جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى قانۇنى

( 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت شېئىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغداش، دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش، قويۇش ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ دۆلەت قارىشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى − «پىدائىيلار مارشى».

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسىدۇر.

بارلىق پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت شېئىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، دۆلەت شېئىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشى كېرەك.

4-ماددا تۆۋەندىكى سورۇنلاردا دۆلەت شېئىرى ئوقۇش كېرەك :

( 1 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، يېپىلىشى؛

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، يېپىلىشى؛

( 2 ) پارتىيەلەر، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى قاتارلىقلار؛

( 3 ) ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى؛

( 4 ) دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى؛

( 5 ) ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئۆتكۈزگەن ياكى تەشكىللىگەن مۇھىم، زور تەبرىكلەش مۇراسىمى، تەقدىرلەش، خاتىرىلەش مۇراسىمى قاتارلىقلار؛

( 6 ) دۆلەت تەزىيە مۇراسىمى؛

( 7 ) مۇھىم، زور دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى؛

( 8 ) چوڭ-چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى؛

( 9 ) دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاشقا تېگىشلىك باشقا سورۇنلار.

5-ماددا دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇۋاپىق سورۇنلاردا دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

6-ماددا دۆلەت شېئىرى ئېيتىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى ۋە نوتىسىغا ئاساسلىنىش كېرەك، دۆلەت شېئىرىنىڭ ئىززىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېيتىش شەكلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

7-ماددا دۆلەت شېئىرى ئورۇنلانغاندا، نەق مەيداندىكىلەر ھۆرمەت بىلەن تۇرۇشى، ھەرىكىتى سالماق بولۇشى، دۆلەت شېئىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

8-ماددا دۆلەت شېئىرىنى تاۋار ماركىسى، سودا ئېلانىغا ئىشلىتىشكە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شەخسىي دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق نامۇۋاپىق سورۇنلاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسى قىلىشقا بولمايدۇ.

9-ماددا دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىدىغان سورۇن ۋە قائىدە-يوسۇنلارنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.

ئارمىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش سورۇنى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

10-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سورۇنلاردا دۆلەت شېئىرى ئېيتىشتا، دۆلەت شېئىرىنىڭ ئۆلچەملىك نوتىسى ياكى دۆلەت شېئىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈنئالغۇسىدىكى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دۆلەت شېئىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئورۇنلىنىش نوتىسى ۋە دۆلەت شېئىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈنئالغۇسىدىكى نۇسخىسىنى بېرىپ، دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە ئىشلىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا دۆلەت شېئىرى ئۆلچەملىك ئورۇنلىنىدىغان نوتا ۋە دۆلەت شېئىرى ھۆكۈمەت ئۈنئالغۇسىدىكى نۇسخىسىنى تەمىنلەپ، خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىشى كېرەك.

دۆلەت شېئىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئورۇنلىنىش نوتىسى، دۆلەت شېئىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈن ئالغان نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئۈنگە ئېلىشقا تەشكىللەيدۇ ھەمدە جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىدۇ.

11-ماددا دۆلەت شېئىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەت شېئىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت شېئىرىنىڭ تارىخى ۋە مەنىۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىش، دۆلەت شېئىرى ئېيتىش قائىدە-يوسۇنىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

12-ماددا ئاخبارات تاراتقۇلىرى دۆلەت شېئىرى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ئېيتىش، قائىدە-يوسۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

13-ماددا دۆلەت بايرىمى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى قاتارلىق دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم بايرىمى، خاتىرە كۈنلىرىدە، مەركەزدىكى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى گوۋۇيۈەننىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا دۆلەت شېئىرىنى قويۇشى كېرەك.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىش، قويۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

15-ماددا ئاممىۋى سورۇنلاردا دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى، نوتىسىنى قەستەن ئۆزگەرتىۋېتىپ، دۆلەت شېئىرىنى بۇرمىلاش، كەمسىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئورۇنلىغان ياكى دۆلەت شېئىرىغا باشقا ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەت كەلتۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

16-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

قوشۇمچە:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ( بەش سىزىقلىق نوتا نۇسخىسى، ئاددىي نوتا نۇسخىسى )