جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى

1988-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

1-قېتىملىق يىغىندا ماقۇللاندى

1-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا:«دۆلەت خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا يول قويىدۇ»دەپ كۆپەيتىپ بەلگىلەنگەن.
خۇسۇسىي ئىگىلىك سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر.
دۆلەت خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى يېتەكلەيدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
»

2-ماددا ئاساسىي قانۇننىڭ 10-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش-سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ».
«ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىپ-سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.»
يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.
»