جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنى

( 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى

3-باب توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

4-باب توسالغۇسىز ئىجتىمائىي مۇلازىمەت

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق، قولاي قاتنىشىشى ۋە سىڭىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشى، ئىمارەتكە كىرىپ-چىقىشى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشى، ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قورالىغا ئولتۇرۇۋېلىشى، ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى، ئىشلىتىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

مېيىپلەر، ياشانغانلاردىن باشقا باشقىلارنىڭ توسالغۇسىز ئېھتىياجى بولسا، توسالغۇسىز مۇھىت قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

3-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئاممىنى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىشى، ئورتاق ئىدارە قىلىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىخەتەر، قولايلىق، قوللىنىشچان، ئاسان، كەڭ دائىرىدە نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

5-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە لايىقلىشىپ، شەھەر-بازار ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلاردىكى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلىرى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش-تىرانسپورت، تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

8-ماددا مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قانۇن-نىزاملار شۇنىڭدەك نىزامنامىسى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىدۇ.

9-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان قانۇن-نىزام، قائىدە، يىرىك پىلان ۋە باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى چىقىرىش ياكى تۈزىتىشتە، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

10-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخس قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئىئانە قىلىش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قوللايدۇ.

11-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-باب توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى

12-ماددا يېڭىدىن سېلىنغان، ئۆزگەرتىپ سېلىنغان، كېڭەيتىپ سېلىنغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ رايونى، ئاممىۋى ئىمارەت، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەسى، شەھەر-يېزا يولى قاتارلىقلار توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە پىلانلاش، ماس قەدەمدە لايىھەلەش، ماس قەدەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ماس قەدەمدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش ھەمدە ئەتراپتىكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرگە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن توسالغۇسىز بەلگە ئورنىتىش ھەمدە ئۇنى ئەتراپتىكى مۇھىت ياكى ئىمارەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېتەكلەش، بەلگە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

13-ماددا دۆلەت قۇرۇلۇش قىلىش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئادىمىيلەشكەن، سىستېمىلاشقان، ئەقلىيلەشكەن ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشىدىغان توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

14-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىراجىتىنى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تەخمىنىي خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن لايىھە، قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتسە ياكى شەپە بەرسە بولمايدۇ؛
تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشكە ئۆز مەيلىچە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

15-ماددا قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇن توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلىشى كېرەك.

قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنى لايىھەلەش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلىش چېرتىيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات قانۇن-نىزاملار ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ لايىھە مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛
ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدۇ.

16-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنىڭ لايىھە ھۆججىتى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قانۇن-نىزاملار ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلماي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغانلىرىغا پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرمەيدۇ.

17-ماددا دۆلەت قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش يىرىك پىلانى، لايىھەسى ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ھالقىلاردا، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى پىكىر ئېلىش ۋە سىناپ بېقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

18-ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەم بار تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ رايونى، ئاممىۋى ئىمارەت، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەسى، شەھەر-يېزا يولى قاتارلىقلارغا قارىتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، قاراتمىلىققا ئىگە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىگىدار ياكى باشقۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ.
ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئۆزگەرتىش جاۋابكارلىقىنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن جاۋابكار مەسئۇل بولىدۇ.

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، جاۋابكار زۆرۈر بولغان سەپلىمە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئائىلىلەرنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپلار، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، تۇرالغۇ رايونىنى باشقۇرۇش-مۇلازىمەت قىلىش ئورنى، شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئائىلىنى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

20-ماددا مېيىپلەر مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى ۋە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرىدا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى ۋە ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە زۆرۈر ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

21-ماددا ئاممىۋى ئىمارەت، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەسى، شۇنىڭدەك تۇرالغۇ رايونىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشتا، توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك؛
ھازىر بار بولغان يۇقىرىقى ئىمارەت، سورۇن ۋە ئەسلىھەلەردىن توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى زۆرۈر ئۆزگەرتىش كېرەك.

22-ماددا دۆلەت شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلاردا كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇلارغا لىفىت ياكى باشقا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى قوللايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، شارائىت يارىتىپ بېرىشى ھەمدە مەھەللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بار بولغان كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇغا لىفىت ياكى باشقا توسالغۇسىز ئەسلىھە ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئۆي ئىگىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇغا لىفىت ياكى باشقا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشقا قانۇن بويىچە ماسلىشىشى كېرەك.

23-ماددا شەھەر ئاساسىي غول يولى، ئاساسلىق سودا رايونى ۋە چوڭ تىپتىكى تۇرالغۇ رايونىدىكى يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىش شارائىتى ھازىرلانغان پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكى ۋە پىيادىلەر يەر ئاستى يولىدا توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى سېلىش ياكى ئۆزگەرتىش كېرەك.

شەھەر ئاساسىي غول يولى، ئاساسلىق سودا رايونى قاتارلىق توسالغۇسىز، ئېھتىياجى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلاردىكى پىيادىلەر يولىدا ئۆلچەم بويىچە ئەمالار يولى قۇرۇش كېرەك؛
شەھەر مەركىزىي رايونى، مېيىپلەر مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى ئورۇن ۋە مەركەزلىك ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئەتراپىدىكى پىيادىلەر توغرا يولىدىكى قاتناش سىگنال ئەسلىھەلىرىگە ئۆلچەم بويىچە كوچىدىن ئۆتىدىغان ئاۋاز ئەسكەرتمە قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك.

24-ماددا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئېنىق بەلگە-بەلگە ئورنىتىشى كېرەك.

توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى پۇت-قول مېيىپ كىشىلىرى ھەيدىگەن ياكى ئولتۇرغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئاۋۋال ئىشلىتىدۇ.
توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئالدىن ئىشلىتىشتە، مېيىپلەر ئاپتوموبىلىنىڭ مەخسۇس بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇش ياكى مېيىپلىك كىنىشكىسى بېرىش كېرەك.

توسالغۇسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ھەرىكىتى قولايسىز باشقا مېيىپلەر، ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىقلار ھەيدەيدىغان ياكى ئولتۇرىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

25-ماددا يېڭىدىن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى، يولۇچى پويىزى، يولۇچى توشۇش كېمە-پاراخوتلىرى، ئاممىۋى تىراللىبۇس، شەھەر رېلىسلىق قاتناش ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى توسالغۇسىز بولۇش ئۆلچىمىگە بەلگىلىك نىسبەتتە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەم ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگەرتىش شارائىتىنى ھازىرلىغانلارنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش، توسالغۇسىز ئۆلچەم تەلىپىگە تەدرىجىي ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛
ئۆزگەرتىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قورالىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن زۆرۈر سەپلىمە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەھەرلەردە توسالغۇسىز ئاممىۋى قاتناش يول باشلاش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى توسالغۇسىز تاكسىلارنى پىلانلاپ سەپلەيدۇ.

26-ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھە ئىگىدارلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى تۆۋەندىكى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، توسالغۇسىز ئەسلىھە ئىقتىدارىنىڭ نورمال ۋە ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك :

( 1 ) بۇزۇلغان توسالغۇسىز ئەسلىھە ۋە بەلگىلەرنى رېمونت قىلىش ياكى ئالماشتۇرۇش؛

( 2 ) ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش؛

( 3 ) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى تۈزىتىش؛

( 4 ) باشقا زۆرۈر ئاسراش ۋە ئاسراش.

ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدا پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن جاۋابكار ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

27-ماددا ئالاھىدە ئەھۋال بىلەن ئورنىتىلغان ۋاقىتلىق توسالغۇسىز ئەسلىھە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن توسالغۇسىز ئەسلىھەنى ۋاقىتلىق ئىگىلىۋالغاندا، رېشاتكا، ئاگاھ بەلگىسى ياكى سىگنال ئەسلىھەسىنى ئېلان قىلىش ھەمدە ئورنىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زۆرۈر سەپلىمە تەدبىر قوللىنىش كېرەك.
ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى توشقاندا، ۋاقتىدا ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

3-باب توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

29-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛
تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندا، شارائىتنى ھازىرلىغانلىرىغا ئاۋازلىق ئۇچۇر، چوڭ خەتلىك ئۇچۇر، ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى قاتارلىق توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكلى ماس قەدەمدە قوللىنىلىدۇ.

30-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى كۆرسەتكەندە ماس قەدەملىك ئېكران خېتىنى قويۇشى، شارائىتى ھازىرلانغان پىروگراممىلاردا كۈندە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بارماق تىلى كىرىشتۈرۈلگەن خەۋەر پىروگراممىسىنى قويۇشى ھەمدە بارماق تىلى پىروگرامما دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشى كېرەك.

دۆلەت ئاشكارا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرىدىكى سىن بۇيۇملىرى، تور سىن پىروگراممىلىرىغا ئېكران خېتى، بارماق تىلى ياكى ئاغزاكى بايان ئاۋاز يوللىرىنى قوشۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

31-ماددا دۆلەت ئاشكارا نەشر قىلىپ تارقىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان كىتاب-ژۇرناللارغا ئاۋازلىق، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى، ئېلېكتىرون يېزىقى قاتارلىق توسالغۇسىز ئەندىزىلىك نەشر نۇسخىلىرى قويۇلۇپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

دۆلەت دەرسلىك تۈزۈش، نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مائارىپ باسقۇچىدىكى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئەمالار يېزىقىدىكى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن نۇسخىدىكى ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلارنى تۈزۈپ، نەشر قىلىپ، ئەمالارنىڭ ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

32-ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان ئالاقە تورى تور بېكىتى، مۇلازىمەت سۇپىسى، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرى توسالغۇسىز تور بېكىتىنىڭ لايىھە ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر توسالغۇسىز ئۆلچىمىگە تەدرىجىي ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

دۆلەت ئاخبارات ئۇچۇرى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئالاقىسى، تۇرمۇشتا مال سېتىۋېلىش، داۋالاش-ساغلاملىق، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئۆگىنىش-تەربىيە، قاتناش-سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە تورى تور بېكىتى، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرىغا ئىلھام بېرىپ، توسالغۇسىز تور بېكىتىنى لايىھەلەش ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر توسالغۇسىز ئۆلچىمىگە پەيدىنپەي ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.

دۆلەت خەرىتە يول باشلاش ئورۇن بەلگىلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلەردىكى بەلگە ۋە توسالغۇسىز سەپەرگە چىقىش لىنىيەسىدىكى يول باشلاش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

33-ماددا ئۈن-سىن، شۇنىڭدەك كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنە، كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىسى، تېلېگراف تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى ياسىغۇچى تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلار ئاۋاز، چوڭ خەتلىك بولۇش قاتارلىق توسالغۇسىز ئىقتىدارلارنى تەدرىجىي ھازىرلىشى كېرەك.

بانكا، دوختۇرخانا، شەھەر رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ بېكەت رايونى، يولۇچى توشۇش بېكىتى، يولۇچى توشۇش پىرىستانى، چوڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ ئاپتوماتىك ئاممىۋى مۇلازىمەت تېرمىنال ئۈسكۈنىسى ئاۋاز، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى قاتارلىق توسالغۇسىز ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

34-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ئاساسىي تېلېگراف مۇلازىمىتى قىلغاندا، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا زۆرۈر ئاۋاز، چوڭ خەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتى ياكى ئادەم كۈچى مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

35-ماددا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە ۋە دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قاتناش ھادىسىسى، داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي چاقىرىش سىستېمىسى ئاۋازلىق چاقىرىش، چوڭ خەتلىك چاقىرىش، ئەمالار يېزىقى يېزىش، بىر كۇنۇپكا بىلەن چاقىرىش قاتارلىق توسالغۇسىز ئىقتىدارلارنى تەدرىجىي ھازىرلىشى كېرەك.

36-ماددا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىدىغان كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلار مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىپ، پائال شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆججەت-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك.

37-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى دورا بەلگىسى، چۈشەندۈرمىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىدىن ئاۋازلىق، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى قاتارلىق توسالغۇسىز شەكىل نۇسخىسى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

دۆلەت باشقا تاۋارلارنى ئىشلىگۈچى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋاز، چوڭ خەتلىك، ئەمالار يېزىقى، ئېلېكتىرون يېزىقى قاتارلىق توسالغۇسىز شەكىل نۇسخىسىدىكى بەلگە، چۈشەندۈرمىلەرنى بېرىشىگە ئىلھام بېرىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

38-ماددا دۆلەت دۆلەت ئورتاق بارماق تىلىنى، دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان ئەمالار يېزىقىنى كېڭەيتىدۇ ۋە قوللىنىدۇ.

ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتە بارماق تىلى، ئەمالار يېزىقى، شۇنىڭدەك ھەر خىل مەكتەپلەر بارماق تىلى، ئەپمالار يېزىقى تەربىيەسى ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرغاندا، دۆلەت ئورتاق بارماق تىلى، دۆلەت ئورتاق ئەمالار يېزىقىنى قوللىنىشى كېرەك.

4-باب توسالغۇسىز ئىجتىمائىي مۇلازىمەت

39-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى زۆرۈر توسالغۇسىز ئۈسكۈنە ۋە قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئەسكەرتىپ، يېتەكلەپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرىدىن داۋالاش-ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، پۇل مۇئامىلە كەسپى، تۇرمۇش ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىشلىرىغا چېتىلىدىغانلىرىدا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش، ئادەم كۈچى ئارقىلىق بېجىرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

40-ماددا مەمۇرىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى، مەھەللە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك سۇ، توك، گاز، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تۆۋەن ئورۇندىكى مۇلازىمەت سۇپىسى ياكى توسالغۇسىز مۇلازىمەت كۆزنىكى قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئېكرانى، يازما تاختا، ئاۋازلىق ئەسكەرتىش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

41-ماددا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى، كېسىم ئاپپاراتلىرى، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ دەۋا، كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ۋە قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىنى قانۇن بويىچە توسالغۇسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

دۆلەت ئادۋوكاتلىق ئورنى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

42-ماددا قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن تۈرلۈك تىرانسپورت ئۇسۇلىنىڭ مۇلازىمەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە شارائىتى ۋە تەمىنلىگەن مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت كۆزنىكى، مەخسۇس ساقلاش رايونى، يېشىل يول ۋە ئالدىن ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك،
ياردەمچى ئۈسكۈنە، مەسلىھەت بېرىش-يېتەكلەش، ئېكران خېتى مەلۇم قىلىش پونكىتى، ئاۋازلىق ئەسكەرتىش، ئالدىن كېلىشىپ زاكاز قىلىش قاتارلىق توسالغۇسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

43-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە مائارىپ ئاپپاراتى مائارىپ سورۇنلىرىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مېيىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان مائارىپ ئىمتىھانى، كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى، تېخنىكا ماھارەت ئىمتىھانى، قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، شۇنىڭدەك ھەر خىل مەكتەپلەر تەشكىللىگەن بىرتۇتاش ئىمتىھان مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قولاي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

44-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۆزى قىلغان مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مېيىپلەر، ياشانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى توسالغۇسىز ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، تۇرمۇشتىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

45-ماددا دۆلەت مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، پۇل مۇئامىلە، پوچتا، تېلېگراف، قاتناش، سودا، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، خوجىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت سورۇنلىرى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر، ياشانغانلارغا قوشۇمچە سايمانلارنى بېرىش، مەسلىھەت بېرىش-يېتەكلەش قاتارلىق توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت پوچتا، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز مېيىپلەر، ياشانغانلارنى ئۆيىگە بېرىپ قوبۇل قىلىش-ئەۋەتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

46-ماددا ئاممىۋى سورۇننى باشقۇرغۇچى ئورۇن، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن مېيىپلەرنىڭ ئەمالارغا يول باشلاش ئىتى، ئاڭلاش ئىتى، ياردەمچى ئىت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىتلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مېيىپلەر مۇلازىمەت ئىتىنى ئېلىپ ئاممىۋى سورۇنغا كىرگەن-چىققاندا، قاتناش-تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى ئىشلەتكەندە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، مۇلازىمەت ئىتىغا ئېنىق پەرقلەندۈرۈش جابدۇقى تاقىشى ھەمدە زۆرۈر مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

47-ماددا جىددىي پاناھلىنىش سورۇنىنى باشقۇرغۇچى خىزمەت لايىھەسى تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا، مېيىپلەر، ياشانغانلارنىڭ توسالغۇسىز ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئاۋاز، چوڭ خەتلىك، نۇر قاتارلىق ئەسكەرتمە قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىپ، توسالغۇسىز مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

48-ماددا سايلامنى تەشكىللىگەن تارماقلار ۋە ئورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلار سايلىغۇچىلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە زۆرۈر ياردەم بېرىشى كېرەك.

49-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، مېيىپلەر ۋە ياشانغانلارغا يىراق مۇساپىلىك، ھەر ۋاقىت توسالغۇسىز ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

50-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت ئىدىيەسى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، توسالغۇسىز مۇھىت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، توسالغۇسىز مۇھىتى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئاخبارات تاراتقۇلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

51-ماددا دۆلەت ھەممىباب لايىھە ئىدىيەسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى، يەرلىك ئۆلچەمنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە كوللېكتىپ ئۆلچەم، كارخانا ئۆلچىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئۆلچەملەر ئارىسىدىكى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

يەرلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزگەن يەرلىك ئۆلچەم دۆلەت ئۆلچىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەلىپىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

52-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ئۆلچەمنى بېكىتىش ياكى تۈزىتىشتە، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن پىكىر ئېلىش كېرەك.
مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى تۈزۈش ياكى تۈزىتىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

53-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز لايىھە، ئەسلىھە، مەھسۇلات، مۇلازىمەتنى ئېتىراپ قىلىش ۋە توسالغۇسىز ئۇچۇرلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەمدە نەتىجىنى ئىشەنچلىك قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

54-ماددا دۆلەت خىراجەت جەھەتتىن قوللاش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توسالغۇسىز تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، قوللىنىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

55-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

دۆلەت ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى نەزەرىيە تەتقىقاتى، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەن-كەسىپلەردە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا دائىر ئوقۇتۇش ۋە ئەمەلىيەت مەزمۇنىنى كۆپەيتىش كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كەسپىي سالاھىيەت، داۋاملىق تەربىيە، شۇنىڭدەك باشقا تەربىيەلەشنىڭ ئىمتىھان مەزمۇنى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

56-ماددا دۆلەت ئورگانلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىملارنى توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىش بىلىملىرى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

57-ماددا مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەھەللە، مەدەنىي مەكتەپ قاتارلىق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك.

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

58-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ، خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ بىرلەشمە نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

59-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن كونكرېت سىناش چارىسىنى تۈزىدۇ.

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى 3-تەرەپ ئاپپاراتىغا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى باھالاشنى قەرەللىك ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

61-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

62-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقىغا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئەرز قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ئەرز ۋە پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئېھتىياجغا قاراپ، مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىمگە ئىگە خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى جامائەت پىكرى بويىچە نازارەت قىلسا بولىدۇ.

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش تەكلىپى بەرسە ياكى ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

64-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغان، لايىھەلىمىگەن، قۇرۇلۇش قىلغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرمىغان بولسا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلىرى، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلىرى، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 100 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :

( 1 ) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر مەسئۇلى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال ۋە ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا؛

( 2 ) ۋاقىتلىق توسالغۇسىز ئەسلىھە ئورنىتىش ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك؛

( 3 ) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش.

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلارنى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېلېگراف، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ.

67-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرىدىن توسالغۇسىز ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانۇن بويىچە قىلمىغانلىرىنى تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

68-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئورۇنلاردىن قانۇن بويىچە توسالغۇسىز ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

69-ماددا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، تەشكىللىگۈچىلەر مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قانۇن بويىچە قولايلىق مۇلازىمەت قىلمىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەنقىد قىلىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

70-ماددا توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي زىيان، مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

72-ماددا بۇ قانۇن 2023-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.