( 2011-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى )
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش
3-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى
4-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىش
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر مىللەت خەلقى ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ قارىغان ھەر خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇننى كۆرسىتىدۇ.
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
( 1 ) ئەنئەنىۋى ئېغىز ئەدەبىياتى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بولغان تىل؛
( 2 ) ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، ئەلنەغمە ۋە سېرك؛
( 3 ) ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت، تېببىي دورىگەرلىك ۋە كالېندار؛
( 4 ) ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن، بايرام قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلەر؛
( 5 ) ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش سەنئىتى؛
( 6 ) باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە بولغان ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇنلاردىن ئومۇمەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا تەۋە بولغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بېكىتىش، خاتىرىلەش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساقلايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قوغدايدۇ.
4-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا، ئۇنىڭ چىنلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ۋارىسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
5-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىشتە، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بۇرمىلاش، كەمسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە قوغداش، ساقلاش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
دۆلەت مىللىي رايونلار، چەت-ياقا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەدەت بېرىدۇ.
7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
9-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
10-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.
2-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش
11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ بارىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز خىزمىتى ساھەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
12-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى بېكىتىپ، خاتىرىلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرگەندە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە ۋەكىل خاراكتېرلىك ماددىي بۇيۇملارنى توپلىشى، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى رەتلىشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى، بۇزۇۋېتىشى، چېچىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم سۈرىتى، ماتېرىيالنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.
13-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارخىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك.
قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارخىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك.
14-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
15-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك؛
تەكشۈرۈشنى ئىككىدىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي رايونىدا ئېلىپ بېرىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛
تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈشنى تەستىقلىغان مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم سۈرىتى ۋە ماتېرىيالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، چېگرا ئىچىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
16-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، ئۇنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
17-ماددا تەكشۈرۈش ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق بايقالغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى دەرھال خاتىرىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماددىي بۇيۇملارنى توپلىشى ياكى باشقا قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك؛
ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ۋارىسلىق قىلىشنى قوللاش كېرەك.
3-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى
18-ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مۇھىم، زور تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن قىممىتىگە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قوغدايدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن قىممىتىگە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قوغدايدۇ.
19-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىدىن گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنى كۆرسەتسە بولىدۇ.
تەۋسىيە قىلغاندا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك :
( 1 ) تۈر تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن تۈرنىڭ نامى، تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قىممىتى؛
( 2 ) ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ۋارىسلىق قىلىش دائىرىسى، ۋارىسلىق قىلىش شەجەرىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
( 3 ) قوغداش تەلىپى، جۈملىدىن يېتىشكە تېگىشلىك نىشان ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىر، قەدەم-باسقۇچ، باشقۇرۇش تۈزۈمى؛
( 4 ) تۈرنىڭ ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى چۈشەندۈرۈشكە پايدىلىق.
20-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مەلۇم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ، مۇھىم، زور تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقىغا دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.
21-ماددا ئوخشاش بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىدىن شەكلى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنى ئىككىدىن ئارتۇق رايوندا بىردەك مۇكەممەل ساقلانغانلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
22-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتىنى تەشكىللەپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە كۆرسىتىلگەن ياكى تەكلىپ بېرىلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى دەسلەپكى باھالىشى ۋە قاراپ چىقىشى كېرەك.
دەسلەپكى باھالاش پىكرى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتى دەسلەپكى باھالاش پىكرىنى قاراپ چىقىپ، قاراپ چىقىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باھالاش خىزمىتىدە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
23-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان تۈرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.
ئېلان قىلىش ۋاقتى 20 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.
24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ئېلان قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى، ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.
25-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى قوغدىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈشكە تەشكىللىشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى قوغدىشى كېرەك.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى نۇقتىلىق قوغداش كېرەك.
26-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرى مەركەزلەشكەن، ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنى مۇكەممەل بولغان مۇئەييەن رايوندا، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى مەخسۇس قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى يولغا قويسا بولىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى بېكىتىشتە، شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇنلارنى قوغداپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىش كېرەك.
رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي قوغداشنى يولغا قويۇش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركەزلەشكەن جايدىكى كەنت-بازار ياكى كوچا رايون بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا چېتىلىدىغانلىرىنى شۇ جايدىكى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك نىزاملارغا ئاساسەن مەخسۇس قوغداش يىرىك پىلانى تۈزۈشى كېرەك.
27-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك؛
قوغداش يىرىك پىلانىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلمىغانلىقىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا تۈزىتىش، بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
4-باب غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىش
28-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
29-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنى ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسنى بېكىتسە بولىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك :
( 1 ) ئۆزى ۋارىسلىق قىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پىششىق ئىگىلەش؛
( 2 ) مۇئەييەن ساھەدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇش ھەمدە مۇئەييەن رايوندا بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە بولۇش؛
( 3 ) ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىشتە، مۇشۇ قانۇندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى باھالاشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەمدە بېكىتىلگەن ۋەكىللىك ۋارىسلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش كېرەك.
30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ :
( 1 ) زۆرۈر ۋارىسلىق قىلىش سورۇنى بېرىش؛
( 2 ) زۆرۈر خىراجەت بىلەن ئۇنىڭ شاگىرت بېرىش، ماھارەت ئۆگىتىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛
( 3 ) ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش؛
( 4 ) ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدىغان باشقا تەدبىرلەر.
31-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك :
( 1 ) ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛
( 2 ) ئالاقىدار ماددىي بۇيۇم، ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلاش؛
( 3 ) مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ماسلىشىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈش؛
( 4 ) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىغا قاتنىشىش.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن ئادا قىلمىسا، مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، شۇ تۈرنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرىنى قايتىدىن بېكىتسە بولىدۇ؛
ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلارنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى شۇ تۈرنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى قايتىدىن بېكىتسە بولىدۇ.
32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، كۆرگەزمە قىلىشى كېرەك.
33-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش ئۇسۇلى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاتىرىسى ۋە غەيرىي ماددىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.
34-ماددا مەكتەپلەر گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئاخبارات تاراتقۇلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.
35-ماددا كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتى، قوغداش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قۇرغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش ئۆمىكى، ئويۇن قويۇش سورۇنى تىجارىتى ئورنى قاتارلىقلار ئۆز كەسىپ دائىرىسىگە ئاساسەن،
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش.
36-ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش سورۇنى ۋە ۋارىسلىق قىلىش سورۇنىنى قانۇن بويىچە قۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
37-ماددا دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئۈنۈملۈك قوغداش ئاساسىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يەرلىك، مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئاچىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، ۋەكىللىك ۋارىسلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش، شۇ تۈرنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇننى قوغداش كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان ئورۇنلارنى يۆلىشى كېرەك.
ئورۇنلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانسا، دۆلەت بەلگىلىگەن باجدا ئېتىبار بېرىشتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
38-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
39-ماددا مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ خادىملىرىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
40-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدىكى ماددىي بۇيۇم ۋە سورۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
41-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم ۋە ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ماددىي بۇيۇم، ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
42-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
43-ماددا يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ تۈزىدۇ.
44-ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلسا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىقلارنى قوغداشقا دائىر باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
45-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.