中华人民共和国立法法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى

(2000年3月15日第九届全国人民代表大会第三次会议通过 根据2015年3月15日第十二届全国人民代表大会第三次会议《关于修改<中华人民共和国立法法>的决定》修正)

( 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2015-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 法律

2-باب قانۇنلار

第一节 立法权限

1-پاراگراف قانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى

第二节 全国人民代表大会立法程序

2-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى

第三节 全国人民代表大会常务委员会立法程序

3-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى

第四节 法律解释

4-پاراگراف قانۇن ئىزاھاتى

第五节 其他规定

5-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر

第三章 行政法规

3-باب مەمۇرىي نىزام

第四章 地方性法规、自治条例和单行条例、规章

4-باب يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەر

第一节 地方性法规、自治条例和单行条例

1-پاراگراف يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام

第二节 规章

2-پاراگراف قائىدە

第五章 适用与备案审查

5-باب تەتبىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了规范立法活动,健全国家立法制度,提高立法质量,完善中国特色社会主义法律体系,发挥立法的引领和推动作用,保障和发展社会主义民主,全面推进依法治国,建设社会主义法治国家,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 法律、行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例的制定、修改和废止,适用本法。

2-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

国务院部门规章和地方政府规章的制定、修改和废止,依照本法的有关规定执行。

گوۋۇيۈەننىڭ تارماق قائىدىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第三条 立法应当遵循宪法的基本原则,以经济建设为中心,坚持社会主义道路、坚持人民民主专政、坚持中国共产党的领导、坚持马克思列宁主义毛泽东思想邓小平理论,坚持改革开放。

3-ماددا قانۇن چىقىرىشتا ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

第四条 立法应当依照法定的权限和程序,从国家整体利益出发,维护社会主义法制的统一和尊严。

4-ماددا قانۇن چىقىرىشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش كېرەك.

第五条 立法应当体现人民的意志,发扬社会主义民主,坚持立法公开,保障人民通过多种途径参与立法活动。

5-ماددا نىزام چىقىرىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، نىزام چىقىرىشتا ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نىزام چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

第六条 立法应当从实际出发,适应经济社会发展和全面深化改革的要求,科学合理地规定公民、法人和其他组织的权利与义务、国家机关的权力与责任。

6-ماددا قانۇن چىقىرىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە لايىقلىشىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بەلگىلەش كېرەك.

法律规范应当明确、具体,具有针对性和可执行性。

قانۇن-قائىدىلەر ئېنىق، كونكرېت بولۇشى، قاراتمىلىققا ۋە ئىجرا قىلىشچانلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.

第二章 法律

2-باب قانۇنلار

第一节 立法权限

1-پاراگراف قانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى

第七条 全国人民代表大会和全国人民代表大会常务委员会行使国家立法权。

7-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

全国人民代表大会制定和修改刑事、民事、国家机构的和其他的基本法律。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى، دۆلەت ئاپپاراتى ۋە باشقا ئاساسىي قانۇنلارنى چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.

全国人民代表大会常务委员会制定和修改除应当由全国人民代表大会制定的法律以外的其他法律;在全国人民代表大会闭会期间,对全国人民代表大会制定的法律进行部分补充和修改,但是不得同该法律的基本原则相抵触。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقىرىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇنلار قىسمەن تولۇقلىنىدۇ ۋە تۈزىتىلىدۇ، لېكىن شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا زىت كەلسە بولمايدۇ.

第八条 下列事项只能制定法律:

8-ماددا تۆۋەندىكى ئىشلاردا پەقەت قانۇن تۈزۈشكىلا بولىدۇ :

(一)国家主权的事项;

( 1 ) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار؛

(二)各级人民代表大会、人民政府、人民法院和人民检察院的产生、组织和职权;

( 2 ) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، تەشكىلى ۋە خىزمەت ھوقۇقى؛

(三)民族区域自治制度、特别行政区制度、基层群众自治制度;

( 3 ) مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمى؛

(四)犯罪和刑罚;

( 4 ) جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە جىنايى جازا بېرىش؛

(五)对公民政治权利的剥夺、限制人身自由的强制措施和处罚;

( 5 ) پۇقرالارنى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە دائىر مەجبۇرلاش تەدبىرى ۋە جازاسى؛

(六)税种的设立、税率的确定和税收征收管理等税收基本制度;

( 6 ) باج تۈرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، باج نىسبىتىنى بېكىتىش ۋە باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق باج ئاساسىي تۈزۈملىرى؛

(七)对非国有财产的征收、征用;

( 7 ) دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مال-مۈلۈكنى ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىش؛

(八)民事基本制度;

( 8 ) ھەق تەلەپ ئاساسىي تۈزۈمى؛

(九)基本经济制度以及财政、海关、金融和外贸的基本制度;

( 9 ) ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم، شۇنىڭدەك مالىيە، تاموژنا، پۇل مۇئامىلە ۋە تاشقى سودا ئاساسىي تۈزۈمى؛

(十)诉讼和仲裁制度;

( 10 ) دەۋا ۋە كېسىم تۈزۈمى؛

(十一)必须由全国人民代表大会及其常务委员会制定法律的其他事项。

( 11 ) قانۇندىكى باشقا ئىشلارنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۈزۈشى شەرت.

第九条 本法第八条规定的事项尚未制定法律的,全国人民代表大会及其常务委员会有权作出决定,授权国务院可以根据实际需要,对其中的部分事项先制定行政法规,但是有关犯罪和刑罚、对公民政治权利的剥夺和限制人身自由的强制措施和处罚、司法制度等事项除外。

9-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلار توغرىسىدا قانۇن چىقىرىلمىغان بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق، گوۋۇيۈەنگە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن ئىشلاردا ئاۋۋال مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىدۇ، لېكىن جىنايەت ۋە جىنايى جازا، پۇقرالارنى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە دائىر مەجبۇرلاش تەدبىرى ۋە جازا، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمى قاتارلىق ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا.

第十条 授权决定应当明确授权的目的、事项、范围、期限以及被授权机关实施授权决定应当遵循的原则等。

10-ماددا ھوقۇق بېرىش قارارىدا ھوقۇق بېرىشنىڭ مەقسىتى، ئىشى، دائىرىسى، مۇددىتى، شۇنىڭدەك ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان ھوقۇق بېرىش قارارىنى يولغا قويۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ قاتارلىقلار ئېنىق بولۇشى كېرەك.

授权的期限不得超过五年,但是授权决定另有规定的除外。

ھوقۇق بېرىش مۇددىتى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، لېكىن ھوقۇق بېرىش قارارىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

被授权机关应当在授权期限届满的六个月以前,向授权机关报告授权决定实施的情况,并提出是否需要制定有关法律的意见;需要继续授权的,可以提出相关意见,由全国人民代表大会及其常务委员会决定。

ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان ھوقۇق بېرىش مۇددىتى توشقان ئالتە ئاي ئىلگىرى ھوقۇق بېرىلگەن ئورگانغا ھوقۇق بېرىش قارارىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈش ئېھتىياجى بار-يوقلۇقى توغرىسىدا پىكىر بېرىشى كېرەك؛ داۋاملىق ھوقۇق بېرىشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنى بەرسە بولىدۇ، بۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

第十一条 授权立法事项,经过实践检验,制定法律的条件成熟时,由全国人民代表大会及其常务委员会及时制定法律。法律制定后,相应立法事项的授权终止。

11-ماددا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىشلارغا ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ قانۇن چىقىرىش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۆز ۋاقتىدا قانۇن چىقىرىدۇ. قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن، مۇناسىپ قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىغا ھوقۇق بېرىش ئاخىرلىشىدۇ.

第十二条 被授权机关应当严格按照授权决定行使被授予的权力。

12-ماددا ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان ھوقۇق بېرىش قارارىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بېرىلگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

被授权机关不得将被授予的权力转授给其他机关。

ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان بېرىلگەن ھوقۇقنى باشقا ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولمايدۇ.

第十三条 全国人民代表大会及其常务委员会可以根据改革发展的需要,决定就行政管理等领域的特定事项授权在一定期限内在部分地方暂时调整或者暂时停止适用法律的部分规定。

13-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئىسلاھات-تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇئەييەن ئىشلارغا ھوقۇق بېرىشنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە قىسمەن جايلاردا ۋاقىتلىق تەڭشەش ياكى تەتبىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

第二节 全国人民代表大会立法程序

2-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى

第十四条 全国人民代表大会主席团可以向全国人民代表大会提出法律案,由全国人民代表大会会议审议。

14-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن لايىھەسى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.

全国人民代表大会常务委员会、国务院、中央军事委员会、最高人民法院、最高人民检察院、全国人民代表大会各专门委员会,可以向全国人民代表大会提出法律案,由主席团决定列入会议议程。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن لايىھەسى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ.

第十五条 一个代表团或者三十名以上的代表联名,可以向全国人民代表大会提出法律案,由主席团决定是否列入会议议程,或者先交有关的专门委员会审议、提出是否列入会议议程的意见,再决定是否列入会议议程。

15-ماددا بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن لايىھەسى سۇنسا بولىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، يىغىن قارالمىسىغا كىرىش-كىرمەسلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

专门委员会审议的时候,可以邀请提案人列席会议,发表意见。

مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىققاندا، تەكلىپ بەرگۈچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ۋە پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

第十六条 向全国人民代表大会提出的法律案,在全国人民代表大会闭会期间,可以先向常务委员会提出,经常务委员会会议依照本法第二章第三节规定的有关程序审议后,决定提请全国人民代表大会审议,由常务委员会向大会全体会议作说明,或者由提案人向大会全体会议作说明。

16-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە ئاۋۋال دائىمىي كومىتېتقا قويسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 2-بابىنىڭ 3-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ بويىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىن ئومۇمىي يىغىنىغا ئىزاھات بېرىدۇ، ياكى تەكلىپ بەرگۈچى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىغا ئىزاھات بېرىدۇ.

常务委员会依照前款规定审议法律案,应当通过多种形式征求全国人民代表大会代表的意见,并将有关情况予以反馈;专门委员会和常务委员会工作机构进行立法调研,可以邀请有关的全国人民代表大会代表参加。

دائىمىي كومىتېت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشتا، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن پىكىر ئېلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك؛ مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى قانۇن چىقىرىش ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

第十七条 常务委员会决定提请全国人民代表大会会议审议的法律案,应当在会议举行的一个月前将法律草案发给代表。

17-ماددا دائىمىي كومىتېت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان قانۇن لايىھەسىنى يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

第十八条 列入全国人民代表大会会议议程的法律案,大会全体会议听取提案人的说明后,由各代表团进行审议。

18-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقىدۇ.

各代表团审议法律案时,提案人应当派人听取意见,回答询问。

ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، تەكلىپ بەرگۈچى پىكىرنى ئاڭلاشقا ئادەم ئەۋەتىشى، سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

各代表团审议法律案时,根据代表团的要求,有关机关、组织应当派人介绍情况。

ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلار ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

第十九条 列入全国人民代表大会会议议程的法律案,由有关的专门委员会进行审议,向主席团提出审议意见,并印发会议。

19-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىپ، ھەيئەت رىياسىتىگە قاراپ چىقىش پىكرى بېرىدۇ ھەمدە يىغىنغا بېسىپ تارقىتىدۇ.

第二十条 列入全国人民代表大会会议议程的法律案,由法律委员会根据各代表团和有关的专门委员会的审议意见,对法律案进行统一审议,向主席团提出审议结果报告和法律草案修改稿,对重要的不同意见应当在审议结果报告中予以说明,经主席团会议审议通过后,印发会议。

20-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىنى قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، قانۇن لايىھەسىنى بىرتۇتاش قاراپ چىقىپ، ھەيئەت رىياسىتىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى سۇنىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مۇھىم پىكىرلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىدا ئىزاھات بېرىشى كېرەك، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، يىغىنغا بېسىپ تارقىتىدۇ.

第二十一条 列入全国人民代表大会会议议程的法律案,必要时,主席团常务主席可以召开各代表团团长会议,就法律案中的重大问题听取各代表团的审议意见,进行讨论,并将讨论的情况和意见向主席团报告。

21-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، قانۇن لايىھەسىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئاڭلىسا، مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىدۇ.

主席团常务主席也可以就法律案中的重大的专门性问题,召集代表团推选的有关代表进行讨论,并将讨论的情况和意见向主席团报告。

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى قانۇن لايىھەسىدىكى مۇھىم، زور مەخسۇس مەسىلىلەرنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى سايلىغان مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەرنى چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلسىمۇ بولىدۇ ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىدۇ.

第二十二条 列入全国人民代表大会会议议程的法律案,在交付表决前,提案人要求撤回的,应当说明理由,经主席团同意,并向大会报告,对该法律案的审议即行终止。

22-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىدىن ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە يىغىنغا دوكلات قىلىشى، شۇ قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

第二十三条 法律案在审议中有重大问题需要进一步研究的,经主席团提出,由大会全体会议决定,可以授权常务委员会根据代表的意见进一步审议,作出决定,并将决定情况向全国人民代表大会下次会议报告;也可以授权常务委员会根据代表的意见进一步审议,提出修改方案,提请全国人民代表大会下次会议审议决定。

23-ماددا قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر بولسا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، يىغىننىڭ ئومۇمىي يىغىنى قارار قىلىدۇ، دائىمىي كومىتېتقا ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىش، قارار چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلسە ھەمدە قارار چىقىش ئەھۋالىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ؛ دائىمىي كومىتېتقا ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاراپ چىقىش ھوقۇقى بېرىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنسىمۇ بولىدۇ.

第二十四条 法律草案修改稿经各代表团审议,由法律委员会根据各代表团的审议意见进行修改,提出法律草案表决稿,由主席团提请大会全体会议表决,由全体代表的过半数通过。

24-ماددا قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ.

第二十五条 全国人民代表大会通过的法律由国家主席签署主席令予以公布。

25-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان قانۇننى دۆلەت رەئىسى رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ.

第三节 全国人民代表大会常务委员会立法程序

3-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى

第二十六条 委员长会议可以向常务委员会提出法律案,由常务委员会会议审议。

26-ماددا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا قانۇن لايىھەسى بەرسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.

国务院、中央军事委员会、最高人民法院、最高人民检察院、全国人民代表大会各专门委员会,可以向常务委员会提出法律案,由委员长会议决定列入常务委员会会议议程,或者先交有关的专门委员会审议、提出报告,再决定列入常务委员会会议议程。如果委员长会议认为法律案有重大问题需要进一步研究,可以建议提案人修改完善后再向常务委员会提出。

گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتقا قانۇن لايىھەسى چىقارسا بولىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلسا ياكى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، دوكلات بېرىشىگە تاپشۇرسا، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلسا بولىدۇ. ئەگەر كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلە بار دەپ قارىسا، تەكلىپ بەرگۈچىگە تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن دائىمىي كومىتېتقا بېرىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

第二十七条 常务委员会组成人员十人以上联名,可以向常务委员会提出法律案,由委员长会议决定是否列入常务委员会会议议程,或者先交有关的专门委员会审议、提出是否列入会议议程的意见,再决定是否列入常务委员会会议议程。不列入常务委员会会议议程的,应当向常务委员会会议报告或者向提案人说明。

27-ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 10 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا قانۇن لايىھەسى سۇنسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، يىغىن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلمىگەنلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىش ياكى تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرۈش كېرەك.

专门委员会审议的时候,可以邀请提案人列席会议,发表意见。

مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىققاندا، تەكلىپ بەرگۈچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ۋە پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

第二十八条 列入常务委员会会议议程的法律案,除特殊情况外,应当在会议举行的七日前将法律草案发给常务委员会组成人员。

28-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىدە، ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈن بۇرۇن قانۇن لايىھەسىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

常务委员会会议审议法律案时,应当邀请有关的全国人民代表大会代表列席会议。

دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشى كېرەك.

第二十九条 列入常务委员会会议议程的法律案,一般应当经三次常务委员会会议审议后再交付表决。

29-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىنى ئادەتتە 3-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇش كېرەك.

常务委员会会议第一次审议法律案,在全体会议上听取提案人的说明,由分组会议进行初步审议。

دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى 1-قېتىم قاراپ چىقىدۇ، ئومۇمىي يىغىندا تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلايدۇ، گۇرۇپپا يىغىنى دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىدۇ.

常务委员会会议第二次审议法律案,在全体会议上听取法律委员会关于法律草案修改情况和主要问题的汇报,由分组会议进一步审议。

دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى 2-قېتىم قاراپ چىقىدۇ، ئومۇمىي يىغىندا قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ، گۇرۇپپا يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاراپ چىقىدۇ.

常务委员会会议第三次审议法律案,在全体会议上听取法律委员会关于法律草案审议结果的报告,由分组会议对法律草案修改稿进行审议。

دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى 3-قېتىم قاراپ چىقىدۇ، ئومۇمىي يىغىندا قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ، گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى قاراپ چىقىدۇ.

常务委员会审议法律案时,根据需要,可以召开联组会议或者全体会议,对法律草案中的主要问题进行讨论。

دائىمىي كومىتېت قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، ئېھتىياجغا قاراپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، قانۇن لايىھەسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.

第三十条 列入常务委员会会议议程的法律案,各方面意见比较一致的,可以经两次常务委员会会议审议后交付表决;调整事项较为单一或者部分修改的法律案,各方面的意见比较一致的,也可以经一次常务委员会会议审议即交付表决。

30-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى بىرقەدەر بىردەك بولغانلىرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئىككى قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرسا بولىدۇ؛ تەڭشەلگەن ئىشلار بىرقەدەر يەككە ياكى قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى بىرقەدەر بىردەك بولغانلىرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا بىر قېتىملىق قاراپ چىقىپ ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.

第三十一条 常务委员会分组会议审议法律案时,提案人应当派人听取意见,回答询问。

31-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، تەكلىپ بەرگۈچى پىكىرنى ئاڭلاشقا ئادەم ئەۋەتىشى، سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

常务委员会分组会议审议法律案时,根据小组的要求,有关机关、组织应当派人介绍情况。

دائىمىي كومىتېتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، گۇرۇپپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئورگان، تەشكىلات ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

第三十二条 列入常务委员会会议议程的法律案,由有关的专门委员会进行审议,提出审议意见,印发常务委员会会议。

32-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىنى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدۇ، قاراپ چىقىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىدۇ.

有关的专门委员会审议法律案时,可以邀请其他专门委员会的成员列席会议,发表意见。

مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

第三十三条 列入常务委员会会议议程的法律案,由法律委员会根据常务委员会组成人员、有关的专门委员会的审议意见和各方面提出的意见,对法律案进行统一审议,提出修改情况的汇报或者审议结果报告和法律草案修改稿,对重要的不同意见应当在汇报或者审议结果报告中予以说明。对有关的专门委员会的审议意见没有采纳的,应当向有关的专门委员会反馈。

33-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىنى قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بەرگەن پىكىرگە ئاساسەن بىرتۇتاش قاراپ چىقىدۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ياكى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مۇھىم ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى دوكلات قىلىش ياكى قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىدا ئىزاھلاش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى قوبۇل قىلىنمىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارغا ئىنكاس قىلىش كېرەك.

法律委员会审议法律案时,应当邀请有关的专门委员会的成员列席会议,发表意见。

قانۇن كومىتېتى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك.

第三十四条 专门委员会审议法律案时,应当召开全体会议审议,根据需要,可以要求有关机关、组织派有关负责人说明情况。

34-ماددا مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىشى كېرەك، ئېھتىياجغا قاراپ، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى ئەۋەتىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

第三十五条 专门委员会之间对法律草案的重要问题意见不一致时,应当向委员长会议报告。

35-ماددا مەخسۇس كومىتېتلار ئارا قانۇن لايىھەسىگە دائىر مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بىردەك بولمىسا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

第三十六条 列入常务委员会会议议程的法律案,法律委员会、有关的专门委员会和常务委员会工作机构应当听取各方面的意见。听取意见可以采取座谈会、论证会、听证会等多种形式。

36-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىدە، قانۇن كومىتېتلىرى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. پىكىر ئاڭلاشتا سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ.

法律案有关问题专业性较强,需要进行可行性评价的,应当召开论证会,听取有关专家、部门和全国人民代表大会代表等方面的意见。论证情况应当向常务委员会报告。

قانۇن لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، مۇمكىنچىلىكىنى باھالاشقا توغرا كەلسە، دەلىللەش يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، تارماقلار ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. دەلىللەش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا مەلۇم قىلىش كېرەك.

法律案有关问题存在重大意见分歧或者涉及利益关系重大调整,需要进行听证的,应当召开听证会,听取有关基层和群体代表、部门、人民团体、专家、全国人民代表大会代表和社会有关方面的意见。听证情况应当向常务委员会报告。

قانۇن لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مۇھىم، زور پىكىر ئىختىلاپى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور تەڭشەشتە ئىسپات ئاڭلاشقا توغرا كەلسە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە كىشىلەر توپى ۋەكىللىرى، تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. ئىسپات ئاڭلاش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىش كېرەك.

常务委员会工作机构应当将法律草案发送相关领域的全国人民代表大会代表、地方人民代表大会常务委员会以及有关部门、组织和专家征求意见。

دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇن لايىھەسىنى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر ئېلىشىغا ئەۋەتىشى كېرەك.

第三十七条 列入常务委员会会议议程的法律案,应当在常务委员会会议后将法律草案及其起草、修改的说明等向社会公布,征求意见,但是经委员长会议决定不公布的除外。向社会公布征求意见的时间一般不少于三十日。征求意见的情况应当向社会通报。

37-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىن كېيىن قانۇن لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ لايىھەسى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىزاھاتى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىش كېرەك، لېكىن كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن ئېلان قىلمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. جەمئىيەتكە پىكىر ئېلىش ۋاقتىنى ئادەتتە 30 كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك. پىكىر ئېلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە مەلۇم قىلىش كېرەك.

第三十八条 列入常务委员会会议议程的法律案,常务委员会工作机构应当收集整理分组审议的意见和各方面提出的意见以及其他有关资料,分送法律委员会和有关的专门委员会,并根据需要,印发常务委员会会议。

38-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىدە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى گۇرۇپپىلاردا قاراپ چىقىلغان پىكىرلەرنى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، قانۇن كومىتېتىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقىتىشى كېرەك.

第三十九条 拟提请常务委员会会议审议通过的法律案,在法律委员会提出审议结果报告前,常务委员会工作机构可以对法律草案中主要制度规范的可行性、法律出台时机、法律实施的社会效果和可能出现的问题等进行评估。评估情况由法律委员会在审议结果报告中予以说明。

39-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدىغان قانۇن لايىھەلىرىنى قانۇن كومىتېتى قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇن لايىھەسىدىكى ئاساسلىق تۈزۈم-قائىدىلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكى، قانۇن چىقىرىش پۇرسىتى، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى باھالىسا بولىدۇ. باھالاش ئەھۋالىنى قانۇن كومىتېتى قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىدا چۈشەندۈرىدۇ.

第四十条 列入常务委员会会议议程的法律案,在交付表决前,提案人要求撤回的,应当说明理由,经委员长会议同意,并向常务委员会报告,对该法律案的审议即行终止。

40-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەلىرىنى ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىشى، شۇ قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

第四十一条 法律草案修改稿经常务委员会会议审议,由法律委员会根据常务委员会组成人员的审议意见进行修改,提出法律草案表决稿,由委员长会议提请常务委员会全体会议表决,由常务委员会全体组成人员的过半数通过。

41-ماددا قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنىدۇ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

法律草案表决稿交付常务委员会会议表决前,委员长会议根据常务委员会会议审议的情况,可以决定将个别意见分歧较大的重要条款提请常务委员会会议单独表决。

قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، پىكىر ئىختىلاپى چوڭراق ئايرىم مۇھىم ماددىلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئايرىم ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

单独表决的条款经常务委员会会议表决后,委员长会议根据单独表决的情况,可以决定将法律草案表决稿交付表决,也可以决定暂不付表决,交法律委员会和有关的专门委员会进一步审议。

ئايرىم ئاۋاز بېرىلىدىغان ماددىلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويغاندىن كېيىن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئايرىم ئاۋاز بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماي، قانۇن كومىتېتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.

第四十二条 列入常务委员会会议审议的法律案,因各方面对制定该法律的必要性、可行性等重大问题存在较大意见分歧搁置审议满两年的,或者因暂不付表决经过两年没有再次列入常务委员会会议议程审议的,由委员长会议向常务委员会报告,该法律案终止审议。

42-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شۇ قانۇننى تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق زور مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن چوڭ پىكىر ئىختىلاپى ساقلىنىپ، قاراپ چىقىش ۋاقتى ئىككى يىل توشقان ياكى ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىككى يىل قايتا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىدۇ، قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.

第四十三条 对多部法律中涉及同类事项的个别条款进行修改,一并提出法律案的,经委员长会议决定,可以合并表决,也可以分别表决。

43-ماددا نۇرغۇن قانۇنلاردىكى ئوخشاش تۈردىكى ئىشلارغا چېتىلىدىغان ئايرىم ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن لايىھەسىنىمۇ تەڭ ئوتتۇرىغا قويغانلارنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قارارى ئارقىلىق بىرلىكتە ئاۋازغا قويسىمۇ، ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويسىمۇ بولىدۇ.

第四十四条 常务委员会通过的法律由国家主席签署主席令予以公布。

44-ماددا دائىمىي كومىتېت ماقۇللىغان قانۇنلارنى دۆلەت رەئىسى رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ.

第四节 法律解释

4-پاراگراف قانۇن ئىزاھاتى

第四十五条 法律解释权属于全国人民代表大会常务委员会。

45-ماددا قانۇن چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەۋە بولىدۇ.

法律有以下情况之一的,由全国人民代表大会常务委员会解释:

قانۇنلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىزاھلايدۇ :

(一)法律的规定需要进一步明确具体含义的;

( 1 ) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېت مەنىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە؛

(二)法律制定后出现新的情况,需要明确适用法律依据的。

( 2 ) قانۇن تۈزۈلگەندىن كېيىن يېڭى ئەھۋال كۆرۈلسە، قانۇن ئاساسىنى ئېنىق تەتبىقلاش زۆرۈر بولسا.

第四十六条 国务院、中央军事委员会、最高人民法院、最高人民检察院和全国人民代表大会各专门委员会以及省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会可以向全国人民代表大会常务委员会提出法律解释要求。

46-ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، شۇنىڭدەك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قانۇن ئىزاھاتى تەلىپىنى قويسا بولىدۇ.

第四十七条 常务委员会工作机构研究拟订法律解释草案,由委员长会议决定列入常务委员会会议议程。

47-ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇن ئىزاھات لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ.

第四十八条 法律解释草案经常务委员会会议审议,由法律委员会根据常务委员会组成人员的审议意见进行审议、修改,提出法律解释草案表决稿。

48-ماددا قانۇن ئىزاھات لايىھەسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن قاراپ چىقىدۇ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، قانۇن ئىزاھات لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

第四十九条 法律解释草案表决稿由常务委员会全体组成人员的过半数通过,由常务委员会发布公告予以公布。

49-ماددا قانۇن ئىزاھاتى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسى ماقۇللايدۇ، دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ.

第五十条 全国人民代表大会常务委员会的法律解释同法律具有同等效力。

50-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىزاھاتى قانۇننىڭكى بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە.

第五节 其他规定

5-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر

第五十一条 全国人民代表大会及其常务委员会加强对立法工作的组织协调,发挥在立法工作中的主导作用。

51-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

第五十二条 全国人民代表大会常务委员会通过立法规划、年度立法计划等形式,加强对立法工作的统筹安排。编制立法规划和年度立法计划,应当认真研究代表议案和建议,广泛征集意见,科学论证评估,根据经济社会发展和民主法治建设的需要,确定立法项目,提高立法的及时性、针对性和系统性。立法规划和年度立法计划由委员长会议通过并向社会公布。

52-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى، يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈشتە، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئىلمىي دەلىللەپ ۋە باھالاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى بېكىتىپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ ۋاقىتچانلىقى، قاراتمىلىقى ۋە سىستېمىلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ماقۇللايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

全国人民代表大会常务委员会工作机构负责编制立法规划和拟订年度立法计划,并按照全国人民代表大会常务委员会的要求,督促立法规划和年度立法计划的落实。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق قانۇن چىقىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

第五十三条 全国人民代表大会有关的专门委员会、常务委员会工作机构应当提前参与有关方面的法律草案起草工作;综合性、全局性、基础性的重要法律草案,可以由有关的专门委员会或者常务委员会工作机构组织起草。

53-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىكى قانۇن لايىھەلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئالدىن قاتنىشىشى كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال، ئومۇمىيەتلىك، ئۇللۇق مۇھىم قانۇن لايىھەلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى تەييارلاشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

专业性较强的法律草案,可以吸收相关领域的专家参与起草工作,或者委托有关专家、教学科研单位、社会组织起草。

كەسىپچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك قانۇن لايىھەلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا قوبۇل قىلىنسا ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تەييارلاشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

第五十四条 提出法律案,应当同时提出法律草案文本及其说明,并提供必要的参阅资料。修改法律的,还应当提交修改前后的对照文本。法律草案的说明应当包括制定或者修改法律的必要性、可行性和主要内容,以及起草过程中对重大分歧意见的协调处理情况。

54-ماددا قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، قانۇن لايىھەسىنىڭ نۇسخىسى ۋە ئىزاھاتىنى بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە زۆرۈر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بېرىش كېرەك. قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، تۈزىتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىمۇ تاپشۇرۇش كېرەك. قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئىزاھات قانۇننى تۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنىنى، شۇنىڭدەك تەييارلاش جەريانىدىكى زور ئىختىلاپ ۋە پىكىرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

第五十五条 向全国人民代表大会及其常务委员会提出的法律案,在列入会议议程前,提案人有权撤回。

55-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا بېرىلگەن قانۇن لايىھەسىنى تەكلىپ بەرگۈچى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

第五十六条 交付全国人民代表大会及其常务委员会全体会议表决未获得通过的法律案,如果提案人认为必须制定该法律,可以按照法律规定的程序重新提出,由主席团、委员长会议决定是否列入会议议程;其中,未获得全国人民代表大会通过的法律案,应当提请全国人民代表大会审议决定。

56-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانمىغان قانۇن لايىھەسى تاپشۇرۇلسا، تەكلىپ بەرگۈچى شۇ قانۇننى چىقىرىش شەرت دەپ قارىسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانمىغان قانۇن لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇش كېرەك.

第五十七条 法律应当明确规定施行日期。

57-ماددا قانۇندا يولغا قويۇش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلىنىشى كېرەك.

第五十八条 签署公布法律的主席令载明该法律的制定机关、通过和施行日期。

58-ماددا قانۇن ئىمزالاپ ئېلان قىلىدىغان رەئىس پەرمانىغا شۇ قانۇننى تۈزگۈچى ئورگان، ماقۇللۇق ۋە يولغا قويۇلغان كۈن ئېنىق يېزىلىدۇ.

法律签署公布后,及时在全国人民代表大会常务委员会公报和中国人大网以及在全国范围内发行的报纸上刊载。

قانۇن ئىمزالىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتى ۋە جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورىدا، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلغان گېزىتلەردە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

在常务委员会公报上刊登的法律文本为标准文本。

دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىغا بېسىلغان قانۇن نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.

第五十九条 法律的修改和废止程序,适用本章的有关规定。

59-ماددا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بىكار قىلىش تەرتىپى مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

法律被修改的,应当公布新的法律文本。

قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندە، يېڭى قانۇن نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

法律被废止的,除由其他法律规定废止该法律的以外,由国家主席签署主席令予以公布。

قانۇن بىكار قىلىنغان بولسا، شۇ قانۇن باشقا قانۇنلاردا بىكار قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەت رەئىسى رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ.

第六十条 法律草案与其他法律相关规定不一致的,提案人应当予以说明并提出处理意见,必要时应当同时提出修改或者废止其他法律相关规定的议案。

60-ماددا قانۇن لايىھەسى باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بىلەن بىردەك بولمىسا، تەكلىپ بەرگۈچى ئىزاھات بېرىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى بىكار قىلىش تەكلىپىنى تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

法律委员会和有关的专门委员会审议法律案时,认为需要修改或者废止其他法律相关规定的,应当提出处理意见。

قانۇن كومىتېتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، باشقا قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى ئۇنى بىكار قىلىش كېرەك دەپ قارىسا، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى بېرىشى كېرەك.

第六十一条 法律根据内容需要,可以分编、章、节、条、款、项、目。

61-ماددا قانۇندا مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قىسىم، باب، پاراگراف، ماددا، پۇل، تۈر ۋە تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

编、章、节、条的序号用中文数字依次表述,款不编序号,项的序号用中文数字加括号依次表述,目的序号用阿拉伯数字依次表述。

قىسىم، باب، پاراگراف، ماددىلارنىڭ رەت نومۇرى خەنزۇچە سان-سېپىرلار ئارقىلىق تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىدۇ، پۇل رەت نومۇرى تۈزمەيدۇ، تۈرنىڭ رەت نومۇرى خەنزۇچە رەقەم بىلەن تىرناق نومۇرى قوشۇلۇپ تەرتىپ بويىچە نامايان قىلىنىدۇ، مەقسەت رەت نومۇرى ئەرەب رەقىمى ئارقىلىق تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ.

法律标题的题注应当载明制定机关、通过日期。经过修改的法律,应当依次载明修改机关、修改日期。

قانۇن ماۋزۇسىدىكى ئىزاھات تۈزگۈچى ئورگان، ماقۇللىغان ۋاقىتنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. تۈزىتىلگەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن ئورگان، تۈزىتىش كىرگۈزگەن ۋاقىت تەرتىپ بويىچە ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

第六十二条 法律规定明确要求有关国家机关对专门事项作出配套的具体规定的,有关国家机关应当自法律施行之日起一年内作出规定,法律对配套的具体规定制定期限另有规定的,从其规定。有关国家机关未能在期限内作出配套的具体规定的,应当向全国人民代表大会常务委员会说明情况。

62-ماددا قانۇندا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن مەخسۇس ئىشلار توغرىسىدا يانداش كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشنى ئېنىق تەلەپ قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە بەلگىلىمە چىقىرىشى، قانۇندا يانداش كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش مۇددىتى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى مۇددەت ئىچىدە يانداش كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرالمىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

第六十三条 全国人民代表大会有关的专门委员会、常务委员会工作机构可以组织对有关法律或者法律中有关规定进行立法后评估。评估情况应当向常务委员会报告。

63-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ياكى قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قانۇن چىقارغاندىن كېيىنكى باھالاشقا تەشكىللىسە بولىدۇ. ئەھۋالنى باھالاش ئۈچۈن دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىش كېرەك.

第六十四条 全国人民代表大会常务委员会工作机构可以对有关具体问题的法律询问进行研究予以答复,并报常务委员会备案。

64-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا قانۇندىن سورالغان سوئاللارغا تەتقىق قىلىپ جاۋاب بەرسە ھەمدە دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

第三章 行政法规

3-باب مەمۇرىي نىزام

第六十五条 国务院根据宪法和法律,制定行政法规。

65-ماددا گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مەمۇرىي نىزام چىقىرىدۇ.

行政法规可以就下列事项作出规定:

مەمۇرىي نىزاملاردا تۆۋەندىكى ئىشلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ :

(一)为执行法律的规定需要制定行政法规的事项;

( 1 ) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەمۇرىي نىزام چىقىرىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛

(二)宪法第八十九条规定的国务院行政管理职权的事项。

( 2 ) ئاساسىي قانۇننىڭ 89-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار.

应当由全国人民代表大会及其常务委员会制定法律的事项,国务院根据全国人民代表大会及其常务委员会的授权决定先制定的行政法规,经过实践检验,制定法律的条件成熟时,国务院应当及时提请全国人民代表大会及其常务委员会制定法律。

قانۇننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقىرىدىغان ئىشلاردا، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىش قارارىغا ئاساسەن ئاۋۋال چىقىرىدىغان مەمۇرىي نىزاملار ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، قانۇن چىقىرىش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ئاپتونوم كومىتېتىنىڭ چىقىرىشىغا ۋاقتىدا سۇنۇشى لازىم.

第六十六条 国务院法制机构应当根据国家总体工作部署拟订国务院年度立法计划,报国务院审批。国务院年度立法计划中的法律项目应当与全国人民代表大会常务委员会的立法规划和年度立法计划相衔接。国务院法制机构应当及时跟踪了解国务院各部门落实立法计划的情况,加强组织协调和督促指导。

66-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن گوۋۇيۈەننىڭ يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىدىكى قانۇن تۈرلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانى بىلەن جىپسىلىشىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ نىزام چىقىرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

国务院有关部门认为需要制定行政法规的,应当向国务院报请立项。

گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەمۇرىي نىزام چىقىرىش زۆرۈر دەپ قارىسا، گوۋۇيۈەننىڭ تۈر تۇرغۇزۇشىغا يوللىشى كېرەك.

第六十七条 行政法规由国务院有关部门或者国务院法制机构具体负责起草,重要行政管理的法律、行政法规草案由国务院法制机构组织起草。行政法规在起草过程中,应当广泛听取有关机关、组织、人民代表大会代表和社会公众的意见。听取意见可以采取座谈会、论证会、听证会等多种形式。

67-ماددا مەمۇرىي نىزامنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى كونكرېت مەسئۇل بولۇپ تەييارلايدۇ، مۇھىم مەمۇرىي باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزام لايىھەسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى تەييارلاشقا تەشكىللەيدۇ. مەمۇرىي نىزاملارنى تەييارلاش جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان، تەشكىلات، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش كېرەك. پىكىر ئاڭلاشتا سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ.

行政法规草案应当向社会公布,征求意见,但是经国务院决定不公布的除外。

مەمۇرىي نىزام لايىھەسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش، پىكىر ئېلىش كېرەك، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ قارارى بىلەن ئېلان قىلمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

第六十八条 行政法规起草工作完成后,起草单位应当将草案及其说明、各方面对草案主要问题的不同意见和其他有关资料送国务院法制机构进行审查。

68-ماددا مەمۇرىي نىزام تەييارلاش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، تەييارلىغۇچى ئورۇنلار لايىھە ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتى، لايىھەدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە بولغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

国务院法制机构应当向国务院提出审查报告和草案修改稿,审查报告应当对草案主要问题作出说明。

گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى گوۋۇيۈەنگە تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا لايىھەدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

第六十九条 行政法规的决定程序依照中华人民共和国国务院组织法的有关规定办理。

69-ماددا مەمۇرىي نىزامنى قارار قىلىش تەرتىپى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第七十条 行政法规由总理签署国务院令公布。

70-ماددا مەمۇرىي نىزاملارنى زۇڭلى گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ.

有关国防建设的行政法规,可以由国务院总理、中央军事委员会主席共同签署国务院、中央军事委员会令公布。

دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي نىزاملارنى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پەرمانىنى بىرلىكتە ئىمزالاپ ئېلان قىلسا بولىدۇ.

第七十一条 行政法规签署公布后,及时在国务院公报和中国政府法制信息网以及在全国范围内发行的报纸上刊载。

71-ماددا مەمۇرىي نىزام ئىمزالىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخباراتى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنچىلىق ئۇچۇرى تورىدا، شۇنىڭدەك پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلغان گېزىتلەردە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

在国务院公报上刊登的行政法规文本为标准文本。

گوۋۇيۈەن ئاخباراتىغا بېسىلغان مەمۇرىي نىزاملارنىڭ نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.

第四章 地方性法规、自治条例和单行条例、规章

4-باب يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەر

第一节 地方性法规、自治条例和单行条例

1-پاراگراف يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام

第七十二条 省、自治区、直辖市的人民代表大会及其常务委员会根据本行政区域的具体情况和实际需要,在不同宪法、法律、行政法规相抵触的前提下,可以制定地方性法规。

72-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت بولماسلىق شەرتى بىلەن يەرلىك نىزاملارنى چىقارسا بولىدۇ.

设区的市的人民代表大会及其常务委员会根据本市的具体情况和实际需要,在不同宪法、法律、行政法规和本省、自治区的地方性法规相抵触的前提下,可以对城乡建设与管理、环境保护、历史文化保护等方面的事项制定地方性法规,法律对设区的市制定地方性法规的事项另有规定的,从其规定。设区的市的地方性法规须报省、自治区的人民代表大会常务委员会批准后施行。省、自治区的人民代表大会常务委员会对报请批准的地方性法规,应当对其合法性进行审查,同宪法、法律、行政法规和本省、自治区的地方性法规不抵触的,应当在四个月内予以批准。

رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز شەھىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت بولماسلىق شەرتى بىلەن، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، تارىخىي مەدەنىيەتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلارغا يەرلىك نىزام چىقارسا بولىدۇ، قانۇنلاردا رايون بار شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ئىشلىرى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. رايون بار شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزاملىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇلۇشى شەرت. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىقلاشقا يوللانغان يەرلىك نىزاملارنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلمىسە، 4 ئاي ئىچىدە تەستىقلىشى كېرەك.

省、自治区的人民代表大会常务委员会在对报请批准的设区的市的地方性法规进行审查时,发现其同本省、自治区的人民政府的规章相抵触的,应当作出处理决定。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا يوللانغان رايون بار شەھەرنىڭ يەرلىك نىزاملىرىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ شۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى بايقىسا، بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.

除省、自治区的人民政府所在地的市,经济特区所在地的市和国务院已经批准的较大的市以外,其他设区的市开始制定地方性法规的具体步骤和时间,由省、自治区的人民代表大会常务委员会综合考虑本省、自治区所辖的设区的市的人口数量、地域面积、经济社会发展情况以及立法需求、立法能力等因素确定,并报全国人民代表大会常务委员会和国务院备案。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان بىرقەدەر چوڭ شەھەرلەردىن باشقا، رايون بار باشقا شەھەرلەر يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىشنىڭ كونكرېت قەدىمى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق رايون بار شەھەرلەرنىڭ نوپۇس سانى، رايون كۆلىمى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شۇنىڭدەك نىزام چىقىرىش ئېھتىياجى، نىزام چىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

自治州的人民代表大会及其常务委员会可以依照本条第二款规定行使设区的市制定地方性法规的职权。自治州开始制定地方性法规的具体步骤和时间,依照前款规定确定。

ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رايون بار شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست يەرلىك نىزامنى چىقىرىشنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچى ۋە ۋاقتىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىدۇ.

省、自治区的人民政府所在地的市,经济特区所在地的市和国务院已经批准的较大的市已经制定的地方性法规,涉及本条第二款规定事项范围以外的,继续有效。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تۇرۇشلۇق شەھەر ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان بىرقەدەر كۆپ شەھەرلەر چىقارغان يەرلىك نىزاملار مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلار دائىرىسىدىن سىرت جايلارغا چېتىلسا، داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

第七十三条 地方性法规可以就下列事项作出规定:

73-ماددا يەرلىك نىزاملاردا تۆۋەندىكى ئىشلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ :

(一)为执行法律、行政法规的规定,需要根据本行政区域的实际情况作具体规定的事项;

( 1 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛

(二)属于地方性事务需要制定地方性法规的事项。

( 2 ) يەرلىك ئىشلاردا يەرلىك نىزام چىقىرىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

除本法第八条规定的事项外,其他事项国家尚未制定法律或者行政法规的,省、自治区、直辖市和设区的市、自治州根据本地方的具体情况和实际需要,可以先制定地方性法规。在国家制定的法律或者行政法规生效后,地方性法规同法律或者行政法规相抵触的规定无效,制定机关应当及时予以修改或者废止。

مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ئىشلاردا دۆلەت قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملارنى تېخى چىقارمىغان بولسا، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست ئۆز جايىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ئاۋۋال يەرلىك نىزام چىقارسا بولىدۇ. دۆلەت چىقارغان قانۇنلار ياكى مەمۇرىي نىزاملار كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەرلىك نىزاملار قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان بەلگىلىمىلەر ئىناۋەتسىز بولىدۇ، تۈزگۈچى ئورگان ۋاقتىدا تۈزىتىشى ياكى بىكار قىلىشى كېرەك.

设区的市、自治州根据本条第一款、第二款制定地方性法规,限于本法第七十二条第二款规定的事项。

رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستلار مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىغا ئاساسەن يەرلىك نىزام چىقىرىدۇ، بۇ قانۇننىڭ 72-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

制定地方性法规,对上位法已经明确规定的内容,一般不作重复性规定。

يەرلىك نىزام چىقىرىشتا، ئۈستۈن قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا ئادەتتە تەكرارلىنىشچان بەلگىلىمە چىقىرىلمايدۇ.

第七十四条 经济特区所在地的省、市的人民代表大会及其常务委员会根据全国人民代表大会的授权决定,制定法规,在经济特区范围内实施。

74-ماددا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون جايلاشقان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇق بەرگەن قارارىغا ئاساسەن نىزام چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون دائىرىسىدە يولغا قويىدۇ.

第七十五条 民族自治地方的人民代表大会有权依照当地民族的政治、经济和文化的特点,制定自治条例和单行条例。自治区的自治条例和单行条例,报全国人民代表大会常务委员会批准后生效。自治州、自治县的自治条例和单行条例,报省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会批准后生效。

75-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامىنى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

自治条例和单行条例可以依照当地民族的特点,对法律和行政法规的规定作出变通规定,但不得违背法律或者行政法规的基本原则,不得对宪法和民族区域自治法的规定以及其他有关法律、行政法规专门就民族自治地方所作的规定作出变通规定。

ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدا شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلسا بولىدۇ، لېكىن قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئاساسىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مىللىي ئاپتونوم جايلاردا چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەرنى مەخسۇس ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

第七十六条 规定本行政区域特别重大事项的地方性法规,应当由人民代表大会通过。

76-ماددا شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئالاھىدە مۇھىم، زور ئىشلىرى بەلگىلەنگەن يەرلىك نىزاملارنى خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىشى كېرەك.

第七十七条 地方性法规案、自治条例和单行条例案的提出、审议和表决程序,根据中华人民共和国地方各级人民代表大会和地方各级人民政府组织法,参照本法第二章第二节、第三节、第五节的规定,由本级人民代表大会规定。

77-ماددا يەرلىك نىزام دېلوسى، ئاپتونومىيە نىزامى دېلوسى ۋە يەككە نىزام دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، قاراپ چىقىش ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلقنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 2-بابىنىڭ 2-، 3-، 5-پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەلگىلەيدۇ.

地方性法规草案由负责统一审议的机构提出审议结果的报告和草案修改稿。

يەرلىك نىزام لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا مەسئۇل ئاپپارات قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

第七十八条 省、自治区、直辖市的人民代表大会制定的地方性法规由大会主席团发布公告予以公布。

78-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملارنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ.

省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会制定的地方性法规由常务委员会发布公告予以公布。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملارنى دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ.

设区的市、自治州的人民代表大会及其常务委员会制定的地方性法规报经批准后,由设区的市、自治州的人民代表大会常务委员会发布公告予以公布。

رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملار تەستىقلانغاندىن كېيىن، رايون بار شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ.

自治条例和单行条例报经批准后,分别由自治区、自治州、自治县的人民代表大会常务委员会发布公告予以公布。

ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ئېلان چىقىرىدۇ.

第七十九条 地方性法规、自治区的自治条例和单行条例公布后,及时在本级人民代表大会常务委员会公报和中国人大网、本地方人民代表大会网站以及在本行政区域范围内发行的报纸上刊载。

79-ماددا يەرلىك نىزام، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتى ۋە جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى، شۇ يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى تور بېكىتىدە، شۇنىڭدەك شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتتە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

在常务委员会公报上刊登的地方性法规、自治条例和单行条例文本为标准文本。

دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىغا بېسىلغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا قىلىنىدۇ.

第二节 规章

2-پاراگراف قائىدە

第八十条 国务院各部、委员会、中国人民银行、审计署和具有行政管理职能的直属机构,可以根据法律和国务院的行政法规、决定、命令,在本部门的权限范围内,制定规章。

80-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار قانۇنلارغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، شۇ تارماقنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قائىدە چىقارسا بولىدۇ.

部门规章规定的事项应当属于执行法律或者国务院的行政法规、决定、命令的事项。没有法律或者国务院的行政法规、决定、命令的依据,部门规章不得设定减损公民、法人和其他组织权利或者增加其义务的规范,不得增加本部门的权力或者减少本部门的法定职责。

تارماق قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن ئىشلار قانۇن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىشلارغا تەۋە بولۇشى كېرەك. قانۇن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار، بۇيرۇقلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، تارماق قائىدىسىدە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئاشۇرىدىغان قائىدىلەرنى بېكىتىشكە، شۇ تارماقنىڭ ھوقۇقىنى كۆپەيتىشكە ياكى شۇ تارماقنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى كېمەيتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

第八十一条 涉及两个以上国务院部门职权范围的事项,应当提请国务院制定行政法规或者由国务院有关部门联合制定规章。

81-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تارمىقىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام چىقىرىشىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ بىرلىكتە نىزام چىقىرىشىغا سۇنۇش كېرەك.

第八十二条 省、自治区、直辖市和设区的市、自治州的人民政府,可以根据法律、行政法规和本省、自治区、直辖市的地方性法规,制定规章。

82-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن نىزام چىقارسا بولىدۇ.

地方政府规章可以就下列事项作出规定:

يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىدە تۆۋەندىكى ئىشلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ :

(一)为执行法律、行政法规、地方性法规的规定需要制定规章的事项;

( 1 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قائىدە چىقىرىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛

(二)属于本行政区域的具体行政管理事项。

( 2 ) شۇ مەمۇرىي رايونغا تەۋە كونكرېت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرى.

设区的市、自治州的人民政府根据本条第一款、第二款制定地方政府规章,限于城乡建设与管理、环境保护、历史文化保护等方面的事项。已经制定的地方政府规章,涉及上述事项范围以外的,继续有效。

رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقى، 2-تارمىقىغا ئاساسەن يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، بۇ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، تارىخىي مەدەنىيەت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تۈزۈلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرىدىن يۇقىرىقى ئىشلارغا چېتىلىدىغان دائىرىدىن باشقىلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

除省、自治区的人民政府所在地的市,经济特区所在地的市和国务院已经批准的较大的市以外,其他设区的市、自治州的人民政府开始制定规章的时间,与本省、自治区人民代表大会常务委员会确定的本市、自治州开始制定地方性法规的时间同步。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تۇرۇشلۇق شەھەرلىك ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان بىرقەدەر چوڭ شەھەرلەردىن باشقا، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدە چىقىرىشقا باشلاش ۋاقتى شۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېكىتكەن شۇ شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشقا باشلىغان ۋاقتى بىلەن تەڭ قەدەمدە بولىدۇ.

应当制定地方性法规但条件尚不成熟的,因行政管理迫切需要,可以先制定地方政府规章。规章实施满两年需要继续实施规章所规定的行政措施的,应当提请本级人民代表大会或者其常务委员会制定地方性法规。

يەرلىك نىزام چىقىرىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىرىدە مەمۇرىي باشقۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بىلەن ئاۋۋال يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى چىقارسا بولىدۇ. قائىدە يولغا قويۇلغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولسىمۇ، قائىدىدە بەلگىلەنگەن مەمۇرىي تەدبىرنى داۋاملىق يولغا قويۇشقا توغرا كەلسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشىغا سۇنۇش كېرەك.

没有法律、行政法规、地方性法规的依据,地方政府规章不得设定减损公民、法人和其他组织权利或者增加其义务的规范。

قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزام ئاساسى بولمىسا، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىدە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئاشۇرىدىغان قائىدىلەرنى بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

第八十三条 国务院部门规章和地方政府规章的制定程序,参照本法第三章的规定,由国务院规定。

83-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تارماق قائىدىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى تۈزۈش تەرتىپىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 3-بابىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىشقا گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

第八十四条 部门规章应当经部务会议或者委员会会议决定。

84-ماددا تارماق قائىدىسىنى مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنى ياكى كومىتېت يىغىنى قارار قىلىشى كېرەك.

地方政府规章应当经政府常务会议或者全体会议决定。

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىنى قارار قىلىشى كېرەك.

第八十五条 部门规章由部门首长签署命令予以公布。

85-ماددا تارماقلارنىڭ قائىدىسىنى تارماق باشلىقى بۇيرۇق ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ.

地方政府规章由省长、自治区主席、市长或者自治州州长签署命令予以公布。

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىسىنى ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، شەھەر باشلىقى ياكى ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى بۇيرۇق ئىمزالاپ ئېلان قىلىدۇ.

第八十六条 部门规章签署公布后,及时在国务院公报或者部门公报和中国政府法制信息网以及在全国范围内发行的报纸上刊载。

86-ماددا تارماق قائىدىسى ئىمزالىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخباراتى ياكى تارماق ئاخباراتى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنچىلىق ئۇچۇرى تورىغا، شۇنىڭدەك پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلغان گېزىتلەردە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

地方政府规章签署公布后,及时在本级人民政府公报和中国政府法制信息网以及在本行政区域范围内发行的报纸上刊载。

يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى ئىمزالىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخباراتى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمەت قانۇنچىلىق ئۇچۇر تورىدا، شۇنىڭدەك شۇ مەمۇرىي رايوندا تارقىتىلغان گېزىتتە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

在国务院公报或者部门公报和地方人民政府公报上刊登的规章文本为标准文本。

قائىدە نۇسخىلىرى گوۋۇيۈەن ئاخباراتى ياكى تارماق ئاخباراتى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاخباراتىغا بېسىلغان ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.

第五章 适用与备案审查

5-باب تەتبىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش

第八十七条 宪法具有最高的法律效力,一切法律、行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章都不得同宪法相抵触。

87-ماددا ئاساسىي قانۇن ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە، بارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەر ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلسە بولمايدۇ.

第八十八条 法律的效力高于行政法规、地方性法规、规章。

88-ماددا قانۇنلارنىڭ كۈچى مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، قائىدىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

行政法规的效力高于地方性法规、规章。

مەمۇرىي نىزامنىڭ كۈچى يەرلىك نىزام، قائىدىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

第八十九条 地方性法规的效力高于本级和下级地方政府规章。

89-ماددا يەرلىك نىزامنىڭ كۈچى شۇ دەرىجىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

省、自治区的人民政府制定的规章的效力高于本行政区域内的设区的市、自治州的人民政府制定的规章。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەرنىڭ كۈچى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان قائىدىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

第九十条 自治条例和单行条例依法对法律、行政法规、地方性法规作变通规定的,在本自治地方适用自治条例和单行条例的规定。

90-ماددا ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملار توغرىسىدا قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىپ بەلگىلىمە چىقىرىلسا، شۇ ئاپتونومىيە جايىغا ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

经济特区法规根据授权对法律、行政法规、地方性法规作变通规定的,在本经济特区适用经济特区法规的规定。

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون نىزاملىرىدا ھوقۇق بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملارنى ئۆزگەرتىپ بەلگىلىمە بولسا، شۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第九十一条 部门规章之间、部门规章与地方政府规章之间具有同等效力,在各自的权限范围内施行。

91-ماددا تارماق قائىدىسى ئارا، تارماق قائىدىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۆز ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە يولغا قويۇلىدۇ.

第九十二条 同一机关制定的法律、行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章,特别规定与一般规定不一致的,适用特别规定;新的规定与旧的规定不一致的,适用新的规定。

92-ماددا بىر ئورگان چىقارغان قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەردىن ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىغا ئالاھىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ يېڭى بەلگىلىمە كونا بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، يېڭى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

第九十三条 法律、行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章不溯及既往,但为了更好地保护公民、法人和其他组织的权利和利益而作的特别规定除外。

93-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەردە ئۆتكەن ئىشلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، لېكىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

第九十四条 法律之间对同一事项的新的一般规定与旧的特别规定不一致,不能确定如何适用时,由全国人民代表大会常务委员会裁决。

94-ماددا قانۇنلار ئارا بىر ئىشقا دائىر يېڭى، ئادەتتىكى بەلگىلىمە كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، قانداق تەتبىقلاشنى بەلگىلىگىلى بولمىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.

行政法规之间对同一事项的新的一般规定与旧的特别规定不一致,不能确定如何适用时,由国务院裁决。

مەمۇرىي نىزاملار ئارا بىر ئىشقا دائىر يېڭى ئادەتتىكى بەلگىلىمە كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، قانداق تەتبىقلاشنى بېكىتكىلى بولمىسا، گوۋۇيۈەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

第九十五条 地方性法规、规章之间不一致时,由有关机关依照下列规定的权限作出裁决:

95-ماددا يەرلىك نىزام، قائىدىلەر بىردەك بولمىسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان تۆۋەندىكى ھوقۇق دائىرىسىدە قارار چىقىرىدۇ :

(一)同一机关制定的新的一般规定与旧的特别规定不一致时,由制定机关裁决;

( 1 ) بىر ئورگان چىقارغان يېڭى ئادەتتىكى بەلگىلىمە كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغاندا، تۈزگۈچى ئورگان قارار چىقىرىدۇ؛

(二)地方性法规与部门规章之间对同一事项的规定不一致,不能确定如何适用时,由国务院提出意见,国务院认为应当适用地方性法规的,应当决定在该地方适用地方性法规的规定;认为应当适用部门规章的,应当提请全国人民代表大会常务委员会裁决;

( 2 ) يەرلىك نىزام بىلەن تارماق قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئىشقا دائىر بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، قانداق تەتبىقلاشنى بېكىتكىلى بولمىسا، گوۋۇيۈەن پىكىر بېرىدۇ، گوۋۇيۈەن يەرلىك نىزامنى تەتبىقلاش كېرەك دەپ قارىسا، شۇ جايغا يەرلىك نىزام تەتبىقلاشنى قارار قىلىشى كېرەك؛ تارماقلارنىڭ قائىدىسىنى تەتبىقلاش كېرەك دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇش كېرەك؛

(三)部门规章之间、部门规章与地方政府规章之间对同一事项的规定不一致时,由国务院裁决。

( 3 ) تارماق قائىدىسى ئارا، تارماق قائىدىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئىشقا بولغان بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، گوۋۇيۈەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

根据授权制定的法规与法律规定不一致,不能确定如何适用时,由全国人民代表大会常务委员会裁决。

ھوقۇق بېرىلگەن نىزام قانۇندىكى بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، قانداق تەتبىقلاشنى بېكىتكىلى بولمىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

第九十六条 法律、行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章有下列情形之一的,由有关机关依照本法第九十七条规定的权限予以改变或者撤销:

96-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 97-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ :

(一)超越权限的;

( 1 ) ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر؛

(二)下位法违反上位法规定的;

( 2 ) تۆۋەن ئورۇن قانۇنى ئۈستۈن ئورۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا؛

(三)规章之间对同一事项的规定不一致,经裁决应当改变或者撤销一方的规定的;

( 3 ) قائىدىلەر ئارا بىر ئىشقا دائىر بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، كېسىم ئارقىلىق بىر تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش كېرەك بولسا؛

(四)规章的规定被认为不适当,应当予以改变或者撤销的;

( 4 ) قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارالغان بولسا، ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش كېرەك بولسا؛

(五)违背法定程序的。

( 5 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا.

第九十七条 改变或者撤销法律、行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章的权限是:

97-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇق دائىرىسى :

(一)全国人民代表大会有权改变或者撤销它的常务委员会制定的不适当的法律,有权撤销全国人民代表大会常务委员会批准的违背宪法和本法第七十五条第二款规定的自治条例和单行条例;

( 1 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىقارغان نامۇۋاپىق قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم كومىتېتى تەستىقلىغان ئاساسىي قانۇن ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 75-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(二)全国人民代表大会常务委员会有权撤销同宪法和法律相抵触的行政法规,有权撤销同宪法、法律和行政法规相抵触的地方性法规,有权撤销省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会批准的违背宪法和本法第七十五条第二款规定的自治条例和单行条例;

( 2 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان ئاساسىي قانۇن ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 75-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(三)国务院有权改变或者撤销不适当的部门规章和地方政府规章;

( 3 ) گوۋۇيۈەن نامۇۋاپىق تارماق قائىدىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(四)省、自治区、直辖市的人民代表大会有权改变或者撤销它的常务委员会制定的和批准的不适当的地方性法规;

( 4 ) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان ۋە تەستىقلىغان نامۇۋاپىق يەرلىك نىزاملارنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(五)地方人民代表大会常务委员会有权撤销本级人民政府制定的不适当的规章;

( 5 ) يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدىلەرنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(六)省、自治区的人民政府有权改变或者撤销下一级人民政府制定的不适当的规章;

( 6 ) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(七)授权机关有权撤销被授权机关制定的超越授权范围或者违背授权目的的法规,必要时可以撤销授权。

( 7 ) ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان تۈزگەن ھوقۇق بېرىلگەن دائىرىدىن ھالقىغان ياكى ھوقۇق بېرىش مەقسىتىگە خىلاپ نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، زۆرۈر تېپىلغاندا ھوقۇق بېرىشنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

第九十八条 行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例、规章应当在公布后的三十日内依照下列规定报有关机关备案:

98-ماددا مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك :

(一)行政法规报全国人民代表大会常务委员会备案;

( 1 ) مەمۇرىي نىزاملارنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش؛

(二)省、自治区、直辖市的人民代表大会及其常务委员会制定的地方性法规,报全国人民代表大会常务委员会和国务院备案;设区的市、自治州的人民代表大会及其常务委员会制定的地方性法规,由省、自治区的人民代表大会常务委员会报全国人民代表大会常务委员会和国务院备案;

( 2 ) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛

(三)自治州、自治县的人民代表大会制定的自治条例和单行条例,由省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会报全国人民代表大会常务委员会和国务院备案;自治条例、单行条例报送备案时,应当说明对法律、行政法规、地方性法规作出变通的情况;

( 3 ) ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى چىقارغان ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە يەككە نىزاملارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزاملارنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئىزاھلاش كېرەك؛

(四)部门规章和地方政府规章报国务院备案;地方政府规章应当同时报本级人民代表大会常务委员会备案;设区的市、自治州的人民政府制定的规章应当同时报省、自治区的人民代表大会常务委员会和人民政府备案;

( 4 ) تارماق قائىدىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇش؛ يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا بىرلا ۋاقىتتا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؛ رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقىرىدىغان قائىدىلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگىمۇ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؛

(五)根据授权制定的法规应当报授权决定规定的机关备案;经济特区法规报送备案时,应当说明对法律、行政法规、地方性法规作出变通的情况。

( 5 ) ھوقۇق بېرىلگەن نىزامنى ھوقۇق بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؛ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون نىزاملىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

第九十九条 国务院、中央军事委员会、最高人民法院、最高人民检察院和各省、自治区、直辖市的人民代表大会常务委员会认为行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例同宪法或者法律相抵触的,可以向全国人民代表大会常务委员会书面提出进行审查的要求,由常务委员会工作机构分送有关的专门委员会进行审查、提出意见。

99-ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈش تەلىپىنى يازما سۇنسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈشى، پىكىر بېرىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

前款规定以外的其他国家机关和社会团体、企业事业组织以及公民认为行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例同宪法或者法律相抵触的,可以向全国人民代表大会常务委员会书面提出进行审查的建议,由常务委员会工作机构进行研究,必要时,送有关的专门委员会进行审查、提出意见。

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك پۇقرالار مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈش ھەققىدە يازما تەكلىپ بەرسە، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى مۇھاكىمە قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە، پىكىر بېرىشىگە سۇنىدۇ.

有关的专门委员会和常务委员会工作机构可以对报送备案的规范性文件进行主动审查。

مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرسە بولىدۇ.

第一百条 全国人民代表大会专门委员会、常务委员会工作机构在审查、研究中认为行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例同宪法或者法律相抵触的,可以向制定机关提出书面审查意见、研究意见;也可以由法律委员会与有关的专门委员会、常务委员会工作机构召开联合审查会议,要求制定机关到会说明情况,再向制定机关提出书面审查意见。制定机关应当在两个月内研究提出是否修改的意见,并向全国人民代表大会法律委员会和有关的专门委员会或者常务委员会工作机构反馈。

100-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىسا، تۈزگۈچى ئورگانغا يازما تەكشۈرۈش پىكرى ۋە مۇھاكىمە پىكرى بەرسە بولىدۇ؛ قانۇن كومىتېتلىرى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، تۈزگۈچى ئورگاندىن يىغىنغا كېلىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئاندىن تۈزگۈچى ئورگانغا يازما تەكشۈرۈش پىكرى بەرسىمۇ بولىدۇ. تۈزگۈچى ئورگان ئىككى ئاي ئىچىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىك پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار ياكى دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتىغا قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

全国人民代表大会法律委员会、有关的专门委员会、常务委员会工作机构根据前款规定,向制定机关提出审查意见、研究意见,制定机关按照所提意见对行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例进行修改或者废止的,审查终止。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن كومىتېتى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۈزگۈچى ئورگانغا تەكشۈرۈش پىكرى ۋە مۇھاكىمە پىكرىنى بېرىدۇ، تۈزگۈچى ئورگان ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرگە ئاساسەن مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزسە ياكى بىكار قىلسا، تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىدۇ.

全国人民代表大会法律委员会、有关的专门委员会、常务委员会工作机构经审查、研究认为行政法规、地方性法规、自治条例和单行条例同宪法或者法律相抵触而制定机关不予修改的,应当向委员长会议提出予以撤销的议案、建议,由委员长会议决定提请常务委员会会议审议决定。

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن كومىتېتلىرى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىغان ھەم تۈزگەن ئورگان تۈزىتىش كىرگۈزمىسە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا بىكار قىلىدىغان تەكلىپ-تەۋسىيە بېرىشى كېرەك، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ.

第一百零一条 全国人民代表大会有关的专门委员会和常务委员会工作机构应当按照规定要求,将审查、研究情况向提出审查建议的国家机关、社会团体、企业事业组织以及公民反馈,并可以向社会公开。

101-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە، تەكشۈرۈش، مۇھاكىمە قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرگەن دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارغا ۋە پۇقرالارغا قايتما ئىنكاس قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىسا بولىدۇ.

第一百零二条 其他接受备案的机关对报送备案的地方性法规、自治条例和单行条例、规章的审查程序,按照维护法制统一的原则,由接受备案的机关规定。

102-ماددا ئەنگە ئېلىشنى قوبۇل قىلغان باشقا ئورگانلار ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەرنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ئورگان قانۇن-تۈزۈمنىڭ بىرلىكىنى قوغداش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一百零三条 中央军事委员会根据宪法和法律,制定军事法规。

103-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن ھەربىي نىزام چىقىرىدۇ.

中央军事委员会各总部、军兵种、军区、中国人民武装警察部队,可以根据法律和中央军事委员会的军事法规、决定、命令,在其权限范围内,制定军事规章。

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ باش ئىشتابلىرى، ئارمىيەنىڭ قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي رايونلىرى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قانۇنلارغا ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ھوقۇق دائىرىسىدە ھەربىي قائىدە چىقارسا بولىدۇ.

军事法规、军事规章在武装力量内部实施。

ھەربىي نىزام، ھەربىي قائىدە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا يولغا قويۇلىدۇ.

军事法规、军事规章的制定、修改和废止办法,由中央军事委员会依照本法规定的原则规定。

ھەربىي نىزام، ھەربىي قائىدىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

第一百零四条 最高人民法院、最高人民检察院作出的属于审判、检察工作中具体应用法律的解释,应当主要针对具体的法律条文,并符合立法的目的、原则和原意。遇有本法第四十五条第二款规定情况的,应当向全国人民代表大会常务委员会提出法律解释的要求或者提出制定、修改有关法律的议案。

104-ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان سوت، تەپتىش خىزمىتىدە قانۇننى كونكرېت قوللىنىش ھەققىدىكى ئىزاھات ئاساسلىقى كونكرېت قانۇن ماددىلىرىغا قارىتىلغان بولۇشى ھەمدە قانۇن چىقىرىشنىڭ مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە ئەسلىي مەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا يولۇققاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قانۇن ئىزاھاتى قويۇش تەلىپى قويۇش ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بېرىش كېرەك.

最高人民法院、最高人民检察院作出的属于审判、检察工作中具体应用法律的解释,应当自公布之日起三十日内报全国人民代表大会常务委员会备案。

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان سوت، تەپتىش خىزمىتىدە قانۇننى كونكرېت قوللىنىشقا تەۋە ئىزاھات ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

最高人民法院、最高人民检察院以外的审判机关和检察机关,不得作出具体应用法律的解释。

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن باشقا سوت ئورگانلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرى قانۇننى كونكرېت قوللىنىش ھەققىدە ئىزاھات بەرسە بولمايدۇ.

第一百零五条 本法自2000年7月1日起施行。

105-ماددا بۇ قانۇن 2000-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.