1993 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى 8 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى
1-قېتىملىق يىغىندا ماقۇللاندى
3-ماددا ئاساسىي قانۇن كىرىش سۆزىنىڭ 7-تەبىئىي بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى ئىككى جۈملىسى:«بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش».
جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن-تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرىدۇ،
دۆلىتىمىزنى يۈكسەك مەدەنىي، يۈكسەك دېموكراتىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى.
«دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ»دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى :
دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىگە ئاساسلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش.
جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدۇ،
سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن-تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.
»
4-ماددا ئاساسىي قانۇن كىرىش سۆزىنىڭ 10-تەبىئىي بۆلىكىنىڭ ئاخىرىغا:«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ»دەپ قوشۇلدى.
»
5-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 7-ماددىسىدا:«دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىك − سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك، خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى كۈچ»دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
«دۆلەت ئىگىلىكى، يەنى سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى كۈچ»دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
دۆلەت دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
»
6-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 8-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى:«يېزا خەلق گۇڭشېسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات-سودا، ئامانەت-قەرز، ئىستېمال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكى سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر.
يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغنى باشقۇرۇش، ئائىلە قوشۇمچە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىشقا ھوقۇقلۇق.
«يېزىلاردىكى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش ئاساس قىلىنغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات-سودا، ئامانەت-قەرز، ئىستېمال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكى سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر.»دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.
يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغنى باشقۇرۇش، ئائىلە قوشۇمچە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىشقا ھوقۇقلۇق.
»
7-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 15-ماددىسىدا:«دۆلەت سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىدا پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويىدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلەت ئىقتىسادىي پىلاننىڭ ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلۇقى ۋە بازار تەڭشەشنىڭ قوشۇمچە رولى ئارقىلىق، خەلق ئىگىلىكىنىڭ نىسبەت بويىچە ماس تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.»
«دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ»دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
«دۆلەت ئىقتىسادقا دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈردى».
«دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلىدۇ.»
»
8-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 16-ماددىسىدا:«دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش ۋە دۆلەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.
«دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.»
مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى:«دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.»
«دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
»
9-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 17-ماددىسىدا:«كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۇستەقىل ئىقتىسادىي پائالىيەت قىلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.»
«كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئەمگەكچىلىرى باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.»
«كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئالاقىدار قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇستەقىل ئىقتىسادىي پائالىيەت قىلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.»
«كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.»
»
10-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 42-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدا:«ئەمگەك قىلىش ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بارلىق پۇقرالارنىڭ شەرەپلىك بۇرچى»دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ، شەھەر-يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىسانە ئەمگەككە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن:«ئەمگەك قىلىش ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بارلىق پۇقرالارنىڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيىتى.»
دۆلەت كارخانىلىرىدىمۇ، شەھەر-يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىمۇ ئەمگەكچىلەر ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىسانە ئەمگەككە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
»
11-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 98-ماددىسىدا:«ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن.
ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.
«ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.»
يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.
»