جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن ياردىمى قانۇنى

( 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب ئاپپارات ۋە خادىملار

3-باب شەكىل ۋە دائىرە

4-باب تەرتىپ ۋە يولغا قويۇش

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قانۇن ياردىمى دۆلەت قۇرغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالار ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا دەۋالاشقۇچىلار قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالەتچىلىك قىلىش، جىنايى ئىشلارنى ئاقلاش قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىدىغان تۈزۈم، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.

3-ماددا قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، دۆلەت كاپالىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىنى بىرلەشتۈرىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ياردىمى ئىشلىرى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن ياردىمى كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ياردىمىگە مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ياردىمىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى نازارەت قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قوللايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

6-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

7-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

8-ماددا دۆلەت ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

9-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قانۇن بويىچە ئىئانە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇن ياردىمى ئىشلىرىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ؛
شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

10-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى دائىملىق قانۇن ياردىمى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ياردىمى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

ئاخبارات تاراتقۇلىرى قانۇن ياردىمى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

11-ماددا دۆلەت قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب ئاپپارات ۋە خادىملار

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى كېرەك.
قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش، قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خادىمى، قانۇن ياردىمى پىدائىيسى قاتارلىق قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئەۋەتىدۇ، قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

13-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ ئاپپاراتتىكى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى ياكى قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملارنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ؛
قانۇن ياردىمى خىزمەت پونكىتى ياكى ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتا قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنسا بولىدۇ.

14-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە قاماقخانا قاتارلىق سورۇنلاردا نۆۋەتچى ئادۋوكات ئەۋەتىپ، ئاقلىغۇچىسى يوق جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بەرسە بولىدۇ.

15-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئادۋوكاتلىق ئورنى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى تاللاپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن ياردىمى بەرسە بولىدۇ.

16-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى، ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام قانۇنغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى شۇ ئادۋوكاتتىكى ئادۋوكاتلار، ئاساسىي قاتلام قانۇنمۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

17-ماددا دۆلەت قانۇن ياردىمى پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ؛
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرنىڭ قانۇن ياردىمى پىدائىيسى بولۇپ، قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.

ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قانۇنشۇناسلىق تەربىيەسى، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ۋە قانۇنشۇناسلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قانۇن ياردىمى پىدائىيسى قىلىشقا تەشكىللەپ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالاقىدارلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بەرسە، قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالىتەن تەييارلىسا قاتارلىق قانۇن ياردىمىنى بەرسە بولىدۇ.

قانۇن ياردىمى پىدائىيلىرىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

18-ماددا دۆلەت قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىنىڭ قانۇن بويىچە رايون ھالقىپ يۆتكىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكات، قانۇن ياردىمى پىدائىيسى قاتارلىقلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقى نىسبەتەن قىس رايونلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

19-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا قىلىپ، ياردەم بەرگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

20-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك، ياردەمگە ئېرىشكۈچىدىن ھەرقانداق پۇل-مال ئالسا بولمايدۇ.

21-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى، قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردىمى بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

3-باب شەكىل ۋە دائىرە

22-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى شەكىلدىكى قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ :

( 1 ) قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش؛

( 2 ) قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالىتەن تەييارلاش؛

( 3 ) جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك قىلىش؛

( 4 ) ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلو، دۆلەت تۆلەم دېلوسىدىكى دەۋا ۋاكالەتچىلىكى ۋە غەيرىي دەۋا ۋاكالەتچىلىكى؛

( 5 ) نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ قانۇن ياردىمى؛

( 6 ) ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم قىلىش ۋاكالەتچىلىكى؛

( 7 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەكىللەر.

23-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مۇلازىمەت كۆزنىكى، تېلېفون، تور قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك؛
ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ھەمدە قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى ۋە تەرتىپىنى ئۇقتۇرۇش.

24-ماددا جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

25-ماددا جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىنمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا تەيىنلەشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك :

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر؛

( 2 ) كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، گەپ-سۆزىدىكى مېيىپلەر؛

( 3 ) قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى تولۇق ئاڭقىرالمايدىغانلىرى؛

( 4 ) مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغانلار؛

( 5 ) قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلغان ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىدىكى جاۋابكارلار؛

( 6 ) دېلونى دەرقەمسىز سوت قىلغان جاۋابكارلار؛

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خادىملار.

ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا تەتبىقلىنىدىغان باشقا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا، جاۋابكار ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا تەيىنلەشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

26-ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەر، شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى بويىچە قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىدىكى جاۋابكارلارغا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئالاقىدار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىغا ئىگە ئادۋوكاتنى ئاقلىغۇچىلىققا تەيىنلىشى كېرەك.

27-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئاقلىغۇچىلىققا ئادۋوكات تەيىنلەشنى ئۇقتۇرغاندا، جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكار ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەشكە ياكى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.

28-ماددا مەجبۇرىي داۋالاش دېلوسىدىكى ئىلتىماس قىلىنغۇچى ياكى جاۋابكار دەۋا ۋاكالەتچىسىنى ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكات بەلگىلەپ ئۇنىڭغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

29-ماددا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەش دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى، جىنايى ئىشلار بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن ۋاكالەتچىسى، جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا دېلوسىدىكى دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلىگەن ۋاكالەتچىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

30-ماددا نۆۋەتچى ئادۋوكات قانۇن بويىچە ئاقلىغۇچىسى يوق جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، تەرتىپ تاللاش تەكلىپى بېرىش، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا پىكرى بېرىش قاتارلىق قانۇن ياردىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

31-ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئالاقىدارلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :

( 1 ) قانۇن بويىچە دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش؛

( 2 ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 3 ) نەپىقە پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 4 ) كۈتۈش ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 5 ) ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئەمگەك ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 6 ) پۇقرالارنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق دەپ بېكىتىش ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇشنى تەلەپ قىلغاندا؛

( 7 ) ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى، قاتناش ھادىسىسى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىك ھادىسىسى، داۋالاش ھادىسىسىنىڭ جىسمانىي زىيىنى تۆلىمىنى تەلەپ قىلىش؛

( 8 ) مۇھىت بۇلغىنىش، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش زىيىنىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش؛

( 9 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

32-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ ئالاقىدارلار قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ :

( 1 ) قەھرىمانلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قەھرىمانلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن؛

( 2 ) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىدار ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىش؛

( 3 ) قايتا سوت قىلىپ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش؛

( 4 ) خورلانغان، تاشلىۋېتىلگەن ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان زىيانلانغۇچى ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلسا؛

( 5 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

33-ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىمىگە ياكى ئەرز قىلىش قارارىغا قايىل بولماي ياكى قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىش قارارى، كېسىمى چىقارغان ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئاقلىغۇچىغا ياكى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا، ئۆزى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

34-ماددا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قانۇن ياردىمى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ.

4-باب تەرتىپ ۋە يولغا قويۇش

35-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دېلو بېجىرىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

36-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 28-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى بايقىسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئادۋوكات بەلگىلەپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئادۋوكات ئەۋەتىشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

37-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئاقلىغۇچىسى يوق جىنايەت گۇماندارلىرىغا، جاۋابكارلارغا نۆۋەتچى ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى، دېلو ئارخىپىنى كۆرۈشى، كۆرۈشۈشى قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

38-ماددا دەۋا ئىشلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ؛
غەيرىي دەۋا ئىشلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشتە، ئىلتىماس قىلغۇچى تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جاي ياكى سەۋەب پەيدا بولغان جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ.

39-ماددا قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار، جازا ئۆتەۋاتقانلار، شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغۇچىلار قاتارلىقلار قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى سۇنسا، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى ئىلتىماسنى 24 سائەت ئىچىدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلاردىن نۆۋەتچى ئادۋوكات ئارقىلىق ۋاكالەتچىلىك قىلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش قاتارلىق قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، نۆۋەتچى ئادۋوكات 24 سائەت ئىچىدە ئىلتىماسنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

40-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەر قانۇن ياردىمىگە موھتاج بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋاكالەتچىلەر ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئۇلارغا ۋاكالىتەن قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

قاماپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار، جازا ئۆتەۋاتقانلار شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغۇچىلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ۋاكالىتەن قانۇن ياردىمى ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

41-ماددا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى شەخسىي سەمىمىيەت ۋەدىسى بەرسە بولىدۇ.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇن، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى كېرەك.

42-ماددا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى خادىملارنىڭ بىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال بولسا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ :

( 1 ) مۇقىم تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق مۇئەييەن كىشىلەر توپى؛

(二)社会救助、司法救助或者优抚对象;

( 3 ) ئەمگەك ھەققى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ جىسمانىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگەنلەر؛

( 4 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا خادىملار.

43-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، قانۇن ياردىمى بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
قانۇن ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغاندا، قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئەۋەتىش كېرەك؛
قانۇن ياردىمى بەرمەسلىكنى قارار قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماتېرىيالنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇشى ياكى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بويىچە ماتېرىيال تولۇقلىمىسا ياكى ئىزاھات بەرمىسە، ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.

44-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بايقالسا، ئاۋۋال قانۇن ياردىمى بېرىشنى قارار قىلسا بولىدۇ :

( 1 ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ياكى مۇددىتى توشۇشقا يەتتە كۈن يەتمىگەن بولسا، ۋاقتىدا دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛

( 2 ) مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش، دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش ياكى ئالدىن ئىجرا قىلىشنى دەرھال ئىلتىماس قىلىش زۆرۈر بولسا؛

( 3 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمىنى ئاۋۋال بەرگەن بولسا، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېجىرىشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلىشى كېرەك.

45-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرىدىن ياشانغانلار، مېيىپلەرگە قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتى قىلغانلىرى توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ سەپلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

قانۇن-نىزاملاردا مۇئەييەن كىشىلەر توپىغا قانۇن ياردىمى بېرىشكە دائىر باشقا ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

46-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى بەلگىلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى رەت قىلسا، كېچىكتۈرسە ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ.

قانۇن ياردىمى خادىملىرى بەلگىلىمە بويىچە ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك، ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

47-ماددا ياردەمگە ئېرىشكۈچى قانۇن ياردىمى خادىمىغا قانۇن ياردىمى ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن بايان قىلىپ بېرىشى، دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا تەمىنلەپ بېرىشى، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ياردەملىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

48-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى چىقىرىشى كېرەك :

( 1 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئالدامچىلىق ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قانۇن ياردىمىگە ئېرىشسە؛

( 2 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پاكىتلارنى قەستەن يوشۇرغان ياكى ساختا دەلىل-ئىسپات بەرگەن بولسا؛

( 3 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى قانۇن ياردىمىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

( 4 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، قانۇن ياردىمى شەرتىگە توشمايدىغانلار؛

( 5 ) دېلونى قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقان ياكى بىكار قىلىنغانلار؛

( 6 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئادۋوكات ياكى باشقا ۋاكالەتچىگە ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلسا؛

( 7 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچى يوللۇق سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا؛

( 8 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

قانۇن ياردىمى خادىملىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى بايقىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

49-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ياردىمى بەرمەسلىك، قانۇن ياردىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى باشقىچە پىكىردە بولسا، شۇ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى قۇرغان ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا سۇنسا بولىدۇ.

ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ قارارىنى ساقلاش ياكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.

ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

50-ماددا قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ كۆچۈرمىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى، بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

5-باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش

51-ماددا دۆلەت قانۇن ياردىمىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشى ۋە خىزمەتتە ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

52-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قانۇن ياردىمى خادىملىرىغا ۋاقتىدا قانۇن ياردىمى ياردىمى بېرىشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە قانۇن ياردىمىنىڭ مۇلازىمەت تۈرى، بېجىرىش تەننەرخى، ئاساسىي ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەققى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ.

قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

53-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەمگە ئېرىشكۈچىدىن ئەھۋالغا قاراپ دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ ئېلىشى، كېمەيتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛
قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال قاتارلىق خىراجەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ياكى كېمەيتىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى ياردەمگە ئېرىشكۈچىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى، باھالاش ھەققىنى كېمەيتىپ ئېلىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى پىلانلىق تەربىيەلەپ، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

55-ماددا ياردەمگە ئېرىشكۈچى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى، قانۇن ياردىمى خادىملىرىدىن قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق؛
قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى، قانۇن ياردىمى خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىسا، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ ھەمدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىدىن قانۇن ياردىمى خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

56-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە دائىر ئەرز-شىكايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك؛
ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئەرز قىلغۇچىغا بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

57-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، 3-تەرەپ باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۈپەتنى قەرەللىك باھالىشى كېرەك.

58-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە قانۇن ياردىمى مەبلىغىنى ئىشلىتىش، دېلو بېجىرىش، سۈپىتىنى سىناش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

59-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى سوتتا قاراپ چىقىپ سىرتتىن ئاڭلاش، دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش، ئەدلىيە ئورگىنىدىن پىكىر ئېلىش ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچىنى قايتا زىيارەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

60-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلىق ئورنى، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى يىللىق باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ياردىمى بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى سۇسلۇق قىلغان ئادۋوكات ئورنى، ئادۋوكاتلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

61-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى شۇ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەسىس قىلغان ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلار قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

( 1 ) قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى رەت قىلىش ياكى قانۇن ياردىمى بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملارغا قەستەن قانۇن ياردىمى بېرىش؛

( 2 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملارنى قانۇن ياردىمى بېرىشكە ئەۋەتىش؛

( 3 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئېلىش؛

( 4 ) ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش؛

( 5 ) قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش؛

( 6 ) قانۇن ياردىمى بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

( 7 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

62-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىگە دائىر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ :

( 1 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ تەيىنلىشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش؛

( 2 ) بەلگىلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئادۋوكاتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىسىنى قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ياكى شۇ ئادۋوكاتنىڭ، ئاساسىي قاتلام قانۇنمۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى رەت قىلىش؛

( 3 ) شۇ ئورۇننىڭ ئادۋوكاتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن سۇسلۇق قىلىشىغا يول قويۇش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

( 4 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

63-ماددا ئادۋوكات، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ :

( 1 ) يولسىز سەۋەبلەر بىلەن قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش ياكى قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن سۇسلۇق قىلىش؛

( 2 ) قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش؛

( 3 ) ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئېلىش؛

( 4 ) قانۇن ياردىمى بېرىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

( 5 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

64-ماددا ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەردىن قانۇن ياردىمىگە ئالدامچىلىق ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېرىشكەنلىرىنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن ياردىمى بەرگەن خىراجەتنى تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن ياردىمى نامىدىن پايدىلىنىپ قانۇن مۇلازىمىتى قىلغان ھەمدە نەپ ئالغانلارنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

66-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

68-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانسا بولىدۇ.

69-ماددا چەت ئەللىكلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارغا قانۇن ياردىمى بېرىشتە، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىمە بولسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنمىگەن بولسا، دۆلىتىمىز تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولسا بولىدۇ.

70-ماددا ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىگە قانۇن ياردىمى بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بېكىتىدۇ.

71-ماددا بۇ قانۇن 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.