جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

( 1990-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2008-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

3-باب تەلىم-تەربىيە

4-باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

5-باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى

6-باب ئىجتىمائىي كاپالەت

7-باب توسالغۇسىز مۇھىت

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا مېيىپلار پىسخىكا، فىزىيولوگىيە، ئادەم بەدىنى قۇرۇلمىسىدا مەلۇم تەشكىلاتى، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى نورمالسىز بولغان، نورمال ئۇسۇل بىلەن مەلۇم پائالىيەت ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مېيىپلەر كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ، تىلى مېيىپ، پۇت-قولى مېيىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ، روھىي مېيىپ، كۆپ خىل مېيىپ ۋە باشقا مېيىپ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مېيىپلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

3-ماددا مېيىپلار سىياسىي تۇرمۇش، ئىقتىساد تۇرمۇشى، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، جەمئىيەت تۇرمۇشى ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

مېيىپلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

مېيىپلىقنى ئاساس قىلغان كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
مېيىپلەرگە ھاقارەت كەلتۈرۈش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئاممىۋى تاراتقۇلار ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۈش ۋە زىيانغا ئۇچرىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4-ماددا دۆلەت قوشۇمچە ئۇسۇل ۋە يۆلەش تەدبىرى قوللىنىپ، مېيىپلەرگە ئالاھىدە يار-يۆلەك بولىدۇ، مېيىپلىكنىڭ تەسىرىنى ۋە تاشقى توسالغۇنى يېنىكلىتىپ ياكى تۈگىتىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپلەر ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشى ھەمدە مېيىپلەر ئىشلىرى خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن جۇڭگو مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىيات پىروگراممىسىنى چىقىرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پىروگراممىسىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، مېيىپلار ئىشلىرى بىلەن ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مېيىپلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مېيىپلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، مېيىپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مېيىپلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

6-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەر خىل يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە ئاممىۋى سىياسەتلەرنى چىقىرىشتا، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك.

مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

7-ماددا پۈتۈن جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشى، مېيىپلەرنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردەم بېرىشى، مېيىپلەر ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك.

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مېيىپلەرگە ئىئانە بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى ئۆزى قاراشلىق دائىرىدىكى مېيىپلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مېيىپلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا خادىملار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، مېيىپلەرگە تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

8-ماددا جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، مېيىپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ۋە تەربىيەلەيدۇ، مېيىپلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى قانۇن، نىزام، قائىدىلەر بويىچە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مېيىپلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

9-ماددا مېيىپ باققۇچى مېيىپ ئالدىدا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.

مېيىپلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ۋەسىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى شەرت.

مېيىپلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى مېيىپلەرنىڭ ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

مېيىپلەرگە ئائىلە زۇلۇمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، مېيىپلەرنى خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

10-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنى ئىززىتىنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

مېيىپلەر قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئاممىۋى تەرتىپكە ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

11-ماددا دۆلەت مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ۋە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ، تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دەسلەپكى بايقاش، دەسلەپكى داۋالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ،
ئىرسىيەت، كېسەل، دورا، ھادىسە، ئاپەت، مۇھىت بۇلغىنىش ۋە باشقا مېيىپلىك ئامىللىرىغا قارىتا، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېيىپلىك دەرىجىسىنى يېنىكلىتىدۇ.

دۆلەت مېيىپلەرنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ.

12-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەر، خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغانلارنى، شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن مېيىپ بولغان باشقا كىشىلەرگە ئالاھىدە كاپالەت بېرىدۇ، نەپىقە بېرىدۇ ۋە ئېتىبار بېرىدۇ.

13-ماددا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان مېيىپلەر، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىغان، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان، مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

14-ماددا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 3-يەكشەنبىسى مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى بولىدۇ.

2-باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

15-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق تۈرلەرنى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياكى تولۇقلىما بېرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

16-ماددا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، زامانىۋى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك؛
مەھەللىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرى تايانچ، مېيىپلەر ئائىلىسى تايانچ قىلىندى؛
قوللىنىشچان، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزمۇنىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مېيىپ بالىلارنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ؛
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرگە ئۈنۈملۈك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

17-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللە مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى، داۋالاش-ئالدىنى ئېلىش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى، مېيىپلەر ئائىلىلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەھەللىلەردە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

مېيىپلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ۋە مېيىپلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باشقا ئاپپاراتلار شارائىت يارىتىپ بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

مېيىپلەر كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار، پىدائىي خادىملار ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىقتىدار، ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە ئەمگەك ماھارىتى مەشىقىنى تىرىشىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېھتىياجغا قاراپ پىلانلىق ھالدا داۋالاش ئاپپاراتىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمى قۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

19-ماددا تېببىي مەكتەپلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسىنى پىلانلىق تەسىس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ؛
مېيىپلەر، مېيىپلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە پىدائىي خىزمەتچىلەرگە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش.

20-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، رېمونت قىلىش مۇلازىمىتىگە تەشكىللىشى ۋە يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.

3-باب تەلىم-تەربىيە

21-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر مائارىپىنى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، نامرات مېيىپ ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز دەرسلىك ماتېرىيالى بېرىدۇ ھەمدە ياتاقتا يېتىش تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەر ياردەم پۇلى بېرىدۇ؛
مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باشقا مائارىپنى قوبۇل قىلغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، نامرات مېيىپ ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدۇ.

22-ماددا مېيىپلەر مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، كەسپىي مائارىپ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى پائال قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

23-ماددا مېيىپلەر مائارىپى مېيىپلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ يولغا قويۇلۇشى كېرەك :

( 1 ) ئىدىيەۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيەسى بېرىش بىلەن بىللە، جىسمانىي-روھىي تولۇقلىما ۋە كەسپىي تەربىيەنى كۈچەيتىش؛

( 2 ) مېيىپلىك تۈرى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ياكى ئالاھىدە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛

( 3 ) ئالاھىدە مائارىپنىڭ دەرسلىك تەسىس قىلىشى، دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، مەكتەپكە كىرىش ۋە مەكتەپتىكى يېشى مۇۋاپىق ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولسا بولىدۇ.

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپلەرنىڭ سانى، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە مېيىپلەر تۈرى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مېيىپلەر مائارىپى ئاپپاراتىنى مۇۋاپىق قۇرۇشى ھەمدە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەكتەپ باشقۇرۇشقا، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

25-ماددا ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتى ئادەتتىكى مائارىپ ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مېيىپلەرگە تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا لايىقلاشقان مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشى شەرت؛
ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت بەلگىلىگەن قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشى شەرت، ئۇلارنىڭ مېيىپلىكى تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ؛
قوبۇل قىلىش رەت قىلىنسا، ئالاقىدارلار ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار شۇ مەكتەپنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

ئادەتتىكى بالىلار مائارىپى ئاپپاراتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشالايدىغان مېيىپ بالىلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

26-ماددا مېيىپ بالىلار مائارىپى ئاپپاراتى، ئادەتتىكى بالىلار مائارىپى ئاپپاراتىغا قوشۇمچە قىلىنغان مېيىپ بالىلار سىنىپى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر سىنىپى، مېيىپ بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى، مېيىپ بالىلار ئائىلىسى مېيىپ بالىلارغا قارىتا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.

باشلانغۇچ دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى قارىمىقىدىكى ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى ئادەتتىكى مائارىپ ئىقتىدارىنى قوبۇل قىلالمايدىغان مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.

ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا قوشۇمچە تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى ۋە مېيىپلەر كەسپىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپلەرگە ئالىي دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەدەنىيەت مائارىپى، كەسپىي مائارىپنى يولغا قويىدۇ.

ئالاھىدە مائارىپ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپارات مېيىپلەرنىڭ ئۆگىنىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھەنى ھازىرلىشى كېرەك.

27-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، مېيىپ ئىشلەۋاتقان ئورۇنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مېيىپلەرگە قارىتا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى، مېيىپلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

28-ماددا دۆلەت پىلانلىق ھالدا ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك ئالاھىدە مائارىپ سىفەن مەكتەپلىرى، كەسىپلىرىنى ئېچىپ، ئادەتتىكى سىفەن مەكتەپلىرىدە قوشۇمچە ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، تەربىيەلەيدۇ.
ئادەتتىكى سىفەن مەكتەپلىرى ئالاھىدە مائارىپ دەرسى تەسىس قىلىپ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى سۆزلەپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى زۆرۈر بولغان ئالاھىدە مائارىپ بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

29-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش، ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىكىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشقا تەشكىللىشى ۋە مەدەت بېرىشى، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە باشقا قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشى، ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىنلىشى كېرەك.

4-باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

30-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلەرگە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

31-ماددا مېيىپلەرنى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە يار-يۆلەك بولۇش، قوغداش تەدبىرى قوللىنىلىپ، كۆپ يول، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ.

32-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر پاراۋانلىق كارخانىلىرى، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى ۋە باشقا پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

33-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنى نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، پۇقراۋى كارخانىسىز ئورۇنلار مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى تاللاپ بېرىشى كېرەك.
بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىگەن بولسا، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ.
دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

34-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىشى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

35-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىشى ۋە يۆلىشى كېرەك.

36-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرغان، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ياكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مېيىپلەرگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا، سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يار-يۆلەك بولىدۇ.
دۆلەت يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مېيىپلەردىن مەمۇرىي-كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلەر ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان مەھسۇلات، تۈرلەرنى بېكىتىپ، مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ياكى تىجارەت قىلىشنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەزى مەھسۇلاتلارنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس مەھسۇلاتى قىلىپ بېكىتىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا، ئوخشاش شەرت ئاستىدا مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى ئاۋۋال سېتىۋېلىش كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىشى كېرەك.

يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان مېيىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارماق ئالدىن تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزىلاردىكى مېيىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش ۋە كىرېدىت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشى كېرەك.

37-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قۇرغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مېيىپلەرگە ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

مېيىپلەر بىرلەشمىسى قۇرغان مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى مېيىپلەرنى كەسىپكە ھەقسىز يېتەكلەش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش ۋە كەسىپ بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

38-ماددا دۆلەت مېيىپلەر پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئورۇنلارنىڭ مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش، رەسمىيلەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنۋان باھالاش، ئەمگەك ھەققى، تۇرمۇش پاراۋانلىقى، ئارام-دەم ئېلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بېرىشى ھەمدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ئەمگەك ئورنى، ئەمگەك ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئەمالار ساقلىق ساقلاش ۋە داۋالاش-ئۇۋۇلاش خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

39-ماددا مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ماھارىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

40-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى قانۇنسىز ھالدا جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ۋاسىتىلىرى بىلەن مېيىپلەرنى ئەمگەككە سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى

41-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مېيىپلەرنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىپ، پائال شارائىت يارىتىپ بېرىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ.

42-ماددا مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا سىڭگەن بولۇشى، مېيىپلەرنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇشى، مېيىپلەرنى كەڭ قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

43-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ :

( 1 ) رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىپ، مېيىپلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛

( 2 ) ئەمالار يېزىقىدىكى ئوقۇشلۇق، ئەمالار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى ۋە باشقا مېيىپلەر ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشقا تەشكىللەش ۋە يار-يۆلەك بولۇش، ئەمالارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردا ئەمالار يېزىقى ئوقۇشلۇقى، ئەمالەر ئاۋازلىق ئوقۇشلۈكى كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلىش؛

( 3 ) تېلېۋىزىيە بارماق تىلى پىروگراممىلىرىنى يولغا قويۇش، مېيىپلەر مەخسۇس تېمىلىق رادىيو سەھىپىسىنى ئېچىش، تېلېۋىزىيە سەھىپىسى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە ئېكران خېتى، چۈشەندۈرۈشنى قوشۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

( 4 ) مېيىپلەرنى ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇش، ئالاھىدە سەنئەت ئويۇنى قويۇش ۋە مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر ۋە ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىش؛

( 5 ) مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى مېيىپلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.
مېيىپلار پائالىيەت سورۇنىنى پىلانلىق قۇرۇپ چىقىش لازىم.

44-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە خەلققە پايدىلىق باشقا ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىدۇ.

45-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر بىلەن باشقا پۇقرالار ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ۋە مېيىپلەرنى يۆلەش-ياردەم بېرىش ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مېيىپلەرنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

6-باب ئىجتىمائىي كاپالەت

46-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.

47-ماددا مېيىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك.

مېيىپلەر تۇرۇشلۇق شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، مېيىپلەر ئائىلىلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ.

48-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۇرمۇش، مائارىپ، تۇرالغۇ ۋە باشقا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىنمۇ تۇرمۇشى يەنىلا ئالاھىدە قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقان مېيىپلەر ئائىلىسىگە باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامرات مېيىپلەرنى ئاساسىي داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى، زۆرۈر قوشۇمچە سايمانلارنى سەپلەش ۋە ئالماشتۇرۇشتا، بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشى كېرەك.

تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان مېيىپلەرگە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەھۋالغا قاراپ پەرۋىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

49-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، باققۇچىسى يوق ياكى باققۇچىسىدىن بېقىش ئىقتىدارى يوق، ياشاش مەنبەسى يوق مېيىپلەرنى بەلگىلىمە بويىچە باقىدۇ.

دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مېيىپلەرنى بېقىش، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

مېيىپلەرنى بېقىش، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مېيىپلەرنى ھاقارەتلىسە، خورلىسا، تاشلىۋەتسە بولمايدۇ.

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش قورالىغا چىقىۋېلىشىغا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
مېيىپلەر يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە تېگىشلىك قوشۇمچە سايمانلارنى ھەقسىز ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ.

ئەمالار ئىناۋەتلىك كىنىشكا بىلەن شەھەر ئىچىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تىرامۋاي، مېترو، كېچىك كېمىسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ھەقسىز ئولتۇرىدۇ.
ئەمالار ئوقۇشلۇقى ھەقسىز ئەۋەتىلىدۇ.

دۆلەت تېلېگراف-رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئەمالار، ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپلەر، تىل مېيىپلىرىگە ئېتىبار بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرگە بولغان باشقا غەمخورلۇق قىلىش ۋە يار-يۆلەك بولۇشنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.

51-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مېيىپلەرگە ئىئانە قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش يوللىرىنى ئېچىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرگە خەيرىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش پىدائىيلىرى قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

7-باب توسالغۇسىز مۇھىت

52-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر قاتنىشىشى ئۈچۈن توسالغۇسىز مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

53-ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش مېيىپلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

ئىمارەت، يول، قاتناش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پۈتكەن ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئاۋۋال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىش ۋە قوغداش كېرەك.

54-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا توسالغۇسىز شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ، يارىتىدۇ.

دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى، كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش ئىمتىھانىغا ئەمالار قاتناشقان بولسا، ئەمالارغا ئەمالار يېزىقى ئىمتىھان قەغىزى، ئېلېكتىرونلۇق ئىمتىھان قەغىزى بېرىش ياكى مەخسۇس خادىم ياردەم بېرىش كېرەك.

55-ماددا ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلار شارائىت يارىتىپ، مېيىپلەرگە ئاۋازلىق ۋە يازما ئەسكەرتىش، بارماق تىلى، ئەمالار يېزىقى قاتارلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە ئالدىن مۇلازىمەت قىلىشى ۋە قوشۇمچە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى توسالغۇسىز ئەسلىھە تەلىپىگە پەيدىنپەي يېتىشى كېرەك.
شارائىتى بار ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مېيىپلەرگە مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىشى كېرەك.

56-ماددا سايلامنى تەشكىللىگەن تارماقلار مېيىپلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛
شارائىتى بارلىرى ئەمالار يېزىقىدا سايلىنىدىغان سايلام بېلىتىنى بېرىشى كېرەك.

57-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر، توسالغۇسىز قاتناش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە يارىتىشقا ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ.

58-ماددا ئەمالار ئەمالارغا يول باشلايدىغان ئىتنى ئېلىپ ئاممىۋى سورۇنغا كىرىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

59-ماددا مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، مېيىپلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، مېيىپلەر تەشكىلاتى مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى ئورۇنلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

مېيىپلەر تەشكىلاتى مېيىپلەرنىڭ دەۋا ئارقىلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، مەدەت بېرىشى كېرەك.

مۇئەييەن مېيىپلەر توپىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

60-ماددا مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن قانۇن ياردىمى ياكى ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان مېيىپلەرگە شۇ جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەم بېرىشى، ئۇلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ياكى ئەدلىيە ياردىمى بېرىشى كېرەك.

61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان، بىر-بىرىگە ئىتتىرگەن، كەينىگە سۈرگەن، باسقان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى ئەرز قىلغان، ئەرز قىلغان، پاش قىلغانلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەۋاتقان ئورنى، مەسئۇل تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،
ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

دۆلەت خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ۋاقتىدا توسماي ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مېيىپلەرگە زۆرۈر ياردەم بەرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەنلەرنى مەدەنىيەت، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار ئۆز خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

63-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن قوبۇل قىلىش تەلىپىدىن باشقا قوشۇمچە شەرت بىلەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى چەكلىسە، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشقا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتكەنلەرنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مېيىپ ئەمگەكچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باققان، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مېيىپلەرنى ھاقارەتلىگەن، خورلىغان، تاشلىۋەتكەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىمارەت، يول، قاتناش ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن سالغان، ئۆزگەرتىپ سالغان ۋە كېڭەيتىپ سالغان، دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلمىغان ۋە ئاسرىماي ئاقىۋەت كېلىپ چىققانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە باشقا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛
مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

68-ماددا بۇ قانۇن 2008-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.