جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى

( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

ئىككىنچى باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

2-پاراگراف سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى

3-پاراگراف دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى

3-باب شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرا ھالقىپ تەمىنلەش قائىدىسى

4-باب شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدىكى ھوقۇقى

5-باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى

6-باب شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شەخسىي ئۇچۇردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات، شەخسنىڭ تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسىمۇ، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ :

( 1 ) چېگرا ئىچىدىكى تەبىئىي ئىگىلەرگە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە؛

( 2 ) چېگرا ئىچىدىكى تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلىش، باھالاش؛

( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

4-ماددا شەخسىي ئۇچۇر ‐ ‐ ئېلېكترونلۇق ئۇسۇل ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىنىدىغان، تونۇغان ياكى تونۇغىلى بولىدىغان تەبىئىي ئىگىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، نامسىز بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىش شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش، ساقلاش، ئىشلىتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يوللاش، تەمىنلەش، ئاشكارىلاش، ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنلۇق بولۇش، يوللۇق بولۇش، زۆرۈر بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، شەخسىي ئۇچۇرنى ئازدۇرۇش، ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېنىق، مۇۋاپىق مەقسەت بولۇشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئەڭ ئاز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك، شەخسىي ئۇچۇرنى زىيادە توپلاشقا بولمايدۇ.

7-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاشكارا، ئوچۇق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىش قائىدىسىنى ئاشكارىلاش، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك.

8-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسىي ئۇچۇرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ توغرا بولماسلىقى، مۇكەممەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

9-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

10-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات، شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلىشىغا، ئىشلىتىشىگە، پىششىقلىشىغا، يەتكۈزۈشىگە، قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىشىغا، تەمىنلىشىگە ياكى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛
دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى مەنپەئەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.

11-ماددا دۆلەت شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى جازالايدۇ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئامما شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئورتاق قاتنىشىدىغان ياخشى مۇھىتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

12-ماددا دۆلەت شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قائىدىسى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىككىنچى باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

13-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ :

( 1 ) شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش؛

( 2 ) شەخسنىڭ توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن توختام تۈزۈش، ئادا قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى ياكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئورنىنى قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ئەمگەك قائىدە-تۈزۈمى ۋە قانۇن بويىچە ئىمزالانغان كوللېكتىپ توختام بويىچە يولغا قويۇشنىڭ ئېھتىياجى؛

( 3 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بولسا؛

( 4 ) تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ياكى جىددىي ئەھۋالدا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بولسا؛

( 5 ) ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئاخبارات، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى مۇۋاپىق دائىرىدە بىر تەرەپ قىلىش؛

( 6 ) شەخسلەر ئۆزى ئاشكارىلىغان ياكى قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق دائىرىدە بىر تەرەپ قىلىش؛

( 7 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

مۇشۇ قانۇندىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 2 ) تارماقچىسىدىن ( 7 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھاجەتسىز.

14-ماددا شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاساس قىلىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قوشۇلۇشنى شەخس ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئىختىيارىي، ئېنىق چىقىرىشى كېرەك.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ياكى يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرىدە ئۆزگىرىش بولسا، شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتا ئېلىش كېرەك.

15-ماددا شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلسا، شەخس ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار قولاي بولغان قوشۇلۇشنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشى، قايتۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

16-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلمىغانلىقى ياكى قوشۇلۇشنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ؛
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىش زۆرۈر بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

17-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن، شەخسكە تۆۋەندىكى ئىشلارنى روشەن، ئېنىق، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەقىقىي، توغرا، تولۇق ئۇقتۇرۇشى كېرەك :

( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى؛

( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، ساقلىنىش مۇددىتى؛

( 3 ) شەخسنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى؛

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگەرتىلگەن قىسمىنى شەخسكە ئۇقتۇرۇش كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئۇقتۇرغان بولسا، بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى ئاشكارىلىنىشى ھەمدە كۆرۈش ۋە ساقلاشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك.

18-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەخپىي تۇتۇش ياكى ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا، ئالدىنقى ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى شەخسكە ئۇقتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

جىددىي ئەھۋالدا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن شەخسكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرغىلى بولمىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى جىددىي ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

19-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى ساقلاش مۇددىتى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت بولۇشى كېرەك.

20-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە قارار قىلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.
لېكىن، بۇ پۈتۈم شەخسنىڭ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

21-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەقسىتى، مۇددىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، قوغداش تەدبىرى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارنى پۈتۈشۈشى ھەمدە ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر ياقلىق قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

ھاۋالە قىلىنغۇچى شەخسىي ئۇچۇرىنى پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، پۈتۈشكەن بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ھالقىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك؛
ھاۋالە توختامى كۈچكە ئىگە بولمىسا، ئىناۋەتسىز بولسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى شەخسىي ئۇچۇرىنى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى ياكى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك، ساقلاپ قېلىشقا بولمايدۇ.

ھاۋالە قىلىنغۇچى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.

22-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىرلىشىش، بۆلۈنۈش، تارقىلىش، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەخسىي ئۇچۇرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلسە، شەخسكە قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك.
قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتا ئېلىشى كېرەك.

23-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىر تەرەپ قىلغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارغا تەمىنلىگەندە، شەخسكە قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ تۈرىنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ يۇقىرىقى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى قاتارلىق دائىرىدە شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتا ئېلىشى كېرەك.

24-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەشتە، تەدبىرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە نەتىجىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شەخسكە سودا باھاسى قاتارلىق سودا شارائىتىدا نامۇۋاپىق پەرقلىق مۇئامىلە قىلسا بولمايدۇ.

ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەخسكە ئۇچۇر يوللاش، سودا تىجارىتى قىلىشتا، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان بولمىغان تاللاش تۈرى بىلەن بىر ۋاقىتتا تەمىنلەش ياكى شەخسكە قولاي رەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش شەكلى ئارقىلىق شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدىغان قارار چىقىرىشتا، شەخس شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلىلا قارار چىقىرىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

25-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزى بىر تەرەپ قىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ، شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

26-ماددا ئاممىۋى سورۇندا سۈرەت ئېلىش، شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشتا، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە ئېنىق ئەسكەرتىش بەلگىسى سېلىش كېرەك.
توپلانغان شەخسىي سۈرەت، سالاھىيەت تونۇش ئۇچۇرىنى پەقەت ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش مەقسىتىگىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باشقا مەقسەتكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛
شەخسلەر ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

27-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۆزى ئاشكارىلىغان شەخسىي ئۇچۇر ياكى قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق دائىرىدە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛
شەخسلەر ئېنىق رەت قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئاشكارىلانغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىپ، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زور تەسىر يەتكۈزسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

2-پاراگراف سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى

28-ماددا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ قالسا ياكى قانۇنسىز ئىشلىتىلسە، تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدىغان ياكى جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرايدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى، جۈملىدىن بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش، دىنىي ئېتىقاد، مۇئەييەن سالاھىيەت، داۋالىنىش-ساغلاملىق، پۇل مۇئامىلە ھېساباتى، يۈرۈش-تۇرۇش ئىزى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ،
شۇنداقلا 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى.

پەقەت مۇئەييەن مەقسەت ۋە تولۇق زۆرۈرلۈككە ئىگە بولغان ھەمدە قاتتىق قوغداش تەدبىرى قوللانغان ئەھۋالدىلا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاندىن سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلالايدۇ.

29-ماددا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

30-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن باشقا، يەنە شەخسكە سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە بولغان تەسىرىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛
مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەخسكە ئۇقتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

31-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەخسۇس شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى تۈزۈشى كېرەك.

32-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشىش ياكى باشقا چەكلىمە قويۇش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-پاراگراف دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى

33-ماددا دۆلەت ئورگىنى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛
بۇ پاراگرافتا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

34-ماددا دۆلەت ئورگىنى شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زۆرۈر بولغان دائىرە ۋە چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

35-ماددا دۆلەت ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛
مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى ئۇقتۇرۇش دۆلەت ئورگىنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

36-ماددا دۆلەت ئورگىنى بىر تەرەپ قىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ساقلىشى كېرەك؛
چېگرا سىرتىغا ھەقىقەتەن تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، بىخەتەرلىكنى باھالاش كېرەك.
بىخەتەرلىكنى باھالاشتا ئالاقىدار تارماقلاردىن مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

37-ماددا قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار تەشكىلات قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

3-باب شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرا ھالقىپ تەمىنلەش قائىدىسى

38-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار كەسىپ قاتارلىق ئېھتىياجلار بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىشكە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولسا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىشى كېرەك :

( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى تەشكىللىگەن بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتۈش؛

( 2 ) دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي ئاپپاراتنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئىسپاتى بېرىش؛

( 3 ) دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇر تارمىقى تۈزگەن ئۆلچەملىك توختام بويىچە چېگرا سىرتىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ بىلەن توختام تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى-مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈش؛

( 4 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىش شەرتى قاتارلىقلارغا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.

شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئۆلچىمىگە يېتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

39-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولسا، شەخسكە چېگرا سىرتىدىكى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ تۈرى شۇنىڭدەك شەخسنىڭ چېگرا سىرتىدىكى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى قاتارلىق ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

40-ماددا ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى تىجارىتى قىلغۇچىلار ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى بەلگىلىگەن سانغا يەتكۈزگەن شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە توپلىغان ۋە ھاسىل قىلغان شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرا ئىچىدە ساقلىشى كېرەك.
چېگرا سىرتىغا ھەقىقەتەن تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى تەشكىللىگەن بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك؛
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىدا بىخەتەرلىكنى باھالاتمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

41-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەرگە ئاساسەن ياكى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، چەت ئەل قانۇن يۈرگۈزۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەسئۇل ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار چەت ئەلنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئاپپاراتى ياكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇرنى بەرسە بولمايدۇ.

42-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرىنى دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى ئۇنى چەكلەنگەن ياكى مەنئى قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ئېلان چىقارسا بولىدۇ،
ھەمدە ئۇنىڭغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىشنى چەكلەش ياكى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

43-ماددا ھەرقانداق دۆلەت ياكى رايون شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەنئى قىلىش، چەكلەش ياكى باشقا ئوخشاپ كېتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ شۇ دۆلەت ياكى رايونغا باراۋەر تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

4-باب شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدىكى ھوقۇقى

44-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى چەكلەش ياكى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

45-ماددا شەخس شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛
مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 35-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.

ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشنى شەخسىي تەلەپ قىلغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆزى بېكىتكەن شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا يۆتكەشنى تەلەپ قىلغاندا، دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى يۆتكەش يولى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

46-ماددا شەخس ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بايقىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن تۈزىتىش، تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

شەخسىي ئۇچۇرىنى تۈزىتىش، تولۇقلاشنى تەلەپ قىلغاندا، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچى شەخسىي ئۇچۇرىنى ئېنىقلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىشى، تولۇقلىشى كېرەك.

47-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈشى كېرەك؛
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئۆچۈرۈۋەتمىگەن بولسا، شەخس ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق :

( 1 ) بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى يوق بولسا؛

( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتسا ياكى ساقلاش مۇددىتى توشسا؛

( 3 ) شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش؛

( 4 ) شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ياكى پۈتۈمگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلسا؛

( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ساقلاش مۇددىتى توشمىسا ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈپ تېخنىكا جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ساقلاش ۋە زۆرۈر بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللانغاندىن باشقا بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.

48-ماددا شەخس شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

49-ماددا تەبىئىي ئىگە ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئۆلگۈچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ؛
ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

50-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە قولاي بولغان ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.
شەخسنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلىشتا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلسا، شەخس خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

5-باب شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى

51-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، شۇنىڭدەك شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ساقلىنىش ئېھتىمالى بولغان بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،
ھەمدە ھوقۇق بېرىلمىگەن زىيارەت قىلىش ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىۋېتىلىشى، يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ :

( 1 ) ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈش؛

( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش؛

( 3 ) مۇناسىپ شىفىرلاشتۇرۇش، بەلگىسىزلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلات ھوقۇق چېكىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەمدە كەسىپكارلارغا قەرەللىك بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش؛

( 5 ) شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

( 6 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.

52-ماددا بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى دۆلەت تور ئۇچۇر ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن سانغا يەتكۈزگەن شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مەسئۇل كىشىنى بېكىتىشى، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىش پائالىيىتى ھەمدە قوللانغان قوغداش تەدبىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىشى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مۇدىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماققا يوللىشى كېرەك.

53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىشى ياكى ۋەكىل بەلگىلىشى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتنىڭ نامى ياكى ۋەكىلنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماققا يوللىشى كېرەك.

54-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا قەرەللىك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى كېرەك.

55-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئىشتىن بۇرۇن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ تەسىرىنى باھالىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك :

( 1 ) سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛

( 2 ) شەخسىي ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش؛

( 3 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھاۋالە قىلىش، باشقا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلارغا شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش؛

( 4 ) چېگرا سىرتىغا شەخسىي ئۇچۇر بېرىش؛

( 5 ) شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرى.

56-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەسىرىنى باھالاش تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :

( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق، زۆرۈر بولغان-بولمىغانلىقى؛

( 2 ) شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتكە بولغان تەسىرى ۋە بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى؛

( 3 ) قوللانغان قوغداش تەدبىرىنىڭ قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكى ھەمدە خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى.

شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى خاتىرىسىنى ئاز دېگەندە ئۈچ يىل ساقلاش كېرەك.

57-ماددا شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىلىش، يوقاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ياكى شۇنداق ئېھتىماللىق بولسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق ۋە شەخسكە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك :

( 1 ) شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىلىش، يوقاپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ئۇچۇر تۈرى، سەۋەبى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ؛

( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى قوللانغان قۇتقۇزۇش تەدبىرى ۋە شەخس قوللىنىشقا بولىدىغان خەۋپ يېنىكلىتىش تەدبىرى؛

( 3 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى.

شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىۋېتىلىشى، يوقاپ كېتىشى سەۋەبىدىن خەۋپ كېلىپ چىقىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر يالىغۇچىلار شەخسكە ئۇقتۇرمىسىمۇ بولىدۇ؛
شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق خەۋپ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىسا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن شەخسكە ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

58-ماددا مۇھىم ئالاقە تورى سۇپىسى مۇلازىمىتى قىلغان، ئابۇنىچى سانى زور، كەسىپ تۈرى مۇرەككەپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :

( 1 ) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى تاشقى ئەزالاردىن تەركىب تاپقان مۇستەقىل ئاپپارات قۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش؛

( 2 ) ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، سۇپا قائىدىسى تۈزۈش، سۇپا مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛

( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئېغىر خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىدىكى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت قىلغۇچىلار مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىدۇ؛

( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت دوكلاتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش.

59-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

6-باب شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار

60-ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش خىزمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن تارماقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار دەپ ئاتىلىدۇ.

61-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار تۆۋەندىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ :

( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش؛

( 2 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئەرز، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش؛

( 3 ) قوللىنىشچان پىروگرامما قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئەھۋالىنى باھالاشقا تەشكىللەش ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش؛

( 4 ) قانۇنغا خىلاپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش؛

( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

62-ماددا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۆۋەندىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ :

( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ كونكرېت قائىدىسى، ئۆلچىمىنى تۈزۈش؛

( 2 ) كىچىك تىپتىكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار، سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، شۇنىڭدەك چىراي تونۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوللىنىشلارغا قارىتا مەخسۇس شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قائىدىسى، ئۆلچىمى تۈزۈش؛

( 3 ) بىخەتەر، قولايلىق ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەتنى دەلىللەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشقا مەدەت بېرىپ، تور سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئاممىۋى مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛

( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، باھالاش، ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش؛

( 5 ) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

63-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ :

( 1 ) ئالاقىدار ئالاقىدارلاردىن سوئال سوراش، شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛

( 2 ) توختاملاشقۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك توختام، خاتىرە، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، كۆپەيتىش؛

( 3 ) نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش؛

( 4 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە، بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش؛
قانۇنغا خىلاپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار ئۈسكۈنە، بۇيۇملارنى شۇ تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا يازما مەلۇم قىلىدۇ ھەمدە تەستىقلاتقاندىن كېيىن پېچەتلەشكە ياكى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، توختاملاشقۇچىلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

64-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە بىرقەدەر زور خەۋپ-خەتەر بارلىقىنى ياكى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكىنى بايقىسا، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە شۇ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشسە بولىدۇ،
ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن كەسپىي ئاپپاراتقا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تەلەپ بويىچە تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

65-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات، شەخس قانۇنغا خىلاپ شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماققا ئەرز قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئەرز، پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار ئەرز، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغان ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلىشتا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىش قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا قوشۇمچە 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 50 مىليون يۈەندىن تۆۋەن ياكى ئالدىنقى يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ % 5 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ،
ھەمدە ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا ياكى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارغا ئالاقىدار كەسىپ ئىجازىتىنى بىكار قىلىش ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئالاقىدار كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلى بولۇشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

67-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.

68-ماددا دۆلەت ئورگىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

69-ماددا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ زىيان سالغاندا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر ياقلىق قىلغۇچى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقى شەخسنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىيىنى ياكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئېرىشكەن مەنپەئىتىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛
شەخسلەر شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىيان ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئېرىشكەن پايدىسىنى بېكىتكىلى بولمىسا، تۆلەم سوممىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

70-ماددا شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپلىگەن شەخسنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى ۋە دۆلەت تور ئۇچۇر تارمىقى بېكىتكەن تەشكىلات خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

72-ماددا تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ شەخسىي ياكى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

قانۇنلاردا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان ئىستاتىستىكا، ئارخىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

73-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى :

( 1 ) شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغۇچى شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدىغان تەشكىلات، شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

( 2 ) ئاپتوماتىك تەدبىر بەلگىلەش كومپيۇتېر پىروگراممىسى ئارقىلىق شەخسنىڭ ھەرىكەت ئادىتى، قىزىقىشى ياكى ئىقتىسادى، ساغلاملىقى، ئىناۋەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك تەھلىل قىلىدىغان، باھالايدىغان ھەمدە تەدبىر بەلگىلەش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

( 3 ) پەرقلەندۈرۈۋېتىش شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئارتۇق ئۇچۇردىن پايدىلانمىغان ئەھۋالدا مۇئەييەن تەبىئىي ئىگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولماسلىق جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

( 4 ) نامسىز قىلىش شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق مۇئەييەن تەبىئىي ئىگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان جەرياننى كۆرسىتىدۇ.

74-ماددا بۇ قانۇن 2021-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.