جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى

( 2007-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى

3-باب كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش

4-باب جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش

5-باب ۋەقەدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، تاسادىپىي ۋەقەلەردىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپنى تىزگىنلەش، يېنىكلىتىش ۋە تۈگىتىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئاگاھ بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش، ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاسادىپىي ۋەقە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر بولغان تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىجتىمائىي خەۋپ دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىق ئامىللار بويىچە، تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور، بىرقەدەر زور ۋە ئادەتتىكىچە تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

تاسادىپىي ۋەقەلەرنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق بېكىتىدۇ.

4-ماددا دۆلەت بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرىدىغان، تۈر بويىچە باشقۇرىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

5-ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئېغىر، زور تاساددىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى ئازايتىپ، ئېغىر، ئۇزاق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا چېتىلىدىغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايونغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايوندىكى بىر دەرىجە يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورتاق مەسئۇل بولىدۇ.

تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۈزبەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال دوكلات قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشتىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپنى يوقىتالمىسا ياكى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛
يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پائال ماسلىشىشى ھەمدە زۆرۈر مەدەت بېرىشى كېرەك.

8-ماددا گوۋۇيۈەن زۇڭلىنىڭ رەھبەرلىكىدە پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ؛
ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇ جايدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ؛
ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئالاقىدار تۈردىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، قوماندانلىق قىلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىپ تارمىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

9-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدىكى مەمۇرىي رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

10-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى چىقارغان تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قارارى ۋە بۇيرۇقىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

11-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تاسادىپىي ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپنىڭ خاراكتېرى، دەرىجىسى ۋە دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛
تاللاشقا بولىدىغان كۆپ خىل تەدبىر بولغاندا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشقا پايدىلىق تەدبىرنى تاللاش كېرەك.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

12-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك.
مال-مۈلۈك ئېلىپ ئىشلىتىلگەن ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن زىيانغا ئۇچرىغان، يوقاپ كەتكەنلەرگە تۆلەم بېرىش كېرەك.

13-ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش سەۋەبىدىن دەۋا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلمىسا، ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە تەرتىپنى توختىتىپ تۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

14-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام، ھەربىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.

15-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئاگاھ بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش، ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ ۋە ئالاقىلىشىدۇ.

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قارارى، بۇيرۇقى چىقىرىشتا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛
تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى بېرىش كېرەك.

2-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى

17-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئومۇمىي جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە مەخسۇس تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ؛
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى مەسئۇلىيىتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئىشلار لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت تاسادىپىي ۋەقە تارمىقىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ.

يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى، شۇنىڭدەك شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇناسىپ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزىدۇ.

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزگۈچى ئورگان ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل قىلىش لايىھەسىگە مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك.
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، تۈزىتىش تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

18-ماددا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاسادىپىي ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپ كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك،
تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيىتى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئاگاھ بېرىش مېخانىزمى، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى، جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى، شۇنىڭدەك ئىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار كونكرېت بەلگىلەنگەن بولسا.

19-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تاسادىپىي ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى، تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، جىددىي پاناھلاندۇرۇش سورۇنىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ئاسان يۈزبېرىدىغان خەتەر مەنبەسى، خەتەرلىك رايوننى تەكشۈرۈشى، تىزىملىتىشى، خەۋپ-خەتەرنى باھالىشى، قەرەللىك تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىشى-تىزگىنلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە ئاسان يۈزبېرىدىغان خەتەر مەنبەسى، خەتەرلىك رايوننى تەكشۈرۈشى، تىزىملىتىشى، خەۋپ-خەتىرىنى باھالىشى، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشكە تەشكىللىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتقان خەتەر مەنبەسى، خەتەرلىك رايونلارنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان زىددىيەت-ماجىرالارنى ۋاقتىدا مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

22-ماددا بارلىق ئورۇنلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك؛
شۇ ئورۇندا ساقلانغان ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ئىگىلەش ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى ۋە ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
شۇ ئورۇندا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقە ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش ئەھۋالىنى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.

23-ماددا كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئورنى ۋە ئاسان يانىدىغان، پارتلايدىغان بۇيۇملار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملار قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار كونكرېت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى، خەتەرلىك بۇيۇملار بار ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى كېرەك،
ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

24-ماددا ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، ئاممىۋى سورۇن ۋە باشقا ئادەم زىچ سورۇندىكى باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇن كونكرېت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، قاتناش قوراللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارغا سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى ۋە زۆرۈر جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى ھەمدە بىخەتەر چېكىنىش يولى، لىنىيەسىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك،
بىخەتەرلىك يولى، چىقىش ئېغىزىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنىڭ سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئاسراپ، ئۇنى ياخشى ھالەتكە چۈشۈرۈپ، نورمال ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار خادىملىرىنى قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇشى ياكى بېكىتىشى كېرەك.
خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قۇرامىغا يەتكەن پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرسا بولىدۇ.
ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كەسپىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى بىلەن كەسپىدىن باشقا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل قىلىش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ تەربىيەلەپ، بىرلىشىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرىكتۈرۈش، ماسلىشىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

27-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى، زۆرۈر مۇداپىئە جابدۇقى ۋە سايمانلىرىنى سەپلىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك.

28-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەخسۇس مەشىقىنى پىلانلىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە زۆرۈر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل بولۇش مانېۋىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە زۆرۈر جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئاخبارات تاراتقۇلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

30-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ئىشلار بىلىملىرى تەربىيەسى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

مائارىپ مەسئۇل تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

31-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە تەدبىرى قوللىنىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە كېتىدىغان خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

32-ماددا دۆلەت جىددىي ماددىي ئەشيا زاپىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم جىددىي ماددىي ئەشيالارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، يۆتكەش-توشۇش ۋە جىددىي يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تاسادىپىي ۋەقە ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جابدۇقلىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

33-ماددا دۆلەت جىددىي خەۋەرلىشىش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خەۋەرلىشىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىملىق ئالاقە بىلەن سىمسىز ئالاقە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساسىي تېلېگراف تورى بىلەن ھەرىكەتچان خەۋەرلىشىش سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن جىددىي خەۋەرلىشىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ خەۋەرلىشىش راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

34-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ماددىي ئەشيا، مەبلەغ، تېخنىكا مەدىتى ۋە ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

35-ماددا دۆلەت سۇغۇرتا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت مالىيەسى قوللايدىغان زور ئاپەت خەۋپ-خەتىرى سۇغۇرتا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

36-ماددا دۆلەت مۇناسىپ شارائىت ھازىرلىغان ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىش، ئاگاھ بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنە ۋە يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

3-باب كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش

37-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوندا بىرلىككە كەلگەن تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ياكى بېكىتىپ، تاسادىپىي ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىشى، ساقلىشى، تەھلىل قىلىشى، يەتكۈزۈشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كەسپىي ئاپپاراتلىرى ۋە كۆزىتىش تور نۇقتىلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك،
تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاخبارات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، كەسپىي ئاپپاراتلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى توپلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇندا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئۇچۇر دوكلاتچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىدىن خەۋەر تاپقان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق ياكى بەلگىلەنگەن كەسپىي ئاپپاراتقا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

39-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
كەسپىي ئاپپارات، كۆزىتىپ ئۆلچەش تور نۇقتىسى ۋە ئۇچۇر دوكلات قىلغۇچى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقىغا تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملار تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى يوللاش، دوكلات قىلىشتا، ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇشى كېرەك، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىشقا، مەلۇم قىلماي چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاسادىپىي ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئاگاھ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا جەملەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ كېڭىشىپ، تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تەسىرىنى باھالىشى كېرەك؛
ئېغىر، زور ياكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە ۋە زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان قوشنا ياكى مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

41-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كۆزىتىش-ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت ۋە ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ تۈرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇل ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش رايونىغا ئايرىپ، كۆزىتىش نۇقتىسىنى بېكىتىپ، كۆزىتىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زۆرۈر ئۈسكۈنە، ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەپ، مەخسۇس ۋەزىپە ياكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن خادىملارنى سەپلىشى كېرەك،
يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش كېرەك.

42-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ئاگاھ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

سىگنال بېرىشكە بولىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسى تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى، تەرەققىيات ھالىتى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ دەرىجىسىگە ئاساسەن، 1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك، 3-دەرىجىلىك ۋە 4-دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق ۋە كۆك رەڭلىك بەلگە ئىشلىتىلىدۇ، 1-دەرىجە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولىدۇ.

ئاگاھ دەرىجىسىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن تارماق بېكىتىدۇ.

43-ماددا سىگنال بېرىشكە بولىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ياكى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ يۈزبېرىش ياكى يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى زورايغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپكە ئاساسەن، مۇناسىپ دەرىجىلىك سىگنال بېرىشى، مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىگە كىرىشىنى قارار قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك،
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ ھەمدە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ۋە زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان قوشنا ياكى ئالاقىدار رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

44-ماددا 3-دەرىجىلىك، 4-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغان تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە ئاساسەن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك :

( 1 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىش؛

( 2 ) مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كەسپىي ئاپپاراتلار، كۆزىتىپ ئۆلچەش تور نۇقتىلىرى ۋە مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار خادىملارنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلاش، دوكلات قىلىشقا بۇيرۇش، تاسادىپىي ۋەقەگە ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىش، راۋاجلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە سىگنال بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛

( 3 ) مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئاپپارات، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس-ئالىملارنى تەشكىللەپ، تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت تەھلىل قىلىپ ۋە باھالاپ، تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تەسىر دائىرىسى ۋە سىجىللىقىنى ھەمدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەنىڭ دەرىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش؛

( 4 ) ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى مۆلچەرلەش ئۇچۇرى ۋە تەھلىل قىلىش، باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش؛

( 5 ) تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى ئېلان قىلىش.

45-ماددا 1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەدبىرنى قوللانغاندىن باشقا، يەنە يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغان تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە قارىتا تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىشى كېرەك :

( 1 ) جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا، مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار خادىملارنى بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىگە كىرىشكە بۇيرۇش ھەمدە زاپاس خادىملارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش؛

( 2 ) جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە كېرەكلىك ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، سايمانلارنى يۆتكەش، جىددىي ئەسلىھە ۋە پاناھلىنىش سورۇنى تەييارلاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇشىغا، خالىغان چاغدا نورمال ئىشلىتىشكە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

( 3 ) نۇقتىلىق ئورۇن، مۇھىم ئورۇن ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش؛

( 4 ) زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

( 5 ) جەمئىيەتكە مۇئەييەن تەدبىر قوللىنىپ زىياندىن ساقلىنىش ياكى ئۇنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ، نەسىھەتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش؛

( 6 ) تاسادىپىي ۋەقەگە ئاسان ئۇچرايدىغان كىشىلەرنى يۆتكەش، تارقاقلاشتۇرۇش ياكى چېكىندۈرۈش ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم مال-مۈلۈكنى يۆتكەش؛

( 7 ) تاسادىپىي ۋەقە زىيىنىغا ئاسان ئۇچرايدىغان سورۇنلارنى تاقىۋېتىش ياكى ئىشلىتىشنى چەكلەش، خەۋپ دائىرىسى ئاسان كېڭىيىپ كېتىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىش ياكى چەكلەش؛

( 8 ) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش، قوغداش تەدبىرلىرى.

46-ماددا يۈزبېرىش ئالدىدا تۇرغان ياكى يۈزبەرگەن ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

47-ماددا تاسادىپىي ۋەقەدىن سىگنال بېرىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە سىگنال دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى ھەمدە قايتا ئېلان قىلىشى كېرەك.

تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ياكى خەۋپنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بولسا، سىگنال بەرگەن خەلق ھۆكۈمىتى سىگنالنى بىكار قىلغانلىقىنى دەرھال جاكارلاپ، سىگنال مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك.

4-باب جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش

48-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەنى تەشكىللەپ بىر تەرەپ قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە جەمئىيەت كۈچىنى قوزغىتىپ، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

49-ماددا تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ياكى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى كۆپ تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ :

( 1 ) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش، تەھدىتكە ئۇچرىغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، چېكىندۈرۈش ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك باشقا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

( 2 ) خەتەر مەنبەسىنى تېز تىزگىنلەش، خەتەرلىك رايون كۆرسىتىپ قويۇش، خەتەرلىك سورۇنلارنى قامال قىلىش، ئاگاھ رايونىنى ئايرىش، قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە باشقا تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش؛

( 3 ) بۇزۇلغان قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى دەرھال جىددىي رېمونت قىلىش، زىيانغا ئۇچرىغانلارغا پاناھلىنىش سورۇنى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بېرىش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى شۇنىڭدەك باشقا كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

( 4 ) مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش، مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارنى تاقاش ياكى ئىشلىتىشنى چەكلەش، ئادەم زىچ پائالىيەتنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى خەۋپ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ھەمدە باشقا قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

( 5 ) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مالىيە زاپاس ھەققى ۋە زاپاس جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، سايمانلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش؛

( 6 ) پۇقرالارنى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقى بار خادىملاردىن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛

( 7 ) يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ، يېقىلغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛

( 8 ) بېسىمدارلىق قىلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا مەھسۇلات ياساش، ساختا مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى قوغداش؛

( 9 ) پۇل-مالنى تالاپ كېتىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش؛

( 10 ) ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زۆرۈر تەدبىر قوللىنىش.

50-ماددا ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى كۆپ تۈرلۈك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك :

( 1 ) ئۈسكۈنىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىپ ئىشلىتىپ ئۆزئارا قارشىلاشقان ياكى زوراۋانلىق قىلمىشى بىلەن توقۇنۇشقا قاتناشقان توختاملاشقۇچىلار نەق مەيداندىكى ماجىرا ۋە تالاش-تارتىشنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىشى؛

( 2 ) مۇئەييەن رايوندىكى ئىمارەت، قاتناش قورالى، ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، شۇنىڭدەك يېقىلغۇ، يېقىلغۇ گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تىزگىنلەش؛

( 3 ) مۇناسىۋەتلىك سورۇن، يوللارنى قامال قىلىش، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى سورۇندىكى پائالىيەتكە چەك قويۇش؛

( 4 ) ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان يادرولۇق ئورگان ۋە ئورۇنلارنى مۇھاپىزەت قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئورگىنى، ھەربىي ئورگان، دۆلەت ئاگېنتلىقى، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىدا ۋاقىتلىق مۇھاپىزەت لىنىيەسى تەسىس قىلىش؛

( 5 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر.

جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋەقە يۈزبەرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە دەرھال ساقچى كۈچى ئىشقا سېلىپ، نەق مەيدان ئەھۋالىغا قاراپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

51-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق كاپالەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش قاتارلىق زۆرۈر جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتسا بولىدۇ.

52-ماددا بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللىگەن خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر تېپىلغاندا ئورۇن ۋە شەخسلەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە كېرەكلىك ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، مەيدان-ئورۇن، قاتناش قورالى ۋە باشقا ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئىشلىتىپ، باشقا جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى ياكى تېخنىكا ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ،
تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تەمىنلەيدىغان كارخانىلاردىن ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش، قاتناش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىدىغان تەشكىلاتلاردىن مۇناسىپ مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش.

بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەيدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تىرانسپورت تىجارىتى ئورۇنلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، قورال، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋە تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ خەۋپكە ئۇچرىغانلارنى ئاۋۋال توشۇشى كېرەك.

53-ماددا بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەيدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك بىرتۇتاش، توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

54-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ راۋاجى ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرنى ئويدۇرۇشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

55-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە باشقا تەشكىلات شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى، بۇيرۇقى بويىچە تەشۋىق قىلىپ ۋە سەپەرۋەر قىلىشى، ئاممىنى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

56-ماددا تەبىئىي ئاپەت خەۋپىگە ئۇچرىغان ياكى ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبەرگەن ئورۇنلار شۇ ئورۇننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە خادىملىرىنى دەرھال تەشكىللەپ زىيانغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشى، تەھدىتكە ئۇچرىغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇشى، چېكىندۈرۈشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، خەتەر مەنبەسىنى تىزگىنلىشى، خەتەرلىك رايون كۆرسىتىپ قويۇشى، خەتەرلىك سورۇننى قامال قىلىشى كېرەك،
ھەمدە خەۋپ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ؛
شۇ ئورۇندىكى مەسىلە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ياكى ئاساسىي گەۋدە شۇ ئورۇندىكى خادىملار يۈزبەرگەن ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالنى يۇقىرىغا يوللىشى ھەمدە تېزدىن مەسئۇل كىشىنى نەق مەيدانغا بېرىپ ياراشتۇرۇش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىشى كېرەك.

تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى باشقا ئورۇنلار خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قارار ۋە بۇيرۇققا بويسۇنۇشى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلىشىشى، شۇ ئورۇننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە خادىملارنى شۇ جاينىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللىشى كېرەك.

57-ماددا تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى پۇقرالار خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى قاراشلىق ئورۇننىڭ قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، خەلق ھۆكۈمىتى قوللانغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلىشىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

5-باب ۋەقەدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش

58-ماددا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەھدىتى ۋە خەۋپى تىزگىنلەنگەن ياكى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەنى تەشكىللەپ بىر تەرەپ قىلغان خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللانغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى ياكى داۋاملىق يولغا قويۇشى كېرەك،
تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە، ئاپەت، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبېرىشنىڭ ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقە يۈزبېرىشىنىڭ ياكى جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنىڭ يېڭىباشتىن يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

59-ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان زىياننى باھالاشقا دەرھال تەشكىللىشى، تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىشى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش پىلانى تۈزۈشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، پوچتا-تېلېگراف، قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى، بۇزۇلغان قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىش، توك بېرىش، گاز بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

60-ماددا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىدا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا توغرا كەلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەسىرگە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئۇچرىغان زىيىنى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا مەدىتى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى، باشقا رايونلارنى مەبلەغ، ماددىي بۇيۇم ۋە ئادەم كۈچى ياردىمى بېرىشكە تەشكىللىشى كېرەك.

61-ماددا گوۋۇيۈەن تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايوننىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىدۇ.

تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ رايوننىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، تولۇقلىما بېرىش، تەسەللى بېرىش، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قالدۇق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك.

پۇقرالار جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملەشكەن مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ شۇ ئورۇندىكى مائاش تەمىناتى ۋە پاراۋانلىقى ئۆزگەرمەيدۇ؛
ئىپادىسى گەۋدىلىك، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا قانۇن بويىچە نەپىقە بېرىدۇ.

62-ماددا بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىش جەريانى ۋە سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

63-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى رېۋىزىيە ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئەھۋالغا قاراپ قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ :

( 1 ) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، تاسادىپىي ۋەقە تۇغدۇرغان ياكى زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي، ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقە تۇغدۇرغان بولسا؛

( 2 ) تاسادىپىي ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىپ، يالغان مەلۇم قىلىپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي، چالا مەلۇم قىلىپ ياكى ساختا ئۇچۇرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يوللاپ، ئېلان قىلىپ ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

( 3 ) تاسادىپىي ۋەقە سىگنالىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلماي، ئاگاھلاندۇرۇش مۇددىتى تەدبىرى قوللانماي، زىيان پەيدا قىلغانلار؛

( 4 ) تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي ياكى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماي ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

( 5 ) يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكى، قوماندانلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار؛

( 6 ) ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق قالدۇق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرمىغانلار؛

( 7 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش مەبلىغى، ماددىي ئەشيالىرىنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئاستىرتىن تەقسىم قىلىۋالغانلار؛

( 8 ) ئېلىپ ئىشلەتكەن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مال-مۈلكىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مال-مۈلۈكنى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بەرمىگەنلەر.

64-ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى شۇ جايدىكى بىرتۇتاش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىجازەتنامە ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ :

( 1 ) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە تۇغدۇرغانلار؛

( 2 ) بايقالغان تاسادىپىي ۋەقە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا يوقاتماي، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە پەيدا قىلغانلار؛

( 3 ) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئەسلىھەلىرىنى كۈندىلىك ئاسراش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەي، ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەن ياكى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ خەۋپ-خەتىرى كېڭىيىپ كەتكەنلەر؛

( 4 ) تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارغا باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشنى قارار قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرنى ئويدۇرغان ھەمدە تارقاتقانلار ياكى تاسادىپىي ۋەقە، ھادىسىنىڭ راۋاجى ياكى جىددىي بىر ياقلىق قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تارقاتقانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ كەسپىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛
بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملار دۆلەت خادىملىرى بولسا، ئۇلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشى كېرەك؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

66-ماددا ئورۇن ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى چىقارغان قارار، بۇيرۇقلارغا بويسۇنماي ياكى ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تەدبىرلىرىگە ماسلاشماي، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

67-ماددا ئورۇن ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقە تۇغدۇرۇپ ياكى خەۋپنى كېڭەيتىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلكىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

69-ماددا پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي ۋەقە يۈزبېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، مۇھىت بىخەتەرلىكى ياكى جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر، زور تەھدىت سالغاندا، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپىنى تۈگەتكىلى ياكى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى، يېنىكلەتكىلى بولمىسا،
جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش زۆرۈر بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇندا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە قارار قىلىدۇ.

جىددىي ھالەت مەزگىلىدە قوللىنىلغان پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

70-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.