جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

( 1996 ـ يىل 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 ـ يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

3-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

4-باب تېخنىكا ھوقۇق-مەنپەئىتى

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتنى كۆرسىتىدۇ.
ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ياكى ئاساسلىقى يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ماددىي تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ يارىتىلغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى داۋاملاشما سىناق قىلىش، ئېچىش، قوللىنىش، كېڭەيتىشتىن تارتىپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلات شەكىللەندۈرۈش، يېڭى كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇشقا، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىختىيارىي بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش-لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇش، خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.
پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

4-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا مالىيە مەبلىغى سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش مەبلىغى سېلىنمىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا، مالىيە، سېلىنما، باج، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق سىياسەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

6-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
جۇڭگودىكى ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەرگە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى ياكى ئۇلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرگەنلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

7-ماددا دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور ئاممىۋى مەنپەئەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويسا ياكى باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ.

8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى، ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت بويىچە، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

9-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇشى كېرەك.

10-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، قوللىنىش تۈرىدىكى پەن-تېخنىكا تۈرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەسىس قىلىشتا، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار، باشقۇرۇش ئاپپاراتى پەن تەتقىقاتنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكىلىق يىرىك پىلان، پىلان ۋە تۈر كۆرسەتمىسىنى تۈزگەندە مۇناسىۋەتلىك ساھە، كارخانىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك؛
قوللىنىش تۈرىدىكى پەن-تېخنىكا تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتا، تۈرنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوللىنىشنى تۈر تۇرغۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسى قىلىش كېرەك.

11-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا دوكلاتى تۈزۈمى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە پەن-تېخنىكا تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تاللاش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
ئېلان قىلىنمىغان ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار پەن-تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى ھەمدە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇر سىستېمىسىغا جەملەپ تاپشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت مالىيەدىن باشقا مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇر سىستېمىسىغا جەملەپ تاپشۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل تارمىقى ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

12-ماددا تۆۋەندىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى دۆلەت ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ياردەم بېرىش، كەسىپ تېخنىكىسى يېتەكچىلىك مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قوللايدۇ :

( 1 ) كەسىپنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرەلىگەن ياكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى كەسىپ شەكىللەندۈرەلىگەنلەر؛

( 2 ) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى ۋە ئاممىۋى خەۋپسىزلىك سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرەلىگەنلەر؛

( 3 ) بايلىقنى مۇۋاپىق ئاچالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدىغان، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان، شۇنىڭدەك مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، ئېكولوگىيەنى قوغدىيالايدىغان، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدىغانلار؛

( 4 ) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالىغان ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلىگەنلەر؛

( 5 ) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ياكى يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلىگەنلەر؛

( 6 ) مىللەتلەر رايونى، چەت-ياقا رايون، نامرات رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلەتكىلى بولغانلار.

13-ماددا دۆلەت سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت ۋە جابدۇق قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ، قالاق تېخنىكا، ھۈنەر، سەنئەت ۋە جابدۇقلارنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ، ئىشلىتىشكە چەك قويىدۇ ياكى شاللىۋېتىدۇ.

14-ماددا دۆلەت ئۆلچەم تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتقا قارىتا دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈزۈپ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئىلغار ياراملىق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت ئۈنۈملۈك ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ھەربىي بۇيۇملارنى پەن تەتقىقات بويىچە ئىشلەپچىقىرىشتا قانۇن بويىچە ئىلغار، قوللىنىشچان پۇقراۋى ئۆلچەمنى ئاۋۋال قوللىنىپ، ھەربىي تېخنىكا ۋە پۇقراۋى تېخنىكىنىڭ ئۆزئارا يۆتكىلىشى، ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

15-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئايلاندۇرۇشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.
ئالاقىدار تارماقلار خېرىدار بولغۇچى ئورۇنغا خېرىدار چاقىرغاندا بېكىتىلگەن ياردەم ياكى باشقا شەرتلەرنى قويۇشى كېرەك.

16-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە ئىگە بولغانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرسا بولىدۇ :

( 1 ) ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇش؛

( 2 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

( 3 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش؛

( 4 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ھەمكارلىق شەرتى قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئايلاندۇرۇش؛

( 5 ) شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىش، پاي ياكى مەبلەغ نىسبىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش؛

( 6 ) كېڭىشىپ بېكىتىدىغان باشقا ئۇسۇللار.

17-ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا يۆتكىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى باشقۇرۇش، تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتنى ئايلاندۇرۇش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا يۆتكەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى مۇستەقىل پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا تېخنىكا يۆتكەشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

18-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەر ئىلكىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن كېلىشىپ باھا بېكىتىش، تېخنىكا سودا بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ سودىلىشىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باھانى بېكىتىشى كېرەك.
كېلىشىم ئارقىلىق باھا بېكىتىشتە، شۇ ئورۇندا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ نامى ۋە سودىلىشىدىغان باھاسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

19-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ئېرىشكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتىدە، شۇ ئورۇن بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرسا بولىدۇ ھەمدە كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
شۇ ئورۇن يۇقىرىقى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئورۇندىغۇچىسى ياكى تېما مەسئۇلى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكا ماتېرىياللىرى ھەم سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقى، ئورۇننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.

20-ماددا تەتقىقات-تەرەققىيات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپنىڭ مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك مالىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق نەتىجە-ئۈنۈم سىناش-باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملارنى باھالاش، پەن تەتقىقات مەبلىغى جەھەتتىن قوللاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىشى كېرەك،
ھەمدە پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان ئالاقىدار ئورۇنلار ھەم خادىملارغا پەن تەتقىقات مەبلىغى جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش، ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە سىناش-باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىشى، كىرىم تەقسىماتىغا ئىلھام بېرىش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى تاپشۇرۇپ، شۇ ئورۇن قانۇن بويىچە ئېرىشكەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ سانى، ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىرىم تەقسىمات ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك،
شۇ مەسئۇل تارماق بەلگىلىمە بويىچە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى مالىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماققا يوللىشى كېرەك.

22-ماددا كارخانا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال قوللىنىش ۋە يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، ئۆزى ئۇچۇر ئېلان قىلسا ياكى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئۆزى ئېھتىياجلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توپلاشنى ھاۋالە قىلسا ياكى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزدىسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، كارخانىلارنىڭ ئۆزى ئېھتىياجلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشىگە ياردەم ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

23-ماددا كارخانىلار قانۇن بويىچە مۇستەقىل بولۇشقا ياكى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

كارخانىلار ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان پەن-تېخنىكا تەتقىقات-يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىنى مۇستەقىل ياكى باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

24-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان بازاردا قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە، كەسىپ نىشانى ئېنىق بولغان پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش يۆنىلىشىنى تاللاش، تۈرنى يولغا قويۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى قوللىنىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلار، تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئورتاق يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

25-ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى بىرلىكتە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى ۋە ئالىي مەكتەپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ياكى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا دائىر خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

26-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ يارىتىش سۇپىسى، تېخنىكا يۆتكەش ئاپپاراتى ياكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش، نەتىجە قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش، ئۆلچەم تەتقىق قىلىش ۋە بېكىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەمكارلىقنىڭ تەشكىلىي شەكلى، ۋەزىپە تەقسىماتى، مەبلەغ سېلىنمىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى، ھوقۇق-مەنپەئەت تەقسىماتى، خەۋپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ۋە خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈشى كېرەك.

27-ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپنىڭ كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى، كەسىپ ساھەسىنىڭ تېخنىكا تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتنىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ،
شۇ ئورۇندىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا بېرىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش.

28-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى پىراكتىكا، ئەمەلىيەت بويىچە تەربىيەلەش بازىسى ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ پەن تەتقىقات ئەمەلىيىتى خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

29-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يېزا ئىگىلىك سىناق ئۈلگە ئورۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياكى باشقا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

30-ماددا دۆلەت تېخنىكا بازىرىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، تېخنىكا سودىسىنى سودا سورۇنى، ئۇچۇر سۇپىسى، شۇنىڭدەك ئۇچۇر ئىزدەش، پىششىقلاش ۋە تەھلىل قىلىش، باھالاش، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت قىلىشتا ئادىل، ئوبيېكتىپ بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، ساختا ئۇچۇر ۋە ئىسپات بەرسە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

31-ماددا دۆلەت كەسىپ ۋە رايون تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاممىۋى تەتقىق قىلىش-يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى قوللاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېخنىكا توپلاش، ئورتاق تېخنىكا تەتقىق قىلىش-ئېچىش، ئارىلىق سىناق ۋە سانائەت خاراكتېرلىك سىناق، پەن-تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلۇشلاشتۇرۇپ يارىتىش، تېخنىكا كېڭەيتىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

32-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئورنى، داشۆ پەن-تېخنىكا باغچىسى قاتارلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ئورنى، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىكى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

3-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

33-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش مالىيە خىراجىتى ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېتەكلەش مەبلىغى، قەرز پۇل ئۆسۈمى، ياردەم پۇل مەبلىغى ۋە خەۋپ-خەتەر سېلىنمىسى، شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ.

34-ماددا دۆلەت باجغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

35-ماددا دۆلەت بانكىچىلىق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىلىي شەكىل، باشقۇرۇش مېخانىزمى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز بېرىش، پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىش قاتارلىق قەرز پۇل كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە مەدىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

دۆلەت سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ.

36-ماددا دۆلەت سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتا تۈرىنى يارىتىپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇشنى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

37-ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى سودىسى، قانۇن بويىچە پاي چېكى ۋە زايوم تارقىتىش قاتارلىق بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ.

38-ماددا دۆلەت ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت تەسىس قىلغان ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندىدا، ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك.

39-ماددا دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش فوندى ياكى خەۋپ-خەتەر فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى دۆلەت، يەرلىك، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەر بېرىدۇ، يۇقىرى سېلىنما، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر، يۇقىرى ھاسىلاتلىق پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ كەسىپلىشىشىنى تېزلىتىدۇ.

پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش فوندى ۋە خەۋپ-خەتەر فوندىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

4-باب تېخنىكا ھوقۇق-مەنپەئىتى

40-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن بىلەن باشقا ئورۇن ھەمكارلىشىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا، توختامدا شۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈش كېرەك.
توختامدا پۈتۈشمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

( 1 ) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش جەريانىدا يېڭى كەشپىيات-ئىجادىيەت بولمىسا، شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى شۇ پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇنغا تەۋە بولىدۇ؛

( 2 ) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش داۋامىدا يېڭى كەشپىيات-ئىجادىيەت ھاسىل قىلغاندا، شۇ يېڭى كەشپىيات-ئىجاد قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛

( 3 ) ھەمكارلىشىش، ئايلاندۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى يولغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇ پەن-تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ھەمكارلاشقۇچى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

41-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن بىلەن باشقا ئورۇن ھەمكارلىشىپ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشتا، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك؛
توختاملاشقۇچىلار كېلىشىمگە ياكى ھوقۇقدارنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاشقا ئالاقىدار تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ تېخنىكىنى ئاشكارىلاپ قويسا، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلسا بولمايدۇ.

42-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تېخنىكا مەخپىيىتىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى قوغدىشى كېرەك.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى قوغداش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملار بىلەن ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ياكى خىزمەتتىن ئايرىلغان، دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ؛
مۇناسىۋەتلىك خادىملار كېلىشىمدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويسا ۋە ئەسلىي ئورۇنغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

43-ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش-يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئېرىشكەن كىرىمىنىڭ ھەممىسى شۇ ئورۇنغا ئېلىپ قېلىنىدۇ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تاماملىغان، ئايلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى مۇكاپاتلىغان ۋە ئۇلارغا ئىش ھەققى بەرگەندىن كېيىن، ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەتقىقات-يارىتىش ۋە نەتىجە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

44-ماددا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ياراتقۇچى ئورۇن شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تاماملىغان، ئايلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىدۇ.

پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن مۇكاپات ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئۇسۇلى، مىقدارى ۋە ۋاقىت چېكىنى بەلگىلىسە ياكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پۈتۈشسە بولىدۇ.
ئورۇن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە چىقىرىشتا، شۇ ئورۇندىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى ھەمدە شۇ ئورۇندا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

45-ماددا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئورۇن مۇكاپات ۋە ئىش ھەققى ئۇسۇلى ۋە سوممىسىنى بەلگىلىمىگەن، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەنمۇ پۈتۈشمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ياراتقۇچى، ئايلاندۇرغۇچىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلار مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە ئىش ھەققى بېرىلىدۇ :

( 1 ) شۇ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجازەت بەرگەنلەرنىڭ شۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ساپ كىرىمى ياكى ئىجازەت ساپ كىرىمىدىن % 50 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتتە ئېلىش؛

( 2 ) شۇ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سالغانلارنىڭ شۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىدىن شەكىللەنگەن پېيى ياكى چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتىدىن % 50 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبىتى ئېلىنىدۇ؛

( 3 ) ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك شۇ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزى ياراتقان ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويغانلار ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇشى، ھەر يىلى شۇ پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتىنى يولغا قويۇش تىجارەت پايدىسىدىن % 5 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتنى ئېلىشى كېرەك.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ بەلگىلىگەن ياكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پۈتۈشكەن مۇكاپات ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئۇسۇلى ۋە سوممىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 1 ) تارماقچىسىدىن ( 3 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى تاماملىغان، ئايلاندۇرغان خادىملارغا مۇكاپات ۋە ئىش ھەققى بېرىش چىقىمى شۇ يىلدىكى شۇ ئورۇننىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، لېكىن شۇ يىلدىكى شۇ ئىدارىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇ ئورۇننىڭ ئىش ھەققى ئومۇمىي سان ئاساسىي سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

46-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پەن-تېخنىكا دوكلاتى تاپشۇرمىسا، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ تاپشۇرمىسا، تۈرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن-تېخنىكا تۈرىنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئۈستىگە ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرمىغانلىرىنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ.

47-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىدە ساختىپەزلىك قىلىپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مۇكاپات ۋە پەخرىي نامنى ئالداپ ئېلىۋالغان، پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالغان، قانۇنسىز پايدا ئالغانلارنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇ مۇكاپات ۋە پەخرى نامنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.
باشقىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

48-ماددا پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا ئۇچۇر، تەجرىبە نەتىجىسى ياكى باھالاش پىكرى قاتارلىقلار بىلەن قەستەن تەمىنلەپ توختاملاشقۇچىلارنى ئالدىغانلىرى ياكى توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپنى ئالدىغانلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.
باشقىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

پەن-تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ياكى ئالاقىدارلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

49-ماددا پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەريانىدا ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگان ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوغرىلاش، پۇل-مالغا قىزىقتۇرۇش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىگىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەن، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆتۈنۈپ بەرگەن، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك خادىملار شۇ ئورۇن بىلەن بولغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان بولسا،
خىزمەتتىن ئايرىلغان، دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ئەسلىدىكى ئورۇنغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

52-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.