中华人民共和国退役军人保障法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

(2020年11月11日第十三届全国人民代表大会常务委员会第二十三次会议通过)

( 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 移交接收

2-باب قوبۇل قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش

第三章 退役安置

3-باب ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش

第四章 教育培训

4-باب تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش

第五章 就业创业

5-باب ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش

第六章 抚恤优待

6-باب نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش

第七章 褒扬激励

7-باب تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش

第八章 服务管理

سەككىزىنچى باب مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش

第九章 法律责任

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第十章 附  则

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总  则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了加强退役军人保障工作,维护退役军人合法权益,让军人成为全社会尊崇的职业,根据宪法,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەربىيلەرنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

第二条 本法所称退役军人,是指从中国人民解放军依法退出现役的军官、军士和义务兵等人员。

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن قانۇن بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار، جۈنشى ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر قاتارلىق خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

第三条 退役军人为国防和军队建设做出了重要贡献,是社会主义现代化建设的重要力量。

3-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئۇلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ.

尊重、关爱退役军人是全社会的共同责任。国家关心、优待退役军人,加强退役军人保障体系建设,保障退役军人依法享有相应的权益。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئېتىبار بېرىدۇ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيدىن قايتقانلارنىڭ قانۇن بويىچە مۇناسىپ ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

第四条 退役军人保障工作坚持中国共产党的领导,坚持为经济社会发展服务、为国防和军队建设服务的方针,遵循以人为本、分类保障、服务优先、依法管理的原则。

4-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.ئادەمنى ئاساس قىلىش، تۈرگە ئايرىپ كاپالەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

第五条 退役军人保障应当与经济发展相协调,与社会进步相适应。

5-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

退役军人安置工作应当公开、公平、公正。

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش كېرەك.

退役军人的政治、生活等待遇与其服现役期间所做贡献挂钩。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي تەمىناتى، تۇرمۇش تەمىناتى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قوشقان تۆھپىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ.

国家建立参战退役军人特别优待机制。

دۆلەت ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

第六条 退役军人应当继续发扬人民军队优良传统,模范遵守宪法和法律法规,保守军事秘密,践行社会主义核心价值观,积极参加社会主义现代化建设。

6-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك.

第七条 国务院退役军人工作主管部门负责全国的退役军人保障工作。县级以上地方人民政府退役军人工作主管部门负责本行政区域的退役军人保障工作。

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

中央和国家有关机关、中央军事委员会有关部门、地方各级有关机关应当在各自职责范围内做好退役军人保障工作。

مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

军队各级负责退役军人有关工作的部门与县级以上人民政府退役军人工作主管部门应当密切配合,做好退役军人保障工作。

ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل تارماقلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第八条 国家加强退役军人保障工作信息化建设,为退役军人建档立卡,实现有关部门之间信息共享,为提高退役军人保障能力提供支持。

8-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئارا ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.

国务院退役军人工作主管部门应当与中央和国家有关机关、中央军事委员会有关部门密切配合,统筹做好信息数据系统的建设、维护、应用和信息安全管理等工作。

گوۋۇيۈەننىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىنى قۇرۇش، ئاسراش، قوللىنىش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第九条 退役军人保障工作所需经费由中央和地方财政共同负担。退役安置、教育培训、抚恤优待资金主要由中央财政负担。

9-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش، نەپىقە-ئېتىبار بېرىش مەبلىغىنى ئاساسلىقى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

第十条 国家鼓励和引导企业、社会组织、个人等社会力量依法通过捐赠、设立基金、志愿服务等方式为退役军人提供支持和帮助。

10-ماددا دۆلەت كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخس قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قانۇن بويىچە ئىئانە قىلىش، فوند تەسىس قىلىش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

第十一条 对在退役军人保障工作中做出突出贡献的单位和个人,按照国家有关规定给予表彰、奖励。

11-ماددا ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

第二章 移交接收

2-باب قوبۇل قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش

第十二条 国务院退役军人工作主管部门、中央军事委员会政治工作部门、中央和国家有关机关应当制定全国退役军人的年度移交接收计划。

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت تارمىقى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنى مەملىكەت بويىچە سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى يىللىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش-قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

第十三条 退役军人原所在部队应当将退役军人移交安置地人民政府退役军人工作主管部门,安置地人民政府退役军人工作主管部门负责接收退役军人。

13-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئەسلىدىكى قىسمى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

退役军人的安置地,按照国家有关规定确定。

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان جاي دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

第十四条 退役军人应当在规定时间内,持军队出具的退役证明到安置地人民政府退役军人工作主管部门报到。

14-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، ئارمىيە بەرگەن ئارمىيەدىن چېكىنگەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ ئورۇنلاشقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

第十五条 安置地人民政府退役军人工作主管部门在接收退役军人时,向退役军人发放退役军人优待证。

15-ماددا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

退役军人优待证全国统一制发、统一编号,管理使用办法由国务院退役军人工作主管部门会同有关部门制定。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ياساپ تارقىتىدۇ، نومۇر بىرتۇتاش قويۇلىدۇ، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

第十六条 军人所在部队在军人退役时,应当及时将其人事档案移交安置地人民政府退役军人工作主管部门。

16-ماددا ھەربىيلەر تۇرۇشلۇق قىسىم ھەربىيدىن چېكىنگەندە، ئۇلارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

安置地人民政府退役军人工作主管部门应当按照国家人事档案管理有关规定,接收、保管并向有关单位移交退役军人人事档案。

ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى قوبۇل قىلىشى، ساقلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

第十七条 安置地人民政府公安机关应当按照国家有关规定,及时为退役军人办理户口登记,同级退役军人工作主管部门应当予以协助。

17-ماددا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى، تەڭ دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياردەم بېرىشى كېرەك.

第十八条 退役军人原所在部队应当按照有关法律法规规定,及时将退役军人及随军未就业配偶的养老、医疗等社会保险关系和相应资金,转入安置地社会保险经办机构。

18-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئەسلىدىكى قىسمى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئىشقا ئورۇنلاشمىغان جورىسىنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا يۆتكەپ بېرىشى كېرەك.

安置地人民政府退役军人工作主管部门应当与社会保险经办机构、军队有关部门密切配合,依法做好有关社会保险关系和相应资金转移接续工作。

ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ۋە مۇناسىپ مەبلەغنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第十九条 退役军人移交接收过程中,发生与其服现役有关的问题,由原所在部队负责处理;发生与其安置有关的问题,由安置地人民政府负责处理;发生其他移交接收方面问题的,由安置地人民政府负责处理,原所在部队予以配合。

19-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-قوبۇل قىلىش جەريانىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئەسلىدىكى قىسىم مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە كۆرۈلسە، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەسلىدىكى قىسىم ماسلىشىدۇ.

退役军人原所在部队撤销或者转隶、合并的,由原所在部队的上级单位或者转隶、合并后的单位按照前款规定处理。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئەسلىدىكى قىسمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەن، قوشۇۋېتىلگەن بولسا، ئەسلىدىكى قىسىمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن ياكى تەۋەلىكى يۆتكەلگەن، قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

第三章 退役安置

3-باب ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش

第二十条 地方各级人民政府应当按照移交接收计划,做好退役军人安置工作,完成退役军人安置任务。

20-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك.

机关、群团组织、企业事业单位和社会组织应当依法接收安置退役军人,退役军人应当接受安置。

ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第二十一条 对退役的军官,国家采取退休、转业、逐月领取退役金、复员等方式妥善安置。

21-ماددا دۆلەت ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلارنى پېنسىيەگە چىقىش، كەسىپ ئالماشتۇرۇش، ئايمۇئاي ئارمىيەدىن چېكىنىش پۇلى ئېلىش، ئارمىيەدىن قايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

以退休方式移交人民政府安置的,由安置地人民政府按照国家保障与社会化服务相结合的方式,做好服务管理工作,保障其待遇。

پېنسىيەگە چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلەرنىڭ تەمىناتىنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە مۇلازىمەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

以转业方式安置的,由安置地人民政府根据其德才条件以及服现役期间的职务、等级、所做贡献、专长等和工作需要安排工作岗位,确定相应的职务职级。

كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىقتىدار شارائىتى، شۇنىڭدەك ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىكى ۋەزىپىسى، دەرىجىسى، قوشقان تۆھپىسى، ئارتۇقچىلىقى قاتارلىقلار ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، مۇناسىپ ۋەزىپە دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ.

服现役满规定年限,以逐月领取退役金方式安置的,按照国家有关规定逐月领取退役金。

بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ئايمۇئاي ئارمىيەدىن چېكىنىش پۇلى ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئايمۇئاي ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىش پۇلى ئالىدۇ.

以复员方式安置的,按照国家有关规定领取复员费。

ھەربىي سەپتىن قايتۇرۇش ئۇسۇلىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلاردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھەربىي سەپتىن قايتۇرۇش ھەققى ئېلىنىدۇ.

第二十二条 对退役的军士,国家采取逐月领取退役金、自主就业、安排工作、退休、供养等方式妥善安置。

22-ماددا سەپتىن چېكىنگەن جۈنشىلەرنى دۆلەت ئايمۇئاي سەپتىن چېكىنىش پۇلى ئېلىش، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، پېنسىيەگە چىقىش، بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

服现役满规定年限,以逐月领取退役金方式安置的,按照国家有关规定逐月领取退役金。

بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ئايمۇئاي ئارمىيەدىن چېكىنىش پۇلى ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئايمۇئاي ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىش پۇلى ئالىدۇ.

服现役不满规定年限,以自主就业方式安置的,领取一次性退役金。

ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋاقتى بەلگىلەنگەن يىل چېكىگە توشمىغانلار ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار بىر قېتىملىق چېكىندۈرۈش پۇلى ئالىدۇ.

以安排工作方式安置的,由安置地人民政府根据其服现役期间所做贡献、专长等安排工作岗位。

خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قوشقان تۆھپىسى، ئارتۇقچىلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

以退休方式安置的,由安置地人民政府按照国家保障与社会化服务相结合的方式,做好服务管理工作,保障其待遇。

پېنسىيەگە چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ كاپالىتى بىلەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، مۇلازىمەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

以供养方式安置的,由国家供养终身。

بېقىش ئۇسۇلىدا ئورۇنلاشتۇرغانلارنى دۆلەت ئۆمۈرۋايەت باقىدۇ.

第二十三条 对退役的义务兵,国家采取自主就业、安排工作、供养等方式妥善安置。

23-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

以自主就业方式安置的,领取一次性退役金。

ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار بىر قېتىمدىلا ھەربىيدىن چېكىندۈرۈش پۇلى ئالىدۇ.

以安排工作方式安置的,由安置地人民政府根据其服现役期间所做贡献、专长等安排工作岗位。

خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قوشقان تۆھپىسى، ئارتۇقچىلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

以供养方式安置的,由国家供养终身。

بېقىش ئۇسۇلىدا ئورۇنلاشتۇرغانلارنى دۆلەت ئۆمۈرۋايەت باقىدۇ.

第二十四条 退休、转业、逐月领取退役金、复员、自主就业、安排工作、供养等安置方式的适用条件,按照相关法律法规执行。

24-ماددا پېنسىيەگە چىقىش، كەسىپ ئالماشتۇرۇش، ئايمۇئاي ئېلىش، ھەربىيدىن قايتىش، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، بېقىش قاتارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتبىقلاش شەرتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第二十五条 转业军官、安排工作的军士和义务兵,由机关、群团组织、事业单位和国有企业接收安置。对下列退役军人,优先安置:

25-ماددا كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلار، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان جۈنشى ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنى ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كەسپىي ئورۇن ۋە دۆلەت كارخانىلىرى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن تۆۋەندىكى ھەربىيلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ :

(一)参战退役军人;

( 1 ) ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(二)担任作战部队师、旅、团、营级单位主官的转业军官;

( 2 ) ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمنىڭ شى، لۈيى، تۇەن، يىڭ دەرىجىلىك ئورۇنلىرىدا مۇدىر بولغان كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلار؛

(三)属于烈士子女、功臣模范的退役军人;

( 3 ) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، تۆھپىكار نەمۇنىچىلارغا تەۋە بولغان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(四)长期在艰苦边远地区或者特殊岗位服现役的退役军人。

( 4 ) جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا ياكى ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئۇزاق مۇددەت ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر.

第二十六条 机关、群团组织、事业单位接收安置转业军官、安排工作的军士和义务兵的,应当按照国家有关规定给予编制保障。

26-ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلاردىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلار، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان جۈنشى ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتات كاپالىتى بېرىشى كېرەك.

国有企业接收安置转业军官、安排工作的军士和义务兵的,应当按照国家规定与其签订劳动合同,保障相应待遇。

دۆلەت كارخانىلىرىدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلارنى، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان جۈنشى ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى، مۇناسىپ تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

前两款规定的用人单位依法裁减人员时,应当优先留用接收安置的转业和安排工作的退役军人。

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خادىملارنى قانۇن بويىچە قىسقارتقاندا، قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان كەسىپ ئالماشتۇرغان ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئاۋۋال ئېلىپ قېلىشى كېرەك.

第二十七条 以逐月领取退役金方式安置的退役军官和军士,被录用为公务员或者聘用为事业单位工作人员的,自被录用、聘用下月起停发退役金,其待遇按照公务员、事业单位工作人员管理相关法律法规执行。

27-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنىش پۇلىنى ئايمۇئاي ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار ۋە جۈنشىلەردىن مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنغان ياكى كەسپىي ئورۇنغا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن بولسا، قوبۇل قىلىنغان، تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن ئايدىن باشلاپ ئارمىيەدىن چېكىنىش پۇلى تارقىتىش توختىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەمىناتى مەمۇرلار، كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第二十八条 国家建立伤病残退役军人指令性移交安置、收治休养制度。军队有关部门应当及时将伤病残退役军人移交安置地人民政府安置。安置地人民政府应当妥善解决伤病残退役军人的住房、医疗、康复、护理和生活困难。

28-ماددا دۆلەت يارىدار، كېسەل، مېيىپ بولۇپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى بۇيرۇق خاراكتېرلىك ئۆتكۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قوبۇل قىلىپ داۋالاش، دەم ئېلىپ كۈتۈنۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يارىدار، كېسەل، مېيىپ ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى يارىدار، كېسەل، مېيىپ بولۇپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تۇرالغۇ، داۋالىنىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك.

第二十九条 各级人民政府加强拥军优属工作,为军人和家属排忧解难。

29-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلەر ۋە ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ.

符合条件的军官和军士退出现役时,其配偶和子女可以按照国家有关规定随调随迁。

شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوفىتسېرلار ۋە جۈنشىلەر ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەندە، ئۇلارنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىللە يۆتكىلىپ بىللە كۆچۈپ كەلسە بولىدۇ.

随调配偶在机关或者事业单位工作,符合有关法律法规规定的,安置地人民政府负责安排到相应的工作单位;随调配偶在其他单位工作或者无工作单位的,安置地人民政府应当提供就业指导,协助实现就业。

جورىسىنىڭ بىللە يۆتكىلىپ ئورگان ياكى كەسپىي ئورۇندا خىزمەت قىلىشى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسا، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىپ خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ جورىسى باشقا ئورۇندا بىللە خىزمەت قىلسا ياكى خىزمەت ئورنى بولمىسا، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەملىشىشى كېرەك.

随迁子女需要转学、入学的,安置地人民政府教育行政部门应当予以及时办理。对下列退役军人的随迁子女,优先保障:

بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنى باشقا مەكتەپكە يۆتكەش، مەكتەپكە كىرىشكە توغرا كەلسە، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن تۆۋەندىكى ھەربىيلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ :

(一)参战退役军人;

( 1 ) ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(二)属于烈士子女、功臣模范的退役军人;

( 2 ) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، تۆھپىكار نەمۇنىچىلارغا تەۋە بولغان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(三)长期在艰苦边远地区或者特殊岗位服现役的退役军人;

( 3 ) جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا ياكى ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئۇزاق مۇددەت ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(四)其他符合条件的退役军人。

( 4 ) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن باشقا ھەربىيلەر.

第三十条 军人退役安置的具体办法由国务院、中央军事委员会制定。

30-ماددا ھەربىيلەرنى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چىقىرىدۇ.

第四章 教育培训

4-باب تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش

第三十一条 退役军人的教育培训应当以提高就业质量为导向,紧密围绕社会需求,为退役军人提供有特色、精细化、针对性强的培训服务。

31-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشتە ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، جەمئىيەت ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئۈچۈن خاسلىققا ئىگە، ئىنچىكە، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.

国家采取措施加强对退役军人的教育培训,帮助退役军人完善知识结构,提高思想政治水平、职业技能水平和综合职业素养,提升就业创业能力。

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي سەۋىيەسى، كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

第三十二条 国家建立学历教育和职业技能培训并行并举的退役军人教育培训体系,建立退役军人教育培训协调机制,统筹规划退役军人教育培训工作。

32-ماددا دۆلەت ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ.

第三十三条 军人退役前,所在部队在保证完成军事任务的前提下,可以根据部队特点和条件提供职业技能储备培训,组织参加高等教育自学考试和各类高等学校举办的高等学历继续教育,以及知识拓展、技能培训等非学历继续教育。

33-ماددا ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنىشتىن بۇرۇن، تۇرۇشلۇق قىسىم ھەربىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن كەسپىي ماھارەت زاپىسى بويىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرسە، ئالىي مائارىپتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ۋە ھەر خىل ئالىي مەكتەپلەر ئۇيۇشتۇرغان ئالىي ئوقۇش تارىخى داۋاملاشما تەربىيەسىگە، شۇنىڭدەك بىلىم كېڭەيتىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان داۋاملاشما تەربىيەگە قاتنىشىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

部队所在地县级以上地方人民政府退役军人工作主管部门应当为现役军人所在部队开展教育培训提供支持和协助。

قىسىم تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

第三十四条 退役军人在接受学历教育时,按照国家有关规定享受学费和助学金资助等国家教育资助政策。

34-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇش پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ياردىمى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

高等学校根据国家统筹安排,可以通过单列计划、单独招生等方式招考退役军人。

ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئايرىم پىلان تۈزۈش، ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

第三十五条 现役军人入伍前已被普通高等学校录取或者是正在普通高等学校就学的学生,服现役期间保留入学资格或者学籍,退役后两年内允许入学或者复学,可以按照国家有关规定转入本校其他专业学习。达到报考研究生条件的,按照国家有关规定享受优惠政策。

35-ماددا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى ياكى ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالسا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە مەكتەپكە كىرىشىگە ياكى قايتا ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ مەكتەپنىڭ باشقا كەسىپلىرىگە يۆتكىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش شەرتىگە توشقانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第三十六条 国家依托和支持普通高等学校、职业院校(含技工院校)、专业培训机构等教育资源,为退役军人提供职业技能培训。退役军人未达到法定退休年龄需要就业创业的,可以享受职业技能培训补贴等相应扶持政策。

36-ماددا دۆلەت ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ ( تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ مائارىپ بايلىقىغا تايىنىپ ۋە مەدەت بېرىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەيدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە توغرا كەلسە، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى قاتارلىق مۇناسىپ يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

军人退出现役,安置地人民政府应当根据就业需求组织其免费参加职业教育、技能培训,经考试考核合格的,发给相应的学历证书、职业资格证书或者职业技能等级证书并推荐就业。

ھەربىيلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە، ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇلارنى كەسپىي مائارىپ، ماھارەت تەربىيەسىگە ھەقسىز قاتنىشىشقا تەشكىللىشى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى بېرىشى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆرسىتىشى كېرەك.

第三十七条 省级人民政府退役军人工作主管部门会同有关部门加强动态管理,定期对为退役军人提供职业技能培训的普通高等学校、职业院校(含技工院校)、专业培训机构的培训质量进行检查和考核,提高职业技能培训质量和水平。

37-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەيدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ ( تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

第五章 就业创业

5-باب ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش

第三十八条 国家采取政府推动、市场引导、社会支持相结合的方式,鼓励和扶持退役军人就业创业。

38-ماددا دۆلەت ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكلەش، جەمئىيەت قوللاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第三十九条 各级人民政府应当加强对退役军人就业创业的指导和服务。

39-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

县级以上地方人民政府退役军人工作主管部门应当加强对退役军人就业创业的宣传、组织、协调等工作,会同有关部门采取退役军人专场招聘会等形式,开展就业推荐、职业指导,帮助退役军人就业。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى تەشۋىق قىلىش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تونۇشتۇرۇش، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

第四十条 服现役期间因战、因公、因病致残被评定残疾等级和退役后补评或者重新评定残疾等级的残疾退役军人,有劳动能力和就业意愿的,优先享受国家规定的残疾人就业优惠政策。

40-ماددا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇرۇش قىلغان، خىزمەت ئۈستىدە، كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپ بولغانلارنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسى ۋە سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن تولۇقلاپ باھالانغان ياكى مېيىپلىك دەرىجىسىنى قايتا باھالىغان سەپتىن چېكىنگەن مېيىپلەردىن ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بارلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第四十一条 公共人力资源服务机构应当免费为退役军人提供职业介绍、创业指导等服务。

41-ماددا ئاممىۋى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك.

国家鼓励经营性人力资源服务机构和社会组织为退役军人就业创业提供免费或者优惠服务。

دۆلەت تىجارەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

退役军人未能及时就业的,在人力资源和社会保障部门办理求职登记后,可以按照规定享受失业保险待遇。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشالمىسا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدا خىزمەت ئىزدەشنى تىزىملاتقاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

第四十二条 机关、群团组织、事业单位和国有企业在招录或者招聘人员时,对退役军人的年龄和学历条件可以适当放宽,同等条件下优先招录、招聘退役军人。退役的军士和义务兵服现役经历视为基层工作经历。

42-ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كەسپىي ئورۇن ۋە دۆلەت كارخانىلىرى خادىم قوبۇل قىلغاندا ياكى تەكلىپ قىلغاندا، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋەتسە بولىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىدۇ، تەكلىپ قىلىدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن جۈنشى ۋە خالىس ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن كەچۈرمىشى ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت كەچۈرمىشى دەپ قارىلىدۇ.

退役的军士和义务兵入伍前是机关、群团组织、事业单位或者国有企业人员的,退役后可以选择复职复工。

سەپتىن چېكىنگەن جۈنشى ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ھەربىي سەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كەسپىي ئورۇن ياكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ خادىمى بولسا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاللىسا بولىدۇ.

第四十三条 各地应当设置一定数量的基层公务员职位,面向服现役满五年的高校毕业生退役军人招考。

43-ماددا ھەرقايسى جايلار بەلگىلىك ساندىكى ئاساسىي قاتلام مەمۇرلۇق خىزمەت ئورنىنى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىگە بەش يىل بولغان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

服现役满五年的高校毕业生退役军人可以报考面向服务基层项目人员定向考录的职位,同服务基层项目人员共享公务员定向考录计划。

ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈر خادىملىرىغا يۈزلەنگەن نىشانلىق ئىمتىھان بېرىش ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ، ئاساسىي قاتلام تۈر خادىملىرىغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن مەمۇرلۇقنى نىشانلىق ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىش پىلانىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.

各地应当注重从优秀退役军人中选聘党的基层组织、社区和村专职工作人员。

ھەرقايسى جايلار ئارمىيەدىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ھەربىيلەر ئىچىدىن پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، مەھەللە ۋە كەنت مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملىرىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

军队文职人员岗位、国防教育机构岗位等,应当优先选用符合条件的退役军人。

ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار ئىش ئورنى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ئاپپاراتى ئىش ئورنى قاتارلىقلاردا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

国家鼓励退役军人参加稳边固边等边疆建设工作。

دۆلەت ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش قاتارلىق چېگرا رايون قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

第四十四条 退役军人服现役年限计算为工龄,退役后与所在单位工作年限累计计算。

44-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش يىل چېكى خىزمەت ئىستاژى دەپ ھېسابلىنىدۇ، ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن تۇرۇشلۇق ئورنى بىلەن بولغان خىزمەت يىل چېكى جەمئىي ھېسابلىنىدۇ.

第四十五条 县级以上地方人民政府投资建设或者与社会共建的创业孵化基地和创业园区,应当优先为退役军人创业提供服务。有条件的地区可以建立退役军人创业孵化基地和创业园区,为退役军人提供经营场地、投资融资等方面的优惠服务。

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ياكى جەمئىيەت بىلەن ئورتاق قۇرغان ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئالدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. شارائىتى بار رايونلار ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى قۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تىجارەت ئورنى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.

第四十六条 退役军人创办小微企业,可以按照国家有关规定申请创业担保贷款,并享受贷款贴息等融资优惠政策。

46-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر كىچىك، ئۇششاق كارخانا قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا ھەمدە قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى قاتارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

退役军人从事个体经营,依法享受税收优惠政策。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

第四十七条 用人单位招用退役军人符合国家规定的,依法享受税收优惠等政策。

47-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ھالدا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسە، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

第六章 抚恤优待

6-باب نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش

第四十八条 各级人民政府应当坚持普惠与优待叠加的原则,在保障退役军人享受普惠性政策和公共服务基础上,结合服现役期间所做贡献和各地实际情况给予优待。

48-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بىلەن ئېتىبار بېرىشنى ئۈستىلەپ قوشۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەتلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قوشقان تۆھپىسى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

对参战退役军人,应当提高优待标准。

ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

第四十九条 国家逐步消除退役军人抚恤优待制度城乡差异、缩小地区差异,建立统筹平衡的抚恤优待量化标准体系。

49-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنىڭ شەھەر-يېزا پەرقىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدىغان نەپىقە بېرىش، ئېتىبار بېرىشنى مىقدارلاشتۇرۇش ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

第五十条 退役军人依法参加养老、医疗、工伤、失业、生育等社会保险,并享受相应待遇。

50-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىق، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا قانۇن بويىچە قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

退役军人服现役年限与入伍前、退役后参加职工基本养老保险、职工基本医疗保险、失业保险的缴费年限依法合并计算。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش يىل چېكى بىلەن ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۈپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانۇن بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىنىدۇ.

第五十一条 退役军人符合安置住房优待条件的,实行市场购买与军地集中统建相结合,由安置地人民政府统筹规划、科学实施。

51-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيگە ئېتىبار بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش بىلەن ئارمىيە بىلەن يەرلىك مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ ۋە ئىلمىي يولغا قويىدۇ.

第五十二条 军队医疗机构、公立医疗机构应当为退役军人就医提供优待服务,并对参战退役军人、残疾退役军人给予优惠。

52-ماددا ئارمىيەدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىشىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك ھەمدە ئۇرۇشقا قاتناشقان سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

第五十三条 退役军人凭退役军人优待证等有效证件享受公共交通、文化和旅游等优待,具体办法由省级人民政府制定。

53-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى قاتارلىق كۈچكە ئىگە كىنىشكىلىرى بىلەن ئاممىۋى قاتناش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ.

第五十四条 县级以上人民政府加强优抚医院、光荣院建设,充分利用现有医疗和养老服务资源,收治或者集中供养孤老、生活不能自理的退役军人。

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى نەپىقە دوختۇرخانىسى، شەرەپ دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېتىم-يېسىرلار، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ ياكى مەركەزلىك باقىدۇ.

各类社会福利机构应当优先接收老年退役军人和残疾退役军人。

تۈرلۈك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ياشانغان ھەربىيلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەرنى ئاۋۋال قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第五十五条 国家建立退役军人帮扶援助机制,在养老、医疗、住房等方面,对生活困难的退役军人按照国家有关规定给予帮扶援助。

55-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ھەربىيلەردىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم بېرىدۇ-يۆلەيدۇ.

第五十六条 残疾退役军人依法享受抚恤。

56-ماددا سەپتىن چېكىنگەن مېيىپلەر قانۇن بويىچە نەپىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

残疾退役军人按照残疾等级享受残疾抚恤金,标准由国务院退役军人工作主管部门会同国务院财政部门综合考虑国家经济社会发展水平、消费物价水平、全国城镇单位就业人员工资水平、国家财力情况等因素确定。残疾抚恤金由县级人民政府退役军人工作主管部门发放。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ مېيىپلىك نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئىستېمال-مال باھا سەۋىيەسى، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مائاش سەۋىيەسى، دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ بېكىتىدۇ. مېيىپلەر نەپىقە پۇلىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى تارقىتىدۇ.

第七章 褒扬激励

7-باب تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش

第五十七条 国家建立退役军人荣誉激励机制,对在社会主义现代化建设中做出突出贡献的退役军人予以表彰、奖励。退役军人服现役期间获得表彰、奖励的,退役后按照国家有关规定享受相应待遇。

57-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى شەرەپ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلارنى تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغانلىرى ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

第五十八条 退役军人安置地人民政府在接收退役军人时,应当举行迎接仪式。迎接仪式由安置地人民政府退役军人工作主管部门负责实施。

58-ماددا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى قوبۇل قىلغاندا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ.

第五十九条 地方人民政府应当为退役军人家庭悬挂光荣牌,定期开展走访慰问活动。

59-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئائىلىلىرىگە شەرەپ تاختىسى ئېسىپ، يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

第六十条 国家、地方和军队举行重大庆典活动时,应当邀请退役军人代表参加。

60-ماددا دۆلەت، يەرلىك ۋە ئارمىيە مۇھىم، زور تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋەكىللىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشى كېرەك.

被邀请的退役军人参加重大庆典活动时,可以穿着退役时的制式服装,佩戴服现役期间和退役后荣获的勋章、奖章、纪念章等徽章。

تەكلىپ قىلىنغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇھىم، زور تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن چاغدىكى ئۆلچەملىك كىيىم كىيىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن شەرەپ بىلەن ئېرىشكەن ئوردېن، مېدال، خاتىرە ئىزنىكى قاتارلىق ئىزناكلارنى تاقىسا بولىدۇ.

第六十一条 国家注重发挥退役军人在爱国主义教育和国防教育活动中的积极作用。机关、群团组织、企业事业单位和社会组织可以邀请退役军人协助开展爱国主义教育和国防教育。县级以上人民政府教育行政部门可以邀请退役军人参加学校国防教育培训,学校可以聘请退役军人参与学生军事训练。

61-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەلىم-تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، مەكتەپلەر ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەشىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولمايدۇ.

第六十二条 县级以上人民政府退役军人工作主管部门应当加强对退役军人先进事迹的宣传,通过制作公益广告、创作主题文艺作品等方式,弘扬爱国主义精神、革命英雄主义精神和退役军人敬业奉献精神。

62-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەت ئېلانى ئىشلەش، باش تېمىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھى ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

第六十三条 县级以上地方人民政府负责地方志工作的机构应当将本行政区域内下列退役军人的名录和事迹,编辑录入地方志:

63-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەزكىرە خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن تۆۋەندىكى ھەربىيلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئىش ئىزلىرىنى تەزكىرە قىلىپ كىرگۈزۈشى كېرەك :

(一)参战退役军人;

( 1 ) ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(二)荣获二等功以上奖励的退役军人;

( 2 ) شەرەپ بىلەن 2-دەرىجىلىك خىزمەتتىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(三)获得省部级或者战区级以上表彰的退役军人;

( 3 ) ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ياكى ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەقدىرلەنگەن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر؛

(四)其他符合条件的退役军人。

( 4 ) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن باشقا ھەربىيلەر.

第六十四条 国家统筹规划烈士纪念设施建设,通过组织开展英雄烈士祭扫纪念活动等多种形式,弘扬英雄烈士精神。退役军人工作主管部门负责烈士纪念设施的修缮、保护和管理。

64-ماددا دۆلەت ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار-قۇربانلارنىڭ قەبرە يوقلاش-سۈپۈرۈش، خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قەھرىمانلار-قۇربانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

国家推进军人公墓建设。符合条件的退役军人去世后,可以安葬在军人公墓。

دۆلەت ھەربىيلەر قەبرىستانلىقى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەربىيلەر قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنسا بولىدۇ.

第八章 服务管理

سەككىزىنچى باب مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش

第六十五条 国家加强退役军人服务机构建设,建立健全退役军人服务体系。县级以上人民政府设立退役军人服务中心,乡镇、街道、农村和城市社区设立退役军人服务站点,提升退役军人服务保障能力。

65-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، مۇكەممەللەشتۈردى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىدۇ، يېزا-بازار، كوچا باشقارمىسى، يېزا ۋە شەھەر مەھەللىلىرىدە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش-نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى مۇلازىمەت قىلىش-كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

第六十六条 退役军人服务中心、服务站点等退役军人服务机构应当加强与退役军人联系沟通,做好退役军人就业创业扶持、优抚帮扶、走访慰问、权益维护等服务保障工作。

66-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت مەركىزى، مۇلازىمەت پونكىتى-نۇقتىسى قاتارلىق سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئاپپاراتلىرى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە يار-يۆلەك بولۇش، نەپىقە بېرىش، يوقلاش، ھال سوراش، ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第六十七条 县级以上人民政府退役军人工作主管部门应当加强退役军人思想政治教育工作,及时掌握退役军人的思想情况和工作生活状况,指导接收安置单位和其他组织做好退役军人的思想政治工作和有关保障工作。

67-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى ۋە خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى، قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

接收安置单位和其他组织应当结合退役军人工作和生活状况,做好退役军人思想政治工作和有关保障工作。

قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە قارىتىلغان ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ۋە مۇناسىۋەتلىك كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

第六十八条 县级以上人民政府退役军人工作主管部门、接收安置单位和其他组织应当加强对退役军人的保密教育和管理。

68-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى، قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇن ۋە باشقا تەشكىلات ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە بولغان مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەربىيەسى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

第六十九条 县级以上人民政府退役军人工作主管部门应当通过广播、电视、报刊、网络等多种渠道宣传与退役军人相关的法律法规和政策制度。

69-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت-تۈزۈملەرنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

第七十条 县级以上人民政府退役军人工作主管部门应当建立健全退役军人权益保障机制,畅通诉求表达渠道,为退役军人维护其合法权益提供支持和帮助。退役军人的合法权益受到侵害,应当依法解决。公共法律服务有关机构应当依法为退役军人提供法律援助等必要的帮助。

70-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىسا، قانۇن بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن بويىچە زۆرۈر ياردەم بېرىشى كېرەك.

第七十一条 县级以上人民政府退役军人工作主管部门应当依法指导、督促有关部门和单位做好退役安置、教育培训、就业创业、抚恤优待、褒扬激励、拥军优属等工作,监督检查退役军人保障相关法律法规和政策措施落实情况,推进解决退役军人保障工作中存在的问题。

71-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش، نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش، تەقدىرلەش-رىغبەتلەندۈرۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

第七十二条 国家实行退役军人保障工作责任制和考核评价制度。县级以上人民政府应当将退役军人保障工作完成情况,纳入对本级人民政府负责退役军人有关工作的部门及其负责人、下级人民政府及其负责人的考核评价内容。

72-ماددا دۆلەت سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

对退役军人保障政策落实不到位、工作推进不力的地区和单位,由省级以上人民政府退役军人工作主管部门会同有关部门约谈该地区人民政府主要负责人或者该单位主要负责人。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كۈچلۈك بولمىغان رايون ۋە ئورۇنلارغا قارىتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىدۇ.

第七十三条 退役军人工作主管部门及其工作人员履行职责,应当自觉接受社会监督。

73-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

第七十四条 对退役军人保障工作中违反本法行为的检举、控告,有关机关和部门应当依法及时处理,并将处理结果告知检举人、控告人。

74-ماددا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدىكى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ماتېرىيالى، ئەرز-شىكايەتنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچى، ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

第九章 法律责任

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第七十五条 退役军人工作主管部门及其工作人员有下列行为之一的,由其上级主管部门责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分:

75-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

(一)未按照规定确定退役军人安置待遇的;

( 1 ) ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەمىناتىنى بېكىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(二)在退役军人安置工作中出具虚假文件的;

( 2 ) ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ساختا ھۆججەت چىقارغان بولسا؛

(三)为不符合条件的人员发放退役军人优待证的;

( 3 ) شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارغا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى تارقىتىپ بەرگەنلەر؛

(四)挪用、截留、私分退役军人保障工作经费的;

( 4 ) سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت خىراجىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغانلار؛

(五)违反规定确定抚恤优待对象、标准、数额或者给予退役军人相关待遇的;

( 5 ) نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتى، ئۆلچىمى، سوممىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بېكىتكەن ياكى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەمىنات بەرگەنلەر؛

(六)在退役军人保障工作中利用职务之便为自己或者他人谋取私利的;

( 6 ) ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ياكى باشقىلارغا كۆمىچىگە چوغ تارتقانلار؛

(七)在退役军人保障工作中失职渎职的;

( 7 ) ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلار، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار؛

(八)有其他违反法律法规行为的。

( 8 ) قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

第七十六条 其他负责退役军人有关工作的部门及其工作人员违反本法有关规定的,由其上级主管部门责令改正,对直接负责的主管人员和其他直接责任人员依法给予处分。

76-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل باشقا تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第七十七条 违反本法规定,拒绝或者无故拖延执行退役军人安置任务的,由安置地人民政府退役军人工作主管部门责令限期改正;逾期不改正的,予以通报批评。对该单位主要负责人和直接责任人员,由有关部门依法给予处分。

77-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ. شۇ ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

第七十八条 退役军人弄虚作假骗取退役相关待遇的,由县级以上地方人民政府退役军人工作主管部门取消相关待遇,追缴非法所得,并由其所在单位或者有关部门依法给予处分。

78-ماددا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن ئارمىيەدىن چېكىنىشكە مۇناسىۋەتلىك تەمىناتنى ساختىپەزلىك قىلىپ ئالداپ ئېلىۋالغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تەمىناتنى بىكار قىلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى ئالاقىدار تارمىقى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

第七十九条 退役军人违法犯罪的,由省级人民政府退役军人工作主管部门按照国家有关规定中止、降低或者取消其退役相关待遇,报国务院退役军人工作主管部门备案。

79-ماددا ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى خىزمەت مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەمىناتىنى توختىتىپ تۇرىدۇ، تۆۋەنلىتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەربىيدىن چېكىنغانلار خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

退役军人对省级人民政府退役军人工作主管部门作出的中止、降低或者取消其退役相关待遇的决定不服的,可以依法申请行政复议或者提起行政诉讼。

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى خىزمەت باشقۇرۇش تارمىقى چىقارغان ئارمىيەدىن چېكىنىشكە مۇناسىۋەتلىك تەمىناتىنى توختىتىش، تۆۋەنلىتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

第八十条 违反本法规定,构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚;构成犯罪的,依法追究刑事责任。

80-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第十章 附  则

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第八十一条 中国人民武装警察部队依法退出现役的警官、警士和义务兵等人员,适用本法。

81-ماددا جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ قانۇن بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ساقچى ئوفىتسېرلىرى، ساقچىلار ۋە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر قاتارلىقلارغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

第八十二条 本法有关军官的规定适用于文职干部。

82-ماددا بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار ئوفىتسېرلارغا دائىر بەلگىلىمىلەر مەمۇرىي كادىرلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

军队院校学员依法退出现役的,参照本法有关规定执行。

ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ كۇرسانتلىرىدىن قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلىرى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第八十三条 参试退役军人参照本法有关参战退役军人的规定执行。

83-ماددا ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر مۇشۇ قانۇندىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە ئائىت بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

参战退役军人、参试退役军人的范围和认定标准、认定程序,由中央军事委员会有关部门会同国务院退役军人工作主管部门等部门规定。

ئۇرۇشقا قاتناشقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، سىناق تەرىقىسىدە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ دائىرىسى ۋە بېكىتىش ئۆلچىمى، بېكىتىش تەرتىپىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

第八十四条 军官离职休养和军级以上职务军官退休后,按照国务院和中央军事委员会的有关规定安置管理。

84-ماددا ئوفىتسېرلار خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئالغان ۋە جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىدىكى ئوفىتسېرلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ.

本法施行前已经按照自主择业方式安置的退役军人的待遇保障,按照国务院和中央军事委员会的有关规定执行。

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تەمىنات كاپالىتى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

第八十五条 本法自2021年1月1日起施行。

85-ماددا بۇ قانۇن 2021-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.