جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 5 )

( 2005-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

1.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 177-ماددىسىدىن كېيىن بىر ماددا كۆپەيتىلىپ، 177-ماددىسىنىڭ بىرى قىلىندى:«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، كىرېدىت كارتىسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
سانى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :

«( 1 ) ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان، توشۇغانلار ياكى ساختا قۇرۇق ئىناۋەتلىك كارتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قولىدا تۇتقان، توشۇغانلىرى، سانى بىرقەدەر كۆپ بولغانلار؛

«( 2 ) باشقىلارنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، سانى چوڭراق بولغانلار؛

«( 3 ) ساختا سالاھىيەت ئىسپاتى ئىشلىتىپ كىرېدىت كارتىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

«( 4 ) باشقىلارغا ساختا كىرېدىت كارتىسى ياكى ساختا سالاھىيەت ئىسپاتى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان كىرېدىت كارتىسىنى ساتقان، سېتىۋالغان، بەرگەنلەر.

«باشقىلارنىڭ كىرېدىت كارتىسى ئۇچۇر ماتېرىيالىنى ئوغرىلىغان، سېتىۋالغان ياكى قانۇنسىز بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

«بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، 2-تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
»

2.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 196-ماددىسىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، كىرېدىت كارتىسى ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ :

«( 1 ) ساختا كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتكەن ياكى ساختا سالاھىيەت ئىسپاتى ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتكەنلەر؛

«( 2 ) بىكار قىلىنغان كىرېدىت كارتىسى ئىشلەتكەنلەر؛

«( 3 ) باشقىلارنىڭ كىرېدىت كارتىسىدىن پايدىلىنىۋالغانلار؛

«4 ) يامان غەرەزدە ئونكول قىلغانلار.»

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يامان غەرەزدە ئونكول قىلىش كارتا ئىگىسىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بەلگىلەنگەن چەكتىن ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئاشۇرۇپ ئونكول قىلغان ھەمدە كارتا تارقاتقان بانكا سۈيلەپ قايتۇرۇپمۇ قايتۇرمىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

«كىرېدىت كارتىسىنى ئوغرىلىغان ھەمدە ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
»

3.جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 369-ماددىسىدا بىر تارماق كۆپەيتىلىپ 2-تارمىقى قىلىنىپ، بۇ ماددىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ:«قورال-جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە، ھەربىي خەۋەرلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
مۇھىم قورال-جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە، ھەربىي خەۋەرلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

«ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛
پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

«ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
»

تۆتىنچى، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.