中华人民共和国禁毒法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى

(2007年12月29日第十届全国人民代表大会常务委员会第三十一次会议通过)

( 2007-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 禁毒宣传教育

2-باب زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسى

第三章 毒品管制

3-باب زەھەر تىزگىنلەش

第四章 戒毒措施

4-باب زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى

第五章 禁毒国际合作

5-باب زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقى

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了预防和惩治毒品违法犯罪行为,保护公民身心健康,维护社会秩序,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称毒品,是指鸦片、海洛因、甲基苯丙胺(冰毒)、吗啡、大麻、可卡因,以及国家规定管制的其他能够使人形成瘾癖的麻醉药品和精神药品。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زەھەر ئەپيۈن، خېروئىن، مېتىل فېنىلامىن ( مۇزسىمان زەھەر )، مورفىن، كەندىر، كوكائىن، شۇنىڭدەك دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، كىشىنى خۇمار قىلىدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.

根据医疗、教学、科研的需要,依法可以生产、经营、使用、储存、运输麻醉药品和精神药品。

داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا، ئىشلىتىشكە، ساقلاشقا، توشۇشقا بولىدۇ.

第三条 禁毒是全社会的共同责任。国家机关、社会团体、企业事业单位以及其他组织和公民,应当依照本法和有关法律的规定,履行禁毒职责或者义务。

3-ماددا زەھەر چەكلەش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە زەھەر چەكلەش مەسئۇلىيىتى ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

第四条 禁毒工作实行预防为主,综合治理,禁种、禁制、禁贩、禁吸并举的方针。

4-ماددا زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئۇرۇق تېرىشنى چەكلەش، زەھەر ئېلىپ سېتىشنى چەكلەش، زەھەر چېكىشنى تەڭ يولغا قويۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

禁毒工作实行政府统一领导,有关部门各负其责,社会广泛参与的工作机制。

زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ.

第五条 国务院设立国家禁毒委员会,负责组织、协调、指导全国的禁毒工作。

5-ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى قۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上地方各级人民政府根据禁毒工作的需要,可以设立禁毒委员会,负责组织、协调、指导本行政区域内的禁毒工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زەھەر چەكلەش كومىتېتى قۇرۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولسا بولىدۇ.

第六条 县级以上各级人民政府应当将禁毒工作纳入国民经济和社会发展规划,并将禁毒经费列入本级财政预算。

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە زەھەر چەكلەش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

第七条 国家鼓励对禁毒工作的社会捐赠,并依法给予税收优惠。

7-ماددا دۆلەت زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

第八条 国家鼓励开展禁毒科学技术研究,推广先进的缉毒技术、装备和戒毒方法。

8-ماددا دۆلەت زەھەر چەكلەش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، زەھەر چەكلەش ئىلغار تېخنىكىسى، جابدۇقلىرى ۋە زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىدۇ.

第九条 国家鼓励公民举报毒品违法犯罪行为。各级人民政府和有关部门应当对举报人予以保护,对举报有功人员以及在禁毒工作中有突出贡献的单位和个人,给予表彰和奖励。

9-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاش قىلغۇچىنى قوغدىشى، پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى، شۇنىڭدەك زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

第十条 国家鼓励志愿人员参与禁毒宣传教育和戒毒社会服务工作。地方各级人民政府应当对志愿人员进行指导、培训,并提供必要的工作条件。

10-ماددا دۆلەت پىدائىينى زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئىجتىمائىي مۇلازىمىتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىدائىيلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۇلارنى تەربىيەلىشى ھەمدە زۆرۈر خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

第二章 禁毒宣传教育

2-باب زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسى

第十一条 国家采取各种形式开展全民禁毒宣传教育,普及毒品预防知识,增强公民的禁毒意识,提高公民自觉抵制毒品的能力。

11-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلقنىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ قانات يايدۇرىدۇ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، پۇقرالارنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ، پۇقرالارنىڭ زەھەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

国家鼓励公民、组织开展公益性的禁毒宣传活动。

دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىدىكى زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

第十二条 各级人民政府应当经常组织开展多种形式的禁毒宣传教育。

12-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى دائىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

工会、共产主义青年团、妇女联合会应当结合各自工作对象的特点,组织开展禁毒宣传教育。

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئۆز خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第十三条 教育行政部门、学校应当将禁毒知识纳入教育、教学内容,对学生进行禁毒宣传教育。公安机关、司法行政部门和卫生行政部门应当予以协助。

13-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مەكتەپلەر زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تەربىيە، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى، ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ھەمكارلىشىشى كېرەك.

第十四条 新闻、出版、文化、广播、电影、电视等有关单位,应当有针对性地面向社会进行禁毒宣传教育。

14-ماددا ئاخبارات، نەشرىيات، مەدەنىيەت، رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار جەمئىيەتكە قاراتمىلىق ھالدا زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

第十五条 飞机场、火车站、长途汽车站、码头以及旅店、娱乐场所等公共场所的经营者、管理者,负责本场所的禁毒宣传教育,落实禁毒防范措施,预防毒品违法犯罪行为在本场所内发生。

15-ماددا ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، پىرىستان، شۇنىڭدەك مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇننىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى شۇ سورۇننىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىگە مەسئۇل بولىدۇ، زەھەر چەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ شۇ سورۇندا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

第十六条 国家机关、社会团体、企业事业单位以及其他组织,应当加强对本单位人员的禁毒宣传教育。

16-ماددا دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار شۇ ئورۇننىڭ خادىملىرىغا بولغان زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第十七条 居民委员会、村民委员会应当协助人民政府以及公安机关等部门,加强禁毒宣传教育,落实禁毒防范措施。

17-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، زەھەر چەكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

第十八条 未成年人的父母或者其他监护人应当对未成年人进行毒品危害的教育,防止其吸食、注射毒品或者进行其他毒品违法犯罪活动。

18-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەر خەۋپى تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ زەھەر چېكىشى، ئوكۇل سېلىشى ياكى باشقا زەھەر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第三章 毒品管制

3-باب زەھەر تىزگىنلەش

第十九条 国家对麻醉药品药用原植物种植实行管制。禁止非法种植罂粟、古柯植物、大麻植物以及国家规定管制的可以用于提炼加工毒品的其他原植物。禁止走私或者非法买卖、运输、携带、持有未经灭活的毒品原植物种子或者幼苗。

19-ماددا دۆلەت ناركوز دورىسى، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشنى باشقۇرىدۇ. ئەپيۈنگۈل، گۇكې ئۆسۈملۈكى، كەندىر ئۆسۈملۈكىنى، شۇنىڭدەك دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، زەھەر چەككىلەپ پىششىقلاشقا ئىشلەتسە بولىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان زەھەر ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۇرۇقى ياكى مايسىسىنى ئەتكەسچىلىك قىلىش ياكى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، ئىلكىدە تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

地方各级人民政府发现非法种植毒品原植物的,应当立即采取措施予以制止、铲除。村民委员会、居民委员会发现非法种植毒品原植物的,应当及时予以制止、铲除,并向当地公安机关报告。

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئەسلىي ئۆسۈملۈكىنى بايقىسا، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى، يوقىتىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرىدىن قانۇنسىز زەھەر ئەسلىي ئۆسۈملۈكى تېرىغانلىقىنى بايقىغانلىرىنى ۋاقتىدا توسۇشى، يوقىتىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

第二十条 国家确定的麻醉药品药用原植物种植企业,必须按照国家有关规定种植麻醉药品药用原植物。

20-ماددا دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورىسى قىلىنىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ناركوز دورىسى قىلىنىدىغان دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈشى شەرت.

国家确定的麻醉药品药用原植物种植企业的提取加工场所,以及国家设立的麻醉药品储存仓库,列为国家重点警戒目标。

دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورىلىرى دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىش كارخانىلىرىنىڭ ئېلىش-پىششىقلاش ئورنى ھەمدە دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىلىرىنى ساقلاش ئامبىرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاگاھلاندۇرۇش نىشانى قىلىنىدۇ.

未经许可,擅自进入国家确定的麻醉药品药用原植物种植企业的提取加工场所或者国家设立的麻醉药品储存仓库等警戒区域的,由警戒人员责令其立即离开;拒不离开的,强行带离现场。

ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورىسى، دورىلىق ئۆسۈملۈك تېرىش كارخانىلىرىنىڭ ئېلىش، پىششىقلاش ئورنى ياكى دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىلىرىنى ساقلاش ئامبىرى قاتارلىق مۇھاپىزەت رايونلىرىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەنلەرنى مۇھاپىزەت خادىملىرى دەرھال ئايرىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئايرىلىشنى رەت قىلغانلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىش كېرەك.

第二十一条 国家对麻醉药品和精神药品实行管制,对麻醉药品和精神药品的实验研究、生产、经营、使用、储存、运输实行许可和查验制度。

21-ماددا دۆلەت ناركوز دورىسى ۋە روھىي دورىلارنى تىزگىنلەيدۇ، ناركوز دورىسى ۋە مەنىۋى دورىلارنى تەجرىبە قىلىپ تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇشتا ئىجازەت بېرىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

国家对易制毒化学品的生产、经营、购买、运输实行许可制度。

دۆلەت ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، سېتىۋېلىش، توشۇشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

禁止非法生产、买卖、运输、储存、提供、持有、使用麻醉药品、精神药品和易制毒化学品。

ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، ئېلىش-سېتىش، توشۇش، ساقلاش، تەمىنلەش، ئىلكىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第二十二条 国家对麻醉药品、精神药品和易制毒化学品的进口、出口实行许可制度。国务院有关部门应当按照规定的职责,对进口、出口麻醉药品、精神药品和易制毒化学品依法进行管理。禁止走私麻醉药品、精神药品和易制毒化学品。

22-ماددا دۆلەت ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە زەھەر ياساش ئاسان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىش-ئېكسپورت قىلىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىدىغان ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى كېرەك. ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第二十三条 发生麻醉药品、精神药品和易制毒化学品被盗、被抢、丢失或者其他流入非法渠道的情形,案发单位应当立即采取必要的控制措施,并立即向公安机关报告,同时依照规定向有关主管部门报告。

23-ماددا ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە زەھەرلىك بۇيۇم ئوغرىلىنىش، بۇلىنىش، يوقاپ كېتىش ياكى باشقا قانۇنسىز يولغا كىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، دېلو يۈزبەرگەن ئورۇن دەرھال زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال دوكلات قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.

公安机关接到报告后,或者有证据证明麻醉药品、精神药品和易制毒化学品可能流入非法渠道的,应当及时开展调查,并可以对相关单位采取必要的控制措施。药品监督管理部门、卫生行政部门以及其他有关部门应当配合公安机关开展工作。

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ياكى ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ قانۇنسىز يوللارغا كىرىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

第二十四条 禁止非法传授麻醉药品、精神药品和易制毒化学品的制造方法。公安机关接到举报或者发现非法传授麻醉药品、精神药品和易制毒化学品制造方法的,应当及时依法查处。

24-ماددا ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە زەھەر ياساش خىمىيەلىك بۇيۇمىنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە زەھەر ياساش ئاسان خىمىيەلىك بۇيۇمىنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگەتكەنلىرىنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

第二十五条 麻醉药品、精神药品和易制毒化学品管理的具体办法,由国务院规定。

25-ماددا ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第二十六条 公安机关根据查缉毒品的需要,可以在边境地区、交通要道、口岸以及飞机场、火车站、长途汽车站、码头对来往人员、物品、货物以及交通工具进行毒品和易制毒化学品检查,民航、铁路、交通部门应当予以配合。

26-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەرنى تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چېگرا رايون، قاتناش مۇھىم يولى، پورت، شۇنىڭدەك ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، پىرىستاندا كېلىپ-كېتىۋاتقانلار، نەرسە-كېرەكلەر، ماللار شۇنىڭدەك قاتناش قوراللىرىدىكى زەھەرنى ۋە زەھەر ياساش ئاسان خىمىيەۋى بۇيۇملىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول، قاتناش تارمىقى ماسلىشىشى كېرەك.

海关应当依法加强对进出口岸的人员、物品、货物和运输工具的检查,防止走私毒品和易制毒化学品。

تاموژنا پورتقا كىرىدىغان-چىقىدىغان ئادەم، بۇيۇم، مال ۋە توشۇش قوراللىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكىنىڭ ۋە ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

邮政企业应当依法加强对邮件的检查,防止邮寄毒品和非法邮寄易制毒化学品。

پوچتا كارخانىلىرى پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى، زەھەرنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ۋە زەھەر ياساش خىمىيەلىك بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز پوچتىدىن ئەۋەتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

第二十七条 娱乐场所应当建立巡查制度,发现娱乐场所内有毒品违法犯罪活动的,应当立即向公安机关报告。

27-ماددا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىشى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

第二十八条 对依法查获的毒品,吸食、注射毒品的用具,毒品违法犯罪的非法所得及其收益,以及直接用于实施毒品违法犯罪行为的本人所有的工具、设备、资金,应当收缴,依照规定处理。

28-ماددا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن زەھەر، زەھەر چېكىدىغان، ئوكۇل قىلىدىغان قورال، زەھەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىدىكى قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىسى، شۇنىڭدەك زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلىشقا بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغان شۇ كىشىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى قورال، ئۈسكۈنە، مەبلەغنى يىغىۋېلىش، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

第二十九条 反洗钱行政主管部门应当依法加强对可疑毒品犯罪资金的监测。反洗钱行政主管部门和其他依法负有反洗钱监督管理职责的部门、机构发现涉嫌毒品犯罪的资金流动情况,应当及时向侦查机关报告,并配合侦查机关做好侦查、调查工作。

29-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گۇمانلىق زەھەر جىنايەت مەبلىغىنى كۆزىتىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە قانۇن بويىچە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار، ئاپپاراتلار زەھەر جىنايىتىگە چېتىشلىق مەبلەغنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى بايقىغاندا، تەھقىقلەش ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەھقىقلەش ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

第三十条 国家建立健全毒品监测和禁毒信息系统,开展毒品监测和禁毒信息的收集、分析、使用、交流工作。

30-ماددا دۆلەت زەھەرنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە زەھەر چەكلەش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەرنى كۆزىتىش ۋە زەھەر چەكلەش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تەھلىل قىلىش، ئىشلىتىش، ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

第四章 戒毒措施

4-باب زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى

第三十一条 国家采取各种措施帮助吸毒人员戒除毒瘾,教育和挽救吸毒人员。

31-ماددا دۆلەت تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەر خۇمارىنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، زەھەر چەككۈچىلەرگە تەربىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

吸毒成瘾人员应当进行戒毒治疗。

زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالغانلار زەھەر تاشلاپ داۋالىنىشى كېرەك.

吸毒成瘾的认定办法,由国务院卫生行政部门、药品监督管理部门、公安部门规定。

زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قېلىشنى بېكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

第三十二条 公安机关可以对涉嫌吸毒的人员进行必要的检测,被检测人员应当予以配合;对拒绝接受检测的,经县级以上人民政府公安机关或者其派出机构负责人批准,可以强制检测。

32-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەر چېكىشكە چېتىلغانلارنى زۆرۈر تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈلگۈچى خادىملار ماسلىشىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن مەجبۇرىي تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

公安机关应当对吸毒人员进行登记。

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەر چەككۈچىلەرنى تىزىملىتىشى كېرەك.

第三十三条 对吸毒成瘾人员,公安机关可以责令其接受社区戒毒,同时通知吸毒人员户籍所在地或者现居住地的城市街道办事处、乡镇人民政府。社区戒毒的期限为三年。

33-ماددا زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەھەللىدە زەھەر تاشلاشقا بۇيرۇسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەر چەككۈچىلەرگە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

戒毒人员应当在户籍所在地接受社区戒毒;在户籍所在地以外的现居住地有固定住所的,可以在现居住地接受社区戒毒。

زەھەر تاشلىغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىشى كېرەك؛ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايىدا مۇقىم تۇرالغۇسى بولسا، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايىدا مەھەللىدە زەھەر تاشلىسا بولىدۇ.

第三十四条 城市街道办事处、乡镇人民政府负责社区戒毒工作。城市街道办事处、乡镇人民政府可以指定有关基层组织,根据戒毒人员本人和家庭情况,与戒毒人员签订社区戒毒协议,落实有针对性的社区戒毒措施。公安机关和司法行政、卫生行政、民政等部门应当对社区戒毒工作提供指导和协助。

34-ماددا شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى بەلگىلەپ، زەھەر تاشلىغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ، زەھەر تاشلىغۇچى بىلەن مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، قاراتمىلىقى بولغان مەھەللىدە زەھەر تاشلاندۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، سەھىيە مەمۇرىيىتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

城市街道办事处、乡镇人民政府,以及县级人民政府劳动行政部门对无职业且缺乏就业能力的戒毒人员,应当提供必要的职业技能培训、就业指导和就业援助。

شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى كەسپى يوق ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى يېتەرسىز زەھەر تاشلىغۇچىلارنى زۆرۈر كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

第三十五条 接受社区戒毒的戒毒人员应当遵守法律、法规,自觉履行社区戒毒协议,并根据公安机关的要求,定期接受检测。

35-ماددا مەھەللىدە زەھەر تاشلاتقۇزغۇچى زەھەر تاشلىغۇچىلار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش كېلىشىمىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەلىپى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرتۈشى كېرەك.

对违反社区戒毒协议的戒毒人员,参与社区戒毒的工作人员应当进行批评、教育;对严重违反社区戒毒协议或者在社区戒毒期间又吸食、注射毒品的,应当及时向公安机关报告。

مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان زەھەر تاشلىغۇچىلارغا مەھەللىدە زەھەر تاشلاشقا قاتناشقان خادىملار تەنقىد، تەربىيە بېرىشى كېرەك؛ مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش كېلىشىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ياكى مەھەللىدە زەھەر تاشلاۋاتقان مەزگىلدە يەنە زەھەر چەككەن، زەھەر سالغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.

第三十六条 吸毒人员可以自行到具有戒毒治疗资质的医疗机构接受戒毒治疗。

36-ماددا زەھەر چەككۈچىلەر زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش سالاھىيىتىگە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۆزى بېرىپ زەھەر تاشلىتىپ داۋالانسا بولىدۇ.

设置戒毒医疗机构或者医疗机构从事戒毒治疗业务的,应当符合国务院卫生行政部门规定的条件,报所在地的省、自治区、直辖市人民政府卫生行政部门批准,并报同级公安机关备案。戒毒治疗应当遵守国务院卫生行政部门制定的戒毒治疗规范,接受卫生行政部门的监督检查。

زەھەر تاشلاتقۇزۇپ داۋالاش ئاپپاراتى ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. زەھەر تاشلىتىپ داۋالاشتا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزگەن زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

戒毒治疗不得以营利为目的。戒毒治疗的药品、医疗器械和治疗方法不得做广告。戒毒治疗收取费用的,应当按照省、自治区、直辖市人民政府价格主管部门会同卫生行政部门制定的收费标准执行。

زەھەر تاشلىتىپ داۋالاشتا پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىشقا بولمايدۇ. زەھەر تاشلىتىپ داۋالايدىغان دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. زەھەر تاشلىتىپ داۋالاشقا ھەق ئېلىشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ھەق ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

第三十七条 医疗机构根据戒毒治疗的需要,可以对接受戒毒治疗的戒毒人员进行身体和所携带物品的检查;对在治疗期间有人身危险的,可以采取必要的临时保护性约束措施。

37-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى زەھەر تاشلاپ داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زەھەر تاشلاپ داۋالانغان زەھەر تاشلىغۇچىنىڭ بەدىنىنى ۋە ئېلىپ يۈرگەن بۇيۇملىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ داۋالىنىش مەزگىلىدە جىسمانىي خەۋپ-خەتەر كۆرۈلگەنلەرگە زۆرۈر ۋاقىتلىق قوغداش خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا بولىدۇ.

发现接受戒毒治疗的戒毒人员在治疗期间吸食、注射毒品的,医疗机构应当及时向公安机关报告。

زەھەر تاشلاپ داۋالانغان زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ داۋالاش مەزگىلىدە زەھەر چەككەنلىكى، زەھەر سالغانلىقىنى بايقىغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

第三十八条 吸毒成瘾人员有下列情形之一的,由县级以上人民政府公安机关作出强制隔离戒毒的决定:

38-ماددا زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالغانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارارى چىقىرىدۇ :

(一)拒绝接受社区戒毒的;

( 1 ) مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىشنى رەت قىلغانلار؛

(二)在社区戒毒期间吸食、注射毒品的;

( 2 ) مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش مەزگىلىدە زەھەر چەككەن، زەھەر سالغانلار؛

(三)严重违反社区戒毒协议的;

( 3 ) مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش كېلىشىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلار؛

(四)经社区戒毒、强制隔离戒毒后再次吸食、注射毒品的。

( 4 ) مەھەللىدە زەھەر تاشلىغان، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغاندىن كېيىن يەنە زەھەر چەككەن، ئوكۇل قىلىپ سالغانلار.

对于吸毒成瘾严重,通过社区戒毒难以戒除毒瘾的人员,公安机关可以直接作出强制隔离戒毒的决定。

زەھەرگە ئېغىر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قالغان، مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش ئارقىلىق زەھەر خۇمارىنى تاشلىغىلى بولمايدىغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارارى چىقارسا بولىدۇ.

吸毒成瘾人员自愿接受强制隔离戒毒的,经公安机关同意,可以进入强制隔离戒毒场所戒毒。

زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالغانلار مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاش ئورنىغا كىرىپ زەھەر تاشلىسا بولىدۇ.

第三十九条 怀孕或者正在哺乳自己不满一周岁婴儿的妇女吸毒成瘾的,不适用强制隔离戒毒。不满十六周岁的未成年人吸毒成瘾的,可以不适用强制隔离戒毒。

39-ماددا ھامىلىدار بولغان ياكى بىر ياشقا توشمىغان بوۋىقىنى ئېمىتىۋاتقان ئاياللار زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالسا، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىشقا بولمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالسا، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش تەتبىقلانمىسا بولىدۇ.

对依照前款规定不适用强制隔离戒毒的吸毒成瘾人员,依照本法规定进行社区戒毒,由负责社区戒毒工作的城市街道办事处、乡镇人民政府加强帮助、教育和监督,督促落实社区戒毒措施。

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش تەتبىقلانمايدىغان زەھەر چېكىپ خۇمار بولۇپ قالغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىدۇ، مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياردەم، تەربىيە بېرىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، مەھەللىدە زەھەر تاشلاش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

第四十条 公安机关对吸毒成瘾人员决定予以强制隔离戒毒的,应当制作强制隔离戒毒决定书,在执行强制隔离戒毒前送达被决定人,并在送达后二十四小时以内通知被决定人的家属、所在单位和户籍所在地公安派出所;被决定人不讲真实姓名、住址,身份不明的,公安机关应当自查清其身份后通知。

40-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارغا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاشنى قارار قىلسا، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاش قارارنامىسى تۈزۈشى، مەجبۇرىي ئايرىپ تاماكا تاشلاشنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن قارار قىلىنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە قارار قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ قارار قىلىنغۇچى ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسىنى ئېيتمىغان، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

被决定人对公安机关作出的强制隔离戒毒决定不服的,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。

قارار قىلىنغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چىقارغان مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第四十一条 对被决定予以强制隔离戒毒的人员,由作出决定的公安机关送强制隔离戒毒场所执行。

41-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارار قىلىنغان كىشىلەرنى قارار چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاش ئورنىغا ئاپىرىپ ئىجرا قىلدۇرىدۇ.

强制隔离戒毒场所的设置、管理体制和经费保障,由国务院规定。

مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنى قۇرۇش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە خىراجەت كاپالىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第四十二条 戒毒人员进入强制隔离戒毒场所戒毒时,应当接受对其身体和所携带物品的检查。

42-ماددا زەھەر تاشلىغۇچىلار مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنىغا كىرىپ زەھەر تاشلىغاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنى ۋە ئېلىپ يۈرگەن بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

第四十三条 强制隔离戒毒场所应当根据戒毒人员吸食、注射毒品的种类及成瘾程度等,对戒毒人员进行有针对性的生理、心理治疗和身体康复训练。

43-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش سورۇنلىرى زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ چەككەن، ئوكۇل قىلغان زەھىرىنىڭ تۈرى ۋە خۇمار بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، زەھەر تاشلىغۇچىلارغا قارىتا قاراتمىلىق ھالدا فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە جىسمانىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

根据戒毒的需要,强制隔离戒毒场所可以组织戒毒人员参加必要的生产劳动,对戒毒人员进行职业技能培训。组织戒毒人员参加生产劳动的,应当支付劳动报酬。

زەھەر تاشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنى زەھەر تاشلىغۇچىلارنى زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىسە، زەھەر تاشلىغۇچىلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىسە بولىدۇ. زەھەر تاشلىغۇچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەنلەر ئەمگەك ھەققى بېرىشى كېرەك.

第四十四条 强制隔离戒毒场所应当根据戒毒人员的性别、年龄、患病等情况,对戒毒人员实行分别管理。

44-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرى زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ جىنسى، يېشى، كېسىلى قاتارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن، زەھەر تاشلىغۇچىلارنى ئايرىم-ئايرىم باشقۇرۇشى كېرەك.

强制隔离戒毒场所对有严重残疾或者疾病的戒毒人员,应当给予必要的看护和治疗;对患有传染病的戒毒人员,应当依法采取必要的隔离、治疗措施;对可能发生自伤、自残等情形的戒毒人员,可以采取相应的保护性约束措施。

مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورۇنلىرى ئېغىر مېيىپ ياكى كېسىلى بار زەھەر تاشلىغۇچىلارغا زۆرۈر قارىشى ۋە ئۇلارنى داۋالىشى كېرەك؛ يۇقۇملۇق كېسىلى بار زەھەر تاشلىغۇچىلارغا قانۇن بويىچە زۆرۈر ئايرىش، داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك؛ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش، ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان زەھەر تاشلىغۇچىلارغا مۇناسىپ قوغداش خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

强制隔离戒毒场所管理人员不得体罚、虐待或者侮辱戒毒人员。

مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنىنى باشقۇرغۇچى زەھەر تاشلىغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرسە، ئۇلارنى خورلىسا ياكى ھاقارەت قىلسا بولمايدۇ.

第四十五条 强制隔离戒毒场所应当根据戒毒治疗的需要配备执业医师。强制隔离戒毒场所的执业医师具有麻醉药品和精神药品处方权的,可以按照有关技术规范对戒毒人员使用麻醉药品、精神药品。

45-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش سورۇنلىرىغا زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش ئېھتىياجىغا قاراپ كەسپىي دوختۇر قويۇش كېرەك. مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنلىرىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋىراچلاردىن ناركوز دورىسى ۋە روھىي دورا رېتسېپى يېزىش ھوقۇقى بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا قائىدىسى بويىچە زەھەر تاشلىغۇچىلارغا ناركوز دورىسى، روھىي دورا ئىشلەتسە بولىدۇ.

卫生行政部门应当加强对强制隔离戒毒场所执业医师的业务指导和监督管理。

سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنىدىكى كەسپىي ۋىراچلارغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第四十六条 戒毒人员的亲属和所在单位或者就读学校的工作人员,可以按照有关规定探访戒毒人员。戒毒人员经强制隔离戒毒场所批准,可以外出探视配偶、直系亲属。

46-ماددا زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئىشلەۋاتقان ئورنى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپىدىكى خادىملار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە زەھەر تاشلىغۇچىلارنى يوقلىسا بولىدۇ. زەھەر تاشلىغۇچىلار مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ جورىسى، بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنى يوقلىسا بولىدۇ.

强制隔离戒毒场所管理人员应当对强制隔离戒毒场所以外的人员交给戒毒人员的物品和邮件进行检查,防止夹带毒品。在检查邮件时,应当依法保护戒毒人员的通信自由和通信秘密。

مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنىنى باشقۇرغۇچى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىدۇرۇش سورۇنىدىن باشقا كىشىلەر زەھەر تاشلىغۇچىغا بەرگەن بۇيۇم ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى تەكشۈرۈشى، زەھەرنىڭ ئارىسىغا سېلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرگەندە، زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

第四十七条 强制隔离戒毒的期限为二年。

47-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش مۇددىتى 2 يىل بولىدۇ.

执行强制隔离戒毒一年后,经诊断评估,对于戒毒情况良好的戒毒人员,强制隔离戒毒场所可以提出提前解除强制隔离戒毒的意见,报强制隔离戒毒的决定机关批准。

مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئىجرا قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، دىياگنوز قويۇلۇپ باھالاش ئارقىلىق، زەھەر تاشلىتىش ئەھۋالى ياخشى بولغان زەھەر تاشلىغۇچىلارغا قارىتا، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاش ئورنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، مەجبۇرىي ئايرىپ تاماكا تاشلىتىشنى قارار قىلغۇچى ئورگانغا تەستىقلاتسا بولىدۇ.

强制隔离戒毒期满前,经诊断评估,对于需要延长戒毒期限的戒毒人员,由强制隔离戒毒场所提出延长戒毒期限的意见,报强制隔离戒毒的决定机关批准。强制隔离戒毒的期限最长可以延长一年。

مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، دىياگنوز قويۇپ باھالاش ئارقىلىق، زەھەر تاشلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا تېگىشلىك زەھەر تاشلىغۇچىلارغا قارىتا، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاش ئورنى زەھەر تاشلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەجبۇرىي ئايرىپ تاماكا تاشلاشنى قارار قىلغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ. مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش مۆھلىتىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

第四十八条 对于被解除强制隔离戒毒的人员,强制隔离戒毒的决定机关可以责令其接受不超过三年的社区康复。

48-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش بىكار قىلىنغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىشنى قارار قىلغۇچى ئورگان ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن مەھەللىدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

社区康复参照本法关于社区戒毒的规定实施。

مەھەللىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇشۇ قانۇندىكى مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.

第四十九条 县级以上地方各级人民政府根据戒毒工作的需要,可以开办戒毒康复场所;对社会力量依法开办的公益性戒毒康复场所应当给予扶持,提供必要的便利和帮助。

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سورۇنى قۇرسا بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي كۈچلەر قانۇن بويىچە ئاچقان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سورۇنلىرىغا يار-يۆلەك بولۇش، زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك.

戒毒人员可以自愿在戒毒康复场所生活、劳动。戒毒康复场所组织戒毒人员参加生产劳动的,应当参照国家劳动用工制度的规定支付劳动报酬。

زەھەر تاشلىغۇچىلار زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسە، ئەمگەك قىلسا بولىدۇ. زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سورۇنلىرى زەھەر تاشلىغۇچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەندە، دۆلەتنىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەك ھەققى بېرىشى كېرەك.

第五十条 公安机关、司法行政部门对被依法拘留、逮捕、收监执行刑罚以及被依法采取强制性教育措施的吸毒人员,应当给予必要的戒毒治疗。

50-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، قولغا ئېلىنغان، تۈرمىگە ئېلىنىپ جىنايى جازا ئىجرا قىلىنغان، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەربىيەسى تەدبىرى قوللىنىلغان زەھەر چەككۈچىلەرگە زۆرۈر زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش بېرىشى كېرەك.

第五十一条 省、自治区、直辖市人民政府卫生行政部门会同公安机关、药品监督管理部门依照国家有关规定,根据巩固戒毒成果的需要和本行政区域艾滋病流行情况,可以组织开展戒毒药物维持治疗工作。

51-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، زەھەر تاشلىتىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ئېھتىياجىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايوندا ئەيدىز كېسىلى تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، زەھەر تاشلاتقۇزۇش دورىسىنى قامداپ داۋالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第五十二条 戒毒人员在入学、就业、享受社会保障等方面不受歧视。有关部门、组织和人员应当在入学、就业、享受社会保障等方面对戒毒人员给予必要的指导和帮助。

52-ماددا زەھەر تاشلىغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمسىتىلمەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملار مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زەھەر تاشلىغۇچىلارغا زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

第五章 禁毒国际合作

5-باب زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقى

第五十三条 中华人民共和国根据缔结或者参加的国际条约或者按照对等原则,开展禁毒国际合作。

53-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ياكى باراۋەر پىرىنسىپ بويىچە، زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ.

第五十四条 国家禁毒委员会根据国务院授权,负责组织开展禁毒国际合作,履行国际禁毒公约义务。

54-ماددا دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى گوۋۇيۈەن بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا زەھەر چەكلەش ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

第五十五条 涉及追究毒品犯罪的司法协助,由司法机关依照有关法律的规定办理。

55-ماددا زەھەر جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چېتىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ.

第五十六条 国务院有关部门应当按照各自职责,加强与有关国家或者地区执法机关以及国际组织的禁毒情报信息交流,依法开展禁毒执法合作。

56-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ياكى رايونلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار، شۇنىڭدەك خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن زەھەر چەكلەش ئاخبارات ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

经国务院公安部门批准,边境地区县级以上人民政府公安机关可以与有关国家或者地区的执法机关开展执法合作。

گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، چېگرا رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگىنى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

第五十七条 通过禁毒国际合作破获毒品犯罪案件的,中华人民共和国政府可以与有关国家分享查获的非法所得、由非法所得获得的收益以及供毒品犯罪使用的财物或者财物变卖所得的款项。

57-ماددا زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقى ئارقىلىق زەھەر جىنايىتى دېلوسىنى پاش قىلىشتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ قولغا چۈشۈرگەن قانۇنسىز تاپاۋەت، قانۇنسىز تاپاۋەت قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋەت، شۇنىڭدەك زەھەر جىنايىتىگە ئىشلەتكەن پۇل-مال ياكى مال-مۈلۈكنى سېتىۋېتىپ ئېرىشكەن پۇلدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

第五十八条 国务院有关部门根据国务院授权,可以通过对外援助等渠道,支持有关国家实施毒品原植物替代种植、发展替代产业。

58-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئاساسەن، تاشقى ياردەم بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ زەھەر ئەسلىي ئۆسۈملۈكىنى ئورنىغا قويۇپ تېرىش، سەپلىمە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەرسە بولىدۇ.

第六章 法律责任

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第五十九条 有下列行为之一,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依法给予治安管理处罚:

59-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ :

(一)走私、贩卖、运输、制造毒品的;

( 1 ) زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ-ساتقان، توشۇغان، ياسىغانلار؛

(二)非法持有毒品的;

( 2 ) زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقانلار؛

(三)非法种植毒品原植物的;

( 3 ) زەھەر ئەسلىي ئۆسۈملۈكىنى قانۇنسىز تېرىغانلار؛

(四)非法买卖、运输、携带、持有未经灭活的毒品原植物种子或者幼苗的;

( 4 ) ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ياكى مايسىسىنى قانۇنسىز ئېلىپ-ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن، ئىلكىدە تۇتقانلار؛

(五)非法传授麻醉药品、精神药品或者易制毒化学品制造方法的;

( 5 ) ناركوز دورىسى، روھىي دورا ياكى زەھەر ياساش خىمىيەلىك بۇيۇمىنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگەتكەنلەر؛

(六)强迫、引诱、教唆、欺骗他人吸食、注射毒品的;

( 6 ) باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە، زەھەر سېلىشقا مەجبۇرلىغان، ئازدۇرغان، كۈشكۈرتكەن، ئالدىغانلار؛

(七)向他人提供毒品的。

( 7 ) باشقىلارغا زەھەر بەرگەنلەر.

第六十条 有下列行为之一,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依法给予治安管理处罚:

60-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ :

(一)包庇走私、贩卖、运输、制造毒品的犯罪分子,以及为犯罪分子窝藏、转移、隐瞒毒品或者犯罪所得财物的;

( 1 ) ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ-ساتقان، توشۇغان، زەھەر ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، شۇنىڭدەك جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئۈچۈن زەھەر ياكى جىنايەتتىن ئېرىشكەن پۇل-مالنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، يوشۇرغانلار؛

(二)在公安机关查处毒品违法犯罪活动时为违法犯罪行为人通风报信的;

( 2 ) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشچىغا خەۋەر يەتكۈزگەنلەر؛

(三)阻碍依法进行毒品检查的;

( 3 ) قانۇن بويىچە زەھەر تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(四)隐藏、转移、变卖或者损毁司法机关、行政执法机关依法扣押、查封、冻结的涉及毒品违法犯罪活动的财物的。

( 4 ) ئەدلىيە ئورگىنى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان، پېچەتلىگەن، توڭلىتىۋەتكەن زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتكە چېتىلىدىغان پۇل-ماللىرىنى يوشۇرۇۋالغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەنلەر.

第六十一条 容留他人吸食、注射毒品或者介绍买卖毒品,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,由公安机关处十日以上十五日以下拘留,可以并处三千元以下罚款;情节较轻的,处五日以下拘留或者五百元以下罚款。

61-ماددا باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشى، زەھەر سېلىشى ياكى زەھەر ئېلىپ-سېتىشىنى تونۇشتۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第六十二条 吸食、注射毒品的,依法给予治安管理处罚。吸毒人员主动到公安机关登记或者到有资质的医疗机构接受戒毒治疗的,不予处罚。

62-ماددا زەھەر چەككەنلەرگە، زەھەر سالغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن گۇڭئەن ئورگىنىغا بېرىپ تىزىملاتقان ياكى سالاھىيىتى بار داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ زەھەر تاشلاپ داۋالانغان بولسا، جازا بېرىلمەيدۇ.

第六十三条 在麻醉药品、精神药品的实验研究、生产、经营、使用、储存、运输、进口、出口以及麻醉药品药用原植物种植活动中,违反国家规定,致使麻醉药品、精神药品或者麻醉药品药用原植物流入非法渠道,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依照有关法律、行政法规的规定给予处罚。

63-ماددا ناركوز دورىسى، روھىي دورىلارنى تەجرىبە قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇش، ئىمپورت قىلىش، ئېكسپورت قىلىش، شۇنىڭدەك ناركوز دورىسىغا ئىشلىتىلىدىغان دورا ئەسلىي ئۆسۈملۈكىنى ئۆستۈرۈش پائالىيىتىدە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورىسى، مەنىۋى دورا ياكى ناركوز دورىسىنىڭ دورا ئەسلىي ئۆسۈملىرىنى قانۇنسىز يولغا سېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

第六十四条 在易制毒化学品的生产、经营、购买、运输或者进口、出口活动中,违反国家规定,致使易制毒化学品流入非法渠道,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依照有关法律、行政法规的规定给予处罚。

64-ماددا زەھەر ياساش ئاسان خىمىيەۋى بۇيۇمنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، سېتىۋېلىش، توشۇش ياكى ئىمپورت قىلىش، ئېكسپورت قىلىش پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەر ياساش ئاسان خىمىيەلىك بۇيۇمنىڭ قانۇنسىز يولغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

第六十五条 娱乐场所及其从业人员实施毒品违法犯罪行为,或者为进入娱乐场所的人员实施毒品违法犯罪行为提供条件,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依照有关法律、行政法规的规定给予处罚。

65-ماددا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلىرى ياكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا كىرگەنلەرنىڭ زەھەرگە دائىر قانۇنسىز جىنايى قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

娱乐场所经营管理人员明知场所内发生聚众吸食、注射毒品或者贩毒活动,不向公安机关报告的,依照前款的规定给予处罚。

كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى خادىملار سورۇندا توپلىشىپ زەھەر چېكىش، زەھەر سېلىش ياكى زەھەر سېتىش ھەرىكىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

第六十六条 未经批准,擅自从事戒毒治疗业务的,由卫生行政部门责令停止违法业务活动,没收违法所得和使用的药品、医疗器械等物品;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

66-ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە ئىشلەتكەن دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第六十七条 戒毒医疗机构发现接受戒毒治疗的戒毒人员在治疗期间吸食、注射毒品,不向公安机关报告的,由卫生行政部门责令改正;情节严重的,责令停业整顿。

67-ماددا زەھەر تاشلاتقۇزۇش داۋالاش ئاپپاراتى زەھەر تاشلاپ داۋالانغان زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ داۋالاش مەزگىلىدە زەھەر چەككەنلىكى، زەھەر سالغانلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

第六十八条 强制隔离戒毒场所、医疗机构、医师违反规定使用麻醉药品、精神药品,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依照有关法律、行政法规的规定给予处罚。

68-ماددا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنى، داۋالاش ئاپپاراتى، دوختۇرلاردىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ناركوز دورىسى، روھىي دورا ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

第六十九条 公安机关、司法行政部门或者其他有关主管部门的工作人员在禁毒工作中有下列行为之一,构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依法给予处分:

69-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)包庇、纵容毒品违法犯罪人员的;

( 1 ) زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇلارغا يول قويغانلار؛

(二)对戒毒人员有体罚、虐待、侮辱等行为的;

( 2 ) زەھەر تاشلىغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش، خورلاش، ھاقارەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار؛

(三)挪用、截留、克扣禁毒经费的;

( 3 ) زەھەر چەكلەش خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، تۇتۇپ قالغانلار؛

(四)擅自处分查获的毒品和扣押、查封、冻结的涉及毒品违法犯罪活动的财物的。

( 4 ) تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن زەھەر ۋە تۇتۇپ قېلىنغان، پېچەتلەنگەن، توڭلىتىلغان زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتكە چېتىلىدىغان پۇل-ماللارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلار.

第七十条 有关单位及其工作人员在入学、就业、享受社会保障等方面歧视戒毒人员的,由教育行政部门、劳动行政部门责令改正;给当事人造成损失的,依法承担赔偿责任。

70-ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زەھەر تاشلىغانلارنى كەمسىتكەنلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第七章 附则

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第七十一条 本法自2008年6月1日起施行。《全国人民代表大会常务委员会关于禁毒的决定》同时废止。

71-ماددا بۇ قانۇن 2008-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەر چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.