中华人民共和国非物质文化遗产法

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى

(2011年2月25日第十一届全国人民代表大会常务委员会第十九次会议通过)

( 2011-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

目  录

مۇندەرىجە

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第二章 非物质文化遗产的调查

2-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش

第三章 非物质文化遗产代表性项目名录

3-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى

第四章 非物质文化遗产的传承与传播

4-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىش

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第一章 总则

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

第一条 为了继承和弘扬中华民族优秀传统文化,促进社会主义精神文明建设,加强非物质文化遗产保护、保存工作,制定本法。

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

第二条 本法所称非物质文化遗产,是指各族人民世代相传并视为其文化遗产组成部分的各种传统文化表现形式,以及与传统文化表现形式相关的实物和场所。包括:

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر مىللەت خەلقى ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ قارىغان ھەر خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇننى كۆرسىتىدۇ. ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

(一)传统口头文学以及作为其载体的语言;

( 1 ) ئەنئەنىۋى ئېغىز ئەدەبىياتى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بولغان تىل؛

(二)传统美术、书法、音乐、舞蹈、戏剧、曲艺和杂技;

( 2 ) ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، ئەلنەغمە ۋە سېرك؛

(三)传统技艺、医药和历法;

( 3 ) ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت، تېببىي دورىگەرلىك ۋە كالېندار؛

(四)传统礼仪、节庆等民俗;

( 4 ) ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن، بايرام قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلەر؛

(五)传统体育和游艺;

( 5 ) ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش سەنئىتى؛

(六)其他非物质文化遗产。

( 6 ) باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى.

属于非物质文化遗产组成部分的实物和场所,凡属文物的,适用《中华人民共和国文物保护法》的有关规定。

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە بولغان ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇنلاردىن ئومۇمەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا تەۋە بولغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

第三条 国家对非物质文化遗产采取认定、记录、建档等措施予以保存,对体现中华民族优秀传统文化,具有历史、文学、艺术、科学价值的非物质文化遗产采取传承、传播等措施予以保护。

3-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بېكىتىش، خاتىرىلەش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساقلايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قوغدايدۇ.

第四条 保护非物质文化遗产,应当注重其真实性、整体性和传承性,有利于增强中华民族的文化认同,有利于维护国家统一和民族团结,有利于促进社会和谐和可持续发展。

4-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا، ئۇنىڭ چىنلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ۋارىسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

第五条 使用非物质文化遗产,应当尊重其形式和内涵。

5-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىشتە، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

禁止以歪曲、贬损等方式使用非物质文化遗产。

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بۇرمىلاش، كەمسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

第六条 县级以上人民政府应当将非物质文化遗产保护、保存工作纳入本级国民经济和社会发展规划,并将保护、保存经费列入本级财政预算。

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە قوغداش، ساقلاش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

国家扶持民族地区、边远地区、贫困地区的非物质文化遗产保护、保存工作。

دۆلەت مىللىي رايونلار، چەت-ياقا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەدەت بېرىدۇ.

第七条 国务院文化主管部门负责全国非物质文化遗产的保护、保存工作;县级以上地方人民政府文化主管部门负责本行政区域内非物质文化遗产的保护、保存工作。

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

县级以上人民政府其他有关部门在各自职责范围内,负责有关非物质文化遗产的保护、保存工作。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

第八条 县级以上人民政府应当加强对非物质文化遗产保护工作的宣传,提高全社会保护非物质文化遗产的意识。

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

第九条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织参与非物质文化遗产保护工作。

9-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第十条 对在非物质文化遗产保护工作中做出显著贡献的组织和个人,按照国家有关规定予以表彰、奖励。

10-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

第二章 非物质文化遗产的调查

2-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش

第十一条 县级以上人民政府根据非物质文化遗产保护、保存工作需要,组织非物质文化遗产调查。非物质文化遗产调查由文化主管部门负责进行。

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ بارىدۇ.

县级以上人民政府其他有关部门可以对其工作领域内的非物质文化遗产进行调查。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز خىزمىتى ساھەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

第十二条 文化主管部门和其他有关部门进行非物质文化遗产调查,应当对非物质文化遗产予以认定、记录、建档,建立健全调查信息共享机制。

12-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى بېكىتىپ، خاتىرىلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

文化主管部门和其他有关部门进行非物质文化遗产调查,应当收集属于非物质文化遗产组成部分的代表性实物,整理调查工作中取得的资料,并妥善保存,防止损毁、流失。其他有关部门取得的实物图片、资料复制件,应当汇交给同级文化主管部门。

مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرگەندە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە ۋەكىل خاراكتېرلىك ماددىي بۇيۇملارنى توپلىشى، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى رەتلىشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى، بۇزۇۋېتىشى، چېچىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم سۈرىتى، ماتېرىيالنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.

第十三条 文化主管部门应当全面了解非物质文化遗产有关情况,建立非物质文化遗产档案及相关数据库。除依法应当保密的外,非物质文化遗产档案及相关数据信息应当公开,便于公众查阅。

13-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارخىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارخىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك.

第十四条 公民、法人和其他组织可以依法进行非物质文化遗产调查。

14-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

第十五条 境外组织或者个人在中华人民共和国境内进行非物质文化遗产调查,应当报经省、自治区、直辖市人民政府文化主管部门批准;调查在两个以上省、自治区、直辖市行政区域进行的,应当报经国务院文化主管部门批准;调查结束后,应当向批准调查的文化主管部门提交调查报告和调查中取得的实物图片、资料复制件。

15-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشنى ئىككىدىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي رايونىدا ئېلىپ بېرىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈشنى تەستىقلىغان مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم سۈرىتى ۋە ماتېرىيالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك.

境外组织在中华人民共和国境内进行非物质文化遗产调查,应当与境内非物质文化遗产学术研究机构合作进行。

چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، چېگرا ئىچىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

第十六条 进行非物质文化遗产调查,应当征得调查对象的同意,尊重其风俗习惯,不得损害其合法权益。

16-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، ئۇنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

第十七条 对通过调查或者其他途径发现的濒临消失的非物质文化遗产项目,县级人民政府文化主管部门应当立即予以记录并收集有关实物,或者采取其他抢救性保存措施;对需要传承的,应当采取有效措施支持传承。

17-ماددا تەكشۈرۈش ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق بايقالغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى دەرھال خاتىرىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماددىي بۇيۇملارنى توپلىشى ياكى باشقا قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك؛ ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ۋارىسلىق قىلىشنى قوللاش كېرەك.

第三章 非物质文化遗产代表性项目名录

3-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى

第十八条 国务院建立国家级非物质文化遗产代表性项目名录,将体现中华民族优秀传统文化,具有重大历史、文学、艺术、科学价值的非物质文化遗产项目列入名录予以保护。

18-ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مۇھىم، زور تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن قىممىتىگە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قوغدايدۇ.

省、自治区、直辖市人民政府建立地方非物质文化遗产代表性项目名录,将本行政区域内体现中华民族优秀传统文化,具有历史、文学、艺术、科学价值的非物质文化遗产项目列入名录予以保护。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن قىممىتىگە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قوغدايدۇ.

第十九条 省、自治区、直辖市人民政府可以从本省、自治区、直辖市非物质文化遗产代表性项目名录中向国务院文化主管部门推荐列入国家级非物质文化遗产代表性项目名录的项目。推荐时应当提交下列材料:

19-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىدىن گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنى كۆرسەتسە بولىدۇ. تەۋسىيە قىلغاندا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :

(一)项目介绍,包括项目的名称、历史、现状和价值;

( 1 ) تۈر تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن تۈرنىڭ نامى، تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قىممىتى؛

(二)传承情况介绍,包括传承范围、传承谱系、传承人的技艺水平、传承活动的社会影响;

( 2 ) ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ۋارىسلىق قىلىش دائىرىسى، ۋارىسلىق قىلىش شەجەرىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

(三)保护要求,包括保护应当达到的目标和应当采取的措施、步骤、管理制度;

( 3 ) قوغداش تەلىپى، جۈملىدىن يېتىشكە تېگىشلىك نىشان ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىر، قەدەم-باسقۇچ، باشقۇرۇش تۈزۈمى؛

(四)有助于说明项目的视听资料等材料。

( 4 ) تۈرنىڭ ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى چۈشەندۈرۈشكە پايدىلىق.

第二十条 公民、法人和其他组织认为某项非物质文化遗产体现中华民族优秀传统文化,具有重大历史、文学、艺术、科学价值的,可以向省、自治区、直辖市人民政府或者国务院文化主管部门提出列入国家级非物质文化遗产代表性项目名录的建议。

20-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مەلۇم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ، مۇھىم، زور تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

第二十一条 相同的非物质文化遗产项目,其形式和内涵在两个以上地区均保持完整的,可以同时列入国家级非物质文化遗产代表性项目名录。

21-ماددا ئوخشاش بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىدىن شەكلى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنى ئىككىدىن ئارتۇق رايوندا بىردەك مۇكەممەل ساقلانغانلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

第二十二条 国务院文化主管部门应当组织专家评审小组和专家评审委员会,对推荐或者建议列入国家级非物质文化遗产代表性项目名录的非物质文化遗产项目进行初评和审议。

22-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتىنى تەشكىللەپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە كۆرسىتىلگەن ياكى تەكلىپ بېرىلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى دەسلەپكى باھالىشى ۋە قاراپ چىقىشى كېرەك.

初评意见应当经专家评审小组成员过半数通过。专家评审委员会对初评意见进行审议,提出审议意见。

دەسلەپكى باھالاش پىكرى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتى دەسلەپكى باھالاش پىكرىنى قاراپ چىقىپ، قاراپ چىقىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

评审工作应当遵循公开、公平、公正的原则。

باھالاش خىزمىتىدە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

第二十三条 国务院文化主管部门应当将拟列入国家级非物质文化遗产代表性项目名录的项目予以公示,征求公众意见。公示时间不得少于二十日。

23-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان تۈرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئېلان قىلىش ۋاقتى 20 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.

第二十四条 国务院文化主管部门根据专家评审委员会的审议意见和公示结果,拟订国家级非物质文化遗产代表性项目名录,报国务院批准、公布。

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ئېلان قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى، ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.

第二十五条 国务院文化主管部门应当组织制定保护规划,对国家级非物质文化遗产代表性项目予以保护。

25-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى قوغدىشى كېرەك.

省、自治区、直辖市人民政府文化主管部门应当组织制定保护规划,对本级人民政府批准公布的地方非物质文化遗产代表性项目予以保护。

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈشكە تەشكىللىشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى قوغدىشى كېرەك.

制定非物质文化遗产代表性项目保护规划,应当对濒临消失的非物质文化遗产代表性项目予以重点保护。

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى نۇقتىلىق قوغداش كېرەك.

第二十六条 对非物质文化遗产代表性项目集中、特色鲜明、形式和内涵保持完整的特定区域,当地文化主管部门可以制定专项保护规划,报经本级人民政府批准后,实行区域性整体保护。确定对非物质文化遗产实行区域性整体保护,应当尊重当地居民的意愿,并保护属于非物质文化遗产组成部分的实物和场所,避免遭受破坏。

26-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرى مەركەزلەشكەن، ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنى مۇكەممەل بولغان مۇئەييەن رايوندا، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مەخسۇس قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى يولغا قويسا بولىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى بېكىتىشتە، شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇنلارنى قوغداپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىش كېرەك.

实行区域性整体保护涉及非物质文化遗产集中地村镇或者街区空间规划的,应当由当地城乡规划主管部门依据相关法规制定专项保护规划。

رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي قوغداشنى يولغا قويۇش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركەزلەشكەن جايدىكى كەنت-بازار ياكى كوچا رايون بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا چېتىلىدىغانلىرىنى شۇ جايدىكى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك نىزاملارغا ئاساسەن مەخسۇس قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈشى كېرەك.

第二十七条 国务院文化主管部门和省、自治区、直辖市人民政府文化主管部门应当对非物质文化遗产代表性项目保护规划的实施情况进行监督检查;发现保护规划未能有效实施的,应当及时纠正、处理。

27-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك؛ قوغداش يىرىك پىلانىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلمىغانلىقىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا تۈزىتىش، بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

第四章 非物质文化遗产的传承与传播

4-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىش

第二十八条 国家鼓励和支持开展非物质文化遗产代表性项目的传承、传播。

28-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第二十九条 国务院文化主管部门和省、自治区、直辖市人民政府文化主管部门对本级人民政府批准公布的非物质文化遗产代表性项目,可以认定代表性传承人。

29-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنى ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسنى بېكىتسە بولىدۇ.

非物质文化遗产代表性项目的代表性传承人应当符合下列条件:

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك :

(一)熟练掌握其传承的非物质文化遗产;

( 1 ) ئۆزى ۋارىسلىق قىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پىششىق ئىگىلەش؛

(二)在特定领域内具有代表性,并在一定区域内具有较大影响;

( 2 ) مۇئەييەن ساھەدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش ھەمدە مۇئەييەن رايوندا بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە بولۇش؛

(三)积极开展传承活动。

( 3 ) ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش.

认定非物质文化遗产代表性项目的代表性传承人,应当参照执行本法有关非物质文化遗产代表性项目评审的规定,并将所认定的代表性传承人名单予以公布。

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىشتە، مۇشۇ قانۇندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى باھالاشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەمدە بېكىتىلگەن ۋەكىللىك ۋارىسلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

第三十条 县级以上人民政府文化主管部门根据需要,采取下列措施,支持非物质文化遗产代表性项目的代表性传承人开展传承、传播活动:

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ :

(一)提供必要的传承场所;

( 1 ) زۆرۈر ۋارىسلىق قىلىش سورۇنى بېرىش؛

(二)提供必要的经费资助其开展授徒、传艺、交流等活动;

( 2 ) زۆرۈر خىراجەت بىلەن ئۇنىڭ شاگىرت بېرىش، ماھارەت ئۆگىتىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛

(三)支持其参与社会公益性活动;

( 3 ) ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش؛

(四)支持其开展传承、传播活动的其他措施。

( 4 ) ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدىغان باشقا تەدبىرلەر.

第三十一条 非物质文化遗产代表性项目的代表性传承人应当履行下列义务:

31-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

(一)开展传承活动,培养后继人才;

( 1 ) ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛

(二)妥善保存相关的实物、资料;

( 2 ) ئالاقىدار ماددىي بۇيۇم، ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلاش؛

(三)配合文化主管部门和其他有关部门进行非物质文化遗产调查;

( 3 ) مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ماسلىشىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش؛

(四)参与非物质文化遗产公益性宣传。

( 4 ) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىغا قاتنىشىش.

非物质文化遗产代表性项目的代表性传承人无正当理由不履行前款规定义务的,文化主管部门可以取消其代表性传承人资格,重新认定该项目的代表性传承人;丧失传承能力的,文化主管部门可以重新认定该项目的代表性传承人。

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن ئادا قىلمىسا، مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، شۇ تۈرنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرىنى قايتىدىن بېكىتسە بولىدۇ؛ ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلارنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ تۈرنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى قايتىدىن بېكىتسە بولىدۇ.

第三十二条 县级以上人民政府应当结合实际情况,采取有效措施,组织文化主管部门和其他有关部门宣传、展示非物质文化遗产代表性项目。

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، كۆرگەزمە قىلىشى كېرەك.

第三十三条 国家鼓励开展与非物质文化遗产有关的科学技术研究和非物质文化遗产保护、保存方法研究,鼓励开展非物质文化遗产的记录和非物质文化遗产代表性项目的整理、出版等活动。

33-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش ئۇسۇلى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاتىرىسى ۋە غەيرىي ماددىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

第三十四条 学校应当按照国务院教育主管部门的规定,开展相关的非物质文化遗产教育。

34-ماددا مەكتەپلەر گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

新闻媒体应当开展非物质文化遗产代表性项目的宣传,普及非物质文化遗产知识。

ئاخبارات تاراتقۇلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

第三十五条 图书馆、文化馆、博物馆、科技馆等公共文化机构和非物质文化遗产学术研究机构、保护机构以及利用财政性资金举办的文艺表演团体、演出场所经营单位等,应当根据各自业务范围,开展非物质文化遗产的整理、研究、学术交流和非物质文化遗产代表性项目的宣传、展示。

35-ماددا كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتى، قوغداش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قۇرغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش ئۆمىكى، ئويۇن قويۇش سورۇنى تىجارىتى ئورنى قاتارلىقلار ئۆز كەسىپ دائىرىسىگە ئاساسەن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش.

第三十六条 国家鼓励和支持公民、法人和其他组织依法设立非物质文化遗产展示场所和传承场所,展示和传承非物质文化遗产代表性项目。

36-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش سورۇنى ۋە ۋارىسلىق قىلىش سورۇنىنى قانۇن بويىچە قۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

第三十七条 国家鼓励和支持发挥非物质文化遗产资源的特殊优势,在有效保护的基础上,合理利用非物质文化遗产代表性项目开发具有地方、民族特色和市场潜力的文化产品和文化服务。

37-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئۈنۈملۈك قوغداش ئاساسىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يەرلىك، مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئاچىدۇ.

开发利用非物质文化遗产代表性项目的,应当支持代表性传承人开展传承活动,保护属于该项目组成部分的实物和场所。

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، ۋەكىللىك ۋارىسلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش، شۇ تۈرنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇننى قوغداش كېرەك.

县级以上地方人民政府应当对合理利用非物质文化遗产代表性项目的单位予以扶持。单位合理利用非物质文化遗产代表性项目的,依法享受国家规定的税收优惠。

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان ئورۇنلارنى يۆلىشى كېرەك. ئورۇنلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانسا، دۆلەت بەلگىلىگەن باجدا ئېتىبار بېرىشتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

第五章 法律责任

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

第三十八条 文化主管部门和其他有关部门的工作人员在非物质文化遗产保护、保存工作中玩忽职守、滥用职权、徇私舞弊的,依法给予处分。

38-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第三十九条 文化主管部门和其他有关部门的工作人员进行非物质文化遗产调查时侵犯调查对象风俗习惯,造成严重后果的,依法给予处分。

39-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

第四十条 违反本法规定,破坏属于非物质文化遗产组成部分的实物和场所的,依法承担民事责任;构成违反治安管理行为的,依法给予治安管理处罚。

40-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدىكى ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

第四十一条 境外组织违反本法第十五条规定的,由文化主管部门责令改正,给予警告,没收违法所得及调查中取得的实物、资料;情节严重的,并处十万元以上五十万元以下的罚款。

41-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم ۋە ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

境外个人违反本法第十五条第一款规定的,由文化主管部门责令改正,给予警告,没收违法所得及调查中取得的实物、资料;情节严重的,并处一万元以上五万元以下的罚款。

چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم، ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

第四十二条 违反本法规定,构成犯罪的,依法追究刑事责任。

42-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

第六章 附则

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

第四十三条 建立地方非物质文化遗产代表性项目名录的办法,由省、自治区、直辖市参照本法有关规定制定。

43-ماددا يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ تۈزىدۇ.

第四十四条 使用非物质文化遗产涉及知识产权的,适用有关法律、行政法规的规定。

44-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

对传统医药、传统工艺美术等的保护,其他法律、行政法规另有规定的,依照其规定。

ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىقلارنى قوغداشقا دائىر باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

第四十五条 本法自2011年6月1日起施行。

45-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.