جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى

( 1999-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2012-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلقنىڭ قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن )

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى

3-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

4-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشلىرىنى تۈزەش

5-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتنىڭ ئۆزىدىن مۇداپىئەلىنىشى

6-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، مەۋقەنى تەربىيە بېرىش ۋە قوغداشقا قويۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك.

3-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىدە ھەر تەرەپلىمە تۈزەيدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، مەكتەپ، ئائىلە، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى :

( 1 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىرىك پىلانى تۈزۈش؛

( 2 ) جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، سودا-سانائەت، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش؛

( 3 ) بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ۋە خىزمەت يىرىك پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

( 4 ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇش، تەقدىرلەش.

5-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياشلىق مەزگىلى تەربىيەسى، پىسخىكىلىق تۈزەش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

2-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى

6-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىدىيە، ئەخلاق، قانۇنچىلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە يۇقىرىقى تەربىيە بېرىش بىلەن بىللە، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بېرىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بېرىشتىكى مەقسەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ شەخس، ئائىلە، جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى بىلدۈرۈش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە جىنايى قىلمىشلار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، قانۇنغا، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.

7-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى قانۇنچىلىق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى قىلىپ، مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە پىلانىغا كىرگۈزۈشى، كۆپ ئۇچرايدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قاراتمىلىق ھالدا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

8-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە، دوكلات يىغىنى، لېكسىيە يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللىشى، ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى مەكتەپ خىزمىتىنى باھالاشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

9-ماددا مەكتەپلەر قانۇنچىلىق تەربىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك.
مەكتەپلەر شارائىتقا قاراپ مەكتەپ سىرتىدىن قانۇن يېتەكچىسى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان قانۇنچىلىق تەربىيەسىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بەرگەندە، تەربىيە پىلانىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا ۋە باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپنىڭ پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەھۋالغا قارىتا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

11-ماددا ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت سورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، كەسپىي تەلىم-تەربىيە ئاپپاراتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بىلىملىرى ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى كەسپىي تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

13-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر قاراتمىلىق ھالدا قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

3-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

14-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۆۋەندىكى ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك :

( 1 ) سەۋەبسىز دەرس تاشلىغان، كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلار؛

( 2 ) تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ يۈرۈش؛

( 3 ) ئۇرۇشۇش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش؛

( 4 ) باشقىلاردىن پۇل-مال تەلەپ قىلىش؛

( 5 ) پۇل-مالنى ئوغرىلاش، قەستەن بۇزۇۋېتىش؛

( 6 ) قىمار ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار ئويناشقا قاتنىشىش؛

( 7 ) شەھۋانىي، شەھۋانىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئوقۇشلۇق قاتارلىقلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش؛

( 8 ) قانۇن-نىزاملاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن تىجارەت خاراكتېرلىك ناخشا-ئۇسسۇل زالى قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىش؛

( 9 ) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېغىر خىلاپ باشقا ناچار قىلمىشلار.

15-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.
ھەرقانداق تىجارەت سورۇنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق-تاماكا سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

16-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەۋەبسىز دەرس تاشلىسا، مەكتەپ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ كېتىپ كېچىسى ئۆيگە قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، ئۇلار تۇرۇشلۇق ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ۋاقتىدا تېپىپ چىقىشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن كېچىدە ئۆيىگە قايتمايدىغانلىرىنى بېقىۋېلىشتا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ياكى 24 سائەت ئىچىدە ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىگە، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.

17-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ناچار قىلمىش سادىر قىلىدىغان شايكا تەشكىللىگەن ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان بولسا، ۋاقتىدا توسۇشى كېرەك.
بۇ شايكىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بايقالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

18-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقان، تەھدىت سالغان، ئازدۇرغانلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

19-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ۋەسىيلىكتىن ئايرىپ ئايرىم تۇرغۇزسا بولمايدۇ.

20-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشىگە، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىشىغا، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك.

21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئاجرىشىپ كەتكەن ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتىنى تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بار، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبىدىن پەرزەنتىنى تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

22-ماددا ئۆگەي ئاتا-ئانا، بېقىۋالغان ئاتا-ئانا ئۆزى بېقىپ تەربىيەلىگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆگەي پەرزەنت، بېقىۋالغان پەرزەنتىدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىگە بولغان جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

23-ماددا مەكتەپلەر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان تەربىيە، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

24-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مەكتەپلەر ھەر خىل شەكىلدىكى لېكسىيە سۆزلەش، سۆھبەتلىشىش، تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ياخشى، ئۈنۈملۈك تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان ناچار قىلمىشلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەشكە يېتەكلىشى كېرەك.

25-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناچار قىلمىش سادىر قىلىشقا ياكى ئەخلاقى ناچار بولۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇشقا، تەسىرى يامان، مەكتەپتە ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مەكتەپ خىزمەتتىن بوشىتىشى ياكى ئىشتىن بوشىتىشى كېرەك؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

26-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا تىجارەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل زالى، تىجارەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن سورۇنى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە ماس كەلمەيدىغان باشقا سورۇن ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.
يۇقىرىقى سورۇنلارنى ئېچىشنى مەنئى قىلىشنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا يۇقىرىقى سورۇنلارنى ئاچقانلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە كۆچۈرۈش ياكى ئىش توختىتىش كېرەك.

27-ماددا گوڭئەن ئورگىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

28-ماددا گوڭئەن ساقچىخانىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ۋاقىتلىق ئولتۇرۇشلۇق نوپۇستىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك.
ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان نوپۇستىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا ناچار قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە بېرىشى، توسۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

29-ماددا ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈشىگە، تەھدىت سېلىشىغا، ئازدۇرۇشىغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

30-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكت قىلغان نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى قوزغايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا بولمايدۇ، زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمار، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

31-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە شۇنىڭدەك زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمار، تېررورلۇق ھەرىكىتى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇشلۇق، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ياكى ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى ۋە ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر پىروگراممىلىرىدا زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمار، تېررورلۇق ھەرىكىتى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارمىقى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر پىروگراممىسى شۇنىڭدەك ھەر خىل ئاڭلىتىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى شەرت.

33-ماددا تىجارەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل زالى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگە قويۇش كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ.

تىجارەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن سورۇنلىرىدىن دۆلەت قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا چاغلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگە قويۇلۇشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولسا، يۇقىرىقى سورۇندىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇلاردىن كىملىكنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

4-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشلىرىنى تۈزەش

34-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «ئېغىر ناچار قىلمىش»جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ :

( 1 ) باشقىلارنى توپلاپ چاتاق چىقىرىپ، ئامانلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛

( 2 ) تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ يۈرۈش، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەسلىك؛

( 3 ) باشقىلارنى كۆپ قېتىم توسۇش، ئۇرۇش ياكى باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىش؛

( 4 ) شەھۋانىي ئوقۇشلۇق ياكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تارقىتىش؛

( 5 ) شەھۋانىيلىق ياكى ئىشقىۋازلىق، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

( 6 ) كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىش؛

( 7 ) قىمارغا قاتنىشىپ، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەسلىك؛

( 8 ) زەھەر چېكىش، ئوكۇل قىلىش؛

( 9 ) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

35-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشىنى سادىر قىلىشىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك.

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتىپى ئۆزئارا ماسلىشىپ، تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇتۇۋاتقان مەكتەپكە ئاپىرىپ تۈزىتسىمۇ ۋە تەربىيە ئالسىمۇ بولىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشقا بېرىشتە، تۈزەتكەن ۋە تەربىيەلەشتە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ياكى ئەسلىدىكى مەكتىپى ئىلتىماس سۇنۇشى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

36-ماددا ئىشلەپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە تەربىيەلىشى كېرەك.
ئىشلەپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدىكى تەلەپ بويىچە، دەرسلىك تەسىس قىلىشتا ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولغاندىن سىرت، قانۇنچىلىق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى كۈچەيتىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئېغىر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئائىلە، مەكتەپ ئىشلەپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنى ئاسرىشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، تەن جازاسى بېرىشكە، خورلاشقا ۋە كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
ئىشلەپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىكى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

37-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىش سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاش جازاسى بېرىدۇ.
14 ياشقا توشمىغانلار ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە يېنىك بولغانلىقتىن جازالاشتىن كەچۈرۈم قىلىنغانلارغا تەنبىھ بېرىلسە بولىدۇ.

38-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرى جىنايى جازا بېرىلمىگەنلىرى ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ؛
زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىپ تەربىيەلەپ ئۆستۈرسىمۇ بولىدۇ.

39-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قوبۇل قىلىنىپ تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى ياكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛
مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، ئىجرا ئورگىنى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىپ تەربىيەلەش، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش بىكار قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قايتا ئوقۇتۇش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە قۇرامىغا يەتمىگەن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

5-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتنىڭ ئۆزىدىن مۇداپىئەلىنىشى

40-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇن-نىزاملارغا، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئەخلاق قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ئىززىتىنى ساقلاش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ناچار قىلمىشلار ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىكىنى ئاڭلىق توسۇشى كېرەك.

41-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى تاشلىۋەتكەن، خورلىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ياكى مەكتىپى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئىلتىماس قىلىنغان يۇقىرىقى تارماقلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىشى، ئەھۋالغا قاراپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

42-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا مۇشۇ قانۇننىڭ 3-بابىدا يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىشىنى بايقىغاندا، تۇرۇشلۇق مەكتىپى، ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئارقىلىق گۇڭئەن ئورگىنىغا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلسىمۇ، يۇقىرىقى ئورگانغا ئۆزى مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.
دوكلاتنى قوبۇل قىلغان ئورگان ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

43-ماددا جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلغان، شۇنىڭدەك جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، ئەدلىيە ئورگانلىرى، مەكتەپلەر، جەمئىيەت قوغداشنى كۈچەيتىشى، ئۇلارنىڭ زەربە ۋە ئۆچ ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

6-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

44-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، تەربىيەلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە جىنايەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا قانۇنچىلىق تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.

45-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان سوتچى ياكى سوتچى ۋە خەلق زاسېداتېللىرى قانۇن بويىچە ئۆسمۈرلەر سوتى تەشكىللەپ سوت ئېچىشى كېرەك.

سوت قىلغاندا جاۋابكار 18 ياشقا توشمىغان جىنايى ئىشلار دېلوسىغا ئوچۇق قاراپ چىقىلمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلوسىغا قارىتا، ئاخبارات خەۋەرلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەن شۇ بالىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى، سۈرىتىنى ئاشكارىلاشقا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن شۇ بالىغا ھۆكۈم قىلىش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

46-ماددا توختىتىپ قويۇلغان، قولغا ئېلىنغان ۋە جىنايى جازا ئىجرا قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئايرىم-ئايرىم قاماپ قويۇش، ئايرىم-ئايرىم باشقۇرۇش ۋە ئايرىم-ئايرىم تەربىيەلەش كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە بولغان قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.
مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ئىجرا ئورگىنى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

47-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتىپى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتى 16 ياشقا توشماي جىنايى جازا بەرمىگەن، جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى قامالماسلىق جىنايى جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى جاكارلانغان، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش-تەربىيەلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك،
ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىش.

شەھەر ئاھالە كومىتېتى، يېزا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىدىيە-پەزىلىتى ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى قىزغىن ئىشلەيدىغان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ياكى باشقا خادىملارنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيە بېرىش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

48-ماددا قانۇن بويىچە جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنغان، قامالماسلىق جىنايى جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا جازاسى بېرىلىپ جازا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى جاكارلانغان، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ياكى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قايتا ئوقۇش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە قۇرامىغا يەتمىگەن باشقا بالىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

49-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش ياكى ئېغىر ناچار قىلمىش سادىر قىلىشقا يول قويسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

50-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ۋەسىيلىكتىن ئايرىپ ئايرىم ئولتۇراقلاشتۇرغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

51-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قوزغايدىغان، شۇنىڭدەك زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمار، تېررورلۇق ھەرىكىتى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى مۇبالىغە قىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغانلارغا نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى نەشر بۇيۇملىرىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا ياكى ئىجازەتنامە بىكار قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ.
بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن شەھۋانىيلىق تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى ياسىغان، كۆپەيتىۋالغانلىرىغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىي مەزمۇننى تەرغىب قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، تارقاتقانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە شۇنىڭدەك زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمار، تېررورلۇق ھەرىكىتى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇشلۇق، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەنلەر
ياكى خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقى مەزمۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرگە ئوقۇشلۇق، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ.

ئورۇنلاردا ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىش كۆرۈلسە، ئوقۇشلۇق، ئۈن-سىن بۇيۇمى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ.

54-ماددا كىنو-تىياتىرخانا، سىن ئېلىش زالى قاتارلىق ئويۇن قويۇش سورۇنلىرىدا زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمار، تېررورلۇق ھەرىكىتى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان نومۇرلارنى قويغان ياكى ئويۇن قويۇپ مۇبالىغە قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ،
ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

55-ماددا تىجارەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل زالى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا سورۇن، تىجارەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن سورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دېگەن ئېنىق بەلگىنى ئورناتمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىرىنى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ،
جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛
قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

56-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىش سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، تەھدىت سېلىپ، ئازدۇرۇپ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش، قاتتىق ناچار قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاش جازاسى بېرىدۇ؛
جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

57-ماددا بۇ قانۇن 1999-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.