جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى

( 1997-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب تىجارەتچىلەرنىڭ باھا ھەرىكىتى

3-باب ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتى

4-باب باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

5-باب باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن باھا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باھانىڭ بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، بازار باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە يۈز بەرگەن باھا ھەرىكىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باھا تاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تاۋار باھاسى ھەر خىل شەكىللىك مەھسۇلات ۋە شەكىلسىز مۈلۈكنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇلازىمەت باھاسى تۈرلۈك ھەقلىق مۇلازىمەت ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت ماكرو ئىگىلىكنى تەڭشەش-تىزگىنلەش شارائىتىدا، ئاساسلىقى بازاردىن باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
باھانىڭ تۈزۈلۈشى قىممەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، كۆپ ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىدا بازار ئارقىلىق تەڭشەش باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىغا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت باھا قويىدۇ.

بازار تەڭشەش باھاسىنى تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، بازار رىقابىتى ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن باھانى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تىجارەتچى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاۋارلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلات ۋە شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە دائىرىسى بويىچە ئۆلچەملىك باھا ۋە ئۇنىڭ لەيلەش دەرىجىسىنى بەلگىلەپ، تىجارەتچىنىڭ بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان باھانى كۆرسىتىدۇ.

ھۆكۈمەت باھاسى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھۆكۈمەت باھاسىغا مەسئۇل تارماق ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە دائىرىسى بويىچە بېكىتىدىغان باھانى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا دۆلەت ئادىل، ئاشكارا، قانۇنلۇق بازار رىقابىتىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، نورمال باھا تەرتىپىنى ساقلايدۇ، باھا پائالىيىتىنى باشقۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە زۆرۈر تەڭشەيدۇ، تىزگىنلەيدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باھا خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب تىجارەتچىلەرنىڭ باھا ھەرىكىتى

6-ماددا تاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت باھاسى تەتبىقلانغاندىن سىرت، بازار تەڭشەش باھاسىنى تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.

7-ماددا تىجارەتچىلەر باھا قويۇشتا، ئادىل، قانۇنلۇق بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

8-ماددا تىجارەتچىلەر باھا بېكىتىشنىڭ ئاساسىي ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخى ۋە بازاردىكى تەمىنلەش-تەلەپ ئەھۋالىدىن ئىبارەت.

9-ماددا تىجارەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى باشقۇرۇشنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلارغا باھاسى مۇۋاپىق تاۋار ۋە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە بازار رىقابىتىدە قانۇنلۇق پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك.

10-ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىجارەت شارائىتىغا ئاساسەن ئىچكى باھا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى توغرا خاتىرىلىشى ۋە بېكىتىشى كېرەك، ساختىپەزلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

11-ماددا تىجارەتچىلەر باھا پائالىيىتى قىلىشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ :

( 1 ) بازار تەڭشەشكە تەۋە باھانى ئۆز ئالدىغا بېكىتىش؛

( 2 ) ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىدا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە باھا بېكىتىش؛

( 3 ) ھۆكۈمەت يېتەكچى باھا قويىدىغان، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان مەھسۇلات دائىرىسىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ سىناق تەرىقىسىدە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىش، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا؛

( 4 ) ئۆزىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، ئەرز-شىكايەت قىلىش.

12-ماددا تىجارەتچىلەر باھا پائالىيىتى قىلغاندا، قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

13-ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن باھانى ئېنىق يېزىپ، تاۋارنىڭ نامى، ئورنى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى، باھا ھېسابلاش ئورنى، باھا ياكى مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئۆلچىمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك.

تىجارەتچىلەر تاۋارلارنى باھا چاپلانغاندىن سىرت يەنە باھا قوشۇپ ساتسا، يېزىلمىغان ھەرقانداق ھەق ئالسا بولمايدۇ.

14-ماددا تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى ناتوغرا باھا قىلمىشلىرىنى سادىر قىلسا بولمايدۇ :

( 1 ) ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، بازار باھاسىنى كونترول قىلىپ، باشقا تىجارەتچىلەر ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

( 2 ) يېڭى، تىرىك تاۋار، پەسىل خاراكتېرلىك تاۋار، بېسىلىپ قالغان تاۋار قاتارلىق تاۋارلارنى قانۇن بويىچە باھانى چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، رىقابەتچىسىنى چەتكە قېقىش ياكى بازارنى يالغۇز ئىگىلەش ئۈچۈن، تەننەرختىن تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە ياكى باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

( 3 ) باھا ئۆستۈرۈش ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىپ، تاۋار باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغانلار؛

( 4 ) ساختا ياكى كىشىگە خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان باھا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەرنى ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا قىزىقتۇرغان بولسا؛

( 5 ) ئوخشاش تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشاش سودا شارائىتى بار باشقا تىجارەتچىلەرگە باھا جەھەتتە كەمسىتىش قىلىش؛

( 6 ) دەرىجە ئۆستۈرۈش ياكى دەرىجە تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تاۋار سېتىۋېلىش، سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈش ياكى باھانى تۆۋەنلىتىش؛

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەددىدىن زىيادە پايدا ئېلىش؛

( 8 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ناتوغرا باھا قىلمىشلىرى.

15-ماددا تۈرلۈك ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەق ئېلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

16-ماددا تىجارەتچىلەر ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىشتا، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشتا، مۇشۇ بابتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

17-ماددا ساھە تەشكىلاتلىرى باھاغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، باھا تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ خىزمەت يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

3-باب ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتى

18-ماددا تۆۋەندىكى تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت باھاسىغا ھۆكۈمەت زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھا ياكى ھۆكۈمەت باھا بېكىتسە بولىدۇ :

( 1 ) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى زور بولغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى؛

( 2 ) بايلىقى كەمچىل ئاز ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى؛

( 3 ) تەبىئىي مونوپول تىجارەت قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى؛

( 4 ) مۇھىم ئاممىۋى ئىشلارنىڭ باھاسى؛

( 5 ) مۇھىم پاراۋانلىق مۇلازىمىتى باھاسى.

19-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلىنىش دائىرىسى مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ، تۈزىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.

يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسى بويىچە تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە سۇنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى تۈزسە بولمايدۇ.

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ۋە ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنى تۈزىدۇ؛
بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىغا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھا قويۇش، ھۆكۈمەت باھا قويۇشتا، بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىگە ئاساسەن، شۇ رايوندا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنى تۈزۈشى كېرەك.

شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، يەرلىك باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىگە ئاساسەن شۇ رايوندا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.

21-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشتە، مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە تەننەرخى ۋە بازار تەمىنات-تەلەپ ئەھۋالى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى، توپ-پارچە سېتىش باھا پەرقى ۋە رايون باھا پەرقى ۋە پەسىل باھا پەرقىنى يولغا قويۇش كېرەك.

22-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۆكۈمەت باھاغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنى تۈزۈشتە، باھا، تەننەرخنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت باھاسىغا مەسئۇل تارماق ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان باھا، تەننەرخنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

23-ماددا ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئىشلارنىڭ باھاسى، پاراۋانلىق مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى، تەبىئىي مونوپول تىجارەتتىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى قاتارلىقلارنى بېكىتىشتە، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشتە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ھۆكۈمەت باھاغا مەسئۇل تارمىقى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئۇلارنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەش كېرەك.

24-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، باھانى بېكىتكۈچى تارماق ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەرگە ئېلان قىلىدۇ.

25-ماددا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت بېكىتمىسىنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىش دائىرىسى، باھا سەۋىيەسىنى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا قاراپ، بەلگىلەنگەن باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر ھۆكۈمەت باھاغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش توغرىسىدا تەڭشەش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

4-باب باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش

26-ماددا بازار باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم ماكرو ئىگىلىك سىياسەت نىشانى.
دۆلەت خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ، بازار باھاسىنى ئومۇمىي سەۋىيەدە تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى بېكىتىپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە پۇل، مالىيە، سېلىنما، ئىمپورت-ئېكسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

27-ماددا ھۆكۈمەت مۇھىم تاۋارلارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باھا تەڭشەش فوندى تەسىس قىلسا، باھانى تەڭشىسە، تىزگىنلىسە، بازارنى مۇقىملاشتۇرسا بولىدۇ.

28-ماددا باھانى تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقى باھانى كۆزىتىش-ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇھىم تاۋارلار، مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشى كېرەك.

29-ماددا ھۆكۈمەت ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن سېتىۋېلىش باھاسى بەك تۆۋەن بولغاندا، سېتىۋېلىش جەريانىدا قوغداش باھاسىنى يولغا قويسا ھەمدە مۇناسىپ ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىپ ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.

30-ماددا مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن ياكى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش ئېھتىمالى بولغاندا، گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قىسمەن باھاغا پەرق نىسبىتى ياكى پايدا نىسبىتىگە چەك قويۇش، باھاغا چەك قويۇشنى بەلگىلەش، باھا ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى ۋە باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشتا، گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

31-ماددا بازار باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىدە كۈچلۈك داۋالغۇش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ياكى قىسمەن رايونلاردا ۋاقىتلىق مەركەزلەشتۈرۈپ باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى، باھانى قىسمەن ياكى ئومۇميۈزلۈك توڭلىتىش جىددىي تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

32-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30-، 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىر قوللىنىدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، ئارىلىشىش تەدبىرى، تېز تەدبىرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.

5-باب باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارماقلىرى باھا پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

34-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ؛

( 1 ) ئالاقىدارلار ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن سوئال سوراش ھەمدە ئۇلاردىن ئىسپات ماتېرىيالى ۋە باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 2 ) باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، تالون، ئىسپات، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈش، كۆپەيتىش، باھاغا دائىر قانۇنغا ئۇيغۇن قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك بانكا ماتېرىياللىرىنى سېلىشتۇرۇش؛

( 3 ) باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا مۇناسىۋەتلىك پۇل-مالنى تەكشۈرگەندە، زۆرۈر تېپىلغاندا توختاملاشقۇچىلارنى ئالاقىدار تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛

( 4 ) دەلىل-ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېرىشىش قىيىن بولغان ئەھۋالدا، قانۇن بويىچە ئاۋۋال تىزىملاپ ساقلاشقا بولىدۇ، ئالاقىدارلار ياكى ئالاقىدار خادىملارنى يۆتكەشكە، تىقىۋېلىشقا ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.

35-ماددا تىجارەتچىلەر ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا، باھانى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ھېساب دەپتىرى، تالون، ئىسپات، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

36-ماددا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ باھا خادىملىرى قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ماتېرىيال ياكى ئىگىلىگەن ئەھۋالنى قانۇن بويىچە باھا باشقۇرۇشتىن باشقا ھەرقانداق باشقا مەقسەتتە ئىشلەتسە، توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويسا بولمايدۇ.

37-ماددا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر باھاسىنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلات، شۇنىڭدەك ئىستېمالچىلار باھا ھەرىكىتىنى جەمئىيەت نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ئاممىنىڭ باھانى نازارەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئاخبارات ئورۇنلىرى باھا پىكرىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

38-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھۆكۈمەت باھا مەسئۇل تارمىقى پاش قىلغۇچىغا ئىلھام بېرىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

39-ماددا تىجارەتچىلەردىن ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى، ھۆكۈمەت باھاسى، شۇنىڭدەك قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى، جىددىي تەدبىرىنى ئىجرا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

40-ماددا تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى بولغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارغا جازا بېرىدىغان ۋە جازا بېرىدىغان ئورگانغا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىنىڭ ( 1 ) تارماقچىسى، ( 2 ) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلار مەملىكەت خاراكتېرلىك بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ؛
ئۆلكە ۋە ئۆلكىدىن تۆۋەن رايون خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

41-ماددا تىجارەتچىلەر باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش تۈپەيلىدىن ئىستېمالچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەر پۇلنى ئارتۇق تۆلىگەن بولسا، ئارتۇق تۆلىگەن قىسمىنى قايتۇرۇشى كېرەك؛
زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

42-ماددا تىجارەتچىلەردىن باھا ئېنىق كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

43-ماددا تىجارەتچىلەردىن مۇناسىۋەتلىك تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ توختاتمىغانلىرىغا ياكى قانۇن بويىچە تىزىملاپ ساقلانغان پۇل-مالنى يۆتكىۋەتكەن، تىقىۋالغان، كۆيدۈرۈۋەتكەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت تاپاۋىتى ياكى يۆتكەپ، تىقىۋەتكەن، كۆيدۈرۈۋەتكەن پۇل-مال قىممىتى بىر ھەسسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

44-ماددا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشنى ياكى ساختا ماتېرىيال بېرىشنى رەت قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

45-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باھا بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باھا تۈزگەن، تەڭشىگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرلىرى، جىددىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەنسە بولىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

46-ماددا باھا خادىملىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، پارا تەلەپ قىلغان، پارا ئالغانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

47-ماددا دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ھەق ئېلىشنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشى، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى قاتتىق تىزگىنلىشى، ھەق ئېلىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىگە چەك قويۇشى كېرەك.
ھەق ئېلىشنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزىدۇ.

ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتى، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى، ئاكسىيە ۋە زاكاز مال باھاسى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

48-ماددا بۇ قانۇن 1998-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.