( 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى قانۇنى
1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى تاپشۇرغان ئورۇن ۋە شەخسلەر شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى تاپشۇرغۇچى ئۈچۈن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
2-ماددا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىدا باج تاپشۇرغۇچىلار قانۇن بويىچە ئەمەلىي تاپشۇرغان قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى سوممىسى باج ھېسابلاش ئاساسى قىلىنىدۇ.
شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى بويىچە باج ھېسابلاشتا بەلگىلىمە بويىچە قەرەل ئاخىرىدا توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجى سوممىسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى بويىچە باج ھېسابلاش ئاساسىنى كونكرېت بېكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك باج قانۇنلىرى، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
3-ماددا ئىمپورت قىلىنغان ماللار ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ چېگرا ئىچىگە ئەمگەك-مۇلازىمەت، شەكىلسىز مۈلۈكلەرنى سېتىش ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى سوممىسىدىن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى ئېلىنمايدۇ.
4-ماددا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشىنىڭ باج نىسبىتى تۆۋەندىكىچە :
( 1 ) باج تاپشۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جاي شەھەر رايونىدا بولسا، باج نىسبىتى % 7 بولىدۇ؛
( 2 ) باج تاپشۇرغۇچى ناھىيە بازىرى، بازاردا بولسا، باج نىسبىتى % 5 بولىدۇ؛
( 3 ) باج تاپشۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جاي شەھەر رايونى، ناھىيە بازىرى ياكى بازاردا بولمىسا، باج نىسبىتى% 1 بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان باج تاپشۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جاي باج تاپشۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورۇننى كۆرسىتىدۇ، كونكرېت ئورنىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بېكىتىدۇ.
5-ماددا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى باج ھېسابلاش ئاساسىغا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
6-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن مۇھىم، زور ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە كەسىپلەر ۋە كىشىلەر توپى، شۇنىڭدەك ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى بەلگىلىسە بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
7-ماددا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنىڭ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئۆتەلگەن ۋاقتى بىلەن قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجىنىڭ باج تاپشۇرغان ۋاقتى بىردەك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى بىلەن تەڭ تاپشۇرۇلىدۇ.
8-ماددا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى تۇتۇپ قالغۇچى قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجىدىن تۇتۇپ قېلىش مەجبۇرىيىتى بار ئورۇن ۋە شەخسلەر بولىدۇ، ئۇلار قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىنى تۇتۇپ قېلىش بىلەن بىرگە شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنىمۇ تۇتۇپ قالىدۇ.
9-ماددا شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى باج ئورگىنى مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
10-ماددا باج تاپشۇرغۇچىلار، باج ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
11-ماددا بۇ قانۇن 2021-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
1985-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئاسراش-قۇرۇلۇش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.