具有法人资格,但是能够依法以自己的名义从事民事活动的组织。

102-ماددا قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇن بويىچە ئۆز نامىدا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

非法人组织包括个人独资企业、合伙企业、不具有法人资格的专业服务机构等。

قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار شەخسلەرنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى، ھەمشېرىك كارخانىسى، قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى يوق كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第一百零三条 非法人组织应当依照法律的规定登记。

103-ماددا قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

设立非法人组织,法律、行政法规规定须经有关机关批准的,依照其规定。

قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百零四条 非法人组织的财产不足以清偿债务的,其出资人或者设立人承担无限责任。法律另有规定的,依照其规定。

104-ماددا قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ مال-مۈلكى قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، ئۇنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى ياكى تەسىس قىلغۇچىسى چەكسىز جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百零五条 非法人组织可以确定一人或者数人代表该组织从事民事活动。

105-ماددا قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار بىر ياكى بىرنەچچە كىشىنى شۇ تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى قىلىشقا بېكىتسە بولىدۇ.

第一百零六条 有下列情形之一的,非法人组织解散:

106-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات تارقىتىۋېتىلىدۇ :

(一)章程规定的存续期间届满或者章程规定的其他解散事由出现;

( 1 ) نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن داۋاملىشىش ۋاقتى توشسا ياكى نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلسە؛

(二)出资人或者设立人决定解散;

( 2 ) مەبلەغ چىقارغۇچى ياكى تەسىس قىلغۇچى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلىش؛

(三)法律规定的其他情形。

( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第一百零七条 非法人组织解散的,应当依法进行清算。

107-ماددا تارقىتىۋېتىلگەن قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ھېساباتىنى ئېنىقلىشى كېرەك.

第一百零八条 非法人组织除适用本章规定外,参照适用本编第三章第一节的有关规定。

108-ماددا قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارغا مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ قىسىمنىڭ 3-باب 1-پاراگرافىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرمۇ پايدىلىنىپ تەتبىقلىنىدۇ.

第五章 民事权利

5-باب ھەق تەلەپ ھوقۇقى

第一百零九条 自然人的人身自由、人格尊严受法律保护。

109-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第一百一十条 自然人享有生命权、身体权、健康权、姓名权、肖像权、名誉权、荣誉权、隐私权、婚姻自主权等权利。

110-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، ئۆيلىنىشكە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە.

法人、非法人组织享有名称权、名誉权和荣誉权。

قانۇنىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار نام ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى ۋە پەخرىي نام ھوقۇقىغا ئىگە.

第一百一十一条 自然人的个人信息受法律保护。任何组织或者个人需要获取他人个人信息的,应当依法取得并确保信息安全,不得非法收集、使用、加工、传输他人个人信息,不得非法买卖、提供或者公开他人个人信息。

111-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشمەكچى بولسا، قانۇن بويىچە ئېرىشىشى ھەمدە ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، ئىشلىتىش، پىششىقلاش، يەتكۈزۈشكە، قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، تەمىنلەش ياكى ئاشكارىلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

第一百一十二条 自然人因婚姻家庭关系等产生的人身权利受法律保护。

112-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ئۆيلىنىش-ئائىلە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردىن شەكىللەنگەن جىسمانىي ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第一百一十三条 民事主体的财产权利受法律平等保护。

113-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن باراۋەر قوغدايدۇ.

第一百一十四条 民事主体依法享有物权。

114-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى نەرسە ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

物权是权利人依法对特定的物享有直接支配和排他的权利,包括所有权、用益物权和担保物权。

نەرسە ھوقۇقى ‐ ھوقۇقدارنىڭ مۇئەييەن نەرسىنى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئىدارە قىلىش ۋە يەكلەش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

第一百一十五条 物包括不动产和动产。法律规定权利作为物权客体的,依照其规定。

115-ماددا نەرسە كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇندا ھوقۇق نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百一十六条 物权的种类和内容,由法律规定。

116-ماددا نەرسە ھوقۇقىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

第一百一十七条 为了公共利益的需要,依照法律规定的权限和程序征收、征用不动产或者动产的,应当给予公平、合理的补偿。

117-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە يىغىۋېلىنغان، ئېلىپ ئىشلىتىلگەن بولسا، ئادىل، مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك.

第一百一十八条 民事主体依法享有债权。

118-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى قانۇن بويىچە ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

债权是因合同、侵权行为、无因管理、不当得利以及法律的其他规定,权利人请求特定义务人为或者不为一定行为的权利。

ھەقدارلىق ـ ـ ـ ھوقۇقدارنىڭ توختام، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى، سەۋەبسىز باشقۇرۇش، نامۇۋاپىق پايدا ئېلىش سەۋەبىدىن شۇنىڭدەك قانۇندىكى باشقا بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەجبۇرىيىتى بار مۇئەييەن كىشىدىن مەلۇم ھەرىكەتنى قىلىش ياكى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

第一百一十九条 依法成立的合同,对当事人具有法律约束力。

119-ماددا قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختام توختاملاشقۇچىلار ئۈچۈن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

第一百二十条 民事权益受到侵害的,被侵权人有权请求侵权人承担侵权责任。

120-ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百二十一条 没有法定的或者约定的义务,为避免他人利益受损失而进行管理的人,有权请求受益人偿还由此支出的必要费用。

121-ماددا قانۇندا ياكى پۈتۈمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى يوق تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقۇرۇپ قويغان ئادەم شۇ سەۋەبتىن قىلغان زۆرۈر خىراجەتنى مەنپەئەتلەنگۈچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百二十二条 因他人没有法律根据,取得不当利益,受损失的人有权请求其返还不当利益。

122-ماددا باشقىلارنىڭ قانۇن ئاساسى يوق تۇرۇپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلار نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百二十三条 民事主体依法享有知识产权。

123-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى قانۇن بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

知识产权是权利人依法就下列客体享有的专有的权利:

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھوقۇقدارنىڭ تۆۋەندىكى ئوبيېكتلاردىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان خاس ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ :

(一)作品;

( 1 ) ئەسەر؛

(二)发明、实用新型、外观设计;

( 2 ) كەشپىيات، قوللىنىشچان يېڭى تىپ، تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى؛

(三)商标;

( 3 ) تاۋار ماركىسى؛

(四)地理标志;

( 4 ) جۇغراپىيەلىك بەلگىسى؛

(五)商业秘密;

( 5 ) سودا مەخپىيىتى؛

(六)集成电路布图设计;

( 6 ) توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولىنىڭ چېرتيوژ لايىھەسى؛

(七)植物新品种;

( 7 ) ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى؛

(八)法律规定的其他客体。

( 8 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئوبيېكتلار.

第一百二十四条 自然人依法享有继承权。

124-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر قانۇن بويىچە ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

自然人合法的私有财产,可以依法继承。

تەبىئىي ئىگىنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مال-مۈلكىگە قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

第一百二十五条 民事主体依法享有股权和其他投资性权利。

125-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى قانۇن بويىچە پاي ھوقۇقى ۋە باشقا سېلىنما ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第一百二十六条 民事主体享有法律规定的其他民事权利和利益。

126-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھەق تەلەپ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第一百二十七条 法律对数据、网络虚拟财产的保护有规定的,依照其规定。

127-ماددا قانۇنلاردا سانلىق مەلۇمات، توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈكنى قوغداش ھەققىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百二十八条 法律对未成年人、老年人、残疾人、妇女、消费者等的民事权利保护有特别规定的,依照其规定。

128-ماددا قانۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلار، ئاياللار ۋە ئىستېمالچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百二十九条 民事权利可以依据民事法律行为、事实行为、法律规定的事件或者法律规定的其他方式取得。

129-ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى، ئەمەلىي ھەرىكەت، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەقەلەر ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئۇسۇللار بويىچە ئېرىشىشكە بولىدۇ.

第一百三十条 民事主体按照自己的意愿依法行使民事权利,不受干涉。

130-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ، ئارىلىشىۋالمايدۇ.

第一百三十一条 民事主体行使权利时,应当履行法律规定的和当事人约定的义务。

131-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى ۋە دەۋالاشقۇچىلار پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

第一百三十二条 民事主体不得滥用民事权利损害国家利益、社会公共利益或者他人合法权益。

132-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ.

第六章 民事法律行为

6-باب ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第一百三十三条 民事法律行为是民事主体通过意思表示设立、变更、终止民事法律关系的行为。

133-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ مەقسەت ئىپادىسى ئارقىلىق ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش، ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

第一百三十四条 民事法律行为可以基于双方或者多方的意思表示一致成立,也可以基于单方的意思表示成立。

134-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىككى تەرەپنىڭ ياكى كۆپ تەرەپنىڭ مەقسەت ئىپادىسىنىڭ بىردەكلىكى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلسىمۇ، يەككە تەرەپنىڭ مەقسەت ئىپادىسى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلبولسىمۇ بولىدۇ.

法人、非法人组织依照法律或者章程规定的议事方式和表决程序作出决议的,该决议行为成立。

قانۇنىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار قانۇن ياكى نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى بويىچە قارار چىقارغان بولسا، شۇ قارار چىقىرىش ھەرىكىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.

第一百三十五条 民事法律行为可以采用书面形式、口头形式或者其他形式;法律、行政法规规定或者当事人约定采用特定形式的,应当采用特定形式。

135-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىدە يازما شەكىل، ئاغزاكى شەكىل ياكى باشقا شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە مۇئەييەن شەكىلنى قوللىنىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ مۇئەييەن شەكىلنى ئىشلىتىش كېرەك.

第一百三十六条 民事法律行为自成立时生效,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

136-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى دەۋالاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

行为人非依法律规定或者未经对方同意,不得擅自变更或者解除民事法律行为。

قىلمىشچى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانماي ياكى قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

第二节 意思表示

2-پاراگراف مەقسەت ئىپادىلەش

第一百三十七条 以对话方式作出的意思表示,相对人知道其内容时生效。

137-ماددا سۆزلىشىش شەكلىدە ئىپادىلەنگەن مەقسەت ئىپادىسى ئاداچى مەزمۇننى بىلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

以非对话方式作出的意思表示,到达相对人时生效。以非对话方式作出的采用数据电文形式的意思表示,相对人指定特定系统接收数据电文的,该数据电文进入该特定系统时生效;未指定特定系统的,相对人知道或者应当知道该数据电文进入其系统时生效。当事人对采用数据电文形式的意思表示的生效时间另有约定的,按照其约定。

سۆزلىشىشتىن باشقا ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن مەقسەت ئىپادىسى ئاداچىغا يەتكۈزۈلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سۆزلىشىشتىن باشقا ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكسىت شەكلى قوللىنىلغان مەقسەت ئىپادىسىنى يەتكۈزۈشتە، ئاداچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرونلۇق تېكسىتنى تاپشۇرۇۋالىدىغان ئالاھىدە سىستېمىنى بەلگىلەپ بەرگەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق تېلېگرامما تېكسىت شۇ ئالاھىدە سىستېمىغا كىرگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئالاھىدە سىستېما بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئاداچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكسىتنىڭ سىستېمىغا كىرگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. توختاملاشقۇچىلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست شەكلىنى قوللىنىش مەقسەت ئىپادىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第一百三十八条 无相对人的意思表示,表示完成时生效。法律另有规定的,依照其规定。

138-ماددا ئاداچىسىز مەقسەت ئىپادىسى ئىپادىلىنىپ بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百三十九条 以公告方式作出的意思表示,公告发布时生效。

139-ماددا ئېلان شەكلىدە بىلدۈرۈلگەن مەقسەت ئىپادىسى ئېلان چىقىرىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第一百四十条 行为人可以明示或者默示作出意思表示。

140-ماددا قىلمىشچى مەقسىتىنى ئېنىق ياكى يوشۇرۇن ئىپادىلىسە بولىدۇ.

沉默只有在有法律规定、当事人约定或者符合当事人之间的交易习惯时,才可以视为意思表示。

سۈكۈت پەقەت قانۇندا، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈمىدە بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلارنىڭ سودا ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلگەندىلا، ئاندىن مەقسەت ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ.

第一百四十一条 行为人可以撤回意思表示。撤回意思表示的通知应当在意思表示到达相对人前或者与意思表示同时到达相对人。

141-ماددا قىلمىشچى مەقسەت ئىپادىسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. مەقسەت ئىپادىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇقتۇرۇشى ئاداچىغا مەقسەت ئىپادىسى يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ياكى شۇنىڭ بىلەن تەڭ يېتىپ بېرىشى كېرەك.

第一百四十二条 有相对人的意思表示的解释,应当按照所使用的词句,结合相关条款、行为的性质和目的、习惯以及诚信原则,确定意思表示的含义。

142-ماددا ئاداچىلىق مەقسەت ئىپادىسىنى ئىزاھلاشتا، ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار ماددا-تارماقلار، ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتى، ئادەت ۋە سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەقسەت ئىپادىسىنىڭ مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.

无相对人的意思表示的解释,不能完全拘泥于所使用的词句,而应当结合相关条款、行为的性质和目的、习惯以及诚信原则,确定行为人的真实意思。

ئاداچىسىز مەقسەت ئىپادىسىنى ئىزاھلاشتا، ئىشلەتكەن سۆز-جۈملىلەر بىلەن مۇتلەق چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئالاقىدار ماددا-تارماقلار، ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتى، ئادەت ۋە سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ، قىلمىشچىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.

第三节 民事法律行为的效力

3-پاراگراف ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ كۈچى

第一百四十三条 具备下列条件的民事法律行为有效:

143-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە :

(一)行为人具有相应的民事行为能力;

( 1 ) قىلمىشچى مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا؛

(二)意思表示真实;

( 2 ) مەقسەت ئىپادىسى ھەقىقىي بولسا؛

(三)不违反法律、行政法规的强制性规定,不违背公序良俗。

( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىسىگە، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ بولماسلىق.

第一百四十四条 无民事行为能力人实施的民事法律行为无效。

144-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشى قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

第一百四十五条 限制民事行为能力人实施的纯获利益的民事法律行为或者与其年龄、智力、精神健康状况相适应的民事法律行为有效;实施的其他民事法律行为经法定代理人同意或者追认后有效。

1445-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى قىلغان نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ياكى يېشى، ئەقلى، روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن قىلمىشى كۈچكە ئىگە؛ ئۇلار قىلغان باشقا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ياكى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

相对人可以催告法定代理人自收到通知之日起三十日内予以追认。法定代理人未作表示的,视为拒绝追认。民事法律行为被追认前,善意相对人有撤销的权利。撤销应当以通知的方式作出。

ئاداچى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشكە سۈيلىسە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى دەپ قارىلىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى ياخشى نىيەتلىك ئاداچىلار بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

第一百四十六条 行为人与相对人以虚假的意思表示实施的民事法律行为无效。

146-ماددا قىلمىشچى بىلەن ئاداچىنىڭ ساختا مەقسەت ئىپادىسى ئارقىلىق قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

以虚假的意思表示隐藏的民事法律行为的效力,依照有关法律规定处理。

ساختا مەقسەت ئىپادىسى ئارقىلىق يوشۇرغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ كۈچى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第一百四十七条 基于重大误解实施的民事法律行为,行为人有权请求人民法院或者仲裁机构予以撤销。

147-ماددا قىلمىشچى زور ئۇقۇشماسلىق ئاساسىدا قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百四十八条 一方以欺诈手段,使对方在违背真实意思的情况下实施的民事法律行为,受欺诈方有权请求人民法院或者仲裁机构予以撤销。

148-ماددا بىر تەرەپ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ئەھۋالدا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلدۇرغان بولسا، ئالدانغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن شۇ ھەرىكەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百四十九条 第三人实施欺诈行为,使一方在违背真实意思的情况下实施的民事法律行为,对方知道或者应当知道该欺诈行为的,受欺诈方有权请求人民法院或者仲裁机构予以撤销。

149-ماددا 3-كىشى ئالدامچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ئەھۋالدا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلدۇرغان، قارشى تەرەپ بۇ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى بىلگەن بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئالدانغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن شۇ ھەرىكەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百五十条 一方或者第三人以胁迫手段,使对方在违背真实意思的情况下实施的民事法律行为,受胁迫方有权请求人民法院或者仲裁机构予以撤销。

150-ماددا بىر تەرەپ ياكى 3-كىشى تەھدىت ۋاسىتىسى ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ئەھۋالدا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلدۇرغان بولسا، تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن شۇ ھەرىكەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百五十一条 一方利用对方处于危困状态、缺乏判断能力等情形,致使民事法律行为成立时显失公平的,受损害方有权请求人民法院或者仲裁机构予以撤销。

151-ماددا بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن پايدىلىنىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلدۇرۇپ روشەن ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن شۇ ھەرىكەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百五十二条 有下列情形之一的,撤销权消灭:

152-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ :

(一)当事人自知道或者应当知道撤销事由之日起一年内、重大误解的当事人自知道或者应当知道撤销事由之日起九十日内没有行使撤销权;

( 1 ) دەۋالاشقۇچىلار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، زور ئۇقۇشماسلىق كۆرۈلگەن دەۋالاشقۇچىلار بىكار قىلىش مەنبەسىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە كېرەك بولغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولسا؛

(二)当事人受胁迫,自胁迫行为终止之日起一年内没有行使撤销权;

( 2 ) دەۋالاشقۇچىلار تەھدىتكە ئۇچراپ، تەھدىت ھەرىكىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولسا؛

(三)当事人知道撤销事由后明确表示或者以自己的行为表明放弃撤销权。

( 3 ) دەۋالاشقۇچىلار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، بىكار قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بولسا.

当事人自民事法律行为发生之日起五年内没有行使撤销权的,撤销权消灭。

دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولسا، بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

第一百五十三条 违反法律、行政法规的强制性规定的民事法律行为无效。但是,该强制性规定不导致该民事法律行为无效的除外。

153-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز. لېكىن مەجبۇرلاش بەلگىلىمىسى ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتەلمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

违背公序良俗的民事法律行为无效。

ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

第一百五十四条 行为人与相对人恶意串通,损害他人合法权益的民事法律行为无效。

154-ماددا قىلمىشچى بىلەن ئاداچى يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

第一百五十五条 无效的或者被撤销的民事法律行为自始没有法律约束力。

155-ماددا ئىناۋەتسىز ياكى بىكار قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى باشتىلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

第一百五十六条 民事法律行为部分无效,不影响其他部分效力的,其他部分仍然有效。

156-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىناۋەتسىز بولۇپ، باشقا قىسمىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمىسە، باشقا قىسمى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.

第一百五十七条 民事法律行为无效、被撤销或者确定不发生效力后,行为人因该行为取得的财产,应当予以返还;不能返还或者没有必要返还的,应当折价补偿。有过错的一方应当赔偿对方由此所受到的损失;各方都有过错的,应当各自承担相应的责任。法律另有规定的,依照其规定。

157-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز بولغان، بىكار قىلىنغان ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قىلمىشچى شۇ ھەرىكەت بىلەن ئىگە بولغان مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ قايتۇرغىلى بولمىسا ياكى قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تولۇقلاش كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك؛ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خاتالىقى بولسا، ھەر قايسىسى ئۆزىگە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四节 民事法律行为的附条件和附期限

4-پاراگراف ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ قوشۇمچە شەرتى ۋە قوشۇمچە مۇددىتى

第一百五十八条 民事法律行为可以附条件,但是根据其性质不得附条件的除外。附生效条件的民事法律行为,自条件成就时生效。附解除条件的民事法律行为,自条件成就时失效。

158-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا بولىدۇ، لېكىن خاراكتېرى بويىچە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى شەرت ئورۇندالغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىش شەرتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى شەرت ئورۇندالغاندا كۈچتىن قالىدۇ.

第一百五十九条 附条件的民事法律行为,当事人为自己的利益不正当地阻止条件成就的,视为条件已经成就;不正当地促成条件成就的,视为条件不成就。

159-ماددا قوشۇمچە شەرت قويۇلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىدە، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ شەرتنىڭ ئورۇندىلىشىغا يولسىز توسقۇنلۇق قىلسا، شەرت ئورۇنلاندى دەپ قارىلىدۇ؛ شارائىتنىڭ ئورۇندىلىشىغا نامۇۋاپىق تۈرتكە بولغانلار شەرت ئورۇندالمىدى، دەپ قارىلىدۇ.

第一百六十条 民事法律行为可以附期限,但是根据其性质不得附期限的除外。附生效期限的民事法律行为,自期限届至时生效。附终止期限的民事法律行为,自期限届满时失效。

160-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە قوشۇمچە مۆھلەت بەلگىلەشكە بولىدۇ، لېكىن خاراكتېرى بويىچە قوشۇمچە مۆھلەت بەلگىلاشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاخىرلىشىش مۆھلىتى قوشۇمچە قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى مۆھلەت توشقاندا كۈچتىن قالىدۇ.

第七章 代理

7-باب ۋاكالەتچىلىك قىلىش

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第一百六十一条 民事主体可以通过代理人实施民事法律行为。

161-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق قىلسا بولىدۇ.

依照法律规定、当事人约定或者民事法律行为的性质,应当由本人亲自实施的民事法律行为,不得代理。

قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى ياكى ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى بويىچە، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى قىلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

第一百六十二条 代理人在代理权限内,以被代理人名义实施的民事法律行为,对被代理人发生效力。

162-ماددا ۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇق دائىرىسىدە ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ نامىدا قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ۋاكالەتلەنگۈچىگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە.

第一百六十三条 代理包括委托代理和法定代理。

163-ماددا ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك ۋە قانۇندا بېكىتىلگەن ۋاكالەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

委托代理人按照被代理人的委托行使代理权。法定代理人依照法律的规定行使代理权。

ھاۋالىلىك ۋاكالەتچى ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

第一百六十四条 代理人不履行或者不完全履行职责,造成被代理人损害的,应当承担民事责任。

16-ماددا ۋاكالەتچى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى تولۇق ئادا قىلماي، ۋاكالەتلەنگۈچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

代理人和相对人恶意串通,损害被代理人合法权益的,代理人和相对人应当承担连带责任。

ۋاكالەتچى بىلەن ئاداچى يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ۋاكالەتچى بىلەن ئاداچا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二节 委托代理

2-پاراگراف ۋاكالەتچىلىكنى ھاۋالە قىلىش

第一百六十五条 委托代理授权采用书面形式的,授权委托书应当载明代理人的姓名或者名称、代理事项、权限和期限,并由被代理人签名或者盖章。

165-ماددا ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىككە ھوقۇق بېرىشتە يازما شەكىل قوللىنىلغان بولسا، ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىگە ۋاكالەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان ئىشلار، ھوقۇق دائىرىسى ۋە مۆھلىتى ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە ۋاكالەتلەنگۈچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

第一百六十六条 数人为同一代理事项的代理人的,应当共同行使代理权,但是当事人另有约定的除外。

166-ماددا بىرنەچچە كىشى بىر ئىشقا ۋاكالەتچىلىك قىلغان بولسا، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى بىرلىكتە يۈرگۈزۈشى كېرەك، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一百六十七条 代理人知道或者应当知道代理事项违法仍然实施代理行为,或者被代理人知道或者应当知道代理人的代理行为违法未作反对表示的,被代理人和代理人应当承担连带责任。

167-ماددا ۋاكالەتچى ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ۋاكالەتچىلىك قىلىۋەرسە ياكى ۋاكالەتلەنگۈچى ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ قارشى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ۋاكالەتلەنگۈچى بىلەن ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一百六十八条 代理人不得以被代理人的名义与自己实施民事法律行为,但是被代理人同意或者追认的除外。

168-ماددا ۋاكالەتچى ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ نامىدا ئۆزى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلسا بولمايدۇ، لېكىن ۋاكالەتلەنگۈچى قوشۇلغان ياكى ئېتىراپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

代理人不得以被代理人的名义与自己同时代理的其他人实施民事法律行为,但是被代理的双方同意或者追认的除外。

ۋاكالەتچى ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ نامىدا ئۆزى ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان باشقا ئادەم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلسا بولمايدۇ، لېكىن ۋاكالەتلەنگۈچى ئىككى تەرەپ قوشۇلغان ياكى ئېتىراپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一百六十九条 代理人需要转委托第三人代理的,应当取得被代理人的同意或者追认。

169-ماددا ۋاكالەتچى ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىسىنى 3-كىشىگە ئۆتۈنمەكچى بولسا، ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ياكى ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

转委托代理经被代理人同意或者追认的,被代理人可以就代理事务直接指示转委托的第三人,代理人仅就第三人的选任以及对第三人的指示承担责任。

ئۆتۈنمە ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ماقۇللۇقى ياكى ئېتىراپىغا ئېرىشكەن بولسا، ۋاكالەتلەنگۈچى ئۆتۈنمە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان 3-كىشىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىۋاسىتە كۆرسەتمە بەرسە بولىدۇ، ۋاكالەتچى پەقەت 3-كىشىنى تاللىغانلىقى ۋە 3-كىشىگە بەرگەن كۆرسەتمىسى ئۈچۈنلا جاۋابكار بولىدۇ.

转委托代理未经被代理人同意或者追认的,代理人应当对转委托的第三人的行为承担责任;但是,在紧急情况下代理人为了维护被代理人的利益需要转委托第三人代理的除外。

ئۆتۈنمە ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ماقۇللۇقى ياكى ئېتىراپىدىن ئۆتمىگەن بولسا، ۋاكالەتچى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان 3-كىشىنىڭ ھەرىكىتىگە جاۋابكار بولىدۇ؛ لېكىن جىددىي ئەھۋالدا ۋاكالەتچى ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن 3-كىشىگە ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一百七十条 执行法人或者非法人组织工作任务的人员,就其职权范围内的事项,以法人或者非法人组织的名义实施的民事法律行为,对法人或者非法人组织发生效力。

170-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتنىڭ نامىدا قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قانۇنىي ئىگە ياكى تەبىئىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.

法人或者非法人组织对执行其工作任务的人员职权范围的限制,不得对抗善意相对人。

قانۇنىي ئىگىلەر ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا چەك قويغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىلار بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

第一百七十一条 行为人没有代理权、超越代理权或者代理权终止后,仍然实施代理行为,未经被代理人追认的,对被代理人不发生效力。

171-ماددا قىلمىشچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى يوق تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ تۇرۇپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىلغان ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىنى ۋاكالەتلەنگۈچى ئېتىراپ قىلمىغان بولسا، ۋاكالەتلەنگۈچىگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە ئەمەس.

相对人可以催告被代理人自收到通知之日起三十日内予以追认。被代理人未作表示的,视为拒绝追认。行为人实施的行为被追认前,善意相对人有撤销的权利。撤销应当以通知的方式作出。

ئاداچى ۋاكالەتلەنگۈچىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشكە سۈيلىسە بولىدۇ. ۋاكالەتلەنگۈچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى دەپ قارىلىدۇ. قىلمىشچىنىڭ ھەرىكىتى ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ياخشى نىيەتلىك ئاداچى ئۇنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

行为人实施的行为未被追认的,善意相对人有权请求行为人履行债务或者就其受到的损害请求行为人赔偿。但是,赔偿的范围不得超过被代理人追认时相对人所能获得的利益。

قىلمىشچىنىڭ ھەرىكىتى ئېتىراپ قىلىنمىسا، ياخشى نىيەتلىك ئاداچى قىلمىشچىدىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ياكى تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن تۆلەم دائىرىسى ۋاكالەتلەنگۈچى ئېتىراپ قىلغان چاغدىكى ئاداچى ئېرىشەلەيدىغان پايدىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

相对人知道或者应当知道行为人无权代理的,相对人和行为人按照各自的过错承担责任。

ئاداچى قىلمىشچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلگەن بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئاداچى بىلەن قىلمىشچى ئۆز سەۋەنلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一百七十二条 行为人没有代理权、超越代理权或者代理权终止后,仍然实施代理行为,相对人有理由相信行为人有代理权的,代理行为有效。

172-ماددا قىلمىشچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى يوق تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ تۇرۇپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقان تۇرۇپ ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىنى قىلىۋەرگەندە، ئاداچىنىڭ قىلمىشچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىدىغان ئاساسى بولسا، ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە.

第三节 代理终止

3-پاراگراف ۋاكالەتچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى

第一百七十三条 有下列情形之一的,委托代理终止:

173-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك ئاخىرلىشىدۇ :

(一)代理期限届满或者代理事务完成;

( 1 ) ۋاكالەتچىلىك مۇددىتى توشسا ياكى ۋاكالەتچىلىك قىلغان ئىش ئورۇندالسا؛

(二)被代理人取消委托或者代理人辞去委托;

( 2 ) ۋاكالەتلەنگۈچى ھاۋالىنى بىكار قىلسا ياكى ۋاكالەتچى ھاۋالىدىن يالتىيىۋالسا؛

(三)代理人丧失民事行为能力;

( 3 ) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتسا؛

(四)代理人或者被代理人死亡;

( 4 ) ۋاكالەتچى ياكى ۋاكالەتلەنگۈچى ئۆلۈپ كەتسە؛

(五)作为代理人或者被代理人的法人、非法人组织终止。

( 5 ) ۋاكالەتچى ياكى ۋاكالەتلەنگۈچى بولغان قانۇنىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات ئاخىرلاشسا.

第一百七十四条 被代理人死亡后,有下列情形之一的,委托代理人实施的代理行为有效:

174-ماددا ۋاكالەتلەنگۈچى ئۆلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە :

(一)代理人不知道且不应当知道被代理人死亡;

( 1 ) ۋاكالەتچى ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلمىسە ھەم بىلىشكە تېگىشلىك بولمىسا؛

(二)被代理人的继承人予以承认;

( 2 ) ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ۋارىسى ئېتىراپ قىلىش؛

(三)授权中明确代理权在代理事务完成时终止;

( 3 ) ھوقۇق بېرىشتە ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنىڭ ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان ئىش تاماملانغاندا ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا؛

(四)被代理人死亡前已经实施,为了被代理人的继承人的利益继续代理。

( 4 ) ۋاكالەتلەنگۈچى ئۆلۈشتىن بۇرۇن باشلانغان، ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ ۋارىسىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن داۋاملىق ۋاكالەتچىلىك قىلىنىۋاتقان بولسا.

作为被代理人的法人、非法人组织终止的,参照适用前款规定。

ۋاكالەتلەنگۈچى بولغان قانۇنىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات ئاخىرلاشقانلاردا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一百七十五条 有下列情形之一的,法定代理终止:

175-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلىك ئاخىرلىشىدۇ :

(一)被代理人取得或者恢复完全民事行为能力;

( 1 ) ۋاكالەتلەنگۈچى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا ياكى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە؛

(二)代理人丧失民事行为能力;

( 2 ) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتسا؛

(三)代理人或者被代理人死亡;

( 3 ) ۋاكالەتچى ياكى ۋاكالەتلەنگۈچى ئۆلۈپ كەتسە؛

(四)法律规定的其他情形。

( 4 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第八章 民事责任

8-باب ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى

第一百七十六条 民事主体依照法律规定或者按照当事人约定,履行民事义务,承担民事责任。

176-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈمى بويىچە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一百七十七条 二人以上依法承担按份责任,能够确定责任大小的,各自承担相应的责任;难以确定责任大小的,平均承担责任。

177-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى قانۇن بويىچە ئۈلۈشلۈك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندا، جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولسا، ھەر قايسىسى مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一百七十八条 二人以上依法承担连带责任的,权利人有权请求部分或者全部连带责任人承担责任。

178-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندا، ھوقۇقدار چاتما جاۋابكارلارنىڭ بىر قىسمىدىن ياكى ھەممىسىدىن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

连带责任人的责任份额根据各自责任大小确定;难以确定责任大小的,平均承担责任。实际承担责任超过自己责任份额的连带责任人,有权向其他连带责任人追偿。

چاتما جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىق ئۈلۈشى ھەركىمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمەلىي ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىق ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىق ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن چاتما جاۋابكار باشقا چاتما جاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

连带责任,由法律规定或者当事人约定。

چاتما جاۋابكارلىق قانۇندا بەلگىلىنىدۇ ياكى دەۋالاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ.

第一百七十九条 承担民事责任的方式主要有:

179-ماددا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇللىرى ئاساسلىقى مۇنۇلار :

(一)停止侵害;

( 1 ) زىيان سېلىشنى توختىتىش؛

(二)排除妨碍;

( 2 ) توسالغۇنى تۈگىتىش؛

(三)消除危险;

( 3 ) خەۋپنى تۈگىتىش؛

(四)返还财产;

( 4 ) مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىش؛

(五)恢复原状;

( 5 ) ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

(六)修理、重作、更换;

( 6 ) رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ياساپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش؛

(七)继续履行;

( 7 ) داۋاملىق ئادا قىلىش؛

(八)赔偿损失;

( 8 ) زىياننى تۆلەپ بېرىش؛

(九)支付违约金;

( 9 ) خىلاپلىق پۇلى تۆلەش؛

(十)消除影响、恢复名誉;

( 10 ) تەسىرنى تۈگىتىش، نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

(十一)赔礼道歉。

( 11 ) ناماقۇل بولۇش.

法律规定惩罚性赔偿的,依照其规定。

قانۇندا جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۆلەش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

本条规定的承担民事责任的方式,可以单独适用,也可以合并适用。

بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇللىرىنى ئايرىم تەتبىقلاشقىمۇ، بىرلەشتۈرۈپ تەتبىقلاشقىمۇ بولىدۇ.

第一百八十条 因不可抗力不能履行民事义务的,不承担民事责任。法律另有规定的,依照其规定。

180-ماددا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

不可抗力是不能预见、不能避免且不能克服的客观情况。

تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ‐ ‐ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى، ساقلانغىلى، يەڭگىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.

第一百八十一条 因正当防卫造成损害的,不承担民事责任。

181-ماددا يوللۇق قوغدىنىش سەۋەبىدىن زىيان تۇغدۇرغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

正当防卫超过必要的限度,造成不应有的损害的,正当防卫人应当承担适当的民事责任。

يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ ئورۇنسىز زىيان تۇغدۇرغان يوللۇق قوغدانغۇچىلار مۇۋاپىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一百八十二条 因紧急避险造成损害的,由引起险情发生的人承担民事责任。

182-ماددا جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش سەۋەبىدىن زىيان كېلىپ چىققان بولسا، خەۋپنى پەيدا قىلغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

危险由自然原因引起的,紧急避险人不承担民事责任,可以给予适当补偿。

خەۋپ تەبىئىي سەۋەبتىن پەيدا بولغان بولسا، خەۋپتىن جىددىي ساقلانغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، مۇۋاپىق تۆلەم بەرسە بولىدۇ.

紧急避险采取措施不当或者超过必要的限度,造成不应有的损害的,紧急避险人应当承担适当的民事责任。

جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىشتا قوللانغان تەدبىرى جايىدا بولماي ياكى زۆرۈر چەكتىن ئېشىپ كېتىپ ئورۇنسىز زىيان كېلىپ چىققان بولسا، جىددىي خەۋپتىن ساقلانغۇچى مۇۋاپىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一百八十三条 因保护他人民事权益使自己受到损害的,由侵权人承担民事责任,受益人可以给予适当补偿。没有侵权人、侵权人逃逸或者无力承担民事责任,受害人请求补偿的,受益人应当给予适当补偿。

183-ماددا باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەنپەئەتلەنگۈچى مۇۋاپىق تۆلەم بەرسە بولىدۇ. ھوقۇققا چېقىلغۇچى يوق بولسا، قېچىپ كەتكەن بولسا ياكى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، زىيانلانغۇچى تولۇقلىما تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، مەنپەئەتلەنگۈچى مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

第一百八十四条 因自愿实施紧急救助行为造成受助人损害的,救助人不承担民事责任。

184-ماددا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قىلىپ ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە زىيان سالغان بولسا، قۇتقۇزغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一百八十五条 侵害英雄烈士等的姓名、肖像、名誉、荣誉,损害社会公共利益的,应当承担民事责任。

185-ماددا قەھرىمانلار، قۇربانلار قاتارلىقلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سۈرىتى، نام-شۆھرىتى، پەخرىي نامىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一百八十六条 因当事人一方的违约行为,损害对方人身权益、财产权益的,受损害方有权选择请求其承担违约责任或者侵权责任。

186-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئىتى، مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ ئۇنىڭ خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ياكى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تاللاپ تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一百八十七条 民事主体因同一行为应当承担民事责任、行政责任和刑事责任的,承担行政责任或者刑事责任不影响承担民事责任;民事主体的财产不足以支付的,优先用于承担民事责任。

187-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى بىر قىلمىشى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى، مەمۇرىي جاۋابكارلىق ۋە جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئۇنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىق ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ؛ ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ مال-مۈلكى تۆلەشكە يەتمىسە، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

第九章 诉讼时效

9-باب دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى

第一百八十八条 向人民法院请求保护民事权利的诉讼时效期间为三年。法律另有规定的,依照其规定。

188-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى ئۈچ يىل بولىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

诉讼时效期间自权利人知道或者应当知道权利受到损害以及义务人之日起计算。法律另有规定的,依照其规定。但是,自权利受到损害之日起超过二十年的,人民法院不予保护,有特殊情况的,人民法院可以根据权利人的申请决定延长。

دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى ھوقۇقدار ھوقۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. لېكىن ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغان كۈندىن باشلاپ 20 يىلدىن ئاشقان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇقدارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇزارتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

第一百八十九条 当事人约定同一债务分期履行的,诉讼时效期间自最后一期履行期限届满之日起计算。

189-ماددا ئالاقىدارلار قەرز مەجبۇرىيىتىنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئادا قىلىشنى پۈتۈشكەن بولسا، دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى ئاخىرقى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第一百九十条 无民事行为能力人或者限制民事行为能力人对其法定代理人的请求权的诉讼时效期间,自该法定代理终止之日起计算。

190-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقى توغرىسىدىكى دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى قانۇندا بەلگىلەنگەن شۇ ۋاكالەتچىلىك ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第一百九十一条 未成年人遭受性侵害的损害赔偿请求权的诉讼时效期间,自受害人年满十八周岁之日起计算。

1911-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش زىيىنىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى زىيانلانغۇچى 18 ياشقا توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第一百九十二条 诉讼时效期间届满的,义务人可以提出不履行义务的抗辩。

192-ماددا دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى توشقان بولسا، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماسلىق ھەققىدە رەددىيە بەرسە بولىدۇ.

诉讼时效期间届满后,义务人同意履行的,不得以诉讼时效期间届满为由抗辩;义务人已经自愿履行的,不得请求返还。

دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى توشقاندىن كېيىن، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئادا قىلىشنى ماقۇل كۆرگەن بولسا، دەۋا ۋاقىت چېكى سۈرۈكىنىڭ توشقانلىقىنى باھانە قىلىپ رەددىيە بەرسە بولمايدۇ؛ مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئادا قىلغان بولسا، قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

第一百九十三条 人民法院不得主动适用诉讼时效的规定。

193-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋا ۋاقىت چېكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتبىقلىسا بولمايدۇ.

第一百九十四条 在诉讼时效期间的最后六个月内,因下列障碍,不能行使请求权的,诉讼时效中止:

194-ماددا دەۋا ۋاقىت چېكى سۈرۈكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە ئېيىدا تۆۋەندىكى توسالغۇلار تۈپەيلىدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىسە، دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ :

(一)不可抗力;

( 1 ) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار؛

(二)无民事行为能力人或者限制民事行为能力人没有法定代理人,或者法定代理人死亡、丧失民事行为能力、丧失代理权;

( 2 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدار چەكلەنگەن كىشىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بولمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بولسا؛

(三)继承开始后未确定继承人或者遗产管理人;

( 3 ) ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن ۋارىس ياكى مىراس باشقۇرغۇچى بېكىتىلمىگەن بولسا؛

(四)权利人被义务人或者其他人控制;

( 4 ) مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ياكى باشقا كىشى ھوقۇقدارنى كونترول قىلىۋالغان بولسا؛

(五)其他导致权利人不能行使请求权的障碍。

( 5 ) ھوقۇقدارنىڭ تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا توسالغۇلار.

自中止时效的原因消除之日起满六个月,诉讼时效期间届满。

دەۋا ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تۈگىگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي توشقاندا، ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى توشىدۇ.

第一百九十五条 有下列情形之一的,诉讼时效中断,从中断、有关程序终结时起,诉讼时效期间重新计算:

195-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دەۋا ۋاقىت چېكى ئۈزۈپ قويۇلىدۇ، ئۈزۈپ قويغان ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ ئاخىرلاشقان ۋاقىتتىن باشلاپ، دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى قايتا ھېسابلىنىدۇ :

(一)权利人向义务人提出履行请求;

( 1 ) ھوقۇقدار مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچىدىن ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا؛

(二)义务人同意履行义务;

( 2 ) مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا قوشۇلسا؛

(三)权利人提起诉讼或者申请仲裁;

( 3 ) ھوقۇقدار دەۋا قىلسا ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا؛

(四)与提起诉讼或者申请仲裁具有同等效力的其他情形。

( 4 ) دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە باشقا ئەھۋاللار.

第一百九十六条 下列请求权不适用诉讼时效的规定:

196-ماددا تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىش ھوقۇقلىرىغا دەۋا ۋاقىت چېكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ :

(一)请求停止侵害、排除妨碍、消除危险;

( 1 ) زىيان سېلىشنى توختىتىش، توسالغۇنى تۈگىتىش، خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلغاندا؛

(二)不动产物权和登记的动产物权的权利人请求返还财产;

( 2 ) كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقى ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا؛

(三)请求支付抚养费、赡养费或者扶养费;

( 3 ) تەربىيەلەش ھەققى، كۈتۈش ھەققى ياكى بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا؛

(四)依法不适用诉讼时效的其他请求权。

( 4 ) دەۋا ۋاقىت چېكى قانۇن بويىچە تەتبىقلانمايدىغان باشقا تەلەپ قىلىش ھوقۇقلىرى.

第一百九十七条 诉讼时效的期间、计算方法以及中止、中断的事由由法律规定,当事人约定无效。

197-ماددا دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى، ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە توختىتىپ تۇرۇش، ئۈزۈپ قويۇشقا دائىر ئىشلار قانۇندا بەلگىلىنىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈشكىنى ئىناۋەتسىز.

当事人对诉讼时效利益的预先放弃无效。

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى مەنپەئىتىدىن ئالدىن ۋاز كېچىشى ئىناۋەتسىز.

第一百九十八条 法律对仲裁时效有规定的,依照其规定;没有规定的,适用诉讼时效的规定。

198-ماددا قانۇنلاردا كېسىمنىڭ ۋاقىت چېكى توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

第一百九十九条 法律规定或者当事人约定的撤销权、解除权等权利的存续期间,除法律另有规定外,自权利人知道或者应当知道权利产生之日起计算,不适用有关诉讼时效中止、中断和延长的规定。存续期间届满,撤销权、解除权等权利消灭。

199-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى دەۋالاشقۇچىلار پۈتۈشكەن بىكار قىلىش ھوقۇقى، كۈچتىن قالدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنىڭ داۋاملىشىش مۇددىتى قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھوقۇقدار ھوقۇقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، دەۋا ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇش، ئۈزۈپ قويۇش ۋە ئۇزارتىشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانمايدۇ. داۋاملىشىش مەزگىلى توشقاندا، بىكار قىلىش ھوقۇقى، كۈچتىن قالدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلار يوقىلىدۇ.

第十章 期间计算

10-باب سۈرۈك ھېسابلاش

第二百条 民法所称的期间按照公历年、月、日、小时计算。

200-ماددا ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئېيتىلغان سۈرۈك مىلادىيە كالېندارىدىكى يىل، ئاي، كۈن، سائەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

第二百零一条 按照年、月、日计算期间的,开始的当日不计入,自下一日开始计算。

201-ماددا يىل، ئاي، كۈن بويىچە ھېسابلىنىدىغان سۈرۈك باشلانغان كۈنىدىن ئەمەس، ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

按照小时计算期间的,自法律规定或者当事人约定的时间开始计算。

سائەت بويىچە ھېسابلىنىدىغان سۈرۈك قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى دەۋالاشقۇچىلار پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第二百零二条 按照年、月计算期间的,到期月的对应日为期间的最后一日;没有对应日的,月末日为期间的最后一日。

202-ماددا سۈرۈك يىل، ئاي بويىچە ھېسابلانغاندا، سۈرۈك توشىدىغان ئاينىڭ مۇناسىپ كۈنى سۈرۈكنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ؛ مۇناسىپ كۈن بولمىسا، ئاي ئاخىرى كۈنى سۈرۈكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ.

第二百零三条 期间的最后一日是法定休假日的,以法定休假日结束的次日为期间的最后一日。

203-ماددا سۈرۈكنىڭ ئاخىرقى كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم قىلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى سۈرۈكنىڭ ئاخىرقى كۈن بولىدۇ.

期间的最后一日的截止时间为二十四时;有业务时间的,停止业务活动的时间为截止时间。

سۈرۈكنىڭ ئاخىرقى كۈنىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى سائەت يىگىرمە تۆت بولىدۇ؛ كەسپىي ۋاقتى بولسا، كەسپىي پائالىيەتنى توختىتىدىغان ۋاقىت ئاخىرلىشىدۇ.

第二百零四条 期间的计算方法依照本法的规定,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

204-ماددا سۈرۈك ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە بولىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى دەۋالاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二编 物权

2-قىسىم نەرسە ھوقۇقى

第一分编 通则

بىرىنچى شۆبە قىسىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二百零五条 本编调整因物的归属和利用产生的民事关系。

205-ماددا بۇ قىسىم نەرسىنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第二百零六条 国家坚持和完善公有制为主体、多种所有制经济共同发展,按劳分配为主体、多种分配方式并存,社会主义市场经济体制等社会主义基本经济制度。

206-ماددا دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ۋە كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

国家巩固和发展公有制经济,鼓励、支持和引导非公有制经济的发展。

دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، قوللايدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

国家实行社会主义市场经济,保障一切市场主体的平等法律地位和发展权利。

دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ، بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورنى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

第二百零七条 国家、集体、私人的物权和其他权利人的物权受法律平等保护,任何组织或者个人不得侵犯。

207-ماددا دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ نەرسە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第二百零八条 不动产物权的设立、变更、转让和消灭,应当依照法律规定登记。动产物权的设立和转让,应当依照法律规定交付。

208-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىش كېرەك. كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇش كېرەك.

第二章 物权的设立、变更、转让和消灭

2-باب نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش

第一节 不动产登记

1-پاراگراف كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش

第二百零九条 不动产物权的设立、变更、转让和消灭,经依法登记,发生效力;未经登记,不发生效力,但是法律另有规定的除外。

209-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ تىزىملاتمىغانلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

依法属于国家所有的自然资源,所有权可以不登记。

قانۇن بويىچە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى تىزىملىتىلمىسىمۇ بولىدۇ.

第二百一十条 不动产登记,由不动产所在地的登记机构办理。

210-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى شۇ مۈلۈك بار جايدىكى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملايدۇ.

国家对不动产实行统一登记制度。统一登记的范围、登记机构和登记办法,由法律、行政法规规定。

دۆلەت كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بىرتۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ.

第二百一十一条 当事人申请登记,应当根据不同登记事项提供权属证明和不动产界址、面积等必要材料。

211-ماددا ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تىزىملىتىدىغان ئىشلارغا قاراپ ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتىنى ۋە كۆچمەس مۈلۈكنىڭ پاسىلى، كۆلىمى قاتارلىقلارغا دائىر زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

第二百一十二条 登记机构应当履行下列职责:

212-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)查验申请人提供的权属证明和其他必要材料;

( 1 ) ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتى ۋە باشقا زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش؛

(二)就有关登记事项询问申请人;

( 2 ) تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن سوراش؛

(三)如实、及时登记有关事项;

( 3 ) ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن، ۋاقتىدا تىزىملاش؛

(四)法律、行政法规规定的其他职责。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

申请登记的不动产的有关情况需要进一步证明的,登记机构可以要求申请人补充材料,必要时可以实地查看。

تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنغان كۆچمەس مۈلۈككە ئائىت ئەھۋاللاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپات ئېلىشقا توغرا كەلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ماتېرىيالنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تاپقاندا نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرسىمۇ بولىدۇ.

第二百一十三条 登记机构不得有下列行为:

213-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :

(一)要求对不动产进行评估;

( 1 ) كۆچمەس مۈلۈكنى باھالاشنى تەلەپ قىلىش؛

(二)以年检等名义进行重复登记;

( 2 ) يىللىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ناملار بىلەن تەكرار تىزىملاش؛

(三)超出登记职责范围的其他行为。

( 3 ) تىزىملاش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا قىلمىشلار.

第二百一十四条 不动产物权的设立、变更、转让和消灭,依照法律规定应当登记的,自记载于不动产登记簿时发生效力。

214-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىدىغان بولسا، ئۇ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىگە تىزىملىغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第二百一十五条 当事人之间订立有关设立、变更、转让和消灭不动产物权的合同,除法律另有规定或者当事人另有约定外,自合同成立时生效;未办理物权登记的,不影响合同效力。

215-ماددا ئالاقىدارلار كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشقا دائىر توختاملارنى تۈزۈشتە، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نەرسە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا، توختامنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第二百一十六条 不动产登记簿是物权归属和内容的根据。

216-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى نەرسە ھوقۇقى تەۋەلىكى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئاساسى بولىدۇ.

不动产登记簿由登记机构管理。

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقۇرىدۇ.

第二百一十七条 不动产权属证书是权利人享有该不动产物权的证明。不动产权属证书记载的事项,应当与不动产登记簿一致;记载不一致的,除有证据证明不动产登记簿确有错误外,以不动产登记簿为准。

217-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسى ھوقۇقدارنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە خاتىرىلەنگەن ئىشلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك؛ بىردەك خاتىرىلەنمىگەن بولسا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، كۆچمەس مۈلۈك تىزىملاش دەپتىرى ئاساس قىلىنىدۇ.

第二百一十八条 权利人、利害关系人可以申请查询、复制不动产登记资料,登记机构应当提供。

218-ماددا ھوقۇقدارلار، مەنپەئەتدارلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ماتېرىيالىنى كۆرۈشنى، كۆپەيتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۇنى بېرىشى كېرەك.

第二百一十九条 利害关系人不得公开、非法使用权利人的不动产登记资料。

219-ماددا مەنپەئەتدارلار ھوقۇقدارنىڭ كۆچمەس مۈلكىنى تىزىملاش ماتېرىيالىنى ئاشكارىلىسا، قانۇنسىز ئىشلەتسە بولمايدۇ.

第二百二十条 权利人、利害关系人认为不动产登记簿记载的事项错误的,可以申请更正登记。不动产登记簿记载的权利人书面同意更正或者有证据证明登记确有错误的,登记机构应当予以更正。

220-ماددا ھوقۇقدارلار، مەنپەئەتدارلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ئىشلار خاتا بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە يازما قوشۇلسا ياكى تىزىمدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۈزىتىپ بېرىشى كېرەك.

不动产登记簿记载的权利人不同意更正的,利害关系人可以申请异议登记。登记机构予以异议登记,申请人自异议登记之日起十五日内不提起诉讼的,异议登记失效。异议登记不当,造成权利人损害的,权利人可以向申请人请求损害赔偿。

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە قوشۇلمىسا، مەنپەئەتدارلار باشقىچە پىكرىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكرىنى تىزىملىغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكرى تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكرى تىزىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. باشقىچە پىكىر تىزىمى ئورۇنلۇق بولماي، ھوقۇقدارغا زىيان يەتسە، ھوقۇقدار ئىلتىماس قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百二十一条 当事人签订买卖房屋的协议或者签订其他不动产物权的协议,为保障将来实现物权,按照约定可以向登记机构申请预告登记。预告登记后,未经预告登记的权利人同意,处分该不动产的,不发生物权效力。

221-ماددا ئالاقىدارلار ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمى ياكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقى كېلىشىمى تۈزۈشتە، نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈشكىنى بويىچە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغاندىن كېيىن، شۇ كۆچمەس مۈلۈك خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغان ھوقۇقدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ.

预告登记后,债权消灭或者自能够进行不动产登记之日起九十日内未申请登记的,预告登记失效。

خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغاندىن كېيىن ھەقدارلىق ھوقۇقى بىكار قىلىنغان ياكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشقا بولىدىغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىش ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

第二百二十二条 当事人提供虚假材料申请登记,造成他人损害的,应当承担赔偿责任。

222-ماددا ئالاقىدارلار يالغان ماتېرىيال بېرىپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

因登记错误,造成他人损害的,登记机构应当承担赔偿责任。登记机构赔偿后,可以向造成登记错误的人追偿。

خاتا تىزىملاپ قويۇپ باشقىلارغا زىيان سالغان تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، خاتا تىزىملاشنى پەيدا قىلغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第二百二十三条 不动产登记费按件收取,不得按照不动产的面积、体积或者价款的比例收取。

223-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى كۆچمەس مۈلۈكنىڭ كۆلىمى، ھەجىمى ياكى پۇل نىسبىتى بويىچە ئېلىنماي سانى بويىچە ئېلىنىدۇ.

第二节 动产交付

2-پاراگراف كۆچمە مۈلۈكنى تاپشۇرۇش

第二百二十四条 动产物权的设立和转让,自交付时发生效力,但是法律另有规定的除外。

224-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش نەرسە تاپشۇرۇۋالغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二百二十五条 船舶、航空器和机动车等的物权的设立、变更、转让和消灭,未经登记,不得对抗善意第三人。

225-ماددا كېمە-پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى تىزىملاتمىغانلار ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

第二百二十六条 动产物权设立和转让前,权利人已经占有该动产的,物权自民事法律行为生效时发生效力。

226-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىلگىرى ھوقۇقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلىگەن بولسا، ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第二百二十七条 动产物权设立和转让前,第三人占有该动产的,负有交付义务的人可以通过转让请求第三人返还原物的权利代替交付。

227-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن 3-كىشى شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلىگەن بولسا، تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار كىشى تاپشۇرۇلىدىغان نەرسىنىڭ ئورنىغا 3-كىشىدىن ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.

第二百二十八条 动产物权转让时,当事人又约定由出让人继续占有该动产的,物权自该约定生效时发生效力。

228-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان چاغدا، ئالاقىدارلار شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ھەقلىق بەرگۈچى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرۇشنىمۇ پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第三节 其他规定

3-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر

第二百二十九条 因人民法院、仲裁机构的法律文书或者人民政府的征收决定等,导致物权设立、变更、转让或者消灭的,自法律文书或者征收决定等生效时发生效力。

229-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ھۆججىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلار ئارقىلىق نەرسە ھوقۇقى بېكىتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان ياكى يوقىتىلىدىغان بولسا، ئۇ قانۇن ھۆججەتلىرى ياكى ئېلىش قارارى قاتارلىقلار كۈچكە ئىگە بولغاندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第二百三十条 因继承取得物权的,自继承开始时发生效力。

230-ماددا ۋارىسلىق قىلىش يولى بىلەن ئېرىشىدىغان نەرسە ھوقۇقى ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第二百三十一条 因合法建造、拆除房屋等事实行为设立或者消灭物权的,自事实行为成就时发生效力。

231-ماددا ئۆينى قانۇنلۇق سېلىش-چېقىشتەك پاكىتلىق ھەرىكەت بىلەن بېكىتىلىدىغان ياكى يوقىتىلىدىغان نەرسە ھوقۇقى شۇ ھەرىكەت ۋۇجۇدقا چىققان چاغدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第二百三十二条 处分依照本节规定享有的不动产物权,依照法律规定需要办理登记的,未经登记,不发生物权效力。

232-ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك تۇرۇپمۇ تىزىملاتمىسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

第三章 物权的保护

3-باب نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش

第二百三十三条 物权受到侵害的,权利人可以通过和解、调解、仲裁、诉讼等途径解决。

233-ماددا نەرسە ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ھوقۇقدار ئۇنى كېلىشىۋېلىش، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، دەۋا قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ.

第二百三十四条 因物权的归属、内容发生争议的,利害关系人可以请求确认权利。

234-ماددا نەرسە ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى، مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، مەنپەئەتدارلار ھوقۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百三十五条 无权占有不动产或者动产的,权利人可以请求返还原物。

235-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلەش ھوقۇقى بولمىغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百三十六条 妨害物权或者可能妨害物权的,权利人可以请求排除妨害或者消除危险。

236-ماددا نەرسە ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەندە ياكى دەخلى يېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ھوقۇقدار دەخلىنى تۈگىتىش ياكى خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百三十七条 造成不动产或者动产毁损的,权利人可以依法请求修理、重作、更换或者恢复原状。

237-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، ھوقۇقدار رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ياساپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百三十八条 侵害物权,造成权利人损害的,权利人可以依法请求损害赔偿,也可以依法请求承担其他民事责任。

238-ماددا نەرسە ھوقۇقى زىيانغا ئۇچراپ، ھوقۇقدارغا زىيان يەتكەندە، ھوقۇقدار زىياننى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ، باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

第二百三十九条 本章规定的物权保护方式,可以单独适用,也可以根据权利被侵害的情形合并适用。

239-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنگەن نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش ئۇسۇلى ئايرىم قوللىنىلسىمۇ، ھوقۇقنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ بىرلىكتە قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ.

第二分编 所有权

ئىككىنچى شۆبە قىسىمنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى

第四章 一般规定

4-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第二百四十条 所有权人对自己的不动产或者动产,依法享有占有、使用、收益和处分的权利。

240-ماددا ئىگىدار ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第二百四十一条 所有权人有权在自己的不动产或者动产上设立用益物权和担保物权。用益物权人、担保物权人行使权利,不得损害所有权人的权益。

241-ماددا ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىدە پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى ۋە كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىشكە ھوقۇقلۇق. نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ۋە نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第二百四十二条 法律规定专属于国家所有的不动产和动产,任何组织或者个人不能取得所有权。

242-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىلا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئېرىشىۋالسا بولمايدۇ.

第二百四十三条 为了公共利益的需要,依照法律规定的权限和程序可以征收集体所有的土地和组织、个人的房屋以及其他不动产。

243-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيىنى، شۇنىڭدەك باشقا كۆچمەس مۈلۈكنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىشقا بولىدۇ.

征收集体所有的土地,应当依法及时足额支付土地补偿费、安置补助费以及农村村民住宅、其他地上附着物和青苗等的补偿费用,并安排被征地农民的社会保障费用,保障被征地农民的生活,维护被征地农民的合法权益。

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئالغاندا، يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى، شۇنىڭدەك يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇسى، يەردىكى باشقا قوشۇمچە نەرسىلەر ۋە مايسا قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تولۇق بېرىش ھەمدە يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى ئاجرىتىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

征收组织、个人的房屋以及其他不动产,应当依法给予征收补偿,维护被征收人的合法权益;征收个人住宅的,还应当保障被征收人的居住条件。

تەشكىلاتلارنىڭ، شەخسلەرنىڭ ئۆيى ۋە باشقا كۆچمەس مۈلكىنى ئالغاندا، قانۇن بويىچە ئېلىش تۆلىمى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش لازىم؛ شەخسىي تۇرالغۇنى ئېلىشتا، ئېلىنغۇچىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

任何组织或者个人不得贪污、挪用、私分、截留、拖欠征收补偿费等费用。

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق پۇللارنى خىيانەت قىلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا، نېسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第二百四十四条 国家对耕地实行特殊保护,严格限制农用地转为建设用地,控制建设用地总量。不得违反法律规定的权限和程序征收集体所有的土地。

244-ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە قوغدايدۇ، تېرىلغۇ يەرنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە قاتتىق چەك قويۇپ، قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ. كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپكە خىلاپ ھالدا ئېلىشقا بولمايدۇ.

第二百四十五条 因抢险救灾、疫情防控等紧急需要,依照法律规定的权限和程序可以征用组织、个人的不动产或者动产。被征用的不动产或者动产使用后,应当返还被征用人。组织、个人的不动产或者动产被征用或者征用后毁损、灭失的,应当给予补偿。

245-ماددا خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق جىددىي ئېھتىياج بىلەن، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئېلىپ ئىشلىتىلگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەندە ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەندە بۇزۇلۇپ كەتسە، يوقاپ كەتسە، تۆلەم بېرىش كېرەك.

第五章 国家所有权和集体所有权、私人所有权

5-باب دۆلەت ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، شەخسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى

第二百四十六条 法律规定属于国家所有的财产,属于国家所有即全民所有。

246-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈك دۆلەت ئىگىدارلىقىدا يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

国有财产由国务院代表国家行使所有权。法律另有规定的,依照其规定。

دۆلەت مال-مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二百四十七条 矿藏、水流、海域属于国家所有。

247-ماددا قېزىلما بايلىق، ئېقىن، دېڭىز تەۋەسى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百四十八条 无居民海岛属于国家所有,国务院代表国家行使无居民海岛所有权。

248-ماددا ئاھالىسىز دېڭىز ئارىلى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ئاھالىسىز دېڭىز ئارىلىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

第二百四十九条 城市的土地,属于国家所有。法律规定属于国家所有的农村和城市郊区的土地,属于国家所有。

249-ماددا شەھەردىكى يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. يېزىدىكى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百五十条 森林、山岭、草原、荒地、滩涂等自然资源,属于国家所有,但是法律规定属于集体所有的除外。

250-ماددا ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二百五十一条 法律规定属于国家所有的野生动植物资源,属于国家所有。

251-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百五十二条 无线电频谱资源属于国家所有。

252-ماددا رادىيو چاستوتا سپېكتىرى بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百五十三条 法律规定属于国家所有的文物,属于国家所有。

253-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百五十四条 国防资产属于国家所有。

254-ماددا دۆلەت مۇداپىئە مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

铁路、公路、电力设施、电信设施和油气管道等基础设施,依照法律规定为国家所有的,属于国家所有。

تۆمۈريول، تاشيول، ئېلېكتر ئەسلىھەلىرى، تېلېگراف ئەسلىھەلىرى ۋە نېفىت-گاز تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەردىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百五十五条 国家机关对其直接支配的不动产和动产,享有占有、使用以及依照法律和国务院的有关规定处分的权利。

255-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第二百五十六条 国家举办的事业单位对其直接支配的不动产和动产,享有占有、使用以及依照法律和国务院的有关规定收益、处分的权利。

256-ماددا دۆلەت قۇرغان كەسپىي ئورۇنلار ئۆزى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەنپەئەتلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第二百五十七条 国家出资的企业,由国务院、地方人民政府依照法律、行政法规规定分别代表国家履行出资人职责,享有出资人权益。

257-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第二百五十八条 国家所有的财产受法律保护,禁止任何组织或者个人侵占、哄抢、私分、截留、破坏。

258-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

第二百五十九条 履行国有财产管理、监督职责的机构及其工作人员,应当依法加强对国有财产的管理、监督,促进国有财产保值增值,防止国有财产损失;滥用职权,玩忽职守,造成国有财产损失的,应当依法承担法律责任。

259-ماددا دۆلەت مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى دۆلەت مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ دۆلەت مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

违反国有财产管理规定,在企业改制、合并分立、关联交易等过程中,低价转让、合谋私分、擅自担保或者以其他方式造成国有财产损失的,应当依法承担法律责任。

دۆلەت مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇۋېتىش-ئايرىۋېتىش، باغلىنىشلىق سودا قىلىش قاتارلىقلار داۋامىدا تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تىل بىرىكتۈرۈپ بۆلۈشۈۋېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېپىللىك بېرىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن دۆلەت مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第二百六十条 集体所有的不动产和动产包括:

260-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)法律规定属于集体所有的土地和森林、山岭、草原、荒地、滩涂;

( 1 ) قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن يەر ۋە ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل؛

(二)集体所有的建筑物、生产设施、农田水利设施;

( 2 ) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئىمارەت، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى؛

(三)集体所有的教育、科学、文化、卫生、体育等设施;

( 3 ) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى؛

(四)集体所有的其他不动产和动产。

( 4 ) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك.

第二百六十一条 农民集体所有的不动产和动产,属于本集体成员集体所有。

261-ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك شۇ كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

下列事项应当依照法定程序经本集体成员决定:

تۆۋەندىكى ئىشلارنى شۇ كوللېكتىپ ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قارار قىلىشى كېرەك :

(一)土地承包方案以及将土地发包给本集体以外的组织或者个人承包;

( 1 ) يەرنى ھۆددە بېرىش لايىھەسى، شۇنىڭدەك يەرنى شۇ كوللېكتىپتىن باشقا تەشكىلات ياكى شەخسكە ھۆددە بېرىش؛

(二)个别土地承包经营权人之间承包地的调整;

( 2 ) قىسمەن يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئارا ھۆددە يەرنى تەڭشەش؛

(三)土地补偿费等费用的使用、分配办法;

( 3 ) يەر تۆلەم پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ئىشلىتىش، تەقسىملەش چارىسى؛

(四)集体出资的企业的所有权变动等事项;

( 4 ) كوللېكتىپ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىشلار؛

(五)法律规定的其他事项。

( 5 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.

第二百六十二条 对于集体所有的土地和森林、山岭、草原、荒地、滩涂等,依照下列规定行使所有权:

262-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ۋە ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل قاتارلىقلارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ :

(一)属于村农民集体所有的,由村集体经济组织或者村民委员会依法代表集体行使所有权;

( 1 ) كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى كوللېكتىپقا ۋاكالىتەن قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ؛

(二)分别属于村内两个以上农民集体所有的,由村内各该集体经济组织或者村民小组依法代表集体行使所有权;

( 2 ) كەنتتىكى ئىككىدىن ئارتۇق دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كەنتتىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى كوللېكتىپقا ۋاكالىتەن قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ؛

(三)属于乡镇农民集体所有的,由乡镇集体经济组织代表集体行使所有权。

( 3 ) يېزا-بازار دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېزا-بازار كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى كوللېكتىپقا ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

第二百六十三条 城镇集体所有的不动产和动产,依照法律、行政法规的规定由本集体享有占有、使用、收益和处分的权利。

263-ماددا بۇ كوللېكتىپ شەھەر-بازاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第二百六十四条 农村集体经济组织或者村民委员会、村民小组应当依照法律、行政法规以及章程、村规民约向本集体成员公布集体财产的状况。集体成员有权查阅、复制相关资料。

264-ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدە ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، شۇ كوللېكتىپ ئەزالىرىغا كوللېكتىپ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. كوللېكتىپ ئەزالىرى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第二百六十五条 集体所有的财产受法律保护,禁止任何组织或者个人侵占、哄抢、私分、破坏。

265-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

农村集体经济组织、村民委员会或者其负责人作出的决定侵害集体成员合法权益的,受侵害的集体成员可以请求人民法院予以撤销。

يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى ئۇنىڭ مەسئۇللىرى چىقارغان قارار كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغان كوللېكتىپ ئەزالىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ قارارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百六十六条 私人对其合法的收入、房屋、生活用品、生产工具、原材料等不动产和动产享有所有权。

266-ماددا شەخسلەر ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق كىرىمى، ئۆيى، تۇرمۇش بۇيۇمى، ئىشلەپچىقىرىش قورالى، خام ئەشيا-ماتېرىيالى قاتارلىق كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第二百六十七条 私人的合法财产受法律保护,禁止任何组织或者个人侵占、哄抢、破坏。

267-ماددا شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

第二百六十八条 国家、集体和私人依法可以出资设立有限责任公司、股份有限公司或者其他企业。国家、集体和私人所有的不动产或者动产投到企业的,由出资人按照约定或者出资比例享有资产收益、重大决策以及选择经营管理者等权利并履行义务。

268-ماددا دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخس قانۇن بويىچە مەبلەغ چىقىرىپ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتى ياكى باشقا كارخانىلارنى قۇرسا بولىدۇ. دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى كارخانىغا سالغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچى پۈتۈشكىنى ياكى چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە مۈلۈكتىن مەنپەئەتلىنىش، زور تەدبىرنى بەلگىلەش شۇنىڭدەك ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ ھەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

第二百六十九条 营利法人对其不动产和动产依照法律、行政法规以及章程享有占有、使用、收益和处分的权利。

269-ماددا پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلكىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

营利法人以外的法人,对其不动产和动产的权利,适用有关法律、行政法规以及章程的规定。

پايدا ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىدىن باشقا قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第二百七十条 社会团体法人、捐助法人依法所有的不动产和动产,受法律保护。

270-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第六章 业主的建筑物区分所有权

6-باب ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىمارەتنى پەرقلەندۈرۈش ئىگىدارلىق ھوقۇقى

第二百七十一条 业主对建筑物内的住宅、经营性用房等专有部分享有所有权,对专有部分以外的共有部分享有共有和共同管理的权利。

271-ماددا ئۆي ئىگىسى ئىمارەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي، تىجارەتلىك ئۆي قاتارلىقلارنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا قارىتا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

第二百七十二条 业主对其建筑物专有部分享有占有、使用、收益和处分的权利。业主行使权利不得危及建筑物的安全,不得损害其他业主的合法权益。

272-ماددا ئۆي ئىگىسى ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆي ئىگىلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئىمارەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، باشقا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第二百七十三条 业主对建筑物专有部分以外的共有部分,享有权利,承担义务;不得以放弃权利为由不履行义务。

273-ماددا ئۆي ئىگىسى ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھوقۇقتىن ۋاز كەچتىم دەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ.

业主转让建筑物内的住宅、经营性用房,其对共有部分享有的共有和共同管理的权利一并转让。

ئۆي ئىگىسى ئىمارەتتىكى تۇرالغۇ ئۆيى، تىجارەتلىك ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.

第二百七十四条 建筑区划内的道路,属于业主共有,但是属于城镇公共道路的除外。建筑区划内的绿地,属于业主共有,但是属于城镇公共绿地或者明示属于个人的除外。建筑区划内的其他公共场所、公用设施和物业服务用房,属于业主共有。

274-ماددا ئىمارەت رايونىدىكى يوللار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن شەھەر-بازارلاردىكى ئاممىۋى يول ھېسابلىنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى يېشىللىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن شەھەر-بازارلاردىكى ئاممىۋى يېشىللىق ياكى شەخسلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى باشقا ئاممىۋى سورۇن، ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت ئۆيى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百七十五条 建筑区划内,规划用于停放汽车的车位、车库的归属,由当事人通过出售、附赠或者出租等方式约定。

275-ماددا ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، گاراژلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئالاقىدارلار سېتىپ بېرىش، قوشۇپ بېرىش ياكى ئىجارىگە بېرىش ئۇسۇللىرى بىلەن پۈتۈشىدۇ.

占用业主共有的道路或者其他场地用于停放汽车的车位,属于业主共有。

ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى يولنى ياكى باشقا يەرنى ئىگىلىگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百七十六条 建筑区划内,规划用于停放汽车的车位、车库应当首先满足业主的需要。

276-ماددا ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، گاراژلارنى پىلانلاشتا، ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

第二百七十七条 业主可以设立业主大会,选举业主委员会。业主大会、业主委员会成立的具体条件和程序,依照法律、法规的规定。

277-ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقسا بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇشنىڭ كونكرېت شەرتلىرى ۋە تەرتىپى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

地方人民政府有关部门、居民委员会应当对设立业主大会和选举业主委员会给予指导和协助。

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى قۇرۇش ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

第二百七十八条 下列事项由业主共同决定:

278-ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق قارار قىلىدۇ :

(一)制定和修改业主大会议事规则;

( 1 ) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

(二)制定和修改管理规约;

( 2 ) باشقۇرۇش قائىدىسى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

(三)选举业主委员会或者更换业主委员会成员;

( 3 ) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاش ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش؛

(四)选聘和解聘物业服务企业或者其他管理人;

( 4 ) خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛

(五)使用建筑物及其附属设施的维修资金;

( 5 ) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش؛

(六)筹集建筑物及其附属设施的维修资金;

( 6 ) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى غەملەش؛

(七)改建、重建建筑物及其附属设施;

( 7 ) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە قايتىدىن سېلىش؛

(八)改变共有部分的用途或者利用共有部分从事经营活动;

( 8 ) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىمنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىمدىن پايدىلىنىپ تىجارەت پائالىيىتى قىلىش؛

(九)有关共有和共同管理权利的其他重大事项。

( 9 ) ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دائىر باشقا چوڭ-چوڭ ئىشلار.

业主共同决定事项,应当由专有部分面积占比三分之二以上的业主且人数占比三分之二以上的业主参与表决。决定前款第六项至第八项规定的事项,应当经参与表决专有部分面积四分之三以上的业主且参与表决人数四分之三以上的业主同意。决定前款其他事项,应当经参与表决专有部分面积过半数的业主且参与表决人数过半数的业主同意。

ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق قارار قىلىدىغان ئىشلارنى قارار قىلىشقا خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 3 تىن 2 قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ھەمدە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ 3 تىن 2 قىسىمدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆي ئىگىلىرى قاتنىشىشى كېرەك. ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 6 ) تارماقچىسىدىن ( 8 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئاۋازغا قويۇشقا قاتناشقان خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى كۆلىمىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكى ئۆي ئىگىلىرى ھەمدە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىسىدىن كۆپرەكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ئالدىنقى تارماقتىكى باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئۆي ئىگىلىرى ھەمدە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

第二百七十九条 业主不得违反法律、法规以及管理规约,将住宅改变为经营性用房。业主将住宅改变为经营性用房的,除遵守法律、法规以及管理规约外,应当经有利害关系的业主一致同意。

279-ماددا ئۆي ئىگىسى قانۇن-نىزاملارغا شۇنىڭدەك باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆينى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتىۋەتسە بولمايدۇ. ئۆي ئىگىلىرى تۇرالغۇ ئۆينى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتىشتە، قانۇن-نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئەمەل قىلغاندىن سىرت، پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

第二百八十条 业主大会或者业主委员会的决定,对业主具有法律约束力。

280-ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىگە نىسبەتەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

业主大会或者业主委员会作出的决定侵害业主合法权益的,受侵害的业主可以请求人民法院予以撤销。

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二百八十一条 建筑物及其附属设施的维修资金,属于业主共有。经业主共同决定,可以用于电梯、屋顶、外墙、无障碍设施等共有部分的维修、更新和改造。建筑物及其附属设施的维修资金的筹集、使用情况应当定期公布。

281-ماددا ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. ئۇنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن، لىفىت، ئۆگزە، سىرتقى تام، توسالغۇسىز ئەسلىھە قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنى رېمونت قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى غەملەش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش كېرەك.

紧急情况下需要维修建筑物及其附属设施的,业主大会或者业主委员会可以依法申请使用建筑物及其附属设施的维修资金。

جىددىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ تارماق ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第二百八十二条 建设单位、物业服务企业或者其他管理人等利用业主的共有部分产生的收入,在扣除合理成本之后,属于业主共有。

282-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىدىن پايدىلىنىپ قىلغان كىرىمنىڭ مۇۋاپىق تەننەرخىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىنكى قىسىمى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

第二百八十三条 建筑物及其附属设施的费用分摊、收益分配等事项,有约定的,按照约定;没有约定或者约定不明确的,按照业主专有部分面积所占比例确定。

283-ماددا ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ خىراجىتىنى چېچىش، پايدىسىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشۈلگەن بولسا، پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خاس ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىنىڭ كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

第二百八十四条 业主可以自行管理建筑物及其附属设施,也可以委托物业服务企业或者其他管理人管理。

284-ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئىمارەتنى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرسىمۇ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىغا باشقۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

对建设单位聘请的物业服务企业或者其他管理人,业主有权依法更换。

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلارنى ئۆي ئىگىلىرى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

第二百八十五条 物业服务企业或者其他管理人根据业主的委托,依照本法第三编有关物业服务合同的规定管理建筑区划内的建筑物及其附属设施,接受业主的监督,并及时答复业主对物业服务情况提出的询问。

285-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، مۇشۇ قانۇننىڭ 3-قىسمىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدۇ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىدۇ.

物业服务企业或者其他管理人应当执行政府依法实施的应急处置措施和其他管理措施,积极配合开展相关工作。

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ۋە باشقا باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلىشىشى كېرەك.

第二百八十六条 业主应当遵守法律、法规以及管理规约,相关行为应当符合节约资源、保护生态环境的要求。对于物业服务企业或者其他管理人执行政府依法实施的应急处置措施和其他管理措施,业主应当依法予以配合。

286-ماددا ئۆي ئىگىسى قانۇن-نىزاملارغا شۇنىڭدەك باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك ھەرىكىتى بايلىق تېجەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ۋە باشقا باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشىغا ئۆي ئىگىلىرى قانۇن بويىچە ماسلىشىشى كېرەك.

业主大会或者业主委员会,对任意弃置垃圾、排放污染物或者噪声、违反规定饲养动物、违章搭建、侵占通道、拒付物业费等损害他人合法权益的行为,有权依照法律、法规以及管理规约,请求行为人停止侵害、排除妨碍、消除危险、恢复原状、赔偿损失。

ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تۆكۈش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ياكى شاۋقۇن چىقىرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھايۋانات بېقىش، قائىدىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، يولنى ئىگىلىۋېلىش، خوجىلىق خىراجىتىنى تاپشۇرماسلىق قاتارلىق باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى سادىر بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قانۇن-نىزاملار شۇنىڭدەك باشقۇرۇش قائىدىسىگە بىنائەن، قىلمىشچىدىن زىياننى توختىتىش، توسالغۇنى يوقىتىش، خەۋپنى تۈگىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش، زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا.

业主或者其他行为人拒不履行相关义务的,有关当事人可以向有关行政主管部门报告或者投诉,有关行政主管部门应当依法处理。

قىلمىشچى ئالاقىدار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第二百八十七条 业主对建设单位、物业服务企业或者其他管理人以及其他业主侵害自己合法权益的行为,有权请求其承担民事责任。

287-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلار شۇنىڭدەك باشقا ئۆي ئىگىلىرى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان قىلمىش سادىر قىلغاندا، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第七章 相邻关系

7-باب قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى

第二百八十八条 不动产的相邻权利人应当按照有利生产、方便生活、团结互助、公平合理的原则,正确处理相邻关系。

288-ماددا كۆچمەس مۈلۈكتىكى قوشنا ھوقۇقدار قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولۇش، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئادىل-مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第二百八十九条 法律、法规对处理相邻关系有规定的,依照其规定;法律、法规没有规定的,可以按照当地习惯。

289-ماددا قانۇن-نىزاملاردا قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنمىگەنلىرى شۇ جاينىڭ ئادىتى بويىچە بولسا بولىدۇ.

第二百九十条 不动产权利人应当为相邻权利人用水、排水提供必要的便利。

290-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى قوشنا ھوقۇقدارنىڭ سۇ ئىشلىتىش، سۇ چىقىرىۋېتىشىگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

对自然流水的利用,应当在不动产的相邻权利人之间合理分配。对自然流水的排放,应当尊重自然流向。

تەبىئىي ئېقىن سۇنى ئىشلىتىشتە، كۆچمەس مۈلۈكتىكى قوشنا ھوقۇقدارلار مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشى كېرەك. تەبىئىي ئېقىن سۇنى قويۇپ بېرىشتە، تەبىئىي ئېقىش يۆنىلىشىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

第二百九十一条 不动产权利人对相邻权利人因通行等必须利用其土地的,应当提供必要的便利。

291-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى قوشنا ھوقۇقدارنىڭ ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۆز يېرىدىن پايدىلىنىشىغا زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第二百九十二条 不动产权利人因建造、修缮建筑物以及铺设电线、电缆、水管、暖气和燃气管线等必须利用相邻土地、建筑物的,该土地、建筑物的权利人应当提供必要的便利。

292-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى ئىمارەت سېلىش، رېمونت قىلىش شۇنىڭدەك توك سىمى، كابېل، سۇ تۇرۇبىسى، پار تۇرۇبىسى ۋە گاز تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنى تارتىش-ياتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن، قوشنا يەر ۋە قوشنا ئىمارەتتىن پايدىلىنىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، شۇ يەر ۋە ئىمارەتنىڭ ئىگىسى زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

第二百九十三条 建造建筑物,不得违反国家有关工程建设标准,不得妨碍相邻建筑物的通风、采光和日照。

233-ماددا ئىمارەت سېلىشتا، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئالاقىدار ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشنا ئىمارەتكە ئۆتۈشىدىغان ھاۋانى، چۈشىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئاپتاپنى توسۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

第二百九十四条 不动产权利人不得违反国家规定弃置固体废物,排放大气污染物、水污染物、土壤污染物、噪声、光辐射、电磁辐射等有害物质。

294-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇق تاشلىسا، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى، تۇپراق بۇلغىمىسى، شاۋقۇن، نۇر رادىياتسىيەسى، ئېلېكتر ماگنىت رادىياتسىيەسى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ.

第二百九十五条 不动产权利人挖掘土地、建造建筑物、铺设管线以及安装设备等,不得危及相邻不动产的安全。

295-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى يەر قېزىش، ئىمارەت سېلىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش شۇنىڭدەك ئۈسكۈنە ئورنىتىش قاتارلىقلاردا، قوشنا كۆچمەس مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第二百九十六条 不动产权利人因用水、排水、通行、铺设管线等利用相邻不动产的,应当尽量避免对相邻的不动产权利人造成损害。

296-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى سۇ ئىشلىتىش، سۇ چىقىرىۋېتىش، ئۆتۈش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن قوشنا كۆچمەس مۈلۈكتىن پايدىلىنىشتا، قوشنا كۆچمەس مۈلۈك ئىگىسىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك.

第八章 共有

8-باب ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش

第二百九十七条 不动产或者动产可以由两个以上组织、个人共有。共有包括按份共有和共同共有。

297-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە ئىككىدىن ئارتۇق تەشكىلات، شەخس ئورتاق ئىگىدارلىق قىلسا بولىدۇ. ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第二百九十八条 按份共有人对共有的不动产或者动产按照其份额享有所有权。

298-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە ئۆزىنىڭ ئۈلۈشى بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدۇ.

第二百九十九条 共同共有人对共有的不动产或者动产共同享有所有权。

299-ماددا بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە بىرلىكتە ئىگىدارلىق قىلىدۇ.

第三百条 共有人按照约定管理共有的不动产或者动产;没有约定或者约定不明确的,各共有人都有管理的权利和义务。

3-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى پۈتۈم بويىچە باشقۇرىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

第三百零一条 处分共有的不动产或者动产以及对共有的不动产或者动产作重大修缮、变更性质或者用途的,应当经占份额三分之二以上的按份共有人或者全体共同共有人同意,但是共有人之间另有约定的除外。

301-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا شۇنىڭدەك ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مۈلۈكياكى كۆچمە مۈلۈكنى چوڭ رېمونت قىلىشتا، خاراكتېرى ياكى ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشتە، ئۈلۈشى 3 تىن 2 قىسىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ياكى بارلىق بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百零二条 共有人对共有物的管理费用以及其他负担,有约定的,按照其约定;没有约定或者约定不明确的,按份共有人按照其份额负担,共同共有人共同负担。

302-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى نەرسىنى باشقۇرۇش خىراجىتى شۇنىڭدەك باشقا سېلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۈلۈشى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ.

第三百零三条 共有人约定不得分割共有的不动产或者动产,以维持共有关系的,应当按照约定,但是共有人有重大理由需要分割的,可以请求分割;没有约定或者约定不明确的,按份共有人可以随时请求分割,共同共有人在共有的基础丧失或者有重大理由需要分割时可以请求分割。因分割造成其他共有人损害的,应当给予赔偿。

303-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بۆلمەسلىكنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ، لېكىن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى بۆلۈش ھەققىدە مۇھىم، زور سەۋەب كۆرسىتەلىسە، بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلۈشنى خالىغان چاغدا تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق ئاساسى يوقالغاندا ياكى بۆلۈش ھەققىدە مۇھىم سەۋەب كۆرسىتىپ، بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۆلۈش سەۋەبىدىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارغا زىيان يەتسە، تۆلەم بېرىش كېرەك.

第三百零四条 共有人可以协商确定分割方式。达不成协议,共有的不动产或者动产可以分割且不会因分割减损价值的,应当对实物予以分割;难以分割或者因分割会减损价值的,应当对折价或者拍卖、变卖取得的价款予以分割。

304-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلۈش ئۇسۇلىنى كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. كېلىشەلمىگەندە، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بۆلگىلى بولسا ھەمدە بۆلگەندە قىممىتى چۈشۈپ كەتمىسە، ئەمەلىي نەرسىنى بۆلۈش كېرەك؛ بۆلگىلى بولمىسا ياكى بۆلگەندە قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ ئېرىشكەن پۇلنى بۆلۈش كېرەك.

共有人分割所得的不动产或者动产有瑕疵的,其他共有人应当分担损失。

ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلگەندە ئېرىشكەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتە نۇقسان بولسا، باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第三百零五条 按份共有人可以转让其享有的共有的不动产或者动产份额。其他共有人在同等条件下享有优先购买的权利。

305-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第三百零六条 按份共有人转让其享有的共有的不动产或者动产份额的,应当将转让条件及时通知其他共有人。其他共有人应当在合理期限内行使优先购买权。

306-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىش شەرتىنى باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ئىشلىتىشى كېرەك.

两个以上其他共有人主张行使优先购买权的,协商确定各自的购买比例;协商不成的,按照转让时各自的共有份额比例行使优先购买权。

ئىككىدىن ئارتۇق باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، ھەر قايسىسى سېتىۋالىدىغان نىسبەتنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، ئۆتۈنۈپ بەرگەن چاغدىكى ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈشى بويىچە ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

第三百零七条 因共有的不动产或者动产产生的债权债务,在对外关系上,共有人享有连带债权、承担连带债务,但是法律另有规定或者第三人知道共有人不具有连带债权债务关系的除外;在共有人内部关系上,除共有人另有约定外,按份共有人按照份额享有债权、承担债务,共同共有人共同享有债权、承担债务。偿还债务超过自己应当承担份额的按份共有人,有权向其他共有人追偿。

307-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن پەيدا بولغان ھەقدارلىق-قەرزدارلىقتا، تاشقى مۇناسىۋەتتە، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، چاتما قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ چاتما ھەقدارلىق-ھەقدارلىق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى 3-كىشى بىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۈلۈشى بويىچە ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ھەقدارلىقتىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ. قايتۇرغان قەرزى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百零八条 共有人对共有的不动产或者动产没有约定为按份共有或者共同共有,或者约定不明确的,除共有人具有家庭关系等外,视为按份共有。

308-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ياكى بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋىتى بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق مۈلۈك بار دەپ قارىلىدۇ.

第三百零九条 按份共有人对共有的不动产或者动产享有的份额,没有约定或者约定不明确的,按照出资额确定;不能确定出资额的,视为等额享有。

309-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئۈلۈشىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈشى چىقارغان مەبلەغ سوممىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ چىقارغان مەبلەغ نورمىسىنى بېكىتكىلى بولمىسا، تەڭ سوممىلىق بەھرىمەن بولدى دەپ قارىلىدۇ.

第三百一十条 两个以上组织、个人共同享有用益物权、担保物权的,参照适用本章的有关规定。

310-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەشكىلات، شەخسنىڭ پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第九章 所有权取得的特别规定

9-باب ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە

第三百一十一条 无处分权人将不动产或者动产转让给受让人的,所有权人有权追回;除法律另有规定外,符合下列情形的,受让人取得该不动产或者动产的所有权:

311-ماددا بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈلگۈچىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا چۈشىدىغان ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ :

(一)受让人受让该不动产或者动产时是善意;

( 1 ) شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈلگۈچى ياخشى نىيەتتە قوبۇل قىلغان بولسا؛

(二)以合理的价格转让;

( 2 ) مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(三)转让的不动产或者动产依照法律规定应当登记的已经登记,不需要登记的已经交付给受让人。

( 3 ) ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاشقا تېگىشلىكلىرى تىزىملانغان، تىزىملاشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرى ئۆتۈنۈلگۈچىگە بېرىلگەن بولسا؛

受让人依据前款规定取得不动产或者动产的所有权的,原所有权人有权向无处分权人请求损害赔偿。

ئۆتۈنۈلگۈچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ئەسلىي ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

当事人善意取得其他物权的,参照适用前两款规定。

ئالاقىدارلار باشقا نەرسە ھوقۇقلىرىغا ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشمەكچى بولسا، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第三百一十二条 所有权人或者其他权利人有权追回遗失物。该遗失物通过转让被他人占有的,权利人有权向无处分权人请求损害赔偿,或者自知道或者应当知道受让人之日起二年内向受让人请求返还原物;但是,受让人通过拍卖或者向具有经营资格的经营者购得该遗失物的,权利人请求返还原物时应当支付受让人所付的费用。权利人向受让人支付所付费用后,有权向无处分权人追偿。

312-ماددا ئىگىدار ياكى باشقا ھوقۇقدارلار يىتكەن نەرسىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. يىتكەن شۇ نەرسە ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ھوقۇقدار بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى ئۆتۈنۈلگۈچىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە ئۆتۈنۈلغۇچىدىن ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ لېكىن، يىتكەن شۇ نەرسىنى ئۆتۈنۈلگۈچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ياكى تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە تىجارەتچىدىن سېتىۋالغان بولسا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ تۆلىگەن پۇلىنى بېرىشى كېرەك. ھوقۇقدار ئۆتۈنۈلگۈچىدىن تۆلىگەن پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百一十三条 善意受让人取得动产后,该动产上的原有权利消灭。但是,善意受让人在受让时知道或者应当知道该权利的除外。

313-ماددا ياخشى نىيەتلىك ئۆتۈنۈلگۈچى كۆچمە مۈلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئەسلىي ھوقۇقى يوقىلىدۇ. لېكىن، ياخشى نىيەتلىك ئۆتۈنۈلگۈچىلەردىن قوبۇل قىلىنغاندا شۇ ھوقۇقنى بىلگەنلىرى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百一十四条 拾得遗失物,应当返还权利人。拾得人应当及时通知权利人领取,或者送交公安等有关部门。

يىتكەن نەرسىنى تېپىۋالغانلار ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. تېپىۋالغۇچى ئىگىسىگە ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

第三百一十五条 有关部门收到遗失物,知道权利人的,应当及时通知其领取;不知道的,应当及时发布招领公告。

315-ماددا ئالاقىدار تارماق يىتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسىنى بىلسە، نەرسىنى ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ بىلمىسە، ۋاقتىدا ئىگىسىنى چاقىرىش ئېلانى چىقىرىش كېرەك.

第三百一十六条 拾得人在遗失物送交有关部门前,有关部门在遗失物被领取前,应当妥善保管遗失物。因故意或者重大过失致使遗失物毁损、灭失的,应当承担民事责任。

316-ماددا تېپىۋالغۇچى يىتكەن نەرسىنى ئالاقىدار تارماققا تاپشۇرۇپ بەرگۈچە، ئالاقىدار تارماق يىتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسى چىققۇچە ئوبدان ساقلىشى كېرەك. قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن، يىتكەن نەرسىنى بۇزۇۋەتكەن، يوقىتىۋەتكەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第三百一十七条 权利人领取遗失物时,应当向拾得人或者有关部门支付保管遗失物等支出的必要费用。

317-ماددا ھوقۇقدار يىتكەن نەرسىنى ئېلىۋېلىشتا، تېپىۋالغۇچىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماققا يىتكەن نەرسىنى ساقلاش قاتارلىقلارغا كەتكەن زۆرۈر چىقىمنى تۆلىشى كېرەك.

权利人悬赏寻找遗失物的,领取遗失物时应当按照承诺履行义务。

ھوقۇقدار يىتكەن نەرسىنى تېپىۋالغۇچىلارغا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ۋەدىسى بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

拾得人侵占遗失物的,无权请求保管遗失物等支出的费用,也无权请求权利人按照承诺履行义务。

تېپىۋالغۇچى يىتكەن نەرسىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى ساقلاش چىقىمى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ھوقۇقداردىن ۋەدىسى بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.

第三百一十八条 遗失物自发布招领公告之日起一年内无人认领的,归国家所有。

318-ماددا يىتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسىنى تېپىش ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىگىسى چىقمىسا، دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ.

第三百一十九条 拾得漂流物、发现埋藏物或者隐藏物的,参照适用拾得遗失物的有关规定。法律另有规定的,依照其规定。

319-ماددا لەيلىمىلەر، كۆمۈلمىلەر ياكى يوشۇرۇلمىلار تېپىۋېلىنغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى تېپىۋېلىشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第三百二十条 主物转让的,从物随主物转让,但是当事人另有约定的除外。

320-ماددا ئاساسىي نەرسە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، قوشۇمچە نەرسە ئاساسىي نەرسە بىلەن بىللە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百二十一条 天然孳息,由所有权人取得;既有所有权人又有用益物权人的,由用益物权人取得。当事人另有约定的,按照其约定。

321-ماددا تەبىئىي تۇغۇندىغا ئىگىدار ئېرىشىدۇ؛ ھەم ئىگىدارى ھەم نەرسىدىن پايدىلانغۇچىسى بار بولسا، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ئېرىشىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

法定孳息,当事人有约定的,按照约定取得;没有约定或者约定不明确的,按照交易习惯取得。

ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندى ئۈستىدە پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە ئېرىشىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، سودا ئادىتى بويىچە ئېرىشىدۇ.

第三百二十二条 因加工、附合、混合而产生的物的归属,有约定的,按照约定;没有约定或者约定不明确的,依照法律规定;法律没有规定的,按照充分发挥物的效用以及保护无过错当事人的原则确定。因一方当事人的过错或者确定物的归属造成另一方当事人损害的,应当给予赔偿或者补偿。

3-ماددا پىششىقلاش، بىرىكتۈرۈش، ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن نەرسىنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە پۈتۈشۈلگەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بولسا، نەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە خاتالىقى يوق ئالاقىدارنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ. بىر تەرەپنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ياكى نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىش سەۋەبىدىن يەنە بىر تەرەپ زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم ياكى تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

第三分编 用益物权

3-بۆلۈپ پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى

第十章 一般规定

10-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第三百二十三条 用益物权人对他人所有的不动产或者动产,依法享有占有、使用和收益的权利。

23-ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچى باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第三百二十四条 国家所有或者国家所有由集体使用以及法律规定属于集体所有的自然资源,组织、个人依法可以占有、使用和收益。

324-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىدىغان ياكى دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان، شۇنىڭدەك قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەبىئىي بايلىقنى تەشكىلات، شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىگىلىسە، ئىشلەتسە ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ.

第三百二十五条 国家实行自然资源有偿使用制度,但是法律另有规定的除外。

325-ماددا دۆلەت تەبىئىي بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百二十六条 用益物权人行使权利,应当遵守法律有关保护和合理开发利用资源、保护生态环境的规定。所有权人不得干涉用益物权人行使权利。

326-ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنلاردىكى بايلىقنى ئاسراش ۋە مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىگىدار نەرسىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ئارىلاشسا بولمايدۇ.

第三百二十七条 因不动产或者动产被征收、征用致使用益物权消灭或者影响用益物权行使的,用益物权人有权依据本法第二百四十三条、第二百四十五条的规定获得相应补偿。

327-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى يوقالسا ياكى پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە تەسىر يەتسە، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 243-، 245-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百二十八条 依法取得的海域使用权受法律保护。

328-ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第三百二十九条 依法取得的探矿权、采矿权、取水权和使用水域、滩涂从事养殖、捕捞的权利受法律保护。

329-ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى، سۇ ئېلىش ھوقۇقى، سۇ ۋە ساھىلدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق، تۇتمىچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

第十一章 土地承包经营权

11-باب يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى

第三百三十条 农村集体经济组织实行家庭承包经营为基础、统分结合的双层经营体制。

330-ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلىلەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

农民集体所有和国家所有由农民集体使用的耕地、林地、草地以及其他用于农业的土地,依法实行土地承包经营制度。

دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ دېھقانلار كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەرگە قانۇن بويىچە يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

第三百三十一条 土地承包经营权人依法对其承包经营的耕地、林地、草地等享有占有、使用和收益的权利,有权从事种植业、林业、畜牧业等农业生产。

331-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئۆزى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百三十二条 耕地的承包期为三十年。草地的承包期为三十年至五十年。林地的承包期为三十年至七十年。

332-ماددا تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ئوتلاق يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى ئوتتۇز يىلدىن ئەللىك يىلغىچە بولىدۇ. ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىلدىن 70 يىلغىچە بولىدۇ.

前款规定的承包期限届满,由土地承包经营权人依照农村土地承包的法律规定继续承包。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يېزا يەر ھۆددەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە داۋاملىق ھۆددە ئالسا بولىدۇ.

第三百三十三条 土地承包经营权自土地承包经营权合同生效时设立。

333-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى يەرنى ھۆددە ئېلىپ ئىشلىتىش ھوقۇقى توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ.

登记机构应当向土地承包经营权人发放土地承包经营权证、林权证等证书,并登记造册,确认土地承包经营权。

تىزىملىغۇچى ئاپپارات يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىغا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشى ھەمدە ئۇنى تىزىمغا ئېلىپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

第三百三十四条 土地承包经营权人依照法律规定,有权将土地承包经营权互换、转让。未经依法批准,不得将承包地用于非农建设。

334-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

第三百三十五条 土地承包经营权互换、转让的,当事人可以向登记机构申请登记;未经登记,不得对抗善意第三人。

35-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئالاقىدارلار تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第三百三十六条 承包期内发包人不得调整承包地。

36-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى تەڭشىسە بولمايدۇ.

因自然灾害严重毁损承包地等特殊情形,需要适当调整承包的耕地和草地的,应当依照农村土地承包的法律规定办理。

تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ھۆددە يەر ئېغىر زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ھۆددە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاق يېرىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، يېزا يەر ھۆددەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەڭشەش كېرەك.

第三百三十七条 承包期内发包人不得收回承包地。法律另有规定的,依照其规定。

337-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第三百三十八条 承包地被征收的,土地承包经营权人有权依据本法第二百四十三条的规定获得相应补偿。

338-ماددا ھۆددە يەر ئېلىپ ئىشلىتىلگەندە، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 243-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百三十九条 土地承包经营权人可以自主决定依法采取出租、入股或者其他方式向他人流转土地经营权。

339-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىجارىگە بېرىش، پاي قىلىپ قوشۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارغا ئوبوروت قىلىپ بېرىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ.

第三百四十条 土地经营权人有权在合同约定的期限内占有农村土地,自主开展农业生产经营并取得收益。

340-ماددا يەرنى تىجارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى توختامدا پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە يېزا يېرىنى ئىگىلەپ، ئۆز ئالدىغا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ۋە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق.

第三百四十一条 流转期限为五年以上的土地经营权,自流转合同生效时设立。当事人可以向登记机构申请土地经营权登记;未经登记,不得对抗善意第三人。

341-ماددا ئوبوروت مۇددىتى بەش يىلدىن يۇقىرى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، ئوبوروت توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ. ئالاقىدارلار تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第三百四十二条 通过招标、拍卖、公开协商等方式承包农村土地,经依法登记取得权属证书的,可以依法采取出租、入股、抵押或者其他方式流转土地经营权。

342-ماددا خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن ھۆددە ئالغان، قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن يېزا يېرىنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىجارىگە بېرىش، پاي قىلىپ قوشۇش، رەنىگە قويۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبوروت قىلىشقا بولىدۇ.

第三百四十三条 国家所有的农用地实行承包经营的,参照适用本编的有关规定。

343-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا بېرىشتە، مۇشۇ قىسىمدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十二章 建设用地使用权

12-باب قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى

第三百四十四条 建设用地使用权人依法对国家所有的土地享有占有、使用和收益的权利,有权利用该土地建造建筑物、构筑物及其附属设施。

344-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق، شۇ يەرگە سېلىنغان ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百四十五条 建设用地使用权可以在土地的地表、地上或者地下分别设立。

345-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى يەر يۈزى ھوقۇقى، يەر ئۈستى ھوقۇقى ياكى يەر ئاستى ھوقۇقى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

第三百四十六条 设立建设用地使用权,应当符合节约资源、保护生态环境的要求,遵守法律、行政法规关于土地用途的规定,不得损害已经设立的用益物权。

346-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، بايلىق تېجەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك، بېكىتىلىپ بولغان پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第三百四十七条 设立建设用地使用权,可以采取出让或者划拨等方式。

347-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ھەقلىق بېرىش ياكى ئايرىپ بېرىشتەك ئۇسۇللار قوللىنىلسا بولىدۇ.

工业、商业、旅游、娱乐和商品住宅等经营性用地以及同一土地有两个以上意向用地者的,应当采取招标、拍卖等公开竞价的方式出让。

سانائەت، سودا، ساياھەتچىلىك، كۆڭۈل ئېچىش يېرى ۋە تاۋار تۇرالغۇ يېرى قاتارلىق تىجارەتلىك يەرلەرنى شۇنىڭدەك 2 دىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچى چىققان يەرلەرنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتەك ئاشكارا رىقابەتلىك باھا قويۇش يولى بىلەن بېرىش كېرەك.

严格限制以划拨方式设立建设用地使用权。

قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش يولى بىلەن بېكىتىشكە قاتتىق چەك قويۇلىدۇ.

第三百四十八条 通过招标、拍卖、协议等出让方式设立建设用地使用权的,当事人应当采用书面形式订立建设用地使用权出让合同。

48-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، كېلىشىۋېلىشتەك ھەقلىق بېرىش يولى بىلەن بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىش يازما توختامى تۈزۈشى لازىم.

建设用地使用权出让合同一般包括下列条款:

قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)当事人的名称和住所;

( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)土地界址、面积等;

( 2 ) يەرنىڭ پاسىلى، كۆلىمى قاتارلىقلار؛

(三)建筑物、构筑物及其附属设施占用的空间;

( 3 ) ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىلىگەن بوشلۇقى؛

(四)土地用途、规划条件;

( 4 ) يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، يىرىك پىلان شەرتى؛

(五)建设用地使用权期限;

( 5 ) قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى؛

(六)出让金等费用及其支付方式;

( 6 ) ھەقلىق بېرىش سوممىسى قاتارلىق خىراجەتلەر ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى؛

(七)解决争议的方法。

( 7 ) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

第三百四十九条 设立建设用地使用权的,应当向登记机构申请建设用地使用权登记。建设用地使用权自登记时设立。登记机构应当向建设用地使用权人发放权属证书。

349-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى تىزىمغا ئېلىنغاندا بېكىتىلىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات قۇرۇلۇش يېرى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك.

第三百五十条 建设用地使用权人应当合理利用土地,不得改变土地用途;需要改变土地用途的,应当依法经有关行政主管部门批准。

350-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلەتكۈچىلەر يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكى كېرەك؛ يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

第三百五十一条 建设用地使用权人应当依照法律规定以及合同约定支付出让金等费用。

351-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلەتكۈچىلەر قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھەقلىق بېرىش سوممىسى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى لازىم.

第三百五十二条 建设用地使用权人建造的建筑物、构筑物及其附属设施的所有权属于建设用地使用权人,但是有相反证据证明的除外。

352-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلەتكۈچىلەر سالغان ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىدە بولىدۇ، لېكىن قارشى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百五十三条 建设用地使用权人有权将建设用地使用权转让、互换、出资、赠与或者抵押,但是法律另有规定的除外。

353-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلەتكۈچىلەر قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھەدىيە قىلىش ياكى رەنە قويۇشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百五十四条 建设用地使用权转让、互换、出资、赠与或者抵押的,当事人应当采用书面形式订立相应的合同。使用期限由当事人约定,但是不得超过建设用地使用权的剩余期限。

354-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھەدىيە قىلىش ياكى رەنە قويۇشتا، ئالاقىدارلار مۇناسىپ يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. ئىشلىتىش مۇددىتىنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ، لېكىن قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

第三百五十五条 建设用地使用权转让、互换、出资或者赠与的,应当向登记机构申请变更登记。

355-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

第三百五十六条 建设用地使用权转让、互换、出资或者赠与的,附着于该土地上的建筑物、构筑物及其附属设施一并处分。

356-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىمۇ بىراقلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第三百五十七条 建筑物、构筑物及其附属设施转让、互换、出资或者赠与的,该建筑物、构筑物及其附属设施占用范围内的建设用地使用权一并处分。

357-ماددا ئىمارەت، ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، شۇ ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىراقلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第三百五十八条 建设用地使用权期限届满前,因公共利益需要提前收回该土地的,应当依据本法第二百四十三条的规定对该土地上的房屋以及其他不动产给予补偿,并退还相应的出让金。

358-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، بۇ يەرنى ئاممىۋى مەنپەئەت ئېھتىياجى بىلەن بالدۇر قايتۇرۇۋېلىشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 243-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ يەردىكى ئۆي ۋە باشقا كۆچمەس مۈلۈككە تولۇقلىما بېرىش ھەمدە ھەقلىق بېرىش سوممىسىنى لايىقىدا قايتۇرۇش كېرەك.

第三百五十九条 住宅建设用地使用权期限届满的,自动续期。续期费用的缴纳或者减免,依照法律、行政法规的规定办理。

359-ماددا تۇرالغۇ قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، مۇددەت ئۆزلۈكىدىن ئۇزىرايدۇ. ئۇزارتىلغان مۇددەتنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇش ياكى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

非住宅建设用地使用权期限届满后的续期,依照法律规定办理。该土地上的房屋以及其他不动产的归属,有约定的,按照约定;没有约定或者约定不明确的,依照法律、行政法规的规定办理。

تۇرالغۇ قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مۇددىتىنى ئۇزارتىش قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. شۇ يەردىكى ئۆي ۋە باشقا كۆچمەس مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكى پۈتۈشۈلگەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第三百六十条 建设用地使用权消灭的,出让人应当及时办理注销登记。登记机构应当收回权属证书。

360-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى يوقالغاندا، ھەقلىق بەرگۈچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك. تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋېلىشى كېرەك.

第三百六十一条 集体所有的土地作为建设用地的,应当依照土地管理的法律规定办理。

361-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قۇرۇلۇش يېرى قىلىپ ئىشلىتىشتە، يەر باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش كېرەك.

第十三章 宅基地使用权

13-باب ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى

第三百六十二条 宅基地使用权人依法对集体所有的土地享有占有和使用的权利,有权依法利用该土地建造住宅及其附属设施。

362-ماددا ئۆيلۈك يەر ئىشلەتكۈچىلەر كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇ يەرگە قانۇن بويىچە تۇرالغۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى سېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百六十三条 宅基地使用权的取得、行使和转让,适用土地管理的法律和国家有关规定。

363-ماددا ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ئۇنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش يەر باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

第三百六十四条 宅基地因自然灾害等原因灭失的,宅基地使用权消灭。对失去宅基地的村民,应当依法重新分配宅基地。

364-ماددا ئۆيلۈك يەر تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقالسا، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ يوقىلىدۇ. ئۆيلۈك يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان كەنت ئاھالىسىگە قايتىدىن ئۆيلۈك يەر تەقسىملەپ بېرىش كېرەك.

第三百六十五条 已经登记的宅基地使用权转让或者消灭的,应当及时办理变更登记或者注销登记。

365-ماددا تىزىملانغان ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە ياكى يوقالغاندا، تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

第十四章 居住权

14-باب ئولتۇرۇش ھوقۇقى

第三百六十六条 居住权人有权按照合同约定,对他人的住宅享有占有、使用的用益物权,以满足生活居住的需要。

366-ماددا ئولتۇرغۇچىلار ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىشتەك پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىغا ئىگە.

第三百六十七条 设立居住权,当事人应当采用书面形式订立居住权合同。

367-ماددا ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار ئولتۇرۇش ھوقۇقى يازما توختامى تۈزۈشى كېرەك.

居住权合同一般包括下列条款:

ئولتۇرۇش ھوقۇقى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)当事人的姓名或者名称和住所;

( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)住宅的位置;

( 2 ) تۇرالغۇنىڭ ئورنى؛

(三)居住的条件和要求;

( 3 ) ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ۋە تەلىپى؛

(四)居住权期限;

( 4 ) ئولتۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى؛

(五)解决争议的方法。

( 5 ) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

第三百六十八条 居住权无偿设立,但是当事人另有约定的除外。设立居住权的,应当向登记机构申请居住权登记。居住权自登记时设立。

368-ماددا ئولتۇرۇش ھوقۇقى ھەقسىز بېكىتىلىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئولتۇرۇش ھوقۇقى تىزىمغا ئېلىنغاندا بېكىتىلىدۇ.

第三百六十九条 居住权不得转让、继承。设立居住权的住宅不得出租,但是当事人另有约定的除外。

369-ماددا ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئولتۇرۇش ھوقۇقى بېكىتىلگەن تۇرالغۇنى ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百七十条 居住权期限届满或者居住权人死亡的,居住权消灭。居住权消灭的,应当及时办理注销登记。

370-ماددا ئولتۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشسا ياكى ئولتۇرغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئولتۇرۇش ھوقۇقى يوقىلىدۇ. ئولتۇرۇش ھوقۇقى يوقالغاندا، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

第三百七十一条 以遗嘱方式设立居住权的,参照适用本章的有关规定。

371-ماددا ئولتۇرۇش ھوقۇقى ۋەسىيەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن بولسا، مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第十五章 地役权

15-باب يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى

第三百七十二条 地役权人有权按照合同约定,利用他人的不动产,以提高自己的不动产的效益。

372-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە باشقىلارنىڭ كۆچمەس مۈلكىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.

前款所称他人的不动产为供役地,自己的不动产为需役地。

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان باشقىلارنىڭ كۆچمەس مۈلكى پايدىلىنىۋالىدىغان يەر، ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ئېھتىياج چۈشكەن يەردۇر.

第三百七十三条 设立地役权,当事人应当采用书面形式订立地役权合同。

373-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى يازما توختامى تۈزۈشى لازىم.

地役权合同一般包括下列条款:

يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)当事人的姓名或者名称和住所;

( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)供役地和需役地的位置;

( 2 ) پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ۋە ئېھتىياج چۈشكەن يەرنىڭ ئورنى؛

(三)利用目的和方法;

( 3 ) پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى؛

(四)地役权期限;

( 4 ) يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى؛

(五)费用及其支付方式;

( 5 ) خىراجىتى ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى؛

(六)解决争议的方法。

( 6 ) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

第三百七十四条 地役权自地役权合同生效时设立。当事人要求登记的,可以向登记机构申请地役权登记;未经登记,不得对抗善意第三人。

374-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇق توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ. ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلسا، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第三百七十五条 供役地权利人应当按照合同约定,允许地役权人利用其不动产,不得妨害地役权人行使权利。

375-ماددا پايدىلىنىۋالىدىغان يەرنىڭ ئىگىسى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە، يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىنىڭ ئۆز كۆچمەس مۈلكىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇشى، يەردىن پايدىلىنىۋېلىنغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى لازىم.

第三百七十六条 地役权人应当按照合同约定的利用目的和方法利用供役地,尽量减少对供役地权利人物权的限制。

376-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچى پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىن توختامدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى بويىچە پايدىلىنىشى، پايدىلىنىۋالىدىغان يەرنىڭ ئىگىسىنىڭ نەرسە ھوقۇقىغا چەك قويۇشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك.

第三百七十七条 地役权期限由当事人约定;但是,不得超过土地承包经营权、建设用地使用权等用益物权的剩余期限。

377-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ؛ لېكىن، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

第三百七十八条 土地所有权人享有地役权或者负担地役权的,设立土地承包经营权、宅基地使用权等用益物权时,该用益物权人继续享有或者负担已经设立的地役权。

378-ماددا يەر ئىگىسى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پايدىلانما نەرسە ھوقۇقلىرىنى بېكىتىشتە، شۇ نەرسىدىن پايدىلانغۇچى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ ياكى ئۇ ھوقۇقنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدۇ.

第三百七十九条 土地上已经设立土地承包经营权、建设用地使用权、宅基地使用权等用益物权的,未经用益物权人同意,土地所有权人不得设立地役权。

379-ماددا يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پايدىلانما نەرسە ھوقۇقلىرى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، نەرسىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنمىغان بولسا، يەر ئىگىسى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى بېكىتسە بولمايدۇ.

第三百八十条 地役权不得单独转让。土地承包经营权、建设用地使用权等转让的,地役权一并转让,但是合同另有约定的除外。

380-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئايرىم ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百八十一条 地役权不得单独抵押。土地经营权、建设用地使用权等抵押的,在实现抵押权时,地役权一并转让。

381-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى رەنە قويۇشتا، رەنە ھوقۇقىنى ئالغاندا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.

第三百八十二条 需役地以及需役地上的土地承包经营权、建设用地使用权等部分转让时,转让部分涉及地役权的,受让人同时享有地役权。

382-ماددا ئېھتىياج چۈشكەن يەر، شۇنىڭدەك ئېھتىياج چۈشكەن يەردىكى يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان قىسمى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا چېتىلسا، ئۆتۈنۈلگۈچى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغىمۇ تەڭ ئېرىشىدۇ.

第三百八十三条 供役地以及供役地上的土地承包经营权、建设用地使用权等部分转让时,转让部分涉及地役权的,地役权对受让人具有法律约束力。

383-ماددا پايدىلىنىۋالىدىغان يەر، شۇنىڭدەك پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىكى يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان قىسمى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا چېتىلسا، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈلگۈچىگە نىسبەتەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

第三百八十四条 地役权人有下列情形之一的,供役地权利人有权解除地役权合同,地役权消灭:

384-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پايدىلىنىۋالىدىغان يەرنىڭ ئىگىسى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى يوقىتىدۇ :

(一)违反法律规定或者合同约定,滥用地役权;

( 1 ) قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى توختامدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش؛

(二)有偿利用供役地,约定的付款期限届满后在合理期限内经两次催告未支付费用。

( 2 ) پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىشتا، پۈتۈشكەن ھەق تۆلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق مۇددەتتە 2 قېتىم سۈيلىسىمۇ ھەق تۆلىمىسە.

第三百八十五条 已经登记的地役权变更、转让或者消灭的,应当及时办理变更登记或者注销登记。

385-ماددا تىزىملىتىلغان يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى يوقىتىشتا، تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

第四分编 担保物权

تۆتىنچى ئۈلۈش كېپىل نەرسە ھوقۇقى

第十六章 一般规定

16-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第三百八十六条 担保物权人在债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现担保物权的情形,依法享有就担保财产优先受偿的权利,但是法律另有规定的除外。

386-ماددا نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچى قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كېپىللىك مال-مۈلكىدىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三百八十七条 债权人在借贷、买卖等民事活动中,为保障实现其债权,需要担保的,可以依照本法和其他法律的规定设立担保物权。

387-ماددا ھەقدار ئېلىم-بېرىم، ئېلىم-سېتىم قاتارلىق ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدە، ھەقدارلىقنى ئېلىش ئۈچۈن كېپىللىك بېرىشكە توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ.

第三人为债务人向债权人提供担保的,可以要求债务人提供反担保。反担保适用本法和其他法律的规定。

3-كىشى قەرزدار ئۈچۈن ھەقدارغا كېپىللىك بېرىشتە، قەرزداردىن قارشى كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قارشى كېپىللىككە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第三百八十八条 设立担保物权,应当依照本法和其他法律的规定订立担保合同。担保合同包括抵押合同、质押合同和其他具有担保功能的合同。担保合同是主债权债务合同的从合同。主债权债务合同无效的,担保合同无效,但是法律另有规定的除外。

388-ماددا كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كېپىللىك توختامى تۈزۈش كېرەك. كېپىللىك توختامى رەنە توختامى، گۆرۈ توختامى ۋە كېپىللىك ئىقتىدارى بولغان باشقا توختاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېپىللىك توختامى ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامىنىڭ بېقىندى توختامىدۇر. ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامى ئىناۋەتسىز بولسا، كېپىللىك توختامىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

担保合同被确认无效后,债务人、担保人、债权人有过错的,应当根据其过错各自承担相应的民事责任。

كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خاتالىقى بولغان قەرزدار، كېپىل ۋە ھەقدار خاتالىقىغا قاراپ مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第三百八十九条 担保物权的担保范围包括主债权及其利息、违约金、损害赔偿金、保管担保财产和实现担保物权的费用。当事人另有约定的,按照其约定。

389-ماددا كېپىل نەرسە ھوقۇقىنىڭ كېپىللىك دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىق ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى، خىلاپلىق پۇلى، زىيان تۆلەم پۇلى، كېپىللىك مال-مۈلكىنى ساقلاش ۋە كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئېلىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第三百九十条 担保期间,担保财产毁损、灭失或者被征收等,担保物权人可以就获得的保险金、赔偿金或者补偿金等优先受偿。被担保债权的履行期限未届满的,也可以提存该保险金、赔偿金或者补偿金等。

390-ماددا كېپىللىك مەزگىلىدە، كېپىللىك مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچراش، يوقاپ كېتىش ياكى ئېلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچى ئېرىشكەن سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى ئاۋۋال تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. كېپىللىك قىلىنغان ھەقدارلىقنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشمىغان بولسا، شۇ سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇل قاتارلىقلارنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ.

第三百九十一条 第三人提供担保,未经其书面同意,债权人允许债务人转移全部或者部分债务的,担保人不再承担相应的担保责任。

391-ماددا 3-كىشى كېپىللىك بېرىشتە، ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە ئۆزىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، كېپىللىك مۇناسىپ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第三百九十二条 被担保的债权既有物的担保又有人的担保的,债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现担保物权的情形,债权人应当按照约定实现债权;没有约定或者约定不明确,债务人自己提供物的担保的,债权人应当先就该物的担保实现债权;第三人提供物的担保的,债权人可以就物的担保实现债权,也可以请求保证人承担保证责任。提供担保的第三人承担担保责任后,有权向债务人追偿。

392-ماددا كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىققا ھەم نەرسە كېپىللىكى ھەم ئادەم كېپىللىكى بېرىلگەن بولسا، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەقدار ھەقدارلىقىغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئېرىشىشى كېرەك؛ پۈتۈشمەي ياكى ئېنىق پۈتۈشمەي، قەرزدار ئۆزى نەرسە كېپىللىكى بەرسە، ھەقدار ئاۋۋال شۇ نەرسە كېپىللىكىدە ھەقدارلىقنى ئېلىشى كېرەك؛ 3-كىشى نەرسە كېپىللىكى بەرگەن بولسا، ھەقدار نەرسە كېپىللىكى بېرىپ ھەقدارلىقنى ئالسا بولىدۇ، كاپالەتلىگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. كېپىللىك بەرگەن 3-كىشى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百九十三条 有下列情形之一的,担保物权消灭:

393-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، كېپىل نەرسە ھوقۇقى يوقىلىدۇ :

(一)主债权消灭;

( 1 ) ئاساسىي ھەقدارلىق يوقالسا؛

(二)担保物权实现;

( 2 ) كېپىل نەرسە ھوقۇقى ئېلىش؛

(三)债权人放弃担保物权;

( 3 ) ھەقدار كېپىل نەرسە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە؛

(四)法律规定担保物权消灭的其他情形。

( 4 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن كېپىل نەرسە ھوقۇقى يوقىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

第十七章 抵押权

17-باب رەنە ھوقۇقى

第一节 一般抵押权

1-پاراگراف ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقى

第三百九十四条 为担保债务的履行,债务人或者第三人不转移财产的占有,将该财产抵押给债权人的,债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现抵押权的情形,债权人有权就该财产优先受偿。

394-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى ئىگىلىگەن مال-مۈلكىنى يۆتكىمەي، شۇ مال-مۈلۈكنى ھەقدارغا رەنە قويغان بولسا، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار شۇ مال-مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

前款规定的债务人或者第三人为抵押人,债权人为抵押权人,提供担保的财产为抵押财产。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3-كىشى رەنە قويغۇچى بولىدۇ، ھەقدار رەنە ئالغۇچى بولىدۇ، كېپىللىك بېرىلگەن مال-مۈلۈك رەنە مال-مۈلۈك بولىدۇ.

第三百九十五条 债务人或者第三人有权处分的下列财产可以抵押:

395-ماددا قەرزدار ياكى 3-كىشى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنە قويسا بولىدۇ :

(一)建筑物和其他土地附着物;

( 1 ) ئىمارەت ۋە يەردىكى باشقا قوشۇمچە نەرسىلەر؛

(二)建设用地使用权;

( 2 ) قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى؛

(三)海域使用权;

( 3 ) دېڭىز تەۋەسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى؛

(四)生产设备、原材料、半成品、产品;

( 4 ) ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ئەشيا ماتېرىيالى، يېرىم تەييار مەھسۇلات، مەھسۇلات؛

(五)正在建造的建筑物、船舶、航空器;

( 5 ) سېلىنىۋاتقان ئىمارەت، كېمە-پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى؛

(六)交通运输工具;

( 6 ) قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى؛

(七)法律、行政法规未禁止抵押的其他财产。

( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇش مەنئى قىلىنمىغان باشقا مال-مۈلۈكلەر.

抵押人可以将前款所列财产一并抵押。

رەنە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مال-مۈلۈكلەرنى بىراقلا رەنە قويسا بولىدۇ.

第三百九十六条 企业、个体工商户、农业生产经营者可以将现有的以及将有的生产设备、原材料、半成品、产品抵押,债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现抵押权的情形,债权人有权就抵押财产确定时的动产优先受偿。

396-ماددا كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ئەشيا-ماتېرىيالى، يېرىم تەييار مەھسۇلاتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى رەنە قويسا بولىدۇ، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار رەنە مال-مۈلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن چاغدىكى كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三百九十七条 以建筑物抵押的,该建筑物占用范围内的建设用地使用权一并抵押。以建设用地使用权抵押的,该土地上的建筑物一并抵押。

397-ماددا ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، شۇ ئىمارەت ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يولىلا رەنە قويۇلىدۇ. قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنە قويۇشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەتمۇ بىر يولىلا رەنە قويۇلىدۇ.

抵押人未依据前款规定一并抵押的,未抵押的财产视为一并抵押。

رەنە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر يولىلا رەنە قويمىغان بولسا، رەنە قويمىغان مال-مۈلۈك بىر يولىلا رەنىگە قويۇلدى دەپ قارىلىدۇ.

第三百九十八条 乡镇、村企业的建设用地使用权不得单独抵押。以乡镇、村企业的厂房等建筑物抵押的,其占用范围内的建设用地使用权一并抵押。

398-ماددا يېزا-بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يېزا-بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇت ئۆيى قاتارلىق ئىمارەتلىرىنى رەنە قويۇشتا، ئۇ ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يولىلا رەنە قويۇلىدۇ.

第三百九十九条 下列财产不得抵押:

399-ماددا تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ :

(一)土地所有权;

( 1 ) يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى؛

(二)宅基地、自留地、自留山等集体所有土地的使用权,但是法律规定可以抵押的除外;

( 2 ) ئۆيلۈك يەر، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇم تاغ قاتارلىق كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، لېكىن قانۇندا رەنە قويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(三)学校、幼儿园、医疗机构等为公益目的成立的非营利法人的教育设施、医疗卫生设施和其他公益设施;

( 3 ) مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، داۋالاش ئاپپاراتى قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەقسىتىدە قۇرۇلغان پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مائارىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى؛

(四)所有权、使用权不明或者有争议的财产;

( 4 ) ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان ياكى تالاش-تارتىشتا قالغان مال-مۈلۈكلەر؛

(五)依法被查封、扣押、监管的财产;

( 5 ) قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان مال-مۈلۈكلەر؛

(六)法律、行政法规规定不得抵押的其他财产。

( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مال-مۈلۈكلەر.

第四百条 设立抵押权,当事人应当采用书面形式订立抵押合同。

400-ماددا رەنە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار يازما رەنە توختامى تۈزۈشى لازىم.

抵押合同一般包括下列条款:

رەنە توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)被担保债权的种类和数额;

( 1 ) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛

(二)债务人履行债务的期限;

( 2 ) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛

(三)抵押财产的名称、数量等情况;

( 3 ) رەنە مال-مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛

(四)担保的范围。

( 4 ) كېپىللىك قىلىش دائىرىسى.

第四百零一条 抵押权人在债务履行期限届满前,与抵押人约定债务人不履行到期债务时抵押财产归债权人所有的,只能依法就抵押财产优先受偿。

401-ماددا رەنە ئالغۇچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا رەنە مال-مۈلۈك ھەقدارنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە رەنە قويغۇچى بىلەن پۈتۈشۈۋالغان بولسا، قانۇن بويىچە رەنە مال-مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشىغىلا يول قويۇلىدۇ.

第四百零二条 以本法第三百九十五条第一款第一项至第三项规定的财产或者第五项规定的正在建造的建筑物抵押的,应当办理抵押登记。抵押权自登记时设立。

402-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 395-ماددا 1-تارمىقىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىن ( 3 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈكنى ياكى ( 5 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن سېلىنىۋاتقان ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، رەنىنى تىزىملىتىش لازىم. رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلغاندا بېكىتىلىدۇ.

第四百零三条 以动产抵押的,抵押权自抵押合同生效时设立;未经登记,不得对抗善意第三人。

403-ماددا كۆچمە مۈلۈكنى رەنە قويۇشتا، رەنە ھوقۇقى رەنە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ؛ تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第四百零四条 以动产抵押的,不得对抗正常经营活动中已经支付合理价款并取得抵押财产的买受人。

404-ماددا كۆچمە مۈلۈكنى رەنە قويۇشتا، نورمال تىجارەت پائالىيىتىدە مۇۋاپىق پۇل تۆلىگەن ھەمدە رەنە مال-مۈلۈككە ئېرىشكەن سېتىۋالغۇچى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第四百零五条 抵押权设立前,抵押财产已经出租并转移占有的,原租赁关系不受该抵押权的影响。

405-ماددا رەنە ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، رەنە مال-مۈلۈك ئىجارە بېرىلگەن ھەم ئۆتكۈزۈپ ئىگىلەنگەن بولسا، ئەسلىدىكى ئىجارە مۇناسىۋىتى شۇ رەنە ھوقۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

第四百零六条 抵押期间,抵押人可以转让抵押财产。当事人另有约定的,按照其约定。抵押财产转让的,抵押权不受影响。

406-ماددا رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ. رەنە مال-مۈلۈك ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، رەنە ھوقۇقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

抵押人转让抵押财产的,应当及时通知抵押权人。抵押权人能够证明抵押财产转让可能损害抵押权的,可以请求抵押人将转让所得的价款向抵押权人提前清偿债务或者提存。转让的价款超过债权数额的部分归抵押人所有,不足部分由债务人清偿。

رەنە قويغۇچى رەنە مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، رەنە ئالغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. رەنە ئالغۇچى رەنە مال-مۈلۈك ئۆتۈنۈپ بېرىلسە رەنە ھوقۇقىغا زىيان يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، رەنە قويغۇچىدىن ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن كىرگەن پۇل بىلەن رەنە ئالغۇچىنىڭ قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈشنى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن پۇلنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.

第四百零七条 抵押权不得与债权分离而单独转让或者作为其他债权的担保。债权转让的,担保该债权的抵押权一并转让,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

407-ماددا رەنە ھوقۇقىنى ھەقدارلىقتىن ئايرىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقا ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىشقا بولمايدۇ. ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شۇ ھەقدارلىققا كېپىللىك بېرىلگەن رەنە ھوقۇقىمۇ بىر يولىلا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百零八条 抵押人的行为足以使抵押财产价值减少的,抵押权人有权请求抵押人停止其行为;抵押财产价值减少的,抵押权人有权请求恢复抵押财产的价值,或者提供与减少的价值相应的担保。抵押人不恢复抵押财产的价值,也不提供担保的,抵押权人有权请求债务人提前清偿债务。

408-ماددا رەنە قويغۇچىنىڭ ھەرىكىتى رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچىدىن ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەندە، رەنە ئالغۇچى رەنە مال-مۈلۈك قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياكى چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىگە تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. رەنە قويغۇچى رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، كېپىللىكمۇ بەرمىسە، رەنە ئالغۇچى قەرزداردىن قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第四百零九条 抵押权人可以放弃抵押权或者抵押权的顺位。抵押权人与抵押人可以协议变更抵押权顺位以及被担保的债权数额等内容。但是,抵押权的变更未经其他抵押权人书面同意的,不得对其他抵押权人产生不利影响。

409-ماددا رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىدىن ياكى رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. رەنە ئالغۇچى بىلەن رەنە قويغۇچى رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىنى شۇنىڭدەك كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىق سوممىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ. لېكىن، رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشتە باشقا رەنە ئالغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي، باشقا رەنە ئالغۇچىلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

债务人以自己的财产设定抵押,抵押权人放弃该抵押权、抵押权顺位或者变更抵押权的,其他担保人在抵押权人丧失优先受偿权益的范围内免除担保责任,但是其他担保人承诺仍然提供担保的除外。

قەرزدار مال-مۈلكىنى رەنە قويغاندا، رەنە ئالغۇچى شۇ رەنە ھوقۇقىدىن، رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىدىن ۋاز كەچسە ياكى رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى رەنە ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق-مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن باشقا كېپىللەر يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百一十条 债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现抵押权的情形,抵押权人可以与抵押人协议以抵押财产折价或者以拍卖、变卖该抵押财产所得的价款优先受偿。协议损害其他债权人利益的,其他债权人可以请求人民法院撤销该协议。

410-ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلەش ھەققىدە كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ. كېلىشىم باشقا ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، باشقا ھەقدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

抵押权人与抵押人未就抵押权实现方式达成协议的,抵押权人可以请求人民法院拍卖、变卖抵押财产。

رەنە ئالغۇچى بىلەن رەنە قويغۇچى رەنە ھوقۇقىنى ئېلىش ئۇسۇلى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان بولسا، رەنە ئالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن رەنە مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

抵押财产折价或者变卖的,应当参照市场价格。

رەنە مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.

第四百一十一条 依据本法第三百九十六条规定设定抵押的,抵押财产自下列情形之一发生时确定:

411-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 396-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەنە قويۇشتا، رەنە مال-مۈلۈك تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە بېكىتىلىدۇ :

(一)债务履行期限届满,债权未实现;

( 1 ) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ھەقدارلىقنى ئالمىغان بولسا؛

(二)抵押人被宣告破产或者解散;

( 2 ) رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان ياكى تارقىتىۋېتىلگەن بولسا؛

(三)当事人约定的实现抵押权的情形;

( 3 ) ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال؛

(四)严重影响债权实现的其他情形。

( 4 ) ھەقدارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

第四百一十二条 债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现抵押权的情形,致使抵押财产被人民法院依法扣押的,自扣押之日起,抵押权人有权收取该抵押财产的天然孳息或者法定孳息,但是抵押权人未通知应当清偿法定孳息义务人的除外。

412-ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، رەنە مال-مۈلۈكنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان بولسا، تۇتۇپ قېلىنغان كۈندىن باشلاپ، رەنە ئالغۇچى شۇ رەنە مال-مۈلۈكنىڭ تەبىئىي تۇغۇندىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن رەنە ئالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىسىنى تۆلەيدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۆتىگۈچىنى ئۇقتۇرمىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

前款规定的孳息应当先充抵收取孳息的费用。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش لازىم.

第四百一十三条 抵押财产折价或者拍卖、变卖后,其价款超过债权数额的部分归抵押人所有,不足部分由债务人清偿。

413-ماددا رەنە مال-مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.

第四百一十四条 同一财产向两个以上债权人抵押的,拍卖、变卖抵押财产所得的价款依照下列规定清偿:

414-ماددا بىر مال-مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنە قويۇلغان بولسا، رەنە مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىنىدۇ :

(一)抵押权已经登记的,按照登记的时间先后确定清偿顺序;

( 1 ) رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلغان بولسا، تۆلەش تەرتىپى تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛

(二)抵押权已经登记的先于未登记的受偿;

( 2 ) رەنە ھوقۇقىنى تىزىملاتقانلار تىزىملاتمىغانلارنىڭ ئالدىدا تۆلىتىۋالىدۇ؛

(三)抵押权未登记的,按照债权比例清偿。

( 3 ) رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا، ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ.

其他可以登记的担保物权,清偿顺序参照适用前款规定。

تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدىغان باشقا كېپىل نەرسە ھوقۇقىنىڭ تۆلەش تەرتىپى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولسا بولىدۇ.

第四百一十五条 同一财产既设立抵押权又设立质权的,拍卖、变卖该财产所得的价款按照登记、交付的时间先后确定清偿顺序。

415-ماددا بىر مال-مۈلۈككە ھەم رەنە ھوقۇقى ھەم گۆرۈ ھوقۇقى بېكىتىلگەن بولسا، شۇ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل تىزىمغا ئالدۇرغان، تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بويىچە تۆلىنىدۇ.

第四百一十六条 动产抵押担保的主债权是抵押物的价款,标的物交付后十日内办理抵押登记的,该抵押权人优先于抵押物买受人的其他担保物权人受偿,但是留置权人除外。

416-ماددا كۆچمە مۈلۈك رەنە كېپىللىكىنىڭ ئاساسىي ھەقدارلىقى رەنە بۇيۇمنىڭ باھاسى، نىشان نەرسە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە رەنىنى تىزىمغا ئالدۇرغان رەنە ئالغۇچى رەنە بۇيۇمنى سېتىۋالغان باشقا نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچىلەردىن ئاۋۋال تۆلىتىۋالىدۇ، لېكىن قالدۇرۇۋالغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百一十七条 建设用地使用权抵押后,该土地上新增的建筑物不属于抵押财产。该建设用地使用权实现抵押权时,应当将该土地上新增的建筑物与建设用地使用权一并处分。但是,新增建筑物所得的价款,抵押权人无权优先受偿。

417-ماددا قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى رەنە قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت رەنە مال-مۈلۈك ھېسابلانمايدۇ. قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقى رەنە ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت بىلەن قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يولىلا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. لېكىن، رەنە ئالغۇچىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتتىن تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى يوق.

第四百一十八条 以集体所有土地的使用权依法抵押的,实现抵押权后,未经法定程序,不得改变土地所有权的性质和土地用途。

418-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە رەنە قويۇلغان بولسا، رەنە ھوقۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

第四百一十九条 抵押权人应当在主债权诉讼时效期间行使抵押权;未行使的,人民法院不予保护。

419-ماددا رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىنى ئاساسىي ھەقدارلىق دەۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك؛ يۈرگۈزمىگەنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ.

第二节 最高额抵押权

2-پاراگراف ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى

第四百二十条 为担保债务的履行,债务人或者第三人对一定期间内将要连续发生的债权提供担保财产的,债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现抵押权的情形,抵押权人有权在最高债权额限度内就该担保财产优先受偿。

420-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى مەلۇم مۇددەتتە ئۇدا يۈز بېرىدىغان ھەقدارلىققا مال-مۈلۈك كېپىللىكى بېرىپ بولۇپ، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، رەنە ئالغۇچى شۇ كېپىللىك مال-مۈلكىدىن ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسى دائىرىسىدە ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

最高额抵押权设立前已经存在的债权,经当事人同意,可以转入最高额抵押担保的债权范围。

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن بۇرۇنقى ھەقدارلىق ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.

第四百二十一条 最高额抵押担保的债权确定前,部分债权转让的,最高额抵押权不得转让,但是当事人另有约定的除外。

421-ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى قىسمەن ھەقدارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق ئىجارە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百二十二条 最高额抵押担保的债权确定前,抵押权人与抵押人可以通过协议变更债权确定的期间、债权范围以及最高债权额。但是,变更的内容不得对其他抵押权人产生不利影响。

422-ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، رەنە ئالغۇچى بىلەن رەنە قويغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى، ھەقدارلىق دائىرىسى شۇنىڭدەك ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. لېكىن، ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇن باشقا رەنە ئالغۇچىلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ.

第四百二十三条 有下列情形之一的,抵押权人的债权确定:

423-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رەنە ئالغۇچىنىڭ ھەقدارلىقى بېكىتىلىدۇ :

(一)约定的债权确定期间届满;

( 1 ) پۈتۈشكەن ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى توشقان بولسا؛

(二)没有约定债权确定期间或者约定不明确,抵押权人或者抵押人自最高额抵押权设立之日起满二年后请求确定债权;

( 2 ) ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن، رەنە ئالغۇچى ياكى رەنە قويغۇچى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 2 يىل توشقاندىن كېيىن ھەقدارلىقنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسا؛

(三)新的债权不可能发生;

( 3 ) يېڭى ھەقدارلىق پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولمىسا؛

(四)抵押权人知道或者应当知道抵押财产被查封、扣押;

( 4 ) رەنە ئالغۇچى رەنە مال-مۈلۈكنىڭ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلگەن بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا؛

(五)债务人、抵押人被宣告破产或者解散;

( 5 ) قەرزدار، رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان ياكى تارقىتىۋېتىلگەن بولسا؛

(六)法律规定债权确定的其他情形。

( 6 ) قانۇندا ھەقدارلىقنى بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

第四百二十四条 最高额抵押权除适用本节规定外,适用本章第一节的有关规定。

424-ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十八章 质权

18-باب گۆرۈ ھوقۇقى

第一节 动产质权

1-پاراگراف كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقى

第四百二十五条 为担保债务的履行,债务人或者第三人将其动产出质给债权人占有的,债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现质权的情形,债权人有权就该动产优先受偿。

425-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكىنى ھەقدارنىڭ ئىگىلىشىگە گۆرۈ قويغان بولسا، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

前款规定的债务人或者第三人为出质人,债权人为质权人,交付的动产为质押财产。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3-كىشى گۆرۈ قويغۇچى بولىدۇ، ھەقدار گۆرۈ ئالغۇچى بولىدۇ، تاپشۇرۇلغان كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ مال-مۈلۈك بولىدۇ.

第四百二十六条 法律、行政法规禁止转让的动产不得出质。

426-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغان كۆچمە مۈلۈكنى گۆرۈ قويۇشقا بولمايدۇ.

第四百二十七条 设立质权,当事人应当采用书面形式订立质押合同。

427-ماددا گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار يازما گۆرۈ توختامى تۈزۈشى لازىم.

质押合同一般包括下列条款:

گۆرۈ توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)被担保债权的种类和数额;

( 1 ) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛

(二)债务人履行债务的期限;

( 2 ) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛

(三)质押财产的名称、数量等情况;

( 3 ) گۆرۈ مال-مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛

(四)担保的范围;

( 4 ) كېپىللىك قىلىش دائىرىسى؛

(五)质押财产交付的时间、方式。

( 5 ) گۆرۈ مال-مۈلۈكنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى.

第四百二十八条 质权人在债务履行期限届满前,与出质人约定债务人不履行到期债务时质押财产归债权人所有的,只能依法就质押财产优先受偿。

428-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا گۆرۈ مال-مۈلۈك ھەقدارنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدىغانلىقىنى پۈتۈشكەن بولسا، قانۇن بويىچە گۆرۈ مال-مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشىغىلا يول قويۇلىدۇ.

第四百二十九条 质权自出质人交付质押财产时设立。

429-ماددا گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى تاپشۇرغاندا بېكىتىلىدۇ.

第四百三十条 质权人有权收取质押财产的孳息,但是合同另有约定的除外。

430-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنىڭ تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

前款规定的孳息应当先充抵收取孳息的费用。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش لازىم.

第四百三十一条 质权人在质权存续期间,未经出质人同意,擅自使用、处分质押财产,造成出质人损害的,应当承担赔偿责任。

431-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، گۆرۈ قويغۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第四百三十二条 质权人负有妥善保管质押财产的义务;因保管不善致使质押财产毁损、灭失的,应当承担赔偿责任。

432-ماددا گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ گۆرۈ مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار؛ گۆرۈ مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلىماي زىيانغا ئۇچراتسا، يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

质权人的行为可能使质押财产毁损、灭失的,出质人可以请求质权人将质押财产提存,或者请求提前清偿债务并返还质押财产。

گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۆرۈ مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش، يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالى بولسا، گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ مال-بايلىقنى ساقلاشقا بېرىشنى تەلەپ قىلسا ياكى قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈشنى ھەمدە گۆرۈ مال-مۈلۈككە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第四百三十三条 因不可归责于质权人的事由可能使质押财产毁损或者价值明显减少,足以危害质权人权利的,质权人有权请求出质人提供相应的担保;出质人不提供的,质权人可以拍卖、变卖质押财产,并与出质人协议将拍卖、变卖所得的价款提前清偿债务或者提存。

433-ماددا جاۋابكارلىقنى گۆرۈ ئالغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن، گۆرۈ مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپ ياكى ئۇنىڭ قىممىتى كۆرۈنەرلىك چۈشۈپ كېتىپ، گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى پەيدا بولغاندا، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچىدىن مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ گۆرۈ قويغۇچى تەمىنلەپ بەرمىسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتسا، سېتىۋەتسە ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل بىلەن قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزسە ياكى ئۇنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

第四百三十四条 质权人在质权存续期间,未经出质人同意转质,造成质押财产毁损、灭失的,应当承担赔偿责任。

434-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي قايتا گۆرۈگە قويۇپ، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان، يوقىتىۋەتكەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第四百三十五条 质权人可以放弃质权。债务人以自己的财产出质,质权人放弃该质权的,其他担保人在质权人丧失优先受偿权益的范围内免除担保责任,但是其他担保人承诺仍然提供担保的除外。

435-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. قەرزدار ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى گۆرۈگە قويغاندا گۆرۈ ئالغۇچى شۇ گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى گۆرۈ ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق-مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن باشقا كېپىللەر يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百三十六条 债务人履行债务或者出质人提前清偿所担保的债权的,质权人应当返还质押财产。

436-ماددا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا ياكى گۆرۈ قويغۇچى كېپىللىك ھەقدارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.

债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的实现质权的情形,质权人可以与出质人协议以质押财产折价,也可以就拍卖、变卖质押财产所得的价款优先受偿。

قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، رەنە مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

质押财产折价或者变卖的,应当参照市场价格。

گۆرۈ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش كېرەك.

第四百三十七条 出质人可以请求质权人在债务履行期限届满后及时行使质权;质权人不行使的,出质人可以请求人民法院拍卖、变卖质押财产。

437-ماددا گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىسە، گۆرۈ قويغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن گۆرۈ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

出质人请求质权人及时行使质权,因质权人怠于行使权利造成出质人损害的,由质权人承担赔偿责任。

گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ گۆرۈ قويغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، گۆرۈ ئالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第四百三十八条 质押财产折价或者拍卖、变卖后,其价款超过债权数额的部分归出质人所有,不足部分由债务人清偿。

438-ماددا گۆرۈ مال-مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.

第四百三十九条 出质人与质权人可以协议设立最高额质权。

439-ماددا گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ.

最高额质权除适用本节有关规定外,参照适用本编第十七章第二节的有关规定。

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ قىسىمنىڭ 17-باب 2-پاراگرافىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرمۇ پايدىلىنىپ تەتبىقلىنىدۇ.

第二节 权利质权

2-پاراگراف ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقى

第四百四十条 债务人或者第三人有权处分的下列权利可以出质:

440-ماددا قەرزدار ياكى 3-كىشى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى گۆرۈ قويسا بولىدۇ :

(一)汇票、本票、支票;

( 1 ) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى؛

(二)债券、存款单;

( 2 ) زايوم، پۇل ئامانەت چېكى؛

(三)仓单、提单;

( 3 ) ئىسكىلات تالونى، تالون؛

(四)可以转让的基金份额、股权;

( 4 ) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقى؛

(五)可以转让的注册商标专用权、专利权、著作权等知识产权中的财产权;

( 5 ) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى؛

(六)现有的以及将有的应收账款;

( 6 ) ھازىر بار بولغان ۋە كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل؛

(七)法律、行政法规规定可以出质的其他财产权利。

( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا گۆرۈ قويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مال-مۈلۈك ھوقۇقى.

第四百四十一条 以汇票、本票、支票、债券、存款单、仓单、提单出质的,质权自权利凭证交付质权人时设立;没有权利凭证的,质权自办理出质登记时设立。法律另有规定的,依照其规定。

441-ماددا پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى، زايوم، پۇل ئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلارنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى ھوقۇق ئىسپاتى گۆرۈ ئالغۇچىغا تاپشۇرۇلغاندا بېكىتىلىدۇ؛ ھوقۇق ئىسپاتى بولمىسا، گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويۇشنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا بېكىتىلىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四百四十二条 汇票、本票、支票、债券、存款单、仓单、提单的兑现日期或者提货日期先于主债权到期的,质权人可以兑现或者提货,并与出质人协议将兑现的价款或者提取的货物提前清偿债务或者提存。

442-ماددا پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى، زايوم، پۇل ئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلار نەقلەشتۈرۈلىدىغان كۈن ياكى مال ئېلىنىدىغان كۈن ئاساسىي ھەقدارلىق مۇددىتى توشۇشتىن بالدۇر بولسا، گۆرۈ ئالغۇچى ئۇنى ئايرىباشلىسا ياكى مالنى ئالسا بولىدۇ ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئايرىباشلىغان پۇل ياكى ئالغان مال بىلەن قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزسە ياكى ئۇنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

第四百四十三条 以基金份额、股权出质的,质权自办理出质登记时设立。

443-ماددا فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويۇشنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا بېكىتىلىدۇ.

基金份额、股权出质后,不得转让,但是出质人与质权人协商同意的除外。出质人转让基金份额、股权所得的价款,应当向质权人提前清偿债务或者提存。

فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويغاندىن كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا تۆلەيدىغان قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.

第四百四十四条 以注册商标专用权、专利权、著作权等知识产权中的财产权出质的,质权自办理出质登记时设立。

444-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويۇشنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا بېكىتىلىدۇ.

知识产权中的财产权出质后,出质人不得转让或者许可他人使用,但是出质人与质权人协商同意的除外。出质人转让或者许可他人使用出质的知识产权中的财产权所得的价款,应当向质权人提前清偿债务或者提存。

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى گۆرۈ قويۇلغاندىن كېيىن، گۆرۈ قويغۇچى ئۇنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ، لېكىن گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ قويۇلغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا تۆلەيدىغان قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.

第四百四十五条 以应收账款出质的,质权自办理出质登记时设立。

445-ماددا ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويۇشنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا بېكىتىلىدۇ.

应收账款出质后,不得转让,但是出质人与质权人协商同意的除外。出质人转让应收账款所得的价款,应当向质权人提前清偿债务或者提存。

ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى گۆرۈ قويغاندىن كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا تۆلەيدىغان قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.

第四百四十六条 权利质权除适用本节规定外,适用本章第一节的有关规定。

446-ماددا ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十九章 留置权

19-باب قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقى

第四百四十七条 债务人不履行到期债务,债权人可以留置已经合法占有的债务人的动产,并有权就该动产优先受偿。

447-ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلەپ تۇرغان كۆچمە مۈلكىنى قالدۇرۇۋالسا بولىدۇ ھەمدە شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

前款规定的债权人为留置权人,占有的动产为留置财产。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدار قالدۇرۇۋالغۇچى بولىدۇ، ئىگىلىگەن كۆچمە مۈلۈك قالدۇرما مال-مۈلۈك بولىدۇ.

第四百四十八条 债权人留置的动产,应当与债权属于同一法律关系,但是企业之间留置的除外。

448-ماددا ھەقدار قالدۇرۇۋالغان كۆچمە مۈلۈك ھەقدارلىق بىلەن بىر قانۇن مۇناسىۋىتىدە بولۇشى لازىم، لېكىن كارخانىلار ئارا قالدۇرۇۋېلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百四十九条 法律规定或者当事人约定不得留置的动产,不得留置。

449-ماددا قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشۈلگەن كۆچمە مۈلۈكنى قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

第四百五十条 留置财产为可分物的,留置财产的价值应当相当于债务的金额。

450-ماددا قالدۇرۇۋېلىنغان مال-مۈلۈك ئايرىلىدىغان نەرسە بولسا، قالدۇرما مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى قەرز سوممىسىغا تەڭ كېلىشى لازىم.

第四百五十一条 留置权人负有妥善保管留置财产的义务;因保管不善致使留置财产毁损、灭失的,应当承担赔偿责任。

451-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچىنىڭ قالدۇرما مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار؛ قالدۇرما مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلىماي زىيانغا ئۇچراتسا، يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

第四百五十二条 留置权人有权收取留置财产的孳息。

452-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى قالدۇرما مال-مۈلۈكنىڭ تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

前款规定的孳息应当先充抵收取孳息的费用。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش لازىم.

第四百五十三条 留置权人与债务人应当约定留置财产后的债务履行期限;没有约定或者约定不明确的,留置权人应当给债务人六十日以上履行债务的期限,但是鲜活易腐等不易保管的动产除外。债务人逾期未履行的,留置权人可以与债务人协议以留置财产折价,也可以就拍卖、变卖留置财产所得的价款优先受偿。

453-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى بىلەن قەرزدار مال-مۈلۈكنى قالدۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشى كېرەك؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن 60 كۈندىن ئارتۇق مۇددەت بېرىشى لازىم، لېكىن يېڭى، تىرىك، سېسىپ قالىدىغان نەرسە قاتارلىق ساقلاش تەس كۆچمە مۈلۈك بۇنىڭ سىرتىدا. قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، قالدۇرۇۋېلىنغان مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، قالدۇرما مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

留置财产折价或者变卖的,应当参照市场价格。

قالدۇرما مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.

第四百五十四条 债务人可以请求留置权人在债务履行期限届满后行使留置权;留置权人不行使的,债务人可以请求人民法院拍卖、变卖留置财产。

454-ماددا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قالدۇرۇۋالغۇچىدىن قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ قالدۇرۇۋالغۇچى يۈرگۈزمىسە، قەرزدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قالدۇرما مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第四百五十五条 留置财产折价或者拍卖、变卖后,其价款超过债权数额的部分归债务人所有,不足部分由债务人清偿。

455-ماددا قالدۇرما مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان، سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى قەرزدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.

第四百五十六条 同一动产上已经设立抵押权或者质权,该动产又被留置的,留置权人优先受偿。

456-ماددا رەنە ھوقۇقى ياكى گۆرۈ ھوقۇقى بېكىتىلگەن بىر كۆچمە مۈلۈكتە شۇ كۆچمە مۈلۈك قالدۇرۇۋېلىنغان بولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى ئاۋۋال تۆلىتىۋالىدۇ.

第四百五十七条 留置权人对留置财产丧失占有或者留置权人接受债务人另行提供担保的,留置权消灭。

457-ماددا قالدۇرما مال-مۈلۈكنى ئىگىلەش ھوقۇقىنى يوقاتقان ياكى قەرزدار ئايرىم بەرگەن كېپىللىكنى قوبۇل قىلغان قالدۇرۇۋالغۇچىنىڭ قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

第五分编 占有

بەشىنچى قىسىمنى بۆلۈپ ئىگىلەش

第二十章 占有

20-باب ئىگىلىۋېلىش

第四百五十八条 基于合同关系等产生的占有,有关不动产或者动产的使用、收益、违约责任等,按照合同约定;合同没有约定或者约定不明确的,依照有关法律规定。

458-ماددا توختام مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ئىگىلەشتە، ئالاقىدار كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىقلار توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ؛ توختامدا پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四百五十九条 占有人因使用占有的不动产或者动产,致使该不动产或者动产受到损害的,恶意占有人应当承担赔偿责任。

459-ماددا ئىگىلىگۈچى ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىپ، شۇ كۆچمەس مۈلۈك يا كۆچمە مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第四百六十条 不动产或者动产被占有人占有的,权利人可以请求返还原物及其孳息;但是,应当支付善意占有人因维护该不动产或者动产支出的必要费用。

460-ماددا ئىگىلىگۈچى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلىۋالغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى ۋە تۇغۇندىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن ياخشى نىيەتتە ئىگىلىگۈچىنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئاسراش يۈزىسىدىن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجىتىنى بېرىش كېرەك.

第四百六十一条 占有的不动产或者动产毁损、灭失,该不动产或者动产的权利人请求赔偿的,占有人应当将因毁损、灭失取得的保险金、赔偿金或者补偿金等返还给权利人;权利人的损害未得到足够弥补的,恶意占有人还应当赔偿损失。

461-ماددا ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپ، يوقاپ كېتىپ، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىسى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئىگىلىگۈچى زىيانغا ئۇچرىغان، يوقىلىپ كەتكەندە ئالغان سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى ھوقۇقدارغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم؛ ھوقۇقدارنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولۇق تولدۇرالمىغاندا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى زىياننىمۇ تۆلەپ بېرىشى لازىم.

第四百六十二条 占有的不动产或者动产被侵占的,占有人有权请求返还原物;对妨害占有的行为,占有人有权请求排除妨害或者消除危险;因侵占或者妨害造成损害的,占有人有权依法请求损害赔偿。

462-ماددا ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك بىراۋنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ كەتسە، ئىگىلىگۈچى ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىگىلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشىغا قارىتا، ئىگىلىگۈچى دەخلىنى تۈگىتىش ياكى خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىگىلىۋېلىش ياكى دەخلى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن زىيان يەتكەن بولسا، ئىگىلىگۈچى قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

占有人返还原物的请求权,自侵占发生之日起一年内未行使的,该请求权消灭。

ئىگىلىگۈچى ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى بىراۋ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كۈندىن باشلاپ 1 يىلغىچە يۈرگۈزمىسە، تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

第三编 合同

ئۈچىنچى قىسىم توختام

第一分编 通则

بىرىنچى شۆبە قىسىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第四百六十三条 本编调整因合同产生的民事关系。

463-ماددا بۇ قىسىم توختام سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第四百六十四条 合同是民事主体之间设立、变更、终止民事法律关系的协议。

464-ماددا توختام ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ئارىسىدا ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش، ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىدۇر.

婚姻、收养、监护等有关身份关系的协议,适用有关该身份关系的法律规定;没有规定的,可以根据其性质参照适用本编规定。

ئۆيلىنىش، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر كېلىشىملەر شۇ سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، خاراكتېرىگە قاراپ مۇشۇ قىسىمدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第四百六十五条 依法成立的合同,受法律保护。

465-ماددا قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختامنى قانۇن قوغدايدۇ.

依法成立的合同,仅对当事人具有法律约束力,但是法律另有规定的除外。

قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختام توختاملاشقۇچىلار ئۈچۈنلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百六十六条 当事人对合同条款的理解有争议的,应当依据本法第一百四十二条第一款的规定,确定争议条款的含义。

466-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئارىسىدا توختام ماددىلىرىنى چۈشىنىشتە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، تالاش-تارتىشتىكى ماددىلارنىڭ مەنىسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 142-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىش كېرەك.

合同文本采用两种以上文字订立并约定具有同等效力的,对各文本使用的词句推定具有相同含义。各文本使用的词句不一致的,应当根据合同的相关条款、性质、目的以及诚信原则等予以解释。

توختام تېكىستى ئىككىدىن ئارتۇق يېزىقتا تۈزۈلگەن ھەمدە ئوخشاش كۈچكە ئىگە دەپ پۈتۈشۈلگەن بولسا، ھەرقايسى نۇسخىلاردا ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر ئوخشاش مەنىگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. ھەرقايسى نۇسخىلاردا ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر بىردەك بولمىسا، توختامنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرى، خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە سەمىمىيەت پىرىنسىپى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئىزاھلاش كېرەك.

第四百六十七条 本法或者其他法律没有明文规定的合同,适用本编通则的规定,并可以参照适用本编或者其他法律最相类似合同的规定。

467-ماددا بۇ قانۇن ياكى باشقا قانۇنلاردا ئېنىق بەلگىلەنمىگەن توختاملار مۇشۇ قىسىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قىسىمدىكى ياكى باشقا قانۇنلاردىكى ئەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان توختاملارغا دائىر بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

在中华人民共和国境内履行的中外合资经营企业合同、中外合作经营企业合同、中外合作勘探开发自然资源合同,适用中华人民共和国法律。

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئىجرا قىلىنىدىغان جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا توختامى، جۇڭگو-چەت دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى كارخانا توختامى، دۆلەت-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىقنى چارلاش-ئېچىش توختامىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.

第四百六十八条 非因合同产生的债权债务关系,适用有关该债权债务关系的法律规定;没有规定的,适用本编通则的有关规定,但是根据其性质不能适用的除外。

468-ماددا توختام سىرتىدا شەكىللەنگەن ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىگە شۇ ھەقدارلىق-ھەقدارلىق مۇناسىۋىتىگە دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قىسىمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن خاراكتېرى بويىچە تەتبىقلىغىلى بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二章 合同的订立

2-باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى

第四百六十九条 当事人订立合同,可以采用书面形式、口头形式或者其他形式。

469-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختام تۈزۈشتە يازما شەكىل، ئاغزاكى شەكىل ياكى باشقا شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ.

书面形式是合同书、信件、电报、电传、传真等可以有形地表现所载内容的形式。

يازما شەكىل توختامنامە، خەت-چەك، تېلېگرامما، تېلېتايپ، فاكس قاتارلىق يۈكلىمە مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلەيدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.

以电子数据交换、电子邮件等方式能够有形地表现所载内容,并可以随时调取查用的数据电文,视为书面形式。

ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، ئېلېكترونلۇق يوللانما قاتارلىق يۈكلىمە مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستلەر يازما شەكىل دەپ قارىلىدۇ.

第四百七十条 合同的内容由当事人约定,一般包括下列条款:

470-ماددا توختامنىڭ مەزمۇنىنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ، ئۇ ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)当事人的姓名或者名称和住所;

( 1 ) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)标的;

( 2 ) نىشان؛

(三)数量;

( 3 ) سانى؛

(四)质量;

( 4 ) سۈپەت؛

(五)价款或者报酬;

( 5 ) مال پۇلى ياكى ئىش ھەققى؛

(六)履行期限、地点和方式;

( 6 ) ئادا قىلىش مۇددىتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلى؛

(七)违约责任;

( 7 ) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

(八)解决争议的方法。

( 8 ) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

当事人可以参照各类合同的示范文本订立合同。

توختاملاشقۇچىلار توختامنى تۈرلۈك ئۈلگىلىك توختام تېكسىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزسە بولىدۇ.

第四百七十一条 当事人订立合同,可以采取要约、承诺方式或者其他方式。

471-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختام تۈزۈشتە چاقىرىق قىلىش، ماقۇللۇق بېرىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.

第四百七十二条 要约是希望与他人订立合同的意思表示,该意思表示应当符合下列条件:

472-ماددا چاقىرىق باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەقسەت ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مەقسەت ئىپادىسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك :

(一)内容具体确定;

( 1 ) مەزمۇنىنى كونكرېت بېكىتىش؛

(二)表明经受要约人承诺,要约人即受该意思表示约束。

( 2 ) چاقىرىلغۇچى ماقۇللۇق بەرگەن ھامان چاقىرغۇچىنىڭ شۇ مەقسەت ئىپادىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

第四百七十三条 要约邀请是希望他人向自己发出要约的表示。拍卖公告、招标公告、招股说明书、债券募集办法、基金招募说明书、商业广告和宣传、寄送的价目表等为要约邀请。

473-ماددا چاقىرىق تەكلىپى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە چاقىرىق بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىپادىنى كۆرسىتىدۇ. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئېلانى، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش ئىزاھاتى، زايوم توپلاش چارىسى، فوند توپلاش چۈشەندۈرمىسى، سودا ئېلانى ۋە تەشۋىقاتى، ئەۋەتىلگەن باھا جەدۋىلى قاتارلىقلار چاقىرىق تەكلىپى بولىدۇ.

商业广告和宣传的内容符合要约条件的,构成要约。

سودا ئېلانى ۋە تەشۋىقاتىنىڭ مەزمۇنى چاقىرىق تەكلىپىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن بولسا، چاقىرىق تەكلىپى ھېسابلىنىدۇ.

第四百七十四条 要约生效的时间适用本法第一百三十七条的规定。

474-ماددا چاقىرىقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى مۇشۇ قانۇننىڭ 137-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四百七十五条 要约可以撤回。要约的撤回适用本法第一百四十一条的规定。

475-ماددا چاقىرىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ. چاقىرىقنى قايتۇرۇۋېلىش مۇشۇ قانۇننىڭ 141-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四百七十六条 要约可以撤销,但是有下列情形之一的除外:

476-ماددا چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)要约人以确定承诺期限或者其他形式明示要约不可撤销;

( 1 ) چاقىرغۇچى ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ياكى چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى باشقا شەكىللەر بىلەن ئېنىق بىلدۈرگەن بولسا؛

(二)受要约人有理由认为要约是不可撤销的,并已经为履行合同做了合理准备工作。

( 2 ) چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىغان ئاساسى بولسا ھەمدە توختامنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولغان بولسا.

第四百七十七条 撤销要约的意思表示以对话方式作出的,该意思表示的内容应当在受要约人作出承诺之前为受要约人所知道;撤销要约的意思表示以非对话方式作出的,应当在受要约人作出承诺之前到达受要约人。

477-ماددا چاقىرىقنى بىكار قىلىدىغان مەقسەت ئىپادىسىنى سۆھبەت شەكلىدە بىلدۈرۈشتە، مەقسەت ئىپادىسىنىڭ مەزمۇنىنى چاقىرىلغۇچى ماقۇللۇق بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بىلدۈرۈش كېرەك؛ چاقىرىقنى بىكار قىلىدىغان مەقسەت ئىپادىسىنى سۆھبەتتىن باشقا شەكىلدە بىلدۈرۈشتە، چاقىرىلغۇچى ماقۇللۇق بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈش كېرەك.

第四百七十八条 有下列情形之一的,要约失效:

478-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چاقىرىق ئىناۋەتسىز بولىدۇ :

(一)要约被拒绝;

( 1 ) چاقىرىق رەت قىلىنسا؛

(二)要约被依法撤销;

( 2 ) چاقىرىق قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا؛

(三)承诺期限届满,受要约人未作出承诺;

( 3 ) ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتى توشسىمۇ، چاقىرىلغۇچى ماقۇللۇق بەرمىسە؛

(四)受要约人对要约的内容作出实质性变更。

( 4 ) چاقىرىلغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىغا ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە.

第四百七十九条 承诺是受要约人同意要约的意思表示。

479-ماددا ماقۇللۇق بېرىش چاقىرىلغۇچى چاقىرىققا قوشۇلىدىغان مەقسەت ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

第四百八十条 承诺应当以通知的方式作出;但是,根据交易习惯或者要约表明可以通过行为作出承诺的除外。

480-ماددا ماقۇللۇق ئۇقتۇرۇش شەكلىدە بېرىلىشى كېرەك؛ لېكىن، سودا ئادىتى بويىچە ياكى چاقىرىقتا بىلدۈرۈلگىنى بويىچە ھەرىكەت ئارقىلىق ماقۇللۇق بېرىشكە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百八十一条 承诺应当在要约确定的期限内到达要约人。

481-ماددا ماقۇللۇق چاقىرىقتا بېكىتىلگەن مۇددەت ئىچىدە چاقىرغۇچىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك.

要约没有确定承诺期限的,承诺应当依照下列规定到达:

چاقىرىقتا ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ماقۇللۇق تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك :

(一)要约以对话方式作出的,应当即时作出承诺;

( 1 ) چاقىرىق سۆھبەت شەكلىدە بېرىلگەن بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ماقۇللۇق بېرىش كېرەك؛

(二)要约以非对话方式作出的,承诺应当在合理期限内到达。

( 2 ) چاقىرىق سۆھبەتتىن باشقا شەكىلدە بېرىلگەن بولسا، ماقۇللۇقنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە يەتكۈزۈش كېرەك.

第四百八十二条 要约以信件或者电报作出的,承诺期限自信件载明的日期或者电报交发之日开始计算。信件未载明日期的,自投寄该信件的邮戳日期开始计算。要约以电话、传真、电子邮件等快速通讯方式作出的,承诺期限自要约到达受要约人时开始计算。

482-ماددا چاقىرىق خەت-چەك ياكى تېلېگرامما شەكلىدە بېرىلگەن بولسا، ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتى خەت-چەككە يېزىلغان چېسلا ياكى تېلېگرامما يوللانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. خەت-چەككە چېسلا يېزىلمىغان بولسا، شۇ خەت-چەككە بېسىلغان پوچتا تامغىسىدىكى چېسلادىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىرىق تېلېفون، فاكس، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىق تېز ئالاقە شەكلىدە بېرىلگەن بولسا، ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتى چاقىرىلغۇچى چاقىرىققا يېتىپ بارغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第四百八十三条 承诺生效时合同成立,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

483-ماددا ماقۇللۇق كۈچكە ئىگە بولغاندا توختام ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百八十四条 以通知方式作出的承诺,生效的时间适用本法第一百三十七条的规定。

484-ماددا ئۇقتۇرۇش شەكلىدە بېرىلگەن ماقۇللۇقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى مۇشۇ قانۇننىڭ 137-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

承诺不需要通知的,根据交易习惯或者要约的要求作出承诺的行为时生效。

ماقۇللۇق بېرىشتە ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، سودا ئادىتى ياكى چاقىرىقتىكى تەلەپ بويىچە ماقۇللۇق بېرىش ھەرىكىتى قىلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第四百八十五条 承诺可以撤回。承诺的撤回适用本法第一百四十一条的规定。

485-ماددا ۋەدىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ. ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىش مۇشۇ قانۇننىڭ 141-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四百八十六条 受要约人超过承诺期限发出承诺,或者在承诺期限内发出承诺,按照通常情形不能及时到达要约人的,为新要约;但是,要约人及时通知受要约人该承诺有效的除外。

486-ماددا چاقىرىلغۇچى ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ماقۇللۇق بەرسە ياكى ماقۇللۇق بېرىش مۆھلىتى ئىچىدە ماقۇللۇق بەرسە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا چاقىرغۇچىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىسا، يېڭى چاقىرىق ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن، چاقىرغۇچى چاقىرىلغۇچىغا شۇ چاقىرىقنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百八十七条 受要约人在承诺期限内发出承诺,按照通常情形能够及时到达要约人,但是因其他原因致使承诺到达要约人时超过承诺期限的,除要约人及时通知受要约人因承诺超过期限不接受该承诺外,该承诺有效。

487-ماددا چاقىرىلغۇچى ماقۇللۇق بېرىش مۇددىتى ئىچىدە ماقۇللۇق بەرگەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا چاقىرغۇچىغا ۋاقتىدا يەتكۈزگىلى بولىدىغان، لېكىن ماقۇللۇق چاقىرغۇچىغا يەتكۈزۈلگەندە ماقۇللۇق بېرىش مۆھلىتى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، شۇ ماقۇللۇق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چاقىرغۇچى ماقۇللۇق بىلدۈرۈش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ماقۇللۇقنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چاقىرىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百八十八条 承诺的内容应当与要约的内容一致。受要约人对要约的内容作出实质性变更的,为新要约。有关合同标的、数量、质量、价款或者报酬、履行期限、履行地点和方式、违约责任和解决争议方法等的变更,是对要约内容的实质性变更。

488-ماددا ماقۇللۇقنىڭ مەزمۇنى چاقىرىقنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. چاقىرىلغۇچى چاقىرىقنىڭ مەزمۇنىغا ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، يېڭى چاقىرىق ھېسابلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك توختامدىكى نىشان، مىقدار، سۈپەت، مال پۇلى ياكى ئىش ھەققى، ئىجرا قىلىش مۇددىتى، ئىجرا قىلىش ئورنى ۋە ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش چاقىرىق مەزمۇنىغا ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ.

第四百八十九条 承诺对要约的内容作出非实质性变更的,除要约人及时表示反对或者要约表明承诺不得对要约的内容作出任何变更外,该承诺有效,合同的内容以承诺的内容为准。

489-ماددا ماقۇللۇقتا چاقىرىقنىڭ مەزمۇنىغا ماھىيەتسىز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسا، چاقىرغۇچى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلدۈرگەن ياكى چاقىرىققا ماقۇللۇقتا چاقىرىق مەزمۇنىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرۈلگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ماقۇللۇق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، توختامدا ماقۇللۇقتىكى مەزمۇن ئاساس قىلىنىدۇ.

第四百九十条 当事人采用合同书形式订立合同的,自当事人均签名、盖章或者按指印时合同成立。在签名、盖章或者按指印之前,当事人一方已经履行主要义务,对方接受时,该合同成立。

490-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن توختام ھەممە توختامنامە ئىمزا قويغان، تامغا باسقان ياكى بارماق باسقان ۋاقىتتىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىش ياكى بارماق بېسىشتىن ئىلگىرى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.

法律、行政法规规定或者当事人约定合同应当采用书面形式订立,当事人未采用书面形式但是一方已经履行主要义务,对方接受时,该合同成立。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە توختامنى يازما شەكىلدە تۈزۈش بەلگىلەنگەن بولسا، توختاملاشقۇچىلار يازما شەكىل قوللانمىغان ئەھۋالدا بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ھەم قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.

第四百九十一条 当事人采用信件、数据电文等形式订立合同要求签订确认书的,签订确认书时合同成立。

491-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختامنى خەت-چەك، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۈزۈشكەندە ئېتىراپنامە ئىمزالاشنى تەلەپ قىلسا، توختام ئېتىراپنامە تۈزۈلگەندە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

当事人一方通过互联网等信息网络发布的商品或者服务信息符合要约条件的,对方选择该商品或者服务并提交订单成功时合同成立,但是当事人另有约定的除外。

توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرى چاقىرىق شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، قارشى تەرەپ شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللىغان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زاكاز قىلغاندا توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百九十二条 承诺生效的地点为合同成立的地点。

492-ماددا ماقۇللۇق كۈچكە ئىگە بولغان جاي توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن جاي بولىدۇ.

采用数据电文形式订立合同的,收件人的主营业地为合同成立的地点;没有主营业地的,其住所地为合同成立的地点。当事人另有约定的,按照其约定。

توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكست شەكلىدە تۈزۈلگەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن جاي بولىدۇ؛ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن جاي بولىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第四百九十三条 当事人采用合同书形式订立合同的,最后签名、盖章或者按指印的地点为合同成立的地点,但是当事人另有约定的除外。

493-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئاخىرىدا ئىمزا قويغان، تامغا باسقان ياكى بارماق باسقان جاي توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن جاي بولىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلەر ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第四百九十四条 国家根据抢险救灾、疫情防控或者其他需要下达国家订货任务、指令性任务的,有关民事主体之间应当依照有关法律、行政法规规定的权利和义务订立合同。

494-ماددا دۆلەت خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ياكى باشقا ئېھتىياجغا ئاساسەن، دۆلەت مال زاكاز قىلىش ۋەزىپىسى، بۇيرۇق خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى چۈشۈرگەندە، ئالاقىدار ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى بويىچە توختاملىشىشى كېرەك.

依照法律、行政法规的规定负有发出要约义务的当事人,应当及时发出合理的要约。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە چاقىرىق چىقىرىش مەجبۇرىيىتى بار توختاملاشقۇچىلار ۋاقتىدا مۇۋاپىق چاقىرىق چىقىرىشى كېرەك.

依照法律、行政法规的规定负有作出承诺义务的当事人,不得拒绝对方合理的订立合同要求。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ماقۇللۇق بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار توختاملاشقۇچىلار قارشى تەرەپنىڭ مۇۋاپىق توختام تۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

第四百九十五条 当事人约定在将来一定期限内订立合同的认购书、订购书、预订书等,构成预约合同。

495-ماددا توختاملاشقۇچىلار كەلگۈسى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە توختام تۈزۈشنى پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش خېتى، بۇيرۇتما، زاكازنامە قاتارلىقلار ئالدىن پۈتۈشۈلگەن توختام بولىدۇ.

当事人一方不履行预约合同约定的订立合同义务的,对方可以请求其承担预约合同的违约责任。

توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئالدىن پۈتۈشۈلگەن توختامدا پۈتۈشكەن توختام تۈزۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن ئالدىن پۈتۈشۈلغان توختامدىكى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第四百九十六条 格式条款是当事人为了重复使用而预先拟定,并在订立合同时未与对方协商的条款。

496-ماددا ئەندىزىلىك ماددىلار توختاملاشقۇچىلار تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن بېكىتىۋالىدىغان ھەمدە توختام تۈزۈشتە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدىغان ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.

采用格式条款订立合同的,提供格式条款的一方应当遵循公平原则确定当事人之间的权利和义务,并采取合理的方式提示对方注意免除或者减轻其责任等与对方有重大利害关系的条款,按照对方的要求,对该条款予以说明。提供格式条款的一方未履行提示或者说明义务,致使对方没有注意或者理解与其有重大利害关系的条款的,对方可以主张该条款不成为合同的内容。

ئەندىزىلىك ماددا بويىچە توختام تۈزۈشتە، ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا بېكىتىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى يېنىكلىتىش قاتارلىق قارشى تەرەپ بىلەن زور پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار ماددىلارغا دىققەت قىلىشنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سەمىگە سېلىشى، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، شۇ ماددىلارغا ئىزاھ بېرىشى كېرەك. ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ سەمىگە سېلىش ياكى ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ زور پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ماددىلارغا دىققەت قىلماسلىقىنى ياكى ئۇنى چۈشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قارشى تەرەپ شۇ ماددىنى توختام مەزمۇنىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

第四百九十七条 有下列情形之一的,该格式条款无效:

497-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ئەندىزىلىك ماددىلار ئىناۋەتسىز :

(一)具有本法第一编第六章第三节和本法第五百零六条规定的无效情形;

( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 1-قىسمى بولغان 6-باب 3-پاراگراف ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 506-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىناۋەتسىز بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە؛

(二)提供格式条款一方不合理地免除或者减轻其责任、加重对方责任、限制对方主要权利;

( 2 ) ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئورۇنسىز كەچۈرۈم قىلغان ياكى يېنىكلەتكەن، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئورۇنسىز ئېغىرلاشتۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى ئورۇنسىز چەكلىگەن بولسا؛

(三)提供格式条款一方排除对方主要权利。

( 3 ) ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى چەتكە قاققان بولسا.

第四百九十八条 对格式条款的理解发生争议的,应当按照通常理解予以解释。对格式条款有两种以上解释的,应当作出不利于提供格式条款一方的解释。格式条款和非格式条款不一致的,应当采用非格式条款。

498-ماددا ئەندىزىلىك ماددىلارنى چۈشىنىشتە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ئادەتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئىزاھلاش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىنى ئىككىدىن ئارتۇق ئىزاھلاشتا، ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپكە پايدىسىز ئىزاھنى قوللىنىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىلار بىلەن ئەندىزىسىز ماددىلار بىردەك بولمىسا، ئەندىزىسىز ماددىلارنى قوللىنىش كېرەك.

第四百九十九条 悬赏人以公开方式声明对完成特定行为的人支付报酬的,完成该行为的人可以请求其支付。

499-ماددا ئىنئام بەرگۈچى مۇئەييەن ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچىغا ھەق بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان بولسا، شۇ ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچى ئۇنىڭدىن بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百条 当事人在订立合同过程中有下列情形之一,造成对方损失的,应当承担赔偿责任:

500-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك :

(一)假借订立合同,恶意进行磋商;

( 1 ) توختام تۈزۈش باھانىسىدە غەرەزلىك كېڭەشكەن بولسا؛

(二)故意隐瞒与订立合同有关的重要事实或者提供虚假情况;

( 2 ) توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار مۇھىم پاكىتلارنى قەستەن يوشۇرغان ياكى ئەھۋالنى ساختا مەلۇم قىلغان بولسا؛

(三)有其他违背诚信原则的行为。

( 3 ) سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

第五百零一条 当事人在订立合同过程中知悉的商业秘密或者其他应当保密的信息,无论合同是否成立,不得泄露或者不正当地使用;泄露、不正当地使用该商业秘密或者信息,造成对方损失的,应当承担赔偿责任。

501-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختام تۈزۈش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتى ياكى مەخپىي تۇتۇشقا تېگىشلىك باشقا ئۇچۇرلارنى، توختام تۈزۈلسۇن-تۈزۈلمىسۇن ئاشكارىلاپ قويسا ياكى ئۇنىڭدىن نامۇۋاپىق پايدىلانسا بولمايدۇ؛ سودا مەخپىيىتى ياكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第三章 合同的效力

3-باب توختامنىڭ كۈچى

第五百零二条 依法成立的合同,自成立时生效,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

502-ماددا قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

依照法律、行政法规的规定,合同应当办理批准等手续的,依照其规定。未办理批准等手续影响合同生效的,不影响合同中履行报批等义务条款以及相关条款的效力。应当办理申请批准等手续的当事人未履行义务的,对方可以请求其承担违反该义务的责任。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، توختام تۈزگەندە تەستىقلىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. تەستىقلىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتىمەي توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتسە، توختامدىكى تەستىقلىتىشقا يوللاش قاتارلىق مەجبۇرىيەت ماددىلىرى ۋە ئالاقىدار ماددىلارنىڭ كۈچىنى ئادا قىلىشقا تەسىر يەتمەيدۇ. تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدىغان توختاملاشقۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، قارشى تەرەپ مەجبۇرىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

依照法律、行政法规的规定,合同的变更、转让、解除等情形应当办理批准等手续的,适用前款规定。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، توختامنى ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، بىكار قىلىشتا ئەھۋاللار تەستىقلىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第五百零三条 无权代理人以被代理人的名义订立合同,被代理人已经开始履行合同义务或者接受相对人履行的,视为对合同的追认。

503-ماددا ھوقۇقسىز ۋاكالەتچى ۋاكالەتلەنگۈچىنىڭ نامىدا توختام تۈزگەندە، ۋاكالەتلەنگۈچى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا باشلىغان ياكى ئاداچىنىڭ ئادا قىلىشىنى قوبۇل قىلغان بولسا، توختامنى ئېتىراپ قىلدى دەپ قارىلىدۇ.

第五百零四条 法人的法定代表人或者非法人组织的负责人超越权限订立的合同,除相对人知道或者应当知道其超越权限外,该代表行为有效,订立的合同对法人或者非法人组织发生效力。

504-ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ توختام تۈزگەن بولسا، ئاداچى ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ توختام قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.

第五百零五条 当事人超越经营范围订立的合同的效力,应当依照本法第一编第六章第三节和本编的有关规定确定,不得仅以超越经营范围确认合同无效。

505-ماددا توختاملاشقۇچىلار تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تۈزگەن توختامنىڭ كۈچىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 1-قىسمى 6-باب 3-پاراگراف ۋە مۇشۇ قىسىمدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك، توختامنى تىجارەت دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىلا ئاساس قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

第五百零六条 合同中的下列免责条款无效:

506-ماددا توختامدىكى جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان تۆۋەندىكى ماددىلار ئىناۋەتسىز.

(一)造成对方人身损害的;

( 1 ) قارشى تەرەپكە جىسمانىي زىيان سېلىش؛

(二)因故意或者重大过失造成对方财产损失的。

( 2 ) قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار.

第五百零七条 合同不生效、无效、被撤销或者终止的,不影响合同中有关解决争议方法的条款的效力。

507-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىسا، ئىناۋەتسىز بولسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلسا، توختامدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا دائىر ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第五百零八条 本编对合同的效力没有规定的,适用本法第一编第六章的有关规定。

508-ماددا بۇ قىسىمدا توختامنىڭ كۈچى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان توختاملار مۇشۇ قانۇننىڭ 1-قىسمى 6-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第四章 合同的履行

4-باب توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى

第五百零九条 当事人应当按照约定全面履行自己的义务。

509-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

当事人应当遵循诚信原则,根据合同的性质、目的和交易习惯履行通知、协助、保密等义务。

توختاملاشقۇچىلار سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، توختامنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە سودا ئادىتىگە ئاساسەن، خەۋەرلەندۈرۈش، ھەمكارلىشىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.

当事人在履行合同过程中,应当避免浪费资源、污染环境和破坏生态。

توختاملاشقۇچىلار توختامنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بايلىقنى ئىسراپ قىلىش، مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

第五百一十条 合同生效后,当事人就质量、价款或者报酬、履行地点等内容没有约定或者约定不明确的,可以协议补充;不能达成补充协议的,按照合同相关条款或者交易习惯确定。

510-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن توختاملاشقۇچىلار سۈپەت، مال پۇلى ياكى ئىش ھەققى، توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېلىشىپ تولۇقلىسا بولىدۇ؛ قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمىسا، توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار ياكى سودا ئادىتى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

第五百一十一条 当事人就有关合同内容约定不明确,依据前条规定仍不能确定的,适用下列规定:

511-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختامنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ :

(一)质量要求不明确的,按照强制性国家标准履行;没有强制性国家标准的,按照推荐性国家标准履行;没有推荐性国家标准的,按照行业标准履行;没有国家标准、行业标准的,按照通常标准或者符合合同目的的特定标准履行。

( 1 ) سۈپەت تەلىپى ئېنىق بولمىسا، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىي دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، تەۋسىيەلىك دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ تەۋسىيەلىك دۆلەت ئۆلچىمى بولمىسا، كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولمىسا، ئادەتتىكى ئۆلچەم ياكى توختامنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇئەييەن ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

(二)价款或者报酬不明确的,按照订立合同时履行地的市场价格履行;依法应当执行政府定价或者政府指导价的,依照规定履行。

( 2 ) مال پۇلى ياكى ئىش ھەققى ئېنىق بولمىسا، ئىجرا قىلىنغان جاينىڭ توختام تۈزۈلگەن چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

(三)履行地点不明确,给付货币的,在接受货币一方所在地履行;交付不动产的,在不动产所在地履行;其他标的,在履行义务一方所在地履行。

( 3 ) ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئېنىق بولمىسا، پۇل بېرىدىغان توختام پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈك تاپشۇرۇلغان بولسا، كۆچمەس مۈلۈك بار جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باشقا نىشانلار مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى تەرەپ تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ.

(四)履行期限不明确的,债务人可以随时履行,债权人也可以随时请求履行,但是应当给对方必要的准备时间。

( 4 ) ئادا قىلىش مۇددىتى ئېنىق بولمىسا، قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى خالىغان ۋاقىتتا ئادا قىلسا بولىدۇ.ھەقدارمۇ ئىجرا قىلىشنى خالىغان ۋاقىتتا تەلەپ قىلسا بولىدۇ.لېكىن، قارشى تەرەپكە تەييارلىق قىلىۋېلىشقا زۆرۈر ۋاقىت بېرىش لازىم.

(五)履行方式不明确的,按照有利于实现合同目的的方式履行。

( 5 ) ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئېنىق بولمىسا، توختام مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

(六)履行费用的负担不明确的,由履行义务一方负担;因债权人原因增加的履行费用,由债权人负担。

( 6 ) مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئېنىق بولمىسا، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھەقدارنىڭ سەۋەبىدىن كۆپىيىپ كەتكەن ئادا قىلىش خىراجىتىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百一十二条 通过互联网等信息网络订立的电子合同的标的为交付商品并采用快递物流方式交付的,收货人的签收时间为交付时间。电子合同的标的为提供服务的,生成的电子凭证或者实物凭证中载明的时间为提供服务时间;前述凭证没有载明时间或者载明时间与实际提供服务时间不一致的,以实际提供服务的时间为准。

512-ماددا ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ نىشانى تاپشۇرۇلىدىغان تاۋار بولسا ھەمدە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلىدا تاپشۇرۇلسا، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتى تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ نىشانى مۇلازىمەت قىلىش بولسا، ھاسىل قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات ياكى ماددىي ئىسپاتقا يېزىلغان ۋاقىت مۇلازىمەت قىلغان ۋاقىت بولىدۇ؛ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىسپاتقا ۋاقىت ئېنىق يېزىلمىغان ياكى ۋاقىت بىلەن ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلغان ۋاقىت بىردەك بولمىغان بولسا، ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

电子合同的标的物为采用在线传输方式交付的,合同标的物进入对方当事人指定的特定系统且能够检索识别的时间为交付时间。

ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ نىشانى توردا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاپشۇرۇلسا، توختام نىشانى توختاملاشقۇچى قارشى تەرەپ بېكىتكەن مۇئەييەن سىستېمىغا كىرگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ.

电子合同当事人对交付商品或者提供服务的方式、时间另有约定的,按照其约定。

ئېلېكترونلۇق توختاملاشقۇچىلار تاۋار تاپشۇرۇش ياكى مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى، ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第五百一十三条 执行政府定价或者政府指导价的,在合同约定的交付期限内政府价格调整时,按照交付时的价格计价。逾期交付标的物的,遇价格上涨时,按照原价格执行;价格下降时,按照新价格执行。逾期提取标的物或者逾期付款的,遇价格上涨时,按照新价格执行;价格下降时,按照原价格执行。

513-ماددا ھۆكۈمەت باھاسى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان توختامدا پۈتۈشكەن تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە ھۆكۈمەت باھاسى تەڭشەلسە، تاپشۇرۇلغان ۋاقىتتىكى باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ. نىشان نەرسىنى مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندە تاپشۇرغاندا، باھا ئۆرلەپ كەتكەن بولسا، ئەسلىي باھا بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشكەندە، يېڭى باھا بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. نىشان نەرسىنى مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندە ئالغان ياكى پۇل تۆلەشنى مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندە، باھا ئۆرلەپ كەتكەن بولسا، يېڭى باھا بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشكەندە، بۇرۇنقى باھا بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第五百一十四条 以支付金钱为内容的债,除法律另有规定或者当事人另有约定外,债权人可以请求债务人以实际履行地的法定货币履行。

514-ماددا ھەقدار قەرزداردىن پۇل بېرىش شەكلىدە قايتۇرۇلىدىغان قەرزنى ئەمەلىي ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى قانۇنىي پۇل بىلەن ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百一十五条 标的有多项而债务人只需履行其中一项的,债务人享有选择权;但是,法律另有规定、当事人另有约定或者另有交易习惯的除外。

515-ماددا نىشاننىڭ بىر نەچچە نىشانىدا قەرزدار پەقەت ئۇنىڭ بىر تۈرىنىلا ئادا قىلىدىغان بولسا، تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى ئايرىم سودا ئادىتى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

享有选择权的当事人在约定期限内或者履行期限届满未作选择,经催告后在合理期限内仍未选择的,选择权转移至对方。

تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە توختاملاشقۇچى پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ياكى ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن تاللىمىسا، سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە تاللىمىسە، تاللاش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتىدۇ.

第五百一十六条 当事人行使选择权应当及时通知对方,通知到达对方时,标的确定。标的确定后不得变更,但是经对方同意的除外。

516-ماددا توختاملاشقۇچىلار تاللاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، نىشاننى بېكىتىشى كېرەك. نىشان بېكىتىلگەندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، لېكىن قارشى تەرەپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

可选择的标的发生不能履行情形的,享有选择权的当事人不得选择不能履行的标的,但是该不能履行的情形是由对方造成的除外。

تاللىغىلى بولىدىغان نىشاندا ئادا قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە توختاملاشقۇچى ئادا قىلغىلى بولمايدىغان نىشاننى تاللىسا بولمايدۇ، لېكىن ئادا قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالنى قارشى تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百一十七条 债权人为二人以上,标的可分,按照份额各自享有债权的,为按份债权;债务人为二人以上,标的可分,按照份额各自负担债务的,为按份债务。

517-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدار بولۇپ، تەقسىم قىلىشقا بولىدىغان نىشانىدا، ھەر قايسىسى ئۈلۈشى بويىچە ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولسا، ئۈلۈشلۈك ھەقدارلىق بولىدۇ؛ بۆلگىلى بولىدىغان نىشاننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق قەرزدارى بولسا، ھەر قايسىسى ئۈلۈشى بويىچە قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ ئۈلۈشلۈك قەرزدارلىق بولىدۇ.

按份债权人或者按份债务人的份额难以确定的,视为份额相同。

ئۈلۈشلۈك ھەقدار ياكى ئۈلۈشلۈك قەرزدارنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىكىلى بولمىسا، ئۈلۈشى ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ.

第五百一十八条 债权人为二人以上,部分或者全部债权人均可以请求债务人履行债务的,为连带债权;债务人为二人以上,债权人可以请求部分或者全部债务人履行全部债务的,为连带债务。

518-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدار بولغان، قىسمەن ياكى بارلىق ھەقدارلار قەرزداردىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلالايدىغان ھەقدارلىق چاتما ھەقدارلىق بولىدۇ؛ ئىككىدىن ئارتۇق قەرزدار بولۇپ، ھەقدار قىسمەن ياكى بارلىق قەرزداردىن قەرزدارلىقنى تولۇق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلالايدىغان قەرزدارلىق چاتما قەرزدارلىق بولىدۇ.

连带债权或者连带债务,由法律规定或者当事人约定。

چاتما ھەقدارلىق ياكى چاتما قەرزدارلىق قانۇندا بەلگىلىنىدۇ ياكى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ.

第五百一十九条 连带债务人之间的份额难以确定的,视为份额相同。

519-ماددا چاتما قەرزدارلارنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىكىلى بولمىسا، ئۈلۈشى ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ.

实际承担债务超过自己份额的连带债务人,有权就超出部分在其他连带债务人未履行的份额范围内向其追偿,并相应地享有债权人的权利,但是不得损害债权人的利益。其他连带债务人对债权人的抗辩,可以向该债务人主张。

ئەمەلىي ئۈستىگە ئالغان قەرزى ئۆز ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن چاتما قەرزدار ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى باشقا چاتما قەرزدارنىڭ ئادا قىلىنمىغان ئۈلۈشى دائىرىسىدە تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە مۇناسىپ ھالدا ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ. باشقا چاتما قەرزدارلار ھەقدارغا بېرىدىغان رەددىيەسىنى شۇ قەرزدارغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

被追偿的连带债务人不能履行其应分担份额的,其他连带债务人应当在相应范围内按比例分担。

تۆلىتىۋېلىنىدىغان چاتما قەرزدار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان قەرز ئۈلۈشىنى ئادا قىلالمىسا، باشقا چاتما قەرزدارلار مۇناسىپ دائىرىدە نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第五百二十条 部分连带债务人履行、抵销债务或者提存标的物的,其他债务人对债权人的债务在相应范围内消灭;该债务人可以依据前条规定向其他债务人追偿。

520-ماددا قىسمەن چاتما قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، خالاس قىلىۋەتكەن ياكى نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگەن بولسا، باشقا قەرزدارلارنىڭ ھەقدارغا تۆلەيدىغان قەرزى مۇناسىپ دائىرىدە يوقىلىدۇ؛ شۇ قەرزدار ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقا قەرزدارلاردىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

部分连带债务人的债务被债权人免除的,在该连带债务人应当承担的份额范围内,其他债务人对债权人的债务消灭。

ھەقدار قىسمەن چاتما قەرزدارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلغان بولسا، باشقا چاتما قەرزدارلارنىڭ ھەقدارغا تۆلەيدىغان قەرزى شۇ چاتما قەرزدار ئۈستىگە ئالغان ئۈلۈش دائىرىسىدە يوقىلىدۇ.

部分连带债务人的债务与债权人的债权同归于一人的,在扣除该债务人应当承担的份额后,债权人对其他债务人的债权继续存在。

قىسمەن چاتما قەرزدارلارنىڭ قەرزى بىلەن ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقى بىر ئادەمگە تەۋە بولسا، شۇ قەرزدار ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ھەقدارنىڭ باشقا قەرزدارلارغا بولغان ھەقدارلىقى داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ.

债权人对部分连带债务人的给付受领迟延的,对其他连带债务人发生效力。

ھەقدارنىڭ قىسمەن چاتما قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ بېرىشى باشقا چاتما قەرزدارلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.

第五百二十一条 连带债权人之间的份额难以确定的,视为份额相同。

521-ماددا چاتما ھەقدارلارنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىكىلى بولمىسا، ئۈلۈشى ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ.

实际受领债权的连带债权人,应当按比例向其他连带债权人返还。

ئەمەلىي تۆلىتىۋالغان ھەقدارلىقىدىكى چاتما ھەقدار باشقا چاتما ھەقدارلارغا نىسبەت بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك.

连带债权参照适用本章连带债务的有关规定。

چاتما ھەقدارلىققا مۇشۇ بابتىكى چاتما قەرزدارلىققا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第五百二十二条 当事人约定由债务人向第三人履行债务,债务人未向第三人履行债务或者履行债务不符合约定的,应当向债权人承担违约责任。

522-ماددا توختاملاشقۇچىلار قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى 3-كىشى ئالدىدا ئادا قىلىدۇ، دەپ پۈتۈشكەندە، قەرزدار 3-كىشى ئۈستىدە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

法律规定或者当事人约定第三人可以直接请求债务人向其履行债务,第三人未在合理期限内明确拒绝,债务人未向第三人履行债务或者履行债务不符合约定的,第三人可以请求债务人承担违约责任;债务人对债权人的抗辩,可以向第三人主张。

قانۇندا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە 3-كىشى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى قەرزداردىن بىۋاسىتە تەلەپ قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، 3-كىشى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئېنىق رەت قىلمىغان، قەرزدار 3-كىشى ئالدىدا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، 3-كىشىنى قەرزداردىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ قەرزدار ھەقدارغا بېرىدىغان رەددىيەسىنى 3-كىشىگە تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

第五百二十三条 当事人约定由第三人向债权人履行债务,第三人不履行债务或者履行债务不符合约定的,债务人应当向债权人承担违约责任。

523-ماددا توختاملاشقۇچىلار 3-كىشىنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ھەقدار ئالدىدا ئادا قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈشكەن، 3-كىشى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئۇنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، قەرزدار ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第五百二十四条 债务人不履行债务,第三人对履行该债务具有合法利益的,第三人有权向债权人代为履行;但是,根据债务性质、按照当事人约定或者依照法律规定只能由债务人履行的除外。

524-ماددا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، 3-كىشى قانۇنلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، 3-شەخس ھەقدار ئالدىدا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ۋاكالىتەن ئادا قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ لېكىن، قەرزنىڭ خاراكتېرى، توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزدارلا ئادا قىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

债权人接受第三人履行后,其对债务人的债权转让给第三人,但是债务人和第三人另有约定的除外。

ھەقدار 3-كىشىنىڭ ئادا قىلىشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارنىڭ ھەقدارلىقىنى 3-كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ، لېكىن قەرزدار بىلەن 3-كىشى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百二十五条 当事人互负债务,没有先后履行顺序的,应当同时履行。一方在对方履行之前有权拒绝其履行请求。一方在对方履行债务不符合约定时,有权拒绝其相应的履行请求。

525-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئۆزئارا قەرزدار بولۇپ، ئادا قىلىش تەرتىپىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بولمىسا، تەڭ ئادا قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپ قارشى تەرەپ ئادا قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئادا قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەندە، ئۇنىڭ مۇناسىپ ئادا قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五百二十六条 当事人互负债务,有先后履行顺序,应当先履行债务一方未履行的,后履行一方有权拒绝其履行请求。先履行一方履行债务不符合约定的,后履行一方有权拒绝其相应的履行请求。

526-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئۆزئارا قەرزدار بولۇپ، ئادا قىلىش تەرتىپىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بولسا، ئاۋۋال ئادا قىلغۇچى تەرەپ ئادا قىلمىغان بولسا، كېيىن ئادا قىلغۇچى تەرەپ ئۇنىڭ ئادا قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاۋۋال ئادا قىلغۇچى تەرەپنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، كېيىن ئادا قىلغۇچى تەرەپ ئۇنىڭ مۇناسىپ ئادا قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五百二十七条 应当先履行债务的当事人,有确切证据证明对方有下列情形之一的,可以中止履行:

527-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاۋۋال ئادا قىلىدىغان توختاملاشقۇچىنىڭ قارشى تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولسا، ئادا قىلىشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ :

(一)经营状况严重恶化;

( 1 ) تىجارەت ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىش؛

(二)转移财产、抽逃资金,以逃避债务;

( 2 ) مال-مۈلكىنى يۆتكەش، مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق قەرز مەجبۇرىيىتىدىن قېچىش؛

(三)丧失商业信誉;

( 3 ) سودا ئىناۋىتىنى يوقىتىش؛

(四)有丧失或者可能丧失履行债务能力的其他情形。

( 4 ) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان ياكى يوقىتىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.

当事人没有确切证据中止履行的,应当承担违约责任。

توختاملاشقۇچىلار ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولماي تۇرۇپ، ئادا قىلىشنى توختاتسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百二十八条 当事人依据前条规定中止履行的,应当及时通知对方。对方提供适当担保的,应当恢复履行。中止履行后,对方在合理期限内未恢复履行能力且未提供适当担保的,视为以自己的行为表明不履行主要债务,中止履行的一方可以解除合同并可以请求对方承担违约责任。

528-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىشنى توختاتسا، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قارشى تەرەپ مۇۋاپىق كېپىللىك بەرسە، ئادا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئادا قىلىش توختىتىپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق مۇددەتتە ئەسلىگە كەلتۈرمىسە ھەمدە مۇۋاپىق كېپىللىك بەرمىسە، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاساسلىق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى دەپ قارىلىدۇ، ئادا قىلىشنى توختىتىپ تۇرغان تەرەپ توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە قارشى تەرەپتىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百二十九条 债权人分立、合并或者变更住所没有通知债务人,致使履行债务发生困难的,债务人可以中止履行或者将标的物提存。

529-ماددا ھەقدار ئايرىلىپ كەتكەنلىكى، قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ياكى تۇرۇشلۇق يېرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى قەرزدارغا ئۇقتۇرماي، قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسا، قەرزدار ئادا قىلىشنى توختىتىپ تۇرسا ياكى نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

第五百三十条 债权人可以拒绝债务人提前履行债务,但是提前履行不损害债权人利益的除外。

53-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ.لېكىن، مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلسا ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

债务人提前履行债务给债权人增加的费用,由债务人负担。

قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلىشى سەۋەبىدىن ھەقدارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەن خىراجىتىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百三十一条 债权人可以拒绝债务人部分履行债务,但是部分履行不损害债权人利益的除外。

531-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى قىسمەن ئادا قىلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ.لېكىن، قىسمەن ئادا قىلسا ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

债务人部分履行债务给债权人增加的费用,由债务人负担。

قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى قىسمەن ئادا قىلىشى سەۋەبىدىن ھەقدارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەن خىراجىتىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百三十二条 合同生效后,当事人不得因姓名、名称的变更或者法定代表人、负责人、承办人的变动而不履行合同义务。

532-ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن توختاملاشقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، مەسئۇلى ۋە ئۈستىگە ئالغۇچىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

第五百三十三条 合同成立后,合同的基础条件发生了当事人在订立合同时无法预见的、不属于商业风险的重大变化,继续履行合同对于当事人一方明显不公平的,受不利影响的当事人可以与对方重新协商;在合理期限内协商不成的,当事人可以请求人民法院或者仲裁机构变更或者解除合同。

533-ماددا توختام ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، توختامنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىدە توختاملاشقۇچىلار توختام تۈزگەندە ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدىغان، سودا خەۋپ-خەتىرىگە تەۋە بولمىغان زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش توختاملاشقۇچى بىر تەرەپكە روشەن ئادالەتسىزلىك كەلتۈرىدىغان بولسا، پايدىسىز تەسىرگە ئۇچرىغان توختاملاشقۇچىلەر قارشى تەرەپ بىلەن قايتىدىن كېڭەشسە بولىدۇ؛ مۇۋاپىق مۆھلەتتە كېلىشەلمىسە، توختاملاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن توختامنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

人民法院或者仲裁机构应当结合案件的实际情况,根据公平原则变更或者解除合同。

خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن توختامنى ئۆزگەرتىشى ياكى بىكار قىلىشى كېرەك.

第五百三十四条 对当事人利用合同实施危害国家利益、社会公共利益行为的,市场监督管理和其他有关行政主管部门依照法律、行政法规的规定负责监督处理。

534-ماددا توختامدىن پايدىلىنىپ دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىۋى مەنپەئەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر قىلغان توختاملاشقۇچىلارنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

第五章 合同的保全

5-باب توختامنى ئامان ساقلاش

第五百三十五条 因债务人怠于行使其债权或者与该债权有关的从权利,影响债权人的到期债权实现的,债权人可以向人民法院请求以自己的名义代位行使债务人对相对人的权利,但是该权利专属于债务人自身的除外。

535-ماددا قەرزدار ئۆز ھەقدارلىقى ۋە شۇ ھەقدارلىققا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ، ھەقدارنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ئاداچى ئالدىدىكى ھوقۇقىنى ئۆز نامىدا ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.لېكىن، بۇ ھوقۇق قەرزدارغىلا تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

代位权的行使范围以债权人的到期债权为限。债权人行使代位权的必要费用,由债务人负担。

ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەتنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

相对人对债务人的抗辩,可以向债权人主张。

ئاداچى قەرزدارغا بېرىدىغان رەددىيەسىنى ھەقدارغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

第五百三十六条 债权人的债权到期前,债务人的债权或者与该债权有关的从权利存在诉讼时效期间即将届满或者未及时申报破产债权等情形,影响债权人的债权实现的,债权人可以代位向债务人的相对人请求其向债务人履行、向破产管理人申报或者作出其他必要的行为。

536-ماددا ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، قەرزدارنىڭ ھوقۇقىدا دەۋا ۋاقىت چېكى سۈرۈكى توشاي دەپ قېلىش ياكى ۋەيران بولغان ھەقدارلىقنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، ھەقدارنىڭ ھەقزارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر يەتسە، ھەقدار قەرزدارنىڭ ئاداچىسىدىن ئورۇن بېسىپ تۇرۇپ قەرزدار ئالدىدىكى ئادا قىلىش، ۋەيرانچىلىق باشقۇرغۇچىغا مەلۇم قىلىش ياكى باشقا زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百三十七条 人民法院认定代位权成立的,由债务人的相对人向债权人履行义务,债权人接受履行后,债权人与债务人、债务人与相对人之间相应的权利义务终止。债务人对相对人的债权或者与该债权有关的从权利被采取保全、执行措施,或者债务人破产的,依照相关法律的规定处理。

537-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن بولسا، قەرزدارنىڭ ئاداچىسى ھەقدار ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ھەقدار ئادا قىلىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەقدار بىلەن قەرزدار، قەرزدار بىلەن ئاداچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىپ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت ئاخىرلىشىدۇ. قەرزدار ئاداچىنىڭ ھەقدارلىقى ياكى شۇ ھەقدارلىققا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ھوقۇقىغا ئامان ساقلاش، ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللانغان ياكى قەرزدار ۋەيران بولغان بولسا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第五百三十八条 债务人以放弃其债权、放弃债权担保、无偿转让财产等方式无偿处分财产权益,或者恶意延长其到期债权的履行期限,影响债权人的债权实现的,债权人可以请求人民法院撤销债务人的行为。

538-ماددا قەرزدار ئۆز ھەقدارلىقىدىن ۋاز كېچىش، ھەقدارلىق كېپىللىكىدىن ۋاز كېچىش ۋە مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقسىز بىر تەرەپ قىلىپ ياكى قەرەلى توشقان ھەقدارلىقىنىڭ ئادا قىلىنىش مۆھلىتىنى غەرەزلىك ئۇزارتىپ، ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百三十九条 债务人以明显不合理的低价转让财产、以明显不合理的高价受让他人财产或者为他人的债务提供担保,影响债权人的债权实现,债务人的相对人知道或者应当知道该情形的,债权人可以请求人民法院撤销债务人的行为。

539-ماددا قەرزدار روشەن نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا مال-مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، روشەن نامۇۋاپىق يۇقىرى باھادا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ قەرزى ئۈچۈن كېپىللىك بېرىپ، ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، قەرزدارنىڭ ئاداچىسى بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百四十条 撤销权的行使范围以债权人的债权为限。债权人行使撤销权的必要费用,由债务人负担。

540-ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەتنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百四十一条 撤销权自债权人知道或者应当知道撤销事由之日起一年内行使。自债务人的行为发生之日起五年内没有行使撤销权的,该撤销权消灭。

541-ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقى ھەقدار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ. قەرزدارنىڭ ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈلمىگەن بولسا، بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

第五百四十二条 债务人影响债权人的债权实现的行为被撤销的,自始没有法律约束力。

542-ماددا قەرزدارنىڭ ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ھەرىكىتى بىكار قىلىنغان بولسا، باشتىلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

第六章 合同的变更和转让

6-باب توختامنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش

第五百四十三条 当事人协商一致,可以变更合同。

543-ماددا توختاملاشقۇچىلار كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، توختامنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

第五百四十四条 当事人对合同变更的内容约定不明确的,推定为未变更。

544-ماددا توختاملاشقۇچىلار توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغان مەزمۇنلىرى توغرىسىدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆزگەرتىلمىگەن دەپ قارىلىدۇ.

第五百四十五条 债权人可以将债权的全部或者部分转让给第三人,但是有下列情形之一的除外:

545-ماددا ھەقدار ھەقدارلىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى 3-كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)根据债权性质不得转让;

( 1 ) ھەقدارلىق خاراكتېرى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان بولسا؛

(二)按照当事人约定不得转让;

( 2 ) توختاملاشقۇچىلار ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسا؛

(三)依照法律规定不得转让。

( 3 ) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

当事人约定非金钱债权不得转让的,不得对抗善意第三人。当事人约定金钱债权不得转让的,不得对抗第三人。

توختاملاشقۇچىلار پۇلدىن باشقا ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ. توختاملاشقۇچىلار پۇل ھەقدارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

第五百四十六条 债权人转让债权,未通知债务人的,该转让对债务人不发生效力。

546-ماددا ھەقدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، قەرزدارغا ئۇقتۇرۇش قىلمىغان بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىش قەرزدار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس.

债权转让的通知不得撤销,但是经受让人同意的除外。

ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.لېكىن قوبۇل قىلغۇچى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百四十七条 债权人转让债权的,受让人取得与债权有关的从权利,但是该从权利专属于债权人自身的除外。

547-ماددا ھەقدار ھەقدارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، قوبۇل قىلغۇچى ھەقدارلىققا ئالاقىدار قوشۇمچە ھوقۇققا ئېرىشىدۇ.لېكىن، قوشۇمچە ھوقۇق ھەقدارغىلا مەنسۇپ بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

受让人取得从权利不因该从权利未办理转移登记手续或者未转移占有而受到影响。

ئۆتۈنۈلگۈچى ئېرىشكەن قوشۇمچە ھوقۇق شۇ قوشۇمچە ھوقۇقنىڭ يۆتكەپ تىزىملاش رەسمىيىتىنىڭ ئۆتەلمىگەنلىكى ياكى يۆتكەپ ئىگىلەنمىگەنلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

第五百四十八条 债务人接到债权转让通知后,债务人对让与人的抗辩,可以向受让人主张。

548-ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قەرزدار ئۆتۈنگۈچىگە بېرىدىغان رەددىيەسىنى قوبۇل قىلغۇچىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

第五百四十九条 有下列情形之一的,债务人可以向受让人主张抵销:

549-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قەرزدار قوبۇل قىلغۇچىغا خالاس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ :

(一)债务人接到债权转让通知时,债务人对让与人享有债权,且债务人的债权先于转让的债权到期或者同时到期;

( 1 ) قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قەرزدارنىڭ ئۆتۈنگۈچىدە ھەقدارلىقى بولسا ھەمدە قەرزدارنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھەقدارلىقتىن بۇرۇن توشسا ياكى تەڭ ۋاقىتتا توشسا؛

(二)债务人的债权与转让的债权是基于同一合同产生。

( 2 ) قەرزدارنىڭ ھەقدارلىقى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھەقدارلىق بىر توختام ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسا.

第五百五十条 因债权转让增加的履行费用,由让与人负担。

550-ماددا ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سەۋەبىدىن كۆپىيىپ كەتكەن ئادا قىلىش خىراجىتىنى ئۆتۈنگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百五十一条 债务人将债务的全部或者部分转移给第三人的,应当经债权人同意。

551-ماددا قەرزدار قەرزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى 3-كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولسا، ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

债务人或者第三人可以催告债权人在合理期限内予以同意,债权人未作表示的,视为不同意。

قەرزدار ياكى 3-كىشى ھەقدارنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ماقۇللۇق بېرىشكە سۈيلىسە بولىدۇ، ھەقدار ئىپادە بىلدۈرمىسە، قوشۇلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.

第五百五十二条 第三人与债务人约定加入债务并通知债权人,或者第三人向债权人表示愿意加入债务,债权人未在合理期限内明确拒绝的,债权人可以请求第三人在其愿意承担的债务范围内和债务人承担连带债务。

552-ماددا 3-كىشى قەرزدار بىلەن قەرزگە كىرىشنى پۈتۈشكەن ھەمدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلغاندا ياكى 3-كىشى ھەقدارغا قەرزگە كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ھەقدار مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئېنىق رەت قىلمىسا، ھەقدار 3-كىشىدىن ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان قەرز دائىرىسىدە قەرزدار بىلەن چاتما قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百五十三条 债务人转移债务的,新债务人可以主张原债务人对债权人的抗辩;原债务人对债权人享有债权的,新债务人不得向债权人主张抵销。

553-ماددا قەرزدار قەرزنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئەسلىدىكى قەرزدارنىڭ ھەقدارغا بېرىدىغان رەددىيەسىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ؛ ئەسلىدىكى قەرزدارنىڭ ھەقداردا ھەقدارلىقى بولسا، يېڭى قەرزدار ھەقدارغا خالاس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولمايدۇ.

第五百五十四条 债务人转移债务的,新债务人应当承担与主债务有关的从债务,但是该从债务专属于原债务人自身的除外。

554-ماددا قەرزدار قەرزدارلىقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئاساسىي قەرزدارلىققا ئالاقىدار قوشۇمچە قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن، قوشۇمچە قەرزدارلىق ئەسلىدىكى قەرزدارغىلا تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百五十五条 当事人一方经对方同意,可以将自己在合同中的权利和义务一并转让给第三人。

555-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۆزىنىڭ توختامدىكى ھوقۇقى-مەجبۇرىيەتلىرىنى بىراقلا 3-كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.

第五百五十六条 合同的权利和义务一并转让的,适用债权转让、债务转移的有关规定。

556-ماددا توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەر بىر يولىلا ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قەرزدارلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第七章 合同的权利义务终止

7-باب توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى

第五百五十七条 有下列情形之一的,债权债务终止:

557-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھەقدارلىق-قەرزدارلىق ئاخىرلىشىدۇ :

(一)债务已经履行;

( 1 ) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا؛

(二)债务相互抵销;

( 2 ) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئۆزئارا خالاس قىلىۋېتىش؛

(三)债务人依法将标的物提存;

( 3 ) قەرزدار نىشان نەرسىنى قانۇن بويىچە ساقلاشقا بەرگەن بولسا؛

(四)债权人免除债务;

( 4 ) ھەقدار قەرزنى كەچۈرۈم قىلغان بولسا؛

(五)债权债务同归于一人;

( 5 ) ھەقدارلىق بىلەن قەرزدارلىق بىرلا كىشىگە مەنسۇپ بولسا؛

(六)法律规定或者当事人约定终止的其他情形。

( 6 ) قانۇندا ئاخىرلىشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ياكى توختاملاشقۇچىلار ئاخىرلىشىدۇ دەپ پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.

合同解除的,该合同的权利义务关系终止。

توختام بىكار قىلىنسا، شۇ توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ.

第五百五十八条 债权债务终止后,当事人应当遵循诚信等原则,根据交易习惯履行通知、协助、保密、旧物回收等义务。

558-ماددا ھەقدارلىق-قەرزدارلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، توختاملاشقۇچىلار سەمىمىيەت پىرىنسىپى قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، سودا ئادىتىگە ئاساسەن ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھەمكارلىشىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، كونا نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第五百五十九条 债权债务终止时,债权的从权利同时消灭,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

559-ماددا ھەقدارلىق-قەرزدارلىق ئاخىرلاشقاندا، ھەقدارلىقنىڭ قوشۇمچە ھوقۇقى تەڭ يوقىلىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百六十条 债务人对同一债权人负担的数项债务种类相同,债务人的给付不足以清偿全部债务的,除当事人另有约定外,由债务人在清偿时指定其履行的债务。

560-ماددا قەرزدار بىر ھەقدارغا تۆلەيدىغان بىر قانچە قەرز مەجبۇرىيىتىنىڭ تۈرى ئوخشاش بولسا، قەرزدارنىڭ بەرگىنى ھەممە قەرزنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، قەرزدار ئۈزىدىغان قەرز مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

债务人未作指定的,应当优先履行已经到期的债务;数项债务均到期的,优先履行对债权人缺乏担保或者担保最少的债务;均无担保或者担保相等的,优先履行债务人负担较重的债务;负担相同的,按照债务到期的先后顺序履行;到期时间相同的,按照债务比例履行。

قەرزدار بەلگىلەپ بەرمىسە، مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاۋۋال ئادا قىلىش كېرەك؛ بىرنەچچە تۈرلۈك قەرز مەجبۇرىيىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسا، ھەقدارغا كېپىللىك بەرمىگەن ياكى كېپىللىكنى ئەڭ ئاز بەرگەن قەرز مەجبۇرىيىتى ئاۋۋال ئادا قىلىنىدۇ؛ كېپىللىك بېرىلمىگەن ياكى كېپىللىك ئوخشاش بولسا، قەرزدار يۈكى ئېغىرراق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاۋۋال ئادا قىلىدۇ؛ يۈكى ئوخشاش بولسا، قەرز مۇددىتى توشۇشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ؛ مۇددىتى ئوخشاش ۋاقىتتا توشقان بولسا، قەرزدارلىق نىسبىتى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ.

第五百六十一条 债务人在履行主债务外还应当支付利息和实现债权的有关费用,其给付不足以清偿全部债务的,除当事人另有约定外,应当按照下列顺序履行:

561-ماددا قەرزدار ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئۆسۈم ۋە ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دائىر خىراجەتلەرنىمۇ تۆلىشى كېرەك، بەرگىنى ھەممە قەرزنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)实现债权的有关费用;

( 1 ) ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار خىراجەت؛

(二)利息;

( 2 ) ئۆسۈم؛

(三)主债务。

( 3 ) ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتى.

第五百六十二条 当事人协商一致,可以解除合同。

562-ماددا توختاملاشقۇچىلار كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

当事人可以约定一方解除合同的事由。解除合同的事由发生时,解除权人可以解除合同。

توختاملاشقۇچىلار بىر تەرەپ توختامنى بىكار قىلىدىغان سەۋەبلەرنى پۈتۈشسە بولىدۇ. توختامنى بىكار قىلىدىغان سەۋەب ھازىرلانغاندا، بىكار قىلىش ھوقۇقدارى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第五百六十三条 有下列情形之一的,当事人可以解除合同:

563-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە توختاملاشقۇچىلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ :

(一)因不可抗力致使不能实现合同目的;

( 1 ) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن توختام مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا؛

(二)在履行期限届满前,当事人一方明确表示或者以自己的行为表明不履行主要债务;

( 2 ) ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق بىلدۈرسە؛

(三)当事人一方迟延履行主要债务,经催告后在合理期限内仍未履行;

( 3 ) توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ، سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۆھلەتتىمۇ ئادا قىلمىسا؛

(四)当事人一方迟延履行债务或者有其他违约行为致使不能实现合同目的;

( 4 ) توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ياكى پۈتۈمگە خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن توختام مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا؛

(五)法律规定的其他情形。

( 5 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

以持续履行的债务为内容的不定期合同,当事人可以随时解除合同,但是应当在合理期限之前通知对方。

توختاملاشقۇچىلار سىجىل ئادا قىلىنىدىغان قەرز مەجبۇرىيىتى مەزمۇن قىلىنغان قەرەلسىز توختامنى خالىغان چاغدا بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇۋاپىق مۇددەتتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

第五百六十四条 法律规定或者当事人约定解除权行使期限,期限届满当事人不行使的,该权利消灭。

564-ماددا قانۇندا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولسا، توختاملاشقۇچىلار مۇددەت توشقاندىن كېيىن يۈرگۈزمىسە، ھوقۇق يوقىلىدۇ.

法律没有规定或者当事人没有约定解除权行使期限,自解除权人知道或者应当知道解除事由之日起一年内不行使,或者经对方催告后在合理期限内不行使的,该权利消灭。

قانۇندا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇددىتى بەلگىلەنمىگەن بولسا، بىكار قىلىش ھوقۇقدارى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزمىسە ياكى قارشى تەرەپ سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدىمۇ يۈرگۈزمىسە، ھوقۇق يوقىلىدۇ.

第五百六十五条 当事人一方依法主张解除合同的,应当通知对方。合同自通知到达对方时解除;通知载明债务人在一定期限内不履行债务则合同自动解除,债务人在该期限内未履行债务的,合同自通知载明的期限届满时解除。对方对解除合同有异议的,任何一方当事人均可以请求人民法院或者仲裁机构确认解除行为的效力。

565-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامنى بىكار قىلىشنى قانۇن بويىچە تەشەببۇس قىلسا، قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. توختام قارشى تەرەپكە يېتىپ بارغاندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ؛ ئۇقتۇرۇشتا قەرزدار قەرەللىك مۇددەت ئىچىدە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، توختام ئۆزلۈكىدىن بىكار قىلىنىدۇ دەپ ئېنىق يېزىلغان، قەرزدار شۇ مۆھلەتتە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، توختام ئۇقتۇرۇشتا يېزىلغان مۇددەت توشقاندا بىكار قىلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ توختامنى بىكار قىلىشقا باشقىچە پىكرى بولسا، توختاملاشقۇچى ھەرقانداق بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن بىكار قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

当事人一方未通知对方,直接以提起诉讼或者申请仲裁的方式依法主张解除合同,人民法院或者仲裁机构确认该主张的,合同自起诉状副本或者仲裁申请书副本送达对方时解除。

توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلماي، توختامنى بىۋاسىتە دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىدا بىكار قىلىشنى قانۇن بويىچە تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى بۇ تەشەببۇسنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، توختام ئەرزنامىنىڭ كۆچۈرمىسى ياكى كېسىم ئىلتىماسىنىڭ كۆچۈرمىسى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈلگەندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ.

第五百六十六条 合同解除后,尚未履行的,终止履行;已经履行的,根据履行情况和合同性质,当事人可以请求恢复原状或者采取其他补救措施,并有权请求赔偿损失。

566-ماددا توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنمىغان بولسا، ئىجرا قىلىش توختىتىلىدۇ؛ ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا ۋە توختامنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن توختاملاشقۇچىلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى ياكى باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

合同因违约解除的,解除权人可以请求违约方承担违约责任,但是当事人另有约定的除外。

توختام پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان بولسا، بىكار قىلىش ھوقۇقدارى خىلاپلىق قىلغۇچىدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

主合同解除后,担保人对债务人应当承担的民事责任仍应当承担担保责任,但是担保合同另有约定的除外。

ئاساسىي توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كېپىل قەرزدار ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىغا قارىتا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن كېپىللىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百六十七条 合同的权利义务关系终止,不影响合同中结算和清理条款的效力。

567-ماددا توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى توختامدىكى راسچوت قىلىش ۋە ھېساب ئېنىقلاشقا دائىر ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

第五百六十八条 当事人互负债务,该债务的标的物种类、品质相同的,任何一方可以将自己的债务与对方的到期债务抵销;但是,根据债务性质、按照当事人约定或者依照法律规定不得抵销的除外。

568-ماددا توختاملاشقۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قەرزدارلىقى بولۇپ، بۇ قەرزدارلىقتىكى نىشان نەرسىنىڭ تۈرى ۋە سۈپىتى ئوخشاش بولسا، خالىغان بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ قەرزدارلىقىنى قارشى تەرەپنىڭ مۇددىتى توشقان قەرزدارلىقى بىلەن خالاس قىلىۋەتسە بولىدۇ؛ لېكىن، قەرزنىڭ خاراكتېرى بويىچە، توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خالاس قىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

当事人主张抵销的,应当通知对方。通知自到达对方时生效。抵销不得附条件或者附期限。

توختاملاشقۇچىلار خالاس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا، قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە يېتىپ بارغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. خالاس قىلىشتا قوشۇمچە شەرت قويۇشقا ياكى قوشۇمچە مۆھلەت بەلگىلەشكە بولمايدۇ.

第五百六十九条 当事人互负债务,标的物种类、品质不相同的,经协商一致,也可以抵销。

569-ماددا توختاملاشقۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قەرزدارلىقى بولۇپ، نىشان نەرسىنىڭ تۈرى ۋە سۈپىتى ئوخشاش بولمىسا، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ خالاس قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

第五百七十条 有下列情形之一,难以履行债务的,债务人可以将标的物提存:

507-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغىلى بولمىسا، قەرزدار نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ :

(一)债权人无正当理由拒绝受领;

( 1 ) ھەقدار يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا؛

(二)债权人下落不明;

( 2 ) ھەقدار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتسە؛

(三)债权人死亡未确定继承人、遗产管理人,或者丧失民事行为能力未确定监护人;

( 3 ) ھەقدار ئۆلۈپ كېتىپ ۋارىسى، مىراس باشقۇرغۇچىسى بېكىتىلمىگەن بولسا ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ، ۋەسىيسى بېكىتىلمىگەن بولسا؛

(四)法律规定的其他情形。

( 4 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

标的物不适于提存或者提存费用过高的,债务人依法可以拍卖或者变卖标的物,提存所得的价款。

نىشان نەرسە ساقلاشقا بېرىشكە مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى ساقلاشقا بېرىش خىراجىتى بەك كۆپ بولسا، قەرزدار نىشان نەرسىنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ، ئېرىشكەن پۇلنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

第五百七十一条 债务人将标的物或者将标的物依法拍卖、变卖所得价款交付提存部门时,提存成立。

571-ماددا قەرزدار نىشان نەرسىنى ياكى نىشان نەرسىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلنى ساقلاشقا بەرگەن تارماققا تاپشۇرغاندا، ساقلىتىش ئىشقا ئاشىدۇ.

提存成立的,视为债务人在其提存范围内已经交付标的物。

ساقلىتىش ئىشقا ئاشقان بولسا، قەرزدار نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بېرىش دائىرىسىدە تاپشۇردى دەپ قارىلىدۇ.

第五百七十二条 标的物提存后,债务人应当及时通知债权人或者债权人的继承人、遗产管理人、监护人、财产代管人。

572-ماددا نىشان نەرسە ساقلاشقا بېرىلگەندىن كېيىن، قەرزدار ھەقدارغا ياكى ھەقدارنىڭ ۋارىسى، مىراس باشقۇرغۇچىسى، ۋەسىيسى، مال-مۈلكىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

第五百七十三条 标的物提存后,毁损、灭失的风险由债权人承担。提存期间,标的物的孳息归债权人所有。提存费用由债权人负担。

573-ماددا نىشان نەرسە ساقلاشقا بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇزۇلۇش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ. ساقلىتىش مەزگىلىدە نىشان نەرسىنىڭ تۇغۇندىسى ھەقدارغا تەۋە بولىدۇ. ساقلىتىش خىراجىتىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百七十四条 债权人可以随时领取提存物。但是,债权人对债务人负有到期债务的,在债权人未履行债务或者提供担保之前,提存部门根据债务人的要求应当拒绝其领取提存物。

574-ماددا ھەقدار ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى خالىغان چاغدا ئالسا بولىدۇ. لېكىن ھەقدارنىڭ قەرزدارغا مۇددىتى توشقان قەرزدارلىقى بولسا، ھەقدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى كېپىللىك بېرىشتىن بۇرۇن، ساقلىغۇچى تارماق قەرزدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى ئېلىشىنى رەت قىلىشى كېرەك.

债权人领取提存物的权利,自提存之日起五年内不行使而消灭,提存物扣除提存费用后归国家所有。但是,债权人未履行对债务人的到期债务,或者债权人向提存部门书面表示放弃领取提存物权利的,债务人负担提存费用后有权取回提存物。

ھەقدار ساقلاشقا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى ئېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىسە، ئېلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ، ساقلىتىش خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسە دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ. لېكىن ھەقدار قەرزدارغا تۆلەيدىغان مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ھەقدار ساقلىغۇچى تارماققا ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى ئېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى يازما بىلدۈرسە، قەرزدار ساقلاشقا بېرىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五百七十五条 债权人免除债务人部分或者全部债务的,债权债务部分或者全部终止,但是债务人在合理期限内拒绝的除外。

575-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ بىر قىسىم ياكى ھەممە قەرز مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلسا، ھەقدارلىق-قەرزدارلىق قىسمەن ياكى تولۇق ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن قەرزدار مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە رەت قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第五百七十六条 债权和债务同归于一人的,债权债务终止,但是损害第三人利益的除外。

576-ماددا ھەقدارلىق بىلەن قەرزدارلىق بىرلا كىشىگە مەنسۇپ بولسا، ھەقدارلىق-قەرزدارلىق ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن 3-كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八章 违约责任

8-باب خىلاپلىق جاۋابكارلىقى

第五百七十七条 当事人一方不履行合同义务或者履行合同义务不符合约定的,应当承担继续履行、采取补救措施或者赔偿损失等违约责任。

577-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第五百七十八条 当事人一方明确表示或者以自己的行为表明不履行合同义务的,对方可以在履行期限届满前请求其承担违约责任。

578-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە، ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百七十九条 当事人一方未支付价款、报酬、租金、利息,或者不履行其他金钱债务的,对方可以请求其支付。

579-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ مال پۇلى، ئىش ھەققى، ئىجارە ھەققى، ئۆسۈمنى تۆلىمىسە ياكى باشقا پۇل قەرزىنى تۆلىمىسە، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百八十条 当事人一方不履行非金钱债务或者履行非金钱债务不符合约定的,对方可以请求履行,但是有下列情形之一的除外:

580-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ پۇلدىن باشقا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۇلدىن باشقا قەرز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قارشى تەرەپ ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)法律上或者事实上不能履行;

( 1 ) قانۇن جەھەتتە ياكى ئەمەلىيەتتە ئادا قىلغىلى بولمىسا؛

(二)债务的标的不适于强制履行或者履行费用过高;

( 2 ) قەرز نىشانى مەجبۇرىي ئادا قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى ئادا قىلىش خىراجىتى بەك كۆپ بولسا؛

(三)债权人在合理期限内未请求履行。

( 3 ) ھەقدار مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا.

有前款规定的除外情形之一,致使不能实现合同目的的,人民法院或者仲裁机构可以根据当事人的请求终止合同权利义务关系,但是不影响违约责任的承担。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇنىڭ سىرتىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكتىن توختام مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى توختاملاشقۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

第五百八十一条 当事人一方不履行债务或者履行债务不符合约定,根据债务的性质不得强制履行的,对方可以请求其负担由第三人替代履行的费用。

581-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قەرزنىڭ خاراكتېرى بويىچە مەجبۇرىي ئادا قىلدۇرۇشقا بولمىسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن 3-كىشىنىڭ ۋاكالىتەن ئادا قىلىشىغا كېتىدىغان خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百八十二条 履行不符合约定的,应当按照当事人的约定承担违约责任。对违约责任没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,受损害方根据标的的性质以及损失的大小,可以合理选择请求对方承担修理、重作、更换、退货、减少价款或者报酬等违约责任。

582-ماددا ئادا قىلىش پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. خىلاپلىق جاۋابكارلىقى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ نىشاننىڭ خاراكتېرى ۋە زىياننىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، قارشى تەرەپتىن رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ياساپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، مالنى قايتۇرۇش، مال پۇلىنى ياكى ئىش ھەققىنى كېمەيتىپ بېرىش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى مۇۋاپىق تاللاپ تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百八十三条 当事人一方不履行合同义务或者履行合同义务不符合约定的,在履行义务或者采取补救措施后,对方还有其他损失的,应当赔偿损失。

583-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان ياكى تولۇقلاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىنمۇ قارشى تەرەپ باشقا زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第五百八十四条 当事人一方不履行合同义务或者履行合同义务不符合约定,造成对方损失的,损失赔偿额应当相当于因违约所造成的损失,包括合同履行后可以获得的利益;但是,不得超过违约一方订立合同时预见到或者应当预见到的因违约可能造成的损失。

584-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەي قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەش سوممىسى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيانغا، جۈملىدىن توختامنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەئەتكە تەڭ بولۇشى كېرەك. لېكىن، توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپنىڭ توختام تۈزگەندە ئالدىن كۆرگەن ياكى ئالدىن كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان، توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زىيىنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

第五百八十五条 当事人可以约定一方违约时应当根据违约情况向对方支付一定数额的违约金,也可以约定因违约产生的损失赔偿额的计算方法。

585-ماددا توختاملاشقۇچىلار بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا، خىلاپلىق ئەھۋالىغا قاراپ قارشى تەرەپكە مەلۇم مىقداردا خىلاپلىق پۇلى تۆلەش ھەققىدە پۈتۈشسە بولىدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان تۆلىمى سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەققىدە پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ.

约定的违约金低于造成的损失的,人民法院或者仲裁机构可以根据当事人的请求予以增加;约定的违约金过分高于造成的损失的,人民法院或者仲裁机构可以根据当事人的请求予以适当减少。

پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى كېلىپ چىققان زىياندىن ئاز بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى توختاملاشقۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ؛ پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى كېلىپ چىققان زىياندىن زىيادە كۆپ بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى توختاملاشقۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئازايتىپ بەرسە بولىدۇ.

当事人就迟延履行约定违约金的,违约方支付违约金后,还应当履行债务。

توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرسە، توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپ خىلاپلىق پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن قەرز مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك.

第五百八十六条 当事人可以约定一方向对方给付定金作为债权的担保。定金合同自实际交付定金时成立。

586-ماددا توختاملاشقۇچىلار بىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە ھەقدارلىق كېپىلى سۈپىتىدە زاكالەت بېرىشىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. زاكالەت توختامى زاكالەت پۇلىنى ئەمەلىي تاپشۇرغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

定金的数额由当事人约定;但是,不得超过主合同标的额的百分之二十,超过部分不产生定金的效力。实际交付的定金数额多于或者少于约定数额的,视为变更约定的定金数额。

زاكالەت سوممىسىنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ؛ لېكىن، ئاساسىي توختامدىكى نىشان سوممىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمى زاكالەت كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئەمەلىي تاپشۇرغان زاكالەت سوممىسى پۈتۈشكەن سوممىدىن كۆپ ياكى ئاز بولسا، پۈتۈشكەن زاكالەت سوممىسى ئۆزگەرتىلدى دەپ قارىلىدۇ.

第五百八十七条 债务人履行债务的,定金应当抵作价款或者收回。给付定金的一方不履行债务或者履行债务不符合约定,致使不能实现合同目的的,无权请求返还定金;收受定金的一方不履行债务或者履行债务不符合约定,致使不能实现合同目的的,应当双倍返还定金。

587-ماددا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىشى ياكى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم. زاكالەت بەرگەن تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن بولماي، توختام مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، زاكالەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ زاكالەت ئالغۇچى تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەي، توختام مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، زاكالەتنى ئىككى ھەسسە قايتۇرۇشى كېرەك.

第五百八十八条 当事人既约定违约金,又约定定金的,一方违约时,对方可以选择适用违约金或者定金条款。

588-ماددا توختاملاشقۇچىلار خىلاپلىق پۇلىنىمۇ، زاكالەتنىمۇ پۈتۈشكەن بولسا، بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا، قارشى تەرەپ خىلاپلىق پۇلى ياكى زاكالەتكە دائىر ماددىلارنى تاللاپ تەتبىقلىسا بولىدۇ.

定金不足以弥补一方违约造成的损失的,对方可以请求赔偿超过定金数额的损失。

زاكالەت بىر تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تولۇقلاشقا يەتمىسە، قارشى تەرەپ زاكالەت سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五百八十九条 债务人按照约定履行债务,债权人无正当理由拒绝受领的,债务人可以请求债权人赔偿增加的费用。

589-ماددا قەرزدار پۈتۈم بويىچە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندا، ھەقدار يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، قەرزدار ھەقداردىن كۆپەيگەن خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

在债权人受领迟延期间,债务人无须支付利息。

ھەقدار قايتۇرۇۋېلىشنى كېچىكتۈرگەن مەزگىلدە، قەرزدارنىڭ ئۆسۈم تۆلىشى ھاجەتسىز.

第五百九十条 当事人一方因不可抗力不能履行合同的,根据不可抗力的影响,部分或者全部免除责任,但是法律另有规定的除外。因不可抗力不能履行合同的,应当及时通知对方,以减轻可能给对方造成的损失,并应当在合理期限内提供证明。

590-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن توختامنى ئادا قىلالمىسا، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن، جاۋابكارلىقتىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن توختامنى ئادا قىلغىلى بولمىسا، قارشى تەرەپكە يېتىش ئېھتىمالى بولغان زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ئىسپات بېرىش كېرەك.

当事人迟延履行后发生不可抗力的,不免除其违约责任。

توختاملاشقۇچىلار ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

第五百九十一条 当事人一方违约后,对方应当采取适当措施防止损失的扩大;没有采取适当措施致使损失扩大的,不得就扩大的损失请求赔偿。

591-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم؛ مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي زىياننى چوڭايتىۋەتكەن بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

当事人因防止损失扩大而支出的合理费用,由违约方负担。

توختاملاشقۇچىلارنىڭ زىيان چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق خىراجىتىنى توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

第五百九十二条 当事人都违反合同的,应当各自承担相应的责任。

592-ماددا توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ھەر قايسىسى ئۆزىگە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

当事人一方违约造成对方损失,对方对损失的发生有过错的,可以减少相应的损失赔偿额。

توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىپ قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، زىياننىڭ يۈز بېرىشىدە قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى بولسا، زىيان تۆلىمىنى مۇناسىپ سوممىدا ئازايتىشقا بولىدۇ.

第五百九十三条 当事人一方因第三人的原因造成违约的,应当依法向对方承担违约责任。当事人一方和第三人之间的纠纷,依照法律规定或者按照约定处理。

593-ماددا توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ 3-كىشى سەۋەبىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، قارشى تەرەپ ئالدىدا قانۇن بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ بىلەن 3-كىشى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ياكى پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第五百九十四条 因国际货物买卖合同和技术进出口合同争议提起诉讼或者申请仲裁的时效期间为四年。

594-ماددا خەلقئارا مال سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ۋە تېخنىكا ئىمپورت-ئېكسپورت توختامى ماجىرالىرىنىڭ دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى 4 يىل بولىدۇ.

第二分编 典型合同

2-تىپىك توختام ئايرىش

第九章 买卖合同

توققۇزىنچى باب سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى

第五百九十五条 买卖合同是出卖人转移标的物的所有权于买受人,买受人支付价款的合同。

595-ماددا سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان، سېتىۋالغۇچى مال پۇلى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第五百九十六条 买卖合同的内容一般包括标的物的名称、数量、质量、价款、履行期限、履行地点和方式、包装方式、检验标准和方法、结算方式、合同使用的文字及其效力等条款。

596-ماددا سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە نىشان نەرسىنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى، باھاسى، ئادا قىلىش مۇددىتى، ئادا قىلىش ئورنى ۋە ئۇسۇلى، ئورۇ شەكلى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى، راسچوت ئۇسۇلى، توختامدا قوللىنىلغان يېزىق ۋە ئۇنىڭ كۈچى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第五百九十七条 因出卖人未取得处分权致使标的物所有权不能转移的,买受人可以解除合同并请求出卖人承担违约责任。

597-ماددا ساتقۇچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغانلىقتىن نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە ساتقۇچىدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

法律、行政法规禁止或者限制转让的标的物,依照其规定。

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئىي قىلىنغان ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چەك قويۇلغان نىشان نەرسىلەر شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第五百九十八条 出卖人应当履行向买受人交付标的物或者交付提取标的物的单证,并转移标的物所有权的义务。

598-ماددا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا نىشان نەرسىنى ياكى نىشان نەرسىنى ئالىدىغان تالوننى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第五百九十九条 出卖人应当按照约定或者交易习惯向买受人交付提取标的物单证以外的有关单证和资料。

599-ماددا ساتقۇچى پۈتۈم ياكى سودا ئادىتى بويىچە، سېتىۋالغۇچىغا نىشان نەرسىنى ئالىدىغان تالوندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك تالون ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

第六百条 出卖具有知识产权的标的物的,除法律另有规定或者当事人另有约定外,该标的物的知识产权不属于买受人。

600-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە نىشان نەرسىنى سېتىشتا، نىشان نەرسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سېتىۋالغۇچىغا تەۋە بولمايدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百零一条 出卖人应当按照约定的时间交付标的物。约定交付期限的,出卖人可以在该交付期限内的任何时间交付。

601-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. تاپشۇرۇش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، ساتقۇچى تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدىكى خالىغان چاغدا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

第六百零二条 当事人没有约定标的物的交付期限或者约定不明确的,适用本法第五百一十条、第五百一十一条第四项的规定。

602-ماددا توختاملاشقۇچىلار نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسى ۋە 511-ماددا ( 4 ) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第六百零三条 出卖人应当按照约定的地点交付标的物。

603-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن ئورۇندا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

当事人没有约定交付地点或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,适用下列规定:

توختاملاشقۇچىلار نىشان نەرسىنى تاپشۇرىدىغان ئورۇننى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ :

(一)标的物需要运输的,出卖人应当将标的物交付给第一承运人以运交给买受人;

( 1 ) نىشان نەرسىنى توشۇشقا توغرا كەلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى 1-توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇپ، سېتىۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛

(二)标的物不需要运输,出卖人和买受人订立合同时知道标的物在某一地点的,出卖人应当在该地点交付标的物;不知道标的物在某一地点的,应当在出卖人订立合同时的营业地交付标的物。

( 2 ) نىشان نەرسىنى توشۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى توختام تۈزگەندە نىشان نەرسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى شۇ جايدا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ نىشان نەرسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمىگەندە، ساتقۇچى توختام تۈزگەن چاغدىكى تىجارەت ئورنىدا نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.

第六百零四条 标的物毁损、灭失的风险,在标的物交付之前由出卖人承担,交付之后由买受人承担,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

604-ماددا نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى نىشان نەرسە تاپشۇرۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百零五条 因买受人的原因致使标的物未按照约定的期限交付的,买受人应当自违反约定时起承担标的物毁损、灭失的风险。

605-ماددا سېتىۋالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن نىشان نەرسە پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىلمىسە، سېتىۋالغۇچى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百零六条 出卖人出卖交由承运人运输的在途标的物,除当事人另有约定外,毁损、灭失的风险自合同成立时起由买受人承担。

606-ماددا ساتقۇچى سېتىپ توشۇغۇچىنىڭ توشۇشىغا تاپشۇرغان يول ئۈستىدىكى نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百零七条 出卖人按照约定将标的物运送至买受人指定地点并交付给承运人后,标的物毁损、灭失的风险由买受人承担。

607-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكىنى بويىچە سېتىۋالغۇچى بەلگىلىگەن جايغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەمدە توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

当事人没有约定交付地点或者约定不明确,依据本法第六百零三条第二款第一项的规定标的物需要运输的,出卖人将标的物交付给第一承运人后,标的物毁损、灭失的风险由买受人承担。

توختاملاشقۇچىلار تاپشۇرىدىغان جاينى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 603-ماددا 2-تارمىقىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، نىشان نەرسىنى توشۇشقا توغرا كەلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى 1-توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六百零八条 出卖人按照约定或者依据本法第六百零三条第二款第二项的规定将标的物置于交付地点,买受人违反约定没有收取的,标的物毁损、灭失的风险自违反约定时起由买受人承担。

608-ماددا ساتقۇچى پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 603-ماددا 2-تارمىقىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نىشان نەرسىنى تاپشۇرىدىغان جايغا قويۇپ قويغان، ئەمما سېتىۋالغۇچى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلىۋالمىغان بولسا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六百零九条 出卖人按照约定未交付有关标的物的单证和资料的,不影响标的物毁损、灭失风险的转移。

609-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك تالون ۋە ماتېرىياللارنى پۈتۈم بويىچە تاپشۇرۇپ بەرمىسە، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第六百一十条 因标的物不符合质量要求,致使不能实现合同目的的,买受人可以拒绝接受标的物或者解除合同。买受人拒绝接受标的物或者解除合同的,标的物毁损、灭失的风险由出卖人承担。

610-ماددا نىشان نەرسە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توختام مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六百一十一条 标的物毁损、灭失的风险由买受人承担的,不影响因出卖人履行义务不符合约定,买受人请求其承担违约责任的权利。

611-ماددا نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالغان بولسا، سېتىۋالغۇچىنىڭ ساتقۇچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈم بويىچە ئادا قىلمىغاندا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

第六百一十二条 出卖人就交付的标的物,负有保证第三人对该标的物不享有任何权利的义务,但是法律另有规定的除外。

62-ماددا ساتقۇچىنىڭ تاپشۇرۇلغان نىشان نەرسىدە 3-كىشىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百一十三条 买受人订立合同时知道或者应当知道第三人对买卖的标的物享有权利的,出卖人不承担前条规定的义务。

63-ماددا سېتىۋالغۇچى توختام تۈزگەندە 3-كىشىنىڭ سودىلىشىۋاتقان نىشان نەرسىدە ھوقۇقى بارلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ساتقۇچى ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第六百一十四条 买受人有确切证据证明第三人对标的物享有权利的,可以中止支付相应的价款,但是出卖人提供适当担保的除外。

64-ماددا سېتىۋالغۇچىدا 3-كىشىنىڭ نىشان نەرسىدە ھوقۇقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولسا، مۇناسىپ مال پۇلى تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ.لېكىن، ساتقۇچى مۇۋاپىق كېپىللىك بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百一十五条 出卖人应当按照约定的质量要求交付标的物。出卖人提供有关标的物质量说明的,交付的标的物应当符合该说明的质量要求。

615-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن سۈپەت تەلىپى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت چۈشەندۈرمىسىنى بەرگەن بولسا، تاپشۇرۇلغان نىشان نەرسە چۈشەندۈرمىدىكى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

第六百一十六条 当事人对标的物的质量要求没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,适用本法第五百一十一条第一项的规定。

66-ماددا توختاملاشقۇچىلار نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت تەلىپىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 5011-ماددا ( 1 ) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第六百一十七条 出卖人交付的标的物不符合质量要求的,买受人可以依据本法第五百八十二条至第五百八十四条的规定请求承担违约责任。

617-ماددا ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سېتىۋالغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 582-ماددىسىدىن 584-ماددىسغىچە بولغان ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第六百一十八条 当事人约定减轻或者免除出卖人对标的物瑕疵承担的责任,因出卖人故意或者重大过失不告知买受人标的物瑕疵的,出卖人无权主张减轻或者免除责任。

68-ماددا توختاملاشقۇچىلار ساتقۇچىنىڭ نىشان نەرسىنىڭ نۇقسانى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ نۇقسانىنى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن سېتىۋالغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويمىغان بولسا، ساتقۇچىنىڭ جاۋابكارلىقنى يېنىكلىتىش ياكى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

第六百一十九条 出卖人应当按照约定的包装方式交付标的物。对包装方式没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,应当按照通用的方式包装;没有通用方式的,应当采取足以保护标的物且有利于节约资源、保护生态环境的包装方式。

619-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن ئورۇ شەكلى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. ئورۇ شەكلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ھەممىباب ئۇسۇل بويىچە ئوراش-قاچىلاش كېرەك؛ ھەممىباب ئۇسۇل بولمىسا، نىشان نەرسىنى ئاسرىيالايدىغان ھەمدە بايلىق تېجەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق بولغان ئورۇ شەكلىنى قوللىنىش كېرەك.

第六百二十条 买受人收到标的物时应当在约定的检验期限内检验。没有约定检验期限的,应当及时检验。

62-ماددا سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك.

第六百二十一条 当事人约定检验期限的,买受人应当在检验期限内将标的物的数量或者质量不符合约定的情形通知出卖人。买受人怠于通知的,视为标的物的数量或者质量符合约定。

621-ماددا توختاملاشقۇچىلار تەكشۈرۈش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋالنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ئۇقتۇرۇشتا سۇسلۇق قىلسا، نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىدۇ.

当事人没有约定检验期限的,买受人应当在发现或者应当发现标的物的数量或者质量不符合约定的合理期限内通知出卖人。买受人在合理期限内未通知或者自收到标的物之日起二年内未通知出卖人的,视为标的物的数量或者质量符合约定;但是,对标的物有质量保证期的,适用质量保证期,不适用该二年的规定。

توختاملاشقۇچىلار تەكشۈرۈش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى سەزگەن ياكى سېزىشكە تېگىشلىك بولغان مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىغا مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ياكى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە ئۇقتۇرمىسا، نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن، نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بولسا، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تەتبىقلىنىدۇ، 2 يىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

出卖人知道或者应当知道提供的标的物不符合约定的,买受人不受前两款规定的通知时间的限制。

ساتقۇچى ئۆزى بەرگەن نىشان نەرسىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش ۋاقتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

第六百二十二条 当事人约定的检验期限过短,根据标的物的性质和交易习惯,买受人在检验期限内难以完成全面检验的,该期限仅视为买受人对标的物的外观瑕疵提出异议的期限。

622-ماددا توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش مۇددىتى بەك قىسقا بولۇپ، نىشان نەرسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە سودا ئادىتى بويىچە، سېتىۋالغۇچى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقالمىسا، بۇ مۇددەت پەقەت سېتىۋالغۇچى تاشقى نۇقسان ھەققىدىكى باشقىچە پىكرىنى بېرىدىغان مۇددەت دەپ قارىلىدۇ.

约定的检验期限或者质量保证期短于法律、行政法规规定期限的,应当以法律、行政法规规定的期限为准。

پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش مۇددىتى ياكى سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن قىسقا بولسا، قانۇن، مەمۇرىي ساھەلەردە بەلگىلەنگەن مۇددەتنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

第六百二十三条 当事人对检验期限未作约定,买受人签收的送货单、确认单等载明标的物数量、型号、规格的,推定买受人已经对数量和外观瑕疵进行检验,但是有相关证据足以推翻的除外。

623-ماددا توختاملاشقۇچىلار تەكشۈرۈش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن، سېتىۋالغۇچى قول قويۇپ تاپشۇرۇۋالغان مال يەتكۈزۈش تالونى، جەزملەشتۈرۈش تالونى قاتارلىقلارغا نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى، تىپى، ئۆلچىمى ئېنىق يېزىلغان بولسا، سېتىۋالغۇچى مىقدار ۋە تاشقى نۇقساننى تەكشۈرگەن دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، لېكىن ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百二十四条 出卖人依照买受人的指示向第三人交付标的物,出卖人和买受人约定的检验标准与买受人和第三人约定的检验标准不一致的,以出卖人和买受人约定的检验标准为准。

624-ماددا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نىشان نەرسىنى 3-كىشىگە تاپشۇرغاندا، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش ئۆلچىمى سېتىۋالغۇچى 3-كىشى بىلەن پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بىلەن بىردەك بولمىسا، ساتقۇچى بىلەن ساتقۇچى پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىدۇ.

第六百二十五条 依照法律、行政法规的规定或者按照当事人的约定,标的物在有效使用年限届满后应予回收的,出卖人负有自行或者委托第三人对标的物予以回收的义务。

625-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىدە نىشان نەرسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، ساتقۇچىنىڭ نىشان نەرسىنى يىغىۋېلىش ياكى 3-كىشىگە ھاۋالە قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

第六百二十六条 买受人应当按照约定的数额和支付方式支付价款。对价款的数额和支付方式没有约定或者约定不明确的,适用本法第五百一十条、第五百一十一条第二项和第五项的规定。

626-ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن سومما ۋە تۆلەش ئۇسۇلى بويىچە تۆلىشى كېرەك. مال پۇلىنىڭ سوممىسى ۋە تۆلەش ئۇسۇلى ھەققىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسى، 511-ماددىسىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسى ۋە ( 5 ) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第六百二十七条 买受人应当按照约定的地点支付价款。对支付地点没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,买受人应当在出卖人的营业地支付;但是,约定支付价款以交付标的物或者交付提取标的物单证为条件的,在交付标的物或者交付提取标的物单证的所在地支付。

627-ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن ئورۇندا تۆلىشى كېرەك. تۆلەيدىغان ئورۇننى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنىڭ تىجارەت ئورنىدا تۆلىشى كېرەك؛ لېكىن، پۈتۈمدە مال پۇلى تۆلەشتە نىشان نەرسىنى ياكى نىشان نەرسىنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇش شەرت قىلىنغان بولسا، نىشان نەرسىنى ياكى نىشانلىق نەرسىنى ئېلىش تالونىنى بەرگەن جايدا تۆلىنىدۇ.

第六百二十八条 买受人应当按照约定的时间支付价款。对支付时间没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,买受人应当在收到标的物或者提取标的物单证的同时支付。

628-ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك. تۆلەش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى ياكى نىشان نەرسىنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تۆلىشى كېرەك.

第六百二十九条 出卖人多交标的物的,买受人可以接收或者拒绝接收多交的部分。买受人接收多交部分的,按照约定的价格支付价款;买受人拒绝接收多交部分的,应当及时通知出卖人。

629-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى ئارتۇق تاپشۇرغان بولسا، سېتىۋالغۇچى ئارتۇق تاپشۇرغان قىسمىنى قوبۇل قىلسىمۇ ياكى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسىمۇ بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى ئارتۇق تاپشۇرغان قىسمىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مال پۇلىنى پۈتۈشكەن باھادا تۆلەيدۇ؛ سېتىۋالغۇچى ئارتۇق تاپشۇرغان قىسمىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، ساتقۇچىغا ئۆز ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第六百三十条 标的物在交付之前产生的孳息,归出卖人所有;交付之后产生的孳息,归买受人所有。但是,当事人另有约定的除外。

6030-ماددا نىشان نەرسىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرىكى تۇغۇندىسى ساتقۇچىغا تەۋە بولىدۇ؛ تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇغۇندى سېتىۋالغۇچىغا تەۋە. لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百三十一条 因标的物的主物不符合约定而解除合同的,解除合同的效力及于从物。因标的物的从物不符合约定被解除的,解除的效力不及于主物。

631-ماددا نىشان نەرسىنىڭ ئاساسىي قىسمى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن توختام بىكار قىلىنسا، توختامنىڭ بىكار قىلىنىشى نىشان نەرسىنىڭ قوشۇمچە قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نىشان نەرسىنىڭ قوشۇمچە قىسمى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن بىكار قىلىنسا، ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشى ئاساسىي نەرسىگە يەتمەيدۇ.

第六百三十二条 标的物为数物,其中一物不符合约定的,买受人可以就该物解除。但是,该物与他物分离使标的物的价值显受损害的,买受人可以就数物解除合同。

632-ماددا نىشان نەرسە بىرنەچچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەرسە پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سېتىۋالغۇچى شۇ نەرسە توغرىسىدىكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. لېكىن، شۇ نەرسە باشقا نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىلگەندە، نىشان نەرسىنىڭ قىممىتىگە كۆرۈنەرلىك زىيان يەتسە، سېتىۋالغۇچى بىرنەچچە نەرسە توغرىسىدىكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第六百三十三条 出卖人分批交付标的物的,出卖人对其中一批标的物不交付或者交付不符合约定,致使该批标的物不能实现合同目的的,买受人可以就该批标的物解除。

63-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ساتقۇچى بىر تۈركۈم نىشان نەرسىنى تاپشۇرمىغانلىقى ياكى پۈتۈم بويىچە تاپشۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن، شۇ تۈركۈم نىشان نەرسە توختام مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، سېتىۋالغۇچى شۇ تۈركۈم نىشان بۇيۇم توغرىسىدىكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

出卖人不交付其中一批标的物或者交付不符合约定,致使之后其他各批标的物的交付不能实现合同目的的,买受人可以就该批以及之后其他各批标的物解除。

ساتقۇچى بىر تۈركۈم نىشان نەرسىنى تاپشۇرمىغان ياكى پۈتۈم بويىچە تاپشۇرمىغانلىقتىن، كېيىن تاپشۇرغان باشقا تۈركۈملەردىكى نىشان نەرسىنىڭ توختام مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، سېتىۋالغۇچى شۇ تۈركۈمدىكى شۇنداقلا كېيىنكى تۈركۈملەردىكى نىشاندىكى نەرسە توغرىسىدىكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

买受人如果就其中一批标的物解除,该批标的物与其他各批标的物相互依存的,可以就已经交付和未交付的各批标的物解除。

سېتىۋالغۇچى بىر تۈركۈم نىشان نەرسە توغرىسىدىكى توختامنى بىكار قىلغاندا، شۇ تۈركۈم نىشان نەرسە باشقا تۈركۈملەردىكى نىشان نەرسە بىلەن بىر-بىرىنى تەقەززا قىلسا، تاپشۇرۇلغان ۋە تاپشۇرۇلمىغان ھەرقايسى تۈركۈملەردىكى نىشاننىڭ ھەممىسى توغرىسىدىكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第六百三十四条 分期付款的买受人未支付到期价款的数额达到全部价款的五分之一,经催告后在合理期限内仍未支付到期价款的,出卖人可以请求买受人支付全部价款或者解除合同。

634-ماددا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان سېتىۋالغۇچى مۇددىتى توشسىمۇ تۆلىمىگەن مال پۇلىنىڭ سوممىسى بارلىق مال پۇلىنىڭ بەشتىن بىرىگە يەتسە، سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۆھلەتتىمۇ مۇددىتى توشقان مال پۇلىنى تۆلىمىسە، ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىدىن بارلىق مال پۇلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

出卖人解除合同的,可以向买受人请求支付该标的物的使用费。

ساتقۇچى توختامنى بىكار قىلسا، سېتىۋالغۇچىدىن شۇ نىشان نەرسىنى ئىشلىتىش خىراجىتىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第六百三十五条 凭样品买卖的当事人应当封存样品,并可以对样品质量予以说明。出卖人交付的标的物应当与样品及其说明的质量相同。

635-ماددا ئەۋرىشكە سودىسى قىلىدىغان توختاملاشقۇچىلار ئەۋرىشكىنى پېچەتلەپ ساقلىشى كېرەك ھەمدە ئەۋرىشكە سۈپىتىگە ئىزاھات بەرسە بولىدۇ. ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى ئەۋرىشكە ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتىدىكى سۈپەت بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

第六百三十六条 凭样品买卖的买受人不知道样品有隐蔽瑕疵的,即使交付的标的物与样品相同,出卖人交付的标的物的质量仍然应当符合同种物的通常标准。

6636-ماددا ئەۋرىشكە ئېلىپ ساتىدىغان سېتىۋالغۇچى ئەۋرىشكىنىڭ يوشۇرۇن نۇقسانى بارلىقىنى بىلمىسە، تاپشۇرۇلغان نىشان نەرسە ئەۋرىشكە بىلەن ئوخشاش بولغان تەقدىردىمۇ، ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش خىلدىكى نەرسىنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

第六百三十七条 试用买卖的当事人可以约定标的物的试用期限。对试用期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,由出卖人确定。

637-ماددا ئىشلىتىپ بېقىپ سودىلىشىدىغان توختاملاشقۇچىلار نىشان نەرسىنى ئىشلىتىپ بېقىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ساتقۇچى بېكىتىدۇ.

第六百三十八条 试用买卖的买受人在试用期内可以购买标的物,也可以拒绝购买。试用期限届满,买受人对是否购买标的物未作表示的,视为购买。

638-ماددا ئىشلىتىپ بېقىپ سودىلىشىدىغان سېتىۋالغۇچى ئىشلىتىپ بېقىش مۇددىتى ئىچىدە نىشان نەرسىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىشلىتىپ بېقىش مۇددىتى توشقاندا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىسە، سېتىۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

试用买卖的买受人在试用期内已经支付部分价款或者对标的物实施出卖、出租、设立担保物权等行为的,视为同意购买。

ئىشلىتىپ بېقىپ سودىلىشىدىغان سېتىۋالغۇچى ئىشلىتىپ بېقىش مۇددىتى ئىچىدە بىر قىسىم مال پۇلىنى تۆلىگەن ياكى نىشان نەرسىنى سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ.

第六百三十九条 试用买卖的当事人对标的物使用费没有约定或者约定不明确的,出卖人无权请求买受人支付。

639-ماددا ئىشلىتىپ بېقىپ سودىلىشىدىغان توختاملاشقۇچىلار نىشان نەرسىنىڭ ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ساتقۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق.

第六百四十条 标的物在试用期内毁损、灭失的风险由出卖人承担。

640-ماددا نىشان نەرسىنىڭ ئىشلىتىپ بېقىش مۇددىتى ئىچىدە بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六百四十一条 当事人可以在买卖合同中约定买受人未履行支付价款或者其他义务的,标的物的所有权属于出卖人。

641-ماددا توختاملاشقۇچىلار سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتى ياكى باشقا مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغاندا، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ساتقۇچىغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

出卖人对标的物保留的所有权,未经登记,不得对抗善意第三人。

ساتقۇچى نىشان نەرسىدە ساقلاپ قالغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

第六百四十二条 当事人约定出卖人保留合同标的物的所有权,在标的物所有权转移前,买受人有下列情形之一,造成出卖人损害的,除当事人另有约定外,出卖人有权取回标的物:

642-ماددا توختاملاشقۇچىلار ساتقۇچى توختامدىكى نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق قىممىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىلگىرى، سېتىۋالغۇچى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ ساتقۇچىغا زىيان سالغان بولسا، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، توختاملاشقۇچىلەر ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)未按照约定支付价款,经催告后在合理期限内仍未支付;

( 1 ) مال پۇلىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىگەن، سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۆھلەتتىمۇ تۆلىمىگەن بولسا؛

(二)未按照约定完成特定条件;

( 2 ) مۇئەييەن شەرتنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئورۇندىمىغانلار؛

(三)将标的物出卖、出质或者作出其他不当处分。

( 3 ) نىشان نەرسىنى ساتقان، گۆرۈ قويغان ياكى باشقا نامۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغانلار.

出卖人可以与买受人协商取回标的物;协商不成的,可以参照适用担保物权的实现程序。

ساتقۇچى سېتىۋالغۇچى بىلەن كېڭىشىپ نىشان نەرسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەرتىپىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

第六百四十三条 出卖人依据前条第一款的规定取回标的物后,买受人在双方约定或者出卖人指定的合理回赎期限内,消除出卖人取回标的物的事由的,可以请求回赎标的物。

63-ماددا ساتقۇچى ئالدىنقى ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نىشان نەرسىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ياكى ساتقۇچى بېكىتكەن مۇۋاپىق رەنىدىن قايتۇرۇۋېلىش مۆھلىتىدە، ساتقۇچىنىڭ نىشان نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش سەۋەبىنى تۈگەتسە، نىشان نەرسىنى رەنىدىن قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

买受人在回赎期限内没有回赎标的物,出卖人可以以合理价格将标的物出卖给第三人,出卖所得价款扣除买受人未支付的价款以及必要费用后仍有剩余的,应当返还买受人;不足部分由买受人清偿。

سېتىۋالغۇچى رەنىدىن قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتى ئىچىدە نىشان نەرسىنى رەنىدىن قايتۇرۇۋالمىسا، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى مۇۋاپىق باھادا 3-كىشىگە سېتىپ بەرسە بولىدۇ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل سېتىۋالغۇچى تۆلىمىگەن مال پۇلى ۋە زۆرۈر خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنمۇ ئېشىپ قالغان بولسا، سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ كەم قىسمىنى سېتىۋالغۇچى تۆلەيدۇ.

第六百四十四条 招标投标买卖的当事人的权利和义务以及招标投标程序等,依照有关法律、行政法规的规定。

64-ماددا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ئۇسۇلىدا سودىلىشىدىغان توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك خېرىدار چاقىرىش، مەبلەغ چىقىش تەرتىپى قاتارلىقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第六百四十五条 拍卖的当事人的权利和义务以及拍卖程序等,依照有关法律、行政法规的规定。

645-ماددا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسى قىلىدىغان توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تەرتىپى قاتارلىقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第六百四十六条 法律对其他有偿合同有规定的,依照其规定;没有规定的,参照适用买卖合同的有关规定。

646-ماددا قانۇنلاردا باشقا ھەقلىق توختاملار توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第六百四十七条 当事人约定易货交易,转移标的物的所有权的,参照适用买卖合同的有关规定。

647-ماددا توختاملاشقۇچىلار مالغا مال ئالماشتۇرۇش سودىسى قىلىشنى پۈتۈشكەن، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十章 供用电、水、气、热力合同

10-باب توك، سۇ، گاز، ئىسسىقلىق توختامى

第六百四十八条 供用电合同是供电人向用电人供电,用电人支付电费的合同。

648-ماددا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامى توك بەرگۈچى توك ئىشلەتكۈچىگە توك بېرىدىغان، توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

向社会公众供电的供电人,不得拒绝用电人合理的订立合同要求。

جەمئىيەتتىكى ئاممىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان توك بەرگۈچى توك ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇۋاپىق توختام تۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

第六百四十九条 供用电合同的内容一般包括供电的方式、质量、时间,用电容量、地址、性质,计量方式,电价、电费的结算方式,供用电设施的维护责任等条款。

69-ماددا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە توك بېرىشنىڭ ئۇسۇلى، سۈپىتى، ۋاقتى، توك ئىشلىتىشنىڭ مىقدارى، ئادرېسى، خاراكتېرى، ئۆلچەش ئۇسۇلى، توك باھاسى ۋە توك پۇلىنى راسچوت قىلىش ئۇسۇلى، توك بېرىش-توك ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第六百五十条 供用电合同的履行地点,按照当事人约定;当事人没有约定或者约定不明确的,供电设施的产权分界处为履行地点。

650-ماددا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامى ئىجرا قىلىنىدىغان جاي توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى بويىچە بولىدۇ؛ توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، توك بېرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىش ئورنى توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ.

第六百五十一条 供电人应当按照国家规定的供电质量标准和约定安全供电。供电人未按照国家规定的供电质量标准和约定安全供电,造成用电人损失的,应当承担赔偿责任。

第六百五十一条 供电人应当按照国家规定的供电质量标准和约定安全供电。供电人未按照国家规定的供电质量标准和约定安全供电,造成用电人损失的,应当承担赔偿责任。

第六百五十二条 供电人因供电设施计划检修、临时检修、依法限电或者用电人违法用电等原因,需要中断供电时,应当按照国家有关规定事先通知用电人;未事先通知用电人中断供电,造成用电人损失的,应当承担赔偿责任。

62-ماددا توك بېرىش ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ۋاقىتلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش-توك ئىشلىتىشكە قانۇن بويىچە چەك قويۇش ياكى توك ئىشلەتكۈچى قانۇنغا خىلاپ توك ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توك بېرىشنى توختىتىشقا توغرا كەلسە، توك بەرگۈچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە توك ئىشلەتكۈچىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ توك ئىشلەتكۈچىگە توك بېرىشنى ۋاقىتلىق ئۇقتۇرماي، توك ئىشلەتكۈچىگە زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百五十三条 因自然灾害等原因断电,供电人应当按照国家有关规定及时抢修;未及时抢修,造成用电人损失的,应当承担赔偿责任。

63-ماددا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توك توختاپ قالسا، توك بەرگۈچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا جىددىي رېمونت قىلىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا جىددىي رېمونت قىلماي، توك ئىشلەتكۈچىگە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百五十四条 用电人应当按照国家有关规定和当事人的约定及时支付电费。用电人逾期不支付电费的,应当按照约定支付违约金。经催告用电人在合理期限内仍不支付电费和违约金的,供电人可以按照国家规定的程序中止供电。

654-ماددا توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى بويىچە ۋاقتىدا تۆلىشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلىنى مۇددەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۆلىمىسە، پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلى ۋە خىلاپلىق پۇلىنى سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ تۆلىمىسە، توك بەرگۈچى دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە توك بېرىشنى توختاتسا بولىدۇ.

供电人依据前款规定中止供电的,应当事先通知用电人。

توك بەرگۈچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە توك بېرىشنى توختىتىشتا، توك ئىشلەتكۈچىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第六百五十五条 用电人应当按照国家有关规定和当事人的约定安全、节约和计划用电。用电人未按照国家有关规定和当事人的约定用电,造成供电人损失的,应当承担赔偿责任。

65-ماددا توك ئىشلەتكۈچى توكنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى بويىچە بىخەتەر، تېجەشلىك ۋە پىلانلىق ئىشلىتىشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچى توكنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمى بويىچە ئىشلەتمەي، توك بەرگۈچىگە زىيان سالسا، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百五十六条 供用水、供用气、供用热力合同,参照适用供用电合同的有关规定。

656-ماددا سۇ بېرىش-ئىشلىتىش، گاز بېرىش-ئىشلىتىش ۋە ئىسسىقلىق بېرىش-ئىشلىتىش توختاملىرىغا توك بېرىش-ئىشلىتىش توختامىدا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十一章 赠与合同

11-باب ھەدىيە توختامى

第六百五十七条 赠与合同是赠与人将自己的财产无偿给予受赠人,受赠人表示接受赠与的合同。

657-ماددا ھەدىيە توختامى ھەدىيە قىلغۇچى ئۆز مال-مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى شۇ ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان توختامدۇر.

第六百五十八条 赠与人在赠与财产的权利转移之前可以撤销赠与。

658-ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال-مۈلۈكنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىلگىرى ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

经过公证的赠与合同或者依法不得撤销的具有救灾、扶贫、助残等公益、道德义务性质的赠与合同,不适用前款规定。

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامى ياكى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئەخلاق مەجبۇرىيىتى خاراكتېرىگە ئىگە ھەدىيە توختاملىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

第六百五十九条 赠与的财产依法需要办理登记或者其他手续的,应当办理有关手续。

659-ماددا ھەدىيە مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىش ياكى باشقا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.

第六百六十条 经过公证的赠与合同或者依法不得撤销的具有救灾、扶贫、助残等公益、道德义务性质的赠与合同,赠与人不交付赠与财产的,受赠人可以请求交付。

606-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامى ياكى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئەخلاق مەجبۇرىيىتى خاراكتېرىگە ئىگە ھەدىيە توختاملىرىدا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە قىلغان مال-مۈلۈكنى تاپشۇرۇپ بەرمىسە، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

依据前款规定应当交付的赠与财产因赠与人故意或者重大过失致使毁损、灭失的,赠与人应当承担赔偿责任。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەدىيە مال-مۈلۈكنى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇۋەتكەن، يوقىتىۋەتكەن ھەدىيە قىلغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百六十一条 赠与可以附义务。

661-ماددا ھەدىيەگە مەجبۇرىيەت قوشۇمچە قىلىنسا بولىدۇ.

赠与附义务的,受赠人应当按照约定履行义务。

ھەدىيە قىلىشتا مەجبۇرىيەت قوشۇمچە شەرت قىلىنغان بولسا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈم بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第六百六十二条 赠与的财产有瑕疵的,赠与人不承担责任。附义务的赠与,赠与的财产有瑕疵的,赠与人在附义务的限度内承担与出卖人相同的责任。

62-ماددا ھەدىيە مال-مۈلۈكنىڭ نۇقسانى بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مەجبۇرىيەتلىك ھەدىيەدە ھەدىيە مال-مۈلۈكنىڭ نۇقسانى بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى قوشۇمچە شەرت قىلىنغان مەجبۇرىيەت دائىرىسىدە ساتقۇچى بىلەن ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

赠与人故意不告知瑕疵或者保证无瑕疵,造成受赠人损失的,应当承担赔偿责任。

ھەدىيە قىلغۇچى نۇقساننى قەستەن ئېيتماي ياكى نۇقسان يوقلۇقىغا كاپالەت بېرىپ، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا زىيان سالسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百六十三条 受赠人有下列情形之一的,赠与人可以撤销赠与:

63-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولىدۇ :

(一)严重侵害赠与人或者赠与人近亲属的合法权益;

( 1 ) ھەدىيە قىلغۇچى ياكى ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش؛

(二)对赠与人有扶养义务而不履行;

( 2 ) ھەدىيە قىلغۇچىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئادا قىلمىسا؛

(三)不履行赠与合同约定的义务。

( 3 ) ھەدىيە توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماسلىق.

赠与人的撤销权,自知道或者应当知道撤销事由之日起一年内行使。

ھەدىيە قىلغۇچى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 1 يىل ئىچىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك.

第六百六十四条 因受赠人的违法行为致使赠与人死亡或者丧失民事行为能力的,赠与人的继承人或者法定代理人可以撤销赠与。

664-ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتسە ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالسا، ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

赠与人的继承人或者法定代理人的撤销权,自知道或者应当知道撤销事由之日起六个月内行使。

ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 6 ئاي ئىچىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك.

第六百六十五条 撤销权人撤销赠与的,可以向受赠人请求返还赠与的财产。

65-ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقدارى ھەدىيەنى بىكار قىلغان بولسا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدىن ھەدىيە مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第六百六十六条 赠与人的经济状况显著恶化,严重影响其生产经营或者家庭生活的,可以不再履行赠与义务。

666-ماددا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك يامانلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتى ياكى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكەن بولسا، ھەدىيە مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلمىسا بولىدۇ.

第十二章 借款合同

12-باب قەرز پۇل توختامى

第六百六十七条 借款合同是借款人向贷款人借款,到期返还借款并支付利息的合同。

667-ماددا قەرز پۇل توختامى قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىدىن قەرز پۇل ئالىدىغان، مۇددەت توشقاندا قەرز پۇلنى قايتۇرىدىغان ھەمدە ئۆسۈمىنى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第六百六十八条 借款合同应当采用书面形式,但是自然人之间借款另有约定的除外。

668-ماددا قەرز پۇل توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلىدۇ.لېكىن، تەبىئىي ئىگىلەر قەرز پۇل ئېلىشتا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

借款合同的内容一般包括借款种类、币种、用途、数额、利率、期限和还款方式等条款。

قەرز پۇل توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە قەرز پۇل تۈرى، پۇل تۈرى، ئىشلىتىش ئورنى، سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، مۇددىتى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第六百六十九条 订立借款合同,借款人应当按照贷款人的要求提供与借款有关的业务活动和财务状况的真实情况。

669-ماددا قەرز پۇل توختامى تۈزۈشتە، قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز بەرگۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەرز پۇل ئېلىشقا ئالاقىدار كەسپىي پائالىيەت ۋە مالىيە ئەھۋالىغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋاللارنى تەمىنلىشى كېرەك.

第六百七十条 借款的利息不得预先在本金中扣除。利息预先在本金中扣除的,应当按照实际借款数额返还借款并计算利息。

6070-ماددا قەرز پۇل ئۆسۈمىنى دىرىدىن ئالدىن تۇتۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۆسۈم دىرىدىن ئالدىن تۇتۇپ قېلىنسا، قەرز پۇلنى ئەمەلىي قەرز سوممىسى بويىچە قايتۇرۇش ۋە ئۆسۈمنى ھېسابلاش كېرەك.

第六百七十一条 贷款人未按照约定的日期、数额提供借款,造成借款人损失的,应当赔偿损失。

671-ماددا قەرز بەرگۈچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە سوممىسى بويىچە بەرمەي، قەرز ئالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

借款人未按照约定的日期、数额收取借款的,应当按照约定的日期、数额支付利息。

قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە سوممىسى بويىچە ئالمىسا، پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە مىقدارى بويىچە ئۆسۈم تۆلىشى كېرەك.

第六百七十二条 贷款人按照约定可以检查、监督借款的使用情况。借款人应当按照约定向贷款人定期提供有关财务会计报表或者其他资料。

672-ماددا قەرز بەرگۈچى پۈتۈم بويىچە قەرز پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە، نازارەت قىلسا بولىدۇ. قەرز ئالغۇچى پۈتۈم بويىچە قەرز بەرگۈچىنى مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى ياكى باشقا ماتېرىياللار بىلەن قەرەللىك تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك.

第六百七十三条 借款人未按照约定的借款用途使用借款的,贷款人可以停止发放借款、提前收回借款或者解除合同。

63-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنىغا ئىشلەتمىسە، قەرز بەرگۈچى قەرز پۇل تارقىتىشنى توختاتسا، قەرز پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋالسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第六百七十四条 借款人应当按照约定的期限支付利息。对支付利息的期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定,借款期间不满一年的,应当在返还借款时一并支付;借款期间一年以上的,应当在每届满一年时支付,剩余期间不满一年的,应当在返还借款时一并支付。

674-ماددا قەرز ئالغۇچى ئۆسۈمنى پۈتۈشكەن مۇددەتتە تۆلىشى كېرەك. ئۆسۈم تۆلەش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، قەرز پۇل مۇددىتى 1 يىلغا توشمايدىغانلىرىدا، قەرز پۇلنى قايتۇرغاندا ئۆسۈمىنىمۇ تەڭ تۆلەش كېرەك؛ قەرز پۇل مۇددىتى 1 يىلدىن ئاشىدىغانلىرىدا، مۇددەتنى يىلدا بىر تۆلەش كېرەك، قالدۇق مۇددىتى 1 يىلغا توشمايدىغانلىرىدا، قەرز پۇلنى قايتۇرغاندا بىراقلا تۆلەش كېرەك.

第六百七十五条 借款人应当按照约定的期限返还借款。对借款期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,借款人可以随时返还;贷款人可以催告借款人在合理期限内返还。

675-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن مۇددەتتە قايتۇرۇشى كېرەك. قەرز پۇل مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، قەرز ئالغۇچى خالىغان چاغدا قايتۇرسا بولىدۇ؛ قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا سۈيلىسە بولىدۇ.

第六百七十六条 借款人未按照约定的期限返还借款的,应当按照约定或者国家有关规定支付逾期利息。

676-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى پۈتۈشكەن مۇددەتتە قايتۇرمىسا، ئۆتكۈزۈۋەتكەن مۇددەت ئۈچۈن پۈتۈشكىنى ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆسۈم تۆلەيدۇ.

第六百七十七条 借款人提前返还借款的,除当事人另有约定外,应当按照实际借款的期间计算利息。

677-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرسا، ئۆسۈمنى قەرز پۇلنىڭ ئەمەلىي مۇددىتى بويىچە ھېسابلاش كېرەك، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六百七十八条 借款人可以在还款期限届满前向贷款人申请展期;贷款人同意的,可以展期。

678-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇل مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، قەرز بەرگۈچىگە مۇددەتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قەرز بەرگۈچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇددەتنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

第六百七十九条 自然人之间的借款合同,自贷款人提供借款时成立。

679-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز پۇل توختامى قەرز بەرگۈچى قەرز پۇلنى بەرگەن ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.

第六百八十条 禁止高利放贷,借款的利率不得违反国家有关规定。

680-ماددا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ، قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولسا بولمايدۇ.

借款合同对支付利息没有约定的,视为没有利息。

قەرز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلەش پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ئۆسۈمسىز دەپ قارىلىدۇ.

借款合同对支付利息约定不明确,当事人不能达成补充协议的,按照当地或者当事人的交易方式、交易习惯、市场利率等因素确定利息;自然人之间借款的,视为没有利息。

قەرز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلەش ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن، توختاملاشقۇچىلار قوشۇمچە بېتىم ھاسىل قىلالمىغان بولسا، شۇ جاينىڭ ياكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودا ئۇسۇلى، سودا ئادىتى، بازار ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئۆسۈم بېكىتىلىدۇ؛ تەبىئىي ئىگىلەر ئارىسىدىكى قەرز پۇل ئۆسۈمسىز دەپ قارىلىدۇ.

第十三章 保证合同

13-باب كاپالەت توختامى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第六百八十一条 保证合同是为保障债权的实现,保证人和债权人约定,当债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的情形时,保证人履行债务或者承担责任的合同。

681-ماددا كاپالەت توختامى ھەقدارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كاپالەتلىگۈچى بىلەن ھەقدار پۈتۈشىدىغان، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشكەن ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كاپالەتلىگۈچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان توختامدۇر.

第六百八十二条 保证合同是主债权债务合同的从合同。主债权债务合同无效的,保证合同无效,但是法律另有规定的除外。

682-ماددا كاپالەت توختامى ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامىنىڭ بېقىندى توختامىدۇر. ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامى ئىناۋەتسىز بولسا، كاپالەت توختامىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

保证合同被确认无效后,债务人、保证人、债权人有过错的,应当根据其过错各自承担相应的民事责任。

كاپالەت توختامى ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەرزدار، كاپالەتلىگۈچى، ھەقدارلاردا سەۋەنلىك بولسا، ھەرقايسىسى سەۋەنلىكىگە قاراپ مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第六百八十三条 机关法人不得为保证人,但是经国务院批准为使用外国政府或者国际经济组织贷款进行转贷的除外。

63-ماددا ئورگان تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە كاپالەتلىگۈچى بولسا بولمايدۇ، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ياكى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بەرگەن قەرز پۇلنى ئىشلىتىپ تەكرار قەرز بېرىش بۇنىڭ سىرتىدا.

以公益为目的的非营利法人、非法人组织不得为保证人。

ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىتىدىكى پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار كاپالەتلىگۈچى بولسا بولمايدۇ.

第六百八十四条 保证合同的内容一般包括被保证的主债权的种类、数额,债务人履行债务的期限,保证的方式、范围和期间等条款。

64-ماددا كاپالەت توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ئاساسىي ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى، قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۆھلىتى، كاپالەتنىڭ ئۇسۇلى، دائىرىسى ۋە سۈرۈكى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第六百八十五条 保证合同可以是单独订立的书面合同,也可以是主债权债务合同中的保证条款。

685-ماددا كاپالەت توختامى ئايرىم تۈزۈلگەن يازما توختام بولسىمۇ، ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامىدىكى كاپالەت ماددىلىرى بولسىمۇ بولىدۇ.

第三人单方以书面形式向债权人作出保证,债权人接收且未提出异议的,保证合同成立。

3-كىشى ھەقدارغا ئۆز ئالدىغا يازما كاپالەت بەرگەندە، ھەقدار قوبۇل قىلغان ھەمدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، كاپالەت توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.

第六百八十六条 保证的方式包括一般保证和连带责任保证。

66-ماددا كاپالەت ئۇسۇلى ئادەتتىكى كاپالەت ۋە چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

当事人在保证合同中对保证方式没有约定或者约定不明确的,按照一般保证承担保证责任。

توختاملاشقۇچىلار كاپالەت توختامىدا كاپالەت ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئادەتتىكى كاپالەت بويىچە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第六百八十七条 当事人在保证合同中约定,债务人不能履行债务时,由保证人承担保证责任的,为一般保证。

687-ماددا توختاملاشقۇچىلار كاپالەت توختامىدا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، كاپالەتلىگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسا، ئادەتتىكى كاپالەت بولىدۇ.

一般保证的保证人在主合同纠纷未经审判或者仲裁,并就债务人财产依法强制执行仍不能履行债务前,有权拒绝向债权人承担保证责任,但是有下列情形之一的除外:

ئادەتتىكى كاپالەتتىكى كاپالەتلىگۈچى ئاساسلىق توختام ماجىراسى سوت قىلىنىشتىن ياكى كېسىم قىلىنىشتىن بۇرۇن ھەمدە قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنسىمۇ، قەرز مەجبۇرىيىتىنى يەنىلا ئادا قىلالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، ھەقدار ئالدىدا كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)债务人下落不明,且无财产可供执行;

( 1 ) قەرزدارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىسا ھەمدە ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلكى بولمىسا؛

(二)人民法院已经受理债务人破产案件;

( 2 ) خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ ۋەيرانچىلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلغان بولسا؛

(三)债权人有证据证明债务人的财产不足以履行全部债务或者丧失履行债务能力;

( 3 ) ھەقداردا قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بارلىق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقى ياكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا؛

(四)保证人书面表示放弃本款规定的权利。

( 4 ) كاپالەتلىگۈچى بۇ تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى يازما بىلدۈرگەن بولسا.

第六百八十八条 当事人在保证合同中约定保证人和债务人对债务承担连带责任的,为连带责任保证。

68-ماددا توختاملاشقۇچىلار كاپالەت توختامىدا كاپالەتلىگۈچى بىلەن قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى پۈتۈشكەن بولسا، چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتى بولىدۇ.

连带责任保证的债务人不履行到期债务或者发生当事人约定的情形时,债权人可以请求债务人履行债务,也可以请求保证人在其保证范围内承担保证责任。

چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىدىكى قەرزدار قەرەلى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشكەن ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەقدار قەرزداردىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، كاپالەتلىگۈچىدىن كاپالەت دائىرىسىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

第六百八十九条 保证人可以要求债务人提供反担保。

689-ماددا كاپالەتلىگۈچى قەرزداردىن قارشى كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第六百九十条 保证人与债权人可以协商订立最高额保证的合同,约定在最高债权额限度内就一定期间连续发生的债权提供保证。

690-ماددا كاپالەتلىگۈچى ھەقدار بىلەن ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق كاپالەت توختامىنى كېڭىشىپ تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسى دائىرىسىدە مەلۇم مەزگىلدە ئۇدا يۈز بەرگەن ھەقدارلىققا كاپالەت بېرىشنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

最高额保证除适用本章规定外,参照适用本法第二编最高额抵押权的有关规定。

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق كاپالەتكە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانغاندىن باشقا، مۇشۇ قانۇننىڭ 2-قىسمىدىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第二节 保证责任

2-پاراگراف كاپالەت جاۋابكارلىقى

第六百九十一条 保证的范围包括主债权及其利息、违约金、损害赔偿金和实现债权的费用。当事人另有约定的,按照其约定。

691-ماددا كاپالەت دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىق ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى، خىلاپلىق پۇلى، زىيان تۆلەم پۇلى ۋە ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第六百九十二条 保证期间是确定保证人承担保证责任的期间,不发生中止、中断和延长。

62-ماددا كاپالەت مۇددىتى كاپالەتلىگۈچىنىڭ بېكىتىلگەن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش مۇددىتى بولۇپ، توختىتىپ تۇرۇلمايدۇ، ئۈزۈپ قويۇلمايدۇ ۋە ئۇزارتىلمايدۇ.

债权人与保证人可以约定保证期间,但是约定的保证期间早于主债务履行期限或者与主债务履行期限同时届满的,视为没有约定;没有约定或者约定不明确的,保证期间为主债务履行期限届满之日起六个月。

ھەقدار بىلەن كاپالەتلىگۈچى كاپالەت مۇددىتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ، لېكىن پۈتۈشكەن كاپالەت مۇددىتى ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۆھلىتىدىن بۇرۇن بولسا ياكى ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش مۆھلىتى بىلەن تەڭ ۋاقىتتا توشقان بولسا، پۈتۈشمىگەن دەپ قارىلىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كاپالەت مۇددىتى ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 6 ئاي بولىدۇ.

债权人与债务人对主债务履行期限没有约定或者约定不明确的,保证期间自债权人请求债务人履行债务的宽限期届满之日起计算。

ھەقدار بىلەن قەرزدار ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كاپالەت مۇددىتى ھەقدار قەرزداردىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇزارتىلغان مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第六百九十三条 一般保证的债权人未在保证期间对债务人提起诉讼或者申请仲裁的,保证人不再承担保证责任。

693-ماددا ئادەتتىكى كاپالەتتىكى ھەقدار كاپالەت مۇددىتىدە قەرزدار ئۈستىدىن دەۋا قىلمىسا ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، كاپالەتلىگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.

连带责任保证的债权人未在保证期间请求保证人承担保证责任的,保证人不再承担保证责任。

چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىدىكى ھەقدار كاپالەت مۇددىتىدە كاپالەتلىگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلمىسا، كاپالەتلىگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.

第六百九十四条 一般保证的债权人在保证期间届满前对债务人提起诉讼或者申请仲裁的,从保证人拒绝承担保证责任的权利消灭之日起,开始计算保证债务的诉讼时效。

694-ماددا ئادەتتىكى كاپالەتتىكى ھەقدار كاپالەت مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن قەرزدار ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، كاپالەتلىك قەرزنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى كاپالەتلىگۈچىنىڭ كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوقالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

连带责任保证的债权人在保证期间届满前请求保证人承担保证责任的,从债权人请求保证人承担保证责任之日起,开始计算保证债务的诉讼时效。

چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىدىكى ھەقدار كاپالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى كاپالەتلىگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، كاپالەتلىك قەرزنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ھەقدار كاپالەتلىگۈچىدىن كاپالەتلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

第六百九十五条 债权人和债务人未经保证人书面同意,协商变更主债权债务合同内容,减轻债务的,保证人仍对变更后的债务承担保证责任;加重债务的,保证人对加重的部分不承担保证责任。

695-ماددا ھەقدار بىلەن قەرزدار كاپالەتلىگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭىشىپ ئۆزگەرتىپ، قەرزنى يېنىكلەتسە، كاپالەتلىگۈچى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەرز مەجبۇرىيىتىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى يەنىلا ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قەرز ئېغىرلاشسا، كاپالەتلىگۈچى ئېغىرلاشقان قىسمى ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

债权人和债务人变更主债权债务合同的履行期限,未经保证人书面同意的,保证期间不受影响。

ھەقدار بىلەن قەرزدار ئاساسىي ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامىنى ئادا قىلىش مۆھلىتىنى ئۆزگەرتكەندە، كاپالەتلىگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا، كاپالەت مۇددىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

第六百九十六条 债权人转让全部或者部分债权,未通知保证人的,该转让对保证人不发生效力。

6696-ماددا ھەقدار ھەقدارلىقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، كاپالەتلىگۈچىگە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىش كاپالەتلىگۈچى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس.

保证人与债权人约定禁止债权转让,债权人未经保证人书面同意转让债权的,保证人对受让人不再承担保证责任。

كاپالەتلىگۈچى بىلەن ھەقدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەنئى قىلىشنى پۈتۈشكەن بولسا، ھەقدار كاپالەتلىگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەقدارلىقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، كاپالەتلىگۈچى ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ ھەقدارلىقىدا كاپالەت جاۋابكارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.

第六百九十七条 债权人未经保证人书面同意,允许债务人转移全部或者部分债务,保证人对未经其同意转移的债务不再承担保证责任,但是债权人和保证人另有约定的除外。

6097-ماددا ھەقدار كاپالەتلىگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قەرزدارنىڭ قەرزنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلسا، كاپالەتلىگۈچى ئۆز ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن قەرزدارلىق ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن ھەقدار بىلەن كاپالەتلىگۈچى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三人加入债务的,保证人的保证责任不受影响。

3-كىشى قەرزگە كىرگەن بولسا، كاپالەتلىگۈچىنىڭ كاپالەت جاۋابكارلىقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

第六百九十八条 一般保证的保证人在主债务履行期限届满后,向债权人提供债务人可供执行财产的真实情况,债权人放弃或者怠于行使权利致使该财产不能被执行的,保证人在其提供可供执行财产的价值范围内不再承担保证责任。

698-ماددا ئادەتتىكى كاپالەتتىكى كاپالەتلىگۈچى ئاساسىي قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ھەقدارغا قەرزدارنىڭ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان مال-مۈلكىگە دائىر ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەمىنلەپ بەرگەندە، ھەقدار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ياكى سۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، شۇ مال-مۈلۈكنى ئىجرا قىلغىلى بولمىسا، كاپالەتلىگۈچى ئۆزى تەمىنلىگەن ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ئۆي-مۈلۈك قىممىتى دائىرىسىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.

第六百九十九条 同一债务有两个以上保证人的,保证人应当按照保证合同约定的保证份额,承担保证责任;没有约定保证份额的,债权人可以请求任何一个保证人在其保证范围内承担保证责任。

699-ماددا بىر قەرزدارلىقتا ئىككىدىن ئارتۇق كاپالەتلىگۈچى بولسا، كاپالەتلىگۈچىلەر كاپالەت توختامىدا پۈتۈشكەن كاپالەت ئۈلۈشى بويىچە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ كاپالەت ئۈلۈشى پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ھەقدار ھەرقانداق بىر كاپالەتلىگۈچىدىن كاپالەت دائىرىسىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七百条 保证人承担保证责任后,除当事人另有约定外,有权在其承担保证责任的范围内向债务人追偿,享有债权人对债务人的权利,但是不得损害债权人的利益。

700-ماددا كاپالەتلىگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆزى ئۈستىگە ئالغان كاپالەت جاۋابكارلىقى دائىرىسىدە قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، قەرزدار ئالدىدا ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

第七百零一条 保证人可以主张债务人对债权人的抗辩。债务人放弃抗辩的,保证人仍有权向债权人主张抗辩。

701-ماددا كاپالەتلىگۈچى قەرزدارنىڭ ھەقدارغا بېرىدىغان رەددىيەسىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. قەرزدار رەددىيە بېرىشتىن ۋاز كەچسە، كاپالەتلىگۈچى يەنىلا ھەقدارغا رەددىيە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第七百零二条 债务人对债权人享有抵销权或者撤销权的,保证人可以在相应范围内拒绝承担保证责任。

702-ماددا قەرزدار ھەقدار ئالدىدا خالاس قىلىۋېتىش ھوقۇقى ياكى بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، كاپالەتلىگۈچى مۇناسىپ دائىرىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

第十四章 租赁合同

14-باب ئىجارە توختامى

第七百零三条 租赁合同是出租人将租赁物交付承租人使用、收益,承租人支付租金的合同。

703-ماددا ئىجارە توختامى ئىجارىچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە، مەنپەئەتلىنىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第七百零四条 租赁合同的内容一般包括租赁物的名称、数量、用途、租赁期限、租金及其支付期限和方式、租赁物维修等条款。

704-ماددا ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە ئىجارە نەرسىنىڭ نامى، مىقدارى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىجارە مۇددىتى، ئىجارە ھەققى ۋە ئۇنى تۆلەش مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى، ئىجارە نەرسىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七百零五条 租赁期限不得超过二十年。超过二十年的,超过部分无效。

705-ماددا ئىجارە مۇددىتى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 20 يىلدىن ئاشقانلىرىنىڭ ئاشقان قىسمى ئىناۋەتسىز.

租赁期限届满,当事人可以续订租赁合同;但是,约定的租赁期限自续订之日起不得超过二十年。

ئىجارە مۇددىتى توشقاندا توختاملاشقۇچىلار ئىجارە توختامىنى ئۇلاپ تۈزۈشسە بولىدۇ؛ لېكىن، پۈتۈشكەن ئىجارە مۇددىتى ئۇلاپ زاكاز قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

第七百零六条 当事人未依照法律、行政法规规定办理租赁合同登记备案手续的,不影响合同的效力。

706-ماددا توختاملاشقۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجارە توختامىنى تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە، توختامنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第七百零七条 租赁期限六个月以上的,应当采用书面形式。当事人未采用书面形式,无法确定租赁期限的,视为不定期租赁。

707-ماددا ئىجارە مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئۇزۇن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. توختاملاشقۇچىلار يازما شەكىل قوللانمىغاندا، ئىجارە مۇددىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، قەرەلسىز ئىجارە دەپ قارىلىدۇ.

第七百零八条 出租人应当按照约定将租赁物交付承租人,并在租赁期限内保持租赁物符合约定的用途。

708-ماددا ئىجارىچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىغا پۈتۈم بويىچە تاپشۇرۇپ بېرىشى ھەمدە ئىجارە مۇددىتى ئىچىدە ئىجارە نەرسىنىڭ پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنىغا ئۇيغۇن ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك.

第七百零九条 承租人应当按照约定的方法使用租赁物。对租赁物的使用方法没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,应当根据租赁物的性质使用。

709-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىجارە نەرسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ئىجارە نەرسىنى خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

第七百一十条 承租人按照约定的方法或者根据租赁物的性质使用租赁物,致使租赁物受到损耗的,不承担赔偿责任。

710-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىشلىتىپ ئۇپراتقان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第七百一十一条 承租人未按照约定的方法或者未根据租赁物的性质使用租赁物,致使租赁物受到损失的,出租人可以解除合同并请求赔偿损失。

71-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىشلەتمەي زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئىجارىچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七百一十二条 出租人应当履行租赁物的维修义务,但是当事人另有约定的除外。

712-ماددا ئىجارىچى ئىجارە نەرسىنى رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百一十三条 承租人在租赁物需要维修时可以请求出租人在合理期限内维修。出租人未履行维修义务的,承租人可以自行维修,维修费用由出租人负担。因维修租赁物影响承租人使用的,应当相应减少租金或者延长租期。

73-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئىجارىچىدىن مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە رېمونت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىجارىچى رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى رېمونت قىلسا بولىدۇ.رېمونت قىلىش خىراجىتىنى ئىجارىچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىجارە نەرسىنى رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتسە، مۇناسىپ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ياكى ئىجارە مۇددىتىنى ئۇزارتىش كېرەك.

因承租人的过错致使租赁物需要维修的,出租人不承担前款规定的维修义务。

ئىجارە ئالغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىجارە نەرسىنى رېمونت قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىجارىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第七百一十四条 承租人应当妥善保管租赁物,因保管不善造成租赁物毁损、灭失的,应当承担赔偿责任。

714-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىماي زىيانغا ئۇچراتسا، يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第七百一十五条 承租人经出租人同意,可以对租赁物进行改善或者增设他物。

75-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىجارە نەرسىنى ياخشىلىسا ياكى ئۇنىڭغا باشقا نەرسىلەرنى قوشسا بولىدۇ.

承租人未经出租人同意,对租赁物进行改善或者增设他物的,出租人可以请求承租人恢复原状或者赔偿损失。

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىجارە نەرسىنى ياخشىلىسا ياكى ئۇنىڭغا باشقا نەرسىلەرنى قوشسا، ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىدىن ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七百一十六条 承租人经出租人同意,可以将租赁物转租给第三人。承租人转租的,承租人与出租人之间的租赁合同继续有效;第三人造成租赁物损失的,承租人应当赔偿损失。

76-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىجارە نەرسىنى 3-كىشىگە قايتا ئىجارە بەرسە بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى قايتا ئىجارە بەرسە، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارىچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ 3-كىشى ئىجارە نەرسىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئىجارە ئالغۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

承租人未经出租人同意转租的,出租人可以解除合同。

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ قايتا ئىجارە بەرگەندە، ئىجارىچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第七百一十七条 承租人经出租人同意将租赁物转租给第三人,转租期限超过承租人剩余租赁期限的,超过部分的约定对出租人不具有法律约束力,但是出租人与承租人另有约定的除外。

717-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئىجارە نەرسىنى 3-كىشىگە قايتا ئىجارە بەرگەندە، قايتا ئىجارە مۇددىتى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ قالدۇق ئىجارە مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئىجارىچى ئۈچۈن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، لېكىن ئىجارىچى بىلەن ئىجارە ئالغۇچى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百一十八条 出租人知道或者应当知道承租人转租,但是在六个月内未提出异议的,视为出租人同意转租。

718-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ قايتا ئىجارە بەرگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئالتە ئاي ئىچىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، ئىجارىچى قايتا ئىجارە بېرىشكە قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ.

第七百一十九条 承租人拖欠租金的,次承租人可以代承租人支付其欠付的租金和违约金,但是转租合同对出租人不具有法律约束力的除外。

719-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى نېسى قالدۇرغان بولسا، ئىككىلەمچى ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالغۇچىغا ۋاكالىتەن قەرز قالغان ئىجارە ھەققى ۋە خىلاپلىق پۇلىنى تۆلىسە بولىدۇ، لېكىن قايتا ئىجارە توختامى ئىجارىچى ئۈچۈن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

次承租人代为支付的租金和违约金,可以充抵次承租人应当向承租人支付的租金;超出其应付的租金数额的,可以向承租人追偿。

ئىككىلەمچى ئىجارە ئالغۇچى ۋاكالىتەن تۆلىگەن ئىجارە ھەققى ۋە خىلاپلىق پۇلىنى ئىجارە ئالغۇچىغا تۆلەيدىغان ئىجارە ھەققىگە توغرىلىۋەتسە بولىدۇ؛ تۆلەشكە تېگىشلىك ئىجارە ھەققى سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئىجارە ئالغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第七百二十条 在租赁期限内因占有、使用租赁物获得的收益,归承租人所有,但是当事人另有约定的除外。

720-ماددا ئىجارە مۇددىتىدە ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، ئىشلىتىش ئارقىلىق تاپقان تاپاۋەت ئىجارە ئالغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百二十一条 承租人应当按照约定的期限支付租金。对支付租金的期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定,租赁期限不满一年的,应当在租赁期限届满时支付;租赁期限一年以上的,应当在每届满一年时支付,剩余期限不满一年的,应当在租赁期限届满时支付。

721-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى پۈتۈشكەن مۇددەتتە تۆلىشى كېرەك. ئىجارە ھەققى تۆلەش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ئىجارە مۇددىتى 1 يىلغا توشمايدىغانلىرىدا ئىجارە مۇددىتى توشقاندا تۆلەش كېرەك؛ ئىجارە مۇددىتى 1 يىلدىن ئاشىدىغانلىرىدا يىلدا بىر تۆلەش كېرەك، قالدۇق مۇددىتى 1 يىلغا توشمايدىغانلىرىدا ئىجارە مۇددىتى توشقان چاغدا تۆلەش كېرەك.

第七百二十二条 承租人无正当理由未支付或者迟延支付租金的,出租人可以请求承租人在合理期限内支付;承租人逾期不支付的,出租人可以解除合同。

722-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن تۆلىمىسە ياكى تۆلەشنى كېچىكتۈرسە، ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىدىن مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىجارە ئالغۇچى مۇددەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۆلىمىسە، ئىجارىچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第七百二十三条 因第三人主张权利,致使承租人不能对租赁物使用、收益的,承租人可以请求减少租金或者不支付租金。

723-ماددا ئىجارە ئالغۇچى 3-كىشىنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىجارە نەرسىنى ئىشلىتەلمىسە، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمىسە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ بېرىشنى ياكى ئىجارە ھەققىنى تۆلىمەسلىكنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第三人主张权利的,承租人应当及时通知出租人。

3-كىشى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第七百二十四条 有下列情形之一,非因承租人原因致使租赁物无法使用的,承租人可以解除合同:

724-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ سەۋەبىسىز ئىجارە نەرسىنى ئىشلەتكىلى بولمىسا، ئىجارە ئالغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ :

(一)租赁物被司法机关或者行政机关依法查封、扣押;

( 1 ) ئىجارە نەرسىنى ئەدلىيە ئورگىنى ياكى مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا؛

(二)租赁物权属有争议;

( 2 ) ئىجارە نەرسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا؛

(三)租赁物具有违反法律、行政法规关于使用条件的强制性规定情形。

( 3 ) ئىجارە نەرسىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئىشلىتىش شەرتى توغرىسىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللار بولسا.

第七百二十五条 租赁物在承租人按照租赁合同占有期限内发生所有权变动的,不影响租赁合同的效力。

725-ماددا ئىجارە نەرسىنىڭ ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە توختامىغا ئاساسەن ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە ئىگىدارلىق ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئىجارە توختامىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第七百二十六条 出租人出卖租赁房屋的,应当在出卖之前的合理期限内通知承租人,承租人享有以同等条件优先购买的权利;但是,房屋按份共有人行使优先购买权或者出租人将房屋出卖给近亲属的除外。

726-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئۆينى ساتماقچى بولسا، سېتىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ئىجارە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك، ئىجارە ئالغۇچى ئوخشاش شەرت بىلەن ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ لېكىن، ئۆيگە ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلاردىن ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىرى ياكى ئىجارىچى ئۆينى يېقىن تۇغقانلىرىغا سېتىپ بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

出租人履行通知义务后,承租人在十五日内未明确表示购买的,视为承租人放弃优先购买权。

ئىجارىچى ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئىجارە ئالغۇچى 15 كۈن ئىچىدە سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئىجارە ئالغۇچى ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.

第七百二十七条 出租人委托拍卖人拍卖租赁房屋的,应当在拍卖五日前通知承租人。承租人未参加拍卖的,视为放弃优先购买权。

727-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئۆينى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقۇچىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن بەش كۈن بۇرۇن ئىجارە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىجارە ئالغۇچى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشمىسا، ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.

第七百二十八条 出租人未通知承租人或者有其他妨害承租人行使优先购买权情形的,承租人可以请求出租人承担赔偿责任。但是,出租人与第三人订立的房屋买卖合同的效力不受影响。

728-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلمىسا ياكى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە زىيان سالىدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن، ئىجارىچى بىلەن 3-كىشى تۈزگەن ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنىڭ كۈچى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

第七百二十九条 因不可归责于承租人的事由,致使租赁物部分或者全部毁损、灭失的,承租人可以请求减少租金或者不支付租金;因租赁物部分或者全部毁损、灭失,致使不能实现合同目的的,承租人可以解除合同。

729-ماددا ئىجارە ئالغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىجارە نەرسە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان، يوقالغان بولسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ بېرىشنى ياكى ئىجارە ھەققىنى تۆلىمەسلىكنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىجارە نەرسە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقى، يوقالغانلىقى سەۋەبىدىن توختام مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا، ئىجارە ئالغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第七百三十条 当事人对租赁期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,视为不定期租赁;当事人可以随时解除合同,但是应当在合理期限之前通知对方。

73-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئىجارە مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، قەرەلسىز ئىجارە دەپ قارىلىدۇ؛ توختاملاشقۇچىلار توختامنى خالىغان چاغدا بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇۋاپىق مۇددەتتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

第七百三十一条 租赁物危及承租人的安全或者健康的,即使承租人订立合同时明知该租赁物质量不合格,承租人仍然可以随时解除合同。

731-ماددا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، ئىجارە ئالغۇچى توختام تۈزگەندە ئىجارە نەرسە سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، توختامنى خالىغان چاغدا بىكار قىلسا بولىدۇ.

第七百三十二条 承租人在房屋租赁期限内死亡的,与其生前共同居住的人或者共同经营人可以按照原租赁合同租赁该房屋。

732-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئىجارە ئېلىش مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ياكى بىللە تىجارەت قىلغان كىشى ئەسلىي ئىجارە توختامى بويىچە شۇ ئۆينى ئىجارە ئالسا بولىدۇ.

第七百三十三条 租赁期限届满,承租人应当返还租赁物。返还的租赁物应当符合按照约定或者根据租赁物的性质使用后的状态。

733-ماددا ئىجارە مۇددىتى توشقاندا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. قايتۇرۇلغان ئىجارە نەرسە پۈتۈم ياكى خۇسۇسىيىتى بويىچە بېكىتىلگەن ئىشلىتىلگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

第七百三十四条 租赁期限届满,承租人继续使用租赁物,出租人没有提出异议的,原租赁合同继续有效,但是租赁期限为不定期。

734-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ئىجارە نەرسىنى داۋاملىق ئىشلەتسە، ئىجارىچىنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە پىكرى بولمىسا، ئەسلىي ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە، لېكىن، ئىجارە مۇددىتى قەرەلسىز بولىدۇ.

租赁期限届满,房屋承租人享有以同等条件优先承租的权利。

ئىجارە مۇددىتى توشقاندا، ئىجارە ئالغۇچى ئوخشاش شەرت بىلەن ئالدىن ئىجارە ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第十五章 融资租赁合同

15-باب مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى

第七百三十五条 融资租赁合同是出租人根据承租人对出卖人、租赁物的选择,向出卖人购买租赁物,提供给承租人使用,承租人支付租金的合同。

735-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچى ۋە ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا ئاساسەن، ئىجارە نەرسىنى ساتقۇچىدىن سېتىۋېلىپ، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدىغان، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第七百三十六条 融资租赁合同的内容一般包括租赁物的名称、数量、规格、技术性能、检验方法,租赁期限,租金构成及其支付期限和方式、币种,租赁期限届满租赁物的归属等条款。

736-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە ئىجارە نەرسىنىڭ نامى، مىقدارى، ئۆلچىمى، تېخنىكىلىق ئىقتىدارى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، ئىجارە مۇددىتى، ئىجارە ھەققى قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنى تۆلەش مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى، پۇل تۈرى، ئىجارە مۇددىتى توشقاندا ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

融资租赁合同应当采用书面形式。

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

第七百三十七条 当事人以虚构租赁物方式订立的融资租赁合同无效。

737-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئىجارە نەرسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن تۈزگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى ئىناۋەتسىز.

第七百三十八条 依照法律、行政法规的规定,对于租赁物的经营使用应当取得行政许可的,出租人未取得行政许可不影响融资租赁合同的效力。

738-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشتە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئىجارىچى مەمۇرىي ئىجازەت ئالمىغان بولسىمۇ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

第七百三十九条 出租人根据承租人对出卖人、租赁物的选择订立的买卖合同,出卖人应当按照约定向承租人交付标的物,承租人享有与受领标的物有关的买受人的权利。

739-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچى ۋە ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا ئاساسەن تۈزگەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدا، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈم بويىچە ئىجارە ئالغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك، ئىجارە ئالغۇچى نىشان نەرسىنى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە.

第七百四十条 出卖人违反向承租人交付标的物的义务,有下列情形之一的,承租人可以拒绝受领出卖人向其交付的标的物:

740-ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچىغا تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئىجارە ئالغۇچى ساتقۇچى ئۆزىگە تاپشۇرغان نىشان نەرسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولىدۇ :

(一)标的物严重不符合约定;

( 1 ) نىشان نەرسە پۈتۈمگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(二)未按照约定交付标的物,经承租人或者出租人催告后在合理期限内仍未交付。

( 2 ) نىشان نەرسىنى پۈتۈم بويىچە تاپشۇرمىغان، ئىجارە ئالغۇچى ياكى ئىجارىچى سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۆھلەتتىمۇ تاپشۇرمىغان بولسا.

承租人拒绝受领标的物的,应当及时通知出租人。

ئىجارە ئالغۇچى نىشان نەرسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، ئىجارىچىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第七百四十一条 出租人、出卖人、承租人可以约定,出卖人不履行买卖合同义务的,由承租人行使索赔的权利。承租人行使索赔权利的,出租人应当协助。

741-ماددا ئىجارىچى، ساتقۇچى، ئىجارە ئالغۇچىلار ساتقۇچى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئىجارىچى ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第七百四十二条 承租人对出卖人行使索赔权利,不影响其履行支付租金的义务。但是,承租人依赖出租人的技能确定租赁物或者出租人干预选择租赁物的,承租人可以请求减免相应租金。

742-ماددا ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ئۇنىڭ ئىجارە ھەققى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. لېكىن، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارىچىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ بېكىتسە ياكى ئىجارىچى ئىجارە نەرسىنى تاللاشقا ئارىلىشىۋالسا، ئىجارە ئالغۇچى مۇناسىپ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七百四十三条 出租人有下列情形之一,致使承租人对出卖人行使索赔权利失败的,承租人有权请求出租人承担相应的责任:

743-ماددا ئىجارىچى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىقتىن، ئىجارە ئالغۇچى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە مەغلۇپ بولسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىدىن مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)明知租赁物有质量瑕疵而不告知承租人;

( 1 ) ئىجارە نەرسىنىڭ سۈپىتىدە نۇقسان بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىجارە ئالغۇچىغا ئېيتمىسا؛

(二)承租人行使索赔权利时,未及时提供必要协助。

( 2 ) ئىجارە ئالغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ۋاقتىدا زۆرۈر ياردەم بەرمىسە.

出租人怠于行使只能由其对出卖人行使的索赔权利,造成承租人损失的,承租人有权请求出租人承担赔偿责任。

ئىجارىچى ئۆزىلا يۈرگۈزەلەيدىغان ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ، ئىجارە ئالغۇچىغا زىيان سالسا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第七百四十四条 出租人根据承租人对出卖人、租赁物的选择订立的买卖合同,未经承租人同意,出租人不得变更与承租人有关的合同内容。

744-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچى ۋە ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا ئاساسەن تۈزگەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىكى ئىجارە ئالغۇچىغا ئالاقىدار توختام مەزمۇنىنى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

第七百四十五条 出租人对租赁物享有的所有权,未经登记,不得对抗善意第三人。

745-ماددا ئىجارىچى ئىجارە نەرسىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاتماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

第七百四十六条 融资租赁合同的租金,除当事人另有约定外,应当根据购买租赁物的大部分或者全部成本以及出租人的合理利润确定。

746-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىدىكى ئىجارە ھەققىنى ئىجارە نەرسىنىڭ كۆپ قىسمى ياكى بارلىق تەننەرخى شۇنىڭدەك ئىجارىچىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百四十七条 租赁物不符合约定或者不符合使用目的的,出租人不承担责任。但是,承租人依赖出租人的技能确定租赁物或者出租人干预选择租赁物的除外。

747-ماددا ئىجارە نەرسە پۈتۈمگە ياكى ئىشلىتىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىجارىچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارىچىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ بېكىتكەنلىرى ياكى ئىجارىچى ئىجارە نەرسىنى تاللاشقا ئارىلىشىۋالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百四十八条 出租人应当保证承租人对租赁物的占有和使用。

748-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە نەرسىنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

出租人有下列情形之一的,承租人有权请求其赔偿损失:

ئىجارىچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجارە ئالغۇچى ئۇنىڭدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)无正当理由收回租赁物;

( 1 ) ئىجارە نەرسىنى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قايتۇرۇۋېلىش؛

(二)无正当理由妨碍、干扰承租人对租赁物的占有和使用;

( 2 ) ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە نەرسىنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە يولسىز سەۋەبلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش، كاشىلا سېلىش؛

(三)因出租人的原因致使第三人对租赁物主张权利;

( 3 ) ئىجارىچىنىڭ سەۋەبىدىن 3-كىشى ئىجارە نەرسىدىكى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا؛

(四)不当影响承租人对租赁物占有和使用的其他情形。

( 4 ) ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە نەرسىنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە نامۇۋاپىق تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

第七百四十九条 承租人占有租赁物期间,租赁物造成第三人人身损害或者财产损失的,出租人不承担责任。

749-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە، ئىجارە نەرسە 3-كىشىنى جىسمانىي ياكى مال-مۈلۈك جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئىجارىچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第七百五十条 承租人应当妥善保管、使用租赁物。

750-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى، ئوبدان ئىشلىتىشى كېرەك.

承租人应当履行占有租赁物期间的维修义务。

ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第七百五十一条 承租人占有租赁物期间,租赁物毁损、灭失的,出租人有权请求承租人继续支付租金,但是法律另有规定或者当事人另有约定的除外。

751-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلىگەن مەزگىلدە، ئىجارە نەرسە بۇزۇلۇپ كەتسە، يوقاپ كەتسە، ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىدىن ئىجارە ھەققىنى داۋاملىق تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百五十二条 承租人应当按照约定支付租金。承租人经催告后在合理期限内仍不支付租金的,出租人可以请求支付全部租金;也可以解除合同,收回租赁物。

752-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى پۈتۈم بويىچە تۆلىشى كېرەك. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۆھلەتتىمۇ تۆلىمىسە، ئىجارىچى بارلىق ئىجارە ھەققىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ توختامنى بىكار قىلىپ، ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

第七百五十三条 承租人未经出租人同意,将租赁物转让、抵押、质押、投资入股或者以其他方式处分的,出租人可以解除融资租赁合同。

753-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىجارە نەرسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، رەنىگە قويغان، گۆرۈگە قويغان، مەبلەغ سېلىپ پاي قىلىپ قوشقان ياكى باشقا ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغان بولسا، ئىجارىچى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第七百五十四条 有下列情形之一的,出租人或者承租人可以解除融资租赁合同:

754-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجارىچى ياكى ئىجارە ئالغۇچى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ :

(一)出租人与出卖人订立的买卖合同解除、被确认无效或者被撤销,且未能重新订立买卖合同;

( 1 ) ئىجارىچى بىلەن ساتقۇچى تۈزگەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى بىكار قىلىنغان، ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنى قايتا تۈزۈشمىگەن بولسا؛

(二)租赁物因不可归责于当事人的原因毁损、灭失,且不能修复或者确定替代物;

( 2 ) ئىجارە نەرسە توختاملاشقۇچىلاردىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇزۇلسا، يوقالسا ھەمدە ئوڭشاپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ياكى سەپلىمە نەرسىنى بېكىتكىلى بولمىسا؛

(三)因出卖人的原因致使融资租赁合同的目的不能实现。

( 3 ) ساتقۇچىنىڭ سەۋەبىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا.

第七百五十五条 融资租赁合同因买卖合同解除、被确认无效或者被撤销而解除,出卖人、租赁物系由承租人选择的,出租人有权请求承租人赔偿相应损失;但是,因出租人原因致使买卖合同解除、被确认无效或者被撤销的除外。

75-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنىڭ بىكار قىلىنىشى، ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغاندا، ساتقۇچى ۋە ئىجارە نەرسىنى ئىجارە ئالغۇچى تاللىغان بولسا، ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىدىن مۇناسىپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ لېكىن، ئىجارىچىنىڭ سەۋەبىدىن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى بىكار قىلىنغان، ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

出租人的损失已经在买卖合同解除、被确认无效或者被撤销时获得赔偿的,承租人不再承担相应的赔偿责任。

ئىجارىچىنىڭ زىيىنى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى بىكار قىلىنغان، ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا تۆلەپ بېرىلگەن بولسا، ئىجارە ئالغۇچى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىدىن خالاس بولىدۇ.

第七百五十六条 融资租赁合同因租赁物交付承租人后意外毁损、灭失等不可归责于当事人的原因解除的,出租人可以请求承租人按照租赁物折旧情况给予补偿。

756-ماددا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، تاساددىپىي بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش قاتارلىق توختاملاشقۇچىلاردىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى بىكار قىلىنغان بولسا، ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىدىن ئىجارە نەرسىنىڭ ئامورتىزاتسىيە ئەھۋالىغا قاراپ تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七百五十七条 出租人和承租人可以约定租赁期限届满租赁物的归属;对租赁物的归属没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,租赁物的所有权归出租人。

757-ماددا ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارە مۇددىتى توشقان ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشسە بولىدۇ؛ ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارىچىگە تەۋە بولىدۇ.

第七百五十八条 当事人约定租赁期限届满租赁物归承租人所有,承租人已经支付大部分租金,但是无力支付剩余租金,出租人因此解除合同收回租赁物,收回的租赁物的价值超过承租人欠付的租金以及其他费用的,承租人可以请求相应返还。

758-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئىجارە مۇددىتى توشقاندا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆلەپ بولغان، لېكىن قالدۇق ئىجارە ھەققىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن، شۇ سەۋەبتىن ئىجارىچى توختامنى بىكار قىلىپ ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇۋالغان بولسا، قايتۇرۇۋېلىنغان ئىجارە نەرسىنىڭ قىممىتى ئىجارە ئالغۇچى تۆلىيەلمەي قالغان ئىجارە ھەققى ھەمدە باشقا خىراجەتلەردىن يۇقىرى بولسا، ئىجارە ئالغۇچى مۇناسىپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

当事人约定租赁期限届满租赁物归出租人所有,因租赁物毁损、灭失或者附合、混合于他物致使承租人不能返还的,出租人有权请求承租人给予合理补偿。

توختاملاشقۇچىلار ئىجارە مۇددىتى توشقاندا ئىجارە نەرسە ئىجارىچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن، ئىجارە نەرسە بۇزۇلۇپ كېتىپ، يوقاپ كېتىپ ياكى باشقا نەرسىلەرگە قوشۇلۇپ كېتىپ، ئارىلىشىپ كېتىپ ئىجارە ئالغۇچى قايتۇرۇپ بېرەلمىسە، ئىجارىچى ئىجارە ئالغۇچىدىن مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第七百五十九条 当事人约定租赁期限届满,承租人仅需向出租人支付象征性价款的,视为约定的租金义务履行完毕后租赁物的所有权归承租人。

759-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئىجارە مۇددىتى توشقاندا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىگە سىمۋوللۇق مال پۇلىلا تۆلەيدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن ئىجارە ھەققى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارە ئالغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

第七百六十条 融资租赁合同无效,当事人就该情形下租赁物的归属有约定的,按照其约定;没有约定或者约定不明确的,租赁物应当返还出租人。但是,因承租人原因致使合同无效,出租人不请求返还或者返还后会显著降低租赁物效用的,租赁物的所有权归承租人,由承租人给予出租人合理补偿。

76-ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى ئىناۋەتسىز بولغاندا، توختاملاشقۇچىلار شۇ ئەھۋالدا ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئىجارە نەرسىنى ئىجارىچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. لېكىن، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن توختام ئىناۋەتسىز بولۇپ، ئىجارىچى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئىجارە نەرسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتسە، ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارە ئالغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىچىگە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىدۇ.

第十六章 保理合同

16-باب كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامى

第七百六十一条 保理合同是应收账款债权人将现有的或者将有的应收账款转让给保理人,保理人提供资金融通、应收账款管理或者催收、应收账款债务人付款担保等服务的合同。

761-ماددا كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل ھەقدارى ھازىر بار بولغان ياكى كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان ئېلىم ھېسابى پۇلىنى كاپالەتلىك باشقۇرغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېلىم ھېسابىدا پۇل باشقۇرۇش ياكى سۈيلەپ يىغىش، ئېلىم ھېساباتىدىكى پۇل قەرزدارىنىڭ پۇل تۆلىشىگە كېپىل بولۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان توختامدۇر.

第七百六十二条 保理合同的内容一般包括业务类型、服务范围、服务期限、基础交易合同情况、应收账款信息、保理融资款或者服务报酬及其支付方式等条款。

762-ماددا كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە كەسىپ تۈرى، مۇلازىمەت دائىرىسى، مۇلازىمەت مۇددىتى، ئاساسىي سودا توختامىنىڭ ئەھۋالى، ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل ئۇچۇرى، كاپالەتلىك باشقۇرۇلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلى، مۇلازىمەت ھەققى ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

保理合同应当采用书面形式。

كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

第七百六十三条 应收账款债权人与债务人虚构应收账款作为转让标的,与保理人订立保理合同的,应收账款债务人不得以应收账款不存在为由对抗保理人,但是保理人明知虚构的除外。

763-ماددا ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارى بىلەن قەرزدارى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئېلىم ھېسابىنىڭ پۇلىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش نىشانى قىلىپ، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى بىلەن كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامى تۈزگەن بولسا، ئېلىم ھېسابىغا پۇلنىڭ قەرزدارى ئېلىم ھېسابىدا پۇل يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، كاپالەتلىك ساقلىغۇچى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ، لېكىن كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئېنىق بىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百六十四条 保理人向应收账款债务人发出应收账款转让通知的,应当表明保理人身份并附有必要凭证。

764-ماددا كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ قەرزدارىغا ئېلىم ھېسابىنىڭ پۇلىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكەندە، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى ھەمدە زۆرۈر ئىسپاتلارنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك.

第七百六十五条 应收账款债务人接到应收账款转让通知后,应收账款债权人与债务人无正当理由协商变更或者终止基础交易合同,对保理人产生不利影响的,对保理人不发生效力。

765-ماددا ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ قەرزدارى ئېلىم ھېسابىنىڭ پۇلىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېلىم ھېساكىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارى بىلەن قەرزدارى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ، ئاساسىي سودا توختامىنى كېڭىشىپ ئۆزگەرتىپ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچىغا پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس.

第七百六十六条 当事人约定有追索权保理的,保理人可以向应收账款债权人主张返还保理融资款本息或者回购应收账款债权,也可以向应收账款债务人主张应收账款债权。保理人向应收账款债务人主张应收账款债权,在扣除保理融资款本息和相关费用后有剩余的,剩余部分应当返还给应收账款债权人。

766-ماددا توختاملاشقۇچىلار سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە كاپالەتلىك باشقۇرۇشنى پۈتۈشكەن بولسا، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارىغا كاپالەتلىك باشقۇرۇلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ياكى ئېلىم ھېسامىدىكى پۇلنىڭ قەرزدارلىقىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ، ئېلىم ھېساكىدىكى پۇلنىڭ قەرزدارىغا ئېلىم ھېسارىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارلىقىنى تەشەببۇس قىلسىمۇ بولىدۇ. كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ قەرزدارىغا ئېلىم ھېساكىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، كاپالەتلىك باشقۇرۇلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى ۋە ئالاقىدار خىراجەتلىرىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان قىسمىنى ئېلىم ھېسارىدىكى پۇل ھەقدارىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

第七百六十七条 当事人约定无追索权保理的,保理人应当向应收账款债务人主张应收账款债权,保理人取得超过保理融资款本息和相关费用的部分,无需向应收账款债权人返还。

767-ماددا توختاملاشقۇچىلار سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى يوق كاپالەتلىك باشقۇرۇشنى پۈتۈشكەن بولسا، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ قەرزدارىغا ئېلىم ھېسابىنىڭ ھەقدارلىقىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك، كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى كاپالەتلىك باشقۇرۇلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى ۋە ئالاقىدار خىراجەتلىرىدىن ئارتۇق قىسمىغا ئېرىشكەن بولسا، ئېلىم ھېساكىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارىغا قايتۇرۇپ بېرىشى ھاجەتسىز.

第七百六十八条 应收账款债权人就同一应收账款订立多个保理合同,致使多个保理人主张权利的,已经登记的先于未登记的取得应收账款;均已经登记的,按照登记时间的先后顺序取得应收账款;均未登记的,由最先到达应收账款债务人的转让通知中载明的保理人取得应收账款;既未登记也未通知的,按照保理融资款或者服务报酬的比例取得应收账款。

768-ماددا ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ ھەقدارى بىر ئېلىم ھېسابىنىڭ پۇلى ئۈستىدە بىر نەچچە كاپالەتلىك باشقۇرۇش توختامى تۈزۈپ، بىر نەچچە كاپالەتلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشىغا سەۋەبچى بولسا، تىزىملاتقانلىرى تىزىملاتمىغانلىرىدىن بۇرۇن ئېلىم ھېسامىدىكى پۇلغا ئېرىشىدۇ؛ ھەممىسى تىزىملانغان بولسا، تىزىملانغان ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلغا ئېرىشىدۇ؛ ھەممىسى تىزىملاتمىغان بولسا، ئەڭ ئاۋۋال يېتىپ بارغان ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل قەرزدارىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىدا يېزىلغان كاپالەتلىك باشقۇرغۇچى ئېلىم ھېسابىغا ئېرىشكەن بولسا؛ ھەم تىزىملاتمىغان، ھەم ئۇقتۇرۇش قىلمىغان بولسا، كاپالەتلىك باشقۇرۇلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇلى ياكى مۇلازىمەت ھەققىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلغا ئېرىشىدۇ.

第七百六十九条 本章没有规定的,适用本编第六章债权转让的有关规定。

769-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە، مۇشۇ قىسىمنىڭ 6-بابىدىكى ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十七章 承揽合同

17-باب كاسىنا ئىش توختامى

第七百七十条 承揽合同是承揽人按照定作人的要求完成工作,交付工作成果,定作人支付报酬的合同。

700-ماددا كاسىنا ئىش توختامى كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشنى ئورۇنلايدىغان، ئىش نەتىجىسىنى تاپشۇرىدىغان، بۇيرۇتقۇچى ئىش ھەققى بېرىدىغان توختامدۇر.

承揽包括加工、定作、修理、复制、测试、检验等工作。

كاسىنا ئىش پىششىقلاش، بۇيرۇتۇپ ياساش، رېمونت قىلىش، كۆپەيتىش، سىناش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七百七十一条 承揽合同的内容一般包括承揽的标的、数量、质量、报酬,承揽方式,材料的提供,履行期限,验收标准和方法等条款。

771-ماددا كاسىنا ئىش توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە كاسىنا ئىشنىڭ نىشانى، مىقدارى، سۈپىتى، ئىش ھەققى، كاسىنا ئىش ئۇسۇلى، ماتېرىيال تەمىناتى، ئىجرا قىلىش مۇددىتى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七百七十二条 承揽人应当以自己的设备、技术和劳力,完成主要工作,但是当事人另有约定的除外。

772-ماددا كاسىنىچى ئاساسلىق ئىشنى ئۆز ئۈسكۈنىسى، تېخنىكىسى ۋە ئەمگەك كۈچى بىلەن ئورۇندىشى كېرەك، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

承揽人将其承揽的主要工作交由第三人完成的,应当就该第三人完成的工作成果向定作人负责;未经定作人同意的,定作人也可以解除合同。

كاسىنىچى ئاساسلىق كاسىنا ئىشنى 3-كىشىنىڭ ئورۇندىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، شۇ 3-كىشى ئورۇندىغان ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك؛ بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا، بۇيرۇتقۇچى توختامنى بىكار قىلسىمۇ بولىدۇ.

第七百七十三条 承揽人可以将其承揽的辅助工作交由第三人完成。承揽人将其承揽的辅助工作交由第三人完成的,应当就该第三人完成的工作成果向定作人负责。

773-ماددا كاسىنىچى قوشۇمچە كاسىنا ئىشنى 3-كىشىنىڭ ئورۇندىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ. كاسىنىچى قوشۇمچە كاسىنا ئىشنى 3-كىشىنىڭ ئورۇندىشىغا تاپشۇرغان بولسا، شۇ 3-كىشى ئورۇندىغان ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

第七百七十四条 承揽人提供材料的,应当按照约定选用材料,并接受定作人检验。

774-ماددا ماتېرىيالنى كاسىنىچى چىقىرىدىغان بولسا، ماتېرىيالنى پۈتۈم بويىچە تاللاپ ئىشلىتىشى ھەمدە بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第七百七十五条 定作人提供材料的,应当按照约定提供材料。承揽人对定作人提供的材料应当及时检验,发现不符合约定时,应当及时通知定作人更换、补齐或者采取其他补救措施。

75-ماددا ماتېرىيالنى بۇيرۇتقۇچى چىقىرىدىغان بولسا، ماتېرىياللارنى پۈتۈم بويىچە تەمىنلىشى كېرەك. كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچى بەرگەن ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى سەزگەندە بۇيرۇتقۇچىغا ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش ياكى باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

承揽人不得擅自更换定作人提供的材料,不得更换不需要修理的零部件。

كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچى بەرگەن ماتېرىيالنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئالماشتۇرسا، رېمونت قىلىش ھاجەتسىز بولغان دېتال-بۆلەكلەرنى ئالماشتۇرسا بولمايدۇ.

第七百七十六条 承揽人发现定作人提供的图纸或者技术要求不合理的,应当及时通知定作人。因定作人怠于答复等原因造成承揽人损失的,应当赔偿损失。

776-ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچى بەرگەن چېرتيوژ ياكى تېخنىكا تەلىپىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى سەزسە، بۇيرۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى جاۋاب بېرىشتە سۇسلۇق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第七百七十七条 定作人中途变更承揽工作的要求,造成承揽人损失的,应当赔偿损失。

777-ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنا ئىش تەلىپىنى يېرىم يولدا ئۆزگەرتىپ، كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第七百七十八条 承揽工作需要定作人协助的,定作人有协助的义务。定作人不履行协助义务致使承揽工作不能完成的,承揽人可以催告定作人在合理期限内履行义务,并可以顺延履行期限;定作人逾期不履行的,承揽人可以解除合同。

778-ماددا كاسىنا ئىشتا بۇيرۇتقۇچىنىڭ ياردىمى كېرەك بولسا، بۇيرۇتقۇچىنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇيرۇتقۇچى ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن، كاسىنا ئىشنى ئورۇندىغىلى بولمىسا، كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا سۈيلىسە ھەمدە ئادا قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ؛ بۇيرۇتقۇچى مۇددەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، كاسىنىچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第七百七十九条 承揽人在工作期间,应当接受定作人必要的监督检验。定作人不得因监督检验妨碍承揽人的正常工作。

779-ماددا كاسىنىچى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە بۇيرۇتقۇچىنىڭ زۆرۈر نازارەتچىلىكى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش سەۋەبىدىن كاسىنىچىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.

第七百八十条 承揽人完成工作的,应当向定作人交付工作成果,并提交必要的技术资料和有关质量证明。定作人应当验收该工作成果。

70-ماددا كاسىنىچى ئىشىنى پۈتتۈرگەندە، ئىش نەتىجىسىنى بۇيرۇتقۇچىغا تاپشۇرۇشى ھەمدە زۆرۈر تېخنىكىلىق ماتېرىياللار ۋە ئالاقىدار سۈپەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى شۇ ئىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك.

第七百八十一条 承揽人交付的工作成果不符合质量要求的,定作人可以合理选择请求承揽人承担修理、重作、减少报酬、赔偿损失等违约责任。

781-ماددا كاسىنىچى تاپشۇرغان ئىش نەتىجىسى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچىدىن رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ياساش، ئىش ھەققىنى ئازايتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第七百八十二条 定作人应当按照约定的期限支付报酬。对支付报酬的期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,定作人应当在承揽人交付工作成果时支付;工作成果部分交付的,定作人应当相应支付。

782-ماددا بۇيرۇتقۇچى پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ئىش ھەققى تۆلىشى كېرەك. ئىش ھەققى بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، بۇيرۇتقۇچى ئىش نەتىجىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا بېرىشى كېرەك؛ ئىش نەتىجىسىنىڭ بىر قىسمى تاپشۇرۇلغان بولسا، بۇيرۇتقۇچى مۇناسىپ چىقىم قىلىشى كېرەك.

第七百八十三条 定作人未向承揽人支付报酬或者材料费等价款的,承揽人对完成的工作成果享有留置权或者有权拒绝交付,但是当事人另有约定的除外。

783-ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچىغا ئىش ھەققى ياكى ماتېرىيال ھەققى قاتارلىق پۇللارنى تۆلىمىسە، كاسىنىچى ئورۇندىغان ئىش نەتىجىسىنى قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ياكى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百八十四条 承揽人应当妥善保管定作人提供的材料以及完成的工作成果,因保管不善造成毁损、灭失的,应当承担赔偿责任。

784-ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچى بەرگەن ماتېرىياللارنى، شۇنىڭدەك ئورۇندىغان ئىش نەتىجىسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.ئوبدان ساقلىماي بۇزۇۋەتسە، يوقىتىپ قويسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第七百八十五条 承揽人应当按照定作人的要求保守秘密,未经定作人许可,不得留存复制品或者技术资料。

75-ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى لازىم.تەقلىدىي بۇيۇم ياكى تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى بۇيرۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز ساقلاپ قويسا بولمايدۇ.

第七百八十六条 共同承揽人对定作人承担连带责任,但是当事人另有约定的除外。

786-ماددا ئورتاق كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第七百八十七条 定作人在承揽人完成工作前可以随时解除合同,造成承揽人损失的,应当赔偿损失。

787-ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچى ئىشنى تاماملاشتىن بۇرۇن خالىغان ۋاقىتتا توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ، كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم.

第十八章 建设工程合同

18-باب قۇرۇلۇش توختامى

第七百八十八条 建设工程合同是承包人进行工程建设,发包人支付价款的合同。

78-ماددا قۇرۇلۇش توختامى ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش قىلىدىغان، ھۆددە بەرگۈچى پۇل تۆلەيدىغان توختامدۇر.

建设工程合同包括工程勘察、设计、施工合同。

قۇرۇلۇش توختامى قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش توختاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七百八十九条 建设工程合同应当采用书面形式。

789-ماددا قۇرۇلۇش توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

第七百九十条 建设工程的招标投标活动,应当依照有关法律的规定公开、公平、公正进行。

790-ماددا قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش پائالىيىتى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

第七百九十一条 发包人可以与总承包人订立建设工程合同,也可以分别与勘察人、设计人、施工人订立勘察、设计、施工承包合同。发包人不得将应当由一个承包人完成的建设工程支解成若干部分发包给数个承包人。

791-ماددا ھۆددە بەرگۈچى باش ھۆددە ئالغۇچى بىلەن قۇرۇلۇش توختامى تۈزسىمۇ، تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى، قۇرۇلۇشچى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ھۆددە توختامى تۈزسىمۇ بولىدۇ. ھۆددە بەرگۈچى بىر ھۆددە ئالغۇچى تاماملاشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇشنى بىرقانچىگە پارچىلاپ بىرنەچچە ھۆددە ئالغۇچىغا ھۆددە بەرسە بولمايدۇ.

总承包人或者勘察、设计、施工承包人经发包人同意,可以将自己承包的部分工作交由第三人完成。第三人就其完成的工作成果与总承包人或者勘察、设计、施工承包人向发包人承担连带责任。承包人不得将其承包的全部建设工程转包给第三人或者将其承包的全部建设工程支解以后以分包的名义分别转包给第三人。

باش ھۆددە ئالغۇچى ياكى تەكشۈرۈش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغۇچىلار ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزى ھۆددە ئالغان بىر قىسىم ئىشنى 3-كىشىنىڭ ئورۇندىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ. 3-كىشى ئۆزى ئورۇندىغان ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن باش ھۆددە ئالغۇچى ياكى تەكشۈرۈش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغۇچىلار بىلەن ھۆددە بەرگۈچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ئۆزى ھۆددە ئالغان بارلىق قۇرۇلۇشنى 3-كىشىگە قايتا ھۆددە بېرىۋەتسە ياكى ئۇ ھۆددە ئالغان بارلىق قۇرۇلۇشىنى پارچىلاپ بۆلۈپ ھۆددە بېرىش نامىدا 3-كىشىگە ئايرىم-ئايرىم قايتا ھۆددە بېرىۋالسا بولمايدۇ.

禁止承包人将工程分包给不具备相应资质条件的单位。禁止分包单位将其承包的工程再分包。建设工程主体结构的施工必须由承包人自行完成。

ھۆددە ئالغۇچىنىڭ مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا قۇرۇلۇشنى بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۆلۈپ ھۆددە بەرگەن ئورۇننىڭ ئۆزى ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنى يەنە بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ياساشنى ھۆددە ئالغۇچى ئۆزى تاماملىشى كېرەك.

第七百九十二条 国家重大建设工程合同,应当按照国家规定的程序和国家批准的投资计划、可行性研究报告等文件订立。

792-ماددا دۆلەتنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىغا ئائىت توختاملارنى دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ ۋە دۆلەت تەستىقلىغان مەبلەغ سېلىش پىلانى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى دوكلاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تۈزۈش كېرەك.

第七百九十三条 建设工程施工合同无效,但是建设工程经验收合格的,可以参照合同关于工程价款的约定折价补偿承包人。

793-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش توختامى ئىناۋەتسىز بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولسا، توختامدىكى قۇرۇلۇش پۇلى توغرىسىدىكى پۈتۈمدىن پايدىلىنىپ، ھۆددە ئالغۇچىغا باھاغا سۇندۇرۇپ تولۇقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

建设工程施工合同无效,且建设工程经验收不合格的,按照以下情形处理:

قۇرۇلۇش قىلىش توختامى ئىناۋەتسىز بولسا ھەمدە قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولسا، تۆۋەندىكى ئەھۋال بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

(一)修复后的建设工程经验收合格的,发包人可以请求承包人承担修复费用;

( 1 ) قۇرۇلۇش رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولسا، ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچىدىن رېمونت ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛

(二)修复后的建设工程经验收不合格的,承包人无权请求参照合同关于工程价款的约定折价补偿。

( 2 ) قۇرۇلۇش رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولسا، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ توختامدىكى قۇرۇلۇش پۇلى توغرىسىدىكى پۈتۈم بويىچە باھاغا سۇندۇرۇپ تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق.

发包人对因建设工程不合格造成的损失有过错的,应当承担相应的责任。

قۇرۇلۇش لاياقەتسىز بولۇپ زىيان كېلىپ چىقىشتا، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ سەۋەنلىكى بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第七百九十四条 勘察、设计合同的内容一般包括提交有关基础资料和概预算等文件的期限、质量要求、费用以及其他协作条件等条款。

794-ماددا تەكشۈرۈش، لايىھەلەش توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە ئالاقىدار ئاساسىي ماتېرىيال ۋە تەخمىن چوت، خام چوت قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش مۇددىتى، سۈپەت تەلىپى، خىراجەت ۋە باشقا ھەمكارلىق شەرتلىرى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七百九十五条 施工合同的内容一般包括工程范围、建设工期、中间交工工程的开工和竣工时间、工程质量、工程造价、技术资料交付时间、材料和设备供应责任、拨款和结算、竣工验收、质量保修范围和质量保证期、相互协作等条款。

795-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە قۇرۇلۇش دائىرىسى، قۇرۇلۇش مۇددىتى، ئارىلىقتا تاپشۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇشنى باشلاش ۋە پۈتتۈرۈش ۋاقتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسى، تېخنىكىلىق ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ۋاقتى، ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەمىنلەش جاۋابكارلىقى، پۇل ئاجرىتىش ۋە راسچوت قىلىش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، سۈپەت كاپالىتى دائىرىسى ۋە سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第七百九十六条 建设工程实行监理的,发包人应当与监理人采用书面形式订立委托监理合同。发包人与监理人的权利和义务以及法律责任,应当依照本编委托合同以及其他有关法律、行政法规的规定。

796-ماددا قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، ھۆددە بەرگۈچى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى بىلەن يازما شەكىلدە ھاۋالىلىك نازارەتچىلىك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى بىلەن نازارەتچىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك قانۇن جاۋابكارلىقى مۇشۇ قىسىمدىكى ھاۋالە توختامى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第七百九十七条 发包人在不妨碍承包人正常作业的情况下,可以随时对作业进度、质量进行检查。

797-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، مەشغۇلاتنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرسە بولىدۇ.

第七百九十八条 隐蔽工程在隐蔽以前,承包人应当通知发包人检查。发包人没有及时检查的,承包人可以顺延工程日期,并有权请求赔偿停工、窝工等损失。

798-ماددا يېپىق قۇرۇلۇشنى يېپىۋېتىشتىن ئىلگىرى ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچىگە تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى ۋاقتىدا تەكشۈرمىسە، ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ ھەمدە ئىش توختاپ قېلىش، ئىش ئاقساپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第七百九十九条 建设工程竣工后,发包人应当根据施工图纸及说明书、国家颁发的施工验收规范和质量检验标准及时进行验收。验收合格的,发包人应当按照约定支付价款,并接收该建设工程。

799-ماددا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ھۆددە بەرگۈچى قۇرۇلۇش چېرتيوژى، ئىزاھاتى، دۆلەت ئېلان قىلغان قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قائىدىسى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا، ھۆددە بەرگۈچى پۈتۈم بويىچە پۇل تۆلىشى ھەمدە شۇ قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك.

建设工程竣工经验收合格后,方可交付使用;未经验收或者验收不合格的,不得交付使用。

قۇرۇلۇش پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلسا بولىدۇ؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

第八百条 勘察、设计的质量不符合要求或者未按照期限提交勘察、设计文件拖延工期,造成发包人损失的,勘察人、设计人应当继续完善勘察、设计,减收或者免收勘察、设计费并赔偿损失。

800-ماددا تەكشۈرۈش، لايىھەلەشنىڭ سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولماي ياكى تەكشۈرۈش، لايىھەلەش ھۆججەتلىرىنى قەرەلىدە بەرمەي قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىۋېتىپ، ھۆددە بەرگۈچىگە زىيان سالغان تەكشۈرگۈچىلەر، لايىھەلىگۈچىلەر تەكشۈرۈش، لايىھەلەشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەكشۈرۈش، لايىھەلەش خىراجىتىنى ئاز ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第八百零一条 因施工人的原因致使建设工程质量不符合约定的,发包人有权请求施工人在合理期限内无偿修理或者返工、改建。经过修理或者返工、改建后,造成逾期交付的,施工人应当承担违约责任。

801-ماددا قۇرۇلۇشچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھۆددە بەرگۈچى قۇرۇلۇشچىدىن مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش ياكى قايتىدىن ئىشلەش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. رېمونت قىلغان ياكى قايتىدىن ئىشلىگەن، ئۆزگەرتىپ قۇرغاندىن كېيىن قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第八百零二条 因承包人的原因致使建设工程在合理使用期限内造成人身损害和财产损失的,承包人应当承担赔偿责任。

802-ماددا ھۆددە ئالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇشنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش مەزگىلىدە جىسمانىي زىيان ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقسا، ھۆددە ئالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百零三条 发包人未按照约定的时间和要求提供原材料、设备、场地、资金、技术资料的,承包人可以顺延工程日期,并有权请求赔偿停工、窝工等损失。

803-ماددا ھۆددە بەرگۈچى خام ئەشيا، ماتېرىيال، ئۈسكۈنە، ئورۇن، مەبلەغ، تېخنىكىلىق ماتېرىيالنى پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە تەلەپ بويىچە تەمىنلەپ بەرمىسە، ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ ھەمدە ئىش توختاپ قېلىش، ئىش ئاقساپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第八百零四条 因发包人的原因致使工程中途停建、缓建的,发包人应当采取措施弥补或者减少损失,赔偿承包人因此造成的停工、窝工、倒运、机械设备调迁、材料和构件积压等损失和实际费用。

804-ماددا ھۆددە بەرگۈچىنىڭ سەۋەبىدىن، قۇرۇلۇش يېرىم يولدا توختاپ قالسا، كېچىكتۈرۈلسە، ھۆددە بەرگۈچى تەدبىر قوللىنىپ زىياننى تولدۇرۇشى ياكى ئازايتىشى، ھۆددە ئالغۇچىغا شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئىش توختاپ قېلىش، ئىش ئاقساپ قېلىش، قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەش، ماتېرىيال ۋە قۇرۇلمىلار بېسىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى ۋە ئەمەلىي خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第八百零五条 因发包人变更计划,提供的资料不准确,或者未按照期限提供必需的勘察、设计工作条件而造成勘察、设计的返工、停工或者修改设计,发包人应当按照勘察人、设计人实际消耗的工作量增付费用。

805-ماددا ھۆددە بەرگۈچى پىلاننى ئۆزگەرتكەنلىكى، ماتېرىيالنى توغرا تەمىنلەپ بەرمىگەنلىكى ياكى زۆرۈر تەكشۈرۈش، لايىھەلەش خىزمەت شارائىتىنى مۇددەت ئىچىدە يارىتىپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش، لايىھەلەش قايتا ئىشلەنسە، توختاپ قالسا ياكى لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە، ھۆددە بەرگۈچى تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەمەلىي سەرپ قىلغان خىزمەت مىقدارىغا ئاساسەن خىراجەتنى كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك.

第八百零六条 承包人将建设工程转包、违法分包的,发包人可以解除合同。

806-ماددا ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇشنى قايتا ھۆددە بەرگەن، قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۆلۈپ ھۆددە بەرگەن بولسا، ھۆددە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

发包人提供的主要建筑材料、建筑构配件和设备不符合强制性标准或者不履行协助义务,致使承包人无法施工,经催告后在合理期限内仍未履行相应义务的,承包人可以解除合同。

ھۆددە بەرگۈچى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاساسلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش قۇرۇلما-زاپچاسلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەپ ياكى ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قۇرۇلۇش قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيلىگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۆھلەتتىمۇ مۇناسىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ھۆددە ئالغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

合同解除后,已经完成的建设工程质量合格的,发包人应当按照约定支付相应的工程价款;已经完成的建设工程质量不合格的,参照本法第七百九十三条的规定处理。

توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەن قىسمىنىڭ سۈپىتى لاياقەتلىك بولسا، ھۆددە بەرگۈچى پۈتۈشكىنى بويىچە مۇناسىپ قۇرۇلۇش پۇلى تۆلىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەن قىسمىنىڭ سۈپىتى لاياقەتسىز بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 793-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第八百零七条 发包人未按照约定支付价款的,承包人可以催告发包人在合理期限内支付价款。发包人逾期不支付的,除根据建设工程的性质不宜折价、拍卖外,承包人可以与发包人协议将该工程折价,也可以请求人民法院将该工程依法拍卖。建设工程的价款就该工程折价或者拍卖的价款优先受偿。

807-ماددا ھۆددە بەرگۈچى پۈتۈم بويىچە پۇل تۆلىمىسە، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچىنى پۇلنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە تۆلەشكە سۈيلىسە بولىدۇ. ھۆددە بەرگۈچى مۇددەت ئۆتسىمۇ پۇل تۆلىمىسە، قۇرۇلۇشنىڭ خاراكتېرى بويىچە باھاغا سۇندۇرۇش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچى بىلەن كېلىشىپ، قۇرۇلۇشنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قۇرۇلۇشنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۇلىنى قۇرۇلۇش باھاسىغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىش كېرەك.

第八百零八条 本章没有规定的,适用承揽合同的有关规定。

808-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە كاسىنا ئىش توختامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第十九章 运输合同

19-باب تىرانسپورت توختامى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第八百零九条 运输合同是承运人将旅客或者货物从起运地点运输到约定地点,旅客、托运人或者收货人支付票款或者运输费用的合同。

809-ماددا تىرانسپورت توختامى توشۇغۇچى يولۇچى ياكى مالنى توشۇش باشلىنىدىغان جايدىن پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىدىغان، يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى بېلەت پۇلى ياكى توشۇش ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第八百一十条 从事公共运输的承运人不得拒绝旅客、托运人通常、合理的运输要求。

810-ماددا ئاممىۋى تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان توشۇغۇچى يولۇچىنىڭ، توشۇتقۇچىنىڭ ئادەتتىكى، مۇۋاپىق توشۇش تەلىپىنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

第八百一十一条 承运人应当在约定期限或者合理期限内将旅客、货物安全运输到约定地点。

81-ماددا توشۇغۇچى پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ياكى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە يولۇچى، مالنى پۈتۈشكەن جايغا بىخەتەر توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك.

第八百一十二条 承运人应当按照约定的或者通常的运输路线将旅客、货物运输到约定地点。

82-ماددا توشۇغۇچى پۈتۈشكىنى ياكى ئادەتتىكى تىرانسپورت لىنىيەسى بويىچە يولۇچى، مالنى پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك.

第八百一十三条 旅客、托运人或者收货人应当支付票款或者运输费用。承运人未按照约定路线或者通常路线运输增加票款或者运输费用的,旅客、托运人或者收货人可以拒绝支付增加部分的票款或者运输费用。

83-ماددا يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى بېلەت پۇلى ياكى توشۇش ھەققى تۆلىشى كېرەك. توشۇغۇچى پۈتۈشكەن لىنىيە ياكى ئادەتتىكى لىنىيە بويىچە توشۇماي، بېلەت پۇلى ياكى توشۇش ھەققىنى كۆپەيتىۋەتسە، يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى كۆپىيىپ كەتكەن بېلەت پۇلى ياكى تىرانسپورت ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

第二节 客运合同

2-پاراگراف يولۇچى توشۇش توختامى

第八百一十四条 客运合同自承运人向旅客出具客票时成立,但是当事人另有约定或者另有交易习惯的除外。

814-ماددا يولۇچى توشۇش توختامى توشۇغۇچى يولۇچىغا بېلەتنى بەرگەندە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى ئايرىم سودا ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百一十五条 旅客应当按照有效客票记载的时间、班次和座位号乘坐。旅客无票乘坐、超程乘坐、越级乘坐或者持不符合减价条件的优惠客票乘坐的,应当补交票款,承运人可以按照规定加收票款;旅客不支付票款的,承运人可以拒绝运输。

815-ماددا يولۇچى قاتناش قورالىغا ئىناۋەتلىك بېلەتكە خاتىرىلەنگەن ۋاقىت، نۆۋەت ۋە ئورۇن نومۇرى بويىچە ئولتۇرۇشى كېرەك. يولۇچى قاتناش قورالىغا بېلەت ئالماي ئولتۇرغان، مۇساپىدىن ئاشۇرۇپ ئولتۇرغان، دەرىجە ئاتلاپ ئولتۇرغان ياكى بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىبارلىق بېلەت بىلەن ئولتۇرغان بولسا، بېلەت پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك، توشۇغۇچى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭدىن بېلەت پۇلى ئارتۇق ئالسىمۇ بولىدۇ؛ يولۇچى بېلەتكە پۇل تۆلىمىسە، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

实名制客运合同的旅客丢失客票的,可以请求承运人挂失补办,承运人不得再次收取票款和其他不合理费用。

ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بويىچە يولۇچى توشۇش توختامىدا يولۇچى بېلىتىنى يوقىتىپ قويغان بولسا، يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ توشۇغۇچىدىن بېلەت تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، توشۇغۇچى بېلەت پۇلى ياكى باشقا نامۇۋاپىق ھەقلەرنى قايتا ئالسا بولمايدۇ.

第八百一十六条 旅客因自己的原因不能按照客票记载的时间乘坐的,应当在约定的期限内办理退票或者变更手续;逾期办理的,承运人可以不退票款,并不再承担运输义务。

816-ماددا يولۇچى ئۆز سەۋەبىدىن قاتناش قورالىغا بېلەتتىكى ۋاقىت بويىچە چىقمىسا، پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە بېلەتنى قايتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ رەسمىيەت ئۆتەش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە، توشۇغۇچى بېلەت پۇلىنى قايتۇرمىسا بولىدۇ ھەمدە توشۇش مەجبۇرىيىتىدىن خالاس بولىدۇ.

第八百一十七条 旅客随身携带行李应当符合约定的限量和品类要求;超过限量或者违反品类要求携带行李的,应当办理托运手续。

87-ماددا يولۇچىلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن يۈك-تاقلىرى پۈتۈشكەن چەك ۋە تۈر تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ چەكتىن ئاشۇرۇپ ياكى تۈر تەلىپىگە خىلاپ يۈك-تاق ئېلىۋالغانلار توشۇتۇش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.

第八百一十八条 旅客不得随身携带或者在行李中夹带易燃、易爆、有毒、有腐蚀性、有放射性以及可能危及运输工具上人身和财产安全的危险物品或者违禁物品。

88-ماددا يولۇچىلارنىڭ يېنىشچان، پارتلاشچان، زەھەرلىك، چىرىتىشچان، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك قاتناش قورالىدىكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشىگە ياكى يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا سېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

旅客违反前款规定的,承运人可以将危险物品或者违禁物品卸下、销毁或者送交有关部门。旅客坚持携带或者夹带危险物品或者违禁物品的,承运人应当拒绝运输。

يولۇچىلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى چۈشۈرۈۋەتسە، كۆيدۈرۈۋەتسە ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. يولۇچىلار خەتەرلىك بۇيۇملار ياكى مەنئىي قىلىنغان بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈش ياكى يۈك-تاقلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇۋالسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلىشى كېرەك.

第八百一十九条 承运人应当严格履行安全运输义务,及时告知旅客安全运输应当注意的事项。旅客对承运人为安全运输所作的合理安排应当积极协助和配合。

819-ماددا توشۇغۇچى بىخەتەر توشۇش مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، يولۇچىلارغا بىخەتەر توشۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. يولۇچىلار توشۇغۇچىنىڭ بىخەتەر توشۇش مەقسىتىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

第八百二十条 承运人应当按照有效客票记载的时间、班次和座位号运输旅客。承运人迟延运输或者有其他不能正常运输情形的,应当及时告知和提醒旅客,采取必要的安置措施,并根据旅客的要求安排改乘其他班次或者退票;由此造成旅客损失的,承运人应当承担赔偿责任,但是不可归责于承运人的除外。

82-ماددا توشۇغۇچى يولۇچىلارنى ئىناۋەتلىك بېلەتكە خاتىرىلەنگەن ۋاقىت، نۆۋەت ۋە ئورۇن نومۇرى بويىچە توشۇشى كېرەك. توشۇغۇچى توشۇشنى كېچىكتۈرسە ياكى نورمال توشۇيالمايدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، يولۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ ۋە ئەسكەرتىپ قويۇشى، زۆرۈر ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە يولۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باشقا نۆۋەتلىك قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى بېلەت قايتۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن يولۇچىلار زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، توشۇغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن توشۇغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百二十一条 承运人擅自降低服务标准的,应当根据旅客的请求退票或者减收票款;提高服务标准的,不得加收票款。

821-ماددا توشۇغۇچى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆز مەيلىچە تۆۋەنلەتسە، يولۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بېلەتنى قايتۇرۇشى ياكى بېلەت پۇلىنى كېمەيتىشى كېرەك؛ مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە بېلەت پۇلىنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ.

第八百二十二条 承运人在运输过程中,应当尽力救助患有急病、分娩、遇险的旅客。

822-ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا جىددىي كېسىلى قوزغىلىپ قالغان، تولغىقى تۇتۇپ قالغان، خەۋپ-خەتەرگە يولۇققان يولۇچىلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قۇتقۇزۇشى لازىم.

第八百二十三条 承运人应当对运输过程中旅客的伤亡承担赔偿责任;但是,伤亡是旅客自身健康原因造成的或者承运人证明伤亡是旅客故意、重大过失造成的除外。

823-ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، تالاپەت يولۇچىنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىرى ياكى توشۇغۇچى تالاپەتنىڭ يولۇچىنىڭ قەستەنلىكى، زور سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

前款规定适用于按照规定免票、持优待票或者经承运人许可搭乘的无票旅客。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە قاتناش قورالىغا بەلگىلىمە بويىچە بېلەتسىز چىققان، ئېتىبار بېلەت بىلەن چىققان ياكى توشۇغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بېلەتسىز چىقىپ كەلگەن يولۇچىلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

第八百二十四条 在运输过程中旅客随身携带物品毁损、灭失,承运人有过错的,应当承担赔偿责任。

824-ماددا توشۇش جەريانىدا يولۇچى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسىلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەندە، توشۇغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

旅客托运的行李毁损、灭失的,适用货物运输的有关规定。

يولۇچىلار توشۇتقان يۈك-تاق بۇزۇلۇپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەن بولسا، مال توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第三节 货运合同

3 §.يۈك توشۇش توختامى

第八百二十五条 托运人办理货物运输,应当向承运人准确表明收货人的姓名、名称或者凭指示的收货人,货物的名称、性质、重量、数量,收货地点等有关货物运输的必要情况。

825-ماددا توشۇتقۇچى مال توشۇتۇشتا، توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامى ياكى كۆرسەتمە بويىچە تاپشۇرۇۋالغۇچى، مالنىڭ نامى، خۇسۇسىيىتى، ئېغىرلىقى، مىقدارى، تاپشۇرۇۋېلىش ئورنى قاتارلىق مال توشۇشقا ئالاقىدار زۆرۈر ئەھۋاللارنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

因托运人申报不实或者遗漏重要情况,造成承运人损失的,托运人应当承担赔偿责任。

توشۇتقۇچىنىڭ ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى ياكى مۇھىم ئەھۋاللارنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن توشۇغۇچىغا زىيان يەتسە، توشۇتقۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百二十六条 货物运输需要办理审批、检验等手续的,托运人应当将办理完有关手续的文件提交承运人。

826-ماددا يۈك توشۇشتا تەستىقلىتىش، تەكشۈرۈتۈش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك بولسا، توشۇتقۇچى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەتنى توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم.

第八百二十七条 托运人应当按照约定的方式包装货物。对包装方式没有约定或者约定不明确的,适用本法第六百一十九条的规定。

827-ماددا توشۇتقۇچى مالنى پۈتۈشكەن ئۇسۇلدا ئوراپ قاچىلىشى لازىم. ئورۇ شەكلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 619-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

托运人违反前款规定的,承运人可以拒绝运输。

توشۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

第八百二十八条 托运人托运易燃、易爆、有毒、有腐蚀性、有放射性等危险物品的,应当按照国家有关危险物品运输的规定对危险物品妥善包装,做出危险物品标志和标签,并将有关危险物品的名称、性质和防范措施的书面材料提交承运人。

82-ماددا توشۇتقۇچى يېنىشچان، پارتلاشچان، زەھەرلىك، چىرىتىشچان، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇتۇشتا، خەتەرلىك بۇيۇملارنى دۆلەتنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوبدان ئوراپ قاچىلىشى، خەتەرلىك بۇيۇم بەلگىسى ۋە يارلىقى چاپلىشى، ھەمدە خەتەرلىك بۇيۇمنىڭ نامى، خۇسۇسىيىتى ۋە مۇداپىئە تەدبىرلىرىگە ئائىت يازما ماتېرىيالىنى توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

托运人违反前款规定的,承运人可以拒绝运输,也可以采取相应措施以避免损失的发生,因此产生的费用由托运人负担。

توشۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغاندا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسا ياكى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ، كەتكەن خىراجەتنى توشۇتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第八百二十九条 在承运人将货物交付收货人之前,托运人可以要求承运人中止运输、返还货物、变更到达地或者将货物交给其他收货人,但是应当赔偿承运人因此受到的损失。

829-ماددا توشۇغۇچى مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، توشۇتقۇچى توشۇغۇچىدىن توشۇشنى توختىتىپ تۇرۇشنى، مالنى قايتۇرۇپ كېلىشنى، مەنزىل جاينى ئۆزگەرتىشنى ياكى مالنى باشقا تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن، توشۇغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第八百三十条 货物运输到达后,承运人知道收货人的,应当及时通知收货人,收货人应当及时提货。收货人逾期提货的,应当向承运人支付保管费等费用。

83-ماددا مال توشۇپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن، توشۇغۇچى تاپشۇرۇۋالغۇچىنى بىلسە، تاپشۇرۇۋالغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، تاپشۇرۇۋالغۇچى مالنى ۋاقتىدا ئېلىشى كېرەك. تاپشۇرۇۋالغۇچى مالنى مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالسا، توشۇغۇچىغا ساقلاپ بېرىش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى كېرەك.

第八百三十一条 收货人提货时应当按照约定的期限检验货物。对检验货物的期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,应当在合理期限内检验货物。收货人在约定的期限或者合理期限内对货物的数量、毁损等未提出异议的,视为承运人已经按照运输单证的记载交付的初步证据。

831-ماددا تاپشۇرۇۋالغۇچى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۈتۈشكەن مۇددەتتە مالنى تەكشۈرۈشى كېرەك. مال تەكشۈرۈش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، مالنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە تەكشۈرۈش كېرەك. تاپشۇرۇۋالغۇچى پۈتۈشكەن مۇددەتتە ياكى مۇۋاپىق مۇددەتتە مالنىڭ مىقدارى، بۇزۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرىسىدا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ، توشۇغۇچىنىڭ يۈك توشۇش تالونىغا خاتىرىلەنگىنى بويىچە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتى، دەپ قارىلىدۇ.

第八百三十二条 承运人对运输过程中货物的毁损、灭失承担赔偿责任。但是,承运人证明货物的毁损、灭失是因不可抗力、货物本身的自然性质或者合理损耗以及托运人、收货人的过错造成的,不承担赔偿责任。

832-ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا مالنى بۇزۇپ قويسا، يوقىتىپ قويسا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، توشۇغۇچى مالنىڭ بۇزۇلۇشى، يوقاپ كېتىشىنىڭ تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال، مالنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ياكى مۇۋاپىق ئۇپرىشى سەۋەبىدىن شۇنىڭدەك توشۇتقۇچى، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第八百三十三条 货物的毁损、灭失的赔偿额,当事人有约定的,按照其约定;没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,按照交付或者应当交付时货物到达地的市场价格计算。法律、行政法规对赔偿额的计算方法和赔偿限额另有规定的,依照其规定。

833-ماددا مالنىڭ بۇزۇلۇشى، يوقاپ كېتىشىگە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، مال يېتىپ بارغان جاينىڭ تاپشۇرغان ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تۆلەم سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تۆلەم چېكى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第八百三十四条 两个以上承运人以同一运输方式联运的,与托运人订立合同的承运人应当对全程运输承担责任;损失发生在某一运输区段的,与托运人订立合同的承运人和该区段的承运人承担连带责任。

834-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق توشۇغۇچى ئوخشاش توشۇش ئۇسۇلىدا ئۇلاپ توشۇغاندا، توشۇتقۇچى بىلەن توختاملاشقان توشۇغۇچى توشۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك؛ زىيان مەلۇم توشۇش بۆلىكىدە كۆرۈلسە، توشۇتقۇچى توختاملاشقان توشۇغۇچى بىلەن شۇ توشۇش بۆلىكىدىكى توشۇغۇچى بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第八百三十五条 货物在运输过程中因不可抗力灭失,未收取运费的,承运人不得请求支付运费;已经收取运费的,托运人可以请求返还。法律另有规定的,依照其规定。

835-ماددا مال توشۇش جەريانىدا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن يوقاپ كەتكەندە، توشۇش ھەققىنى تېخى ئالمىغان بولسا، توشۇغۇچى توشۇش ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ توشۇش ھەققى ئېلىنىپ بولغان بولسا، توشۇتقۇچى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第八百三十六条 托运人或者收货人不支付运费、保管费或者其他费用的,承运人对相应的运输货物享有留置权,但是当事人另有约定的除外。

836-ماددا توشۇتقۇچى ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى توشۇش ھەققى، ساقلاپ بېرىش ھەققى، ياكى باشقا خىراجەتلەرنى تۆلىمىسە، توشۇغۇچى توشۇغان مالنىڭ مۇناسىپ قىسمىنى قالدۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百三十七条 收货人不明或者收货人无正当理由拒绝受领货物的,承运人依法可以提存货物。

837-ماددا تاپشۇرۇۋالغۇچى ئېنىق بولمىسا ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى يولسىز سەۋەب بىلەن مالنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، توشۇغۇچى قانۇن بويىچە مالنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

第四节 多式联运合同

4-پاراگراف كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش توختامى

第八百三十八条 多式联运经营人负责履行或者组织履行多式联运合同,对全程运输享有承运人的权利,承担承运人的义务。

838-ماددا كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تىجارەتچىسى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ يەتكۈزۈش توختامىنى ئىجرا قىلىش ياكى ئىجراغا تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ.ئۇ توشۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا توشۇغۇچىلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، توشۇغۇچىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第八百三十九条 多式联运经营人可以与参加多式联运的各区段承运人就多式联运合同的各区段运输约定相互之间的责任;但是,该约定不影响多式联运经营人对全程运输承担的义务。

839-ماددا كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تىجارەتچىسى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى بۆلەك توشۇغۇچىلىرى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ يەتكۈزۈش توختامىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلەردىكى توشۇش جاۋابكارلىقى توغرىسىدا پۈتۈشسە بولىدۇ؛ لېكىن، بۇ پۈتۈم كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تىجارەتچىسىنىڭ توشۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

第八百四十条 多式联运经营人收到托运人交付的货物时,应当签发多式联运单据。按照托运人的要求,多式联运单据可以是可转让单据,也可以是不可转让单据。

840-ماددا كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تىجارەتچىسى توشۇتقۇچى بەرگەن مالنى تاپشۇرۇۋالغاندا، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ يەتكۈزۈش تالونىنى ئىمزا قويۇپ بېرىشى كېرەك. توشۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تالونى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان تالون قىلىنسىمۇ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان تالون قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

第八百四十一条 因托运人托运货物时的过错造成多式联运经营人损失的,即使托运人已经转让多式联运单据,托运人仍然应当承担赔偿责任。

841-ماددا توشۇتقۇچىنىڭ مال توشۇتۇشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تىجارەتچىسىگە زىيان يەتكەن بولسا، توشۇتقۇچى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ يەتكۈزۈش تالونىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەن ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百四十二条 货物的毁损、灭失发生于多式联运的某一运输区段的,多式联运经营人的赔偿责任和责任限额,适用调整该区段运输方式的有关法律规定;货物毁损、灭失发生的运输区段不能确定的,依照本章规定承担赔偿责任。

842-ماددا مال كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇشنىڭ مەلۇم توشۇش بۆلىكىدە بۇزۇلغان، يوقالغان بولسا، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇش تىجارەتچىسىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىق چېكى شۇ بۆلەكتىكى توشۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ؛ مال بۇزۇلغان، يوقالغان توشۇش بۆلىكىنى بېكىتكىلى بولمىسا، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第二十章 技术合同

20-باب تېخنىكا توختامى

第一节 一般规定

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第八百四十三条 技术合同是当事人就技术开发、转让、许可、咨询或者服务订立的确立相互之间权利和义务的合同。

843-ماددا تېخنىكا توختامى توختاملاشقۇچىلار تېخنىكا يارىتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش، مەسلىھەت بېرىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا تۈزىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى بەلگىلىنىدىغان توختامدۇر.

第八百四十四条 订立技术合同,应当有利于知识产权的保护和科学技术的进步,促进科学技术成果的研发、转化、应用和推广。

84-ماددا تۈزۈلگەن تېخنىكا توختامى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

第八百四十五条 技术合同的内容一般包括项目的名称,标的的内容、范围和要求,履行的计划、地点和方式,技术信息和资料的保密,技术成果的归属和收益的分配办法,验收标准和方法,名词和术语的解释等条款。

845-ماددا تېخنىكا توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە تۈرنىڭ نامى، نىشان، مەزمۇنى، دائىرىسى ۋە تەلىپى، ئىجرا قىلىشنىڭ پىلانى، ئورنى ۋە ئۇسۇلى، تېخنىكا ئۇچۇرى ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ تەۋەلىكى ۋە پايدىسىنى تەقسىملەش چارىسى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى، ئىسىم ۋە ئاتالغۇ ئىزاھاتى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

与履行合同有关的技术背景资料、可行性论证和技术评价报告、项目任务书和计划书、技术标准、技术规范、原始设计和工艺文件,以及其他技术文档,按照当事人的约定可以作为合同的组成部分。

توختامنى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرى، مۇمكىنچىلىك دەلىلى ۋە تېخنىكىلىق باھالاش دوكلاتى، تۈر ۋەزىپىنامىسى ۋە پىلاننامىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى، تېخنىكا قائىدىسى، دەسلەپكى لايىھە، ھۈنەر-سەنئەتكە دائىر ھۆججەتلەر ھەمدە تېخنىكىغا دائىر باشقا ھۆججەت-ئارخىپلارنى توختاملاشقۇچىلارنىڭ پۈتۈمىگە ئاساسەن توختامنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىشقا بولىدۇ.

技术合同涉及专利的,应当注明发明创造的名称、专利申请人和专利权人、申请日期、申请号、专利号以及专利权的有效期限。

تېخنىكا توختامى پاتېنتقا چېتىلسا، كەشپىيات-ئىجادىيەت نامى، پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە پاتېنت ئىگىسى، ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىت، ئىلتىماس نومۇرى، پاتېنت نومۇرى ۋە پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

第八百四十六条 技术合同价款、报酬或者使用费的支付方式由当事人约定,可以采取一次总算、一次总付或者一次总算、分期支付,也可以采取提成支付或者提成支付附加预付入门费的方式。

846-ماددا تېخنىكا توختامىدا مال پۇلى، ئىش ھەققى ياكى ئىشلىتىش پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلىنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ، ئۇنى بىر قېتىمدا ئومۇمىي ھېساب قىلىپ ھەممىنى تۆلەشكە ياكى بىر قېتىمدا ئومۇمىي ھېسابلاپ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشكە بولىدۇ، پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشكە ياكى پىرسەنت ئايرىپ قوشۇمچە تۆلەپ ئىش باشلاش ھەققىنى ئالدىن تۆلەشكىمۇ بولىدۇ.

约定提成支付的,可以按照产品价格、实施专利和使用技术秘密后新增的产值、利润或者产品销售额的一定比例提成,也可以按照约定的其他方式计算。提成支付的比例可以采取固定比例、逐年递增比例或者逐年递减比例。

پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشكە پۈتۈشكەنلەر مەھسۇلاتنىڭ باھاسى، پاتېنتنى يولغا قويۇش ۋە تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن مەھسۇلات قىممىتى، پايدا ياكى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتىگە ئاساسەن پىرسەنت ئايرىسىمۇ، پۈتۈشكەن باشقا ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىسىمۇ بولىدۇ. پىرسەنت ئايرىپ تۆلەش نىسبىتىدە مۇقىم نىسبەت، يىلمۇيىل ئېشىپ بارىدىغان نىسبەت ياكى يىلمۇيىل ئازىيىپ بارىدىغان نىسبەتنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

约定提成支付的,当事人可以约定查阅有关会计账目的办法。

پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشكە پۈتۈشكەن بولسا، توختاملاشقۇچىلار ئالاقىدار بوغالتىرلىق ھېساباتىنى كۆرۈپ چىقىش چارىسى توغرىسىدا پۈتۈشۈۋالسا بولىدۇ.

第八百四十七条 职务技术成果的使用权、转让权属于法人或者非法人组织的,法人或者非法人组织可以就该项职务技术成果订立技术合同。法人或者非法人组织订立技术合同转让职务技术成果时,职务技术成果的完成人享有以同等条件优先受让的权利。

847-ماددا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى قانۇنىي ئىگىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتقا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا تېخنىكا توختامى تۈزسە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگىلەر ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار تېخنىكا توختامى تۈزۈپ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتقۇچى ئوخشاش شەرت بىلەن ئاۋۋال قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

职务技术成果是执行法人或者非法人组织的工作任务,或者主要是利用法人或者非法人组织的物质技术条件所完成的技术成果。

ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ياكى ئاساسلىقى قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنلۇق ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنىڭ ماددىي تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يارىتىلغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.

第八百四十八条 非职务技术成果的使用权、转让权属于完成技术成果的个人,完成技术成果的个人可以就该项非职务技术成果订立技术合同。

848-ماددا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتسىز تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقان شەخسكە تەۋە بولىدۇ، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقان شەخس ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتسىز تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا تېخنىكا توختامى تۈزسە بولىدۇ.

第八百四十九条 完成技术成果的个人享有在有关技术成果文件上写明自己是技术成果完成者的权利和取得荣誉证书、奖励的权利。

849-ماددا تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقان شەخس ئالاقىدار تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ھۆججىتىگە ئۆزىنىڭ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى يېزىش، شەرەپ گۇۋاھنامىسى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第八百五十条 非法垄断技术或者侵害他人技术成果的技术合同无效。

85-ماددا تېخنىكىنى قانۇنسىز مونوپول قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە زىيان سالىدىغان تېخنىكا توختامى ئىناۋەتسىز.

第二节 技术开发合同

2-پاراگراف تېخنىكا يارىتىش توختامى

第八百五十一条 技术开发合同是当事人之间就新技术、新产品、新工艺、新品种或者新材料及其系统的研究开发所订立的合同。

851-ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامى توختاملاشقۇچىلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى تۈر ياكى يېڭى ماتېرىياللار ئۈستىدە، شۇنىڭدەك ئۇلارنى سىستېما بويىچە تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش توغرىسىدا تۈزۈلگەن توختامدۇر.

技术开发合同包括委托开发合同和合作开发合同。

تېخنىكا يارىتىش توختامى ھاۋالىلىك يارىتىش توختامى ۋە ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

技术开发合同应当采用书面形式。

تېخنىكا يارىتىش توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

当事人之间就具有实用价值的科技成果实施转化订立的合同,参照适用技术开发合同的有关规定。

توختاملاشقۇچىلار ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى يولغا قويۇش، ئايلاندۇرۇش ھەققىدە تۈزۈشكەن توختاملارغا تېخنىكا يارىتىش توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第八百五十二条 委托开发合同的委托人应当按照约定支付研究开发经费和报酬,提供技术资料,提出研究开发要求,完成协作事项,接受研究开发成果。

852-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈم بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتى ۋە ئىش ھەققى تۆلىشى، تېخنىكىلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى، تەتقىق قىلىپ يارىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھەمكارلىشىدىغان ئىشلارنى ئورۇندىشى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش مۇۋەپپەقىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第八百五十三条 委托开发合同的研究开发人应当按照约定制定和实施研究开发计划,合理使用研究开发经费,按期完成研究开发工作,交付研究开发成果,提供有关的技术资料和必要的技术指导,帮助委托人掌握研究开发成果。

83-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پۈتۈم بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش پىلانى تۈزۈشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى؛ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشى، تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش مۇۋەپپەقىيىتىنى تاپشۇرۇشى، ئالاقىدار تېخنىكىلىق ماتېرىياللار ۋە زۆرۈر تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك.

第八百五十四条 委托开发合同的当事人违反约定造成研究开发工作停滞、延误或者失败的,应当承担违约责任。

854-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىپ كېتىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

第八百五十五条 合作开发合同的当事人应当按照约定进行投资,包括以技术进行投资,分工参与研究开发工作,协作配合研究开发工作。

85-ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامىدىكى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈم بويىچە مەبلەغ سېلىشى، جۈملىدىن تېخنىكىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىشى، تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە قاتنىشىشى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

第八百五十六条 合作开发合同的当事人违反约定造成研究开发工作停滞、延误或者失败的,应当承担违约责任。

856-ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامىدىكى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىپ كېتىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百五十七条 作为技术开发合同标的的技术已经由他人公开,致使技术开发合同的履行没有意义的,当事人可以解除合同。

857-ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامىدىكى نىشان تېخنىكىنى باشقىلار ئاشكارىلىۋەتكەنلىكتىن، تېخنىكا يارىتىش توختامىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغان بولسا، توختاملاشقۇچىلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第八百五十八条 技术开发合同履行过程中,因出现无法克服的技术困难,致使研究开发失败或者部分失败的,该风险由当事人约定;没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,风险由当事人合理分担。

858-ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەڭگىلى بولمايدىغان تېخنىكا قىيىنچىلىقى كېلىپ چىقىپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش مەغلۇپ بولغان ياكى قىسمەن مەغلۇپ بولغان بولسا، بۇ خەۋپ-خەتەرنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، خەۋپ-خەتەرنى توختاملاشقۇچىلار مۇۋاپىق بۆلۈشۈپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

当事人一方发现前款规定的可能致使研究开发失败或者部分失败的情形时,应当及时通知另一方并采取适当措施减少损失;没有及时通知并采取适当措施,致使损失扩大的,应当就扩大的损失承担责任。

توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىزمىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ياكى قىسمەن مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەھۋالنى بايقىغاندا، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىياننى ئازايتىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلماي ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي، زىياننى چوڭايتىۋەتكەن بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىياننىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

第八百五十九条 委托开发完成的发明创造,除法律另有规定或者当事人另有约定外,申请专利的权利属于研究开发人。研究开发人取得专利权的,委托人可以依法实施该专利。

859-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىشتا يارىتىلغان كەشپىيات-ئىجادىيەتلەرنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى شۇ پاتېنتنى قانۇن بويىچە يولغا قويسا بولىدۇ.

研究开发人转让专利申请权的,委托人享有以同等条件优先受让的权利。

تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئوخشاش شەرت بىلەن ئاۋۋال قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第八百六十条 合作开发完成的发明创造,申请专利的权利属于合作开发的当事人共有;当事人一方转让其共有的专利申请权的,其他各方享有以同等条件优先受让的权利。但是,当事人另有约定的除外。

86-ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىشتا يارىتىلغان كەشپىيات-ئىجادىيەتنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامىدىكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، قالغان تەرەپلەر ئوخشاش شەرت بىلەن ئاۋۋال قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

合作开发的当事人一方声明放弃其共有的专利申请权的,除当事人另有约定外,可以由另一方单独申请或者由其他各方共同申请。申请人取得专利权的,放弃专利申请权的一方可以免费实施该专利。

ھەمكارلىشىپ يارىتىشتىكى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلسا، توختاملاشقۇچىلارنىڭ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا ياكى قالغان تەرەپلەر بىرلىكتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن تەرەپ شۇ پاتېنتنى ھەقسىز يولغا قويسا بولىدۇ.

合作开发的当事人一方不同意申请专利的,另一方或者其他各方不得申请专利。

ھەمكارلىشىپ يارىتىشتىكى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ پاتېنت ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلمىسا، ئىككىنچى تەرەپنىڭ ياكى قالغان تەرەپلەر پاتېنت ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

第八百六十一条 委托开发或者合作开发完成的技术秘密成果的使用权、转让权以及收益的分配办法,由当事人约定;没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,在没有相同技术方案被授予专利权前,当事人均有使用和转让的权利。但是,委托开发的研究开发人不得在向委托人交付研究开发成果之前,将研究开发成果转让给第三人。

861-ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش ياكى ھەمكارلىشىپ يارىتىشتا يارىتىلغان مەخپىي تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى ۋە پايدا تەقسىم قىلىش چارىسىنى توختاملاشقۇچىلار پۈتۈشىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ئوخشاش تېخنىكا لايىھەسىگە پاتېنت ھوقۇقى بېرىشتىن بۇرۇن توختاملاشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق. لېكىن، ھاۋالىلىك تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى تەتقىق قىلىپ ياراتقان مۇۋەپپەقىيىتىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، 3-كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

第三节 技术转让合同和技术许可合同

3-پاراگراف تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامى

第八百六十二条 技术转让合同是合法拥有技术的权利人,将现有特定的专利、专利申请、技术秘密的相关权利让与他人所订立的合同。

862-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تېخنىكىغا قانۇنلۇق ئېرىشكەن ھوقۇقدار ئىلكىدىكى مۇئەييەن پاتېنت، پاتېنت ئىلتىماسى، تېخنىكا مەخپىيىتىگە ئالاقىدار ھوقۇقلارنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان توختامدۇر.

技术许可合同是合法拥有技术的权利人,将现有特定的专利、技术秘密的相关权利许可他人实施、使用所订立的合同。

تېخنىكا ئىجازەت توختامى تېخنىكىغا قانۇنلۇق ئېرىشكەن ھوقۇقدار ئىلكىدىكى مۇئەييەن پاتېنت، تېخنىكا مەخپىيىتىگە ئالاقىدار ھوقۇقلارنى باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا، ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىدىغان توختامدۇر.

技术转让合同和技术许可合同中关于提供实施技术的专用设备、原材料或者提供有关的技术咨询、技术服务的约定,属于合同的组成部分。

تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامىدىكى تېخنىكىنى يولغا قويىدىغان مەخسۇس ئۈسكۈنە، خام ئەشيا-ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ياكى ئالاقىدار تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى پۈتۈم توختامنىڭ تەركىبىي قىسمىغا كىرىدۇ.

第八百六十三条 技术转让合同包括专利权转让、专利申请权转让、技术秘密转让等合同。

863-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختاملىرى، تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

技术许可合同包括专利实施许可、技术秘密使用许可等合同。

تېخنىكا ئىجازەت توختامى پاتېنتنى يولغا قويۇشقا ئىجازەت بېرىش توختامى، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىش توختامى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

技术转让合同和技术许可合同应当采用书面形式。

تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

第八百六十四条 技术转让合同和技术许可合同可以约定实施专利或者使用技术秘密的范围,但是不得限制技术竞争和技术发展。

864-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامىدا پاتېنتنى يولغا قويۇش ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى پۈتۈشسە بولىدۇ، لېكىن، تېخنىكا رىقابىتى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا چەك قويۇشقا بولمايدۇ.

第八百六十五条 专利实施许可合同仅在该专利权的存续期限内有效。专利权有效期限届满或者专利权被宣告无效的,专利权人不得就该专利与他人订立专利实施许可合同。

865-ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇشقا ئىجازەت بېرىش توختامى شۇ پاتېنت ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىلا كۈچكە ئىگە. پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشسا ياكى پاتېنت ھوقۇقى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىنسا، پاتېنت ئىگىسى مۇشۇ پاتېنت توغرىسىدا باشقىلار بىلەن پاتېنتنى يولغا قويۇشقا ئىجازەت بېرىش توختامى تۈزسە بولمايدۇ.

第八百六十六条 专利实施许可合同的许可人应当按照约定许可被许可人实施专利,交付实施专利有关的技术资料,提供必要的技术指导。

866-ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇشقا ئىجازەت بېرىش توختامىدىكى ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا پۈتۈم بويىچە ئىجازەت بېرىشى، پاتېنتنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشى، زۆرۈر تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第八百六十七条 专利实施许可合同的被许可人应当按照约定实施专利,不得许可约定以外的第三人实施该专利,并按照约定支付使用费。

867-ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇشقا ئىجازەت بېرىش توختامىدىكى ئىجازەت بېرىلگۈچى پاتېنتنى پۈتۈم بويىچە يولغا قويۇشى، پۈتۈمدىن باشقا 3-كىشىنىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرمەسلىكى ھەمدە ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈم بويىچە تۆلىشى كېرەك.

第八百六十八条 技术秘密转让合同的让与人和技术秘密使用许可合同的许可人应当按照约定提供技术资料,进行技术指导,保证技术的实用性、可靠性,承担保密义务。

868-ماددا تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنگۈچى ۋە تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىش توختامىدىكى ئىجازەت بەرگۈچى پۈتۈم بويىچە تېخنىكىلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى، تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشى، تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

前款规定的保密义务,不限制许可人申请专利,但是当事人另有约定的除外。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى ئىجازەت بەرگۈچىنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىشىنى چەكلىمەيدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百六十九条 技术秘密转让合同的受让人和技术秘密使用许可合同的被许可人应当按照约定使用技术,支付转让费、使用费,承担保密义务。

869-ماددا تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنۈلگۈچى ۋە تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىش توختامىدىكى ئىجازەت بېرىلگۈچى تېخنىكىنى پۈتۈم بويىچە ئىشلىتىشى، ئۆتۈنۈش ھەققى، ئىشلىتىش ھەققى تۆلىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百七十条 技术转让合同的让与人和技术许可合同的许可人应当保证自己是所提供的技术的合法拥有者,并保证所提供的技术完整、无误、有效,能够达到约定的目标。

87-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنگۈچى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامىدىكى ئىجازەت بەرگۈچى ئۆزىنىڭ شۇ تېخنىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ئىكەنلىكى ھەمدە تەمىنلىگەن تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەل، خاتاسىز، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى، پۈتۈمدىكى نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىشى كېرەك.

第八百七十一条 技术转让合同的受让人和技术许可合同的被许可人应当按照约定的范围和期限,对让与人、许可人提供的技术中尚未公开的秘密部分,承担保密义务。

871-ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنۈلگۈچى ۋە تېخنىكا ئىجازەت توختامىدىكى ئىجازەت بېرىلگۈچى پۈتۈمدىكى دائىرە ۋە مۇددەتكە ئاساسەن، ئۆتۈنگۈچى، ئىجازەت بەرگۈچى تەمىنلىگەن تېخنىكىنىڭ ئاشكارىلانمىغان مەخپىي قىسمىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百七十二条 许可人未按照约定许可技术的,应当返还部分或者全部使用费,并应当承担违约责任;实施专利或者使用技术秘密超越约定的范围的,违反约定擅自许可第三人实施该项专利或者使用该项技术秘密的,应当停止违约行为,承担违约责任;违反约定的保密义务的,应当承担违约责任。

872-ماددا ئىجازەت بەرگۈچى تېخنىكىنى پۈتۈم بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرمىسە، ئىشلىتىش ھەققىنىڭ قىسمەن ياكى ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ پاتېنتنى يولغا قويۇش ياكى تېخنىكا مەخپىيەتلىكىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈشكەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن، پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ 3-كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ياكى شۇ تېخنىكا مەخپىيەتلىكىدىن پايدىلىنىشىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رۇخسەت قىلغان بولسا، خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ پۈتۈشكەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

让与人承担违约责任,参照适用前款规定。

ئۆتۈنۈلگۈچى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第八百七十三条 被许可人未按照约定支付使用费的,应当补交使用费并按照约定支付违约金;不补交使用费或者支付违约金的,应当停止实施专利或者使用技术秘密,交还技术资料,承担违约责任;实施专利或者使用技术秘密超越约定的范围的,未经许可人同意擅自许可第三人实施该专利或者使用该技术秘密的,应当停止违约行为,承担违约责任;违反约定的保密义务的,应当承担违约责任。

873-ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچى ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈم بويىچە تاپشۇرمىغان بولسا، ئىشلىتىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى ھەمدە پۈتۈم بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك؛ ئىشلىتىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرمىغان ياكى خىلاپلىق پۇلى تۆلىمىگەن بولسا، پاتېنتنى يولغا قويۇشنى ياكى تېخنىكا مەخپىيەتلىكىدىن پايدىلىنىشنى توختىتىشى، تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ پاتېنتنى يولغا قويۇش ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈشكەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئىجازەت بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ 3-كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ياكى تېخنىكا مەخپىيەتلىكىدىن پايدىلىنىشىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رۇخسەت قىلىنغان بولسا، خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ پۈتۈشكەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

受让人承担违约责任,参照适用前款规定。

ئۆتۈنۈلگۈچى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第八百七十四条 受让人或者被许可人按照约定实施专利、使用技术秘密侵害他人合法权益的,由让与人或者许可人承担责任,但是当事人另有约定的除外。

874-ماددا ئۆتۈنۈلگۈچى ياكى ئىجازەت بېرىلگۈچى پۈتۈم بويىچە پاتېنتنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئۆتۈنگۈچى ياكى ئىجازەت بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百七十五条 当事人可以按照互利的原则,在合同中约定实施专利、使用技术秘密后续改进的技术成果的分享办法;没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,一方后续改进的技术成果,其他各方无权分享。

875-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، توختامدا پاتېنتنى يولغا قويۇش، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشتا داۋاملىق ياخشىلانغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھەمبەھرىلىنىش چارىسىنى پۈتۈشسە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، بىر تەرەپ كېيىن ياخشىلىغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدىن باشقا تەرەپلەرنىڭ ھەمبەھرىلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

第八百七十六条 集成电路布图设计专有权、植物新品种权、计算机软件著作权等其他知识产权的转让和许可,参照适用本节的有关规定。

876-ماددا توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى ئىسخېما لايىھەسى مەخسۇس ھوقۇقى، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىق باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقلىرىغا دائىر ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىجازەت بېرىشتە، مۇشۇ پاراگرافتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەدبىقلاشقا بولىدۇ.

第八百七十七条 法律、行政法规对技术进出口合同或者专利、专利申请合同另有规定的,依照其规定。

877-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تېخنىكا ئىمپورت-ئېكسپورت توختامى ياكى پاتېنت، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش توختامىغا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四节 技术咨询合同和技术服务合同

4-پاراگراف تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى توختامى

第八百七十八条 技术咨询合同是当事人一方以技术知识为对方就特定技术项目提供可行性论证、技术预测、专题技术调查、分析评价报告等所订立的合同。

878-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ تېخنىكا بىلىمى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ مۇئەييەن تېخنىكا تۈرىنى مۇمكىنچىلىك دەلىلى، تېخنىكىلىق مۆلچەر، مەخسۇس تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىپ باھالاش دوكلاتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان توختامدۇر.

技术服务合同是当事人一方以技术知识为对方解决特定技术问题所订立的合同,不包括承揽合同和建设工程合同。

تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ تېخنىكا بىلىمى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ مۇئەييەن تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان توختامدۇر، كاسىنا ئىش توختامى ۋە قۇرۇلۇش توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

第八百七十九条 技术咨询合同的委托人应当按照约定阐明咨询的问题,提供技术背景材料及有关技术资料,接受受托人的工作成果,支付报酬。

879-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈم بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان مەسىلىنى شەرھلىشى، تېخنىكىلىق ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىش ھەققى تۆلىشى كېرەك.

第八百八十条 技术咨询合同的受托人应当按照约定的期限完成咨询报告或者解答问题,提出的咨询报告应当达到约定的要求。

88-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈمدىكى مۆھلەت بويىچە مەسلىھەت دوكلاتى تەييارلىشى ياكى مەسىلىگە جاۋاب بېرىشى، ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىھەت دوكلاتىنى پۈتۈمدىكى تەلەپكە يەتكۈزۈشى كېرەك.

第八百八十一条 技术咨询合同的委托人未按照约定提供必要的资料,影响工作进度和质量,不接受或者逾期接受工作成果的,支付的报酬不得追回,未支付的报酬应当支付。

881-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى زۆرۈر ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى پۈتۈم بويىچە تەمىنلىمەي، خىزمەتنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى كېچىكتۈرۈپ قوبۇل قىلغان بولسا، تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ھەق تۆلىمىگەن بولسا تۆلىشى كېرەك.

技术咨询合同的受托人未按期提出咨询报告或者提出的咨询报告不符合约定的,应当承担减收或者免收报酬等违约责任。

تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى مەسلىھەت دوكلاتىنى ۋاقتىدا تەييارلىمىسا ياكى تەييارلىغان مەسلىھەت دوكلاتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھەق كېمەيتىش ياكى ھەق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

技术咨询合同的委托人按照受托人符合约定要求的咨询报告和意见作出决策所造成的损失,由委托人承担,但是当事人另有约定的除外。

تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ پۈتۈمدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن مەسلىھەت دوكلاتى ۋە پىكرىگە ئاساسەن تەدبىر كۆرۈپ زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىياننى ھاۋالە قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百八十二条 技术服务合同的委托人应当按照约定提供工作条件,完成配合事项,接受工作成果并支付报酬。

82-ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈم بويىچە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى، ماسلىشىدىغان ئىشلارنى ئورۇندىشى، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئىش ھەققى تۆلىشى كېرەك.

第八百八十三条 技术服务合同的受托人应当按照约定完成服务项目,解决技术问题,保证工作质量,并传授解决技术问题的知识。

83-ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈم بويىچە مۇلازىمەت تۈرىنى ئورۇندىشى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىشى كېرەك.

第八百八十四条 技术服务合同的委托人不履行合同义务或者履行合同义务不符合约定,影响工作进度和质量,不接受或者逾期接受工作成果的,支付的报酬不得追回,未支付的报酬应当支付。

884-ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەي، خىزمەتنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى كېچىكتۈرۈپ قوبۇل قىلغان بولسا، تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ھەق تۆلىمىگەن بولسا تۆلىشى كېرەك.

技术服务合同的受托人未按照约定完成服务工作的,应当承担免收报酬等违约责任。

تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇلازىمەت خىزمىتىنى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئورۇندىمىسا، ھەق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百八十五条 技术咨询合同、技术服务合同履行过程中,受托人利用委托人提供的技术资料和工作条件完成的新的技术成果,属于受托人。委托人利用受托人的工作成果完成的新的技术成果,属于委托人。当事人另有约定的,按照其约定。

85-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ھاۋالە قىلغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第八百八十六条 技术咨询合同和技术服务合同对受托人正常开展工作所需费用的负担没有约定或者约定不明确的,由受托人负担。

886-ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى توختامى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەتنى نورمال قانات يايدۇرۇشىغا كېتىدىغان خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第八百八十七条 法律、行政法规对技术中介合同、技术培训合同另有规定的,依照其规定。

887-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك توختامى، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش توختامىغا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二十一章 保管合同

21-باب ساقلاش توختامى

第八百八十八条 保管合同是保管人保管寄存人交付的保管物,并返还该物的合同。

888-ماددا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ساقلانمىنى ساقلاپ بېرىدىغان ھەمدە ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان توختامدۇر.

寄存人到保管人处从事购物、就餐、住宿等活动,将物品存放在指定场所的,视为保管,但是当事人另有约定或者另有交易习惯的除外。

ساقلاتقۇچى ساقلىغۇچىنىڭ سورۇنىغا بېرىپ مال سېتىۋېلىش، غىزالىنىش، قونۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، بۇيۇمىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ قويغان بولسا، ساقلاش دەپ قارىلىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى ئايرىم سودا ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百八十九条 寄存人应当按照约定向保管人支付保管费。

889-ماددا ساقلاتقۇچى پۈتۈم بويىچە ساقلىغۇچىغا ساقلاش ھەققى تۆلىشى كېرەك.

当事人对保管费没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,视为无偿保管。

توختاملاشقۇچىلار ساقلاش ھەققىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ھەقسىز ساقلاش دەپ قارىلىدۇ.

第八百九十条 保管合同自保管物交付时成立,但是当事人另有约定的除外。

890-ماددا ساقلاش توختامى ساقلانمىنى تاپشۇرۇشقا تاپشۇرغاندا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百九十一条 寄存人向保管人交付保管物的,保管人应当出具保管凭证,但是另有交易习惯的除外。

891-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى ساقلىغۇچىغا تاپشۇرغاندا، ساقلىغۇچى ساقلاش ئىسپاتى بېرىشى كېرەك، لېكىن ئايرىم سودا ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百九十二条 保管人应当妥善保管保管物。

892-ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

当事人可以约定保管场所或者方法。除紧急情况或者为维护寄存人利益外,不得擅自改变保管场所或者方法。

توختاملاشقۇچىلار ساقلاشنىڭ ئورنى ياكى ئۇسۇلىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. جىددىي ئەھۋال ياكى ساقلىغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساقلاشنىڭ ئورنى ياكى ئۇسۇلىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

第八百九十三条 寄存人交付的保管物有瑕疵或者根据保管物的性质需要采取特殊保管措施的,寄存人应当将有关情况告知保管人。寄存人未告知,致使保管物受损失的,保管人不承担赔偿责任;保管人因此受损失的,除保管人知道或者应当知道且未采取补救措施外,寄存人应当承担赔偿责任。

893-ماددا ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ساقلانمىنىڭ نۇقسانى بولسا ياكى ساقلانمىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئالاھىدە ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش زۆرۈر بولسا، ساقلاتقۇچى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ساقلىغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ئۇقتۇرمىغانلىقتىن ساقلانمىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ساقلىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ساقلاتقۇچى شۇ سەۋەبتىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.ساقلىغۇچى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ھەمدە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百九十四条 保管人不得将保管物转交第三人保管,但是当事人另有约定的除外。

894-ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنى 3-كىشىنىڭ ساقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولمايدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

保管人违反前款规定,将保管物转交第三人保管,造成保管物损失的,应当承担赔偿责任。

ساقلىغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلانمىنى 3-كىشىنىڭ ساقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ساقلانمىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第八百九十五条 保管人不得使用或者许可第三人使用保管物,但是当事人另有约定的除外。

895-ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ئىشلەتسە ياكى 3-كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ، لېكىن توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第八百九十六条 第三人对保管物主张权利的,除依法对保管物采取保全或者执行措施外,保管人应当履行向寄存人返还保管物的义务。

896-ماددا 3-كىشى ساقلانمىدا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ساقلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.لېكىن، ساقلانمىغا قانۇن بويىچە ئامان ساقلاش ياكى ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللىنىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第三人对保管人提起诉讼或者对保管物申请扣押的,保管人应当及时通知寄存人。

3-كىشى ساقلىغۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلسا ياكى ساقلانمىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچىغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى كېرەك.

第八百九十七条 保管期内,因保管人保管不善造成保管物毁损、灭失的,保管人应当承担赔偿责任。但是,无偿保管人证明自己没有故意或者重大过失的,不承担赔偿责任。

897-ماددا ساقلىغۇچى ساقلاش مۇددىتىدە ئوبدان ساقلىماي، ساقلانمىنى بۇزۇۋەتكەن، يوقىتىۋەتكەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لېكىن، ھەقسىز ساقلىغۇچى ئۆزىنىڭ قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第八百九十八条 寄存人寄存货币、有价证券或者其他贵重物品的,应当向保管人声明,由保管人验收或者封存;寄存人未声明的,该物品毁损、灭失后,保管人可以按照一般物品予以赔偿。

898-ماددا ساقلاتقۇچى پۇل، ئاكسىيە ياكى باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلاتقاندا، ساقلىغۇچىغا بىلدۈرۈپ قويۇشى، ساقلىغۇچى ئۇنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ياكى پېچەتلىشى كېرەك؛ ساقلاتقۇچى بايانات ئېلان قىلمىغان بولسا، شۇ نەرسە بۇزۇلۇپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ساقلىغۇچى ئادەتتىكى نەرسە بويىچە تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.

第八百九十九条 寄存人可以随时领取保管物。

899-ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى خالىغان چاغدا ئالسا بولىدۇ.

当事人对保管期限没有约定或者约定不明确的,保管人可以随时请求寄存人领取保管物;约定保管期限的,保管人无特别事由,不得请求寄存人提前领取保管物。

توختاملاشقۇچىلار ساقلاش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچىدىن ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىغان چاغدا تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ساقلاش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، ساقلىغۇچى ئالاھىدە سەۋەبى يوق تۇرۇپ، ساقلاتقۇچىدىن ساقلانمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

第九百条 保管期限届满或者寄存人提前领取保管物的,保管人应当将原物及其孳息归还寄存人。

900-ماددا ساقلاش مۇددىتى توشسا ياكى ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ كەتمەكچى بولسا، ساقلىغۇچى ئەسلىي نەرسىنى ۋە تۇغۇندىسىنى ساقلاتقۇچىغا قايتۇرۇشى كېرەك.

第九百零一条 保管人保管货币的,可以返还相同种类、数量的货币;保管其他可替代物的,可以按照约定返还相同种类、品质、数量的物品。

901-ماددا ساقلىغۇچى پۇلنى ساقلاپ بەرگەن بولسا، ئوخشاش تۈر ۋە مىقداردىكى پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ؛ ئورنىغا قويغىلى بولىدىغان باشقا نەرسىنى ساقلاپ بەرگەن بولسا، پۈتۈم بويىچە ئوخشاش تۈر، سۈپەت ۋە مىقداردىكى نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

第九百零二条 有偿的保管合同,寄存人应当按照约定的期限向保管人支付保管费。

902-ماددا ھەقلىق ساقلاش توختامىدا ساقلاتقۇچى پۈتۈشكەن مۇددەت بويىچە ساقلىغۇچىغا ساقلاش ھەققى تۆلىشى كېرەك.

当事人对支付期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,应当在领取保管物的同时支付。

توختاملاشقۇچىلار تۆلەش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ساقلانمىنى ئالغان ۋاقىتتا ھەق تۆلىشى كېرەك.

第九百零三条 寄存人未按照约定支付保管费或者其他费用的,保管人对保管物享有留置权,但是当事人另有约定的除外。

903-ماددا ساقلاتقۇچى پۈتۈم بويىچە ساقلاش ھەققى ياكى باشقا خىراجەتلەرنى تۆلىمىسە، ساقلىغۇچى ساقلانمىنى قالدۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十二章 仓储合同

22-باب ئامباردا ساقلاش توختامى

第九百零四条 仓储合同是保管人储存存货人交付的仓储物,存货人支付仓储费的合同。

904-ماددا ئىسكىلاتتا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى مال ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ئامبار ساقلانمىسىنى ئامباردا ساقلايدىغان، مال ساقلاتقۇچى ئامباردا ساقلاش ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第九百零五条 仓储合同自保管人和存货人意思表示一致时成立。

905-ماددا ئىسكىلاتتا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى بىلەن مال ساقلاتقۇچىنىڭ مەقسەت ئىپادىسى بىردەك بولغاندا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

第九百零六条 储存易燃、易爆、有毒、有腐蚀性、有放射性等危险物品或者易变质物品的,存货人应当说明该物品的性质,提供有关资料。

مال ساقلاتقۇچى يېنىشچان، پارتلاشچان، زەھەرلىك، چىرىتىشچان، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى سۈپىتى ئوڭاي ئۆزگىرىپ قالىدىغان بۇيۇملارنى ساقلاتماقچى بولسا، شۇ بۇيۇملارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك.

存货人违反前款规定的,保管人可以拒收仓储物,也可以采取相应措施以避免损失的发生,因此产生的费用由存货人负担。

ساقلىغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان مال ساقلاتقۇچىنىڭ ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىشنى رەت قىلسا بولىدۇ.زىياندىن ساقلىنىدىغان مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى مال ساقلاتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

保管人储存易燃、易爆、有毒、有腐蚀性、有放射性等危险物品的,应当具备相应的保管条件。

يېنىشچان، پارتلاشچان، زەھەرلىك، چىرىتىشچان، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان ساقلىغۇچىلار مۇناسىپ ساقلاش شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.

第九百零七条 保管人应当按照约定对入库仓储物进行验收。保管人验收时发现入库仓储物与约定不符合的,应当及时通知存货人。保管人验收后,发生仓储物的品种、数量、质量不符合约定的,保管人应当承担赔偿责任。

907-ماددا ساقلىغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە ئامبارغا كىرگۈزىدىغان ساقلانمىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئامبارغا كىرگۈزىدىغان ساقلانمىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، مال ساقلاتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئامبار ساقلانمىسىنىڭ تۈرى، مىقدارى، سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ساقلىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第九百零八条 存货人交付仓储物的,保管人应当出具仓单、入库单等凭证。

908-ماددا مال ساقلاتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى تاپشۇرغاندا، ساقلىغۇچى ئامبار تالونى، ئامبارغا كىرگۈزۈش تالونى قاتارلىق ئىسپاتلارنى بېرىشى كېرەك.

第九百零九条 保管人应当在仓单上签名或者盖章。仓单包括下列事项:

909-ماددا ساقلىغۇچى ئامبار تالونىغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. ئامبار تالونى تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)存货人的姓名或者名称和住所;

( 1 ) مال ساقلاتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(二)仓储物的品种、数量、质量、包装及其件数和标记;

( 2 ) ئامبار ساقلانمىسىنىڭ تۈرى، مىقدارى، سۈپىتى، ئورۇسى ۋە ئۇنىڭ خەت سانى ۋە بەلگىسى؛

(三)仓储物的损耗标准;

( 3 ) ئامبار ساقلانمىسىنىڭ خوراش ئۆلچىمى؛

(四)储存场所;

( 4 ) ساقلاش ئورنى؛

(五)储存期限;

( 5 ) ساقلاش مۇددىتى؛

(六)仓储费;

( 6 ) ئىسكىلاتتا ساقلاش ھەققى؛

(七)仓储物已经办理保险的,其保险金额、期间以及保险人的名称;

( 7 ) ئامبار ساقلانمىسى سۇغۇرتا بېجىرىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى، سۈرۈكى ۋە سۇغۇرتىچىنىڭ نامى؛

(八)填发人、填发地和填发日期。

( 8 ) تىندۇرغۇچى، تىندۇرۇلغان جاي ۋە تىندۇرۇلغان ۋاقىت.

第九百一十条 仓单是提取仓储物的凭证。存货人或者仓单持有人在仓单上背书并经保管人签名或者盖章的,可以转让提取仓储物的权利。

910-ماددا ئامبار تالونى ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىش ئىسپاتىدۇر. مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى تالونغا ئىمزا قويغان ھەمدە ساقلىغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىن ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.

第九百一十一条 保管人根据存货人或者仓单持有人的要求,应当同意其检查仓储物或者提取样品。

911-ماددا ساقلىغۇچى مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئامبار ساقلانمىسىنى تەكشۈرۈشى ياكى ئەۋرىشكە ئېلىشىغا قوشۇلۇشى كېرەك.

第九百一十二条 保管人发现入库仓储物有变质或者其他损坏的,应当及时通知存货人或者仓单持有人。

912-ماددا ساقلىغۇچى ئامباردىكى ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ياكى باشقا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇنى ساقلاتقۇچىغا ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第九百一十三条 保管人发现入库仓储物有变质或者其他损坏,危及其他仓储物的安全和正常保管的,应当催告存货人或者仓单持有人作出必要的处置。因情况紧急,保管人可以作出必要的处置;但是,事后应当将该情况及时通知存货人或者仓单持有人。

913-ماددا ساقلىغۇچى ئامباردىكى ساقلانمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ياكى باشقا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە باشقا ئامبارلاردىكى ساقلانمىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ساقلىنىشىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىسا، مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنى زۆرۈر بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا سۈيلىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولسا، ساقلىغۇچى زۆرۈر بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئىشتىن كېيىن ئەھۋالنى مال ساقلاتقۇچىغا ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

第九百一十四条 当事人对储存期限没有约定或者约定不明确的,存货人或者仓单持有人可以随时提取仓储物,保管人也可以随时请求存货人或者仓单持有人提取仓储物,但是应当给予必要的准备时间。

914-ماددا توختاملاشقۇچىلار ئامباردا ساقلاش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى خالىغان چاغدا ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، ساقلىغۇچىمۇ مال ساقلاتقۇچى يا ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىدىن ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىغان چاغدا تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن، زۆرۈر تەييارلىق ۋاقتى بېرىشى كېرەك.

第九百一十五条 储存期限届满,存货人或者仓单持有人应当凭仓单、入库单等提取仓储物。存货人或者仓单持有人逾期提取的,应当加收仓储费;提前提取的,不减收仓储费。

915-ماددا ئامباردا ساقلاش مۇددىتى توشقاندا، مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئامبار تالونى، ئامبارغا كىرگۈزۈش تالونى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىپ كېتىشى كېرەك. مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئالسا، ئامباردا ساقلاش ھەققى كۆپەيتىلىدۇ؛ مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىنسا، ئامباردا ساقلاش ھەققى كېمەيتىلمەيدۇ.

第九百一十六条 储存期限届满,存货人或者仓单持有人不提取仓储物的,保管人可以催告其在合理期限内提取;逾期不提取的,保管人可以提存仓储物。

916-ماددا ئامباردا ساقلاش مۇددىتى توشۇپ، مال ساقلاتقۇچى ياكى ئامبار تالونىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى ئېلىپ كەتمىسە، ساقلىغۇچى ئۇنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ئېلىپ كېتىشكە سۈيلىسە بولىدۇ؛ مۇددەت ئۆتسىمۇ ئېلىپ كەتمىسە، ساقلىغۇچى ئامبار ساقلانمىسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

第九百一十七条 储存期内,因保管不善造成仓储物毁损、灭失的,保管人应当承担赔偿责任。因仓储物本身的自然性质、包装不符合约定或者超过有效储存期造成仓储物变质、损坏的,保管人不承担赔偿责任。

917-ماددا ساقلاش مۇددىتىدە، ساقلىغۇچى ئوبدان ساقلىماي ئامبار ساقلانمىسىنى بۇزۇۋەتسە، يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئامبار ساقلانمىسىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، ئورۇسى پۈتۈمگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ياكى ئۈنۈملۈك ساقلاش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئامبار ساقلانمىسىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان بولسا، ساقلىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第九百一十八条 本章没有规定的,适用保管合同的有关规定。

918-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە ساقلاش توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第二十三章 委托合同

23-باب ھاۋالە توختامى

第九百一十九条 委托合同是委托人和受托人约定,由受托人处理委托人事务的合同。

919-ماددا ھاۋالە توختامى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈشىدىغان، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان توختامدۇر.

第九百二十条 委托人可以特别委托受托人处理一项或者数项事务,也可以概括委托受托人处理一切事务。

920-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا بىر ياكى بىرنەچچە تۈرلۈك ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاھىدە ھاۋالە قىلسىمۇ، بارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

第九百二十一条 委托人应当预付处理委托事务的费用。受托人为处理委托事务垫付的必要费用,委托人应当偿还该费用并支付利息。

921-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئالدىن تۆلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۆلەپ تۇرغان زۆرۈر خىراجەتنى ھاۋالە قىلغۇچى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇشى كېرەك.

第九百二十二条 受托人应当按照委托人的指示处理委托事务。需要变更委托人指示的,应当经委托人同意;因情况紧急,难以和委托人取得联系的,受托人应当妥善处理委托事务,但是事后应当将该情况及时报告委托人。

922-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛ ئەھۋال جىددىي بولۇپ، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، لېكىن ئىشتىن كېيىن ئەھۋالنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

第九百二十三条 受托人应当亲自处理委托事务。经委托人同意,受托人可以转委托。转委托经同意或者追认的,委托人可以就委托事务直接指示转委托的第三人,受托人仅就第三人的选任及其对第三人的指示承担责任。转委托未经同意或者追认的,受托人应当对转委托的第三人的行为承担责任;但是,在紧急情况下受托人为了维护委托人的利益需要转委托第三人的除外。

923-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ھاۋالىنى باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. ئۆتۈنمە ھاۋالە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئېتىراپ قىلىنغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە ئىش توغرىسىدا ھاۋالە ئۆتۈنمە 3-كىشىگە بىۋاسىتە كۆرسەتمە بەرسە بولىدۇ.ھاۋالە قىلىنغۇچى 3-كىشىنى تاللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن كۆرسەتمىسى ئۈچۈنلا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆتۈنمە ھاۋالە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆتۈنمە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان 3-كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، جىددىي ئەھۋالدا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھاۋالىنى 3-كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百二十四条 受托人应当按照委托人的要求,报告委托事务的处理情况。委托合同终止时,受托人应当报告委托事务的结果。

924-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھاۋالە ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھاۋالە توختامى ئاخىرلاشقاندا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

第九百二十五条 受托人以自己的名义,在委托人的授权范围内与第三人订立的合同,第三人在订立合同时知道受托人与委托人之间的代理关系的,该合同直接约束委托人和第三人;但是,有确切证据证明该合同只约束受托人和第三人的除外。

925-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدە 3-كىشى بىلەن ئۆز نامىدا توختاملاشقاندا، 3-كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاكالەتلىك مۇناسىۋىتىدىن خەۋەردار بولسا، بۇ توختام ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن 3-كىشىنى بىۋاسىتە چەكلەيدۇ؛ لېكىن، بۇ توختامنىڭ ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن 3-كىشىنىلا چەكلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百二十六条 受托人以自己的名义与第三人订立合同时,第三人不知道受托人与委托人之间的代理关系的,受托人因第三人的原因对委托人不履行义务,受托人应当向委托人披露第三人,委托人因此可以行使受托人对第三人的权利。但是,第三人与受托人订立合同时如果知道该委托人就不会订立合同的除外。

926-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى 3-كىشى بىلەن ئۆز نامىدا توختام تۈزگەندە، 3-كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاكالەتلىك مۇناسىۋىتىنى بىلمىسە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشى سەۋەبىدىن ھاۋالە قىلغۇچى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىغا 3-كىشىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.بۇنداق ئەھۋالدا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ 3-كىشىگە يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. لېكىن، 3-كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن توختام تۈزگەندە، ئەگەر شۇ ھاۋالە قىلغۇچىنى بىلسە توختام تۈزمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

受托人因委托人的原因对第三人不履行义务,受托人应当向第三人披露委托人,第三人因此可以选择受托人或者委托人作为相对人主张其权利,但是第三人不得变更选定的相对人。

ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى سەۋەبىدىن 3-كىشى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، 3-كىشىگە ھاۋالە قىلغۇچىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.بۇنداق ئەھۋالدا 3-كىشى ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى ھاۋالە قىلغۇچىنى ئاداچىلىققا تاللاپ، ئۆز ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.لېكىن، 3-كىشى ئۆزى تاللىغان ئاداچىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

委托人行使受托人对第三人的权利的,第三人可以向委托人主张其对受托人的抗辩。第三人选定委托人作为其相对人的,委托人可以向第三人主张其对受托人的抗辩以及受托人对第三人的抗辩。

3-كىشى ھاۋالە قىلغۇچىغا بېرىدىغان رەددىيەسىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. 3-كىشى ھاۋالە قىلغۇچىنى ئاداچىلىققا تاللىغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى 3-كىشىگە ئۆزىنىڭ ھاۋالە قىلىنغۇچىغا بېرىدىغان رەددىيەسى ۋە ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ 3-كىشىگە بېرىدىغان رەددىيەسىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

第九百二十七条 受托人处理委托事务取得的财产,应当转交给委托人。

927-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلۈكنى ھاۋالە قىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

第九百二十八条 受托人完成委托事务的,委托人应当按照约定向其支付报酬。

928-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى تاماملىغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈم بويىچە ئۇنىڭغا ھەق تۆلىشى كېرەك.

因不可归责于受托人的事由,委托合同解除或者委托事务不能完成的,委托人应当向受托人支付相应的报酬。当事人另有约定的,按照其约定。

ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن ھاۋالە توختامى بىكار قىلىنسا ياكى ھاۋالە ئىشنى ئورۇندىغىلى بولمىسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مۇناسىپ ھەق تۆلىشى كېرەك. توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

第九百二十九条 有偿的委托合同,因受托人的过错造成委托人损失的,委托人可以请求赔偿损失。无偿的委托合同,因受托人的故意或者重大过失造成委托人损失的,委托人可以请求赔偿损失。

929-ماددا ھەقلىق ھاۋالە توختامىدا، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ھاۋالە قىلغۇچىغا زىيان يەتسە، ھاۋالە قىلغۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھەقسىز ھاۋالە توختامىدا، ھاۋالە قىلىنغۇچى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ھاۋالە قىلغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلغۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

受托人超越权限造成委托人损失的,应当赔偿损失。

ھاۋالە قىلىنغۇچى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ ھاۋالە قىلغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第九百三十条 受托人处理委托事务时,因不可归责于自己的事由受到损失的,可以向委托人请求赔偿损失。

930-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۆزىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا، ھاۋالە قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第九百三十一条 委托人经受托人同意,可以在受托人之外委托第三人处理委托事务。因此造成受托人损失的,受托人可以向委托人请求赔偿损失。

931-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن باشقا 3-كىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن ھاۋالە قىلىنغۇچىغا زىيان يەتسە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第九百三十二条 两个以上的受托人共同处理委托事务的,对委托人承担连带责任。

932-ماددا ھاۋالە ئىشنى ئىككىدىن ئارتۇق ھاۋالە قىلىنغۇچى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第九百三十三条 委托人或者受托人可以随时解除委托合同。因解除合同造成对方损失的,除不可归责于该当事人的事由外,无偿委托合同的解除方应当赔偿因解除时间不当造成的直接损失,有偿委托合同的解除方应当赔偿对方的直接损失和合同履行后可以获得的利益。

933-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە توختامىنى خالىغان ۋاقىتتا بىكار قىلسا بولىدۇ. توختامنى بىكار قىلىش سەۋەبىدىن قارشى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شۇ توختاملاشقۇچىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەقسىز ھاۋالە توختامىنى بىكار قىلغان تەرەپ نامۇۋاپىق ۋاقىتتا بىكار قىلىنغانلىقتىن كېلىپ چىققان بىۋاسىتە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، ھەقلىق ھاۋالە توختامىنى بىكار قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە زىيىنى ۋە توختامنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان پايدىسىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第九百三十四条 委托人死亡、终止或者受托人死亡、丧失民事行为能力、终止的,委托合同终止;但是,当事人另有约定或者根据委托事务的性质不宜终止的除外。

934-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، ئاخىرلاشقان ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان، ئاخىرلاشقان بولسا، ھاۋالە توختامى ئاخىرلىشىدۇ؛ لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى ھاۋالە ئىشنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百三十五条 因委托人死亡或者被宣告破产、解散,致使委托合同终止将损害委托人利益的,在委托人的继承人、遗产管理人或者清算人承受委托事务之前,受托人应当继续处理委托事务。

935-ماددا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئاخىرلىشىشى سەۋەبلىك ھاۋالە توختامى ئاخىرلىشىپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى، مىراس باشقۇرغۇچىسى ياكى ھېسابات ئېنىقلىغۇچىسى ھاۋالە ئىشنى ئۈستىگە ئېلىشتىن بۇرۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ئىشنى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第九百三十六条 因受托人死亡、丧失民事行为能力或者被宣告破产、解散,致使委托合同终止的,受托人的继承人、遗产管理人、法定代理人或者清算人应当及时通知委托人。因委托合同终止将损害委托人利益的,在委托人作出善后处理之前,受托人的继承人、遗产管理人、法定代理人或者清算人应当采取必要措施。

936-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى ياكى ئاخىرلىشىشى سەۋەبىدىن ھاۋالە توختامى ئاخىرلاشسا، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋارىسى، مىراس باشقۇرغۇچىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ھېسابات ئېنىقلىغۇچىسى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ھاۋالە توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشى سەۋەبىدىن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، ھاۋالە قىلغۇچى قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ۋارىسى، مىراس باشقۇرغۇچىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ھېسابات ئېنىقلىغۇچىسى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

第二十四章 物业服务合同

24-باب خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى

第九百三十七条 物业服务合同是物业服务人在物业服务区域内,为业主提供建筑物及其附属设施的维修养护、环境卫生和相关秩序的管理维护等物业服务,业主支付物业费的合同。

937-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىدا، ئۆي ئىگىلىرىنى ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، مۇھىت تازىلىقى ۋە ئالاقىدار تەرتىپتىكى باشقۇرۇش، قوغداش قاتارلىق خوجىلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىق ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.

物业服务人包括物业服务企业和其他管理人。

خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第九百三十八条 物业服务合同的内容一般包括服务事项、服务质量、服务费用的标准和收取办法、维修资金的使用、服务用房的管理和使用、服务期限、服务交接等条款。

938-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە مۇلازىمەت تۈرى، مۇلازىمەت سۈپىتى، مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئۆلچىمى ۋە يىغىش چارىسى، رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش، مۇلازىمەت ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، مۇلازىمەت مۇددىتى، مۇلازىمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

物业服务人公开作出的有利于业主的服务承诺,为物业服务合同的组成部分。

خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىنىڭ ئاشكارا بەرگەن ئۆي ئىگىلىرىگە پايدىلىق مۇلازىمەت ۋەدىسى خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ.

物业服务合同应当采用书面形式。

خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

第九百三十九条 建设单位依法与物业服务人订立的前期物业服务合同,以及业主委员会与业主大会依法选聘的物业服务人订立的物业服务合同,对业主具有法律约束力。

939-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى بىلەن تۈزگەن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى، شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى بىلەن ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قانۇن بويىچە تاللاپ تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى ئۈچۈن تۈزگەن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئۆي ئىگىلىرى ئۈچۈن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

第九百四十条 建设单位依法与物业服务人订立的前期物业服务合同约定的服务期限届满前,业主委员会或者业主与新物业服务人订立的物业服务合同生效的,前期物业服务合同终止。

940-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى بىلەن تۈزگەن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكەن مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ياكى ئۆي ئىگىلىرى بىلەن يېڭى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى تۈزگەن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى كۈچكە ئىگە بولسا، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى ئاخىرلىشىدۇ.

第九百四十一条 物业服务人将物业服务区域内的部分专项服务事项委托给专业性服务组织或者其他第三人的,应当就该部分专项服务事项向业主负责。

941-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىدىكى قىسمەن مەخسۇس مۇلازىمەت ئىشلىرىنى كەسپىي مۇلازىمەت تەشكىلاتى ياكى باشقا 3-كىشىگە ھاۋالە قىلغان بولسا، شۇ قىسمەن مەخسۇس مۇلازىمەت تۈرى ئۈچۈن ئۆي ئىگىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

物业服务人不得将其应当提供的全部物业服务转委托给第三人,或者将全部物业服务支解后分别转委托给第三人。

خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى ئۆزى تەمىنلەشكە تېگىشلىك خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ ھەممىسىنى 3-كىشىگە ھاۋالە قىلسا ياكى بارلىق خوجىلىق مۇلازىمىتىنى پارچىلاپ 3-كىشىگە ئايرىم-ئايرىم ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.

第九百四十二条 物业服务人应当按照约定和物业的使用性质,妥善维修、养护、清洁、绿化和经营管理物业服务区域内的业主共有部分,维护物业服务区域内的基本秩序,采取合理措施保护业主的人身、财产安全。

942-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى پۈتۈشكىنى ۋە خوجىلىقتىن پايدىلىنىش بويىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىنى ئوبدان رېمونت قىلىشى، ئاسرىشى، تازىلىشى، كۆكەرتىشى ۋە باشقۇرۇشى، خوجىلىق مۇلازىمەت رايونى ئىچىنىڭ ئاساسىي تەرتىپىنى ساقلىشى، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

对物业服务区域内违反有关治安、环保、消防等法律法规的行为,物业服务人应当及时采取合理措施制止、向有关行政主管部门报告并协助处理。

خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىدىكى ئامانلىق ساقلاش، مۇھىت ئاسراش، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第九百四十三条 物业服务人应当定期将服务的事项、负责人员、质量要求、收费项目、收费标准、履行情况,以及维修资金使用情况、业主共有部分的经营与收益情况等以合理方式向业主公开并向业主大会、业主委员会报告。

943-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى مۇلازىمەت تۈرى، مەسئۇل خادىم، سۈپەت تەلىپى، ھەق تۈرى، ھەق ئۆلچىمى، ئادا قىلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك رېمونت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسىمدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش ۋە پايدا ئېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆي ئىگىلىرىگە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قەرەللىك ئاشكارىلىشى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

第九百四十四条 业主应当按照约定向物业服务人支付物业费。物业服务人已经按照约定和有关规定提供服务的,业主不得以未接受或者无需接受相关物业服务为由拒绝支付物业费。

944-ماددا ئۆي ئىگىلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىگە خوجىلىق ھەققى تۆلىشى كېرەك. خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى پۈتۈشكىنى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇلازىمەت قىلغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى ئالاقىدار خوجىلىق مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ياكى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، خوجىلىق ھەققى تۆلەشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

业主违反约定逾期不支付物业费的,物业服务人可以催告其在合理期限内支付;合理期限届满仍不支付的,物业服务人可以提起诉讼或者申请仲裁。

ئۆي ئىگىلىرى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، خوجىلىق ھەققىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ تۆلىمىسە، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى ئۇنى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە تۆلەشكە سۈيلىسە بولىدۇ؛ مۇۋاپىق مۇددەت توشسىمۇ چىقىم قىلمىسا، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى دەۋا قىلسا ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

物业服务人不得采取停止供电、供水、供热、供燃气等方式催交物业费。

خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى توك بېرىش، سۇ بېرىش، ئىسسقلىق بېرىش، گاز بېرىشنى توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خوجىلىق ھەققى تاپشۇرۇشنى سۈيلىسە بولمايدۇ.

第九百四十五条 业主装饰装修房屋的,应当事先告知物业服务人,遵守物业服务人提示的合理注意事项,并配合其进行必要的现场检查。

945-ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئۆينى بېزەشتە، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى ئەسكەرتكەن مۇۋاپىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەق مەيداننى زۆرۈر تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

业主转让、出租物业专有部分、设立居住权或者依法改变共有部分用途的,应当及时将相关情况告知物业服务人。

ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىقنىڭ خاس قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنى تەسىس قىلغان ياكى ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتكەن بولسا، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第九百四十六条 业主依照法定程序共同决定解聘物业服务人的,可以解除物业服务合同。决定解聘的,应当提前六十日书面通知物业服务人,但是合同对通知期限另有约定的除外。

946-ماددا ئۆي ئىگىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىنى بوشىتىۋېتىشنى ئورتاق قارار قىلىپ، خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. بوشىتىۋېتىشنى قارار قىلىشتا، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىگە 60 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك، لېكىن توختامدا ئۇقتۇرۇش مۇددىتىنى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

依据前款规定解除合同造成物业服务人损失的,除不可归责于业主的事由外,业主应当赔偿损失。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامنى بىكار قىلىپ، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئۆي ئىگىلىرىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆي ئىگىلىرى زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第九百四十七条 物业服务期限届满前,业主依法共同决定续聘的,应当与原物业服务人在合同期限届满前续订物业服务合同。

947-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، ئۆي ئىگىلىرى داۋاملىق تەكلىپ قىلىشنى قانۇن بويىچە ئورتاق قارار قىلغان بولسا، ئەسلىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى بىلەن توختام مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشى كېرەك.

物业服务期限届满前,物业服务人不同意续聘的,应当在合同期限届满前九十日书面通知业主或者业主委员会,但是合同对通知期限另有约定的除外。

خوجىلىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى داۋاملىق تەكلىپ قىلىشقا قوشۇلمىسا، توختام مۇددىتى توشۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن ئۆي ئىگىلىرى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك، لېكىن توختامدا ئۇقتۇرۇش مۇددىتىنى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百四十八条 物业服务期限届满后,业主没有依法作出续聘或者另聘物业服务人的决定,物业服务人继续提供物业服务的,原物业服务合同继续有效,但是服务期限为不定期。

948-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرى قانۇن بويىچە داۋاملىق تەكلىپ قىلىش ياكى ئايرىم تەكلىپ قىلىش قارارى چىقارماي، خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى خوجىلىق مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئەسلىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن مۇلازىمەت مۇددىتى قەرەلسىز بولىدۇ.

当事人可以随时解除不定期物业服务合同,但是应当提前六十日书面通知对方。

توختاملاشقۇچىلار قەرەلسىز خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن 60 كۈن بۇرۇن قارشى تەرەپكە يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第九百四十九条 物业服务合同终止的,原物业服务人应当在约定期限或者合理期限内退出物业服务区域,将物业服务用房、相关设施、物业服务所必需的相关资料等交还给业主委员会、决定自行管理的业主或者其指定的人,配合新物业服务人做好交接工作,并如实告知物业的使用和管理状况。

949-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلاشقان بولسا، ئەسلىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى پۈتۈشكەن مۇددەت ياكى مۇۋاپىق مۇددەتتە خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ، خوجىلىق مۇلازىمەت ئۆيى، ئالاقىدار ئەسلىھەلەر، خوجىلىق مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك ئالاقىدار ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشنى قارار قىلغان ئۆي ئىگىسى ياكى ئۇ بېكىتكەن كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، يېڭى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسىگە ماسلىشىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەم خوجىلىقتىن پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىش كېرەك.

原物业服务人违反前款规定的,不得请求业主支付物业服务合同终止后的物业费;造成业主损失的,应当赔偿损失。

ئەسلىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرىدىن خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى خوجىلىق ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

第九百五十条 物业服务合同终止后,在业主或者业主大会选聘的新物业服务人或者决定自行管理的业主接管之前,原物业服务人应当继续处理物业服务事项,并可以请求业主支付该期间的物业费。

950-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تاللاپ تەكلىپ قىلغان يېڭى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى ياكى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشنى قارار قىلغان ئۆي ئىگىلىرى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئىلگىرى، ئەسلىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى خوجىلىق مۇلازىمەت ئىشلىرىنى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىدىن شۇ مەزگىلدىكى خوجىلىق ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第二十五章 行纪合同

25-باب بېدىكلىك توختامى

第九百五十一条 行纪合同是行纪人以自己的名义为委托人从事贸易活动,委托人支付报酬的合同。

951-ماددا بېدىكلىك توختامى بېدىك ئۆز نامىدا ھاۋالە قىلغۇچى ئۈچۈن سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھاۋالە قىلغۇچى ئۇنىڭغا ھەق تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第九百五十二条 行纪人处理委托事务支出的费用,由行纪人负担,但是当事人另有约定的除外。

952-ماددا بېدىك ھاۋالە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا چىقىم قىلغان خىراجەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百五十三条 行纪人占有委托物的,应当妥善保管委托物。

953-ماددا بېدىك ئىلكىدە تۇتقان ھاۋالە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

第九百五十四条 委托物交付给行纪人时有瑕疵或者容易腐烂、变质的,经委托人同意,行纪人可以处分该物;不能与委托人及时取得联系的,行纪人可以合理处分。

954-ماددا بېدىككە تاپشۇرۇلغان ھاۋالە نەرسە نۇقسانى بار ياكى ئاسان چېرىپ قالىدىغان، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدىغان نەرسە بولسا، بېدىك ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ نەرسىنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلاشقىلى بولمىسا، بېدىك مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

第九百五十五条 行纪人低于委托人指定的价格卖出或者高于委托人指定的价格买入的,应当经委托人同意;未经委托人同意,行纪人补偿其差额的,该买卖对委托人发生效力。

955-ماددا بېدىك ھاۋالە قىلغۇچى بەلگىلەپ بەرگەن باھادىن تۆۋەن باھادا ساتسا ياكى ھاۋالە قىلغۇچى بېكىتىپ بەرگەن باھادىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالسا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بېدىك ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئۇنىڭ كەم قىسمىنى ئۆزى تولۇقلاپ قويغان بولسا، ئېلىم-سېتىم ھاۋالە قىلغۇچىغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە.

行纪人高于委托人指定的价格卖出或者低于委托人指定的价格买入的,可以按照约定增加报酬;没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,该利益属于委托人。

بېدىك ھاۋالە قىلغۇچى بەلگىلەپ بەرگەن باھادىن يۇقىرى باھادا ساتسا ياكى ھاۋالە قىلغۇچى بېكىتىپ بەرگەن باھادىن تۆۋەن باھادا سېتىۋالسا، پۈتۈم بويىچە ھەق كۆپەيتىپ بېرىلسە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، مەنپەئەت ھاۋالە قىلغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ.

委托人对价格有特别指示的,行纪人不得违背该指示卖出或者买入。

ھاۋالە قىلغۇچى باھانى ئالاھىدە كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، بېدىك شۇ باھاغا مۇخالىپ ھالدا ساتسا ياكى سېتىۋالسا بولمايدۇ.

第九百五十六条 行纪人卖出或者买入具有市场定价的商品,除委托人有相反的意思表示外,行纪人自己可以作为买受人或者出卖人。

956-ماددا بېدىك بازار باھاسى مۇقىم تاۋارلارنى ساتقاندا ياكى سېتىۋالغاندا، ئۆزى سېتىۋالغۇچى ياكى ساتقۇچى بولسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قارشى مەقسەت ئىپادىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

行纪人有前款规定情形的,仍然可以请求委托人支付报酬。

بېدىكتە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەندىمۇ ھاۋالە قىلغۇچىدىن ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلىۋەرسە بولىدۇ.

第九百五十七条 行纪人按照约定买入委托物,委托人应当及时受领。经行纪人催告,委托人无正当理由拒绝受领的,行纪人依法可以提存委托物。

957-ماددا بېدىك پۈتۈم بويىچە سېتىۋالغان ھاۋالە نەرسىنى ھاۋالە قىلغۇچى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك. بېدىك سۈيلىگەن بولسىمۇ، ھاۋالە قىلغۇچى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، بېدىك ھاۋالە نەرسىنى قانۇن بويىچە ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

委托物不能卖出或者委托人撤回出卖,经行纪人催告,委托人不取回或者不处分该物的,行纪人依法可以提存委托物。

ھاۋالە نەرسىنى ساتقىلى بولمىسا ياكى ھاۋالە قىلغۇچى سېتىشنى بىكار قىلسا، بېدىك ھاۋالە نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، ھاۋالە قىلغۇچى قايتۇرۇۋالمىسا ياكى بىر تەرەپ قىلمىسا، بېدىكلىك ھاۋالە نەرسىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ساقلاپ قويسا بولىدۇ.

第九百五十八条 行纪人与第三人订立合同的,行纪人对该合同直接享有权利、承担义务。

958-ماددا بېدىك بىلەن 3-كىشى توختام تۈزگەن بولسا، بېدىك مەزكۇر توختامدىكى ھوقۇقتىن بىۋاسىتە بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالىدۇ.

第三人不履行义务致使委托人受到损害的,行纪人应当承担赔偿责任,但是行纪人与委托人另有约定的除外。

3-كىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ھاۋالە قىلغۇچى زىيانغا ئۇچرىسا، بېدىك تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.لېكىن، بېدىكلىك بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百五十九条 行纪人完成或者部分完成委托事务的,委托人应当向其支付相应的报酬。委托人逾期不支付报酬的,行纪人对委托物享有留置权,但是当事人另有约定的除外。

959-ماددا بېدىك ھاۋالە ئىشنى تاماملىغان ياكى قىسمەن تاماملىغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھەق تۆلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچى مۇددەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھەق تۆلىمىسە، بېدىك ھاۋالە نەرسىنى قالدۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.لېكىن، توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百六十条 本章没有规定的,参照适用委托合同的有关规定。

960-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە ھاۋالە توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第二十六章 中介合同

26-باب ۋاسىتىچىلىك توختامى

第九百六十一条 中介合同是中介人向委托人报告订立合同的机会或者提供订立合同的媒介服务,委托人支付报酬的合同。

961-ماددا ۋاسىتىچىلىك توختامى ۋاسىتىچى ھاۋالە قىلغۇچىنى توختام تۈزۈش پۇرسىتىدىن خەۋەرلەندۈرىدىغان ياكى توختام تۈزۈشنى ئەلچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ھاۋالە قىلغۇچى ھەق تۆلەيدىغان توختامدۇر.

第九百六十二条 中介人应当就有关订立合同的事项向委托人如实报告。

962-ماددا ۋاسىتىچى توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار ئىشلارنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

中介人故意隐瞒与订立合同有关的重要事实或者提供虚假情况,损害委托人利益的,不得请求支付报酬并应当承担赔偿责任。

ۋاسىتىچى توختام تۈزۈشكە دائىر مۇھىم ئىشلارنى قەستەن يوشۇرسا ياكى ساختا ئەھۋال بىلەن تەمىنلەپ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ۋاسىتىچى ھەق تەلەپ قىلسا بولمايدۇ ھەمدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第九百六十三条 中介人促成合同成立的,委托人应当按照约定支付报酬。对中介人的报酬没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,根据中介人的劳务合理确定。因中介人提供订立合同的媒介服务而促成合同成立的,由该合同的当事人平均负担中介人的报酬。

963-ماددا ۋاسىتىچى توختامنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈم بويىچە ھەق تۆلىشى كېرەك. ۋاسىتىچىنىڭ ئىش ھەققىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، ۋاسىتىچىنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمىتىگە قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. ۋاسىتىچى توختام تۈزۈشكە ئەلچىلىك مۇلازىمىتى قىلىپ، توختامنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولسا، توختاملاشقۇچىلار ۋاسىتىچىگە ھەقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.

中介人促成合同成立的,中介活动的费用,由中介人负担。

ۋاسىتىچى توختامنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولسا، ۋاستىچىلىك ھەرىكىتىگە كەتكەن خىراجەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第九百六十四条 中介人未促成合同成立的,不得请求支付报酬;但是,可以按照约定请求委托人支付从事中介活动支出的必要费用。

964-ماددا ۋاسىتىچى توختامنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكە بولمىغان بولسا، ھەق تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ لېكىن، پۈتۈم بويىچە ھاۋالە قىلغۇچىدىن ۋاسىتىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كەتكەن زۆرۈر خىراجەتلەرنى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第九百六十五条 委托人在接受中介人的服务后,利用中介人提供的交易机会或者媒介服务,绕开中介人直接订立合同的,应当向中介人支付报酬。

965-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ۋاسىتىچىنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاسىتىچى تەمىنلىگەن سودا پۇرسىتى ياكى ئەلچىلىك مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، ۋاسىتىچىنى قايرىپ قويۇپ بىۋاسىتە توختام تۈزسە، ۋاسىتىچىگە ھەق تۆلىشى كېرەك.

第九百六十六条 本章没有规定的,参照适用委托合同的有关规定。

966-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە ھاۋالە توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第二十七章 合伙合同

27-باب شېرىكلىك توختامى

第九百六十七条 合伙合同是两个以上合伙人为了共同的事业目的,订立的共享利益、共担风险的协议。

967-ماددا شېرىكلىك توختامى ئىككىدىن ئارتۇق شېرىك ئورتاق ئىش مەقسىتىدە تۈزگەن، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، خەۋپ-خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان كېلىشىمدۇر.

第九百六十八条 合伙人应当按照约定的出资方式、数额和缴付期限,履行出资义务。

968-ماددا شېرىكلەر مەبلەغ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل، مىقدار ۋە تاپشۇرۇش مۇددىتى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

第九百六十九条 合伙人的出资、因合伙事务依法取得的收益和其他财产,属于合伙财产。

969-ماددا شېرىكلەرنىڭ چىقارغان مەبلىغى، شېرىكچىلىك ئىشلىرىدىن قانۇن بويىچە ئېرىشكەن پايدىسى ۋە باشقا مال-مۈلكى شېرىك مال-مۈلۈك بولىدۇ.

合伙合同终止前,合伙人不得请求分割合伙财产。

شېرىكلىك توختامى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، شېرىكلەر شېرىك مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

第九百七十条 合伙人就合伙事务作出决定的,除合伙合同另有约定外,应当经全体合伙人一致同意。

970-ماددا شېرىكلەر شېرىكچىلىك ئىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىشتا، بارلىق شېرىكلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، شېرىكلىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

合伙事务由全体合伙人共同执行。按照合伙合同的约定或者全体合伙人的决定,可以委托一个或者数个合伙人执行合伙事务;其他合伙人不再执行合伙事务,但是有权监督执行情况。

شېرىكچىلىك ئىشلىرىنى بارلىق شېرىكلەر بىرلىكتە ئىجرا قىلىدۇ. شېرىكلىك توختامىدىكى پۈتۈم ياكى بارلىق شېرىكلەرنىڭ قارارى بويىچە، شېرىكلىك ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىشنى بىر ياكى بىر قانچە شېرىككە ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ؛ باشقا شېرىكلەر شېرىكچىلىك ئىشلىرىنى ئىجرا قىلمايدۇ، لېكىن ئىجرا ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

合伙人分别执行合伙事务的,执行事务合伙人可以对其他合伙人执行的事务提出异议;提出异议后,其他合伙人应当暂停该项事务的执行。

شېرىكلەر شېرىكچىلىك ئىشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئىجرا قىلغان بولسا، ئىشلارنى ئىجرا قىلغۇچى شېرىكلەر باشقا شېرىكلەر ئىجرا قىلغان ئىشلار توغرىسىدا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ؛ باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، باشقا شېرىكلەر شۇ ئىشنىڭ ئىجراسىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك.

第九百七十一条 合伙人不得因执行合伙事务而请求支付报酬,但是合伙合同另有约定的除外。

971-ماددا شېرىكلەر شېرىكچىلىك ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبلىك ھەق تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، لېكىن شېرىكلىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百七十二条 合伙的利润分配和亏损分担,按照合伙合同的约定办理;合伙合同没有约定或者约定不明确的,由合伙人协商决定;协商不成的,由合伙人按照实缴出资比例分配、分担;无法确定出资比例的,由合伙人平均分配、分担。

972-ماددا شېرىكلىكتىكى پايدا تەقسىملەش ۋە زىياننى ئۈستىگە ئېلىش شېرىكلىك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ شېرىكلىك توختامىدا پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، شېرىكلەر كېڭىشىپ قارار قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، شېرىكلەر ئەمەلىي چىقارغان مەبلەغ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ ۋە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، شېرىكلەر تەڭ تەقسىم قىلىدۇ ۋە ئۈستىگە ئالىدۇ.

第九百七十三条 合伙人对合伙债务承担连带责任。清偿合伙债务超过自己应当承担份额的合伙人,有权向其他合伙人追偿。

973-ماددا شېرىكلەر شېرىكلىك قەرزىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈزگەن شېرىكلىك قەرزى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن شېرىكلەر باشقا شېرىكلەردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第九百七十四条 除合伙合同另有约定外,合伙人向合伙人以外的人转让其全部或者部分财产份额的,须经其他合伙人一致同意。

974-ماددا شېرىكلەر ئۆزىنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم مال-مۈلۈك ئۈلۈشىنى شېرىكلەردىن باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، باشقا شېرىكلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، شېرىكلىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百七十五条 合伙人的债权人不得代位行使合伙人依照本章规定和合伙合同享有的权利,但是合伙人享有的利益分配请求权除外。

975-ماددا شېرىكلەرنىڭ ھەقدارى شېرىكلەرنىڭ مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە ۋە شېرىكلىك توختامى بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئورۇن بېسىپ يۈرگۈزسە بولمايدۇ، لېكىن شېرىكلەر بەھرىمەن بولىدىغان مەنپەئەت تەقسىماتىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百七十六条 合伙人对合伙期限没有约定或者约定不明确,依据本法第五百一十条的规定仍不能确定的,视为不定期合伙。

976-ماددا شېرىكلەر شېرىكلىك مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 510-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكىلىمۇ بولمىسا، قەرەلسىز شېرىكلىك دەپ قارىلىدۇ.

合伙期限届满,合伙人继续执行合伙事务,其他合伙人没有提出异议的,原合伙合同继续有效,但是合伙期限为不定期。

شېرىكلىك مۇددىتى توشۇپ شېرىكلەر شېرىكچىلىك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغاندا، باشقا شېرىكلەر باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، ئەسلىدىكى شېرىكلىك توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە، لېكىن شېرىكلىك مۇددىتى قەرەلسىز بولىدۇ.

合伙人可以随时解除不定期合伙合同,但是应当在合理期限之前通知其他合伙人。

شېرىكلەر قەرەلسىز شېرىكلىك توختامىنى خالىغان ۋاقىتتا بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇۋاپىق مۇددەتتىن بۇرۇن باشقا شېرىكلەرگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第九百七十七条 合伙人死亡、丧失民事行为能力或者终止的,合伙合同终止;但是,合伙合同另有约定或者根据合伙事务的性质不宜终止的除外。

977-ماددا شېرىكلەر ئۆلۈپ كەتكەن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقان بولسا، شېرىكلىك توختامى ئاخىرلىشىدۇ؛ لېكىن، شېرىكلىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى شېرىكچىلىك ئىشلىرىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百七十八条 合伙合同终止后,合伙财产在支付因终止而产生的费用以及清偿合伙债务后有剩余的,依据本法第九百七十二条的规定进行分配。

978-ماددا شېرىكلىك توختامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاخىرلىشىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خىراجەت ۋە شېرىكلىك قەرزىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان شېرىك مال-مۈلۈك مۇشۇ قانۇننىڭ 972-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

第三分编 准合同

ئۈچىنچى ئۈلۈش توختامنى توغرىلاش

第二十八章 无因管理

28-باب سەۋەبسىز باشقۇرۇش

第九百七十九条 管理人没有法定的或者约定的义务,为避免他人利益受损失而管理他人事务的,可以请求受益人偿还因管理事务而支出的必要费用;管理人因管理事务受到损失的,可以请求受益人给予适当补偿。

979-ماددا باشقۇرغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتى يوق تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ قويغان بولسا، مەنپەئەتداردىن ئىشلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ باشقۇرغۇچى باشقۇرۇپ قويغان ئىشلىرى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مەنپەئەتداردىن مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

管理事务不符合受益人真实意思的,管理人不享有前款规定的权利;但是,受益人的真实意思违反法律或者违背公序良俗的除外。

باشقۇرۇپ قويغان ئىش مەنپەئەتدارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، باشقۇرغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولمايدۇ؛ لېكىن، مەنپەئەتدارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى قانۇنغا ياكى ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百八十条 管理人管理事务不属于前条规定的情形,但是受益人享有管理利益的,受益人应当在其获得的利益范围内向管理人承担前条第一款规定的义务。

9080-ماددا باشقۇرغۇچى باشقۇرۇپ قويغان ئىش ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغا تەۋە بولمىسا، لېكىن مەنپەئەتدار باشقۇرۇش مەنپەئەتىگە ئىگە بولسا، مەنپەئەتدار ئۆزى ئېرىشكەن مەنپەئەت دائىرىسىدە باشقۇرغۇچى ئالدىدا ئالدىنقى ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第九百八十一条 管理人管理他人事务,应当采取有利于受益人的方法。中断管理对受益人不利的,无正当理由不得中断。

981-ماددا باشقۇرغۇچى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، مەنپەئەتدارغا پايدىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك. باشقۇرۇشنى توختىتىپ قويۇش مەنپەئەتدارغا پايدىسىز بولسا، يولسىز سەۋەبلەر بىلەن توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

第九百八十二条 管理人管理他人事务,能够通知受益人的,应当及时通知受益人。管理的事务不需要紧急处理的,应当等待受益人的指示。

982-ماددا باشقۇرغۇچى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ قويغاندا، مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قىلالايدىغان بولسا، ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. باشقۇرۇپ قويغان ئىشنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز بولسا، مەنپەئەتدارنىڭ كۆرسەتمىسىنى كۈتۈش كېرەك.

第九百八十三条 管理结束后,管理人应当向受益人报告管理事务的情况。管理人管理事务取得的财产,应当及时转交给受益人。

983-ماددا باشقۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى مەنپەئەتدارغا باشقۇرۇپ قويغان ئىشلارنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. باشقۇرغۇچى باشقۇرۇپ قويغان ئىشتىن ئېرىشكەن مال-مۈلۈكنى مەنپەئەتدارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

第九百八十四条 管理人管理事务经受益人事后追认的,从管理事务开始时起,适用委托合同的有关规定,但是管理人另有意思表示的除外。

984-ماددا باشقۇرغۇچى باشقۇرۇپ قويغان ئىشنى مەنپەئەتدار ئىشتىن كېيىن ئېتىراپ قىلغان بولسا، ئىشنى باشقۇرۇپ قويۇش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھاۋالە توختامىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن باشقۇرغۇچى ئايرىم مەقسەت ئىپادىسىنى بىلدۈرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第二十九章 不当得利

29-باب نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش

第九百八十五条 得利人没有法律根据取得不当利益的,受损失的人可以请求得利人返还取得的利益,但是有下列情形之一的除外:

985-ماددا پايدىغا ئېرىشكۈچى قانۇن ئاساسى يوق تۇرۇپ نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشكەن بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى پايدىغا ئېرىشكۈچىدىن ئېرىشكەن پايدىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)为履行道德义务进行的给付;

( 1 ) ئەخلاق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بېرىم بېرىش؛

(二)债务到期之前的清偿;

( 2 ) قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن قەرز ئۈزۈش؛

(三)明知无给付义务而进行的债务清偿。

( 3 ) بېرىم مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەرز ئۈزۈش.

第九百八十六条 得利人不知道且不应当知道取得的利益没有法律根据,取得的利益已经不存在的,不承担返还该利益的义务。

986-ماددا پايدىغا ئېرىشكۈچى ئېرىشكەن پايدىنىڭ قانۇن ئاساسى يوقلۇقىنى بىلمىسە ھەم بىلىشكە تېگىشلىك بولمىسا، ئېرىشكەن پايدىسى مەۋجۇت بولمىسا، شۇ پايدىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第九百八十七条 得利人知道或者应当知道取得的利益没有法律根据的,受损失的人可以请求得利人返还其取得的利益并依法赔偿损失。

987-ماددا پايدىغا ئېرىشكۈچى ئېرىشكەن مەنپەئەتنىڭ قانۇن ئاساسى يوقلۇقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى پايدىغا ئېرىشكۈچىدىن ئۆزى ئېرىشكەن پايدىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ھەمدە قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第九百八十八条 得利人已经将取得的利益无偿转让给第三人的,受损失的人可以请求第三人在相应范围内承担返还义务。

988-ماددا پايدىغا ئېرىشكۈچى ئېرىشكەن پايدىنى 3-كىشىگە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى 3-كىشىدىن مۇناسىپ دائىرىدە قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第四编 人格权

4-قىسىم ئادىمىيلىك ھوقۇقى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第九百八十九条 本编调整因人格权的享有和保护产生的民事关系。

989-ماددا بۇ قىسىم ئادىمىيلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنى قوغداش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第九百九十条 人格权是民事主体享有的生命权、身体权、健康权、姓名权、名称权、肖像权、名誉权、荣誉权、隐私权等权利。

990-ماددا ئادىمىيلىك ھوقۇقى ھەق تەلەپ سۇبيېكتى بەھرىمەن بولىدىغان ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى كۆرسىتىدۇ.

除前款规定的人格权外,自然人享有基于人身自由、人格尊严产生的其他人格权益。

تەبىئىي ئىگىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئادىمىيلىك ھوقۇقلىرىدىن باشقا جىسمانىي ئەركىنلىك، ئىنسانىي ئىززەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن باشقا ئادىمىيلىك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第九百九十一条 民事主体的人格权受法律保护,任何组织或者个人不得侵害。

991-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ ئادىمىيلىك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第九百九十二条 人格权不得放弃、转让或者继承。

992-ماددا ئادىمىيلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

第九百九十三条 民事主体可以将自己的姓名、名称、肖像等许可他人使用,但是依照法律规定或者根据其性质不得许可的除外。

993-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامى، سۈرىتى قاتارلىقلارنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ياكى خاراكتېرى بويىچە ئىجازەت بېرىشكە بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九百九十四条 死者的姓名、肖像、名誉、荣誉、隐私、遗体等受到侵害的,其配偶、子女、父母有权依法请求行为人承担民事责任;死者没有配偶、子女且父母已经死亡的,其他近亲属有权依法请求行为人承担民事责任。

994-ماددا ئۆلگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سۈرىتى، نام-شۆھرىتى، پەخرىي نامى، شەخسىيىتى، جەسىتى قاتارلىقلار زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئۇنىڭ جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسى قىلمىشچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئۆلگۈچىنىڭ جورىسى، پەرزەنتى بولمىسا ھەمدە ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، باشقا يېقىن تۇغقانلىرى قىلمىشچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第九百九十五条 人格权受到侵害的,受害人有权依照本法和其他法律的规定请求行为人承担民事责任。受害人的停止侵害、排除妨碍、消除危险、消除影响、恢复名誉、赔礼道歉请求权,不适用诉讼时效的规定。

995-ماددا ئادىمىيلىك ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا، زىيانلانغۇچى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قىلمىشچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ زىيان سېلىشنى توختىتىش، توسالغۇنى يوقىتىش، خەۋپنى تۈگىتىش، تەسىرنى تۈگىتىش، نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ناماقۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا دەۋا سۈرۈكىگە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانمايدۇ.

第九百九十六条 因当事人一方的违约行为,损害对方人格权并造成严重精神损害,受损害方选择请求其承担违约责任的,不影响受损害方请求精神损害赔偿。

996-ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ خىلاپلىق قىلمىشى سەۋەبىدىن قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكەن ھەمدە ئېغىر روھىي زىيان كېلىپ چىققاندا، زىيانلانغۇچى ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، زىيانلانغۇچىنىڭ روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

第九百九十七条 民事主体有证据证明行为人正在实施或者即将实施侵害其人格权的违法行为,不及时制止将使其合法权益受到难以弥补的损害的,有权依法向人民法院申请采取责令行为人停止有关行为的措施。

997-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ قىلمىشچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا زىيان سېلىش قىلمىشى سادىر قىلىۋاتقانلىقى ياكى سادىر قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ۋاقتىدا توسمىسا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قىلمىشچىنى ئالاقىدار قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇش تەدبىرى قوللىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第九百九十八条 认定行为人承担侵害除生命权、身体权和健康权外的人格权的民事责任,应当考虑行为人和受害人的职业、影响范围、过错程度,以及行为的目的、方式、后果等因素。

998-ماددا قىلمىشچىنى ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىدىن باشقا ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا زىيان سېلىش ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتىشتە، قىلمىشچى بىلەن زىيانلانغۇچىنىڭ كەسپى، تەسىر دائىرىسى، خاتالىق دەرىجىسى شۇنىڭدەك قىلمىشىنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى، ئاقىۋىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك.

第九百九十九条 为公共利益实施新闻报道、舆论监督等行为的,可以合理使用民事主体的姓名、名称、肖像、个人信息等;使用不合理侵害民事主体人格权的,应当依法承担民事责任。

999-ماددا ئاممىۋى مەنپەئەت ئۈچۈن ئاخبارات، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، نامى، سۈرىتى، شەخسىي ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا نامۇۋاپىق زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千条 行为人因侵害人格权承担消除影响、恢复名誉、赔礼道歉等民事责任的,应当与行为的具体方式和造成的影响范围相当。

1-1000-ماددا قىلمىشچى ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا زىيان سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان تەسىرىنى تۈگىتىش، نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ناماقۇل بولۇش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى ھەرىكەتنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى ۋە تەسىر دائىرىسى بىلەن باراۋەر بولۇشى كېرەك.

行为人拒不承担前款规定的民事责任的,人民法院可以采取在报刊、网络等媒体上发布公告或者公布生效裁判文书等方式执行,产生的费用由行为人负担。

قىلمىشچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئېلان چىقىرىش ياكى كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىم ھۆججىتىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى قىلمىشچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千零一条 对自然人因婚姻家庭关系等产生的身份权利的保护,适用本法第一编、第五编和其他法律的相关规定;没有规定的,可以根据其性质参照适用本编人格权保护的有关规定。

101-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ئۆيلىنىش-ئائىلە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردىن پەيدا بولغان سالاھىيەت ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 1-قىسمى، 5-قىسمىدىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، خاراكتېرىگە قاراپ مۇشۇ قىسىمدىكى ئادىمىيلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第二章 生命权、身体权和健康权

2-باب ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقى

第一千零二条 自然人享有生命权。自然人的生命安全和生命尊严受法律保护。任何组织或者个人不得侵害他人的生命权。

102-ماددا تەبىئىي ئىگە ھاياتلىق ھوقۇقىغا ئىگە. تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千零三条 自然人享有身体权。自然人的身体完整和行动自由受法律保护。任何组织或者个人不得侵害他人的身体权。

103-ماددا تەبىئىي ئىگە بەدەن ھوقۇقىغا ئىگە. تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى قانۇن قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ بەدەن ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千零四条 自然人享有健康权。自然人的身心健康受法律保护。任何组织或者个人不得侵害他人的健康权。

104-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر ساغلاملىق ھوقۇقىغا ئىگە. تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قانۇن قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ سالامەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千零五条 自然人的生命权、身体权、健康权受到侵害或者处于其他危难情形的,负有法定救助义务的组织或者个人应当及时施救。

105-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا ياكى باشقا خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار تەشكىلات ياكى شەخس ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى كېرەك.

第一千零六条 完全民事行为能力人有权依法自主决定无偿捐献其人体细胞、人体组织、人体器官、遗体。任何组织或者个人不得强迫、欺骗、利诱其捐献。

106-ماددا تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر ئۆز بەدىنىدىكى ھۈجەيرە، توقۇلما، ئەزالارنى ۋە جەسىتىنى ھەقسىز تەقدىم قىلىشنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئۇنى زورلاپ، ئالداپ، ئازدۇرۇپ تەقدىم قىلدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

完全民事行为能力人依据前款规定同意捐献的,应当采用书面形式,也可以订立遗嘱。

تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەقدىم قىلىشقا قوشۇلغانلىرى يازما شەكىلنى قوللىنىشى كېرەك، ۋەسىيەت قالدۇرسىمۇ بولىدۇ.

自然人生前未表示不同意捐献的,该自然人死亡后,其配偶、成年子女、父母可以共同决定捐献,决定捐献应当采用书面形式。

تەبىئىي ئىگە ھايات ۋاقتىدا ئىنئام قىلىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جورىسى، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسى تەقدىم قىلىشنى بىرلىكتە قارار قىلسا بولىدۇ، تەقدىم قىلىشنى قارار قىلىشتا يازما شەكىلنى قوللىنىش كېرەك.

第一千零七条 禁止以任何形式买卖人体细胞、人体组织、人体器官、遗体。

107-ماددا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە، توقۇلما، ئەزالارنى ۋە جەسەتنى ھەرقانداق شەكىلدە ئېلىپ-سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

违反前款规定的买卖行为无效。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلىم-سېتىم ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

第一千零八条 为研制新药、医疗器械或者发展新的预防和治疗方法,需要进行临床试验的,应当依法经相关主管部门批准并经伦理委员会审查同意,向受试者或者受试者的监护人告知试验目的、用途和可能产生的风险等详细情况,并经其书面同意。

108-ماددا يېڭى دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ياكى يېڭى ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئېتىكا كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشى بىلەن، سىناق قىلىنغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسىگە سىناق مەقسىتى، ئىشلىتىش ئورنى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەر قاتارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇش كېرەك، ھەمدە ئۇنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغان.

进行临床试验的,不得向受试者收取试验费用。

كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشتا، سىناق قىلىنغۇچىدىن سىناق ھەققى ئېلىشقا بولمايدۇ.

第一千零九条 从事与人体基因、人体胚胎等有关的医学和科研活动,应当遵守法律、行政法规和国家有关规定,不得危害人体健康,不得违背伦理道德,不得损害公共利益。

109-ماددا ئادەم بەدىنىدىكى گېن، تۆرەلمە قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تېبابەت ۋە پەن تەتقىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە، ئېتىكا-ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

第一千零一十条 违背他人意愿,以言语、文字、图像、肢体行为等方式对他人实施性骚扰的,受害人有权依法请求行为人承担民事责任。

1010-ماددا باشقىلارنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا گەپ-سۆز، يېزىق، سۈرەت، بەدەن ھەرىكىتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان بولسا، زىيانلانغۇچى قىلمىشچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

机关、企业、学校等单位应当采取合理的预防、受理投诉、调查处置等措施,防止和制止利用职权、从属关系等实施性骚扰。

ئورگان، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلار ئالدىنى ئېلىش، ئەرز قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىزمەت ھوقۇقى، بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى كېرەك.

第一千零一十一条 以非法拘禁等方式剥夺、限制他人的行动自由,或者非法搜查他人身体的,受害人有权依法请求行为人承担民事责任。

1011-ماددا قانۇنسىز سولاپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى ھەرىكەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان، چەكلىگەن ياكى باشقىلارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرغان بولسا، زىيانلانغۇچى قىلمىشچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三章 姓名权和名称权

3-باب ئىسىم-فامىلە ۋە نام ھوقۇقى

第一千零一十二条 自然人享有姓名权,有权依法决定、使用、变更或者许可他人使用自己的姓名,但是不得违背公序良俗。

1012-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە، ئىسىم-فامىلىسىنى قانۇن بويىچە بەلگىلەش، ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ھوقۇقلۇق، لېكىن ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ.

第一千零一十三条 法人、非法人组织享有名称权,有权依法决定、使用、变更、转让或者许可他人使用自己的名称。

1013-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار نام ھوقۇقىغا ئىگە، نامىنى قانۇن بويىچە بەلگىلەش، ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

第一千零一十四条 任何组织或者个人不得以干涉、盗用、假冒等方式侵害他人的姓名权或者名称权。

1014-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىش، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى ياكى نام ھوقۇقىغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千零一十五条 自然人应当随父姓或者母姓,但是有下列情形之一的,可以在父姓和母姓之外选取姓氏:

1015-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ فامىلىسى ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ فامىلىسىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە ئاتىسىنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ فامىلىسىدىن باشقا فامىلىنى تاللاشقا بولىدۇ :

(一)选取其他直系长辈血亲的姓氏;

( 1 ) باشقا بىۋاسىتە قانداش ئالدىنقى بوغۇن تۇغقىنىنىڭ فامىلىسىنى تاللاش؛

(二)因由法定扶养人以外的人扶养而选取扶养人姓氏;

( 2 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىسىدىن باشقا كىشى باققان بولسا، باققان كىشىنىڭ فامىلىسىنى تاللىغان بولسا؛

(三)有不违背公序良俗的其他正当理由。

( 3 ) ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ كەلمەيدىغان باشقا يوللۇق سەۋەبلەر بولسا.

少数民族自然人的姓氏可以遵从本民族的文化传统和风俗习惯。

ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي ئىگىلەر ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادىتى بويىچە فامىلە قوللانسا بولىدۇ.

第一千零一十六条 自然人决定、变更姓名,或者法人、非法人组织决定、变更、转让名称的,应当依法向有关机关办理登记手续,但是法律另有规定的除外。

1016-ماددا تەبىئىي ئىگە ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بەلگىلەش، ئۆزگەرتىشتە ياكى قانۇنىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات ئۆزىنىڭ نامىنى بەلگىلەش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورگانغا تىزىملىتىشى كېرەك، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

民事主体变更姓名、名称的,变更前实施的民事法律行为对其具有法律约束力。

ھەق تەلەپ سۇبيېكتى ئىسىم-فامىلىسى، نامىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن قىلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

第一千零一十七条 具有一定社会知名度,被他人使用足以造成公众混淆的笔名、艺名、网名、译名、字号、姓名和名称的简称等,参照适用姓名权和名称权保护的有关规定。

1017-ماددا جەمئىيەتتە مۇئەييەن داڭقى بار، باشقىلار ئىشلىتىۋالسا ئامما ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەخەللۇس، ئەدەبىي لەقەم، تور نامى، تەرجىمە نامى، دۇكان نامى، ئىسىم-فامىلە ۋە نامنىڭ قىسقارتىلمىسى قاتارلىقلارغا ئىسىم-فامىر ۋە نام ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第四章 肖像权

4-باب سۈرەت ھوقۇقى

第一千零一十八条 自然人享有肖像权,有权依法制作、使用、公开或者许可他人使用自己的肖像。

1018-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر سۈرەت ھوقۇقىغا ئىگە، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى قانۇن بويىچە ياساش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشقا ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

肖像是通过影像、雕塑、绘画等方式在一定载体上所反映的特定自然人可以被识别的外部形象。

سۈرەت ‐ ‐ سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش، ھەيكەل ياساش، رەسىم سىزىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەلۇم ۋاسىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مۇئەييەن تەبىئىي ئىگىنى تونۇغىلى بولىدىغان تاشقى ئوبرازنى كۆرسىتىدۇ.

第一千零一十九条 任何组织或者个人不得以丑化、污损,或者利用信息技术手段伪造等方式侵害他人的肖像权。未经肖像权人同意,不得制作、使用、公开肖像权人的肖像,但是法律另有规定的除外。

1019-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ خۇنۈكلەشتۈرۈش، بۇلغاش ياكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ياساش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

未经肖像权人同意,肖像作品权利人不得以发表、复制、发行、出租、展览等方式使用或者公开肖像权人的肖像。

سۈرەت ئەسىرىنىڭ ھوقۇقدارى سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىش، كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئىجارە بېرىش، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتسە ياكى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ.

第一千零二十条 合理实施下列行为的,可以不经肖像权人同意:

1020-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى مۇۋاپىق سادىر قىلىشتا، سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ :

(一)为个人学习、艺术欣赏、课堂教学或者科学研究,在必要范围内使用肖像权人已经公开的肖像;

( 1 ) سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ ئاشكارىلانغان سۈرىتىنى شەخسىي ئۆگىنىش، بەدىئىي زوقلىنىش، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ياكى پەن تەتقىقات ئۈچۈن زۆرۈر دائىرىدە ئىشلەتكەندە؛

(二)为实施新闻报道,不可避免地制作、使用、公开肖像权人的肖像;

( 2 ) ئاخبارات خەۋىرى بېرىش ئۈچۈن، سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى ياساش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشتىن ساقلانغىلى بولمىسا؛

(三)为依法履行职责,国家机关在必要范围内制作、使用、公开肖像权人的肖像;

( 3 ) دۆلەت ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئۈچۈن، سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى زۆرۈر دائىرىدە ياساش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشتا؛

(四)为展示特定公共环境,不可避免地制作、使用、公开肖像权人的肖像;

( 4 ) مۇئەييەن ئاممىۋى مۇھىتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى ياساش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشتىن ساقلانغىلى بولمىسا؛

(五)为维护公共利益或者肖像权人合法权益,制作、使用、公开肖像权人的肖像的其他行为。

( 5 ) ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى ياسىغان، ئىشلەتكەن، ئاشكارىلىغان باشقا ھەرىكەتلەر.

第一千零二十一条 当事人对肖像许可使用合同中关于肖像使用条款的理解有争议的,应当作出有利于肖像权人的解释。

1021-ماددا ئالاقىدارلار ئارىسىدا سۈرەتتىن ئىجازەتلىك پايدىلىنىش توختامىدىكى سۈرەتتىن پايدىلىنىشقا دائىر ماددىلارنى چۈشىنىش جەھەتتە تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان بولسا، سۈرەت ھوقۇقدارىغا پايدىلىق ئىزاھات بېرىش كېرەك.

第一千零二十二条 当事人对肖像许可使用期限没有约定或者约定不明确的,任何一方当事人可以随时解除肖像许可使用合同,但是应当在合理期限之前通知对方。

1022-ماددا ئالاقىدارلار سۈرەتتىن ئىجازەتلىك پايدىلىنىش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ھەرقانداق بىر تەرەپ سۈرەتتىن ئىجاخەتلىك پايدىلىنىش توختامىنى خالىغان چاغدا بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇۋاپىق مۇددەتتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

当事人对肖像许可使用期限有明确约定,肖像权人有正当理由的,可以解除肖像许可使用合同,但是应当在合理期限之前通知对方。因解除合同造成对方损失的,除不可归责于肖像权人的事由外,应当赔偿损失。

ئالاقىدارلار سۈرەتتىن ئىجازەتلىك پايدىلىنىش مۇددىتىنى ئېنىق پۈتۈشكەن بولسا، سۈرەت ھوقۇقدارى سۈرەتتىن ئىجازىتلىك پايدىلىنىش توختامىنى يوللۇق سەۋەب بىلەن بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇۋاپىق مۇددەتتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. توختامنى بىكار قىلىش سەۋەبىدىن قارشى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، سۈرەت ھوقۇقدارىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا.

第一千零二十三条 对姓名等的许可使用,参照适用肖像许可使用的有关规定。

1023-ماددا ئىسىم-فامىلە قاتارلىقلاردىن ئىجازەتلىك پايدىلىنىشقا سۈرەتتىن ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

对自然人声音的保护,参照适用肖像权保护的有关规定。

تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ئاۋازىنى قوغداشقا سۈرەت ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

第五章 名誉权和荣誉权

5-باب نام-شۆھرەت ھوقۇقى ۋە پەخرىي نام ھوقۇقى

第一千零二十四条 民事主体享有名誉权。任何组织或者个人不得以侮辱、诽谤等方式侵害他人的名誉权。

1024-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

名誉是对民事主体的品德、声望、才能、信用等的社会评价。

نام-شۆھرەت ‐ ‐ ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، ئابرۇيى، قابىلىيىتى، ئىناۋىتى قاتارلىقلارغا بېرىلگەن ئىجتىمائىي باھادۇر.

第一千零二十五条 行为人为公共利益实施新闻报道、舆论监督等行为,影响他人名誉的,不承担民事责任,但是有下列情形之一的除外:

1025-ماددا قىلمىشچىلار ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئاخبارات، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ باشقىلارنىڭ نام-شۆھرىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا :

(一)捏造、歪曲事实;

( 1 ) پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىش، پاكىتنى بۇرمىلاش؛

(二)对他人提供的严重失实内容未尽到合理核实义务;

( 2 ) باشقىلار تەمىنلىگەن پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەزمۇننى مۇۋاپىق ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا؛

(三)使用侮辱性言辞等贬损他人名誉。

( 3 ) ھاقارەتلىك سۆز-ئىبارە قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ نام-شۆھرىتىنى چۈشۈرگەن بولسا.

第一千零二十六条 认定行为人是否尽到前条第二项规定的合理核实义务,应当考虑下列因素:

1026-ماددا قىلمىشچىنىڭ ئالدىنقى ماددىنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن مۇۋاپىق ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بېكىتىشتە، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك :

(一)内容来源的可信度;

( 1 ) مەزمۇن مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(二)对明显可能引发争议的内容是否进行了必要的调查;

( 2 ) روشەن تالاش-تارتىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان مەزمۇننى زۆرۈر تەكشۈرگەن-تەكشۈرمىگەنلىكى؛

(三)内容的时限性;

( 3 ) مەزمۇننىڭ ۋاقىتچانلىقى؛

(四)内容与公序良俗的关联性;

( 4 ) مەزمۇن بىلەن ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتنىڭ باغلىنىشچانلىقى؛

(五)受害人名誉受贬损的可能性;

( 5 ) زىيانلانغۇچىنىڭ نام-شۆھرىتىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى؛

(六)核实能力和核实成本。

( 6 ) ئېنىقلاش ئىقتىدارى ۋە ئېنىقلاش تەننەرخى.

第一千零二十七条 行为人发表的文学、艺术作品以真人真事或者特定人为描述对象,含有侮辱、诽谤内容,侵害他人名誉权的,受害人有权依法请求该行为人承担民事责任。

1027-ماددا قىلمىشچى ئېلان قىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ھەقىقىي ئادەم-ھەقىقىي ۋەقەلەر ياكى مۇئەييەن ئادەم تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش مەزمۇنلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، زىيانلانغۇچى شۇ قىلمىشچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

行为人发表的文学、艺术作品不以特定人为描述对象,仅其中的情节与该特定人的情况相似的,不承担民事责任。

قىلمىشچى ئېلان قىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە مۇئەييەن ئادەم تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنمىغان، پەقەت ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىك شۇ مۇئەييەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千零二十八条 民事主体有证据证明报刊、网络等媒体报道的内容失实,侵害其名誉权的,有权请求该媒体及时采取更正或者删除等必要措施。

1028-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان مەزمۇن پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن ئۆزىنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا زىيان سالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولسا، زىيانلانغۇچى شۇ تاراتقۇدىن تۈزىتىش ياكى ئۆچۈرۈش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千零二十九条 民事主体可以依法查询自己的信用评价;发现信用评价不当的,有权提出异议并请求采取更正、删除等必要措施。信用评价人应当及时核查,经核查属实的,应当及时采取必要措施。

1029-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى ئۆزىنىڭ ئىناۋەت باھاسىنى قانۇن بويىچە كۆرسە بولىدۇ؛ ئىناۋەت باھاسىدا نامۇۋاپىقچىلىق بارلىقىنى سەزسە، باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەمدە تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئىناۋەت باھالىغۇچى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئېنىقلانسا، ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

第一千零三十条 民事主体与征信机构等信用信息处理者之间的关系,适用本编有关个人信息保护的规定和其他法律、行政法规的有关规定。

1030-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى بىلەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قاتارلىق ئىناۋەت ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە مۇشۇ قىسىمدىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第一千零三十一条 民事主体享有荣誉权。任何组织或者个人不得非法剥夺他人的荣誉称号,不得诋毁、贬损他人的荣誉。

1031-ماددا ھەق تەلەپ سۇبيېكتى پەخرىي نام ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ پەخرىي نامىنى قانۇنسىز مەھرۇم قىلىشىغا، ھاقارەتلىشىگە، كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

获得的荣誉称号应当记载而没有记载的,民事主体可以请求记载;获得的荣誉称号记载错误的,民事主体可以请求更正。

ئېرىشكەن پەخرىي نام خاتىرىلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ خاتىرىلەنمىگەن بولسا، ھەق تەلەپ سۇبيېكتى خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئېرىشكەن پەخرىي نام خاتا خاتىرىلىنىپ قالغان بولسا، ھەق تەلەپ سۇبيېكتى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第六章 隐私权和个人信息保护

6-باب شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش

第一千零三十二条 自然人享有隐私权。任何组织或者个人不得以刺探、侵扰、泄露、公开等方式侵害他人的隐私权。

1032-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر شەخسىيەت ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تىڭتىلاش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئاشكارىلاپ قويۇش، ئاشكارىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

隐私是自然人的私人生活安宁和不愿为他人知晓的私密空间、私密活动、私密信息。

شەخسىيەت ‐ ‐ تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان شەخسىي بوشلۇقى، شەخسىي پائالىيىتى، شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرسىتىدۇ.

第一千零三十三条 除法律另有规定或者权利人明确同意外,任何组织或者个人不得实施下列行为:

1033-ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ھوقۇقدار ئېنىق قوشۇلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ :

(一)以电话、短信、即时通讯工具、电子邮件、传单等方式侵扰他人的私人生活安宁;

( 1 ) تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، دەماللىق خەۋەرلىشىش قورالى، ئېلېكترونلۇق يوللانما، تەشۋىقات ۋارىقى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىكىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش؛

(二)进入、拍摄、窥视他人的住宅、宾馆房间等私密空间;

( 2 ) باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسى، مېھمانخانا ياتىقى قاتارلىق مەخپىي بوشلۇقىغا كىرىش، سۈرەتكە تارتىش، ئۇنى ماراش؛

(三)拍摄、窥视、窃听、公开他人的私密活动;

( 3 ) باشقىلارنىڭ مەخپىي ھەرىكىتىنى سۈرەتكە تارتىش، ماراش، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئاشكارىلاش؛

(四)拍摄、窥视他人身体的私密部位;

( 4 ) باشقىلارنىڭ مەخپىي تۇتقان يېرىنى سۈرەتكە تارتىش، ماراش؛

(五)处理他人的私密信息;

( 5 ) باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش؛

(六)以其他方式侵害他人的隐私权。

( 6 ) باشقىلارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىغا باشقا ئۇسۇللار بىلەن زىيان سېلىش.

第一千零三十四条 自然人的个人信息受法律保护。

1034-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن قوغدايدۇ.

个人信息是以电子或者其他方式记录的能够单独或者与其他信息结合识别特定自然人的各种信息,包括自然人的姓名、出生日期、身份证件号码、生物识别信息、住址、电话号码、电子邮箱、健康信息、行踪信息等。

شەخسىي ئۇچۇر ‐ ‐ ئېلېكترونلۇق ئۇسۇل ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىنىدىغان، ئايرىم ھالدا ياكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشكەندە مۇئەييەن تەبىئىي ئىگىگە بەلگە بولالايدىغان ھەر خىل ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، كىملىك نومۇرى، بىيولوگىيەلىك پەرق ئېتىش ئۇچۇرى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسى، يۈرۈش-تۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

个人信息中的私密信息,适用有关隐私权的规定;没有规定的,适用有关个人信息保护的规定。

شەخسىي ئۇچۇر ئىچىدىكى مەخپىي ئۇچۇرلارغا شەخسىيەت ھوقۇقىنى يوشۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第一千零三十五条 处理个人信息的,应当遵循合法、正当、必要原则,不得过度处理,并符合下列条件:

1035-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنلۇق بولۇش، يوللۇق بولۇش، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، چەكتىن ئاشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك :

(一)征得该自然人或者其监护人同意,但是法律、行政法规另有规定的除外;

( 1 ) شۇ تەبىئىي ئىگە ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(二)公开处理信息的规则;

( 2 ) ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى ئاشكارىلاش؛

(三)明示处理信息的目的、方式和范围;

( 3 ) ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈش؛

(四)不违反法律、行政法规的规定和双方的约定。

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈمىگە خىلاپ بولماسلىق.

个人信息的处理包括个人信息的收集、存储、使用、加工、传输、提供、公开等。

شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىش شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش، ساقلاش، ئىشلىتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يوللاش، تەمىنلەش، ئاشكارىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第一千零三十六条 处理个人信息,有下列情形之一的,行为人不承担民事责任:

136-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قىلمىشچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ :

(一)在该自然人或者其监护人同意的范围内合理实施的行为;

( 1 ) شۇ تەبىئىي ئىگە ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسى قوشۇلغان دائىرىدە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت؛

(二)合理处理该自然人自行公开的或者其他已经合法公开的信息,但是该自然人明确拒绝或者处理该信息侵害其重大利益的除外;

( 2 ) تەبىئىي ئىگە ئۆزى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار ياكى قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان باشقا ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان بولسا، لېكىن شۇ تەبىئىي ئىگە ئېنىق رەت قىلغانلىرى ياكى شۇ ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىڭ مۇھىم مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(三)为维护公共利益或者该自然人合法权益,合理实施的其他行为。

( 3 ) ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ياكى شۇ تەبىئىي ئىگىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلغان باشقا ھەرىكەتلەر.

第一千零三十七条 自然人可以依法向信息处理者查阅或者复制其个人信息;发现信息有错误的,有权提出异议并请求及时采取更正等必要措施。

1037-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر قانۇن بويىچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرسە ياكى كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ؛ ئۇچۇردا خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

自然人发现信息处理者违反法律、行政法规的规定或者双方的约定处理其个人信息的,有权请求信息处理者及时删除。

تەبىئىي ئىگىلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ ئۆز شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈمىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千零三十八条 信息处理者不得泄露或者篡改其收集、存储的个人信息;未经自然人同意,不得向他人非法提供其个人信息,但是经过加工无法识别特定个人且不能复原的除外。

1038-ماددا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزى توپلىغان، ساقلىغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويسا، ئۆزگەرتىۋەتسە بولمايدۇ؛ تەبىئىي ئىگىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى باشقىلارغا قانۇنسىز تەمىنلەپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ، لېكىن پىششىقلاش ئارقىلىق مۇئەييەن شەخسنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىۋېتىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

信息处理者应当采取技术措施和其他必要措施,确保其收集、存储的个人信息安全,防止信息泄露、篡改、丢失;发生或者可能发生个人信息泄露、篡改、丢失的,应当及时采取补救措施,按照规定告知自然人并向有关主管部门报告。

ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزى توپلىغان، ساقلىغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىۋېتىلىشى، يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىلىش، يوقاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ياكى شۇنداق ئېھتىماللىق بولسا، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش، بەلگىلىمە بويىچە تەبىئىي ئىگىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىش كېرەك.

第一千零三十九条 国家机关、承担行政职能的法定机构及其工作人员对于履行职责过程中知悉的自然人的隐私和个人信息,应当予以保密,不得泄露或者向他人非法提供。

1039-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، مەمۇرىي فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى، ئاشكارىلاپ قويماسلىقى ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز بەرمەسلىكى كېرەك.

第五编 婚姻家庭

5-قىسىم ئۆيلىنىش-ئائىلە

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第一千零四十条 本编调整因婚姻家庭产生的民事关系。

1040-ماددا بۇ قىسىم ئۆيلىنىش-ئائىلە سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第一千零四十一条 婚姻家庭受国家保护。

1041-ماددا دۆلەت ئۆيلىنىش-ئائىلىنى قوغدايدۇ.

实行婚姻自由、一夫一妻、男女平等的婚姻制度。

ئەركىن ئۆيلىنىش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇشتەك ئۆيلىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

保护妇女、未成年人、老年人、残疾人的合法权益。

ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ.

第一千零四十二条 禁止包办、买卖婚姻和其他干涉婚姻自由的行为。禁止借婚姻索取财物。

14042-ماددا ئۆيلىنىشكە چات كېرىۋېلىش، ئۆيلىنىشتە سودىلىشىش قىلمىشى ۋە ئۆيلىنىش ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆيلىنىشتىن پايدىلىنىپ پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

禁止重婚。禁止有配偶者与他人同居。

قوش ئۆيلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. جورىسى بارلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

禁止家庭暴力。禁止家庭成员间的虐待和遗弃。

ئائىلىدە زۇلۇم سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىنى خورلىشى، تاشلىۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

第一千零四十三条 家庭应当树立优良家风,弘扬家庭美德,重视家庭文明建设。

1043-ماددا ئائىلە ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇشى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

夫妻应当互相忠实,互相尊重,互相关爱;家庭成员应当敬老爱幼,互相帮助,维护平等、和睦、文明的婚姻家庭关系。

ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولۇشى، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى كېرەك؛ ئائىلە ئەزالىرى چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي ئۆيلىنىش-ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك.

第一千零四十四条 收养应当遵循最有利于被收养人的原则,保障被收养人和收养人的合法权益。

1044-ماددا بېقىۋېلىشتا بېقىۋېلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، بېقىۋېلىنغۇچى ۋە بېقىۋالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

禁止借收养名义买卖未成年人。

بېقىۋېلىش نامى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلىپ-سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第一千零四十五条 亲属包括配偶、血亲和姻亲。

1045-ماددا تۇغقانلار جورا، قانداش تۇغقان ۋە قۇدا-باجىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

配偶、父母、子女、兄弟姐妹、祖父母、外祖父母、孙子女、外孙子女为近亲属。

جورا، ئاتا-ئانا، پەرزەنت، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بوۋا-موما، نەۋرىلەر يېقىن تۇغقان ھېسابلىنىدۇ.

配偶、父母、子女和其他共同生活的近亲属为家庭成员。

جورا، ئاتا-ئانا، پەرزەنت ۋە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان باشقا يېقىن تۇغقانلىرى ئائىلە ئەزالىرى بولىدۇ.

第二章 结婚

2-باب توي قىلىش

第一千零四十六条 结婚应当男女双方完全自愿,禁止任何一方对另一方加以强迫,禁止任何组织或者个人加以干涉。

1046-ماددا توي ئەر-ئايالنىڭ تامامەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپنى مەجبۇرلىشى ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

第一千零四十七条 结婚年龄,男不得早于二十二周岁,女不得早于二十周岁。

1047-ماددا ئەر 22 ياشتىن، ئايال 20 ياشتىن بۇرۇن توي قىلسا بولمايدۇ.

第一千零四十八条 直系血亲或者三代以内的旁系血亲禁止结婚。

1048-ماددا بىۋاسىتە قانداش تۇغقانلارنىڭ ياكى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقانلىرىنىڭ توي قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

第一千零四十九条 要求结婚的男女双方应当亲自到婚姻登记机关申请结婚登记。符合本法规定的,予以登记,发给结婚证。完成结婚登记,即确立婚姻关系。未办理结婚登记的,应当补办登记。

1049-ماددا توي قىلىدىغان ئەر-ئايال ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزى بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى تىزىمغا ئېلىنىپ ئۆيلىنىش خېتى بېرىلىدۇ. ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقاندا، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ. ئۆيلىنىشنى تىزىملاتمىغانلار تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك.

第一千零五十条 登记结婚后,按照男女双方约定,女方可以成为男方家庭的成员,男方可以成为女方家庭的成员。

1050-ماددا ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئەر بىلەن ئايالنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە، ئايال ئەر ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ، ئەر ئايال ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ بولىدۇ.

第一千零五十一条 有下列情形之一的,婚姻无效:

1051-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆيلىنىش ئىناۋەتسىز :

(一)重婚;

( 1 ) قوش ئۆيلىنىش؛

(二)有禁止结婚的亲属关系;

( 2 ) توي قىلىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولۇش؛

(三)未到法定婚龄。

( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشىغا توشمىغانلار.

第一千零五十二条 因胁迫结婚的,受胁迫的一方可以向人民法院请求撤销婚姻。

1052-ماددا توي مەجبۇرىي بولغان بولسا، مەجبۇرلانغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

请求撤销婚姻的,应当自胁迫行为终止之日起一年内提出。

ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى مەجبۇرىلاش ھەرىكىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

被非法限制人身自由的当事人请求撤销婚姻的,应当自恢复人身自由之日起一年内提出。

جىسمانىي ئەركىنلىكى قانۇنسىز چەكلەنگەنلەر ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى جىسمانىي ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ 1 يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك.

第一千零五十三条 一方患有重大疾病的,应当在结婚登记前如实告知另一方;不如实告知的,另一方可以向人民法院请求撤销婚姻。

1053-ماددا بىر تەرەپنىڭ ئېغىر كېسىلى بولسا، ئۆيلىنىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئەينەن ئېيتىشى كېرەك؛ ئەينەن ئېيتمىسا، قارشى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

请求撤销婚姻的,应当自知道或者应当知道撤销事由之日起一年内提出。

ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

第一千零五十四条 无效的或者被撤销的婚姻自始没有法律约束力,当事人不具有夫妻的权利和义务。同居期间所得的财产,由当事人协议处理;协议不成的,由人民法院根据照顾无过错方的原则判决。对重婚导致的无效婚姻的财产处理,不得侵害合法婚姻当事人的财产权益。当事人所生的子女,适用本法关于父母子女的规定。

1054-ماددا ئىناۋەتسىز بولسا ياكى بىكار قىلىنغان ئۆيلىنىش باشتىلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ئالاقىدارلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. بىللە ئۆي تۇتقان مەزگىلدە ئېرىشكەن مال-مۈلۈكنى ئالاقىدارلار كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى سەۋەنلىك يوق تەرەپكە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. قوش ئۆيلىنىش سەۋەبىدىن ئۆيلىنىش ئىناۋەتسىز بولغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنلۇق ئۆيلەنگەن ئالاقىدارلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئالاقىدارلاردىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتكە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

婚姻无效或者被撤销的,无过错方有权请求损害赔偿。

ئۆيلىنىش ئىناۋەتسىز بولسا ياكى بىكار قىلىنسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三章 家庭关系

3-باب ئائىلە مۇناسىۋىتى

第一节 夫妻关系

1-پاراگراف ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت

第一千零五十五条 夫妻在婚姻家庭中地位平等。

1055-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ ئۆيلىنىش-ئائىلىدە ئورنى باراۋەر.

第一千零五十六条 夫妻双方都有各自使用自己姓名的权利。

1056-ماددا ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى قوللىنىش ھوقۇقى بار.

第一千零五十七条 夫妻双方都有参加生产、工作、学习和社会活动的自由,一方不得对另一方加以限制或者干涉。

1057-ماددا ئەر-خوتۇن ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى چەكلىشىگە ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千零五十八条 夫妻双方平等享有对未成年子女抚养、教育和保护的权利,共同承担对未成年子女抚养、教育和保护的义务。

1058-ماددا ئەر-خوتۇن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىگە بولغان بېقىش، تەربىيە بېرىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千零五十九条 夫妻有相互扶养的义务。

1059-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.

需要扶养的一方,在另一方不履行扶养义务时,有要求其给付扶养费的权利。

بىر تەرەپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، بېقىلىدىغان تەرەپ ئۇنىڭدىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千零六十条 夫妻一方因家庭日常生活需要而实施的民事法律行为,对夫妻双方发生效力,但是夫妻一方与相对人另有约定的除外。

1060-ماددا ئەر-خوتۇن ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلغان بولسا، ئۇ ئەر-خوتۇننىڭ ئىككىلىسىگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە، لېكىن ئەر ياكى خوتۇن ئاداچى بىلەن ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

夫妻之间对一方可以实施的民事法律行为范围的限制,不得对抗善意相对人。

ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بىر تەرەپ يۈرگۈزسە بولىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىگە چەك قويۇشتا، ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

第一千零六十一条 夫妻有相互继承遗产的权利。

1061-ماددا ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第一千零六十二条 夫妻在婚姻关系存续期间所得的下列财产,为夫妻的共同财产,归夫妻共同所有:

1062-ماددا ئەر-خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكلەر ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكى ھېسابلىنىدۇ، ئەر-خوتۇننىڭ بىرلىكتە ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ :

(一)工资、奖金、劳务报酬;

( 1 ) مائاش، مۇكاپات پۇلى، ئەمگەك ھەققى؛

(二)生产、经营、投资的收益;

( 2 ) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مەبلەغ سېلىش تاپاۋىتى؛

(三)知识产权的收益;

( 3 ) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى؛

(四)继承或者受赠的财产,但是本法第一千零六十三条第三项规定的除外;

( 4 ) ۋارىسلىق قىلىدىغان ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلىدىغان مال-مۈلۈك، لېكىن بۇ قانۇننىڭ 1063-ماددا ( 3 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(五)其他应当归共同所有的财产。

( 5 ) ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مال-مۈلۈكلەر.

夫妻对共同财产,有平等的处理权。

ئەر-خوتۇن ئورتاق مال-مۈلۈكنى باراۋەر بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第一千零六十三条 下列财产为夫妻一方的个人财产:

1063-ماددا تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكلەر ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ شەخسىي مال-مۈلكى بولىدۇ :

(一)一方的婚前财产;

( 1 ) بىر تەرەپنىڭ ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال-مۈلكى؛

(二)一方因受到人身损害获得的赔偿或者补偿;

( 2 ) بىر تەرەپنىڭ جىسمانىي زىيانغا ئۇچراپ ئېرىشكەن تۆلەم ياكى تولۇقلىمىسى؛

(三)遗嘱或者赠与合同中确定只归一方的财产;

( 3 ) ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە توختامىدا پەقەت بىر تەرەپكىلا تەۋە مال-مۈلۈك بەلگىلەنسە؛

(四)一方专用的生活用品;

( 4 ) بىر تەرەپنىڭ مەخسۇس تۇرمۇش بۇيۇملىرى؛

(五)其他应当归一方的财产。

( 5 ) بىر تەرەپكە تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك باشقا مال-مۈلۈكلەر.

第一千零六十四条 夫妻双方共同签名或者夫妻一方事后追认等共同意思表示所负的债务,以及夫妻一方在婚姻关系存续期间以个人名义为家庭日常生活需要所负的债务,属于夫妻共同债务。

1064-ماددا ئەر-خوتۇن بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ياكى ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ئىشتىن كېيىن ئورتاق مەقسەت ئىپادىسىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۈستىگە ئالغان قەرز، شۇنداقلا ئەر ياكى خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن شەخسىي نامىدا ئالغان قەرز ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلىنىدۇ.

夫妻一方在婚姻关系存续期间以个人名义超出家庭日常生活需要所负的债务,不属于夫妻共同债务;但是,债权人能够证明该债务用于夫妻共同生活、共同生产经营或者基于夫妻双方共同意思表示的除外。

ئەر ياكى خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە شەخسىي نامىدا ئالغان ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ھالقىغان قەرز ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلانمايدۇ؛ لېكىن ھەقدار بۇ قەرزنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇشى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئەر-خوتۇننىڭ ئوخشاش مەقسەت ئىپادىسىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千零六十五条 男女双方可以约定婚姻关系存续期间所得的财产以及婚前财产归各自所有、共同所有或者部分各自所有、部分共同所有。约定应当采用书面形式。没有约定或者约定不明确的,适用本法第一千零六十二条、第一千零六十三条的规定。

1065-ماددا ئەر-ئايال ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن مال-مۈلكى، شۇنىڭدەك ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال-مۈلكىنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم-ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ياكى بىر قىسمىغا ئايرىم-ئايرىم ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقى، بىر قىسمىغا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. پۈتۈم يازما شەكىل قوللىنىشى كېرەك. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 1062-، 1063-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

夫妻对婚姻关系存续期间所得的财产以及婚前财产的约定,对双方具有法律约束力。

ئەر-خوتۇننىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن مال-مۈلكى، شۇنىڭدەك ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال-مۈلكى ھەققىدىكى پۈتۈمى ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

夫妻对婚姻关系存续期间所得的财产约定归各自所有,夫或者妻一方对外所负的债务,相对人知道该约定的,以夫或者妻一方的个人财产清偿。

ئەر-خوتۇن ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن مال-مۈلكىنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم-ئايرىم تەۋە ئىكەنلىكىنى پۈتۈشكەن، ئەر ياكى خوتۇن باشقىلارغا قەرزدار بولغان، بۇ پۈتۈمنى ئاداچى بىلىدىغان بولسا، بۇ قەرزنى ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىدىن تۆلەيدۇ.

第一千零六十六条 婚姻关系存续期间,有下列情形之一的,夫妻一方可以向人民法院请求分割共同财产:

1066-ماددا ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەر ياكى خوتۇن خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ :

(一)一方有隐藏、转移、变卖、毁损、挥霍夫妻共同财产或者伪造夫妻共同债务等严重损害夫妻共同财产利益的行为;

( 1 ) بىر تەرەپ ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى يوشۇرۇۋالغان، يۆتكىۋالغان، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن، بۇزۇپ چاچقان بولسا ياكى ئەر-خوتۇننىڭ بىرلەشمە قەرزىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئەر-خوتۇننىڭ ئومۇمىي مال-مۈلۈك مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا؛

(二)一方负有法定扶养义务的人患重大疾病需要医治,另一方不同意支付相关医疗费用。

( 2 ) بىر تەرەپنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتى بار كىشى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، يەنە بىر تەرەپ ئالاقىدار داۋالاش ھەققىنى تۆلەشكە قوشۇلمىسا.

第二节 父母子女关系和其他近亲属关系

2-پاراگراف ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلار مۇناسىۋىتى

第一千零六十七条 父母不履行抚养义务的,未成年子女或者不能独立生活的成年子女,有要求父母给付抚养费的权利。

1067-ماددا ئاتا-ئانا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنت ياكى قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلىرىدىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغانلىرى ئاتا-ئانىسىدىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

成年子女不履行赡养义务的,缺乏劳动能力或者生活困难的父母,有要求成年子女给付赡养费的权利。

قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنت ئاتا-ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاتا-ئانا قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتىدىن قاراش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千零六十八条 父母有教育、保护未成年子女的权利和义务。未成年子女造成他人损害的,父母应当依法承担民事责任。

1068-ماددا ئاتا-ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنى تەربىيەلەش، قوغداش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى باشقىلارغا زىيان سالسا، ئاتا-ئانىسى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千零六十九条 子女应当尊重父母的婚姻权利,不得干涉父母离婚、再婚以及婚后的生活。子女对父母的赡养义务,不因父母的婚姻关系变化而终止。

1069-ماددا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىشىغا، قايتا ئۆيلىنىشىگە ۋە تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.

第一千零七十条 父母和子女有相互继承遗产的权利。

1070-ماددا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت بىر-بىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第一千零七十一条 非婚生子女享有与婚生子女同等的权利,任何组织或者个人不得加以危害和歧视。

1071-ماددا ئۆيلەنمەي تۇغقان بالا ئۆيلىنىپ تۇغقان بالىغا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ زىيان يەتكۈزۈشى ۋە كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

不直接抚养非婚生子女的生父或者生母,应当负担未成年子女或者不能独立生活的成年子女的抚养费。

ئۆيلەنمەي تۇغقان بالىسىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان ئۆز ئاتىسى ياكى ئۆز ئانىسى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنىڭ ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتىنىڭ بېقىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千零七十二条 继父母与继子女间,不得虐待或者歧视。

1072-ماددا ئۆگەي ئاتا-ئانا بىلەن ئۆگەي بالىنىڭ بىر-بىرىنى خورلىشىغا ياكى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

继父或者继母和受其抚养教育的继子女间的权利义务关系,适用本法关于父母子女关系的规定。

ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا بىلەن ئۇ بېقىپ تەربىيەلىگەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

第一千零七十三条 对亲子关系有异议且有正当理由的,父或者母可以向人民法院提起诉讼,请求确认或者否认亲子关系。

1073-ماددا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتكە باشقىچە پىكرى بولسا ھەمدە يوللۇق سەۋەبى بولسا، ئاتا ياكى ئانا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

对亲子关系有异议且有正当理由的,成年子女可以向人民法院提起诉讼,请求确认亲子关系。

ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا ھەمدە يوللۇق سەۋەبى بولسا، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第一千零七十四条 有负担能力的祖父母、外祖父母,对于父母已经死亡或者父母无力抚养的未成年孙子女、外孙子女,有抚养的义务。

1074-ماددا بېقىش ئىقتىدارى بار بوۋا-مومىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا-ئانىسى باقالمايدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن نەۋرىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.

有负担能力的孙子女、外孙子女,对于子女已经死亡或者子女无力赡养的祖父母、外祖父母,有赡养的义务。

قاراش ئىقتىدارى بار نەۋرىلەرنىڭ پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى پەرزەنتى قارىيالمايدىغان بوۋىسى، مومىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار.

第一千零七十五条 有负担能力的兄、姐,对于父母已经死亡或者父母无力抚养的未成年弟、妹,有扶养的义务。

1075-ماددا بېقىش ئىقتىدارى بار ئاكا، ئاچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا-ئانىسى باقالمايدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.

由兄、姐扶养长大的有负担能力的弟、妹,对于缺乏劳动能力又缺乏生活来源的兄、姐,有扶养的义务。

ئاكىسى، ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بېقىش ئىقتىدارى بار ئۇكا، سىڭىللارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ھەم تۇرمۇش مەنبەسى يېتەرسىز ئاكا، ئاچىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.

第四章 离婚

4-باب ئاجرىشىش

第一千零七十六条 夫妻双方自愿离婚的,应当签订书面离婚协议,并亲自到婚姻登记机关申请离婚登记。

1076-ماددا ئەر-خوتۇن ئاجرىشىشنى ئىختىيار قىلسا، يازما ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەمدە ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزى بېرىپ ئاجرىشىشنى تىزىملىتىشى كېرەك.

离婚协议应当载明双方自愿离婚的意思表示和对子女抚养、财产以及债务处理等事项协商一致的意见。

ئاجرىشىش كېلىشىمىگە ئىككى تەرەپنىڭ ئاجرىشىشنى ئىختىيار قىلغان مەقسەت ئىپادىسى ھەمدە پەرزەنتىنى بېقىش، مال-مۈلكى ۋە قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن پىكرى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

第一千零七十七条 自婚姻登记机关收到离婚登记申请之日起三十日内,任何一方不愿意离婚的,可以向婚姻登记机关撤回离婚登记申请。

1077-ماددا ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنى ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى خالىماي قالسا، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىدىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

前款规定期限届满后三十日内,双方应当亲自到婚姻登记机关申请发给离婚证;未申请的,视为撤回离婚登记申请。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك توشۇپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىككى تەرەپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزى كېلىپ ئاجرىشىش خېتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ ئىلتىماس قىلمىسا، ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

第一千零七十八条 婚姻登记机关查明双方确实是自愿离婚,并已经对子女抚养、财产以及债务处理等事项协商一致的,予以登记,发给离婚证。

1078-ماددا ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئىختىيار قىلغانلىقى ھەمدە پەرزەنتىنى بېقىش، مال-مۈلكى ۋە قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ھەقىقەتەن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تىزىملاپ ئاجرىشىش خېتى بېرىدۇ.

第一千零七十九条 夫妻一方要求离婚的,可以由有关组织进行调解或者直接向人民法院提起离婚诉讼。

1079-ماددا ئەر-خوتۇن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار تەشكىلات مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ ياكى ئەر-خوتۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

人民法院审理离婚案件,应当进行调解;如果感情确已破裂,调解无效的,应当准予离婚。

خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك؛ ھېسسىياتى ھەقىقەتەن بۇزۇلۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەن بولسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

有下列情形之一,调解无效的,应当准予离婚:

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك :

(一)重婚或者与他人同居;

( 1 ) قوش ئۆيلىنىش ياكى باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش؛

(二)实施家庭暴力或者虐待、遗弃家庭成员;

( 2 ) ئائىلە زۇلۇمى سېلىش ياكى ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش؛

(三)有赌博、吸毒等恶习屡教不改;

( 3 ) قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق ناچار ئادەتلىرى قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەسلىك؛

(四)因感情不和分居满二年;

( 4 ) كېلىشەلمەي ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولسا؛

(五)其他导致夫妻感情破裂的情形。

( 5 ) ئەر-خوتۇننىڭ ھېسسىياتى بۇزۇلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

一方被宣告失踪,另一方提起离婚诉讼的,应当准予离婚。

بىر تەرەپ يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

经人民法院判决不准离婚后,双方又分居满一年,一方再次提起离婚诉讼的,应当准予离婚。

خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە بىر يىل ئايرىلىپ تۇرغان بولسا، بىر تەرەپ يەنە بىر قېتىم ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا، ئاجرىشىشقا يول قويۇش كېرەك.

第一千零八十条 完成离婚登记,或者离婚判决书、调解书生效,即解除婚姻关系。

108-ماددا ئاجرىشىش تىزىمغا ئېلىنغاندا ياكى ئاجرىشىش ھۆكۈمنامىسى، مۇرەسسەنامىسى كۈچكە ئىگە بولغاندا، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بىكار بولىدۇ.

第一千零八十一条 现役军人的配偶要求离婚,应当征得军人同意,但是军人一方有重大过错的除外。

1081-ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جورىسى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ ھەربىينىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ھەربىي ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千零八十二条 女方在怀孕期间、分娩后一年内或者终止妊娠后六个月内,男方不得提出离婚;但是,女方提出离婚或者人民法院认为确有必要受理男方离婚请求的除外。

1082-ماددا ئەر ھامىلىدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىنكى 1 يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ لېكىن، خوتۇن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千零八十三条 离婚后,男女双方自愿恢复婚姻关系的,应当到婚姻登记机关重新进行结婚登记。

1083-ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىختىيار قىلسا، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ ئۆيلىنىشنى يېڭىباشتىن تىزىملىتىشى كېرەك.

第一千零八十四条 父母与子女间的关系,不因父母离婚而消除。离婚后,子女无论由父或者母直接抚养,仍是父母双方的子女。

1084-ماددا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا-ئانىنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى بىۋاسىتە باقسۇن، ئۇ يەنىلا ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتى.

离婚后,父母对于子女仍有抚养、教育、保护的权利和义务。

ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىنى بېقىش، تەربىيەلەش، قوغداش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

离婚后,不满两周岁的子女,以由母亲直接抚养为原则。已满两周岁的子女,父母双方对抚养问题协议不成的,由人民法院根据双方的具体情况,按照最有利于未成年子女的原则判决。子女已满八周岁的,应当尊重其真实意愿。

ئاجراشقاندىن كېيىن، 2 ياشقا توشمىغان پەرزەنتنى ئانىسىنىڭ بىۋاسىتە بېقىشى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ. ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ ئىككى ياشقا توشقان پەرزەنتىنى بېقىش مەسىلىسىدە كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتكە ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پەرزەنتلىرى سەككىز ياشقا توشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

第一千零八十五条 离婚后,子女由一方直接抚养的,另一方应当负担部分或者全部抚养费。负担费用的多少和期限的长短,由双方协议;协议不成的,由人民法院判决。

1085-ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى بىر تەرەپ بىۋاسىتە بېقىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپ بېقىش خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ مىقدارى ۋە مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

前款规定的协议或者判决,不妨碍子女在必要时向父母任何一方提出超过协议或者判决原定数额的合理要求。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېلىشىم ياكى ھۆكۈم بالىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتىسى ياكى ئانىسىغا كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئاشۇرۇپ مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ.

第一千零八十六条 离婚后,不直接抚养子女的父或者母,有探望子女的权利,另一方有协助的义务。

1086-ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان ئاتا ياكى ئانىنىڭ بالىنى كۆرۈش ھوقۇقى بار، يەنە بىر تەرەپنىڭ ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

行使探望权利的方式、时间由当事人协议;协议不成的,由人民法院判决。

كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى، ۋاقتىنى ئالاقىدارلار كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

父或者母探望子女,不利于子女身心健康的,由人民法院依法中止探望;中止的事由消失后,应当恢复探望。

ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ بالىنى كۆرۈشى بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كۆرۈشنى قانۇن بويىچە توختىتىپ تۇرىدۇ؛ توختىتىش سەۋەبى يوقىغاندىن كېيىن كۆرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

第一千零八十七条 离婚时,夫妻的共同财产由双方协议处理;协议不成的,由人民法院根据财产的具体情况,按照照顾子女、女方和无过错方权益的原则判决。

1087-ماددا ئاجراشقاندا، ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت مال-مۈلۈك ئەھۋالىغا قاراپ، پەرزەنت، خوتۇن ۋە سەۋەنلىك يوق تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

对夫或者妻在家庭土地承包经营中享有的权益等,应当依法予以保护。

ئەر ياكى خوتۇننىڭ ئائىلە يەر ھۆددىگەرلىكىدىكى ھوقۇق-مەنپەئىتى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

第一千零八十八条 夫妻一方因抚育子女、照料老年人、协助另一方工作等负担较多义务的,离婚时有权向另一方请求补偿,另一方应当给予补偿。具体办法由双方协议;协议不成的,由人民法院判决。

1088-ماددا ئەر-خوتۇن بالىنى تەربىيەلەش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئاجراشقاندا قارشى تەرەپتىن تولۇقلىما تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، قارشى تەرەپ تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ. كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

第一千零八十九条 离婚时,夫妻共同债务应当共同偿还。共同财产不足清偿或者财产归各自所有的,由双方协议清偿;协议不成的,由人民法院判决。

1089-ماددا ئاجراشقاندا، ئەر-خوتۇن ئورتاق قەرزىنى ئورتاق قايتۇرۇشى كېرەك. ئورتاق مال-مۈلكى قەرزنى ئۈزۈشكە يەتمىسە ياكى مال-مۈلۈك ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ئىگىدارلىق قىلسا، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ تۆلەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

第一千零九十条 离婚时,如果一方生活困难,有负担能力的另一方应当给予适当帮助。具体办法由双方协议;协议不成的,由人民法院判决。

1090-ماددا ئاجراشقاندا، بىر تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا، قۇربى يېتىدىغان قارشى تەرەپ مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ. كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

第一千零九十一条 有下列情形之一,导致离婚的,无过错方有权请求损害赔偿:

1091-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)重婚;

( 1 ) قوش ئۆيلىنىش؛

(二)与他人同居;

( 2 ) باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش؛

(三)实施家庭暴力;

( 3 ) ئائىلە زۇلۇمى سېلىش؛

(四)虐待、遗弃家庭成员;

( 4 ) ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش؛

(五)有其他重大过错。

( 5 ) باشقا ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەر.

第一千零九十二条 夫妻一方隐藏、转移、变卖、毁损、挥霍夫妻共同财产,或者伪造夫妻共同债务企图侵占另一方财产的,在离婚分割夫妻共同财产时,对该方可以少分或者不分。离婚后,另一方发现有上述行为的,可以向人民法院提起诉讼,请求再次分割夫妻共同财产。

1092-ماددا ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن، بۇزۇپ چاچقان بولسا ياكى ئەر-خوتۇنغا ئورتاق قەرز ئويدۇرۇپ چىقىپ قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىدە بولسا، ئەر-خوتۇنىغا ئورتاق مال-مۈلۈكنى بۆلگەندە، ئۇنىڭغا ئاز بۆلۈپ بېرىلسە ياكى بۆلۈپ بېرىلمىسە بولىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ يۇقىرىقى قىلمىشنى سەزسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئەر-خوتۇنغا ئورتاق مال-مۈلۈكنى قايتا بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第五章 收养

5-باب بېقىۋېلىش

第一节 收养关系的成立

1-پاراگراف بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى

第一千零九十三条 下列未成年人,可以被收养:

1093-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن تۆۋەندىكى كىشىلەر بېقىۋېلىنسا بولىدۇ :

(一)丧失父母的孤儿;

( 1 ) ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم بالىلار؛

(二)查找不到生父母的未成年人;

( 2 ) ئۆز ئاتا-ئانىسى تېپىلمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر؛

(三)生父母有特殊困难无力抚养的子女。

( 3 ) ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولۇپ، بېقىشقا قۇربى يەتمەيدىغان پەرزەنتلىرى.

第一千零九十四条 下列个人、组织可以作送养人:

1094-ماددا تۆۋەندىكى شەخسلەر، تەشكىلاتلار باققۇچى بولسا بولىدۇ :

(一)孤儿的监护人;

( 1 ) يېتىم بالىلارنىڭ ۋەسىيسى؛

(二)儿童福利机构;

( 2 ) بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى؛

(三)有特殊困难无力抚养子女的生父母。

( 3 ) پەرزەنتىنى باقالمايدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئۆز ئاتا-ئانىسى.

第一千零九十五条 未成年人的父母均不具备完全民事行为能力且可能严重危害该未成年人的,该未成年人的监护人可以将其送养。

1095-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن شۇ بالىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، قۇرامىغا يەتمىگەن شۇ بالىنىڭ ۋەسىيسى ئۇنى بېقىۋېلىشقا بەرسە بولىدۇ.

第一千零九十六条 监护人送养孤儿的,应当征得有抚养义务的人同意。有抚养义务的人不同意送养、监护人不愿意继续履行监护职责的,应当依照本法第一编的规定另行确定监护人。

1096-ماددا يېتىم بالىنى بېقىۋېلىشقا ۋەسىي بېرىشتە، بېقىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. بېقىش مەجبۇرىيىتى بار كىشى بېقىۋېلىشقا بېرىشكە قوشۇلمىسا، ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى خالىمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 1-قىسمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقا ۋەسىي بەلگىلەش كېرەك.

第一千零九十七条 生父母送养子女,应当双方共同送养。生父母一方不明或者查找不到的,可以单方送养。

1097-ماددا ئۆز ئاتا-ئانىسى پەرزەنتىنى بېقىۋېلىشقا بېرىشتە، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بېرىشى كېرەك. ئۆز ئاتا-ئانىسى ئېنىق بولمىسا ياكى تېپىلمىسا، بىر تەرەپ بېقىۋېلىشقا بەرسە بولىدۇ.

第一千零九十八条 收养人应当同时具备下列条件:

1098-ماددا بېقىۋالغۇچى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىشى كېرەك :

(一)无子女或者只有一名子女;

( 1 ) پەرزەنتى يوق ياكى بىرلا پەرزەنتى بار بولسا؛

(二)有抚养、教育和保护被收养人的能力;

( 2 ) بېقىۋېلىنغۇچىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش ئىقتىدارى بولۇش؛

(三)未患有在医学上认为不应当收养子女的疾病;

( 3 ) تېببىي جەھەتتە بالا بېقىۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارالغان كېسىلى بولماسلىق؛

(四)无不利于被收养人健康成长的违法犯罪记录;

( 4 ) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز قانۇنغا خىلاپ جىنايەت خاتىرىسى بولماسلىق؛

(五)年满三十周岁。

( 5 ) 30 ياشقا توشقانلار.

第一千零九十九条 收养三代以内旁系同辈血亲的子女,可以不受本法第一千零九十三条第三项、第一千零九十四条第三项和第一千一百零二条规定的限制。

1099-ماددا ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى بىر بوغۇن شىرەم قانداش تۇغقىنىنىڭ بالىسىنى بېقىۋېلىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 1093-ماددا 3-تارماقچىسى، 1094-ماددا 3 – تارماقچىسى ۋە 1102-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

华侨收养三代以内旁系同辈血亲的子女,还可以不受本法第一千零九十八条第一项规定的限制。

جۇڭگو چياۋمىنلىرى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى بىر بوغۇن شىرەم قانداش تۇغقىنىنىڭ بالىسىنى بېقىۋالسا، بۇ قانۇننىڭ 1098-ماددا 1-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

第一千一百条 无子女的收养人可以收养两名子女;有子女的收养人只能收养一名子女。

1100-ماددا پەرزەنتى يوق بېقىۋالغۇچى ئىككى بالا بېقىۋالسا بولىدۇ؛ پەرزەنتى بار بېقىۋالغۇچى بىرلا بالا بېقىۋالالايدۇ.

收养孤儿、残疾未成年人或者儿童福利机构抚养的查找不到生父母的未成年人,可以不受前款和本法第一千零九十八条第一项规定的限制。

قۇرامىغا يەتمىگەن يېتىم بالا، قۇرامىغا يەتكەن مېيىپ بالىلار ياكى بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى بېقىۋاتقان ئۆز ئاتا-ئانىسى تېپىلمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى بېقىۋېلىشتا، ئالدىنقى تارماقتا ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 1098-ماددا 1-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

第一千一百零一条 有配偶者收养子女,应当夫妻共同收养。

1101-ماددا جورىسى بارلار بالا بېقىۋالماقچى بولسا، ئەر-خوتۇن بىرلىكتە بېقىۋېلىشى كېرەك.

第一千一百零二条 无配偶者收养异性子女的,收养人与被收养人的年龄应当相差四十周岁以上。

1102-ماددا جورىسى يوقلار يات جىنسلىق بالا بېقىۋالماقچى بولسا، بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ياش پەرقى 40 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

第一千一百零三条 继父或者继母经继子女的生父母同意,可以收养继子女,并可以不受本法第一千零九十三条第三项、第一千零九十四条第三项、第一千零九十八条和第一千一百条第一款规定的限制。

1103-ماددا ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا ئۆگەي بالىسىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بېقىۋالسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 1093-ماددا 3-تارماقچىسى، 1094-ماددا 3، 1098-ماددىسى ۋە 1100-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

第一千一百零四条 收养人收养与送养人送养,应当双方自愿。收养八周岁以上未成年人的,应当征得被收养人的同意。

1104-ماددا بېقىۋېلىش بىلەن باقتۇرۇش ئىختىيارىي بولۇشى كېرەك. سەككىز ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى بېقىۋېلىشتا، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

第一千一百零五条 收养应当向县级以上人民政府民政部门登记。收养关系自登记之日起成立。

1105-ماددا بېقىۋېلىشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملىتىش لازىم. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تىزىمغا ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلىدۇ.

收养查找不到生父母的未成年人的,办理登记的民政部门应当在登记前予以公告。

ئۆز ئاتا-ئانىسى تېپىلمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى بېقىۋېلىشتا، تىزىملىغۇچى خەلق ئىشلىرى تارمىقى تىزىملاشتىن بۇرۇن ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

收养关系当事人愿意签订收养协议的,可以签订收养协议。

بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى بېقىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشنى خالىسا، بېقىۋېلىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ.

收养关系当事人各方或者一方要求办理收养公证的,应当办理收养公证。

بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ياكى ئۇلاردىن بىرى بېقىۋېلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، بېقىۋېلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

县级以上人民政府民政部门应当依法进行收养评估。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى بېقىۋېلىشنى باھالىشى لازىم.

第一千一百零六条 收养关系成立后,公安机关应当按照国家有关规定为被收养人办理户口登记。

1106-ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

第一千一百零七条 孤儿或者生父母无力抚养的子女,可以由生父母的亲属、朋友抚养;抚养人与被抚养人的关系不适用本章规定。

1107-ماددا يېتىم بالىنى ياكى ئۆز ئاتا-ئانىسى باقالمىغان بالىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى، دوستلىرى باقسا بولىدۇ؛ باققۇچى بىلەن بېقىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولمايدۇ.

第一千一百零八条 配偶一方死亡,另一方送养未成年子女的,死亡一方的父母有优先抚养的权利。

بىرىنچى، 108-ماددا جورىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، يەنە بىرى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىسىنى بېقىشقا بەرمەكچى بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىن بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第一千一百零九条 外国人依法可以在中华人民共和国收养子女。

1109-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە قانۇن بويىچە بالا بېقىۋالسا بولىدۇ.

外国人在中华人民共和国收养子女,应当经其所在国主管机关依照该国法律审查同意。收养人应当提供由其所在国有权机构出具的有关其年龄、婚姻、职业、财产、健康、有无受过刑事处罚等状况的证明材料,并与送养人签订书面协议,亲自向省、自治区、直辖市人民政府民政部门登记。

چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋالماقچى بولسا، ئۆز دۆلىتىدىكى مەسئۇل ئورگانغا شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە تەكشۈرتۈپ ماقۇللۇق ئېلىشى لازىم. بېقىۋالغۇچى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بەرگەن بېقىۋالغۇچىنىڭ يېشى، ئۆيلىنىشى، كەسپى، مال-مۈلكى، سالامەتلىكى، جىنايى جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا دائىر ئىسپات ماتېرىيالىنى كۆرسىتىشى ھەمدە باقتۇرغۇچى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملىتىشى كېرەك.

前款规定的证明材料应当经收养人所在国外交机关或者外交机关授权的机构认证,并经中华人民共和国驻该国使领馆认证,但是国家另有规定的除外。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىسپات ماتېرىيالى بېقىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئورگىنى ياكى دىپلوماتىيە ئورگىنى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千一百一十条 收养人、送养人要求保守收养秘密的,其他人应当尊重其意愿,不得泄露。

1110-ماددا بېقىۋالغۇچى ۋە باقتۇرغۇچى بېقىۋېلىش مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا، باشقىلار ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

第二节 收养的效力

2-پاراگراف بېقىۋېلىشنىڭ كۈچى

第一千一百一十一条 自收养关系成立之日起,养父母与养子女间的权利义务关系,适用本法关于父母子女关系的规定;养子女与养父母的近亲属间的权利义务关系,适用本法关于子女与父母的近亲属关系的规定。

11111-ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىگە مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا-ئانا-پەرزەنت مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بىلەن بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىگە مۇشۇ قانۇندىكى پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

养子女与生父母以及其他近亲属间的权利义务关系,因收养关系的成立而消除。

بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ھەمدە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن ئۈزۈلىدۇ.

第一千一百一十二条 养子女可以随养父或者养母的姓氏,经当事人协商一致,也可以保留原姓氏。

1112-ماددا بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بېقىۋالغان ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ، ئەسلىي فامىلىسىنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ.

第一千一百一十三条 有本法第一编关于民事法律行为无效规定情形或者违反本编规定的收养行为无效。

1133-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 1-قىسمىدا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ياكى مۇشۇ قىسىمدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغان بېقىۋېلىش ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز.

无效的收养行为自始没有法律约束力。

ئىناۋەتسىز بېقىۋېلىش ھەرىكىتى باشتىلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

第三节 收养关系的解除

3-پاراگراف بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش

第一千一百一十四条 收养人在被收养人成年以前,不得解除收养关系,但是收养人、送养人双方协议解除的除外。养子女八周岁以上的,应当征得本人同意。

1144-ماددا بېقىۋېلىنغۇچى قۇرامىغا يەتمىگۈچە بېقىۋېلىش مۇناسۋىتىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ، لېكىن بېقىۋالغۇچى بىلەن باقتۇرغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ بىكار قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. بېقىۋېلىنغان پەرزەنت سەككىز ياشتىن ئاشقان بولسا، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

收养人不履行抚养义务,有虐待、遗弃等侵害未成年养子女合法权益行为的,送养人有权要求解除养父母与养子女间的收养关系。送养人、收养人不能达成解除收养关系协议的,可以向人民法院提起诉讼。

بېقىۋالغۇچى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، خورلاش، تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، باقتۇرغۇچى بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باقتۇرغۇچى بىلەن بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第一千一百一十五条 养父母与成年养子女关系恶化、无法共同生活的,可以协议解除收养关系。不能达成协议的,可以向人民法院提起诉讼。

1115-ماددا بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بىلەن قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىپ، بىللە ئۆتۈشكە ئامالسىز قالسا، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى كېلىشىم بىلەن بىكار قىلسا بولىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第一千一百一十六条 当事人协议解除收养关系的,应当到民政部门办理解除收养关系登记。

1166-ماددا ئالاقىدارلار بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى تىزىملىتىشى لازىم.

第一千一百一十七条 收养关系解除后,养子女与养父母以及其他近亲属间的权利义务关系即行消除,与生父母以及其他近亲属间的权利义务关系自行恢复。但是,成年养子女与生父母以及其他近亲属间的权利义务关系是否恢复,可以协商确定。

1177-ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ، ئۆز ئاتا-ئانىسى ھەمدە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن بولغان ھوقۇق-مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن، قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ھەمدە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كەلتۈرمەسلىكنى كېڭىشىپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

第一千一百一十八条 收养关系解除后,经养父母抚养的成年养子女,对缺乏劳动能力又缺乏生活来源的养父母,应当给付生活费。因养子女成年后虐待、遗弃养父母而解除收养关系的,养父母可以要求养子女补偿收养期间支出的抚养费。

1188-ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا باققان قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتكە ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ھەم تۇرمۇش مەنبەسىمۇ يېتەرسىز بولغان بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىغا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىش كېرەك. بېقىۋېلىنغان پەرزەنت قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىنى خورلىغانلىقى، تاشلىۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان بولسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بېقىۋېلىنغان پەرزەنتتىن بېقىۋېلىش مەزگىلىدە چىقىم قىلغان بېقىش خىراجىتىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

生父母要求解除收养关系的,养父母可以要求生父母适当补偿收养期间支出的抚养费;但是,因养父母虐待、遗弃养子女而解除收养关系的除外。

ئۆز ئاتا-ئانىسى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بېقىۋالغان ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن بېقىۋېلىش مەزگىلىدە چىقىم قىلغان بېقىش خىراجىتىنى مۇۋاپىق تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بېقىۋالغان پەرزەنتنى خورلىغانلىقى، تاشلىۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六编 继承

6-قىسىم ۋارىسلىق قىلىش

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第一千一百一十九条 本编调整因继承产生的民事关系。

1119-ماددا بۇ قىسىم ۋارىسلىق سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第一千一百二十条 国家保护自然人的继承权。

1120-ماددا دۆلەت تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

第一千一百二十一条 继承从被继承人死亡时开始。

1121-ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلگەن ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ.

相互有继承关系的数人在同一事件中死亡,难以确定死亡时间的,推定没有其他继承人的人先死亡。都有其他继承人,辈份不同的,推定长辈先死亡;辈份相同的,推定同时死亡,相互不发生继承。

ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بولغان بىر قانچە كىشى ئوخشاش بىر ۋەقەدە ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆلگەن ۋاقتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، باشقا ۋارىسى يوق كىشى ئاۋۋال ئۆلدى دەپ قارىلىدۇ. ھەممىسىنىڭ باشقا ۋارىسلىرى بولۇپ، بوغۇن پەرقى بولمىسا، ئالدىنقى بوغۇن ئاۋۋال ئۆلگەن دەپ قارىلىدۇ؛ بۇغۇن پەرقى ئوخشاش بولسا، بىرلا ۋاقىتتا ئۆلىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلمايدۇ.

第一千一百二十二条 遗产是自然人死亡时遗留的个人合法财产。

1122-ماددا مىراس تەبىئىي ئىگىلەر ئۆلگەندە قالدۇرغان قانۇنلۇق شەخسىي مال-مۈلۈكتۇر.

依照法律规定或者根据其性质不得继承的遗产,不得继承。

قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ياكى ئۇنىڭ خاراكتېرى بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدىغان مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

第一千一百二十三条 继承开始后,按照法定继承办理;有遗嘱的,按照遗嘱继承或者遗赠办理;有遗赠扶养协议的,按照协议办理。

11323-ماددا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە بولىدۇ؛ ۋەسىيەت قىلىنغان بولسا، ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىش-بېقىش كېلىشىمى بولسا، شۇ كېلىشىم بويىچە بولىدۇ.

第一千一百二十四条 继承开始后,继承人放弃继承的,应当在遗产处理前,以书面形式作出放弃继承的表示;没有表示的,视为接受继承。

1124-ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، ۋارىسلار ۋارىسلىقتىن ۋاز كەچسە، مىراس بىر تەرەپ قىلىنىشتىن بۇرۇن يازما شەكىلدە ۋارىسلىقتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك؛ ئىپادە بىلدۈرمىسە، ۋارىسلىق قوبۇل قىلغۇچى دەپ قارىلىدۇ.

受遗赠人应当在知道受遗赠后六十日内,作出接受或者放弃受遗赠的表示;到期没有表示的,视为放弃受遗赠。

ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار ھەدىيە ئالىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن 60 كۈن ئىچىدە ھەدىيە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك؛ مۇددىتى توشقاندا ئىزھار قىلمىسا، ھەدىيە قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.

第一千一百二十五条 继承人有下列行为之一的,丧失继承权:

11425-ماددا ۋارىسلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ :

(一)故意杀害被继承人;

( 1 ) ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنى قەستەن ئۆلتۈرۈش؛

(二)为争夺遗产而杀害其他继承人;

( 2 ) مىراس تالىشىش يولىدا باشقا ۋارىسلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلەر؛

(三)遗弃被继承人,或者虐待被继承人情节严重;

( 3 ) ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنى تاشلىۋېتىش ياكى ئۇنى خورلاش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛

(四)伪造、篡改、隐匿或者销毁遗嘱,情节严重;

( 4 ) ۋەسىيەتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، تىقىۋېلىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛

(五)以欺诈、胁迫手段迫使或者妨碍被继承人设立、变更或者撤回遗嘱,情节严重。

( 5 ) ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنى ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇش، ئۆزگەرتىش ياكى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇرلاش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.

继承人有前款第三项至第五项行为,确有悔改表现,被继承人表示宽恕或者事后在遗嘱中将其列为继承人的,该继承人不丧失继承权。

ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 3 ) تارماقچىسىدىن ( 5 ) تارماقچىسىگىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان ۋارىسلارنىڭ ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بولسا، ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۇنى كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈرسە ياكى ئىشتىن كېيىن ۋەسىيەتتىكى ۋارىسلار قاتارىغا كىرگۈزسە، شۇ ۋارىس ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولمايدۇ.

受遗赠人有本条第一款规定行为的,丧失受遗赠权。

ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرى ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

第二章 法定继承

2-باب قانۇنىي ۋارىسلىق قىلىش

第一千一百二十六条 继承权男女平等。

1126-ماددا ۋارىسلىق ھوقۇقىدا ئەر-ئايال باراۋەر.

第一千一百二十七条 遗产按照下列顺序继承:

127-ماددا مىراسقا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ :

(一)第一顺序:配偶、子女、父母;

( 1 ) 1-رەت تەرتىپى:جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسى؛

(二)第二顺序:兄弟姐妹、祖父母、外祖父母。

( 2 ) 2-رەت تەرتىپى:ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بوۋا-موما.

继承开始后,由第一顺序继承人继承,第二顺序继承人不继承;没有第一顺序继承人继承的,由第二顺序继承人继承。

مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن 1-رەتتىكى ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلىدۇ، 2-رەتتىكى مىراسخورلار ۋارىسلىق قىلمايدۇ؛ ۋارىسلىق قىلىدىغان 1-رەتتىكى ۋارىسلار بولمىسا، 2-رەتتىكى مىراسخورلار ۋارىسلىق قىلىدۇ.

本编所称子女,包括婚生子女、非婚生子女、养子女和有扶养关系的继子女。

بۇ قىسىمدا ئېيتىلغان پەرزەنت، توي قىلىپ تۇغقان پەرزەنت، توي قىلماي تۇغقان پەرزەنت، بېقىۋالغان پەرزەنت ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي پەرزەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

本编所称父母,包括生父母、养父母和有扶养关系的继父母。

بۇ قىسىمدا ئېيتىلغان ئاتا-ئانا ئۆز ئاتا-ئانىسى، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

本编所称兄弟姐妹,包括同父母的兄弟姐妹、同父异母或者同母异父的兄弟姐妹、养兄弟姐妹、有扶养关系的继兄弟姐妹。

بۇ قىسىمدا ئېيتىلغان ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللار بىر ئاتا-ئانىدىن بولغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى، ئاتا بىر، ئانا باشقا ياكى ئاتا بىر، ئاتا باشقا ئاكا-ئىنىنىڭ، ئاچا-سىڭلىلىرىنى، بېقىۋالغان ئاكا-ئىنىنى، بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

第一千一百二十八条 被继承人的子女先于被继承人死亡的,由被继承人的子女的直系晚辈血亲代位继承。

1128-ماددا ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بىۋاسىتە قانداش ئەۋلادلىرى ئورۇن بېسىپ ۋارىسلىق قىلىدۇ.

被继承人的兄弟姐妹先于被继承人死亡的,由被继承人的兄弟姐妹的子女代位继承。

ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئورۇن بېسىپ ۋارىسلىق قىلىدۇ.

代位继承人一般只能继承被代位继承人有权继承的遗产份额。

ئورۇنباسار ۋارىسلار ئادەتتە پەقەت ئورۇن بەرگۈچى ۋارىسنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بولغان مىراس ئۈلۈشىگىلا ۋارىسلىق قىلالايدۇ.

第一千一百二十九条 丧偶儿媳对公婆,丧偶女婿对岳父母,尽了主要赡养义务的,作为第一顺序继承人。

1129-ماددا ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن كېلىنلەر، جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن كۈيئوغۇللار قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى ئالدىدا ئاساسلىق قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، 1-رەتتىكى ۋارىس بولىدۇ.

第一千一百三十条 同一顺序继承人继承遗产的份额,一般应当均等。

130-ماددا بىر رەتتىكى ۋارىسلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراس ئۈلۈشى ئادەتتە تەڭ بولۇشى كېرەك.

对生活有特殊困难又缺乏劳动能力的继承人,分配遗产时,应当予以照顾。

مىراس بۆلگەندە، تۇرمۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ھەم ئەمگەك ئىقتىدارى كەمچىل ۋارىسلارغا ئېتىبار بېرىش كېرەك.

对被继承人尽了主要扶养义务或者与被继承人共同生活的继承人,分配遗产时,可以多分。

مىراس بۆلگەندە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئالدىدا ئاساسلىق بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى ۋارىسلىق قىلىنغۇچى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋارىسلارغا كۆپرەك بۆلۈشكە بولىدۇ.

有扶养能力和有扶养条件的继承人,不尽扶养义务的,分配遗产时,应当不分或者少分。

مىراس بۆلگەندە، بېقىش ئىقتىدارى ۋە بېقىش شارائىتى بار تۇرۇپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋارىسلارغا بۆلۈنمىسە ياكى ئازراق بۆلۈنسە بولىدۇ.

继承人协商同意的,也可以不均等。

ۋارىسلار كېڭىشىپ پۈتۈشسە، مىراس تەڭ بۆلۈنمىسىمۇ بولىدۇ.

第一千一百三十一条 对继承人以外的依靠被继承人扶养的人,或者继承人以外的对被继承人扶养较多的人,可以分给适当的遗产。

1131-ماددا ۋارىستىن باشقا، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ جان باققان كىشىلەرگە ياكى ۋارىس قاتارىغا كىرمەيدىغان، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنى كۆپرەك باققان كىشىلەرگە لايىقىدا مىراس بۆلۈپ بېرىلسە بولىدۇ.

第一千一百三十二条 继承人应当本着互谅互让、和睦团结的精神,协商处理继承问题。遗产分割的时间、办法和份额,由继承人协商确定;协商不成的,可以由人民调解委员会调解或者向人民法院提起诉讼。

1132-ماددا ۋارىسلار ۋارىسلىق مەسىلىسىنى بىر-بىرىنى چۈشىنىش، بىر-بىرىگە يول قويۇش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش روھى بويىچە كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مىراس بۆلۈش ۋاقتى، چارىسى ۋە مىراس ئۈلۈشىنى ۋارىسلار كېڭىشىپ بېكىتىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق مۇرەسسە كومىتېتى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第三章 遗嘱继承和遗赠

3-باب ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلىش ۋە ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىش

第一千一百三十三条 自然人可以依照本法规定立遗嘱处分个人财产,并可以指定遗嘱执行人。

1133-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر شەخسىي مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋەسىيەت قىلسا ھەمدە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچىنى بەلگىلەپ قويسا بولىدۇ.

自然人可以立遗嘱将个人财产指定由法定继承人中的一人或者数人继承。

تەبىئىي ئىگىلەر شەخسىي مال-مۈلكىنى قانۇنىي ۋارىسلىرىدىن بىر ياكى بىرنەچچە كىشىگە مىراس قالدۇرۇش توغرىلىق ۋەسىيەت قىلسا بولىدۇ.

自然人可以立遗嘱将个人财产赠与国家、集体或者法定继承人以外的组织、个人。

تەبىئىي ئىگىلەر شەخسىي مال-مۈلكىنى دۆلەتكە، كوللېكتىپقا ياكى قانۇنىي ۋارىسلىرىدىن باشقا تەشكىلاتقا، شەخسكە ھەدىيە قىلىش توغرىلىق ۋەسىيەت قىلسا بولىدۇ.

自然人可以依法设立遗嘱信托。

تەبىئىي ئىگىلەر قانۇن بويىچە ۋەسىيەت ھاۋالىسى قىلسا بولىدۇ.

第一千一百三十四条 自书遗嘱由遗嘱人亲笔书写,签名,注明年、月、日。

1134-ماددا ئۆز قولى بىلەن ۋەسىيەت يازغۇچىلار ۋەسىيەتنامىسىگە ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويۇپ، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

第一千一百三十五条 代书遗嘱应当有两个以上见证人在场见证,由其中一人代书,并由遗嘱人、代书人和其他见证人签名,注明年、月、日。

第一千一百三十五条 代书遗嘱应当有两个以上见证人在场见证,由其中一人代书,并由遗嘱人、代书人和其他见证人签名,注明年、月、日。

第一千一百三十六条 打印遗嘱应当有两个以上见证人在场见证。遗嘱人和见证人应当在遗嘱每一页签名,注明年、月、日。

136-ماددا ۋەسىيەتنى پىرىنتېردا بېسىپ چىقارغاندا، ئىككىدىن ئارتۇق گۇۋاھچى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىلار ۋەسىيەتنامىنىڭ ھەر بىر بېتىگە ئىمزا قويۇشى، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

第一千一百三十七条 以录音录像形式立的遗嘱,应当有两个以上见证人在场见证。遗嘱人和见证人应当在录音录像中记录其姓名或者肖像,以及年、月、日。

1137-ماددا ئۈن-سىنغا ئېلىش شەكلىدە ۋەسىيەت قالدۇرغاندا، ئىككىدىن ئارتۇق گۇۋاھچى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىلار ئۈن-سىن ماتېرىيالىغا ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى سۈرىتىنى، شۇنىڭدەك يىل، ئاي، كۈننى خاتىرىلىشى كېرەك.

第一千一百三十八条 遗嘱人在危急情况下,可以立口头遗嘱。口头遗嘱应当有两个以上见证人在场见证。危急情况消除后,遗嘱人能够以书面或者录音录像形式立遗嘱的,所立的口头遗嘱无效。

1138-ماددا ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋپلىك ئەھۋالدا ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرسا بولىدۇ. ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا، ئىككىدىن ئارتۇق گۇۋاھچى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. خەۋپلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، ۋەسىيەت قىلغۇچى يازما ياكى ئۈن-سىنغا ئېلىش شەكلىدە ۋەسىيەت قالدۇرالايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاغزاكى ۋەسىيىتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

第一千一百三十九条 公证遗嘱由遗嘱人经公证机构办理。

139-ماددا ۋەسىيەت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزىدىغان ۋەسىيىتىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بېجىرىدۇ.

第一千一百四十条 下列人员不能作为遗嘱见证人:

1140-ماددا تۆۋەندىكى خادىملار ۋەسىيەتنامىنى گۇۋاھچى قىلسا بولمايدۇ :

(一)无民事行为能力人、限制民事行为能力人以及其他不具有见证能力的人;

( 1 ) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر، شۇنىڭدەك گۇۋاھ بولۇش ئىقتىدارى يوق باشقا كىشىلەر؛

(二)继承人、受遗赠人;

( 2 ) ۋارىسلار، ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار؛

(三)与继承人、受遗赠人有利害关系的人。

( 3 ) ۋارىس ۋە ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلار.

第一千一百四十一条 遗嘱应当为缺乏劳动能力又没有生活来源的继承人保留必要的遗产份额。

1141-ماددا ۋەسىيەتتە ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ھەمدە تىرىكچىلىك مەنبەسى يوق ۋارىسلارغا تېگىشلىك مىراس ئۈلۈشى قالدۇرۇش كېرەك.

第一千一百四十二条 遗嘱人可以撤回、变更自己所立的遗嘱。

1142-ماددا ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆز ۋەسىيىتىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

立遗嘱后,遗嘱人实施与遗嘱内容相反的民事法律行为的,视为对遗嘱相关内容的撤回。

ۋەسىيەت قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋەسىيەت قىلغۇچى ۋەسىيەت مەزمۇنىنىڭ ئەكسىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلسا، ۋەسىيەتتىكى ئالاقىدار مەزمۇننى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

立有数份遗嘱,内容相抵触的,以最后的遗嘱为准。

مەزمۇنى بىر-بىرىگە زىت بولغان بىر قانچە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەت ئاساس قىلىنىدۇ.

第一千一百四十三条 无民事行为能力人或者限制民事行为能力人所立的遗嘱无效。

1143-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر قىلغان ۋەسىيەت ئىناۋەتسىز.

遗嘱必须表示遗嘱人的真实意思,受欺诈、胁迫所立的遗嘱无效。

ۋەسىيەتتە ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئىپادىلەنگەن بولۇشى شەرت، ئالداش ۋە تەھدىت ئاستىدا قىلىنغان ۋەسىيەت ئىناۋەتسىز.

伪造的遗嘱无效。

ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ۋەسىيەت ئىناۋەتسىز.

遗嘱被篡改的,篡改的内容无效。

ئۆزگەرتىۋېلىنغان ۋەسىيەتنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەزمۇنى ئىناۋەتسىز.

第一千一百四十四条 遗嘱继承或者遗赠附有义务的,继承人或者受遗赠人应当履行义务。没有正当理由不履行义务的,经利害关系人或者有关组织请求,人民法院可以取消其接受附义务部分遗产的权利。

1144-ماددا ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلىش ياكى ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىشقا مەجبۇرىيەت قوشۇمچە شەرت قىلىنغان بولسا، ۋارىس ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. يولسىز سەۋەب بىلەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، مەنپەئەتدارلار ياكى ئالاقىدار تەشكىلاتنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت قوشۇمچە شەرت قىلىنغان قىسمىدىكى مىراسنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ.

第四章 遗产的处理

4-باب مىراسنى بىر تەرەپ قىلىش

第一千一百四十五条 继承开始后,遗嘱执行人为遗产管理人;没有遗嘱执行人的,继承人应当及时推选遗产管理人;继承人未推选的,由继承人共同担任遗产管理人;没有继承人或者继承人均放弃继承的,由被继承人生前住所地的民政部门或者村民委员会担任遗产管理人。

11445-ماددا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچى مىراس باشقۇرغۇچى بولىدۇ؛ ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچى بولمىسا، ۋارىسلار مىراس باشقۇرغۇچىنى ۋاقتىدا سايلاپ چىقىشى كېرەك؛ ۋارىسلار سايلاپ چىقالمىسا، ۋارىسلار مىراسنى ئورتاق باشقۇرىدۇ؛ ۋارىس بولمىسا ياكى ۋارىسلارنىڭ ھەممىسى ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچسە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق جايىدىكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى مىراس باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

第一千一百四十六条 对遗产管理人的确定有争议的,利害关系人可以向人民法院申请指定遗产管理人。

1146-ماددا مىراس باشقۇرغۇچىنى بېكىتىشتە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، مەنپەئەتدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مىراس باشقۇرغۇچىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

第一千一百四十七条 遗产管理人应当履行下列职责:

1147-ماددا مىراس باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)清理遗产并制作遗产清单;

( 1 ) مىراسنى ئېنىقلاش ھەمدە مىراس تىزىملىكى تۈزۈش؛

(二)向继承人报告遗产情况;

( 2 ) مىراسقا مىراس ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش؛

(三)采取必要措施防止遗产毁损、灭失;

( 3 ) زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، مىراسنىڭ بۇزۇلۇشى، يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

(四)处理被继承人的债权债务;

( 4 ) ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ھەقدارلىق-قەرزدارلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش؛

(五)按照遗嘱或者依照法律规定分割遗产;

( 5 ) مىراس بۆلگەندە ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولسا؛

(六)实施与管理遗产有关的其他必要行为。

( 6 ) مىراس باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قىلىش.

第一千一百四十八条 遗产管理人应当依法履行职责,因故意或者重大过失造成继承人、受遗赠人、债权人损害的,应当承担民事责任。

1148-ماددا مىراس باشقۇرغۇچى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى لازىم، قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن ۋارىسلار، ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار، ھەقدارلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百四十九条 遗产管理人可以依照法律规定或者按照约定获得报酬。

1149-ماددا مىراس باشقۇرغۇچى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ياكى پۈتۈم بويىچە ھەق ئالسا بولىدۇ.

第一千一百五十条 继承开始后,知道被继承人死亡的继承人应当及时通知其他继承人和遗嘱执行人。继承人中无人知道被继承人死亡或者知道被继承人死亡而不能通知的,由被继承人生前所在单位或者住所地的居民委员会、村民委员会负责通知。

1150-ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋارىسلار باشقا ۋارىسلارغا ۋە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن ۋارىسلارنىڭ ھېچقايسىسى خەۋەر تاپمىغان ياكى خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلالمىغان بولسا، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىدارىسى ياكى تۇرۇشلۇق جايىدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىگە بولۇپ ئۇقتۇرىدۇ.

第一千一百五十一条 存有遗产的人,应当妥善保管遗产,任何组织或者个人不得侵吞或者争抢。

1151-ماددا مىراسنى ساقلاۋاتقان كىشى ئۇنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مىراسنى يۇتۇۋېلىشىغا ياكى تالىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千一百五十二条 继承开始后,继承人于遗产分割前死亡,并没有放弃继承的,该继承人应当继承的遗产转给其继承人,但是遗嘱另有安排的除外。

1152-ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، ۋارىس مىراسنى بۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھەمدە ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن بولسا، شۇ ۋارىس ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك مىراس ئۇنىڭ ۋارىسىغا بېرىلىدۇ، لېكىن ۋەسىيەتنامىدە ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇش بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千一百五十三条 夫妻共同所有的财产,除有约定的外,遗产分割时,应当先将共同所有的财产的一半分出为配偶所有,其余的为被继承人的遗产。

1153-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ مىراس بۆلگەندە، پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئورتاق مۈلۈكنىڭ يېرىمىنى جورىسىغا ئايرىپ بەرگەندىن كېيىن قالغان قىسىمى ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ مىراسى بولىدۇ.

遗产在家庭共有财产之中的,遗产分割时,应当先分出他人的财产。

مىراس ئائىلىنىڭ ئورتاق مال-مۈلكىگە ئارىلاش بولسا، مىراس بۆلگەندە ئالدى بىلەن باشقىلارغا تەئەللۇق قىسمىنى ئايرىۋېتىش كېرەك.

第一千一百五十四条 有下列情形之一的,遗产中的有关部分按照法定继承办理:

1154-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مىراسنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق بويىچە بولىدۇ :

(一)遗嘱继承人放弃继承或者受遗赠人放弃受遗赠;

( 1 ) ۋەسىيەتلىك ۋارىس ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچسە ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچسا؛

(二)遗嘱继承人丧失继承权或者受遗赠人丧失受遗赠权;

( 2 ) ۋەسىيەت ۋارىسى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولسا ياكى ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولسا؛

(三)遗嘱继承人、受遗赠人先于遗嘱人死亡或者终止;

( 3 ) ۋەسىيەتلىك ۋارىس، ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ۋەسىيەت قىلغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئاخىرلاشسا؛

(四)遗嘱无效部分所涉及的遗产;

( 4 ) ۋەسىيەتنىڭ ئىناۋەتسىز قىسمىغا چېتىلىدىغان مىراسلار؛

(五)遗嘱未处分的遗产。

( 5 ) ۋەسىيەتنامىدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان مىراسلار.

第一千一百五十五条 遗产分割时,应当保留胎儿的继承份额。胎儿娩出时是死体的,保留的份额按照法定继承办理。

1155-ماددا مىراسنى بۆلگەندە، ھامىلىگە تېگىشلىك ۋارىسلىق ئۈلۈشىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ھامىلە ئۆلۈك تۇغۇلسا، ساقلاپ قويۇلغان ئۈلۈشى قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

第一千一百五十六条 遗产分割应当有利于生产和生活需要,不损害遗产的效用。

1156-ماددا مىراس بۆلۈش ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا پايدىلىق بولۇشى، مىراسنىڭ ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

不宜分割的遗产,可以采取折价、适当补偿或者共有等方法处理。

بۆلۈش ئەپسىز بولغان مىراسنى باھاغا سۇندۇرۇش، لايىقىدا ھەق بېرىش ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

第一千一百五十七条 夫妻一方死亡后另一方再婚的,有权处分所继承的财产,任何组织或者个人不得干涉。

1157-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە بىرى قايتا توي قىلسا، ئۇ ۋارىسلىق قىلغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

第一千一百五十八条 自然人可以与继承人以外的组织或者个人签订遗赠扶养协议。按照协议,该组织或者个人承担该自然人生养死葬的义务,享有受遗赠的权利。

1158-ماددا تەبىئىي ئىگە ۋارىستىن باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەر بىلەن ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىش-بېقىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. كېلىشىم بويىچە، مەزكۇر تەشكىلات ياكى شەخس شۇ تەبىئىي ئىگىنى ھايات ۋاقتىدا بېقىش، ئۆلگەندە دەپنە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

第一千一百五十九条 分割遗产,应当清偿被继承人依法应当缴纳的税款和债务;但是,应当为缺乏劳动能力又没有生活来源的继承人保留必要的遗产。

1159-ماددا مىراس بۆلگەندە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى ئۈزۈش كېرەك؛ لېكىن، ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ھەمدە تېرىكچىلىك مەنبەسى يوق ۋارىسلارغا زۆرۈر مىراس قالدۇرۇش كېرەك.

第一千一百六十条 无人继承又无人受遗赠的遗产,归国家所有,用于公益事业;死者生前是集体所有制组织成员的,归所在集体所有制组织所有。

1160-ماددا ۋارىسلىق قىلىدىغان ھەم ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم چىقمىغان مىراس دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولسا، ئۇ تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى تەشكىلاتقا تەۋە بولىدۇ.

第一千一百六十一条 继承人以所得遗产实际价值为限清偿被继承人依法应当缴纳的税款和债务。超过遗产实际价值部分,继承人自愿偿还的不在此限。

1161-ماددا ۋارىسلار ئېرىشكەن مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتى دائىرىسىدە ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەيدۇ. مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ۋارىس تۆلەشنى ئىختىيار قىلسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

继承人放弃继承的,对被继承人依法应当缴纳的税款和债务可以不负清偿责任。

ۋارىس ۋارىسلىقتىن ۋاز كەچسە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千一百六十二条 执行遗赠不得妨碍清偿遗赠人依法应当缴纳的税款和债务。

1162-ماددا ۋەسىيەتلىك ھەدىيەنى ئىجرا قىلىشتا، ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەشكە دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك.

第一千一百六十三条 既有法定继承又有遗嘱继承、遗赠的,由法定继承人清偿被继承人依法应当缴纳的税款和债务;超过法定继承遗产实际价值部分,由遗嘱继承人和受遗赠人按比例以所得遗产清偿。

1163-ماددا قانۇنىي ۋارىسلىقمۇ، ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق، ۋەسىيەتلىك ھەدىيەمۇ بار بولسا، ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى قانۇنىي ۋارىس تۆلەيدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىنىدىغان مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ۋەسىيەتلىك ۋارىس بىلەن ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى نىسبەت بويىچە ئېرىشكەن مىراستىن تۆلەيدۇ.

第七编 侵权责任

7-قىسىم ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى

第一章 一般规定

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

第一千一百六十四条 本编调整因侵害民事权益产生的民事关系。

1164-ماددا بۇ قىسىم ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

第一千一百六十五条 行为人因过错侵害他人民事权益造成损害的,应当承担侵权责任。

1165-ماددا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشچىلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

依照法律规定推定行为人有过错,其不能证明自己没有过错的,应当承担侵权责任。

قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خاتالىقى بار دەپ قارالغان قىلمىشچىلار ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百六十六条 行为人造成他人民事权益损害,不论行为人有无过错,法律规定应当承担侵权责任的,依照其规定。

1166-ماددا قىلمىشچى باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، مەيلى ئۇنىڭدا خاتالىق بولسۇن-بولمىسۇن، قانۇندا ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一千一百六十七条 侵权行为危及他人人身、财产安全的,被侵权人有权请求侵权人承担停止侵害、排除妨碍、消除危险等侵权责任。

1167-ماددا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن دەخلى-تەرۇزنى توختىتىش، توسالغۇنى يوقىتىش، خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千一百六十八条 二人以上共同实施侵权行为,造成他人损害的,应当承担连带责任。

1168-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百六十九条 教唆、帮助他人实施侵权行为的,应当与行为人承担连带责任。

1169-ماددا باشقىلارنى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەر ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر قىلمىشچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

教唆、帮助无民事行为能力人、限制民事行为能力人实施侵权行为的,应当承担侵权责任;该无民事行为能力人、限制民事行为能力人的监护人未尽到监护职责的,应当承担相应的责任。

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەن شۇ كىشىنىڭ ۋەسىيسى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百七十条 二人以上实施危及他人人身、财产安全的行为,其中一人或者数人的行为造成他人损害,能够确定具体侵权人的,由侵权人承担责任;不能确定具体侵权人的,行为人承担连带责任。

1170-ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش سادىر قىلغانلاردىن بىر ياكى بىر نەچچىسىنىڭ ھەرىكىتى باشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى بېكىتكىلى بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى بېكىتكىلى بولمىسا، قىلمىشچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百七十一条 二人以上分别实施侵权行为造成同一损害,每个人的侵权行为都足以造成全部损害的,行为人承担连带责任。

1171-ماددا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى ئايرىم-ئايرىم سادىر قىلىپ، ئوخشاش بىر زىياننى پەيدا قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن ھەر بىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بارلىق زىياننى پەيدا قىلالايدىغان بولسا، قىلمىشچىلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百七十二条 二人以上分别实施侵权行为造成同一损害,能够确定责任大小的,各自承担相应的责任;难以确定责任大小的,平均承担责任。

1172-ماددا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى ئايرىم-ئايرىم سادىر قىلىپ، ئوخشاش بىر زىياننى پەيدا قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى بېكىتكىلى بولسا، ھەركىم مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百七十三条 被侵权人对同一损害的发生或者扩大有过错的,可以减轻侵权人的责任。

1173-ماددا بىر زىياننىڭ كېلىپ چىقىشى ياكى كېڭىيىپ كېتىشىدە ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ خاتالىقى بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

第一千一百七十四条 损害是因受害人故意造成的,行为人不承担责任。

1174-ماددا زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، قىلمىشچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千一百七十五条 损害是因第三人造成的,第三人应当承担侵权责任。

1175-ماددا زىياننى 3-كىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، 3-كىشى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百七十六条 自愿参加具有一定风险的文体活动,因其他参加者的行为受到损害的,受害人不得请求其他参加者承担侵权责任;但是,其他参加者对损害的发生有故意或者重大过失的除外。

1176-ماددا مۇئەييەن خەۋپ-خەتىرى بار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قاتنىشىپ، باشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان زىيانلانغۇچى باشقا قاتناشقۇچىلاردىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ لېكىن، باشقا قاتناشقۇچىلار زىياننىڭ يۈز بېرىشىدە قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

活动组织者的责任适用本法第一千一百九十八条至第一千二百零一条的规定。

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىنىڭ جاۋابكارلىقىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 1198-ماددىسىدىن 1201-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第一千一百七十七条 合法权益受到侵害,情况紧迫且不能及时获得国家机关保护,不立即采取措施将使其合法权益受到难以弥补的损害的,受害人可以在保护自己合法权益的必要范围内采取扣留侵权人的财物等合理措施;但是,应当立即请求有关国家机关处理。

1177-ماددا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ جىددىي ئەھۋالدا قېلىپ، دەماللىققا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەي، دەرھال تەدبىر قوللانمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغان بولۇپ قالسا، زىيانلانغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ پۇل-مېلىنى زۆرۈر دائىرىدە تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى دەرھال تەلەپ قىلىش كېرەك.

受害人采取的措施不当造成他人损害的,应当承担侵权责任。

زىيانلانغۇچى قوللانغان تەدبىر مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن باشقىلارغا زىيان يەتسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百七十八条 本法和其他法律对不承担责任或者减轻责任的情形另有规定的,依照其规定。

1178-ماددا بۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ياكى جاۋابكارلىق يېنىكلىتىلىدىغان ئەھۋاللار توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第二章 损害赔偿

2-باب زىياننى تۆلەش

第一千一百七十九条 侵害他人造成人身损害的,应当赔偿医疗费、护理费、交通费、营养费、住院伙食补助费等为治疗和康复支出的合理费用,以及因误工减少的收入。造成残疾的,还应当赔偿辅助器具费和残疾赔偿金;造成死亡的,还应当赔偿丧葬费和死亡赔偿金。

1179-ماددا باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ جىسمانىي زىيان سالغانلار داۋالاش خىراجىتى، قاراش خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى، ئوزۇقلىنىش خىراجىتى، بالنىستتا يېتىش تاماق ياردەم پۇلى قاتارلىق داۋالاشقا ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چىقارغان مۇۋاپىق خىراجەتنى، شۇنىڭدەك ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈپ كېمىيىپ كەتكەن كىرىمنى تۆلىشى كېرەك. مېيىپ قىلىپ قويغانلار قوشۇمچە سايمان ھەققى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك؛ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار دەپنە ھەققى ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك.

第一千一百八十条 因同一侵权行为造成多人死亡的,可以以相同数额确定死亡赔偿金。

110-ماددا ئوخشاش بىر ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بېكىتىلسە بولىدۇ.

第一千一百八十一条 被侵权人死亡的,其近亲属有权请求侵权人承担侵权责任。被侵权人为组织,该组织分立、合并的,承继权利的组织有权请求侵权人承担侵权责任。

1181-ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى تەشكىلات بولسا، بۇ تەشكىلات ئايرىلىپ چىققان ۋە قوشۇلۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان تەشكىلات ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

被侵权人死亡的,支付被侵权人医疗费、丧葬费等合理费用的人有权请求侵权人赔偿费用,但是侵权人已经支付该费用的除外。

ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى چىقارغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن بۇ خىراجەتنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بۇ خىراجەتنى چىقىرىپ بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千一百八十二条 侵害他人人身权益造成财产损失的,按照被侵权人因此受到的损失或者侵权人因此获得的利益赔偿;被侵权人因此受到的损失以及侵权人因此获得的利益难以确定,被侵权人和侵权人就赔偿数额协商不一致,向人民法院提起诉讼的,由人民法院根据实际情况确定赔偿数额。

1182-ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ مال-مۈلكىگە زىيان سالغانلار ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۇچرىغان زىيان ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئېرىشكەن مەنپەئەت تۆلىمى بويىچە بولىدۇ؛ ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۇچرىغان زىيان ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن پايدىسىنى بېكىتكىلى بولمىغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى بىلەن ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەم مىقدارىنى كېلىشەلمەي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مىقدارىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ.

第一千一百八十三条 侵害自然人人身权益造成严重精神损害的,被侵权人有权请求精神损害赔偿。

1183-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ ئېغىر روھىي زىيان سالغان بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

因故意或者重大过失侵害自然人具有人身意义的特定物造成严重精神损害的,被侵权人有权请求精神损害赔偿。

قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ جىسمانىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئالاھىدە نەرسىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئېغىر روھىي زىيان سالغان بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千一百八十四条 侵害他人财产的,财产损失按照损失发生时的市场价格或者其他合理方式计算。

1184-ماددا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان يەتكەندە، مال-مۈلۈك زىيىنى شۇ زىيان پەيدا بولغان چاغدىكى بازار باھاسى ياكى باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

第一千一百八十五条 故意侵害他人知识产权,情节严重的,被侵权人有权请求相应的惩罚性赔偿。

1185-ماددا باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا قەستەن زىيان سالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىدىن ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مۇناسىپ جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千一百八十六条 受害人和行为人对损害的发生都没有过错的,依照法律的规定由双方分担损失。

1186-ماددا زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا زىيانلانغۇچىدىمۇ، قىلمىشچىدىمۇ خاتالىق بولمىسا، ئىككى تەرەپ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە زىياننى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百八十七条 损害发生后,当事人可以协商赔偿费用的支付方式。协商不一致的,赔偿费用应当一次性支付;一次性支付确有困难的,可以分期支付,但是被侵权人有权请求提供相应的担保。

1187-ماددا زىيان كېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار تۆلەم ھەققى بېرىش ئۇسۇلىنى كېڭەشسە بولىدۇ. كېڭىشىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، تۆلەم ھەققىنى بىر قېتىمدىلا بېرىش كېرەك؛ بىر قېتىمدىلا تۆلەشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسە بولىدۇ، لېكىن، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第三章 责任主体的特殊规定

3-باب مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمىسى

第一千一百八十八条 无民事行为能力人、限制民事行为能力人造成他人损害的,由监护人承担侵权责任。监护人尽到监护职责的,可以减轻其侵权责任。

1188-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋەسىيسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

有财产的无民事行为能力人、限制民事行为能力人造成他人损害的,从本人财产中支付赔偿费用;不足部分,由监护人赔偿。

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم ھەققىنى ئۆز مال-مۈلكىدىن بېرىدۇ؛ يەتمىگەن قىسمىنى ۋەسىيسى تۆلەيدۇ.

第一千一百八十九条 无民事行为能力人、限制民事行为能力人造成他人损害,监护人将监护职责委托给他人的,监护人应当承担侵权责任;受托人有过错的,承担相应的责任。

1189-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ۋەسىيسى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋەسىيسى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ ھاۋالە قىلىنغۇچىدا خاتالىق بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百九十条 完全民事行为能力人对自己的行为暂时没有意识或者失去控制造成他人损害有过错的,应当承担侵权责任;没有过错的,根据行为人的经济状况对受害人适当补偿。

1190-ماددا تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى ئۆز ھەرىكىتىنى ۋاقىتلىق ئاڭقىرالماي ياكى كونترول قىلالماي باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ خاتالىق بولمىسا، قىلمىشچى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ زىيانلانغۇچىغا مۇۋاپىق تۆلەم بېرىدۇ.

完全民事行为能力人因醉酒、滥用麻醉药品或者精神药品对自己的行为暂时没有意识或者失去控制造成他人损害的,应当承担侵权责任。

تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى مەست بولۇپ قېلىش، ناركوز دورىسى ياكى روھىي دورىلارنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئۆز ھەرىكىتىنى ۋاقىتلىق ئاڭقىرالماي ياكى كونترول قىلالماي باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百九十一条 用人单位的工作人员因执行工作任务造成他人损害的,由用人单位承担侵权责任。用人单位承担侵权责任后,可以向有故意或者重大过失的工作人员追偿。

11911-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خادىملىرى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بار خادىملاردىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

劳务派遣期间,被派遣的工作人员因执行工作任务造成他人损害的,由接受劳务派遣的用工单位承担侵权责任;劳务派遣单位有过错的,承担相应的责任。

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش مەزگىلىدە، ئەۋەتىلگەن خادىملار خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇندا خاتالىق بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百九十二条 个人之间形成劳务关系,提供劳务一方因劳务造成他人损害的,由接受劳务一方承担侵权责任。接受劳务一方承担侵权责任后,可以向有故意或者重大过失的提供劳务一方追偿。提供劳务一方因劳务受到损害的,根据双方各自的过错承担相应的责任。

1192-ماددا شەخسلەر ئارا ئەمگەك-مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلىش يۈزىسىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ئەمگەك-مۇلازىمىتى قىلدۇرغۇچى تەرەپ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلدۇرغۇچى تەرەپ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بار ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپتىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاراپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

提供劳务期间,因第三人的行为造成提供劳务一方损害的,提供劳务一方有权请求第三人承担侵权责任,也有权请求接受劳务一方给予补偿。接受劳务一方补偿后,可以向第三人追偿。

ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلىدە، ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ 3-كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن زىيان ئۇچرىغاندا، ئەمگەك-ئەمگەك كۈچى بەرگۈچى تەرەپ 3-كىشىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەمگەك-مۇلازىمىتى قىلدۇرغۇچى تەرەپتىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقىمۇ ھوقۇقلۇق. ئەمگەك-مۇلازىمەت قىلدۇرغۇچى تەرەپ تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第一千一百九十三条 承揽人在完成工作过程中造成第三人损害或者自己损害的,定作人不承担侵权责任。但是,定作人对定作、指示或者选任有过错的,应当承担相应的责任。

1193-ماددا كاسىنىچى ئىشنى تاماملاش جەريانىدا 3-كىشىنى ياكى ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتسا، بۇيرۇتقۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، بۇيرۇتقۇچىنىڭ بۇيرۇتۇش، كۆرسەتمە بېرىش ياكى تاللاپ تەيىنلەشتە خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千一百九十四条 网络用户、网络服务提供者利用网络侵害他人民事权益的,应当承担侵权责任。法律另有规定的,依照其规定。

1194-ماددا تور ئابونتلىرى، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار توردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一千一百九十五条 网络用户利用网络服务实施侵权行为的,权利人有权通知网络服务提供者采取删除、屏蔽、断开链接等必要措施。通知应当包括构成侵权的初步证据及权利人的真实身份信息。

1195-ماددا تور ئابونتلىرى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلسا، ھوقۇقدار تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۆچۈرۈش، چەكلىۋېتىش، ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۇقتۇرۇش ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتى ۋە ھوقۇقدارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

网络服务提供者接到通知后,应当及时将该通知转送相关网络用户,并根据构成侵权的初步证据和服务类型采取必要措施;未及时采取必要措施的,对损害的扩大部分与该网络用户承担连带责任。

تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئالاقىدار تور ئابونتىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى ھەمدە ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتى ۋە مۇلازىمەت تۈرىگە ئاساسەن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، زىياننىڭ كۆپەيگەن قىسمى ئۈچۈن شۇ تور ئابونتى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

权利人因错误通知造成网络用户或者网络服务提供者损害的,应当承担侵权责任。法律另有规定的,依照其规定。

ھوقۇقدارلاردىن خاتا ئۇقتۇرۇش قىلىپ تور ئابونتلىرى ياكى تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第一千一百九十六条 网络用户接到转送的通知后,可以向网络服务提供者提交不存在侵权行为的声明。声明应当包括不存在侵权行为的初步证据及网络用户的真实身份信息。

1196-ماددا تور ئابونتى يەتكۈزۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدە بايانات تاپشۇرسا بولىدۇ. بايانات ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دائىر دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتى ۋە تور ئابونتىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

网络服务提供者接到声明后,应当将该声明转送发出通知的权利人,并告知其可以向有关部门投诉或者向人民法院提起诉讼。网络服务提供者在转送声明到达权利人后的合理期限内,未收到权利人已经投诉或者提起诉讼通知的,应当及时终止所采取的措施。

تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار باياناتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇقتۇرۇش قىلغان ھوقۇقدارغا يەتكۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار باياناتنى ھوقۇقدارغا يەتكۈزگەندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە، ھوقۇقدارنىڭ ئەرز قىلغانلىقى ياكى دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا، قوللانغان تەدبىرنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

第一千一百九十七条 网络服务提供者知道或者应当知道网络用户利用其网络服务侵害他人民事权益,未采取必要措施的,与该网络用户承担连带责任。

1197-ماددا تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تور ئابونتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىقىنى بىلگەن تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، شۇ تور ئابونتى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千一百九十八条 宾馆、商场、银行、车站、机场、体育场馆、娱乐场所等经营场所、公共场所的经营者、管理者或者群众性活动的组织者,未尽到安全保障义务,造成他人损害的,应当承担侵权责任。

1198-ماددا مېھمانخانا، سودا ساراي، بانكا، بېكەت-ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، تەنتەربىيە سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

因第三人的行为造成他人损害的,由第三人承担侵权责任;经营者、管理者或者组织者未尽到安全保障义务的,承担相应的补充责任。经营者、管理者或者组织者承担补充责任后,可以向第三人追偿。

3-كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، 3-كىشى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تىجارەتچى، باشقۇرغۇچى ياكى تەشكىللىگۈچىلەر بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، مۇناسىپ قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تىجارەتچى، باشقۇرغۇچى ياكى تەشكىللىگۈچىلەر قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第一千一百九十九条 无民事行为能力人在幼儿园、学校或者其他教育机构学习、生活期间受到人身损害的,幼儿园、学校或者其他教育机构应当承担侵权责任;但是,能够证明尽到教育、管理职责的,不承担侵权责任。

1199-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىسا، شۇ بالىلار باغچىسى، مەكتەپكە ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千二百条 限制民事行为能力人在学校或者其他教育机构学习、生活期间受到人身损害,学校或者其他教育机构未尽到教育、管理职责的,应当承担侵权责任。

1200-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر مەكتەپتە ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغاندا، شۇ مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百零一条 无民事行为能力人或者限制民事行为能力人在幼儿园、学校或者其他教育机构学习、生活期间,受到幼儿园、学校或者其他教育机构以外的第三人人身损害的,由第三人承担侵权责任;幼儿园、学校或者其他教育机构未尽到管理职责的,承担相应的补充责任。幼儿园、学校或者其他教育机构承担补充责任后,可以向第三人追偿。

1201-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر بالىلار باغچىسى، مەكتىپى ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئورگىنىدىن باشقا 3-كىشىنىڭ جىسمانىي زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، 3-كىشى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، مۇناسىپ قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

第四章 产品责任

4-باب مەھسۇلات جاۋابكارلىقى

第一千二百零二条 因产品存在缺陷造成他人损害的,生产者应当承担侵权责任。

1202-ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百零三条 因产品存在缺陷造成他人损害的,被侵权人可以向产品的生产者请求赔偿,也可以向产品的销售者请求赔偿。

1203-ماددا مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇپ باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، شۇ مەھسۇلاتنى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

产品缺陷由生产者造成的,销售者赔偿后,有权向生产者追偿。因销售者的过错使产品存在缺陷的,生产者赔偿后,有权向销售者追偿。

مەھسۇلاتتىكى نۇقساننى ئىشلەپچىقارغۇچى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ساتقۇچى تۆلەپ بولۇپ ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ساتقۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەھسۇلاتتا نۇقسان كۆرۈلگەن بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى تۆلەپ بولۇپ ساتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百零四条 因运输者、仓储者等第三人的过错使产品存在缺陷,造成他人损害的,产品的生产者、销售者赔偿后,有权向第三人追偿。

1204-ماددا توشۇغۇچى، ساقلىغۇچى قاتارلىق 3-كىشىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەھسۇلاتتا نۇقسان كۆرۈلۈپ باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى تۆلەپ بولۇپ 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百零五条 因产品缺陷危及他人人身、财产安全的,被侵权人有权请求生产者、销售者承担停止侵害、排除妨碍、消除危险等侵权责任。

1205-ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتسە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىدىن دەخلى-تەرۇزنى توختىتىش، توسالغۇنى يوقىتىش، خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百零六条 产品投入流通后发现存在缺陷的,生产者、销售者应当及时采取停止销售、警示、召回等补救措施;未及时采取补救措施或者补救措施不力造成损害扩大的,对扩大的损害也应当承担侵权责任。

1206-ماددا مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغاندىن كېيىن نۇقسان بايقالسا، ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى سېتىشنى توختىتىش، ئاگاھ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا تولۇقلاش تەدبىرى قوللانماي ياكى كۈچلۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانماي زىياننى چوڭايتىۋەتكەن بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىيان ئۈچۈنمۇ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

依据前款规定采取召回措施的,生产者、销售者应当负担被侵权人因此支出的必要费用。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇۋېلىش تەدبىرى قوللىنىلغان بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلار ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇ سەۋەبتىن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجەتنى بېرىشى كېرەك.

第一千二百零七条 明知产品存在缺陷仍然生产、销售,或者没有依据前条规定采取有效补救措施,造成他人死亡或者健康严重损害的,被侵权人有权请求相应的惩罚性赔偿。

1207-ماددا مەھسۇلاتتا نۇقسان بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىۋەرگەن، سېتىۋەرگەنلەر ياكى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈنۈملۈك تولۇقلاش تەدبىرى قوللانماي، باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مۇناسىپ جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五章 机动车交通事故责任

5-باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى

第一千二百零八条 机动车发生交通事故造成损害的,依照道路交通安全法律和本法的有关规定承担赔偿责任。

1208-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالغان بولسا، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百零九条 因租赁、借用等情形机动车所有人、管理人与使用人不是同一人时,发生交通事故造成损害,属于该机动车一方责任的,由机动车使用人承担赔偿责任;机动车所有人、管理人对损害的发生有过错的,承担相应的赔偿责任。

1209-ماددا ئىجارە ئېلىش، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئىشلەتكۈچىسى بىر ئادەم بولمىغاندا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىقسا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسىنىڭ خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百一十条 当事人之间已经以买卖或者其他方式转让并交付机动车但是未办理登记,发生交通事故造成损害,属于该机动车一方责任的,由受让人承担赔偿责任。

12010-ماددا ئالاقىدارلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش-سېتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەمدە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ تىزىملاتمىغاندا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىقسا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۆتۈنۈلگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百一十一条 以挂靠形式从事道路运输经营活动的机动车,发生交通事故造成损害,属于该机动车一方责任的,由挂靠人和被挂靠人承担连带责任。

1211-ماددا يۆلەك شەكلىدە يول تىرانسپورت تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان پەيدا قىلغاندا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، يۆلىگۈچى بىلەن يۆلەنگۈچى بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百一十二条 未经允许驾驶他人机动车,发生交通事故造成损害,属于该机动车一方责任的,由机动车使用人承担赔偿责任;机动车所有人、管理人对损害的发生有过错的,承担相应的赔偿责任,但是本章另有规定的除外。

1212-ماددا باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رۇخسەتسىز ھەيدىگەندە، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىققاندا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسىنىڭ خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇ بابتا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第一千二百一十三条 机动车发生交通事故造成损害,属于该机动车一方责任的,先由承保机动车强制保险的保险人在强制保险责任限额范围内予以赔偿;不足部分,由承保机动车商业保险的保险人按照保险合同的约定予以赔偿;仍然不足或者没有投保机动车商业保险的,由侵权人赔偿。

1213-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زىيان كېلىپ چىققاندا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، ئاۋۋال موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتىچى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ؛ يەتمىگەن قىسمىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سودا سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلىغان سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە تۆلەيدۇ؛ يەنىلا يەتمىسە ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەيدۇ.

第一千二百一十四条 以买卖或者其他方式转让拼装或者已经达到报废标准的机动车,发生交通事故造成损害的,由转让人和受让人承担连带责任。

1214-ماددا قۇراشتۇرۇۋېلىنغان ياكى براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىققان بولسا، ئۆتۈنگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈلگۈچى بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百一十五条 盗窃、抢劫或者抢夺的机动车发生交通事故造成损害的,由盗窃人、抢劫人或者抢夺人承担赔偿责任。盗窃人、抢劫人或者抢夺人与机动车使用人不是同一人,发生交通事故造成损害,属于该机动车一方责任的,由盗窃人、抢劫人或者抢夺人与机动车使用人承担连带责任。

1255-ماددا ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زىيان كېلىپ چىققان بولسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچى بىلەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىسا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىققاندا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلاپ كەتكۈچى ياكى تارتىۋالغۇچ بىلەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسنى ئىشلەتكۈچى بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

保险人在机动车强制保险责任限额范围内垫付抢救费用的,有权向交通事故责任人追偿。

سۇغۇرتىچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تۆلەپ تۇرغان بولسا، قاتناش ھادىسىسىنىڭ جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百一十六条 机动车驾驶人发生交通事故后逃逸,该机动车参加强制保险的,由保险人在机动车强制保险责任限额范围内予以赔偿;机动车不明、该机动车未参加强制保险或者抢救费用超过机动车强制保险责任限额,需要支付被侵权人人身伤亡的抢救、丧葬等费用的,由道路交通事故社会救助基金垫付。道路交通事故社会救助基金垫付后,其管理机构有权向交通事故责任人追偿。

1216-ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شوپۇرى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ قېچىپ كەتكەندە، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا بويىچە سۇغۇرتىلانغان بولسا، سۇغۇرتىچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرلاش سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئېنىق بولمىغان، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا بويىچە سۇغۇرتىلانمىغان ياكى قۇتقۇزۇش ھەققى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي تالاپىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلىرىنى تۆلەشكە توغرا كەلسە، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى تۆلەپ تۇرىدۇ. يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى تۆلەپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتناش ھادىسىسىنىڭ جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百一十七条 非营运机动车发生交通事故造成无偿搭乘人损害,属于该机动车一方责任的,应当减轻其赔偿责任,但是机动车使用人有故意或者重大过失的除外。

1217-ماددا تىجارەتسىز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئاپتوموبىلغا ھەقسىز چىقىۋالغۇچىغا زىيان يەتكەندە، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، ئۇنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك، لېكىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىدە قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六章 医疗损害责任

6-باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى

第一千二百一十八条 患者在诊疗活动中受到损害,医疗机构或者其医务人员有过错的,由医疗机构承担赔偿责任。

1218-ماددا بىمارنىڭ داۋالاش پائالىيىتىدە زىيانغا ئۇچرىشىدا داۋالاش ئاپپاراتى ياكى ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ خاتالىقى بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百一十九条 医务人员在诊疗活动中应当向患者说明病情和医疗措施。需要实施手术、特殊检查、特殊治疗的,医务人员应当及时向患者具体说明医疗风险、替代医疗方案等情况,并取得其明确同意;不能或者不宜向患者说明的,应当向患者的近亲属说明,并取得其明确同意。

1219-ماددا تېببىي خادىملار داۋالاش پائالىيىتىدە بىمارغا كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالاش تەدبىرىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئوپېراتسىيە قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش، ئالاھىدە داۋالاشقا توغرا كەلسە، تېببىي خادىملار بىمارغا داۋالاش خەۋپ-خەتىرى، سەپلىمە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كونكرېت چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئېنىق ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىمارغا چۈشەندۈرگىلى بولمىسا ياكى چۈشەندۈرۈشكە ئەپسىز بولسا، بىمارنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئېنىق ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

医务人员未尽到前款义务,造成患者损害的,医疗机构应当承担赔偿责任。

تېببىي خادىملار ئالدىنقى تارماقتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، بىمارغا زىيان سالسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百二十条 因抢救生命垂危的患者等紧急情况,不能取得患者或者其近亲属意见的,经医疗机构负责人或者授权的负责人批准,可以立即实施相应的医疗措施。

1220-ماددا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پىكرىنى ئالالمىغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ياكى ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇلنىڭ تەستىقى بىلەن دەرھال مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدۇ.

第一千二百二十一条 医务人员在诊疗活动中未尽到与当时的医疗水平相应的诊疗义务,造成患者损害的,医疗机构应当承担赔偿责任。

1221-ماددا تېببىي خادىملار داۋالاش پائالىيىتىدە شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسىگە مۇناسىپ داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، بىمارغا زىيان سالغان بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百二十二条 患者在诊疗活动中受到损害,有下列情形之一的,推定医疗机构有过错:

1222-ماددا بىمارلاردىن داۋالاش پائالىيىتىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتىدا خاتالىق بار دەپ قارىلىدۇ :

(一)违反法律、行政法规、规章以及其他有关诊疗规范的规定;

( 1 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدىلەر، شۇنىڭدەك دىياگنوز قويۇش-داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش؛

(二)隐匿或者拒绝提供与纠纷有关的病历资料;

( 2 ) ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى يوشۇرۇۋېلىش ياكى بېرىشنى رەت قىلىش؛

(三)遗失、伪造、篡改或者违法销毁病历资料。

( 3 ) كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى يىتتۈرۈپ قويۇش، ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا كۆيدۈرۈۋېتىش.

第一千二百二十三条 因药品、消毒产品、医疗器械的缺陷,或者输入不合格的血液造成患者损害的,患者可以向药品上市许可持有人、生产者、血液提供机构请求赔偿,也可以向医疗机构请求赔偿。患者向医疗机构请求赔偿的,医疗机构赔偿后,有权向负有责任的药品上市许可持有人、生产者、血液提供机构追偿。

1223-ماددا بىمار دورا، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى، داۋالاش ئۈسكۈنىسىدىكى نۇقسان سەۋەبىدىن ياكى لاياقەتسىز قان بېرىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، دورىنىڭ بازارغا سېلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىگىسى، ئىشلەپچىقارغۇچىسى، قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتتىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. بىمار داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىقى بار دورىنىڭ بازارغا سېلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىگىسى، ئىشلەپچىقارغۇچىسى، قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتتىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百二十四条 患者在诊疗活动中受到损害,有下列情形之一的,医疗机构不承担赔偿责任:

1224-ماددا بىمارلاردىن داۋالاش پائالىيىتىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ :

(一)患者或者其近亲属不配合医疗机构进行符合诊疗规范的诊疗;

( 1 ) بىمار ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى داۋالاش ئاپپاراتىغا ماسلاشماي، داۋالاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن دىياگنوز قويۇش-داۋالاش؛

(二)医务人员在抢救生命垂危的患者等紧急情况下已经尽到合理诊疗义务;

( 2 ) تېببىي خادىملار ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالدا مۇۋاپىق داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا؛

(三)限于当时的医疗水平难以诊疗。

( 3 ) شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، داۋالاش تەس بولغان.

前款第一项情形中,医疗机构或者其医务人员也有过错的,应当承担相应的赔偿责任。

ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا، داۋالاش ئاپپاراتى ياكى ئۇنىڭ تېببىي خادىمىنىڭمۇ خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百二十五条 医疗机构及其医务人员应当按照规定填写并妥善保管住院志、医嘱单、检验报告、手术及麻醉记录、病理资料、护理记录等病历资料。

1225-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بالنىتسىدا يېتىش خاتىرىسى، دوختۇر كۆرسەتمىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوز خاتىرىسى، پاتولوگىيە ماتېرىيالى، پەرۋىش خاتىرىسى قاتارلىق كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تولدۇرۇشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

患者要求查阅、复制前款规定的病历资料的,医疗机构应当及时提供。

بىمار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋالاش ئاپپاراتى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

第一千二百二十六条 医疗机构及其医务人员应当对患者的隐私和个人信息保密。泄露患者的隐私和个人信息,或者未经患者同意公开其病历资料的,应当承担侵权责任。

1226-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بىمارنىڭ شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك. بىمارنىڭ شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى بىمارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى ئاشكارىلىغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百二十七条 医疗机构及其医务人员不得违反诊疗规范实施不必要的检查。

1227-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئورۇنسىز تەكشۈرسە بولمايدۇ.

第一千二百二十八条 医疗机构及其医务人员的合法权益受法律保护。

1288-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

干扰医疗秩序,妨碍医务人员工作、生活,侵害医务人员合法权益的,应当依法承担法律责任。

داۋالاش تەرتىپىگە كاشىلا سالغان، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا دەخلى قىلغان، تېببىي خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第七章 环境污染和生态破坏责任

7-باب مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزۇش جاۋابكارلىقى

第一千二百二十九条 因污染环境、破坏生态造成他人损害的,侵权人应当承担侵权责任。

1229-ماددا مۇھىتنى بۇلغاش، ئېكولوگىيەنى بۇزۇش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百三十条 因污染环境、破坏生态发生纠纷,行为人应当就法律规定的不承担责任或者减轻责任的情形及其行为与损害之间不存在因果关系承担举证责任。

1230-ماددا مۇھىتنى بۇلغاش، ئېكولوگىيەنى بۇزۇش سەۋەبىدىن ماجىرا تۇغۇلغاندا، قىلمىشچى قانۇندا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىق ياكى جاۋابكارلىقنى يېنىكلىتىش بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار ھەققىدە ۋە ئۆز قىلمىشى بىلەن زىيان ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百三十一条 两个以上侵权人污染环境、破坏生态的,承担责任的大小,根据污染物的种类、浓度、排放量,破坏生态的方式、范围、程度,以及行为对损害后果所起的作用等因素确定。

1231-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ھوقۇققا چېقىلغۇچى مۇھىتنى بۇلغىغان، ئېكولوگىيەنى بۇزغان بولسا، ئۇلار ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى بۇلغىمىنىڭ تۈرى، قويۇقلۇقى ۋە مىقدارىغا، ئېكولوگىيەنى بۇزۇشنىڭ ئۇسۇلى، دائىرىسى ۋە دەرىجىسىگە، شۇنداقلا قىلمىشىنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشتىكى رولى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

第一千二百三十二条 侵权人违反法律规定故意污染环境、破坏生态造成严重后果的,被侵权人有权请求相应的惩罚性赔偿。

1232-ماددا ھوقۇققا چېقىلغۇچى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنى قەستەن بۇلغاپ، ئېكولوگىيەنى بۇزۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مۇناسىپ جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百三十三条 因第三人的过错污染环境、破坏生态的,被侵权人可以向侵权人请求赔偿,也可以向第三人请求赔偿。侵权人赔偿后,有权向第三人追偿。

1233-ماددا 3-كىشىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن مۇھىت بۇلغانغان، ئېكولوگىيە بۇزۇلغان بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، 3-كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百三十四条 违反国家规定造成生态环境损害,生态环境能够修复的,国家规定的机关或者法律规定的组织有权请求侵权人在合理期限内承担修复责任。侵权人在期限内未修复的,国家规定的机关或者法律规定的组织可以自行或者委托他人进行修复,所需费用由侵权人负担。

1234-ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئورگان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشكىلات ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھوقۇققا چېقىلغۇچى مۇددەت توشقىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئورگان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشكىلات ئۆز ئالدىغا ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百三十五条 违反国家规定造成生态环境损害的,国家规定的机关或者法律规定的组织有权请求侵权人赔偿下列损失和费用:

1235-ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالسا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئورگان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشكىلات ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆۋەندىكى زىيان ۋە خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

(一)生态环境受到损害至修复完成期间服务功能丧失导致的损失;

( 1 ) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيانغا ئۇچراپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغان مەزگىلدە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يوقىتىشتىن كېلىپ چىققان زىيان؛

(二)生态环境功能永久性损害造成的损失;

( 2 ) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەسى مەڭگۈلۈك زىيانغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىققان زىيان؛

(三)生态环境损害调查、鉴定评估等费用;

( 3 ) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تەكشۈرۈش، باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق خىراجەتلەر؛

(四)清除污染、修复生态环境费用;

( 4 ) بۇلغىنىشنى تۈگىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى؛

(五)防止损害的发生和扩大所支出的合理费用。

( 5 ) زىيان پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كەتكەن ۋە كەتكەن مۇۋاپىق خىراجەت.

第八章 高度危险责任

سەككىزىنچى باب يۇقىرى خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقى

第一千二百三十六条 从事高度危险作业造成他人损害的,应当承担侵权责任。

1236-ماددا يۇقىرى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百三十七条 民用核设施或者运入运出核设施的核材料发生核事故造成他人损害的,民用核设施的营运单位应当承担侵权责任;但是,能够证明损害是因战争、武装冲突、暴乱等情形或者受害人故意造成的,不承担责任。

1237-ماددا پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسى ياكى يادرو ئەسلىھەسىگە كىرىپ-چىقىدىغان يادرو ماتېرىيالىدىن يادرو ھادىسىسى يۈز بېرىپ باشقىلارغا زىيان يەتسە، پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى ئۇرۇش، قوراللىق توقۇنۇش، توپىلاڭ قاتارلىق ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ياكى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千二百三十八条 民用航空器造成他人损害的,民用航空器的经营者应当承担侵权责任;但是,能够证明损害是因受害人故意造成的,不承担责任。

1238-ماددا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千二百三十九条 占有或者使用易燃、易爆、剧毒、高放射性、强腐蚀性、高致病性等高度危险物造成他人损害的,占有人或者使用人应当承担侵权责任;但是,能够证明损害是因受害人故意或者不可抗力造成的,不承担责任。被侵权人对损害的发生有重大过失的,可以减轻占有人或者使用人的责任。

1239-ماددا يېنىشچان، پارتلاشچان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى رادىيوئاكتىپلىق، كۈچلۈك چىرىتىشچان، كېسەل يۇقۇش خەۋپى ئېغىر نەرسە قاتارلىق بەك خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئىگىلەپ ياكى ئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ئىلكىدە تۇتقۇچى ياكى ئىشلەتكۈچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ ئېغىر سەۋەنلىكى بولسا، ئىگىلىگۈچى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

第一千二百四十条 从事高空、高压、地下挖掘活动或者使用高速轨道运输工具造成他人损害的,经营者应当承担侵权责任;但是,能够证明损害是因受害人故意或者不可抗力造成的,不承担责任。被侵权人对损害的发生有重大过失的,可以减轻经营者的责任。

1240-ماددا يۇقىرى بوشلۇق پائالىيىتى، يۇقىرى بېسىملىق پائالىيەت، يەر ئاستى قېزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك رېلىسلىق توشۇش قورالى ئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، تىجارەتچىلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ ئېغىر سەۋەنلىكى بولسا، باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

第一千二百四十一条 遗失、抛弃高度危险物造成他人损害的,由所有人承担侵权责任。所有人将高度危险物交由他人管理的,由管理人承担侵权责任;所有人有过错的,与管理人承担连带责任。

1241-ماددا بەك خەتەرلىك نەرسىنى يوقىتىپ قويۇش، تاشلىۋېتىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، ئىگىدار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىگىدار بەك خەتەرلىك نەرسىنى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن بولسا، باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئىگىداردا خاتالىق بولسا، باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百四十二条 非法占有高度危险物造成他人损害的,由非法占有人承担侵权责任。所有人、管理人不能证明对防止非法占有尽到高度注意义务的,与非法占有人承担连带责任。

1242-ماددا يۇقىرى خەتەرلىك نەرسىنى قانۇنسىز ئىگىلەپ تۇرۇش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، قانۇنسىز ئىگىلەپ تۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىگىدار، باشقۇرغۇچىلار قانۇنسىز ئىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، قانۇنسىز ئىگىلىگۈچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百四十三条 未经许可进入高度危险活动区域或者高度危险物存放区域受到损害,管理人能够证明已经采取足够安全措施并尽到充分警示义务的,可以减轻或者不承担责任。

1243-ماددا بەك خەتەرلىك پائالىيەت رايونى ياكى بەك خەتەرلىك نەرسە ساقلاش رايونىغا رۇخسەتسىز كىرىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغاندا، باشقۇرغۇچى يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغانلىقى ھەمدە تولۇق ئاگاھ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە ياكى جاۋابكارلىق ئارتماسلىققا بولىدۇ.

第一千二百四十四条 承担高度危险责任,法律规定赔偿限额的,依照其规定,但是行为人有故意或者重大过失的除外。

1244-ماددا يۇقىرى خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتا، قانۇندا تۆلەم چېكى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، لېكىن قىلمىشچىدا قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第九章 饲养动物损害责任

9-باب باققان ھايۋانات زىيىنىنىڭ جاۋابكارلىقى

第一千二百四十五条 饲养的动物造成他人损害的,动物饲养人或者管理人应当承担侵权责任;但是,能够证明损害是因被侵权人故意或者重大过失造成的,可以不承担或者减轻责任。

1245-ماددا بېقىلىۋاتقان ھايۋانات باشقىلارغا زىيان سالسا، ھايۋاناتنىڭ باققۇچىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ ياكى يېنىكلەتسىمۇ بولىدۇ.

第一千二百四十六条 违反管理规定,未对动物采取安全措施造成他人损害的,动物饲养人或者管理人应当承担侵权责任;但是,能够证明损害是因被侵权人故意造成的,可以减轻责任。

1266-ماددا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋاناتقا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ھايۋاناتنىڭ باققۇچىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

第一千二百四十七条 禁止饲养的烈性犬等危险动物造成他人损害的,动物饲养人或者管理人应当承担侵权责任。

1277-ماددا ۋەھشىي ئىت قاتارلىق بېقىش مەنئى قىلىنغان خەتەرلىك ھايۋانلار باشقىلارغا زىيان سالسا، ھايۋاناتنىڭ باققۇچىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百四十八条 动物园的动物造成他人损害的,动物园应当承担侵权责任;但是,能够证明尽到管理职责的,不承担侵权责任。

1248-ماددا ھايۋانات باغچىسىدىكى ھايۋانلار باشقىلارغا زىيان سالسا، ھايۋانات باغچىسى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

第一千二百四十九条 遗弃、逃逸的动物在遗弃、逃逸期间造成他人损害的,由动物原饲养人或者管理人承担侵权责任。

1249-ماددا تاشلىۋېتىلگەن، قېچىپ كەتكەن ھايۋان تاشلىۋېتىلگەن، قاچقان مەزگىلدە باشقىلارغا زىيان سالسا، ھايۋاناتنىڭ ئەسلىدىكى باققۇچىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百五十条 因第三人的过错致使动物造成他人损害的,被侵权人可以向动物饲养人或者管理人请求赔偿,也可以向第三人请求赔偿。动物饲养人或者管理人赔偿后,有权向第三人追偿。

1250-ماددا ھايۋانات 3-كىشىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھايۋاناتنىڭ باققۇچىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، 3-كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ھايۋاناتنىڭ باققۇچىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، 3-كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百五十一条 饲养动物应当遵守法律法规,尊重社会公德,不得妨碍他人生活。

1251-ماددا ھايۋانات بېقىشتا قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك.

第十章 建筑物和物件损害责任

10-باب ئىمارەت ۋە نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى

第一千二百五十二条 建筑物、构筑物或者其他设施倒塌、塌陷造成他人损害的,由建设单位与施工单位承担连带责任,但是建设单位与施工单位能够证明不存在质量缺陷的除外。建设单位、施工单位赔偿后,有其他责任人的,有权向其他责任人追偿。

1252-ماددا ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار سۈپەتتە نۇقسان يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۆلەم بەرگەندىن كېيىن باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

因所有人、管理人、使用人或者第三人的原因,建筑物、构筑物或者其他设施倒塌、塌陷造成他人损害的,由所有人、管理人、使用人或者第三人承担侵权责任。

ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ئىگىدار، باشقۇرغۇچى، ئىشلەتكۈچى ياكى 3-كىشى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئىگىدار، باشقۇرغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەر ياكى 3-كىشىنى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第一千二百五十三条 建筑物、构筑物或者其他设施及其搁置物、悬挂物发生脱落、坠落造成他人损害,所有人、管理人或者使用人不能证明自己没有过错的,应当承担侵权责任。所有人、管理人或者使用人赔偿后,有其他责任人的,有权向其他责任人追偿。

1253-ماددا ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئورناتمىلار، ئاسمىلار چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ياكى ئىشلەتكۈچى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ياكى ئىشلەتكۈچى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第一千二百五十四条 禁止从建筑物中抛掷物品。从建筑物中抛掷物品或者从建筑物上坠落的物品造成他人损害的,由侵权人依法承担侵权责任;经调查难以确定具体侵权人的,除能够证明自己不是侵权人的外,由可能加害的建筑物使用人给予补偿。可能加害的建筑物使用人补偿后,有权向侵权人追偿。

1254-ماددا ئىمارەتتىن نەرسە تاشلاش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىمارەتتىن تاشلانغان نەرسە ياكى چۈشۈپ كەتكەن نەرسە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرىدىن باشقا، زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم بېرىدۇ. زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

物业服务企业等建筑物管理人应当采取必要的安全保障措施防止前款规定情形的发生;未采取必要的安全保障措施的,应当依法承担未履行安全保障义务的侵权责任。

خوجىلىق كارخانىسى قاتارلىق ئىمارەت باشقۇرغۇچىلار زۆرۈر بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرى قوللىنىپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ زۆرۈر بىخەتەرلىك كاپالىتى تەدبىرى قوللانمىغانلار بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

发生本条第一款规定的情形的,公安等机关应当依法及时调查,查清责任人。

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئورگانلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، جاۋابكارنى تېپىشى كېرەك.

第一千二百五十五条 堆放物倒塌、滚落或者滑落造成他人损害,堆放人不能证明自己没有过错的,应当承担侵权责任。

1255-ماددا دۆۋىلىمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش، دومىلاپ چۈشۈش ياكى سىيرىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەندە، دۆۋىلىگۈچى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百五十六条 在公共道路上堆放、倾倒、遗撒妨碍通行的物品造成他人损害的,由行为人承担侵权责任。公共道路管理人不能证明已经尽到清理、防护、警示等义务的,应当承担相应的责任。

1256-ماددا ئاممىۋى يولغا مېڭىشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ، تۆكۈپ، چېچىپ قويۇپ باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، قىلمىشچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاممىۋى يول باشقۇرغۇچى ئادالاش، ئاسراش، ئاگاھ بېرىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百五十七条 因林木折断、倾倒或者果实坠落等造成他人损害,林木的所有人或者管理人不能证明自己没有过错的,应当承担侵权责任。

1257-ماددا دەل-دەرەخ سۇنۇپ كېتىش، ئۆرۈلۈپ كېتىش ياكى مېۋىسى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن باشقىلارغا زىيان يەتكەندە، دەل-دەرەخنىڭ ئىگىدارى ياكى باشقۇرغۇچىسى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

第一千二百五十八条 在公共场所或者道路上挖掘、修缮安装地下设施等造成他人损害,施工人不能证明已经设置明显标志和采取安全措施的,应当承担侵权责任。

1258-ماددا ئاممىۋى سورۇن ياكى يولدا يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى قېزىش، رېمونت قىلىش، ئورنىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەندە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئېنىق بەلگە قويغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

窨井等地下设施造成他人损害,管理人不能证明尽到管理职责的,应当承担侵权责任。

قۇدۇق قاتارلىق يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، باشقۇرغۇچى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

附  则

قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一千二百五十九条 民法所称的“以上”、“以下”、“以内”、“届满”,包括本数;所称的“不满”、“超过”、“以外”,不包括本数。

1259-ماددا ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئېيتىلغان «يۇقىرى»، «تۆۋەن»، «ئىچىدە»، «توشقان»مۇشۇ سانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ «توشمىغان»، «ئېشىپ كەتكەن»ۋە «باشقىلار»دېيىلگەنلەر شۇ ساننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

第一千二百六十条 本法自2021年1月1日起施行。《中华人民共和国婚姻法》、《中华人民共和国继承法》、《中华人民共和国民法通则》、《中华人民共和国收养法》、《中华人民共和国担保法》、《中华人民共和国合同法》、《中华人民共和国物权法》、《中华人民共和国侵权责任法》、《中华人民共和国民法总则》同时废止。

1260-ماددا بۇ قانۇن 2021-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆيلىنىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى»،