( 1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2014-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
3-باب مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلاش
4-باب بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش
5-باب ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋە ئامما قاتنىشىش
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك تەبىئىي ئامىللار ۋە ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن تەبىئىي ئامىللارنىڭ ئومۇمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ،
ئاتموسفېرا، سۇ، دېڭىز-ئوكيان، يەر، قېزىلما بايلىق، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، ياۋايى جانلىقلار، تەبىئىي خارابە، ئادىمىيەت خارابىسى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، داڭلىق مەنزىرە رايون، شەھەر ۋە يېزا-كەنت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھەسىگە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە تەتبىقلىنىدۇ.
4-ماددا مۇھىت ئاسراش − دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى.
دۆلەت بايلىق تېجەش ۋە ئايلانما پايدىلىنىش، مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىقتىسادىي، تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ماسلاشتۇرىدۇ.
5-ماددا مۇھىت ئاسراشتا ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئامما قاتنىشىش، زىياننى ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
6-ماددا بارلىق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچىلار مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ۋە ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئۇنى ئازايتىشى، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
پۇقرالار مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق، تېجەشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى كېرەك.
7-ماددا دۆلەت مۇھىت ئاسراش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، ئۇنى يارىتىش ۋە قوللىنىشنى قوللايدۇ، مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ، مۇھىت ئاسراشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراش پەن تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە، باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش تەشۋىقاتى ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى مەكتەپ تەربىيەسى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
ئاخبارات تاراتقۇلىرى مۇھىت قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى، مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى قىلىشى كېرەك.
10-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ؛
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بايلىق ئاسراش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
11-ماددا مۇھىت ئاسراشتا ۋە ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.
12-ماددا ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇھىت كۈنى بولىدۇ.
2-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن دۆلەت مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشىغا يوللايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.
مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنىڭ مەزمۇنى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىشانى، ۋەزىپىسى، كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ھەمدە ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىقلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.
14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد، تېخنىكا سىياسىتىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ، مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.
15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەرگە يەرلىك مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى بېكىتسە بولىدۇ؛
دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۈرلەرگە دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنىڭ يەرلىك مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىدىن قاتتىق ئۆلچىمى بېكىتىشكە بولىدۇ.
يەرلىك مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
دۆلەت مۇھىت ئۆلچەم تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
16-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەرگە يەرلىك بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى تۈزسە بولىدۇ؛
دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۈرلەرگە دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچەمدىن قاتتىق بولغان يەرلىك بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى بېكىتىشكە بولىدۇ.
يەرلىك بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
17-ماددا دۆلەت مۇھىتنى كۆزىتىش-ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت قوغداش مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىپ ئۆلچەش قائىدىسىنى تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىپ ئۆلچەش تورىنى تەشكىللەپ، دۆلەت مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى ( نۇقتىسى ) نى قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ساھە، كەسىپ قاتارلىق ھەر خىل مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى ( نۇقتىسى ) لىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆزىتىش-ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشى، كۆزىتىش-ئۆلچەش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
كۆزىتىپ ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرى كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ.
18-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ياكى كەسپىي ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىپ، مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، باھالاپ، مۇھىت بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
19-ماددا ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مۇھىتقا تەسىرى بار تۈرلەرنى قۇرۇشتا، قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش كېرەك.
مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاتمىغان ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ؛
قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاتمىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشقا بولمايدۇ.
20-ماددا دۆلەت مەمۇرىي رايون ھالقىغان نۇقتىلىق رايون، ۋادى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك زىياننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ، بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش ئۆلچەم قويۇش، بىرتۇتاش كۆزىتىش-ئۆلچەش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەمۇرىي رايون ھالقىغان مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيە زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ.
21-ماددا دۆلەت مالىيە، باج، باھا، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش تېخنىكا-جابدۇقلىرى، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە مۇھىت مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
22-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى بۇلغىما چىقىرىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش ئاساسىدا، بۇلغىما چىقىرىشنى يەنىمۇ ئازايتسا، خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە مالىيە، باج، باھا، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
23-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچىلار مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە مەھسۇلاتنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش، تاقىۋېتىشكە خەلق ھۆكۈمىتى مەدەت بېرىشى كېرەك.
24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت رېۋىزىيە ئاپپاراتى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.
تەكشۈرۈلگۈچى ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈلگۈچىگە سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
25-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا بۇلغىما چىقىرىپ، ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلغان ياكى ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار بۇلغىما چىقىرىش پەيدا قىلىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
26-ماددا دۆلەت مۇھىت ئاسراش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە سىناش-باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت ئاسراش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى ھەم تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى باھالاش-باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى كېرەك.
باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.
27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى ھەر يىلى دوكلات قىلىشى، يۈز بەرگەن ئېغىر، زور مۇھىت ۋەقەلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، قانۇن بويىچە نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
3-باب مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلاش
28-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش نىشانى ۋە تۈزەش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن نۇقتىلىق رايون، ۋادىدىكى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى تۈزۈشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ قەرەلىدە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى كېرەك.
29-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايون، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سەزگۈر رايونى ۋە ئاجىز رايون قاتارلىق رايونلاردا ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىپ، قاتتىق قوغداشنى يولغا قويىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ھەر خىل تىپتىكى تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى رايونلىرى، ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر تەبىئىي تارقالغان رايونلار، سۇ مەنبەسىنى ساقلايدىغان مۇھىم رايونلار، زور پەن-مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈش، داڭلىق ئۆڭكۈر ۋە تاش قاتما تارقالغان رايونلار، مۇزلۇق، يانار تاغ، ئارشاڭ قاتارلىق تەبىئىي يادىكارلىقلارغا قارىتا،
شۇنىڭدەك ئادىمىيەت خارابىسى، قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنى تەدبىر قوللىنىپ قوغداش كېرەك، بۇزۇۋېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
30-ماددا تەبىئىي بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا، مۇۋاپىق ئېچىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، قانۇن بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش لايىھەسى تۈزۈش ھەمدە يولغا قويۇش كېرەك.
سىرتتىن كىرگەن تۈرلەرنى كىرگۈزۈش، شۇنىڭدەك بىيو تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا تەدبىر قوللىنىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
31-ماددا دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونلىرىغا قارىتىلغان مالىيە يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
دۆلەت مەنپەئەتلەنگۈچى رايون ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونىدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭىشىش ياكى بازار قائىدىسى بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
32-ماددا دۆلەت ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىقلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، باھالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
33-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشى، يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش يېڭى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك،
تۇپراق بۇلغىنىش ۋە تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى، شورلىشىشى، ئۈنۈمسىز بولۇشى، شېغىللىشىش، يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى ھەمدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، سۇدا ئوزۇقلۇق موللىشىپ كېتىش، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كېتىش، ئۇرۇق مەنبەسى قۇرۇپ كېتىش قاتارلىق ئېكولوگىيە قالايمىقانلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كېڭەيتىش كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىك، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
34-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
دېڭىز-ئوكيانغا بۇلغىما چىقىرىش، تاشلاندۇق تۆكۈش، دېڭىز قىرغىقى قۇرۇلۇشى ۋە دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىش، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك.
35-ماددا شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىدا شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، سۇ رايونى ۋە تەبىئىي مەنزىرىنى قوغداش، شەھەر باغ-ئورمان، يېشىللىق ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
36-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلات ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، تاشلاندۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى ۋە مالىيە مەبلىغى ئىشلىتىدىغان باشقا تەشكىلاتلار ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، ماتېرىيال تېجەش قاتارلىق مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنى ئاۋۋال سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.
37-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا تەشكىللىشى كېرەك.
38-ماددا پۇقرالار مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ماسلىشىشى، تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈرگە ئايرىپ قويۇشى، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.
39-ماددا دۆلەت مۇھىت ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ-خەتەرنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛
مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە تەشكىللەپ، تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كېرەك.
4-باب بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش
40-ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك.
كارخانىلار پاكىز ئېنېرگىيەنى ئاۋۋال ئىشلىتىشى، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئاز ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە، شۇنىڭدەك تاشلاندۇقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تېخنىكىسى ۋە بۇلغىمىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشى كېرەك.
41-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈزەيدىغان ئەسلىھەلەرنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، ئىشلىتىش كېرەك.
بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى تەستىقلىتىلغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشكە ياكى بىكار قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
42-ماددا بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ياكى باشقا پائالىيەتلەر جەريانىدا پەيدا بولغان كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ، داشقال، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى، چاڭ-توزان، سېسىق گاز، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار، شۇنىڭدەك شاۋقۇن، تەۋرىنىش، نۇر رادىياتسىيەسى، ئېلېكتر ماگنىت رادىياتسىيەسى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.
بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئورۇن مەسئۇلى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
نۇقتىلىق بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلار كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش قائىدىسى بويىچە ئورنىتىشى، ئىشلىتىشى، كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، دەسلەپكى كۆزىتىپ ئۆلچەش خاتىرىسىنى ساقلىشى كېرەك.
سۈڭگۈچ، سۇ سىڭمە قۇدۇق، سۇ سىڭمەس ئازگال، سۇ قۇيۇش ياكى كۆزىتىش-ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، ياسىۋېلىش، ياكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى نورمال ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقىرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
43-ماددا بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.
بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە مەخسۇس ئىشلىتىش كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ھەققىمۇ ئېلىنمايدۇ.
44-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى گوۋۇيۈەن چۈشۈرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، شۇ ئورۇننىڭ نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگىچە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىت سۈپىتى نىشانىنى ئورۇندىمىغان رايونلارغا قارىتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى يېڭىدىن كۆپەيگەن نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئورتاق مىقدارىنى تەستىقلاش قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك.
45-ماددا دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى تەلەپ بويىچە بۇلغىما چىقىرىشى كېرەك؛
بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان تۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىشقا بولمايدۇ.
46-ماددا دۆلەت مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېغىر بۇلغانغان مۇھىتنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان ياكى يۆتكەيدىغان، ئىشلىتىدىغان ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا، سېتىشىغا ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تېخنىكا، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
47-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تىزگىنلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئاممىۋى كۆزىتىش-ئۆلچەش، سىگنال بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئاگاھ لايىھەسى تۈزۈشكە تەشكىللىشى كېرەك؛
مۇھىت بۇلغىنىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغاندا، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئاگاھ ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوزغىتىش كېرەك.
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك.
تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى يۈزبەرگەن ياكى يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغاندا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىشى، خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن ۋە ئاھالىگە ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى ھەمدە مۇھىت قوغداشقا مەسئۇل تارماق ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت تەسىرى ۋە زىياننى باھالاشقا دەرھال تەشكىللىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
48-ماددا خىمىيەلىك بۇيۇم ۋە تەركىبىدە رادىيوئاكتىپلىق ماددا بولغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
49-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق قىلىشىغا، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق، زىرائەت شادىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشىغا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
يېزا ئىگىلىك ئۆلچىمى ۋە مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتتىق تاشلاندۇق، كېرەكسىز سۇنى ئېتىزغا قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ۋە سۇغىرىشتا، تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر مېتاللار ۋە باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
چارۋا-قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى، بەلگىلەنگەن سويۇش كارخانىسى قاتارلىقلارنى ئورۇن تاللاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
چارۋا-ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ۋە سويۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەدبىر قوللىنىپ، چارۋا-ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغى، جەسىتى ۋە يۇندى قاتارلىق تاشلاندۇقلارنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشى، مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ.
50-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە خامچوتىدىن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش، تۇرمۇش يۇندىسى ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، چارۋا-قۇش باقمىچىلىقى ۋە سويۇشتىن بولىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋە ئۇنى تۈزەش ھەم يېزىلاردىكى زاۋۇت-كانلارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.
51-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىدا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە يانداش تۇرۇبا تورى، قاتتىق تاشلاندۇق يىغىش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرى، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى، سورۇنلىرى، شۇنىڭدەك باشقا مۇھىت ئاسراش ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
52-ماددا دۆلەت مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
5-باب ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋە ئامما قاتنىشىش
53-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە مۇھىت ئۇچۇرىغا ئېرىشىش، مۇھىت ئاسراشقا قاتنىشىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار قانۇن بويىچە مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىت ئاسراشقا قاتنىشىشى ۋە نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
54-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى، نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا مۇھىم، زور مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىدۇ.
ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار مۇھىت سۈپىتى، مۇھىت كۆزىتىش-ئۆلچەش، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى، شۇنىڭدەك مۇھىت مەمۇرىي ئىجازىتى، مەمۇرىي جازا، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرىنى جەمئىيەت سەمىمىيەت ئارخىپىغا خاتىرىلەپ، جەمئىيەتكە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
55-ماددا نۇقتىلىق بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلار ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ نامى، چىقىرىش ئۇسۇلى، چىقىرىش قويۇقلۇقى ۋە ئومۇمىي مىقدارى، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئەينەن ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
56-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشكە تېگىشلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا، تۈزگەندە تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئاممىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، تولۇق پىكىر ئېلىشى كېرەك.
قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تولۇق تېكىستى بىلەن ئاشكارىلىشى كېرەك؛
قۇرۇلۇش تۈرىدە ئاممىدىن تولۇق پىكىر ئالمىغانلىقىنى بايقىسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننى ئاممىدىن پىكىر ئېلىشقا بۇيرۇش كېرەك.
57-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى بايقىسا، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماققا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان پاش قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي تۇتۇشى، پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
58-ماددا مۇھىتنى بۇلغايدىغان، ئېكولوگىيەنى بۇزىدىغان، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ :
( 1 ) رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىدا قانۇن بويىچە تىزىملىتىش؛
( 2 ) مۇھىت ئاسراش ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغىنىغا ئۇدا بەش يىلدىن ئاشقان ھەمدە قانۇنغا خىلاپ خاتىرىسى يوقلار.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
دەۋا قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دەۋا ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشسە بولمايدۇ.
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
59-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما چىقارغانلىقتىن جەرىمانە جازاسى بېرىلگەن، تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە جازا قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى جازا سوممىسى بويىچە كۈن بويىچە ئۇدا جازا بەرسە بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جەرىمانە قويۇش جازاسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە زىيان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
يەرلىك نىزاملاردا مۇھىت ئاسراشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كۈن بويىچە ئۇدا جازا بېرىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
60-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچىلار بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ياكى بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش-تۈزەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنى تەستىقلىتىش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش ئارقىلىق ئىش توختىتىش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.
61-ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتى ياكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش باشلىغانلىرىنى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.
62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلاردىن مۇھىت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىغانلىرىنى ياكى ئەينەن ئاشكارىلىمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئاشكارىلاشقا بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ.
63-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى سادىر قىلىنغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارمىقى دېلونى گۇڭئەن ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى
10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ :
( 1 ) قۇرۇلۇش تۈرىدە مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاتماي، قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛
( 2 ) قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان، بۇلغىما چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛
( 3 ) سۈڭگۈچ، سۇ سىڭمە قۇدۇق، سۇ سىڭمەس ئازگال، سۇ قۇيۇش ياكى كۆزىتىش-ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ياسىۋالغان ياكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى نورمال ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى بىلەن قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقارغانلار؛
( 4 ) دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ئىشلەتكەنلەر تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار.
64-ماددا مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزۇش سەۋەبىدىن زىيان سالغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
65-ماددا مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئاپپاراتى، مۇھىت كۆزىتىش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك مۇھىت كۆزىتىش-ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئەسلىھەسىنى ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات مۇناسىۋەتلىك مۇھىت مۇلازىمىتى پائالىيىتىدە ساختىپەزلىك قىلىپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىققا جاۋابكارلىقى بارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بەرگەندىن باشقا،
مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزۇشقا سەۋەبچى بولغان باشقا جاۋابكارلار بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
66-ماددا مۇھىت زىيىنىنى تۆلەش دەۋاسى قىلىش ۋاقىت چېكىنىڭ سۈرۈكى ئۈچ يىل بولىدۇ، زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى دەۋالاشقۇچىلار بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
67-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بايقالسا، قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولسا، ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئورگان ياكى رېۋىزىيە ئورگىنىغا چارە كۆرۈش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.
قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك، لېكىن ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي جازا بەرمىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل ئورگىنى بىۋاسىتە مەمۇرىي جازا توغرىسىدا قارار چىقارسا بولىدۇ.
68-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ؛
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئەيىبنى بوينىغا ئېلىپ ئىستېپا بېرىشى كېرەك :
( 1 ) مەمۇرىي ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەي تۇرۇپ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشكە رۇخسەت قىلغانلار؛
( 2 ) مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلار؛
( 3 ) ئىش توختىتىش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇش قارارىنى قانۇن بويىچە چىقارغان بولسىمۇ چىقارمىغانلار؛
( 4 ) بۇلغىمىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇلغىما چىقىرىش، مۇھىت ھادىسىسى پەيدا قىلىش، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەنى ئاسراش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي ئېكولوگىيەنى بۇزۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى بايقىغانلار ياكى پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋېلىپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
( 5 ) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغانلار؛
( 6 ) سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ياسىۋالغان ياكى كۈشكۈرتكەن، ياسىۋالغانلار؛
( 7 ) مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئاشكارىلىمىغانلار؛
( 8 ) ئالغان بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان، ئىگىلىۋالغان ياكى باشقا ئىشقا ئىشلەتكەنلەر؛
( 9 ) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.
69-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
70-ماددا بۇ قانۇن 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.