جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

( 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب ئائىلە مەسئۇلىيىتى

3-باب دۆلەت قوللاش

4-باب جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشى

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەش، ئائىلىنىڭ بەختى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانا ياكى باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار يولغا قويغان ئەخلاق-پەزىلەت، بەدەن ساپاسى، تۇرمۇش ماھارىتى، مەدەنىيەت ساپاسى، ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتىلدۈرۈشى، يېتەكلىشى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپە قىلىنىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

4-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئائىلە تەربىيەسى بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەدەت بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

دۆلەت خادىملىرى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

5-ماددا ئائىلە تەربىيەسى تۆۋەندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك :

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە يەككىلىك پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش؛

( 2 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

( 3 ) ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛

( 4 ) ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، بىردەك ماسلاشتۇرۇش؛

( 5 ) ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ماسلىشىپ تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى جەمئىيەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىدۇ ھەمدە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، سەھىيە-ساغلاملىق، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تەنتەربىيە، ئاخبارات-نەشرىيات، تور ئۇچۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى شەھەر-يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتى ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى، شۇنىڭدەك شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلار ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسىنى جەمئىيەت قوللىشى كېرەك.

10-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئائىلە تەربىيەسى-مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

11-ماددا دۆلەت ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى كەسپىي دەرسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، سىفەن مەكتەپلىرى ۋە شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە دائىر پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە، ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمىتىگە دائىر كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش خادىملىرىنى تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

12-ماددا دۆلەت تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشى ياكى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ.

دۆلەت ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

13-ماددا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەلقئارا ئائىلە كۈنى تۇرۇشلۇق ھەپتە مەملىكەتلىك ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولىدۇ.

2-باب ئائىلە مەسئۇلىيىتى

14-ماددا ئاتا-ئانا ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئائىلە بىرىنچى دەرسخانا، ئائىلە باشلىقى بىرىنچى ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە تەربىيەسى بېرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، توغرا ئىدىيە، ئۇسۇل ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياخشى ئىدىيە، پەزىلەت ۋە ئادەت يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا ئائىلە ئەزالىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

15-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ، ساغلام ئائىلە مەدەنىيىتى يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئائىلە ئىستىلى تىكلەپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي، ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

16-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېتەكچى قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك :

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، كوللېكتىپنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش قارىشى تۇرغۇزۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈش؛

( 2 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئائىلىنى قىزغىن سۆيۈش، ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ياردەم بېرىش، سەمىمىي-دوستانە بولۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇلاردا ياخشى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي ئەخلاق ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق ئېڭى يېتىلدۈرۈش؛

( 3 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توغرا بولغان قابىلىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەڭ قىزىقىشى، ساغلام ئېستېتىك ئىنتىلىشى ۋە ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىي ئىزدىنىش روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛

( 4 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ، ئىلمىي ھەرىكەت قىلىشى، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

( 5 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاياتلىقنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئۇلارغا قاتناش-سەپەرگە چىقىش، ساغلام تورغا چىقىش ۋە بوزەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، ئالداپ سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىكتىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەربىيەسى بېرىش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛

( 6 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توغرا ئەمگەك قارىشى تۇرغۇزۇشىغا، قۇربى يېتىدىغان ئەمگەككە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش.

17-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئائىلە تەربىيەسى بېرىشتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق، ئەقلىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئائىلە ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، تۆۋەندىكى ئۇسۇل ۋە ئۇسۇللارنى مۇۋاپىق قوللىنىشى كېرەك :

( 1 ) ئۆزى بېقىش، ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى كۈچەيتىش؛

( 2 ) ئورتاق قاتنىشىپ، ئاتا-ئانىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛

( 3 ) ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش؛

( 4 ) ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، سۆز-ھەرىكەت بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش؛

( 5 ) قاتتىق بولۇش بىلەن مېھرىبان بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش بىلەن قاتتىق تەلەپكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش؛

( 6 ) پەرققە ھۆرمەت قىلىش، ياش ۋە خاسلىق ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئىلمىي يېتەكلەش؛

( 7 ) باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھۆرمەت قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىلھام بېرىش؛

( 8 ) ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش؛

( 9 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق باشقا ئۇسۇل، ئۇسۇللار.

18-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى توغرا بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى ئاڭلىق ئۆگىنىشى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مۇھىم مەزگىللەرگە كىرىپ قاراتمىلىق ھالدا ئۆگىنىشى، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئۇسۇلىنى ئىگىلىشى، ئائىلە تەربىيەسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

19-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، مەھەللە بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

20-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايرىلىپ تۇرۇشتا ياكى ئاجرىشىپ كەتكەندە، ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئۆزئارا ماسلىشىپ ئادا قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى سۇسلۇق قىلسا بولمايدۇ؛
قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھالىدىن ۋاكالىتەن خەۋەر ئېلىشنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە قىلىنغۇچى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە پىسخىك ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ، ھاۋالە قىلىنغۇچى بىلەن ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئادا قىلىشى كېرەك.

22-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

23-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى جىنسى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئەقلىي ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كەمسىتسە، ئائىلە زۇلۇمى سالسا، ئازدۇرسا، كۈشكۈرتسە، يول قويسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قانۇن-نىزاملار ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىسا، كۈشكۈرسە، يول بەرسە، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ

3-باب دۆلەت قوللاش

24-ماددا گوۋۇيۈەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، مەملىكەتلىك ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى پىروگراممىسىنى تۈزۈشى، تۈزىتىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شارائىتى بار رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈشى ياكى قوللىنىشى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇناسىپ قائىدىسى ۋە باھالاش قائىدىسىنى تۈزۈشى كېرەك.

25-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئائىلە تەربىيەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئورتاق پايدىلىنىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى بىرتۇتاش قۇرۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تور ئاتا-ئانىلار مەكتىپى ۋە تور دەرسى تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئېچىپ، تور ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەكتەپلەر بىلەن ئائىلىلەرنىڭ ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك-مۇلازىمەت كەسپىي قوشۇنى قۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارنى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتىنى بېكىتسە بولىدۇ.

ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتلىرى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى، مەكتەپ ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى ۋە باشقا ئائىلە تەربىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقاتى، مۇلازىمەت خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەلەش، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

29-ماددا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرگە ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدا بەلگىلىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتا، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، قاراتمىلىققا ئىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

30-ماددا رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆيدە قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، تۇرمۇش ياردىمى بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش قاتارلىق كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى قىلىشى، ئۆيدە قالغان ئوغۇل يەتمىگەنلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى يولغا قويۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆيدە قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمىتى قىلىپ، ئۇلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا پائال كۆڭۈل بۆلۈشكە، قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

31-ماددا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، پايدا ئالىدىغان تەلىم-تەربىيە تەشكىللىسە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىسە بولمايدۇ.

32-ماددا ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئاپپاراتى ۋە بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئاپپاراتى نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق-تەربىيە فىلىمى قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش، بېقىۋېلىشنى تىزىملاتقان ئالاقىدارلارغا ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

33-ماددا بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇش-قوغداش ئاپپاراتلىرى شۇ ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرغان باقتۇرۇش ئائىلىسى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، قوغداشنى قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

34-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى بار ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بېرىشى كېرەك.

35-ماددا ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچى ئاپپاراتى، مەھەللە ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى، مەدەنىي ئائىلە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئائىلە تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

36-ماددا تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە پايدا ئالمايدىغان ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىش، مۇكاپاتلاش-رىغبەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرسە بولىدۇ.

مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە-ساغلاملىق، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە كەسىپكارلىرىنى قانۇن بويىچە يېتەكلىشى ۋە نازارەت قىلىشى كېرەك.

37-ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئورۇن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەھەللە، مەدەنىي مەكتەپ ۋە مەدەنىي ئائىلە قاتارلىق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئائىلە تەربىيەسى ئەھۋالىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك.

4-باب جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشى

38-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شەھەر-يېزا مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، مەھەللە ئائىلە باشلىقى مەكتىپى قاتارلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك ئاپپاراتىغا ماسلىشىپ، ئاھالىگە ۋە كەنت ئاھالىسىگە يۈزلەنگەن ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.

39-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

40-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپى قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قەرەللىك تەشكىللىسە ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلاشسا، ھەيدەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

41-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى، بىلىمى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئورتاق تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

42-ماددا شارائىتى ھازىرلانغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

43-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ قائىدىسى، مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا توسۇشى، باشقۇرۇشى، ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يا باشقا ۋەسىيلىرىنى قاراتمىلىققا ئىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛
قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردا ناچار قىلمىش ياكى ئېغىر ناچار قىلمىش بايقالسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

44-ماددا بوۋاقلار-بالىلارنى بېقىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، دەسلەپكى تەربىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى ئىلمىي بېقىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

45-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى ساقلىق ساقلاش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدە ساقلىق ساقلاش، بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئىلمىي بېقىش بىلىملىرى ۋە بوۋاقلار-بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىغا دائىر تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

46-ماددا كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، خاتىرە سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى، ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى، بالىلار پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرى ھەر يىلى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقاتى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى تۈرىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشى كېرەك.

رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى توغرا بولغان ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى تارقىتىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

47-ماددا ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تەلەپچانلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، كەسىپكارلارنى تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

48-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى، سۇسلۇق قىلغانلىقىنى بايقىسا ياكى باشقا ۋەھىيلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بېرىشىگە قانۇنسىز توسقۇنلۇق قىلسا،
تەنقىد-تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھالىدىن ۋاكالىتەن خەۋەر ئېلىشنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا ھاۋالە قىلغاندا، ئالاقىدار ئورۇنلار ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

49-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو بېجىرىش جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئېغىر ناچار قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىش بارلىقىنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى توغرا ئېلىپ بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىسا، ئەھۋالغا قاراپ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىگە تەنبىھ بېرىدۇ،
ھەمدە ئۇنى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

50-ماددا ئائىلە تەربىيەسى خىزمەت مەسئۇلىيىتى بار ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاپپاراتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەسئۇل ئورنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

( 1 ) ئائىلە تەربىيەسى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛

( 2 ) ئائىلە تەربىيەسى خىزمەت خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش ياكى يالغان مەلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىۋېلىش؛

( 3 ) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىدىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىدىغان ياكى نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

51-ماددا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك ئاپپاراتى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، دەسلەپكى تەربىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان بولسا، مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

52-ماددا ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى مەسئۇل تارماق ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا ياكى تىزىملاشنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇيدۇ :

( 1 ) تەسىس قىلىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرمىگەنلەر؛

( 2 ) ئىجازەت كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن قىلمىش سادىر قىلىپ ياكى ساختا، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ تەشۋىق قىلىپ، ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

( 3 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش.

53-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن ئائىلە تەربىيەسى جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە زۇلۇمى سالغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

55-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.