( 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانى
3-باب قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى
4-باب پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى
5-باب دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى
6-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش
7-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قاتناش ساھەسىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، تۆمۈريول، يول، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى شۇنىڭدەك پوچتا قاتارلىق قاتناش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش ۋە بايلىق ئىشلىتىش پائالىيەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا دۆلەت ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەش، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ ئادەتتە مۇلازىمەت قىلىش، جىددىي پەيتتە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭگە ئاتلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.
4-ماددا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىنى پىلانلاش، تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
دۆلەت دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىدا ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قاتناش قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆزئارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىدۇ.
5-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە سىياسەت ۋە خىراجەت مەدىتى بېرىدۇ.
6-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىراجىتى ئىش ھوقۇقىغا ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە، ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كۈندىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان مۇۋاپىق چىقىمى شۇ ئورۇننىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەننەرخىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، قاتناش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق پۇقراۋى قاتناش بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە شەخسلەر ماسلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
پۇقراۋى قاتناش بايلىقىنى ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە تولۇقلىما بېرىش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش تەربىيەسىنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئە قاتناش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قارىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك تۆمۈريول، يول، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى، پوچتا قاتارلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قاتناش مەسئۇل تارمىقى دېيىلىدۇ ) ۋە ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ سىستېما، شۇ ئورۇننىڭ خادىملىرىغا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.
قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر دۆلەت مۇداپىئە قاتناش بىلىملىرىنى ئالاقىدار كەسپىي دەرسلىككە كىرگۈزۈشى ياكى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئايرىم تەسىس قىلىشى كېرەك.
9-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.
10-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
11-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.
12-ماددا ئۇرۇش ۋاقتى ۋە تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدا، قاتناش ساھەسىدە كەسىپلەرنى باشقۇرۇش، قوراللىق كۈچلەرنى ئاۋۋال قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى»قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
قوراللىق كۈچلەردىن ھەربىي مانېۋىر ۋە مەشىق ئۇيۇشتۇرۇشتا، قاتناشقا ۋاقىتلىق ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
13-ماددا ئۇرۇش مەزگىلى ۋە تىنچ ۋاقىتلاردا، ئالاھىدە ئەھۋالدا، دۆلەت ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى بىرلەشمە قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ياكى قىسمەن رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى قىسمەن رايونلارنىڭ قاتنىشى-تىرانسپورتى، شۇنىڭدەك قاتناش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىشكە بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ.
ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىرتۇتاش قوماندانلىققا بويسۇنۇشى كېرەك.
2-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانى
14-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇن قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى بىلەن، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى پەن تەتقىقات يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك :
( 1 ) دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇرۇش تىنچلىقىنى ساقلاشقا تېز ئالماشتۇرۇشقا، دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق؛
( 2 ) ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، بايلىقنى يۇغۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
( 3 ) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىش، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ماسلىشىش؛
( 4 ) چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا بويى، دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت تەرەققىياتىنى يۆلەشكە پايدىلىق بولۇش؛
( 5 ) مۇھىت ئاسراش، يەر، ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىقلارنى تېجەش.
15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەم ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتناش كەسپى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، كەسىپ سىياسىتى ۋە قاتناش تورىنىڭ جايلىشىشىنى پىلانلاشتا، دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار تەلەپلەرنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن جەملەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
16-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈش كېرەك.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتىدىن پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۇنى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
17-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
18-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانىنى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
مەركەزدە زاپاس ساقلانغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانى تۈزىدۇ.
يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە زاپاس ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ.
19-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى پەن تەتقىقات يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.
3-باب قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى
20-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىپ، ئۇرۇش ۋاقتى ۋە تىنچ ۋاقىتلاردىمۇ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
باشقا قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلۇش تېخنىكا تەدبىرىنى قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
21-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە تەلىپى بويىچە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.
ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنى تۈرلەرنى لايىھەلەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ.
قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا دۆلەت مۇداپىئە فۇنكسىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياسىلىدىغان تۈرلەرنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە لايىھەلەش، ماس قەدەمدە قۇرۇش، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.
22-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
23-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتىغا دەرىجىمۇدەرىجە يوللايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
24-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىدا، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇندىن قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تۇرغۇزۇش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛
ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ماسلىشىشى كېرەك.
26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگانغا قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئېلىشى، جەملىگەندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك كونكرېت تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
27-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى، مالىيە تارمىقى، قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كونكرېت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.
قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرلىرىدە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سەۋەبىدىن كۆپەيگەن خىراجەتنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يەر ئىشلىتىش، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى، مالىيە، باج-ھەق قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ.
4-باب پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى
29-ماددا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ تۈرى ۋە دائىرىسىنى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۈر ۋە دائىرىدىكى پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېلىشى، سېتىۋېلىشى، تىجارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ياسىغۇچى، سېتىۋالغۇچىدىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش سايمانلىرىنى ياساش، سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى، مۇناسىۋەتلىك پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار ماسلىشىشى كېرەك.
31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى ئىگىلىگەن پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئالاقىدار ھەربىي ئورگانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئۇلاردىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئېلىشى، جەملىگەندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى كونكرېت تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
32-ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇقراۋى توشۇش قوراللىرى كونكرېت تۈرىدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى، قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگان بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار بىلەن دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كونكرېت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالايدۇ.
33-ماددا پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سەۋەبىدىن كۆپىيىپ كەتكەن خىراجىتىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئالاقىدار تارماقلار پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنى سېتىۋېلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ.
34-ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرغان پۇقراۋى توشۇش قورالى ئىگىدارى، ئىجارە ئالغۇچىسى، تىجارەتچىسى پۇقراۋى توشۇش قورالىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
5-باب دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى
35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاتناش-تىرانسپورت تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش پىلانلاش، مەركەزلىك قوماندانلىق قىلىش، تېز، توغرا بولۇش، بىخەتەر، مەخپىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتىنى تەشكىللەيدۇ.
دۆلەت مۇداپىئەسى تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
36-ماددا دۆلەت چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىرانسپورت كارخانىلىرىنى ئاساسلىق تايانچ قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما ياردەم كۈچىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يىراق ئارىلىققا، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتىنى تېز تەشكىللەشنى ئۈنۈملۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىستراتېگىيەلىك ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ مەسئۇل گۇرۇپپا خادىملىرى ۋە جابدۇقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، زۆرۈر مەشىق ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
37-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى، تەمىناتى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش قاتارلىق كاپالەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورت ئېھتىياجىغا قاراپ يېمەك-ئىچمەك، ئىچىدىغان سۇ تەمىناتى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، يۈرۈش ۋە دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىش، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر مۇلازىمەت قىلىشى ياكى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
38-ماددا دۆلەتنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، دېڭىزدا مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ چەت ئەل مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر ھەربىي ھەرىكەتنى يولغا قويغان كېمە-پاراخوتلىرى، ئايروپىلانلىرى، ئاپتوموبىللىرى ۋە خادىملىرىنى تولۇقلاش، دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپارات ۋە كارخانىلارغا چەت ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە ياردەملىشىشكە كېرەكلىك خادىملار ۋە تىرانسپورت قوراللىرى، مال قاتارلىقلارنىڭ چېگرادىن چىقىشى، چېگرادىن كىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
39-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كەتكەن خىراجەتنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىق پىرىنسىپى بويىچە تۆلەيدۇ.
كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ.
40-ماددا ئارمىيە ئېھتىياجغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك قاتناش كارخانىلىرى ياكى قاتناش كارخانىلىرى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلارغا ھەربىي ۋەكىل ئەۋەتسە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى ۋە قاتناش كاپالىتى ۋەزىپىسىنى تاماملىسا بولىدۇ.
ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ ئىدارىدە ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ھەربىي ۋەكىللەرنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىش ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
6-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش
41-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلارنى تەشكىللەپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، نۇقتىلىق قاتناش نىشانى، لىنىيەسى، شۇنىڭدەك كاپالەت پىرىنسىپى، ۋەزىپىسى، تېخنىكىلىق تەدبىرلىرى ۋە تەشكىلىي تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
42-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش ۋە توشۇش قوراللىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەپ، دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئالاقىدار ھەربىي ئورگان مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
43-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئالدىن بېكىتكەن ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن نۇقتىلىق قاتناش نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى كېرەك.
44-ماددا نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە كاپالەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئالدىن بەلگىلىگەن ئورۇن نۇقتىلىق قاتناش نىشانى بۇزغۇنچىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، كاپالەت لايىھەسىنى دەرھال باشلاپ، مۇناسىپ تەييارلىق قىلىشى كېرەك؛
نۇقتىلىق قاتناش نىشانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ۋەزىپە تەقسىماتى بويىچە قۇرۇلۇشنى مۇستەھكەملەش ۋە جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇشقا تېزدىن تەشكىللەپ، قاتناشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا قاتناش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدىن بۇزۇلغانلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى بويىچە ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.
45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن بايلىقى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى تالىشىپ سالىدىغان يەرنى بېكىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى تىزگىنلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا بىرتۇتاش پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى، شەھەر-يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى تىزگىنلەش دائىرىسىدىكى يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
46-ماددا نۇقتىلىق قاتناش نىشانىدىكى ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە دېڭىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇداپىئەسىنى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە دېڭىز مۇداپىئەسى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
نۇقتىلىق قاتناش نىشانىغا دائىر يەر يۈزى مۇداپىئەسىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ئورتاق تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بويىچە مۇداپىئەلىنىشنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى، خەلق ھاۋا مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇش ئورنى ۋە كاپالەت ئورنىنىڭ يولغا قويۇشىغا تەشكىللەيدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
نۇقتىلىق قاتناش نىشانىدىن باشقا قاتناش ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
47-ماددا مۇھىم، زور ھەربىي ھەرىكەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات-ئىشلەپچىقىرىش سىنىقى، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ماددىي ئەشيا، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ قۇرۇقلۇق رايونى، سۇ رايونى، ھاۋا تەۋەلىكىدە زۆرۈر قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ياردەم بېرىشى كېرەك.
48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەتلەندۈرۈش قوشۇنى مەشىقى ۋە مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇنىنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەيدۇ.
مەشىق ۋە مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كەسپىي كاپالىتى قوشۇنىدىكى خادىملارنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
49-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كەسپىي كاپالەت قوشۇنى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش، مۇداپىئەلىنىش ۋە پۇقراۋى توشۇش قوراللىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش شۇنىڭدەك خادىم، ماددىي ئەشيالارنى جىددىي توشۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش تەقسىملەيدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كەسپىي كاپالەت قوشۇنىدىكى ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوت ۋە باشقا موتورلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىرلىككە كەلگەن بەلگە ئورنىتىلسا، ئالدىن يۈرۈشكە بولىدۇ.
50-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا ۋە شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە سىياسەت مەدىتى بېرىدۇ.
7-باب دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش
51-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇرۇش مەزگىلى ۋە تىنچ ۋاقىتلاردا ئالاھىدە ئەھۋالدا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ راۋان بولۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنىڭ جايلىشىشى مۇۋاپىق، كۆلىمى مۇۋاپىق بولۇشى، زاپاس ماددىي ئەشيا دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تۈرىنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
52-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش-باشقۇرۇش ئورنىنى بېكىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى زاپاس ماددىي ئەشياسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاشنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، زاپاس ماددىي ئەشيانى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ساقلىشى، ئاسرىشى ۋە يېڭىلىشى، زاپاس ماددىي ئەشيا ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇنى ئىشلىتىۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە ۋە يىتتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.
53-ماددا ئۇرۇش ۋاقتى ۋە تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدا قاتناشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ياكى مۇھىم، زور ھەربىي مانېۋىر تەشكىللەش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى كەسپىي كاپالەت قوشۇنىنىڭ مەشىقى، مانېۋىرى قاتارلىق ئېھتىياجلىرى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
مەركەز زاپاس ساقلىغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تەستىقلايدۇ؛
يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تەستىقلايدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاشنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار زاپاس ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، رەت قىلىشقا ياكى ئارقىغا سۆرەشكە يول قويۇلمايدۇ.
تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
54-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەنلىكى، يېڭىلانغانلىقى، ئالماشتۇرۇلغانلىقى ياكى ئاساسلىق تېخنىكىلىق ئىقتىدارى ئىشلىتىش، ئاسراش تەلىپىدىن تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن زاپاس قىممىتىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
مەركەز زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تېخنىكىلىق باھالاشقا تەشكىللىگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.
يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى تېخنىكىلىق باھالاشقا تەشكىللىگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
مەركەز ۋە يەرلىك زاپاس دۆلەت مۇداپىئە قاتناش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىپ ياكى بىراك قىلىپ ئېرىشكەن پايدا شۇ دەرىجىلىك دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى، مالىيە خامچوتىنى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.
8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى ياكى دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
( 1 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلغانلار؛
( 2 ) دۆلەت مۇداپىئەسى تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛
( 3 ) نۇقتىلىق قاتناش نىشانىنى جىددىي رېمونت قىلىش، جىددىي قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛
( 4 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەنلەر؛
( 5 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشياسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بىراك قىلىپ بىر تەرەپ قىلغانلار؛
( 6 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر؛
( 7 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىماي، ئاسرىماي، بۇزۇۋەتكەن، يىتتۈرۈپ قويغانلار.
يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش مال-مۈلۈككە زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
56-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتناش مەسئۇل ئاپپاراتى، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئورگان، شۇنىڭدەك قاتناش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :
( 1 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلار؛
( 2 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىراجىتى، ماددىي ئەشيالىرىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
( 3 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
( 4 ) دۆلەت مۇداپىئە قاتناش خىزمىتىدە پۇقرالار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار.
57-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
58-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەسى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مەقسىتىدە ياسىغان قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قوماندانلىق قىلىش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت مۇداپىئە تىرانسپورتى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى مەقسىتىدە ئارمىيە-خەلق قاتناش-تىرانسپورت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم، جابدۇق، ماددىي ئەشيا توشۇش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئارمىيە ئۆز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان تىرانسپورت پائالىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
59-ماددا دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە كەسپىي كاپالەت قوشۇنىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
دۆلەتنىڭ ئۇچۇر سەپەرۋەرلىكىگە دائىر ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
60-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.