جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قانۇنى

( 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپە

3-باب يولغا قويۇش تەدبىرى

4-باب قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭگو دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى.
دۆلەت ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەرنى زورايتىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئومۇمىي خەلقنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، مەنىۋى كۈچى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدۇ.

3-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك،
دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى روشەن باش تېما قىلىش كېرەك.

4-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان، ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ.

5-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە ئىدىيە يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، تەربىيەلەش-يېتەكلەش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈش، باش تېمىسى روشەن بولۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

6-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى :

( 1 ) ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى؛

( 2 ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى؛

( 3 ) جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى؛

( 4 ) جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت؛

( 5 ) دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت گېربى قاتارلىق دۆلەت سىمۋولى ۋە بەلگىسى؛

( 6 ) ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى؛

( 7 ) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاڭ ۋە قاراش؛

( 8 ) قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مىللىي روھ، دەۋر روھى؛

( 9 ) ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا باي باشقا مەزمۇنلار.

7-ماددا دۆلەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىدۇ.

8-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك.

9-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاقىل، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، قوبۇل قىلىش كېرەك.

10-ماددا ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدۇ.

2-باب مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپە

11-ماددا مەركەزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى نازارەت قىلىش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

12-ماددا يەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەسئۇل تارمىقى شۇ رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى يېتەكلەش، نازارەت قىلىش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جايلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، كىنو، تور ئۇچۇرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى مۇشۇ قانۇن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە ئۆز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ.

13-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگولۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە باغلىغان ساھە ۋە توپقا يۈزلىنىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا دۆلەت قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، شان-شەرەپ ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

15-ماددا دۆلەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى خەلق تەربىيەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشى، ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇشى، ياخشى سۆزلىشى ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى تۈرلۈك پەن ۋە دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى بېكىتىپ، مول، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، سىستېمىلىقلىقى ۋە يېقىنلىقى، تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

16-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن دەرستىن سىرتقى ئەمەلىيەت ۋە ھېس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك باش تېما پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق مەيدان-ساراي، ئەسلىھەلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەكتەپ سىرتىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى كېرەك.

17-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنى ئائىلە تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈشى، مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى، ماسلىشىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا دۆلەت ئورگىنى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ دۆلەتكە سادىق بولۇش، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، شان-شەرەپ ۋە مەنپەئەتنى قوغداش جەھەتتىكى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

19-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى شۇ ئورۇننىڭ تەربىيە پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلار ئالىملار روھى ۋە كەسپىي روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، زىيالىيلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، تەنھەرىكەتچىلەر قاتارلىق ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلىشى ۋە يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

20-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك باش تېما قىلىنغان ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

21-ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كوللېكتىپ نىزامنامىسى، ساھە قائىدىسىدە نامايان قىلىپ، شۇ تەشكىلات، شۇ ساھەنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەزالارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەزالار ئارىسىدىكى ئاممىۋى شەخسلەر ۋە ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىگە ئىگە زاتلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

22-ماددا دۆلەت دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ.

23-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ تارىخ-مەدەنىيەت تەربىيەسى ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاڭلىق قوغدايدۇ.

دۆلەت ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە دائىر فاڭجېن-سىياسەتلەر تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىسىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

国家加强与海外侨胞的交流,做好权益保障和服务工作,增进海外侨胞爱国情怀,弘扬爱国传统。

3-باب يولغا قويۇش تەدبىرى

24-ماددا مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەسئۇل تارمىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بايلىقى ۋە سۇپا-ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك.

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قىزىل بايلىقنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي قىممەتكە، خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە قىزىل بايلىقنى قېزىپ، قىزىل ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قىزىل بايلىقنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-ئاسارئەتىقە، ئەنئەنىۋى كەنت، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قېزىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، پۇقرالارنى سەيلە-ساياھەت داۋامىدا ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تاغ-دەريالاردىن ھۇزۇرلىنىشقا يېتەكلىشى كېرەك،
ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش.

26-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرى مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، ئېسىل كۆرگەزمە قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پۇقرالارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىشى، ئۆگىنىشىگە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

تۈرلۈك مۇزېي، خاتىرە سارىيى، كۇتۇپخانا، پەن-تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قاتارلىقلار ئۆز بايلىقى ۋە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىش، سىناپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

27-ماددا دۆلەت تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان زاتلارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھ قىلىش-يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

28-ماددا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى ۋە باشقا مۇھىم خاتىرە كۈنلىرىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش، خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش-سۈپۈرۈش، تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

29-ماددا باھار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە يېڭى يىل، خەلقئارا ئاياللار بايرىمى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، ياشلار بايرىمى، خەلقئارا بالىلار بايرىمى، جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى ۋە باشقا مۇھىم بايراملاردا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، خاتىرىلەش-تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

30-ماددا مۇھىم، زور تەبرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا، قانۇن بويىچە تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دۆلەت شېئىرى ئوقۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش، ھەربىيلەر ۋە زاپاس خادىملار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قەسىمى بېرىش قاتارلىق مۇراسىملارنى قانۇن بويىچە ئاشكارا ئۆتكۈزگەندە، قەسەم بېرىش سورۇنىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىش، دۆلەت شېئىرى ئوقۇش، قەسەمنامىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

31-ماددا رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىت-ژۇرنال، نەشرىيات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىشلەش، قويۇش، بېسىش ئارقىلىق مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى كۈچەيتىشى، ئاممىۋى مەنپەئەت ئېلانى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىلىرىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

32-ماددا تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تور ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تور ئۇچۇرى ۋە ئەسەرلىرىنى ياساپ، تارقىتىپ، يېڭى سۇپا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، قوللىنىپ، تور ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى جانلىق قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

4-باب قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش

33-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ، كۆپ قاتلاملىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

34-ماددا مەركەزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەسئۇل تارمىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى بېكىتىش، قوغداش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقسىز ئېچىۋېتىش تۈزۈمى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

35-ماددا دۆلەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئەدەبىيات، كىنو-تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلەرنى باھالاش، تەقدىرلەش، كۆرگەزمە قىلىش، كۆرەك قىلىشتا ۋەتەنپەرۋەرلىك يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

36-ماددا دۆلەت ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئېسىل دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنى نەشر قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلىدىغان، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا يۈزلەنگەن كارتون، ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى يارىتىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

37-ماددا ھەرقانداق پۇقرا ۋە تەشكىلات ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، شان-شەرەپ ۋە مەنپەئەتنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ :

( 1 ) دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت گېربىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ياكى دۆلەت بايرىقى، دۆلەتنىڭ شېئىرى ۋە دۆلەت گېربىنىڭ ئىززىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار؛

( 2 ) قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى بۇرمىلاش، خۇنۈكلەشتۈرۈش، ھاقارەتلەش، ئىنكار قىلىش؛

( 3 ) تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى ۋە قىرغىنچىلىق پاجىئەسىنى تەرغىب قىلىش، گۈزەللەشتۈرۈش، ئىنكار قىلىش؛

( 4 ) ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش، بۇلغاش؛

( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

38-ماددا مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، كىنو، تور ئۇچۇرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارنى تەسىرنى ۋاقتىدا تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك،
ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

39-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار، ئورۇنلاردىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرىنىڭ جاۋابكار رەھبىرىي خادىملىرى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

40-ماددا بۇ قانۇن 2024-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.