( 2018-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
2-پاراگراف ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى
3-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا توختامىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى
4-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش
5-باب ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ھەرقايسى تەرەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت، ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ ئاخبارات ئۇچۇرى، ئۈن-سىن پىروگراممىسى، نەشر، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت مەھسۇلاتى قاتارلىق مەزمۇن جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
3-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشكە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق بازار مۇھىتى يارىتىدۇ،
ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
4-ماددا دۆلەت تور ئىچى-سىرتىدىكى سودا پائالىيىتىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، تور ئىچى-سىرتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللانسا، مەمۇرىي ھوقۇقتىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، بازار رىقابىتىنى چەتكە قاقسا، چەكلىسە بولمايدۇ.
5-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئىختىيارىي، باراۋەر، ئادىل، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، قانۇن ۋە سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك،
مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتسە بولىدۇ.
7-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھە تەشكىلاتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى، ئىستېمالچىلار قاتارلىقلار ئورتاق قاتناشقان ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
8-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھە تەشكىلاتلىرى ساھە تەلەپچانلىقىنى شۇ تەشكىلات نىزامنامىسى بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ساھە ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ ساھەدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.
2-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى
1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
9-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنى، جۈملىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى، سۇپا تىجارەتچىسى، شۇنىڭدەك ئۆزى قۇرغان تور بېكىتى، باشقا تور مۇلازىمىتى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپكە تور تىجارەت سورۇنى بېرىش، سودىدا تېپىشىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان، سودىلاشقۇچى بىر تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ سودا پائالىيىتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرىدىغان قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق تاۋار ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
10-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاشنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك.
لېكىن، شەخسلەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان، شەخسلەر ئۆز ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدىغان خەلققە قولايلىق ئەمگەك مۇلازىمىتى پائالىيىتى ۋە پارچە-پۇرات، ئاز سوممىلىق سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە تىزىملىتىش ھاجەتسىز بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
11-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.
ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ئۆتىگەندىن كېيىن، باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باجنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە باج تاپشۇرۇشنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.
12-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن تىجارەت پائالىيىتى قىلىشتا، قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىشى كېرەك.
13-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ساتقان تاۋار ياكى قىلغان مۇلازىمەت جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ۋە مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سودىلىشىش مەنئى قىلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىشقا ياكى تەمىنلەشكە يول قويۇلمايدۇ.
14-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ساتقاندا ياكى مۇلازىمەت قىلغاندا، قانۇن بويىچە قەغەز تالون ياكى ئېلېكتىرونلۇق تالون قاتارلىق مال سېتىۋېلىش ئىسپاتى ياكى مۇلازىمەت تالونى بېرىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق تالون بىلەن قەغەز تالون ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.
15-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە، تىجارەت كىنىشكىسى ئۇچۇرى، تىجارەت كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەت ئۇچۇرى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىش ھاجەتسىز ئەھۋال قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلىنىش بەلگىسىنى داۋاملىق ئېلان قىلىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇچۇردا ئۆزگىرىش بولسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرنى ۋاقتىدا يېڭىلىشى كېرەك.
16-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆز ئالدىغا ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، 30 كۈن بۇرۇن باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورنىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئېلان قىلىشى كېرەك.
17-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي، توغرا، ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ساختا سودا قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەر باھا سۆزىنى ئويدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىسا، ئازدۇرسا بولمايدۇ.
18-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشى، ئىستېمال ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلسا، شۇ ئىستېمالچىغا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان بولمىغان تاللاش تۈرىنى بىرلا ۋاقىتتا تەمىنلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوغدىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارغا ئېلان بېرىشتە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
19-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى قوشۇپ سېتىشتا، ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى روشەن ئۇسۇلدا سۇنۇشى كېرەك، قوشۇپ سېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى كۆڭۈلدە قوشۇلغان تۈر قىلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
20-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ۋەدە بېرىش ياكى ئىستېمالچىلار بىلەن پۈتۈشكەن ئۇسۇل، ۋاقىت چېكى بويىچە ئىستېمالچىغا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاپشۇرۇشى ھەمدە تاۋار توشۇشتىكى خەۋپ-خەتەر ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
لېكىن، ئىستېمالچىلار ئايرىم ھالدا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنى تاللىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
21-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە ئىستېمالچىلاردىن زاكالەت ئالغاندا، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغان شەرتلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ.
ئىستېمالچىلار زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك.
22-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى، خېرىدار سانى، ئالاقىدار كەسىپلەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ شۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسىگە بولغان سودىدىكى تايىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىغا ئىگە بولسا، بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رىقابەتنى چەتكە قاقسا، چەكلىسە بولمايدۇ.
23-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئابۇنىچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش، ئىشلىتىشتە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
24-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئابونتنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ھەمدە ئابونتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك، ئابونتنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈشكە ھەمدە ئابونتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشكە مۇۋاپىق بولمىغان شەرت قويسا بولمايدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئابونتنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، سالاھىيىتىنى دەلىللىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈشى ياكى تۈزىتىشى، ئۆچۈرۈشى كېرەك.
ئىشلەتكۈچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك؛
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈمى بويىچە ساقلانغان بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
25-ماددا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى بېرىشى كېرەك.
ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئۇچۇر، شەخسىيەت ۋە سودا مەخپىيىتىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى، ئاشكارىلاپ قويماسلىقى، سېتىپ بەرمەسلىكى ياكى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارغا بەرمەسلىكى كېرەك.
26-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئىمپورت-ئېكسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
2-پاراگراف ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى
27-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىغا كىرىپ تاۋار سېتىشنى ياكى مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان تىجارەتچىدىن سالاھىيىتى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مەمۇرىي ئىجازەت قاتارلىق ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىشى، تىزىملاش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈپ يېڭىلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپىغا كىرىپ تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىشتىكى تىجارەتسىز خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا، مۇشۇ پاراگرافتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
28-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىغا سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى يوللاپ، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى ھەمدە بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارمىقىغا ماسلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى باج ئېلىشنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، باج تارمىقىغا سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى ۋە باج تاپشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىشى كېرەك،
ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىشتا رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باج تىزىملىتىشنى ئەسكەرتىش كېرەك.
29-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 12-، 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال بارلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
30-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈزبەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال قوزغىتىشى، مۇناسىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
31-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپىدا ئېلان قىلىنغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرىنى خاتىرىلىشى، ساقلىشى ھەمدە ئۇچۇرنىڭ مۇكەممەللىكى، مەخپىيەتلىكى، ئىشلىتىشچانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرىنى ساقلاش ۋاقتى سودا تاماملانغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك؛
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
32-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى تۈزۈپ، سۇپىغا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىن چېكىنىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالىتى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
33-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى ئۇچۇرى ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلىنىش بەلگىسىنى ئۆزىنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە داۋاملىق ئېلان قىلىشى ھەمدە تىجارەتچى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قولاي، تولۇق كۆرۈشى ۋە چۈشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
34-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە، ئۇنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئاشكارا پىكىر ئېلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق پىكىر بايان قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تۈزىتىلگەن مەزمۇن كەم دېگەندە يولغا قويۇلۇشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى كېرەك.
سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇننى قوبۇل قىلماي، سۇپىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى توسۇپ قالسا بولمايدۇ ھەمدە ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
35-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇلازىمەت كېلىشىمى، سودا قائىدىسى، تېخنىكا قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇپىدىكى سودىسى، سودا باھاسى ۋە باشقا تىجارەتچىلەر بىلەن قىلغان سودىسى قاتارلىقلارغا نامۇۋاپىق چەك قويسا ياكى نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قويسا، ياكى سۇپا تىجارەتچىلىرىدىن نامۇۋاپىق ھەق ئالسا بولمايدۇ.
36-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسىگە ئاساسەن، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشىغا ئاگاھ بېرىش، مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
37-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئۆز سۇپىسىدا ئۆز ئالدىغا كەسىپ قىلىشتا، ئۆز ئالدىغا كەسىپ قىلىش ۋە سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قانات يايدۇرغان كەسىپلىرىنى ئېنىق ئۇسۇل بىلەن پەرقلەندۈرۈشى، ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرماسلىقى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ئۆزى تىجارەت قىلىش دەپ بەلگە قويۇلغان كەسىپكە قارىتا تاۋار ساتقۇچى ياكى مۇلازىمەت قىلغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
38-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا تىجارەتچىلىرى ساتقان تاۋارلار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، قانۇن بويىچە شۇ سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەردە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
39-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىناۋەتنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىناۋەت باھالاش قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا سۇپىدا سېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن باھالاش يولى ئېچىپ بېرىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆز سۇپىسىدا ساتقان تاۋارلىرى ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىگە بەرگەن باھاسىنى ئۆچۈرۈۋەتسە بولمايدۇ.
40-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ باھاسى، سېتىلىش مىقدارى، ئىناۋىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئىستېمالچىلارغا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا كۆرسىتىشى كېرەك؛
رىقابەت باھاسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە «ئېلان»نى ئېنىق يېزىش كېرەك.
41-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قائىدىسى ئورنىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.
42-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھوقۇقدارى ئۆزىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىدى دەپ قارىسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىگە ئۆچۈرۈش، چەكلىۋېتىش، ئۈزۈۋېتىش، سودا ۋە مۇلازىمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئۇقتۇرۇش ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە بۇ ئۇقتۇرۇشنى سۇپا تىجارەتچىسىگە يەتكۈزۈشى كېرەك؛
ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، زىياننىڭ كۆپەيگەن قىسمى ئۈچۈن سۇپىدىكى تىجارەتچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇقتۇرۇش خاتالىقى تۈپەيلىدىن سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرگە زىيان يەتكەن بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
يامان غەرەزدە خاتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرگە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ھەسسىلەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
43-ماددا سۇپا تىجارەتچىلىرى يەتكۈزۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىگە ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا بايانات تاپشۇرسا بولىدۇ.
بايانات ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دائىر دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى باياناتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇقتۇرۇش چىقارغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىگە يەتكۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ئەرز قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىگە يەتكۈزگەندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە، ھوقۇقدارنىڭ ئەرز قىلغانلىقى ياكى دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا، قوللانغان تەدبىرنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
44-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تاپشۇرۇۋالغان مۇشۇ قانۇننىڭ 42-، 43-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش، بايانات ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
45-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئۆچۈرۈش، چەكلىۋېتىش، ئۈزۈۋېتىش، سودا ۋە مۇلازىمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؛
زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
46-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مۇلازىمەتتىن باشقا، سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە، تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، چىقىم راسچوتى، تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تىجارەتچىلەر ئارا ئېلېكتىرونلۇق سودىغا مۇلازىمەت قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، مەركەزلىك رىقابەتلىك باھا قويۇش، بازار سودىسى قىلىشتەك مەركەزلىك سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سودا قىلسا، ئۆلچەملەشكەن توختام سودىسى قىلسا بولمايدۇ.
3-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا توختامىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى
47-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ توختام تۈزۈشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا مۇشۇ باب ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»، «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قانۇنى»قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
48-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا توختاملاشقۇچىلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ توختام تۈزۈش ياكى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى شۇ سىستېمىنى ئىشلەتكەن توختاملاشقۇچىلارغا نىسبەتەن قانۇن كۈچىگە ئىگە.
ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئالاقىدارلار مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
لېكىن، ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
49-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى ئېلان قىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرى چاقىرىق شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئابۇنىچى شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللىغان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زاكاز قىلغان بولسا، توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلار پۇل تۆلىگەندىن كېيىن توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ئەندىزىلىك ماددا قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پۈتۈشسە بولمايدۇ؛
ئەندىزىلىك ماددا قاتارلىقلار شۇ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىناۋەتسىز.
50-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئابۇنىچىغا توختام تۈزۈش قەدەم-باسقۇچى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، چۈشۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق، ئەتراپلىق، ئېنىق ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئابۇنىچىنىڭ قولايلىق، تولۇق كۆرۈشى ۋە چۈشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئابۇنىچىنىڭ زاكازنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن كىرگۈزۈش خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
51-ماددا توختام نىشانى تاپشۇرۇلىدىغان تاۋار بولسا ھەمدە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلىدا تاپشۇرۇلسا، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ.
توختام نىشانى مۇلازىمەت قىلىش بولسا، ھاسىل قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق دوكۇمېنت ياكى ماددىي دوكۇمېنتقا يېزىلغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ؛
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىسپاتقا ۋاقىت ئېنىق يېزىلمىغان ياكى ۋاقىت بىلەن ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلغان ۋاقىت بىردەك بولمىغان بولسا، ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ.
توختام نىشانى توردا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاپشۇرۇلسا، توختام نىشانى توختاملاشقۇچى قارشى تەرەپ بېكىتكەن مۇئەييەن سىستېمىغا كىرگەن ھەمدە تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت بولىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تاپشۇرۇش ئۇسۇلى، تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.
52-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى توختاملاشقۇچىلار مەھسۇلاتنى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلىدا تاپشۇرۇشنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە ۋەدە بەرگەن مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە ۋاقىت چېكىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تاۋارنى تاپشۇرغاندا، تاپشۇرۇۋالغۇچىغا يۈزتۇرا تەكشۈرۈشنى ئەسكەرتىشى كېرەك؛
باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشىغا بېرىشتە، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت بۇلغىمايدىغان ئورۇ ماتېرىيالىنى ئىشلىتىپ، ئورۇ ماتېرىيالىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشى ۋە قايتا پايدىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ مال پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.
53-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى توختاملاشقۇچىلار مال پۇلىنى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆلەشنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، ئابۇنىچىلارغا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئالاقىدار خەۋپ-خەتەر ۋە ھەق ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، نامۇۋاپىق سودا شەرتلىرىنى قوشۇمچە قىلسا بولمايدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مۇكەممەللىكى، بىردەكلىكىگە، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار خېرىدارلارغا ھېساباتنى توغرىلاش مۇلازىمىتى ۋە يېقىنقى ئۈچ يىللىق سودا خاتىرىسىنى ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك.
54-ماددا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى دۆلەتنىڭ چىقىم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئابۇنىچىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
55-ماددا ئابۇنىچى چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىشتىن بۇرۇن، چىقىم قىلىش بۇيرۇقى ئۆز ئىچىگە ئالغان سومما، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى قاتارلىق مۇكەممەل ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇشى كېرەك.
تۆلەش بۇيرۇقىدا خاتالىق كۆرۈلسە، ئېلېكتىرونلۇق تۆلەش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى ھەمدە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈزىتىشى كېرەك.
ئابۇنىچىلارغا زىيان سالسا، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن تۆلەش خاتالىقىنىڭ ئۆز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
56-ماددا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئابونتقا پۈتۈشكەن ئۇسۇلغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، چىقىم قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئۇچۇر بىلەن ۋاقتىدا، توغرا تەمىنلىشى كېرەك.
57-ماددا ئىشلەتكۈچىلەر سودا مەخپىي نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق بىخەتەرلىك قوراللىرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك.
ئابونت بىخەتەرلىك قورالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، ئوغرىلانغانلىقى، ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى ھوقۇق بېرىلمىگەن پۇل تۆلىگەنلىكىنى بايقىسا، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
ھوقۇق بېرىلمىگەن چىقىم قىلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ھوقۇق بېرىلمىگەن چىقىم قىلىشنىڭ خېرىدارنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەنلىكىنى ياكى ئابۇنىچىنىڭ چىقىم قىلىش بۇيرۇقىغا ھوقۇق بېرىلمىگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق چىقىم مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي زىياننى چوڭايتىۋەتكەن بولسا، زىياننىڭ كۆپەيگەن قىسمى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4-باب ئېلېكتىرونلۇق سودا تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش
58-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق تاۋار، مۇلازىمەت سۈپىتى كېپىللىك مېخانىزمى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى كاپالەت پۇلى تەسىس قىلماقچى بولسا، ئىككى تەرەپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەت پۇلىنى ئېلىش سوممىسى، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە قايتۇرۇش چارىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق پۈتۈشۈشى كېرەك.
ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسىدىن ئالدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى باشقۇرغۇچىسىدىن تۆلەم بەرگەندىن كېيىن سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
59-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى قولاي، ئۈنۈملۈك ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەرز قىلىش، مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى، ئەرز، پاش قىلىشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
60-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى تالاش-تارتىشنى كېڭىشىش ئارقىلىق ياراشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى، ساھە جەمئىيىتى ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەرز قىلىپ، كېسىم قىلىشقا سۇنسا ياكى دەۋا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ.
61-ماددا ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا تاۋار سېتىۋالغاندا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا پائال ياردەملىشىشى كېرەك.
62-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئەسلىي توختام ۋە سودا خاتىرىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللارنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقى، ياسىۋالغانلىقى، ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى، كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى، تىقىۋالغانلىقى ياكى تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم ئاپپاراتى ياكى ئالاقىدار ئورگان پاكىتنى ئېنىقلىيالمىسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىسى مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
63-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى تالاش-تارتىشنى توردا ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، ئىختىيارلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى ئادىل، ھەققانىي ھەل قىلسا بولىدۇ.
5-باب ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش
64-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق كەسىپ سىياسىتى تۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
65-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېشىل ئوراش-قاچىلاش، ئامباردا ساقلاش، توشۇشقا مەدەت بېرىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
66-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئەشيا ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
67-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.
68-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئالاقە تورى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
69-ماددا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى قوغدايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىش، قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
70-ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئىناۋەت باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىناۋىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، جەمئىيەتكە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىناۋىتىنى باھالاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
71-ماددا دۆلەت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاموژنا، باج، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش، چىقىم راسچوتى قىلىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ،
چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈشكە يوللاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدۇ.
دۆلەت كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللايدۇ.
72-ماددا دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتنى باشقۇرۇش تارمىقى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىش، باج تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق تالونغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتنى باشقۇرۇش تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.
73-ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، رايونلار بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، رايونلار بىلەن بولغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
74-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ساتقاندا ياكى مۇلازىمەت قىلغاندا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا ياكى باشقىلارغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
75-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 12-، 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە ئېرىشمەي تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سودا قىلىش مەنئى قىلىنغان تاۋار، مۇلازىمەتنى ساتقان، تەمىنلىگەن ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇنىنىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا،
مەركەزلىك سودا قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سودا قىلغان ياكى ئۆلچەملەشكەن توختام سودىسى قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
76-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 81-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :
( 1 ) تىجارەت كىنىشكىسى ئۇچۇرى، مەمۇرىي ئىجازەت ئۇچۇرى، بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھاجەتسىز ئەھۋال قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باش بەتتىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا ئېلان قىلمىغان ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلانما بەلگىسىنى ئېلان قىلمىغانلار؛
( 2 ) ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە داۋاملىق ئېلان قىلمىغان بولسا؛
( 3 ) ئابۇنىچىنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ۋە ئابۇنىچىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەنلەر ياكى ئابۇنىچىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە ئابۇنىچىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنىڭ شەرتى مۇۋاپىق بولمىسا.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرگە زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
77-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىزدەش نەتىجىسى چىقارغانلىرىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تاۋار، مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
78-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى، تەرتىپىنى ئېنىق كۆرسەتمەي، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغان شەرتلەرنى قويغان ياكى زاكالەت پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
79-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
80-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۇددەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ :
( 1 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش، تىزىملاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
( 2 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى، باج تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىمىغانلار؛
( 3 ) قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالنى مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانمىغانلار ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلمىغانلار؛
( 4 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا جازا بېرىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
81-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ :
( 1 ) سۇپا مۇلازىمەت كېلىشىمى، سودا قائىدە ئۇچۇرى ياكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇلىنىش بەلگىسىنى باش بەتتىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا داۋاملىق ئېلان قىلمىغان بولسا؛
( 2 ) سودا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشتە باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئاشكارا پىكىر ئالمىغان، ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇننى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئالدىن ئېلان قىلمىغان ياكى سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنى توسقان بولسا؛
( 3 ) ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان كەسىپ ۋە سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىنىڭ قانات يايدۇرغان كەسىپلىرىگە ئېنىق بەلگە سالمىغانلار؛
( 4 ) ئىستېمالچىلارغا سۇپىدا سېتىلغان تاۋار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى باھالاش يولى بىلەن تەمىنلىمىگەنلەر ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆچۈرۈۋەتكەنلەر.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رىقابەتلىك باھا رەت تەرتىپىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە «ئېلان»نى ئېنىق كۆرسەتمىگەن بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
82-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇپا ئىچىدىكى سودىسى، سودا باھاسى ياكى باشقا تىجارەتچىلەر بىلەن بولغان سودىسى قاتارلىقلارغا نامۇۋاپىق چەك قويغان ياكى نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قويغان ياكى سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەردىن نامۇۋاپىق ھەق ئالغان بولسا،
بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئىككى مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
83-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغان ياكى سۇپا تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،
50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
84-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 42-، 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇپا تىجارەتچىلىرىگە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر قىلىپ، قانۇن بويىچە زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرىنى ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئىككى مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
85-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساتقان تاۋار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى قاتارلىق ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان، بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار
ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
86-ماددا ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.
87-ماددا قانۇن بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلگەن شەخسىي ئۇچۇر، شەخسىيەت ۋە سودا مەخپىيىتىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويغان، ساتقان ياكى قانۇنسىز تەمىنلىگەنلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
88-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
89-ماددا بۇ قانۇن 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.